|
ماقالە مەزمۇنى |
قازاق تىلى دىئالىكتلىرى ۋە قازاق... |
يوللىغۇچى Kulbilge كۆرۈش 8603 يوللانغان ۋاقتى 2007/11/25 14:34 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
قازاق تىلى دىئالىكتلىرى ۋە قازاق مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى قازاق مىللىتى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنىڭ تۇركى تىللار ئائىلىسى نوغاي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۇركى خەلق بولۇپ، ھازىرقى زامان قازاق تىلى ئۇچ چوڭ دىئالىكىتقا ئايرىلغان(قازاقىستان رايونىنى كۆرسىتىدۇ). ئۇلار شەرقى شىمال دىئالىكتى، جەنۇپ دىئالكتى ۋە غەربى شىمال دىئالىكتى. شەرقى شىمال دىئالىكتىدا سۆزلىشىدىغان قازاق خەلقى ئاساسلىقى تارىختا قازاقىستاننىڭ شەرقى، مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربى قىسملىرىدا ياشىغان كىرەي، نايمان،قوڭغىرات قاتارلىق تۇركى قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن. جەنۇپ دىئالىكتى ئاساسلىقى قەدىمقى ساكلار، ئۇيسۇنلار ۋە كانگوي(قەدىمقى ئۇيغۇر-تىلى قەبىلىسىنىڭ بىرسى) ،ئاق ھون قاتارلىق قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ. غەربى شىمال دىئالىكتى قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى قەدىمقى قاسار( ھازار ) ۋە كىيىن بۇ يەرلەگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ھون ۋە تۇركى قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن. ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربى جەنۇپقا سۇرۇلگەندىن كىيىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەتتە سۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كۇچۇپ كەلگەن ۋە قازاق مىلىلىتىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. مۇڭغۇل دەۋرىدىمۇ شەرقتىكى نۇرغۇن تۇركى خەلقلەر شۇنداقلا مۇڭغۇل قەبىلىلىرى قازاقىستان يايلاقلىرىغا كۇچۇپ كىلىپ ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ قالغان. قازاق نامى توغرىسىدا تۇرلۇك قاراشلار مەۋجۇد، قازاقلارنىڭ ئۆزىنىڭ رىۋايىتىدە ئۇنى "ئاق غاز" دىگەن رىۋايەتكە باغلاپ چۇشەندۇرىدۇ. بەزىلەر نوغاي(تاتار) تىلىدىكى ھۆرلۇككە ئېرىشكۇچىلەر دەپمۇ چۇشەندۇرىدۇ.يەنى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەسىرىدىن قوتۇلۇپ چىققان ۋە شەرققە سۇرۇلگەن تۇركى قەبىلىلەر شۇنداق ئاتالغان ۋە بۇ نام كىيىن پۇتۇن قازاق دالىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالغان دەپ قارايدۇ. يەنە قەدىمقى قاسار لار ۋە ساكلارغا باغلاپ چۇشەندۇرىدىغانلارمۇ بار. قازاق تىلىنىڭ دىئالىكتىلىرىدىن قازاق خەلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوتتورا ئاسىيادا پائالىيەت قىلغان قەدىمقى نۇرغۇن تۇركى خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. قازاقىستان يايلىقىدا پائالىيەت قىلغان بۇ تۇركى خەلقلەر ئۇزۇن يىللىق ئارلىشىش ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان قازاق مىللىتىنى شەكىللەندۇرگەن. ئۇلار تارىختا قىپچاق، قىرغىز. تاغ تۇركلىرى دىگەندەك نۇرغۇن ناملار بىلەن ئاتالغان ۋە ئاخىرى سابىق سۇۋىت ئىتتىپاقى رەھپەرلىرىنىڭ«ئىلتىپاتى» بىلەن قازاق دىگەن نام ئاستىغا