|
ماقالە مەزمۇنى |
تۈركىيە ( تەرجىمە ئەسەر ) |
يوللىغۇچى romantik كۆرۈش 8921 يوللانغان ۋاقتى 2008/10/31 14:17 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
دۆلەت بايرىقى: دۆلەت گىرىبى: دۆلەت نامى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Turkey ئورنى: ياۋروبا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بولۇپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمى كىچىك ئاسىيا يىېرىم ئارىلىغا جايلاشقان . ياۋروپا قىسىمى گرېتسىيە، بولغارىيە بىلەن تۇتىشىدۇ؛ ئاسىيا قىسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى، سۇرىيە، ئىران ۋە ئىراق بىلەن چېگىرىداش. ( بۇ دۇنياغا داڭلىق ئاياسوفىيە ئىبادەتخانىسى) يەر مەيدانى :780مىڭ580 كۋادرات كىلومېتىر. زېمىنىنىڭ %97 ى ئاسىيادا، %3 ى ياۋروپادا. قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2،573 كىلومېتىر ، دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇۇنلۇقى 3،558 كىلومېتىر. نوپۇسى: تۈركىيەنىڭ2007-يىلى 1-ئايدىكى نوپۇسى 71مىليون158مىڭ، بولۇپ تۈركلەر 80%، دىملى، زارا، كۇرمانجى قاتارلىق كۇردمىللەتلىرى 18%، ئۇندىن باشقا يەنە كاۋكاز ۋە شەرقى ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىمۇ 2%ئەتراپىدا. تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ 99.8%ى مۇسۇلمان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %85 ى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە، %14 شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ. %0.2 ئادەم خىرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. پايتەختى ئەنقەرە : ئەنقەرەنىڭ نوپۇسى 3مىليون500مىڭ. ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى 9مىلىيۇن. ئاساسلىق شەھەرلىرى: ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، ئادانا، بۇرسا، كونيا قاتارلىقلار. تىل- يېزىقى: تۈرك تىلى، دەسلەپتە ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىپ كەلگەن، مۇستافا كامال تۈركىيىدە غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، لاتىن يېزىقىنى قولانغان. ئەلباشى: ئابدۇللاھ گۈل سىياسىي تۈزۈلمىسى: 1961- يىلى 7- ئايدا گرژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا: «تۈركىيە مىللىي دېموكراتىك ۋە سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلغان ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت» دەپ بەلگىلەنگەن. پارلامېبت 400 نەپەر ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. ئۇ تۈركىيىنىڭ بىردىنبىر قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، تۈركىيە67 ئۆلكىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن ئۆلكە باشلىقى تەسىس قىلىنغان، ئۇلارنى ھۆكۈمەت تەيىنلەيدۇ. ئىقتىسادى: تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن. پۇل بىرلىكى: تۈركىيە لىراسى. تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە 1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2006-يىلى 1.42يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى: 1923-يىلى10-ئايىنىڭ 29-كۈنى (جۇمھۇرىيەت كۈنى). قىسقىچە تارىخى: تۈركىيە سالجۇقىلار دەۋردىلا بۈيۈك ئىمپىرىيە قۇرغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالى ئافرىقا ۋە شەرقى ياۋروپاغا قەدەر بولغان ئارىلىققا 500يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشتا مەزگىلىدە، تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشتا مەغۇلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە مۇستەملىكىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 1919- يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىنى چېكىندۈرىدۇ. 