يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
taboo نى "پەرھىز" دىسەك توغرا بولامد...
يوللىغۇچى Kulbilge   كۆرۈش 4254   يوللانغان ۋاقتى 2008/11/1 18:34  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
taboo نى "پەرھىز" دىسەك توغرا بولامدۇ؟

تىمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:   تابۇ - ئىنسانشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇھىم بىر خەلقارا ئاتالغۇ ۋە مۇھىم تەتقىقات تىمىسى  بولۇپ، "قەتئى چەكلىنىدىغان ئىشلار" دىگەن مەنىدە(خەنزوچىدە 禁忌 دىيىلىدۇ، چەكلەش دىگەن مەنىدە). ھازىر  بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردا "تابۇ" _  "پەرھىز" دەپ تەرجىمە قىلىنغان. پەرھىز سۆزى ئىسلام دىنى ئارقىلىق كىرگەن ئەرەپچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئاساسلىقى قۇرئاندا بىكىتىلگەن "مۇسۇلمانلار چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار" دىگەن مەنىدە، بۇ ئاتالغۇ مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ئىيتقاندا ناھايىتى مۇقەددەس  بەلگىلىمە ھىساپلىنىدۇ ، مەسىلەن "بەش ۋاق ناماز مۇسۇلمانلار ئۇچۇن پەرھىز ھىساپلىنىدۇ" دىگەندەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلانىڭ قەدىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان "ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرمەسلىك،توزغا،نانغا دەسسىمەسلىك  قارىشى" نىمۇ  "ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرمەسلىك، تۇزغا،نانغا دەسسىمەسلىك ئۇيغۇلاردا پەرھىز ھىساپلىنىدۇ" دىسەك توغرا بولامدۇ؟ ئۇنداقتا "پەرھىز " دىگەن بۇ ئاتالغۇ "تابۇ" ئوقۇمىنى ئىپادىلەشكە زادى مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ؟  تۇركى تىللاردا  جۇملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا بۇنىڭغا خاس ئاتالغۇ شەكىللەنمىگەنمۇ، ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ دىئالىكت-شىۋىلىرىدىمۇ بۇنداق ئاتالغۇ ساقلىنىپ قالمىغانمىدۇ؟

(مەزكۇر مەسىلىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرۇدۇم، تورداشلارنىڭ ياردەم بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن)

---------------------------------------------------------------------------------------------------------------
taboo  توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇرلار:
1777-يىلى ئەنگىلىيىلىك ئىكسپىدىتسىيىچى كاپىتان جامىس كوك(James Cook)  تىنچ ئوكيان بويلىرىغا جايلاشقان تونگا ئارىلىنى تەكشۇرگەندە،   يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئادىتىدە بەزى سۆز-ھەركەتلەرنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى، بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ تىلىدا(پولىنىزىيە تىلىدا)  تابۇ (taboo)  دەپ ئاتىلىدىغانلىقى توغىرىسىدا تۇنجى بولۇپ مەلۇمات قالدۇرغان. كىيىنچە تەتقىقاتچىلار بۇ خىل تابۇ(چەكلىمە) لەرنىڭ دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن مىللەتلەردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن تابۇ تەتقىقاتى پۇتۇن دۇنيا خاراكتىرلىق تەتقىقات بولۇپ قالغان. بەزى جەمىيەتشۇناسلار ۋە قانۇنشۇناسلار  تابۇنى ئىنسانىيەتنىڭ گۇدەكلىك دەۋرلىرىدىكى ئەڭ قەدىمقى قانۇنلىرى دەپ قارايدۇ.
بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ  "تابۇ" مەۋجۇد. مەسىلەن ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرمەسلىك،ئەتىگەندە يۇزنى يۇماي تۇرۇپ كۇنگە قارىماسلىق، ئىقىن سۇغا تەرەت قىلماسلىق، يەرگە قاتتىق تەپمەسلىك، نانغا، تۇزغا دەسسىمەسلىك، باشقىلارنىڭ نارىسىدە باللىرىنى ئەجەپ چىرايلىق سەمىرىپتۇ،بەك چىرايلىق بالا بوپتۇ دىمەسلىك(كۆز تىگىدۇ دەپ قارىلىدۇ)، باشقىلار تاماق يەۋاتقاندا تىكىلىپ قارىماسلىق(ئىچى كىرىپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ) .....  قاتارلىقلار. بۇلار قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەڭ ئىپتىدائى "تابۇ" لىرىمىزدۇر.
تابۇ(taboo) سۆزىنىڭ سولومىن تاقىم ئاراللىرىغا تارالغان پولىنىزىيە تىللىرىدىكى ئەسلى مەنىسى "مۇقەددەس" ،" چىقىلغىلى بولمايدۇ" دىگەن مەنىلەردە  بولۇپ،  مەلۇم  سۆزنى، ھەركەتنى، ھەتتا مەلۇم بىر خىيالنى قىلىشتىن قاتتىق چەكلەش دىگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.  ھازىر خەلقارادا ئورتاق قوللىنىۋاتقان مەنىسىمۇ  ئاساسەن شۇنداق.  بۇ ئوقۇم خەنزوچىدە  禁 忌 ، ياپۇنچىدە 太布 ئىنگلىز تىللىق دۆلەتلەردە ۋە باشقا غەرپ ئەللىرىدە taboo  ياكى tabo  دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچىدە ھازىر تابۇ دىگەن ئوقۇمنى بىلدۇرۇپ كىلىۋاتقىنى "يامان بولىدۇ" دىگەن سۆز بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز "يامان بولىدۇ" دىگەن سۆز ئارقىلىق كىشىلەرنى يامان ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلىگەن، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ كەلگەن.  ئەمما "يامان بولىدۇ" دىگەن بۇ سۆز  مۇستەقىل بىر ئاتالغۇ  بولماستىن  بەلكى سۆز گۇرۇپپىسى ھىساپلىنىدۇ، شۇڭا تابۇ دىگەن سۆزگە تولۇق ماس كەلمەيدۇ. بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۇنى "پەرھىز " دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ، ھەتتا مەخسۇس كىتاپلارنىمۇ چىقىرىپ بوپتۇ. ئەمما مىنىڭ بىلىشىمچە پەرھىز سۆزى ئىسلام دىنى ئارقىلىق كىرگەن ئەرەپچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئاساسلىقى قۇرئاندا بىكىتىلگەن "مۇسۇلمانلار چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار" دىگەن مەنىدە، بۇ ئاتالغۇ مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ئىيتقاندا ناھايىتى مۇقەددەس  بەلگىلىمە ھىساپلىنىدۇ ، مەسىلەن "بەش ۋاق ناماز مۇسۇلمانلار ئۇچۇن پەرھىز ھىساپلىنىدۇ" دىگەندەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلانىڭ قەدىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان "ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرمەسلىك،توزغا،نانغا دەسسىمەسلىك  قارىشى" نىمۇ  "ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرمەسلىك، تۇزغا،نانغا دەسسىمەسلىك ئۇيغۇلاردا پەرھىز ھىساپلىنىدۇ" دىسەك توغرا بولامدۇ؟   "چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىش" بىلەن " قەتئى چەكلىنىدىغان ئىش"  ئوتتورسىدا  خىلى چوڭ پەرق بار، شۇڭا  پەرھىز سۆزى تابۇ ئاتالغۇسىنى ئىپادىلەشكە ماس كەلمەيدۇ، شۇنداقلا  قۇرئاندا پەقەت مۇسۇلمانلار ئۇچۇنلا بەلگىلەنگەن پەرھىز سۆزىنى چەكسىز كىڭەيتىۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس.
نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخنى بىسىپ ئۆتكەن، ھازىرمۇ نۇرغۇن "تابۇ"لارنى ساقلاپ قالغان تۇركى خەلقلەرنىڭ جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا بۇنىڭغا ئائىت خاس ئاتالغۇ شەكىللەنمىگەنمۇ؟ قەدىمقى يازما يادىكارلىقلىرىمىز ياكى ھازىرقى تىلىمىزدا، ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ دىئالىكت-شىۋىلىرىدە ياكى قىرىنداش تۇركى مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدا بۇنىڭغا خاس سۆزنى تاپقىلى بولماسمۇ؟ 
ئاخىرىدا ئۇرخۇن تورىدىكى بارلىق قىرىنداشلاردىن "تابۇ" غا ماس كىلىدىغان ئۆز تىلىمىز ئىچىدىكى خاس ئاتالغۇلارنى ئىزدىنىپ بىقىشىنى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.


                                 بىر قىسىم "تابۇ" لىرىمىز
                                              (مۇۋاپىق سۆز تىپىلغىچە مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي)

ئىسلام دىنى كىرىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەنلىرى:
1. چوڭلارنىڭ، ئاتائانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۇتۇشكە بولمايدۇ. (مىھماندارچىلىقتىمۇ ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۆزرە سۆزلىرىنى ئىشلىتىمىز ، قارىغاندا ئەجدادلىرىمىزدا ئادەمنىڭ قىممىتى ( 人权 قارىشى) خىلىلا كۇچلۇك ئوخشايدۇ. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئاتائانىنى ھۆرمەتلەش ئۇيغۇلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كىلىۋاتقان گۇزەل ئەخلاقىدۇر)
2. قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن سىلكىپ قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ.
3. ئۇزۇن سەپەرگە (ياكى ئادەتتە سىرتقا چىققاندا) ئالدى بىلەن سول پۇتنى دەسسەپ چىقىشقا بولمايدۇ. چوقۇم ئوڭ پۇتنى بىسىش كىرك. (ئەجدادلىرىمىزدا ئوڭ-سول قارىشى ناھايىتى كۇچلۇك بولغان. ئوڭ قولنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بىرىش، مىھمانغا ئوڭ قولدا  چاي سۇنۇش دىگەندەك)
4. تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىق، ئاشلىقنى ئىسراپ قىلماسلىق، نانغا ۋە باشقا يىمەكلىكلەرگە دەسسىمەسلىك. يىمەكلىك قاچىلانغان ساندۇق ۋە خالتىلارنىڭ ئۇستىدە ئولتۇرماسلىق(ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق دىھقانچىلىق مەدىنىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك)
5. ئۆرە تۇرۇپ تاماق يىيىشكە بولمايدۇ.
6. باشقىلارنىڭ نارىسىدە بالىلىرىنى ئەجەپ چىرايلىق بالا بولۇپتۇ، ئەجەپ چىرايلىق سەمىرىپتۇ دەپ چەكتىن ئاشۇرۋىتىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق. (كۆز تىگىپ كىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ)
7. باشقىلار تاماق يەۋاتقاندا تىكىلىپ قارىماسلىق. (ئىچى كىرىپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ماھىيەتتىن ئىيتقاندا بۇ بىر ئەخلاق مەسىلىسى، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى ناھايىتى ئاقىلانە  بىر تەرەپ قىلغان)
8. ئۆيدە، قورۇدا ئەخلەت قوندۇرماسلىق. (بولمىسا شۇ ئائىلىدىن بەركەت قاچىدۇ دەپ قارىلىدۇ)
9.ئىشىك ئالدىغا يۇندا تۇكمەسلىك. (بولمىسا شۇ ئائىلىدىكىلەرنى سورۇن تەلەت قىلىپ قويىدۇ دەيدىغان گەپ بار)
10. ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرۇشكە بولمايدۇ. (قەدىمقى شامان دىنىدىن قالغان، ئاسماننى ياكى تەڭرىنى ئۇلۇغلاش ئادىتى)
11. ئەتىگەندە يۇزنى يۇماي تۇرۇپ كۇنگە قاراشقا بولمايدۇ.
