يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
تارىخى ھەمىدى
يوللىغۇچى Ghunche   كۆرۈش 11939   يوللانغان ۋاقتى 2007/11/22 20:27  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

بايانات: بۇ ئەسەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگىلا تەۋە، بۇ ئەسەرنى يوللىغۇچى ۋە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتلەرگە  چاپلاشقا، ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ قىلىپ تارقىتىشقا

رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى



موللا مۇسا سايرامى

[align=justify] 

تارىخى ھەمىدى

[align=justify] 

[align=justify]

نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەنۋەر بايتۇر


بۇ ئەسەر 1988- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 1- نەشرى 2- باسمىسىغا ئاساسەن تورغا يوللاندى




بسم اللە الر خمن الرخيم

(ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان  ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

[align=justify]

ئەي مەۋجۇتلۇغى زۆرۈر بولغان ئاللا! چەكسىز ۋە تەڭداشسىز ھەمدۇ- سانا ساڭا خاسدۇركى، ھەممە مەخلۇقلىرىڭغا كەڭرى رىزقى ۋە ئېھسان سەندىندۇر. سېنىڭ ئۇلۇغ زاتىڭ يەككە- يىگانىدۇر. ھەممە سۈپەتلىرىڭ پاك ۋە ئەيىپسىز، مەرتىۋەڭ ئالى، پادىشالىغىڭ ئۇلۇغ بولۇپ،
ئاسمان ۋە زىمىن ئىچىدىكى ھەممە مەخلۇقلار پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدە ۋە قەھرى سىياسىتىڭنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ھەقىقى پادىشالىق پەقەت ساڭىلا خاسكى، سەن ھەمىشە بولغۇچى ۋە باقى پادىشادۇرسەن. ياراتقان مەخلۇقلىرىڭ بولسا ھەممىسى فانىدۇر.
ئاللا ئەگەر خالىسا، سەلتەنەت تاجىسىنى ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىغا كىيدۈرەلەيدۇ، ئەگەر خالىسا، بۇ تاجىنى يەنە ئۇنىڭدىن ئالالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا، ئۇنى يەنە توغرا يولدىن ياندۇرالايدۇ؛ ئەگەر خالىسا، پەس كىشىنىڭ دەرىجىسىنى مەرتىۋىلىك قىلالايدۇ، خالىسا، مەركىۋىلىك كىشىنىڭ دەرىجىسىنى پەس قىلالايدۇ. ئۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا قادىر ۋە تاۋاندۇر.
ئەي قۇدرەتلىل ئاللا! ئەگەر سەن ياراتقان مەخلۇقلىرىىڭغا نىمە ھۆكۈم قىلاي دىسەڭ، شۇنى قىلىشقا قۇدرىتىڭ بار. سېنىڭ ھۆكۈمىڭنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، ياندۇرۇشقا بولمايدۇ. مۇرسەل، نەبى، ئەنبىيا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇلارغا خۇدانىڭ رەھمىتى بولسۇن)لەرنى بىزگە ئۇلۇغ پادىشا قىلىپ ئىبەردىڭ. ئۆز كىتاۋىڭدا (قۇرئاندا _ ت) بۇلار ھەققىدە قىسسە ۋە ھىكايىلەرنى سۆزلىدىڭ، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆتكەن خالايىقلار، ئادىل ياكى زالىم پادىشالار ۋە شۇ زامانلاردا ئۆتكەن ۋەقە- ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ خەۋەر بەردىڭ. بۇ بولسا، سېنىڭ ئۆز ئۆزۈڭ ياراتقان مەخلۇقىرىڭغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىسسە ۋە ھىكايىلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئالسۇن ۋە ۋەقە- ھادىسلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ ئەسلەپ تۇرسۇن دىگەنلىگىڭدىن ئىشارەت ۋە ئىبارەتتۇر.
بۇ ئالەمدىن كەتكەن خالايىقنىڭ ھەر بىرىدىن ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ بىرەر ئەسەر- ئالامىتى باقى ساقلىنىپ قالىدۇ. تارىخ كىتاپلىرىدا بولسا دەل ئەنە شۇ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ۋەقەلىرىنى، ئەسەر- ئالامەتلىرىنى رەتلەپ، قايتا ئىلغاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ياكى ھاياتىدىن قىسسە ۋە خەۋەر بېرىدۇ، خالاس.
سالاۋەت ۋە زاكىيات (ناماز ۋە زىكىر بىلەن قىلىندىغان تەرىپ _ ت) شۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە بولسۇنكى، ئۇ پەيغەمبەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى ئالەمنىڭ ئىلغانغىنى ۋە ياخشىسىدۇر. ئاللا ئۇنى ئۆتكەن زامان ۋە كەلگۈسى دەۋرانغىچە ھۆججەت ۋە گۇۋاچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ مۇبارەك ئىسمى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم [1] (ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە سالامەتلىرى ئۇنىڭغا بولسۇن) بولۇپ، ئۇ ئاللانىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى ۋە يېقىن دوستىدۇر. ئۇنىڭ ھەسەپ ۋە نەسەپلىرى (ئۇنىڭ نەسىل بىلەن ئەمەس بەلكى شۆھرەت بىلەن يېتىدىغان نەسەپلىرى _ ت)، ئۇلۇغلۇغى ھەزرىتى ئىبراھىم خەلىلۇللاغىچە[2] مەھكەم ئۇلاشقان. ئاللا ئۇنىڭغا پادىشالىق ۋە پەيغەمبەلىكنى، ئىنسانلار بىلەن ۋاستىچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە مەقامى مەھمۇت [3] ئۇلۇغلۇق ئالى دەرىجىسىنى بەردى. ئاللا بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە پارچە- پارچە قىلىپ تەقدىم قىلغان ھەمە ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنى جەم قىلىپ، پەقەت ئۇنىڭغىلا بەردى. ئاللا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى بۇ زاتنىڭ نامى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە قىلدى. شۇڭلاشقا، ئاللانى ئەسلىگەن كىشى ھامان مۇھەممەت رەسۇلۇللانىمۇ بىلە قوشۇپ ئەسلەيدۇ. مۇھەممەت رەسۇلۇللانىڭ شەرىئەتلىرى تا ھازىرقى چاغدىمۇ خۇددى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا جارى قىلىنىدۇ. بۇنىڭ شەرىئەتلىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاق ۋە يۈكسەك مەرتىۋىنىڭ ئىگىسىدۇر.
غايەت ئۇلۇغ دۇرۇتلەر يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ بۇرادەرلىرى- ئەنبىيا ۋە مۇرسەلىن ئەلەيھىسسالاملارغا، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى- ئەۋلاتلىرىغا، پاك رەقىپىلىرىگە، بارلىق ئۇلۇغ ساھابىلىرىگە بولسۇن. بولۇپمۇ ئەششەرەئە- مۇبەششەرلەرگە [4]، بەدرە ئەھلىگە [5]، ئۇھۇد ئەھلىگە [6]، ئەقەبە ئەھلىگە [7]. سۇففە ئەھلىگە [8] ھەم بارلىق ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى رەزىيەلاھۇ ئەنھۇم (ئاللا ئۇلاردىن رازى بولغاي)، خەلىپىلەر، پادىشالار، ئەمىرلەر، ئۆتكەنكى سۇلتانلار، شەرىئەتشوئار ئۆلىمالار، دىندار قازى ۋە ئىمام پىشىۋالار، يۇرتنىڭ ھەم ئەگىشىشىگە لايىم بولغان ياخشى بەندىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاللا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇلاردىن رازى بولغاي، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاللانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ياخشى بەندىلىرى ئىدى. قەدىمقى زاماندىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتىدىغانلارغا، ھەتتا قىيامەتكىچە يۇقۇرقىلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، چىن ئىخلاسى بىلەن توغرا يولدا ماڭغۇچىلارغىمۇ ئاللانىڭ رەھمىتى كۆپتىن- كۆپ، مەڭگۇدىن- مەڭۈگىچە بولغاي.
ئەمما بەئدۇ (ئاللاغا ھەمدۇ _ سانا، پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، ساھابىلىرىگە دۇرۇت _ ت) دىن كېيىن، بىينىشانلىق كوچىسىدا ئېتىۋارسىز بۇلۇڭ- پۇچقاقدىن ماكان تۇتقان، بىينىشانلىق كوچىسىدا مەستۈرە (يۇشۇرۇن _ ت) ياشايدىغان كەمبەغەل ۋە كەمتەر، كۆپ ئەيىپلىك موللا مۇسا ئبىنى موللا موللا ئەيسا خوجا سايرامىنىڭ ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق بىلەن قىلغان ئەرزى مەلۇماتىم، شۇ جاھان پازىللىرى ۋە ئاقىللىرى، ساغلام تەبىئەتلىك دانىشمەنلەر، دەۋران ئالىم كامىللىرىنىڭ قۇياش نۇرىدەك يۇرۇق، دىلىغا ۋە توغرا زىھىنلىرىگە يېتىپ ئاشكارە بولغايكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى[9] قەدىمقى زامانلاردا مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن كېيىن فەۇفۇرچىنغا [10] تەۋە ۋە بوي سۇنغۇچى بولۇپ، ئارىدىن بىر يۈز يىگىرىمە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تەقدىرى ئىلاھنىڭ ئارزۇسى، مۇتلەق ھۆكۈمى ۋە ئىرادە تەقدىرى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلام قۇياشىنىڭ نۇرى بۇ يەتتە شەھەر- موغۇلىستان ئاھالىسىنىڭ پىشانىسىگە چۈشۈپ، قاراڭغۇلۇق بۇلۇتلىرى ئاجىزلىق ۋە يوقلۇق پەردىسىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇندى. ئالدى بىلەن كۇچار مەمىلكىتىدىن راشىدىن خوجام، خوتەندىن موللا ھەبىبۇللا ھاجى ۋە تۇڭگانى تائىپلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، كاپىرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، جەڭ ۋە غازاتقا كىرىشىپ، ئۆز- ئارا تالاش- تاتىش قىلىپ، دۇئا- ئىبارەت بىلەن تۇرغان بىر پەيتتە، فەرغانە ۋىلايىتىدىن مۇھەمەت ياقۇپ بەگ قۇشبېگى ناملىق تەدبىرلىك، باھادىر، ئالى دەرىجىلىك بىر كىشى بۇ زىمىنلارغا ئىستىلا قىلىپ كىرىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1869-1870- يىلى _ ت) ياقۇپ بەگنىڭ ئەقىل- ئىدرىگى ئۇنىڭ خۇلقى نەپسانىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىنى ۋە يەتتە شەھەر ئاھالىسىنى زىمىن ۋە زاماننىڭ ئۇلۇغ خەلىپىلىگى_ بۈيۈك ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ [11] ھىمايىسىگە شەرتسىز تاشلىدى. جۈملىدىن ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئىتائەت ۋە ئىناۋەت قىلىشنى شۆھرەت ھىساپلاپ، پەخىر دەپ بىلىپ، قازى ياقۇپخان تۆرەم باشچىلىغىدىكى بىر ئەلچى ئۈمىگى ئارقىلىق نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن ئىتائەتنامە ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئوسمانىيە دۆلىتىگە بەيئەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ياقۇپخان تۆرە بۇ ئىتائەتنامىنى خاقان بىننى خاقان ۋە خادىمى ھەرەمەيىن شېرىپ (ئۇلۇغ ئىككى ھەرەمنىڭ خادىمى _ ت) ئابدۇلئەزىزخان بىننى ئابدۇلمەجىدىنخان [12] تۇرۇپ ئىشلەيدىغان جەننەتتەك ئالى ئېھتىرامغا ئىگە پايتەختىگە [13] يەتكۈزدى. بۇ ھال جانابى پەلەك ئاشيان (يۈكسەك مەرتىۋىلىك _ ت) ئابدۇلئەزىزخاننىڭ (ئۇنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن) نۇرلۇق ۋە يۈكسەك ئوي- پىكىرگە مۇۋاپىق ۋە مۇناسىپ كېلىپ، بۇ مۇغۇلىستان يۇرتى ۋە پۇقراسىنى ئالى دۆلەت ھىمايىسىگە ۋە بېقىندىلىغىغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يولىغا باشلاپ، مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىغا (غازاتچىلارنىڭ ئاتىسى _ ت)”مىراخور باشى“دىگەن ئالى مەنسەپ ئىلتىپات قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ شاھانىلىق ھەم ئنايەتلىك مەرھىمەتلىرى بىلەن ، ئوسمانىيە ئۆز بېقىندىلىرىغا تەقدىم قىلغان شاھلىق تاجىسىنى، ئوسمانى دۆلىتىنىڭ بايراق- ئەلەملىرىنى بەرگەنلى ھەققىدە يارلىق چۈشۈردى.
نەتىجىدە ، يەتتە شەھەر ئەھلىدىن بولغان بىزدەك نەۋكەر، غۇلام، پۇقرا- خەلق، كەمتەردىن خىزمەتكارلار ۋە بارلىق ئامما ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ سىياسى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا يەتتە يىل مىقدارى خاتىرجەم ۋە تىنچ، پاراۋانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆز ئادىتىمىز بويىچە كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك ئاللاغا دۇئا ئىلتىجا قىلىپ ياشىدۇق. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، سۇلتان بىننى سۇلتان مۇھەممەت مۇرادىخان[15] سۇلتانلىقنىڭ غەلبە تەختىگاھىغا ئورۇنلاشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۈمەتلىرىگە چۈشۈرگەن سايىسى، بۈيۈك رەھبەر، ئەرەپ[16]، ئەجەم[17] مۈلكىنىڭ پادىشاسى ئۇلۇغ ھەرەم خادىمى، ئۇلۇغ شۆھرەتلىك ئوسمانلار ئەۋلادىنىڭ تاجى گەھىرى بولغان ئابدۇلھەمىد خان[18] (خۇدا ئۇنىڭ دۆلىتىنى مەڭگۈ قىلسۇقن، نۇسرەتكە يېقىن، بەخت- سادەتكە دوست قىلسۇن) ئالى ئېكراملىرى غەلبە ۋە شەرەپ بىلەن خەلپىلىلىك تەختىگە مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ، مۇستەقىل سەلتەنەت سۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن، ئابدۇلھەمىدخان بىزدەك كەمتەر پۇقرالارغا ئۆز ئېتىۋارىنى تاشلاپ، تۇرمۇشىمىزنى پاراۋانلىققا باشلاپ، يۇرتىمىزدا تېنچلىق ۋە ئاراملىق ھەم تېگىشلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورناتقىچە، مۇھەممەت ياقۇپخان غازى بۇ پانى ئالەمدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا سەپەر قىلدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، فەغۇرچىننىڭ مەنسەپدارلىرى كېلىپ، بىزدەك باشپاناھسىز ۋە زەئىپ ناچار جۇدەڭگۈ پۇقرالارغا ئىگىدارچلىق قىلدى.
بۇ ۋەقەلەر ئۆتكىنىگە تېخى ئەمدىلا ئوتتۇز ئىككى يىل بولدى. لېكىن بىرەر زامان داناسى ياكى دەۋران پازىلى، بۇ پاراكەندىچىلىك بىلەن ئۆتكەن دەۋر ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى يېزىپ، بىزگە بىرەر نەمۇنە ياكى يادىكار قالدۇرۇشقا جۈرئەت قلىشقانلىغىنى بىلمەيمىز. بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى ” قىلىچ بىلەن قەلەمنى بىرلەشتۈرگەن“ جانابى مىرزا ھەيدەر كوراگانى[19] بۇ موغۇلىستان يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان ۋە پادىشالارنىڭ ئەھۋالىدىن «تارىخى رەشىدى» ناملىق بىر ئەسەرنى يازغاندىن باشقا، شۇ زامانلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى قىسسە ۋە ھىكايە قىلىپ توپلاپ، نەمۇنە ياكى نىشان قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىرەر زامان رىسالىچىسى ياكى داناسى ئۆتمىدى.
شۇڭلاشقا، بەزى كۆڭلى يېقىن ۋە ئىشەنچىلىك دوستلار، بۇ دىياردا ئىسلام ئېچىشقا سەرپ بولغان كۇچارلىق خوجىلارنىڭ غازاتلىرى، ئاتالىق غازى ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىغىنىڭ باشلىنىشىدىن مۇنقەرز بولغىچە بولغان ۋەقەلەرنىڭ تولۇق جەريانى ھەققىدە بىرەر تارىخ كىتاۋى جەملەپ يازساڭ، دەپ ئىلتىماس قىلىپ، غازات قىلىپ ئۆتكەن، سېيىتلارنىڭ غازاتلىرىنىڭ ۋەقەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇرۇش- جەڭلىرى ئۇنتۇلۇپ قالمىسا، ئاتالىق غازىنىڭ قوشۇن باشلاپ كىرىپ، پەيدا قىلغان جەڭ- جىدەللىرىنى ۋە دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەر خالايىق نەزىرىدىن مەخپى قالمىسا، بۇ ۋەقەلەرنى ئوقۇپ بىلگۈچىلەر، شۇ ۋەقەلەرگە گۇۋاھچى بولغان سىز ۋە بىز ئۈچۈن دۇئا- تەشەككۈر قىلىشسا دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. ئۇلار يەنە پەيغەمبەرنىڭ ”ھەدىس “كىتاۋىدا ”ياخشىلىققا دالالەت قىلغۇچىلار بولسا، شۇ ياخسى ئىشنى ئۆزى قىلغانلىق بىلەن باراۋەر“دىگەن سۆزنى نەقىل قىلىپ، ”سىز يازغان بۇ ئەسەرنىڭ بەرىكەتلىرىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىزگە ۋە بىزدەك ئاسى گۇناكارلارغا قىلغان دۇئا- تەشەككۈرلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، ئەيىۋىمىزنى كەچۈرۈشىگە سەۋەپ بولسا ئەجەپ ئەمەس “ دەپ خىتاپ قىلدى.
لېكلىن، مەندەك بىر خارۇ- زار بىچارە بۇ سىيادات پانا غازىلارنىڭ (غەلبىگە ئىگە غازاتچىلارنىڭ ــ ت) ئەھۋاللىرى، غەبىلىك جەڭ- غازاتلىرى، ئاتالىق غازىنىڭ پادىشالىق شان- شەۋكەتلىرى، ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توپلام قىلىپ يېزىپ چىقىشقا قانداق جۈرئەت قىلالايمەن؟ بۇ دۆلەت ئىگىلىرى ھەققىدە قانداقمۇ پېتىنىپ سۆز ئېچىشىم مۇمكىن؟ مەندەك نام- نىشانسىز بىچارە ئۇلارغا ئوخشاش ئورۇن ۋە مەرتىۋىسى پەلەككە يەتكەن ئالى پادىشالارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى قانداق يول ۋە مۇناسىۋەت بىلەن توپلىيالايمەن ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز مەرتىۋىسىگە لايىق تىل بىلەن قەلەم سۈرەلەيمەن؟
ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام ئېچىلغاندىن باشلاپ، بۇ كۈنگىچە قىرىق يىلدىن ئاشتى. شۇ چاغدىدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە تۇرغان ياكى ئۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن ئۇچۇق كۆرگەنلەرنىڭ تولىسى ئالەم باقىغا سەپەر قىلدى. بۇ چاغدا ئۆتكە ۋەقە ۋە ھادىسىلەر ئاستىلاپ، كىشلەرنىڭ خاتىرسىدىن كۆتىرىلىپ ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى قايتا ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، قايتا رەتلەپ ئەسەر يېزىشنىڭ ئۆزى مۇشكۈل ۋە قىيىن بىر ئىش. ”ياخشىلاردىن سورالغان ئۆزرە- خالىق، ئەلۋەتتە يەنە شۇ ياخشىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغۇسىدۇر.“ دىگەن ھىكىمەتلىك سۆز بويىچە، ئېھتىرام بىلەن ئۆزرەمنى بىللە قوشۇپ، شۇ چاغدىكى ۋەقلەر توغرىسىدا سۆز باشلىدىم. بۇ چاغدا، يەنە بىر نەچچە سەمىمى كونا دوستلىرىم كېلىپ، ”كاپىرلارغا ئايىماي ئىسلام قىلىچىنى ئۇرۇپ، غازىلىق دەرىجىسىنى ۋە مەرتىۋىسىنى تىكلىگەنلەر، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ رازىلىغىنى ئىزدەپ، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىپ قۇربان بولغان شەھتلەر باشلىغان يادىگار نامىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ تېز داۋاملاشتۇرغايسىز، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۆزىنىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلىرىدە ئۇلارنى ئەسكە ئېلىپ، شىرىن سۆزلەر بىلەن ماختاپ مەدىھىيلەپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا- تەشەككۈرگە قول كۆتەرگەن چاغدا، سىزمۇ ئاللائالدىدا ئەجرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز، جۈملىدىن ئەھلى خالايىققىمۇ گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرلايسىز.“ دەپ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشكە باشلدى.
بۇ دوستلىرىم يەنە ”تارىخ ئىلمى ناھايتى زۆرۈر بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ ھەممە پەنلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى ئوقۇش ۋە تارىختىن خەۋەردار بولۇش، ئىنسانغا نىسبەتەن ناھايتى مۇھىم بىر ئىشتۇر. بۇ پەننى بىلىدىغانلار بولسا خالايىق نەزىرىدە ئۇلۇغ ھىساپلىنىپ، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەردە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى بىلمەيدىغانلار، ياكى ئۇنىڭدىن بى خەۋەر كىشلەر گەرچە قانچە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن بىلەنمۇ، ئۇلار دانا ئالىملارنىڭ ئالدىدا يەنىلا نەزەر ۋە ئېتىۋاردىن يىراقتۇر. تارىخنىڭ پايدىسى تولا، مەنپەئەتى كۆپ بىر ئىلىم. چۈنكى ئادەملەرنىڭ دەرىجە ۋە تەبەقەلىرى، ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، خۇلقى ئەخلاقى، ياشايدىغان جاي ۋە ماكانلىرى، ئاۋات قىلغان شەھەر ۋە زىمىنلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەقەت تارىخ ئىلمىنىڭ ياردىمى بىلەنلا بىلگىلى بولىدۇ.“ دىيىشتى.
ئۇلار يەنە ”ئەگەر تارىخ ئىلمى بولمايدىكەن، بۇرۇنقى زامانلارنىڭ ئۇزاق ۋە تار شارائىتلىرىدا ياشىغا خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى قەدىمقى زاماندىكى ھەرزىرى ئادەم سەفيوللا[20] دىن ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغىچە، ھەتتا شۇ زاماندىن باشلاپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە بولغان ئارلىقتا، بىرمۇنچە ئەنبىيا، مۇرسەلىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەۋلىيالىرى، دىن يولىدا ئۆز كۈچىنى سەرپ قىلغان ئۇلۇغ ماشايىخلار، قەيسەر [21]، كىسرا [22]، فەغفۇرچىن، پىرئەۋىن [23]، نەمرۇد[24] قاتارلىق ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە يۈكسەك ئېھتىرامغا ئىگە خاقان، خان ۋە پادىشالار، بۇلاردىن باشقا يەنە ئەرەپ، ئەجەم پادىشالىرى، يۈكسەك دەرىجىلىك ئىسلام پادىشالىرى ۋە ئىسلام ئىنتىزامىغا كىرمىگەن كاپىر زالىملار ئۆتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمنى ئىنتىزامغا باشلاپ، پۇقرالارنى پاراۋان تۇرمۇشقا يىتەكلىدى. ئەگەر تارىخ ئىلمى بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، تۇتقان يولى ۋە شۇئارلىرىنى ھەم ھەر قايسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىلەرنى زادىلا تولۇق بىلگىلى بولمايدۇ،“ دىيىشتى.
ئۇلار يەنە ”ئەرەپ، ئەجەمدە ياشايدىغان بىرمۇنچە قەبلە ۋە گورۇھلارنىڭ پازىللىرى، ھەر بىر زاماندا يۈز بەرگەن ۋەقە- ھادىسىلەرنى توپلاپ، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىپ، ھامان بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئۇزۇن ۋە چوڭ ئەسەرلەرنى يازغان بولسا، يەنە بەزلىرى پەقەت ئۆز قەۋمى ياكى ئۆز يۇرتىدا ئۆتكەن پادىشالارنىڭ ئەھۋالىنىلا بايان قىلىپ، قىسقا ياكى تاللانما ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى. ھالبۇكى، سىز بولسىڭىز بۇرۇنقى زاماندىن بۇ زامانغىچە يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىنى، بولۇپمۇ تۈرك، موغۇل (موغۇل – ت) تارىخلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، بېشىڭىزدىن زاماننىڭ ئىسسىق- سوغاقلىرى تولا ئۆتكەن، ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ تەجىرىبە ھاسىل قىلغان، ئەمىرلەر، ۋەزىرائىلەر ۋە ھاكىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرى، خۇلقى- مىجەزى، تەبەقە ۋە دەرىجىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلىدىغان بىر ئادەم. شۇڭلاشقا، شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقەلەرنى توپلاپ بىر تارىخ كىتاۋى يېزىپ، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا نىشان ۋە نەمۇنى قىلسىڭىز، يېشىڭىزمۇ يەتمىشتىن ئاشتى. بىرەر ئەسەر- ئالامەت قالسا،“ دەپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلىشتى.
مەن بۇرادەرلىرىمنىڭ خۇددى كىتاپقا تىزىلغاندەك ئۇنچە- مارجان سۆزلىرىنى رەت قىلىشىنى، خارلىق تۇپرىغىغا تاشلاشنى ۋە بۇ گەپلەرگە ئېتىۋارسىز قاراشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئامالسىزلىقتىن بۇ چوڭ ئىشنى كىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا، يەنى دوستلارنىڭ ئەمىرىگە ئاساسەن بۇ كىتاپقا تۇتۇش قىلىپ، ئۆزەمنى كىنايە ئوقلىرىنىڭ نىشانىغا قاراپ ئېتىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ ئەسەردە بىرەر مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز خاتارلىقلار ياكى سەۋەنلىك سادىر بولسا، دوست- يارەنلىرىمنىڭ ئۇنى كەچۈرۈم ئېتەكلىرى بىلەن يۇشۇرۇپ، خەيرىخاھلىق قەلەمتۇراچلىرى بىلەن تۈزىتىپ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتسە، ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئەجرى مۇكاپىتىغا ۋە خالايىقنىڭ رەھمەت- تەشەككۈرلىرىگە ئىگە بولغۇسىدۇر.
مەن بۇ كىتاپنىڭ دەسلەپكى قىسىمىنى پايدىلىق تارىخ كىتاپلىرىنىڭ تاللانغان مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ يازدىم. كېيىنكى قىسىمىنى بولسا شۇ ۋەقەلەرنى كۆرگەن ياكى بىلگەنلەردىن سوراپ بىلىپ، ئۇلارنى تەھرىر يىپىغا باغلاپ، بايان سەھپىسىگە ئورنىتىپ، قىسقىچە بۇ تارىخ كىتاۋىغا ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم ۋە ئۇنى بىر مۇقەددىمە، ئىككى داستان، بىر خاتىمە بىلەن تامامىغا يەتكۈزدۇم.
بۇ كىتاپنى”تارىخ ھەمىدى“دەپ ئاتاشتا مۇنداق بىرقانچە سەۋەپ بار: بۇنىڭ بىرى شۇكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە ئاھالىسىنىڭ ئالى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى، زامان ۋە زىمىننىڭ خاقانى، بىننى خاقان ۋە ئۇلۇغ ھەرەمەينىڭ خادىمى ئابدۇلھەمىد خان بىننى ئابدۇلمەجىد خانغا بەيئەت ۋە ئىتائەت قىلىش شەرىپىگە ئىگە بولغانلىغى ۋەقەسىنى، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا يۇز بېرىدىغان پاراكەندىچىلىك ياكى داۋاملىق كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، خالايىقنىڭ خۇددى ۋەھشىلەرنى كۆڭۈلدىن يىراق قىلغاندەك، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆڭۈل ئەينىگىدىن چەتتە قالماسلىغى، بەلكى بۇ ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جاھان سەھپىسىدىن تېخىمۇ ئاشكارا ئورۇن ئېلىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىگىنى مۇددىئا ياكى مەقسەت قىلىپ، بۇ كىتاپنى ”تارىخ ھەمىدى“دەپ ئاتىدىمم.
يەنە بىرى شۇكى، ئاۋالقى زاماندا، يەنە تارىخ ھىجرىنىڭ توقۇز يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1545- يىلى – ت)ئەمىلەرنىڭ ئەمىرى مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانىمۇ (ئاللا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ قەۋرىسىنى نۇرلۇق قىلغاي) ئەينى زاماندىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر توغرىسىدا بىر جانلىق تارىخ تۈزۈپ، ئۆز زامانىنىڭ پادىشاسى سۇلتان بىننى سۇلتان، يەنى شىرىن- سۆزلۈك، ئالى مەرتىۋىلىك ئابدۇل رەشتىخان [25] بىننى سۇلتان سەئىدىخاننىڭ [26] نامىغا بېغىشلاپ، ”تارىخ رەشىدى“دەپ ئات قويغان ئىدى. مەنمۇ بۇ دەرۋىدىكى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى، سۇلتان بىننى سۇلتان ۋە ئۇلۇغ ھەرەمەيننىڭ خادىمى ئابدۇل ھەمىدىخان بىنىى ئابدۇل مەجىتخان نامىغا بېغىشلاپ ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم.
يەنە بىر سەۋەپ، خۇددى ”ھەدىس“كىتاۋىدا ”ئەگەر بىرەر كىشى يەنە بىرسىدىن ئىلىم سورىسا، ئۇ كىشى ئىلىمنى بىلىپ تۇرۇپ سورىغۇچىدىن يۇشۇرسا، بۇنىڭ بوينىغا ئوتتىن نوختا سېلىنىشى كېرەك.“ دەپ كۆرسەتكەندەك، مەنمۇ ئۆزەمنى مۇنداق قورقۇنچتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قانچە سۆزنى ئاۋال ئۆزەم بىلىدىغان بۇرۇنقى يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئاللاغا يېقىن پادىشالارنىڭ نام- نەسەپلىرى ھەققىدە باشلاپ، بۇنىڭغا تەكرار- تەكرار قەلەم سۈردۇم. چۈنكى، بۇ موغۇلىستان يۇرتى ۋە ئاھالىسى ئەل خاقان ھىمايىسى ۋە ئىتائىتىگە كىرگەنلىگى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ تەۋەلىگىدىكى پۇقرالار قاتارىدا ھىساپلىنىپ، كىتپلاردىن ئورۇن ئالغانلىغى، بۇ دۇنيادىن ئىبارەت ئىككى ئالەمدە پەخرلىنىشكە تېگىشلىك شۆھرەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇلۇغ ”ھەدىس“ كىتاۋىدا يەنە ”ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشالىرىنى بىلمىسە ياكى تونۇمىسا، ئۇنداق ئادەم جاھىللىق بىلەن ئۈلۈمگە گىرىپتار بولىدۇ.“دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭلاشقا، بارلىق پۇقرالار، ھەر خىل ئىنسانلار ۋە گوروھلار ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشالىرىنى ياخشى تونۇپ بىلىشى شەرت. بۇنداق قىلىش ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ئازاۋىدىن قۇتۇلۇشىغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. مەنمۇ خۇددى شۇنداق چىڭ ئەقىدە ۋە مەقسەت بىلەن بۇ ئەسەرگە ”تارىخ ھەمىدى“ دەپ ئات قويدۇم.
توغرا يولنى تۇتقان مۇناسىۋەتلىك دوست- بۇرادەرلىررىم بۇ مەجىمۇئەگە نەزەر تاشلىغاندا، مەندەك بىر خار ۋە بىئېتىۋارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىجابەتلىك ۋە تەسىرلىك دۇئالىرىدىن چەتتە قويماس دىگەن ئۈمىد بىلەن، ئۇلاردىن دۇئا ۋە پاتىھە تەلەپ قىلىپ، بۇ ئەسەرگە قەدەم باشلاپ، قەلەم سۈردۈم. ئاللا بۇ ئىشىمغا رەھمەت ۋە شەپقەت قىلىپ، مېنى توغرا يولغا باشلاپ، ياردەم بېرىشىنى ۋە بۇ ئىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

                                                                             مۇقەددىمە ئىپتىداسى
                                                                                          1
موغۇلىستان يۇرتى ياكى يەتتە شەھەر [27] نىڭ زامانىمىزغىچە بولغان ئەھۋاللىرى ھەم ۋەقەلىرى قىسسىسى، بۇ زىمىنغا قايسى تايىپىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغى،”موغۇللىيە“[29] دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەپلىرى، مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ ئەسلى نەسەپلىرى، خاقانى چىنىنىڭ [30] بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆزىگە قاراتقانلىغىنىڭ سەۋەپلىرى ۋە قىسقىچە جەريانلىرى- بايانى

ھۆرمەت ۋە ھەشەمەت ئىگىلىرىدىن بولغان يېقىن دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ناھايتى سەزگۈر قۇلاقلىرىغا يېتىپ روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، قەدىمقى زامانلاردا ۋە تارىخ كىتاپلىرىدا، بۇ يەتتە شەھەر”موغۇلىستان“دەپ ئاتالغان. كونا ئىشەنچىلىك ھۆججەتلەردىمۇ، بۇ جاينىڭ ”موغۇللىيە“ تەۋەلىگىدە بولغانلىغى قەيت قىلىنغان. ئەمدى”موغۇللىيە“دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ بۇ يەتتە شەھەر دەسلەپ قايسى دەۋرىدىن باشلاپ دىننىڭ دۆلەت شېرىپىگە ئىگە بولغان؟ ئۇنىڭ پادىشالىرى قايسى مەزھەپ ۋە مىللەتكە مەنسۇپ؟ خاقانى چىنىنىڭ بۇ جايغا قاچان ئىگىدارچىلىق قىلغانلىغىغا قانچە يىل بولدى؟
يۇقىرقى مەسىلىلەرنى تەپسىلى يېشىپ بېرىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بۇ قىسقىچە تارىخچىدا، ئالدى بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن تارىخچىلارنىڭ ئەۋلاتلارغا تەقدىم قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ كىتاپلىرىدىكى ئىبارىلەرنى نەمۇنە ئورنىدا بايان قىلماي تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر سۆزلىگۈچى سۆزىنىڭ ئەۋۋىلىنى باشلىماي تۇرۇپ ئاخىرىدا كۈچەپ كەتسە، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى بېشى يوق گەپ دەپ نەزەر- ئېتىۋارغا ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا”رەۋزەتۇسسافا “[31] (ساپالىق باغ – ت)، «مۇنتەخەببۇتتاۋارىخ [32]» (تارىخلارنىڭ تاللانغىنى – ت)، ”تارىخ رەشىدى“ ۋە باشقا تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن تاللانغان بىرقانچە مەلۇمات بۇ ئەسەردە ئالدى بىلەن قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ.
ئەلقىسسە، ئۆتكۈر كۆزلەر ئەھلى ۋە دانالارغا مەخپى قالمىغايكى، بۇ تارىخنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسەت بولسا، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەھۋالى، پادىشا ۋە ئەمىر- ئەمىرالىرى، دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇپ سۆلەت ۋە سەلتەنەت تاپقانلار ۋە ئۇلارنىڭ شۆھرەت ياكى قان- قېرىنداشلىق جەھەتتىكى نامى نەسەپلىرى، ئەسلى ۋەتەنلىرى، ئورۇن مەنزىللىرى، يۇرتى، ئۇلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى، نىشان- ئالامەتلىرى، سۆز- ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئالدى بىلەن نوھ بىننى ئادەم سانى (ئىككىنچى – ت)نىڭ زىكىرىنى ئارزۇ- تىلەك ۋە تەبرىك بىلەن باشلىماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۆجىزلىك ۋەقەلىرى، قەۋم گۇرۇھلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئاچماي تۇرۇپ، مەقسەت ۋە مۇددىئاغا يەتكىلى بولمايدۇ.
نوھ ئەلەيھىسسالام ئەللىك كەم بىر مىڭ يىل (مىلادى 950- يىلى – ت)پەيغەمبەرلىكتە ئولتۇرۇپ، ئۆز قەۋملىرىنى دىنغا دەۋەت قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ قەۋملىرى يامان بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋەتلىرىنى قۇبۇل قىلمىدى ۋە توغرا يولغا كىرمىدى. «كىتابى مۈلكولئەئالام» (ئالەم ئىگىسىنىڭ كىتاۋى يەنە قۇرئان – ت) دە ۋە ئەرەپ، ئەجەم خەلقىنىڭ ئارىسىدا، خۇدا ئۆز قەھرى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ دوزاققا تاشلىغانلىغى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ۋە مەشھۇر رىۋايەتلەر ساقلانغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەققىدىكى قىسسىلەرگە ۋە نوھ ئەلەيھىسالامنڭ سام، ھام ناملىق ئىككى ئۇلۇغ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە توختالمىدىم.
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى يافەس بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن ۋەتەن تۇتقان ئەۋلاتلىرى ھىن، تۈرك، موغۇل قاتارلىق قىبىلىلەرنىڭ نەسەپلىرىنى، شۇنداقلا، ئۇنىڭ بۇ جايلاردىكى باشقا قىبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئۈچۈن ئۆمرۈم يەتمەسمىكىن دىگەن خىيال- ئەندىشە بىلەن، پەقەت يافەسنىڭ بىر ئوغلى تۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، نەۋرە- چەۋرىلىرى، قەۋمى- قېرىنداشلىرىنىلا قىسقىچە بايان قىلدىم. چۈنكى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى 80 ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ قەدەملىرى قىسقىرىپ، نوقسانلىرى كۆپىيىدىكەن. شۇڭلاشقا، تۆۋەندە يازغانلىرىمنى تەنە- تەئەررۇز قىلماسلىغىڭىزلارنى ئۈمىدت قىلىمەن.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، نوھ ئەلەيھىسسالام ئاب ئازاپىدا (تۇپان سۈيى بالاسىدا – ت)پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بىر كېمە ياساپ، كېمىگە ھەر تۈرلۈك مەخلۇقتىن بىر جۈپ سېلىپ، ئەڭ ئاخىرى كېمىنى جۇد تېغىنىڭ [33] ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن سەكسەن كىشى سالامەت چىقتى. لېكىن دەريا سۈيىنىڭ داۋاملىق ئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارمۇ ھالەك بولۇپ، ئاقىۋەت نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، ئۈچ ئايال جەمئىي يەتتە كىشىلا سالامەت قالدى. يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانىيەت گۇرۇھى ياكى ئادەم جىنسى، دەل شۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىدىن تارالغان ئەۋلاتلاردىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپتىن، نوھ ئەلەيھىسسلام «ئادەم سانى» (ئىككىنچى ئادەم ئەلەيھىسسلام – ت) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا يەر يۈزىدە بۇلارنى باشقا ھايات ۋە ئىنسان قالمىغان ئىكەن.
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرى سام، ھام ۋە يافەس ئىدى. بۇلار يەنە پەيغەمبەر مۇرسەل ئىدى دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. سام نوھنىڭ يەنە باشقا ئوغۇللىرىغا قارىغاندا ئەقىللىق، دانا ۋە ساپ پاراسەتلىك ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسلام ئەنبىيالىق ۋە ئەلچىلىكنىڭ ئىچكى سىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. باشقا پەرزەنتلىرىنى بولسا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئىدى. ئالەمنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە ياخشى جايلىرىنى، بولۇپمۇ روبئى مەسكۇن (يەر يۈزىنىڭ ئادەملىرى ياشايدىغان ئاۋات قىسىمى – ت) نىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھاۋاسى ياخشى يەرلىرىنى مەخسۇس پەرزەنتىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەنبىيا، ئەۋلىيا، ھۆكىما (پەيلاسوپلار – ت) ۋە ئەمىرالارنى (ئەمىرلەرنى – ت) سامنىڭ نەسلىدىن بولسۇن دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. سام بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇنىڭدىن توققۇز پەرزەنت دۇنياغا كەلدى. بۇلار ئەرفەھشەغ، كىيومرىس، ئاسۇر، يەقىن، لاۋاج، لاد، ئەلەم، لەدىم، يۇر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەرفەھشەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى، كىيومرىس بولسا پادىشلارنىڭ ئانىسى ئىدى.
سام ھەر بىر پەرزەنتىنى ھەر قايسى تەرەپكە بۇيرىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئون توققۇز خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بولدى ۋە بابىل [34]، يەمەن [35]، ھەزەرمۇت [36]، ئومان [37]، ئىراقەيىن [38]، پارىس [39] قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بولدى. بەزىلىرى يەر زىمىننىڭ شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگە بېرىپ، ھام بىلەن يافەسنىڭ ئەۋلادىغا ئارىلىشىپ، نوپۇسى ناھايىتى كۆپىيىپ، شەھەر- ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئاۋات قىلدى.
ھام جەنۇپ تەرەپكە بېرپ، دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان بولدى، خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا توققۇز پەرزەنت بەردى. ئۇلار ھىند، سىند، نۇبە، كەنئان، زەنج، كوش، قىمىت، بەربە (بەربەر - ت) ھەبەش دەپ ئاتالدى. سۇدان يۇرتىنىڭ ئادەملىرى، زەنگىبار، ھەبەس، ھىندىستان خەلقى ھامنىڭ ئەھۋلادى، بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئون سەككىز خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى. ئۇلارمۇ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى.
بۇرۇن نوھ ئەلەيھىسسلام كېمىسىنى جۇد تېغىغىا سۆرەپ چىقىپ، ئۆز پەرزنەتلىرىگە زىمىن ئايرىپ رۇخسەت بەرگەن چاغدا، يافەس دادىسىدىن ”ماڭا دۇئا ئۈگەتسىڭىز، مەن خالىغان چاغدا دۇئا قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغان بولسام“ دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىدى، دادىسى بۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى. ئاللا ئۇنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىسمى ئەززەم دىگەن ئايەتنى ئەۋەتتى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى تاشقا نەقىش قىلىپ ئۇيۇپ بەردى. بۇ تاشنى ئەرەپچە ”ھىجىرىلمەتلەر“ (يامغۇر ياغدۇردىغان تاش – ت) دەيدۇ. تۈركلە ”يادا تاشى“ياكى ”جادا تاشى“ دەپ ئاتايدۇ.
يافەس دۇنيانىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدىكى ئىدىل (ۋولگا – ت) ئىرىتىش دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايتى. ياخشى قائىە- يوسۇنلارنى ئورناتتى ۋە دۇنيانىڭ شەرقىدىكى بېيجىڭ مەمىلكىتىدە بىر شەھەر بىنا قىلدى، خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئون بىر پەرزەنت بەردى. ئۇلار چىن، ساقلاپ، گۇمادى، تۈرك، خەلەج، خەرىز، رۇس، سەدسان، غەربا، رۇج، مۇنشەج دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز ئەۋلادىدىن قىز ئېلىپ بېرىپ، ” يۇرتۇڭلارنى ئاۋات ۋە باي قىلىڭلار، ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئوبدان تەربىيە بېرىڭلار، ئۇلار كۆپەيسۇن “دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.
يافەسنىڭ ئەۋلادىغا تۈرك دىگەن ئوغلى باشلىق بولدى. ئۇ ناھايتى غەيرەتلىك، مەردانە، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ ئالەم ئەتراپىنى سەيلە قىلىپ يۈرۈپ بىر كىچىك دەريا ۋادىسىغا باردى. بۇ جاينى” سەيلۇك “دەپ ئاتايتى. بۇ ئېقىن سۇلىرى، بۇلاقلىرى كۆپ، چىرايلىق سايرايدىغان ھەر تۈرلۈك قۇشلار ياشايدىان خۇش ھاۋالىق بىر جاي ئىدى. تۈرك بۇ جاينى كۆڭلىگە ياقتۇرۇپ، ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئوت- گىيا ۋە قومۇشلاردىن ئۆي ياساپ ئولتۇردى. ئاندىن كېيىن چېدىر- ئۆيلەرنى پەيدا قىلدى، چارۋا تېرىسىدىن تون، تۇماق تەييارلاپ كەيدى. ئۇنىڭغا ناھايتى ئادىل ۋە سېخى پادىشالىق بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق تەربىيە ئاستىغا ئالدى، ھەم ناھايتى ياخشى پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىگە ” فۇدەك “دەپ ئىسىم قويدى. فۇدەك ئوۋ قىلىشقا ناھايتى ئامراق ئىدى. ئۇ بىر كۈنى سەھرادا كىيىك گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ ئولتۇرغاندا، بىر پارچە كاۋاپ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. فۇدەك بۇنى يەردىن دەرھال ئاغىزىغا سالدى ۋە كاۋاپنىڭ لەززەتلىك ئىكەنلىگىنى سەزدى- دە، شۇنىڭدىن باشلاپ تاماقنى تۇز بىلەن يەيدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئىلگىى بۇنداق ئادەتنى بىلمەيتى.
يافەسنىڭ ئوغلى خەرىز شىمال تەرەپتىكى مەمىلكەتلەردىن سۇ بويلىرىغا كېلىپ، بۇ جايلارنى مۇناسىپ كۆرۈپ ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۈلكە، سۈلۆسۈن ئوۋ قىلىپ، تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كىيىدىغان بولدى. خەرىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىر پەرزەندى دەرياغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. خەرىز سۇنىڭ زىددى (قارىشىسى – ت) ئوت ئىكەن دەپ ھېساپلاپ نۇرۇغن ئوتۇن راسلاپ ئەھلى قەۋمىنى ھازىر قىلىپ، داپ، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى تەييارللاپ، نەغمە- ناۋا بىلەن، ئوغلىنىڭ جەسىدىنى دەريادىن سۈزۈپ چىقىرىپ ئوتتا كۆيدۈردى، بۇنداق شۈم ۋە يامان ئادەتلەر تا ھازىرىغچە بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى يەنە تاغ غارلىرىدىن ھەسەل تېپىۋېلىپ ھالۋا قىلىشنى پەيدا قىلغان ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە يافەسنىڭ ئوغلى رۇس خەرىزنىڭ يۇرتىغا يېقىن . كۆچۈپ كېلىپ، خەرىزگە ئەلچى كىرگۈزۈپ، ئۆزىگە يېقىنراق بىر جايدىن ئورۇن بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. خەرىز ناھايتى خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا پاكىز ۋە ھاۋالىق بىر ماكاننى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ جايدا ئورۇنلىشىپ قالدى.
يافەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى غار بۇلغار دىگەن زىمىنغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، ياخشى ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى. لېكىن ئۇ ناھايتى مەككار- ھىلىگەر ئىدى ۋە ئۆز قېرىندىشى تۈرك بىلەن قاتتىق جەڭ- جىدەللەرنى قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭ سەۋىۋى شۇكى، بىر كۈنى يافەس بىننى نوھ دەرياغا چۈشۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يادا تاش غەر بىننى يافەسنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدا يافەسنىڭ ھەر قايسى ئوغۇللىرى بۇ يادا تاشقا مەن ھەقلىق دەپ دەۋا قىلىشتى. غەر ھىلىگەرلىك ئىشلىتىپ، خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تاش تېپىپ، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش قىلىپ، ئىسمىنى نەقىشلەپ تەييارلاپ قويدى. ئاندىن ئۇ ”چەك تارتىپ باقساق، چەك قايسىمىزغا چىقسا يادا تاش شۇنىڭغا مەنسۇپ بولسۇن“ دىدى. ئۇلار بۇنىڭغا قارار قىلىشىپ چەك تاشلاشتى. چەڭ تۈرك بىننى يافەسكە چىقتى. غەر ئىلاجىسىزلىقتىن ئۆزى تەييارلىغان يالغان يادا تاشنى تۈرككە بەردى. تۈرك بۇ تاشنى ئېلىپ ھەرقانچە يامغۇر تەلەپ قىلسىمۇ، يامغۇر ياغمىدى. ئۇ يالغان يادا تاشنى ئۇقۇشماي ئېلىپ قويغانلىغىنى بىلىپ، غەرنىڭ ھىيلە- مىكىر قىلغانلىغىنى سېزىپ، لەشكەر يىغىپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى ۋە يالغان يادا تاشنىڭ ئورنىغا راست يادا تاشنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غەرمۇ چوڭ ئوغلى بىيۇدنى لەشكەر بىلەن جەڭگە ئەۋەتتى. ئارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، بىيۇد جەڭدە ئۆلدى. تۈرۈك غەلبە قىلىپ قايتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر تۇققانلار ئارىسىدا جەڭ- ماجىرالار باقى ئادەت بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.
يافەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى ساقلاپ غەرپ تەرەپلەردە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى ۋە ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا يەنە ئۇنىڭ بىر ئىتىمۇ توساتتىن كۈچۈكلىگەن ئىدى. ساقلاپ بۇ ئوغۇلنى ئىتقا ئىمىتىپ، پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلدى. بۇ بالا ئىتقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ يۈزىنى چىشلەيدىغان بولدى. بۇنىڭغىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغۇلغىمۇ ساقلاپ دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بىرقانچە ۋاقىتتىن كېيىن پەرزەنتلىرى ۋە تەۋەلىگىنى باشلاپ رۇس دىيارىغا بېرىپ، ئۆزىگە لايىق بىر زىمىن بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، رۇس ئۇنىڭغا ”بۇ زىمىن بەك تار، سىزلەرگە كەڭ بىر جاي لازىم ئىكەن“ دەپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. ساقلاپ ئۇنىڭدىن يېنىپ گۇمادى ۋە خەرىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، يەنە شۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ئۇلاردىنمۇ ئوخشاش جاۋاپ ئالدى، نەتىجىدە ئۆز- ئارا جەڭ- ماجىرالار پەيدا بولدى. ساقلاپ قېچىپ بىر جايغا باردى. بۇ يەر بولسا دائىرىسى ئالتىمىش ۋە يەتتە ئىقلىمنىڭ سىرتىدىكى بىر جاي ئىدى. سوغاق قاتتىق بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنى يەر تېگىدىن ئۆي ياساپ ئولتۇراتتى.
يافەسنىڭ گۇمادى دىگەن يەنە بىر ئوغلى ئەيشى- ئىشرەت ۋە ئوۋچىلىققا ئامراق بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت بۇلغارنىڭ ئەتىراپىدا مۆتىدىل خۇش ھاۋالىق ۋە پاكىز بىر جاينى تېپىپ، شۇ جايدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولدى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئىككى پەرزەنت بەردى. ئۇنىڭ بىرىگە بۇلغار، يەنەبىرىگە بەرتاس دەپ ئات قويدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ھەر تەرەپكە بېرىپ، ئىمارەت سېلىپ، تۈلكە، سىنجاپ (سۈلۆسۈن – ت)، سەمۇر (قۇندۇز – ت)، تاقىم (قۇش – ت) ئوۋلاپ، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ كىيىدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. بۇ ئادەت شۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە جامائەت ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

داۋامى بار





تارىخى ھەمىدى
[align=justify]داۋامى


يافەسنىڭ ئوغلى چىن ناھايتى ئەقىللىق، زېرەك، ھۇشيار ۋە تەدبىرلىك كىشى ئىدى. دادىسى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنىمۇ ئوغلىنىڭ نامى بىلەن چىن دەپ ئاتىدى. چىن يەنە تەبئىتى ئۇستان ۋە ھۈنەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ نەققاشلىق، رەسسامچىلىق ۋە گۈللۈك كىيىم تىكىپ كىيىشنى پەيدا قىلدى. پىلىچىلىك ھۈنەرۋەرچىلىگىنى كەشەپ قىلىپ، بۇنى ئۆز پەرزنەتلىرىگە ئۈگەتتى. بۇ ھۈنەرۋەنچىلىك ھازىرمۇ كۆپرەك بېيجىڭدا مەشھۇر. بۇ چىننىڭ پاك زېھىن- ئىدرەككە ئىگە بولغانلىغىنىڭ ئىپادىسى. بۇ چاغدا ئاللا چىنغا خۇش چىراي ۋە شوخ بىر پەرزەنت بەردى، بۇنىڭغا ماچىن دەپ ئات قويدى ۋە ئۇنى ئۆي- ئوچاقلىق قىلدى، ماچىنمۇ كۆپ پەرزەتلىك بولدى، بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا مەسلىھەت سېلىپ، ”مېنىڭ پەرزەنتلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، بۇ زىمىنغا سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتىم. ئەگەر رۇخسەت بولسا يېقىنراق بىر شەھەر بىنا قىلپ ئولتۇرسام“ دىدى. چىن بۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ماچىننىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان بولدى، ماچىننىڭ بالا- پەرزەنتلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ بالىلىرىغا قوينىڭ يۇڭىدىن يىپ ئىگىرىپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنى ئۈگەتتى. قۇش جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە ئەنقا دىگەن ناھايتى چىرايلىق سۈرەتتەك بىر قۇش بار ئىدى، ئۇ قۇشنىڭ قاناتلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا باشلىرىغا قىسىدىغان بولدى. ماچىن بۇ قۇش قاناتلىرىنى جەڭ كۈنلىرىدە باتۇرلارنىڭ دەستار- داۋۇلغا (ئوق ئۆتمەيدىغان تۆمۈر ياكى پولاتتىن ئىشلەنگەن باش كىيىم - ت) لىرىغا بېكىتىپ، ھەيۋەتلىك باتۇرانە قىياپەتكە كىرىشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇ ئادەت مەنساپدارلار ئارىسىدا تا ھازىرقى دەۋرىگىچە ساقلانماقتا.
يەنە بىر قېتىم ماچىن ئوۋغا چىقىپ، بىر كىيىكنى تۇتقان ئىدى، كىيىكنىڭ كىنىدىگىدىن بىر خىل خۇش پۇراق قان ئېقىپ چىقتى. ماچىن بۇ قاننى ئېھتىيات قىلىپ ساقلاپ قويدى. قۇرۇغانسېرى بۇ قاندىن تېخىمۇ بىر خىل خۇشپۇراق پەيدا بولدى. ماچىن شۇنىڭدىن باشلاپ ”ھەرقانداق كىشى بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغان بولسا، ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېھتىيات قىلىپ ساقلىسۇن“ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغانلار ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېلىپ ساقلايدىغان بولدى. بۇ مىشكى (ئىپار – ت) دەپ ئاتىلىپ، ئادەملەرنىڭ قولىدا بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ ھال ماچىننىڭ بالا- پەرزەنتلىرىگە يىلدىن- يىلغا بايلىق- بەرىكەت ئېلىپ كەلدى. چىن ۋە ماچىننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ پەرزەنت- ئەۋلاتلىرى ئوتتۇزئالتە خىل تىلدا سۆزلىشەتتى.
شۇنداق قىلىپ، سام، ھام، يافەس بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى يەتمىش ئىككى خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى بىر تايىپە ياكى بىر قەبىلە بولۇپ شەكىللەندى. بۇ قەبىلىلەر بىر- بىرى بىلەن تىلماچ (تەرجىمان – ت) ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. ھەر بىر تايىپە ياكى قەبىلە ھەر تەرەپكە تارقاپ، ئۆز ئالدىغا شەھەر- ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ياشايدىغان بولدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، يەئجۇج ۋە مەئجۇج [40] دىگەن تايىپە ۋە قەبىلىلەرمۇ يافەسنىڭ ئوغلى مىنشەجىنىڭ ئەۋلادى دەپ بايان قىلىنىدۇ.
ئەگەر يافەس بىننى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون بىر ئوغلىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلىدىغان بولساق، گەپ ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ، بۇ قىسقىچە تارىخنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ. بىز بۇنىڭ ئىىچىدە پەقەت ئايرىم تۈرك ئەۋلاتلىرىنىلا تەپسىلىرەك بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قەلەم سۈردۇق.
بەزى تارىخىي كىتاپلاردا، تۈركنى يافەس ئوغلان دەپ ئاتايدۇ ھەم ئۇنى كيومرىس [41] بىلەن زامانداش دەپ بايان قىلىدۇ. ئومۇمەن تۈرك، موغۇل (موڭغۇل – ت)، تاتار، قىرغىز، قىپچاق، ئۇيغۇر ، مانجۇ، نايمان، چىركەس، داچىڭ، داغىستان، تۇرغوۋت، نوغاي، بارلاس، جوراس، جالايىر، دىلىم، جۇرجۇت، يەئجۇج- مەئجۇج قاتارلىق نەچچە مىڭ قەبىلە ۋە نەچچە مىڭ تايىپىنىڭ نەسەپلىرى تولۇق تۈرك بىننى يافەسكە يېتىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، يافەس نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك [42]، ئۇنىڭ ئوغىلى ئەبىلخان، ئۇنىڭ ئوغلى زىپ باتۇيخان، ئۇنىڭ ئوغلى كۆيۈكخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلەنجە خان ئىدى. بۇ ئەلەنجە خاندىن قوشگېزەك ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بىرسىنىڭ ئېتىنى موغۇل، يەنە بىرسىنىڭ ئېتىنى تاتار دەپ قويدى. ئەلەنجە خان بولسا ئۇلۇغ شان- شەۋكەتكە، چەكسىز بەخت- دۆلەتكە ۋە ھەددى- ھىساپسىز مال- مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن زامان پادىشالىق قىلدى. شۇ سەۋەپتن ئۇ توغرا يولدىن ئېزىپ ئۆز ئەجداتلىرى ئىچىدىكى خانلار ئارىسىدا ئەسلىدىكى دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىنى تاشلاپ، يامان يولنى باشلاپ، ھەممىدىن بۇرۇن كۇفرۇ شىرىكلىك (مۇشىرىكلىك – ت) يولىنى تۇتقان خانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەلەنجە خان ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلاراغا چېگرا- پاسىل بەلگىلەپ بەردى. موغۇل خانغا تەۋە جايلارنى”موغۇلىستان“، تاتارخانغا يېقىن جايلارنى ”تاتارىستان“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. موغۇل خان بىلەن تاتارخان ئۆزىگە تەۋە زىمىنلارنىڭ كاتتابېشى بولۇپ ئۆتتى – شۇ زاماندىن بۇ جايلار ”موغۇلىستان“، ۋە ”تاتارىستان“ دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. موغۇلۇستاننىڭ دائىرە ۋە پاسىلى مەزكۇر كىتاپنىڭ خاتىمە قىسىمىدا بايان قىلىنىدۇ. ئاللا ئۇنى يېزىشقا ئىمكانىيەت بەرگەر- ئىنشا ئاللا!
ئەلەنجە خاننىڭ ئوغلى موغۇلخان، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان ئىدى. لېكىن، قاراخان ئۆز ئىسمى- جىسمىغا لايىق قارانىيە، مۇشرىكلىك ۋە كاپىرلىق مەزھىپىنىڭ يولىدا قەتىي تۇرىدىغان، كۆرگەنلا مۇسۇلماننى زادىلا تىرىك قويمايدىغان بىر خان ئىدى. ئىسلامغا ئاداۋىتى كۈچلۈك بۇ كاپىرىدن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بۇ يۈزى ناھايتى نۇرلۇق ئوغۇل ئىدى. بۇ ئوغۇل ئۈچ كۈنگىچە يا ئانىسى ياكى بىرەر ئايالنىڭ سۈتىنى ئاغىزىغا تەككۈزمىدى. ئانىسى بۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايتى غەمكىن بولۇپ تۇرغاندا، چۈشىدە بالىسىنىڭ: ”ئەي ئانا! ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ سۈتۈڭنى ئىمەي، مۇسۇلمان بولمىساڭ ئەممەيمەن، بۇ سىرنى زادى كىشىگە دىمە“دىگەن سۆزى ئايان بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. بالا سۈتنى ئەمدى. ئانىسى ئېرىنىڭ خۇلقى- مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دىمەي، ئۆز ئىمانىنى مەخى ساقلىدى. موغۇللارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن چاغدا، ئات، كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ، يۇرتنىڭ چوڭ- كىچىكلىرىنى چىللاپ، ئات توي مەرىكىسى قىلاتتى. شۇ پەيتتە دادىسى بىلەن ئانىسى مەرىكىگە تەرەدۇت قىلىپ، بۇ خۇش پېئىللىك، گۈزەل ئوغلىغا نىمە دەپ ئات قويساق بولار دەپ مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بۇ زەكي بالا ”مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن“دەپ تىلغا كىردى. دادىسى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، خوشاللىقتىن ئۇنىڭ ئېتىنى ئوغۇز دەپ قويدى.
ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە، قاراخان ئۇنىڭغا ئۆز ئىنىسىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە ياتمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ بىر كۈنى ئوۋدىن يېنىپ بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندە تاغىسىنىڭ قىزى ”مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولسام“دەپ تەلەپ قويدى. ئوغۇزخان ”ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن ئەمىر- ئەقىدەمگە ئالاي“ دىگەندە، ئۇ قىز مۇسۇلمان بولدى. ھەر ئىككىسى ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە- ئەھد قىلىشتى. بىر كۈنى ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيتتى. دادىسىمۇ سىرنىڭ تېگىگە يەتمەيلا ماقۇل بولۇپ، بۇ قىزنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ناھايتى چوڭقۇر ئىدى.
بىر كۈنى ئوغۇز ئوۋغا كەتكەندە، قاراخان ئوغۇزنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن ”ئوغلۇم سىزگە نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىمىدى“دەپ سورىغاندا، ئۇ ” ئۇ ئوغلىڭىز مۇسۇلمان دىنىغا كىرىپتۇ، ئۇنىڭ توقال خوتۇنىمۇ مۇسولمان بولۇپتۇ، مەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىدىن يانمىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى“دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ قاراخاننىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئوغۇزنىڭ ئۈستىگە لەشكەر ئەۋەتمەكچى بولدى. ئوغۇزنىڭ مۇسۇلمان خوتۇنى بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇزغا خەۋەر قىلدى. ئۇمۇ لەشكەر تۈزۈپ تەييارلاندى. ئارىدا قاتتىق جەڭلەت بولۇپ، ئوغۇز غەلبە قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى داداىسىنىڭ قارارگاھىغا يېقىن بىر جايغىچە سۈرۈپ كەلدى. بۇ چاغدا دادىسى لەشكەرگە ئۆزى قوماندالىق قىلىپ ئۇرۇشقا چىقتى. ئۇرۇشتا دادىسى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى يوق قىلىندى. نەتىجىدە ئوغۇز تامامەن غەلبە قىلىپ، دادىسىنىڭ پايتەختىنى ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئاشكارە قىلىپ، يۇرت ئىچىگە ئادالەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش تىكلىدى. ياخشى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورناتتى. بىر يۈز يەتمىش يىل پادىشالىق قىلىپ، ئەرەپ زىمىنلىرى ھەتتا رۇبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يۇرتلاردىمۇ ئاۋاتلىق ۋە مەمۇرچىلىق ئورناتتى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئالتە پەرزەنت بەردى.ھەر بىر پەرزەنتى يەنە تۆتتىن جەمئىي يىگىرىمە تۆت پەرزەنتلىك بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى يىگىرىمە تۆت تارماققا ئايرىلىپ، يىگىرىمە تۆت قەبىلىنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر، قانلى، قاي، خەلەج دىگەنگە ئوخشاش ئايرىم- ئايرىم نام لەقەملەر بىلەن ئاتىلدىغان بولدى.
ئوغۇزخان قوشۇن باشلاپ ئەرەبىستان تەرەپكە يۇرۇش قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى جەڭدە ۋاپات بولدى. بۇ باتۇرنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى- قارارىغا توشۇپ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خالى جاي تاپالماي، بىر دەرەخىڭ كاۋىكىنى پانا قىلىپ، شۇ جايدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئادالەتپەرۋەر ئوغۇزخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ ئايالنى بالىسى بىللە ھەرەمگە (ئۆز ئوردىسىغا – ت) ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىلدى. بۇ بالا دەرەخ ئىچىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ”قىپچە“ دەپ ئاي قويدى. چۈنكى دەرەختىن يېڭى ئۈنۈپ چىقق نوتىنى”قىپچە“دەپ ئاتايتى. كېينچە سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن”قىپچە“دىگەن نام ”قىپچاق“دەپ ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. بۇ بالا چوڭ بولغاندا، ئوغۇزخان ئۇنى لەشكەر باشلاپ خەزەر (كاسپى كۆلى –ت) تەرەپكە يولغا سالدى. ئۇ شۇ جايلارنى ئىگەللەپ ماكان قىلدى. قىپچاق قەبىلىرى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئوغۇزخان يەنە بىر ئوغلى كۈن خان دىگەننى ئۆزىگە قايىم ماقام (مىراسخر – ت) قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈن خاننىڭ ئوغلى ئاي خان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇتۇز خان، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىز خان، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلى خان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېل خان قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن پادىشا بولدى. بەزى راۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئېل خان بىلەن پادىشا فەردۇننىڭ [43] ئوغلى تۇر [44] ئارىسىدا بەزىدە قارىمۇ- قارىشىلىق ئاداۋاتلىرى، بەزىدە خەت- ئالاقە ۋە برىش- كېلىشلەر بولۇپ تۇرغان ئىدى. بۇنىڭا قارىغاندا، ئېل خان تۆرىنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان.
موغۇل خانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىچىدە سەككىز نەپەر خان ناھايتى شەۋكەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك پادىشا بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، تاتارلار موغۇل خانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ھەممە موغۇللارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇرۇق- ئەۋلادىنى يەر يۈزىدىن تامامەن يوق قىلدى. پەقەت ئېل خاننىڭ ئوغلى قىنانخان بىر پۇرسەت تېپىپ تاغىسىنىڭ ئوغلى تەكۇز بىلەن بىللە تاتارلانىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قېچىپ، خوتۇن، بالا- چاقىلىرىنى ئېلىپ، بىر مۇنچە چارۋىسىنى ھەيدەپ، بىر پىنھان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياشايدىغان بولدى. بۇ تاغنىڭ پەقەت بىرلا دەرۋازىسىدىن باشقا چىقىدىغان ئاغىزى يوق ئىدى، ئۇلار بۇ دەرۋازىنى مەھكەم بېكىتتى ۋە بىر قانچە ئەۋلاتقىچە بولغان نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە، ئۇلار شۇ تاغ ئارىسىدا ياشاپ كەلدى. ئەۋلاتلىرى ۋە چارۋىسىمۇ ناھايتى كۆپەيدى. قىنانىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”قىيات“، تەكۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”ئۆكۈش“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇلار كېينچە تېخىمۇ كۆپىيىپ، بىر قانچە قەبىلىگە ئايرىلىپ تاغ ئىچىگە سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇلار ئەسلىدە ئاسماننىڭ تېگىدە بۇ جايدىن باشقا يەنە بىر زىمىن يوق ۋە بىزدىن باشقا ئىنسان ياكى مەخلۇقمۇ يوق دەپ ھىساپلايتى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ماكانىنى ”ئەرگىنەقۇن“دەپ ئاتايتى. بىر كۈنى ئۇلار ئەجداتلىرى بېكىتىپ قويغان دەۋازىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا باشلىدى.
ئەسلىدە موغۇل خانلىرىدىن سەككىز خان دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن غۇغۇلۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ھەشەمەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئىدى. توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ نىيىتى نابۇد بولدى. شۇڭلاشقا كېيىنكىلەر بۇ سەككىز خاننىڭ زامانى مۇبارەت ۋە خوشلۇق ھىساپلايدىغان، پادىشالار ئۇلۇغ شەۋكەت ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىلىرى ئۆز- ئارا توققۇز توققۇزدىن سوغا- سالام قىلىشىدىغان ئەھۋال ئادەت بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇلار بىر سەككىزنى ”بىر توققۇز“دەپ ئاتايتى. خان ۋە پادىشالار، ھەتتا پۇقرالار بولسا پەقەت سەككىز ناننى كۆتىرىپ بېرپ، ئۇنى توققۇز دەپ ھىساپلايتى. بۇنداق ئادەت موغۇلىستان يۇرتىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئۇ چاغدا، ئېل خان ئەۋلادىدىن يۇلتۇز خان پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرسىدىن ئوغۇل، يەنە بىرسىدىن قىز دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇلارنى بىر- بىرىگە نىكا قىلىپ قويغان ۋە بۇلاردىن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا يۇلتۇز خانمۇ ۋاپات بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرىمۇ ۋاپات بولۇپ، پەقەت ئالانقۇۋا دىگەن بىر خوتۇنلا يالغۇز قالدى. بۇ خوتۇن يۇلتۇز خاننىڭ خەلقى ۋە ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولدى. ئالانقۇۋا ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئىدى. بىر كېچىسى ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈگىدىن خۇددى ئاپتەپتەك بىر نۇر كۆرۈنگەندەك بولدى. بۇ نۇر يەنە ياش بىر يىگىت سۈرئىتىگە كىرىپ ئالانقۇۋا بىلەن ھەمبەستەر (بىللە – ت) بولدى، ئۇنىڭدا بىر خوشاللىق پەيدا بولۇپ ھامىلدار بولۇپ قالدى. دۆلەت ئەركانلىرى (ئەرباپلىرى – ت) بۇنىڭ ئاڭلاپ تەئەررۇز- مەسخىرە قىلىشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا ئالانقۇۋا ”مېنىڭ ئادىتىم پاكلىق، نومۇسلۇق، راستچىللىق بولۇپ، پاھىشە ۋە يامانلىق قىلمايمەن، ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر ئۆيگە كىرىپ، ياش يىگىرت سۈرىتىدە بولۇپ بىللە بولدى. ھامىلدار بولۇپ قالدىم“ دەپ ھىكايە قىلدى. بەزىلەر بۇ نۇرنى ھەرزىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ ۋە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دەپ قىياس قىلىشتى. مۇنداق ئەھۋاللار خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن بولغان. بۈۋى مەريەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي!) دىن ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتىسىز تۇغۇلغان، بۇنداق ئاجايىپ ۋە غارايىپ ئىشلارنى خۇداۋەندە ئاللا ئاسانلا پەيدا قىلالايدۇ. خالىغلان نەرسىنى قىلالايدىغان ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قلالايدىغان بىردىن- بىر سۈپەت پەقەت رەھىمدىل ئاللاغىلا خاس دەپ پەتىۋا قىلىشتى. بەزىلەر يەنە ئاستىرونۇم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ، ئەگەر كۈن بىلەن ئاي ھەمە بۇرجىدا (مىلادى 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە بولغان مەزگىل – ت) بىر سىزىققا توغرا كېلىپ، ئالتىنچى دەرىجىدە ئۇچۇراشسا، شۇنداق ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ دىگەن سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ راستلىغىنى ئىسپاتلاپ ۋە تەستىقلاپ، بىر قانچە سەۋەپ ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى. ”رەۋزە تۇسسافا“ دىگەن كىتاپتىمۇ باشقىلارنىڭ ئالانقۇۋاغا قىلغان مەسخىرە ۋە ئەيىپلەشلىرىگە قارىشى بىرمۇنچە دەلىل- ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن.
كەمىنە مەندەك كۆپ نوقسانلىق بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ كۆڭلىدە، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە بولغان مۇنداق بىر قارىشى مەندىكى سۆز ئۆزىنىڭ نىقاپ پەرىدىسىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنۇپ، مەخپى بولۇپ كەلگەن بۇ ئاجايىپ رىۋايەتنى ئېنىقلاپ، ۋاراق سەھپىسىگە يازدىم. مېنڭچە، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىش كېرەك. يەنى ئالانقۇۋا نەسلىدىن مۇسۇلمانىلىق گۇرۇھىغا كىرگەن خان، پادىشالارنىڭ تۇغلۇق خان، تۆمۈرخان، ئەمىر تۆمۈر كوراگانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلات جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتلىك ئالانقۇۋا نەسىل- ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار يەنە ئالانقۇۋاغا ئادەم ئەۋلادى قول تەككۈزۈپ باخمىغان. ئالانقۇۋا پەقەت نۇردىن ھامىلدار بولۇپ نەچچە ئاي ۋە نەچچە مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇزەنجىرخاننى تۇققان، بىز بولساق ئەنە شۇنىڭ ئەۋلادى دەپ پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى شۆھرەتلىك ھىساپلايدۇ. ئۇ كۆرۈنگەن نۇرنى ھەزرىتى ئەلى كىرەموللا ياكى جەبرائىل ئەلەيھىسالامنىڭ قىياپىتى دەپ يۇقىردىكى رىۋايەتكە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىدۇ.
مېنىڭ قارىشمچە، بۇنداق پايدىسىز ئەقىدە- ئېتىقات ۋە ھىكايىلەر نەزەر ۋە ئېتىۋارغا ئالغىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرۇق گەپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىشىنىش كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا بولسا ھىجىرىنىڭ قىرىقىنچنى يىلى (مىلادى 660-660 – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالانقۇۋا دەۋر ھەزرىتى ئەلىدىن كېيىن ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ئالانقۇۋا قارا شەھەر مەمىلكىتى تەۋەسىدىكى ئۆز قەۋمى- مىللىتى بولغان قالماقلارنىڭ كاتتىسى بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي خۇدايتائالانى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ساھابلىرىنى بىلمەيتى. بەلكى ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا خۇدايتائالا ، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلارنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. بۇ ھەم ئاي ۋە كۈنگە ئىبادەت قىلىدىغان، جىن، شەيتانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتتە ياشاشنى ئادەت قىلىپ، ئالاتائالانىڭ مۇنداق نۇر ئىلھامىنىڭ بىشارىتىگە ئىگە بۇلالايدۇ.
مەشھۇر تارىخ كىتاپلىرىدا ئىنسانلارغا موغۇل تايىپلىرىنىڭ ئىسلام شەرىپىگە ئەڭ دەسلەپ ھىجرى ئالتە يۈزىنچى يىللىرىدىن (مىلادى 1203-1204- يىللىرى – ت) كېيىن ئىگە بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەھلى كىتاپ ئەمەس (مۇقەددەس دىنىي كىتاپ ئەۋەتىلگەن بىېرەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئەمەس – ت) مۇشرىك بىر خوتۇننىڭ نىكاسى شەرئىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ كارامەت بىلەن بۇ مۇشرىك خوتۇننى مۇسۇلمان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقانلىغىنى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ پاكلىغىغا شەك- شۆبھە ۋە گۇمان كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. گۇمان بىلەن بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا گۇماننىڭ ئۆزى شەرىئەتتە ھۆججەت ۋە دەلىلىمۇ بولالمايدۇ.
شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئلى ئىراق زىمىندىىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇ ئۇلۇغ زات ئۆز قەۋرىسىدىن چىقىپ نۇرغا ئايلىنىپ، ئاندىن ئىنسان سۈرىتىگە كىرىپ، بىر كاپىر خوتۇن بىلەن يېقىنلشىپ بىر ياستۇقتا ياتتى دەپ سۆزلەنسە، بۇ تاناسخىيە ۋە ھۇلۇلىيە [45] تەرەپدارلىرىنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ قالىدۇ.
موغۇللارنىڭ مەزھەپلىرى ئىنساننىڭ روھى ھامان ئۆز تېنىدىن ئاجراپ يەنە بىر تەنگە يۆتكىلىپ يۈرىدۇ دىگەن ئەقىدىگە ئىتائەت قىلىدىغان بىر مەزھەپ. چىن ئەھلىنىڭ بەزلىرى ۋە بارلىق ھىندىلارمۇ شۇ مەزھەپنىڭ تەرەپدارلىرى. شىئە [46] مەزھىپىنىڭ بەزى سوپىلىرى شۇ مەزھەپكە مايىل. ھالبۇكى، بۇنداق ئەقىدە- ئېتىقات بولسا كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
«مىللەل ۋە نەھەل» (مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەر) دىگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئىمام مۇھەققەق بىننۇلھەزم ئەلزاھىرى [48] ۋە باشقا ئالىملار ئۆز كىتاپلىرىدا، يۇقۇرقىدەك ئەقىدىگە ناھايتى قاتتىق رەدىيە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەر بىلەن يېقىنلاشمىغان خوتۇنلارنىڭ بالا- پەرزەنت تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ جامائەت ئىچىدە ماقۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنداق ھادىسە، مەريەم بىنت ئەمران ۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ئاياللار تايىپىسىدە سادىر بولمىغان، ھەزرىتى ئەيسا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملا بۇۋى مەريەمدىن ئاتىسىز دۇنياغا كەلگەن. شۇڭلاشقا، بۇنداق مۆجىزىلىك ھادىسە پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئالەيھىسسالامغىلا خاس بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا ئىنسانغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.
ئىسلام دىنىنىڭ بەزى تەتقىقاتچى ئىماملىرى بۈۋى مەريەمنى پەيغەمبەر ئىدى. ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولمىغان تەقدىردە، ھەق تائالا ئۆزىنىڭ قەدىمقى كىتاپلىرىدا (ئىنجىل، تەۋرات ۋە قۇرئاندا – ت) بۇ ھەقتە خىتاپ قىلىپ سۆزلىمىگەن بولاتتى دەپ بايان قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتى بىلەن ئاتا ۋە ئانىسى يوق يارىتىلغان مەخلۇق. ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئانىسىدىن دادىسى يوق ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئككىسىدىن باشقا ئىنسان ياكى باشقا ھايات ئىگىسىنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى يوق ۋۇجۇتقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئالەمنىڭ ھەقىقى ياراتقۇچىسى ئاللا ئۆزىنىڭ ئىلھام ۋە ئېھسانلىرى ھەم ياخشى- يامان ئىشلار يېزىلغان كىتاپلىرى ئارقىلىق، كۈچ – قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئالەمنىڭ ئىنتىزامىنى بىر رەۋىش ۋە بىر خىل يولدا ئىزچىل ئادەت قىلىپ ساقلاپ كەلدى. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق زامان ياكى ھەر بىر ئاۋاندا ئاللانىڭ بۇ خىل ئادەم ئۆلچەملىرى ۋە نىزام- تەرتىپلىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى تۇس- شەكلىنى ئۆزگەرتكەن غەيرى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، ئاللا تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنمىغان بىرەر يېڭى ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئانى كېرىمدىكى ”ئاللانىڭ قانۇنىدىن ھىچقانداق ئۆزگىرىشىنى تاپالمايسەن“دىگەن ئايەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئاساسسىز بىر بايىل ھىكايە ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ھىكايىنى رىۋايەت قىلىپ يۈرگۈچلەر ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر بولسا كاپىر ۋە مەلئۇندۇر. چۈنكى، ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنبىيا، مۇرسەلىنلەردىن باشقا كىشلەرنىڭ قېشىغا چۈشۈشى مەنئىي قىلىنغاندۇر. شۇنداقلا رەسۇل خاتە مۇلنەبىن (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام – ت) دىن كېيىن ھىچقانداق ئىنسان ياكى بىرەر ھايات ئىگىسى پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئالانقۇۋانىڭ ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر پەيدا بولۇپ، مەندە بىر خوشاللىق ھاسىل بولۇپ، ھامىلدار بولدۇم، نەتىجىدە بۇزەنجىر خان ۋۇجۇتقا كەلدى دىگەن سۆزلىرىنى يۇقىرىقى قاراشلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى تامامەن ئاساسسىز، بھۇدە گەپ بولىدۇ.
موغۇللار زىنا قىلىشنى ئەيىپلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ھالال دەپ ھىساپلايدۇ. موغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئەگەر ئەرگە بەرمەكچى بولغان قىز ياكى سىكىلەك خوتۇننى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ لاماسى يەنى نىكا قىلىدىغان موللىسى بىر كېچە خوتۇن قىلىپ، ئۆز ئىلكىدە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆز ئىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نىكا ئادەتلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ لاماسى زادىلا خوتۇن ئالمايدۇ، دىگەن مەلۇماتلار بار. تارىخ كىتاپلىرىدا يېزىلىشىچە يەنە موغۇللار دادىسىنىڭ خوتۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئەمىرى- ئەقىدىگە ئالىۋېرىدۇ. مەسلەن، چىنگىز خان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر خوتۇنىنى ئوغلى تولى خان ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى بالا تاپقان دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ ئالانقۇۋامۇ زىنا بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، موغۇللار بۇ ئاتىسى يوق بالىنى قانداق قىلىپ ئولۇغىمىز قاتارىدا ھىساپلايمىز دەپ ئار نومۇس قىلىپ نارازى بولۇشقان. ئۇلار يەنە بۇ نارازلىقنى بېسىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ھىلە- مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، يالغانچىىلىق قىلىپ، دىنىي كىتاپلاردىكى ئايەتلەردىن دەلىل- ئىسپاتلارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى بۇنداق نومۇستىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇشقان. ھەتتا تارىخ يازغۇچىلارمۇ ئۆز دەۋرىدىكى پادىشالارغا ۋە ئۇلۇغلارغا خوشامەت قىلىپ، جانابىڭىز شۇنداق ئۇلۇغ پادىشادۇرسىزكى، ئۇلۇغ نامىڭىز نۇردىن ھامىلدار بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئەۋلادىدىندۇرسىز، شۇڭلاشقا ھەر قانداق غالىپ پادىشالاردىنمۇ غالىپ بولالايسىز دەپ خوشامەت سۆزلىرىنى بايان قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، موغۇللار بۇنداق رىۋايەتلەرگە چوڭ دىققەت- ئېتىۋار بىلەن قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى دەپ پەرخىرلىنىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ نىسبەت- نەسەپلىرىنى شۇلار بىلەن باغلايدۇ. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى پەقەت ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئاللاغا مەلۇم.
ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە يېنىپ، بىر- بىرلەپ بايان قىلايلى. ئالانقۇۋادىن ئۈچ ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. كەنجىسىگە بۇزەنجىر دەپ ئات قويدى. ئۇ ھۇشيار، دانا، ئادالەتلىك ۋە دۆلەتمەن پادىشا ئىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋەئوبدان قائىدە- تۈزۈملەرنى پەيدا قىلدى. ئەمىر بابا مۇسىلىم مەرۋىزى [49] بىلەن دوستلۇق قىلاتتى دەپ بايان قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئۇ ئەمىر ئابا مۇسىلىم بىلەن بىر زاماندا ياشىغان. بۇزەنجىر خاننىڭ ئوغلى بۇقا خان، ئۇنىڭ ئوغلى دومىن خان، ئۇنىڭ ئوىغل قايدۇ خان، ئۇنىڭ ئوغلى بايىسىنقىرخان، ئۇنىڭ ئوغلى دۇمىناي خان ئىدى. دۇمىناي خاندىن قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلدى. بىرسىگە قۇبۇلخان، يەنە بىرىسگە قاچۇلى خان دەپ ئات قويدى. چىنگىزخاننىڭ نەسەبى قۇبۇل خان بىننى دۇمىناي خانغا، ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەسەبى بولسا قاچۇلى بىننى دۇمىناي خانغا يېتىدۇ.
قاچۇلى بىر كېچىسى مۇنداق چۈش كۆرۈپ، ئۇ چۈشىنىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مۇنداق بايان قىلىپتۇ. ”ئاكام قۇبۇل خاننىڭ ئېتىگىدىن بىر كۈن پەيدا بولۇپ، ئاسماننىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ھەممە ئالدەمدە روشەنلىك پەيدا قىلىپ پېتىپ كەتتى. يەنە بى قانچە كۈنمۇ كەينى- كەينىدىن چىقىپ، روشەنلىك پەيدا قىلىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پېتىپ كەتتى. ئاخىرى يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر روشەنلىك پەيدا بولغاندا، مېنىڭ ئىتىگىمدىنمۇ بىر كۈن چىقىپ پۈتۈن جاھاننى يۇرۇتۇپ، بۇمۇ پېتىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن چىقىپ، ھەر قايسىسى ھەر بىر تەرەپنى يۇرۇتتى. بۇ ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. ئويغانسا چۈشۈم ئىكەن.“دادىسىمۇ خۇددى شۇنداق بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. دادىسى بۇنى ئويلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ دانالىرىنى يىغىپ، ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى تولۇق بايان قىلدى. دۆلەت ئەركانلىرى پىكىر- تەپەككۈردىن كېيىن، قۇبۇل خان ئەۋلادىدىن شەۋكەتلىك بىر پادىشا چىقىپ، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بوي سۇنىدىكەن ۋە دۆلىتى زىيادە بولىدىكەن. كېيىن چىققان كۈن بولسا، ئۇنىڭ بالا- پەرزەنتلىرىدۇر. بۇلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ھەر بىرى ھەر تەرەپكە ھۆكۈمرۈن بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چۈشنى كۆرگەن قاچۇلى نەسلىدىن بىر ئۇلۇغ شائان پادىشا (شاھلارنىڭ شاھى – ت) دۇنايغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ قەدەم بەرىكەتلىرىدىن ئالەم يۈزى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا توشۇپ ئۆتىدىكەن دەپ تەدبىر بېرىشتى ۋە ھەممىسىلا ماختاپ ئاپرىن ئوقۇشتى. خان يارلىق قلىپ، ئۇشبۇ مەزمۇندا بىر خەت پۈتۈشنى بۇيرۇدى. خەتكە ”مەندىن كېيىن قۇبۇل خان ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە ۋەزىرلىك دەرىجىسىە تۇرۇپ، يۇردارچىلىقتىن خەۋەر ئالغاي“ دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە پايدىلىق سۆزلەر بىر- بىرلەپ تىزىلىپ يېزىلدى. خان باشلىق دۆلەت ئەركانلىرى ئۆز مۆھرىنى بېسىپ، خەتنى غەزنىدە قويدى. بۇ يارلىق خەت خانلارنىڭ غەزنىسىدە تاكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىازا [50] زامانغىچە ساقلاندى ۋە شۇ يارلىق دەستۈرى بويىچە خەتنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. بۇ خەتنى قالماق- موغۇللارنىڭ تىلىدا ”فارامىن“ دەپ ئاتايتى. كېيىن قۇبۇل خاندىن بەرتان خان تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئوغلى سېسۇ باھادۇر، ئۇنىڭ ئوغلى تېمۇچىن باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭ لەقىمى چىنگىز قائان ئىدى.


