يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
قازاق تارىخ ئىلىپەسى!!
يوللىغۇچى mavlan   كۆرۈش 7192   يوللانغان ۋاقتى 2008/10/11 01:44  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
1456 -يىلى قازاق خانلىقى قۇرۇلدى .
ئەلنى باشلىغان كىرەي خان بىلەن جانبىك خان خۋە،تالاس تەرەپكە كەلدى.
1456-1470يىلى ئەتراپىدا كىرەي خان خانلىق تەختىدە ئولتۇدى.
1460-يىلى كىرەي خان بىلەن جانبىك خان، موغۇلستان خانى ئىسەن بۇقابىلەن بىرلشىپ(ئويرات)قەبىلىرىنى  يەڭدى.
1470-يىلى كىرەي خان سىر دەريا بويغا قايتىپ كەلدى،تۇركىستاننڭ ئاز بىر قىسىم يەرلىرى كىرەي خانغا قوشولدى.
1471-1480يىلى ئەتراپىدا جانىبك خانلىق تەختىدە ئولتوردى ،سىر دەريا بۇيدا قانلىق جەڭلەر بولدى .
1480-1510يىلى بۆرىندق خان تەختتە ئولتوردى،سىر دەريا بۇيدا قانلىق جەڭلەر بولدى،تۇركىستان قان دىڭىزغا ئايلاندى.
1486-يىلى قازاقلار شايبانخاننى  خارەزمىگە قىستاپ ئاپارىلدى.
1491-يىلى  قازاقلار ئۇرۇشتا مۇڭغۇلارنى يەڭدى .
1510-يىلى قاسىم سۇلتان قىسقا ئۇرۇشتا شايبانىخاننى بىر يولدىلا يەڭدى ،تۇركىستان قازاق خانىغا قارىدى.
1511-1522يىلى قاسىم خان تەخىتتە ئولتوردى.بۇ چاغدا قازاق خەلىقىنىڭ سانى 1مىليۇندىن ئاشتى .
1512-يىلى قاسىمخان سايرامنى قامال قىلدى ،تاشكەنىتكە سىپىل ياسىدى .
1521-1522-يىلى مومىش خان تەخىتتە ئولتوردى.
1523-1533يىلى تايىر خان تەخىتتە ئولتوردى.
1533-1537 -تو ېم خان تەخىتتە ئولتوردى.
1537-1559-يىلى بۇيداش خان تەخىتتە ئولتوردى.
1559-يىلى قازاق ئوردىسى بۇقار خان تەرىپىدىن  ئشخال قىلىندى،بۇيداشخان قەتلى قىلىندى.
1560-يىلى خاق-نازەر خان تەخىتتە ئولتوردى.
1579-يىلى خاق-نازەر خان  تۇركىستانغا يۇرۇش قىلدى ،بىر قىسىم يەرلىرنى ئالدى.
1580يىلى خاق-نازەر خان  شىيت بۇلدى.
1580-1582-يىلى شاي خان تەخىتتە ئولتوردى.
1582-يىلى تەۋكەل سۇلتان تۇركىستانىڭ تۆۋىنىدە تاسكەنىت ۋىلايىتىنىڭ سۇلتانى  بابا سۇلتاننى يەڭدى.
1586-يىلى تەكەل خان تەخىتتە ئولتوردى. ماۋائۇننەھىرگە يۇرۇش قىلدى.
1598 -يىلى تەۋكەلخان تاشكەنىت تۆۋىنىدە ئابدۇللا خان كۈچلىرىنى يەڭدى.
1598-يىلى تەۋكەلخان شىيت بۇلدى.
1598-يىلى كۇز بۇقار-قازاق بىتمى تۇزۇلدى،نەتىجىدە تاشكەنىت ۋىلايىت قايتا قازاق خانغا تەۋە بۇلدى.
1598-1543يىلى ئاسىم خان تەخىتتە ئولتوردى. -1599يىلي ئوردىنى تۇركىستانغا كۆچۆردى.
1604يىلى خان ئويراتلارنى يەڭدى.
1613-يىلى خان سەمەرقەنىت  ئەتراپىدا  بۇقار-ئاۋغان قوشونىنى يەڭدى.
1624يىلى ئاسىم خان  فەرغانىدىكى ئۇرۇشتا بۇقار -قازاق ئۇرۇشىنى ئاخرلاشتۇردى.
1627 -يىلى سايرام تۇۋىدە ئاسىم خان  بىلەن تۇسۇن خان ئۇرۇشتى ،تۇرسۇن خان يىڭلپ تاشكەنىتكە قاچتى.ئاسىمخان تاشكەنىتە تۇرسۇنخاننى قەتلى قىلدى.
1643يىلىئاسىم خان ئالەمدىن ئۆتتى .
1643-1652 جاھانگىر سۇلتان تەخىتتە ئولتوردى.
1644-يىلى كەڭ كۆلەمدە قازاق مۇڭغۇل ئۇرۇشى باشلاندى .
1680-1715-يىلى ئاز-تەۋكە خان تەخىتتە ئولتوردى.
1713. ئابىلاي خان تۇغۇلدى.
1715-1718-يىلى قايىب خان تەخىتتە ئولتوردى.
1718-1729-يىلى پۇلات خان تەخىتتە ئولتوردى.