12. چوڭ كىچىك تەرەتنى كۇنگە، ئايغا ئۇچۇق پىتى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. چوقۇم كۇمۇۋىتىش كىرەك. (ھاجەتخانا يوق ئەھۋالدا)
13. زىرائەتلەرنىڭ ئۇستىگە سىيىشكە بولمايدۇ. بولمىسا قارغۇ بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
14. تۇزغا دەسسەشكە بولمايدۇ.
15. ئوتقا تۇكۇرۇشكە بولمايدۇ. (بەزىلەر بۇنى زەردۇش دىنىدىن كەلگەن دەپ قارايدىكەن، ئەمما مىنىڭچە ئۇ قەدىمقى كۆچمەن چارۋىچى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوتنى ئولۇغلىشى بىلەن مۇنسىۋەتلىك. ئىپتىدائى دەۋرلەردە ئوت ياقماق ھازىرقىدەك ئاساش ئىش ئەمەس.)
16. چارۋا مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرۇشقا ، تىپىشكە بولمايدۇ.(بولمىسا يامانلىق ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.چارۋىچىلىق مەدىيىتىمىزنىڭ ئىزنالىرى)
17.  بۇغاز بولغان چىشى ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا، ئۆلتۇرۇشكە بولمايدۇ. (ئىپتىدائى ئوۋچىلىق  دەۋرىدىن قالغان قانۇن خاراكتىرلىق ئادەتلەر)
18. ھايۋانلارنى بولۇپمۇ كىچىك جانىۋارلارنى قالايمىقان ئۆلتۇرۇشكە، خارلاشقا بولمايدۇ.( بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن)
19. يىڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ. ( ئىلمى ئاساسى بار ئادەت)
20 . پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاپلارنى باشقىلارغا تەڭلەشكە بولمايدۇ. ( پىچاق، تىغ قاتارلىق ئەسۋاپلار شەرتلىك بولۇپ، يامانلىق ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ)
21. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا كۆرگەن چۇشىنى بولۇپمۇ يامان چۇشىنى ئىيتىشقا بولمايدۇ. چۇش ئۆرۇشكە بولمايدۇ.
22.  قۇدۇق، ئىرىق-ئۆستەڭ بۇيىغا ھاجەتخانا سىلىشقا بولمايدۇ.
23. يەرگە قاتتىق تىپىشكە بولمايدۇ. (قەدىمقى شامان دىنىدىن قالغان يەرنى ئۇلۇغلاش ئادىتى، تۇركى مىللەتلەرنىڭ بىر كۇنلۇك تۇنجى سودىدا قىلغان كىرىمىنى يەرگە تاشلىۋىتىپ ئاندىن ئىلىىش، سودىدا پۇتۇشكەندە ئالقىنىنى يەرگە سۇركەپ ئاندىن قول ئىلىشىش قاتارلىق ئادەتلەرمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك)
         .......................

ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىملىرى:
1. پۇتنى قىبلىگە قىلىپ ئوخلاشقا بولمايدۇ.
2. چوشقا، ئىشەك،ئىت ... قاتارلىق ھايۋانلارنى يەنى كۇشىمەيدىغان ئوتخور ھايۋانلار ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۇشىنى يىيىشكە بولمايدۇ. (بەزىدە ئات گۇشىنىمۇ يىيىش چەكلەنگەن دەپ قارىلىدىكەن؟)
3. جۇمە كۇنى سەپەرگە چىقىشقا بولمايدۇ.
4. جازانە(ئۇسۇم) ئىلىشقا بولمايدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن چەكلىمە خاراكتىرلىق بەلگىلىمىلەر بولۇپ،  كۆپىنچىسى ئىسلام قانۇنى ياكى شەرىئەت شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. ئۇلارنىڭ تۇرى كۆپ بولغاچقا تولۇق يىزىپ چىقىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى.
----------------------------------------------------------------------------

ئۇيغۇرلارغا ئائىت يوقۇردا دىيىلمىگەن يىڭى "تابۇ" لار بولسا، تورداشلارنىڭ داۋاملىق ئوتتورغا قويۇشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 71   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 rock تەقىق،  ... دېگەندەك سۆزلەرمۇ كېلىپ قالىدىكەن. پەرھىز سۆزىنى راستلا قالايمىقان ئىشلەتمىگىنىمىز تۈزۈك.
