|
ماقالە مەزمۇنى |
سەۋەنلىكمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟ |
يوللىغۇچى koktugh كۆرۈش 15516 يوللانغان ۋاقتى 2008/10/18 04:52 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
(ئىزاھات ؛تور ئارىلاۋېتىپ تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ يازمىنى كۈرۈپ قالدىم ئەھۋال راس شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ ...ئورتاقلىشىش يەنىمۇ تەتقىق قىلىش مەخسىدىدە ئايلاندۇرۇپ بۇيەرگە چاپلاپ قويسام بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى مىنى ئەيىپ ئەتمەس دەپ قارىدىم ھەم تەكرار يوللۇنۇپ قالغان بولسا باشقۇرغۇچىلار سەۋەنلىگىمنى ئەپۇ قىلىپ ئۇچۇرۋەتكەن بولساڭلار. يوللانما مەنبىئى؛[url]http://groups.yahoo.com/group/uygurlar/message/4418[/url]) ھەممىمىزگە مەلۇم ,قازاقلار تۇركىي قوۋمىدىكى ھازىرقى زامان مىللەتلەرنىڭ بىرى.بىز ۋە باشقا مىللەتلەر ئورتاق ھالدا <قازاق>نامىنى ئۇلارنىڭ ئوز ئاتىشى بىلەن ئوخشاشلا <قازاق>دەپ ئاتاپ كەلدۇق ھەم شۇنداق داۋام قىلىپ كەلىۋاتىمىز. بىر مىللەت نامىنىڭ قەدىمىي بولۇشىدىن ھەم تارىختا قانداق ئۇتۇقلارنى قازىنىشىدىن قەتىئى نەزەر ئوخشاشلا ئىلىم ساھاسىدە قەدىمكى قول يازما ياكى داۋام ئېتىلىپ كەلىنىۋاتقان ئەپسانىلەردىكى نامى ئارقىلىق ئەسلىي مىلللەت نامى بىلەن ھازىرقى مىللەت نامى بىرىكتۇرۇلۇپ ئاتىلىدۇ ئوخشاش نامدا ياكى شۇ نام قەدىمدىن بۇيان ساقلىنىپ كەلىنىۋاتقان بولسا ,شۇ مىللەت نامىنى ئەلبەتتە تارىخ ئىلمى ئاساسىدا ئوز ئەينى ئاتاش خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغانىدى . بىراق خېلى يىللاردىن بۇيان ,مىنى ئىلمىيسىزلىق ياكى باشقا سەۋەبتىنمىكىن قىيناپ كەلگەن بىر ئۇلانما مەسىلە زادىلا ئارامىمدا قويمىدى .شۇڭا بىلمىگەنلەر بىلىپ قالسۇن ,بىلگەنلەرگە تەكرار بولۇپ قالسۇن ,دىگەن نىيەت بىلەن ,بۇ كوڭۇل ئاغرىقىمنى سۇندۇم .بەلكىم ,بۇمۇ بىزنىڭ باشقىلارغا قانداق قارىشىمىز ھەم ئوزگىلەرنىڭ بىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىزدا,باشقىلارغا بولغان ئىچكى ھەسسىياتىمىزنى قانداق رەۋىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا پايدىسى بولۇپ قالار. خەلى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن گىڭشىمىن نامىدىكى <ئوگۇزنامە>داستانى خەنزۇچە(1980-يىل),ئۇيغۇرچە(1981-يىل),قازاقچە(1986-يىل) نەشىر قىلىنغانىدى.قازاق تىلى نەشرىدىكى مەتىنىدە<ئۇيغۇر >نامى بولسىمۇ,تەرجىمىسىدە قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى بويىچە<خۇيگۇ>دەپ ئېلىنغان ھەم كىتابچىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىگە <تۇركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى داستانى >دىگەن سوز بېرىلگەن.ھالبوكى شۇ داستاننى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن تەييارلىغۇچى گىڭشىمىن ئاپتورلىقىدىكى خەنزۇچە نەشىرىدە<قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى>دىيىلگەنىدى .كىىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى گىڭشىىمىن تەييارلىغان سوز بېشى ئورنىدىكى ماقالىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئاىت مەزمۇنلار پۇتۇنلەي دەگۇدەك قىسقارتىۋەتىلگەن ياكى <ئۇيغۇر >نامىنىڭ ئورنىغا <تۇركىي>نامى دەسسىتىلگەن ...شۇ ئىشلار ئوتكەن بۇ ئارىدىكى 20يىلدا يەنە قانداق ئويۇنلارنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى بىلمەيمەن ئەمما 2003-يىل نەشرى قىلىنغان <جۇڭگو تارىخى ماتىرىياللىرىدىكى قازاقلارغا ئاىت بايانلار(2)>ناملىق جۇڭگونىڭ مەشھۇر 24تارىخىدىكى قازاقلارغا ئاىت مەلۇماتلارنى كورۇۋېتىپ ,ئىلگىرىكى ئۇنتۇشقا تىرىشقان كوڭۇل ئاگرىقىم باشقىدىنلا كۇۋەجەپ كەتكەندەك بولدى .بۇ توپلامدىكى شەرقشۇناسلار,تۇركلوگلار,ئۇيغۇرشۇناسلار <ئۇيغۇر>دەپ ئاتاپ كەلىۋاتقان<كونا تاڭنامە>,<يىڭى تاڭنامە>,<تاڭ سۇلالىسىگە ئاىت مۇھىم بايانلار>,<كانۇنلار توپلىمى>دىكى <迴鹘 >نى <ئۇيغۇر >دەپ تەرجىمە قىلماستىن <قۇيغۇر>دەپ تەرجىمە قىلغانىدى . بۇ ھەققىدە كوپ سوزلىكىم يوق لىكىن بۇ ھەممىمىزنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن . نۇرۇزى مەن بۇ باياننى كورگەندىن كەيىن بەكمۇ خاپا بولدۇم ئەگەر قازاق تەرجىمان راستلا ئاشۇنداق دەپ كىتاپ مەزمۇنىنى خالىغانچە ئوزگەرتىپ تەشۋىق قىلغان بولسا ئۇ كىشى تۇركي قەرىنداشلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ نادان ۋە ئۇيغۇر قازاق ئىتتىپاقلىغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئىپلاس چوشقا قەرىندىشىمىز بولۇپ قالىدۇ,(بۇنداق بولىشىغا تازا ئىشەنمەيمەن)ئەگەر سۇيقەست ئارلاشقان بولسا ئەينى چاغدىكى گومىنداڭچىلارنىڭ ئويۇنىدىن ئىبارەت ھالاس! ئۇلار ھەرقانچە بولسىمۇ تارىخقا سەمىمىيەتسىزلىك قىلماسلىغى ،پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشى لازىم دەپ قارايمەن |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 50 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | arkim | كۆكنۇر ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلىۋەتتىم... ئەقلى بار قازاق زىيالىيلىرى نەگە كەتكەندۇ ھە؟! |
2008/10/18 22:58 | |||
2 | كۆكنۇر | ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بولسا كېرەك، بىر قازاق ساۋاقدىشىمىز مەخمۇد قەشقىرى ئەسلى قازاق، "مەخمۇد قەشقىرى " ئەمەس "مەھمۇد قاشقىرى" ، "قاشقىرى" دېگەن بۆرە دېگەن سۆز، دېۋىدى ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ كەتكەن ئىدۇق. كېيىنچە ناۋايىنىڭ "ئۆزبېك"، يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ "قىرغىز " ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. تۈركىي يىلتىزلىق مىللەتلەر بولغىنىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك، تۈركىي مىللەتلەردىن چىققان ئالىملارنى تالاشقىمىز كېلىپلا تۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن ئويلىساق بۇ بەك ئەيىپ ئىشمۇ ئەمەس، ئەمما تارىخ مۇنازىرىنى، تار مىللىي ھېسسىياتنى ئەمەس، دەلىل-پاكىتلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ ئىلمىيلىك ۋە چىنلىققا ئېرىشەلەيدۇ. قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەزى ئىشلاردىكى كەم ئەقىللىقىنى ئەيىپلىسەك بولىدۇ، ئەمما شۇنىڭلىق بىلەن پۈتكۈل بىر مىللەتنى كەمسىتىش ئاقىللىق ئەمەس، مەدەنىيەتلىك مىللەت ئەزالىرىنىڭ، ئورخۇن ئەھلىنىڭ قىلىقى ئەمەس. دوستانىلەرچە ئەسكەرتىش بېرەيلى، پاكىت قويۇپ تۇرۇپ، قاتتىق تەنقىد قىلايلى. ئەمما قېرىنداشلىرىمىزغا تىل سالمايلى. قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى، ئىلمىي نەزەردە قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
2008/10/18 23:03 | |||
3 | umud2 | يۇقىرىدا كۆكجال بۇرادەر ماڭا سۇئال تاشلاپ : سۇبىخەي ئەپەندى قاچان مۇئەللىمىڭگە شۇنداق دەپتۇ؟ دەپ قايناپ كىتىپتۇ . قېرىنداشلىرىم ، مەن شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونىۋېرسىتىتنىڭ تارىخ پاكۇلتىتىنى 2005-يىلى پۇتكۆزگەن . مۇئەللىم بۇ سۆزنى 2003-يىلى قىلغان . شۇ چاغدا ئۇ بىزگە سۇبىخەي ئەپەندى يازغان غەربى يۇرىتنىڭ تارىخ جۇغراپىيسى دىگەن كىتابنى دەرىسلىك قىلىپ ئۈتۈۋاتقان . بىزگە ئۇ سۆزنى قىلغان ئۇقۇتقۇچۇم شىنجاڭدا تارىخ ساھەسىدە خېلى نۇپۇزى بار . ئۆز مىللىتى ۋە تارىخىغا سادىق ئادەم ئىدى . ئۇنىڭ شەخسى پەزىلىتى ۋە بىلىم - ئىستىداتىدىن قارىغاندىمۇ ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ . ناۋادا توردا بار بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ كىم ھەققىدە سۆز قىلۋاتقانلىقىمنى تامامەن بىلىدۇ . ھالبۇكى مەن ئۇستازىمنىڭ نامىنى تور يۈزىدە ئاشكارىلىمايمەن. مەن ئەينى چاغدا بۇنىڭغا قىزىقىپ قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى دىگەن كىتابىنى سىفەن داشۈېنىڭ ئالدىدىكى كۇنا كىتاب يايمىسىدن سېتىۋالغان. ئەمما ھازىرغىچە ئوقۇش ئىمكانىيتىم بولمىدى . مەن قازاق قېرىنداشلارنىڭ تارىخىنى بىلمەيمەن . شۇ ۋەجىدىن ئولار ھەققىدە تارىخ يازسام خاتالىشىشتىن ساقلىنالمايمەن . ئەلۋەتتە كىشى ئۆزى مەنسۇپ بولمىغان قۇۋمنىڭ تارىخىنى يازغاندا ئۇنداق - مۇنداق خاتالىقتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ . مەن سۇبىخەي ئەپەندىمنىڭ شىنجاڭدىلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدە نۇپۇزى بار ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىگىنى كۆكجال بۇرادەردىن ياخشى بىلىمەن.تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق . مەن قاچانىكى قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى دىگەن كىتابىنى تولۇق ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆز كۆز - قارىشىمنى ئادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيىمەن . مۇھتىرەم تۇرداشلار ، شۇنىڭغىچە سەۋىر قىلغايسىزلەر ياكى خەنزۇچە سەۋىيەڭلار يۇقىرراق تورداشلار قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ كۆرگەيسىزلەر . ناۋادا مەن خاتالاشقان بولسام ، خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرگەيسىلەر ، مەن تەن ئالىمەن . چۈنكى مەن ئۈگەنگۈچى . | 2008/10/18 23:32 | |||
