يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق تىل ئىشل...
يوللىغۇچى koktash   كۆرۈش 6272   يوللانغان ۋاقتى 2008/10/27 12:38  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
توپىكىس دۇنيا خەۋەرلىرىنىڭ 22- ئۆكتەبىر ماقالىسى (2008)
كۆكتاش تەرجىمىسى
ئەنقەردە ئېچىلغان تۈركىي مىللەتلەر قۇرۇلتىيىدا ئورتاق تىل ئىشلىتىش توغرىلىق مۇزاكىرىلەر باشلاندى. بۇ 10 كۈنلۈك تۈركىي مىللەتلەر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزمۇنى تۈركىي دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە تۈركىي تىللارنىڭ قەدىمكى يېزىقلاردىكى ئىزنالىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا مەركەزلەشتى. 20 دەك ئەزەربەيجان تىلشۇناسلىرى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەتلىك پەن- تېخنىكا ئاكادىمىيىسىنىڭ ئەزاسى، پراففىسسور نىزامى جافاروف مۇنداق دېدى: تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىل ئىشلىتىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ بولدى.
ئۇ دەيدۇ: «تۈركىيە تىلىنى ئورتاق تىل قىلىش رىئاللىققا يېقىن، لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا ھەسەت قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك باشقا تىللارنى سىقىپ چىقىرۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس».
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىل ئىشلىتىشى -نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.
تۈركىي مىللەتلەر قۇرۇلتىيى ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم تۈركىيە ئاستانىسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى- تۈركىي تىللارنى تەتقىق قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى:




مەنبە: http://www.anatilim.com/anatilim ... ?id=1050&forumid=27

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 53   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Awral   بۇ ناھايىتى ياخشى بالىنىش بولپتۇ . پۈتكۈل تۈرك خەلقى ئورتاق بىر تىل ئىشلەتسەك ، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن زور پايدىسى بار . 2008/10/27 13:18
2 kisek     قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ساۋاقدىشىمنىڭ دىيىشىچە ئىلى- ئالتاي رايۇنىدىكى قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شىۋىسىنى قازاقىستانلىق قازاق قېرىنداشلارمۇ  تەستە چۈشىنىدىكەن ياكى چۈشەنمەيدىكەن، قازاقىستان قازاقچىسىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆپرەك ئاسان كېلىدىكەن...

  مېنىڭچە تۈركى ئورتاق تىل قوللىنىش ھەم ئومۇمىلاشتۇرۇش ئېنگىلىس- فرانسۇز- ئىسپان- گېرمانلارنىڭ " دۇنيا تىلى" پىلانىغا قارىغاندا ئومۇمىلاشتۇرۇش تېخىمۇ ئاسان  ھەم تېز بولىشى  مۈمكىن، بۇ  ياخشى باشلىنىش بوپتۇ!
2008/10/27 13:28
3 karwan526 ھەقىقەتەنمۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ... لېكىن تۈرلۈك سىياسىي، جۇغراپىيلىك ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغاندا بۇنداق بولالىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.... نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر تېخى باشقا مىللەتلەرنىڭ باسمىچىلىقىدا ياشاۋاتىدۇ.... بۇ خىلدا بۇ مۇمكىن بۇلارمۇ؟ قىسقىسى بىز خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈشكە چۈشۈپ كەتكەن مۇشۇ زاماندا ھۆكۈمەت تەرەپ ئوقۇتۇشقا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر تىل بىرلىك ئوقۇتۇشىغا قوشۇلارمۇ؟؟؟؟ ھەقىقەتەن تەس.... ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن،،، 2008/10/27 13:31
4 pis-pas ئاۋۋال يېزىق بىرلىككە كەلسە ئاندىن ئورتاق مەقسەتتە" تۈرك  بىرلىكى"نى قۇرۇش بارا بارا ئەمەلگە ئېشىشى مۈمكىن.

بىز مۇنۇ تور تېلىۋىزىيىسىدىكى ئۆزبەكچە پىروگىراممىلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن بىلەن
http://www.livetvcenter.com/tv_yoshlar_1375.asp
http://www.livetvcenter.com/tv_uzbekistan_1374.asp

ئۇلارنىڭ يازغان يېزىىقلىرىنى  بىلىشمىز  ناتايىن
مەسىلەن:
http://www.voanews.com/uzbek/
http://www.jahonnews.uz/uzb/

شۇڭا ULY  نى ئۈگىنەيلى، تەشۋىق قىلايلى  ، زۆرۈر يەرلەردە ئىشلىتەيلى
كەلگۈسىدە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى مەيدانغا كېلىپ قالسا تەمتىرەپ قالماسمىز.

2008/10/27 13:56
5 utuken

  نەقىل:
2 - قەۋەتتىكى koktash 2008-10-27 13:12 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

.
شۇنىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچەسىنىڭ ئورتاق تۈركىي تىلغا ئىشلەتكۈدەك تۈزۈك يەرى يوق، پەقەت قوشۇمچە پايدىلانسىلا بولىدۇ.

.......

