يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
سادىر پالۋان بىلەن گاڭگۇڭ باقى
يوللىغۇچى arkim   كۆرۈش 1551   يوللانغان ۋاقتى 2008/9/22 17:23  ||مۇنبەردە كۆرۈش||



گاڭگۇڭ باقى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قومۇل تاراتى تېغىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،مەرد،باتۇر،قورۇقماس،ئادالەتپەرۋەر پالۋان.ياش چېغىدا قومۇلدىكى مانجۇ بەگ-ئەمەلدارلىرىنىڭ خورلاشلىرىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاراتۈرۈك نوم تاغلىرىغا پالانغان. شۇ دەۋىرلەردە جاھالەتكە قارشى ساناقسىز كۆرەشلەرنى قىلغان سادىر پالۋانمۇ نوم زىندانىدا ئىدى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن  ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئىككى سۆيۈملۈك پەرزەنتى زۇلمەتلىك زىنداندا تونۇشۇپ ، سىردىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان ۋە كېيىن زىنداندىن قېچىپ ئىلىگە ئۆتۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا گاڭگۇڭ باقى 30نەچچە ياشلاردا ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى پالۋان چېرىك مانجۇ ھاكىمىيتىگە قارشى قوزغالغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. گاڭگۇڭ باقى جەڭلەردە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،مانجۇ چېرىكلىرىگە ئەجەللىك ، قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. شۇڭا قوشۇن ئىچىدە ئىناۋىتى تېز ئۆسۈپ،قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرپىدىن قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىدا ئوردا مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ مۇھىم سەركەردىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ سادىر پالۋاننىڭ قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ ماسلىشىپ،ھەمدەم بولۇپ، خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى،باراۋەرلىكى ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن كۆرەش قىلغان.



  گاڭگۇڭ باقى بايانداي كۆرەسىگە( ئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي) چىلپەنزە...قاتارلىق جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا كۆپ قېتىم باشچىلىق قىلغان.

   1871-يىلى،چاروسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، گاڭگۇڭ باقى ئىلى سۇلتانلىقى قوشۇنىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئورۇس چېرىكلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. قورغاستىكى بىر قېتىملىق دەھشەتلىك جەڭدە ھۆرلۈك ئۈچۈن تۇغۇلغان بۇ ئەزمەت شېھىد بولغان...

  ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللا ئىگەم ھۆرلۈك يولىدا جان پىدا قىلغانلارنى ھەرۋاقىت جەننەت گۈلشەنىدە خوشھال قىلغاي!!! ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرۇش بىزنىڭ مەجبورىيتىمىز....


ئەرك دەپ سۇغارغان شەمشىرىڭ قېنى،

ئەرك دەپ يىقىلغان زەبەردەست تېنىڭ.

ئەرك دەپ توۋلىغان ھۇرايىڭ يەنە،

ئەرك دەپ ئاققۇزغان پاكىزە قېنىڭ...



قالدىمۇ زىنداندا گۈزەل ئارمانلار،

قالدىمۇ ئىلىنىڭ دولقۇنلىرىدا.

قالدىمۇ چىلپەنزە،بايانداي تامان،

قالدىمۇ قورغاسنىڭ پىنھانلىرىدا...



بەش بالاڭ بارمىتى يىتىم قالغۇدەك،

ئۇز ئاناڭ بارمىتى يولۇڭ باققۇدەك.

بىلەمسەن سېنىڭسىز تاراتى تېغى،

ھازىرمۇ ھەسرەتلىك دەملەر تارتقۇدەك...



   ئۇشبۇ دەقىقە سادىرپالۋان ۋە گاڭگۇڭ باقىنىڭ زىنداندا سىردىشىپ ئولتۇرغان يورۇق سىماسى كۆزئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ...ۋە ئۇلارنىڭ جەڭلەردىكى جەسسۇرانە كۆرۈنىشلىرى....