4 | selim | Re:سەۋەنلىكمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟
قازاقلارنى نېمە دەپ قارىلاپتۇ . قاراپ بېقىپ سۆزلە . " خۇيگۇ " دەپ يازغىنى ئەسلى بويىچە بولسا ، " تۇركىي " دەپ يازغىنىنى قانداق چۈشەندۈرىسەن ، ئۇمۇ ئەسلى نۇسخىدىكى گەپما ؟ خاتالىقمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟ ئۆزەڭ بىر لىللا گەپ قىپ باقە قېنى ! فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەخمەت يەسەۋىنىڭ گېپىنى يەنە بۇ يەردە سۆرەپ يۈرىسەن . ئۇلارنى قازاق دىسەڭ ، ئۆتكەنكى تېىمدا تارىم دادخاھ ئەخمەت يەسەۋىنىڭ قىپچاق شىۋىسىدە يازغان شېئىرى بولسا مۇنبەرگە ياز دېسە جىم بولىۋالىسەن ، ئەمدى يەنە بۇ گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپسەن . پاكىت كەلتۈرىمەن دىسەڭ ھە دىسە سۇبىخەي دېمەي . مەخمۇت قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،جامال قارشى ، مىرزا ھەيدەر ، ئەخمەت يەسەۋى قاتارلىق شۇ زامانلاردا ياشىغان ئالىملارنىڭ يازمىلىرىدىن پاكىت كەلتۈر . سەنچە ئۇ سۇبىخەي ئۇلاردىنمۇ يۇقۇرى تۇرامدا . ھە يۇقۇرىدىكى ئالىملارنى قازاق دەپ تالىشىسەن يا ئۇلارنىڭ يازغان بىرەر نەرسىسىنى كەلتۈرەلمەيسەن ، يەنە تېخىچە ئۆزەڭچە خاپا بوپ كېتىدىكەنسەن . يۇقۇرىدىكى ئالىملارنىڭ يازمىسىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ ئاندىن خاپا بولساڭ يارىشىدۇ . ئاغزىڭغا كەلگەننى جۆيلۈپ رەددىيە بەرسە جىم بولىۋالىسەن ، پاكىت كۆرسەت دېگەندە بېشىڭنى ئىچڭگە تىقىۋالىسەن ، ئۇنداق قىلماي ، باشتىن ئاخىر ئوغۇل بالىدەك تۇر . ئۆتكەندىمۇ " بىزلەر 8 - ئەسىردە ئىسلام دىنىغا كىرگەندە سەنلەر قەيەردىتىڭ " دېگەن سەنغۇ ؟ ئۇ گېپىىڭگىمۇ ئېگە بولالماي غىپپىدە يوقىغانغۇ سەن ؟ |
2008/10/18 23:45 | |||
5 | uznar | :سەۋەنلىكمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟
توغرا دەيسىز بۇ ھەقىقەتەن سەل قارايدىغان ئىش ئەمەسكەن،بىز تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۇرمىلىنىشىغا كۆز ئېچىپ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ! |
2008/10/19 00:09 | |||
6 | تاگتاش | Re:سەۋەنلىكمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟ (4) ھەقىقەت بۇرمىلانغان، پاكىت ئويدۇرۇلغان، ياسالما تۈس ئالغان مەزمۇنلار؛ (5) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار؛ (6) مەقسەتلىك ھالدا ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان مەزمۇنلار؛ تالاش-تارتىش قىلىشتا يۇقىردىكى ئورخۇننىڭ قائيدە-نىزاملىرىدىكى مەزمۇنلارغا قىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ |
2008/10/19 12:50 | |||
7 | تورپاق | ئۈمىدىم مىللەتنى كەمسىتىدىغان سۆزلەر بولۇنمىسا، تارىختىن بۇيان نۇرغۇن مىللەتلەر دەۋران سۈردى، كېيىن خار بولدى، بەزىلىرى مەڭگۈلۈك غايىپ بولدى، خار بولغان مىللەتلەر دەۋران سۈردى، تارىخ مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. كەلگۈسى يەنە قانداق بولىدۇ، بۇنى ئۇلۇغ خۇدايىم بىلىدۇ. نېگىزلىك گەپنى قىلغاندا بىر ئۇيغۇر بىلەن بىر قازاق بىر يەردە تۇرۇپ قالسا، بۇرۇن ئەزەلدىن بىر بىرىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەركىم ئۆز تىلى بىلەن سۆز قىلسا، بىلگىلى، خۇددى قېرىنداشلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندەك پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. نېمىشقا ئەمدى قازاق قېرىنداشلار بىزلەرنى كەمسىتىسىلەر، بىزمۇ ھەم دوستلار قازاق قېرىنداشلارنى تىللىمايلى. ئەسلى بىر يىلتىزنىڭ شاخلىرى ئىدۇق. ئەمدى نىمە بولدۇق... مەن ئەمەلىي تۇرمۇشتا ماڭا قازاقلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، خىزمەتتە قازاقلار ئۇچراپ قالسا، خۇددى تۇغقىنىم كەلگەندەك ياردەملەرنى قىلىپ كېتىمەن. مەنغۇ ھازىرچە ياردەم سوراپ قازاق قېرىنداشلارغا ئۇچراپ باقمىدىم، لېكىن ئەمەلىيەتتە قازاقلارغا تەسراتىم ياخشى ئىدى، لېكىن بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، مۇشۇ مۇنبەردە بەزى قازاق دوستلارنى ئادەمنى نارازى قىلىدىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ باشقىچە بولۇپ قالدىم. مۇنبەر باشقۇرغۇچى مۇمكىن بولسا ئاشۇنداق زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۆزلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولسا بەك خۇش بولغان بولاتتىم. ئاۋۇ <كۆچمەنلەر> دېگەن كىنو بەك پەيزىكەن، چۈشۈرۈش ئادرېسى بارمۇ؟ قازاقسىتاننىڭ كىنو ئىشلەش سەۋىيىسى يۇقىرىكەن جۇمۇ، بىزدىكى كىنو تەرجىمە قىلىدىغانلار نەدىكى ھىندىستاننىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ بەزىبىر ناچار كىنولىرىنى تەرجىمە قىلماي، مۇشۇنداق كىنولارنى تەرجىمە قىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. قازاقچىنى بىلمىگەن بولغاچقا، گەپلەرنى ئانچە چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، لېكىن ماڭا بەك يارىدى. |
2008/10/19 21:48 | |||
8 | Qutghur | تەگتاش : "مويۇنچۇر راستىنلا ئۇيغۇرمۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن << مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى >>دىن دەلىل ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ . << ئون ئۇيغۇر ، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ ... >> << مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى >>دىن " ============================================================== مۇيۇنچۇر راستلا ئۇيغۇرمۇ ؟ " ئون ئۇيغۇر ، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ ... >> " بۇنى چۈشىنەلمىدىڭىزغۇ دەيمەن ؟! 