ئۇيۇشقان. قازاق مىللىتى باتۇر،جەڭگىۋار مىللەت. گەرچە قازاق دىگەن مىللەت نامى يېقىنقى دەۋرلەردە پەيدا بولغان بولسىمۇ ئەمما قازاق خەلقى قەدىمقى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ۋە تارىختا نۇرغۇن پارلاق ئىزلارنى قالدۇرغان خەلق، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىدا بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۇزگەن خەلقتۇر. مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۆرىيىتى قورۇلغاندىن كىيىن گەرچە ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتلەردىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولىسمۇ، ئەمما نەزەربايۇف ئەلباشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قازاقىستان خەلقى يېڭى بىر پارلاق دەۋر يارىتىش يولىدا ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. كۇلبىلگە 2007.11.22 |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 85 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | Ghalip | قازاقلار <<قازاق تىلى--دۇنيادىكى بىردىن- بىر شىۋىسى(دېئالىكت) يوق تىل>> دەپ ماختىنىدىغۇ!؟!؟! راسلا دېئالىكتقا ئايرىلامدۇ قازاق تىلى؟قانداق پەرقلىنىدۇ؟ |
2007/12/19 15:05 | |||
2 | Nazimi | [blockquote][align=justify]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، غالىپ ئەپەندىم! "قازاق تىلى--دۇنيادىكى بىردىن- بىر شىۋىسى(دىئالىكت) يوق تىل" دەپ قاراش مېنىڭچە قۇرۇق گەپ! چۈنكى بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇنلا قازاق تىلشۇناسى سارسېن ئامانجولوف (Сарсен Аманжолов - (1958 - 1903 ئەپەندىم يازغان <<قازاق تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى ۋە تارىخى مەسىلىلىرى>> (Вопросы диалектологии и истории казахского языка) ناملىق ئەمگىكىدە قازاق تىلىنىڭ دىئالېتكلىرى ھەققىدە گەپ بولۇنغانىكەنغۇ؟!... [align=justify] ۋاھالەنكى بىز تىلغا ئالغان ئۇشبۇ ئەسەردىكى كۆز قاراشقا قارىماستىن، ھازىرقى كۆپلىگەن تىلشۇناسلار "قازاق تىلى دېئالېكتلارغا ئايرىلمايدۇ، پەقەت 3 چوڭ شىۋىگە بۆلىنىدۇ" دەپ قارىشىدۇ. يۇقىرىدا توردىشىمىز كۈلبىلگە ئەپەندىمنىڭ تېمىسىدا تىلغا ئېلىنغان "قازاق تىلى دىئالېكتلىرى" نى مۇشۇ تىلنىڭ "شىۋىلىرى" دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. يەنە بىر تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى تېما ئىگىسىنىڭ يازغىنىدا دېيىلگەن "نوغاي تىلى گۇرۇپپىسى" دېگەن ئۇقۇمنى، تېخىمۇ تولۇقلاپ "قىپچاق-نوغاي تىلى گۇرۇپپىسى" دەپ ئېلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. [/blockquote] |
2007/12/26 14:12 | |||
3 | yalkan | كېلىك قازاق قىرىنداش بىز كىلىپ چىقىش مەنبىيمىزنى بىرلىكتە ئىزدەيلى، شۇندىلا بىز باتۇرلۇق، مىھرىبانلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك داستانى بىلەن ئازاب سونىتلىرىنىمۇ بىرلىكتا يازغان پادىچىلاردىن ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يىتىمىز. ... | 2008/4/2 19:50 | |||