موغۇل خانلىرىنىڭ سەردارى، ئەرەپ، ئەجەمدىن شەرىققىچە بولغان جايلاردىكى خانلارنىڭ خانى پادىشا جاھانگىر چىنگىزخاننىڭ غەلبىلىك ئىستىلالىرى، ھۆكۈمرانلىغى، ئەمىر، نويانلىرىنىڭ ئىستىقلالى ھەققىدە قىسقىچە نەمۇنە بايانى


[align=justify]
گۈزەل تىللىق ۋە سىلىق سۆزلۈك مۇئەررىخلەر، تالانتلىق مۇئەللىپ- ئەفزەللەر ۋە بۇلارغا شۇنداق يول ۋە ئىشتىياق بىلەن بايان قىلىپدۇركى، ئۇلۇغ ۋە ھەقىقى پادىشا ئاللانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ۋە خاھىشى بويىچە، بەزىدە مۇسۇلمان مۆمىن ياكى دىندارلارنى كاپىر مۇشرىكلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋە بەزىدە كاپىر مۇشرىك ياكى دىنسىزلارنى مۇسۇلمان - مۇۋەھھىدلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋەقەلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى كىشلەرگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ھىكايە قىلىپ، ئۆز تارىخ ۋە ئسەرلىرىگە يازغان ئىكەن.
بۇ يازما ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىداندا، تارىخ ھىجرىيىنىڭ بەش يۈز قىرىق توققۇزىنچى يلى (مىلادى 1154- يىلى – ت) تېمۇچىن باھادۇر دۇنياغا كەلدى. ئون ئىككى يېشىدا دادىسى ئۇ ئالەمگە كەتتى. ئاندىن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيسىىدە ئۆسۈپ، شەرق ۋە شىمال تەرەپلەردىكى جۇرجۇت، نايمان، تۈركىستان ئۇلۇغلىرىدىن ئوڭخان، تايانخان، گورخان، توقابېك، مېكرىت (مېركىت – ت) قاتارلىق چوڭ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىستىلا قىلىپ، قەۋم ۋە قەبىلە، يۇرت ئايماقلىرىغا ئىگە بولدى. شۇ جەريداندا تېمۇچىن باھادۇر قىرىق توققۇز ياشقا كىردى. دۆلىتى ناھايتى زىيادە بولدى. تارىخ ھىجرى بەش يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1201-1202- يلى – ت) موغۇللار ئىتتىپاقلىلشىپ، توققۇز پايەلىق (قەۋەت – ت) تەخت تەييارلاپ، تېمۇچىننى پادىشا قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ، ”چىنگىز قائان“دەپ لەقەم قويدى. بۇ موغۇلچە”خانلارنىڭ خانى “ياكى”شەھنىشاھ“دىگەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ تېمۇچىن دەپ ئاتالماي، بەلكى ”چىنگىز قائان“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. كېينچە ” قائان“سۆزى ئادەتتە ئەسلى تىلىنى غەلىتە تەلەپپۇز قىلىدىغان ئاممىۋى تىلدا ” خاقان“دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. ئۇنىڭ پايتەختى قاراقۇرۇم دىگەن جايدىكى كىلوران دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. ھازىر بۇ جاينىڭ ئېنىق نىشان ۋە ئورنى قالماقلاردىن باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس.
بۇ چاغدا خىتاي [51] خانى ئالتانخان [52] بولۇپ، پايتەختى خانبالىق ئىدى. خىتاي تىلىدا خانبالىقنى” جۇدو“[53] دەپ ئاتايتى. خانبالىقنى پايتەخت قىلىپ، دۆلەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان خانلارنىڭ ھەممىسىلا ئالتانخان دىگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىدى. چىنگىز قائان خانبالىقتكى ئالتانخاننىڭ ئۈستىگە چىرىك باشلاپ بېرىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ، خانىۋەيران قىلدى. چۈنكى، خىتاي خانلىرى بىلەن موغۇل خانلىرىنىڭ ئارىسىدا، قەدىمدىن بۇيانلا ئۆز- ئارا ئاداۋەتلىرى كۈچلۈك ئىدى. نەتىجىدە ئالتانخان تەڭ كېلەلمەي، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. ھەتتا چىنگىز قائاننىڭ پەرمان ۋە ئىتائىتىگە بوي سۇنۇپ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە تەقدىم قىلدى. چىنگىز قائان بۇنىڭغا رازى بولۇپ، ئالتانخاننىڭ قىزىنى ئۆز خوتۇنلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۆز يۇرتىغا ياندى. شۇنىڭ بىلەن چىنگىز قائانغا قاراشلىق جايلارنىڭ چېگىرسى شەرقتە خانبالىق، شىمالدا قازان شەھىرىگە تۇتاشتى.
قازان شەھىرى ”تاتار“دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى چىنگىز قائان قازان شەھىرىنى بېسىۋالغاندا، تاتارلاردىن لەشكەرئېلىپ، ئۇلارنى بۇ جايغا باشلاپ بارغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى شۇ جايدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا، بۇ جاي”تاتار“نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك. كېينكى زامانلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينى بېسىۋېلىپ، مەزكۇر تاتارلارنى زورلۇق بىلەن ئۆز يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كەلدى دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. ئومۇمەن، چىنگىز قائان غەربى چېگىرسى مىسىر، شام (سۈرىيە – ت)، باغدات (ئىراق – ت)، روم (شەرىقىي تەرىپىدە كىچىك ئاسىيا – ت) غىچە، جەنۇبى چېگىرسى ئەزەر بەيجان، سند دەرياسى ، باغدات (ئىراق - ت)، رۇم (شەرقىي تەىپى كىچىك ئاسىيا – ت) غىچە، جەنۇپ چېگىرىسى ئەزەربەيجان، سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇر مەمىلكىتىگىچە [54] بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەتمىش ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، يىگىرىمە بەش يىلغا قەدەر يەر شارى قۇرۇقلۇغىنىڭ كۆپ قىسىمىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ ھۆكۈمرۈنلىق قىلىدى.
بۇ جەرياندا، چىنگىز قائاننىڭ خانىۋەيرانچىلىغى شۇنداق ئېغىر دەرىجىگە يەتتىكى، بۇنى يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ، سۆزلەشكە تىل يېتىشمەيدۇ. «ھەدىس شېرىف»تە بۇ ھەقتە” خۇددى قالقاغا ئوخشاش كەڭ يۈزلۈك ۋە مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك بىر قەۋم قىرغىنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى قوزغاپ چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ“ دەپ ئالدىنئالا كۆرسىتلگەن ئىدى. بۇ سۆز موغۇل- تاتار تايىپىسىدىن چىققان چىنگىز قائان ۋە ۋەھىلاكۇنى كۆرسەتتى. موغۇللارنىڭ ئىسلام دىيارىغا قىلغان ئىستىلاسى خەلىپە مۇستە ئىسىم [55] زامانىدا يەنى تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1256- يىلى – ت) تاماملاندى. بۇ ھال چىنگىز قائاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، ھىلاكۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە يەئجۇج- مەئجۇجلەرنىڭ پىتنە- غەۋغاسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. «ھەدىس شېرىف» تە يەنە ”بىننى قەنتۇرا ئەۋلادى كەلگەن چاغدا ئاخىر زامان بولىدۇ“دەپ كۆرسىتىلگەن. بىننى قەنتۇرا بولسا تۈرك ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. قەنتۇرا بولسا تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مومىسى ھىساپلانغان بىر ئايالنىڭ نامى. «مەشكىۋات شېرىف» («ياخشى ۋە ياماننىڭ ئايرىش ئۆلچىمى» - ت) دىگەن كىتاپتا ” «ھىججاز تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ چىقىدۇ. شۇ ۋاقىت- سائەت ئىچىدە دۇنيانىڭ دەۋرى تۈگەپ، قىيامەت قايىم بولىدۇ “دەپ يېزىلغان. يەنە «مىرقات» («ئۆرلەش باسقۇچىلىرى» - ت) دىگەن كىتاپتا ” بۇ ئوت ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچى زاھىر بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان. بۇ ھىلاكۇنىڭ ھىجرى ئالتە يۈزئەللىك تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1256- يىلى – ت) ئىسلام دىيارىغا ئىستىلا قىلىدىغانلىغىنى ئىشارەت قىلغانلىق ئىدى. يەنە ”بەسىر دىگەن جايدا تۆگە بويناق دىگەن بىر تاغ بار. ھىججاز زىمىنىدىن ئوت چىقىپ، تۆگە بويناق تاغلىرى ئۇچۇق كۆركۈنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ “دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ چىنگىز ۋە ھىلاكۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئوت ئاپەتلىرىدىن كىنايە ۋە ئىشارەت ئىدى.
ئەھلى تارىخچىلار ئۆز تارىخ كىتاپلىرىدا چىنگىز قائاننىڭ بالايى- ئاپەتلىرى ۋە خانۋەيرانچىلىغى ھەزرىتى نوھ بىننى زامانىدىكى تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. دەپ يازىدۇ. چۈنكى نوھ دەۋرىدە تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. بۇ دەۋرىگە كەلگەندە ئادەملەر كۆپىيىپ، ماددى مەئىشەتلەرمۇ ناھايتىى ئاشقان ئاۋات مەنزىرە بارلىققە كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، نوھ دەۋرىدە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللانى بىر دەپ تونۇيدىغان دىنىي ئىشەنچىدىن مەھرۇم ئىدى. بۇ زامانغا كەلگەندە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمان دىندار بولۇپ، دىنغا سادىق مۇجتەھىد ئۇلۇغ ئۆلىمالار، ھۆرمەتكە سازارۋەت بولغان ماشايىخلار كۆپ ئىدى. مەسلەن، بۇخارايى شېرىفتا ئىمام ئەبۇ ھەفزى كەبىرى [56] قاتارلىق بىر قانچە يۈز ئۇلۇغ مۇجتەھىد يېتىشكەن پىشىۋالار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق مۇرىدى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ساھىبى كارامەت ۋە دالايەت (كارامەت ۋە ھۆججەت ئىگىلىرى – ت) كىشلەر ئىدى. شۇڭلاشا، بۇ ئۇلۇغ زاتنى ”ۋەلى تاراش“ (ئۇستىلار ئىگىسى – ت) دەپ ئاتايتى. بۇ زات ئۆزىنىڭ بىر قانچە شاگىرتىغا رۇخسەت بېرىپ، ”سىلەر باشقا جايغا كېتىڭلار، چۈنكى شەرق تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ كەلمەكتە. بۇ ئوت تا ھازىرىغچە بولغان زىمىننى كۆيدۈرمەكچى. ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا يەنە قايتىپ كەلمىگۈسى“دىگەندە، بەزى ئەزىزلەر ”ئەگەر دۇئا قىلسىلا كېلىۋاتقان بۇ ئاپەت كەينىگە قايتىشى مۇمكىن“دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. جانابى شەيىخ ”بۇ دۇئا بىلەن قايتۇرغۇلى بولمايدىغان بالايى ئاپەتتۇر“دەپ جاۋاپ بەردى. يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇ زاتقا ئوخشاش تەرىپ ۋە ماختاشتىن تاشقىرى نۇرغۇن ھۆرمەتلىك ماشايىخلار، ئۇلۇغ ئۆلىمالار قاتارلىق ساھىپ دۇئالار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا چىنگىز قائاننىڭ قىرغىنچىلىغى تۈپەيلىدىن شېھىتلىك شەرۋەتلىرى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.
لېكىن، قەدىمقى زاماننىڭ قەدىمقىسىدىكى پادىشالىق قائىدە- قانۇنلىرىنى پادىشا جەمشىت [58] بەرپا قىلغان بولسا، پەيغەمبەر (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام) زامانىدىن كېيىن پادىشالىق رەسمىيەتلىرىنى، تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ بىر قاتار ياساق- يۇسۇنلار ۋە يارغۇ- قانۇنلارغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك دەستۇرۇل ئەمەر (سىياسىي قولانما – ت) دەپ ھىساپلاپ، ئۇنى يۇرت سوراسنىڭ ھۆججەتلىرى قىلىپ كەلگەنلىگىنى بايان قىلىدۇ. چىنگىز قائاننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ھۆكۈم- پەرمانلىرى بويىچە، موغۇلدىن قاراچار نويان، مۇسۇلماندىن ماھمۇدبېك يالاۋاچ [59] ئۇنىڭغا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان ئىدى.
چىنگىز قائاندىن جۇجىخان، چاغاتايخان، ئوكتايخان، تولۇيخان دىگەن تۆت ئوغۇل قالدى. چىنگىز خاندىن ئالتە ئاي بۇرۇن بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. پۈتۈن تۈركستان، دەشتى قىپچاق جۇجىخانغا تەئەللۇق بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى بەركە خان دادىسىغا ۋاكالىتەن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان ئىدى. چىنگىز قائان سامالاردىن بۆلەك يەنە يۈز مىڭ ئات تارتۇق قىلدى. ھەر ئون مىڭ ئات بىر خىل رەڭدە ئىدى. چىنگىز قائان ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايخاننى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلىپ كەلدى. بارلىق ئوغۇل نەۋرىلىرىنى ئۇنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە تاپشۇردى. ئەجدات- ئاتا- بوۋىلىرىدىن قالغان تەۋەرۈك يارلىق- فارامىن ۋە دەستۇرۇل ئەمەل خەتلىرىنى ھەم قاراچار نويانى، ئالاھىدە ئەھدە فەيمەن (توختام – ت) ۋە قائىدە- يوسۇنلار ئارقىلىق چاغاتايغا تاپشۇردى.
تولۇيخاندىنمۇ مەنگۇ قائان، قۇبلايخان، ھىلاكۇخان، ئارتىق بوكاخان دەپ تۆت ئوغۇل قالغان ئىدى. ئوكتاي قائان بۇ پايانسىز جاھان بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، چىنگىز قائاننىڭ پايتەختى مەنگۇ قائاننىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ ھەر ئون كىشىنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشىنى لەشكەرلىككە ئېلىپ، بىر يۈز يىگىرىمە مىڭ كىشلىك قوشۇن تەييارلاپ، ئۇلارغا قۇبلايخاننى قوماندان قىلدى. قۇبلايخان بۇ زور ئالتانخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا باستۇرۇپ كىردى ۋە بەزىدە غەلبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرى تامامەن غەلبە قىلدى.
خاقانى چىنىنىڭ «كاڭجاڭ» دىگەن بىر تارىخ كىتاۋى بولۇپ، بۇ ”خانلارنىڭ تارىخى“ دىگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار ئەھلى تارىخىنى فۇڭ ئەۋلادىدىن باشلايدۇ. فۇڭ ئەۋلادىدىن ”تەيخۇفۇس“ دىگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يىل كېيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىدىن (مىلادى 622- يىلى – ت) ئۈچ مىڭ تۆت يۈز يىل ئاۋالقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. فۇڭ دىگەن ئادەم بولسا بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى فۇدەك دىگەن ئادەم بولسا كېرەك. بىزنىڭ تارىخىمىزدا فۇدەك تۈركنىڭ ئوغلى، تۈرك بولسا يافەسنىڭ ئوغلى دەپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، فۇڭ بلەن فۇدەك بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئىككى خىل نامى بولسا كېرەك.

داۋامى بار



[align=justify]تارىخى ھەمىدى

داۋامى:


خىتايلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىداسى دەل مۇشۇ تەيخۇفۇس – فۇدەك ئەۋلادىدىن باشلانغان دىگەن گەپلەر بار. ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ، جەمئىي يىگىرىمە بەش نەسىلنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى بۇ يىلقى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە بەشىنچى يىلغىچە (مىلادى 1907- يىلغىچە – ت)بولغان ئارلىقتا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك تۆت ئادەم خانلىق قىلىپ، تۆت مىڭ سەككىز يۈز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. يەنە ئۇلارنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنى” لوۋاڭ“ دەپ يازىدۇ ۋە ”ھازىر خىتاي ئەھلى لوۋاڭنىڭ دىن شەرئىتىگە ئېتىقات قىلىمىز، باشقا دىنلارنى قۇبۇل قىلمىغان“ دەپ ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلار تەيخۇفۇس دەپ ئېھتىمال يافەس بىننى نوھ نەبىئۇللانى دىمەكچى بولسا كېەك. شۇڭلاشقا، ئۇلار تەيخۇفۇسنى فۇماڭ دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆز تارىخىنى شۇنىڭدىن باشلاپ، يىگىرىمە بەش سۇلالىگە تەقسىم قىلىپتۇ. ھەر سۇلالىدىن يەنى ھەر بىر ئەۋلاتتىن يىگىرىمە- ئوتتۇز نەپەر، بەزىدە بەش- ئالتە نەپەر كىشى خانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ بەزىلىرى بولسا يەتتە- سەككىز، بەزىلىرى ئىككى- ئۈچ يۈز يىل، بەزىلىرى يىگىرىمە- ئوتتۇز يىل ئەتىراپىدا ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. مەسلەن، يىگىرىمە ئىككىنچى سۇلالىدىن زۇڭ سالىس (زۇڭ ئۈچىنچى – ت) ئەۋلادى پادىشا تەيزۇ شېڭدىن بولسا ئون يەتتە يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئابباسىيە خەلپىلىگى خەلىپە قادىر بىللا (60) بىلەن زامانداش ئىدى. بۇ ئەۋلاتتن ئون سەككىز نەپەر كىشى ئۈچ يۈز يىگىرىمە بىر يىل خانلىق قىلدى. ئەڭ ئاخىرى جۇۋادى شېڭدىن خۇئاڭدى تەختىگە چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موغۇل خانلىرىدىن قۇبلايخان بىننى تولۇيخان بىننى چىنگىز خان زور قوشۇن باشلاپ، بېڭجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جاينى تامامەن غەلبىلىك بېسىۋالدى. پادىشا جۇۋادى شېڭدى قۇبلايخانغا تەڭ كېلەلمەي بىر جايغا يۇشۇرۇندى كېيىنچە ئۆزىنى يوق ئىدى.
بىجىن ئەھلى قۇبلايخاننى ”ئەيۋاڭ“دەپ ئاتىدى. بۇ يىگىرىمە ئۈچىنچى سۇلالىنى تەشكىللەپ، بېيجىڭنى پايتەختى قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئون بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلدى ۋە بارلىق چىن ئۆلكىلىرىنى زەبىت قىلىپ قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ جايلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى «ئەيۋاڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەيۋاڭ ئەۋلادىدىن توققۇز كىشى سەكسەن سەككىز يىل خان بولۇپ ئۆتتى.
يىگىرىمە تۆتىنچى سۇلالىگە كەلگەندە، مىڭ ئەۋلادى تەي زۇڭ خۇاڭدى باش كۆتىرىپ خان بولدى. بۇ خاننىڭ ناھايتى كۈچەيگەن ۋاقتى، ئەمىر تېمۇر كوراگانى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇقتىن ئون يەتتە نەپەر كىشى ئىككى يۈز يەتمىش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. لېكىن، ئۇلار موغۇل خانلىرىغا باش ئىگىپ خىزمەت قىلاتتى. ئاخىرى موغۇللار بىلەن تاتارلار ئىتتىپاقلىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، موغۇل ئەۋلادى ۋە مانجۇ نەسلىدىن بولغان شۈنجىر بىننى تەي زۇڭ دىگەن كىشىگە تاج سەلتەنەت كىيدۈرۈپ، بېيجىڭدا تەختكە ئولتۇرغۇزدى. تا ھازىرغىچە بولغان خانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇرۇققا مەنسۇپ. بۇ تايىپە ”داچىڭ“ دەپ ئاتالدى. خىتايلارنىڭ «كاڭ جاڭ» دىگەن خانلار تارىخدا، يىگىرىمە بەشىنچى سۇلالىنى تەشكىل قىلغان داچىڭ ئەۋلادى شۇنجىردىن باشلاپ، ھازىرقى ئەسىردىكى كاڭشۈي خانىغىچە بولغان ئارلىقتا، توققۇز نەپەر كىشى ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككى يىل خانلىق قىلغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. چۆچەكلىك موللا قۇربان ئەلى ھاجى ئەپەندى بۇ خانلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنى قايسى مىللەتكە، قايسى مەزھەپكە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى خىتاي تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان دانىشمەن خىتاي موللىرىدىن سوراپ تەرجىمە قىلىپ، لوۋاڭ يەنى ھەزرەت بىننى نوھ زامانىدىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ناملىرىنى، ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يىگىرمە بەش سۇلالىنىڭ ھەر بىرىدە قانچە كىشى، قانچە ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى قاچان باشلىنىپ، قاچان ئاياقلاشقانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئادەم ئەلەيھىسالامدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياكى كېيىن ئۆتكەنلىگى، دۇنياغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قايسى بىرى قانداق ناملىق خانلار بىلەن زامانداش ۋە يانداش ئۆتكەنلىگى، قايسى پادىشا قاچان ۋە قايسى خاننىڭ ۋاقتىدا توغرا كەلگەنلىنى تەكشۈرۈپ، بېيجىڭ تارىخى بىلەن ئىسلام تارىخىنى سېلىشتۇرۇپ، كۆپ ۋاقىت تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، بىر توپلام كىتاپ يازغان ئىدى. [63] مەنكى كەمىنە راقىم (قەلەم تەۋرەتكۈچى – ت) مەزكۇر كىتاپتىن بىر قانچە سۆزنى تاللاپ ئېلىپ ئۆز كىتاۋىغا كىرگۈزدۇم.
ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزگە كېلەيلى، مەنگۇ قائان قۇبلايخاننى شەرق تەرەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز قېرىندىشى ھىلاكۇ خاننى بىر يۈز يىگىرىمە مىڭ مۇكەممەل قوراللانغان قوشۇنغا قوماندان قىلىپ، غەرپ تەرەپتىكى ئابباسىيە خەلپىلىگىگە [64] يۈرۈش قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھىلاكۇخان ماۋارائۇننەھرى، [65] خوراسان [66] قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، مەلاھىدىلەر (ھەقىقىي دىن يولىدىن ئازغانلار – ت) مەمىلكىتى – قەھىستانغا [67] بېرىپ، رۇكىندىن خورشاھنى [68] بوي سۇندۇرۇپ، ئىراق، ئەرەپ تەرەپلىرىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا مەۋلانە نەسىرىددىن تۇسى [69] دىگەن بىر ئالىم بار ئىدى. ھىلاكۇ ئۇنى ئۆز خىزمىتىدە ئالدۇردى. ئۇنىڭغا رەسەت (ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئۆيى – ت) باغلاتقۇزۇپ، بۇنىڭغا «زىججۇ ئىلخانىيە»(ئىلخانىيە كالىندار ھىساپلاش ئورنى – ت) دەپ نام قويدى. ھىلاكۇ مەۋلانە نەسىرىددىن تۇسىغا نۇرغۇن ئىنئام تەقدىم قىلدى. يەنە ھەر قايسى شەھەردىكى موللا، فازىل، ئۆلىما ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدۇرۇپ، قېشىدا تۇرغۇزۇپ، ئىنئام ئېھسانلارنى بېرىپ تۇراتتى. ھەتتا نىسارا « خىرىستىيان – ت) ۋە فەغغۇرچىنى دانالىرىنى ئالدۇرۇپ ۋە فۇرقانى مەجىد ۋە ئىنجىلنى ھەم بېيجىڭ ئەھلى پەيغەمبەر دەپ ئېتىقات قىلىدىغان شاكىمۇنى (شاكىيا مۇنى – ت) تەرىپىدىن توپلاپ يېزىلغان «شىڭۋۇيە» دىگەن بىر ئاتاقلىق كىتاپنى موغۇل تىلىغا تەرىجىمە قىلدۇردى. ھىلاكۇ گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قلىپ، ئۇنىڭدىن بەھرمەن بولالمىسىمۇ، لېكىن بىر مۇنچە ئىشلارنى پەيدا قىلدى.
ئومۇمەن، ھىلاكۇخان بىننى تولۇيخان بىننى چىنگىز قائاننىڭ ۋەقە ھەم شۆھرەت، جاسارەتلىك ئىشلىرى كۆپ. بۇ جايدا پەقەت موغۇلىستان خانلىرىنىلا بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىغىمىز ئۈچۈن، ھىلاكۇخان ۋە قۇبلايخاننىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىغا تەپسىلى توختالمايمىز. ھىلاكۇخان ئىراق زىمىنىدىكى باغداتنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى خەلىپىسى مۇستە ئىىسم بىللا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاغىزىغا ئالتۇن، كۈمۈشنى ئېرىتىپ قويۇپ ئۆلتۈردى، نەتىجىدە بەش يۈز يىگىرمە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قلىغان ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ دۆلەت سەلتەنەتى ۋە سۆلەت- ھەشەمەتلىرىنى تامامەن خۇددى چاڭ- توزاڭدەك بىت- چىت قىلىپ، بۇلاپ- تالاپ ۋەيران قىلدى. ئۇلارغا بۇنىڭدىنمۇ يامان قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارە مۈلۈك، غەزنىلىرىگە، يۇرت ۋە مەمىلكەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىدى. بۇ ۋەقەلەر تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1258- يىلى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. ھىلاكۇخان ئابباسلار ئەۋلادى قايسى جايدا بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ تامامەن يوق قىلدى. ئىلگىرى ئابباسىيە خەلىپىلىرى ئۆز خەلىپىلىگىدىكى بىر قانچە مىڭ ئابباسلارنى خەلىپىلىككە زىيان سالىدۇ ياكى خەلىپىلىك دەۋاسىنى قىلىدۇ دىگەن بانالار بىلەن زىندان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغان ئىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ بىرمۇنچىسى زىنداندا تۇغۇلۇپ، شۇ جايدا ئۆسكەن ئىدى. ھىلاكۇخان ھەتتا بۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى پۈتۈنلەر يوق قىلدى. ئۇ ئەرەبىستاننىڭ مىسىر، شام، ھەلەپ قاتارلىق زىمىن ۋە شەھەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بوي سۇندۇرۇپ، ئۆز تەۋەلىگىگە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەزەربەيجان تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. ئىران زىمىنىنى پايتەخت قىلىپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شۇ ئىراننىڭ ئۆزىدە ۋاپات بولدى.
ھىلاكۇخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخان تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاباقاننىڭ ئوغلى ئارغۇنخان تەختكە چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتچان بىننى ھىلاكۇخان تەختكە چىقتى. بۇ مۇسۇلمان دىيانەتلىك ۋە دىندار بىر كىشى بولۇپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن بالايى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. (ۋاپات بولدى – ت). ئاندىن كېيىن كەنقاتۇ بىننى ھىلاكۇخان تەختكە چىقتى. ئىسلام شرىپى يەنە راۋاج تاپتى. ئاندىن بايدۇخان بىننى تاراغاي بىننى ھىلاكۇخان تەختكە مىندى. بۇ تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىدى. ھىراتنىڭ ئۇلۇغى ئەمىر نورۇز بىننى ئارغۇن ئاقانىڭ (ئاباقنىڭ – ت) تەشەببۇسى بىلەن غازانخان بىننى ئارغۇنخان خانلىقىغا كۆتىرلدى. ئۇ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. يەنە ئىسلام دىنىنىڭ نۇر- شولىسى ئۇنىڭ پىشانىسىدە زاھىر ۋە ئاشكارە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئولجايتۇ سۇلتان مۇھەممەت خۇدابەندە خان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلتان سەيىد غازى باھادۇرخان تەختتە ئولتۇرۇپ، ئون سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىجرى يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 – 1336- يلى - ت) بۇ ئالەم خاكىدانىدىن (ئالەم يۈزىدىن – ت) ئۇ دۇنيانىڭ رەياز جاۋدانىغا (ئىسىل جەننەت باغچىسىغا – ت) كەتتى. ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئوغلى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەر قايسى يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بىر- بىرىنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە بوي سۇنماي، ھەر خىل مۈلكى تاۋايىپ (ئۆز- ئۆزىگە تەۋەلىك دۆلەت – ت) پەيدا قىلدى.
ئومۇمەن گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، چىنگىز قائان خىتاي مەمىلكىتىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى خانبالىقتىن، غەرپتە مىسىر ۋە شام، شىمالدا قازان شەھىرى، جەنۇپتا سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇرغىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن جاھان تېمۇرخانىغىچە بولغان ئارلىقتا يىگىرمە بەش نەپەر كىشى بۇ دائىرە ئىچىدىكى مەمىلكەتلەرگە بىر يۈز قىرىق سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. يەنە بۇنىڭ ئىچىدە چىنگىز خاندىن باشلاپ ئۇنىڭ توققۇز نەپەر ئەۋلادى جەمئىي توقسان بەش يىل كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا كىرمەي، موغۇل- قالماقلارنىڭ ياساق تۈزۈملىرىنى ساقلاپ،چوڭ شەھەرلەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەلى بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇلاردىن كېيىنكىلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسلامنىڭ ئۇلۇغ «ھەدىس»تە ” سۆھبەت ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ“ دىگەن سۆزى بويىچە، مۇسۇلمانچىلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ۋە يارلىقلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرلۇق شەرىئەت ۋە گۈلدەك مىللەت ھۆكۈملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. كېيىنچە ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى مۈلكى تايىپىلارنى تىكلىگەن نويانلار، ئەمىر- ئەمىرالار، ۋەزىر- ۋەزۇرالاردىن شەيىخ ئەبۇ ئىسھاق پارىس مەمىلكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خوراسان زىمىنىغا، ئەبۇ ئىسھاق پارىس مەمىلكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خوراسان زىمىنىغا، ئەمىر چوپان بىننى ئەمىر تۆلەك توران، سۇلدۇز، روم تەۋەسى، دەمەشىق، شام ئەتىراپىغا، ئەمىر ھەسەن بۈزرۈك بىننى ئەمراق بۇقا بىننى ئەمى ئىلكانى باھادۇر ئىراق تەرەپ ۋە باغداتتا ھۆكۈم سۈردى. ئىلكانى [71] پادىشالىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ موغۇل نەسلى ۋە قالماق تايىپىسىگە تەئەللۇق ئىدى. بۇلار يەنە تارىختا ئۆزىنىڭ مۇسولمان دىندارلىغى، شەرىئەتپەرۋەرلىگى، ئىنسانپەرۋەرلىگى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىگى بىلەن مەشھۇر.
موغۇل سۇلتانلىرى بۇ ئۇلۇغ مەمىلكەتلەرگە ئىككى يۈز يىلغا قەدەر مۇستەقىل پادىشالىق قىلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چىنگىزىيە ئەۋلادىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەمىلكەتلەردىن ئاياقلاشتى. لېكىن بۇ جەرياندا، چىنگىزخان ۋە ھىلاكۇخاننىڭ قىرغىنچىلىغى ۋە ۋەيرانچىلىغى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىغا غايىپنى ۋە ھازىرنى بىلگۈچى (ئاللادىن) باشقا، ھىچقانداق ئاقىللارنىڭ ئەقلى تەسسەۋۇرى ۋە ھۆكۈمالارنىڭ پىكىرى ۋە تەپەككۈرى يەتمەيدۇ. ئگەر بىرەر كىشى بۇ ئەھۋاللارنى بىلىشنى خالىسا «تارىخى رەۋزە تۇسسافا» غا مۇراجەت قىلسۇن. لېكىن چىنگىزىيە ئەۋالدىنىڭ مۇغۇلىستانغا بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ [72] نەسلىدىن ئىسمائىل [73] ۋە مۇھەممەت ئىمىن مىنچى يىلغىچە (مىلادى 1708- يىلغىچە) داۋاملاشتى. [75] شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمرانلىغىمۇ ئاياقلاشتى. لېكىن، بەزىلەر دەشتى قىپچاق تۈركىستان ۋە ئورۇسىيە تەۋەسىدىكى كەڭ بولوسىلار ۋە قالماقلار، فەغۇفۇرچىنغا تەۋە ئايال خانلار ۋاڭلىق قىلىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك ئەمىرالارمۇ چىنگىز ئەۋلاىغا مەنسۇپ دەپ ھىكايە قىلىدۇ.
قىسسە ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 - 1336- يىلى – ت) سۇلتان سەئىد باھادۇرخان [76] ۋاپات بولدى. شۇ يلى ئەمىر تېمۇر كوراگان ۋۇجۇتقا كەلدى. تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369- 1370- يىلى - ت) بەلخدە تەخت سەلتەنەتتە ئولتۇردى. ماۋارائۇننەھرى، ئىران، توران، پارىس، باغدات، توم، مىسىر، شام، دەمەشىق، ھەتتا ھەمىس بەئەلبېك، ئاناتولى، ئىسپاھانغىچە، جەنۇبىر چېگىرسى ھىندىسان، شىمالى چېگىرىسى تۈركىستان، قازان شەھىرىگىە بولغان روبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى يولغا كىرگۈزۈپ، ئۇ جايلاردىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋالغان ھۆكۈمرانلارنى يوق قىلىپ، ھەممىنى بىر مەركەزگە ياكى بىر دىۋانغا بوي سۇندۇردى.
ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئەسلى نەسلى چىنگىز قائاننىڭ ئەجداتلىرى تا كى قالماقلار ئەۋلادى بىلەن بىر ئىدى. يەنە ئەمىر تېمۇرنىڭ دادىسى ئەمىر تاغاتاي، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر توكەل، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىلىنگىز نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئېچىل باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر قاراار نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىرۇمچىن بالاس باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى قاچۇلى باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى دومنايخان ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ سەككىزىنچى دادىسى بىلەن چىنگىز قائاننىڭ تۆتىنچى دادىسى بىر تۇققان ئىدى. قارامىن ھۆكۈمى بويىچە خانلىق قۇبۇل خانغا ، ۋەزىرلىك تاچۇلىغا تەيىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىر تېمۇر كوراگانى گەرچە ھەرقانچە ئۇلۇغ پادىشالىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خانغا ۋەزىرلىك ياكى خىزمەتكارلىق ۋە ياكى نۆۋكەرلىك ” جەرەكە“ (دەرىجە - ت) سىدە ئولتۇراتتى. فارامىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيتتى. ھەتتا بىر قانچە ئەۋلاتقىچە شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ئۆزلىرىگە خان ياكى پادىشا دەپ لەقەم قويالمىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ پەيتەختى سەمەرقەنت شەھىرى ئىدى.
بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى توقسان مىڭ لە شكەر باشلاپ دەشتى قىپچاق خانلىرىدىن توقتامىش خاننىڭ[77] ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، جەڭ ۋە قىرغىنىلىق باشلىدى. ئۇ، توقتامىش خاننى قوغداپ بىر جايغا باردى. بۇ جايدا تومۇز ئايلىرى كۈن ئولتۇرۇپ شەپەق يۇقالغىچە قالمايلا دىگۈدەك سۈبھى تاڭ يۇرۇپ قالاتتى. بۇ جايدا ھەزرىتى ئىمامەيىننىڭ [78] مەزھەپلىرى بويىچە ناماز خۇپتەننى ئوقۇمىسىمۇ بولاتتى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينىمۇ بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، دەمەشىق، شام، ئىسپاھان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىگەلەپ، قىرغىنچىلىق ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تالان- تاراجلارنى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان شەھەرلىرىنىمۇ ئۆزىگە قاراتتى. ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان بۇ جايلارنى ئوتتۇز ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۆزىنى غالىپ ۋە مۇغرۇر دەپ ھىساپلايدىغان بارلىق پادىشالار ۋە ئەمىرائىلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. تارىخى كىتاپلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى ” ا لىم“ (ئەبجەتچە يىل ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە 71 ياشقا توغرا كېلىدۇ – ت) يېشىغا يېتىپ، تارىخ ھىجىرى سەككىز يۈز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1404- 1405- يىلى) ۋاپات بولدى ۋە سەمەرقەنت شەھرىدە دەپنە قىلىنىدى دەپ يازىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە مۇھەمەت ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرى ئاخىر زامان (ئاخىرقى پەيغەمبەر – ت) زاماندىن باشلاپ تا بۇ دەۋرىگە يەتكىچە، موغۇل خانلىرى ئىچىدە ئەمىر تېمۇر كورانگاندەك مۇسولمان دىندار، ئۇلۇغ ۋە كاتتا پادىشا ئۆتمىگەن. ئۇ ناھايتى شىجائەتلىك (باتۇر – ت) ، كۈرەشچان، قەھىرى قاتتىق، تېز غەزەپلىك بىر پادىشا ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە جەسۇرلۇق بىلەن كەشپىياتچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن پادىشا ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇلۇغ ۋە ئەزىز ھەزرىتى باھاۋىدىن نەقشە بەندىنىڭ [79] نەپەسلىرىدىن ” تېمۇر ئۆرلەپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئىمانىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى“دىگەن ئاۋاز چىققان ئىدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى- خۇدانىڭ سۆزىدۇر. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ مۇبارەك زامانلىرىدا، ئەمىر سەيىد ئەلى بىننى مۇھەممەت ئەلھەمەدانى، [80] باھاۋىددىن نەقشە بەندى، خوجا ھافىز شىرازى، [81] ئەللامەتەفتازانى ]82] ۋە مىر سەيىت شەرىق ئەلامەجورجانى [83] قاتارلىق ئەھلى پەزىلى، ئۆلمائى ئىزام ۋە ماشايىخى كىراملار نۇرغۇن ئىدى دىگەن مەلۇماتلار بار.
لېكىن دەمەشىق، شام، روم، بارلىق ئەرەبىستان، باغدات، ھەلەپ ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ ئۆلىمالىرى، ئەرەپ تارىخچىلىرى (ئاللا ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى پاك قىلسۇن – ت) ، يەنى ” تارىخى ئىمام گەردىرى“[84]، ” تارىخى ئەللامە ئىبىنى خەلدۇن“[85]، ” تارىخى ئىبنى ئەرەبشاھ“[86] ” تارىخى بۇخارى“[87] قاتارلىق ئەرەپچە تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەرەپچە تارىخ كىتاپلىرىدا، ئەمىر تېمۇر كوراگانى ئەھلى ئىسلامنىڭ مەزھەپ ۋە مىللەتلىرىدىن سىرتتا دەپ ھىساپلاپ، ئۇنى شىئە مەزھىپىدە ياكى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئەمىر تېمۇرنىڭ ھەممە جەڭ- جىدەللىرى ئىسلام دىيارى بىلەن بولۇپ، ئۇ ئاساسەن بۇ رايۇنلاردىكى ئۆلىمائى ئاكابىرلارنى قىرغىن قىلغان ئىدى. بۇ ھال ئۇنىڭ زالىملار ئىچىدىكى ئەڭ يامان زالىم ۋە پاسىقلار ئىچىدىكى ئەڭ يامان پاسىق تەبئىتىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل ۋە ھۆججەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمىر تېمۇر شامنى بويسۇندۇرۇپ، دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىرغىنچىلىق باشلىغان چاغدا،” ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر بىرى ئىككى نەپەر مۇسۇلماننىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەزسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن بىر يۈز يىگىرمە تۆت ” كاللا مۇنارە“ياساتتى. ھەر بىر كاللا ” كاللا مۇنارە“توققۇز مىڭ ئادەمنىڭ بېشىدىن تەييار بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن روم تەۋەسىدىكى ئاناتولنى بېسىۋېلىپ، پادىشا ئىلىدىرىم بايزىدنى [88] يېقىتىپ، ئۆز نامىغا پۇل سوقتۇرۇپ، خۇتبىنى ئۆز نامىغا ئوقۇتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپاھاننىڭ بارلىق ئەر ۋە ئاياللىرىنى، ھەتتا ياش ۋە قېرىلىرىنى تامامەن يوق قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھەددى- ھىساپسىز پاك ۋە نارسىدە قىز- ئوغۇللار، ياش- قېرىلار ئۇنىڭ تىخ سىياسىتىدىن ئۆتتى.
بۇ چاغدا زامان پازىللىرىنىڭ بىرى ئەمىر تېمۇرنىڭ شىر يېقىن ئەمىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ” پادىشا ئالى جاناپلىرىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ نارسىدىلەرنىڭ ھىچقانداق ئىشتىن خەۋىرى يوق. بۇ مەھرەم بىگۇنالارغا شاھانە ئىلتىپات قىلىپ، رەھىم- شەپقەت قىلىشنى سوراپ، ئەرز قىلدۇق. بۇنى يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىنى سورايمىز“ دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلغان بۇ ئەمىر مۇلايىم ۋە شىرىن سۆزلەر بىلەن بۇ نارسىدىلەرنىڭ قانلىرى بكار زايە بولۇپ كەتمىسە دەپ ئەرزنى يەتكۈزدى. لېكىن ئەمىر تېمۇر بۇنىڭغا ئىلتىپات قىلمىدى. ئۆزىنىڭ توپ- توپ بولۇپ تۇرغان ئەسكەرلىرىگە يارلىق قىلىپ، پادىشادىن تەققازالىق بىلەن مەرھەممەت كۈتۈپ تۇرغان نەچچە مىڭلىغان پاك قىز- ئوغۇللارنى باسۇرۇق قىلدى. بۇ بىگۇنا نارسىدىلەرنىڭ ھەممىس ئات ئايىغىدا يوق بولدى. ئەمىر تېمۇرنىڭ رەھىمسىز ۋە تاش يۈرەك بىر ئنسان ئىكەنلىگىنى ئەنە شۇنىڭدىن ئۇچۇق بىلگىلى بولىدۇ.
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھى ھەدىسلىرىنى بايان قىلغان ئالتە كىتاۋىدا ”تۈرك تايىپلىرىنىڭ كۆزلىرى كىچىك، بۇرۇنلىرى ياپىلاق، يۈزلىرى كەڭ تاۋاقتەك ۋە ئككى مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك ئىگىز بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇنداق ئوخشىتىش موغۇل پادىشالىرى ۋە قەبىلە- قەۋملىرىنىڭ شەكلىگە ماس كېلىدۇ. بۇ سۆز رەسۇلىللا كېرەم سەللەللاھۇ ۋەسسەلەمنىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر. ئاللاتائالانىڭ ”قۇرئان“ كېرىمدىكى ” ئول پەيغەمبەر يالغاننى سۆزلىمەيدۇ، ئاللادىن ۋەھى قىلىنغان ۋەھىنى سۆزلەيدۇ“ دىگەن ئايىتىدە رەسولى ئەكرەمنىڭ راست سۆزلەيدىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھىچقانداق پادىشا ئىسلام رايۇنلىرىنى چىنگىزخان، ھىلاكۇ ۋە ئەمىر تېمۇردەك ئۇرۇش- جىدەل قىلىپ ۋەيران قىلمىغان ئىدى. ئەمىر تېمۇر شام ۋە دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، ئادەملىرىگە قىرغىنچىلىق قىلىشنى قەست قىلدى. «ھەسنۇ ھۈسەيىن» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى ئىمام جەزىرى [89] بىر يۇشۇرۇن جايغا قېىچىپ بېرىپ، «ھەسنۇ ھۈسەيىن» دىگەن كىتاپنى يازدى ۋە جانابى سەيدۇلمۇرسەلىن (مۇھەممەت پەيغەمبەر – ت) دىن مەدەت ۋە ئۈمىت كۈتۈپ «ھەدىستە»تە كەلتۈرۈلگەن دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللاندى. دەمەشىقنىڭ ھەممە مۇسۇلمانلىرى بولسا دەرۋازىلارنى تاش بىلەن مەھكەم بېكىتىپ يىغا- زارە بىلەن قاخشايتى. «ھەسنۇ ھۈسەيىن» نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ ھالەتت ئىمام جەزىرى ئاللانىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ باشپاناسى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈپ، «يارەسۇلىللا، بۇ دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غەلبە قىلدى. بىز ئۈمەتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلماملا» دەپ ئىلتىماس قىلغاندا، پەيغەمبىرىم ئىككى قولىنى ئىككى قولتۇغىدىكى ئاق بەدىنى كۆرۈنگىچە ناھايتى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. دۈشمەنلەر ئۈچ كۈن ئۆتمەستىنلا شامنىڭ مۇھاسىرسىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى.مۇسۇلمانلاردا شادى- خوراملىق پەيدا بولدى.
يەنە ئەللامە سىيوتى[90] دىگەن ئالىم ئەمىر تېمۇرنىڭ بۇ ئىشلىرىنى، ئۇنىڭ دىنى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغانلىغىنىڭ دەلىلى ۋە ئىشارىتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بولسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بۇلار ئىدى. چۈنكى، شەرىئەتتە مۇسۇلمانىڭ زىيىنى ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس ئىدى دەپ مۇلاھىزە قىلپ كېلىپ، ”تارىخ ھىجرى سەككز يۈز سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1405 – 1046- يىلى - ت) ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى تېمۇر لەڭ ئۆلدى، جەھەننەمگە كەتتى ۋە ئاخىرەتلىگى يامان بولدى، دەپ بايان قىلىدۇ.ماۋارائۇننەھەرىدىكى ئۇلۇغ ئۆلىمالاردىن تۆت يۈز كىشمۇ بۇ مۇلاھىزىلەرگە قوشۇلىدۇ“دىگەن گەپلەرمۇ بار. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغى پەقەت ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىگە مەلۇم بولۇپ، ئاللا ئۇنڭ ئۆز ئىلمى قېدىمى (قۇرئان) بىلەنلا بىلەلەيدۇ.
«مۇنتەخەببۇتتاۋارىخ» دىگەن كىتاپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ئەمىر تېمۇر تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369 – 1370- يىلى -ت) تەختى سەلتەنەتكە چىققان. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئون سەككىز كىشى جەمئىي بىر يۈز ئاتمىش يىلچە ئەمىر تېمۇر ئىگەللىگەن مەمىلكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۇلالە مۇنقەرز بولغان.تېمۇرىلەردىن كېيىن ئۆزبېك قەبىلىسىگە ۋە جۇجى نەسلىگە مەسنۇپ بولغان مۇھەممەتخان شەيبانى [91] بۇ جايلاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.
ئەمدى ئۆزبېك شەيبانىنىڭ بايانىغا كەلگەك، چىنگىز قائاننىڭ تۇنجى ئوغلى جۇجى خاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى، شەيبانىنىڭ تۆتىنچى نەۋرىسىگە ”ئۆزبېك“دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بالاغەتكە يېتىپ، چوڭ بولۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارئۇننەھرىنى ئىستىلا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمانچىلىق، مۆمىنچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، پۇقراپەرۋەرلىكتە باشقا تەڭدىشى يوق ئىدى. شۇ ھالەتتە، ئۇ ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. پۇقرالار ئاممىىسدا ناھايتى پاراۋانلىق، تىنچ تۇرمۇش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە ”ئۆزبېك“ دىگەن نام بىلەن باقى قالدى. لېكىن مۇھەمەتخان شەيبانى بىننى جۇجى خان نەسلىدىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزىگە شەيبانى دەپ تەخەللۇس قويدى. پۈتۈن ئۆزبېكلەر يۇقىرىدىكى ئۆزبېك خانغا تەئەللۇق قەبىلىلەردىن بولغاچقا ”ئۆزبېك“ تايىپىسى دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.
ئەمىر تېمۇر كوراگانى سەلتەنەت ئۈستىدە تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى جاھانگىر مىرزا ئىدى، بۇ ئەمىر تېمۇر تەختكە چىققان يىلى ۋاپات بولدى. ئىككىنچى ئوغلى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭغا پارىس مەمىلكىتىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇمۇ ئەمىر تېمۇرنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇرۇشتا ئوق تىگىپ ئۆلگەن ئىدى. ئۈچۈنچى ئوغلى مىرانشاھ مىرزا ئىدى. بۇنىڭغا ئىراقى ئەجەم [92] ئىراقى ئەرەپ [93] ۋە شامغىچە بولغان رايۇنلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. تۆتىنچى ئوغلى دادىسى بېسىۋالغان مەمىلكەتلەرگە دادىسىغا ۋاكالىتەن ئالتە يىل ۋە ئۆزى قىرىق ئىككى يىل مۇستەقىل پادىشالىق قىلىپ، ئادالەتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆلىما ۋە قازىلارغا ھۆرمەت ۋە ئھتىرام قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئۇلۇغ بېك شاھروھقا ۋارىسلىق قىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلدى. بۇ دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا سەمەرقەنتكە ھاكىم ئىدى. پادىشالار ئىچىدە مىرزا ئۇلۇغ بىكتەك موللا، فازىل ۋە ئۆلىما ئادەم ئۆتمىگەن ئىدى. مىرزا ئۇلۇغ بېك «جامىئول رەمۇز» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى مەۋلانە شەمسىدىن مۇھەممەت [94] بىلەن ھەمدەرس- ساۋاقداش ئىدى دىگەن گەپلەر بار ئۇ ھەرقانداق پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ۋە ھەممە پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تولۇق بىلىملىك بىر ئالىم ئىدى. ئۇ سانسىز مۇھەندەس (گېئومېتىرىيە – ت)، ئەختەرشۇناس (ئاستىرولىگىيە ئىلىمىنىڭ ئالىمى – ت) ۋە كىتاپ يازغۇچىلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاسماندا كېزىپ يۈرگەن سەييارىلەرنىڭ شەكلى، قىياپىتى، ئىگىز- پەس ھەرىكەتلىرى، چوڭ ۋە كىچىكلىگى، ياخشىلىق ئالامەتلىرى، يامان سائەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، رەسەت (ئوبىسېرۋاتورىيە _ ت) باغلاتقۇزدى. بۇ رەسەتكە ”زىججۇ كوراگانى“ (كوراگانى كالىندارخانىسى – ت) دەپ ئات قويدى. بۇ جايدا ئىشلەيدىغان ئالىملارغا ھەددى- ھىساپسىز ئىنئام ۋە مۇكاپات تەقدىم قىلدى.
بۇ چاغدا مىرزا ئۇلۇغ بېك ئۆز ئورنىدا ئوغلى ئابدۇللەتىپ مىرزىنى قۇيۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئىراق تەرەپكە ئاتلاندى. بۇ ئۇرۇش ئىككى يىلدا ئاخىرلاشتى. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئابدۇللەتىپ مىرزا دۆلەتنىڭ بايلىغى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئابرويىغا ئىگە بولۇشنى نىيەت قىلىپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىق غورۇرى ئۇنىڭ دىمىغىنى بۇزۇپ، دادىسىسىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشالىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. لەشكەر تەييارلاپ، دادىسىنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئۇنى ھەپىسىگە (تۈرمىگە – ت) تاشلىدى. ئۇنىڭ لەشكەر، ئۇچۇق- ئاشكارە غەزنىلىرىگە ئىگە بولۇپ،”شەرىئەتنىڭ توغرا ھۆكۈملىرىدىن يۇشۇرۇن ئىش قىلمايمەن، شەرىئەت قائىدىلىرىگە دادام بىلەن بالام خىلاپلىق قىلىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ يۇز- خاتىرە قىلمايمەن“ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىنى جارى قىلدى.
بۇ چاغدا، ئابباس دىگەن بىر ئادەم مېنىڭ دادامنى ئۇلۇغ بېك سەۋەپسىز ۋە بىگۇنا ئۆلتۈرگەن ئىدى دەپ ئەرز قىلدى. ئابدۇللەتىپ مىرزا بۇ ئىشنى شەرىئەتكە بۇيرۇپ، دادىسىنى قىساسقا لايىق پەتىۋا ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مەلۇم قىلىپ، داداڭنىڭ قىساسىنى ئال دەپ ئابباسقا بۇيرۇق قىلدى ۋە ئۇنى بىر كېچىدە مەخپى جايغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈردى. تارىخچىلار ئەھلى ئۆزىنىڭ تارىخ ۋاراقلىرىدا ئۇنى ”ئابباس ئۆلتۈرگەن“ دەپ يازىدۇ. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇللەتىپ مىرزىمۇ ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
مىرزا ئۇلۇغ بېك زامانىدا، ئۇۋەيس خانىنىڭ [95] ئوغلى يۈنۈسخان دىگەن كىشى ئۇرۇشتا ئولجىغا چۈشۈپ، شىرازغا ئەۋەتىلىپ، مۇساپىرچىلىق تۇرمۇشقا تاشلانغان ئىدى. ئۇ شىرازدا ئىلمىي كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كامالەتكە يېتىپ، ”ئۇستا يۇنۇس“دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئارىدا ئوتتۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا [96] بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىرانشاھ بىننى ئەمىر كەبىر تېمۇر كورگانى دەۋرىگە كەلگەندە، سۇلتان ئەبۇ سەئىد شىرازغا كىشى ئەۋەتىپ، يۇنۇسخاننى ئالدۇرۇپ، سەمەرقەنتتىكى ”باغى زاغان“ (قارغىلار باغى – ت) دىگەن جايدىكى بىر تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ، جىق گەپلەرنى ئارىدا قويدى. ئۇ سۆز ئارىلاپ ”مېنى خىزمەتكەر ۋە نەۋكەرلەر قاتارىدا كۆرمەي، دوست دەپ بىلسىلە، ئۆزلىرىنى پۇقرالىق كوچىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا خان قىلىپ ئەۋەتتىم. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە لەشكەر تارتمىسىلا“ دەپ موغۇل قەۋملىرىدىن ياراق ۋە ئات- ئۇلاقلار بىلەن مۇكەممەل قوراللانغان ئون ئىككى مىڭ لەشكەرنى ھەمرا قىلىپ، موغۇلىستانغا يولغا سالدى. ئۇ يۇنۇسخاننى ئۇزىتىۋېتىپ، يەنە ”مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا بىر پادىشا، بايام ئەمىر تېمۇر كوراگانى دەۋرىدىمۇ بىرەر جاننى نەزەربەنت تەرىقىسىدە ساقلاپ، ئۇنىڭ يىمەك- ئىچمەك ۋە كىيىم- كېچەكلەرنى تەييارلاپ بېرىدىكەن، يارلىق- نىشانلارغىمۇ بۇ پالان خاننىڭ يارلىغى، ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگاننىڭ سۆزى، دەپ يېزىلىدىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا مەمىلكەت ئەييانلىرى ئۇنىڭا بوي سۇنمايدىكەن“ دەپ ئەسكەرتتى. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال دەل بۇ سۇلتان ئەبۇ سۇلتان ئەبۇ سەيىد مىرزا زامانىغىچە دەستۇر- تۈزۈم بولۇپ كەلمەكتە. نەتىجىدە سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا يۇنۇسخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. يۇنۇسخانمۇ ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىزىنى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزىغا تەقدىم (ياتلىق – ت) قىلدى. بۇلاردىن زاھىرىدىن، مۇھەممەت بابۇر شاھ ۋۇجۇتقا كەلدى. بابۇر شاھنىڭ ۋەقەلىرىنى كېيىنچە بايان قىلىشىم مۇمكىن.
سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بولسا غەيرەت- شىجائەت، ھىممەت ۋە ساخاۋەتلىك بەخشەندە قىلىنغان بىر پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ھىممەتلرى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بەزىلەر خۇددى بۇ ئالەمگە بىر كەد خۇدا (بىرلا ھۆكۈمران – ت) كۇپايە قىلىنغىندەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق زىمىنغا ئىككى پادىشا ھاجەت ئەمەس، بەلكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىدەك بىرلا پادىشا كۇپايە قىلىدۇ دەيتى ئۇ تېمۇرىيە تەختى ۋە مەمىلكىتىگە ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ئۆمەر شەيىخ مىرزا فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھىر مەمىكەتلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلدى.ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنىسى مۇھەممەت مىرزا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزبېك تايىپلىرى ئىستىلا قىلىپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى.
سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا زامانىدا، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى مىرزا بايقارا بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بىننى ئەمىر كەبىر تېمۇر كوراگانى خوراسان مەمىلكىتىگە ھاكىم ئىدى. بۇ چاغدا تېمۇرىيە تەختى سۇلتان ھۈسەيىن مىرىزا قارار تاپتى ۋە ھىراتنى پەيتەخت قىلدى. ئىراق، ئەجەم، ئىسپاھان، پارىس، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردىكى تۆت يۈز قىرىق تۆت چوڭ شەھەرنى مۇستەقىل ئوتتۇز سەككىز يىل پادىشالىق قىلىپ ھۆكۈم سۈردى. بۇنىڭ دەۋرىدە بىرمۇنچە فازىل يازغۇچىلار، ئۆلىمالار، شائىرلار جەم بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. مەۋلانە ھۈسەيىن ۋائىز كاشفى [97] مەۋلانە موئىنددىن [98] مەۋلىۋە جامى [99] قاتارلىق مۇھەققىق ئۆلىمالار ھىساپتىن تاشقىرى كۆپ ئىدى. بۇلارنى تەرپلەشكە ۋە تەسۋىرلەشكە تىل يەتمەيدۇ. ھۈسەيىن مىرزا يەتمىش ئىككى يىل ياشىدى. تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز ئون ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1507 – 1508 – يىلى – ت) بۇ ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە ئۇچۇپ كەتتى. تارىخچىلار ئەھلى ”خوراسان “(ئەبجەت ھىساۋى بويىچە ھىجرى 912 – يىلى – ت) دىگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇنىڭ ۋاپات يىلىغا تەخلىت قىلىپ يازىدىكەن.


داۋامى بار.



