|
ماقالە مەزمۇنى |
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاچقۇچىن... |
يوللىغۇچى kariz كۆرۈش 6425 يوللانغان ۋاقتى 2008/10/12 18:00 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
دۇنيا مەھمۇت قەشقىرى يىلى (2008) نى خاتىرىلەيمىز. «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاچقۇچىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىزنى قارىشى ئالىمىز. بۇ يۇمشاق دېتال دىۋانغا دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سۆز ئىزدەش مەشغۇلاتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. مەزكۇر سىستېما دىۋاندىن ئۇيغۇرچە ۋە ترانسىكرىپىسىيە بويىچە قوش يۆنىلىشلىك سۆز ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە. سۆزلۈكلەر 11 تۈرگە ئايرىلغان، «تۈركى تىللار دىۋانى» غا دائىر كىتاب ماقالىلەر كاتالوگى بېرىلگەن. 1981- نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە «تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى دۇنيا خەرىتىسى سۈرىتى ئايرىم بېرىلگەن. سۆزلۈكلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ۋە قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلۇشى، لۇغەتتىكى ئورنى بېرىلگەن. «دىۋان» ئاچقۇچىنىڭ مەزمۇنى يېڭىلىنىپ، ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ. تارقىتىشقا پەقەت www.karizim.cn دى چۈشۈرۈشۈش بېرىلگەن باشقا تور بەتلىرىنىڭ ئىجازەتسىز چۈشۈتۈش ماتورىغا قۇيۇشىغا روخسەت يوق.بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز دېتال بولۇپ ھەقلىق قىلىشقا بولمايدۇ. www.karizim.cn مۇنازىرە مۇنبىرى بولمىغاچ ئەزا بولۇش، ئىنكاس قايتۇرش... قاتارلىق ئېغىزلىرى ئېتىۋىتىلدى، پىكىر تەلەپلەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە بەرگەيسىز. «دىۋان» ئاچقۇچىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.karizim.cn/html/2008-09/116.html 1.«دىۋان» ئاچقۇچىنىڭ ئېچىلىش كۆرۈنۈشى: 2.«دىۋان» ئاچقۇچىنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا سۆز ئىزدەش كۆرۈنۈشى: 3.«دىۋان» ئاچقۇچىنىڭ ULY دا سۆز ئىزدەش كۆرۈنۈشى: 4.«دىۋان» ئاچقۇچىدىكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئاخىرى چىقمىغاندا: 5. «دىۋان» ئاچقۇچىنىڭ تۈرلەر بويىچە سۆز ئىزدەش كۆرۈنۈشى: 6. «دىۋان» ئاچقۇچىنىڭ ئاخىرلىشىش كۆرۈنۈشى «تۈركى تىللار دىۋان» ىنىڭ PDFنۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن چۈشۈرۈڭ: http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=66&extra=page%3D1 /BBS/read.php?tid=416 |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 41 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | TuranTekin | ئاپىرىن kariz ئەپەندى، شۇ تاپتا نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن .......................... | 2008/10/12 19:38 | |||
2 | Ulughbek | خۇددى دەيدىغان گەپ قالمىغاندەك،ئورخۇندا ئۇششاق سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ماۋۇ يازما، يۈرەك تارلىرىمنى تىترىتىپ ئۆتتى....... كۆپ تەشەككۈر! سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز قەدىرلەنگۈسى ،ئۇلۇغلانغۇسى! |
2008/10/12 20:29 | |||
3 | kariz | «دىۋان» نىڭ كېيىنكى نەشرىگە پىكىر تەلەپلەر بولسا كۆپلەپ بەرگەيسىزلەر. ئىندىكىسى تۇرغۇزۇشتا يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىمكان قەدەر ئاسان قۇلاي قىلايلى! | 2008/10/12 21:13 | |||