ئاخىرى بارئىدى . ئاخرىنى غازباي يولىغاي!!!! 

مەنبە :ئەزمەتلەر سۆھبىتى http://www.kzazamat.com/bbs/view ... &extra=page%3D1

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 62   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Awral قىنى غازباي،  ئەندى سىزنىڭ تازا بىر سۆزلەيدىغان پۇرسىتىڭىز كەلدى  . ئاتا - بۇۋىلىرىزنىڭ تارىخىنى بىر چۈشەندۈرمەمسىز . 2008/10/11 15:07
2 mavlan 1460-يىلى كىرەي خان ، موغۇلستان خانى ئىسەن بۇقانى ئۆلتۆرۇپ،قالماق(ئويرات)قەبىلىرىنى   يەڭدى.
.......[/quote]

كەڭ تورداشلارنىڭ  كەچۇرۋۇتىشىنى سۇرايمەن،ئازراق تەرجمە خاتالقى بۇلۇپ قاپتۇ،ئەسلى مۇنداق :"
1460-يىلى كىرەي خان ، موغۇلستان خانى ئىسەن بۇقابىلەن بىرلشىپ ،قالماق(ئويرات)قەبىلىرىنى  يەڭدى.
2008/10/11 15:53
3 hazebay قازاق مىللىتى 3 مىڭ يىللىق تاريىقا ئگە قەدىمكى مىللەت.  ال بۇ ديگىنىڭىز 15- 19 - ئەسىردىكى كىېنكى قازاق خاندىلىغىن تونۇشۇتۇرىپ ئوتۇپسىزلا، بولدىۇ، بۇمۇ ياخشى ماتىريال ىكەن. تۇركى مىللەتەر ىچىدە يەر زىمىنى ەڭ كۆپ، تاريخى ۇزۇن، مادىنيەتى ىلغارلىغى بىلەن دۇنياغا تونىلغان  بۇيۇك مىللەت قازاق مىللەتى. تىما ىگىسىگە كۆپ رەخىمەت! 2008/10/11 15:56
4 mavlan غازباي ئالدىرماڭ ،بىز گە شۇ 3000يىللق تارىخنى مەن بازغاندەك ،يىل نامىلەر بىلەن تەپسىلى يىز ۋتىڭە ئىغىر كۆرمەي ،كەڭ ئورخون ئەھلىنىڭ كۆزىنى ئىچىپ قويوڭ غازباي مىرزا،قانداق !!!!!! قىلالامسىز !!! سىز چوقوم قىلالايسز !! مەن ئىشىنىمەن مىزا، 2008/10/11 16:10
5 hazebay ماۋلان ئەپەندىم:
قازاق تاريخىن بىلگىڭىز كەلسە << قازاقستان تاريخىن >> يا بولمىسا << ئوتتۇرا ئاسيا تاريخىن>> ونى تابا الماساڭىز خەنزۋچە سۋبيخەي ئەپەندىمنىڭ << قازاق مادىنيەت تەريىخىن >> تاۋىپ وقىڭىز!!!
2008/10/11 16:15
6 mavlan كەچۇرۇڭ مىرزا !!! مەن تازا تومپايراق  ،سۋبيخەي ئەپەندىمنىڭ << قازاق مادىنيەت تەريىخىن >><< قازاقستان تاريخىن >> << ئوتتۇرا ئاسيا تاريخىن>>  دىگەن كىتاپنىڭ قەيەرلىرىنى ئوقويمەن ،قايسى سەخپىسى ،قايسى مەزمۇن ، قانچىنچى بەتلىرىنى ئوقويمەن  ، قىمەتلىك ۋاقتىڭىز ياربەرسە ،شۇكىتاپلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى يىزپ قويامسىز  مىرزا،ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. 2008/10/11 16:36
7 Kulbilge قازاق تارىخى ئاران ئۇچ مىڭ يىلما؟ مىنىڭچە بۇ قاراش توغرا ئەمەس.
"قازاق" دىگەن نامنىڭ تارىخىنى نەچچە يۇز يىل ئىلگىركى دەۋلەرگە سۇرۇش  مۇمكىن.
ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى "قازاق مىللىتى"نىڭ تارىخى يۇز يىلدىن ئاشماسلىقى مۇمكىن. (سىتالىننىڭ ئايرىپ بەرگىنى بۇيىچە)
ئەمما مەن ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قازاق قىرىنداشلارنىڭ تارىخى ئوتتورا ئاسىيادا ئىنسانلار پەيدا بولغان زامانلاردىنلا باشلانغان دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر (ئۇيغۇر نامى ياكى ھازىرقى زامان مەنىسىدكى ئۇيغۇر مىللىتى ئەمەس) تارىخى قانچىلىك ئۇزۇن بولسا، قازاق تارىخىمۇ شۇنچلىك ئۇزۇن. قازاق تارىخى قانچلىك ئۇزۇن بولسا، ئۇيغۇر تارىخىمۇ شۇنچلىك ئۇزۇن. چۇنكى ھەممىمىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن ئوتتورا ئاسىيغا كىلىپ قالمىغان ياكى تارىخنىڭ مەلۇم دەۋرلىرىدە ئاسماندىن چۇشۇپ قالمىغان(مەسىلەن توڭگان مىللىتىنڭ شەكىللىنىشى).  ئوتتورا ئاسىيا رايونىدىكى قەدىمقى ئەجدادلارنىڭ  قىنى ھەممىمىزگە ئورتاق. ھەممىمىز شۇلارنىڭ پۇشتى.