تارىخى ھەمىدى


داۋامى:

[align=justify]ئۇنىڭدىن ئون بىر ئوغۇل يادىكار قالدى. ئۇنىڭ بەدىئۇز زامان ۋە مىرزا مۇھسىن دىگەن ئىككى ئوغلى شىرىك پادىشالىق قىلدى. ” قارىمۇ- قارىشى ئىككى نەرسە بىر ئورۇندا تۇرلمايدۇ“دىگەندەك، ئۇلارنىڭ شىرىك ھۆكۈمرانلىغىمۇ بۇزۇلدى. ئەمىرائلىرىمۇ ئىككى پىرقىگە بۆلۈندى. بۇ ھال مەمىلكەت نىزامى ۋە قائىدە- تۈزۈملىرىدە سۇستلۇق ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى. نەتىجىدە جۇجى خاندىن بۆلۈنۈپ چىققان خانلار نەسلىدىن بولغان ئۆزبېك خان ئەۋلادى مۇھەممەت شاھ بەخت خان ياكى شاھى بېك خان ۋە ياكى مۇھەممەتخان شەيبانى دىگەن ھەر خىل لەقەم- ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان ۋە ئەسلىدە مۇھەمەت شەيبانى بىننى شاھ بەداغ بىننى ئابۇلخەيىر خان بىننى توختامىش خان دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئادەم خوراساننى ئىستىلا قىلىپ، دۆلەتنى يوق قىلدى. بۇ ئۆزبېكيە ۋە دەشت قىپچاقىيىلەر دۆلەتنىڭ غەزنە بايلىغىغا، ئەسكەرلىرىگە، يەر- زىمىنىغا، ھەتتا ئىپەتلىك قىز، مەلىكىلىرىگە، ئىنساپلىق ۋە پاكىز شاھزادىلىرىگە، تېمۇرىيە بۆشۈگىنىڭ ئايىم- ئاغچىلىرىغا، دەۋرنىڭ نازىنىنلىرى، جاھاننىڭ ئىپپەتلىك ئەر- ئاياللىرىغا ئىگە بولدى. بۇ ئۆبېك ۋە قىپچاقلار ئۇلارنىڭ نۇرسىمان يۈرلىرىدىكى نىيەت ۋە ھايا پەرىدىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، شەرىئەتكە خىلاپ ھەر خىل يامان ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇلارنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىپ، تىل يېتىشمەيدۇ.
سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ خوتۇن، قىزلىرى ۋە پەرزەنت قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا ئولجا بولۇپ ئەسىر چۈشتى. تەتۈر ماڭىدىغان بۇ پەلەك ئۇلارغا ئۆز تەتۈرلىگىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئون ئىككى يىل كېيىن، مۇھەممەتخان شەيبانى سەفەرۋىلەردىن [100] قىزىل باش ئىسمائىل قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. خوراسان دۆلىتىگە قىزىل باشلار ئىگە بولدى. بۇ چاغدا كۈجەم خان بىننى مەھمۇتخان بىننى ئۇبۇلخەيىر خانلار [101] ماۋارائۇننەھرىگە قانائەت قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبەيدۇللا خان، ئابدۇل ئەزىز خان، ئابدۇللا خان، ھەيدەر مۇھەممەت خان ئىمام قۇلى خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت خان، قاتارلىقلار بۇخارا، سەمەرقەنت، ئۆرگەنچ قاتارلىق شەھەرلەرگە نۆۋەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.
بۇ چاغدا زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر پادىشا بىننى ئۆمەت شەيخ باھادۇر بىننى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىراشاھ مىرزا بىننى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ماۋارائۇننەھرى ۋە فەرغانە تۇرالماي، ئىسمايىل سەفەۋىگە ئۆزىنى تاشلاپ، قىزىل باشلارنىڭ ياردەم ۋە مەدەتلىرى ئارقىسىدا، فەرغانە ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى. لېكىن ئۇ بۇ جايلاردىمۇ تۇرالماي، كابول ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ [102] ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تا دېھىلغىچە بولغان جايلارنى ئىگەللەپ، بۇ جايلاردا ئوتتۇز ئىككى يل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ تارىخ ھىجرى توققۇز يۈر بەشىنچى يىلى (مىلادى 1499-1500- يىلى - ت) تەختكە چىققان، تارىخ ھىجرى توققۇز يۈر ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1530-1530- يىلى – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ھۇمايۇن پادىشالىق تەختىگە ۋارسىلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەكبەر شاھ پادىشا، ئالەمگىر پادىشا، ئەۋرەڭزىپ پادىشادىن باشلاپ، تا ئەخمەت شاھ پادىشاغىچە بولغان ئارلىقتا، ئون يەتتە نەپەر كىشى بەش يۈز ئاتمىش يىل بۇ مەمىلكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1846- يىلى – ت) ئۇلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچتى. ئالى مەرتىۋىلىك بۇ پادىشالاردىن نۇرغۇن ياخشى ئىشلار نەمۇنە ۋە يادىكار قالدى. ئاللا ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تا ئىنقىرازى ئالەمگىچە (ئالەم تۈگىگىچە –ت) مەھكەم ۋە ئۇزۇن ساقلىغاي، ئامىن!
بابۇر پادىشا ئەۋلاتلىرىدىن جەمىش بى ۋە نار بوتاخانلار فەرغانە ۋىلايىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاتامىراس يۇرتلىرىنى ئۆزبېكلەردىن تاپشۇرۋېلىپ، قوقاننى پايتەخت قىلىپ، بۇ مەمىلكەتنى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى تا مەللەخان ۋە خۇدايارخانغىچە يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە يىلغىچە (مىلادى 1869- 1870- يىلى – ت) فەرغانە ۋىلايىتىدە ھۆكۈم سۈردى.ئۇنىڭدىن كېيىن فەرغانە دۆلىتى ئورۇسىيە تەۋەلىگىگە ئۆتتى. خۇدايارخان شېرىپ زىياپىتىگە بېرىشنى تەلەپ قىلپ يولغا چىقىپ، بەندىچىلىگىنى كابۇل شەھىرىدە تۈگەتتى. (ۋاپات بولدى - ت). تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن مۇزەپپەر خان بىننى مۇھەممەت ئەلى خان بولسا ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ پەرمانى بىلەن كورلىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلاردىن كېيىن تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن باش كۆتىرىپ چىققانلىرى ئانچە مەلۇم ئەمەس (ئۇلارنى ئاللا ئۆزىگە يېقىن تۇتقاي)، قالدىسىنى خۇدا ئۆزى بەكرەك بىلىدۇ.
قەلەم تىزگىنىنىڭ تېز قېقىلىشى ۋە خۇشخەتلەرنىڭ بىئىختىيار ئالغا يۈرۈشى تۈپەيلىدىن، پادىشا ۋە شاھ دەپ قوش نام بلەن داڭقى چىققانلار يەنى ئىران، تۇران، ئىراقى ئەجەم ۋە ئىراقى ئەرەپ، ھىندىستان، ئەرەبىستان، تۈركىستان قاتارلىق جايلارنىڭ چوڭ شەھەرلەرىگە ئۇزۇن زامان مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلغان موغۇل قەۋمى- قەبىلىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلرى ھەققىدىكى ئاز- تولا قىسسە ۋە ئاجايىپ ھىكايىلەر بۇ كىتاپنىڭ مۇقەددىمسىدە توتىيەزىلىگە (شىرىن سۆز يىپلىرىگە - ت) تىزىلىشى لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈلۈپ، مەزمۇنلىرى قىسقىچىلا بايان قىلىندى. بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلى بىلىشنى خالايدىغانلار بولسا «رەۋزە تۇسسفا» ۋە «تارىخى رەشىدى» قاتارلىق كىتاپلارغا مۇراجەت قىلسۇن.
بىزنىڭ مەقسىدىمىز بولسا موغۇللار يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان، پادىشا، شەۋكەتلىك ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، قەلەمنىڭ گۈزەل چۇلۋۇرى موغۇلىستاندا ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى بايان قىلىش تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئەسلى مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلىدى.
يۇقىرىدا چىنگىز قائان ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن مەمىلكەتنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى دىگەن ئىدۇق. چىنگىز قائان ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماۋارائۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى، موغۇلىيە، تاتارلار يۇرتى، ئۇيغۇرلار زىمىنى ۋە قەدىمقى نايمان قەۋملىرىگە تەۋە جايلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. چاغاتايخانمۇ ئۆز ئەمىرئلىرىگە بۇ يۇرتلارنى تەقسىم قىلىپ بەردى. جۈملىدىن دوغلات قەبىلىسىدىن بابداغان دوغلاتىگە ماڭلاي سۈيەنى ئىنئام قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە ئۇنىڭغا ئۈچ مەنسەپنى جۇلىدۇ (مىراس – ت) قىلىپ بەردى. ” ماڭلاي سۈيە“دىگەن سۆز موغۇل تىلىدا ” ئاپتاپ تەرەپ“(شەرقى تەرەپ –ت) دىگەن مەنىدە ئىكەن. بۇ زىمىننىڭ شەرقى چېگىرسى باغراش، كورلا، شىمالى تەرەپتە مۇزتاغ، غەرپتە ئالاي تاغلىرى ۋە كاتتا داۋان، جەنۇپتا لەئلى كان، بەدەخشان ۋە قاراڭغۇ تاغىن ئىبارەت. بابداغاننىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇزۇن زامان ئىنئام قىلىنغان بۇ زىمىن ئىچىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.” دوغلات“ دىگەن سۆز ”توكۇز“، ” ئاقساق“ دىگەن مەنىدە. چۈنكى چىنگىز قائاننىڭ ئۈچىنچى ئاكىسى قۇبۇل خاننىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسىمى بۇلجار بولۇپ، بۇ ئاقساق ئىكەن. شۇڭلاشقا ” دوغلات“دەپ لەقەم قويۇلغان ئىكەن. دوغلات تايىپىلىرى بۇنىڭ نەسىل- ئەۋلادى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.



ئەمىرۇلئەمرائى يەنى ئەمىر خۇدايەت بىننى ئەمىر بولاجى دوغلاتىنىڭ قىسسە ۋە ۋەقەلىرى ھەم سەرگۈزەشتىلىرى ماقالاتى، پەرزەنت- نەۋرىلىرىنىڭ ۋە باشقا مىرزا بەگلەرنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىغى ھەم ئاقىۋەتلىرى بايانى



[align=justify]ساغلام تەبىئەتلىك يارەنلەرنىڭ توغرا زېھنىلىك بۇرادەرلەرنىڭ مۇلايىم تەبىئەتلىرىگە پېتىپ روشەن بولغايكى، بابىداغاننىڭ نەۋرىلىرىدىن ئەمىر تۇلەك دوغىلاتى كاشىغەردە، ئەمىر بولاجى دوغىلاتى ئاقسۇدا ھۆكۈمران ئىدى، بۇ چاغدا چىنگىزخاننىڭ ئالتىنچى نەۋرىسى ئىسەن بۇقاخان دىگەن تەختتە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى تۇغماس ئىدى. كىچىك خوتۇنى بولسا خاندىن ھامىلدار ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسەن بۇقا خان ئاۋغا (ئوۋ قىلىشقا – ت) ياكى ياۋغا (ئۇرۇشقا – ت) كېتىپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا دوختىۋى قەبىلىسىنىڭ شىراۋۇل دىگەن بىر كاتتا ئەمىراسى توقسەن تارتۇق بىلەن خانغا كۆرۈنۈشكە كەپتۇ- دە، خاننى كۈتۈپ بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. خان يەنىلا كەلمەپتۇ. خاننىڭ چوڭ خوتۇنى كۈندىشىنىڭ ھامىلدار بولغانلىغىنى سېزىپ، خاننىڭ كەلمىگەنلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا زىشكى- ھەسەت قىلىپ، ئۇنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلپ يولغا سېلىپتۇ. موغۇنلارنىڭ قائىدە- رەسمى بويىچە، چوڭ خوتۇنى كىچىك خوتۇننى خالىسا ساقلايتى ياكى خالىمىسا باشقا ئەرگە بېرەتتى.
بىر كۈنى خان ئاۋ (ئوۋ) دىن ياكى ياۋدىن قايتىپ كېلىپ، كىچىك خوتۇنى مەڭلىكنى يوقلاپ، ” نەگە كەتتى“دەپ سورىغاندا، چوڭ خوتۇنى” دوختىۋى شىراۋۇل تارتۇق ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، مەڭلىكنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ يولغا سالدىم“دەپ جاۋاپ بەردى. خان” مەڭلىك مەندىن ھامىلە ئىدى، ئوبدان بولماپتۇ“دىدى- دە، ئارتۇقچە تەئەررۇز قىلمىدى. خاننىڭ ئوغلى يوق ئىدى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن، خان بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. نەتىجىدە موغۇل قەۋمى خانسىز قالدى. چۈنكى چاغاتاي ئەۋلادى بىلەن تولۇي ئەۋلادى ئۆز- ئارا جەڭ- جىدەللەر تۈپەيلىدىن بىر- بىرىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.بۇ چاغدا، ئاقسۇدىكى ئەمىر بولاجى دوغلات ئەمىرالىرىنى يىغىپ، ”خان ئەۋلادىدىن بىرەرسىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىتائىتىدە بولساق، خان ئۆز ئۇرۇغىدىن بولمىسا پۇقرالارغا پاراۋانلىق، يۇرتقا تىنچلىق بولۇشى مۈشكۈل“دىگەندە، ئۇلار: ” ئىسەن بۇقا خاندىن مەڭلىك خوتۇن ھامىلە ئىدى، ئۇ شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن ئىدى، ئەگەر ئۇ ئوغۇل تۇققان بولسا ئېلىپ كېلپ خان كۆتۈرسەك“ دەپ مەسلىھەت قىلىشقاندا، ئەمىر بۇلاجى” شەغاۋۇلنىڭ (شىراۋۇلنىڭ - ت) جاي- مەنزىلى ئۇزۇن، ئۇزۇق ۋاپا قىلمايدۇ، بېرشقا مۇمكىن ئەمەس“ دىدى. بۇ چاغدا تاش تېمۇرا مىرزا دىگەن بىر ئەمىراسى بار ئىدى. ئۇ ” ئۇزۇق ۋاپا قىلمايدىغانلىغى راست، لېكىن ماڭا ئۈچ يۇز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بېرىلسە، مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە سۈتىنى ئۇزۇق قىلىپ بارسام ۋە خاننى تېپىپ كەلسەم“دىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۈچ يۈز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بەردى. ئۇ بۇنى ئۇزۇق قىلىپ، ئاخىرى بىر ئۆچكە قالغاندا شىراۋۇلنىڭ جاي ماكانىغا يەتتى. ۋە بىر بانا قىلىپ مەڭلىك خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى. بارلىق ۋەقەنى ئۇنىڭغا تولۇق بايان قىلدى. ئۇ تەكشۈرۈپ قارىسا، مەڭلىك خوتۇن خاندىن بولغان ھامىلىسىدىن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى تۇغلۇق تېمۇر قويۇپتۇ. يەنە شىراۋۇلدىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ،ئۇنىڭغا ئوڭچە مۈلۈك دەپ ئات قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ مىرزا تاش تېمۇر بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ، تۇغلۇق تېمۇرنى ئېلىپ قاچتى. بىر قانچە مۇدەتتىن كېيىن مۇزات داۋىنىغا كەلدى، خان ئويناپ يۈرۈپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. تاش تېمۇر مىرزا بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ خاننى ئىزدەپ ھەيرانۇ- سەرگەردان بولۇپ تۇرغان چاغدا، يەتتە نەپەر سودىگەر يېتىپ كەلدى.باشلىغىنىڭ ئېتى بەگچەك ئىدى. ئۇ خاننى ھاڭدىن ئېلىپ چىقتى. بۇلار كېيىنچە خاس بەگلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. باشقىلىرىغىمۇ ئۆز لايىغىدا مەنسەپ بېرىلدى. ئالى مۇقام خاننى تاش تېمۇر مىرزا ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، ئەمىر بۇلاجىنغا تاپشۇرۇپ بەر دى.
بۇ چاغدا خان ئون تۆت- ئون بەش ياشلاردا ئىدى. ئەمىر بولاجى يۇرت بەگلىرىنى ھازىر قىلىپ، ئوبدان سائەتتە ئۇنى تەختكە چىقاردى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ بۇ قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن، ئۇنى بەگلەر بېگى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭ يەنە ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مىراس بولۇپ كەلگەن ئۈچ مەنسەپكە يەنە ئۈچ مەنسەپ جۇلدۇر- جاساق قىلىپ، قولىغا يارلىق نىشانە بېرىپ، ئۇنىڭغا ناھايتى يۇقۇرى ئورۇن بەردى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەمىر بولاجى بۈيۈكلۈك ئالىمىگە پەرۋاز قىلدى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ مەنسىۋىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەمىر خۇدايدادقا بېرىپ، ئۇنى ” جايساڭ“دىگەن ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى قىلدى. بۇ ئۆزبېك تىلىدا ”بەگلەر بېگى“، قىزغىز، قازاق تىلىدا ”ئېل بېگى“ياكى ” ئۇلۇس بېگى“، ئەرەپچە ”ئەمىرۇلجەيس“(ھەربى قوماندان –ت) دىگەن سۆز بولىدۇ.
ئەمىر بولاجى بىر ئاتىدىن ئەمىر تۆلەك، ئەمىر بولاجى، ئەمىر قەمەرىددىن، ئەمىر شەمسىددىن دەپ تۆت ئوغۇل ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر قەمەرىددىن ” ئاكامنىڭ ئوغلى يەتتە ياشتا تېخى كىچىك، بۇ مەنسەپكە مەن لايىق ئىدىم، ئاكامنىڭ بۇ مەنۋىسىنى ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ھەق ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان بولار ئىدى“دەپ ئەرز قىلدى. خان ”ئاتا ئوغۇل ئۈچۈن قىلىدۇ“دەپ ئىلتىپات بىلەن يارلىق قىلدى ۋە ”ئەمىر بولاجىنىڭ ئۆتكەنكى خىزمەتلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئەمىر خۇدايداد گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ مەنۋىسىنى بۇنىڭغا بەردىم“ دەپ داۋاملىق يارلىق قىلدى. لېكىن ئەمىر قەمەرىدىدىن بۇنىڭغا ھىچنىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىلىدا كىنە- ئاداۋەت پەيدا بولۇپ، مىجەزى باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالدى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن خان ۋاپات بولۇپ، گۇنانى ئەپ ئەتكۈسى قادىر ئاللانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولدى.
ئەمىر قەمەرىددىن بولسا بۇنداق پۇرسەتكە ناھايتى ئىنتىزار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ قارىشلىق ناغىرىسىنى ئاشكارە چالدى ۋە ئون سەككىز شاھزادە بىلەن بىر نەچچە كاتتا ئەمرائلەرنى يوق قىلدى. خاننىڭ يۇرتى، يۇشۇرۇن ئاشكارە غەزنىلىرى، ياراق- جاپدۇقلىرىغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرى- زامانىسى ئون ئىككى يىلدا تاماملىنىپ ئاخىرلاشتى. ئۇ ئەمرى تېمۇر كوراگانى بىلەن ھەمئەسىر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەمئىي يەتتە قېتىم قاتتىق جەڭ- جىدەللەر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنى تۆكۈلدى. ئاخىرى ئەمىر قەمەرىددىن باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ كېتىپ، بىر جەزىر- دەشتىدە يوق بولدى. ئۇنىڭ ئۈلۈگىمۇ تېپىلمىدى. ئەگەر كىمكى بۇ قىسسەنى كۆڭلىدە بىلىشنى خالىسا، ئەلۋەتتە ”رەۋزە تۇسسافا“غا نەزەر سالسۇن.
ئەلقىسسە، مەغفۇر - (گۇنايى كەچۈرۈلگەن – ت) رەھمەتلىك خان ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، خىزىر خوجا خاندىن باشقا ئوغلى ئامان قالمىغان ئىدى. لېكىن خىزىر خوجا خان ئارانلا ئىككى ياشتا بولۇپ، ناھايتى كىچىك ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادىنىڭ مىر تاغا دىگەن ساپ مەسلىھەتلىك، زىيادە تەدبىرلىك ۋە ئەقىللىق بىر ئانىسى بار ئىدى. ئۇ ”خان نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن“ دەپ، ئون ئادەمنى قوشۇپ خىزىر خوجا خاننى قاچۇردى. مەزكۇر ئادەملەر خىزىر خوجا خاننى ئېلىپ قېچىپ بىرقانچە زامان ئالاي تاغلىرى ئىچىدە، بىر نەچچە ۋاقىت بەدەخشان، سېرىق قول جەزىرىلەردە ۋە بىر نەچچە مۇددەت لوپ، چەرچەن جاڭگاللىرىدا ھايات كەچۈردى. قەمەرىددىدن ئۇلارنى خېلى تەكشۈرۈپ ۋە تەپتىش قىلىپ تاپالمىدى. قەمەرىددىن يۇقالغاندىن كېيىن، ئەمىر خۇدايداد خىزىر خوجا خاننى تېپىپ كېلىپ، ئۇنى ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىگە ئولتۇرغۇزدى. خىزىر خوج خانمۇ ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ ۋە جۇلدۇ- جاساق قىلىپ، جەمئىي توققۇز مەنسەپكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شىرئەلى خانغا [103] بىر قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ جۇلدۇ قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمىر خۇدايداد ھەممىسى بولۇپ ئون ئون ئىككى مەنسەپكە ئىگە بولدى.
بۇ ئون ئىككى مەنسەپ مۇنداق: بىرىنچىسى جايساڭ، يەنى ئەمىرلەر ئەمىرى؛ ئىككىچىنىسى ماڭلاي سۈيەنىڭ ھۆكۈمرانلىغى؛ ئۈچىنچىسى، يارلىق- نىشانلارغا خانلارنىڭ ئۇلۇغ مۆھۈرى- تامغىسى بېسىلغاندىن باشقا، يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ مۆھۈرى- تامغىسىنى بىللە قوشۇپ بېسىش، ئەگەر مۇنداق قىلىنمىسا يارلىق- نىشانلار ئىناۋەتكە ئېلىنماسلىق؛ تۆتىنچىسى، ئەمىر خۇدايداد خانغا بىر يا مىقدارى يېقىن ئولتۇرۇش؛ بەشىنچىسى، خانغا چاي ۋە قېمىز قويۇشقا ئىككى مەھرەم مەسئۇل بولسا، ئەمىر خۇدايدادقا بىر مەھرەم مەسئۇل بولۇپ، چاي، قېمىز قويۇش؛ ئالتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر قىلمىغۇچە گۇناغا لايىق قىلماسمىش؛ يەتتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولسا ۋە ئۇنى ئۆزى ئىتىراپ قىلغان تەقدىردە، ئەمىر خۇدايدادنى قىزىل كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، سورىغىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ سەككىزىنچىسى، ئەگەر تاياق سوقماقلىققا لايىق بولغان تەقدىردە، كۇرسا ئۈستىگە قىزىل كىگىز سېلىپ، ئۇنى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئاندىن تاياق سوقۇش؛ توققۇزىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولمىغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك؛ ئونىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولغاندا، ئىنسان گۇرۇھى تاياق ياكى قىلىچ بىلەن ياكى ئېسىپ ئۆلتۈرمەسلىك؛ ئون بىرىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولسا، ئۇنى كىشى يوق يەرگە ئېلىپ بېرىپ، كۆندۈرۈلمىگەن ئات- تايچاققا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈش؛ ئون ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ جېنىنى جان ئالىدىغان ئەرۋاھقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، خان باشلىق مەمىلكەتنىڭ ھەممە ئەئيانلىرى ماتەمدار بولۇپ، يىغا- زارە قىلىشىپ، بىللە كۆتىرىپ ئېلىپ بېرىپ دەپىنە قىلشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ گۇنالار ئۇنىڭدا زادىلا سادىر بولمىغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى بۇ پەقەت خانلىقنىڭ سۆلەت ۋە شەۋكەتىدىنلا ئىبارەتتۇر.
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ ئالى ماقالىق ئەمىرائلەرنىڭ ئەۋلات- نەۋرىلىرىمۇ خانلارنىڭ ئالدىدا خۇددى يۇقۇرقىدەك ئىززەت ۋە ھۆرمەت ھەم يۇقۇرى دەرىجىلىك مەرتىۋە بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئەمىر خۇدايداد بولسا توقسان يەتتە ياشقا كىرگەن ۋە توقسان يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. ئۇ: ”يەتتە خاننى ئۆز قولۇم بىلەن كۆتىرىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدۇم“دەپ زىكىر قىلىدۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە مەككە- مۇئەززەمەگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرگە بولغان ئىشتىياقى ئۇنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىدا جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ خاندىن رۇخسەت سورىدى، لېكىن ھىچقانداق جاۋاپ ئالالمىدى. ئاندىن ئۇ خاندىن رۇخسەت بولمىدى. باشقا بىر تەدبىر بىلەن مۇرادىمغا يەتسەم ھەجەپ ئەمەس دىگەننى كۆڭلىگە پۈكتى.
بۇ چاغدا فەرغانە ۋىلايىتى، ماۋارائۇننەھىر، خوراسان، پارىس، ئىراقەيىن، ئەزەربەيجەن قاتارلىق جايلار ئىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانىنىڭ ئەمىر- پەرمانىدا تۇراتتى. موغۇلىستاننى قولغا كىرگۈزۈش قەستى بولسا، خۇددى تاشقا ئۇيۇلغان نەقىشتەك ئۇنىڭ يۈرەك قاتلىمىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداد مىرزا ئۇلۇغ بېككە مەخپى كىشى ئەۋەتىپ، ”مىرزا! تاشكەنتتىن تۆت- بەش مەزىل يۈرۈپ موغۇلىستان تەرەپكە مۇشەققەتلىك قەدەم قويسىلا؛ مەن موغۇلىستان يۇرتىنى مىرزا ئۇلۇغ بېككە تەۋە قىلىپ بەرسەم“دەپ خەۋەر بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بېك بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا سەمەرقەنتتىن ئاتلىنىپ، تاشكەنتكە كېلىپ، بۇ جايدىن لەشكەر تارتىپ چىقتى. موغۇلىيە يۇرتىدىنمۇ خىزىر خوجا خان باشلىق ئەمىر خۇدايداد قاتارلىقلار لەشكەر ئېلىپ تاشكەنت تەرەپكە يولغا چىقتى. ئاخىرى بۇ خۇددى دەريادەك ئاققان ئىككى خۇنخۇۋار قوشۇنلار ئارىسىدا بىر مەنزىلدىن كەمرەك مۇساپە قالغاندا، ئەمىر خۇدايداد : ”مىرزا ئۇلۇغ بېك ئالدىغا ئۆزەم بېرىپ، ئۇنىڭ رائى نۇرلىرىنى قايتۇرسام، ناھەق خۇنلار تۆكۈلمىسە“دەپ خانغا ئىلتىماس قىلدى. خان بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى مىرزا ئۇلۇغ بېككە ئەۋەتتى. خۇدايداد ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرىشىپ : ”ئەي مىرزا مۇددىئا ھاسل بولدى، ئەمدى ئۆز تەختگاھلىرىغا يانسىلا، مەن تەدبىر بىلەن ئۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم تا ئۆزلىرى بۇ يەرگە كەلمىگىچە مېنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئالىرىم ھاسىل بولماس ئىدى“دەپ بارلىق ۋەقەنى تولۇق سۈرەتلەپ ئاشكارە قىلدى. مىرزا ئۇلۇغ بېك تەبەسسۇم ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىردەۋىس دىگەن جەننەتكە ئوخشاش تەختىگاھى سەمەرقەنتكە قايتىپ كەتتى. جۈملىدىن ئامىر خۇدايدادمۇ خىزىر خوجا خاننىڭ ھۆكۈمىتى ۋە زىمىن دائىرىسىدىن چىقتى.
مىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئىستىقبالىغا چىقىپ، بىر نەچچە قەدەم جۇلاۋىدا (ئاتنىڭ يېنىدا پىيادە – ت) مېڭىپ ۋە قولتۇغىدىن كۆتىرىپ ئاتتىن چۈشۈرۈپ، زىيادە ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىجا كەلتۈردى. ئۇ ئەمىر خۇدايدادنى ھەرقانداق چاغدا ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرغۇزۇپ، ئۆز قەدىمىنى زادىلا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قويمىدى ۋە بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى سورىدى. ئالدى بىلەن ئۇ پادىشاھى چىنگىز قائاننىڭ قائىدە- قانۇنلىرى، ياساق- يوسۇنلىرى، يارغۇتورىلىكلىرى ھەققىدە سۇئال سورىغاندا، ئەمىر خۇدايداد ”ئەلھەمدۇلىلار ۋە ئەلمىنە بۇدۇركى، ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت- شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن خانلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى بىلەن كارىم بولمىدى “دەپ جاۋاپ بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بېك بۇنداق سۇئال سورىغانلىغىغا ناھايتى خىجالەت بولۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى، ھەتتا ئۆمۈر بويى بۇنداق خىجالەتچىلىكتە ئۆتتى ۋە كۆپ ئىبرەتلەندى. چۈنكى مىرزا ئۇلۇغ بېك ھەممە ئىلىمدە ماھىر ۋە كامىل كىشى ئىدى. ئۆز- ئارا مىھماندارچىلىق پىشەشەكەش- تارتۇق قائىدىلىرى ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىرزا ئۇلۇغ بېك ئۆز ئادەملىرىنى خىزمەتكە قوشۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى ھەرەمەيىن شرىپىن زىيارىتىگە يولغا سالدى.
«تارىخى رەشىدى» مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەمىر خۇدايداد مەككە مۇئەززەمگە بېرىپ، ھەجنىڭ روكىنلىرىنى ۋە شەرتلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈپ، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرگە بېرىپ، مۇھەممەت ئەنھەزرەتنىڭ باغ قەۋرىسىگە زىيارەت قىلدى ۋە تۆۋە- ئىستىغپارغا شۇغۇللىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە كېسەلگە دۇچار بولدى ۋە بۇ قاراڭغۇ تۇپراقتىن ئاخىرەت باغچىسىغا يۆتكەلدى. شۇ كېچىسى ئەنھەزرەت چۈشىگە كىردى. ئۇ چۈشىدە ئەنھەزرەتنىڭ ”تۈركىستان تەرەپتىن مېنىڭ بىر مەھبۇبە مەشۇغۇم مېنى دەپ كېلىپ ۋاپات بولدى، ئۇنى ئابباسنىڭ ئايىغىدا دەپىنە قىلىڭلار“دەپ ھاسسا بىلەن بىر يەرنى سىزىپ كۆرسەتكەنلىگى نامايەن بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپلا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەۋرىسىگە بارسا، ھاسسا بىلەن سىزىلغان يەر ناھايتى ئوچۇق كۆرۈندى. ئۇ، بۇ ئەجەپ سائادەتمەن مەردا (ئادەم – ت) كىم بولغىيدى دەپ ھاجىلارنى تەھقىق ۋە تەپتىش قىلىپ كۆرسە، بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداددىن باشقا ھاجى ۋاپات بولمىغان ئىكەن. ئۇنى قائىدە بويىچە سۈنئەت- غۇسۇل قىلدۇرۇپ، بىشارەت بېرىلگەن يەرگە دەپنە قىلدى.
شۇ يىلى خوجا ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت پارسا [104] قۇددۇسسىرە ئەلئەزىزمۇ ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە بارغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇرتىلىرىدىن بىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە”ھەززا قەۋرە ئەمىر خۇدايدادنىڭ تۈركىستانى“(بۇ تۈركىستانلىق ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى – ت) دىگەن سۆزى تاشقا نەقىش قىلىپ تۇرغۇزۇلغانلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن ئاشكارە كۆردۇم دەپ نەقلى- ھىكايە قىلغان ئىكەن. خوجا مۇھەممەت پارسانىڭ ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە بېرىپ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرى سەككىز يۈز يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى زۇلھەججە (12- ئاي – ت) نىڭ يىگىرىمە توققۇزىنچى كۈنىگە (مىلادى 1420- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى – ت) توغرا كېلىدۇ دەپ ھىكايە قىلىشىدۇ. بلەكى ئەمىر خۇيدادمۇ دەل مۇشۇ يىلى ۋاپات بولسا كېرەك.
ئەمىر خۇيداددىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى سەيىد ئەلى بىنى سەيىن ئەخەت مىرزا ئەمرى بولۇپ، ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەر بويىچە بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى سانسىز مىرزا ھۆكۈمران بولۇپ سەككىز يىل يۇرت سورىدى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا دوست مۇھەممەتخاننىڭ [105] قىزى جىماك ئاغچا سانسى ئەمىرنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بۇنىڭدىن ئابابەكرى مىرزا ۋە ئۆمەر مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. سانسىز مىرزا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يەڭگە دەپ ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ئۆز ئەقىدىگە ئالدى. ھەيدەر مۇھەممەت مىرزىدىنمۇ مۇھەممەت ھۈسەيىن ۋە مۇھەممەت سەئىد مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى پىسەن قىلماي، تاشكەنتكە بېرىپ، يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەتخاننىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇ مۇھەممەتخاننىڭ يارلىغى بىلەن ئوراتۆپەگە توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مەھمۇتخان بىر ھەمشىرىسىنى مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئەقىدىگە باغلاپ، ئۇنى كوراگانلىق (خانغا كۈيوغۇل) مەنسىۋى بىلەن ئۇلۇغلىدى. ئوراتۆپەدە بۇلاردىن مىرزا ھەيدەر ۋۇجۇتقا كەلدى. لېكىن ئۇ زامانە ھادىسلىرى ۋە بەزى كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن، ئوراتۆەپدە تۇرالماي، پەرزەنتى مىرزا ھەيدەرنى ئېلىپ ھىراتتىكى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى بايقارا مىرزا خىزمىتىگە باردى.
بۇ چاغدا ھىراتتا ئەمىر بۇرۇندۇق دىگەن بىر مۆتىۋەر قېرى ئەمىرائى بار ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا ئۇنى مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگاننىڭ ئىستىقبالىغا چىقاردى ۋە مۇناسىپ جاي- ماكانغا چۈشۈردى. سۇلتلان ھۈسەيىن مىرزا بلەن قانداق كۆرۈشۈشنىڭ مەسلىھىتىنى قىلىشتى. ئەمىر بۇرۇندۇق: ”ھەرقانچە بولسىمۇ ئولجاپ (خان، پادىشالارنىڭ قوللىرىنى باشلىرىغىچە يەتكۈزۈپ كۆرۈشۈش ئادىتى –ت) كۆرۈشكەن ياخشى بولۇر ئىدى“دىدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇنى ماقۇل تۇتمىدى. چۈنكى، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا دوغلات نەسلىدىن ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بولسا، بارلاس نەسلىدىن ئىدى. دوغلات قەبىلىسىنىڭ مەرتىۋە دەرىجىسى بولسا بارلاس تائىپىلىرىدىن نەچچە دەرىجە ئارتۇق ئىدى. ئاخىرى ئۇلار كۆرۈشىدىغان بولدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا: ”ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرى يوق بولۇپ كەتمىسۇن، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا ماڭا ئولجاپ كۆرۈشمىسە مەن ئولجاپ كۆرۈشىمەن“دەپ ئولجاپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككىسىلا باراۋەر ئولجاپ كۆرۈشتى. بىر- بىرىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ قىلىشتى. لېكىن بۇ چاغدا سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئۆمۈر ئاپتىۋى پېتىش ۋاقتىغا يەتكەن، ئوغلانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان، ھەممە جايدا پىتنە- پاساتلار قوزغالغان ئىدى. شۇڭلاشقا مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەردە تۇرماقنى مۇناسىپ كۆرمەي، ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە سەپەر قىلدى. پەرزەنتى ھەيدەر مىرزا بۇ چاغدا سەككىز ياشتا ئىدى. ئۇنى مەۋلانە مۇھەممەت قازىنىڭ خىزمىتىگە تاشلىدى. مەۋلانە مۇھەممەت قازى ئەررەھمە خوجا بولسا خوجا ئەھرار ۋەلىلۇللانىڭ [106] مۇرىدى مەخدۇم ئەززەمنىڭ [107] پىرلىرىدىن بىرى ئىدى.
كېيىنكى زاماندا سۇلتان سەئىد خان بىننى ئەخمەت خان [108] دەۋرىدە، مىرزا ھەيدەر كوراگانى يىگىرىمە ئىككى يىل ياركەنتتە ئەمىرلەر ئەمىرى بولۇپ تۇردى. تىبەت، بولۇر قاتارلىق جايلاردا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تولا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىسلام دىنىغا زۇمرەسىگە (گۇرۇھىغا – ت)باشلاپ، ئۇلارنى ئاللانىڭ بىرلىگىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان- مۆمىندارچىلىق يولىغا تەرغىپ قىلدى. لېكىن، زامانە ئىنقىلاۋى تۈپەيلىدىن، ئۇ كابۇلغا بېرىپ، بابۇر پادىشا خىزمىتىگە كىردى. بابۇر پادىشانىڭ ئانىسى بىلەن مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ ئانىسى بىر تۇققان بولۇپ، ئۇلار يۇنۇس خاننىڭ قىزى ئىدى. ئۇ بابۇر پادىشا تەرىپىدىن كەشمىرگە ئەۋەتىلىپ، بۇ جاينى تۆت يىل سورىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلدى. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بوي سۇندۇردى. ئاخىرى سەلتەنەتنى تاشلاپ، ئۆز ئۆمىرىنى ئىبادەتكە سەرپ قىلدى. ئۇ «”تارىخى رەشىدى“نى كەشمىردە يېزىپ توپلام قىلدىم» دەپ ھىكايە قىلىدۇ. خانلارنىڭ قىزلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلاتلىرىغا كوفو (ئەقىدە نىكا ئۈچۈن تەڭداش بولۇش سالاھىيىتى – ت)بولىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار خانغا كۈيوغۇل قىلىنىپ، ”كوراگان“لىق مەنسىۋى بېرىلىدىكەن. ”كوراگانى“دىگەن سۆز مۇڭغۇل تىلىدا ”خانغا كۈيوغۇل“يەنى ”دامادى پادىشا“(پادىشا كۈيوغۇلى – ت) دىگەن مەنىدە بولىدىكەن. يەنە بۇ مىرزىلارنىڭ قىزلىرىمۇ خانزادىلەرگە كوفۇ قىلىنىدىكەن.
سانسىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرى بولۇپ، بۇ يەتتە شەھەردە مىرزا ئۇرۇقلىرىدىن يەنە بار، ھەممىسىنىڭ نەسەپلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ بىننى ئەمىر بولاجىغا باغلىنىدۇ. مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىممۇ ئۆز نەسەپلىرىنى مىرزا ئابابەكرىگە ئاپىرىپ باغلايدۇ. بۇ سۆزنى تەپسىلى ۋە ئۇزۇن بايان قىلىشتىن مەقسەت ۋە تەلەپ شۇكى، چاغاتاي خان بىننى چىنگىزخان زامانىدىن سۇلتان سەئىد خان زامانىغىچە ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بابداغان دوغلاتىنىڭ ئەۋلادى – نەۋرىلىرى ئەمىر خۇدايدادبىننى ئەمىر بولاجى نەسلىدىن نەسلىگىچە، زاماندىن زامانغىچە، ئۇ پۇشتىدىن بۇ پۇشتىغىچە بۇ يەتتە شەھەگە ھۆكۈمران بولۇپ، يۇقۇرى مەرتىۋە تۇتۇپ كېلىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئەڭ ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى دەۋرىگە كەلگەندە تامامغا يەتتى. ئاندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ بۇرادەر زادىسى مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ تەشەببۇسى ۋە دالالىتى بىلەن سۇلتان سەئىد خان بۇ يەتتە شەھەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەللى بولدى. بۇ دوغلات خانىدانلىرى ئەمىرلەر ئەمىرى ھەم ۋەزىر بولۇپ، تا ئىسمائىل خان ۋە مۇھەممەت ئىمىن خان زامانلىرىغىچە يەنە ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ھەتتا خافانى چىن ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرگە مالك بولغۇچە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى جارى بولۇپ كېلىپتۇ.
مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ نەسەپلىرىمۇ مىرزا ئابابەكرىگە يېتىپتۇ دەپ ھىكايە قىلىشىدىكەن. لېكىن قانداق يول بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىدىغانلىغى بۇ مەنكى كەمىنىگە مەلۇم ئەمەس. رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە ئالتىنچى يىلغىچە (مىلادى 1909- يىلغىچە – ت) جارى بولغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى مىرزاھىدى بەيسە بېگم ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىم كاشىغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. مەۋلانە مۇھەمەت سادىق كاشىغەرى [109] ئەلەيھىررەھىم «زۇبدە تۇل مەسائىل» (تاللانغان مەسىلىلەر) ناملىق كىتاۋىنى مەزكۇر مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلىشىپ كاشىغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا مەھمەت ۋاڭ بېگىم ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ، يىگىرىمە سەككىز يىل سوراپتۇ، ياركەنتنى سەككىز يىل سوراپتۇ. بۇخارالىق مولا ئابدۇلكېرىم داموللام « ئاقايىد» (ئەقىدىىلەر – ت) دىگەن كىتاپنى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئۇنى تولا تەرىپ- تەسۋىف (سۈپەت – ت) لەر بىلەن توشقۇزۇپتۇ. مىرزا ئەخمەت ۋاڭ بېگىم بولسا دۆلەتمەن، ئىقبالمەن، زېرەك، ھۇشيار، ھۆكۈمەتدارلىق قائىدە- قانۇنلىرىدا، پۇقراپەرۋەرلىك يول كۆرسەتكۈچ دەستۇرىدا بىر سۆز ۋە بىر قۇللۇقتا مۇستەھكەم كىشى ئىدى. پېئىل- ئەتىۋارى ۋە ئەخلاقى، خەلقپەرۋەرلىكتە بۇرۇن ئۆتكەن پادىشلارنىڭ رەسمى- ئادەتلىرىگە، خەلق- مىجەزىگە ناھايتى ئوخشاش ئىدى. قارىماققا ئۇ خاقانى چىنگە تەۋە ھەم ئىتائەت قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمىلىيەتتە ئۆز ئالدىغا پادىشا ۋە مۇستەقىل ھاكىم ئىدى. ھەرقانداق دەۋا- دەستۇرلارنى ئاق ۋە شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ، شەرىئەتنىڭ نازۇك ۋە توغرا- يوللۇق ئىماملىرىدىن قولىغا مۇۋاپىق پەتىۋا ئېلىپ ۋە پەتىۋا ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى ۋە ئىجرا قىلاتتى. شەرئى شېرىپنىڭ خاتىرە ۋە رىئايەلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاللانىڭ شەرىئەت چېگرا- سىزىغىدىن چىقماي، ھۆكۈمدارلىقنى شۇ چېگرا- سىزىق بويىچە ۋاستە مەقام (ئوتتۇرا دەرىجىدە –ت) دەرىجىسىدە ئورناتقان ئىدى. شۇڭا خاقانى مەنسەپدارلىرىدىن خان، ئامبال باشلىق ھەممىسىلا ئۇنىڭدىن ناھايتى ئېھتىيات قىلىپ، تولۇق ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ھاراقۇ- شاراپ، بەڭ، بوزا قاتارلىق شەرىئەت تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن ئۆزىنى ئىھتىيات قىلىپ ساقلايتى. شۇڭلاشقا پۇقرائى رەئىيەلەر ياكى ئاكابىر ئەشرەپ بەگلەر، بەگزادىلەرمۇ مۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىچىملىكلەرنى زادىلا مەخپى ياكى ئاشكارە قىلالمايتى. يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆزلىرى ئۇيقۇغا بارماي، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىبادەتخانىلىرىغا كىرىپ ناماز تەھەججۇتنى (كېچىلىك ناماز – ت) ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئىشان، ھەززەتلەردىن ئالغان تەلىمى ھەم ۋەزىپىلىرى بويىچە دۇئا ۋە تەكبىر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىبادەتخانىسىدا بىر پارچە بورىدىن باشقا كىگىز بىساتى يوق ئىدى. تۇرۇسقا بىر قارا ئارقان ئېسىقلىق بولۇپ، دۇئاي- تەكبىر ۋەزىپىسىگە مەشغۇل بولغاندا، مەزكۇر ئارقاننى بوينىغا ئېسىپ ئاندىن ۋەزىپىگە مەشغۇل بولاتتى. ناماز ۋاقتى توشقاندا، مىچىتكە چىقىپ، ھەر ۋاقىت نامازنى ئاز دىگەندىمۇ ئەللىك، ئاتمىش ئادەم بىلەن جامائەت بولۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئادا قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان نامازنى پەقەت تاشلىغان ئەمەس. ئاينىڭ بېشى ۋە ئون بەشىدە ئادەت بويىچە شاڭتاڭ ۋە شاڭ يامۇلىغا چىققاندا، خىتايچە جۇڭيى ئوتاغات ۋە مەنسەپ كىيىم ئاياقلىرىنى كىيىپ ئاندىن چىقاتتى. باشقا چاغلاردا بولسا ھەمىشە سەللە- سالاھى، پېرىجە قاتارلىق شەرىئەت شەرىپىگە مۇۋپىق كىيىملەرنى كىيەتتى ۋە باشقىلاردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆلىمالار، ئىشانلار، ئەپەندىلەرگە بولغان ئەقىدە- ئىخلاسلىرى زىيادە، كۆڭلى ۋە مۇئامىلىسى ئىللىق ئىدى. شۇڭلاشقا، بەدەخشان، ھىندىستان، بۇخارا ۋە تۈركىستان قاتارلىق ئەتىراپتىكى جايلاردىكى ھەزىرەت ئىشانلار، بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ تۈرلۈك- تۈرلۈك نېئمەتلىرى، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى، نامى- شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ، بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، بەھرە ۋە پايدىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ۋاڭ بېگىمنىڭ دۇئاي- دۆلەتلىرىنى قىلىپ، ئۆزى ئۆسكەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېتەتتى. ۋاڭ بېگىم باشلىق بىر قانچە ئەقىدە- ئىخلاسلىرى پاكىز مۇرت- مۇخلىسلارمۇ ئۆز ئىخلاسلىرى باراۋېرىدە بەھرە- پايدا ئېلىپ قالار ئىدى. بۇلارمۇ قادىرىيە [110]، نەقشەبەندىيە تەرىقە- سۈلۈككە كىرگەن ئىدى. ۋاڭ بېگىم موللا، فازىل ۋە پەرھىزكارلارنى (دىنىي ئەقىدىلەردە پەرز تۇتقۇچىلارنى – ت) چاقىرىپ، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تەرىقەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئىبادەت قائىدىسى بويىچە كالامى شېرىپنى خەتمە قىلدۇرار ئىدى. مەزكۇر فازىل قارىلارنىڭ ھەممە ۋاقىت ھاجەتلىرىدىن چىقىپ، ئۇلارغا تارتۇق- ھەدىسلەرنى بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە لەنگەر- رابات، مەدرىسە، مىچىتلەرگە قىلغان نەزىر- چىراق، خەيرىخاھلىق ۋە سەدىقىلىرى كۆپ ئىدى، ئۇ بۇ خىل نەزىر- سەدىقىلەرنىڭ خىراجەت سەرپىياتىنى تامامەن ئۆز ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مۈلكى مىراس بولۇپ قالغان زىمىنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە باشقا چاھار پايلىرىدىن سەرپ قىلاتتى. بۇ زامان ئاخىرىدا ئەمىر خۇدايداد ئەلەيھۇ رەھىم ۋە ئەلغۇفۇران (خۇدانىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن)نىڭ ئەۋلات- ئىخپاتلىرى ئىچىدە، ۋاڭ بېگىمدەك فازىل، شەرىئەتنى ياخشى بىلىدىغان ئۆلىما دوست، پۇقراپەرۋەر ئۇلۇغ كىشى ئۆتمىگەن ئىدى. خۇدانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ياخشىلىق، نەتىجىلىرى ۋە ئەسەر- ئالامەتلىرى تا بۈگۈنگىچە خالايىق ئارىسىدا مەشھۇردۇر.ئۇ بۇ ئەقىدە- ئىخلاسلىرىنىڭ ساپلىغى بەرىكىتىدىن، ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە شاھادەتلىك دەرىجە- مەرتىۋىسىنى تاپتى. ئۇ چاغدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى ”ئەلا شەھىت“دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرى بىلەن، غۇسلا قىلماي ناماز جىنازىسىنى ئوقۇپ دەپنە قىلدى. (ئىسلام دىنىدا شېھىت بولغانلار غۇسلى قىلىنماي قانلىق كىيىملىرى بىلەن كۆمۈلىدۇ – ت). ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ھامۇت بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، ئاقسۇ، خوتەنگە ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مىرزا مۇھەممەت بېگىم ئاتا مىراسى ۋاڭلىق مەنسىۋىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن”ۋاڭ غوجام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر- مەرۇپ بولدى.



داۋامى بار.

تارىخى ھەمىدى

[align=justify]
داۋامى:

[align=justify]
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، موغۇل خانلىرىدىن چىنگىز قائان بۇ يەتتە شەھەرگە ھىجرى ئالتە يۈز ئون ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1219- يىلى – ت) ئىستىلا تاپتى. شۇ زاماندىن بۇ كەمگىچە بۇ جايغا باشقىلارنىڭ ئىستىلا قەدەملىرى يەتمىگەن ئىكەن. لېكىن ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگانى ئىراق تەرىپىگە لەشكەر تارتىپ ماڭغاندا، پايتەختى سەمەرقەنتكە بىر نەۋرىسى سۇلتان مۇھەممەتنى ۋە يەنە بىر نەرۋرىسى ئىسكەندەر سۇلتان بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇرنى ئەنجانغا ھاكىم قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئىسكەندەر سۇلتان تېخى ئون ئۈچ ياشتا كىچىك بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىرلىرى ئىشكارغا چىقىمىز دەپ ئېلىپ قېچىپ كاشىغەرنى بېسىۋالدى. ئاندىن ئۆتۈپ ياركەنتنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سېرىق قۇمۇش، كەللىن، زالى كۆلى قاتارلىق جايلارنى بېسۋالدى. ئاندىن كېيىن ئاقسۇنى قىرىق كۈن قامال قىلىپ تالان- تارج قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ باي ئارقىلىق كۇچارنى بېسىۋېلىپ، كۇچار ئەھلىنى بالايى- مېھنەتلەرگە دۇچار قىلدى. بۇ جايدىن ئۆتۈپ تاۋم ئارقىلىق خوتەننى بېسىۋالدى. بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، نەچچە توققۇز قىز بالىنى ئېلىپ ئەنجانغا چىقىپ، ئەمىر تېمرۇ كوراگانىغا ئىككى توققۇز قىز، سۇلتان مۇھەممەت مىرزاغا بىر توققۇز قىز تارتۇق قىلىپتۇ. لېكىن بۇ جايغا تاغىلىرىدىن بىجاۋاپ چىققانلىغى ئۈچۈن، بەد گۇمان بولۇپ، يىگىرىمە سەككىز ئەمىرنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. ئىسكەندەر سۇلتاننى نەزەربەت قىلدى. بۇ ئەھۋاللار «رەۋزە تۇسسافا»دا بايان قىلىنغان. لېكىن بۇ جايدا سېرىق قۇمۇش، كەللىن، زالى كۆلى، تاۋم دىگەن جايلار قايسى ماكاندا ۋە قايسى يەرلەرنىڭ نامى ئىكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ كېلىپ كەتكەن ۋاقتى بىر يىلدىن كۆپرەك بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىگە تەئەللۇق تاپتى.
شۇنىڭدەك ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەۋرىسى مىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانى قەشقەر ئۇلۇغ ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىسى قارا قۇل ئەخمەت مىرزىدىن خاپا بولۇپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، قەشقەرنى بېسىۋېلىپ تۆت يىل سوراپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، بۇ جاينى ئەمرى ئىتائەتلىرىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىدىن باشقا ماۋارئۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى ياكى ئەرەبىستان ئۇلۇغلىرىدىن كېلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى بېسىۋېلىپ، بىر يىل ياكى ئالتە ئاي مىقدارى سورىغانلىرى ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدىن كۆرۈلمىدى ۋە مەلۇم بولمىدى. ئەمما موغۇل تايىپلىرى نەچچە قېتىم ئەرەبىستان شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ۋەتەندار بولغانلىغى ھەممە تارىخ كىتاۋىدا ئاشكارە بايان قىلىنغان. (خۇدا ھەممىدىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر)


موغۇلىستان پادىشاسى تۇغلۇق تېمۇرخان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق جەنەتتە قىلسۇن) نىڭ ئېسىلزادە نەسەپلىرى، ھەر بىر ئەۋلات- نەۋرىلىرىنىڭ زىكرى ۋە سانلىرى، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋەقەلىرى بايانى