ئەمرىمەرۇپ دېگەنمۇ دىنى ئاتالغۇكەن.
2008/11/1 19:29
2 timanbol   كۈلبىلگە ئەپەندىم  ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىكەن . "پەرھىز " بىلەن "پەرھىز تۇتۇش" نىڭ پەرقى بارمۇ يوق ؟ مەسىلەن:  قان بېسىم كېسىلى بارلار مايلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك دىگەندەك . بۇ يەردە "پەرھىز " سۆزى مايلىق تاماقلارنى يىيىشتىن "ساقلىنىش" كېرەك دىگەن مەنانى بېرىدىكەن .  "پەرھىز " سۆزىنى بۇ ئورۇنغا ئىشلىتىش مۇۋاپىقمۇ ؟ 2008/11/1 20:43
3 Kulbilge timanbol ئەپەندى،  سىز مىسال كەلتۇرگەن يوقۇرقى مىسالدىكى "پەرھىز تۇتۇش" بىلەن "پەرھىز" سۆزىنىڭ مەنا جەھەتتە زىددىيەتلىك ئىكەنلى مىنىمۇ كۆپ قايمۇقتۇرغان ئىدى، بولۇپمۇ مىللى تىبابەت ساھەسىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان"پەرھىز تۇتۇش"(قىلماسلىق، يىمەسلىك دىگەندەك مەنا بىرىۋاتقان) دىگەن سۆزدىكى "پەرھىز"  ئاتالغۇسىنىڭ  قۇرئاندىكى مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان پەرھىز سۆزى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى مەنمۇ ئىنىق ئايرىيالمىدىم. چۇنكى بۇ سۆز ئىككى ئورۇندا پۇتۇنلەي قارمۇ قارشى مەنىدە كەلگەن. "پەرھىز تۇتۇش" دىگەن بۇ سۆز  ئۇيغۇرلارنىڭ "پەرھىز" سۆزنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  ياسىۋالغان خاتا ئىبارىمىدۇر ، ياكى ئەرەپلەرمۇ شۇنداق ئىشلىتەمدىغاندۇ  بۇنى بىلمىدىم. ئەرەپچىدىن تولۇق خەۋىرى بار تورداشلار بولسا، چۇشەندۇرۇپ باقسا بولۇپتىكەن.

ئەمما "پەرھىز تۇتۇش" دىگەن سۆزنىڭ قانداق مەنا بىرىشىدىن قەتئىنەزەر  " ئاسمانغا تۇكۇرمەسلىك،سۇغا سىيمەسلىك ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىزلىرى ھىساپلىنىدۇ"  دىگەن گەپنى يەنىلا توغرا چۇشەنگىلى بولمىغىدەك.
2008/11/1 21:17
4 Kulbilge ئۇرخۇن ئاۋانگارتلىرىغا ئىلتىماس:
1. بارخان ئەپەندى، مىنىڭ بىلىشىمچە سىز تۇركى تىللار دىۋانىنى ھەممىدىن كۆپ تەتقىق قىلغان، ھەتتا "ئالياسكىغىمۇ تۇركى تىللار دىۋانى تىلىسكوپىدا نەزەر سالغان". بولسا تۇركى تىللار دىۋانىدا تابۇ ئوقۇمىغا ماس كىلىدىغان مۇۋاپىق سۆز بارمۇ، ئىزدىنىپ  باققان بولسىڭىز.
2. ئۇلۇغبىك ئەپەندى سىز ئۆزبىك قىرىنداشلار بىلەن ئۇرخۇن تورى ئوتتورسىدا ناھايىتى ياخشى كۆۋرۇكلۇك رول ئويناۋاتىسىز، بولسا ئۆزبىكلەر تابۇ نى نىمە دەپ ئاتاۋاتىدۇ. سۇرۇشتۇرۇپ باققان بولسىڭىز.