漠北回鹘汗国 贞观元年(627),回鹘酋长菩萨与薛延陀、拔野古等共同起兵反抗东突厥的统治。突厥颉利可汗派遣其侄欲谷设率领十万骑兵讨伐之。菩萨指挥五千骑兵在马鬃山大破突厥军队,欲谷设逃走。菩萨追至天山,俘虏了大量突厥部众,回鹘声威由此大振。菩萨遂以“活颉利发”为称号,树牙独乐水(土拉河)上。贞观三年(629),菩萨始遣使入唐朝贡,献方物。第二年,东突厥汗国灭亡,回鹘与薛延陀二部遂长漠北。 菩萨死后,酋长胡禄俟利发吐迷度继位。当时,薛延陀多弥可汗十分暴虐,诛杀了许多臣民,造成诸部离乱。贞观二十年(646)夏六月,吐迷度联合仆固、同罗等部进攻薛延陀,唐太宗遣使萧嗣业至该部,与其联兵,击败了薛延陀,杀多弥可汗。回鹘尽据其地,称雄漠北。从此,东部铁勒诸部便都被称为回纥/回鹘了。 唐朝平定了薛延陀之后,回鹘、契苾、仆固等十三部相继归附唐朝。唐太宗亲到灵州(今宁夏回族自治区灵武南)、泾阳(今甘肃平凉)迎接。唐于薛延陀、回鹘部牧地设置六府七州,以诸部首领为都督、刺史、长史、司马等职。贞观二十一年(647)正月,唐在回鹘辖域设瀚海都督府,隶属于燕然都护府,拜吐迷度为怀化大将军、瀚海都督。这时吐迷度已暗中自称可汗,仿照突厥旧制设外宰相六、内宰相三,以及都督、将军、司马等, 建立了半独立的地方性政权。 翌年,吐迷度被其侄乌纥杀死。乌纥图谋率领回鹘部众归附突厥乙注车鼻可汗,被唐朝燕然都护元礼臣诱杀。唐太宗为免回鹘诸部再遭离散,特遣兵部尚书崔敦礼前往安抚,以吐迷度子婆闰为左骁卫大将军、瀚海都督。永徽二年(651),西突厥阿史那贺鲁向唐发难,攻破北庭(治所在新疆吉木萨尔北破城子)。婆闰率骑兵五万,协助唐将梁建方、契苾何力等击破之,并收复了失地。显庆二年(657)再随燕然都护任雅相等讨阿史那贺鲁,以功升右卫大将军。龙朔元年(661),回鹘部内发生比粟毒之乱,一反吐迷度与唐友好的政策,联合同罗、仆固等侵扰唐朝边境,被唐击败。其后,唐将燕然都护府迁至回鹘地,改名瀚海都护府;将原来的瀚海都督府迁至古云中城,更名为云中都护府。以碛(戈壁)为界,碛北诸州府皆隶属瀚海都护府;碛南诸州则隶云中都护府统辖。这些措施加强了回鹘在漠北的势力,同时也巩固了唐朝在回鹘部的统治地位。漠北由此得以在较长时间相对安定。 垂拱元年(685),仆固、同罗诸部联合反叛,进攻回鹘。唐朝发兵平定之。长寿二年(693),突厥默啜可汗大举北征,攻破回鹘,回鹘分裂为两部。一支由独解支统领南徙甘、凉,被拜为赤水军使,佐唐戍边;另一支留于漠北者则役属于突厥。开元四年(716),唐军北伐默啜,赤水军回鹘从征,漠北回鹘也起兵响应,最后将突厥默啜可汗斩杀于柳林。第二年突厥复兴,漠北回鹘南徙横野军,成为横野军四部之一。后又徙至中受降城一带。这样,回鹘便被分成了三支。直到开元十七年(729)这三支回鹘才得以统一,为后来击破后突厥汗国,代主漠北奠定了基础。 开元二十二年(734),后突厥首领毗伽可汗病亡,部内大乱。正在这个时候,回鹘、拔悉密、葛逻禄等部日渐活跃。天宝元年(742),回鹘酋长骨力裴罗与拔悉密、葛逻禄酋长合力斩突厥可汗,立拔悉密首领为颉迭伊施可汗,骨力裴罗与葛逻禄首领自称左右叶护。接着,突厥又立新可汗,号乌苏米施可汗。三部派兵追击,于天宝三年(744)击杀之。同年,骨力裴罗杀拔悉颉迭伊施可汗,自称骨咄禄毗伽可汗,建牙帐于乌德鞬山(今鄂尔浑河上游杭爱山之北山)。唐朝封他为奉义王,稍后又封他为奉义可汗,至此,雄强一时的漠北回鹘汗国正式建立。 回鹘汗国的官制有两个体系,其一,继承突厥旧制,最高统治者称可汗,可汗下设特勤、匐、叶护、梅禄、俟斤、颉利发、达干、设(杀)等,都是世袭的,没有定员。其二,采用唐朝官制,有内宰相三人,外宰相六人,有都督、刺史、将军、长史、司马等官。 汗国极盛时,东役奚、契丹,北役九姓,西接黠戛斯(即今新疆柯尔克孜族和中亚吉尔吉斯人的祖先),南邻唐,尽有东突厥汗国故地。与唐结为政治联盟,于762年出兵助唐收复长安、洛阳等地,为平定安史之乱立下了汗马功劳,唐朝遂先后嫁宁国、咸安、太和诸位公主于回鹘可汗,以结和亲。自骨力裴罗始,历代回鹘可汗都接受唐朝的册封。 ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى 744-يىلى دەپ بىكىتىش پەقەت كېيىنكى "ئىھتىياتچان ،مەسئۇلىيەتچان" تارىخچىلارنىڭ تۆھپىسى خالاس . بىز ئەفراسىياپ ئەۋلادلىرىنىڭ سەلتەنىتى ھىچقاچان ئۇزۇلۇپ قالماي داۋاملاشقان ،1923-يىلىدىكى ئوسمانلى خەلىپىلىرىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئەفراسىياپ تەخت ۋارسلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى ئاخىرلاشقان ۋاقىت دەپ قارايمىز . |
2008/10/21 12:14 | |||