تارىخ بىلگۈچىلەرنىڭ نازۇك ۋە كېلىشكەن ئۆلچەملىك تەبىئەتلىرىگە ھەم سۆزىنى گۈزەل سۆزلەيدىغان سۆزمەنلەرنىڭ چوڭقۇر زېھىنلىرىدىن مەخپى ۋە بىئەلان قالمىغايكىم، تۇغلۇق تېمۇرخان بولسا ئىسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى، ئۇ داۋاچىچەن خاننىڭ ئوغلى، بۇ بۇراق خاننىڭ ئوغلىدۇر، بۇراق خاننىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى سۇلتان غىياسىددىن بولۇپ، مۇسۇلمان ۋە دىندار ئادەم ئىدى. بۇ سىسسۇ قارانىڭ ئوغلى، بۇ مامۇكباينىڭ ئوغلى، بۇ چاغاتاي خاننىڭ ئوغلى، بۇ چىنگىز قائاننىڭ ئوغلى ئىدى.
تۇغلۇق تېمۇرخان ئون بەش ياشلارغا كەلگەندە، ئەمىر بولاجى دوغلاتىنىڭ يارەم دالالىتى ئارقىسىدا، ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالغان ئىدۇق. ئۇ يىگىرىمە تۆت ياشلار چاممىسىدا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىلۇللا (ئۇنىڭ سىرى پاك ۋە مۇبارەك بولسۇن!) نىڭ قولىدا ئىسلام دىنىنىڭ سائادەت شەرىپىگە ئىگە بولدى. ۋەقەسىنى كېيىن بايان قىلىمىز – ئىنشا ئاللا! (ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!)
بۇ چاغدا ماۋارائۇننەھرى شەھەرلىرى ئۆز بېشىمچىلىق ۋەزىپىسىگە چۈشكەن ئىدى. تۇغلۇق تېمۇر ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تا قۇندۇزغىچە بولغان جايلارنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ ياندى. بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى شەھىرى سەبىزگە ھاكىم ئىدى. ئىستىقبالغا چىقىپ، ناھايتى تولا سوغا- سالاملارنى تەقدىم قىلدى. فارامىن دەستۇرى بويىچە، ئۇ ئابائى – ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ۋەزىرلىك مەنسىۋىگە لايىق ئىدى. ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ سەمەرقەنتتىكى چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجانىڭ خىزمىتىدە قويۇپ، ئۆزى پەيتەختى ئىلىغا قايتتى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن ئىلياس خوجاخان بىر تەرەپ بولدى. تۇغلۇق تېمۇر بۇ جاھاننى مېھنەت غورۇرىدىن سارايى جەننەت شاتلىغىغا كۆچتى. بۇ چاغدا ئۇ ئوتتۇز تۆت ياشتا ئىدى. ئىلىدا دەپنە قىلىندى. جاھان ئەھلىنى ئوت ئازاۋىدا قويغان بۇ ۋەقە ھىجرى يەتتە يۈز ئاتمىش ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1364- 1365- يىلى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. خەلق ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئىلى شەھىرى ۋە ئەتىراپتىكى جايلاردا شۇ زاماندىن باشلاپ ئىسلام دىنى شەراپىتى ئاشكارە بولدى.
لېكىن بۇ يەتتە شەھەر خۇسۇسەن كاشىغەرنىڭ ئەھۋالىغا كەلسە، ھىجرى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى (مىلادى 943 – 944- يىلى – ت) جانابى ئەنھەزرەت سەلىلۇللا ئەلەيھى ۋەسسەلامنىڭ بىشارىتى ئارقىسىدا، ئەبۇ نەسىر سامانى [111] كاشىغەرگە كەلدى. بۇ چاغدا كاشىغەردە بۇغرا خانلار نەسلىدىن ھارۇن بۇغراخان [112] ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. بۇ چاغا ئوغلى سۇلتان ساتۇق ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. ئۇ ئاللانىڭ تەۋپىق ھىدايەت بېرپ توغرا يولغا باشلىشى، ئەبۇ نەسىر ساماننىڭ ياردەم دالالىتى بىلەن مۇسۇلمانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. سۇلتان ساتۇقنىڭ دالالىتى بىلەن بۇ يەتتە شەھەرمۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ھەر قايسى شەھەرلەردە مۇسۇلمانچىلىق ئاشكارە بولدى. ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇنىڭغا تەۋە بولدى. پەقەت خوتەن ئۇلۇغىلا ئۇنىڭغا بوي سۇنماي ھىجرى ئۈچ يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 982 – 983 – يىلى – ت)ئاران ئىسلام دىنى شەراپىتىگە ئىگە بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بەلكى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمرانلىغى بۇغرا خانلارغا تەئەللۇق ئىكەن. تا چىنگىزخان زامانىغىچە بۇغا خانلارنى ئەفراسسىياپ [113] ئەۋلادىدىن ئىدى دىگەن رىۋايەتلەر بار. سۇلتان ساتۇق بۇغرا خاننىڭ قەۋمى- مازارى ھازىر ئاتۇش دىگەن جايدا.
ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، تۇغلۇق تېمۇر خاندىن كېيىن ئوغلى خىزىر خوجا ئاتا مىراسى پايتەختىگە ئىگە بولدى. بۇ شەرىئەت شوئار، دىيانەتلىك، شىجائەتلىك ھەم باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى. خەلقنىڭ راھىتىنى ئويلايدىغان ۋە پۇقراپەرۋەرلىكتە باراۋىرى يوق ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆز قىزى تۇكەل بېگىمنى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەقىدىسىگە سۇنۇپ، ئۇنى كوراگانلىق مەنسىۋى بىلەن ئۈستۈنلىدى. يۇرتلارنى خاتىرجەم قىلىپ، بىجىن [114] تەرەپكە غازاتقا ئاتلاندى. بۇ چاغدا تۇرپان، قاراخوجا، قۇمۇل ئەھلى دىنى ئىسلامدىن بىبەھرى ئىدى. بۇ جايلار خىزىر جوجا قولى بىلەن ئىسلام دىنى شەراپىتىگە مۇيەسسەر بولدى. بىجىننىڭ كۆپ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرى شاھادەت شەرۋىتى ئىچتى. جەسىدىنى ئېلىپ كېلىپ يەمشى دىگەن جايدا دەپنە قىلدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى شەمئى جاھان خان تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەت خان تەختكە چىقتى. بۇ چاغدا ئۇ مىرزا ئۇلۇغ بېك رەسەت باغلغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئاتۇش ئۈستىدا تاش راباتنى بىنا قىلدۇردى. بۇ مۇسۇلمان، مۆمىن دىندار بىر كىشى ئىدى ۋە ياش ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسىنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كيدىن شىر ئەلى خان تەختكە چىقتى. بۇ قالماقلار بىلەن تولا غازاتلارنى قىلىپ، ئاخىرى بۇ جاھان بىلەن ۋىدالاشتى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئۇۋەيسى خان تەختكە مىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇس خان ئون ئۈچ ياشتا بولۇپ، تېخى كىچىك ئىدى. ئوۋەيسى خاننىڭ ئەمىرلىرى ئىرزان بايرىن، مىرەك تۈركمەنلەر باش بولۇپ، ئوتتۇز مىڭ لەشكەر بىلەن بىللە ئېلىپ قېچىپ، سەمەرقەنتتىكى مىرزا ئۇلۇغ بېكتنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىردى. ئارىدا نۇرغۇن قېتىم قاتتىق جەڭ- جىدەللەر بولۇپ ئۆتتى. ئاخىرى مىرزا ئۇلۇغ بېك غەلبە قىلىپ، ئىرزان بايرىن، مىرەك تۈركمەن قاتارلىقلارنى ئوتتۇز مىڭ ئەسكىرى بىلەن باسرۇق قىلىپ ئولجا ئەسىر قىلىپ، بىرقانچىسىنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. يۇنۇس خاننى بولسا ھىراتتىكى دادىسى شاھرۇھ مىرزىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى ۋە بۇ جايدىن يەنە شىرازغا يولغا سېلىپ، مەۋلانە شەرىپىدىن ئەليەزىدىگە [115] تاپشۇردى. بۇ ھەقتە يۇقۇرىدا سۆزلىگەن ئىدۇق.
يۇنۇس خان بولسا، ئۆلىما، موللا ۋە دىندار كىشى ئىدى. پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئىچىدە، مىرزا ئۇلۇغ بېكتىن قالسا، يۇنۇس خاندىن باشقا ئۆلىما، فازىل پادىشا ئۆتمىگەن بولسا كېرەك دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئىدى. خوجا ئەھرار ۋەلىلۇللاغا مۇرىت- مۇخلىس ئىدى. بۇ چاغدا يۇرتلاردا موغۇلىيە ئادەملىرىنى بەزى ئەۋباش- باشباشتاق ئادەملەر ئېلىپ قېچىپ بېرىپ، ھەر قايسى يۇرتلاردا ساتىدىكەن. جانابى ئەھرارى ۋەلىيۇللا: ” بۇنداق مۆمىن، مۇسۇلمان پادىشا ئىسلام پۇقرالىرى سېتىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن“ دەپ شەرىئەت ئەمرى بويىچە يۇرت ئۇلۇغلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئەھۋاللارنى قاتتىق چەكلەپ نامە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ پۇقرالارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئاياقلاشتى.
يۇنۇس خان تاشكەنتتە ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مەھمۇت خان تەختكە ئولتۇردى. بۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئۆزبېك ئەۋلادىدىن شاھى بېك خان يەنى مۇھەممەتخان شەيبانى بىلەن ئۇرۇشقان ئىدى. شاھى بېك خان غالىپ كېلىپ، ئۇنى بەش ئوغلى بىلەن شېھىت قىلدى. خوجەندتىكى شەيخ مۇسلىھىددىن شىرازنىڭ [116] ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ئەخمەتچان تەختتە ئولتۇردى. بۇنى قالماقلار ئالاجەخان دەپ ئاتايتى. بۇ تاشكەنتتە تۇرالماي كاشىغەردىكى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۈستىگە كەلدى، ئۇرۇشتا يېڭەلمەي ئاقسۇغا باردى. لەشكەر يىغىپ باھار پەسلىدە يولغا چىقىپ، كاشىغەرنى ئالساق دەپ تەرەدۇت قىلىپ تۇرغاندا، ئەجەل پۇرسەت بەرمەي ئاقسۇدا ۋاپات بولدى. مىرزا ئابابەكرى كېلىپ ئاقسۇ خەلقىنى ئەخمەت خانغا ار بولدى دەپ قەتلىئام، تالان- تاراج قىلىپ، ئامان قالغانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئالتە شەھەرگە تارقىتىۋەتتى. ئۇشبۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاقسۇ ئون ئالتە يىل ۋەيران بولۇپ، ھۇقۇشلارنىڭ ئۇۋىسى، دىۋە- پىرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ئەخمەت خاننىڭ جەسىدىنى ئالتۇن دەپ ئاتىدى. چۈنكى موغۇللار خانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزەتلەپ” ئالتۇن“دەپ ئاتايدىكەن. ھەتتا خانلار، ھاكىملارنىڭ بۇيرۇق نىشانە خەتلىرىنىمۇ” ئالتۇن نىشان“، ” ئالتۇن دەستەك“دەپ ئاتايتى. ئەخمەت خاننىڭ تاغىسى ئىسەن بۇقا خاننىڭ ئالتۇن جەسىدىمۇ بۇ جايغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككى خاننىڭ قەۋرىسى بىر يەردە ئىدى. خوجا شەھباز خوجام ۋاپات بولغاندا، بىننى خوجا ئىسھاقى ۋەلىلۇللا [117] ئۇنى ”خانلارنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىڭلار“ دەپ ئەمىر قىلغان ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇرىت- مۇخلىسلىرى ” خاننىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە دەپنە قىلىمىزمۇ“دەپ سورىغاندا ” خوجا شەھبازنىڭ بېشى خاننىڭ كۆكرىگى بىلەن تەڭ بولسۇن، چۈنكى خانلارنىڭ ھۆرمىتى زىيادە“دىگەن ئىكەن. نەتىجىدە خوجا ئىسھاقى ۋەلىلۇللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خوجا شەھبازنىڭ قەۋرىسى دەل مۇشۇ تەرزدە ياسالغان ئىكەن.
ئەخمەت خاندىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان بولۇپ، قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلار ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىدى. كىچىك ئوغلى سۇلتان سەئىدخان بولسا كابۇلدا بابۇر شاھنىڭ قېشىدا ئىدى. بۇ بىرمۇنچە ئادەم بىلەن كېلىپ ئەنجاننى ئىلكىگە ئېلىپ، بۇ جايدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە بارساق ئوبدان بولارمىكىن دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، دوغلات، دوختىۋى، بارلاس، جوراس قاتارلىق توققۇز تەبەقە ئۇرۇغىدىن تۆت مىڭ نەپەر نامدار باھادۇر- مەردانىلەر بىلەن كاشىغەرگە چۈشتى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىدىن مىرزا ئابابەكرى كاشىغەر ۋە يەتتە شەھەرگە پادىشا بولغانلىغىغا قىرىق سەككىز يىل بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى. بۇلار ئارىسىدا ئۆز- ئارا جەڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى باراۋەرلىك قىلالماي قېچپ بەدەخشان تاغلرىدا يوق بولدى. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ تەختى سەلتەنەتى سۇلتان سەئىدخانغا قارار تاپتى.
مىرزا ئابابەكرىنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە غەزنە، ياراق- جابدۇق، چاھارپاي ۋە باغۇ- ۋارانلىرى ھەددىدىن زىيادە تولا ئىدى. خەلققە قىلغان زۇلۇم جەبرىسى بۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىدى. ئەگەر بىر ئادەمدىن سەللا گۇنا- ئەيىپ ئۆتسە ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق مال- مۈلكىنى غەزنىگە ئالار ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئۇرۇق- قاياشىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ”سېنىڭ ئۇرۇغۇڭدىن بۇ ئادەم مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلدى“دەپ بىر بانا قويۇپ، بار- يوقىنى تامامەن بۇلاپ ئالار ئىدى. مىرزا ئابابەكرى پادىشادەك زالىم پادىشا ئۆتكەنلىگى توغرىسىدا ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدا مەلۇمات يوق ئىدى. ئەگەر ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى تۇغۇلۇپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەي دىسە ” تارىخى رەشىدى“گە نەزەر سالغاي.
بۇ يەتتە شەھەر دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سۇلتان سەئىد خانغا قارار تاپتى. ھەر قايسى شەھەرلەردىكى، مەيلى ئاقسلۇق ياكى باشقا شەھەرلىك ئارزۇمەنت ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ ئاقسۇدا ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ جاينى ئاۋات قىلدى. شۇ سەۋەپتىن ئاقسۇنىڭ ئادەملىرى بىر- بىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار يۇقىرقىدەك چاچقۇن ۋە پاراكەندە ئادەملەردىن جەم بولغان ئىدى. سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ غەزنە بايلىغىنى ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھەممە ئادەم مال- دۇنياغا بىھاجەت ۋە بىنىياز بولدى. «تارىخى رەشىدى» نىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم مىرزا ھەيدەر كوراگانى (خۇدا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق قىلسۇن) ئۆز كىتاۋىدا ”ئۇ چاغدا مەن ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ياشلاردا ئىدىم. پۇل ۋە دۇنايغا ئانچە ھەۋىسىم يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ تەقسىماتتا ماڭا نەق دۇنيادىن باشقا يەنە ئون يەتتە مىڭ قوي تەگدى، لېكىن مال- دۇنياغا ھەۋىسى بار ئادەملەرگە قانچىلىك تەككەنلىگىنى ۋە غەنىمەت مال ھەم ئولجىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدۇ“دەپ يازغان ئىدى.
سۇلتان سەئىدخان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناسىنى كەچۈرگەي!) مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋە خاراپ بولغانلىغىنى بىلىپ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ مال- دۇنياغا بىھاجەت بولغانلىغىنىمۇ سېزىپ، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئون يىللىق باج- خىراجىتىنى پۇقرالارغا ئىنئام ۋە ئېھساپ قىلىپ: ” ئون يىلغىچە پۇقرالاردىن بىر نەرسە ئالماڭلار، سالماڭلار، پۇقرالارمۇ بەرمىسۇن“ دىگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە ئالەمنى قايىل قىلدۇردىغان ئىتائەت يارلىغىنى جاكارلىدى. بەش يىلغىچە ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئۇلار خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى، ھەتتا ئۆتنە ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكىمۇ مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئالتىنچى يىلنىمۇ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يۇرتتا بىر نىمە دىيىشكە يول تاپالمىدى. خان بولسا يارلىغىدىن يانمىدى. ئاخىرى دۆلەت ئەركانلىرى مەسلىھەتلىشىپ،”جاھان پانا، بۇ يەتتە شەھەرگە بەقەر (كالا – ت)يىلى كەلگەن ئىدۇق، ھازىر ئات يىلى كىرىپ، بىز كەلگىلى ئون يىل بولدى. پۇقرالاردىن باج- خىراجەت ئالساق يارلىق بولارمىكىن “ دەپ تۆت يىلنى تاشلاپ، ئالتە يىلنى ئون يىل دەپ ھىساپلاپ خانغا مەلۇم قىلدى. خان ماقۇل بولۇپ يارلىق قىلدى. شەرىئەتكە مۇۋاپىق باج- خىراج ئالدى، يارلىق- نىشانلىرىغىمۇ پالانى يىلى دەپ يازدى. پۇقرالارمۇ شۇ يىلنى ھىساپقا ئالدى. باشقا شەھەرلەردىن بۇ يەتتە شەھەرنىڭ يىل ھىساۋى تۆت يىل ئەۋۋەل بولۇشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇنىڭدا، ئەمما تارىختىكى يىلنامىلىرى ئوخشاش. سۇلتان سەئىدخان يىگىرىمە ئىككى يىل خانلىق قىلدى. قىرىق توققۇز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ھىجرىنىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1532 – 1533 – يىلى) بولۇپ، ياركەنتە دەپنە قىلىندى.
ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلرەشىت خان تەختكە چىقتى. بۇ شىجائەتتە تەڭدىشى يوق، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتە ناھايتى ئۈستۈن بىر پادىشا بولۇپ، موللا فازىل، شائىر بولۇپ، پارىسچە، تۈركچە نەزمىلەرنى ياخشى ئېيتار ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدە گوياگى فىساغورۇس (پىپا گورۇس – ت) دىگەن بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى. بۇنىڭ دەۋرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۇكۋار [119] (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. سۇلتان ئابدۇلرەشىت خان بۇ زاتقا ئىرادە ۋە ئىشەنچ باغلاپ، بىر مۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلدى، مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانى ئالى دەرىجىلىك ئابدۇلرەشىت خاننىڭ مەشھۇر نامىغا بېغىشلاپ تارىخ يېزىپ، ئۇنى «تارىخى رەشىدى» دەپ ئاتىدى. ئابدۇلرەشىتخان قىرىق توققۇز يىل ئۆمۈر كۆردى. يىگىرىمە يەتتە يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى يۈز ئاتمىش توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1562 – 4562 – يىلى – ت) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېين ئوغلى ئابدۇلكېرەم خان تەختكە ئولتۇردى. ئادالەتلىك بىلەن يۇرتلارنى ئاۋات قىلدى، زۇلۇمنى يوق قىلدى. يامان ئادەملەرنى بەربات قىلدى ۋە ”ئابدۇلكېرىم ئادىل“دەپ شۆھرەت تاپتى. ئوتتۇز ئۈچ يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى مىڭىنچى يىلى (مىلادى 1561 - 1562 – يىلى _ ت) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى سوپس سۇلتان كاشىغەرگە ھاكىم ئىدى. يەنە بىر ئىنىسى مۇھەممەت سۇلتان ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. بۇنى ئاقسۇدىكى ياركەنتكە ئېلىپ كېلىپ خان كۆتەردى. بۇ ھەم پادىشا، ھەم دەرۋىش كىشى ئىدى. خان بولۇپ سەككىزىنچى يىلى ۋىلايەت تەرىپىدىن مۇرشىتلىكنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى ۋە لايىغى بولغان خوجا ئىسھاق بىننى مەخدۇم ئەززم (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. مۇھەممەت سۇلتان بۇنىڭغا ئىرادەت ۋە ئىشەنچ باغلاپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى پەيدا قىلدى. تەپسىلى بايان قىلساق سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراقلايدۇ. مۇھەممەت سۇلتان يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى. ئون سەككىز يىل خانلىق قىلدى. ئاندىن ئوغلى زىيائىدىدىن ئەخمەت خانلىققا ئولتۇردى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئادەملىرى بارچۇقدا (مارالبېشىدا – ت)شېھىت قىلدى. ۋە ” خان شېھىت“دەپ مەشھۇر بولدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللەتىپ سۇلتاننى خان قىلدى. ئۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. يىگىرىمە ئالتە يېشىدا ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن پولات خان، مەھمۇت خانلار ئۆز ئەھۋالى بويىچە خان بولۇپ، ئۆز- ئارا ماجرالارنى باشلىدى.
ئەلقىسسە، مۇندىن كېيىن ئابدۇلرەشىت خاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇلرەھىم خان مەنسۇر خاننىڭ دەستۇرى بويىچە قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلارغا خان ئىدى. مەركۇر ئابدۇلرەھىم خاننىڭ بىرىنچى ئوغلى ئابدۇلخانغا خانلىق تېگىپ تەختى سەلتەنەتكە ئىگە بولدى. بۇ چاغدا تارىخ ھىجرى مىڭ قىرىق سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1638 – 1639- يىلى – ت) بولۇپ، ئۇ ئوتتۇز ئىككى يىل ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇللاخان شىجائەت- باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز، ھىممەت ۋە ساخاۋتتە كەڭ قوللۇق پادىشا ئىدى. لېكىن يەنە رەھىمسىز، زالىم، پەيلى يامان، جاھىل، ئاداۋەتچى، گۇمانخور ئادەم ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى خانلاردىن قالغان ئىشەنچلىك، ياخشى نىيەتلىك، دۆلەتخۋار بەگزادە ۋە مىرزىلار ھەتتا ئۆزىگە باش ئەككەنلەردىمۇ گۇمانلىنىپ، ئۇلارنى يۇرتىدىن قوغلدى. بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. ھەتتا ئۆز ئىنىسى ئىسمائىل سۇلتلان، ئىبراھىم سۇلتانلارنىمۇ قوغلىدى. بىر ئىنىسىنى ئۆلتۈۋەتتى. ھىچقانداق ئادەمگە ئىشەنمىدى. بەلكى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ گۇمانلاندى. پەرزەنتلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. قىسقىسى، يۇرتلارغا قىزغىزلارنى ھاكىم قىلدى. قوي سارى بىيىنى كاشىغەرگە ھاكىم قىلدى. ئولجاتار بىيىنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى. خوجايار بىيىنى كۇچارغا، ئالتە قۇرۇتقا بىيىنى ئۇچتۇرپانغا، چىرىكى (چىرىكچى) بىيىنى بۈگۈرگە، ئاللا يار بىيىنى بىننى ساتىم بىيىنى خوتەنگە ھاكىم قىلدى. مەنسەپنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغار بەردى. ئاخىرى قىرغىزلار ۋە يۇرتلاردىنمۇ گۇمان قىلدى. ناھەق قانلارنى تۆككەچ، ئۆزىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئىلاجىسىز مەككە مۇەززەمگە بارىمەن دەپ ۋىدالىشىپ يولغا راۋان بولدى. يۇرتنى ئوغلى يولباس خانغا تاپشۇردى. بۇ ۋاقىتتا تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ سەكسەنىنچى يىلى (مىلادى 1669- 1670 – يىلى –ت) موغۇلىيە پايتەختى يولباس خانغا تەئەللۇق تاپتى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۇمۇ بىر تەرەپ بولدى. ئاندىن كېيىن ئەمەكلىرى ئىسمائىل خان بىننى ئابدۇلرەھىم خان تەختتە بولتۇردى. پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە ئادالەت نۇرىنى چاچتى. ھەممە پۇقرا خاتىرجەم بولۇپ، يۈكسەك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.
بۇ خاننىڭ زامانىدا ۋىلايەت تەرىپىدىن مەخدۇمى ئەزەمنىڭ پەرزەنتى ۋە نەۋرىسى خوجا يۈۈپ خوجام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ھىدايىتۇللا (مەشھۇر ئىسىملىرى خوجا ئافاق) قاتارلىق ئىككى ئادەم كاشغىرەگە كەلدى. [120] ئىسمائىل خان خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت ۋە ئىرادە باغلىدى. بىر بانا بىلەن سەيىدلەر ئارىسىدا ۋە مۇرىتلەر ئىچىدە، يۇرتلار ئوتتۇرسىدا قارىمۇ- قارىشلىق ۋە جىدەل- ماجرالار پەيدا بولدى. چۈنكى، جانابى سەيىد مەخدۇمى ئەزەم، ئىسمى شېرىپلىرى خوجا مۇھەممەت خوجەكى (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!)دىن روكىن تەرىقەتتە تۆت ئوغۇل يادىكار قالغان ئىدى. بۇلار خوجا كالان، خوجا مۇھەممەت ئىمىن ۋە خوجا دوستى، خوجا ئىسھاقلاردىن ئىبارەت.
خوجا ئىسھاقنىڭ ئانىىس ئەسلى كاشىغەرنىڭ ئەتىۋارلىق ئولۇغلىرىدىن بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى ۋە مەخدۇمى ئەزەمنىڭ خوتۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ كىچىگى بولۇپ، فازىل ۋە كامالىتى زىيادە ئايال ئىدى. بۇ يەتتە شەھەر زىمىنىغا ئالدى بىلەن ئىسھاقى ۋەليۇللا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەت خان تەختىدە تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ، مەرتىۋە- كامالەت ھاسىل قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ يۇرت- پۇقرالىرىمۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىدى. خوجا ئىسھاقتىن كېيىن ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى خوجا شۇئەييۇپ خوجا ۋە دانىيال خوجامغا مۇرىت- مۇخلىس بولغان زامانلاردا، خانلىق نۆۋىتى ئىسمائىل خانغا كەلگەن ئىدى.
بۇ كۈنلەردە ۋىلايەت تەرەپتىن مۇھەممەت ئىمىن خوجامنىڭ پەرزەنتلىرى خوجا يۈسۈپ خوجام، نەۋرسى خوجا ئافاق ئىككىسى كاشىغەرگە كەلدى. ئىسمائىل خان: ”خوجا شۇئەييۇپ بىلەن خوجا دانىيال ئىككى پىرزادەمىز بولسا تېخى ياش ۋە كىچىك، خوجا يۈسۈپ خوجامنىڭ يېشى چوڭ ئىكەن، ھەممىلىرى بىر دەرەخنىڭ شېخى ۋە مىۋىسى ئىكەنسىلەر“دەپ خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت قىلدى. مەزكۇر ئىككى خوقا زادىلەر: ”ئەي خان ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىكەنلا. ئەمدى بىزنى تاشلاپ خوجا يۈسۈپ ئاغىمىزغا ئىناۋەت قىپلا“دەپ خاپا بولۇپ خانغا ئەرز قىلدى. خان دىدىكى: ”پىر زادىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى رەنجىمەسمىكىن دەپ خىيال قىلغان ئىكەنمەن، ھىلىمۇ ئۆزلىرى بىزگە باش، ھەممىمىزگە ئەرۋاھى ھەزرەتلىرىگە (ھەزرەتلىرىنىڭ روھلىرىغا – ت) يۈزلىنىپ، تەۋەججۇ قىلساق (ئىستىخارە قىلىپ باقساق – ت)، ئۇنىڭدىن قانداق ئىجازەت بولسا شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتساق“ دەپ پۇرسەت ئىجازەت بەردى. كېچىسى ئىسمائىل خان چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر چوڭ تۆگە ئىككى تايلاقنى قوغلاپتۇ. مەزكۇر ئىككى تايلاق ئۇشتۇتۇت ئارقىغا يېنىپ بۇغرا تۆگە بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئاخىرى تۆگە ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. نەتىجىدە ئىسمائىل خان ئويغىنىپ كېتىپتۇ. خوجا يۈسۈپ بۇ جايدا تۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئوغلىنى ئېلىپ كاشىغەرگە راۋان بولدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ روھى قۇشلىرى ئالەم باقىغا ئۇچۇپ كەتتى، كاشىغىرەدە دەپنە قىلىندى. خوجا ئافاقمۇ بۇ جايدا تۇرالماي سەپەرنى ئىختىيار قىلىپ ئىلى شەھىرىگە كەتتى.
بۇ چاغدا ئىلى شەھىرىدە جوراس نەسلىدىن بولان قۇن تەيجى [121] دىگەن بىر مۇناپىق قالماق بارلىق قالماقلارغا، ھەتتا خاقانى چىنىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدىن تۈركىستانغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ھۆكۈمىنى بىلەن قىلاتتى ۋە تۆرە دىگەن نام بىلەن خۇددى خان ۋە پادىشالارغا ئوخشاش مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر دائىم چىشلىرىنى بۈلەپ، ئىشتىھاسىنى توغرلاپ تۇرماقتا ئىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خوجا ئافاق قۇن تەيجىگە ئۆزىنى تاشلاپ: ” ماڭا چېرىك بەرسىڭىز، ئالتە شەھەرنى سىزگە تەۋە قىلىپ ئىلكىڭىزگە ئۆتكۈزسەم“دىگەن مەزمۇندا ئەرز قىلدى. قۇن تەيجى ناھايتى خوشال بولۇپ بىر مۇنچە چېرىك قوشتى. ئافاق خوجا قالماق قۇن تەيجى مۇشىرىك (خۇداغا شېرىكلىك قىلغۇچى – ت) نىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئارقىسىدا، يەتتە شەھەرنى قولغا كىگۈزۈپ، ئىسمائىل خاننى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئىلىغا كۆچۈرۈپ چىقتى. بۇ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1613 – يىلى ) ئىدى [122].
ئافاق خوجا بۇ شەھەرگە ئىگە بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. قالماقلاردىن غالدان سىرىن [123] دىگەن بىر كىشىگىمۇ چوڭ مەنسەپ بېرىپ، يەنە بىر قانچە قالماقنى يار ۋە ھەمدەم قىلىپ، يەتتە شەھەر ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىلدى. قالغان قالماقلار بولسا ئىلىغا يانىدىغان بولدى. بۇلار قۇرۇق يېنىشنى مۇناسىپ كۆرمەي، يۇرت- يۇرتلاردىن بۆز- خام يىغدۇرۇپ، قالماقلارغا ئەھۋالىنىڭ يېتىشىچە تەقدىم ۋە ئىنئام قىلدى. لېكىن بۇ چاغلاردا يەتتە شەھەردە پۇل يوق ئىدى. پۇلنىڭ ئورنىدا بۆز- خامنى ئىشلىتەتتى. قالماقلار ھەر يىلى بۇنداق بۆز- خامنى تەمە قىلاتتى. بەرمەي بولمايتى. بۇ سېلىق- تۆلەملەرنىڭ مىقدارى يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى. ئۇ زاماندا مۇنداق يامان ۋە نالايىق مەجبۇرىيەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىگە چۈشەتتى.
ئەي ئەزىز يارەنلەر! ئۇ زاماننىڭ سەيىد پىشىۋالىرى ۋە باشلامچىلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن دىسنسىز- مۈشىرىكلارنىڭ خىزمىتىنى لازىم تۇتۇپ، ئىسلام پادىشالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە كاپىرلارنى ئولتۇرغۇزغاندىن باشقا، يەنە زۇلۇم، قەبىھ ئىشلارنى پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ۋە مال- دۇنياسىنى كاپىرلارغا ئېلىپ بېرىپ، بەش كۈنلۈك دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ ئۆتۈپتۇ. بۇ زاماننىڭ قاراچۇق ئاۋام بەگلىرى، توڭچى- تىلماچ ئەمەلدارلىرىنى يامەن دەپ شەك- شىكايەتكە قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن. خۇداۋەندەكېرىم ئۇلارنىڭ ئىنساپ ۋە دىيانەتلىرىنى پاكىز ۋە زىيادە قىلغاي، ئامىن!
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇنداق يامان نالايىق ئىشلار تا ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلىغىچە (مىلادى 1864 – 1865- يىلغىچە – ت)، يەنى راشىدىن خوجام زامانىغىچە باقى ۋە جارى بولۇپ كەلدى. خوجا ئافاق بىر نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى خوجا ئەخمەت خوجام ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ زاماندا ئىسمائىل خاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن خان باش كۆتىرىپ، خوجا ئەخمەت خوجا بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، قۇن تەيجىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا قون تەيجى چېرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كىرگۈزدى. خوجا ئەخمەت خوجامنى ئىلغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇھەمەت ئىمىن خانمۇ بۇ جايدا تۇرالماي ئۆزىنى ئالاي تەرەپكە ئالدى ۋە بۇ جايدىكى قىرغىزلار ئۇنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.
بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرىسى خوجا دانىيال خوجامغا تاپشۇرۇلدى. بۇ قالماقلار بىلەن بىرلىشىپ يۇرت سورايدىغان بولدى. خوجا دانىيال خوجام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى خوجا ئابدۇللا خوجام تەختتە ئولتۇردى. بۇ خوجامنىڭ دەۋرىدە تولا ئوبدانلىق بولدى. بۇ چاغدا «سېيەر شىرىف [124]» خوجا ئابدۇللا خوجامنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ياقۇپ خوجام تەختتە ئولتۇرى. ۋە ”خوجا جاھان“دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا يۈسۈپ خوجام كاشىغەرگە ھاكىم بولدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا خامۇش خوجام ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. خوجا ئەبەيدۇللا خوجام خوتەندە ئىدى. قالماقلار ھەر قايسى خوجامنىڭ بىردىن ئوغۇللىرىنى ئىلىدا بارىمتاي قىلىپ ساقلار ئىدى. خوجاملار ھەر يىلدا بىر نۆۋەت ياكى ئىككى نۆۋەت تارتۇق- ھەدىسلەرنى ئېلىپ ئىلىغا چىقىپ، مەزكۇر تۆرەگە تازىم سالاملارنى قىلىپ كۆرۈنۈپ بېرىپ، جاۋاپ بولغاندا يېتىپ كېلىپ، ھەر قايسىسى ئۆز جاي- ماكانلىرىدا تۇراتتى.
خوجا يۈسۈپ خوجام ئۇچۇق كېڭەشلىك، تازا تەدبىرلىك كىشى ئىدى. تولا سوغا- سالاملار بىلەن ئىلىغا چىقىپ، قۇن تەيجىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ، ھىلە- تەدبىرلەر بىلەن خوجازادىلەرنى ئاجىرتىۋېلىپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن يۇرتىغا راۋان بولدى. مۇزات داۋىنىغا يېتىپ كەلگەندە، تۆرە پۇشايمان قىلىپ، يارلىغىدىن يېنىپ، خوجالارنى ياندۇرۇپ كەلسەن دەپ كىشى ماڭدۇرغان ئىكەن. خوجالارمۇ بۇ كەلگەن ئادەملەرگە بوي سۇنماي، داۋاننى مەھكەم ئېتىپ، ئاقسۇغا كېلىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى شەھەر- شەھەرلەرگە خەۋەر قىلىپ، ”ھەر بىرىڭلار بىر شەھىرىڭلاردىكى قالماق نىجىسلارنى بۇ پاك زىمىندىن يىراق قىلىپ، گەدەنلىرىگە ئىسلام قىلىچىنىڭ تىغىنى ئايىماي ئۇرۇڭلار“دەپ خەت ئەۋەتتى. خەت يېتىپ بارغان ھامان ھەممە قارا خانلارنى تاۋابىئاتلىرى بىلەن يوق قىلىپتۇ. ئۇ زاماندا قالماقلارنى ”قارا خان“، مۇسۇلمانلارنى ”ئاق خان“دەپ ئاتايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەردىكى كاپىرلارنى يوق قىلىپ، ئەمىر ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئىسلام شېرىپىنى يېڭىۋاشتىن ئاشكارە قىلدى. قۇن تەيجى ئۆزىنى راستىنلا ئىنتىقام ئالغىچە يوقلۇق خەلۋەتخانىسىدىن ماكان تۇتتى.
قۇن تەيجىنىڭ ئورنىغا ئوغلى داباجى تۆرە بولدى. ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇنىڭ جامائەت ۋە ئەل- ئۇلىسى كۆپ ئىدى. ئۇ كىچىك ئوغلىنى تۆرە قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، توستتىن جىدەل- ماجرا پەيدا بولدى. دۆلەت ئەركانلىرىمۇ ئىككى پىرقە بولۇپ، قالماقلار ئىچىدە جىدەل- ماجرا باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامۇرسانا ناملىق بىر شۆھرەتلىك بىر قالماق باھادۇر بار ئىدى. ئۇ ۋاقىنى غەنىمەت بىلىپ، خاقانى چىننىڭ مىتىگە بېرىپ خاقانغا :”موغۇلىستان يۇرتىنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بەرسەم ، ماڭا چېرىك ياردەم بېرىلسە“دەپ ئەرز قىلغاندا، خاقان خوشال بولۇپ چېرىك قوشتى. ئۇ ئىلى چېگىرسىغا يېتىپ كەلدى. داباجى بۇنىڭغا باراۋەرلىك قىلالماي، ئىمكانىيەتنڭ بېرىچە غەزنىلىرىنى ئېلىپ، بىر نەچچە تۇزىنى يىگەن ئىشەنچىلىك ئادىمىنى ھەمرا قىلىپ قېچىپ كەتتى. ئۇ نەگە بېرىشنى بىلمەي، ئاخىر بۇرۇن قۇن تەيجى تەرىپىدىن ئۈچتۇرپانغا ھاكىم قىلىپ بەلگىلەنگەن خوجەسى بېك دىگەن بىر مۆتىۋەر كىشىدىن ۋاپا ۋە ئۈمىت ئىزدەپ ئۈچتۇرپانغا كەلدى. خوجەسى بېك ئىستىقبالغا چىقىپ ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەردىن كېيىن ئۆز ئوردىسىغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئۈچ ئادىمىنى ھەر بىر جايغا تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
خوجەسى بېكنىڭ ھىلە- تەدبىرى زىيادە كىشى ئىدى. تۆرەنى ئوردىسىغا باغلاپ ئالدى ۋە ئادەملىرىنى چۈشكەن جايلىرىدا باغلاپ، ئۇنىڭ غەزنە بايلىقلىرىغا ئىگە بولدى. بۇ چاغدا ئىلىغا خىتاي چېرىگى كەلگەنلىگى ئاڭلانغان ئىدى. ئۇ بۇ كاپىر نىجىسىنى كەلمەكچى كاپىر ناپاكقا سوغا قىلىپ ئېلىپ بارسام، مۇندىنمۇ ياخشى ئىش بولامدۇ دەپ قارار قىلىپ، داباچىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. ئۇ تىكەسكە يېتىپ بارغاندا خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ۋەقەنى بىر- بىرلەپ بايان قىلدى. خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى ”ئەي خوجەسى بېك، بۇ تۆرەلەر ئۇلۇغ خاننىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. ياخشى ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىپسىز، ئەمدى ئۆزىڭىز ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنى مەلۇق قىلىپ يانغايسىز“دەپ ئالاھىدە ئەرز يېزىپ بېرىپ ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا ماڭدۇردى. ئۇلۇغ خان خوجەسى بېكنىڭ بۇ خىزمىتى كۆڭلىگە ياققانلىغى ئۈچۈن، ئۇنى ۋاڭلىق مەنسىۋى بىلەن جۇلدۇر- جاساق قىلىپ يارلىق قىلدى.
نەزم:


                                                  تۇتتىلەر داباچىسىنى تارتىق قىلىپ قىلىبان خوجەسى،
                                                    ئانداق ئىش قىلغانغا مۇندىن كېيىن كېرەكدۇر جۇلدۇسى.


ئاندىن كېيىن خوجەسى بېكنىڭ ئوغلى قادىر بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىگە ئۆتتى. چىن خاقانى ئالدىدا جۇڭتاڭ ۋەزىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلمۆمىنبېك، يەنە مەشھۇر ئىسىملىرى كۇچى بېك ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يەتتى. بۇ خاننڭ ئوغلى بىلەن ئەپيۈنگە مۇپتىلا بولۇپ نالايى ئىشلارنى پەيدا قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلۇغ خان خاپا بولۇپ ۋاڭلىغىنى بىكار قىلىپ، ھەققىنى غەزنىگە سالدى. ۋە ”لى قايتا“(لى فايۇەن – ت) تاپشۇردى. شۇنداقلا قەدىمدىن بۇيانقى ”لى ۋايەن“(لى پەنيۇەن – ت) قائىدىسى ۋە رەسمىيەتلىرى بويىچە خوجەسى ۋاڭنىڭ ۋاڭلىغىنى تۆت ھەسسە قىلىپ، ئۈچ ھەسسە ۋاڭلىق ھەققىنىمۇ غەزىنىدە قويۇپ، بىر ھەسسىنى ئۆمەكزادىلىرى ئابدۇلرەھمان بېگىمگە يارلىق قىلغان ئىكەن.
ئابدۇلرەھمان بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلانغاندىن كېيىن، ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. تولا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ئەقىدە- ئىخلاسلىرى پاكىز، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى زىيادە ئىدى. بىر قېتىم تەرىقەت ئەھلىنىڭ غەۋسىيە [125] فۇرۇھىدىكى بىر ئىشانغا بىر قېتىمدىلا بىر يۈز يۈەن يامبۇ ۋە نەزىر- ھەدىيە بەرگەن ئىكەن. باشقىلارنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ياركەنتكە ھاكىم بولغان چاغدا بىر كاتتا سوراق ئىشى بولۇپ، ھەممە خان، ئامبال ۋە مەنسەپدار خىتايلار، بېك، ئاخۇنلار يامۇلغا يىغىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايتى سوغاق مەۋسۇمى بولۇپ، ئاپتاپ دەلۋە بۇرچىدا تۇرغان ۋە قىشنىڭ شىددەتلىك شىۋىرغانلىرى، بەھمەن (شەمسىيەت 11- ئاي – ت)ئېيىدىكى قاتتىق شاماللار قوزغالغان بىر مەزگىل ئىدى. مەزكۇر خان، ئامباللار سوراق ئورنىغا چىقالماي، ھايال بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئەسلىدە ھامان مەدىرىسدىن چىقماي ئىلىم ئۆگىنىش بىللە شۇغۇللىنىپ، شېئىرىيەتچىلىكتە زېھنى- ئىدرەكلىرىنى ئوينىتىپ، غەزەل- ناخشىلارنى پەيدا قىلىپ يۈرگەن مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم دىگەن بىر كىشى بۇ سوراقنى تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇنى- بۇ كىشىنى ۋاڭ بېگىم كۆرۈپ چاقىرتىپ : ”سىز مەدىرىستە ياتقان تالىپ بولسىڭىز، بۇنداق يەرگە نىمە ئۈچۈن چىقتىڭىز“دەپ سىياسەتكە ئالدى ۋە زاڭلىق قىلغان ئاھاڭ بىلەن يۇمشاققىنە قىلىپ، ” سىزنى ئوبدان شېئىر ئېيتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، قېنى بۇ سوغاق توغرلىق بىر نەرسە دىسىڭىز“ دەپ مىھرىبان بولغاندا، ئۇ ھىچ ھايال قىلمايلا بۇ نەزمىنى ئوقۇدى:


                                                      مۇزلادى كەشمى قولىدا كاڭكىرە كاڭدا ختاي،
                                                      بېككە تىترەك چۈشتى ئاخۇن مۇزلادى، گاھ توڭلادى.


ئۇ بۇ ئۇسلۇپتا ئون نەچچە بېيتنى كەينى- كەينىدىن توختاتماي ئېيتقەن ئىكەن. بېك ناھايتى خوش بولۇپ، تەھسىن- ئاپرىن ئوقۇپ ”مېنىڭ ئېتىمنى مىندۈراۈپ قويۇڭلار“دەپ ئېتىنى ئىنئام قىلىپتۇ. ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئىگەر- جابدۇق، جۈگەن- نوختا ۋە يوپۇق- قۇشقۇن قاتارلىقلار ناھايتى تولۇق بولۇپ، ۋاڭلىق جەرەك- مەرتىۋىسىگە لايىق ئىدى. شائىر ئاتنى مىنىپ مەدرىسىگە كىرىپ ئات ۋە ئىگەر- جابدۇقلىرىنى قىممىتىگە سېتىپ، يەنە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. دىمەك، ۋاڭ بېگىمنىڭ بۇ خىل ياخشى سۈپەتلىرى ۋە نامى- نىشانلىرى ھەققىدىكى مەدىھىيىلەر تولا ئىدى.
ئابدۇلرەھمان ۋاڭ بېگىمدىن كېيىن مۇھەممەت ئېزىز بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، خوتەننى سوراپ ئۆتۈپتۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان موللا مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم (ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!«تارىخى رەشىدى»نى بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈركى تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن لەقەم ۋە سۈپەتلەرنى بايان قىلىپتۇ. بۇ ۋاڭ بېگىمدىن ئىككى ئوغۇل يادىكدار قالدى. بۇلار مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋە ئابدۇلۋاھاپ بېگىملەر ئىدى. مۇھەممەت ئابدۇلۋاھاپ ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۆتتى. ئوغلى يوق بولغانلىقتىن ئابدۇلۋاھاپ خان بېگىمنىڭ ئوغلى ئابدۇلقادىر بېگىمگە ۋاڭلىق مەنسىۋى يەتتى. بۇنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى ۋاڭ غوجامدۇر.
ئەلقىسسە، ئامۇرسانا خاقانى چىننىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئاستىدا ئىلى تەۋەسىنى قولغا كىرگۈزدى. خاقان مەنسەپدارلىرى قالماقىستان يۇرتلىرىنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىغىنى تامامەن ئامۇرسانانىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. جۈملىدىن بۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئىلىدا خوجا ئافاق ئەۋالادىدىن خوجا بۇرھانىدىن دىگەن بىر سەيىد كىشى بار ئىدى ۋە ئاق تاغلىقلارنىڭ ئۇلۇغ پىشىۋاسى ئىدى. ئاق تاغلىقلار تايىپىسى خوجا ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى ۋە تەئەددىسىدىن ئازار يىگەنلىگىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئامۇرسانا قاتارلىقلار ”سەيىد بۇرھانىدىننى باش قىلىپ، يەتتە شەھەرگە ئەۋەتسەك، بۇ جاي ئاسان قولغا چۈشەمدىكىن“دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇنى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن يولغا سالدى. بۇ ئاقسۇغا كېلىشى بىلەنلا ئاق تاغلىقلار ئىستىقبالغا چىقىپ، ئاقسۇنى ئۆتۈنۈپ بەردى. بۇلار بۇ جايدىن ئۆتۈپ ئۈچتۇرپاننى ئىگەللدى.

داۋامى بار:


تارىخى ھەمىدى

داۋامى:[align=justify] 

خوجا يۈسۈپ خوجام بۇ ئەھۋالنى ئويلاپ، كاشىغەردىكى ئوغلى خوجا سىدىق خوجامنى باش قىلىپ لەشكەر ماڭدۇردى. ئۈچتۇرپاندا تولا جەڭگە- جىدەل بلدى. ئاقىۋەت ئىسلام چېرىگى ئۆز ئىچىدىن پاراكەندە بولۇپ، كاشىغەرگە قاراپ ماڭدى. خوجا يۈسۈپ بىتاپ ئىدى. لەشكەر يېتىپ بارغىچە ئۇنىڭ روھى تۇتى قۇشلىرى بۇ تار قەپەزدىن ئالەمنى بالاغا (ئۈسۈنتىكى ئالەمگە – ت) پەرۋاز قىلدى. كاپىرلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بېرىپ كاشىغەرنى ئالدى. ئاندىن كېيىن ياركەنت ئۈستىگە باردى. بۇ جايدا بىر قانچە قېتىم غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر يۈز بەردى. ئاخىرى خوجا جاھان خوجام ئۇرۇشتا ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئارقىسىن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كېلىپ، تەئەللۇق تاۋابئاتلىرى بىلەن قوشۇپ شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. بۇ تەتۈر ماڭدىغان پەلەك چەرخى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ ئەۋلادىغا قانداق ھادىسە- ۋەقەلەرنى كەلتۈرگەنلىگىنى بايان قىلىشقا ئىككى تىللىق قەلەم ۋە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن خوتەننىمۇ ئۆزىگە تەۋە قىلدى.
ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1836- 1837- يىلى –ت)بۇ ئالتە شەھەر ھۆكۈمىتىنى بۇرھانىدىن خوجامغا تاپشۇردى. [126]. خىتاي ۋە قالماق چېرىكلىرى ئۆز ماكان مەنزىلىگە قايتىپ، ئاز قىسىمى قالىدىغان بولدى. ئىلىدىكى خىتاي چېرىكلىرىمۇ ئۆز يۇرتىغا يېنىپ، بىر قىسىمى توختايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتتا تىنچىلىق ۋەزىيەت پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئامۇرسانانىڭ دىمىغىنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان غورۇرى بۇزۇپ، ياخشىلىق قىلغانغا شۈكرى قىلماي، ئىلىدىكى بېيجىڭ ئەھلىنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تۆرە بولۇپ ھۆكۈمنى جارى قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئالتە شەھەردىكى بۇرھانىدىن خوجام ئاڭلاپ، ئىتائەت بەلۋېغىنى نىسيان (ئۆتۈنۈش –ت)تەكچىسىگە ئېلىپ قويۇپ، مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، باغلانغان ئىتائەت يىپىنى لەقەپ قويدى. يارلىق ۋە پەرمانلارغىمۇ بۇ لەقەپنى يازدى.
فەغفۇرچىسىنى بۇ ئەھۋالارنى ئاڭلاپ، ئىككىنچى قېتىم چېرىن ماڭدۇرۇشقا يارلىق قىلدى. چېرىكلەر ئىلى تەۋەسىگە كېلىپ ئامۇرسانا بىلەن قاتتىق جەڭلەرنى قىلدى. ئامۇرسانا باراۋەرلىك قىلالماي، سىنبىرىيە دىگەن جايغا ئۆزىنى ئالدى ۋە مۇشۇ تەرەپتە ھالاكەتكە ئۇچۇردى.
خاقانى چىن بىلەن موڭغۇل- قالماقلار ئوتتۇرسىدا، قەدىمدىن بۇيانلار جەڭ- جىدەللەر ۋە ئاداۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى. خاقانى چىن ئىلى ئەھلىنى قىرغىنچىلىققا سالدى. بىر مۇنچە ئادەم جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قىپچاق، قىرغىزلار ئىچىگە كەتتى. ئىلىنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، ئىككى مىڭ چېرىكنى كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ چاغدا خان خوجام پادىشا كاشىغەر، ياركەنت، خوتەندىن ئون مىڭ لەشكەر راسلاپ، ئاقسۇ ئارقىلىق كۇچارغا كېلىپ، بېيجىڭ ئەھلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يولىنى توساپ تۇرغان ئىدى. ئۇشتۇمتۇتلا ئىلىدىن ئىككى مىڭ لەشكەر كېلىپ قالدى. ئارىدا قاتتىق جەڭ- مۇھارىبىلەر بولدى. بېيجىڭ ئەھلى ئاز بولغانلىغى ئۈچۈن باراۋەرلىك قىلالماي تۇرغان پەيتتە، ئون مىڭ خاقانى چېرىگى تۇرپان يولى ئارقىلىق كۇچارغا يېتىپ كەلدى. تولا مۇھارىيە- جەڭلەر بولۇپ، بۇلار ئاخىرى غالىپ كەلدى. ئىسلام چېرىگى زىيانغا ئۇچراپ، بۇرھانىدىن خان خوجام پادىشا باراۋەرلىك قىلالماي، مۇقۇر يولى ۋە جاڭگال ئىچى بىلەن ياركەنتكە قاراپ قاچتى. بېيجىڭ ئەھلى كۇچارنى ئىگەللەپ، كۆپ ئادەمنى ھالاك قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى قولغا كىرگۈزۈپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن ياركەنتكە باردى. خان خوجام پادىشا تولا ئۇرۇش- جەڭلەرنى قىلىپ، يەنە باراۋەرلىك قىلالماي، خوتەن تەرەپكە قاچتى. كاپىرلار خوتەنگە باردى. خان خوجام پادىشا بۇ يەردىمۇ باراۋەرلىك قىلالماي بەدەخشان تەرەپكە يۈزلەندى. خىتاي لەشكىرىنىڭ ئۇلۇغى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ بەدەخشان ئۇلۇغىغا خەت يازدى. بىر نەچچە نەسلى يامان ئەسكى ئادەم خان خوجام پادىشانىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كېلىپ مەنسەپدارلارغا تاپشۇردى. بۇ مەنسەپدارلار ئۇنى تۆمۈر قەپەزگە سۇلاپ، بېيجىڭدىكى خاننىڭ ئالدىغا باردى ۋە شەھەر- شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ، كىشلەرگە سەيىر- تاماشا قىلدۇرۇپ نامىنى چىقاردى.
بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەنجان قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگەللىگەن چاغدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ، ئىلى ئەتىراپىدا ئادەم گۇرۇھى ئاز قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئىلىدا ئورۇنلاشتى. بۇ تايىپىلەر ھەر قايسى شەھەر ۋە كەنتلەردىن ئېلىپ بېرىلغانلىغى ئۈچۈن،”تارانچى“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ۋە بۇ ئادەملەرمۇ كۇپايە قىلماي، بېيجىڭ تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ بۇ جايلارغا ئورۇنلاشتۇردى.
يەنە شۇنى كۆرستىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ قېتىمقى پاراكەندىچىلىكتىن كېيىن، ئىلى خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەمىر ئىتائىتىدىن چىققان چاغدا، ئىلى زىمىنىنى ئۇرۇسىيە بېسۋالغان ئىدى. بېيجىڭ ئەھلى يېتىپ كەلگەندە، ئىلى ئادەملىرى قورقۇپ، ئۆزىنى ئۇرۇسىيە ھىمايىتىگە تاشلاپ، تامامەن ئورۇس ئىچىگە كۆچۈرۈپ كەتتى. ئىلى زىمىنى خالى قالدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەر ئادەملىرى، بولۇپمۇ كاشىغەر ئەھلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۆچۈپ بېرىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، بۇ جاينى يەنە ئاۋات قىلدى.
ئەي زامانە ئەھلى! بۇ زامانە ئەھلىنىپ پېئىل- ئەتىۋارلىرىغا سىناق كۆزۈڭلار بىلەن قاراپ كۆرۈڭلەركى، گەرچە ھەممە مۇسۇلمان بىر دىن ۋە بىر مەزھەپتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىككى پىرقە، ھەتتا بىر قانچە تايىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، بىر- بىرىگە ھەسەت- ئاداۋەت قىلىشىپ، بىر تايىپە بىر سەيىدكە ئىناۋەت- ئىتائەت قىلىشپ، يەنە بىر سەيىدكە ئىنكار ۋە ئاداۋەت كۆرسىتىپ، ”قارا تاغلىق“دەپ ئات قويۇپ، ئۆزلىرىنى ھالاكەت زالالەتكە سېلىپ، ئىتتىپاقسىزلىق قىلىپ، بۇ يۇرتلارنى ۋە يۇرت ئادەملىرىنى قالماققا ياكى خىتايغا تەۋە قىلىپ بېرىپتۇ. ھەتتا بۇنداق ئەقىدە ۋە نالايىق ئىشلارنى ئۆزىگە لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ يامان ۋە شۇملىغىنى ئايرىپ ئالالماپتۇ، بەلكى بۇ جاھىل ، ۋاپاسىز ۋە مەككار سوپىلار ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ھايا ياكى نومۇسمۇ قىلماپتۇ. لېكىن بەزى مەخدۇمزادىلەرنىڭ ئەسلى تەبئىتىدە بىر- بىرىگە بولغان دۈشمەنلىك ياكى ئاداۋەت يوق ئىدى. بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ خام ۋە ئەقلى كەم مۇرىت- مۇخلىسلىرىنىڭ شۇملىغىدىن پەيدا بولغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ ساغلام نەسەپىلىك زاتلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئوخشاش كۆرۈپ، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك قىلماسلىق لازىم. مۇناپىقلىق قىلمىغانلارنىمۇ مۇناپىقلىق قىلدى دەپ ئېغىز ئېچىش، ئەلۋەتتە توغرا بولمايلا قالماستىن، بەلكى كىشىنى ئاللانىڭ ئازاۋىغا گىرىپتار قىلىدۇ. «ھەدىس شېرىپ» دىمۇ ”ئېتىقادىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن خۇدادىن پانا تىلەيمىز.“دىگەن سۆز بار.
ئافاق خوجام ئەۋالادىدىن بۇرھانىدن خوجام شاھادەتلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتى خوجا سالىخ خوجام يەنى بەزىلەرنىڭ مەلۇماتى بويىچە، ئۇ يەنە سامساق خوجام دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىشى فەرغانە ۋىلايىتىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇ دادىسىنىڭ قىساس- ئىنتىقامىنى تاما قىلىپ، نەچچە قېتىم كاشىغەرگە كەلدى، لېكىن مۇرادىغا يېتەلمەي ياندى. بۇنىڭ پەرزەنتى خوجا جاھانگىر خان تۆرەم بىر نىمە قىلىپ مۇرادىغا يەتتى. بۇنىڭ زىكىرى كېيىن كەلگۈسىدۇر. بۇ چاغدا ئەگەر ئەنجان تەرەپتىن خوجاملار كەلسە ، ئاق تاغلىقلارنىڭ جاھان ئاپتىۋى چىققاندەك بولۇپ، خوشال- خورام بولۇپ كېتەتتى. قارا تاغلىقلار بولسا بېيجىڭدىكى خوجاملارغا نەزىر- ھەدىيە ئەۋەتىپ مەدەت تىلەيتى. بۇ خوجاملاردىن كۆك چاي تەۋەرۈك قىلىپ سوغا- خالتا كېلەتتى. بۇلارنى بۇنى تەۋۋەرۈك چاي دەپ ناھايتى ئەزىز- ئېتىۋار بىلەن قارايتى. بۇ ۋەقەلەرنى كېيىن يەنە ئۈچتۇرپان زىكىرىدە بايان قىلىمىز ئىنشا ئاللا (ئاللا بولسا سەۋر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) دىمەك، ئاق تاغلىق ئەھلى بىلەن قارا تاغلىق ئەھلى تا بۇ زاماندىمۇ بىر- بىرىگە قارىشى ئىدى. بۇ تايىپىلەر كاشىغەردە ناھايتى كۆپ، ھەر ئىككى تايىپىنىڭ ئېتىقادى خاتا ۋە بىھۆدىدۇر.

نەزم:

                                            شۈكۈۈللا فارىخ ئولدۇم مەن قارا، ئاق تاغىدىن،
                                            نە ئۈچۈنكىن مىۋە يەپدۇرمەن شەرىئەت باغىدىن.


ئەلقىسسە، خانلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچكەن، قالماقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا خوجاملارنىڭ دۆلەت چىرىغى يانغان زاماندىن باشلاپ، بۇ خوجاملار بەزىدە تەرىقەتنىڭ زىكىرى ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىبادەت قىلىپ، ئاللادىن مەدەت تىلەشكە شۇغۇللانسا، بەزىدە ئەيشى- ئىشرەت، نەغمە- ناۋا ۋە چاي بىلەن بەزمە قىلىپ،نەپىسپەرۋەرلىپ، شۇغۇللىنىپ كەتكەنلىرى ئۈچۈن، غەيۋەت- شىكايەتچى سۇخەنچىلەر ۋە ئىچىدىن يامان شەيتان سۈپەتلىك ئادەملەر ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۆزىنى ناھايتى ئىخلاسلىق كۆرسىتىپ، تاشقىرغا چىقىش بىلەنلا ھەر بىرى خۇددى ئاچ بۆرە شەكلىگە كىرىپ، بۆرە قويغا چاپقاندەك، پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە ، ھەتتا ئۇلارنىڭ جان- ئىمانىغا قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. بۇ تايىپىلەر”ئۇششاق“دەپ ئاتالدى. ئاتا- بابالىرىدىن تارتىپ جەينامازدىن قوپماي سەجىدە- ئىبادەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ كەلگەن خوجاملارمۇ يۇرتدارلىق ئىشىدىن ۋە سىياسەت رەۋىشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. ھەتتا ئۇلار ئۆي- ماكانلىرىدا ئارام ئالالماي ۋە تۇرالماي جاڭگال- جەزىرلەرگە قېچىپ كېتىپ كۈن ئۆتكۈزدىغان دەرىجىگە يەتتى. كېچىلىرى مەخپى ئۆيلىرىگە كېلىپ، تاپقانلىرىنى غىزا- تاماق قىلىپ يەپ، قازان-تاۋاقلىرىنى ساقلىيالماي، بۇلاق ۋە چوڭقۇر يەرلەرگە تاشلاپ، ئەسلا كىشىگە كۆرۈنمەي جېنىنى ساقلايدىغان بولدى. يۇردارلىق ئىشلىرىدىن تاقەتلىرى تاق بولۇپ، چىداشقىمۇ ھىچ دەرمان قالمىدى.
دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىر نەچچە يىراقنى كۆرگۈچى ھەم ئىلگىرى دەۋر سۈرۈپ دۆلەت- مەنسەپ تۇتۇپ، كېيىنچە خار ۋە بى ئېتىۋار بولۇپ، پۇقرالىق كوچىسىغا كىرىپ قالغان ۋە ئاددىي خەلق قاتارىدىن تۆۋەن ھەم قەدىرسىز ئورۇن ئالغان بەزى قەدىمقى بەگلەرنىڭ ئەۋلادى ئۆز- ئارا مەسلىھەت قىلىشىپ،”قەدىمدىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن خانلار بۇلۇڭ- پۇشقاقلارغا ئولتۇردىغان بولدى. بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر بولسا خان بولدى. پۇقرالار ھەيران ۋە سەرسان بولدى. ئەڭ ياخشى مەسلىھەت شۇكى، بىر نەچچە كىشى خاقاننىڭ خىزمىتىگە بارساق، ئەرزمىزنى ئېيتىپ چېرىك تەلەپ قىلساق، ئەگەر چېرىك بەرسە، بىز شۇ ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، يىراق- يېقىن دۈشمەنلەردىن قۇتۇلساق. تاكى بىر ئىقلىمغا تەۋە بولماي تۇرۇپ يۇرتىمىز ئاۋات، بالا- پەرزەنتلىرىمىز تىنچ- ئامان بولالمايدىكەن“ دەپ قارار توختىتىپ، ئالتە ياكى يەتتە جان كىشى كىپىشلىنى تەتۈر كىيىپ يولغا راۋان بولدى. بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن قاۋاۋۇللارغا ئۇچراشتى. قاۋاۋۇلچىلار ئۇلارنى بىر قارادىن يەنە بىر قاراغا ئېلىپ بېرىپ، فەغفۇرچىن خاقان بىلەن كۆرۈشتى. خاقان ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ماقۇل كۆرۈپ، نۇرغۇن چېرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر جەڭ- جىدەلسىزلا خاقانى چىننىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە كىردى. خاقانى چىن بۇ ئالتە جان كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ۋاڭ، گۇڭ، بەيلى قاتارلىق چوڭ مەنسەپلەرنى جۇلدۇر- جاساق قىلىپ، ھەر بىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر نەچچە ئۆيلۈك ئادەم تەينلەپ، ھەر يىلى غەزنىدىن كۈمۈش، ۋەزىپە- مائاش بېرىدىغان بولۇپ، ھەر بىىرنى ھەر قايسى شەھەرگە ھاكىم قىلىپ توختاتتى. ئىلگىرى خاقان بۇ زىمىنغا مۇقىم ھۆمرانلىق قىلغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھاكىملىغى مەزكۇر بەگلەرنىڭ ئەجاتلىرىدىن باشقا ئادەملەرگە ناھايتى كەمدىن- كەمدىن نسىپ بولاتتى.
بۇ دۆلەتكە ئۇلانغان ئالتە جان كىشىنىڭ بىرى مىرزا ھدى بەيسى بېك ئىكەن. بۇنىڭ ۋەقە- خەۋەرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. يەنە بىرى چېرىكچى بېك بولۇپ، بۇ كىشىگىمۇ بەيسىلىك نېسىپ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ سېتىۋالدى بېك ۋە ئاق بېك دەپ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. سېتىۋالدى بېككە بەيسىلىك مەنسىۋى يېتىپ، ياركەنتنى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك بەيسىلىككە يېتىپ، ئاقسۇ ۋە ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. بۇنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت مۇسا بەيسى بېك ئاقسۇ زىمىنىدىكى ئاقيار دىگەن جايدا تۇرىدۇ ۋە ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ مەنىسۋىنى تېپىپ ئالالماي يۈرۈپتۇ. ئاق بېك ئىلىغا ھاكىم بولۇپ، ئاقسۇ، ياركەنت قاتارلىق جايلارغىمۇ ھاكىم بولۇپ سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت يۈسۈپ بېگىم ئالدى بىلەن ئىلىغا، ئاندىن ياركەنتكە ۋە ئاخىرىدا سايرامغا ھاكىم بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك ئىشىك ئاغالىق مەنسىۋى بىلەن ئۆتتى. بۇنىڭ ئەۋلادى كۆپ. دۆلەت- مەنسەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ يەنە بىرى بايلىق گاداي مۇھەممەت گۇڭ ئىكەن. بۇ ئالدىدا كاشىغەرنى، ئاندىن ئۈچۇرپاننى سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى ئىبراھىم بېك ھەم ئىنىسى مۇھەممەت مۇسا بېككە ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت تالىپ بېك گۇڭلۇق مەنسىۋىگە يېىتپ شەھيار (شايار – ت)نى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى ئەھمەت بېك گۇڭ بولدى، ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت سىدىق بېگىم گۇڭلۇق مەنسىۋىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەرگە سازاۋەر بولدى. قالغانلىرىنىڭ ئەۋلادى ۋە نام- نەسەپلىرى روشەن مەلۇم بولمىغانلىقتىن، بۇ جايدا بايان قىلىنمىدى.
خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ، ئۇششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخان بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇلارنڭ سۈرەتلىرىنى قويدۇرۇپ، ” بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى تەربىيىگەردارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم. مۇندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۇن“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن – ئاغىزىغا تاش ساپال تۇپراق تولسۇن! تا ئىسلام بولغىچە بۇ زاتلار بېيجىڭ تەرەپتىن ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەرلەر مەيمەيچىلەر قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋە نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ ئۆتىدىكەن. بۇ بۇتخانىنى ”ئۇلۇغ ئۆي“دەپ ئاتايدىكەن. بۇ بۇتخانىنى بەگلەرنىڭ ئەۋالدىمۇ” بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز “ دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن.
ئىسلام ئېچىلغاندىن كېيىن بۇ بۇتخانىلار بۇزۇلدى. بەگلەر يەنە پۇقرالىق كوچىسىغا كىرىپ قالدى. ئون تۆت يىلدىن كېيىن يەنە خاقانى ئەھلى ئاتا يۇرتلىرىغا يەنە مالىك ۋە ساھىپ بولدى. فەغفۇرچىندىن ”مېنڭ ئاتا- بوۋىلىرىمغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئادەملەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ سۆزى ياكى ئەۋلاتلىرى بارمۇ، بۇنى سوراپ تەكشۈرۈپ بىلىندۈرۈلسۇن“دەپ يارلىق كەلدى. بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ بۇرۇنقى خانلار بەرگەن يارلىق، ھۆججەت ۋە ئاساس خەتلەرنى ساقلىغان ئىكەن. بۇلار بۇ ھۆججەتلەرنى مەلۇم قىلىپ، تابائى- ئەجداتلىرىىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەرنى تاپتى. گەرچە ئۇلار يەنە نەچچە ئۇشتى ۋە نەچچە يۈز يىللارغىچە ئۇلۇغ خانغا بىرەر خىزمەت قىلغانلىغى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن خانلار تەرىپىدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ھەر يىلى ئېلىپ تۇرىدىكەن. ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم خاننىڭ خىزمىتىگە بېرپ، تازىم- ئېھتىراملارنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنت- نەۋرىلىرىمۇ ئەسىرىدىن بويان تىنچ- ئامان ۋە خاتىرجەملىك بىلەن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ئېلىپ ”تارخان“لىق دۆلەت- ئىززىتى بىلەن ياتىدىكەن. فەغفۇرچىننىڭ ئۇلۇغ ۋە كاتتىلىغىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلش لازىم ئىكەن. بىر قېتىم قىلىنغان خىزمەت بىلانلا بۇنداق مەنسەپ ۋە مەنپەئەتكە يەتكىلى بولار ئىدى.
ئەي مالىكۇل مۈلۈك! پادىشالىق ھەققىلىغى ساڭا خاسدۇر. ھەقىقى پادىشا پەقەت سەندۇرسەن. بۇ بەندىلىرىڭنىڭ ئەللىك- ئاتمىش يىل ئىچىدە قىلغان بەندىچىلىك خىزمىتىنى ئۇلۇغ دەرگاھىڭدا بىر قېتىم بولسىمۇ قۇبۇل ئەيلەپ، پۇقرالىق جەننىتىڭدىن ئورۇن بېرىپ، جامالىڭنى كۆرۈش دۆلىتى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا باشتىن- ئاخىر ئەپۇ- قەلىمىڭنى سۈرسەڭ، بۇ سېنىڭ قۇدرەتلىك ۋە يېتىشكەن كۈچۈڭ ئالدىدا ھىچقانچە ئەجەپ ئەمەس. سەن بەندىلىرىڭگە مېھربانلىق ۋە شەپقەتلىك كەلتۈرەلەيسەن، ئۇلۇغلۇق قىلالايسەن. ئەي رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىملىكرەگى ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغراغى، يا ئەررەھىمە ئەر راھمان، ئامىن!


خوجا جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ئىستىلا تاپقان ۋەقەلىرى، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ كاشىغەرگە كېلىشى، كاشىغەرنىڭ پەتھى بولۇشى، نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كېلىپ ئىككىنچى قېتىم يەتتە شەھەرنى ئىگەللىشى، جاھانگىر خان تۆرەمنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ ماڭغىنى ۋە كۆپ مۇسۇلمانلارنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، خىتاي مەمىلكىتىگە ئېلىپ كەتكىنى، مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي!) ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىر چۈشكەن مۇسۇلمانلارنى فەغفۇرچىندىن
تىلەپ ئېلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ سۆز – بايانى




[align=justify]رىۋايەت ئاسار (رىۋايەتلەردىن ئەسەر يازغۇچىلار - ت)ۋە ناقىلان ئەخبار (نەقىل قىلىپ خەۋەر بەرگۈچىلەر – ت) لەرنىڭ كەينى- كەينىدىن بەرگەن رىۋايەت ۋە خەۋەرلىرىدىن مۇنداق مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئوتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1823 – 1834- يىلى) مۇھەممەت ئالى خان بىننى ئۆمەر خان بىننى شىر ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ رەھىم قىلغاي!) قوقەنت ۋىلايىتى ۋە فەرغانە ئاھالىلىرىغا ھۆكۈمران بولۇپ ئولتۇردى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1828- 1829- يىلى) خوجا جاھانگىر خان تۆرەم قوقەنتتە كاشىغەر ئەقىدەتمەنلىرىدىن بىر مۇنچە ئادەم توپلاپ، فەرغانە ۋىلايىتىدىن قېچىپ چىقىپ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن كاشىغەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، خىتاي شەھىرىنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىپ تۇرغان كۈنلەردە، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ غەيرەت تومۇرى جۇشقا قېلىپ لەشكەر جەمئىي قىلىپ، دۆلەت ئەركانلىرىغا : ”ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىم بۇ پادىشالىقنى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئەگەر بىز سۇسلۇق- بۇشاڭلىق ۋە غەپلەتنى ئۆزىمىزگە لازىم ۋە راۋا كۆرسەك، ھۆكۈمەتدارلىق ۋە پادىشالىق ئۆز دائىرە جامائەت ئاساسىدىن يىراقلايدۇ. بىر ئەسكى خوجا بىر نەچچە لۈكچەك ۋە باشباشتاقلارنى توپلاپ، كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، ۋىلايەتلەرگە ئىگە بولۇش دەۋاسىنى قىلىپ، خانلىق ناغىرسىنى چېلىپ، مەمىلكەت قۇرۇشنى ئۆزىگە نىسبەت قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرگە يول قويغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇلار شەھەرنى پەتھى قىلىدىغان بولسا، خىتايلارنىڭ نەچچە يىل مابەينىدە توپلىغان غەزنبە- بايلىقلىرى بۇ باشباشتاقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايا بولىدۇ. خاقانى چىن بولسا كاتتا ۋە زور پادىشالىقتۇر. ئەگەر بۇ چاغدا بېيجىڭ تەرىپىدىن كۇفارلار يەنە كېلىپ ئىستىلا قىلسا، ئۇلار يەنە غەزنە سەرپ قىلماي باشقا ئىلاج يوق. ئەگەر كاپىرلار غەلبە قىلىپ، بۇ پاراكەندە لەشكەرلەرنى يەنە پاراكەندە قىلىدىغان بولسا، ئىسلام ۋىلايەتلىرىنىڭ غەزنىىسى يوق بولۇش ئېھتىمالى بار. يەنە بىرى شۇكى، جاھانگىر تۆرە يۇرتنى باشقۇرۇشقا ئاجىزىق قىلىپ، خىتاي چېرىگى بۇ جايلارغا يەنە ئىگە بولسا، جاھانگىر خوجا نائىلاج بۇ يەرگە قېچىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، خىتايلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى بىزگە تاقىلىپ مۇئامىلە يامانلانلايدۇ. ئەمدى ئوبدان مەسلىھەت شۇكى، بىز كاشىغەرگە بارساق، كاشىغەر قولىمىزغا چۈشسە تېخى ياخشى. ئەگەر بۇنداق بولمىسا غازات ساۋابى يەنىلا بىزگە مەنسۇپ“ دەپ مەسلىھەت بەردى ۋە ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن كاشىغەرگە كەلدى. جاھاگىر خان تۆرەم بىر مۇنچە ئادەم بىلەن ئالدىغا چىقىپ، بىر- بىرى بىلەن ئات ئۈستىدە كۆرۈشۈپ، پادىشالارغا خاس ھۆرمەت- تازىملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇھەممەت ئەلى خاننى بىر كاتتا ھويلىغا چۈشۈردى.
ئۇ چاغدا كاشىغەردىكى خىتاي مۇسۇلمانلار شەھىرىنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى جاھانگىر خان تۆرەم ئالى مۇقامىلىق خانغا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ- كەمتەرلىك بىلەن، مۇھاسىردىكى جەڭنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك خانغا ئۆتۈنۈپ، ئۆز ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى. خاننىڭ يارلىغى بىلەن قوقەنت لەشكەرلىرى ئاشكارا ۋە شىددەتلىك مۇھاسىرىگە ئۆتتى. خىتاي شەھىرىنىڭ تۈۋىگە دورا قويۇپ ۋە لەخمە كولاپ ئوت قويدى، شەھەرنىڭ بىر تەرىپىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ، ئالەم يۈزىگە چاڭ- توزاڭلارنى چېچىپ، كۈننىڭ كۈندۈزى گويا قاراڭغۇ كېچىگە ئايلىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەسكەر نۇسرەت ئىچىدە خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى سېپىلغا ئۇردى. كاپىرلار، بەلكى مۇسۇلمانلار بۇ تامنىڭ بۇزۇلغان تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلارمىكىن دەپ، تۆشۈك يولىنى توساپ، جەڭ- مۇھاسىرىگە كىرىشتى. شەھەرنىڭ ئىچىدىن توپ- زەمبىرەك، جەزايىل قاتارلىقلارغا ئوت تۇتاشتۇردى. مۇسۇلمانلارمۇ تاشقىرىدا تۇرۇپ توپ- زەمبىرەكلەرگە ئوت بەردى. كاپىرلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز- ئارا ئارلىشىپ گىرەلىشىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشتى. مۇسۇلمانلار شوتا راسلاپ، شەھەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن خۇددى داۋازلاردەك، سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇرۇش قىلدى. لېكىن كاپىرلار كۈچ كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۈچ قېتىم سېپىل ئۈستىدىن ھەيدەپ چۈشۈردى.تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە شېھىتلەرنىڭ كۆپلىگى، يارىدارلارنىڭ تولىلىغىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول ئېتىلىپ قالدى. خان قازى مۇھەممەت ئەلى خان بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغىرىپ، يىغلاپ- يىغلاپ، ئۆلۈكلەرنى ئالدۇرتۇپ، ھەزرەت ئافاق مازىرىغا دەپنە قىلدۇردى. زەخمىدارلارنى داۋالاشقا يارلىق قىلدى – دە، نائىلاج مۇھاسىرىدىن قولىنى ئۈزۈپ، بىر ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن، جاھانگىر خان تۆرەمگە دۇئا- پەتە بېرىپ، قوقەنتتىكى دار سەلتەنەتكە قايتتى.
بىر ئايدىن كېيىن، قىيى ئىشلارنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى ئاللانىڭ يارىدىمى بىلەن خىتاي شەھىرى پەتھى بولدى. جاھانگىر خان تۆرەم پەتھىنامە يېزىپ، ئۇرۇش ھەققىدىكى خوش- خەۋەرنى ئالى دەرىجىلىك مۇھەممەت ئەلى خانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىشنچىلىك ئادەملىرىنى نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن قوقەنتكە ئەۋەتتى. كەينىدىنلا كاشىغەر، يېڭى ھىساي، مارابېشى، ياركەنت قاتارلىق جايلارنى قولىغا كىرگۈزدى. خوتەننى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن، بۇ مۇھاسىرە تۈگىمەيلا، بەزى ئەسكەرلىرى ئاقسۇغا ئىككى تاش مىقدارى يېقىن كېلىپ، بەزىلىرى دەريادىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئاقسۇنى پەتھى قىلىمىز دەپ خاتىرجەم ياتقان چاغدا، خىتاي چېرىكلىرىنىڭمۇ ئاقسۇغا كەلگەنلىگى مەلۇم بولدى. بۇلار شەھەردىن چىقىپ، زور كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جاھانگىر خان تۆرىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇرۇلۇپ ئارقىغا قاچتى. قارا چېرىكلەر قوغلىغانلىرىچە بېرىپ كاشىغەرنى ئالدى. يېڭى ھار، ياركەنتلەرنىمۇ قولىغا كىرگۈزدى.
خىتاي چېرىگىنىڭ كۆپلىگىنى بەزىلەر يىگىرىمە تۈمەن، بەزىلەر ئون تۈمەن ئىدى دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇ چاغدا فەغفۇرچىننىڭ تەختىگاھىدا داۋۋاڭ خان (داۋگۇاڭ خان – ت) دىگەن خان ئولتۇرغان ئىكەن. بۇ دۆلەتلىك خان ئۇ چاغدا ناھايتى قۇۋەتلىك بولۇپ، ھىچ تەرەپتە دۈشمەننىڭ ئەسىرى يوق ئىكەن. بۇ چېرىك، قورال- ياراق ۋە باشقا ھېساپسىز جەڭ قوراللىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا تۆگە ۋە قوي ماياقلىرىنى ياغدا قورۇپ ماڭدۇرغان ئىكەن. چېرىكلىرى يول بويى قار، يامغۇردا قېلىپ، ئاش- غىزا قىلىپ يەيدىغان ئوتۇن تاپالماي قالغان كۈنلەردە، بۇ ماياقلارنى ئوتۇن ئورنىدا قالاپ، ئاش- غىزا قىلىپ يىسۇن دەپ يارلىق قىلىپ ماڭدۇرۇپ، ماياقنىڭ ئالدى قارا شەھەرگە، كەينى تۇرپانغا يېتىپ كەلگەن كۈنلەردە، بۇ يۇرتلار قولغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ، ماياقلارنى ياندۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. دىمەك، چېرىكنىڭ توللىغى ۋە خاننىڭ كۈچ- قۇدرەتلىرىنىڭ قانچىلىك زىىيادە ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس- پەم قىلىپ بىلگەيسىزلەر. شۇنداقلا، خىتايلارمۇ جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ چوڭ ۋە زور تەرىپىنى قىلىپ، ”جاھانگىر زۇڭ تەن، دى دۇڭ تەن“(يەنە ”جاھانگىر مىدىرلىسا، زىمىنمۇ مىدىرلايدۇ – ت“) دىگەن ئىكەن.
ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە كېلەيلى، خىتاي چېرىگىنىڭ سەردارى ئاي خاڭۈن [127] دىگەن ئىكەن. كۇچارلىق مىرزا ئوسمان بەيسى بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېك دىگەن ئادەم چېرىك باشلاپ كاشىغەرگە بېرىپتۇ. بۇ جاھانگىرخان تۆرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئالاي دىگەن ۋاقىتتا مەنزىلگە بارغاندا، تۆرەم نائىلاج بولۇپ،”ئەي ئىسھاق بېك، نائۈمىت بولماڭ، مېنى باغلاپ، خىتايلارنىڭ ئۇلۇغىغا ئېلىپ بېرىڭ“ دىگەندە، بېك ”ھەددىم ئەمەس“ دەپ ئۆزرە- خالىق ۋە ئېھتىرامدىن سۆز ئېچىپ، تەقسىر دەپ تۇرغاندا، جاھانگىر خان تۆرەم مۇبارەك روماللىرى بىلەن ئۆز قولىنى ئۆزى باغلاپ،” ئەمدى ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بېرىڭ “ دىگەندە، بېك ئەمىر ئالىلىرىغا بوي سۇنۇپ، جانابى خان تۆرەمنى خىتايلارنىڭ ئۇلۇغ ئالدىغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئاي جاڭجۈن بولسا ”ئۇلۇغ خاننىڭ دۈشمىنىنى ئىسھاقباك تۇتتدى “دەپ مەلۇم قىلىپ، ”ئەي ئىسھاق بېك، ئەمدى بۇ خوجانى ئۆزىڭىز بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ يانغايسىز“دەپ بىر قانچە ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا ئەۋەتىپتۇ. بۇ جاھانگىر خان تۆرەمگە ناھايتى ياخشى ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بەزىلەر خان بۇنى كۆرۈپ، سوراق قىلىپ شېھىت قىلدى دەيدۇ. بەزىلەر خان بۇنى كۆرمىدى، بەلكى مەخپى جايغا قويغاندا، ئۆز ئەجىلى- تەبئىتى بىلەن ئۆلدى دەيدۇ. مەسۇلىيەت ئەلۋەتتە رىۋايەت قىلغۇچىدا بولىدۇ.
خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زىمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئون مىڭدىن كۆپرەك خوتۇن- قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە- نارسىدە بالىلارنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ، ئىلى، چۆچەككىچە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى ئەبۇلمۇزەپپەر ۋە ئەلمەنسۇر مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلاندۇرۇپ، گۇنايىنى كەچۈرگەي!) ئاڭلاپ، بۇنڭغا بىز سەۋەپ بولۇپتىمىز“دەپ خاقانى چىنغا ناھايتى كەڭرى سوغا- سالاملارنى راسلاپ، ئالىم بايۋەچچە مىڭبېشىنى باش قىلىپ، بىر نەچچە ئادەمنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەپ، خاقانى چىنغا ئەرز يېزىپ بېرىپ، بىر قانچە مۇددىئانى تىزىپ يولغا سالدى. ئۇ ئەرىزدە ”مەسىلە شۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئ.ۇلۇغ خانغا ۋە ئاجىز خوتۇنلارنىڭ قولىدىن ھىچقانداق يامانلىق ئۆتمىسە كېرەك، بۇ گۇناكارلارنىڭ گۇناسىنى ئۇلۇغ خاندىن تىلەيمەن، يەنە بىر مەسلە بولسا، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىقلار ئۈستىدە بىر ئاقساقال توختاتسام، يامان ئادەم كىرىپ قالسا خەۋەر ئېلىپ تۇتۇپ ماڭا چىقىرىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ جازاسىنى مەن بەرسەم، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلۇغ خاننىڭ كۆڭلى رەنجىيدىغان ئىشلار بولمىسا“دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە ماقۇل سۆزنى يېزىپ، ئەلچىلەرنى يولغا راۋان قلغان ئىكەن. بۇ ئەلچىلەر ناھايتى ئىزەت ۋە ئابرۇي بىلەن پايتەختكە يېتىپ بېرىپتۇ. خاقان ئەرزنى كۆرۈپ، كامالىسى ئىنساپنى ماقۇل تۇتۇپ، ھەممە ئولجا- ئەسىرگە يولدىن يولغىچە ئات- ئۇلاق، ئۇزۇق- تاماق تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپتۇ.
لېكىن، بۇ ئارىدا تۆت يىل مىقدارى ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇرمۇنچىسىنى خىتايلار ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، بالا- پەرزەنتلرىنىمۇ تاپقان ئكەن. ئۇلارنى بۇ بالا- پەرزەنتلىرى بىلەن ياندۇرغان چاغدا، ئۇلار بۇنداق غېرىپ- مۇساپىرچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز جاي- ماكانلىرىغا يانغانلىغىغا خوش بولۇپ، چوڭ- كىچىك ھەممىسىلا مۇڭلۇق ۋە غەمكىن ئاۋاز بىلەن ئاۋاز كۆتىرىپ، ”نازۇگۇم! ۋاي- ۋاي نازۇگۇم“دەپ غەزەل- مۇقام ئىختىرا قىلىپ، چوڭ يول بىلەن ئۆتكەن چاغدا، خالايىق ئۇزۇن يەرلەرنى كۆرگىلى كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇڭ- زارىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي، يىغا- زارە قىلىشقان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ”نازۇگۇم“ غەزەل ساداسى ئەل ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە ياڭرىماقا. شۇنداقلا، بۇ يەتتە شەھەردكى ئەنجانلىق دىگەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئاقساقال تۇرغۇزۇش يارلىغى بولغان ئىكەن. بۇمۇ تا ھازىرغىچە مەۋجۇت.

داۋامى بار.



[align=justify]تارىخى ھەمىدى

داۋامى:

مۇھەممەت ئەلى خان (ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي!) ئاقىۋەت بۇ پايدىسىز ئالەمدىن خوشاللىق سارىيىغا كۆچتى. [128] ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خۇدايارخان تەختكە چىقتى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئالامانچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مەللە خاننى خان كۆتۈردى. خۇدايارخان ئۆزىنى بۇخارايى شەرىپىگە ئالدى. قىرغىز موللا ئەلەم قۇلنىڭ ئىغۋاسى بىلەن مەللە خاننى شېھىت قىلدى. بۇ ئاران تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ چاغدا تاشكەنت ھاكىمى قانائەتشا غازى تاجىكنىڭ مەسلەھەتى ۋە دالالىتى بىلەن، بۇخارادىن خۇدايارخاننى ئېلىپ كېلىپ، يەنە خان قىلدى. ئەمما ئەقىلسىز قىرغىز موللا ئەلىم قۇل بىرنەچچە بۆلۈنگۈچى لۈكچەك ۋە باشباشتاقنى توپلاپ، ھۆكۈمەت توتۇش ئارزۇسى بىلەن، خۇدايارخانغا قارىشلىق ناغىرىسىنى ئاشكارە ياڭرىتىپ سوقتى. فەرغانە ۋىلايتىنىڭ دۆلەت شاراپىتى كۈندىن- كۈنگە زەئىپلىككە قاراپ يۈزلەندى.
تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش سەككىزىندى يىلى (مىلادى 1861 – 1862 – يىلى) خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم تەختتە ئولتۇردى. بۇ ئارلىقتا ۋەلى خان تۆرەم كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن پاسىق- بۇزۇق ۋە زالىم جەۋىرلەرنى قەتلى قىلىپ، جەسسەتلىرىنى ئىت ۋە قارغا- قۇزغۇنلارغا تاشلاپتۇ. كاپىر ۋە يامان پاسىقلار مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەر – ئايال پاشىۋازلارنىڭ بېشىنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، تۆت كاللا مۇنارىسى ياساپتۇ . مۇنارنىڭ ئىگىزلىگى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇ . لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەڭ چېكىش ، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھىچقانداق ئۆزىنى تارتىپ ، ئېھتىيات قىلمايدىكەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەھرالىق بىر قېرى مەزلۇم نان – توقاچ ۋە قېتىق – قايماقلارنى ئېلىپ ، تۆرەمنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ . ياساۋۇل بېشى” ئەي ئانا ، نىمە ئەرزىڭىز بار ؟ “ دەپ سورىغاندا ، ئۇ” خوجامدىن ئىمان تىلەپ كەلدىم ، بۇنىڭدىن بۆلەك ئەرزىم يوق “ دەپتۇ . ياساۋۇل بېشى ” ئەي ئانا ، ئەنجاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىمانلىرىمىزنى تامامەن ئادەملەرگە ئىنئام قىلىپ بەردۈك ، ھالبۇكى ، خوجامدا ياكى بىزدە ئىمان قالمىدى . ئەنجاندىن ئىمان ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن نەچچە ئات چىقاردۇق . ئىمان كەلگەندە مەن خەۋەر قىلاي . شۇ چاغدا كېلىپ ئىماننى ئېلىپ كېتىڭ “ دەپ ، ئۆز زامانىغا لايىق ۋە ئاقىللارچە ئاجايىپ ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ .
كېيىنچە يەنە نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كەلدى . تۆرەم باراۋەرلىك قىلالماي قاچتى . نۇرغۇن ناھەق قانلار تۆكۈلۈپ ، تولا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرىدى ، يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ، يەنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر شاخكەر تۆمۈرچى ( قىلچ ياسايدىغان ئۇستات ) بىر قىلىچ تەييارلاپ ، تۆرەمگە كۆرۈنۈش بېرىپ ، دۇئالىرىنى ئېلىپ ، بىرزىيارەت قىلىپ كەلسەم دىگەن نىيەت ۋە ئارزۇدا ئون يەتتە – ئون سەككىز ياشلاردىكى تېپىلماس بىر ئوغۇلىنى ھەمرا قىلىپ ، تۆرەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپ ، كۆرۈنۈش بېرىپ ، نەزەردىن ئۆتۈپتۇ . بۇچاغدا تۆرەم ” ئەي ئۇستا ، بۇ قىلىچىڭىز كېسەمدۇ “دەپ سورىغاندا ئۇستا ” بەك ياخشى كېسىدۇ “دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . تۆرەم ” ئەي ئوغۇل ، ماڭا يېقىن كەل “دىگەن ئىكەن . بۇ بالا يېقىن بېرىشى بىلەنلا قىلىچ بىلەن ئۇ بالىنىڭ گەدىنىگە ئۇرغان ئىكەن ، بالنىڭ بېشى سەكرەپ يەرگە چۈشۈپتۇ . تۆرەم ” كېسىدىكەن ، ئۇستىغا تون ئېلىپ چىق “دەپ بىر چىت تون بېرىپ چىقىرىۋېتىپتۇ . ئۇستا يىغلاپ – يىغلاپ بالىسىنىڭ جەسىدىنى كۆتىرىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ . كېيىنچە يەنە كاتتاخان تۆرەم ، كىچىك خان تۆرەملەر كېلىپ ، كاشىغەرنى ئۈچ ئاي قامال قىلىپ ئالالماي ، مەقسىدىگە يېتەلمەي ، ئۆز ۋەتەن – يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى . بۇلارنىڭ قىسە ۋە ئەپسانىلىرىنى تەپسىلى بايان قىلسام ، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالال كەلتۈرۈپ ، سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراققا چۈشۈپ كېتەرمىكىن دىگەن ئېھتىمال ئېتىراز بىلەن ، قەلەمنىڭ خۇش گۈزەل يۈرۈش تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارتتىم . بۇلارنىڭ قىسسە ۋە ھىكايلىرىدىن قايتتىم ، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن سۆزۈمنى تۈگەتتىم .