3. غازىباي ئەپەندى، سىز قازاق قىرىنداشلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا بىزنى نۇرغۇن يىڭىچە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتىسىز. سىزگىمۇ  كۆپ رەھمەت. قازاقىستاندىكى قازاق قىرىنداشلار تابۇنى نىمە دەپ ئاتاۋاتىدۇ. سۇرۇشتۇرۇپ باققان بولسىڭىز.
4. كىسەك ئەپەندى سىز تۇركچە ئۇقۇسىزغۇ دەيمەن(؟). بولسا تۇركىيە تۇركلىرى تابۇنى نىمە دەپ ئاتاۋاتىدۇ. بىر ئىزدەپ باققان بولسىڭىز، رەھمەت.
5. نازىمى ئەپەندى بىلىشىمچە سىز روسچە ئوقىسىز، مالال كۆرمەي روسلارنىڭ تابۇنى نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقى ، بولسا تاتارسىتاندىكى تاتار قىرىنداشلارنىڭ تابۇنى نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقى توغرىسىدا  ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز.
6. مۇڭغۇل تونۇشى بار يولداشلار،بولسا مۇڭغۇللارنىڭ تابۇنى نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنىمۇ سۇرۇشتۇرۇپ باققان بولساق، چۇنكى مۇڭغۇللارنىڭ قەدىمقى ئىجتىمائى ئادەت ۋە تۇزۇملەرگە ئائىت نۇرغۇن ئاتالغۇلىرى تۇركى تىللار بىلەن ئوخشىشىدۇ، مەسىلەن "يۇسۇن"، "ياساق" ... دىگەندەك.
6. قازاقچە، ئۆزبىكچە، قىرغىزچە، تۇركچە ... ئوقۇدىغان تورداشلار ھەممىمىز بىر كۇچەپ باققان بولساق، ھىچبولمىغاندا قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ تور بىكەتلىرىگە چىقىپ سۇرۇشتۇرۇپ  باققان بولساق. سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
2008/11/1 22:12
5 kisek apla  kulbilge ependi, bu atalghu bilix dairemdin halkighan  uqum iken, hetta tunji qetim sizning temingizda taboo terminini uchratqinim.  bu taboo atalghusi  xeli qongkur diniy, peylasofiyelik  menige  yatidighan  atalghu - uqum  iken, chushendurushlerdimu siz yuqurida eskertkendek  yosunda iken. tvrkqini  uqmaymen, lekin  izdep bekishimche  janlik tilda " tabushlimaq" " yasak" " yasakli" digendek  termenni  ishlitidiken, ruschide " mukeddes" menisini beridiken,  yaki  " chekliguchi  qanun, qanun, embargo..."  dhgendek,  bashqa  tillarda mushu " taboo" termini omumi jehettin ishlitilidiken. menisi yenila yuquriqidek, " cheklengen, teqiplengen, muqeddes qanun,  kelip chiqishi  siz sherhiyligendek  gaway- poleniziye  aralliridiki  tildin iken,  sibiriyening shimali  qutupqa yeqin  jayda yashaydighan  " yukagers" lardimu bu termin hem uqum saqlanghan iken.  keyinche bu termin heqqide yenila izdinip baqsaq  bolidiken, hazirche tatarchidiki  tenglime  terminni uchratmidim, qeni izdinip baqayli.

poleniziyeliklerning  esli uqumida bu  سۆزلۈك  " خانلارغا لايىق ئىشلاردا ، ياكى خانلار  ئۇچراشقان ئىشلاردا پۇخرالار ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك، مۇقەددەس - تەگكىلى بولمايدۇ، چەكلىنىدۇ"...  دىگەن مەنىلەردە ئىكەن.   ھاۋاي- پولېنىزىيەلىك كىشىلەرنىڭ ئىپتىدائى دىنىي قىممەت قارىشىدىن كېلىپ چىققان ئۇقۇم ھازىر  خۇددى " توتېم" ئۇقۇمىغا ئوخشاش  بارچە مىللەتلەرگە مۇشۇ ئوقۇلۇشتا سۆزلۈك بولۇپ قوبۇل  قىلىنغان ئىكەن،  پىسخولوگ، روھى كېسەللەر مۇتەخخەسسىسى فرويىدنىڭ مەخسۇس " توتېم ۋە تابو" دەيدىغان ئەسىرىمۇ بولغان ئىكەن...
