|
ماقالە مەزمۇنى |
ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى |
يوللىغۇچى umarhan كۆرۈش 2097 يوللانغان ۋاقتى 2008/9/29 04:22 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنى ئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭ جىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنە ھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر. تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ جىگدە ھىدى پۇراپ تۇرغاچقا، «ئىپارخان»دەپ ئاتالغان ھەم ئۇ ئۇيغۇر بولغاچقا تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەز ۋە كېنىزەكلەرنى سەپلەپ بەرگەن، ئىپارخاننىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىگە ئىجازەت قىلغان. ئىپارخان خان ئوردىسىدا توپتوغرا 28 يىل ھايات كەچۈرۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زۇنخۇادىكى شەرقىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئاپاق خوجا يۈسۈپ ئۈچۈن سېلىنغان قەبرىستانلىقتۇر. بۇ قەبرىستانلىق 1640-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە يۈسۈپ خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نوپۇزى ۋە دىنىي ئورنى ئاتىسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بارا-بارا ئاپاق خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقالغان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بۇ قەبرىستانلىق ئىپارخان مەقبەرىسى دەپمۇ ئاتالغان. قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوغان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يۇرتتا ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت - ئىپارخان مەقبەرىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەقبەرە قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قەبرە ئۈستىگە سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق گۈمبەز ياسالغاندىن باشقا، ئەتراپقا مەسچىت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلار قەبرىستانلىقى بىنا قىلىنىپ مۇكەممەل ھالەتتىكى ئىمارەتلەر توپى شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىپارخان مەقبەرىسى تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھويلىنىڭ غەربىدە ھېيت ۋە جۈمە نامازلىرى ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىت، ئوتتۇرىسىدا گۈمبەز شەكىللىك مەدرىس، ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك مەسچىت، كىچىك مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز گۈمبەز بار. سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق بۇ چوڭ گۈمبەزنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىرچە بولۇپ، تۆت بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە تامغا پاتۇرۇپ يۇمۇلاق تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە يەنە يېرىم ئاي شەكلى چىقىرىلىپ ناھايىتى سىپتا، نەپىس ئەزان مۇنارى ياسالغان. گۈمبەز ئۆگزىسىنىڭ دىئامېتىرى17 مېتىر كېلىدۇ. ئۆگزىنىڭ چوققىسىغا كارناي شەكىللىك كىچىك راۋاق ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ھىلال ئايغا 50 سەر ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى قەشقەرنى سورىغان ماشاۋۋۇ ئوغرىلىۋالغان. كېيىنكىلەر ھىلال ئاينى ئامالسىز مىستىن قايتا ياساپ قويغان. گۈمبەزنىڭ تام-تورۇسلىرىغا يېشىل چاقچۇق چاپلانغان، ھېكمەتلىك سۆزلەر پۈتۈلگەن سېرىق، كۆك فار-فۇر خىشلارمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گۈل-نەقىشلەر چىقىرىلغان. يوغان زالغا ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك سۇپا ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 72 ئادەمنىڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغان. رىۋايەتتىكى ئىپارخاننىڭ قەبرىسى سۇپىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە بولۇپ، باشقا قەبرىلەردىن پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئىپارخان مەقبەرىسىدىن يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇيغۇر مىمارچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خەنزۇچە »يىپەك يولى« ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىل 6-سانىدىن |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 10 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | ART803 | ئىپارخان راستىنلا ئاپئاق غوجىنىڭ قىزىمۇ؟ | 2008/9/29 15:12 |