4 | hazebay | قازاق تىلى ديالەكت بار ديگەن ھازىر تالاش ۇستىدە. بازىلەر بار دەپ قارايدۇ، بازىلەر يوق دەپ قارايدى. ليكىن، شەرق پەن غەرب قازاقلارنىڭ تىلى دە پەرق يو \ق ەمەس. ازلاپ بار. گەرچە قاي يەرنىڭ قازاقلارى بولسۇن. گەپ- سوزلەرىن شۇشىنە بەرەمىز. مەنىڭ قاراشىم ديالەكت يوق. پەقەت، يەرلىك گوۆەرلىك ھالاقىلىق بار. | 2008/5/27 20:42 | |||
5 | tarhan | قالپاق توغرىسىدىكى مۇنۇ مەلۇماتقا قاراپ قويۇڭلار دەيمەن . قالپاققا قاراپ ئۆزلىكىنى ئىزدەيدىغانلار! قالپاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باش كېيمى ھازىرغىچە يىزا قىشلاقلاردا قالپاق كېيۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاز ئەمەس يىقىندا مەن مۇنداق بىر مەلۇماتنى ئۇچراتقان ئىدىم ؛ « قىرغىزلار ، دىڭلىڭلارنىڭ يېقىن ئۇرىقى بولۇپ ، ھونلارنىڭ غەربىەە جايلاشقان ئىدى ». « ئاھالىسى 100نەچچە مىڭ ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 80 مىڭ كېلەتتى »،« ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى ئاگې بولۇپ ئۇ ئاگې ئۇرۇقى(يەنى جەمەتى ) دىن ئىدى . ئۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئىنئام قىلغان «ئۇچلۇق قالپاق كېيەتتى »ئاگېنىڭ بارگاھىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاستانىسىگە (ئوردۇبالىققىچە)تۆگە بىلەن ماڭغاندا 40 كۇندە يېتىپ بارغىلى بولاتتى »،«ئۇيغۇر قاغانى قىرغىزلارنىڭ ئاقساقىلى ئاگېغا بىلگە تون ئېركىن دېگەن ئەمەل نامىنى بەرگەنىدى».......( ئەسلى مەنبە «يىڭى تاڭنامە 217 جىلد <ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى >دىكى<قىرغىزلار> 5147- 5149 - بەتلەر .). ( ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن ئېلىندى .268 - بەت) |
2008/5/27 22:35 | |||
6 | hazebay | قازاق تىلى تۇركى تىللار ىشىندەگى ەڭ ساپ، تازا تىل. قازاقنىڭ تۇركى تىلدەر ىشىندەگى يەلەگەن يەر زىمىنى، ديارى ەڭ كوپ مىللەت. چۇنكى ونىڭ لەكسيكالىق قورى مۇ چۇنشىلىق باي بولغان. | 2008/5/27 22:47 | |||
7 | Qutghur |
بۈ ساھەدە بەك پىششىق بولمىساممۇ ،يەكۈنىڭىزنىڭ خاتالىغىنى بىلەلىدىم . سىز مۇشۇ "ئەڭ"نى قايسىغا نىسبەتەن ئېيتىۋاتىسىزكىن بىلمىدىم .بەلكىم شىنجاڭلىق بولسىڭىز قازاقىستانغا نىسبەتلەشتۈردىڭىزمۇ ياكى ئالتايلىق بولسىڭىز ئىلى ياكى باركۆل قازاقلىرىنىڭ تىلىغا سېلىشتۇردىڭىزمۇ ؟ دىسەم دىمىسەم ،قازاقىستاننىڭ سانائىتى تەرەققى قىلغان غەرپ تەرەپلىرىدە روس تىلىنىڭ سالمىغى كەم ئەمەستۇ ؟جەنۇپ تەرەپلىرىدە ئوغۇز -تۈركچىسىنىڭ سالمىغىمۇ كەم ئەمەستۇ ؟!.شىنجاڭ ئىلىدا خەنزۇچىنىڭ سالمىغى كەم ئەمەستۇ ؟! ئەلۋەتتە تاغدا چارۋىچىلىق قىلىدىغان قازاقلارنىڭ تىلى 100% ساپ بولىشى مۈمكىن ،لىكىن ئۇلار كۈندە ،ئايدا يىلدا قانچىلىك سۆز ئىشلىتەر ؟1500 ،2000 ،2500 ؟بۇنى ھىساپلاپ بىر نىمە دىيىش كېرەك . مىسال :بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە دىنى پائالىيەت قىلمىسا ئەرەبچىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ ،كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ،ھىچ بولمىغاندا ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئوقىمىسا ئەرەبچە ،پارخسچە سۆزلۈكلەرنى تېخىمۇ يولۇقتۇرماس ،ماتىماتىكا ،فىزىكا ،خېمىيە كىتابلىرىنى كۆرمىسە روسچە ،ئېنگىلىزچە ،لاتىنچە ،گېرىكچىنى پەقەتلا كۆرەلمەيدۇ .كۆكتات بازىرىغا بارمىسا خەنزۇچىنى ئۇچراتمايدۇ .