يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
تۇڭگانلار راستىنلا ئەرەبلەرنىڭ ...
يوللىغۇچى koktash   كۆرۈش 5044   يوللانغان ۋاقتى 2008/10/20 02:41  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
تۇڭگانلارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى رىۋايەتنى ئورخۇندىكى تورداشلار مەندىن ياخشىراق بىلىشى مۇمكىن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، 600 دىن ئارتۇق ساھابە يىراقتىكى تاڭ شاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگوغا كېلىدۇ. بۇلار بارا- بارا يەركىلىشىپ ھازىرقى تۇڭگان مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئۇلار «ئەرەبىستانغا قايتىپ كېتىش» ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە 回 دېگەن ئىسىمنى مىللەت نامى قىلىپ قويىدۇ.
لېكىن، خېلى ئۇزاقتىن بۇيان تۇڭگانلارنىڭ بۇ خىل كېلىپ چىقىشىغا قارىتا گۇمانىي ئويلاردا بولدۇم. بۇ گۇمانلىرىمنى ئورخۇندىكى تارىخ سۆيەر تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش ئۈچۈن، تېما قىلىپ يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.

گۇمانلار:
1. تۇڭگانلارنىڭ回 دېگەن ئىسمىگە گۇمان. ئۇيغۇرلارمۇ بۇرۇن回纥 دەپ ئاتالغان.
تۇڭگانلارنى مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋاقىتلار 700- 800 – يىللارغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولالمايدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا، شىمالدا ئورخۇن خانلىقى بار ئىدى، ھەم خەنزۇچە يازمىلاردا回纥 دەپ خاتىرلەندى. دەل شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئۆپچۆرىسىدە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى پارچىلىنىپ، قەۋىملىرى تەرەپ- تەرەپكە چېچىلىپ ماڭدى. ئۇنىڭسىزمۇ، سودا ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولدى. ئۇنداقتا، يېڭى شەكىللەنگەن تۇڭگانلار شىمالدا回纥 دەپ دۆلەت بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەم شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى تۈركۈملەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىگە يەنە回 دېگەن ئىسىمنى مىللەت نامى قىلىپ قويامدۇ؟ ئىشىنىمەنكى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدە ھەرگىز ئوخشاش ئىسىملىكتىن ئىككىسى بولمايدۇ. ھەم بىر رايوندىمۇ شۇنداق. نۇرغۇن回纥 لار كۆچۈپ كېلىۋاتقان شارائىتتا، يەنە ئۆزىگە回 خەتنى تاللاپ ئىسىم قويسا، ئۆزىنى باشقىلارغا تەۋە قىلىپ قويغانلىق بولۇپ قالمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنىڭ ئۈمىد – ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ مىللەت نامى قويۇدىغان قەۋىم بولمىسا كېرەك. ئەگەر تۇڭگانلار راستىنلا ئەرەبنىڭ ئەۋلادى بولسا، ئۆزلىرىگە 阿 دېگەن ئىسىمنى قويسا ئەڭ مۇۋاپىق بولاتتى.
دىننىي ھېسىيات سەۋەبىدىن، ئەجدادىنى خاتا تونۇۋېلىش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، سالارلارنىڭ بىر خەنزۇچە توربېتىگە چىقىپ «ئۆز ئەجدادىڭنى توغرات تونو» دېگەن ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. ماقالىدا، نۇرغۇن سالارلارنىڭ ئۆزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى ئەرەبلەرگە باغلىۋالغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزلىرىنى ئەرەبنىڭ ئەۋلادى دەۋالغانلىقىنى يازغان. ھەمدە ساقلىنىپ قالغان تىللىرىنىڭ تۈركىي تىلغا كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي قەۋىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دەرۋەقە، سالار، دۇڭشاڭ ۋە تۇڭگانلارنىڭ كېيىنىشى ۋە بەزى ئادەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سالارلارمۇ تۇڭگانچە بۆك كېيىدۇ. ناۋادا، تۇڭگانلارنىڭمۇ ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى تىللىرى بولىدىغان بولسا، ئاندىن ئۇلارنىڭ سالاھىتىگە رىۋايەت تۈسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلمىي مەۋقەدىن ئېنىقلىما بېرەلىگەن بولاتتۇق. ئۇنداقتا تۇڭگانلارنىڭ بەزى ئائىلىۋى سۆزلىرى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باقاي.