9 | mavlan | مىنىڭ ئىنكاسلىرىم ۋە سوئاللىرىم جاۋاپ سىز قالغاندا ۋەياكى بەزىلەر جاۋاپ بىرەلمىگەندە ھەم جاۋاپ بىرشكە ئامالسىز قالغاندا ،چوقوم باشقا يولنى تاللاپ ،قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ،بەئەينى تەنبەرمىگەندەك تىما مەزمۇنلىرىنى 180گىرادۇس بۇراپ قىيىنچىلىقلاردىن ئوڭوشلوق ئۆتمەكتە. ئىي بىلىمدار ئىنسان قايسى قەۋىمدە ئىللەت يوق؟ "ئەسلى نەسلىدىن تانغاننى ئەر دىمە" ئورخون ئەھلى قورسىقى كەڭ بولغاچقا ، بارلىق تۇرىكىنى ئۆزخەلقىم ۋە قىرىندىشىم دىگەچكە ، بارچە خورلۇقلارغا چىداپ كەلمەكتە . كىم كىمنى كەمسىتتى دىسە ،ئۆزىدىن باشقا قىرىداشلىرىنى " سار ئىت ۋە قوڭۇر "دەپ ئاتغانلارنى دىسە يارىشىدۇ . يۇزكۆزنىنى قارامايدا بويۋىلىپلا قارا تەنلىك بولغىلى بولمايدۇ . سۆزلىسەم سۆزلىگىم كىلىپ تۇرىدۇ ،"ئىشتانغا چىققان ،كۆلگەتايىن "دىگەندەك بىردەم پەيدا بولۇپ تەسكەلسە يوقاپ كىتىپ، بىردە ئىتپاقلىقنى سۆزلەپ ، بىردەمدىلا ئىككى بىسلق بولۇپ . سۆز ئىغىزدا ۋاقتىدا سۆزنى ئادەم باشقۇرىدۇ ،ئىغىزدىن چىقاندىن كىيىن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. تاگتاش بىلىپ قىلڭكى مەن جەنوبى جوڭگودا تۇغۇلۇپ 26يىل ۋاقتىم شۇيەردە ئۆتتى ،غازباينىڭ ۋەياكىkokjal گىپى بويىچە مىنى قايسى مىللەتكە بۆلىسىلەر ؟ جەنوبىى جوڭگودكى ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ تۇركى مىلەتلىرىگە ئوخشاش بىر-بىرگە قىرىداش مىلەتلەر ئىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىتپاقلىقى ئادەمنى سۆيۇندردۇ. مەن ئەزەلدىن ئۇيغۇر ياكى تۇرىك بولۇپ تۇغۇلغنىمدىن پۇشايمان قىلغىنىم يوق ، ئەكىسچە پەخرلىنىمەن . ھەر رەت مەن تۇرىك دىسەم بىپايان دالادا قىلچ ئۇيناتقان بۇۋام يادىمغا كىلدۇ. مۇشۇ خەتلەرنى قانچىلىك تەستە يىزۋاتقىنمنى بىلەمسلەر ؟ قازاقچىنىمۇ ئۇقوشنى ئۈگەندىم نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز ؟ بىراق قازاق مۇنبەرلىرىدىن كۆڭلۆم سۇئىچمىدى مىرزا !!! |
2008/10/21 12:25 | |||
10 | palwan | Re:سەۋەنلىكمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟ يولداش كۆكنۇر توغرا ئېيتىدۇ، ھەممە ئىشتا سوغاق قان بولايلى يولداشلار. <<ئىككى قاغا پوخ تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا>> تالاشمايلى، پاكىت ھەممىنى يېڭىدۇغۇ ئاخىر. لېكىنزە ياخشى نەرسىلەر بولسا تالاشقىلى ھەجەپ ئامراق ھە؟ ئادەم دىگەن نەرسە. ماقۇل ھازىرچە نىمە بولسا بولۇپ تۇرسۇن، كېيىن بىر چاغلاردا يەنە نىمە بولۇپ چىقىدۇ قېنى كۆرۇپ باقمامدۇق.بىر چاغلاردىكى دوسلار، بىر چاغلاردا سىنىپىي دۇشمەنگە ئايلاندى. بىر چاغلاردىكى<<باسقۇنچى>>، <<بولاڭچىلار>>دوسلارغا، ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئايلاندى. ئالدىرمىسا كۆرىدۇ ئۆلمىگىنى، كۆرمىگەننى كۆرۇدۇ ئۇلگۇرگىنى. جاھان ئۈزۇن يولداشلار، خاپىچىلىق ئۆمۇرىڭىزگە ئىكەك.ھايات قېلىپ غەلبە مىۋىسىنى تېتىش، غەلبىلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ غەلبە. لېكىن ئۇنىڭ لەززىتى غەلبە ئۇچۇن كۆرەشتە تاۋلانغانلارغا تاتلىق، چەتتە تۈرۈپ تەييارغا ھەييار بولغانلارغا چۇچۇمەل، خائىنلارغا ئوغا،زەھەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. |
2008/10/21 16:15 | |||
جەمئىي باھا 50 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|