4 | barhan | گەرچە كومپىيوتېر ساۋاتسىزلىقىمدىن <<دىۋان>>ئاچقۇچىنى قاچىلىيالمىغان بولساممۇ ( ئەتە-ئۆگۈن ئوغلۇم قاچىلاپ بېرەر)ئۇرخۇن تورى ھەۋەسكارلىرى نامىدىن يەنىلا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمىدىم. كارىز ئەپەندى تورىڭىزغا كىرىپ سەھىپىلەرگە بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقتىم، ھەقىقەتەن ئىجتىھاتلىق ياشكەنسىز. ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تورمائارىپى دىيىشكە بولىدۇ. تورىڭىزغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ ئازقىسمى سىزنىڭ ئۇستازىڭىز بولسا، كۆپ قىسمى سىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىڭىز بولىدۇ. سىز مەزكۇر تورىڭىزنىڭ ساھىپخانى، ئىشتىراكچىلار مېھمان. ئەگەر <<سەمىمىيەت قەلىپ قەسرىنىڭ ئاچقۇچى>>ئىدىيىسىدە بولسىڭىزلا مېھمانلار ئالدىدا ساھىپخاننىڭ ئوڭ قولى ھەرۋاقىت كۆكسىدە تۇرىشى كېرەك. ئىلمى مۇنازىرلەردە << ھۆرمەت شارابى >>نى ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ بىلسىڭىزلا ھەقىقى ئۇستاز سۈپىتىدە، بىز تەشنا بولىۋاتقان روھى بىرلىك دەرۋازىسىنى ئاچالايسىز. تورىڭىزغا ئەسەر يوللاشنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويغان بوسىڭىز بوپتىكەن. |
2008/10/13 00:52 | |||
5 | niyazdixan | ھۆرمىتى زىيادە kariz ئەپەندى قالتىس شەرەپلىك ئىشتىن بىرنى ئورۇنداپسىز ! سىزگە كۆپتىن - كۆپ رەخمەت ! قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي ! ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() |
2008/10/13 01:12 | |||
6 | anatil | ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() بۇ ئاچقۇچنى ئىشلەشكە كۈچ چىقارغان ھەممىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئەجىرىڭلار يەردە قالمىغاي. بۇنداق ئاچقۇچ خېلى بورۇنلا ئىشلىنىشى كېرەك ئېدى. مەن بىزدە ھازىرغىچە مۇشۇنداق ئاچقۇچنىڭ ئىشلەنمىگىنىگە ھەيران قالغان،ھەتتا ئۆزۈم ئىشلىمەكچىمۇ بولغان، كېين باشىقىلار ئىشلىگەن بولسىمۇ ئۇنداق-مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن نەشىر قىلنمىغىنىنى ئاڭلىغان. تا ھازىرغىچە تۈركچە ئىندىكىسنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتىم. بۇ ئۇيغۇرچىسى تېخىمۇ قولايىلق بوپتۇ. |
2008/10/13 07:49 | |||
7 | nakis | كاتتا ئىش قىلدىڭىز كارىز ئەپەندى. ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() |
2008/10/13 10:40 | |||
8 | Qutghur | ھۆرمەتلىك kariz بۇرادەرگە رەھمەت !ئەمدى دىۋاندىن پايدىلىنىش ئاسان بولۇپ كەتتى ![]() ئاچقۇچنى چۈشۈرىۋالدىم ،مۇنۇسى< بۇ يەرنى بېسىپ «Microsoft.NET Framework v2.0.exe» نى چۈشۈرۈڭ> نىمىكىن ؟بىلەلمىدىما ، |
2008/10/13 11:26 | |||
9 | TuranTekin |
بۇ توغۇرلۇق مەنمۇ kariz ئەپەندىگە ئۇچۇر قىلغان ئىدىم. ئۇ "Microsoft.NET Framework v2.0.exe نى قوشمايلى دىگەن بىراق، كېيىنكى تۇلۇق نۇسخۇسى بەك چوڭ بۇلۇپ كىتىدىكەن، شۇڭا ئامال يوق مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدى" دىگەن ئۇچۇرنى بەردى. |
2008/10/13 13:05 | |||
10 | zirek | ئۇلۇغ كۈن ئۇلۇغ يىللاردا ئاجايىپ خۇشاللىنارلىق، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشلار، خەۋەرلەر بارغانسىرى ئختىرا بولۇشقا باشلىدى-دېسە... | 2008/10/13 13:09 | |||
جەمئىي باھا 41 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|