1920- يىلى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇمھۇرىتەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، مۇستاپا كامال تۇنجى پىرىزدېنت بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتىھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلپون ئابونتى19مىلىيۇن، يانپون ئابونتى44مىلىيۇن ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان. دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە: ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 18ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. نۆۋەتتە 670مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ سىياسى مۇساپىسى: تۈركىيە ئەنئەنە جەھەتتىن ئىسلام دۆلىتى بولغاچقا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلىپ دۆلەتتە دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىپ 1923-يىلىدىن بۇيان ھەرقانداق دىنى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە پارتىيەنى قانۇنسىز ھىساپلاپ كەلگەن. ئاساسى قانۇندىكى بۇ شەرتلەرنى قوغداش ئىزچىل تۈردە تۈركىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈركىيەسىياسىتىنى كونتىرۇل قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ بولۇپ كەلگەن ئىدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە دەسلەپ بىتەرەپ تۇرىدۇ، كېيىن 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تەسىرى تۈركىيىگە سىڭىپ كىرىدۇ. 1980-يىلى 4-ئايدا، پىرىزدېنت قەھرى گۇرۇ تۈركنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشىدۇ. پارلامېنت 100 قېتىمدىن كۆپرەك سايلام ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشى جىددىي بولغاچقا، يېڭى پىرىزدېنتنى سايلاپ چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ناچارلىشىپ، ھەرخىل تېرورلۇق ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالىدۇ. 9- ئايىنىڭ 12-كۈنى، باش شتاب باشلىقى ئەۋرەن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى«ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدۇ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ. شۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئەۋرەن دۆلەت باشلىقى بولىدۇ. 20- كۈنىگە كەلگەندە، سابىق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئولوسۇ باشچىلىقىدا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1980- يىلى ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى زور كۈچ بىلەن رەتكە سېلىپ، ھەرخىل قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۇردى. 1981- يىلى 9- ئايدىلا 45 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدى. 750 مىڭ ھەرخىل قورال-ياراغنى مۇسادىرە قىلدى. نەتىجىدە، تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھەربىي ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايدى. 1982- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگەقويىدۇ، نەتىجىدە ھەربىي ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئەۋرەن جۇمھۇرىيەت پىرىزدېنتى بولدۇ ھەمدە دېموكراتىيە مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى موسكۋاغا زىيارەتكە بارىدۇ، ئەۋرەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدۇ. 1983-يىلى 5- ئايدا، ھۆكۈمەت كوردلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۈرۇپ، 574 كىشىنى سوتلايدۇ. 35 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ھەمدە ئىراق زېمىنىغا كىرىپ كورد قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىدۇ. 1983- يىلى 11-ئايدا ئۆزەل باشچىلىقىدىكى ۋەتەن پارتىيىسى بۈيۈك خەلق پارلامېنتى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. 1996-يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۈنى ، تۈركىيە گۈللىنىش پارتيىسىنىڭ رەھبىرى ئىرباقان سابىق زۇڭلى، توغرا يول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېللەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنخى ئىسىلاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى باش مىنىستىر بارلىققا كەلگەن. نەجمىدىن ئىرباقان ھۆكۈمىتى تۈركىتىنىڭ 54- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىرباقان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بىرقاتار ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئىرباقان ھەرنىي تەرەپنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاران بىر يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپلا تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1998 - يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈركىيە ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ قاراپ تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىغان. 2000- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەخمەت نەجدت نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىقىغا سايلىغان باش مىنىستىرى ئەجۋېت بولغان.2005-يىللىق سايلامدا گۈللىنىش پارتىيىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن ھەقىقەت ۋە تارەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئان باش مىنىستىر بولۇپ سايلاندى. 