2 | sayahatqi1 | ئىپارخان ھەرگىزمۇ ئاپاق خوجىنىڭ قىزى ئەمەس.ئۇنداق دىسەك ئىپارخانغا ھاقارەت قىلغان بولىمىز ،ئىپارخان چوڭ-كىچىك خوجىلاردىن (بورھانىدىن خوجا -خوجا جاھان خوجا)خوجا جاھان خوجىنىڭ ھالال جۈپتى.چوڭ-كىچىك خوجىلار بىلەن ئاپاق خوجىنىڭ قانداشلىقى بار | 2008/9/29 15:48 |
3 | honqan | رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنى ئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭ جىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنە ھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر. بۇ نىڭ ئارزۇلىغىدەك ،قەدىرلىگىدەك نىمىسى بار.ئەينى چاغدا چوڭ-كىچىك خوجىلار باستۇرۇلۇپ ئىپارخان تارتۇق قاتارىدا ئەينى چاغدىكى مانجۇ خانگە سوغا قىلىنغان. ئەينى چاغدا ئامالسىز شۇنداق بولغان ،بۇ خۇددى < نۇ زۇگۇم>نى قالماقلار تۇتۇپ كەتكەندەك بىر ئىش. ئىت چېغىدا ئۆزىنىڭ يالىقىنى جان تىكىپ قوغدارمىش لېكىن بىز ئۆزىمىز غورورىمىزنى تىرىشىپ قوغدىماقتا يوق مۇشۇنداق نومۇسلۇق ئىشتىن پەخىرلىنىپ يۆرسەك ھە ۋاي ئىسىت................. |
2008/9/29 19:32 |
4 | mavlan | honqanنىڭ پىكىرى تولىمۇ ئورونلۇق،دىمەككمۇ بىز ئەزەلىدن باشقىلارغا ئوخشاش تىنىش - ئاسايىشلىق ئۈچۈن قىزىمىزنى بەرگەن خەلىق ئەمەستۇق .مەڭگۈ تاشلاردا قىزىمنى بەردىم دىگەن گەپ يوق !! | 2008/9/29 21:31 |
5 | Awral | ئىپارخان قانداقتۇر ئاپپاق خوقىنىڭ قىزى ،ياكى دادىسى بىلەن ئاكىسى خانغا خىزمەت كۆرسەتكەلىكىدىن خان تەسىرلىنىپ ئوردىغا ئەككەتكەن قىز ئەمەس ، ئۇ مانجۇلارغا قارشى خوجىلار قوزغىلىڭىدا ئەسىرگە چۈكەن ئايال قەھرىمان . تاكى ئولەپكەتكىچە چەنلۇڭغا باش ئەگمىگەن . | 2008/9/29 22:00 |
6 | kokbora7411 | [align=justify]................. سەلتەنىتىمىز تەرىپىدىن تېخى يىڭلا تەسەررۇپ قىلىۋېلىنغان ئول مۇسۇلمانلار زېمىنىنى خۇددى تەڭرى بىزنىڭ دەۋرانىمىزدا بىز تەرەپتىن تەسەررۇپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەندەك، چەكسىز چۆل - باياۋانلار ئارقىلىق پارچە - چارچە قىلىپ بۆلۈپ تاشلىغان! شۇنىسى قىزىقكى، بۇ پارچە - پارچە زېمىندا ياشايدىغان چەنتۇلار گەرچە ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان، بىر ئۇرۇقتىن بولغان تۇرۇقلۇق، يەنە كېلىپ پەيغەمبەر دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇلۇغىغا باش ئۇرۇشسىمۇ ئەمما تەڭرى ئۇلارنى خۇددى ئۆزلىرى ياشايدىغان ئاشۇ زېمىندىكى قۇمدەك چېچىپ تاشلىغان! ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى توخۇلىرىنىڭ چىللاشلىرى، ئىتلىرىنىڭ قاۋاشلىرى بىر - بىرىگە ئاڭلىنىپ تۇرۇشسىمۇ ئەمما كۆز - قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، بىر - بىرلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلماي ئۆتكەنلىكتىن، تەڭرى ئۇلارنى جازالاپ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە چىۋىقىغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان بىپەرۋا، ھەق - ناھەقنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئەقلى گال، ئانىسىنى باقماي تاشلىۋېتىپ، خوتۇنىنىڭ ئېتىكىدە سەجدە قىلىدىغان نادان، ھەسەل بىلەن زەھەرنى ئىلغىماي، ئالدىغا كەلگەن ھەر قانداق لوقمىنى يەۋىرىدىغان گومۇش، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىماي، كاززاپ - قىزىلكۆزلەرنى ئۇلۇغ دەپ بىلىدىغان ئاڭقاۋلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. قەدىمكىلەر: <ئاتىسىنىڭ ئۆتكۈزگەن گوناھى ئۈچۈن ئۈچ - تۆت ئەۋلات جازاسىنى تارتىدۇ> دىگەن ئىكەن. شۇڭا، تەڭرى ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن بىزدەك تەڭرى قامچىسىنى ئول يارىماسلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان چەنتۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن! بولمىسا جۇڭغارىيىنى ئۈچ سۇلالە خانى سانسىزلىغان چېرىكلىرىمىزنىڭ جەسىتى بەدىلىگە يەتمىش يىلدا ئاران مۇنقەرز قىلالىغان يەردە، مۈلكى قەشقەرىيىنى تەسەررۇپ قىلىش ئۈچۈن ئاران ئىككى يىل سەرپ قىلاتتۇقمۇ؟ تەڭرى ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ياپۇن دېڭىزىدىن مىڭلاق دېڭىزىغا قەدەر بولغان شىمالدىكى بىپايان زېمىننى بەخشەندە قىلىپ بەرگەنىدى. بىراق، ئۇلاردىن چىققان پادىشاھ - خاقانلارنىڭ تۇلىسى ناباپ ئادەملەرنىڭ بولغانلىقتىن، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەڭ مۇنبەت بۆلەكلىرىنى خوتۇنغا تېگىشىپ، تۈرلۈك سىياسىي قىمارلاردا ئۇتتۇرۇپ، ئۆلگۈجە سېتىپ تۆەىتىشتى. ئەلھال، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۇ چەنتۇلارمۇ شۇنداق ئۈنۈمسىز، سەھرايى قىيامەت بولغان چۆل - باياۋانلاردىكى پارچە - پارچە بوستانلىقلارغا تىقىلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولدى! خوپ بولدى، بۇ زېمىننى ئۇلار باشقۇرالمىغانلىغى ئۈچۈن، تەڭرى بىزگە باشقۇرۇشقا پۈتۈپ بەردى. شۇڭا، چەنتۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق تەقدىرگەمۇپتىلا بولغانلىقلىرىنى خەقتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىن كۆرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ نابىكار ئاتا - بوۋىلىرىدىن كۆرسۇن! .............. ____________________________ مىڭلاق دېڭىزى _ بالقاش كۆلىنىڭ تارىختىكى ناملىرىنىڭ بىرى. (تۇرغاق غۇجىلار403_404 _ بەتلەر) |
2008/10/1 16:35 |
7 | karol | تارىخنى قانداق يازغۇسى كەلسە شۇنداق يازىدىغان مەسئۇليەتسىلەرنى نىمە قىلۋەتسە ئەرزىيدۇ تارىخى كىتاپلاردا ئىپارخاننىڭ چىيەنليڭ ئوردىسدا ئۈچ يىلدىن ئۇشۇقراق ياشىغانلىقىنى كۈرۈپتىكەنمەن ، ئۇمۇ راس يالغاندۇ |
2008/10/2 16:39 |
8 | samran | تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر ئۇچۇردىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قلاي ؛ يىقىندا ئاقتۇ ناھيىسىنىڭ ئويتاغ بازىرى چالما ئىرىق كەنتى ئەتراپىدىن <چىڭگىزخاننىڭ قەبرە تىشى> دىگەن ئۇيغۇرچە ۋە نامەلۇم بىر نەچچە خىل يىزىق چۇشۇرۇلگەن قەبرە تىشى تىپلغان بولۇپ ،تىپىۋالغۇچى قەبرە تىشىنى ھۆكمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇ توغرۇلۇق ھۆكمەت تەرەپ بىر نەرسە دىمىدى ، بىراق ئىقىپ يۇرگەن خەۋەر لەرگە قارغاندا پات ئاردا ئارخىلۇگلار كىلدىكەن .ئۇنڭدىن باشقا 3مو كۆلەمدىكى قۇم بارخانسى ئاستىدا غايەت كۆپ مىقتاردا ئالتۇن كۆمۇلگەنلىگى ئىيتلماقتا ، بۇدەل ھىلقى قەبرە تىشى چىققان جاي ئىكەن . ھۆكمەت بۇ جاينى دائىرگە ئىلىپ ئادەم كىرىشنى چەكلىگەن . |
2008/10/4 15:11 |
9 | qewandaz | umarhan سىز ئەگەر ئىپارخاننىنڭ تارىخىنى تولۇق بىلمىسىڭىز قالايمىقان بىر نەرسە دىمەڭ،ۋاقتىڭىز بولسا قەشقەرگە كىلىپ پىشقەدەم تارىخنى بىلىدىغان كىشىلەردىن سوراڭ،ئۇنداق ،ئۆزىڭىزگە ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ.بولسا < قەشقەر ئۇيغۇر نەشىياتى> 1989-يىلى نەشىر قىلغان <<ئىپارخان>> دىگەن كىتاپقا ۋە <ئابدۇۋەلى ئەلى> ئاكىنىڭ <<تۇرغاق خوجىلار>> دىگەن كىتاۋىغا قاراڭ.![]() |
2008/10/6 00:37 |
10 | تاخماق | بۇ ماقالىنى يازغۇچىنىڭ ئسمىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قاپسىز . .....10يىل بۇرۇن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مەلۇم سانىدا ئپارخان (دىلشاد خاتۇن )توغىرسىدا تۇركىيىلىك يازغۇچى گۇلچىن چاندار لىئوغلۇنىڭ ماقالىسىنى ئۇقۇغانئدىم ، ماقالىدە دىلشادخاتۇننىڭ ئىرى كىچىك خوجا ئۇرۇشتا ئۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەسىرگە چۇشۇپ قېلىپ ئۇز ئختىيارلىقى بىلەن چىيەنلڭ خاننىڭ ئوردىسىغا بارىدۇ (قىساس ئالغىلى) . ئوردىغا بارغاندىن كىيىن قىساس ئېلىش پۇرسىتنى ئزدەپ يۇرگەن .بۇنى سىزىپ قالغان چىيەنلۇڭنىڭ ئاپىسى ئوغىلنىڭ ئۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن دىلشات خاتۇننى ئسلىپ ئۇلۋېلىشقا مەجبۇرلاپ ئولتۇرۋەتكەن .بەزى بىر يازمىلاردا يېزىلغاندەك خانغا خۇتۇن بولمىغان ھەم قۇلنىڭ ئۇچنىمۇ خانغا تۇتقۇزمىغان.شۇنىڭ ئۇچۇن دىلشات خاتۇن پۇتكل ئاسيادا مەشھۇر بلغان ئپپەتنىڭ سىمۇلى بولغان . ھەم دىلشات خاتۇن توغىىرسىدا بىر فىلىم،ئككى رومان يىزىلغىنى مەلۇم. |
2008/10/6 01:11 |
جەمئىي باھا 10 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|