2. تۇڭگانلارنىڭ سۆزلىرى كۆپىنچە تۈرك ۋە پارس سۆزلۈكلىرىدۇر.
بۇلتۇرقى ھېيت نامىزىنى تۇڭگان مەسچىتىدە ئوقۇشقا توغرا كېلىپ قالدى. بىر ۋاقىتتا ئىمام جامائەتكە ھېيت نامىزىنىڭ نىيىتىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى : «نىيەتى كېردىمو. &.. *$.. @. #! .....» ئارقدىكى سۆزلەرنى ئىسىمدە تۇتالمىدىم. ناماز ئوقۇپ باققان تورداشلارغا ئايانكى، يۇقارقى نىيەتنىڭ بېشى ئېنىقلا تۈركچە (ئۇيغۇرچە).
كېيىن گەنسۇلۇق بىر تۇڭگان ئايالدىن نامازنىڭ نىيىتىنى سورىدىم. شۇنى بايقىدىمكى، تۇڭگانلار نامازنىڭ نىيىتىنى تۈركچە ۋە پارسچە ئارىلاش دەيدىكەن. بەلكىم بۇنى قۇرئان ئايەتلىرى دەپ بىلىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بىر تۇڭگان ئايال يازغۇچى يازغان «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى» دېگەن كىتاپنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. كىتاپتا «دوستى»، «دۇشمەن»، «نامازى» دېگەندەك تۇڭگانلارنىڭ بەزى سۆزلۈكلىرى بار.
ئۇنداقتا، ئەرەبنىڭ پۈشتىدىن بولغان تۇڭگانلار نېمە ئۈچۈن ئەرەبچە سۆزلۈكلەرنى ئەمەس، بەلكى تۈرك، پارسچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىشلەتكەن پارسچە سۆزلۈكلەرنىڭ ھەممىسى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ لۇغىتىدە بار. ھەمىمىزگە مەلۇم، تۈركىي مىللەتلەر پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ئورخۇن پارچىلانغان ۋاقىت回纥 لار ئىسلامغا كىرمىگەن ۋاقىت. لېكىن، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆۈچۈشى ئورىۇندىن كېيىنلا توختاپ قالغان ئەمەس، بەلكى كىچىك دائىرىدە توختاۋسىز داۋاملاشقان دېيىشكە بولىدۇ. دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە كېيىنچە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا توختالساق بولىدۇ.

3. تۇنگانلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى رىۋايەتتىكى 600 نەپەر ساھەبىنىڭ كۆپىيىشىگە توغرا كەلمەيدۇ.
ئەينى ۋاقتىدىكى تاڭ سۇلالىسى نوپۇسىنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتى بولمىسىمۇ، 100 مىليۇنغا يەتمەيدۇ، دېگەندەك مەلۇمات بار. ئەگەر ئەينى چاغدىكى نوپۇسنى 50 مىليون دېسەكمۇ، شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغىچە، جۇڭگونىڭ نوپۇسى 30 ھەسسىگەن يېقىن كۆپەيدى. رىۋايەتتىكى 600 ساھابە 10 دىن خوتۇن ئېلىپ، نوپۇسى 6000 بولغان تەغدىردىمۇ، 30 قا كۆپەيتسەك، ئاران 180 مىڭ نوپۇس بولىدۇ. ھازىرقى 12 مىليون تۇڭگان نوپۇسىغا سېلشتۇرغاندا، 70- 80 ھەسسە پەرقلىنىدۇ، ھازىرقى نوپۇسنىڭ ئاران 70- 80 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، شۇنچە جىق نوپۇس نەدىن پەيدا بولدى؟ بۇنى ئەلۋەتتە،回纥 لارنىڭ جەنۇپقا كۆچۈشى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆچۈپ كېلىشى قاتارلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

4. چىراي شەكلى. تۇڭگانلارنىڭ چىراي شەكلى ۋە ساقاللىق بولۇش- بولماسلىق نىسبەتلىرىمۇ قومۇ- تۇرپاننىڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تاكى ھازىرغىچە، مەن تۈركلەرگە ئوخشايدىغان تۇڭگاننى ئۇچراتتىم، لېكىن ئەرەب چىراي تۇڭگاننى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.