2008-يىلى6-ئاينىڭ19-كۈنى  قومۇل

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 8   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Qutghur   كۆپ رەھمەت !
ئاڭلىمىغان تارىخكەن .
شېئىرىڭىز ئېسىل چىقىپتۇ ،ماڭا بەك يارىدى .
2008/9/22 18:56
2 Awral سىزگە  كۆپ رەخمەت .  يەنە بىر  پەلۋانىمىزنى بىلىۋالدۇق . 2008/9/22 19:33
3 uygurhan سادىر پالۋان ھەقىقەتەن بىزنىڭ تىلاردا داستان بولغىدەك پالۋىنىمىز، 2008/9/22 21:42
4 zirek ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، ئەل ئىچىنى تەكشۈرسەك يەنە قانچىلىغان ئېسىل، مەرد، باتۇر پالۋانلىرىمىز بىلەن تۇنۇشار ئىدۇق. 2008/9/23 18:31
5 arkim راست دەيسىز زېرەك...موما دائىم ھازىرقى زاماننىڭ ئەرلىرى قورقۇنچاق دەپ ۋايساپ كېلقپ مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرەتتى: شىڭ دۇبەن زامانىسىدا قومۇل ئارىتام باغلىرىدا بىر كىشى دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالدى، رەھىمسىز چېرىكلەر ئۇنى يار ھارۋىنىڭ چاقىغا چەمبەرچەس باغلاپ جىنايىتىنى تاپشۇرۇشقا قىستىدى...ئۇ شىردەك ھۆركىرەپ يۇلقۇناتتى، ھەريان تاشلىناتتى...دۈشمەننىڭ قامچىسى ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدىنىنى قىيما-چيما قىلىۋەتسىمۇ ئۇ ئۇلارنى تىللاپ توختىمايىتتى...تەسلىم بولۇشتىن ئېغىزمۇ ئاچمايىتتى...بۆرىنىڭكىدەك غەزەپلىك كۆزلىرىدىن قورۇققان دۈشمەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايىتتى...دۈشمەنلەر پالۋانىمىزنى نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇپ ھالسىرىدى...يەنە ئۇراتتى...بىز نارسىدە ،قېرى -چۆرىلەرگە نە ئامال...يىغا-زارە قىلىپ قارا پ تۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق...ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىمۇ تېز پۈكمىگەن دۈشمەننى قولى بىلەن ئۇرالمىسىمۇ،پۇتى بىلەن تېپەلمىسمۇ يۈز كۆزىگە تۈكۈرگەن قەھىرلىك ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ بالام...ھازىرقى ئەركەكلەرچۇ مېكيان-خورازغىمۇ قورقۇپ پىچاق سالالمايدۇ...قورقۇنچاق تۇرۇپ ئۇلارنىڭ پوچىلىقىنى دېمەيسەن ھەي نىمە زامان بولۇپ كەتتى دەپ ئۇھسىناتتى...
لېكىن موماممۇ ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن...مەنمۇ ھازىرغىچە سۈرۈشتۈرۈپ ئۇ پالۋان  توغرىسىدا يىپ ئۇچى تاپالمىدىم...
دېمەك بۇنداق نامىسىز كىشىلەر تېخى ئارىمىزدا ساماندەك تولا...بىز شۇلارنى ئىزلەپ تېپىشىمىز كېرەك...بۇ بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىز!
2008/9/23 18:44
6 koykozlukum   تۇرسۇن ياسىننىڭ "سادىر پالۋان" ناملىق رومانىدا بۇ توغرىسىدا تەپسىيلى خاتىرىلەر بار. 2008/9/26 19:22
7 Awral سادىر پەلۋان قوشاقلىرى

رازىلىق ئالدىم ئەلدىن ،
پوتا باغلىدىم بەلدىن .
ئەل پەريات چىكىپ تۇرسا ،
ئاش-نان ئۆتەمدۇ گالدىن .

تاغنىڭ بىشى ئالاڭغۇ ،
قارغاي ئىچى قاراڭغۇ .
ئەلنىڭ دەردىنى ئويلاپ ،
سادىر بولدى ياداڭغۇ .

كىمگە ئىيتاي دەرتلەرنى ،
ئاڭلار بارمۇ گەپلەرنى .
سادىر ناخشىغا قاتتى ،
يىغىپ قويغان خەپلەرنى .

قاغا - قۇزغۇن گۆش يەيدۇ ،
بۆرە ،ئىتمۇ گۆش يەيدۇ .
مانجۇلار چاغان قىلسا ،
ئۇيغۇر ، سولان  مۇش يەيدۇ .

ئۈزمەي ئاتتۇق بەش كىشى ،
ئۈركۈپ قاشتى مىڭ كىشى .
جان تاتلىق چىرىكلەرگە ،
سادىردا نىمە ئىشى .

قۇمۇل يامۇلى دەيدۇ ،
كەينىدە سىپىلى يوق .
تالاغا چىقاي دىسەم ،
سادىرنىڭ كىپىلى يوق .

مەن ئۇرۇشقا چىققاندا ،
خۇدايىم ساقلىدى ئوقتىن .
ئەجەپمۇ زىرىكىپ كەتتىم ،
ئاراۆستەڭلىك ئارۇپ پوقتىن .

سادىرنىڭ ئۆيى نەدە ،
موللا توختىيۈز دىگەن يەردە .
سادىرنىڭ ئوتى بىلەن ،
شەرۋانە خىنىم نەدە ؟
2008/9/26 22:52
8 uznar كۆپ رەخمەت ،ياخشى تېمىكەن،ئاۋرال يوللىغان قوشاقلارنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. 2008/9/27 14:40
 جەمئىي باھا 8  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/1  |<  <<   1   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009