2007-يىللىق تېنچ سايلامدا تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت نامزاتى ئابدۇللا گۈل 51% مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن پىرىزدېنتلىقنى ئالدى. سايلام پۈتۈنلەي دىموكراتىك تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغاچقا خەلقارا ۋە تۈركىيە ھەربى تەرەپ ئامالسىز قالدى. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك «دىنى ئارقا كۆرۈنۈشى بار رەھبەرلەرنى قارشى ئالماسلىق» نامايىشىدىن باشقا ھىچقانچە ۋەقەمۇ يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە 80يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىسلام دىنىنى چەتكەن قېقىش سىياسىتى ئاخىرلاشتى. دىپلوماتىيە سىياسىتى: تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. تۈركىينىڭ ھەرقارارلىق ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى ۋە ئىزچىل تۈرە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق، بالقان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھازىر تۈركىيىنىڭ يەر شارىدىكى 125 دۆلەت ۋە رايون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 6دۆلەت، پاكىستان، ئىران ۋە ئازەربەيجان بىلەن بىللە قۇرغان «ئىقتىسادى گۈللىنىش تەشكىلاتى» تۈركىيەنىڭ كېيىنكى سىياسى ۋە سىپلوماتىيە-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم كۆرسەتكۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە. _________________-------------------------_________________________ قوشۇمچە: ئەگەر مۇستاپا كامالغا قىزىقسىڭىز بۇ ئۇلانمىدىن ۇنىڭ ماتىريالىنى كۆرۈڭ: http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-7437-3.html |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 141 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | CUTUK | مىنىڭچە تۈركىيە تۈرىكلىرى ئەڭ بىچچارە ! بۇ مىنىڭ شەخسى قارىشىم |
2008/11/1 12:41 | |||
2 | azizrosulkam | سەيمىل خانتىنتوڭ ئۇزىنىڭ<مەدىنىيەتلەر توقۇنىشى ۋە دۇنيا تەرتىۋىنىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرىلىشى> دىگەن كىتابىدا تۇركىيىنى ، ئىسلام ئەللىرىگە بايراقدار بۇلالايدىغان بىردىن - بىر دۈلەت دەپ تەرىپلىگەن. بۇ ئەلۋەتتە غەرىپنىڭ كۈز قارىشى...... |
2008/11/1 13:00 | |||
3 | Kulbilge | تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا ئۆزىنى "ئۆتمۇشنىڭ قوغدىغۇچىلىرى" دەپ ئاتىۋالغان بىر توپ ئادەم توپلىشىۋالغان بولىدۇ. ئەمما تارىخ چاقى ھامان ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ۋە مەدىنىيتى ھامان تىخىمۇ يوقۇرى بالداققا كۆتۇرلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ جەرياندا تارىخ ئىقىمىغا ماسلاشمىغان بەزى مىللەتلەر تارىخ تەرىپىدىن شاللاپ تاشلىنىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. | 2008/11/2 15:16 | |||
4 | erdewil | تۈركىيە دېسە جېنىنى بېرىدىغان تورداشلىرىمىز ئاز ئەمەس،تۈركىيە پەقەتلا تۈركىيە نامىدىنلا(تۈرك) تۈركىيە.شۇ ئىسلام دۆلىتى،بىراق ئۇنىڭ دۇنيا سىياساىي سەھنىسىدە كەڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوينىغان رولىنى ھېچقانچىلىك(دېمەكچىمەن :پەخرلىنىپ كېتەلمەيمىز.....) دەپ كېتىشكە بولىدۇ... مېنىڭچە بىر قىسىملارنىڭ ئېغزى-ئېغىزىغا تەگمەي تۈركىيىنى ماختاپ،ھاياجانلىنىپ كېتىشى ئەقىلگە بەكمۇ سىغىپ كەتمەيدۇ دەپ قارايمەن.... ![]() |
2008/11/2 17:09 | |||