داۋامى بار.



تارىخى ھەمىدى                                                           

داۋامى:                                                                


6

خاقانى چىننىڭ ئاۋالقى زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلغى، تۇڭگانى تايىپىلىرىنىڭ مەمىلكىتىدە ۋەتەن تۇتقانلىغى، ئۇلارنىڭ خىياتلار بىلەن بولغان جىدەل- ماجرالىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە خاقانى چىنى مەمىلكىتىنى زەئىپلەشتۈرۈپ بۇزۇشى قاتارلىق ۋەقلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر تەپسىلىي بايانى

[align=justify]

راس سۆزلۈك رىۋايەتچىلەر ۋە پاراسەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ قىسسە ۋە ئېلان قىلىشلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى يەنى يىلان يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادى 1864- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ) جەۋزا (ئەرەندىز ياكى گىزەك يۇلتۇزى) پەسلىنىپ ئاخىرىدىكى شەنبە كېچىسى كۇچاردا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگانى ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ شەمشىدىن خەلىپىلەر باش بولۇپ، كۇچارنىڭ ۋەيشاڭ بازارلىرىغا ئوت قويۇپ، مەنسەپدار، چىرىك ۋە مەيمەيچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاقاننىڭ ئەمىر- ئىتائەتىدىن چىقىش سەۋەپ- ئىللەتلىرىنى بايان قىلىش لازىم ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتە ھەر خىل كىشلەر ھەر خىل سەۋەپ- پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل رىۋايەت قىلىشىدۇ. بىرىسنىڭ سۆزى يەنە بىرىسنىڭ سۆزىگە مۇخالىپ كېلىدۇ. بۇ مۈجىمەل نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ ئاغىزىدىن چىققان ھەر خىل سۆزلەرنى بۇ ۋاراق سەھپىسىگە ئورنىتىش لايىق ۋە لازىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقىللارنىڭ ئەقلىغە ماقۇل بولدىغان ھىكايىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىگىنى ماقۇل كۆرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى رىۋايەتلەر قىسقىچە ۋە ئازراق نەقىلەن بايان قىلىندى.
ۋەقەلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەڭ بۇرۇن فەرغۇچىنى مەمىلكىتىدە بىر ئادالەت سۈيەر ۋە پۇقرا ئەندىشە تاۋاڭ خان [129] دىگەن بىر خان بار ئىكەن. بۇ خان بىر كېچىسى چۈشىدە بىر ئەجدىھانىڭ خان ئوردىسىدا پەيدا بولۇپ، تۈۋرۈككە چىرمىشىپ، خاننى دەم تارتقىلى تۇرغانلىغىنى كۆرۈپتۇ. بۇ چاغدا يېشىل چاپان كىيگەن ۋە بېشىغا بىر ئاق نەرسە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر ئادەم كېلىپ، ھاسىسى بىلەن ئەجدىھانى ئۇرۇپتۇ. ئەجدىھا ئىككى پارچىگە بۆلۈنۈپ ئۆلۈپتۇ. خان قورقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ۋەزىر، ئەمىر ۋە چۈش ئۆرۈيدىغان مۇئەبىرلىرىنى ھازىر قىلىپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ، تەبىرىنى سوراپتۇ. دانا مۇئەبىرلەر” بۇ زاماندا قىبلە تەرەپتە ئۇشبۇ سۈەتلىك بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، پەيغەمبەرلىك داۋاسىنى قىلارمىش، بەلكى شۇ كىشىنى كۆرگەندۇرسىز “ دەپ مەلۇم قىلدى. خان ”مەزكۇر ئادەمنى تېپىپ ئېلىپ كەلسۇن “ يارلىق قىلدى. ۋەزىرلىرى ”ئۇنداق بولسا سوغا- سالاملارنى راسلاپ بەرسەك“دىگەندە، چاي، چىنە، تاۋار ھەدىيە- سوغا قىلىپ، ئىشەنىلىك ئادەملىرىدىن قابىلىيەتلىك بىر كىشىنى باش قىلىپ يولغا سالدى. بۇ كىشى شەھەرمۇ- شەھەر يۈرۈپ، ئاخىرى مۇشۇ سۈپەتلىك مەزكۈر ئادەمگە، يەنى پەيغەمبىرى ئاخىر زامانغا ئۇچراشتى ۋە ئەرز ئەھۋالىنى بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلىپ، چاي، تاۋار، چىنىلەرنى سوغا قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر خوش بولۇپ دۇئا قىلدى. شۇڭلاشقا چاي، چىنە، تاۋارلار ھەممە مەمىلكەتتە ئەزىر- ئېتىۋار دەيدىكەن.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پەيغەمبەر خەت قىلىپ ئەلچىگە بېرىپ،”ئەمدى سىزگە رۇخسەت“ دەپ جاۋاپ بەردى. ئەلى” مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلغىلى كەلگەن ئىدىم “ دەپ ئەدەپ بىلەن تۇرغاندا، پەيغەمبەر ”ئۇشبۇ خەتنى ئېلىپ بېرىڭ، ئۇلۇغىڭىز ئۆزى قولى بىلەن ئاچسۇن، بۆلەك كىشى ئاچمىسۇن، مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا ھازىر بولىمەن “دىدى. ئەلچى يولغا راۋان بولۇپ، بىر نەچچە مۇدەتتىن كېيىن بىر مەنزىلگە كەلدى. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن خەتنى ئاچماقنى ئىختىيار قىلىپ ئاچتى. خەتنىڭ ئىچىدىن بىر كىشى چىقىپ كەتكەندەك مەلۇم بولدى، پۇشايمان قىلدى. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدا چىقمىدى. خەتنى بۇرۇنقىدەك يەملەپ، خاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. خان خەتنى ئېچىپ كۆردى، بۇ خەت بېجىنچە پۈتۈلگەن ئىكەن. تەئەججۇپ قىلىپ ”بۇ خەتنى كىم پۈتتى “دەپ سورىغاندا، ئەلچى ”مەن بىلمىدىم“دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ئۇ ئەسلى ۋەقەنى كۆرمىگەن ۋە بىلمىگەن ئىدى. خان ”خەتنى كىم ئاچتى؟ ئەگەر راست ئېيتساڭ گۇنايىڭنى ئەپۇ قىلىمەن، يالغان ئېيتساڭ تىرىك قويمايمان“دەپ سوراپ سىياسەت يارلىق قىلغاندا، ئەلچى يالغانچىلىق قىلالماي، ۋەقەنى مەلۇم قىلدى. ئادالەت شوئارخان بۇنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ،” ئەپۇ قىلغان گۇناھىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، ئۆزىنى ۋە خېتىنى ئېلىپ كەلگىن“ دەپ يارلىق قىلىپ بۇيرۇدى.
ئەلچى بىر قانچە مۇددەت يول يۈرۈپ، مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن بۇ بەركەتلىك زاتنىڭ ئالى ۋەتىنىگە باردى. پەيغەمبەر ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا” شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، ئۇلۇغىڭغىمۇ قىلدىڭ، خەتنى ئاچمىغىن دىمىدىممۇ“دەپ ساھابىلىرىدىن ۋەقاس، ئاس، ئەككاش دىگەن ئۈچ كىشىنى بۇيرۇپ، يەنە يەتتە ئادەم قوشۇپ، بۇ ئون كىشىنى مەزكۈر ئەلچى بىلەن يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، جايۇەن (جايۇيگۇەن – ت) گە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ بىرسى ۋاپات بولدى. بۇنىڭ مازىرى ” ۋەققاس بوۋام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر. ئەلچى قالغان سەككىز كىشىنى خان شەھىرىگە يېقىن ئېلىپ بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا ئادەم چىقىرىپ ۋە ئۆزىمۇ چىقىپ، ئىززەت- ھۆرمەت رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن پايتەختىگە چۈشۈردى. خان” مەن چۈشۈمدە كۆرگەن كىشى كەلمەپتۇ“دەپ كۆڭلى غەمكىن بولدى. لېكىن ئۇ ئىمانى شېرىپنى ئادا قىلىدىغان چاغدا ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشتى. ئون ئىككى ۋەزىرى بار ئىدى. بەزىلىرى ماقۇل بولۇپ، بەزىلىرى ماقۇل تۇتمىدى. لېكىن خان ۋەزىرلىرىنى مەخپى ئىسلام دىنى شەراپىتىگە ئىگە بولدى دىگەن گەپلەر بار.
لېكىن، بۇ سەككىز كىشى بېيجىڭ ئەھلىنىڭ سۆزىنى بىلمەيتى. بېيجىڭ ئەھلىمۇ بۇلارنىڭ تىلىنى ئۇقمايتى، ئۇلار ناھايتى كۆپ تەڭلىكتە قالدى. خان ” بۇ مۇسۇلمانلار بۇ يەردە غېرىپ بولۇپ قالدى، بۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، مۇڭ- ئۈلپەت قىلىشىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىنسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. ئىشەنچىلىك بىر ئادىمى سەكسەن ئۆيلۈك پۇقراسىنى ئېلىپ، سەمەرقەنت مەمىلكىتىگە باردى. بۇ ئادەملەرگە سەمەرقەنتتىن قىرىق ئادەم تېگىشىپ ئېلىپ كەلدى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى جەمئىي قىرىق سەككىز ئادەم بولدى. تۇڭگانى تايىپلىرى ”بىز سەمەرقەنتتىن بولىمىز“ دىگەنلىرىگە سەۋەپ مۇشۇ بولسا كېرەك. سەمەرقەنت پادىشاسى بۇ سەكسەن ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى زىمىن ۋە يايلاقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار مۇشۇ جايدا ۋەتەن تۇتۇپ قالدى. ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيدى.”خىتاي قىپچاق“دىگەن تايىپىلەرنى ئۇشبۇ ئۇرۇغىدىن بولىدۇ دەپ رىۋايەت ۋە ھىكايىلەر نەقىل قىلىنىدۇ.
لېكىن، بەزى ئىناۋەتلىك تارىخى كىتاپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرقى بىر زامان پەيغەمبىرى دەۋرىدە سەمەرقەنت ئەھلى تېخى ئىسلام دىنى شەرىپىگە ئىگە بولمىغان ئىكەن. بۇ تارىخ كىتاپلىرىدا يەنە ”بېيجىڭ بىرەر نامە يازدى ياكى ئۇ تەرەپتىن ئەلچىلەر كەلدى“دىگەن سۆزمۇ كۆرۈلمىدى. لېكىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى پەيغەمبەرلەر شەرىئەتپەرۋەر كارامەت ئىگىسى ئۆتكەن بولسا كېرەك. تۇڭگانى تايىپىلىرى بۇنى بىلمەي، بۇ ۋەقە پەيغەمبىرى ئاخىرقى زامان دەۋرىدە بولغان ئىش دەپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى شۇ ئادەمگە باغلىغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ھەممە تۇڭگانلار مۇشۇ قىرىق سەككىز مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادىدۇر دىگەن گەپەر بار. لېكىن، شەھەر- شەھەرلەردىكى خىتايلار ئەھلى توغرا يول تېپىپ، تۇڭگانلارنىڭ دىن، مەزھەپلىرىنى ئىختىيار قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇپتۇ. تۇڭگان ئەھلى بولسا، ئۆز دىن ۋە مىللىتىنى تاشلاپ كاپىر ۋە دىننىڭ ئاسىسى بولماپتۇ. تۇڭگان گۇرۇھى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ دەپ بايان قىلىنىدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، توغرا يول ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت شەرىپىگە ئىگە بولغان خان ئۆز يۇرتىرىغا ”ئىسلام دىنى مەنپەئەتلىرىدىن بەھرمەن بولغان ھەرقانداق ئادەم تارخان (ئەركىن – ت) بولىدۇ ۋە ئامان ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرىدىن چىقمايسىز دىسىمۇ ئىتىيار ئۆزىدە بولىدۇ“دەپ يارلىق چۈشۈردى. خاقانى چىننىڭ قەدىمدىدن بۇيانقى قائىدە- رەسمىيەتلەر بويىچە، پۇقرالار قايسى دىن ۋە قايسى مەزھەپكە كىرسە، بۇنىغا ھىچ كىمنىڭ كارى يوق ئىدى. ئۆز دىنىدىكىلەرنى باشقا دىن ياكى مەزھەپكە تەرغىپ ۋە تەكلىپ قىلمايتى. ھەر كىم ئۆز دىنىدە ۋە مىللىتىدە مۇستەھكەم بولسا، ياخشى ئىش دەپ قارىلاتتى. خان يەنە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا ھەر خىل بانا- سەۋەپلەرنى قىلىپ، ئۆز قائىدە- رەسمىيەتلىرى بويىچە چاڭشىلە يەنى ئويۇن- تاماشا ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ”ئەر ۋە ئايال، ياش ۋە قېرىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئويۇنغا جەم بولسۇن، ئەگەر بۇ تاماشىغا كەلگەن ياش خوتۇنلار ياكى كىچىك قىزلار بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەبئىتىگە ياقسىلا، مەن ئۇلارنى بۇيرۇپ بېرىمەن، ئەگەر بۇلارنىڭ ئېرى ياكى پەرزەنتى بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا رىئايە قىلمايمەن“ دەپ يارلىق قىلدى.
بۇ مۇسۇلمانلار كۆڭلى ۋە تەبئىتى خالىغانلارنى تۇتتى. خاننىڭ يارلىغى بىلەن ئۇلارنى شەرئىتى مۇستاپاۋىيە (پەيغەمبەر شەرئىتى _ ت) قائىدىسى بويىچە ئەمىر- ئەقىدىگە ئېلىپ، ئۆي- تەئەللۇق تۇتۇپ قالدى. بۇلار ” تۇگانى“ دەپ ئاتالدى. لېكىن، ئۇلار يىغىلغان باشقا ھەرقانداق جايلاردىمۇ ئېرى بار خوتۇنلار ۋە قىز بالىلارنى ئىگەللەپ ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدىن يىراقلاشتى. شۇڭلاشقا پۇقرلار ئۇلارنى”سوخەي خوي ئىكەن“ دىيىشتى. بۇ ”يۈزى يوق ئىكەن“دىگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار جىدەل- ماجرا قىلىپ قالسا، خىتايلار ئۇلارغا ”سوخەي خوي“دەپ دەشنەم بېرىدىكەن. لېكىن، خاقان ئەللىك خىتاينى بىر تۇڭگانى بىلەن تەڭ قوياتتى. ئەللىك خىل گۇنا ئۆتمىگىچە تۇڭگانلارنى سياسەتتىن ئۆتمۈزمەيتى. دىمەك، تۇڭگانلار بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە ئىشتا يۈز- خاتىرە قىلىنىپ كەلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كۆتىرىلىپ، خىتايلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بولدى، شەرىئەتنىڭ دوستى بولغان خان بىر نەچچە يىلدىن كېيىن باقى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىنى ئوغلى ئىگەللىدى. بىر قانچە ئەۋلات ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە توغرا يولدىن چىقىپ، ئۆز دىنىلىرىغا ياندى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ۋەققاس بوۋاممۇ مەڭگۈلۈك باغچىسىغا چىرايلىق يۈرۈپ كەتتى. [130] ئۇنىڭ مازىرى تا ھازىرغىچە مەشھۇر دەپ ھىكايە قىلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، تۇڭگان تايىپىلىرى ئەنە شۇنداق بىر قانچە ئەسىر ۋە بىر قانچە يۈز يىللارغىچە ئەركىن ئۆتتى. ئاقىۋەت ئۇلار شى نەن فۇ [131] دىگەن بىر شەھەردە مەدرسىدەك بىر خانىقا بىنا قىلىپ، بىر مۇنچە بىنەم زىمىن خاندىن تىلەپ سۇ چىقىرىپ، مەھسۇلاتنى خانىقاغا ۋەخپە قىلىپ، مەدىرىسىدە تۇرىدىغان تالىپ ۋە ئەلەم ئاخۇنلارنى تەيىنلەپ ياشاپ كەلگەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەخپە ئاشلىققا خىتايلارنىڭ تۇڭگۇزى كىرىپتۇ. بىرقانچە ئادەم ھەيدەپ چىقىرىپ، ئارىدا جىدەل- ماجرالار بولۇپتۇ. ئاخىرى بۇغداينى خامان قىلىۋاتقان چاغدا، چەچ بۇغدايغا يەنە تۇڭگۇز كىرىپ يەپ كېتىپتۇ. تۇڭگۇزنىڭ ئىگىسى خىتاي بىلەن ماجرا قىلىپ بىر- بىرىنى ئۇرۇپتۇ. خىتايلار خىتايغا، مەدىرىسىدە ياتقان تالىپلار تۇڭگانلارغا ھامى بولۇپتۇ. جىدەل- ماجرا ئۇلغىيىپ، بۇنى شەھەرنىڭ ئۇلۇغى ئاڭلاپ، جىدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغىغا خەت يېزىپ ” بۇ ۋەخپە زىمىننى تۇڭگانلار نەچچە يىلدىن بۇيان تىكىپ- تېرىپ، ھۇسۇلنى ئالدى. ئەمدى بۇ يەرنى خىتە (دۆلەت – ت) ئىختىيارىغا تاپشۇرۋېلىپ، يەرنى سېتىپ پۇلىنى غەزنىگە تاپشۇرساق“دەپ مەلۇم قىلىپ، ئۇلۇغىنى ماقۇل قىلىپتۇ. يەرنى سېتىش قارارىغا كېلىپ ئادەم چىقىرىپ، يەرنى چىزىلاپ، نەرقىنى تەيىن قىلىۋاتقاندا، مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار غەلۋە قىلىپ، يەر ساتقىلى چىققارن مۇلازىملارنى ھەيدەپ ئۇرۇپ شەھەرگە قوغلاپتۇ. بۇلار شەرھەرگە كىرىپلا دەرۋازىنى مەھكەم قىلىپ، جەڭ- مۇھارىبەرگە كىرىشىپتۇ. تۇڭگانلار گورۇھىمى ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن ماخالۇڭ موللا (132) دىگەن پىر ئۆلىمانى خان كۆتىرىپ، چىڭ جۇفۇ [133] دىگەن بىر كاتتا شەھەر بىنا قىلىپ، خاننى بۇ شەھەردە سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.
لېكىن بۇ چاغدا خاقانى چىنگە بىرمۇنچە جايلارغا ئەنگىلىس (ئېنگىلىز – ت) خىرىستىيانلىرى غالىپ كېلىپ، بېرما دىگەن بىر قانچە شەھەرنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسۇڭكۇي يەنى جەن مۇزا [134] دىگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ جىدەل- ماجراسى بولدى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭ فۇدا تۇرالماي، ئۆزىنى بىر ياقا يۇرتقا ئالماقنى غەرەز قىلىپ، غەرپ تەرەپكە قەدەم قويۇپتۇ. ئۇلۇغ خان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ يەردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ چوڭلىرىغا ”بىر نەچچە تۇڭگانىلار ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىققان ئىكەن، بۇلار تەشۋىق- نەسىھەت ھەم ۋەدىلەرنى قىلساقمۇ ئاڭلىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىپلىرىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ تۇرالماي، غەرەپ تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. ئەگەر بۇلار ئۇ تەرەپكە بارىدىغان بولسا، ئۇ جايدىكى تۇڭگانلار بۇلارغا يار- ھەمدەم بولۇپ، ئۇششاق پۇقرالارنى پاراكەندە قىلىدىغان ئېھتىمالى بار. بۇ يارلىقنى كۆرگەن ھامان ھەر قايسى شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۇچۇر مەنكى ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزۈلسۇن“ دەپ يارلىق بېرىپتۇ.
بۇ يارلىق ئىلى جانڭجنىگىمۇ كەلگەن ئىكەن. ئىلى جاڭجۈنى ھەيران بولۇپ، ”بۇ تۇڭگانىلار تولا خەلقتۇر ، ئۇلارنىڭ پېئىل- خۇيلىرىمۇ باشقىچە. ئەگەر بۇلار بۇ ئەھۋالدن ئازلا پۇراق سەزسە، بىز ئاخشاملىق قىلغىچە، بۇ تايىپىلەرنىڭ ناشتىلىق قىلىش ئېھتىمالى بار. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى تېخى ئۇزۇن، ئۇنىڭغىچە بۇ تۇڭگانىلارنى ئېلىپ كىرىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن تەشۋىق- نەسىھەت قىلىپ، ئەھدى- پەيمانلارنى مەھكەم قىلىپ قويساق، بۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز كەسپ ۋە ھۇنەرلىرىنى، پۇقراچىلىغىنى قىلدۇ “دەپ بىر نەچچەر تۇڭگاننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدى- پەيمان ۋە ئانت ئىمانلار بىلەن نەسھەت قىلىپ چىقاردى. ئەمما تۇڭگانلار خاتىرجەم بۇلالماي، كېچىلىرى ئۇيقۇغىمۇ بارالماي، مىچىت، مازارلاردا تۈنەپ، نەزىر- چىراقلارنى قىلىپ، بىر ئايدا بىر نۆۋەت تەرەت ئالمايدىغانلارمۇ ھەر كۈنى نەچچە نۆۋەت غۇسۇل- تەرەت قىلىدىغان بولدى. غەم- ئەندىشىسى كۈندىن كۈنىگە كۈچەيدى. جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ پېئىل-ئەتىۋارىنى بىلىپ ۋە ئۆز- ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەھدى- پەيمانلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، خاننىڭ يارلىغىنى جارى قىلىپ، شەھەر- شەھەرلەرگە ئۆز ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ”پالانى كۈنى، پالانى سائەتتە تۇڭگانى تايىپلىرىنى قىرىپ تشلاڭلار“دەپ خەت ئەۋەتتى. ئەمما ئۈرۈمچىدە سودالويە [135] دىگەن بىر تۇڭگاننى خىتاي ئىچىدە مەنسەپدار ئىدى. ئوغلى بولسا بىر جام- ئۆتەڭدە سىيە (خەت- چەك باشقۇردىغان ئەمەلدار – ت) ئىكەن. مەزكۈر سىيە بۇ قىرغىنچلىق يارلىغىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، دادىسىغا دەپ قويۇپتۇ. دادىسى شەھەر- شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا سۈرەت- ۋەقەنى ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپتۇ. جاڭجۈننىڭ خېتىنى بولسا بېسىپ قويۇپتۇ. سودالويەنىڭ خېتى كېلىشى بىلەنلا، كۇچاردىكى تۇڭگانلار بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، بازار ۋەيشاڭلارغا ئوت قويۇپ، ئۇچىرغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەتئى ئىتائەتتىن چىقىپتۇ. تېخى ئۆتكۈزۈلمىگەن گۇناغا جاۋاپكار قىلىش بولسا، ھىچقانداق مەزھەپتە دۇرۇس ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇلار ئۇنى قىلدى- دە ، جازاسىنى تاپتى.
يەنە ئۆز قىسسىمىزغا كېلەيلى. تۇڭگانى ۋە مۇسولمانلارنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، باش قايتۇرۇشىغا يەنە مۇنداق بىر سەۋەپ بار ئىدى. يەنى ئاۋالقى زاماندا فەغفۇرچىنى چىرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى تۇنجى قېتىم ئىگەللىگەن چاغدا، خان ئىلتىپات بىلەن ”مۇسۇلمانلار پۇقرالار قەدىمدىن بۇيان قانداق قائىدە- رەسمىيەتلەرنى تۇتۇپ، قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىگىنى ئۇلارنىڭ پىشقەدەم سالنامچىلىرى ۋە دانا ئادەملىرىدىن سوراپ بىلىپ ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن. مەنساپدارلار يۇرتنىڭ دانا پازلىللىرىنى يىغىپ، خاننىڭ يارلىغىنى ئۇقتۇرۇپ سورىغاندا، بۇلار:” بىز مۇسۇلماندۇرمىز، خۇداۋەندەكېرىم بىزگە بەش پەرزنى يەنى بىنائى مۇسۇلمانچىلىقنى ئەمىر قىلغان ئىدى . بىز بۇ بەش پەرزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق “دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئۇچۇرىنى ئۇلۇغ خاندىن يەنە ”ئانداق بولسا مەنمۇ ئۇششاق پۇقرالىرىمغا بەش تۈرلۈك ئىشنى بۇيرۇدۇم . يەنى ئۇلارتېرىغان ئاشلىقلىرىدىن دەيەك ( ئوندا بىر خىراج – ت ) بەرسۇن ، ئۆتەڭدە خىزمەت قىلىپ ، قارادىن قاراغىچە خەت ، ئەرز ئېلىپ بارسۇن ۋە قارارلاردىن خەۋەر ئالسۇن . شاڭ بۆز – خامنى بۇرۇنقى قائىدە – رەسمىيەت بويىچە تۆلەپ تۇرسۇن . بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاڭنى تەيىنلەپ توختىتىپ بەردىم . مۇندىن ئارتۇق نەرسە بېرىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن ، بەلگىلەنگەن مەزكۇر ئالۋاڭنى كەم ۋە ئارتۇق قىلماي تۆلەپ ، تېنچلىق بىلەن ئۆز پۇقراچىلىغىنى قىلسۇن “دەپ يارلىق قىلىپتۇ . مەنسەپدارلارغىمۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈمۈش . زېمىن ۋە ئادەملەرنى تەيىنلەپ مائاش – كۇلەن بەلگىلەپ ، ھەر قايسى يۇرتلارغا دەستۇر – ئەمەل يەنى ئەن – قائىدىلەرنى توختىتىپ بەرگەن ئىكەن . مەنسەپدارلار ئۇزۇن زامانغىچە بۇ يارلقنى چىڭ تۇتۇپ ، كەم ياكى زىيادە قىلماي ( يولدىن چىقماي ) ئىش قىلپتۇ .
لېكىن ، مەنسەپدارلار ۋاقىتلار ئۆتكەنسېرى بۇ يارلىقلارغا چېكىدىن ئاشقان ھەر خىل بەلگىمىلەرنى قوشۇپ ، ھەر خىل يامان قائىدە – يۇسۇنلارنى پەيدا قىلپ ، جەۋرى – زۇلۇمنى كۈچەيتىپتۇ . شۇڭلاشقا ، پۇقرالار بۇ ئەھۋاللارغا تاقەت قىلالماي ، ئەرز ئەھۋالىنى ئامبان ، دالويە ۋە ھاكىملارغا مەلۇم قىلدى . مەسلەن ، ئاقسۇ تەۋەسدىكى باي زىمىندىن ئەيسا گۈنبەز ، مۇھەممەت ئەلى بۇغرا دىگەن كىشلەر باشچىلىغىدىكى باي خەلقى ئەرز قىلىپ” خان بىزگە ئەن – قائىدە قىلىپ توختىتىپ بەرگەن بەش تۈرلۈك ئالۋاننى بېرىمىز ، لېكىن ، مەنسەپدارلار مۇندىن ئارتۇق ئالمىسۇن ۋە بەرمىسۇن دىگەن يارلىق بېرىلگەن ئىدى ھەم مەنسەپدارخىتاي ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارغىمۇ ئۆز مائاشىنى توختىتىپ بەرگەن ئىدى . مەنسەپدارلىرىم ئۆز مائاشىنى يەپ ئۇششاق پۇقرالىرىمدىن تىنچلىق بىلەن خەۋەر ئالسۇن دەپ يارلىق بېرىلگەن . ئەمما بىزنىڭ ئۇلۇغ خان بىزنىڭ ئارتۇق بەرگەن ئالۋانلىرىمىزنى بىلمەيدۇ . بۇ ئالۋانلار خاننىڭ غەزىنىسىگىمۇ كىرمەيدۇ . بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقمايمىز ، لېكىن بەلگىلەنگەن بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاندىن ئارتۇق بېرىشكە ئاجىزدۇرمىز “ دەپ مەلۇم قىلدى . لېكىن ، بۇ خىل بەش تۈرلۈك ئالۋانلارنى تۆلەشنى توختاتماي ۋە ئۇنىڭغا تاقەتمۇ قىلالماي ، يەنە بىر نەچچە ۋاقىت ياشىدى . خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار بىر نىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمەي چارىسىز قالدى . ئاقىۋەت يۇرت بەگلىرى ۋە تۇڭچى – تىلماچلار مەسلىھەت قىلىشىپ ،”بىر نەچچە ئادەم ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمىر – ئىتائەتلىرىدىن چىقىپ باغى ۋە تاغى بولۇپ ( مالىمان بولۇپ – ت ) ، چوماق ، كالتەكلەرنى كۆتىرىپ توپىلاڭ كۆتەردى“ دەپ ئامبانغا مەلۇم قىلدى . مەنسەپدارلارمۇ بىلمەيدىغان كىشى بولۇپ ، بۇ بەگلەرنىڭ ئەرزىنى ھىساپقا ئېلىپ ، چېرىك ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى باغلاپ تۇتۇپ كەلدى . ئەيسا گۈنبەز باشلىق ئون يەتتە ئادەمنى دارغا ئاستى . بىر قانچىسىنى مەھكەم نەزەربەنت قىلدى . بەزلىرىنى ئۇسسۇز ۋە ئاچ قويۇپ ، ھاكنى دوغاپ قىلىپ بېرىپتۇ . ئۇنى ئىچكەنلەر شۇ ئورۇندىلا قېتىپ قاپتۇ . بۇلارنى مەنسەپدارلارغا كېسەل بولۇپ ئۆلدى دەپ مەلۇم قىلىپ كۆمدۈرۈۋېتىپتۇ .
يەنە كۇچار ئادەملىرىمۇ بۇنداق زىيادە ئالۋاڭ – ياساقلارغا تاقەت قىلالماي ، نۇرغۇن ئادەمنى توپلاپ ، مۇھەممەت ئەلى شەيخ ، موللا مۇسا ئىماملار باشچىلىقىدا مەنسەپدارلارغا ئەرز سۇنۇپتۇ . مەنساپدارلار ئاڭلىماي دىسە، بۇ ئەرزلەر ئەن- قائىدە بويىچە راست ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار پۇقرالارنىڭ دادى ئەھۋالىغا يەتكەن بولۇپ، چەكتىن چىخماسلىققا ۋەدە- ئەھدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى پەسەيتتى. لېكىن، ئۇلار مەنسەپدارلارنىڭ پېئىل- ئەتىۋارىغا قاراپ بېقىپ، خاتىرجەم بۇلالماي، مازارلاردا قونۇپ، نەزىر- چىراق، خەتمە- قۇرئان ۋە زىكىر ئىبادەت قىلىشىپ، ”سوپىلار“دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ قالغان بىر ھالەتتە، بەگلەر”بىر نەچچە ئادەم ئۇلۇغ خانغا دۈشمەن بولۇپ، ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقىپ قارىشلاشتى“دەپ ئامبانىغا مەلۇم قىلدى. بۇنى بانا قىلىپ چىرىك ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، مۇھەممەت ئەلى شەيىخ، ئىبراھىم ئەرباپ بېكلەر باشلىق ئون نەچچە ئادەمنى بەدىنىنى تېنىدىن ئاجىرىتىپ چاناپ ئۆلتۈردى. بىر نەچچىسىنىڭ پېيىنى كېسىپ ئىشتىن چىقارد.ى ئىلىم كۆكباشى، تەلەي كۆكباشى، توختى كۆكباشى باشلىق قىىرق نەچچە ئادەمگە ئېغىر زەنجىر- كىشەن سېلىپ، ئۇلارنى دېڭىزىغا (تۈرمە – ت) تاشلىدى.
يەنە باشقا شەھەرلەردىكى ئادەملەرمۇ يار كەنتتىكى خان ئامبانىغا ۋە ئىلىدىكى جاڭجۈنگە بېرىپ ئەرز- داتلىرىنى سۇندى. ئۇلار بۇ ئەرزلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئۇلۇغلارغا قايتۇردى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇلۇغى ”سەن ماڭا ئەرز قىلماي، باشقا شەھەرنىڭ ئامبانىغا ئەرز قىلدىڭمۇ“ دەپ ئازاپ- ئۇقىبەت ۋە قەبرى- زۇلۇم ئىسكەنجە- سىقىملارغا مۇپتىلا قىلدى. پۇقرالارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەرز- داتلىرىنى ئاڭلاپ بىلىپ، ئۇلارغا رەھىم- شەپقەت قىلىش بولسا، پۇقرلارغا باشچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغلارنىڭ بوينىدىكى ۋاجىپ ھەتتا پەرز ئىدى. لېكىن، ئۇلار مۇنداق قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمىدى. بەلكى ئۇلارنى يوق قىلدى. ئەگەر ئۇلۇغ خان بۇ ئەرزدارلارنىڭ راستىنى ئاڭلاپ بىلسە ئىدى. خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋىدىن ئايرلغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ جان- تېنى ۋە مال- مۈلكىمۇ ئاسان قۇتۇلماس ئىدى. چۈنكى مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋى، پۇل ۋە جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، رست ئەرزنى يالغان ۋە يالغان ئەرزنى راست قىلىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن- قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە زامىن بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى باشلاپ ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقىپ، قەدىمدىن بويان كېلىۋاتقان داۋلى ۋە ئەن- قائىدىلىرىنى بۇزۇپ، شەھدى- پەيمانلارنى يىرتىپ تاشلاپ، بەلگىلەنگەن مۇئاشقا قانائەت قىلماي، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، يەنە پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە قول ئۇزارتىپ، زۇلۇم- سەتەملەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاشتۇردى. يەنە ئۇلار ئۆزىنىڭ نالايىق مەقسەت ۋە ھەرىكەتلىرىنى پۇقرالارغا تېڭىپ، ئۇلارنى تۆھمەت ۋە بۆھتانغا قويدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزى باغى ۋە تاغى بولۇپ، ئۇلۇغ خاننىڭ قىلىچىغا ئۆزلىرىنى لايىق قىلدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالار ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۈستىگە ئۇلۇغ بولۇپ كەلگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ بوينىغا تىغ تارىسىنى تارتىنماستىن سالدى. (خۇدا ئۇلارغا پانا بەرگەي!). ھالبۇكى، غازات قىلغان بۇ ئادەملەرنى غازى ۋە شېھىت دىمەلىككە يەنە قانداق سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىم ئۆز ئىلمى قەدىملىرى بىلەن ئۇلۇغ قىلىپ بەرگەن ۋە ئاللىق مەنسىۋى بىلەن يۇقىرى ئورۇن بەرگەن شانۇ- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارغا ھەم ئۇلارغا تەئەللۇق نەۋكەرلەرگە تىغ تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقماسلىق بولسا، ھىچقانداق مەزھەپ ۋە مىللەت- قەۋملەرنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرىدە توغرا ۋە راۋا كۆرۈلمەيدۇ. ئالەمنىڭ مەخپى سىرلىرى، ھەممە زۇلۇم- خورلۇقلىرى، مەخلۇقلىرىنىڭ يامان پېئىل- ئەتىۋارى ھەم نالايىق شۈم نىيەتلىرىنى، پەقەت ئالەمنىڭ داناسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. (خۇدا بولسا ھەقىقەتنى ۋە ئىنچكە سىرلارى ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر).
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى ئۇلۇغلار پۇقرالارنىڭ ئەزر- داتلىرىنى ئاڭلىماي، بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت- مەنپەئەتكە شۈكرى قىلماستىن شۇملۇق قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت-مەنپەئەتىدىن ئاجراشقا، ھەتتا ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەت ئابرۇيىغا نوقسان يەتكۈزۈشكە سەۋەپ بولدى. پۇقرالار بۇنداق زۇلۇم- سەتەملەرگە چىداش بېرەلمەي، قۇدرەتلىك ھەقىقىي ئاللا يەنى ئۇلۇغ سۇلتان دەرگاھىغا تاۋاپ قىلىپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، قاخشاپ يالۋۇرۇپ، ھەممىنىڭ ھالىنى بىلگۈچى بۈيۈك قۇدرەتلىك ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن قانداق ئەھۋاللار كېلەر ئىكەن دەپ تۇرغاندا، بۇ ناھەق ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ قېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئۆرلەپ، مەنسەپدارلارنىڭ پۇقرالارغا قىلغان زۇلۇم- جەۋرىلىرىنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قايتتى. كۇچاردىكى تۇڭگانلار خۇددى ئاسماندىن بالا كەلگەن ۋە ئاللادىن قازا كەلگەندەك، بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ تارتتى. مەزكۇر تەلەي كۆكباشى قاتارلىق قىرىق نەچچە ئادەم دېڭىزدا ياتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. تۇڭگانىلار دېڭىزنى چېقىپ، گۇناكارلارنى ئاجىرىتىپ ئالدى. تۇڭگانىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئىناق- ئىتتىپاق بولۇشۇپ، خىتايلارغا تىغ ئۇردى. بۇنىڭ ۋەقەسىنى كېينرەك سۆزلەيمىز. (ئاللا سەبىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر) ئىنشائاللا.
بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنسەپدارلار پۇقرالارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى خانغا راستلىق بىلەن مەلۇم قىلدى. ئۇلۇغ خان پۇقرالارنىڭ گۇنايىنى ئەپۇ قەلەملىرىنى سۈرۈپ چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يوقلىدى. لېكىن گۇنانى مەنسەپدارلارغا قويۇپ، بۇ مەنسەپدارلىرىم ۋە چېرىكلىرىم نەگە كەتتى ۋە نىمە بولدى دەپ سورىمىدى. مۇبادا بۇ ئەھۋالنى سورىغا بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ يەتتە شەھەردىكى يەتتە نەپەر چىڭ چەي (چېن چەي – ت) خان ئامبانىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ قېنىنى بىر شەھەر ئادەملىرىنىڭ خۇنىغا تەڭ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان بولار ئىدى. باشقا ۋاڭ، ھاكىم، مەنسەپدار، چېرىكلەرنىڭ خۇنلىرىغا يەنە نىمە قىلشى لازىملىغىنى خان ئۆزى بىلگەن بولار ئىدى.
ئەلقىسسە، فەغفۇرچىنىنىڭ دۆلىتىگە بۇزۇلۇشى ۋە زەئىپلىك كەلمەكنىڭ يەنە بىر سەۋىۋى شۇكى، بۇ چاغدا خانلىق نۆۋىتى شەنفۇڭ خانغا [136] يېىتپ، خاقانى چىننىڭ دۆلەت ئۈستۈنلىگى ناھايتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى. پەرەڭلەر [134] ناھايتى كۆپ شەھەرلەرنى ئىستىلا قىلىپ، تالان- تاراج قىلىپ، ئىگىدارچىلىق قىلدى. يەنەن بىر تەرەپتىن، چەن مۇزا دىگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى. جەڭ- جىدەللەر كۈچەيتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خان كۆتۈرۈپ، ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقتى. يەنە ئەتىراپىدىكى كېنىزەكلەرنىڭ پادىشالىرى پادىشالىق ئەلەملىرىنى تىكلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەر خىل سۆز پەيدا قىلىپ، ئۇلۇغ خاننى ئۆز ئورنىدا قويمىدى. تىنچلىق ۋە ئاراملىق ئۇلۇغ خاننىڭ مەمىلكەت ۋە پۇقرالىرىنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈلدى. خاقانى چىنى بۇ تەرەپتىكى شەھەلەرنى”كۇبەي“(كۇۋەي- ئىچكىرىنىڭ تېشىدىكى تەرەپ – ت) دەپ ئاتايدىكەن. كۇبەيدىن خەۋەر ئېلىشقا پۇرسەت بولمىدى. شۇڭلاشقا ”كۇبەيگە تەئەللۇق مەنسەپدار، چېرىكلەرگە مۇئاش ئەۋەتەلمەيمەن. نەچچە يىلدىن بۇيان غەزنىدىن كۈمۈش ئەۋەتىپ، كۇبەيدكى مەنسەپدار، چېرىكلەرنى باقتىم. تولا غەزنىلەرنى سەرپ قىلدىم. لېكىن كۇبەيدىن غەزنىگە بىرەر نەرسە كەلمىدى. ئۇلار كۇبەينى تاشلاپ يېنىپ كەلسۇن“ دەپ يارلىق چۈشۈردى. لېكىن بۇ تەرەپتىكى خىتايلار ئۇلۇغى جاڭجۈن، خان، ئامبان ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلۇغى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىم باشلىق ھەممە ھاكىمى ۋىلايەتلەر مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇلۇغ خانغا : ”بۇ شەھەرلەرگە غەزنىدىن كولەن- مۇئاش كەلمىسىمۇ، بىز بۇ شەھەرلەردىن كان تېپىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قوغۇشۇن، تۆمۈر، گۇڭگۇرت قاتارلىق كانلارنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئېچىپ، ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرىنى باقالايمىز. بىز بولساق ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، دۆلىتىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدۇق. يارلىققا بوي سۇنۇپ، بۇ يەرنى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاننىڭ شان- شۆھرىتىگە مۇناسىپ ئىش بولماسمىكىن“دىگەن مەزمۇندا بىرقانچە ماقۇل سۆزنى مۇندەرىجە قىلىپ ئەرز بەرگەن ئىكەن. بۇ ئەرز ئۇلۇغ خانغا ماقۇل چۈشۈپ، ئۇ ”ئەگەر ئانداق بولسا ئۆزەڭلەر كان تېپىپ، چېرىكلەرنى بېقىڭلار، ئۇششاق پۇقرالىرىمغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلماڭلار“دەپ يارلىق ئەۋەتىپتۇ. يارلىقنى كۆرۈش بىلەنلا، مەنسەپدارلار تاغمۇ- تاغ، دەشتمۇ- دەشت ۋە جەزىرلەردە كان ئىزدەپ، پۇقرا خەلقىنى ھاشار قىلىپ ھەيدەپ، تاغ ئېتەكلىرىنى گويا چاشقان ئۇۋۇسىدەك ھۆتمە- تۆشۈك قىلىۋەتتى. كانمۇ تاپالمىدى. تاپقاندىمۇ پۇقرالارغا جەبرى- زۇلۇم كۆپ بولدى. مەنسەپدارلار ئۆز قولىدىن پۇل بەرمىدى. چىققان كانمۇ يوق بولۇپ كەتتى ۋە يەنە نەچچە تۈرلۈك باجنى پەيدا قىلدى. پۇقرالاردىن ھەر ئايدا ئالىدىغان بىر خىل پۇل بولۇپ، بۇنى ”چوقا بېشى“دەپ ئاتايتى.

داۋامى بار.



تارىخى ھەمىدى

داۋامى:
[align=justify]

.


[align=justify]ئومۇمەن، پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئالۋاڭ- ياساقلار بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. ئاراملىق خۇددى ئەنقا قۇشنىڭ تۇخۇمىدەك يوق بولدى. تىنچلىق بولسا خۇددى سۇمرۇغ قۇشىدەك كۇيپاقنىڭ ئىچىدىن ۋەتەن تۇتتى. پۇلى بار ئادەملەر خىتايغا ۋە كاتتا بەگلەرگە پۇل بېرىپ، ئۇلارنڭ ھىمايىسىگە كىردى. يۇرتنىڭ ھەممە ئېغىرچىلىغى پۇلى يوق بىچارە، غېرىپ يىتىملارغا قالدى. ئۇلار بۇنىڭغا چىدىماي، يەر، سۇ، چاھار پاي ۋە ئەسۋاپلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى خىتايلارغا گۆرۆگە قويۇپ، دەرگاھى ئىلاھىغا كۆز ياشلىرىنى تۆھپە قىلىپ، يىغا- زارىگە تولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەر قايسى شەھەردىكى چېرىكلەر داقا- دۇمباقلىرىنى كۆتىرىپ، مەنسەپدارلارنىڭ دەرۋازلىرىغا كېلىپ،” بىزنىڭ بەنسى كولەنلىرىمىزنى (ئىش ھەققىمىزنى – ت) بەرسۇن، بولمىسا يۇرتىرىمىزغا قايتىپ كېتىمىز ياكى مەنسەپدارلارنىڭ ئۆي- تەئەللۇقاتلىرىنى بۇلاپ- تالاپ ئالىمىز“ دەپ غەلۋە قىلىپ، ھىچ ئارام بەرمىدى. مەنسەپدارلار ئۆزىدىن غەم- ئەندىشە قىلىپ ” ھەر قانداق ئادەم چېرىكلەرگە كۈمۈش جىنلە (ھەدىيە – ت) قىلسا، ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىمىز“ دەپ بازار- كوچىلاردا ئېلان چاپلاپ، كۇسى خەت (گۇڭسى خەت - ت) تارقاتتى. بۇنى كۆرگەن بەزى پەس تەبىئەتلىك ئادەملەر مەنسەپنى تاما قىلىپ، پۇل بېرىپ، مەنسەپنى سېتىۋالدى ۋە پۇقرالارغا بولغان زۇلۇم- سەتەملىرىنى كۈچەيتكىلى تۇردى. ھەر قانداق جايدىكى نامسىز ۋە نىشانسىز ئوغرى، قىمارۋاز، سەرگەردان بولسىمۇ، پەقەت پۇللا بەرسە مەنسەپكە ئىگە بولالايتى. بۇ تايىپىدىكى ئادەملەر بولسا پۇقرالارغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ھەتتا ئويلاپمۇ قويمىدى. پۇقرالار خىتاي مەنسەپدارلىرىغا ئەرز بەرسە، ئۇلار چەنتو پۇقرالارنىڭ ئەرزىنى ھاكىم بىلىدۇ دەپ تاشلاپ بەردى. ھاكىملار بولسا باقى قالغان زۇلۇم- جەۋرىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە قىلالايتى. بۇنى بىلگەن پۇقرالار بولسا قورقۇنچىدىن ئۇلارغا زادىلا ئەرز قىلمايتى. ھەتتا توڭچى- تىلماچلارمۇ دەللال تەرىقىدە بولۇپ، مەنسەپنى خۇددى ئال- ساتچىلاردەك ئاشكارە پۇلغا ساتىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئەسلىدە ئاتا- بوۋىلىرىدىن بويان ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، يۇرت سوراپ، ياخشىلىق قىلىپ كەلگەن بەگلەر ۋە بەگزادىلەر بولسا خاننىڭ يېڭى ئەمەلدارلىرى ۋە مەنسەپنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئالدىدا خار ۋە ئېتىۋارسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۇرپانلىق ئەپرىدۇن ۋاڭ بېگىم ياركەنتكە ھاكىم ئىدى. مۇھەممەت ۋاڭ بېگىمنى بىكار قىلىپ، خوتەنلىك رۇستەم بېك دىگەندىن ئىككى مىڭ يامبۇ ئېلىپ، ئۇنى ياركەتكە ھاكىم قىلدى. رۇستەم بېك بولسا ئەسلىدە مۇھەممەت ئىمىن ۋاڭ بېگىمنىڭ ئالدىدا ئېتىنىڭ تىزگىنىنى يېتىلەپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلغان ۋە نەۋكەر مۇقامىدا ئىززەت- ئېكراملىرىنى قىلىپ. بۇنى ئۆزىگە پەخرى- ئىپتىخار دەپ بىلىپ كەلگەن ئادەم ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن ۋاڭ بېگىم بۇنداق بىر ئادەمنى پۇل بەردى دەپ ۋاڭ كىشىنىڭ ئۈستىگە ھاكىم قىلىپ، ۋاڭ كىشىنى يەنىلا ئىشىك ئاغالىق مەنسىۋىدە تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە قويغانلىغىنى ئار ۋە نومۇس قىلىپ، مۇنداق يۈرۈپ ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم مىڭ مەرتىۋە ياخشى دەپ، ئۆزىنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى دەپ ھىكايە قىلىشىدۇ. يەنە كۇچارلىق مىرزا ئىسھاق ۋاڭ بېگىم ۋە مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىملەرگە نەۋكەر بولۇپ كەلگەن كۇچارلىق قۇتلۇق بېك قەشقەرگە ھاكىم بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنى سەئىد بېك بەش يۈز يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى.
شۇنداق قىلىپ، بۇرۇنقى بەگلەر بىكار بولدى. بىكار پۇقرالار بەگ بولدى. يۇرت ياخشى پازىللىرىنى كۆزگە ئىلمىدى. پۇقرالارنىڭ كۆز ياشلىرىدىن ھەرگىز ئېھتىيات قىلمىدى. ۋابال دىگەننى ئويلاپمۇ قويمىدى، مەنسەپ ئارزۇسى ۋە بەرگەن پۇل، كۈمۈشلەردىن باشقا غەم ئۇلارنىڭ دىلىغا زادىلا كەچمىدى. ئۇلار كۆرۈنۈشتە خانغا خىزمەت قىلىپ، چېرىكلىرىنى يىغىپ، يۇرتلىرىنى ساقلىدۇق دىگەن بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۇلۇغ خان ئىلكىدىكى دۆلەتنىڭ بىخ- نوتىلىرىنىڭ كېسىلى قۇرۇشىغا سەۋەپ بولدى. ياخشى پازىللار ۋە بۇرۇنقى بەگزادىلەر بۇلۇڭ- پۇشقاقلارنى ئىختىيار قىلدى. ئاجىز پۇقرالارنى بولسا ئاتىنى بالىغا، بالىن ئاتىغا قوشماي ۋە ئۇلاشتۇرماي، ئالۋان- ياساققا ھەيدىدى. پۇقرالارنىڭ تاقەتلىرى تاق بولۇپ، جان ئاچچىغى ۋە پۇل ئاچچىغىدا ئۇ ياراتقان ئاللانىڭ دەرگاھىدىن مەدەت تىلەپ، كۆزلىرىدىن تامچا- تامچا، ھەتتا دەريا- دەريا ياشلارنى ئاققۇزدى. بۇ ئاچچىق ياشلار خاننىڭ دۆلەت دەرەخلىرىنىڭ يىلتىزىغا تەسىر قىلىپ، قۇرۇماقلىققا سەۋەپ بولدى. ئاز ئۆتمەي بارلىق خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەممىسىلا يوق بولۇپ، يەر بىلەن يەكسەن بولدى. ھەزرەت مەۋلان جالالىدىن رومى قۇددۇسرە [138] مۇنداق بىر ماقالە يازغان ئىدى:




                 تادىلى مەردمۇدا يەر بەرەرد،
                  ھىچ مەردى رامۇدا رەسۋانەگەرد.
     
        دىمەك، بۇ ماقالە ئەنە شۇنداق ئىشنىڭ شاھىدىدۇر. 
       ① تەرجىمىسى:


               ” خۇدانىڭ بىرەر بەندىسىنڭ دىلى
                 رەنجىمىگىچە، خۇدا ھىچقانداق
                  بەندىسىنى رەسۋا قىلمايدۇ“
[align=justify]

بىر دىلى ئويغاق كشىنىڭ سەھەردە تۇرۇپ قىلغان ئاھۇ- نالىسى بەلكى ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ھىممەتلىك ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدا قۇبۇل قىلىنىپ، ئاللانىڭ ئىجاۋەتلىك دۆلىتىگە ئېرىشكەن بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ئۇ بۇ موغۇلىستان يۇرتلىرىنى نام ۋە نىشانسىزلارنىڭ قولىغا بەرگەن بولسا كېرەك. ئالەمنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسى بولغان خۇداۋەندە كېرىم” كىمنى خالىسام ئەزىز قىلمەن ۋە كىمنى خالىسام خار قىلىمەن“دىگەن سۈپىتىنى ئاشكارە كۆرسەتتى. بۇ تىل رەڭلىك تەتۈر چۆگىلەيدىغان پەلەك چاقى بولسا ئۆزىنىڭ نەيرەڭبازلىق ئويۇنلىرىنى ئوينىتىپ، ھەر زاماندا بىر تايىپىنى پەس ۋە زەئىپ ۋە يەنە بىر تەبىقىنى يۇقىرى ۋە ئۈستۈن قىلىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى شۇنى بىلىشى لازىمكى، بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن تەجىرىبە ئېلىپ، ھەممىگە بىردەك سىناق نەزىرى بىلەن قاراپ، ئىبرەت ئېلىپ، زۇلۇم چەككەن ئاجىزلارنىڭ كۆز ياشلىرىدىن قەتئىي ئېھتىيات قىلىپ، ئۇلارنىڭ دات- پەرياتلرىىغا يېتىپ، بۇ ئۇلۇغ تەجىرىبىگە ۋە خەلق ئالدىدا چىرايلىق نامغا ۋە ماختاشقا ئىگە بولالايدۇ. «ھەدىس شېرىپ» تە بىر سائەت ئادالەتلىك قىلغانلىق بولسا، ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن ئەۋزەلدۇر دەپ يېزىلغان. بۇ خىل دۆلەت ۋە ئىبادەتكە پەقەت پادىشالار، ھاكىمى ۋىلايەتلەر، دادخۋالار، ئەمىرى مەمىلكەتلەر ۋە شەرىئەت قازىلىرىدىن باشقا ئىنسانىيەت تايىپىلىرى ئىگە بولالايدۇ. ئەي ئىلاھىم! ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ بىلەن ھەممە ھاكىم، دادخۋا، شەرىئەتپانا باشلىقلارغا، ئەمەلدارلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، يۈزىگە ئادالەت ئىشىگىنى ئېچىپ، زۇلۇم ۋە جەۋرىڭنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتكەيسەن، ئامىن!
گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ خوش يۈرۈشلۈك قەلەم ئالى دەرىجىلىك خان، پادىشا ۋە ئېھتىرام ئىگىلىرىنىڭ تۈگىمەس ھىمايە ۋە نەسەپ مەرتىۋىلىرىنىڭ پايانسىز دەرياسىغا نەچچە قېتىم شۇڭغۇپ، يەنە ئۇنىڭدىن چىقىپ، مۇرات گۆھىرىنى مەقسەت ئالقىنىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى تەھرىر يىپىغا تىزىپ، بايان قاتارىغا قويدى ۋە بۇ كىتاپنىڭ مۇقەددىمە قىسىىمىنى تۈگىتىپ، خوش يۈرۈشلۈك قەلەم تىزگىنىنى ئەسلى مەقسەت بولغان قىسە ۋە داستان تەرەپكە تارتىپ، كەڭ مەيدان ۋە ئىگىز جەۋلان ئۈستىدە ئات چاپتۇرغىلى ماڭدى. زامان خالايىقلىرىنىڭ دىل ئەينىگىدىن چىقىپ ئۇنتۇلۇپ يوق بولغان ۋە زامان ئوغلانلىرىنىڭ ئېسىدىن چىقىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇشلاردەك ئۇچۇپ كەتكەن قىسىلەر، يۈرەكتىكى سۆز- ئەپسانىلەر، بۇ قەلەم ئىگىسىنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇپ، جاھاننى كۆيدۈرەتتى. شۇڭلاشقا، بۇلارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، بۇ ۋاراق بەتلىرىنىڭ قەلئەسىگە مەھكەم بېكىتىپ، ئۇلارنى، كېينكىلەرگە نەمۇنە ۋە يادىكار قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، شەرھىنى باشلاشقا قەلەم قويۇپ قەلەم سۈردۈم. ئاللانىڭ پەزىلىتى ۋە كەرەمى بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن. ئاللا بۇ ئىشىمغا مەدەتكارلىق قىلغۇچىدۇر

.

ئاۋالقى داستان

1


مىننەتدارلىق، پەزىلەت، ئېھسان مۈلۈك ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ پەزىل- ئىنايىتى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ دۇنيانى يۇرۇتىدىغان ئاپتىۋى كۇچار شەھىرى ئۈستىگە چۈشىشى، راشىدىن غوجامنىڭ ئۇلۇغ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇشى ۋە شەرق بىلەن غەرپ چېگىرلىرىغا لەشكەر
ماڭدۇرۇشى ھەم بۇ ۋەقەلەر ئارىلىغىدا بولغان ئىشلارنى بايان قىلىدۇ



[align=justify]غارايىپ قىسىلەر، ئاجايىپ ھىكايىلەر ۋە دىلنى ئالدايدىغان چۆچەكلەر شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ ئويۇنچى پەلەك ۋە ئىقلىمنىڭ چاقى، ھەر زاماندا ھامان تەتۈر چۆگىلەپ، تاماشا پەيدا قىلىپ، جاھاننى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىدۇ، ھەتتا بۇ زاماندىمۇ ئاجايىپ تاماشىلار باشلاپ، شانۇ- شەۋكەتلىك پادىشالارنىڭ دۆلەت- ھۆكۈمىتىنى پاراكەندە قىلىپ، پۇقرا- خالايىقنىڭ تىنچىلىغىنى، جەمئىيىتىنى بۇزىدۇ. بۇ ھال بولسا ۋاپاسىز نائەھلى ئالەمنىڭ ئەزەلدىن قىلىپ كەلگەن كونا ئادىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
شۇنى ئاڭلىماق كېرەككى، ئۆزىنىڭ چەكسىز ۋە چوڭقۇر ھىكىمىتى بىلەن ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى ياراتقان بۈيۈك سۇلتان- ئاللانىڭ ئۆز پەزلى ۋە كەرەمى بىلەن مۇقەددەس ئەرۋاھلارنىڭ مەدەت- ياردىمى ئاستىدا، بۇ يەتە شەھەر قەدىمقى سۇلتان خانلىرىنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، بىر يۈز ئون سەككىز يىل مىقدارى خاقانى چىنىگە تەۋە بولۇپ، خانقان ھۆكۈمىتى تەختى سەلتەنەتى ئاستىدا ياشىدى. بۇ دەۋر بولسا، پۇقرالارنىڭ يۇرتدارلىق ئىشلىرىدىن خار ۋە زار بولۇپ، زالىم خىتاي ۋە بەگلەرنىڭ زۇلۇم- جاپالىرى تۈپەيلىدىن بېشى تۆۋەنلەپ، ئۇلار چىن ئىخلاسى بىلەن ئىلاھى دەرگاھىدىن مەدەت تىلەپ، يىغا- زارە قىلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتلىققا يېتىشى ۋە كاپىر زالىملارنىڭ خانى- ۋەيران بولۇشى ئۈچۈن دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان بىر مەزگىل ئىدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇشتۇمتۇت ئاسماندىن بالا، خۇدادىن قازا كەلگەندەك بىر قانچە تۇڭگانى بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، كۇچار شەھىرىدىكى ۋەيشاڭ بازارلىرىغا ئوت قويۇپ ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن كاپىرلارنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا يېڭى ھىسار ھاكىمىنىڭ ئوغلى ئاللا يار بېك بىر قانچە دەرتمەن مۇسۇلماننى باشلاپ، يار ۋە ھەمداستان بولۇپ، ھەممە يەكدىل ۋە بىر تەرەپ، بىر ئىتتىپاقتا بولغان ھالدا مەنسەپدار ئامبانلارنىڭ يامۇنلىرىغا ئوت قويۇپ، تاڭ ئاتقۇچە تولا كاپىرلارنى يوق قىلدى. كۈن چىققاندىن كېيىن، مەنسەپدارلار چېرىكلىرىنى ئېلىپ مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. مۇسۇلمانلار غەلبە قىلدى. بۇ ۋەقە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت تارىخ يىلىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى شەنبە كېچىسى، جەۋزا جەسلى ۋە يىلان يىلىدا (مىلادى 1864- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى) يۈز بەرگەن ئىدى.
بۇ چاغدا ئەھمەت ۋاڭ بېگىم ياركەنت ھاكىملىرىدىن بىر گۇنا بىلەن بىكار قىلىنىپ، خاننىڭ يارلىغى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنى بولغان كۇچاردا يارلىق ساقلاپ تۇراتتى. تۇڭگانىلار ۋە مۇسۇلمانلار ئەھمەت ۋاڭ بېگىمگە ئىلتىجا قىلىپ،” سىلەر ئابائى- ئەجداتلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتدارلىق ئاساسىنى ۋە سىياسەتدارلىق رەۋىشىنى ئوبدان بىلىسىلە، شۇڭلاشقا، بىزدەك چوڭ- كىچىك مۇسۇلمانلارغا ئاتىدارلىق قىلىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ بەرگەن بولسىلا، بىز سىلىگە جان دىلىمىز بىلەن خىزمەتكار ۋە پەرمانچىلىق يولىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ھەممە بىلەن مەمۇرى مەمىلكەتدارلىق ئىشلىرىدا سىلىنى مۇقەددەم ۋە پىشىۋا بىلىپ، خان مۇقامىدا كۆرسەك “ دەپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلدى. ئەھمەت ۋاڭ بېگىم” سىزلەر ئاز ئادەم، خىتاي گورۇھى بولسا ناھايتى تولا، بۇلارغا باراۋەرلىك قىلغىلى بولماس، مەن بولسام نەچچە ئاتا بوۋامدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چوڭ مەنسەپ تېپىپ، يەر، سۇ، زىمىن بەلكى نەچچە ئۆيلۈك ئادەم ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، پۇشتۇمدىن پۇشتۇمغىچە جۇلدۇ- جاساقدارلىق بولغاندىن تاشقىرى، يەنە نەچچە نۆۋەت ئۇلۇغ خاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. مەن ئۇلۇغ خانغا قانداق قىلىپ يامانلىق قىلالايمەن؟ گەرچە ئۇ كاپىر ۋە دىنسىز بولسىمۇ، ئابائى- ئەجداتلىرىمدىن تارتىپ ئۇنىڭ تۇزىنى بەرگەن ئۇلۇغىمىزدىن يۈز ئۆرمەيمىز، تۇز ھەققىنى ساقلاش بولسا ھەممە ئىنسان گۇرۇھىغا پەرەز ۋە ۋاجىپ بولىدۇ. سىزلەرنىڭ سۆزلىرىڭىزگە كىرىپ ئۇلۇغ بولۇپ ئۆزەمنى ھالاكەتكە تاشلىمايمەن. كىمنى ئىختىيار قىلىپ باشلىق قىلىمەن دىسەڭلار، شۇنى قىلىڭلار. ھازىر يېشىم يەتمىشكە يەتتى. كۆرىدىغان دۆلەت ۋە ئىززەتنى كۆرۈپ بولدۇم. ئەمدى مەندە بۇنداق ئارزۇ ۋە ھەۋەس قالمىدى “دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ چاغدا پۇقرالار بىر ئىتتىپاق، بىر نىيەتتە بولۇپ، بىردەكلا يۈزىنى ئۆرۈپ،” ھىلىمۇ خىتايلىرىڭىزدىن ئۈمىدىڭىز بارمۇ“دەپ چوقان كۆتۈرۈپ، ئوردىسىدىن ئېلىپ چىقىپ شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.
بۇ چاغدا كۇچار خوجىلىرىدىن راشىدىن خوجام دىگەن مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىنىڭ مازىرىدا دۇئا- تەلەپ بىلەن ياتقان، ھىچ كىشىگە ئارلاشمىغان ۋە دەرۋىش تەرىقىسىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر ئادەم بار ئىدى. ھەممە مۇسۇلمان گورۇھى ۋە تۇڭگانى تايىپىلىرى ئۇنىڭغا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ، بۇ ئادەمگە باش ئېگەتتى. مەزكۈر ئادەمنى ئىپادەتخانىدىن ئىختىيارسىز ئېلىپ چىقىپ،” سىلە بىزگە بۇرۇنمۇ پىشىۋا ۋە يولباشچى ئىدىلە، ئەمدىمۇ بىزگە پىشىۋا ۋە يولباشچى بولۇپ، خانلىق ئورنىدا ئولتۇرۇپ، بىزگە باش بولۇپ، ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ بەرسىلە“دەپ، ئۇنىڭ خالىغان ياكى خالىمىغانلىغىغا قويماي، ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلىق قائىدىسى بويىچە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى. توختى ئىشىك ئاغا بېكنى ۋەزىر قىلىپ تەيىنلىدى. ھەممىسى بىر نىيەت بىلەن كۇچار ھاكىمى قۇربان بېك باشلىق سەككىز نەپەر بەگنى ئۆلتۈرۈپ، تەئەللۇق مال- مۈلكىنى تالان قىلدى. نەتىجىدە باشقا مەنسەپدارلارمۇ قورقۇچ ۋە تىترەك- دەھشەتكە چۈشۈپ، مەزكۈر خان راشىدىن خوجامنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇيرۇغىغا بوي سۇنۇپ باش ئەگدى. ئەگەر بۇ مەنسەپدارلار قەدىمىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كەلگەن لاۋايىن قائىدىلىرى ۋە ئەھدى- پەيمانلارنى بۇزۇپ، ئۆزىنى مۇنداق ھالاكەتكە ۋە پالاكەتكە تاشلىمغان بولسا ئىدى (ئاللا ئۇلارنى ساقلىغاي!)، ئۇ چاغدا، ئېھتىمال پۇقرالارمۇ باغى ۋە تاغى بولۇپ بۇزۇلمايتى ھەم غازىلىققمۇ مۇيەسسەر بولالمايتى. (ئاللا ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئوبدانراق بىلگۈچىدۇر).
بۇ ۋەقەنى ئىككى كۈن كېيىن بۇرھانىدىن خوجامنى يەنى مەشھۇر ئىسىملىرى خېتىپ خوجامنى ئەمىر لەشكەر تەرىقىدە باش قىلىپ، كىچىك ئوغلى مەھمۇد خوجامنى ھەمرا قىلىپ، موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى قازى ئەسكەر قىلىپ، بىر يۈز ئەللىك لەشكەر، ئون سەككىز تۇڭگاننى ئون زەمبىرەك بىلەن غەرپ تەرەپكە يولغا سالدى ۋە ئۇلارغا:” نەچچە ئەسىر ئۆتتى، مۇسۇلمانلار دىنسىز كاپىرلارنىڭ ۋە زالىم زۇلۇمخورلارنىڭ ئىشىگىدە خار ۋە ئېتىۋارسىز بولۇپ، خىزمەتكارچىلىق قىلىپ، بوينىنى تۆۋەن قىلىپ، پەس ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى خوتۇن، بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، بالا- پەرزەنتلىرى ئاتا- ئانىلىرىدىن جۇدا بولۇپ، ئاجىز ۋە بىچارىلىق بىلەن نە يىمەكتە لەززەت ۋە نە كىيمەكتە راھەت كۆرمەي، ئالبانكەشلىك قىلىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەمدى ھەممىگە رەھىمدىل ۋە مەرھەمەتلىك خۇداۋەندەكېرىم بىز مۇسۇلمانلارغا يار ۋە ھەمدەم بولۇپ، بىزگە كۈچ- قۇدرەت بەردى. كاپىرلارنىڭ بېشىغا ئىسلام قىلىچىنى ئايىماي ئۇردۇق. ئەمدى بۇنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن جان تېنىمىزدىلا بولسىلا، سىزلەر ۋە بىزلەر ئۇنى غازات يولىغا سەرپ قىلىشىمىز ھەممىدىن مۇھىمدۇر. ئۇلۇغ غازات قىلىش بولسا ھەممىدە پەرز بولۇپ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ كەسپ ۋە ھۈنەرلىرى ھەتتا مۇھىم سۈننەتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. خۇداۋەندەكېرىم ئۆزىنىڭ چوڭقۇر سىرلىق ھېكىمىتى بىلەن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنى كاپىرلارنىڭ قول ئاستىدا قىلغا بولسا، ئەمدى ئۆزىنىڭ كامىل قۇدرىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئەزىز ۋە ئېتىۋار قىلىپ، كاپىرلارنى خار ۋە تۆۋەن قىلدى. بۇ كىمنى خالىسا ئەزىزلەيدۇ، كىمنى خالىسا خار قىلالايدۇ دىگەن سۈپىتىنى كۆرسەتتى. سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، سىزلەر باي ۋە سايرامنى تەۋە قىلىپ، بۇ جايدىن بىر مۇنچە ئەسكەر ئېلىپ ئاقسۇغا بېرىڭلار، ئۇ تەرەپتە مۇسۇلمان تولا، كاپىر ئاز، سىزلەر بارغۇچە تۇڭگانى ۋە مۇسۇلمانلار كاپىرلارنى يوق قىلىپ، ئالدىڭىزلارغا چىقىشى مۇمكىن. مۇبادا كاپىرلار ھۇجۇم قىلىپ، جەڭ- جىدەلگە تەييار بولسا، ئاللانىڭ:” كاپىرلارنى نەدە كۆرسەڭلار ئۆلتۈرۈپ، ھەممىسنى يوق قىلىڭلار دىگەن ئۇلۇغ ئەمىر بويىچە، ھايال قىلماي ۋە ئايىماستىن كاپىرلارغا تىغ ئۇرۇڭلار. پەيغەمبەرنىڭ «ھەدىس» شېرىپىدە كۆرسەتكەن” جەنەنت قىلىچ سايىسىنىڭ تېگىدە“دىگەن سۆزىدىن ۋاقىپ ۋە ئاگاھ بولۇڭلار. ئاقسۇ، قەشقەر، ياركەنت ئىشلىرىدىن بىكار بولغاندىن كېيىن، قوقەنت، بۇخارا ئۇلۇغلىرى ئاشناچىلىق قائىدىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئىناۋەت قىلىپ باش ئېگىشنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە راۋا كۆرسە، ئىش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بۇنى لايىق كۆرمەي باش ئەگمەي، توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولسا سىزلەرگە يەنە ياردەم قىلىپ كۈچ ئەۋەتىمەن. ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە غەرەپ تەرەپتىكى يۇرتلارنى قولغا كىرگۈزۈڭلار. سىزلەرگە ئىشەنچ باغلاپ ۋە ئۆزەمگە ۋەكىل قىلىپ، بۇ جايدىكى مەمىلكەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ھەممە ئىختىيار تىزگىنىنى تۇتقازىم“ دەپ قۇياش نۇرلۇق يارلىغىنى ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىپ، غازاتچىلارنى يولغا سالدى.
شۇنداقلا، ئىسھاق خوجامغا سىدىق دادخۋا، مەمۇر باھادۇر، توختى مۇھەممەت يۈز بېشى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، بىر يۈز سەكسەن مۇسۇلمان، ئەللىك تۇڭگاننى ئون ئىككى زەمبىرەك بىلەن شەرىق تەرەپكە يولغا سېلىپ، يۇقىرىدا خېتىپ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ يولغا سالدى. بۇ باپ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن تۈگىدى.

داۋامى بار.