5. مىجەز خۇلىقى: تۇڭگانلارمۇ تۈركىي مىللەتلەردە ئۇرۇشقاق، مىجەزى ئىتتىك كېلىدۇ. بەزى تەمكىن يەرلىرى قومۇل- تۇرپاننىڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىز رومانىدا، گەنسۇدىن چىققان ماجۇڭيىڭ قومۇللۇق سەركەردە غوجىنىياز ھاجىنى «ئاتا» تۇتىدۇ، ھەم ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، «ئاتا» دەپ چاقىرىدۇ. مېنىڭچىمۇ ماجۇڭيىڭنىڭ «ئاتا» دېيىشى خاتا ئەمەسقۇ دەيمەن. چۈنكى، بۇ يەردە دىننىي مۇناسىۋەتتىن باشقا، يەنە قانداقتۇر قانداشلىق مۇناسىۋەتمۇ بولۇش ئېھتىماللىقى بار.


يۇقارقىلار، ئۆزەمنىڭ نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئويلىغانلىرىم ۋە ئىزدەنگەنلىرىم. قولۇمدا ماتېرىيال بولمىغانلىقتىن، ئېسىمگە كەلگىنى بويىچە يېزىپ قويدۇم. تورداشلار مۇشۇ 5 تۈر بويىچە تېخىمۇ كېڭەيتىپ، بولسا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ مۇزاكىرلىشىپ باقساق دەيمەن.

قىزىقارلىق نۇقتا:
ناۋادا، يۇقارقى نۇقتىلار بويىچە يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، تۇڭگانلارنىڭ回纥 ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇرلار تۇڭگان بىلەن بىر مىللەت بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن!

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 35   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 ghalipelqut ياق. ئۇلار ئەرەپ ئەۋلادى ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر تۇركىلېرىدىندۇر. چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىلا تۇڭگانلار ھەم شىنجاڭدىكى بالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى 回回دەپ ئاتالغان. پەقەت، پەقەت گومىنداڭ دەۋرىگە كەلگەندىلا ئۇيغۇر دەپ يېزىلغان. دىمەك 回回,回纥,维吾尔 دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىدا تۇرلىك تەلەپپۇز قىلىنىشى.  مەن بىر چاغدا بىر تور بېكاتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گېن تەكشۈرىشىنى كورگەن ئەمىليەتتە تۇنگانلارنىڭ گېن ئلاھىدىلىكى قازاق-تۈركمەنلەرنىڭ گېن ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشاشكەن.
 
2008/10/20 12:12
2 gazibag قېرىندىشىم  كۆكتاش . تۇڭگانلارنىڭ  كىلىپ چىقىشى  توغۇرلۇق خېلى ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز ،لېكىن ئاخىرىدىكى  تۇڭگان ماجۇڭيىڭنىڭ  خۇجىنىياز ھاجى  بوۋىمزنى  [ئاتا ]  دەپ چاقىرىشى چىن كۆڭلىدىن ئەمەس  بەلكى ،ئۆزىنىڭ رەزىل ،شۇم  نىيىتىگە  يىتىش ئۇچۇن  قوللانغان  تاكتىكىسى  خالاس . 2008/10/20 12:46
3 koktash مەن ئۇنداق قارىمايمەن، گازىبەگ قارىنداشىم!
بىز ئۇيغۇرلار چىچالمىساقمۇ باشقىلاردىن كۆرۈپ ئۆگىنىپ قالغان، بەزەنلەر غوجىنىياز ھاجىنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى تۇڭگانلاردىن كۆرىدۇ. لېكىن، ئاخىرقى نەتىجىدە، غوجىنىياز ھاجى شىنجاڭغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ پايدا ئالغان بولدى، ماجۇڭيىڭ شۇنچە تالانتى ۋە ئىگىلمەس- سۇنماس جاسارىتى بىلەن يىراق ئەللەرگە سەرگەردان بولدى. ئاخىرى كىم نەپكە ئېرىشتى، كىم زىيان تارتتى؟ ھەقىقىي مەرد كىشىلەرلا كۆزى كىچىكلىك قىلماي، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىراۋنىڭ ھەقىقىي تالانتىغا توغرا باھا بېرەلەيدۇ. ناۋادا، ماجۇڭيىڭ ئۇيغۇر بولغان بولسا، سىز ھەرگىزمۇ "رەزىل نىيىتى" دېگەندەك گەپلەرنى دېمەي، ئەكسىچە ئۇنى بىرەر قۇر مەدىھيلىگەن بولاتتىڭىز. ئۇنداق ئەمەسمۇ يە؟