5 | pamir007 | [quote]5 - قەۋەتتىكى erdewil 2008-11-02 17:09 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : تۈركىيە دېسە جېنىنى بېرىدىغان تورداشلىرىمىز ئاز ئەمەس،تۈركىيە پەقەتلا تۈركىيە نامىدىنلا تۈركىيە.شۇ ئىسلام دۆلىتى،بىراق ئۇنىڭ دۇنيا سىياساىي سەھنىسىدە كەڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوينىغان رولىنى ھېچقانچىلىك(پەخرلىنىپ كېتەلمەيمىز.....) دەپ كېتىشكە بولمايدۇ... تۇركىيەنىڭ تۇرۇك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ھېچقانچىلىك رول ئۇينيالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇنلىغان باشنى ئاغىرتىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بولغانلىقىدا، تۇركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە كۇردلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى ، ئاڭلىشىمچە تۇركىيەدە 15مىليۇن كورد بار ئىكەن، تۇركىيەدىكى يەنە بىر مەسىلە سىپىروس مەسىلىسى، |
2008/11/2 21:07 | |||
6 | kisek |
ئەڭ بولمىدى دىگەندە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئوتتۇرا- ئاخىرلىرىدىكى ئۇرۇش- نىدالاردىن مۇھاجىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر- قازاق- ئۆزبېك- تاتار- قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز شۇ دۆلەتتە دېموكراتىك تۈزۈمدىن ئورتاق بەھر ئېلىپ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ ، مىللى ھىسسىيات جەھەتتىن مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۇ دۆلەتنى ماختاپ قويساق ئەقىلگە ئىنتايىن ئازراق سىغسا ئەجەپلىنەرلىك بولماس... |
2008/11/3 01:07 | |||
7 | Awral | مىنىڭ كۆز قارشىم kisek ئەپەندىنىڭ كى بىلەن ئوخشاش . تۈركىيەنى ئالدى بىلەن ماختايدىغان ئادەملار ئەلبەتتە بىز . | 2008/11/3 02:26 | |||
8 | Qutghur | تۈركىيەنى تۆگە قۇشىغا ئوخشاش بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپ دۇنيا سىياسى سەھنىسىدە 50-يىللاردا مۇستەقىل بولغان ئىئوردانىيىچىلىك سىياسى رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان دەپ قارايمەن ،ھەتتا ئۆزىنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزالمىغان ،شۇنچە قۇدرەتلىك كونا ئىمپىرىيەنىڭ ۋارىسى تۇرۇپ دۇنيا سىياسى كۈنتەرتىپلىرى بەلگىلىنىدىغان مۇھىم ۋاقىتلاردا چەتتە قالدۇرۇلدى .بۇنى پەقەت تۇركىيە سىياسىتى كەلتۇرۇپ چىقارغان .ھاكىمىيەت دىگەننى سىياسەت باشقۇرىدىكەن ،خەلىقنىڭ ئارزۇسىغا بېقىپ كەتمەيدىغان گەپىكەن،دىمەكچى بولىغىنىمنى چۈشەندىڭلار ھەقەچان .ئەگەر تۈركىيە جەھانگىرلارنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇتمايدىغان ،مۇستەقىل سىياسىتى بار ،قۇدرەتلىك دۆلەت بولغان بولسا ئىدى ،ئۇلاردا كۇرتلار مەسىلىسى مەۋجۇت بولماسلىغى مۈمكىن ئىدى . لىكىن تۈركىيە تۈركلىرى بىزنىڭ قان-قېرىندىشىمىز .مىسكىن قېرىنداشلىرىمىزغا باشپانا بولغىنى راست .بۇ نۇختىدىن ھەر قاچان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزدىن مىننەتدار بولىشىمىز كېرەك . |
2008/11/3 16:58 | |||
9 | Turkiye | تۇركىيە ئىقتىسادى كۇچ جەھەتت دۇنيا بۇيىچە 21-ئوروندا تۇرىدۇ(كورىيە جىنىدا 11-ئورۇندا تۇرىدۇ. پەرقنى سىلىشتۇرۇپ باقساق بولىدۇ)، تۇركىيە ئىقتىسادى ۋە ھەربى كۇچ جەھەتلەردە گەرچە ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك بولسىمۇ ئەمما غەرپتىكى كۇچلۇك دۆلەتلەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا بولۇپمۇ ھازىرقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۇچىگە سىلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئاجىز ھىساپلىنىدۇ. تۇركىيەنىڭ بىرەر سىياسى گوروھقا رەھپەرلىك قىلىپ غەرپ بىلەن تىركەشكىدەك كۇچى يوق. ئەگەر ئىشنى قاملاشتۇرالمىسا ھەتتا گىرىتسىيە بىلەن تالىشىۋاتقان بەزى ئاراللارنىمۇ قولدىن بىرىپ قويىشى مۇمكىن. شۇڭا ياپۇنىيە،كورىيە، جوڭگو،ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن خەلق ئىگىلىكىنى گۇللەندۇرۇش سىياسىتىغا ئوخشاش تۇركىيەمۇ قالايمىقان سىياسى گوروھلارغا ئارلاشماي داۋاملىق ئىقتىسادى كۇچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى كىرەك. ئۇيغۇرلاردا «يوتقانغا بىقىپ پۇت سۇنۇش كىرەك» دەيدىغان گەپ بار. بولمىسا «ئۆزەمنى بىلمەي شىلتىڭ ئىتىپتىمەن،پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يىتىپتىمەن» دىگەندەك ئىش بولۇپ، بارلىق كەلگۇلۇك يەنىلا شۇ بىچارە خەلققە كىلىدۇ. ئۇرۇشۇپ قان تۆككەنلا نوچى ئەمەس، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۇرەلىگەن نوچى. جوڭگوغا