داۋامى:





جانابى راشىدىن خان خازى خوجامنىڭ پاك نەسەپ ئەسلى توغرىسىدا ئاشكارە بايان ۋە زىكرى
قىلماقنىڭ لازىملىغى




[align=justify]ئەقىدىلىك يارەنلەر ۋە مۇھەببەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ پاك زېھىنلىرىگە روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، راشىدىن خوجام بولسا شەيىخ نىزامدىن خوجامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئىدى. نىزامدىن خوجام بولسا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرە- ئەۋلاتلىرىدىن ئىدى. مەۋلانە ۋەلىيۇللا بولسا مەۋلانە جالالىدىن كىتىكى (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەت قىلسۇن!)نىڭ پەرزەنتى. مەۋلانە جالالىدىن خوجا بولسا ئەبۇ ھەفىس كەبىر بۇخارى [139] (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك، مۇبارەك ۋە ئەزىز قىلسۇن!) نىڭ ئەۋلادى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئون يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1220- 1221- يىلى – ت) پادىشا جاھانگىر چىنگىزخان بۇ تەرەپكە چىقىپ، بۇ خارائى شەرىپىنى قىرغىن قىلغا چاغدا، خوجا ھەفسى كەبىر بۇخارىنى شاھادەتكە يەتكۈزۈپ، ئەھلى ئەۋلادىنى ئاق ئۆيلۈك (سۈرگۈن – ت) قىلىپ، ئۆز يۇرتى بولغان قارا قۇرۇم ۋە كىلوران دىگەن جايغا ئېلىپ كېلىپ قويدى. ئالتە ياكى يەتتە ئەۋلات ئۆتكەندىن كېيىن، مەۋلانە جالالىدىن دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇلار شەھىرى كىتىك دىگەن جايغا كۆچۈپ كەلدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللانىڭ غەزىۋى تۈپەيلىدىن كىتىك شەھىرىگە قۇم يېغىپ، بالايى-ئاپەت بولدى. مەۋلانە جالالىدىن يەنە ئاللانىڭ ئىلھامى ئارقىسىدا كېچىسى ئۇخلىماي بىر نەچچە مۇرىتلىرى بىلەن بىللە مېڭىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئايكۆل دىگەن يەرگە چۈشتى. بۇ چاغدا ئاقسۇدا تۇغلۇق تېمۇرخان تېخى يېڭىدىنلا خانلىق تەختىدە ئولتۇرغا ۋاقتى ئىكەن. ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ياشلىق توغلۇق تېمۇرخان مەۋلانە جالالىدىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مۇنچە ۋەز ۋە پەندى نەسىھەتنى ئاڭلاپ كۆڭلى يۇمشاپ،”بۇ تاجىكنىڭ [140] سۆزى قۇلىغىمغا ناھايتى ياخشى ئاڭلاندى، مەن ئىلى شەھىرىگە بېرىپ پايتەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ كىشىمۇ يېتىپ بارسۇن، مەن بۇ كىشىنىڭ دىن مەزھىپىگە كىرىمەن، بۇ يەردە كىرگىنىم بىلەن كاتتا ئەمىرائى سەركەردىلىرىم يوق. يۇرتنىڭ تولىسى ئىلىدا، ياخشى بولمايدۇ“دەپ يارلىق قىلىپ ھەم مەۋلانە جالالىدىنغا ۋەدە ۋە ئىنئاملارنى قىلىپ ياندۇردى.
تۇغلۇق تېمۇرخان بولسا چىنگىز قائاننىڭ يەتتىنچى نەۋرىسى ئىدى. بۇ مەسىلە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان. لېكىن مەۋلانە جالالىدىن ۋاقىت تېپىپ ئىلىغا بارغىچە، ئەجەل پۇرسەت بەرمەي، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئايكۆل دىگە جايدا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ مازىرى ھىلىمۇ مەشۇر. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللاغا ۋەسىيەت قىلىپ،”مەن بىر چىراققا ياغ قويۇپ، پىلىك سېلىپ تەييارلىغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرۇشقا پۇرسەت بولمىدى. شايىتىكى، بۇ چىراققا مەن ئۈچۈن سىز ئوت ياقىسىز، بۇ چىراقتىن شەرق تەرىپىگە روشەنلىك چۈشسە ئەجەپ ئەمەس“دەپ ئالەمدىن كەتتى.
بىر نەچچە مۇددەتتىن كېيىن، مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ئىلىغا بېرىپ خان بىلەن كۆرۈشتى. خان:” دادىڭىز قېنى؟“ دەپ سورىدى. ئۇ ” ئالەمدىن كەتتى مەن دادامنىڭ شۇ ۋەسىيىتى بىلەن كەلدىم“دىگەندە، بەختى ئويغاق، دۆلىتى يار بولغان خان بۇنى قۇبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىپىگە ئىگە بولدى ۋە قول ئاستىدىكى ئەل بەگلىرى، جايساڭ قاتارلىق كاتتا ئەمىرائىلىرىنى بىر- بىرلەپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەندى- نەسھەت ۋە تاتلىق ۋەزلەرنى ئېيتىپ، دىنغا دالالەت قىلىپ” دۇنيادا بۇنىڭدىن ياخشى ئىش بولمايدىكەن“دەپ مۇسۇلمان قىلدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى يەتمىش مىڭدىن ئارتۇق دىنسىز موغۇللار ئىسلام دىنىغا كىرىپ، ئاللانىڭ بىرلىگىنى تونۇپ مۇسۇلمان بولغان ئىكەن. بۇ ۋەقە ئالى مۇقام خاننىڭ يىگىرىمە تۆت يېشىدا، يەنى تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز ئەللىك ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1355- يىلى) يۈز بەرگەن ئىدى. ئىسلام دىنى شۇ كۈندىن باشلاپ موغۇللار ئىچىدە ئاشكارە ۋە روشەن بولۇپ قارارلاشتى.
خان مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللاغا : ” ئەي ئۇلۇغ موللام، ئەمدى ئىختىيار ئۆزلىرىدە، قايسى شەھەردە تۇرۇشنى ئۆزلىرى بىلسىلە“دەپ يارلىق قىلغاندا، مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللا” مەن كۇچاردا تۇرسام“ دەپ ئىختىيار قىلدى. رۇخسەت بىلەن كۇچارغا بېرىپ، كەدخۇدا (يۇرت ساھىبى – ت) بولۇپ ۋەتەن تۇتتى. خان كۇچاردىكى ئىچېرىق دىگەن جاينى ئۇنىڭغا ئىنئام جۇلىدۇ قىلىپ بەردى. بۇ يەر ھازىرمۇ خاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يارلىغى بويىچە ۋەخپە تەرىقىسىدە ئۇلۇغ موللامنىڭ ئەۋلاتلىرى قولىدا تۇرماقتا. ئاخىرى موللام بۇ پايانسىز تۇپراق ئالەم غورۇرىدىن مەڭگۈلۈك شاتلىق سارىيىغا كەتتى. كۇچاردا دەپنە قىلىندى. ھازۇر بۇ ئالى مازار ” ئۇلۇغ موللام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر.
مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ بىۋاستە ئەۋلادى نىزامىددىن شەيىخ خوجام بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى راشىدىن خان خوجام، تۆتىنچى ئوغلى پەخىردىن خان، بەشىنچى ئوغلى جالالىدىن خوجا ئىدى. خېتىپ خوجام بىلەن ئىسھاق خوجاملار بولسا شەيخ نىزامىددىن خوجامنىڭ بىر تۇققانلىرى ۋە تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ھەممىسىلا بىر دەرەخنىڭ شېخى ۋە مىۋىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.




3



سەيىت خېتىپ خوجام ۋە كۆز قارچۇغى مەھمۇددىن خوجاملارنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى پەتھى قىلىش غازاتىغا ئەۋەتىلىشى ۋە مەقسىدىگە يېتەلمەي ئۆز يۇرتىغا قايتىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ
ئىلاجىسىز شېھىتلىك شەرۋىتىنى ئىچىشى قاتارلىق ۋەقەلەر بايانى

[align=justify] 


مۇھەببەت شۇئارلىق دوستلار ۋە ئەقىدىلىك ئەسەرلەرنى يازغۇچى بۇرادەرلەرنىڭ گۈلدەك كۆڭۈللىرىگە يېتىپ روشەن بولۇپ ئېتىۋارغا ئېلىنغايكى، راشىدىن خان خوجام خېتىپ خوجامنى غەرپ تەرەپكە يۈرۈش قىلىشقا رۇخسەت بېرىپ خوشلاشقان ئىدى. خېتىپ خوجام كۇچاردىن چىقىپ قىزىل دىگەن مەنزىلگە چۈشتى. ئاندىن سايرامنى ئىلكىگە ئېلىپ، تۆت ئادەمنى سىياسەتتىن ئۆتكۈزۈپ دارغا ئاستى ۋە چاپتى. ئاندىن ئۆتۈپ بايغا كېلىپ، ئىككى كۈن تۇرۇپ، ئالتە ئادمنى دارغا ئاستى. بۇ ئادەملەر بولسا بۇزۇق ۋە ئەسكى يوللاردا يۈرگەن ئادەملەر بولغانلىتقىن، ئۆز جاجىسىنى تاپتى. ئەكرەمشاھ ئالەم ئاخۇننى سايرامغا، موللا ئاخۇننى بايغا ھاكىم قىلدى. ئاندىن يۈرۈپ ياقېرىق دىگەن جايغا چۈشۈپ، رۇزى تۆرەم دىگەن ئادەمنى يۈز ئەللىك كىشى بىلەن مۇز داۋانغا يولغا سالدى ۋە” ئۆتەڭلەردىكى سىيەنويان (پوشتىكەش ۋە قاراۋۇلچى – ت) خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، چارشەنبە كۈنى جامغا كېلىپ ھازىر بولغىن، بىز بۇ تەرەپتىن، سەن ئۇ تەرەپتىن كېلىپ جامدا يىڭفەن سۇقۇپ ياتقان خىتايلارنى ئوتتۇرغا ئېلىپ يوق قىلايلى “دەپ بۇيرۇق بەردى. بۇ چاغدا باي، سايرام ۋە تاغ ئېتەكلىرىدىكى ئادەملەر ھەممىسى بىردەك قولىغا قارا كالتەك ئېلىپ،” ئاللا! ئاللا!“دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەگبىر ئېيتىپ، ” خوجاملارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئاقسۇغا بېرىپ، زۇلۇم- سەتەم قىلغان كاپىارلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ، غازىلىق دەرىجە ۋە مەرتىۋىسىنى تاپىمىز. ئەگەر ئەجەل يەتكەن بولسا شېھىتلىك شەرۋىتىنى ئىچىپ، ئالى جەنەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى جايىدىن ئورۇن ئالىمىز“دىگەن مۇددىئا ۋە ئۈمىت بىلەن، ھاياتلىق دۆلىتىنى تاشلاپ، ئەجەل شەرۋىتىنى ياخشى كۆرۈپ، ئاتىسى بالىسىغا، بالىسى ئاتىسىغا قارىماي، پىيادە ۋە ئاتلىق بولۇپ خوجاملارنىڭ كەينىدىن يولغا چىقتى. خوجاملار ” بىر قانچە ۋاقىت توختاپ تۇرۇپ تۇرۇڭلار، سىزلەر ئۈچۈن بىز غازات قىلايلى“دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ، ئۇلار: ” بىز زۇلۇم- سەتەمگە تاقەت قىلالماي، نائىلاج ھالغا يەتتۇق. مۇنداق ياشىغىچە ياكى قان بېرەيلى، ياكى جان ئالايلى“دەپ، ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىدىن كېچىپ، يىغلاپ- يىغلاپ كەينىگە يېنىشقا ئۇنمىدى ۋە ئۆزلىگىدىن ئۇزۇق- تالقان، چۇماقلىرىنى كۆتىرىپ، يولغا بىللە راۋان بولدى. بۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن يەتتە مىڭ ئادەمگە يەتكەن ئىدى.
ئەي ئەزىز يارەنلەر، ھەرقانداق پادىشا ياكى ۋىلايەت ھاكىملىرىدىن پۇقرالارغا زۇلۇم- جەۋرىلەر ئۆتكەندە، پۇقرالار ئۆزىنىڭ شىرىن جېنىدىن كېچىپ، ئاللانىڭ دەرگاھىغا يۈز كەلتۈرۈپ، كۆز ياشلىرىنى تۆھپە قىلىپ، چىن ئىخلاسى بىلەن يىغلىسا، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ رەھمەت دەريالىرى جۇش ئۇرۇپ دولقۇن بولۇپ، ئاجىز ۋە كۈچسىز بەندىلىرىنى قۇرال- ياراقسىزلا شان- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىپ، ” مەندىن غەيرى پادىشا يوق“دەپ دەۋا قىلىدىغان زالىم تەكەببۇرلارنى بىر سائەتتە مەغلۇپ قىلىپ يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى كۆككە تۇزىتىپ، ئاجىز ۋە كۈچسىز ھەتتا شور پىشانە بەندە- مەخلۇقلىرىغا تەخت- سەلتەنەت ئاتا ئەيلەپ، ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى شانۇ- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارنىكىدىنمۇ ئارتۇق ۋە يۇقىرى قىلسا، بۇ ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ھىچ كەم ۋە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدايىم بولسا ھەممىگە ئوخشىمايدىغان ۋە ھەممىدىن قۇدرەتلىك ھەم ھەممىنى دەرھال ياراتقۇچىدۇر. ” قۇرئان“دىمۇ ئاللا خالىغىنىنى قىلالايدۇ، خالىغىنىنى ئىرادە ۋە ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئۇ ھەممىنى قىلىشقا قۇدرەتلىك دەپ يېزىلغان.

نەزىم:


                                       گادانى شاھ ئىتەر يوق ھەراسان(قورقماي)*، 
                                       ئاڭا شاھنى گاداي قىلماق ھەم ئاسان

خوجاملار ياقېرىقتىن ئاتلىنىپ، ناماز بامدات ۋاقتىدا قارا يۇلغۇنغا كەلدى. بىر نەچچە ئىراۋۇلچى (قاراۋۇلچى – ت) خىتايلارنى تۇتۇپ يوق قىلدى. بۇ كۈننىڭ ئەتىسى بولسا خېتىپ خوجام بىلەن رۇزى تۆرە ئۇچىرىشىشقا ۋەدە قىلىنغان كۈنى ئىدى. جامدىكى چېرىكلەر ئۈسىتىگە بارماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ھاۋا بۇزلۇپ يامغۇر ياغدى ۋە شىۋرىغان قوزغالدى. خېتىپ خوجام باشلىق ھەممە ئادەم ئۆي- ئۆيىگە كىرىپ ئۇيقۇغا كەتتى. لەشكەرلىرىمۇ دەەخ ۋە تام قاتارلىق نەرسىلەرنى پانا قىلىپ، ئات ئىگەرلىرىنى بېشىغا قويۇپ، خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتتى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە جامدىكى خىتايلار ۋە ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بېك باشلىق نۇرغۇن چېرىكلەر باستۇرۇپ كېلىپ، زەمبىرەكلەرگە ئوت تۇتاشتۇردى. بۇلار ئويغىنىپ قارىسا، قارا چېرىكلەر ئاللىقاچان قورشاپ بولغان ئىكەن. ئۇلار دەرھال تۇرۇپ، بەزىلىرى ئىگەرلىك ئاتلىرىغا، بەزىلىرى يايداق ئاتقا مىنىپ، بەزىلىرى پىيادە بولۇپ، قورقۇنچ ۋە زىزىلە ئاستىدا ئارقىغا قاچتى. خىتاي چېرىكلىرى چاپ- چاپ قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى ھالاك قىلدى. ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچسەك دىگەنلەرنىڭ ئارزۇسى، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ ھىكىمەتلىك مىھىربانلىقىغا سازاۋەر بولدى. نەچچە ئادەم چۆلگە كىرىپ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلدى. ئىككى مىڭ سەككىز يۈزدىن كۆپرەك ئادەم ۋاپات بولدى.
ئومۇمەن، ئىسلام لەشكەرلىرى قالايمىقانلاشتى. خوجاملار كۇچارغا قاراپ يولغا چىقتى. ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بېك بۇلارنى تۇتماقچى بولۇپ، ئالتە پوتەي يەرگە قوغلاپ بارغاندا، خىتايلار” قاچقان دۈشمەننى قوغلاش لى (قائىدە – ت) ئەمەس. جاممۇ قولدىن كەتتى، دەرھال يېنىپ كېلىڭ“ دەپ خەۋەر قىلدى. سەئىد بېك بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال جامغا كەلسە، رۇزى تۆۋە ۋەدە قىلىنغان ۋاقتىدا جامغا كېلىپ، بۇ يەردە قالغان پىلتىرىچ، قوشچى، مۇراخور خىتايلارنى تامامەن ئۆلتۈرۈپتۇ. لېكىن بۇ قارا يۇلغۇندىكى مۇسۇلمانلارنى قاچۇرۇپ ۋە ئۆلتۈرۈپ، بىر مۇنچىسىنى ئەسرى قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، جامدا تۇرالماي، ئۆستەڭبوي دىگەن كەنتكە قېچىپ بارغاندا، تۇتۇلۇپ قېلىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇلۇپ يوق قىلىنغان ئىكەن.
بۇ يەردە مەنكى بۇ ھەرپلەرنى تىزغۇچى مۇئەللىپنىڭ يادىغا شۇنداق ئاجايىپ ئىشلار كەلدىكى ، بۇنى سۆزلىمەي بولمىدى. يەنى خاقانى چىننىڭ زور ۋە كاتتىلىغى ھەممە ئىنسان گۇرۇھىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئايدىڭ. كۇچار بولسا كىچىككىنىلا بىر قەلئە بولۇپ، بۇ چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا، ھىچقانداق نام- نىشانىسى يوق. ھالبۇكى، شۇنچىلىك بىر يەردىن ئازلا مۇسۇلمان باش كۆتۈرۈپ، چوڭ بىر ئىلىمغا باراۋەر كەلگەن كىشى بولۇپ، خېتىپ خوجام بىر مەپىگە چۈشۈپ، موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى بىر مەپىگە چىقىرىپ، ئۆزىگە ئۆزى قانائەت قىلىپ، ئۆزىدىن ئۆزى خۇرسەن ۋە خوشال بولۇپ، باي بىلەن سايرامدەك ئىككى راباتنى ئۆزىگە تەۋە قىلىش بىلەنلا، ھەممىدىن بىغەم ۋە خاتىرجەم بولۇپ، تېخى بەش مەنزىل يەرگە كەلمەي تۇرۇپلا، كىيىم- كېچەكلىرىنى سېلىپ، خاتىرجام بولۇپ ئۇخلاپ، يا ئەسكەرلىرىدىن خەۋەر ئالماي، يا دۈشمەننىڭ خەۋپىنى بىلمەي غەپلەتتە يېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىغا زامىن بولدى. ئەي مۇتەللىپ موللا مۇسا! ئىنساپ قىل، تەنە- تەئەررىزدىن تىلىڭنى يىغ!

نەزىم:


                                          قادالسا بىر تىكەن، ياچۈشسە بىر قىل،
                                         ئىرادىسىز ئەمەس ھىچ ئىش يېقىن بىل.


ھەرقانداق چوڭ- كىچىك ئىش ۋە ھادىسىنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئىرادە تەقدىرىدىن تاشقىرى ئەمەس.” قالۇبەللا“دا (قۇرئاننىڭ بىر سۈرىسى – ت) ئالەم ئىگىسىنىڭ قۇدرەتلىك قەلىمى بىلەن شۇنداق يېزىلغان. بۇ ئالەم يۈزىدە، ئۇنى كۆرمەسلىككە ئەسلا ئىلاج ۋە چارە يوق.
شۇنداق قىلىپ، قازى ئەسكەر موللا ئوسمان ئاخۇنۇم قارا يۇلغۇندا ئولجا چۈشتى. سەئىد بېك ئەسلىدە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ خىتاي مەنسەپدارلىرىنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۆتكۈزۈپ، ”بۇ ئادەم مۇشۇ تايىپىلەرنىڭ باشلىغى ئىكەن. بۇ ئادەم ئۇ ئىشلارنى قانداق سەۋەپ بىلەن قىلغانلىغىنى بىلىشكە لازىم بولىدۇ. بۇنى ئۆلتۈرمەي ساقلاپ قويساق بولارمىكىن“دەپ ئاقسۇنىڭ ئامبانىغا خەت يازغان ئىكەن. بۇ ئاقسۇ ئامبانىغا ماقۇل چۈشۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەي تۈرمىگە تاشلاپ، نەچچە خىتاينى ساقلاشقا قويۇپتۇ. خېتىپ خوجام كۇچارغا بېرىپ، يەنە لەشكەر باشلاپ، بىر ئايدىن كېيىن ئاقسۇنى پەتھى قىلدى. ئۇنىڭغىچە خوجاملار موللا ئوسمان ئاخۇن سەئىد بېك تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئەيىپلەپتۇ. ئاقسۇ شەھىرىنى پەتھى قىلغان چاغدا، بىر نەچچە ئەسكەر خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر ئۆيگە كىرسە، موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنىڭ قول- پۇتلىرىغا مەھكەم ئىشكەل ۋە زەنجىر سېلىپ سولاپ قويغان ئىكەن. ئۇلار موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى شۇ ھالىتى بويىچە خوجاملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىشكەل- زەنجىرلەرنى چېقىپ ئاجراتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيىپتىنمۇ قۇتۇلدى. جېنىمۇ سالامەت قالدى. لېكىن بۇنى ساقلىغان خىتايلارنىڭ بەزىلىرى شەھەر پەتھى بولۇش بىلانلا ئۆزىنى ئۆزى ئېسىپ ئۆلتۈردى. بەزىلىرى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈپتۇ. بىراق، ئۇلار موللا ئوسمان ئاخۇنۇمغا دەخلى قىلالماپتۇ. بۇنى يېزىشتىكى مەقسەت شۇكى، خىتاينىڭ ئۇلۇغلىرى سۆز- بايراقنى ناھايتى چىڭ تۇتىدىكەن. ھەرقانداق بولسىمۇ بىر مۇسۇلمان دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن ئۆلەي دىمەيدىكەن. موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى بەلكى ھەقىقى مۇھاپىزەتچى ۋە ئەيپىسىز ئاللانىڭ ئۆزى ساقلىغاندۇر. خېتىپ خوجام بولسا ناھايتى ساددا، رەھىمدىل ۋە زامان تەجىرىبىلىرىدىن خەۋەرسىز بىر كىشى ئىدى. لېكىن ئۇ مۇسۇلمان مۆمىنچىلىگىدە ئېتىقادى ناھايتى كۈچلۈك ۋە ناھايتى ئىنساپلىق كىشى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئۆتكەندىكى مەغلۇبىيەت خىجالەتچىلىگىدىن بېشىنى زادىلا ئۈستۈن قىلالمىدى.



4



جامالىدىن خوجامنى باش قىلىپ ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇ غازاتىغا يارلىق سۈرۈلگىنى ۋە ئاقسۇنى پەتھى قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ، مۇرات باغچىسىدىن گۈللەنى ئۈزگىنى ۋە گۈللەر بىلەن
كۆڭۈلدىكى مەقسەت ھاسىل بولغىنى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمنى بايانلىرى


 

[align=justify]پىشقەدەم يارەنلەر ۋە سەمىمى يولداشلار بۇنداق ھىكايە ۋە قىزغىن قىسسە قىلىدۇركى، بۇ ياخشىلىق بىلەن قوشكېزەك بولغان زاماندا، جانابى سەيىد راشىدىن خان خوجام سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرپ، بەدەن قامەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق كىيىملىرى ۋە بېشىغا سەلتەنەت تاجىسى يارىشىپ، يۇرتنىڭ ھەممە چوڭ- كىچىكلىرىگە يارلىغىنى يۈرگۈزدى. يارلىق ۋە نىشان، ئۇنۋانلىرىغا”زۇبدەئى ئەۋلادرەسۇلىللا (پەيغەمبەرنىڭ تاللانغان ئەۋلادى)، ئەبۇلمۇزەففەر ۋە ئەلمەنسۇر (زەپەر ۋە نۇسرەتچىلەرنىڭ ئاتىسى – ت)سەيىد غازى راشىدىن خوجام خان خوجام“ دەپ يازاتتى. خېتىپلار مۇنبەرلىرىنى بۇ خان خوجامنىڭ ئىسمى شەرىپلىرى ۋە گۈزەل لەقەملىرى بىلەن بېزەپ زىننەتلىدى. خان خوجام خاقانى چىنىنىڭ پۇلىغا ئوخشاش قىلىپ پۇل قۇيدۇردى. پۇلنىڭ يۈزىگە ” راشىدىن خان غازى“ۋە يەنە بىر تەرىپىگە ” كۇچار سەلتەنەتىنىڭ سوققان پۇلى“دەپ خەت ئويدۇردى. بۇ پۇل ھازىرمۇ داۋاملىق خەجلەنمەكتە.
راشىدىن خان خوجام خېتىپ خوجامنىڭ قارا يۇلغۇندا شىگەست يەپ قېچىپ كەلگەن قورقۇنچلۇق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، بىر قانچە گۇناسىزنى سىياسەت قىلىپ دارغا ئېسىپ، ئۇلارنىڭ تەن- ۋۇجۇت خامىنىنى سورىدى، ھەمدە چوڭ- كىچىكلەر گۇنادىن ئۆتۈشنى تىلەپ ۋە يالۋرۇپ، توۋا قىلىپ، ئىناۋەت ۋە ئىتائەت ھالقىسىنى يېڭىۋاشتىن بېكىتىپ، چىن ئىخلاسى بىلەن بوي سۇنۇپ ۋە ئىتائەت قىلىپ، ئۆزرە- ئىززەتتىن ئېغىز ئاچتى. بۇ چاغدا ئاكىسى جامالىدىن خوجامنىڭ قىياپىتىدىن لەشكەركەشلىك، سىياسەتلىك ۋە پۇقراپەرۋەرلىكتە ناھايتى قابىلىيەتلىك ئىكەنلىگى بىلىندى. خان خوجام يارلىق قىلىپ، ئۇنى سەككىز يۈز لەشكەر ۋە توپ- زەمبىرەكلەر بىلەن ئاقسۇغا يولغا سالدى. بۇ كىشى بولسا يىراكنى كۆرەلەيدىغان، تەدبىرلىك، دۆلەت ئىشلىرىدا شىجائەتلىك، تىبابەتچىلىك ئىلمىدە ناھايتى ماھىر، دىلى قاتتىق ۋە غەيرەتلىك كىشى ئىدى. كۇچاردىن تارتىپ سايرام ۋە بايغا قەدەر ھەممە جاينى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىشقا يارايدىغان ياش، كۈچ- قۇدرەتلىك، پالۋان ۋە جۈرئەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ تاللاپ، ئىككى مىڭچە ئادەم تەييارلاپ ئىراۋۇلچى، قاراۋۇلچىلارنى قويۇپ، تولۇق ئېھتىيات ۋە ھۇشيارلىق بىلەن چوڭ يولنى تاشلاپ، ئىلى تەرەپكە ماڭغان بولۇپ، بۇ يولدىكى ئاراشۇر دىگەن يەرگە چۈشتى. بۇ جايدا لەشكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئات- ئۇلاقلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، خىتاي چېرىكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىلىپ، ياخشى ۋە يامان كۈنلەرنى مۇلاھىزە ۋە سىناق قىلىپ، يۇلتۇز ۋە پەلەكلەرنىڭ بەلگىلىرىگە قاراپ يىگىرىمە كۈنچە تۇرۇپ قالدى.
بۇ كۈنلەردە كاشىغەر، ياركەنت، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن ئىلىغا ئەۋەتىدىغان شاڭ- خىراجىلار مۇزارت داۋىنىغا بارغاندا، يۇرت پاراكەندە بولۇپ، يولدا توختاپ قالغان ئىكەن. خوجاملار بۇ شاڭلارنى ئۆز ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ” شاڭ“دىگەن سۆز ” بۆز- خام“ دىگەن سۆز بولىدىكەن. بۇ سۆزنىڭ تەپسىلاتلىرىغا كەلسەك، بۇرۇنقى زاماندا مۇسۇلمان خانلىرىدىن ئىسمائىل خاننىڭ زامانە- ئەسىرلىرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن مەخدۇم ئەززەمنىڭ نەۋرىلىرى خوجام يۈسۈپ خوجام ئوغلى خوجا ئافاق بىلەن ياركەنت تەۋەسىگە كەلدى ۋە ئىسمائىل خاندىن خاپا بولۇپ، ئىلىغا چىقىپ، قۇن تەيجى تۆرىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ئەرز- ھالىنى بايان ئەيلەپ، ” مېنى ھەيدەپ چىقاردى، يار مەدەت بەرسىڭىز“ دەپ ئىلتىجا قىلغاندا، قۇن تەيجى بىر مۇنچە قالماقنى ھەمرا قىلىپ بېرىپتۇ، بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇرتقا ئىگە بولۇپ، ئىسمائىل خاننى ئائىلە تەئەللاقاتى بىلەن ئەسىر قىلىپ ئىلىغائېلىپ كېتىپتۇ. قالماقلار يانماقچى بولغاندا، بۇلارنىڭ قۇرۇق يېنىشى مۇناسىپ ئەمەس دەپ، بۇ يەتتە شەھەردىن بىر مۇنچە بۆز- خام يىغىۋېلپ، ئەھۋالغا يارىشا ئىنئام ۋە ئېھسان قىلدى. قالماقلار ھەر يىلى بۇنداق بۆز- خامنى تەمە قىلاتتى، بەرمەسلىككە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ” قالماققا بۆز، خىتايغا سۆز“دىگەن تەمسىل شۇ چاغدىن قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ چاغلاردا بۇ دىياردا خامدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. سودا- سېتىق ئىشلىرىدا پۇل ئورنىدا بۆز- خام ئىشلىتىدىكەن. كېيىنچە بۇ يۇرتلار خاقانى چىنغا تەۋە بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئەھۋال باقى قالغان ئىكەن. شۇڭلاشقا بۇ خىايچە ” شاڭ“دەپ ئادەتلەنگەن ئىكەن.
ئۇ زاماندىن راشىدىن خان زامانىغىچە ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. يۇرت ھاكىملىرى ۋە باشلىقلىرى مەزكۈر بۆز- خامنى ئىلىغا بېرىپتۇرغان ئىكەن. لېكىن بۇ بۆز- خامنىڭ مىقدارى يىلدىن- يىلغا كۆپىيىپ تۇراتتى. خوجاملار مەزكۈر بۆز- خاملارنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇنى كېپەن ۋە ئېھرامدەك قىلىپ يۆگىنىپ، بېشىغا پارا ۋە سەللە قىلىپ يۆگەپ”ئەمدى كېپەنلىگىمىز مۇشۇ بولىدۇ“ دەپ ھەممىسى تېخىمۇ بىر نىيەت- بىر دىل بولۇشۇپ، يىغلاپ قاخشاپ، ئىلاھى دەرگاھىغا ئاجىزلىغىنى بىلدۈرۈپ، خوجاملار بارلىق ھەممىسىلا ئاق ماتاغا يۆگىنىپ، گويا ئاق قويدەك بولۇپ، ھىممەت ۋە جۈرئەت كەمىرىنى بېلىگە باغلاپ، بىر كېچىدە ئاراشۇردىن ئاتلىنىپ، مۇزداۋان يولى بىلەن كېلىپ جامدا قورغان سوقۇپ ياتقان چېرىكلەرنىڭ ئۈستىگە خۇددى تۇيۇقسىز كەلگەن بالا- قازادەك ئۆزىنى ئۇردى. بۇ چاغدا كاپىرلار تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئىكەن. شۇڭلاشقا، مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى ياردەم ئۈچۈن كەلگەن مۇسۇلمان چېرىكلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىلا تىغ سىياسىتىدىن ۋە غەھرىيەتتىن ئۆتكۈزدى. پەقەت ناھايتى ئازدىن ئاز قىسىمىلا جېنىنى جايلاپ، ئۆزىنى ئاقسۇ شەھىرى ئىگە ئالدى.
بۇ كۈنلەردە ئىلىدىن كاشىغەرگە بېرىپ شەھەر ساقلايدىغان بەش يۈز سولۇن، قالماق ئوقيا، ساغداق، ئوق- دورا ۋە ياراقلىرى بىلەن ئاقسۇغا كېلىپ، كاشىغەرگە ماڭغىچە، كۇچارنىڭ بۇزۇلغانلىغى خەۋىرى كېلىپ، بۇلارنى كاشىغەرگە ماڭدۇرماي، جامغا بىللە ئېلىپ چىققان ئىكەن. يەنە سوكۇ- سالتاڭ، قىمارۋاز، سەرگەردانلاردىن بىر مىڭچە ئادەم يىغىپ، خىتايچە كىيىم- ئاياق كىيدۈرۈپ، ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ جامغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا تىغ سىياسىتىدىن ئۆتتى. جام ۋە ئاقسۇدا بولۇپ، خىتاي، قالماق، مۇسۇلمان مۇناپىقلاردىن تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشى يوق قىلىندى. ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بېك قەشقەرگە قاچتى. باي ھاكىمى تېمۇر غەزنىچى بېك خوتەنگە كەتتى. خوجاملار خىتايلارنى قوغلىنىغىچە ئاقسۇغا كىرىپ، بۇ جاينىڭ دار سەلتەنەتىگە ئورۇنلاشتى. تارىخ ھىجرى ماھى سەپەر مۇزەپپەرنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى (مىلادى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى - ت) ئاقسۇنىڭ چىڭچەي ئامبانى باشلىق ھەممە مەنسەپدارلىرى بۇ ئىش- ئەھۋالنى كۆرۈپ، بارلىق بالا پەرزەنتى، خوتۇن- تەيتەيلىرىنى ئۆز ئوردىسىغا يىغىپ، ئەتىراپىغا دورىلارنى قويۇپ، بېيجىن تەرەپكە قاراپ ناھايتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىرنىمىلەرنى دەپ يىغلاپ- يىغلاپ تاماكىسىنى چېكىپ، غاڭزىسىدىكى ئوتنى دورىغا تاشلىغان ئىدى. ھەممىسىلا دەرھال يوق بولۇپ، جەھەننەمگە كەتى. موسۇلمانلار شادى- خورام بولدى، مۇناپىقلار غەم- ئەلەمگە تولدى. مۇبارەكباتلىق ئۈن- ساداسى ئاسمەن پەلەكنىڭ ئۈسىدە ياڭرىدى. غەلبە ۋە نۇسرەتتىن كېيىن، جامالىدىن خوجام ئاقسۇ تەخت سەلتەنەتىدە ئولتۇرۇپ، خىتايلاردىن ئېلىنغان ئولجىلارنى ئەسكەرلەرگە ئىنئام قىلىپ بەردى. ھەر كىشى ئۆز كۈچ- قۇدرىتىنىڭ بېرىچە ئولجا ۋە غەنىمەتلەرگە ئىگە بولدى. كۇچارلىق ئابدۇلراخمان دوپ بېگىنى دادخۋا قىلىپ تەينلىدى. ئاقسۇلۇق قاسىم قازى بېكنى ئەمىر لەشكەر قىلىپ تەيىنلىدى. بۇرۇنقى ئەلمە، مۇپتى، قازىلارنى ئۆز ئورۇنلىرىدا قويۇپ، ئۆز مەنسەپلىرىنى مەرھەمەت قىلدى. ھىچ كىمگە دەخلى- تەئەرۇز قىلىنماي، ھەممە ئادەم ئىلگىركىدەك ئۆز ئورۇن ۋە دەرىجىسىدە قالدى.

داۋامى بار.





[align=justify]

[align=justify]جامالىدىن خوجام ئاقسۇغا ئاتلانغان چاغدا، خېتىپ خوجامنىڭ چوڭ ئوغلى ھامىددىن خوجامنى يۈز لەشكەر بىلەن مۇز داۋاندىن خەۋەر ئالدۇرغىلى ماڭدۇرغان ئىكەن. ئۇ مۇز داۋاندا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاقسۇ پەتھى بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئورنىدا ئادەم قويۇپ، ئاقسۇغا كېلىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ كۈنلەردە ئىلىدىكى جاڭجۈن ئاقسۇ ئامبانىغا يار ۋە مەدەت بولۇش ئۈچۈن يەتتە مىڭ خىتاي چېرىگى ، ئۈچ مىك قالماق چېرىگىنى ئوق- دورا ۋە قورال- ياراق بىلەن ئاقسۇغا ماڭدۇرغان ئىكەن. بۇلار مۇز داۋاندا ئادەم توسۇپ ياتقانلىغىنى بىلىپ، ئەللىك كۈنچە تۇرۇپ يېنىپ كېتىپتۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خوجاملار ئاقسۇنىڭ ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولغان ئىكەن. كاشىغەر، ياركەنت، ئۈچتۇرپان تەرەپتىن تېخى خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۈچتۇرپاننىڭ شەھىرى بولسا مۇستەھكەم ۋە چېرىكلىرى كۆپ ئىدى. خېتىپ خوجام ئۈچتۇرپان غازاتىغا بېرىشنى ئويلاپ، جىددى تەييارلىق قىلماقتا ئىدى – ۋەسالام.





5


سەيىت غازى خوجام ۋە ئ.ۇنىڭ كۆز قارىغۇچى ھامىددىن خوجاملار ئۈچۇرپاننى پەتھى ۋە تەسخىر قىلىشقا ماڭغىنى، ئېچىلىپ، مۇرات- مەقسەتنىڭ قولغ كەلگىنى ۋە باشقا
ھادىسە ھەم ۋەقەلەر بايانى

[align=justify]

سادىق دوستلارنىڭ ۋە مۇۋاپىق بۇرادەرلەرنىڭ توغرا زېھىنلىرىگە يېتىپ روشەن ۋە مەلۇم بولغايكى، ماھى سەپەر مۇزەپپەرنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى – ) ئىدى. سەئىد غازى خېتىپ خوجام ۋە چوڭ ئوغلى ھامىددىن خوجاملار باش بولۇپ، ئالتە يۈزچە لەشكەر، توپ- زەمىرەكلەر بىلەن بىللە، بىر قانچە ئىش بىلەرمەن ۋە ھۆرمەتلىك ئەمەلدار بەگلەر ۋە بەگزادىلەرنى ھەمرا قىلىپ، ئاقسۇلۇق موللا ئابدۇللا فازى ئاخۇنۇمنى قازى ئەسكەر قىلىپ، ئۈچتۇرپان تەۋەسىدىكى ئاچا تاغ دىگەن يەرگە چۈشتى. ئۈچتۇرپان خىتايلىرى ئۈچتۇرپان ھاكىمى توختى بېكنى نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئاچا تاغدا قاراۋۇلچى قىلىپ قويغان ئىكەن. بۇلار خوجاملارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلانلا خالار- خالىماس تۈركۈم- تۈركۈملەپ خوجاملارنىڭ خىزمىتىگە كېلىپ، خىزمەتكار ۋە غولام مۇقامىدا بېلىنى مەھكەم قىلىپ، ئەمىر- ئىتائەت يولىنى ئۆزىگە پەرز ۋە ۋاجىب دەپ بىلىشتى. بۇنىڭ كەينىدىن ھەممە ئۈچتۇرپان ئەھلى توپ- توپ ۋە گورۇھ- گورۇھ بولۇپ كېلىپ، خوجاملارنى زىيارەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە پەخرى- ئاتاق دەپ بىلىشىپ، خىتاي شەھىرىنى پەتھى قىلماقنى مەسلىھەت قىلىشىپ، شۇنىڭ تەرەددۇتلىرىغا چۈشتى. خوجاملار باشلىق ھەممىسى بىر نىيەت بولۇپ، خىتاي شەھىرىنى قورشاپ جەڭگە تەييار بولدى. خىتايلار سېپىلدىن مىلتىق، زەمبىرەك ئېتىپ، بولا ئادەمنى نابۇت قىلدى. ئىسلام لەشكەرلىرى بىر تەرەپتىن ئىگىز ھۇجۇم شاخاپچىلىرىنى باغلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەلجەر دىگەن تاغنىڭ كەينىگە لەخمە كولىتىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، خىتايلار ئۇشتۇمتۇت دورىخانىغا ئوت تاشلىدى. ئوت كەتكەن ھامان مەيلى خىتايلار ياكى تاملار، قورال- جابدۇقلار، بۇتخانىلار ۋە مەلجەر تېغى خۇددى تۇزاڭدەك كۆككە ئۇچتى. كىشى كىشىنى تونۇمىدى. ھەتتا بىر- بىرىنى كۆرەلمەيتى. كۈندىزى كۈن گۇياكى كېچىنىڭ قاراڭغۇسى ئىدى. كاپىرلارنىڭ پۇت- قوللىرى دورىنىڭ كۈچى بىلەن بىر تاش ياكى ئىككى تاش مىقدارى يەرگە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بەزىلەرنىڭ باش ياكى بەدىنى دەل- دەرەخلەرگە ئېسىلىپ قاپتۇ. ئۈچتۇرپاندىكى بۇ دورىخانا پۈتۈن ئەلتە شەھەرنى قامدايدىغان چوڭ دورىخانا ئىكەن .
گەپنىڭ قىسقىسى، ئۈچتۇرپان يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن پەتھى قىلىندى. خېتىپ خوجام زەپەر ۋە غەلبىلەردىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بارگاھى ياكى ئارامگاھلىرىدا ئولتۇرۇپ، ياخشى- يامان ياكى ھەزەرلىك ئادەملەرنى بىر- بىرلەپ ئايرىپ، ئۇلارنىڭ گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، بەزىلىرىگە شاھانىلىق ئىنئام ۋە خوسرەۋانىلىق مەرھەمەتلەر كىرگۈزدى. ئامما بەزى جالاپ ۋە پاھىشۋاز خوتۇنلارنى ۋە كاپىرلارنىڭ پېئىل- خۇيلىرىنى كەسپ قىلىپ كاپىرچە يۈرگەن ۋە يامانلىققا باشلغىغان پاسىقلارنى ئىبرەت ئۈچۈن تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزۈپ سىياسەتلىدى. ئۈچتۇرپاننىڭ بۇرۇنقى ئەلىمى موللا ئاتاۋۇللا ئاخۇننى يەنە ئەلەم قىلدى. توختى ھاكىم بېكنى يەنە قەدىمقى دەستۇرى بويىچە ھاكىم ۋە دادخۋا قىلىپ تەيىنلىدى. باي مۇھەممەت قازى بېكنى يەنە قازى بېك قىلپ تەيىنلىدى. دوستلار خۇرسەن ۋە شات، دۈشمەنلەر غەمكىن ۋە پەرىشان بولدى. مۇبارەك بادلىق ساداسى گۈمبەزدەك بۇ يېشىل ئاسمانىن ھالقىق كەتتى.
ئەلقىسسە، بىر مۇنچە ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ ئارقا- ئارقىدىن بەرگەن نۇرغۇن خەۋەر ۋە رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، بۇرۇنقى زامانداد يەنى فەغفۇرچىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەۋۋۇر قىلغان چاغدا، جامالى جاھان ئارا ئاپتاپ نۇرىدەك ۋە تەڭدىشى يوق يەككە گۆھەردەك ئون ئالتە ياشلىق بىر قىز [141] مەنسەپدارلارنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇلار” ئۇلۇغ خانغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازرۇ قىلغۇدەك مەھبۇب سوغا- سالام ۋە تۆھپە بولماس“ دەپ، فەغفۇرچىننىڭ خىزمەتلىرىگە تارتۇق ۋە تۆھپە قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئەمما بىر كۈنى خان بۇ قىز تۇرغان ھۇجىرىغا كىرسە، ئۇنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانىغىنى كۆرۈپ خىيال قىلىپ، يەر يۈزىدە مەندىن چوڭ ئۇلۇغ خان بولمىسا، نىمە ئۈچۈن يىغلايدۇ، بۇنىڭ سوراپ راستىنى بىلەي دەپ قىزغا سۇئال قويغاندا، قىز سۆز تاپالماي، ” مېنىڭ يۇرتۇمدا مىۋىلىك بىر دەرەخ بار. ئۇنىڭ مىۋىسى ئالتۇندىن، يۇپۇرماقلىرى كۆمۈشتىن، يىلىمى ئەتتىردىن ئىدى، شۇ يادىمغا كېلىپ يىغلايمەن“دەپتۇ. خان يارلىق قىلىپ، ” ئۈچۇرپاندا بۇنداق بىر دەرەخ بار ئىمىش، ئۇ تېزلىك بىلەن يەتكۈزۈپ كېلىنسۇن، بۇ دەرەخ مېنىڭ باغلىرىمغا لايىق ئىكەن“ دەپ يارلىق بېرىپتۇ. يارلىق كېلىشى بىلانلا مەنسەپدارلار ئۈچتۇرپان ھاكىمى رەھمىتۇللا بېك [142] دىگەننى ئاگاھ قىلىپ،” بۇ خىل دەرەخنى كۆچەت قىلىپ بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ، ئۇلۇغ خاندىن ئىلتىپات كۆرۈپ يانىسىز“دەپ بۇيرىغاندا، ھۆكۈمنى رەت قىلالماي، جىگدە كۆچىتىنى ئېلىپ، ئادەملەرنى ھاشا قىلىپ، كۆچەت كۆتەرتىپ، زۇلۇم- جەۋر قىلىپ، تۆت پوتەي يەرگە يەتكدەندە، كۆچەت كۆتەرگەن ئادەملەر بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ” بۇ كۆچەتلەرنى بېجىنگە ئېلىپ بارغۇچە تۇلا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرايدىغاندەك، بۇ ئەھۋالنىڭ سىرىنى رەھمىتۇللا بېككە ئىزھار قىلساق، بىز بىلەن بىر سۆز- بىر نىيەتتە بولسا ناھايتى ياخشى، ئەگەر سۆزىمىزگە كىرمەي قارىشلىق قىلسا بۇنى ئۆزى بىلەر“دەپ ئەھۋالنى رەھمىتۇللا بېككە بايان قىلىشتى. بۇنى رەھمىتۇللا بېكمۇ ماقۇل كۆرۈپ، مەزكۈر كۆچەتلەرنى كالتەك قىلىپ كۆتۈرۈپ، بىللە ماڭغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، خان، ئامبال باشلىق مەنسەپدار ۋە چېرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، رەھمىتۇللا بېكنى ئۆزىگە مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ، ئۈچتۇرپاننى توققۇز ئاي سوراپتۇ.
بۇ ۋەقە - ھادىسە بىجىنگە ماڭغاندا، لەنجۇ سڭنىڭ بۇ تەرىپىدىن ناھايتى كۆپ قارا چېرىكلەر كېلپ، تولا ئۇرۇش بولۇپ، ئۈچتۇرپاننى ئىككىچى قېتىم تەسەررۇف قىلىپ، ئادەملىرىنى قىرغىن قىلغان ئىكەن. تىغدىن ئېشىپ قالغانلىرىنى ئۇ تەرەپ قامۇلدىن، بۇ تەرەپ ئىلىغىچە، ھەتتا كاشىغەر، خوتەنگىچە بولغان ھەر قايسى ئۆتەڭلەردە تۆت ئۆيلۈكتىن ئادەم تەيىن قىلىپ، خەت توشۇيدىغان ۋە خىتايلارغا خىزمەتچى قىلىپ بەلگىلەپ تارقىتىۋەتكەن ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ ئەۋلادىنى تا ھازىرمۇ ” تۇرپانلىق“دىگەن نام بىلەن ئاتايدۇ. لېكىن، ئىلى تەرىپىگە بارغان ئادەملەر بولسا بىر نەچچە ئەۋلاتتىن كېيىن، قالماقلىرىنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، قالماققا ئوخشاش بولۇپ كېتىپتۇ. بۇلار ھازىر ئۆزىنى ” بىز مۇسۇلمان قالماق بولىمىز “دەيدىكەنمىش. بۇ ۋەقە خاقانى چىنى يەتتە شەھەرنى تەسەررۇف قلىپ ئون يەتتىنچى يىلى [143] يۈز بەرگەن ئىكەن.
بۇ قېتىم ئۈچتۇرپان ئېلىنىپ دورىخانىغا ئوت كەتكەندە، بىر قانچە كونا كىتاپنىڭ ۋارقلىرى، قورال- ياراقلار، ئىگەر- تۇقۇم، لىڭىرچاق، بوقۇسا، ئارا قاتارلىق نەرسىلەر چېچىلىپ يېتىپتۇ. مەن بۇ نەرسىلەرنى مۇئەللىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇچۇق كۆرۈپ، ۋەقە سەۋەپلىرىنى سورىسام، ئۇلار ” رەھمىتۇللا بېكنىڭ قوزغىلىڭىدا بۇ ئەساۋاپلارنىڭ ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ نەرسىلەرنى گۇناكار قىلىپ ساقلىغان ئىكەن. دورىخانىغا ئوت كەتكەندە، ھەممە نەرسە كۆيۈپ كۈل بولۇپ ئۆچۈپ كەتكەن. بولمىسا بۇنداق نەرسىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىدى، كۆرگەنلىرىڭىز بولسا پەقەت ئۇلاردىن ئېشىپ قالغانلىرى“دەپ تولا ھىكايە قىلىشتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ جاۋاپلىرىغا قانائەت قىلىپ بەس دەپلا قويدۇم.
ئىلگىرى خاقانى چىنى بۇ يەتتە شەھەرنى ئالغاندا، ئۈچۇرپاننى پايتەخت ئورنىدا قىلىپ، خان، ئامبانىنى ئۈچتۇرپاندا توختىتىپ، ئالتە شەھەرنىڭ مەنسەپدار ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىنى ئۈچتۇرپانغا قاراشلىق قىلىپ قويغان ئىكەن. يۇقارقى ۋەقەدىن كېيىن ئۇلۇغ خان ئۇچتۇرپاندىن كايىپ، ئادەملىرىنى قىرغىن قىلىپ، تامامەن يوق قىلىپ، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلپ، كۆچمەن قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. بۇ ۋەقەدىن بۇرۇن بۇ جاينىڭ نامى” ئۈچ“دىگەن سۆز ” تۇرپان“سۆزى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۈچتۇرپان“ياكى ئۈشتۇرپان“دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن بولسا ئۈچتۇرپان يەتتە شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك شەھەرلەرنىڭ بىرى قىلىنغان ۋە مەنساپدارلىرىنىڭ دەرىجىسىمۇ پەسەيتىلگەن ئىكەن. خان، ئامباننى بولسا ياركەنتتە تۇرسۇن دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۈچتۇرپان خەلقى ھېلىمۇ ” كۆچمەن“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر.
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھەقىقىي پادىشا ئاللا كۆچمەندىن بۆلەك شەھەرلەرنى ئۆز مۇھاپىزىتى ئىچىدە ئاسراپ، ئۇلارنى خۇددى ئۈچتۇرپان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش ھادىسىلەردىن ساقلىدى. ئەي ئىلاھى پادىشا، ھەر يۇرت ۋە ھەر شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى، سېنى نىقاپ قىلىپ پادىشا تونىنى كىيگەن مەجازى ئادەملەرنىڭ غەزەپ ئوتلىرىدىن زۇلۇم- جەۋرىلىرىدىن ساقلاپ، ئۆز پانايىڭدا ئاسىرغايسەن – ئامىن!
لېكىن، بۇ نۆۋەتتە سەئىد غازى خېتىپ خوجام ئۈچۇرپاننى پەتھى قىلىپ، زۇلۇم ئىشىگىنى تاقاپ،ئادالەت بابىنى ئېچىپ، شەرىئەت مۇستافاۋىيەننىڭ شەرىئەت نىزاملىرى ۋە ناماز تەھىييەلىرىنى كۈچلۈك راۋاجىلاندۇرۇپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، پۇقرا- خالايىقنى ياخشى يولغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئامانلىغىنى ساقلاش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىپ تىرىشتى. خوجا ۋەسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىن ھۆكۈمرانلىغى مەيدانى ۋە ئادالەت سەھنىسىنى ئىگەللەپ، توغرا يولنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ ئىلگىرلىدى. چۈنكى، خوجاملارنىڭ ھەممىسىلا ياشتا چوڭ ۋە ئابرۇيدا زىيادە ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار گەرچە پەلەتكنىڭ كاجلىغى ۋە نەسلىگىگە ئۇچۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنە ناھايتى تېزلا يۇقۇرى سائادەتكە ئېرىشتى. ئەگەر خۇداۋەندەكېرىم شەرىئەت پانا ئەنبىيا- مۇرەسسەلەرگە، پەزىلەتلىك ۋە توغرا يوللۇق ئەۋلىيالارغا، رەھىمدىللىق ۋە قۇدرەتلىك ماشايىخلارغا ھەم ئاللانىڭ رازىلىغىغا ئېرىشكەن ئالى دەرىجىلىك پادىشالارغا شانۇ- شەۋكەت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە ۋە تەقدىر قىلماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ ھىكىمىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئېغىر ھىجران ۋە خارۇ- ئەلەمگە مۇپتىللا قىلىپ، جاھاننىڭ ئىسىق ۋە سوغاقلىرىنى كۆرسىتىپ، مېھنەت ۋە مۇشەققەتلەرنىڭ قايغۇسىنى تېتىتىپ، ئاھۇ- نادامەت تۇزاق- تۇپراقلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇشايمان ئوتى بىلەن پۇششۇرۇپ، خار ۋە بىئوېتىۋار كوچىلاردىن ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن كېيىن دەرىجىمۇ- دەرىجە ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئەۋجىگە قەدەممۇ- قەدەم ئېلىپ چىقىپ، بەزىلىرىنى ئۆزىگە ھەقىقى يېقىن دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەھبۇبى ۋە قۇبۇل تۇتقان بەندىسى قىلىدۇ. بەزىلىرىنى بولسا تەخت- سەلتەنەتتە ئولتۇرغۇزۇپ، قەدىر- مەنزىلىنى پەلەك دەرىجىسىدىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىپ، ئۇلۇغلۇق سۈپىتىنىڭ سايىسىنى يايدۇرۇپ، ھەقىقىي پادىشالىق دەرىجىسى ۋە دۆلىتىنى ئىلتىپات قىلىپ، دۆلەت ئاپتىۋى سولىشىنىڭ ئاغامچىسى بىلەن زۇلۇم قۇدۇقىغا چۆككەن زۇلۇمكەش ئاجىزلارنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت سايىسى بىلەن پەرۋىش قىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، «ھەدىس شېرىپ» تە ” پادىشالار خۇددى قويچىغا ئوخشاش بولۇشى ۋە ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم“دەپ يېزىلغان. ھەرقانداق قويچى قوينى ئوبدان بېقىپ، ئوبدان خەۋەر ئالسا، قويلار سىمىز بولىدۇ، قوي كۆپۈيىدۇ. قويچىنىڭ مەرتىۋىسىمۇ ئاشىدۇ. ئەگەر قويدىن ئوبدان خەۋەر ئالماي، بىپەرۋالىق قىلسا، قوي ئىگىسى قويلىرىنى يەنە باشقا ئوبدان قويچىغا تاپشۇرۇپ، ئىلگىركى قويىچىنى ئالدىدىن ھەيدىۋېتىدۇ. جۈملىدىن، ئەگەر ھەرقانداق پادىشا پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالسا، ئۇنىڭ دۆلىتى ئارتۇق، مەرتىۋىسى يۇقىرى قىلىپ، يۇرتلىرىنى ئاۋات ۋ مەمۇر قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇ بىپەرۋالىق قىلىدىكەن، مۈلكى ئالەمنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسى بولغان ئاللا، ئۇنىڭ مەمىلكىتىنى يەنە بىر پۇقراپەرۋەر مەخلۇققا تاپشۇردىكەن. چۈنكى، بىر زالىم مىڭ بۆرىدىن بەتتەر ياماندۇر. مەمىلكەت بولسا ئادالەتلىك بىلەن ئاۋات ۋە زۇلۇم بىلەن خاراپ- ۋەيران بولىدۇ.
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، سەئىد غازى خېتىپ خوجام ئۈچتۇرپاندا ئۈچ ئاي مىقدارى تۇرۇپ قالدى. كاشىغەردە سىدىق بېك قىپچاق دىگەن باش كۆتىرىپ ئىستىلا تاپتى دىگەن خەۋەر ئاڭلاندى ۋە كاشىغەرگە بېرىشنى پىلانلىدى
.


6

سەئىد غازى خېتىپ خوجام ۋە توغرا يوللۇق پەرزنەتى ھامىدىدىن خوجاملار كاشىغەرنى پەتھى ۋە تەسەررۇف قىلىشنى تاما قىلىپ لەشكەر تارتقىنى ۋە يولدا بولغان ۋەقلەر ئەھۋالاتى، خوجاملار ساددىىلق قىلىپ، سىدىق بېككە گىرىپتار بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت خالاسلىغىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئۆز ماكانىغا مۇراجەت
قىلغانلىغى ۋەقەلىرى بايانى





[align=justify]
دىل كۆزى بىلەن كۆرىدىغان ئەرباپلار ۋە بىلم خاتىرىلىك دوستلارنىڭ يۇرۇق دىللىرىغا روشەن ۋە ئايدىڭ بولغايكى، سەئىد غازى خېتىپ خوجام شۇ يىلى جامادىلئاخىرنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى – ت) كاشىغەرنى پەتھى ۋە تەسەررۇف قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپ، ئۆز- خەرگاھلىرىنى ۋە چېدىر- بەرگاھلىرىنى ئوت بېشى دىگەن جايغا تىكىپ، ھامىددىن خوجامنى ئىككى (مىڭ) لەشكەر بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ ئالدىدا ئەۋەتتى. ئىككى كۈنىدىن كېيىن، بىر مىڭ بەش يۈز مەھرەم، ياساۋۇل بىلەن زەپەرگە ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، قارا بۇلاق دىگەن مەنزىلگە بارغاندا، نىيىتى بۇزۇلغان بىرقانچە باشباشتاق قىرغىزنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، جازاسىنى بەردى. بۇ چاغدا، ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بېك جام جېڭىدىن جېنىنى ساقلاپ، كاشىغەرگە قېچىپ، ئاكىسى قۇتلۇق بېكنىڭ ئالدىغا بارغان ئىدى. قۇتلۇق بېك بۇ چاغدا كاشىغەرگە ھاكىم ئىدى. سەئىد بېك ئاكىسىنىڭ مەسلەھەتى ۋە مەنساپدار ئامبانلارنىڭ كېلىشى بىلەن قاخشال يولىنى بويلاپ، ئىلى جاڭجۈنىگە خەت ئېلىپ، ياردەمچى چىرىك ئېلىپ كېلىشىنى نىيەت ۋە مەقسەت قىلىپ يولغا چىققان ئىكەن. بۇنى بىر قانچە قىرغىز تۇتۇپ كەلدى. ھامىدىن خوجام ئۇنىڭ تەن- ۋۇجۇت خامىنىنى كۆككە سورىماقچى بولۇپ تەييارلانغاندا ، قول ئاستىدىكى دۆلەت ئەركانلىرى سەئىد بېكنىڭ قېىنىنى تىلەپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلدى. ھامىدىن خوجام ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى بارلىق گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، ئەماراتلىك (ئەمىرلىك – ت)، ئەمىرلىك مەنسىۋىنى بېرىپ، سەئىد بېكنىڭ توڭچىسى ئىسمائىل كۇتۋال ناملىق بىر كىشىنى تۇغقا قان قىلدۇرۇپ، (قەسەم ئىچكۈزۈپ – ت)، مەقسەت مەنزىلى بولغان كاشىغەرگە ماڭدى. بۇلار ئۈستۈن ئاتۇشقا بېرىپ، ئەتىسى كاشىغەرگە كىرىمىز، قۇتلۇق بېك بولسا مۇسۇلمان ۋە بىز بىلەن بىر يەرلىك، شۇڭلاشقا ئۇ تەرەپتىن قۇتلۇق بېك، بۇ تەرەپتىن بىز ھۇجۇم قىلىپ، سىدىق بېك قىپچاقنى ئوتتۇردىن كۆتۈرىمىز دەپ خام خىيالنى ئوت قالىماي پۇشۇرۇپ، بۇنى چىشسىز، ئېغىزسىز نادان دىل تەسەۋرۇىدا چايناپ لەززەتلىنىپ خوش بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئۇشتۇمتۇت كاشىغەر تەرەپتىن بىر ئۇلۇغ تاغ نامايەن بولدى. يۇقىرىدىىن سىنچلاپ قارىسا، تۇغنىڭ كەينىدىن نۇرغۇن قوشۇن ئۇچۇق كۆرۈندى. بۇلار ئىلاجىسىز جەڭگە كىرىشتى. ئۇ تەرەپتىن قىپچاقلار كېلىپ، ئۆز-ئارا جەڭ باشلاندى. ئىككى تەرەپتىن بىر مۇنچە ئادەم زىيان بولدى. بۇ چاغدا سىدىق بېك تەرەپتىن ئادەم كېلىپ، ئۇنىڭ ” خوجاملار بىلەن ئۇرۇشماي، تىنچلىق ۋە ياخشىلىق بىلەن شەھەرگە تەكلىپ قىلىپ كېلىڭلار، ھەر قانچە بولسىمۇ، ئۇلار ئىسلام ئاچقان سەئىد غازىلاردۇر ۋە يۇرتىمىزغا كەلگەن مېھمىنىمىزدۇر“ دىگەن خەۋىرىنى يەتكۈزدى ۋە ئالدىغا ئادەم چىقىرىپ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماس قىلىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن شەھەرگە چۈشۈردى. ياخشى مۇلايىملىق بىلەن نۇرغۇن زىياپەتلەرنى قىلىپ، خىزمەتكار ئورنىدا تۇرۇپ ئۆزرە- مۇئەززىرەتلەر قويدى. لېكىن، لەشكەرلەرنىڭ ئات- ئۇلاغلىرىنى تارتىۋالدى. خوجاملارنىمۇ ئات- ئۇلاغ ۋە چېدىر- بارگاھلىرىدىن ئايرىپ، كەڭرى ۋە خوش ھاۋالىق بىر ھويلىدىن ماكان تەييارلاپ بەردى. خىزمىتىگە ئادەملەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى جان- دىلى بىلەن ئادا قىلدى. ئەمما، ئۇلارنى ئاتلىنىپ چىقىشقا يول قويمىدى ۋە كىشلەر بلەنمۇ كۆرۈشتۇرمىدى. شۇ ھالەت ۋە رەۋىشتە توققۇز كۈن ئۆتتى. سىدىك بېكنى شۇ كۆرگىنىچە يەنە كۆرمىدى ۋە كۆرۈشەلمىدى.
ئاقىۋەت كاشىغەرنىڭ بىر نەچچە ياخشى ئادەملىرى ئارىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۈلھى ۋە مۇرەسسە قىلىپ، خوجاملارنى قەشقەرنىڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلمايدىغان ۋە ئارلاشمايدىغان ، سىدىق بېكنىمۇ ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان تەرىپىگە بارمايدىغان قىلىپ، ئەھىدى- پەيمان قىلىپ، قائىدىلىرى ۋە ئانىت- ئىمانلارنىڭ چىڭ ۋە مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق قائىدە- رەسمىيەتلىرىنى يېڭىۋاشتىن چىڭىتىپ، ئالاھىدە قوش باغلىشىپ، قۇچاغلىشىپ كۆرۈشۈپ، كۆپ ياخشى ۋەدىلەرنى قىلىشىپ، بىر- بىرىنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ، دوستلۇق قائىدىسىنى باشقىدىن تىكلىدى. خوجاملارنىڭ ئات، ياراق ۋە چېدىر- ئۆيلىرىنى بېرىپ، تولا ئۆزرە- خالىقلارنى قويغان بولۇپ، مۇناسىپ تون- سەرپايلارنى كىيدۈرۈپ، لەشكەرلەرنىڭمۇ ئات، ياراقلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، مارالۋېشىدىن ئۆتمەيدىغان قىلىپ، چوڭ يول بىلەن ئاقسۇ تەرەپكە راۋان قىلدى. خوجاملارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئامان- ئېسەن قۇتۇلغانلىغى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ شۈكرى قىلىپ، ماھى رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرىمە سەككىزنچى كۈنى (مىلادى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى – ت) ئۆز ۋەتەن- مەلۇپى ئۈچتۇرپانغا يېنىپ كەلدى. بۇ ئەقرەپ پەسلى ئىدى. قىشنى ئۈچتۇرپاندا ئۆتكۈزدى. يۇرتدارلىق ئىشىنى كىچىك ئوغلى مەھمۇندىن خوجامغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى ھىچقانداق ئىشقا ئارلاشماي، كۈننى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ باھارغا ئۇلاندى.




7



سەئىد غازى خېتىپ خوجام ۋە ئۇنىڭ كۆز قارچۇغى ھامىددىن خوجام ھەم شەيخ نەزەرىددىن خوجاملار ياركەنتنىڭ غازات پەتھىنى قارار قىلىپ ئاتلانغىنى ۋە مەقسەت گۈلى ۋە ئۆز جامالىنى كۆرسەتكىنى، لېكىن زامان ھادىسىلىرىنىڭ توسقۇنلىغى تۈپەيلىدىن بىرمۇ گۈل ئۈزۈلمەي ئۆز ۋەتەن- يۇرتلىرىغا قاتقانلىغى
قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

[align=justify]


مەقسەتكە يەتكەن دوستلار ۋە مەقسەتنىڭ لەززەتلىك مىۋىسىنى يىگەن بۇرادەرلەرنىڭ ھەققانى كۆڭۈللىرىگە ئاشكارە بولۇپ، مەخپى ۋە ئېتىۋارسىز قالمىغايكى، مۇنداق بىر قىسسە ۋە ئەپسانىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، شەيخ نەزىرىدىن خوجام كۇچاردىن تۆت مىڭ بەش يۈز ئەسكەر بىلەن بىللە ياركەنت غازاتىغا يولغا چىقىپ، ئاقسۇدىن بىر مىڭ بەش يۈز لەشكەر ئالدى. خېتىپ خوجام ئۈچتۇرپاندىن بىر مىڭ بەش يۈز لەشكەر بىلەن كەلدى، جەمئىي يەتتە مىڭ لەشكەر ۋە توپ- زەمبىرەك، ئوق- دورىلار بىلەن ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، مارالبېشىغا باردى. مارالبېشىدىكى ئىككى مىڭچە خىتاي، تۇڭگانى- خۇيجالار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قورال- ياراقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ تەسلىم بولۇپ، ئۆزىرىنى ئىمان- شېرىپىگە لايىق ۋە سازاۋەر قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇردى. خوجاملار ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەلقىن- شاھادەت ئۈگىتىپ، ئىسلام شېرىپىگە ئىگە قىلدى. ئۇلارىڭ قورال- ياراقلىرىنى ۋە ساڭدىكى ئاشلىقلىرىنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، يېڭى مۇسۇلمان بولغان بۇ خىتايلارغا ۋە تۇڭگانلارغا مادالويىە دىگەننى چوڭ قىلىپ، تىنچلىق ئورنىتىپ، خاتىرجەم بولۇپ ياركەنت تەۋەسىگە يېتىپ باردى.
لېكىن بۇ چاغدا ياركەنتتە ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم بىر تەرەپ بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ ئىمامى ئۆز پەرمانلىرىنى يۈرگۈزىۋاتقان ھەم خىتايلار بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن خوجاملار بىلەن ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم ئوتتۇرسىدا جەڭ- جىدەل پەيدا بولدى. ئاقىۋەت جانابى ھەزرەت چەتكە چىقىپ، بۇ ئىشلارغا ئارلاشماسلىقنى لازىم تۇتتى. لېكىن خوجاملار بىلەن تۇڭگانلار بەزىدە ئىتتىپاق، بەزىدا نائىتتىپاق بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ياركەنتلىك نىياز ئىشكائى بېك باش بولۇپ، بىر قانچە ئادەمنىڭ ئىسىمىنى غايىپتىن يېزىپ، كاشىغەردىكى ياقۇپ بېك قۇشبېگىنى ياركەنتكە تەكلىپ قىلىپ خەت ئەۋەتتى.
ياقۇپ بېك قۇشبېگى خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۈمىد بىلەن بىر قانچە يىگىت (ئەسكەر) نى ئېلىپ ياركەنتكە كەلدى. خوجاملار بىلەن تۇڭگانىلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇنىڭغا قارىشى جەڭ باشلىدى. بۇلار بەزىدە غەلبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، بىر مۇناپىق قىپچاق خېتىپ خوجامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، دولىسىغا قىلىچ ئۇرۇپ زەخمىلەندۇردى. خوجام ئارامسىزلاندى. ياقۇپ بېك غەلبە قىلىپ ياركەنتنى ئالدى، ھەمىددىن خوجام بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سەۋرى- تاقەت قىلالماي، ھىممەت ۋە شىجائەت كۆرسىتىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى مەھكەم ئېتىپ ئۇرۇشۇپ، ياقۇپ بېكنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. قۇشبېگىنىڭ سىپاھلىرى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي، جان غېمى ۋە ئەندىشىلىرىدىن قورقۇپ، سېپىلدىن ئات سەكىرتىىپ چۈشۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ قاچتى ۋە بىرقانچىسىنىڭ پۇت- قوللىرى سۇنۇپ يارىدار بولدى. لېكىن بىر دەرۋازا ئۇچۇق قالغان ئىكەن. قۇشبېگى جېنىنى جايلاپ قېچىپ چىقىپ، قاراڭغۇدا خەندەككە چۈشۈپ كېتىپ، ئاتتىن ئاجراپ قالغاندا، مۇھەممەت بابا دەھباشى (ئون بېشى – ت) دىگەن ئادەمگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئېتىغا مىنگىشىپ، ناھايتى مۇشەققەت بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالدى – دە، كاشىغەرگە كەتتى. ياقۇپ بېك قۇشبېگى ھامىددىن خوجامغا باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ كىتىۋېتىپ،” ئاتىدىن ئوغۇل تۇغۇلساد ھامىددىن تۆرەدەك تۇغۇسا ئىكەن“ دەپ، ئۇنىڭ شىجائەت ۋە ھىممىتىگە ئاپرىن ئوقۇدى. ھامىددىن خوجام بولسا قۇشبېگى مىنىدىغان ئارغىماق ئېتىنى، ئىگەر- تۇقۇم ۋە ھەممە جابدۇغىنى ئولجا ئېلىپ ئۈچتۇرپانغا كەلدى.
ئاخىرى خوجاملار بىلەن تۇڭگانلار ئىتتىپاقلىشىپ، ياركەنت شەھىرىنى تامامەن قولغا كەلتۈرشۈكە تەييارلاندى. شەھەر ئىچىدىكى خىتاي ھىچ ئادەمگە باش چىقارغۇزمايتى ۋە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالسىلا ئوق قىلاتتى، ئوقى زادىلا زايە كەتمەيتى. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئوق ئاتىدىغان بولسا، سېپىلنىڭ قوقتىلىرى دالدا بولۇپ، چارىسىز قالاتتى. شۇڭلاشقا، ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتىراپىدىكى مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرىي كەستۈرۈپ كېلىپ، شەھەرنىڭ بىر قانچە تەرىپىگە ئىگىز ياغاچ پوتەي باغلاپ كۈزىتىش ئورنى ياسىدى. بىر نەچچە يەردىن لەخمە كولاپ، يەر ئاستى بىلەن كىرىپ سېپىل ۋە پوتەيلەرنىڭ ئاستىدىن توغرىسىغا دورا قويۇپ ئوت تۇتاشتۇردى. دورا كۈچى سېپىلنىڭ ئون غۇلاچ ۋە يىگىرىمە غۇلاچ يېرىنى كۆتۈرۈپ ھاۋاغا تاشلىدى. خىتاي لەشكەرلىرى قوم، تۇپراقلارنى قاپ، تاغارلارغا سېلىپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن. ئىسلام لەشكەرلىرى يېتىپ بارغۇچە قاپ، تاغارلارنى سېپىلنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىگە تىزىپ، بۇرۇنقىدەك قىلدى ۋە مۇسۇلمانلارنى تولا زىيانغا ئۇچراتتى. شەھەر پەتھى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتتى. خىتايلارنىڭ ئوق- دورا ۋە ئۇزۇق- تۈلۈكلىرى كۆپ ئىكەن. ئۇلارغا تەڭلىك قىلغىلى بولمايتى. ئۇلار ھەر كۈنى دىگۈدەك تىمەن چېرىك ۋە كۈچ- قۇۋۋەت بىلەن چىقىپ ئۇرۇش قىلاتتى.