ناۋادا، ماجۇڭيىڭ غوجىنىياز ھاجىنى "ئاتا" دېمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئىسلام ئىمپىرىيىسى قۇرۇشتەك "رەزىل" نىيىتى يەنىلا بولىۋېرەتتى. ئۇ نىيەتنىڭ بولۇش -بولماسلىقى"ئاتا" دېيىش بىلەن ھېچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. غوجىنىياز ھاجىدەك، ئۇرۇش تاكتىكىسىدا كامالەتكە يەتكەن، ئۆزى ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، كەمتەر ۋە دىندارلىقى كۈچلۈك ئادەملەر ئەلۋەتتە ماجۇڭيىڭدە جاسارەتلىك يىگىتلەرنىڭ قەلەبىنى قايىل قىلالايدۇ. ئاساسلىقى، ماجۇڭيىڭنىڭ "ئاتا" دېيىشى، ئۇنىڭ غوجىنىيازغا بولغان ھۆرمىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، 5 ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان، ئىسلام دىنىغا چىن سادىق، جاسارەتلىك بىر يىگىتنىڭ خالىغان  بىرسىنى  "ئاتا" دېيىشى سەل مۇمكىن بولمىغان بىر ئىش. ئۇ چوقۇم چىن دىلىدىن دېدى. چىن دىلىدىن بولمىغان تەغدىردىمۇ، ھەرگىز يالغان دېمىدى.
"ئويغانغان زېمىن" رومانىدا، يولۋاس ماجۇڭيىڭنى ئۆيلەپ قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەندە، ماجۇڭيىڭنىڭ "مۇشۇ ساقىلىڭىز بولمىغان بولسا، يۈزىڭىزگە تۈكۈرۈپ قوياتتىم، مەن ئۆزەمنىڭ مۇقەددەس ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، توي قىلىشقا ئالدىرىمايمەن" دېگەنلىرى ھېلىمۇ يادىمدا. ئاشۇنداق بىر ئادەمنىڭ يات بىرەيلەننى ئاغىزنىڭ ئۇچىدىلا "ئاتا" دېيىشى مۇمكىنچىلىككە يېقىنمۇ؟

مەسىلىنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدە تۇرىۋېلىپ، ھېسىيات بىلەنلا ئويلاشماي، بىتەرەپ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەك!
2008/10/20 13:10
4 qakmak126           تۇڭگانلارنىڭ ئېتنىك تەركىپى بىرئاز مۇرەككەپ، غەربى شىمال، شىمالى جۇڭگو، يۈننەندىكىلىرىنىڭ قېنىدا پارىس، تۈرۈك قاتارلىق <<رەڭدار كۆزلۈكلەر>>نىڭ (ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار) تەركىپى خېلىلا زور. ئۇلار ئوخشاشمىغان دەۋىرلەردە قۇرۇقلۇق يولى بىلەن شۇ يەرلەرگە كېلىپ ماكانلاشقان. گۇاڭدوڭ قاتارلىق دېڭىز بويى رايۇنىدىكىلىرى سۇ يولى بىلەن كەلگەن. ئۇلارنىڭ تەركىپىدە ئەرەپ ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ قېنى بىرئاز روشەن ئورۇن تۇتىدۇ. ئەلۋەتتە ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەلگەن ئەرەپلەرمۇ ئۇلارغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن  ئىسلام دىنى، ئۇلارنى جۇڭگودىكى خەنزۇچە سۆزلەيدىغان مۇسۇلمان تۈركۈمى، مىللىتى قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭا تۇڭگانلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بىرلا مىللەتكە باغلىۋېلىشقا بولمايدۇ. 
          سالالار بولسا ساپ تۈركى مىللەت. ئۇلار  تۈركمەنىستاندىكى سالۇر قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى. ئىچىكى نىزا سەۋەبىدىن يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ، ھازىرقى چىڭخەينىڭ شۈنخۇا ناھىيەسى تەۋەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. تىلىمۇ ساپ تۈرۈك تىلى. ھازىر خېلى كۆپ خەنزۇ تىلى ئۇلارنىڭ ئىستىمالىغا كىردى. ئۇلار 6 _ 7 يۈز يىلدىن بۇيان تۇڭگان ۋە دوڭشاڭلار بىلەن بىر يەردە ماكانلىشىپ ياشاپ كەلگەچكە كىيىنىش ۋە بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، تىل جەھەتتىكى خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان.
2008/10/20 13:18
5 TuranTekin koktash ئەپەندى، ماجوڭ يىڭ ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزدىن، يېڭى بىر ئۇچۇرنى كۆرگەندەك بولدۇم. دېمەك ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆردۈم. بۇ ھەقتە سىزدە ماتىرىيال باردەك قىلىدۇ. بولسا تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلەنسەك، ئىلتىپاتىڭىزنى ئايىمىغايسىز ....... 2008/10/20 13:22
6 qakmak126 ماجوڭيىڭ شىنجاڭغا كەلگەندە تېخى 21 ياشلىق بالا ئىدى. ئۇ ئەلەم جەھەتتە بەك تالانتلىق بولسىمۇ بىلىم ۋە نەزەر جەھەتتە ئۇنچىلىك يىراقنى كۆرەلىگىدەك ھالدا ئەمەس ئىدى. مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ناباپلىقىدىن نۇرغۇن خاتالىقلارنىمۇ سادىر قىلدى. <<بىرلىشىش>> ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن ئۇ پېشىنى قېقىپ كېتىپ، يات ئەللەردە ئۈلۈپ كەتتى. ياۋايى، قارام، شەخسىيەتچى تۇڭگان چېرىكلىرىنىڭ كېيىنكى قىلمىش _ ئەتمىشلىرىنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپ قويۇش سەل ئادالەتسىزلىك بولار. شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچى يەنىلا شىڭسىسەي بولدى. 2008/10/20 13:30
7 koktash ياق، تۇران تەكىن ئەپەندى،
مەندە ماتېرىيال يوق. ھەممە ماتېرىيال كاللامدا!
2008/10/20 13:34
8 TuranTekin