بۇ گىپىڭىزگە تازا قوشۇلۇپ كەتمەيمەن، سىزنىڭچە تۇركىي تىللىرى ئىچىدە قايسى تىلنىڭ بەكرەك ئىشلەتكۈچىلىكى باردۇ ؟
2008/10/27 14:00
6 Qutghur بۇ بەك مۇشكۈل ئىش .ھازىر تۈركى مىللەتلەردە تار مىللەتچىلىك باش كۆتىرىۋاتىدۇ .مىلەتچىلىكتىن تۈركچىلىككە يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتەر .تۈركچىلىكنىڭ مۇھىملىغىنى ھىس قىلغاندا بەلكىم ئەڭ يېقىن تىل ھىسابلانغان ئۇيغۇر -ئۆزبىك تىللىرىدا بىر-بىرىمىزنىڭ گېپىنى چۈشەنمەي قېلىشىمىز مۈمكىن .ئەندىشەم ئارتۇقچىمىدۇ-يە !
ھازىرقى زاماندا "تۈركچىلىك" تەخىرسىزلىگىنى ھىس قىلغان تۈركى رەھبەرلەردىن جېنى باراقى نەزەربايېف بولىشى مۈمكىن .تۈركىيەنىڭ سىياسىتى بۇنداق چوڭ تۈركچىلىكنى قەتئى قوللىمايدۇ .ئاتا تۈركنىڭ لېنىنلار بىلەن ھەم نەپەس بولۇپ پان تۈركىزىمنى دەپن قىلغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر .تۈركىيەدە دەل شۇ كامالىزمچىلار ھاكىيەت تۇتىدۇ ياكى قۇرالنىڭ دەستىسى شۇلار قولىدۇ .شۇڭا تۈركىيە نەچچە يىل ،نەچچە ئون تىل ياكى نەچچە يۈز يىل ياۋرۇپانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ .شەرققە قاراش بولسا تۈركىيەدىكى بىر قىسىملارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بولىشى مۈمكىن .
2008/10/27 17:14
7 hector گابائىن يازغان قەدىمقى تۈرك تىلى گرامماتىكىسى()خەنزۇچىسى 古代突厥语语法خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچى گېڭ شىمىن
نېمىسچىسىalttürkische grammatik
مۇشۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنىڭ 1-بېتى ئۈستىدىن سانىغاندا 10-قۇر:
自然现代东突厥语(指维吾尔语(是最近于故突厥语的方言
تەرجىمىسى:تەبىئىكى ھازىرقى زامان شەرق تۈركچىسى،يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى قەدىمقى تۈركچىگە ئەڭ يېقىن دېئالېكىتتۇر.
2008/10/27 17:16
8 hjran ھەقىقەتەنمۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ... لېكىن تۈرلۈك سىياسىي، جۇغراپىيلىك ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغاندا بۇنداق بولالىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.... نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر تېخى باشقا مىللەتلەرنىڭ باسمىچىلىقىدا ياشاۋاتىدۇ.... بۇ خىلدا بۇ مۇمكىن بۇلارمۇ؟ 2008/10/27 20:28
9 koktash خەكتور ئەپەندى،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دېگەن ئىبارىدە گەرچە «ئۇيغۇر» سۆزى بولسىمۇ، ئۇ يەنە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، ھېچ بولمىغاندا «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى» غا ئانچە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئوخشىماسلىق ھازىرقى قازاق تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭكىدەك چوڭ پەرق بولۇشى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. 50 نەچچە يىل ئىگىرىكى ياكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزەىلىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېقىڭ، ھازىرقى يېزىقىمىزغا ۋە تىلىمىزغا ئوخشامدىكەن؟
سىز ئايتقان 古代突厥语语法دېگەن كىتاپنى ئۇنىڭ تەرجىمانى بولغان گېڭشىمىن ئەپەندى 1956- يىلى ئاران بايقىغان. دېمەك، ئۇ كىتاپ 1956- يىلدىن بۇرۇنلا يېزىلىپ بولغان. بۇ كىتاپ ئاشۇ زاماندىكى، يەنى 70- 80 يىلللار ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان، ھەرگىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ھەققىدە ئەمەس، ھەم ئۇنداق يېزىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، كونا خەۋەرنى دەستەك قىلىپ، ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماڭ.
تىلىمىز مۇشۇ 50 يىل مابەينىدە كارامەت چوڭ ئۆزگىرىش قىلدى، گەرچە بىز بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەلبىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى بارغانچە ئىسپاتلاۋاتىدۇ. 10 يىلدا دېگۈدەك بىر قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى قىلىشنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ئاتالمىش »ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» بىز تەسۋىرلىگەندەك ئاشۇنداق مۇكەممەل بولىدىغان بولسا، نېمە ئىش قىلىدۇ ئىملا ئىسلاھاتى قىلىپ؟ ھەجەت چاغاتاي تىلى نەچچە 100 يىل ئىشلىتىلىپمۇ ئىمال ئىسلاھاتى قىلغىنى يوق، ھەجەت «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» نى 50 يىل ئىشلىتە- ئىشلەتمەيلا 6 قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى قىلىنىپ بولدى.
2008/10/27 22:51
10 samran بۇ جەھەتتە بىرلىككە كەلمەك تەس بولارمىكىن    2008/10/28 00:27
 جەمئىي باھا 53  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/6  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009