[align=justify]    بىر نەچچە كۆڭۈل ئەينىگى بىلەن يىراقنى كۆرەلەيدىغان، دانا ۋە ئىشەنچىلىك كىشلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى خاقانى چىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەررۇف قىلىپ، شەھەر- شەھەر ئادەملىرىنى ھىساپلاپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغان چاغدا، ياركەنتتە ئىشقا يارايدىغان تىمەن ياش ئەر كىشلەر ئوتتۇز مىڭ، ئاقسۇدا ئالتە مىڭ، كۇچاردا ئۈچ مىڭ، قەشقەردە ئون ئالتە مىڭ، خوتەندە يىگىرىمە ئىككى مىڭ ئىكەن دەپ دەپتەرگە ئېلىنغان ئىكەن. ياركەنتتىكى خىتايلارمۇ ئوتتۇز ئىككى مىڭ مۇسۇلماننى، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئادەمنى يوق قىلىپ، ئاندۇن ئۆزى يوق بولغان ئىكەن دەيدىكەن. خۇدا ھەققى بەلكى بۇ راست گەپتۇر.
    گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، ياركەنتنى پەتھى قىلىش مەقسىدى ئەنە شۇنداق قىيىن يوللار بىلەن ھەل بولدى. شەھەردىكى نەچچە ساڭ ئاشلىق، قورال-ياراق، ئوق-دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى. مۇبارەك بادلىق ساداسى ۋە ناغرا، كاناي ئاۋازى ئاسمان- پەلەككە يەتتى. لېكىن بۇ چاغدا، بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار بىلەن مۇرەسسە پۈتمەي، يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم ۋە يەنە بىر تەرەپتىن قاغىلىقتىكى جامالىدىن خوجا، ھەتتا ياركەنتتىكى ھەممە ھەزرەت ئىشان ۋە ساھىپجاماللارنىڭ ھەر قايسىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياركەنت ھۆكۈمرانلىغىدىن تەمە قىلىپ، ئۆز- ئارا ئىتتىپاق بولالمىدى. ھەتتا ياركەنتى ئۆزىلىرىنىڭ ئىلكىدە تۇتالمىدى ۋە ئېھتىيات قىلىپ ساقلىيالمىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا خېتىپ خوجام ئىشان مىرغىياسىددىننىڭ نەۋرىسى مىرزا جاننى پىرزادەم دەپ، ئۇنى باشقا ھەزرەتلەردىن قاچۇرۇپ، ئۈچتۇرپانغا مەخپى ئەۋەتتى. ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولسا، يەنە بىر مۇنچە ناھەق قان تۆكۈلگەن بولار ئىدى. يەنە بۇ چاغدا مۇھەمەت ئەلى خاننىڭ (بۇرۇن بايان قىلىنغان قوقان خانلىغىنىڭ پادىشاسى – ت) ئوغلى مۇزەپپەر خان كەشمىردىن ياركەنتكە كەلدى. بۇ ئىلگىرى كوھىستان 145] تەرەپتە ياشايدىكەن. بۇ چاغدا ئۇ بۇ تەرەپتىكى جىدەل- ماجرالارنى ئاڭلاپ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، تىبەت داۋىنى ئارقىلىق ياركەنتكە كەلدى. ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ۋە نام- نەسەپلىرىنى ئىزھار قىلدى. خېتىپ خوجام ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇناسىپ جاي- ماكانغا چۈشۈرۈپ، ئۆز لايىغىدا مائاش- تەمىنات بەلگىلىدى. لېكىن، بۇنىڭ ھەركەت- تەرەددۇتى باشقىچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ،”بىزنىڭ ئۇلۇغىمىز كۇچاردا، شۇڭلاشا كۇچارغا بېرىپ يارلىغىنى قۇبۇل قىلسىلا “دەپ ئادەم قوشۇپ، كۇچارغا يولغا سالدى. كۇچاردىكى خان خوجاممۇ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ، تېگىشلىك تەمىنات بەلگىلەپ، مۇۋاپىق يەردىن خوتۇن ئېلىپ بەردى. شۇڭلاشقا، ئۇ كوڭلى خاتىرجەم بولۇپ تىنجىپ، ئۆزى خالىغان يەردە سەيلى- تاماشا قىلىپ، بۇ جايدا بىر نەچچە ۋاقىت ئىستىقامەت قىلىپ ياتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كورلىغا بارسام رۇخسەت بىلەن كورلىغا باردى. ياقۇپ بېك غازى كۇچارنى ئالغان چاغدا تۇرپان تەرەپكە سەپەر قىلدى. بۇنىڭ ۋەقەسى كېيىنكى داستاندا بايان قىلىنىدۇ. (ئاللاسەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) خېتىپ خوجام يەنە مەزكۈر جامالىدىن خوجامنى كۇچارغا ماڭدۇردى. ئاقىۋەت خوجاملار تۇڭگان بىلەن ئىتتىپاق بولالماي، ياركەنتنىمۇ قولىدا تۇتۇپ مۇھاپىزەت قىلالماي، ئۆز ۋەتەن- يۇرتىغا قايتتى. بۇلارنىڭ يۇرتىغا يانمىغىنىدا يەنە بىر قانچە سەۋەپ بار. بۇنىڭ بىرى شۇكى، تۇڭگانلارنىڭ سانى يىگىرىمە بەش مىڭ بولۇپ، قورال- ياراقلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. شۇڭلاشقا، خوجاملار ئاز ئادەم بىلەن كەلگەن ئىكەنمىز، ئېغىر جابدۇق قىلىپ كەلگىنىمىز تۈزۈك ئىكەن دەپ يانغان ئىدى. يەنە بىرى، نەزەرىددىن شەيخ خوجامنىڭ مىجەزى مۇقىم ۋە تۇراقلىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ گويا ئۆزىنى ئىككىنچى ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگانى دەپ چاغلاپ، ياركەنتتىكى كاتتا ھەزرەت ئىشانلارنى، تۇڭگانى ئىماملىرى باش يۇرت ئىسىلزادىلىرىنى ئادەم ئورنىدا كۆرمىدى. بۇ ئۇلار بىلەن ئىتتپاقلاشماسلىققا سەۋەپ بولدى. لېكىن سەئىد خېتىپ خوجام بولسا مىجەز- شېرىپلىرى نەپىس ۋە خۇش خۇي، خۇش پىئېللىق، خۇش مۇئامىلىلىك كىشى ئىدى. ياقۇپ بېك قۇشبېگى بىلەنمۇ ئوبدان كۆرۈشۈپ، ئۆز- ئارا مۇھەببەت ۋە يېقىن مۇناسىۋەت يىپىنى باغلىدى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەسەر- نەتىجىسىنى كۆردى.

      نەزىم:

             ئەگەر پادىشا بولسا مۇلايىم سۇخەن،
             كى مۈشكۈلنى ئاسان ئەلىگەى ھاپىزى ھەي.

[align=justify]

[align=justify]

.

8

سەئىد جاملىددىن خوجام پادىشانىڭ يار كەنت ۋە كاشىغەرنى ئېلىش ئارزۇ – تەقەززاسى بىلەن بىر سەپەردە ئىككى شەھەرنى ئېلىش تەمەنناسىنى يەنى ئىككى كىيىكنى ئوۋلاش قەستىدە داقا – دۇمباق ئۇرۇپ مەغرۇرلىنىپ ئات چاپقىنى ، بىرىنى ئوۋلاش يەنە بىرىنى ئوۋلاپ يەنە بىرىنى قەستلەپ ئات چاپتۇرۇپ ، ھەر ئىككى كىيىكتىن خالاسلىق دۆلىتىنى ھاسىل قىلىپ ، بىردىنلا ئىگىزدە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان يامان بۈركۈتنىڭ يىرتقۇچ چاڭگىلىغا گىرىپتار بولغىنى ۋە ھەر ئىككى كىيىك مەشۇغىدىن مەھرۇم قېلىپ كۆڭلى مالال ۋە يېرىم بۇلۇپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە شادى – خورام
ۋەتەن – يۇرتىغا قايتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر




[align=justify]    ئاق كۆڭۈللۈك دوستلار ۋە چوڭقۇر بىلىملىك ئەرباپلارغا مەخپى ۋە يېپىق قالمىغايكى ، نەقىل ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا ، شەيخ نەزەرىددىن خوجاملار يار كەنتنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرالماي يېنىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاقسۇ ھاكىمى جامالىددىن خوجام پادىشانىڭ ھىممەت ۋە جۈرئىتى جۇش ئۇرۇپ ، غەيرەت ۋە شىجائىتى قوزغىلىپ ”ئۆزەم ئاتلىنىپ چىقىپ يار كەنت ۋە كاشىغەرنى پەتھى ۋە تەسەررۇف قىلىپ ، قۇشبېگى دىگەننى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ قۇل ئەسىر قىلىپ ، ئۇنى ئىنسان گۇرۇھى كۆرمىگەن خارلىق ۋە زارلىقلارغا يەتكۈزۈپ ، ئېتىمنىڭ ئالدىدا پىيادە ھەيدەپ ھەيۋىسىنى يوقاتمىسام ، نىزامىددىن خوجا شەيخنىڭ ئوغلى بولماي قالاي ۋە سەيىتلگىممۇ بىكار بولسۇن “دەپ چوڭ گەپلەرنى قىلىپ ، ئاچچىق سۆزلەر بىلەن قەسەم ئىچتى . ئۇنىڭ ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى ۋە خۇشامەتچى تۇزكۇرلارمۇ ”ئەلۋەتتە شۇنداق، ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ كەلگەن ئىگىز ئادەملەرنىڭ نىمە ئېتىۋارى بولسۇن“دەپ ھەددىدىن ئارتۇق خۇشامەت سۆزلەرنى قىلىدى . پۈتۈن قىش بويى قورال – ياراقلارنىڭ تەرەددۇتى ۋە ئات – ئۇلاقلارنىڭ غېمىنى قىلىپ باھارغا ئۇلاشتى . يەر يۈزىدىن ئوت – گىيالار بىخ ئۇرۇپ باش كۆتىرىپ چىققان باھار پەسلى كەلگەندە ، ئۆز ئىنىسى جالالىدىن خوجامنى ئۇرنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، ۋاكالىتەن ئاقسۇ زىمىنىنى باشقۇرۇشقا قويۇپ تەييار بولدى . بۇ چاغدا كۇچار خوجىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەلىمى ۋە سەئىدلەرنىڭ ئۇلۇغ پىشۋاسى بولغان ئاخۇن خوجام ئەلەم دىگەن بىر كىشى بار ئىدى . بۇ كىشى ئەللىك يىل ئەلەملىك مەنسىۋىنى ئۆتەپ ، شەرىئەت شېرىپىنى راۋاجلاندۇرغان ۋە خاس ئاممىنىڭ مۇراجىئەتچىسى بولغان بىر مويسىپىت كىشى ئىدى . بۇ كىشى باش بولۇپ كۇچار ، شەھيار لەشكەرلىرىنى باشلاپ كەلدى . سەئىد خېتىپ خوجام ۋە ھامىددىن خوجاملار ئۈچتۈرپان ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كەلدى .
سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشا سائادەتلىك زامان ۋە شەرەپلىك دەۋراندا ، غەلىبە ئۈزەڭگىسىگە ئاياق قويۇپ ، ئاقسۇدىن موللا ئابدۇل باقى مۇپتى ئاخۇنۇم ، قاسىم قازى بېك ، باقىش مىراپ بېك ۋە مۇھەممەت شېرىپ بېكلەرنى ، كۇچار بەگلىرىدىن ھەججى غەزنىچى بېك ، ياقۇپ دىۋان بېك ، موللاش مىراپ ، ئاقمۇللا مىراپلارنى ، ئۈچتۈرپان بەگلىرىدىن ئاق بېك ، مۇسا بېك ، قۇربان مىراپ ، ئىبراھىم مىڭ بېگى قاتارلىق كارغا يارايدىغان ۋە ئىشنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالايدىغان ، ۋۇجۇدىدا ھىممەت ۋە غەيرىتى بار بەگ ۋە بەگزادىلەرنى ھەمرا قىلىپ يار كەنتكە ئاتلاندى . ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى يىگىرمە ئالتە مىڭ دەپ دەپتەرگە ئالدى . بازارچى ، پىلىترچى ، قۇشچىلار بۇ ھىساپنىڭ سىرتىدا ئىدى . بۇلار دۆلەت دەبدەبېسى ۋە سۆلىتى بىلەن يوللارنى بېسىپ ، يار كەنتكە ئۈچ مەنزىل قالغاندا ، ياركەنتنىڭ ۋالى ۋە ئاھالىلىرى ، ھەزرەت ئىشانلار ، تۇڭگانى ئىماملىرى قاتارلىق چوڭ – كىچىك ئۇلۇغلار ، مۆتىۋەر زاتلار توپ – توپ ، گۇرۇھ – گۇرۇھ بولۇپ ، سوغا – سالاملارنى ئېلىپ ئالدىغا چىقىپ ، زەپەر ئۈزەڭگىلىرىگە يۈزىنى سۈرتۈپ ، قوللىرىنى كۆتىرىپ ، ئاللا دەرگاھىنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە سۇنۇقلۇغىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشىپ ، پەتھى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ، خوجاملارنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىگە دۇئالارنى قىلىپ ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، خىجالەتنىڭ قارا تەرلىرىگە غەرق بولۇپ ، ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تۇردى . خوجاملار بۇنى بىلىپ شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالارچە مەرھەمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ ، دىل – كۆڭلىنى كۆتىرىپ ، ئاللا دەرگاھىنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە سۇنۇقلۇغىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشىپ ، پەتھى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ، خوجاملارنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىگە دۇئالارنى قىلىپ ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، خىجالەتنىڭ قارا تەرلىرىگە غەرق بولۇپ ، ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تۇردى . خوجاملار بۇنى بىلىپ شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالارچە مەرھەمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ ، دىل – كۆڭلىنى كۆتىرىپ ، ھەممىسىنى خوش قىلىپ ئۇلۇغلاپ ، دەبدەبە ۋە داغدۇغىلارنى قىلىپ ، خوشاللىق بىلەن يار كەنت پايتەختىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى ، مەيلى تۇڭگانلار بولسۇن ياكى ھەزرەت ئىشانلار بولسۇن ، ئومۇمەن ھىچقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە خوجاملارغا نىسبەتەن بىرەر غەيرى ئويلارنى ئويلاشقا كۈچ – قۇۋۋەت ياكى مادار يوق ئىدى . ھەممە ئەئيانى ئەشرەپلەر ئىتائەت بەلۋىغىنى مەھكەم باغلاپ ، خوجاملارنى قۇت – مۇبارەكلەپ ، شاھانە ناغرا ، كانايلىرىنى ۋە سۇناي ، دۇمباقلىرىنى چېلىپ ، شادىيانە سادا ئاۋازلىرىنى ياڭراتتى . ھەر قايسى يۇرتلاردىن توپ – توپ بولۇپ مۇبارەكلەشكە كەلگەن خالايقنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى بۇ خۇددى كۆك گۈمبەزدەك ئاسمان راۋىقىغا چىرماشتى . خوجاملار ئىنئام ئىشىگىنى ئېچىپ ، ئادالەت كىگىزىنى يايدى . قوي بىلەن بۆرە بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى . لاچىن بىلەن كەپتەر بىر تاكچە ئۇۋىدا چۈجە چىقاردى . ئىنسان گۇرۇھى ۋە بەلكى ھەممە مەخلۇقات ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت مەدەن – جىسىملارنىڭ كەينىگە يۇشۇرنۇپ يوقالدى. ئۈلپەت ۋە مۇھەببەت قائىدە – يۇسۇنلىرى خۇددى قۇياش ئاپتىۋىدەك نۇر چاچتى . خوجاملارنىڭ ھالى رەۋىشلىرى يۇقۇرى ئۆرلەپ ، خالايىققا كۆپتىن - كۆپ ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا خاتىرجەم ئولتۇردى .
      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارۇز ۋە مەقسەتلىرى قەشقەرنى پەتھى قىلىش ئىدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۇزۇق- تۈلۈك تەييارلاش، لەشكەر، قورال- ياراق راسلاش ئىشلىرىنىڭ ئارۇز ۋە ئىشتىياقى ئۇلارنىڭ دىل ئەينەكلىرىگە چۈشتى. ياركەنت تەۋەسىدىن كۆپ ئەسكەرنى يىغىپ، شەرەپلىك دەۋران ۋە سائادەتلىك زاماندا قەشقەرگە يۈرۈشنى پىلانلىدى. ياركەنت ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ئەلەم ئاخۇن غوجامغا تاپشۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ بارلىق ئىشىدا ئۇنى ھاكىم مۇتلەق قىلىپ بەلگىلىدى. لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ھېساپلىدى. قۇشچى، پىلتىرچى، بازارچى، مىراخورلاردىن باشقا يەتمىش ئىككى مىڭ مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنى دەپتەرگە ئالدى. ئەسكەرلەرنىڭ كۆپلىكىدىن پوش-پوش دىگەن ئاۋازلار، كوچا- بازارلادا تاماشا قىلىپ چۆرىدەپ ساقلاپ تۇرغۇچىلار ۋە ئەسكەرگە ماڭغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرنىڭ” يول بولسۇن“ دېگەن پاتىھە ساداسى، كاناي- سۇناي، داقا- دۇمباقلارنىڭ پەريات ئاۋازى، مۇغەننىلەرنىڭ ئايرىلىش ئالدىدا ئوقۇغان ئاھ-نالە جان سۆزلىرى ۋە ئوتلۇق غەزەل، مۇقام جىگەر سۆزلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن لەشكەرلەرنىڭ ئات ئاياقلىردىن چىققان چاڭ-تۇزانلار بولسا بۇ چاڭ- تۇپراق ئالەمىدىن ئاسمانى پەلەككە ئۆرلىدى. بۇ ھال گويا كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنى كور ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس قىلدى ، ئەقىل – ئىدرەك ھىسسىياتلىرى ئۆزىنىڭ ھىسسى قۇۋۋەتلىرىدىن ئاجراپ چىقىپ توختاپ قالدى ، گۇياكى قىيامەت كۈنىدىكى يىغىلىش مەيدانىدىن بىر نەمۇنە ۋە ئەرسات غەۋغالىرىدىن بىر نىشانە ئاشكارە پەيدا بولغاندەك بولدى .
      تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى جامادىيەل ئاۋالنىڭ ئىككىنچى كۈنى ( مىلادى 1866- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى – ت ) ئىدى . خوجاملار قورال – ياراقتىن باشقا يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا غول زەنجىر كىشەنلەرنى ئېلىپ”كاشىغەرگە بارىمىز ۋە بۇ جاينى ئالىمىز ، قىپچاق ، ئەنجانلىقلارنى قۇل ئەسىر قىلىپ ، غول زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم باغلاپ ئېلىپ كېلىمىز“دەپ خام تامالارنى ئوت ياقمىغان قازانغا سېلىپ تەييارلاپ پىشۇرۇپ، چىشى يوق قۇرۇق ئاغزىدا چايناپ لەززەتلىنىپ، خوش بولۇپ ماڭغان ئىدى . ئەمما خوجاملار ھۆكۈمرانىلىق قىلغان ھەر قانداق دەۋر ۋە زاماندا ، بۇنداق كۆپ ئەسكەر توپلىنىپ ئاتلانغان ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۇ ئەھۋال كېيىنكى كۈنلەردىمۇ بولۇپ باقمىدى. ئالەمنى ياراتقان ھىممەتلىك ئاللانىڭ فەزىل ئىنايىتى بىلەن سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشا رەڭمۇ – رەڭ شاھانىلىق كىيىمنى ئۇچىسىغا كىيىپ ، شاھى تاجىسىنى بېشىغا قويدى ۋە ئىسپان قىلىچىنى قۇۋۋەتلىك بېلىگە باغلىدى. ياخشى ئاتقا مىنىپ، چوڭ سۆلەت ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن جابدۇنۇپ تەييارلىنىپ، يولغا تىكىلگەن ئۆي زەربگاھ ۋە چېدىر – بارگاھلىرىغا چۈشتى . بۇ يەردە ئىككى كۈن ئارام ئېلىپ . چوڭ – كىچىك ئەسكەرلەرگە ئۆز لايىغىدا خراجەت ۋە تون – كىيىملەرنى بېرىپ ، ئۈچىنچى كۈنى ئارزۇ ۋە مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلاپ ، ئاستا – ئاستا يۈرۈپ خانېرىق تەۋەسىگە پادىشاھانە بارگاھىنى تىكلەپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئارقا ۋە ئالدىنى رەتلەپ مۇلاھىزە قىلىپ ”ئەگەر ياقۇپ بېك قۇشبېگى بۇنچىلىك نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ كەلگىننى بىلسە ، ئىختىيارسىز كاشىغەردە تۇرالماي ئۆزىنى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئېلىشى ۋە كاشىغەر ئەھلى ئاتنىڭ ئايىغىدا قېلىشى ئېھتىمالى بار “دەپ، ئەسكەرنىڭ كۆپلۈگىنى تەكيە – يۈلەنچۈك قىلدى . لېكىن ، مۈلۈك ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كامالەت – قۇدرىتىنى تەكيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدى . ھەتتا بۇ پەلەكنىڭ خىلمۇ – خىل خىيالىنى ئويلاپمۇ قويمىدى. بۇ ئەڭ بۈيۈك ئالەم ئىگىسىنىڭ زاۋال ئاقىۋەتكە يەتكۈزۈشىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى .
     دەل مۇشۇنداق چاغدا يېڭى ھىسار تەرەپتىن بىر تۇغ نامايان بولدى . تۇغ ئىچىدىن ھەر خىل ئەلەم – بايراقلار كۆرۈندى . سەپسېلىپ قاراپ تۇرسا ، كۆرۈنگەن بۇ تۇغ ئەلەملەرنىڭ ئىچىدىن قۇشبېگىنىڭ قوشۇنى ئايان ۋە ئاشكارا بولدى ، ھەر تەرەپكە قويغان ئىراۋۇلچى ۋە قاراۋۇلچىلار يېتىپ كېلىپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى مەلۇم قىلدى ، جامالىددىن خوجام”قۇشبېگىنىڭ يىگىتى ئاز، بىز بولساق كۆپ“دەپ لەشكەرلىرىنى ئوڭ ۋە سولغا بۇيرۇپ ” ئىككى تەرەپتىن خۇددى ئەجدىھادەك باش تارتىپ ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ ، ئۇلارنى تاش سېپلىدەك مۇھاسىرىگە ئېلىپ سەپنى ئۇيۇشتۇرۇڭلار ، ھەر كىم قولغا چۈشسە تىرىك ئېلىپ كېلىڭلار “دەپ پەرمان ۋە ھۆكۈم قىلىپ ، ئۆزى ئوتتۇرىدا خاتىرجەم تۇردى . دەرۋەقە بۇ قوشۇنغا قارايدىغان بولسا ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى گويا ئاسماندىكى بىر توپ فەرۋىن ( ئۇكەر – ت ) يۇلتۇزغا ئوخشايتتى . خوجاملارنىڭ يىگىتى بولسا يەتتە قات ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزنىڭ سانى باراۋىرىدەك كۆپ ئىدى . شۇ كۈنلەردە گولاپنىڭ ئۇلۇغى ھەمراخان دىگەن ئىككى يۈز ئەللىك كۈچلۈك جەڭگىۋار ئادىمى بىلەن خوجاملارغا ياردەمگە كەلگەن ئىدى . خوجاملار”بىزگە غەيرى يۇرتلارنىڭ ئادىمى كېرەك ئەمەس“ دەپ چەتكە قاقتى . ھەمراخان نائۈمىت بولۇپ قۇشبېگىگە ياردەم قىلىپ ، نۇرغۇن ئىشنى قىلىدى .
     لېكىن ، قۇشبېگى خوجاملارنىڭ يىگىتىنىڭ كۆپلۈگىگە قاراپ ئەندىشە قىلىپ ، ئۆز ئادەملىرنىڭ ئازلىغنى ، پەملەپ ، ئاللا دەرگاھىغا تەۋەككۈل قىلىپ ، يىگىتلىرىنى توپ – توپ قىلىپ ھەر تەرەپكە قۇشلىدى . ئابدۇللا ناملىق بىر پانسەت باھادۇرلىرىنى باشلاپ ، خۇددى بالا – قازا ياغدۇرىدىغان قىياپەتتە كېلىپ ، خوجاملارنىڭ لەشكىرىگە ئۆزىنى ئۇردى . خوجاملارنىڭ ئىككى قانات قوشۇنلىرى ئارلىغىدا توپ – زەمبىرەكلەر بىلەن توپلىشىپ تۇرغان تۇڭگانلارنىڭ يېنىغا كىلىپ ، يەنە كەينىگە ياندى . يەنە بىر تەرەپتىن غازىبېك پانسەت ، ئەزىز بېك جاللاتلار چەپ تەرەپتىن ئات ئوينىتىپ كېلىپ ئۇرۇش مەيدانىدىكى جەڭ ۋە قىرغىنچىلىق مەرىكىسىنى ئەۋجىگە يەتكۈزدى . ئابدۇللا پانسەت ئىككى – ئۈچ نۆۋەت جەۋلانبازلىق قىلىپ ئارقىغا چېكىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە ، خوجاملارنىڭ لەشكەرلىرى چەپ قول تەرەپتىن زەربىگە ئۇچراپ ئارقىغا چېكىندى . بۇ ئارىلىقتا بىر مۇنچە ئادەم ھالاك بولغانلىغى ئۈچۈن ”ئارقىغا يېنىڭلار“دىگەن ئاۋازنىڭ ساداسى كەلدى . خوجاملار ئىلاجسىز بۇلۇپ ۋە «ھەدىس شېرىپ» تە كۆرسەتكەن ”كۈچى يەتمەي چىداشلىق بېرەلمىگەن چاغدا، قاچماقلىق بولسا پەيغەمبەرنىڭ يولىدۇر“ دىگەن سۆزىنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە ۋاجىپ دەپ ھىساپلاپ، قوش پىلتىرلىق قورال-جابدۇقلار ھەم چېدىر-بارگاھ ۋە باشقا قورال-ياراقلىرى، يىمەك-ئىچمەكلىرى، مال-دۇنيا غەزىنە قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئەشيالىرىغا قارىماي، ئات قامچىسنى مەغلۇبىيەتكە ئۇرۇپ، ئاقسۇ يولىغا قاراپ مېڭىشنى ئىختىيار قىلدى
.


      نەزىم:

      پاراكەندە لەشكەرلەر قولدىن ئىش كەلمەگەي،
      ئىككى يۈز مەردانە جېڭى ياخشىراق يۈز مىڭدىن.

     بۇ ھال ئاللانىڭ قۇرئانى كېرىمىدە يېزىلغان« ئاللانىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاز سانلىق قۇشۇن ھامان ئۆزىدىن كۆپ سانلىق بولغان قۇشۇننى يېڭەلەيدۇ» دىگەن ئايىتى مەزمۇنىغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلدۇ. غوجاملار ئىككى يىل ئىچىدە ئاقسۇ، كۇچار، ياركەنت، ئۈچتۇرپان ۋە كورلىغىچە بولغان يۇرتلارنىڭ خىراجىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ھەم جېنى بىلەن تەييارلانغان ئۈسكۈنە ۋە قورال-ياراقلارغا ئىگە بۇلۇپ تۇرۇپ، ئەقەللى ئىككى سائەتمۇ باراۋەرلىك قىلالماي،
خۇددى چاڭ-تۇزاڭدەك تۇزۇپ كەتتى. قىتئە:

       خۇدايكىم ئىرۇرلەر مالىكۇل مۈلك،
        كى ھەركىمگە بەرسە تۇتىۇل مۈلك.
       نەھەددى بولغاي كىشىغە مۈلك ئالماق،
       شەھىنشاھىكى ئولدۇر تەنزۇلمۈلك.

     غوجاملار قۇشبېگى ھەققىدە ھەر خىل گەپلەرنى قىلغان ئىدى. بۇ قايرىلىپ ئۆزلىرنىڭ بېشىغا كەلدى.«ھەدىس شېرىپ»تە يېزىلغان”بىر تۇغقان بۇرادىرىگە ئورا كولىغان ئادەم، ئاخىرى بۇ ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ “دىگەن سۆز دەل بۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. غوجاملارنىڭ ئىچىدە بىر قانچە ياخشى ئادەم بىھۆدە ئۆلۈپ كەتتى. بىر مۇنچىسى ئەسىرگە چۈشتى، بىر مۇنچىسى ئات-ئۇلاقلىرى، كىيىم-كىچەكلىردىن ئايرىلىپ يالىڭاچ بۇلۇپ، يە تائام ۋە يە سۇ تاپالماي ئاچ قېلىپ، چۆل-جەزىرىلەردە يوقاپ كەتتى. بەزىلىرى يېرىم جان بۇلۇپ، ئۆزنىڭ ئەسلى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. مەغلۇبىيەت كۈنى گويا ئۇلارغا قىيامەت قايىم بولغاندەك بولدى. ”مەن ۋە مەندىن غەيرى ئادەم يوق“ دەپ ناغرا چالغان غوجاملار بولسا ئۆز جېنىدىن بىزار بۇلۇپ، بەزىدە ھوشغا كېلىپ، بەزىدە ھوشنى يوقىتىپ، بىخۇت بولۇپ، چۈش كۆردۈممۇ ياكى شۇنداق بىر خىيال بۇ ئەھۋاللارنى ماڭا كۆرسەتتىمۇ؟ مېنىڭدە قانداق ئەھۋاللار يۈز بەردى؟ مەن نېمە بولدۇم دەپ نەششە چېكىپ كاللىسى ئايلانغان بەڭگىلەردەك، ياكى ئەپىيۇن چېكىپ كۆڭلى خىيالغا چۈشۈپ كەتكەن ئەپىيۇنكەشلەردەك، كۆڭلى ئايلىنىپ، تىلى كالۋالىشىپ، جېنى چىققۇدەك بۇلۇپ ياكى يېرىم جان بۇلۇپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتچىلىك ۋە ئاۋارىچىلىق بىلەن ئاران دىگەندە تۇرماقچى بولغان ئارامگاھقا كېلۋالدى. ئېھتىمال بۇ كۆك ئاسمان ۋە كاج شۈم پەلەك ئۆزىنىڭ سېھىرلىك ئۇيۇنلىرىنى كۆرسەتتى بولغاي.
     بۇ چاغدا ياركەنت پايتەختىدە تۇرغان سەئىد ئەلەم ئاخۇن خوجام خانئېرىقتىن قېچىپ كەلگەنلەردىن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، تاقىتى تاق بولۇپ ئولتۇرالماي،”مەن كاشىغەرگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم“دىگەن بانا بىلەن ئۆزىنى ياركەنتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاقسۇ تەرەپكە راۋان بولدى. دىمەك، خوجاملار شۇنداق قىلىپ بىر دودا ئىككى شەھەرگە ئاياق تاشلىدى. كاشىغەرنى ئالىمەن دەپ ياركەنتىنمۇ قۇرۇق قالدى. نەتىجىدە ئۇلار ئاران دىگەندە ھۇشىغا كېلىپ، كاشىغەر بىلەن ياركەنتتىن تەمە قىلىپ، بۇ جايلارنى زادىلا كۆڭلىمىزدە تۇتمايلى، ئۇ تەرەپنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ ۋە ھەۋەس قىلمايلى دىيىشتى. ئۇلار كېيىن دەرۋەقە بۇ جايلارغا كېلەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئاغىزىدىن نىمە چىققان بولسا ئۆزلىرىمۇ نەتىجىنى كۆردى.

[align=justify]     

[align=justify]       نەزىم:

[align=justify]
     خۇدا بەرگەن سەن ھەرگىز ئۆچەشمە،
ئاتا ئەيلەپ ئۆزى بەردى خۇداۋاندە.

لېكىن بۇ چاغدا تۇڭگانىلار ئون ئىككى مىڭ كىشىدىن ئارتۇق ئىدى. ئۇلار گۇيا ئۈكەر يۇلتۇزدەك توپ بولۇپ، توپلىرىنى پىلتىرلاپ، نۇرغۇن ئادەمنى زەخمە قىلىپ تاكى نامازشامغىچە قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى يېقىن كەلتۈرمىدى. قۇش بېگى بولسا يوتىسىغا ئوق تېگىپ دەرمانسىزلاندى. ئاقىۋەت تۇڭگانىلار بىلەن سۈلھى شەرتلىرىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى توپ ۋە توپ خانلىرى بىلەن بىللە كاشىغەرگە ئاپىرىپ، ھەر بىرىگە ئۆز مەرتىۋىسى بويىچە مۇۋاپىق ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ، ھەر خىل ۋەدە- قەسەملەرنى بېرىپ، داغدۇغا قىلىپ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. قورال- ياراقلىرىنى ئېلىۋېلىپ، تون كىيدۈرۈپ، ھەر خىل ئەمەل- مەنسەپلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە رام ۋە قۇش قۇشلايدىغان قىلىۋالدى


9


سەئىد خېتىپ خوجامنىڭ ۋۇجۇت باغىستانىنىڭ غۇنچە نەۋ باھارى ۋە قەلبى سەدەپلىرىنىڭ تېپىلماس گۆھىرى، يەنى مەھمۇدىن خوجام پادىشانىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە مەنكى كەمىنە بۇ ئەسەر ئىگىسى موللا مۇسانىڭ سەرگۈزەشتە ماقالاتلىرى، بىر قانچە سۈرلۈك پىرقەلىرىنىڭ ئېتىقادى قاتارلىق ئەھۋاللار بايانلى

[align=justify]

[align=justify]     ھۆرمەتكە ئىگە يارەنلەر، پەملىك بۇرادەرلەرنىڭ ئالى مۇقام زېھىنلىرىگە مەخپى ۋە ئېلانسىز قالمىغايكى، سەئىد بۇرھانىدن خېتىپ خوجام كىچىك ئوغلى مەھمۇت خوجامنى ئۆز يۇرتىغا ۋەكىل قىلىپ ئۈچتۇرپان مەمىلكىتىنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ، ئۈچتۇرپان ھاكىمى توختى بېك ۋە كۇچارلىق تەلەي دادخۋانى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بەلگىلەپ غازاتقا ئاتلانغان ئىدى. بۇ پادىشا خوجام ئۈچتۇرپان مەمىلكىتىنىڭ ئالى ھۆكۈمرانى بولغاندىن كېيىن، «ھەدىس شېرىپ» تە يېزىلغان” ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەممىنى يوق قىلىدۇ – ت)“دىگەن مەزمۇن بويىچە، ئىلگىركى مەنساپدار كاپىرلار، زالىم جەۋرىكەشلەرنىڭ رەسمىىيەت- يوسۇنلىرىنى يوق قىلىپ، سەلتەنەت رەۋىشى ۋە يۇردارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەرىئەتنىڭ ئىنچكە ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆلچەپ بىر تەرەپ قىلدى. شەھەردىكى چوڭ بۇتخانىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كاتتا مەسچىت جامە بىنا قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋەخپە ۋە باشقا مال- مۈلۈكلەرنى تەيىنلىدى. بۇ خوجامنىڭ ئومۇمەن ئۈچ يىل بىر ئايدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە، ھىچقانداق ئادم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلىپ ئارىلىشالمىدى. چۈنكى، بۇ خوجام گەرچە باشقا خوجاملاردىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن پەم- پاراسەتلىك ۋە ئىلىم- دىيانەت، پەزىل- كامالەتتە ھەممىدىن چوڭ ئىدى. ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان، كاپىرلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى ۋە زۇلۇم- جاپالىرى، قەدىمقى بەگلەرنىڭ ئۆزىچە پەيدا قىلغان رەسمىيەت- تۈزۈملىرى ۋە ئەسكى ئىشلىرى يولغا قويۇلۇپ كەلگەن بۇ شەھەرلەردە، مەزكۈر خوجام «ھەدىس شېرىپ» تە ئېيتىلغان”سۆھبەتداشلىق تەسىر قىلىدۇ - ت“دىگەن مۆجىزىلىك ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۆزىنىڭ خۇي- مىجەزىنىمۇ بۇنىڭغا توغرىلاپ، خالايىقنىڭ دىل- كۆڭلىگە ئورناپ مۇقىملىشىپ كەتكەن ۋە ياماننى ياخشىدىن ئايرىمايدىغان ئەسكى مېرەز ۋە بىدئەت ئىشلارنى قىلىش ۋە نەيزە ئۇچى بىلەن يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرنىڭ شەرىئەت- سۈننەتلىرى ۋە ھۆرمەت پەزىلەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى سىياسەت شەمشىرىنىڭ سۈيى ۋە تۇپرىغى بىلە پەرۋىش قىلىپ كۆكەرتىپ، پۇراقلىق مايسا رەيھان گۈلىنى ئۆستۈردى. چۈنكى، «ھەدىس شېرىپ»تىمۇ ”جەننەت قىلىچىنىڭ سىياسى ئاستىدا“دەپ كۆرسىتىلگەن مەزمۇن بۇ ئىشلارغا گۇۋالىق بېرىپ تۇرىدۇ.
     مەھمۇدىن خوجام يەنە شەھەر، سەھرالاردىكى مەسچىت، خانىقالارغا ئىمام، مۇئەززىنلەرنى توختىتىپ، بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئۆتەشنى بەرپا قىلدۇردى. شەرىئەتنىڭ ھەممە قائىدە- يوسۇنلىرىنى رەسۇلىللانىڭ سۈننەت كىتاۋىغا (ھەدىسىگە – ت) ۋە توغرا يوللۇق ئۆلىمالارنىڭ سۆز- پىكىرلىرىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلدى. ئۇلۇغ شەرىئەت قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شەرىئەتتىن چىققان ھىچقانداق ئادەمگە يۈز- خاتىرە قىلماي، ھۆكۈم جارى قىلدى. ھەتتاكى، قىمارۋاز، كەپتەرۋاز، كەكلىكۋاز، توخۇمباز قاتارلىق ھەممە بازارلارغا قەتئىي ئەدەپ بېرىپ يوق قىلدى. لېكىن، ئۆزى شاخماتچى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ قائىدىلىرىنى مەھكەم ھىمايە قىلىپ، خالايىقنىڭ غەم- ئەندىشە ۋە راھىتىنى ئىستىگەنلىكتىن، چوڭ ۋە كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازى ۋە خوشال ئىدى.
     بۇ ئەسەرگە قەلەم تەۋرەتكەن مەنكى، كەمىنە مۇسا مەزكۈر خوجام پادىشانىڭ ھوزۇرىدا ئۈلپەتداش ۋە سۆھبەتداش ئىدىم. مەيلى بىرەر ئۆلىما ياكى پازىللار بولسۇن ۋە ياكى ھاكىم ھەم دادخوۋالار بولسۇن، مەندىن مەسلىەتسىز بىرەر ئىشنى قىلالماس ئىدى. چۈنكى، مەن بۇ خوجام پادىشا بىلەن كۇچاردا يەتتە يىل مىقدارى بىر مەدرىس ۋە بىر ھۇجىرىدا بىللە تۇرۇپ، ساۋاقداش، قۇرداش ۋە دوست- ئاداش بولۇپ كەلگەن ئىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچتۇرپانلىق باي مۇھەممەت قازىبېك مەن پېقىرنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلدى ۋە ”ئىپتار قىلىپ، قونۇپ قۇنۇپ ئەتە كىرسىلە، پادىشا خوجامدىن مۇشۇنداق دەپ رۇخسەت ئېلىپ چىقسىلا“دەپ تەكىد قىلدى. چۈنكى، ئۇ كىشىنىڭ ھويلىسى شەھەرنىڭ تېشىدا ئىدى. مەن بولسام بىرەر كىچىمۇ خوجام پادىشادىن بىجاۋاپ باشقا يەرگە بارماس ئىدىم. چۈنكى، مەن خوجام پادىشا قاتنىشىغان بەش ۋاقىت نامازغا ئىمام ۋە مەسچىت جامەگە خېتىپ ئىدىم. مەخپى گەپ- سۆز ۋە خەتلەرگە سىرداش ئىدىم. توققۇز قاراۋۇلدىن كىرگەن ۋە چىققان ئادەملەرگە مەن مەسئۇل ئىدىم. قاراۋۇللارنىڭ يول خېتىمۇ مېنىڭ قولۇمدا ئىدى.ھىچقانداق كىشى مەندىن بىجاۋاپ قاراۋۇلدىن زادى ئۆتەلمەيتى.



[align=justify]       يەنە بىرى شۇكى، خوجام پادىشا پادىشالىق ئورنىدا تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭغا بىر مۆھۈر لازىم بولۇپ قالدى. مۆھۈرنى قانداق ئويدۇرۇش ھەققىدە ھەر كىم ھەر خىل قاپىيەلىك سۆزلەرنى تۈزگەن ئىدى. مەنمۇ شۇ كىشلەرنىڭ قاتارىدا بىر سەجئى (قاپىيەلىك سۆز - ت) تۈزۈپ،” يافەت ئىززىتى زى ھەرزرىتى مەئۇبۇد، ئىبىنى بۇرھانىدىن خوجەمەھمۇد“(ئۇلۇغ ئاللانىڭ دەرگاھىدىن ئىززەت تاپقان بۇرھانىدىن خوجا ئوغلى مەھمۇت - ت) دىدىم. خوجا پادىشا بۇ سەجئىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ ماقۇل كۆرۈپ، مېنى مۆھۈر ئويدۇرۇشقا تەيىنلىدى. مۆھۈركەند (تامغا ئويغۇچى - ت) نىڭ ئالدىدا قاراپ تۇرۇپ مۆھۈرنى راسلاپ، ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. خوجا پادىشا ناھايتى خۇرسەن بولۇپ، مېنى مۆھۈردار قىلىپ، مۆھۈرنى تاپشۇردى. ھەرقانداق نىشان ۋە دەستەككە مۆھۈر بېسىش توغرا كەلسە ماڭا بۇيرۇيتى. مەن ئۇلارغا مۆھۈر بېسىپ بېرەر ئىدىم. يەنە خىتايلاردىن قالغان بىر بۇغداي ئۇنى سېڭى، بىر بۇغداي سېڭى ۋە بىر ئارپا سېڭى بار ئىدى. بۇ ئۈچ ساڭنى باشقۇرۇشنىمۇ ماڭا تاپشۇرغان ئىدى. ئالى ئوردىنىڭ ئاشخانا، ئاتخانا ۋە مەھرەملەرنىڭ يىمەك- ئىچمەك ۋە باشقا چىقىملىرى مۇشۇ ساڭدىن سەرپ قىلىناتتى. مەن بۇ ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى ئۆز ئىنىم مۇھەممەت خەلپىگە تاپشۇرغان ئىدىم. ئۇ بۇيرۇق ۋە نىشانلار بويىچە ئاشلىقنى سەرپ قىلاتتى. بۇرچىخانىغا كېرەكلىك گۆش، گۈرۈچ، سەۋزە ۋە پىيازغىچە بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەزكۈر ساڭنىڭ ئاشلىغىنى سېتىش ئارقىلىق كۈندىلىكنى كۈندىلىك بازاردىن ئېلىپ بېرىلەتتى. بۇ ساڭدىكى شۇنداق ھىساپسىز كەڭرى ئىدىكى، ئىككى يىلدىن كېيىن ساڭغا كىرسەم ئاشلىقنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىمۇ تېخى سەرپ بۇلۇنماپتۇ. لېكىن ئۆزەمگە تەسقىم قىلىنغان ئۇن ۋە بوغۇزدىن ئەقەللى بىر جىڭ ياكى بىر سەرمۇ ئالمىغان ئىدىم. مەن ئىنىم بىلەن بىر ھويلىدا تۇراتتىم. ئەگەر بەزىدە چىراققا ياغ ياكى شام لازىم بولۇپ قېلىپ، ساڭدىن بىرەر نەرسە ئېلىپ چىقسام، بازار نەرقى بىلەن ھىساپلاپ پۇلنى بىرەتتىم. بۇ بولسا مېنىڭ ھەرگىزمۇ ھارامدىن ساقلانغىلى ياكى تەقۋادارلىغىمدىن ئەمەس. بەلكى مېنىڭ ئىنساپ ۋە ئېھتىيات قىلغانلىغىم ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە توققۇز ساڭدا لىپمۇ- لىق ئاشلىق بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى كۈندە مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگى ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. بىز بولسا بۇ ئاشلىقنى ياكى كەڭرى سەرپ قىلمىدۇق ياكى پۇل قىلىپ ھەمرا قىلمىدۇق.
       گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، باي مۇھەممەت قازى بېكنىڭ دىگەن گېپى بويىچە خوجام پادىشادىن رۇخسەت ئېلىپ ئىپتارغا باردىم. ناماز تاراۋىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرپ نەغمە ۋە دىل سۆزلەرنى ئېيتىپ مەشرەپ قىلدى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە مېنى مەجلىسى مەشرەپتە ئولتۇرغان خاس ئاممىدىن ئايرىپ، يالغۇز يەنە بىر مەخسۇس مېخمانخانىغا ئېلىپ كىردى. بۇ ئۆيدە ئۈچتۇرپاننىڭ كونا بەگلىرىدىن قۇربان غەزنىچى، ئىسمائىل باجگەر، موللا ئىمىن شەيخ، موللا نۇر قاتارلىق ئون بەشكە يېقىن ئادەم بار ئىكەن. بۇ ئۆيدىمۇ ياخشى زىياپەت ئۆتكۈزدى. تائامدىن كېيىن ئۇلار” خېتىپ خوجام بولسا ياشانغان ۋە كۆڭلى يۇمشاق، مۇلايىم ئادەم، ھامىددىن خوجام ناھايتى غەيرەتلىك ۋە غەززەپلىرى ئارتۇق ئادەمدۇر. پادىشا خوجام بولسا يۇرتنى ناھايتى ئوبدان سورىدى. بىز ھەممە چوڭ- كىچىكلەر بۇلاردىن رازىمىز. خېتىپ خوجام بىلەن ھامىددىن خوجام يۇرت ئىشلىرىغا ئارلاشسا ئوبدان ئاقىۋەت بولماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەت پەيدا بولاتتى. ئەگەر بۇنداق بولمىسا يامان ئىشلار بولارمىكىن “دەپ سۆزلىرىنى ئاياقلاشتۇردى. ئەتىسى شەھەرگە كىرىپ بۇلارنىڭ مۇددىئاسىنى پادىشا خوجامغا بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلدىم. پادىشا خوجام” بۇ سۆزنى ياكى دادام ياكى ئاكامغا زادىلا ئىزھار قىلمىسىلا، مەن بۇنى ئۆزەم بىر يول بىلەن ئېيتىپ ماقۇل قىلسام“ دىدى. ئۇنىڭغىچە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. تۆتىنچى كېچىسى ئۈچتۇرپان ئەھلى قارا كالتەك بولۇپ، ئىتائەتتىن باش قايتۇردى. خېتىپ خوجام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، كۇچارلىق موللا توختى مۆتىسىپ دىگەن بىر قېرى ئادەمنى، پادىشا خوجام بولسا مېنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلىدى. بىز ئىككىمىز ئەلچى بولۇپ شەھەردىن چىقتۇق. كۈن چىققان مەھەلدە مازار تېرەك دىگەن جايغا باردۇق. بۇ جايغا ھەممە ئادەم باغى ۋە تاغى بولۇپ توپلانغان ئىكەن. ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتتىن يۈز ئۆرۈپ، مىرزاجان ھەزرەت دىگەننى ئۆزلىرىغا ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپتۇ. ھاۋا ناھايتى سوغاق كۈنلەر ئىدى. ئۆيگە باشلاپ كىردى. بىز ئەلچىلەر تەرىقىسىدە ” ھەممە چوڭ- كىچىك بۇ قول- پئېىللىرىدىن يانسۇن، ئەگەر يۇرتدارلىق ئىشلىرىدا قايسى ئىش بەجا قىلىنمىغان ياكى ئورۇندالمىغان بولسا، بىز ئۇنىڭ چارىسىنى قىلايلى، ئەگەر كۆڭۈللىرى ئاغىرغان بولسا، تون كىيدۈرۈپ، چاي قويۇپ كۆڭۈللىرىنى ئالايلى دەپ بىزنى بۇ يەرگە چىقاردى “دەپ سۆزىمىزنى تۈگەتتۇق. ھەزرەت باشلىق چوڭ- كىچىكلەر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھەيران بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئىمىن شەيخ دىگەن ئادەم ”قازاقلارمۇ ئۆز يۇرتىنى ئۆزى سوراپ تۇرۇپتۇ. بىزمۇ قىرغىز، قازاقلاردىن كەم ئادەم ئەمەس. خوجاملار قانچە مېھنەت ۋە مۇشەققەت تارتقان بولسا، بەلكى ئۇنىڭ ئەجىرىمۇ شۇنچىلىك قولغا تەككەندۇر. قورال- ياراقلىرىدىن باشقا نەرسىلىرى بولسا، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتسە، بىز ئات- ئۇلاغ بېرىپ، ئوبدان جابدۇپ يولغا سالساق، ئەمدى بىزنىڭ ئىچىدىغان چايلىرىمىز بولسا ئەجەل شەربىتى، كىيىدىغان تونىمىز بولسا كېپەن بولۇپ قالدى. سۆزىمىز تۈگىدى“دىدى. موللا توختى مۆتىسىپكە ئەۋەتكەن ئەلچى ئورنىدا بارىمتاي تۇتتى.
        شۇ كۈنى جۈمە كۈنى ئىدى. مازار تېرەكتە بىر مەسچىت بار ئىكەن. ھەممە ئادەم بۇ يەرگە يىغىلىپ ناماز جۈمە ئاداسىدىن كېيىن، ھەزرەتنى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە پادىشا قىلدى. ھەممىسىلا يىغا- زارە قىلىشىپ شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئەمما ھەزرەت كىگىز ئۈستىدىن يىقىلىپ كەتتى. بۇنى پالنىڭ شۈملىغىغا ئۆرىدى. بۇ ئالامانچىلار بارغانلىرىچە شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ كىرىپ، يەنە بىر دەرۋازىنى ئاچقان ھامىددىن خوجام توپ زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئوت بېرىپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، دەرۋازىنى مەھكەم قىلىپ، سېپىل ئۈستىگە يىگىتلىرىنى چىقىرىپ ئوق ئېتىپ، ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمىدى. ئالامانچىلار بولسا ئالتە كېچە- كۈندۈزگىچە جېنىنىڭ بېرىچە ھەرىكەت- تەرەددۇت قىلىپ، ھىچ نەتىجە چىقىرالمىدى. بەلكى نۇرغۇن ئادىمى زايا بولدى. مېنى بولسا بىر ئۆيگە قاماپ قويۇپ، نەچچە ئادەمنى كۈزەتچە قويدى. يەتتىنچى كېچىسى بولغاندا بۇ پېقىرنى ھەزرەت ئېلىپ چىقىپ، ” ئۆزلىرى ئەلچى بولۇپ كەلگەن ئىدىلە، ئەمدى بىز تەرەپتىن ئەلچى بولۇپ شەھەرگە كىرىپ، خوجاملار بىلەن بىزنى كېلىشتۈرۈپ، يۇرتنى ياخشى خوپ قىلىپ قويسىلا. چوڭ- كىچىك يۇرتقا نەسھەت قىلدىم. يۇرت ئىلگىركىدەكلا پۇقرا ۋە خوجاملار پادىشا بولىدىغان بولدى“دەپ بىر نەچچە گەپنى قىلىپ مېنى يولغا سالدى. مېنىڭ ئېتىمنى سابىت يۈز بېگى دىگەن ئولجىغا ئالغان ئىكەن. تاپتۇرۇپ كېلىپ ئۆزەمگە قايتۇردى. تۆت بەگنى قوشۇپ ” تۇمشۇق تېغىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىڭلار، ئادەم كۆپ، زىيان- زەخمەت قىلىپ قويمىسۇن “دەپ بۇيرۇق قىلدى. خوجاملار مەندىن كېيىن يەنە سەمەرقەنتلىك موللا قەلەندەر ئاخۇن دىگەن بىر مۆتىۋەر، ئەزىز ۋە سودىگەر كىشىنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ كىشى بىلەن بىر ئۆيدە قامالغان ئىدى. مەن بۇ كىشىنىمۇ سوراپ ئېلىپ، ھەمرا قىلىپ شەھەرگە كىردىم. كېچە كاراڭغۇ ئىدى. چېرىك بارلىغىنى بىلمەپتىمەن. تۇمشۇق تاققا كەلگىنىمدە، مەزكۈر بەگلەردىن بىرى ماڭا ئاستا” مېنى پالاكەت بېسىپ بۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان ئىكەنمەن، بىللە شەھەرگە كىرىپ كەتسەم، مېنى يوق قىلارمۇ “دەپ ئىزھار قىلدى. مەن ئەھۋالنى چاغلاپ بىلىپ ئاشكارىلا ” ئەي نۇرۇز مىڭ بېگى ئاكا، مېنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرسىلە، ھەرقانداق مەسىلە بولسا مەن ھىمايە قىلىپ قۇتۇزۇپ ئالاي، بۇ ھەقتە مەن كېپىل بولاي “دىدىم. باشقىلارمۇ بۇنى ئاڭلاپ، بىزمۇ كىرىپ كەتسەك دىيىشتى. ھەممىسىگىلا كاپالەتلىك قىلىپ شەھەرگە بىللە ئېلىپ كىردىم.
         بۇ چاغدا ئۈچ خوجام دەرۋازىدا ئىكەن. مېنى ھامىددىن خوجام بار دەرۋازا بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلدى. ئۇ ناھايتى خوش بولۇپ، ماڭا سەللە، كۇلاھ ۋە تون قاتارلىق ئىنئاملارنى بېرىپ” موللا قەلەندەر ئاخۇن باشلىق بەگلەر قېنى؟“دەپ سورىدى. مەن” دەرۋازا تېشىدا توختىتىپ قالدى “دىسەم، ئۇ” كىرسۇن “دەپ بۇيرۇدى. ئۇنىڭغىچە كۈن چىختى. خېتىپ خوجامدىن ئادەم كېلىپ مېنى ئېلىپ باردى. بۇ خوجامغىمۇ ئەھۋالنى بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلدىم. بۇمۇ ھەددىدىن زىيادە خوشال ۋە خۇرسەن بولۇپ، كۆز ياشلىرىنى ئابى نىسياندەك(4- ئاينىڭ بەركەت يامغۇرىدەك - ت) تامچا- تامچا تۆكۈپ يىغلاپ دۇئا قىلدى. چۈنكى، ئالتە كۈننىڭ ئىچىدە بۇ خوجاملار شەھەرگە سۇلىنىپ، تاقىتى تاق بولۇپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئىلاجىنى تاپالماي ياكى بۇ ئالامانچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي، خۇدانىڭ قازا ۋە ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، گەدىنىنى قازا جازىسىغا سۇنۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە ئىكەن. لېكىن شۇ كۈنى ئىپتارغا يېقىنلاپ قالغان مەزگىلدە، ھامىددىن خوجام توپ- زەمبىرەك، مەھرەم، سەرۋازلىرىنى بىللە ئېلىپ، مازار تېرەككە بېرىپ، ھەزرەتلىرىنىڭ ھويلىسنى ئىككى تەرەپتىن قورشاپ زەمبىرەككە ئوت بەرگەن ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىپتار بىلەن مەشغۇل ئىكەن. بۇلارنى چاپ- چاپ قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ھەزرەتنى تىرىك تۇتۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىردى. ئۈچتۇرپان ھاكىمى توختى بېك ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاق بېك، باي مۇھەممەت قازىبېك قاتارلىق كۆپ ئادەممۇ تىرىك قولغا چۈشتى. شۇ كېچىسى تاڭ ئاتقىچە ئۈچتۇرپان ياخشى ۋە يامان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. قىرغىزلار باشزلىق بىر قانچە ئادەم قېچىپ كاشىغەرگە بېرىپتۇ. بەزىلىرىنى بولسا ياخشى- ياماننى پەرق ئەتمەيدىغان قىرغىزلار تالان- تاراج قىلىپ يوق قىلىپتۇ. بەزىلىرى بولسا چۆل- جەزىرلەردە ۋە سوغۇقتا ھالاكەتكە ئۇچراپ ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچىپتۇ. ئىمىن شەيخ باشلىق بىرقانچە ئادەم ئىلى تەرىپىگە قاچقان ئىكەن. بۇلار سىرت دىگەن بىر چۆل- دەشتتە ئۆلۈپتۇ ۋە كېپەنمۇ تاپالماي، بۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل- جەزىردىكى قارغا- قۇزغۇنلارغا تائام بولۇپتۇ. ئاتىسى بالىسىدىن ۋە بالىسى ئاتا- ئانىسىدىن خەۋەر ئالالماي ۋە بىر- بىرىگە پەرۋا قىلماي، گوياكى قىيامەت سەھراسىغا يۇلۇققاندەك، ھەممە ئادەم ئۆز ئەھۋالى ۋە جېنى بىلەن سەرسان ۋە سەرگەردان بولدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق دەپ ھىساپقا ئېلىندى. دەشت- جەزىرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. ھاۋا ناھايتى سوغاق كۈنلەر ئىدى. خوجاملار شەھەرنى پەتھى قىلغاندا شوپاڭخانىنىڭ ھاراق قاينىتىدىغان بىر چوڭ قازىنىنى ئولجىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى قولتۇقمازار دىگەن بىر مازارغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەن ئىكەن. ئالامانچىلار بۇ قازاننى ھەزەتنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئىپتارلىق ئۇماچ قىلغان ئىكەن. خوجاملار زەمبىرەككە ئوت بەرگەندە، قازاندىن ئۇماچ ئۇسۇپ بېرىۋاتقان ئىككى ئالامانچى قازاندىكى ئۇماچقا چۈشۈپ چۆكۈپ كېتىپتۇ. قولغا تىرىك چۈشكەنلەرنى بولسا ھامىددىن خوجام سۆز سوراپ، ھەر كېچىسى نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قۇدۇققا تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ يەتتە قۇدۇق ئادەم ئۆلۈگى بىلەن تولدى، بۇنى كۆيدۈرۋەتتى.
        كۆچمەنلەر دەپ ھېساپلانغان ئۈچتۇرپانلىقلارغا مۇنداق پالاكەت ۋە ھالاكەتنىڭ بولۇشىغا بىر مۇنچە سەۋەپ بار ئىدى. سەۋەپسىز مۇنداق ئىشلارمۇ سادىر بولمايتى. چۈنكى، ئەسلىدە ئۈچتۇرپانلىقلار ئەھلى مۇسۇلمانچىلىق ۋە ئۇلۇغ شەرىئەت قائىدىلىرىنى چىڭ تۇتۇدىغان خەلق ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ يەنە باشقا ئاجايىپ ئەقىدىلىرىمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى كۇبرەۋىيە، [146] ئىسھاقىيە، [147] نەئمەتىيە، [148] رەبۇرىيە، [149] دەۋانىيە [150] قاتارلىق تەرىقەت سۈلۈكلىرىدەدۇرمىز دەپ ھىساپلايدىكەن ۋە بەزىلىرى بولسا ” ئاللا خاسلىغى خوجاملارغا خاس “ ياكى ” ئاللا خوجام “دەپ خوجاملارغا ھەددىدىن زىيادە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىپ، ئۇلارنى ھەممىدىن يۇقىرى مەرتىۋىلىك دەپ ھىساپلاپ، ئاللا بىلەن خوجاملارنىڭ ئارىلىغىدا تۇرىدىغان ھىچقانداق بىرەر يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئىنسان ياكى جاننىڭ بولۇشىنى ئىتىراپ قىلمايدىكەن ۋە بۇنىڭغا يولمۇ قويمايدىكەن. شۇڭلاشقا، خوجاملار ئۈچتۇرپانغا يېڭى بارغان چاغلاردا، ئۇلار ” ئەمدى بىز تىلىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان خوجىمىزنى تاپتۇق “دەپ، ئۇلارغا ناھايتى يۇقىرى ئەقىدە باغلاپ، ئاتلىرىنى يىلقا ئۇيۇرى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن ۋە قىزلىرىنى قىزلىق ئىپپەتلىرى بىلەن، سىكىلەك بولسا سىكىلەكلىگى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، خوجاملارغا تارتۇقلاپ، نەزىر- ھەدىيە قىلىپ،” ئەمدى بىزگە ھىچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس “دەپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، ” ئاللا خوجام “دەپ تۇرغان ئىدى. لېكىن خوجاملار بولسا ” ھەممە پۇقرا مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنى ئوخشاش بىر ئادەم “دەپ، بۇ ھەدىيىلەرگە نەزەر سالماي، ھەممىنى باراۋەر- تەڭ كۆرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ تايىپىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ” بىز دىگەن خوجىمىز بۇلار ئەمەس ئىكەن “دەپ، كەينى- كەينىدىن بۇلاردىن يۈز ئۆرىدى.
       يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، بۇ تايىپىلەر ئەر- خوتۇن ئارىلاش بىر چوڭ ئۆيگە يىغىلىپ، چوڭ قازانغا جىق چاي سېلىپ، نەچچە تاۋاققا قايماق چاي ئېلىپ كېلىپ، قازانغا قويۇپ قاينىتىپ، بىر مۆتىۋەر كىشىنى چايغا مۇئەككەل- ۋەكىل قىلىپ، غۇسۇل- تاھارەتتىن كېيىن چۆمۈچنىڭ دەستىسىنى تۇتۇپ، توپلانغان ئادەملەرگە” تەۋەرۈك كۆك چاي “دەپ ئاز- ئازدىن يېتىشىچە بېرىدىكەن ۋە چاينى ناھايتى تۆۋەن تازىم بىلەن، ھەتتا رۇكغا ئېگىلگەندەك ئېگىلىپ تۇرۇپ قولىغا ئېلىپ بېرىدىكەن. ئاندىن كېيىن نەغمە- ناۋا ساداسى ئىچىدە ئەر- خوتۇنلار ۋە باشقىلارمۇ بىر- بىرىگە ئارىلاش ھالدا رەقسى ساماغا چۈشۈپ، شاۋقۇن- سۈرەن قىلىپ، بەزىدە يىقىلىپ، بەزىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، بەزىدە مەسلەرچە غەرق بىخوت بولۇپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ، ھۇزۇرلۇقتىن بىھۇزۇر ھالىتىگە كېلىشىدىكەن ھەم ” ھۇزۇرۇم “دەپ بىر نەغمە مۇقام ئىجات قىلغان ئىكەن. بۇ نەغمە ئەنە شۇ تايىپە سۈلۈكلىرىدە كۆپ ئېيتىلىدۇ. بەزى مۇغەننىلەرمۇ بەزى مەجلىس- يىغىنلاردا ئۆز نەغمىلىرىنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇپ ئېيتاتتى.
        گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئۇلار يەنە شۇنداق بىر نەچچە سائەت ھۇشسىز- بىخۇتلۇقنى مەقسەت قىلىپ ياتقان ھالىتىدىن يەنە ھۇشىغا كېلىپ، ئۇھ دەپ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئولتۇردىكەن. مۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچلارنى” كۇبرەۋىيە “سۈلۈكى دەپ ئاتاپ ئەقىدە قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىغى شەرىئەتكە تامامەن خىلاپ ئىكەن. بۇ پىرقىنىڭ ئۇلۇغ پىشۋاسى خەلپىسى بىر كۈنى خوجامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەۋەرۈك چاي تىلەپ ” بىزگە دۇئا قىلىپ بېرىشكە بىر دۇئاگۇي تىلەيمىز “دەپ ئەرىز قىلغاندا، خوجام مەرھەمەت قىلىپ مەن كەمىنىنى بۇيرۇدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆزۈم بىلەن ئېنىق كۆردۈم. ئالدى بىلەن ئۇلار مېنى ” خوتۇنلار بىلەن بىللە رەقسى ساماغا چۈشۈپ بەرسىلە “دەپ ئىلتىماس قىلدى. مەن ” تېخى ئۆزەم ياش “دەپ بىر قېرى ئادمنى ئۆزەمگە ۋەكىل قىلىپ مەيدانغا چۈشۈردۇم. پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇلار مەندىن ” ئۆزلىرى بۇ سۈرلۈك بىلەن كەم شۇغۇللانغانلىقلىرى مەلۇم “دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا ” ھېلى مەن ياش، شەرىئەت سۈلۈكلىرىنى تېخى تاماملىيالمىدىم، شەرىئەت سۈلۈكىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ سۈلۈك بىلەن شۇغۇللانسام دەپ نىيەت قىلىپ تۇرۇپتىمەن “دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇلار خوجاملارنى بىلمەي تۇرۇپ، بىزنىڭ خوجىمىز دەپ ئىزھار قىلغان ۋە مېنىمۇ تۇنۇماي تۇرۇپ تەۋەرۈك چايغا ئېلىپ چىققان ئىدى. كېيىنچە ئۇلار بۇنىڭ ھەممىسىنى قىلغان ئۆزىمىز دەپ، قىلغان ئەقىدىلىرىگە گۇمان قىلىپ پۇشايمان يىدى. لېكىن پايدا بەرمىدى.
لېكىن شەرىئەت پانا خوجام پادىشا بولسا بۇ يولدىن ئاداشقان گۇرۇھلارنىڭ زالالات يولىنى توغرا يول دەپ، يامان ئىشلاردىن جۇدا بولالماي ۋە ئىگە بولالماي، يامان ئىشلاردىن سۈننئەتنى پەرق قىلىپ ئايرىيالماي يۈرگەنلىگىنى بىلىپ، پەيغەمبەر مۇستافاۋىيەنىڭ شەرئىتى ۋە مىللەت سىراجىدىيە [151] چىرىغىنىڭ ھۆكۈم قائىدىلىرى ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئىماملارنىڭ پىكىرلىرى، ئۆلىمايى ئىزاملارنىڭ پەتىۋالىرى بويىچە، توغرا ھەق يولىنى ئېلان قىلىپ، ” ھەدىس شېرىپتە “تە بايان قىلىنغان ” ھەممە ئىشتا نەسىھەت ۋە توغىرلىقىنى تۇتۇشنىڭ ئۆزى دىن دىمەكتۇر “دىگەن سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مۇلايىم مىجەز ۋە شىرىن سۆز- ماقاللار بىلەن پەندى- نەسھەت ھەم تەشۋىقاتلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇخالىپ كېسەللىرىنى پەندى- نەسھەتنىڭ مەجۈنى شەرۋىتى ۋە باشقا مەنىۋى دورىلار بىلەن داۋالاپ باقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ قەساۋات بېسىپ كەتكەن قەلبىگە بۇ دورىلار پايدا بەرمىدى. پەردە- پەرەنجىسىز بىر يەرگە توپلانغىنىنى بىلىپ ئالدۇرتۇپ كېلىپ، شەربەت قامچىسى ۋە دورىلىرى بىلەن قاتتىق ئەدەپ ۋە ئېھتىساپ بەردى. بۇ ئۇسۇللار ئۇلارنىڭ خاس مىجەزلىرىگە ماس كەلمىگەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلار ئاداۋەت ئۇرۇغىنى چېچىپ، دۈشمەنلىك تىكەنلىرىنى كۆكەرتتى ھەم باغى ۋە تاغلىق دۇمباقلىرىنى جېنىنىڭ بېرىچە ئاشكارە سوقتى. ئاخىرى بۇ سەرەنجامسىزلار ئىشنىڭ يولىنى ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈش تەرەپكە تارتتى. نەتىجىدە، ئۆزىنى خۇددى شامغا ئوخشاش يېنىپ تۇرغان ئوت ئاتەشكە پەرۋانىدەك ئۇردى ۋە ھالاكەت مەنزىلگاھىدىن جاي ماكان تۇتتى.

       نەزىم:

      چىرغنىكى ھەق ياندۇردى، قويدى،
      كىشىكىم پۇۋ دىدى سەقالى كۆدى.

     بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنى دەل مۇشۇ يولدىن ئازغانلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىقتۇر. ئەگەر ئۇلاردىن ” ئاللا خوجام دەپ كىمنى دەيسىلەر؟ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى شېرىپلىرى كىم بولىدۇ “دەپ سورىسا، ئۇلارنىڭ خەلىپە، ماشايىخلىرىمۇ” خوجاملارنىڭ ئىسمى شېرىپلىرىنى ئاغىزىمىزغا ئالالمايمىز، ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ، ئاللا خوجام دەپ كەلگەن ئىكەن، بىزمۇ ئاللا خوجام دىسەك، خوجىمىز ئۆزى تېپىپ ئالالايدۇ، بەلكى ئىسمى شېرىپلىرىنى ئەسلا ئاڭلىمىغان ئىدۇق “دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. جانابى ئاللا يار سوپۇم [152] «سۇبباتىل ئاجىزىن» دىگەن كىتاۋىدا مۇنداق مەسنىۋىنى زىكرى قىلىپ:

       بولۇپتۇر ھەم تەقى بىر فىرقە پەيدا،
       ئاتى مۆمىن ۋەلى نەفىسىگە شەيدا.
      يىغارلار پارە ۋە بوينى يوغاننى،
      سالۇرلار ئوتۇراغا قىزۇ- جۇۋاننى.
      ئالىپ بارسا كىشى ئەھلى ئايالىن،
       كۈتەرۇر بىھىممەتلىك ۋەبالىن.
      ھارام ئىشنىكى تائەت بىلسە ئىنسان،
      ئىرۇر بۇل ئېتىقادى نامۇسۇلمان.
       بۇ ئايغان فىرقە كىم زاللى مۇزىلىدۇر،
       شەرىئەت ئەھلى بۇ ئەلدىن خىجىلدۇر.