  نەقىل:
7 - قەۋەتتىكى koktash 2008-10-20 13:34 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ياق، تۇران تەكىن ئەپەندى،
مەندە ماتېرىيال يوق. ھەممە ماتېرىيال كاللامدا!

كاللىڭىزدىكىنى مۇنبەردە دىگىلى بولمىسا، ئۇچۇر قىلىۋىتىڭە ئەمسە ..... بىلىپ قالايلى. بەلكىم بۇ ھەقتە ئىچكىرلەپ ئىزدىنىشلىرىمىزگە تۈرتكە بۇلۇپ قالار.
2008/10/20 13:41
9 koktash تۇڭگانلارنى ئەرەب، پارس ۋە باشقا ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ پۇشتى دېيىش نوپۇس جەھەتتىنلا توغرا كەلمەيدۇ!
بۇرۇنقى زامانلاردا، يىلدا قانچىلىك ئەرەب ياكى پارس جۇڭگوغا كېلىپ ئولتۇراقلىشار بولغىيتتى؟؟؟
لېكىن تۈركلەر، بولۇپمۇ خۇيخۇلارنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلىشىش سالمىقى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى زامانلارىدا خۇيخۇلار خەنزۇچە نەزمىلەرگە قوشۇلغان. لېكىن ئەرەب ياكى پارسلارنىڭ خەنزۇ شېئىرىلارغا جۇڭگو ئاھالىسى قاتارىدا نەزمىگە قوشۇلغان ياكى پۈتۈكلەرگە يېزىلغىنى يوقنىڭ ئورنىدا!
پەقەت دىن جەھەتتىكى يېقىنچىلىقنى دەپلا، ئۆز ئەجدادىنى مۇناسىۋەتسىز يىراق ئەللەردىن ئىزدەشنى تولىمۇ ئەخمىقانىلىق دەپ ويلايمەن.
2008/10/20 15:52
10 Qutghur

  نەقىل:
6 - قەۋەتتىكى qakmak126 2008-10-20 13:30 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ماجوڭيىڭ شىنجاڭغا كەلگەندە تېخى 21 ياشلىق بالا ئىدى. ئۇ ئەلەم جەھەتتە بەك تالانتلىق بولسىمۇ بىلىم ۋە نەزەر جەھەتتە ئۇنچىلىك يىراقنى كۆرەلىگىدەك ھالدا ئەمەس ئىدى. مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ناباپلىقىدىن نۇرغۇن خاتالىقلارنىمۇ سادىر قىلدى. <<بىرلىشىش>> ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن ئۇ پېشىنى قېقىپ كېتىپ، يات ئەللەردە ئۈلۈپ كەتتى. ياۋايى، قارام، شەخسىيەتچى تۇڭگان چېرىكلىرىنىڭ كېيىنكى قىلمىش _ ئەتمىشلىرىنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپ قويۇش سەل ئادالەتسىزلىك بولار. شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچى يەنىلا شىڭسىسەي بولدى.

  قەشقەردىكى فېۋرال قىرغىنىغا ماجوڭيىڭ رىياسەتچىلىك قىلمىغانما ؟
2008/10/20 16:01
 جەمئىي باھا 35  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009