تەكلىپ:
غازىباي تورداش سىز "ئۇيغۇر" تارىخىغا خۇددى قازاق تارىخىغا ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ قارىشىنى ھەقىقى چۇشەنگەن ۋە ھۆرمەتلىگەن بۇلاتتىڭىز. "ئۇيغۇر"نى ھۆرمەتلىگىنىڭىز ئەمىلىيەتتە "قازاق" نى ھۆرمەتلىگىنىڭىز بىلەن باراۋەر.  ئۇيغۇر قرىنداشلار سىلەرمۇ "قازاق" تارىخىنى خۇددى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئوتتوردا نۇرغۇن خاتا چۇشەنچىلەر ۋە بىھۇدە تالاش تارتىشلار بولمىغان بۇلاتتى. بىزدىكى خاتالىق ئاتالمىش بۇ ئىككى مىللەتكە ئوخشىمىغان ئىككى خىل تارىخى چۇشەندۇرۇش ئۆلچىمىنى قوللانغانلىقىمىزدۇر(بۇ ئىككى خىل ئۆلچەمنى بىز تاپمىغان بەلكى باشقىلار بىزگە تاڭغان). شۇ ۋەجىدىن ھىچكىمنىڭ گىپىگە ھىچكىم قايىل بولمايدۇ. ھەم مەڭگۇ قايىل بولمايدۇ.
مىنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇنمۇ ياكى قازاق مىللىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇنمۇ، تارىختىكى ماۋۇ قەبىلە سىنىڭ ئەجدادىڭمۇ ياكى مىنىڭ ئەجدادىممۇ- دىگەن مەسىلە ئۇستىدە تالاشماي، بەلكى "ئۇيغۇر" دىگەن نام قەدىمىمۇ ياكى "قازاق" دىگەن نام قەدىمىمۇ- دىگەن مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلساق تىخىمۇ رىيال ئەھمىيتى بۇلاتتى. بولسا ئوتتورىمىزدىكى پەرقنى كۆپتۇرمەي، ئورتاقلىقنى كۆپرەك ئىزدەنگەن بولساق. زىددىيەت تىكەنلىرى ئورنىغا دوسلۇق، قىرىنداشلىق گۇللىرى ئىچىلغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. خۇددى بۇيۇك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىدەك.
2008/10/11 18:36
8 Kulbilge جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۇچىنىڭ نەزىرىيۋى ئاساسى : "求同舍异"   (ئاساسى مەنىسى: پەرققە تولا ئىسىلىۋالماي، ئورتاقلىقنى كۆپرەك كۆرۇش ۋە تەشەببۇس قىلىش).
        جۇڭخۇا مىللىتى ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىپ تۇرۇپمۇ ئىتتىپاقلىشىپ بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشالىغاچقىلا ، مانا ھازىر دۇنيادىكى قۇدرەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىدى.  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۇ روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئورتاق تەرەققى قىلايلى، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بۇ مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى ئورتاق گۇللەندۇرەيلى.
      ئەگەر پەرققە بەك ئىسىلىۋالساق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنى، ھازىرقى زامان قازاق مىللىتىنى، خەنزو مىللىتىنى، توڭگان مىللىتىنى.....  دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنى يەنە نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئايرىۋەتكىلى تامامەن بولىدۇ. ئەمما تارىخ بىزگە چىچىلاڭغۇلۇقتىن ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنىڭ ئەۋزەللىكىنى، چوڭ گەۋدىنىڭ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كىچىك گەۋدىگە ۋە ھەر بىر ئەزاغا  تىخىمۇ چوڭ مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا دەيمەن ياشىسۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرى. ياشىسۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقى!
2008/10/11 19:02
9 sipartak مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق خانلىقلارنى قۇرغانلىغىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن 2008/10/11 20:30
10 Yawuz

  نەقىل:
9 - قەۋەتتىكى sipartak 2008-10-11 20:30 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق خانلىقلارنى قۇرغانلىغىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن

ئاڭلىمىغاننى ئورخۇندا ئاڭلايسىز
2008/10/11 21:34
 جەمئىي باھا 62  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/7  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009