2008/11/2 00:13
6 barhan   تابا : تامان، تەرەپ يۆنىلىشنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆز(<<دىۋان>>3-قىسىم 298-بەت). ئۇ، نوقۇل يۆلىنىشنى كۆرسىتىپلا قالماي بەلكى ئەجداتلار ئەنئەنىسى بويىچە يەنى دىنى قائىدە(ئەجدادىمىزنىڭ تارىختا ھەرخىل دىنلارغا ئىتىقات قىلىشى بىلەن شۇ دىنلارنىڭ ئەقىدە يولى، ئەقىدە يۆنىلىشى)بويىچە ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، يەنە ئەجداتلارنىڭ ئومۇمى تەجىربىسىنى كۆرسىتىدۇ .
 
2008/11/2 01:07
7 kisek بارخان ئەپەندىم نەقىل ئالغىنىدەك بۇ مەنا يەنە  قەدىمى تۈرك- رۇنىكچە مەڭگۈتاش ئابىدىلەردە tapa-- يۆلۈنۈش، تەرەپ- يۆلۈنۈش 朝向 مەنىسى  بار ئىكەن.(  古代突厥文碑铭研究---耿世民著) 2008/11/2 01:23
8 Kulbilge تەرەپ،يۇنۇلۇش، يول مەنىسىنى بىرىدىغان دىۋاندىكى taba ياكى مەڭگۇتاشلاردىكى tapa دىگەن بۇ قەدىمى تۇركى ئاتالغۇنى "تابۇ"  بىلەن باغلاش ئىمكانىيتى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن. ئەمىلىيەتتىمۇ "تابۇ" دىگەننى كەڭرەك مەنىدە چۇشەنسەك، قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتا نىمىنى قىلىش، نىمىنى قىلماسلىق بەلگىلەنگەن توغرا يول، ئەقىدىلىرى (ئىپتىدائى قانۇنلىرى) دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. قىممەتلىك ئۇچۇرلار  بىلەن تەمىنلىگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. 2008/11/2 12:12
9 zirek ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرسى يوللىنىپتۇ. بىز يەنە قەدىمكى تەۋەررۈك ئەسەرلىرىمىزدىن بۇنىڭغا بىر ئاتالغۇ ئىزدەيلى... 2008/11/2 12:45
10 TuranTekin Kulbilge ئەپەندى، سىز ئوتتۇرغا قويغان بۇ مەسلە ھەققىدە يەنى taboo سۆزى توغرىسىدا مەخسۇس بىر ماقالە كۆرگەن ئىدىم. شۇ ماتىرىيالنى ئىزدەش جەريانىدا، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ماتىرىيال چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ مەنىسى kisek ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغاندەك ئىكەن. taboo ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ بۇلۇپ،  : "...................... بۇنداق بىر شەيئى ياكى ھەدىسىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئېتى-نامى بىلەن ئاتىماستىن، ئۇنى ئىككىنجى بىر سۆز بىلەن سىلىقلاپ ئاڭلىتىش ئۇيغۇر تىلىدا ئىۋفېمىزىملىق ۋاستە ھىساپلىنىدۇ"، "ئېۋفېمىزىم گىرىكچە سۆز بۇلۇپ، ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردا سىلىقلاشتۇرۇش دىگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ خۇلاسە قىلىنىپتۇ. ھەم ئۇيغۇرلاردىكى taboo سۆزلەرنى يەتتە چوڭ تۈرگە بۈلۈپ چۈشەندۈرۈپتۇ.  ......................
"قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى" 1993- يىللىق 4- سانىغا قاراپ بېقىڭ
2008/11/3 09:47
 جەمئىي باھا 71  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/8  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009