ئوخشاش ئىقىتسادى جەھەتتىن تەرەققى قىلىپ، دۇنيا بۇيىچە تۆتىنچى ئورۇنغا(ئاز قالدى ئۇچۇنچى، ئىككىنچى ئورۇنغىمۇ چىققىلى) چىقىپ ئاندىن زۆرۆرىيىتى بولسا باشقىلار بىلەن چىلىشىپ ، نوچىلىق تالشىپ باقسا بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى تۇركىيە ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۇدەك قۇدرەتلىك كۇچ بولۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ(ھازىرقى نوپۇس،زىمىن،ئىقتىسادى يار بەرمەيدۇ). ئۇنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە رەھپەرلىك قىلالىشى تىخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، غەرپنىڭ بىسىمىلا ئەمەس يەنە تۇركلەر بىلەن ئەرەپلەر ۋە پارىسلار ئوتتورسىدىكى تارىخى ئۆچ ئاداۋەت ۋە ھازىرقى مىللى رىقابەتمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، بۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئىش قىلالىشى تولىمۇ تەس ئىش. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئەرەپلەر يەنە بۇرۇنقى نەيرىڭىنى ئىشلىتىپ غەرپ بىلەن بىرلىشىپ تۇركىيەنى سىتىۋىتىشتىن يانمايدۇ. شۇڭا تۇركىيە يەنىلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ داۋاملىق ئىقتىسادى كۇچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، بولسا ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇركى قىرىنداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى تىخىمۇ كۇچەيتىشكە تىرىشىشى كىرەك. ئەقىل بىلەن ئىش ئىلىپ بىرىۋاتقان تۇركىيە ھۆكۇمىتى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. |
2008/11/4 16:06 | |||
10 | Turkiye | ئەينى ۋاقىتتا غەرپ بىلەن بىرلىشىپ تۇركلەرنى سىتىۋەتكەن ھەتتا ئاناتولىيەدىن نەسلىنى قۇرۇتىۋىتىشنى قەستلىگەن پەسكەش ئەرەپلەر، مانا ھازىر تۇركىيە غەرپ بىلەن بىرلىشىپ قۇدرەت تاپسا چىدىماي تۆت پۇتى ئاسمانغا قاراپ قىلىۋاتىدۇ.مەيلى ئەرەپ گۇللىنىش پارتىيىسى تۇركلەرنىڭ مىللى روھىنى سۇسلىتىپ تۇركلەرنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ئۇچۇن ھەرقانچە نەيرەڭلەرنى ئىشلەتمىسۇن، مۇستاپا كامال ئەرەپلەر تۇركلەرنى غەرپلىكلەرگە سىتىۋەتكەن ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە ياۋروپا بىلەن ئەرەپلەر ئوتتورسىدا يىتىم قالغان تۇرك قەۋمىنى قۇتۇلدۇرۇپ، مۇستەقىل،دىمۇكراتىك، قۇدرەتلىك(ھىچبولمىغاندا مۇسۇلمان ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك) بولغان تۇركىيە جۇمھۆرىيتىنى ساقلاپ قالدى. ئىستانبولنى گىرىكلارغا تارتقۇزۇپ قويمىدى. ئىستامبۇلنى قوغداش ئۇرۇشىدا قانچىلىك تۇرك جەڭچىسى ۋەتەن ئۇچۇن قۇربان بولمىدى! ئەگەر مۇستاپا كامال غەرپنىڭ غالچىسى بولسا،نىمە ئۇچۇن قان كىچىپ گىرىتىسيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ئستامبونى قوغداش ئۇرۇشى قىىلدۇ. ئەرەپلەر ھازىر ئۆز ساتقۇنلىقىنىڭ جاجىسىنى تارتىۋاتىدۇ. ئەمما ئەزەلدىن تۇركىيە جۇمھۆريىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا چىدىماي كىلىۋاتقان، بولسا تۇركلەرنى ئاناتولىيەدىن يوقۇتىۋىتىشنى قەستلەۋاتقان پەسكەش ئەرەپلەر ئسلام بايرىقىنى كۆتۇرۇۋاپ خىلمۇ خىل پىتنە ئىغۋالارنى تارقتىىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سۇيقەست، ھىلە نەيرەڭلىرى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مۇستاپا كامال غەرپ ۋە ئەرەپ ساتقۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ تۇركلەرنى يوقۇتۇش سۇيقەستىنى بىتچىت قىىلىپ تۇرك خەلقىنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغان ھەقىقى تۇرك ئوغلانى، ئەگەر مۇستاپا كامال بولمىغان بولسا، مۇستاپا كامالغا ئەگەشكەن مىليونلىغان ئوت يۇرەك تۇرك ئوغلانلىرى بولمىغان بولسا، ھازىرقى تۇركىيە جۇمھۆرىيتى مەۋجۇد بولمىغان بۇلاتتى. ئاناتولىيەدىكى تۇركلەرنى گىركلار، كوردلار ۋە ئەرەپلەر بۇلۇشۇۋالغان بۇلاتتى.تۇركلەر تارىختىمۇ باشقىلارغا بوي سۇنىمىغان، بۇندىن كىينمۇ باشقىلارغا بوي سۇنمايدۇ. مۇستاپا كامال يەنىلا 70مىليون تۇركىيە خەلقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى، تۇركىيە خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ئۇنى ياد ئىتىدۇ. |
2008/11/4 17:01 | |||
جەمئىي باھا 141 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|