شۇنداق بولغاندا بۇ ئۇيغۇرمۇ %100 ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتەلەيدۇ . ئەھۋال شۇنداق .ئىجتىمائى ئەملىيەتكە قاراش لازىم .سىزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ،قانداق شارائىت ئاستىدا سېلىشتۇرۇش قىلغىنىڭىزنى بىلەلمدىم . بىلىشىمچە <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>دە 32000 دىن كۆپ سۆزلۈك بار . بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەبچىدىن كىرگىنى %9 ؟ئەتراپىدا ،پارىسچىدىن %6 ئەتراپىدا ،قالغان روس ،ئېنگىلىز ،گېرىك ،نىمىس ،لاتىن ،خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلۈك يەنە %7 ئەتراپىدا .(<<شىنجاڭ ئىژتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى>> 2005-يىللىق ؟-سانىدا شىنجاڭ ئۇۋېرسىتىتىنىڭ بىر ماگىستېر ئاسپىرانتى سىتاتىستىكىلىغان،بۇنى مەن 2006-يىلى كونا <بوستان>غا يوللىىغانىدىم ،ھازىر تاپالمىدىم) ئەملىيەتتە %22دىن كۆپرەك چەتتىن كىرگەن سۆزنى تازىلىۋەتكەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "ئەڭ ساپ" تىل ئىشلىتىشىگە 1000يىل يىتەر ،لىكىن ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ-دە .تىلنىڭ ساپلىغىنى قوغدىغان ياخشى ،لىكىن لازىملىق يەرگە تىل ئۆتنە ئېلىشمۇ ياخشى ئىش . |
2008/5/29 11:53 | |||
8 | Ulughbek | شۇنداق، ھازىر "ئەڭ ساپ، ئەڭ تازا" دېيىلسە بەلكىم ئىپتىدائىي ھالىتىنى مۇكەممەلرەك ساقلاپ قالغان، ياكى بىكىنىش ، تەرەققىيسىز ھالىتىدە تۇرىۋاتقان خەلقلەرنىڭ تىلى كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك.چۈنكى ھازىرقى دۇنيا ئۇچىرلىشىش دەۋرى. پەن-تېخنىكانىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى "يەر شارى كەنتى"نى شەكىللەندۈرمەكتە. مەدەنىيەتلەر تۇقىنىشماقدا،تىللار گىرەلەشمەكدە."ساپ"لىغى ئاجىزلاشماقدا. شۇڭا "مېنىڭ تىلىم ئەڭ ساپ"دېگەن كۆز قاراش "مىللەتسۆيەرلىك"دىن باشقا نەرسە ئەمەس. "مەن قازاق، مېنىڭ تىلىم ئەڭ ساپ"دەيدۇ بىر قازاق. "مەن ئۇيغۇر، مېنىڭ تىلىم ئەڭ ساپ"دەيدۇ بىر ئۇيغۇر. "مەن خەنزۇ.مېنىڭ تىلىم ئەڭ ساپ"دەيدۇ بىر خەنزۇ. ...... |
2008/5/29 16:32 | |||
9 | wakit | مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بولسا كېچىچە ئولتۇرسام دەيمەن كامپۇتەر ئالدىدا ............... | 2008/5/29 20:21 | |||
10 | Kulbilge | قازاق،قىرغىز خەلقلىرىنىڭ تۇركى تىللىرىنىڭ ساپلىقىنى نىسبەتەن ياخشى ساقلاپ قالغىنىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئەمما يوقۇردا تورداشلار دىگەندەك ئۇيغۇر،ئۆزبىك خەلقلىرىنىڭ تىلىدا يات ئىلمىنتلارنىڭ كۆپىيىشى مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، بۇنىمۇ توغرا چۇشەنمەي بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن كەلگۇسىدە تىلىمىزنىڭ يەنىلا ساپلىق تەرەپكە كۆپرەك يۇزلىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. بۇ جەھەتتە قازاق، قىرغىز قىرىنداشلارنىڭ ئوتتورا ئەسىردە مەدىنىيەتنىڭ ئالدىدا يول ئىچىپ ماڭغان ئۇيغۇر،ئۆزبەك قىرىنداشلىرىغا كۆپرەك ياردەم قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. |
2008/5/30 01:07 | |||
جەمئىي باھا 85 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|