      دەپ يازغان ئىدى. بۇ مەسنىۋىنىڭ مەزمۇنى دەل مۇشۇ تايىپىلەرنىڭ شەنىگە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئىسھاقىيە، نەئمەتىيە قاتارلىق باشقا پىرقىلەرمۇ مۇشۇ تايىپىلەرگە ئوخشاش ياكى بۇلاردىنمۇ بەتتەر بولسا كېرەك. ھەر قايسى تايىپىلەر ئۆز ئەقىدە- سۈلۈكلىرىدىنمۇ ناھايتى مۇستەھكەم ئىكەن.توي- مەرىكە، نەزىر- چىراق ۋە ئامما ئولتۇرۇشلىرىدا بىر بىرى بىلەن ئارىشىدىكەن. لېكن سۈلۈكلىرىنى ناھايتى مەخپى- سىر قىلىپ ساقلايدىكەن. بىر- بىرىنىڭ تەۋەرۈك چاي ۋە نەزىرلىرىگە بارمايدىكەن ۋە بىر- بىرىنى چىللىمايدىكەن. ئەگەر ئارلىشىپ قالسا چىكىپ كېتىدىكەن ياكى چىقىرۋېتىدىكەن. بەزى پىرقىلەر نەزىر- چىراقلاردا خوجاملار ھەققى دەپ چوڭ بىر نان، خۇدايىم يولىدا دەپ ئۇنىڭدىن كىچىگرەك بىر نان ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بىر ناننى پەيغەمبىرىم ھەققىدە دەپ ئوبدان پۇشۇرۇپ، ناننىڭ يۈزىنى سۇ يېغىدا ياغلاپ، ئۈستىگە نوكچا شاملارنى قاداپ يۇرۇتۇپ، ئۇ نانلارنى نامازشام ۋاقتىدا ئوتتۇرغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، دۇرۇت ۋە پاتىھە ئوقۇپ خەتمە قۇرئان قىلىپ، دۇئا- پاتىھىلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بۇ نانلارنى ئۇششاق- ئۇششاق قىلىپ پارچىلاپ، توپلانغان چوڭ- كىچىك ھەممە ئادەمگە ” تەۋەرۈك “دەپ بېرىدىكەن دىگەن گەپ- نەقىللەرمۇ بار.
       بۇ تايىپىلەر ئۈچتۇرپان كۆچمەنلىرىگە خاس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەتتە شەھەرنىڭ ھەمە جايىدا بار . يەنە” كۇبرەۋىيە دەپ قايسى تەرىقەتنى دەيسىلەر “دەپ سورىسا، ئۇلار بۇنىمۇ ” بىلمەيمىز “دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن. بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ مەزھەپ شەيخ نەجمىدىن تامىتىلكۇبراغا مەنسۇپ ئىكەنلىگى مەلۇم ھەم كۇبرەۋىيە تەرىقەتنىڭ سەرھەلقىسى شەيخى نەجمىدىن كۇبرا بۇ ئۇلۇغ زات دەل شۇ رەقىسى ساماغا قايىل ئىدى ئەلۋەتتە دەيدۇ. ۋاھالەنكى، شەيخ نەجمىدىن تاممىتىلكۇبرانىڭ تەرىقەتلىرى بۇلارنىڭ يامان تەرىقەتلىرىگە ھەرگىز ئوخشىمايتى. بۇلار ئۆزىنى خىيالىچە ئۇ زاتنىڭ تەرىقەتلىرىگە تەقلىد قىلىپ، ئۆزىچە بىر سۈرلۈك پەيدا قىلپ، خوتۇنلىرى يۈزىنى ياپماي باشقا يات ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن رەقسى بىلەن ساماغا چۈشۈپ، ئۆزىنى ئاشكارە ھالدا چوڭ گۇناغا گىرىپتار قىلىپ، بۇ گۇنالىرىنى سۈلۈك قىلدۇق ۋە كۇبرەۋىيە تەرىقىتىنى تەۋرەتتۇق دەپ نەسىھەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ناھايتى جاھىللىغى ۋە نادانلىغى، توغرا يولدىن چىققانلىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، شەيخ نەجمىدىن كۇبرا بولسا كۇمرەۋىيە تەرىقەت ئەھلىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ماشايىخلىرىنىڭ سەردارى، ئىلمى قال (شەرىئەت – ت) ۋە ئىلمىي ھال (تەرىقەت – ت)دا ناھايتى كامالەتكە يەتكەن بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ كىشىنى يەنە تەربىيلەپ سۈپەتلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەمدى ئاياللارنىڭ يۈز، ئەۋرەتلىرىنى يېپىش پەرزلىگى بولسا نەس ۋە ئايەت بىلەن قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى. بۇ ئۇلۇغ زات ھەتتا شەرىئەت قائىدىلىرىنىڭ سىرتىدىكى مۇستەھەب (پەرىز ۋە ۋاجىب ھىساپلانمايدىغان – ت)ئاددى ئىشىرىگىمۇ ھىچقاچان خىلاپلىق قىلغان ئەمەس. ئەمدى پەرزىنى تەرك ئېتىش بولسا، بۇ كىشىدىن قانداق سادىر بولۇشى مۇمكىن؟ ئىلاھىم، بەلكى ھەمە مەخلۇقلىرىڭنى راست يولغا باشلاپ، تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرگەيسەن. ئەي توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللا، يولدىن ئازغانلارغا توغرا يول كۆرسەتكەيسەن، ئامىن!

[align=justify]

[align=justify]داۋامى بار.





      داۋامى:



10


خوجا ئىسھاق خان خوجامنىڭ خوتەن ۋە ئىلىغا ماڭدۇرغان ئەسكەر ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ۋەقەلىرى ۋە ئەلچى بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ خەت- ئالاقە مۇراسىلە قاتارلىق
ئىشلارنىڭ قىسقىچە بايانى


[align=justify]     پەلەكنىڭ ئالى تەربىيىسىگە ئىگە يارەنلەر ۋە ئىدرەك ئىگىسى بولغان بۇرادەرلەرنىڭ چاققان، سەزگۈر تەبىئەتلىرىگە مەخپى ۋە خەۋەرسىز قالمىغايكى، نەقىل ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۇچار شەھىرى بۇزلۇپ، خوجا ئىسھاق خان خوجام خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئىسلام قىلىچىنى كاپىرلارنىڭ بېشىغا ئاشكارە تارقاتقانلىغىنىڭ خوش خەۋەرلىرى ۋە مۇبارەكباتلىق چوڭ تەنتەنىسى يەتتە شەھەرنىڭ ۋالىلىرى ۋە ئاھالىسىگە ئاڭلاندى. بەلكى ھەر تەرەپكە تارقالدى. نەتىجىدە شەھەر- شەھەرلەردىكى مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانىلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئىسلام شەرىپىنى ئاچماقنى ۋە زالىم كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ چاپماقنى مەقسەت ۋە ئىشتىياق قىلىپ، كۇچارنىڭ كەينىدىن ئىلىدىكى يەتتە شەھەرنىڭ تۇڭگانى ۋە تارانچىلىرى كاپىرلارنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئەلەم موللا شەۋكەت ئاخۇننى ئۆزىگە باشلىق ۋە مۇستەقىل ھاكىم قىلدى. بۇ ناھايىتى پازىل ۋە دىندار كىشى ئىدى. جۈملىدىن خوتەن ئەھلىمۇ خىتايلارنىڭ ئىلكىدىن چىقتى. ياركەنت، كاشىغەر خەلقىمۇ ئىتائەت ۋە پەرماندارلىق يىپىنى ئۈزدى. چۈنكى، بۇ ئالتە شەھەرگە كۇچار گۇيا بىر دەرۋازا ئورنىدا بولۇپ، بېيجىڭدىن كەلگەن چېرىكلەر ئالدى بلەن كۇچارنى باسماي تۇرۇپ، باشقا يەرگە بارالمايتى. بۇنى بىلگەن يەتتە شەھەر ئادەملىرى كەينى- كەينىدىن بۇزۇلۇپ، ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر ئادەمنى سەردار قىلىپ، يەنە بىر ئادەمگە پەرماندار بولۇپ ئۆز ئالدىغا مۈلكى تاۋايىف (تەۋەلىك – ت) قۇردى.
      خۇسۇسەن خوتەندە موللا ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجى دىگەن بىر تەقۋادار- پەرزگار ۋە شەرىئەتشوئار، دىن- دىيانەتلىك بىر كىشى بار ئىدى. ھەممە خوتەن ئەھلى بىر ئىتتىپاق بولۇپ، بۇ كىشىنى ئۆزىگە سەردار قىلىشنى لايىق ۋە سازاۋەر بىلىپ، بېشىدا كۆتۈرۈپ، خوتەن كاپرىلىرىنىڭ ئۈستىگە تىغ تارتىپ، تۇڭگانى تايىپىلىرىنىمۇ كاپىرلارغا قوشۇپ تامامەن يوق قىلىپ، يۇرتنى پەرزگار ۋە تەقۋادارلارنىڭ دىلىدەك پاكىز ۋە ساپ قىلىپ، تەختى سەلتەنەتتە ئولتۇرغۇزى، بۇ چاغدا شەيخ نەزەرىدىن خوجام ياركەنتنى پەتھى ۋە تەسەررۇف قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئاتلىنىپ ياركەنتكە باردى. بۇنىڭ بىلەن ھاجى غەزنىچى بەگمۇ بىللە بارغان ئىدى. شەيخ نەزەرىدىن خوجام ياركەنتكە بارغاندىن كېيىن، ھاجى غەزنىچى بەگنى بىر مىڭ يەتتە يۈز مۇسۇلمان، ئۈچ يۈز تۇڭگانى چېرىگى بىلەن خوتەنگە يولغا سېلىپ، ئۇنىڭغا” سىلىنىڭ خوتەنگە بارغانلىرىنى موللا ھەبىبۇللا ھاجى پادىشا ئۆزىگە پەخرى- ئىپتىخار دەپ بىلىپ، ئىتائەت كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ، گەدىنىنى تۆۋەن قىلىپ ئالدىلىرىغا چىقىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، سىلىنى تەختى سەلتەنەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى خىزمەتدارلىق رەسميەتلىرىنى ئۆتەيدىغان بولسا ناھايتى ياخشى. ئەگەر سىلىدىن يۈز ئۆرۈپ قارىشلىق قىلسا ياكى سىلىگە بوي سۇنۇشتىن باش تارتىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا جان- دىلى بىلەن كۈچ كۆرسىتىپ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ھاجى پادىشانى ئەۋلادى بىلەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئەۋەتسىلە“ دەپ بىرقانچە سىياسىي تەھدىت ۋە لاپ- قاپ، تۈزسىز- مەزىسىز ۋە ئاچچىق سۆزلەرنى قىلىپ يولغا سالدى. ھاجى غەزنىچى بېك مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، سانجۇغا بارغاندا، خەتنى كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلىپ،” بۇ خەتتىن ئاشنا- دوستلۇقنىڭ پۇرىغى كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ خەتتىن دۈشمەنلىك ۋە خۇسۇمەت ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەڭ ياخشىسى مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىشى چىقىراي. قېنى، غايىپ پەردىسىدىن نىمە ئىش- ئەھۋاللار كۆرۈنەر ئىكىن“دەپ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم سۇدۇرنى باش قىلىپ، ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن ئالدىغا چىقاردى. زاۋا دىگەن شەھەردە ئىككى تەرەپ جەڭ- قىرغىنچىلىققا كىرىشتى. نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولدى. ئىبراھىم خان سۇدۇرغا ئوق تىگىپ، ئالەم باقىغا سەپەر قىلدى.[153] ئاقىۋەت ھاجى غەزنىچى بەگمۇ باراۋەرلىك قىلالماي، مەغلۇپ بولۇپ ياركەنتكە كەتتى. ھاجى پادىشانىڭ مۇلازىملىرى بولسا غالىپ بولۇپ، ئولجا- غەنىمەتلەرنى ئېلىپ، قايغۇ ۋە ماتەم بىلەن خوتەنگە باردى.
    ھاجى پادىشانىڭ ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلماسلىغىدىكى سەۋەپ شۇكى، ھاجى غەزنىچى بېك ئەسلىدە كۇچارنىڭ بەگزادىلىرىدىن ئىكەن. ئانا تەرەپتىن خوجاملارغا تۇققانلىغى بار ئىدى. لېكىن، خىتايلارغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بۇرۇنقى بەگزادىلەردىن ئىدى. ئۇ بۇ ۋەقە بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى خان، ئامبانغا تۇڭچى بولۇپ، ياركەنتكە بېرىپ مەنسەپ ئىشىنى تۇتۇپ، خىتاي تىلى بىلەن سۆزلەپ، خىتايچە كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىم- ياسىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، ھاجى پادىشا” مېنىڭ ئۈستۈمگە ھاجى بېك دىگەننى ئەۋەتكىنى قانداق ئىش؟ خوجاملاردىن بىرسىنى ئەۋەتمەك لازىم ئىدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندىمۇ ئۇلارغا شەرىئەت ئىچىدە بولغان، شەرىئەت كىيىمىنى كىىيىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن بىر مۇسۇلمان مۆمىن ئادەم تېپىلمىغاندىمۇ؟ مېنىڭ ئۈستۈمگە بىر خىتاي يىتىمنى ئەۋەتكىنى نىمىسى“دەپ ئۆز يۇرتىغا مەھكەم ۋە ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ تۇردى.
     شۇنداقلا، بۇ چاغدا ئىلى تارانچىلىرىمۇ كاپىرلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چوڭ- قىرغىنچىلىققا ھەرىكەت ۋە تەرەددۇت قىلىپ، غازىلىق مەرتىۋىسىگە ئۇلىنىپ، ناھايتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ،” جانپىدارلار“دىگەن نامغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن ئادەم توغرا نىيەت بىلەن جېنىنى پىدا قىلىپ، قېنىنى تۆكتى. لېكىن، كاپىرلارنىڭ ئۇلۇغى جاڭجۈن تۇرغان كۈرە شەھىرى تېخى پەتھى بولمىغان ئىدى. بۇ دەۋردە سائادەتلىك ۋە ئىنتىزاملىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغى موللا شەۋكەت ئاخۇن باشقىلارغا مەسلىھەت قىلىپ، ” كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆپ ئادەم زىيان بولدى. كۆپ كاپىرلارمۇ يوق قىلىندى. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ ئۈستىمىزدە تۇرۇپ دۇئا قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن بولغان بىر ساھىپ دۇئا ئادەم كېرەك ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە كۇچاردا ئىسلام ئېچىلغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ يۆلەك ۋە مەدەتلىرىدىن قۇۋۋەت ئېلىپ، ئىلىدىكى كاپىرلارغا تىغ تارتقان ئىدۇق. شۇڭلاشقا، خوجا ئىسھاق خان خوجامنى مۇبارەكلەپ، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ پەرمان ۋە ئىتائىتىگە كىرگۈزسەك، ھەممىمىزلا بىر مەزھەپ ۋە بىر مىللەت بولغانلىغىمىز ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىق بېشىنى بىر ياقىدىن چىقىرىپ، بېشىمىزغا مۈشكۈل ئىش كەلگەندە بىر- بىرىمىزگە دوستلۇق ۋە ياردەم كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ راھىتى ۋە يۇرتلارنىڭ ئاۋاتلىغى ئۈچۈن تىرىشساق“دىدى. بۇ گپنى ھەممە ئاكابىر ئەشرەپلەر ماقۇل تۇتۇپ، ئىتتىپاق بىلەن بىر پارچە بەيئەتنامە يېزىپ، بىر ساھىپ دۇئا ئادەم تەلەپ قىلىپ، موللا قۇربان خېتىپ ئاخۇننى باش قىلىپ، ئۇنىڭغا قىرىق نەچچە ئادەمنى قوشۇپ، مۇۋاپىق سوغا- سالاملار بىلەن ئەلچى ماڭدۇرغان ئىكەن. مەزكۈر ئەلچىلەر ئىلىدىن چىقىپ، سىرت دىگەن داۋاندىن ئېشىپ، ئۈچتۇرپانغا كەلدى. چۈنكى، بۇ چاغدا مۇزداۋان بىلەن ئۆتكىلى بولمايتى. ئۈچتۇرپاندىكى خوجاملار ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ، لايىق جاي- ماكانغا چۈشۈرۈپ، بەيئەتنامە بىلەن سۈرەت- ۋەقەنى خان خوجامغا سۇندى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خان خوجامدىن ئەلچىلەر ئۆزىنىڭ يارلىغى بىلەن كەلسۇن دىگەن يارلىق كەلدى. خوجاملار ئىشەنچىلىك خىزمەتكارلارنى بىللە قوشۇپ، مەزكۈر ئەلچىلەرنى كۇچارغا ماڭدۇردى. خان خوجام بۇلارنى كۇچاردا ئىككى ئاي مىقدارى توختىتىپ، ئىنئام ئېھسانلارنى قىلىپ قايتىشقا جاۋاپ بەردى.
     خان خوجام يەنە باھاۋىددىن خوجامنىڭ ئوغلى سەئىد خوجامنى باش قىلىپ، يۈز ئەللىك لەشكەر، ئەلەم، تۇغ، بايراق، داقا- دۇمباق، قورال- يراق، ئوق- ساغداقلار بىلەن ئىلىغا يولغا سالدى. بۇلار مۇزداۋان يولىنى ياساپ، ناھايتى قىيىن- مۇشەققەت ۋە مېھنەتلەر بىلەن داۋاندىن ئۆتۈپ، تەڭداشسىز ئاللا دەرگاھىغا شۈكرى- سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، قالماقلارنىڭ زىيان- زەخمىتىگە ئۇچراشتىن غەم- ئەندىشە قىلىپ تېكەسكە يېتىپ بارغاندا، بىر نەچچە ئاتلىق ئالدامچى قالماق يولنىڭ توغرىسىدىن چىقىپ، بۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ” سىزلەر قانداق ئادەم؟ قايسى جايدىن كەلدىڭىزلەر ۋە قايسى جايغا بارىسىزلەر“دەپ سوراپ، بۇلارنىڭ ئاز- كۆپلىگىنى بىلىپ، بۇلارغا” بۇ يەردە ھەر خىل باشباشتاق يامان ئادەملەر بار. مەن ئادەم قوشۇپ بەرسەم، سىزلەرنى تىنچ- ئامان ئۆتكۈزۈپ قويسا، بۇ ماڭىمۇ بىر خىزمەت بولۇپ قالار“دەپ، ئۈچ- تۆت قالماقنى قوشۇپ،” بۇ خوجا كىشلەرنى پالانى يەرگىچە ئاپىرىپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ يېنىڭلار، بۇلارغا بىرەر ئادەم زىيان- زەخمەت قىلىپ قويمىسۇن، ئەگەر بۇنداق بولسا بىزگىمۇ ئوبدان بولمايدۇ“ دەپ مۇناپىقلارچە مۇبالىغە سۆزلەرنى تەكىتلەپ ئادەم قوشتى.
    سەئىد خوجام باشلىق بۇ ئادەملەر” خۇدانۋەندە كېرىم بۇ ئەندىشىلىرىمىزنىمۇ ئاسان قىلغۇدەك“دەپ، ئىككى- ئۈچ مەنزىلگە بېرىپ، ئات- ئۇلاقلىرىنى ئوتلاققا قويۇپ، خاتىرجەملىك بىلەن غىزا- تاماققا تەييارلىنىپ، غىزالارنى يەپ- ئىچىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. مەزكۈر قالماقلار ۋاقتىنى غەنىمەت بىلىپ، بايىقى قالماقلارغا خەۋەر بېرىپتۇ. ئۇشتۇمتۇت خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن بالا- قازادەك، نۇرغۇن قالماق كېلىپ، تالان- تاراج قىلىپ، بۇلارنىڭ بىرقانچىسىنى ئۆلتۈرۈپ نابۇت قىلىپتۇ. بىرنەچچىسىنى ئولجا ئەسىر قىلىپتۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى قېچىپ، ئۆزلىرىنى ئىسسىق كۆل قاتارلىق يەرلەرگە ئېلىپتۇ. لېكىن سەئىد خوجام ئانىدىن تۇغۇلما يالىڭاچ، يېرىم جان، ئاچ ۋە سەرسان- سەرگەردان بولۇپ، ئىلىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرىگە بېرىپتۇ. بۇ كەنتنىڭ ئۇلۇغى بۇنىڭغا ئىگىن- ئاياق بېرىپ، ئىلىنىڭ سۇلتانى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. خان خوجام پادىشا يەنە موللا ئاللا يار ئاخۇنۇمنى ئىلىغا ماڭدۇرغان ئىكەن. بۇ بىر شاگىرتى بىلەن تىنچ- ئامان ئىلىغا كىرىپتۇ. سەئىد خوجام بولسا، ئۆز بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەرنى ئىلىنىڭ سۇلتانىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، سۇلتان ئۇنىڭغا ئۆز لايىغىدا تون كىيدۈرۈپ، تەمىنات تەيىنلەپ، ئوبدان جاي- ماكان قىلىپ بېرىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭغا بەيئەت ۋە ئىناۋەت قىلماپتۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ” يالىڭاچ خوجام“دىگەن نام بىلەن داڭقى چىقىپتۇ. چۈنكى، بۇ خوجاملار بارغىچە ئالامانچىلار ۋە جانپىدالار موللا شەۋكەت ئاخۇننى بىر گۇنا بىلەن بىكار قىلىپ، قاپقا سولاپ، تىرىك پېتى دەرياغا تاشلاپتۇ – دە ، باشقا بىر ئادەمنى ئۆزىگە ئۇلۇغ قىلىپ سايلاپتۇ. بۇ ئۇلۇغنىڭ سەئىد خوجام قاتارلىقلار بىلەن كارى بولماپتۇ. بۇلار ئىلىدا ئىستىقامەت قىلىپ تاكى دەۋرى زامان مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتى كۇچارغا قايتىپ كېلىپتۇ.
     بۇ چاغلاردا ھاجى پادىشا ھاجى بېك غەزنىچىنى باسۇرۇق قىلىپ يانغاندىن كېيىن،” ھەرقانداق بولسىمۇ، بۇ ياخشى ئىش بولمىدى“دەپ، بىر تەرەپتىن شاتلىق ۋە يەنە بىر تەرەپتىن غەم- ئەندىشە قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى بىر نەچچە كۈن مۇلاھىزە قىلىپ، ” بىز بولساق خوجاملار بىلەن بىر مەزھەپ، بىر دىندىكى مۇسۇلمانلارمىز، ھەرقانچە بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئوبدان ئۆتۈشىمىز لازىم ئىدى“دەپ، خوتەننىڭ ئوبدان ۋە كېلىشكەن زىلچىلىرى، مال- ماتالىرى، ئات- ياراقلىرى ۋە نەقدىنە پۇل قاتارلىق سوغا- سالاملارنى راسلاپ، دوستانىلىق رىشتىنى باغلاپ، ھەتتا ئىتائەت تۈزۈمىگە كىرپ، زاۋا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن يامان ئىشلارغا ئۆزرە- خالىق قويۇپ، ئىنساپ ماقامىغا كېلىپ،” ھاجى بېكتىن باشقا بىر ئادەم كەلسە ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلىپ، خىزمەتكارلىق قائىدە- رەسمىيەتلىرىنى كەلتۈرەر ئىدىم. شۇنداقلا ئۆزلىرى خاقانى چىننىڭ بىر سۆزلۈك ۋە بىر قۇللۇق ئوبدان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يامان ئادەملەر بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ پادىشالىق قىلىپلا، يەنى خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇڭگانىلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇپلا، ئەگەر تۇڭگانىلارنىمۇ يوق قىلغان بولسىلا ئىدى، مەن ئەلۋەتتە ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلار ئىدىم. ھېلىمۇ ئۆزلىرى بىزدىن بۇرۇن پايتەختتە ئولتۇرغان. بىزنىڭ ئىتائەت قىلىشىمىز لازىم “دىگەن يۇسۇنلۇق بىر نەچچە مۇلايىم ياخشى سۆزنى بەتكە تىزىپ خەت يېزىپ، ئەخمەت مىراپ بېك دىگەن ئادەمنى باش قىلىپ، ئەللىك نەچچە ئادەم قوشۇپ ئەلچى قىلىپ كۇچارغا ماڭدۇردى. مەزكۈر ئەلچىلەر ئاقسۇغا كېلىپ، بىر نەچچە كۈن توختاپ، ئاندىن كۇچارغا راۋان بولدى. بۇلار كۇچارغا بىر مەنزىل قالغاندا، خان خوجام ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ، بۇلارنىڭ سوغا- سالاملىرىنى ئېلىپ كەتتى. ئەخمەت بېك باشلىق ھەممە ئەلچىنى ئات- ئۇلاغ، سەرەمجانلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى سايرامدىكى ئۆز ئورنى بىلەن تەڭ ئادەملەرگە چۈشكۈن ئورنىدا تۇتقۇن قىلىپ بېرىپ، بۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرسۇن دەپ قاتتىق يارلىق قىلدى. ئەلچىلەر سايرام كەنتلىرىدە بىر يىلچە تۇرۇپ، كۆرسىتىپ بەرگەن جايلىرىدىن ۋەتەن تۇتتى. ئاتالىق غازى بۇ جايغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋە ئەھلى ئاياللىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ قايتىپ كەلدى. ئەي ئاللا، چېچىلغانلارنى جەم قىلغۇچىدۇرسەن.




11


ئۇ ئالەمنى ياراتقۇچى ۋە ساقلىغۇچى ئاللانىڭ لۇتفى ئىنايىتى بىلەن سەيىد خوجا ئىسھاقنىڭ شەرىقىي تەرەپكە يۈرۈش قىلغىنى ۋە ئۇششاقتالدا نۇرغۇن پەتھى قىلىپ ئىگەللەشكە مۇيەسسەر بولغانلىغى ھەم بەزى باشقا ۋەقەلەر بايانى




[align=justify]     ئاقىۋەتنى ئويلايدىغان يارەنلەر، دەۋرىدىن ئەندىشە قىلغۇچى بۇرادەرلەرنىڭ كۆڭۈل ۋە كۆزلىرىدىن مەخپى ھەم يۇشۇرۇن قالمىغايكى، بۇنداق قىسسە- ھىكايە ۋە نەقىل- ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، راشىدىن خان خوجام (ئاللا ئۇنىڭغا غەلبە نۇرسەت ئاتا قىلغاي!) تەختى ئورنىدا ئولتۇرۇپ، مەشرىق تەرەپتىكى قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى كاپىرلاردىن ئەندىشە قىلىپ جار سېلىپ،” خۇدا ۋە رەسۇلىللانىڭ ھەق يولىدا جېنىنى پىدا ۋە تەقدىم قىلىپ، كاپىر- دىنسىز ۋە مۇشرىك زالىملار بىلەن غازات قىلىپ، غازىلىق مەرتىۋىسىنى خوش كۆرىدىغان ۋە شاھادەتلىك دەرىجىسىنى ئىزدىگەن بىر مەرت باھادۇر بارمىكىن؟ “دىگەن چاغدا، توختى مۇھەممەت يۈز بېشى دىگەن بىر ئادەم كېلىپ،” مەن بولىمەن، ئۇشبۇ خىزمەتنى بەجا كەلتۈرۈپ، بۇ دەرىجىلەرنى ئارزۇ ۋە ھەۋەس قىلغان ئىدىم“دەپ ئوتتۇرغا چىقتى. خان خوجام ئىلتىپات قىلىپ، يۈز ئادەم تەيىنلەپ، باھاۋىددىن خوجام بىلەن ئايدىن خوجامنى باش قىلىپ، كاپىرلار بىلەن قىلىدىغان ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا يارلىق قىلدى. بۇلار بۈگۈرگە بېرىپ، ئۇ جايدىكى يۈزگە يېقىن كاپىرنى ئۆلتۈردى ۋە ئۇ جايدىن بىر مۇنچە ئادەم ئېلىپ كورلىغا ماڭدى. بۇ چاغدا بۈگۈردە سۇمۇللا دىگەن بىر تۇڭگان بار ئىدى. ئۇ تۇڭگانلارغا باش بولدى. خان خوجام ئۇلارنىڭ كەينىدىن خوجا ئىسھاق خوجام يەنە سىدىق دادخۋا، مەمۇر خەلپىلەر باشلىق بىر يۈز ئەللىك ئادەم ماڭدۇردى. بۈگۈرلۈك دۇئايى خەلپە يەنە بۈگۈردىن يۈز ئادەم ئالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاق بولۇپ كورلىنى بېسىۋالدى. ئۇلار يەنە كورلىدىنمۇ ئادەم ئېلىپ، سانىنى كۆپەيتىپ، قارا شەھەرگە قاراپ قەدەم تاشلاپ راۋان بولدى. نەتىجىدە تۇغ- بايرام، ئەلەم، دەھۇل- دۇمباق، ئوقيا- ساغداق، زەمبىرەك، مىلتىق، قورال- ياراق، كاناي- سوناي ۋە داقا- دۇمباقلارنىڭ ياڭرىغان ساداسى بىلەن لەشكەركەشلىك دەبدەبىسى ۋە پادىشالىق داغدۇغىسى مەيداندا ياڭرىدى. ھەممە ئادەم خوشال- خوراملىق بىلەن بېلىنى مەھكەم باغلاپ، غازاتنى نىيەت قىلىپ، مەقسەت تەرەپكە قاراپ دەريا لېۋىگە باردى.
     بۇ چاغدا، كاپىرلار دەريدادىكى كېمىلەرنى چىقىرۋېلىپ، زەمبىرەك، مىلتىقلاردىن ئوق ئېتىپ، ئۇلارنى ئۆتكىلى قويمىدى. ئۇلار ئامالسىز بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، كورلا باتۇرلىرىدىن ئىسلام خەلپە دىگەن ئادەم” بۇ چوڭ يول بىلەن قارا شەھەرگە كىرگىلى بولمايدىغاندەك، شۇڭلاشقا باغراش كۆلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇششاقتالغا بېرىپ،ئاندىن ئارقىمىزغا يېنىپ قارا شەھەرنى ئالساق“ دەپ خۇددى ھەق تائالا ئىلھام بەرگەندەك، ناھايتى ياخشى ۋە نۇرغۇن مەسلىھەت- كېڭەشلەرنى كۆرسەتتى. بۇ كېڭەشنى ھەممە ئادەم قۇبۇل تۇتۇپ قۇبۇل قىلىپ، كورلىغا يېنىپ كېلىپ، باغراش كۆلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ، توققۇز كۈندە ئۇششاقتالغا بارسا، ئۇ يەردە ئۈرۈمچىدىن كېلىپ ياتقان ئون سەككىز مىڭ خىتاي چېرىگى بار ئىكەن. شۇ كۈنى يامغۇر يېغىپ چېرىكلەرنىڭ ھەممە ئەسۋاپلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلار زەمبىرەك، مىلتىق - ياراقلىرىنىمۇ ھۆل بولمىسۇن دەپ، ئۇلارنى قۇمغا كۆمۈپ بىپەرۋا ياتقان ئىكەن. غازاتچىلار بارغان ھامان جەڭ باشلاندى. كۆپ ئۇرۇش بولدى.
      ئىلگىرى خوجا جاھانگىر تۆرەم بۇ يەتتە شەھەرنى ئالغان چاغدا، بېيجىڭ تەرەپتىن كەلگەن چېرىكلەرنىڭ باشلىقى ئاي جاڭجۈن دىگەن ئادەم بۇ شەھەرلەرنى تۆرەمدىن تارتىۋالغان خىزمىتى ئۈچۈن، خاقان ئۇنى بۇ شەھەرنىڭ تەربىيەتگەردىسى ۋە ساقلايدىغان ئىگىسى دەپ، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ، بۇ يەردە بىر كاتتا بۇتخانا تەييارلاپ، ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى قويۇپ، ئەقىدە قىلىدىغان بىر بۇتخانىسى بار ئىكەن- ئۇلارنىڭ ئاغىزىغا تاش ساپال ۋە قارا تۇپراق تولسۇن! بۇ قېتىم كاپىرلارل شۇ بۇتخانىنىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ كۆپ ئۇرۇش قىلدى. ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، تىغ سىياسەتتىن ئۆتۈپ، سەرەنجان تاپتى. بېجىن تەرەپكە بىرەر كاپىرمۇ قاچالمىدى، ئاز قىسىمى ئۆزىنى قارا شەھەرگە ئالدى. بۇ چاغدا تۇرپان تەرەپتىن ئىككى نەپەر ئاتلىق خىتاي بىپەرۋا ۋە بىغەم چىقىپ كەلدى. قالماقلار بۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ خوجاملارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈردى. تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ يېنىدىن خەت چىقىپ قالدى. بۇ خەت قارا شەھەر ئامبانىغا بېرىلدىغان خەت ئىكەن. خەتتە بىر قانچە كاتتا مەنسەپدارنىڭ نام- نەسەپلىرىنى يېزىپ،” بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغى بىلەن سىزلەرگە يار ۋە مەدەت بولۇش ئۈچۈن يىگىرىمە مىڭ (كېيىنكى مەزمۇنلاردا ” يىگىرىمە تۆت مىڭ“ دەپ بايان قىلىنىدۇ – ت) چېرىك، تۆت يۈز يەتمىش زەمبىرەك، ئىككى يۈز ھارۋىدا ئوق- دورا ۋە قورال- ياراق بىلەن كەلدۇق. يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇششاقتالغا بارىمىز. بىزگە كەڭرى ئۇزۇق ۋە ئوت- بۇغۇز چىقارسۇن“دىگەن مەزمۇندىكى خەت ئىكەن. خوجاملار بۇ ئەھۋالنى ھەممە ئادەمگە ئېلان قىلىپ،” ئۇلاردىن ۋاقىپ بول، ھازىر بول“دەپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئۇ تەرەپتىن تۇغلار نامايان بولدى. تۇغ ئىچىدىن قارا چېرىكلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئىسلام لەشكەرلىرى بۇ چاغدا چۆلنىڭ ئاغىزىنى ۋە سۇنىڭ ياقىىسنى قولدا تۇتۇپ ياتقان ئىدى. مەزكۈر چېرىكلەر بىپەرۋا، بىخەۋەر ھالدا” بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇزۇق ئېلىپ چىققان ئادەملەر ئوخشايدۇ“دەپ تېخىمۇ يېقىن كەلدى. بۇ چاغدا خۇددى ئاللانىڭ بالا- قازاسى كەلگەندەك، بىر تەرەپتىن باھاۋىددىن خوجام، مەمۇر خەلپىلەر ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئايدىن خوجام، دۇئاي خەلپە سۇمۇلالار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن” ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ تەگبىر ئېيتىپ، ئات چاپتۇرۇپ قىرغىنچىلىققا ئۆتتى. لېكىن، توساتتىن قارا چېرىكلەر ئايدىن خوجامنى كەينىگە چېكىندۈردى. ئىش ئەكسى نەتىجىگە قاراپ ماڭدى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئىسھاق خوجام دۇئاغا قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاللا دەرگاھىغا ئاجىزلىغىنى بىلدۈرۈپ شىپا تىلەپ، لەشكەرلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى جەڭ- غازاتقا تەرغىپ قىلىپ رىغبەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا يىغا- زارىلەرنى قىلىپ،” ئاللاغا تەۋەكۈل“ دەپ، جان- دىلى بىلەن ئۇرۇش ۋە سۇقۇشقا تۇردى. ئوڭ قاناتنى سول قاناتقا، سول قاناتنى، ئوڭ قاناتقا يۆتكەپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋە كەچتىن تاڭ ئاتقىچە، ھەتتا چۈشتىن پىشىنگىچە بولغان ئارلىقتا چاپ-چاپ دىگەن ئاۋازلار، ” ھازىر بول“، ” ۋاقىپ بول“دىگەن سادالار ۋە توپ- زەمبىرەكلەرنىڭ پەريات پىغانى يۇلتۇز پەلەكتىن ئۆرلىدى. ئاقىۋەت پەتھى ئىشىگى ئىسھاق خوجام تەرەپتىن ئېچىلدى. بىر كېچە ۋە ئىككى كۈندۈز كۈچلۈك كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى تازىلىدى. ئۇلارنىڭ بەشىنى ئۆلتۈرگىچە ئونى ۋە ئونىنى ئۆلتۈرگىچە ئوتتۇزى ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. ئۇلار دۈشمەن قولىدا ئۆلۈشنى ئار ۋە نومۇس دەپ بىلىدىكەن. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەت قىلىشىپ بەرمىگەن بولسا، بۇ بەش كېچە- كۈندۈزدە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكىلى بولماس ئىدى. چۈنكى، ئىسلام لەشكەرلىرى ئىككى مىڭغا يەتمەيتى. كاپىرلار بولسا يىگىرىمە تۆت مىڭ بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. پەقەت مىڭ ئادىمىلا جېنىنى جايلىيالىدى. قالغانلىرى تامامەن يوق بولدى.
     بۇ ئارلىقتا ئىسلام لەشكەرلىرى ياكى سۇ ئىچىشكە پۇرسەت بولمىدى ۋە ياكى تائام يىيىشكە ئارام ۋاقىت چىقمىغان ئىدى. ئۇلار بىر ئاز سەرەنجام بولۇپ، غىزا- تاماققا مەشغۇل بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، قارا شەھەردىن يەتتە مىڭ خىتاي چېرىگى، ئۈچ مىڭ قالماق چېرىگى ئەللىك ئالتە ھارۋىدا ئوق- دورا، توپ- زەمبىرەك ۋە ئىككى يۈز ئەللىك تۆگىگە ئۇزۇق ھەم جەڭ ئەسۋاپلىرىنى يۈكلەپ، قارا شەھەرىن چىقىپ تېۋىلغۇ دىگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى دىگەن خەۋەر كەلدى. ئۇلارنىڭ گېلىدىن يا تاماق ئۆتمىدى ۋە يا باشقا ئىشلارنى قىلىشقىمۇ پۇرسەت بولمىدى. ھەممىسى بىر نىيەت، بىر ئىتتىپاق بولۇپ، غازات قىلىپ، جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كاپىر ھەم قالماقلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى نىيەت ۋە مەقسەت قىلىپ، قارا شەھەرگە قاراپ راۋان بولدى. ئوتتۇز يول مىقدارى يۈرۈپ چۇقۇر دىگەن جايدا خىتايلار بىلەن ئۇچراشتى. ئارىدا جەڭ قىرغىنچىلىقى باشلاندى. ئاقىۋەت خوجا ئىسھاق خوجام ئۈژمە چومىغىنى قولىغا ئېلىپ، شۆھرەتلىك باتۇرلىرى بىلەن بىللە كاپىر چېرىكلىرىنىڭ ئۈستىگە ئات چاپتۇردى. بۇ چاغدا كاپىرلار تۆگىلىرىنى چۆكتۈرۈپ، ھارۋىلىرىنى قاتار قىلىپ تىزىپ، دالدا ۋە پانا قىلىپ، ئوق ئاتماقتا ئىدى. ئۇلار ئات چاپتۇرغاننى كۆرۈپ، ” ئەمدى ئىشىمىز يامان بولدى“دەپ تۆگىلىرىدىكى دورىغا ئوت قويدىمۇ، ياكى خۇداۋەندەكېرىمنىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن ئۆزى ئوت كەتتىمۇ، ئىش قىلىپ، نۇرغۇن دورىغا ئوت كەتتى. تۆگە ۋە قورال- ياراقلارنى ئاسمان- پەلەك كۆتۈرۈپ، دورىلارنىڭ ئىس- تۈتۈنلىرى ۋە ئاتلارنىڭ ئايىغىدىن چىققان چاڭ- توزانلار، بۇ تۇزاڭلىق زىمىن يۈزىنى قاپلاپ قاراڭغۇ قىلىپ، ئاپتاپ يۈزىنى سۇسلاشتۇرۇپ خىرە قىلدى. ھىچقانداق ئىنسان گۇرۇھىنىڭ كۆز نۇرى كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ پەرقلەندۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك تاپالمىدى. گويا ئالەمدە قىيامەتنىڭ جازا مەيدانىدىن بىر نەمۇنە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىن بىر نىشانە ئاشارە بولدى. كاپىرلار قاچتى. خوجاملار قوغلىدى.



[align=justify]داۋامى:

[align=justify]
     شۇنداق قىلىپ، خوجاملار تېۋېلغۇ دىگەن مەنزىلگە بېرىپ ئارام ئېلىپ، ئەتىسى قالماقلارغا يول باشلىتىپ، قارا شەھەرگە يېقىن يەتكەندە، ئىراۋۇلچى خىتايلاردىن ئىككى خىتاي قولغا چۈشتى. بۇلار سوراقتا« چوڭ يولغا تەيپو- زەمبىرەكلەرنى قۇرۇپ تەييارلاپ قويدى»دىدى. خوجاملار قالماقلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە چوڭ يولنى تاشلاپ، سول قولغا قاراپ، قارا شەھەرنىڭ كۈن يۈرۈشى تەرىپىدىن ئۆتۈپ، شەھەرنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تېرەكلىك دىگەن يەرگە چۈشتى، بۇ يەرنىڭ بىر تەرىپى دەريا، بىر تەرىپى تاغ ۋە بىر تەرىپى چوڭقۇر ئۆستەڭ ئىدى. شۇ كۈنى شەھەرنىڭ تېشىدىكى ۋەي شاڭ بازارلىرىدا تۇرغان كاپىرلارنى تامامەن ئۆلتۈرۈپ، ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ، قاتتىق جەڭلەرنى قىلدى. كاپىرلارنىڭ ئۆلۈگىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماڭغىلى يول تېپىلمىدى. لېكىن، ئۇرۇش قىلغان يەردە ئىككى كاتتا ئۆستەڭ بار ئىكەن. چوڭقۇرلىقى ئىككى نەيزە مىقدارى بار ئىدى. بۇ ئۆستەڭلەر كاپىرلارنىڭ ئۆلۈگى بىلەن تۇشۇپ، سۈيى تولغىنىپ تېشىپ چىقىپ، ھەر تەرەپكە ئېقىشقا باشلاپتۇ. ئۆستەڭ سۈيىنىڭ رەڭگى قىزىل قانغا بويىلىپ، سۇدىن قانغا ئايلىنىپ كەتتى. قارىماققا قىپ-قىزىل قان ئاقاتتى.
      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، مۇشۇنداق ئۇرۇش-جەڭلەردىن كېيىن، سېپىل ئىچىدىكىلەردىن باشقا جايدا كاپىر قالمىدى. لېكىن، سېپىل ئىچىدىكى كاپىرلار سېپىلدىن ئوق ئېتىپ، خودەن تاشلاپ، ئەسلا يېقىن كەلتۈرمەيتتى. شۇ ھالەتتە خوجاملار ھارۋىلارنى ئېلىپ كېلىپ قاتار قىلىپ، تۆگىلەرنىڭ جازىسىنى سۇغا چىلاپ ھۆل قىلىپ، ھارۋىلارنىڭ ئۈستىنى توشقۇزۇپ، بىر قانچە باتۇرنى ھارۋىنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ھارۋىنى ماڭدۇرۇپ دەرۋازىغا ھەيدەپ بېرىپ ئوت قويدى. كاپىرلار دەرۋازىنىڭ كۆيگەنلىگىنى كۆرۈپ ھۇش- كاللىسىدىن كەتتى. ئوي- سەزگۈلىرىدىن تامامەن ئايرىلىپ، يۇرۇق جاھان ئۇلارنىڭ كۆزىگە گويا قاراڭغۇ كۆرۈندى. قوللىرىدىن قورال- ياراقلار چۈشۈپ كەتتى. پۇتلىرى ھەرىكەتتىن توختىدى. ئۆلۈك- تىرىكلىگىدىن بىخەۋەر بولۇپ ھاڭۋېقىپ، دىڭ تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا قالماقلارغا خوجەك قازى دىگەن تۇڭچى بولغان ئىكەن. ئۇ قالماقلارغا « سىلەر خوجاملارغا ئوق چىقارماڭلار، ئەگەر ئۇلار بىرلا دۇئا قىلسا ھەممە نەرسىگە ئوت كېتىدۇ» دەپتۇ. بۇ سۆز قالماقلارغا ماقۇل چۈشۈپ، بۇلارمۇ خىتايلارغا « بىز خوجا جاھانگىر زامانىسىدىن تارتىپ، نەچچە قېتىم خاننىڭ يارلىغى بىلەن كاشىغەرگە بېرىپ خوجاملار بىلەن ئۇرۇشتۇق، بىزگە ياخشىلىق كەلمىدى، ئارىمىزدا كېسەل پەيدا بولۇپ نۇرغۇن ئادىمىمىز ئۈلۈپ كەتتى. چارۋا ماللىرىمىزغا چېچەك چىقىپ قالدى. بىز خوجاملارغا ئوق ئاتمايمىز » دەپ ئۆزلىرىنى ياقىغا ئالدى ۋە زادىلا ئوق چىقارمىدى. بۇ چاغدا ئىسلام لەشكىرى شەھەرگە كىرىپ، بىر تەرەپتىن ئوت قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىن قىلىپ، شەھەرنىڭ ئىچىنى ۋەيران قىلىپ، قارا شەھەرنى شۇم قۇشلارغا ۋە دۆ- پەرىلەرگە جاي- ماكان قىلىپ بېرىپ، كاپىرلارنىڭ جېنىنى جەھەننەم تەرەپكە يولغا سالدى.

     نەزىم:

     شاھقا ئەگەر بولسالار بەختى يار،
     بولۇپ پەتھى نۇسرەت شاھلارغا دۇچار.

    نەتىجىدە بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلگەن مەنسەپدارلار، چېرىكلەر، مەيمەنچىلەر ۋە خۇيجالار بولۇپ چوڭ- كىچىگى ئىككى يۈز مىڭدىن زىيادە كاپىر مۇشرىك نىسىت نابۇت بولدى. لېكىن، مۇسۇلمانلاردىن شاھادەتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشكەنلىرى ئىككى يۈزگە يەتمەپتۇ. ئۈچ يۈزگە يېقىن ئادەم يارىدار بولۇپتۇ. سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ياراتقۇچى ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن ھەممە ئەسكەرلىرى ۋە باشقىلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ غەلبىگە ئېرىشىپ، ياراتقۇچى ۋە ساقلىغۇچى ئاللا دەرگاھىنىڭ پاك مۇبارەكلىرىگە شۈكرى ۋە سانالارنى بەجا كەلتۈررۈپ، تەشەككۈر نامىزى ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلدى. ھەممە ئادەم مۇبارەكباتلىق ساداسىنى كۆك رەڭلىك پەلەكتىن، ھەتتا يەتتە قات ئاسماندىن ئۆتكۈزۈپ، پەرىشتە- مەلائىكە گۈزەللەرنىڭ ئىچىگە غۇلغۇلا ۋە پەرىشانلىق سالدى.
     دەرۋەقە، بۇ يۇرتلاردا، بەلكى ھەممە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بۇ دەۋرىگىچە بولغان يەر يۈزىدە، مۇنداق نۇرغۇن دىنسىز چېرىكلەرنىڭ جەڭ غازاتتا قورال- ياراقلىرى ئۆزىدىن كەمدىن- كەم ۋە ئازدىن- ئاز مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ۋە بىرلا جايدا نىسىت- نابۇت قىلىنغانلىغى ھەققىدە ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدا بىرەر مەلمۇمات يېزىلمىغان ۋە ئاڭلانمىغان. لېكىن «رەۋزە تۇسسافا» ۋە «ئاتەشكىدە» (ئوتخانا – ت) دىگەن كىتاپلار ۋە يەنە باشقا كىتاپلاردا بايان قىلىنىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا بۇنىڭدىن كۆپ مۇسۇلماننىڭ ھالەك بولۇپ شاھادەتلىككە يەتكەنلىگى ۋە كاپىر- مۇشرىكلارنىڭ غالىق بولغانلىغى مەلۇم. لېكىن بۇ قېتىمقى غازاتتا مۇسۇلمانلار غالىپ بولۇپ، كاپىر- مۇشرىكلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بىراق غەمكىن ۋە مالاللىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىنتىلگەن مۇسۇلمانلارغا يۈزلىنىپ، كاپىرلارنىڭ ئۈستىدىن ئىستىلا تېپىشقا سەۋەپچى بولغان بۇ غازات خوشاللىغىنى بۇ زامان كۆزى ۋە دەۋران قۇلىغى تېخى كۆرمەپتۇ ۋە ئاڭلىماپتۇ.
      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ رەسۇلىللا ئەۋلادى بولغان سەيىد غازى خوجا ئىسھاق (ئاللا ئۇنىڭغا غەلبە ۋە نۇسرەت ئاتا قىلغاي!)يەنى ساھىبى ياراق ھەم قورال چوماقنى ھەممە خەلىپە، باتۇرلار، شۇنىڭدەك بىر نىيەت، بىر ئىتتىپاققا ئۇيۇشقان مۇسۇلمان، تۇڭگانى ۋە قالماقلار بىرلىشىپ، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ناغرا، كاناي ۋە داقا-دۇمباق تەنتەنە بىلەن ئۆزلىرىگە چوڭ ۋە ئەمىرى لەشكەر قىلىپ سايلاپ، ئۇنىڭغا بولغان پەرمانبەردار ۋە خىزمەتكارلىق ئورنىنى ئۆزلىرىگە پەخىر ۋە ئىپتىخار بىلىشىپ، بوينىنى تۆۋەن ئېگىپ، تازىم ۋە ھۆرمەت قوللىرىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، قارا-كۆڭۈللۈك ۋە دۈشمەنلىكتىن خالاس بولدى.

     نەزىم:

     مەسنەدى شاھلىقتا ئولتۇردى سائادەت كۈنلەرى،
     تەخىتكە چىقتى ئاچىلىپ غۇنچە يەڭلىغ باغلارى.

    ئەسلىدە يەتتە پۇشتىدىن بۇيان جىنازە سۈپەتلىك ئۇرۇق ئاتقا لىڭگىرچاققا ئوخشاش ئىگەر تۇقۇپ، ياغاچتىن ئۈزەڭگە ۋە شوينىنى قۇشقۇن قىلىپ كەلگەن بۇ سەھرالىقلار بۇ قېتىمقى غازات جەڭدىن كېيىن قالماق ئاتلىرى ۋە قازاق توپچاقلىرىغا يۈز سەر كۈمۈشكە ئەرزىيدىغان بىجىن ئىگەرلىرىنى توقۇپ، ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن سۇۋارى قىلىپ بېزەلگەن ئۈزەڭگە، قۇشقۇنلارنى سېلىپ ئاتلىق بولدى. ئەسلىدە بېشىغا ئوڭلۇققىنا بۆك كىيمىگەن، سوغاق ۋە ئىسىق كۈنلەردە كىيىشكە تۇماق تاپالمىغان ھەم ئىككى يېرىم باغلىق بۆز خامنى مېھمانلىق تون، كۆينەك ۋە تامبال قىلىپ كىيگەن، بەش تەڭگە پۇلنى خىراجەت ئۈچۈن يېنىغا سېلىپ باقمىغانلار، ئەمدىلىكتە كەشتە قۇيۇلغان تۇماق ۋە تۈلكە سۆلۆسۈندىن تىكىلگەن جۇۋا كىيىپ، تاۋار-دۇردۇننى پايتىما قىلىپ، شوينا خۇرجۇنلارغا تولغان پار-پۇر ئالتۇن، كۈمۈش ۋە لوپ تاغارلىرىغا تولغان تاۋار-دۇردۇن قاتارلىق نەرسىلەرگە ئىگە بولدى. ۋاھالەنكى، پانسەت، يۈز بېشى، خەلىپە، باھادۇرلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئولجا-غەنىمەتلەرنىڭ يەنە قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگەيسىزلەر.
ئەلقىسە، قارا شەھەر پەتھى بولۇپ يۇرتنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، خوجاملار ئوتتا كۆيمەي قالغان توپ-زەمبىرەك، مىلتىق ۋە باشقا قورال- ياراقلارنى ۋە غەنىمەت ئېلىنغان غەزنە مۈلۈكلىرىنى يىغىش ھەم جان تالاشقان ياكى يېرىم جان بولۇپ ياتقان قارا چېرىكلەرنى يەنە ئۆلگەنلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇش ئۈچۈن، ئۇششاقتالغىچە بولغان جايلاردىن خەۋەر ئېلىپ، تەكشۈرۈپ بارسا، ئۇششاقتالنىڭ شەرىقىدىكى تاشلىق قارا ساي كاپىرلارنىڭ قېنى بىلەن گويا قىزىل كىگىز يايغاندەك قىزىل سايغا ئايلىنىپتۇ ھەم پەرھات قەۋرىسىنىڭ ئۈستىدىكى تۈۋرۈكسىز تاغ بولسا ئۇنىڭ دەشتىدىكى لالىزارلىقتىنمۇ رەڭگا- رەڭ بولۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى بۇ سوقمىسىز يېڭى تاغ لالىزارلىق بولسا پەرھات قەۋرىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى لالىزارلىق بىلەن بەس- بەس قىلىپ، ئۇششاقتال قىزىللىغىدىن بىر نەمۇنە ۋە نىشان بولۇپ قاپتۇ. خوجاملار بۇ جايلارنى سەيىر- تاماشا قىلىپ، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ تولۇق ئىلتىپاتىغا شۈكرى سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، قورال- ياراق، ئىگەر- تۇقۇم ۋە ئات- ئۇلاغ ھەم ئالتۇن- كۆمۈشلەرنى ئېلىپ ياندى. ئەمدى بۇ پەتھى تەلەي- بەخت خوش خەۋىرىنى پەتھىنامە قىلىپ، كۇچار دار سەلتەنەتىگە ئەۋەتىش لازىم ۋە زۆرۈر بولدى. خوجاملار قورال- ياراق، توپ- زەمبىرەك، ئالتۇن- كۆمۈش، پاكىز ۋە خۇش پۇراقلىق چاي، چىرايلىق چىنە- قاچا ۋە كۆزگە يېقىملىق تاۋار- دۇردۇن قاتارلىق سوغا- سالاملارنى راسلاپ، توختى مۇھەمەت يۈز بېشىنى باش قىلىپ، كۇچارغا ماڭدۇردى.
     لېكىن، كۇچار بۇزۇلغان كۈنلەردە ئەخمەت ۋاڭ بېگىم كۇچاردا ئىدى. بۇ كۇچاردا بولغان ۋەقە- ھادىسىلەرنى قەغەز بېتىگە بىر- بىرلەپ تىزىپ، ئۇلۇغ خانغا ئەرز قىلىپ، ئوغى ھامىت تاجى ھاكىم بېگىمگە ئۈچ نەپەر ئىشەنچىلىك ئادەم قوشۇپ، تاغلارنىڭ ئىچى ۋە قالماقلارنىڭ ئارىسى بىلەن قارا شەھەر ۋە ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرغان ئىكەن. مەزكۈر تاجى بېك مالماقلارنىڭ ئىچى بىلەن مېڭىپ قارا شەھەرگە بېرىپتۇ. ئەرزنى ئۆتەڭ- پوچتا ئارقىلىق خانغا ئەۋەتىپ، قارا شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. قارا شەھەر پەتھى بولغاندىن كېيىن مەزكۈر تاجى بېگىم جېنىنى ئېلىپ ئىسلام لەشكەرلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆزرە- خالىقتىن گەپ ئېچىپ، توۋا- ئىستىخپار قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەزكۈر پەتھى ئىگىسى بولغان سەيىد غازى ئىسھاق خوجام ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۇلۇغلۇغى ۋە بىر يۇرتداش ئىكەنلىگىنى ئويلاپ گۇناھىدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىنى خوشال قىلىپ، ئەپۇ قەلمىنى سۈردى ھەم ئۇشبۇ بانا ۋە خوشلۇقنىڭ سەۋەپلىرى تۈپەيلىدىن راشىدىن خان خوجامدىن ئۇنىڭ گۇناھىدىن تىلەپ، ئالاھىدە ئەرز قىلىپ، ئۇنى توختى مۇھەممەت باتۇر يۈز بېشىغا قوشۇپ كۇچارغا ماڭدۇردى. توختى مۇھەممەت باتۇر يۈز بېشى قارا شەھەردىن چىقىپ كۇچارغا كېلىپ، سوغا- سالام تارتۇقلارنى خان خوجام ئالىيلىرىنىڭ نەزەرىدىن ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىدى. جۈملىدىن ئەرز بىلەن قوشۇپ تاجى بېگىمنىمۇ خان خوجام ئالى مۇقاملىرىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. خان خوجاممۇ شاھانىلىق ئىلتىپات ۋە ئۇلۇغ مەرھەمەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇنايىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلدى. لېكىن، ئىككى ئادىمىنى سىياسەتتىن ئۆتكۈزۈپ دارغا ئاستى.
     تاجى بېگىم خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ بۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئادىمىگەرچىلىك ياخشىلىقلىرى بىلەن قايتۇرۇپ، ئۇرۇق- تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەشنى قارار قىلدى. شۇڭلاشقا، ئۇ نومۇس پەرىدىسى ئىچىدىكى قىممەت باھا بىر يەككە گۆھەردەك، خۇش مۇئامىلە، ئاپتاپ كۆزىدىن باشقا كۆزنىڭ كۆزى چۈشمىگەن ۋە ئاي نۇرىدىن باشقا نۇرنى كۆرمىگەن، ئىپپەت زامان، ياخشى دەۋران، چولپان يۇلتۇزدەك يالغۇز بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ بۇ قىزىنى ئىسھاق خوجامنىڭ كۆز نۇرى بولغان پەررۇخشاھ خوجامنىڭ ئەقىدە- نىكاھىغا سۇندى. بۇ خوجام سەيىد بولغىنى بىلەن، پۇقرا- خالايىققا بولسا ئاتا- بوۋىلىرىدەك دۇئاگۇيلۇق ئورنىدا ئىدى. بۇ ۋاڭ بېگىملەر بولسا ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن پادىشالىق مۇقامى ۋە جەرە كەسىدە ئىدى. ئەگەر خۇداۋەندەكېرىم مۇشۇنداق يوللار بىلەن مۇيەسسەر قىلمىغان بولسا ئىدى، بۇ خوجاملار ئۇ ئۇلۇغلارنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك خاندانلىرىغا تىل سۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالمايتى. بۇ سۆزىمىزنىڭ توغرلىقىنى ۋەقەرنىڭ كېينكى نەتىجىسى تولۇق ئىسپاتلىدى.
     يەنە خاقانى چىن ئەھلى كېلىپ بۇ يەتتە شەھەرنى ئىتائەتكە كىرگۈزگەن چاغدا، مەزكۈر تاجى بېگىمنى كاشىغەرگە ھكىم قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىركى ئىسلام دەۋرىدە ئاتالىق غازىنىڭ پەرمانى بويىچە خوجا ئىسھاق خوجام بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ياركەنتتە تۇراتتى. خاقان مەنسەپدارلىرى بىلەن چېرىكلىرى بۇ يەرگە كەلگەندە، خوجام ئۇلاردىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ، بالا- پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە چىقىپ، ئوش دىگەن شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئىدى. تاجى بېگىم دەل مۇشۇ كۈنلەردە كاشىغەرگە ھاكىم بولغان ئىدى. بۇ ئوشتىكى ئىسھاق خوجامغا قىزىمنى سېگىندىم دىگەن بانا بىلەن خەت يېزىپ، قىزىنى ئەۋەتىشنى سورىدى ۋە ئالدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى چىقىرىپ ئالماقچى بولدى. ئىسھاق خوجام ئوغلى پەررۇخشاھ خوجامغا بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يەنە بىر ئوغلىنى قوشۇپ،« قاراۋۇلغىچە ئاپىرىپ قويۇپ بۇلارنى تىنچ- ئامان قاراۋۇلدىن ئۆتكۈزۈپ ، قايتىپ كېلىڭلار، كاشىغەرگە كىرمەڭلار» دەپ كۆپ تەكىتلەپ يولغا سالدى. لېكىن، تاجى ھاكىم بېگىم ئاللىقاچانلار قاراۋۇلچىلىرىغا« ئەگەر خوجاملار قاراۋۇلغا كەلسە، مەيلى قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئۇلارنى تۇتۇپ كاشىغەرگە ئەۋەتكىن» دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەن. بۇ خوجىلار قاراۋۇلغا كېلىشى بىلانلا ئۇلارنى تۇتۇپ، دەرھال كاشىغەرگە ئېلىپ كەلدى. خوجاملار ئۈچ- تۆت كۈن كۇچا- بازارلاردا يۈرگەندىن كېيىن، تاجى بېك” ئىلگىرى يۇرتنى بۇزغان كۇچارلىق خوجىلار يەنە ئەنجەندىن كېلىپتۇ“دەپ لوشەي دارېنغا [154] مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى دېڭىزدا نەزەربەنت قىلىپ، قىزىنى چىقىرۋېلىشنىڭ كۇيىغا چۈشتى. بۇ قىزىمۇ نەچچە بالىلىرىم بار ئىدى دەپ، بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، لوشەي دارىن بۇ خوجازادىلەرنى يوقلاپ سوراپ، بىر مەنسەپدارى بىلەن بىر تۇڭچىسىغا ئىككى يۈز سەر كۆمۈش بېرىپ، « كۇچارلىق خوجىلارنىڭ ئوغانلانلىرى بىزنى كەلدى دەپ قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ، ئەنجانغا كەتكەن ئىكەن. ئەمدى يەنە ئۆز يۇرتىمىزغا كەلسەك دەپ، ئۇلۇغ خاننىڭ كەڭچىلىگىنى سېغىنىپ كەلگەن چاغدا، ھاكىم بېك خوجىلار ئەنجاندىن كەلدى دەپ ناھەق مەلۇم قىلغاندا، مەن ئۇلارنى سولاپ قويسۇن دەپ يارلىق قىلغان ئىدىم، سەنلەر بۇ كۆمۈشنى ئېلىپ بېرىپ، خوجىلار ياتقان ئۆيگە كىگىز- كېرەكلەر، قازان، چۆگۈن، چىنە قاتارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى راسلاپ بېرىپ، ئاشقان كۆمۈشنى خوجىلارنىڭ خىراجىتىگە بېرىڭلار » دەپ يارلىق قىلىپ ئەۋەتتى. بۇلار بۇيرۇق بويىچە لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خوجازادىلەرگە تەييارلاپ بېرىپ ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خوجازادىلەر ئون ئالتە ئاي مىقدارى نەزەربەنتتە ياتتى. ئاخىرى لوشەي دارېىن تاجى ھاكىم بېگىمگە يارلىق قىلىپ،« بۇ خوجىلارغا ئۇزۇن بولدى، يەنە ئۆزىڭىز ئۇلارنى تىلەپ ئالسىڭىز» دىدى. تاجى ھاكىم بېگىم تىلەپ ئەرز تۇتتى. لوشەي دارېن بۇ ئىككى خوجازادىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، « ئۇلۇغ خانغا چوڭ خۇدانىڭ ئاچچىغى كېلىپ كايىپ كېتىپ، بۇ يۇرتلارنى سىزلەرنىڭ دادىڭىزلارغا تاپشۇرغان ئىكەن. ئەمدى چوڭ خۇدا ئاچچىغىدىن يېنىپ يۇرتلارنى ئۇلۇغ خانغا تاپشۇردى. ئۇلۇغ خان بۇرۇن ھەرقانداق ئادەمنىڭ گۇناسىدىن ئۆتكەن ئىدى. ئەمدى بىز كەلگەندىن كېيىن سىزلەردىن يەنە بىر گۇنا ئۆتسە، قائىدە بويىچە بەنلەيمىز (جازا بېرىمىز – ت). ئىلگىرى قىلغان گۇنايىڭلارغا بۇيۇجىڭ (كېرەك يوق – ت)، تىنچ بولۇپ پۇقراچىلىق قىلىڭلار » دەپ قويۇپ بەردى.
     يەنە شۇ كۈنلەردە ئۇلۇغ خاندىن« پۇقرالىرىم ئالغان خوتۇنلىرىنى قويۇپ بەرمەسلىگى لازىم. ئەگەر خوتۇنىنى قويۇپ بەرسە، ياكى خوتۇنلار ئەرلىرىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇلارغا قاتتىق جازا بەرگەندىن تاشقىرى، بۇ گۇنايىدىن ئۆمۈر باقى ئۆتمەيمەن» دەپ يارلىق كەلگەن ئىدى. بۇ يارلىقنى شەھەر- شەھەرگە ئېلان قىلىپ، بازار- گۈزەرلەرگە كوسى خەت (گۇڭسى خەت – ت) چاپلىدى. بۇنى كۆرگەن تاجى بېگىم كۆڭلىدىكى مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئاشكارە قىلالمىدى.
       سەيىد غازى ئىسھاق خوجام بولسا مۇلايىم، خۇش خۇي، كۆڭلى ئوبدان ۋە ساددا مىجەز، خۇش مۇئامىلىلىك، شىجائەتلىك، پۇقرا ئەندىشە، ئىش ھۆكۈمدە ئادالەتلىك كىشى ئىدى. خۇددى «ھەدىس شېرىپ»تە، ئەمەل بولسا نىيەتكە باغلىق دەپ يېزىلغاندەك، سەيىد ئىسھاق خوجامنىڭ نىيىتى راست ۋە توغرا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە ئادەم غازىلىق دەرىجىسىگە ئىگە بولدى. ئەگەر پەرەز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتنى تۇتقۇچىلار ياكى پەرز ۋە سۈنەتتىن تاشقىرى ياخشى ئىشنى تۇتقانلارنىڭ نىيىتى توغرا بولمايدىغان بولسا، ئۇلار ساۋاپ ۋە ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولالمايدۇ. غازات ئەلۋەتتە ئۇلۇغ پەرز ئىشتۇر. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا توغرا نىيەت كېرەك. چۈنكى بۇ چاغدا بىرەر ئولجا ياكى بۇ بانا بىلەن بىرەر شەھەرگە ھاكىم بولاي ۋە ياكى باتۇر دەپ نام قازىناي دىگەن يامان خىيال ۋە كاسات سەۋدالىغى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئىتتىپاق ۋە بىر نىيەت بىلەن كاپىر ۋە قالماقلارنىڭ ئۈستىگە ئىسلام تىغىنى تارتىش، ئەجەل يەتسە خۇدا يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ قۇربان بېرىشتىن باشقا مەقسەت ۋە مۇددىئاسى يوق ئىدى. ئۇ ھاكىم مۇتلەغ ئۇلۇغ سۇلتان ئاللا ئۆزىنىڭ ياخشى پەزىلىتى بويىچە، بۇلارنى غازىلىق دۆلىتى ۋە مەنسىۋى، شاھادەتلىك ئالى دەرىجە ۋە مەرتىۋىلىرىگە ئىگە قىلدى. ئاللانىڭ كىتاۋى، رەسۇلىللانىڭ سۈننەتلىرى ۋە ماشايىخ، ئالىملارنىڭ يوليورۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىگە لايىق غازات قىلغان تايىپىلەر بولسا، دەل مۇشۇ ئادەملەردىن ئىبارەت. خۇدا ئۆزى قىلغان ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئوبدانراق بىلگۈچىدۇر. ئەي خۇدا، ئۇلۇغ پەزىلىتىڭ ۋە كامىل قۇدرىتىڭ بىلەن ھەممىگە مۇۋاپىق توغرا يول، راست نىيەت ۋە خالىس ئەقىدە بەخش ئاتا قىلغايسەن – ئامىن ! بۇ مەزمۇنلار ئۇلۇغ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ فەزلى ۋە كەرەمى بىلەن ئاياقلاشتى.



12

قۇدرەتلىك ئاللانىڭ فەزلى ئىنايىتى بىلەن سەيىد غازى خوجا ئىسھاق تۇرپان غازاتىغا بارغىنى، پەتھىگە مۇيەسسەر بولۇپ، نەچچە بازارلارنىڭ ئاسانلا كېلىشى، قارا خىتاي ئەھلىنىڭ چېكەتكە ۋە چۈمۈلىدەك يوقىتىلغانلىغى ۋە بۇ

ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايانى


[align=justify]

[align=justify]    

[align=justify] دۆلەتكە يېقىن دوستلار ۋە مۇھەببەتپەرۋەر ئاغىنىلەرنىڭ يىراقنى كۆرگۈچى كۆزلىرىگە يېتىپ مەلۇم ۋە يېقىن بولغايكى، شۇنداق قىسسە ۋە ئەپسانىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەقىقەتنىڭ ۋارىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ نامايەندىسى بولغان سەيىد غازى خوجا ئىسھاق قارا شەھەردىكى كاپىر- مۇشرىك ۋە قالماقلار جېڭدىن كېيىن، خاتىرجەم بولۇپ، كونا تۇرپاننى پەتھى ۋە ئىتائەت قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، دادخۋا، خەلىپە ۋە باتۇرلارنى يىغىپ، مەسلىھەت- كېڭەش قىلىپ، مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نىيەت ۋە بىر ئېغىزدىن « تۇرپان يولىنىڭ قاتتىقلىغى تەرىپى بولسا ھەممە ئىنسان گوروھىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك روشەن. بۇ يول مۇشەققەت ۋە قاتتىق بولغانلىغى ئۈچۈن، بۇ يولدىكى ئايغىر بۇلاق دىگەن جايدا مىتىن بىلەن تاققا ئۇيۇپ يېزىلغان بىر چوڭ خەت بار ئىكەن. بۇ خەتتە، بۇ يولدىن بىر نۆۋەت ئۆتكەنلەر بولسا ئۆزىنىڭ بىلمەسلىگى ۋە ناھايتى نادانلىغىدىن ئۆتىدۇ. ئىككىنچى مەرتىۋە ئۆتكەنلەر بولسا مازارلارنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاپ، تىجارەت، نەپسەقە، ئەھلى ئايال زۆرۈريىتىدىن ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى مەرتىۋە ئۆتكەنلەر بولسا، ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق بولىدۇ دىگەن گەپلەر يېزىلغان ئىكەن. بۇ خەتنىڭ قايسى زامان ۋە قايسى دەۋراندا يېزىلغانلىغىنى كىشى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، يىتەرلىك ئۇزۇق- تاماق، ئات- ئۇلاغ ۋە قورال- ياراق راسلاپ تەييار قىلىپ، ئاندىن قەدەم قويساق بولارمىكىن » دەپ مەسلىھەت بېرىپ ئەرز قىلدى. بۇ مەسلىھەت سەيىد غازى خوجا ئىسھاق خوجامغا ماقۇل چۈشۈپ، نەچچە- نەچچە ھارۋا، تۆگە، ئات ۋە ئىشەكلەرگە ئوق- دورا، زەمبىرەك ۋە قورال- ياراق، ئۇزۇق- تۈلۈك، ئوت- بۇغۇزلارنى يۈكلەپ، سائادەتلىك زامان ۋە ياخشى بىر ۋاقىتتا غەلبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ ئاتلاندى. لەشكەرلىرى كۆپ خىتاينى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىگە توختاپ، كۆزىرى قىزىرىپ، ئاجىزلىرى كۈچلۈك بولۇپ، كۈچلۈكلىرى باتۇر بولۇپ، ھەر قايسىسى گويا ئۆزىنى ئىسپەندىيارى رويىنتەندەك [155]، دەلاۋۇرى تۆھمىتەندەك [156] پالۋان- باتۇر چاغلاپ، رۇستەم [157] بەرزۇدىن [158] ئارتۇق بىلىپ، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ لۇتپى ئىنايىتىگە يۆلىنىپ، ھەممىسى بىر نىيەتتە، بىر دىل، بىر جەھەت ۋە خالىس نىيەت، خالىس ئەقىدە بىلەن ، ئاللا تەۋەككۈلنى تىلىغا ئېلىپ،« ئەي ئىلاھىم! دىنغا نۇسرەت بەرگۈچىلەرگە نۇسرەت بەر، دىننى خار قىلغۇچىلارنى خار قىلغىن» دىگەن دۇئانى ھەممىسى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ، مەقسەت تەرەپكە راۋان بولدى. كاناي- سۇنايلارنىڭ ساداسى، توپ- زەمبىرەكلەرنىڭ غەۋغاسى« ھۇزۇرۇم» نەغمىسىنىڭ دىل مىسرا ئاۋازلىرى ھەم ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ كۆركەم ھەشەممەت تام- تاماشىسى، ئوق- نەيزە، قىلىچلارنىڭ ئوتتەك پارقىراشلىرى تىقىلغان، سىقىلغان جامائەتنىڭ پوش- پوش دىگەن ئاۋازلىرى بۇ كۆك گۈمبەزدەك پەلەك- ئاسمانغا چۈشتى.
     خوجاملار ئاخىرى تېۋىلغۇ دىگەن يەردە قونۇپ، ئەتىسى ئۇششاقتالغا بارسا، كاپىرلارنىڭ نىجىس تەنلىرى توپ- توپ، دۆۋە- دۆۋە بولۇپ ياتقان ئىكەن. ئۆلۈكلەرنىڭ كۆپلىگىدىن يولدىن ئۆتكىلى بولمايتى. يولنىڭ بىر تەرىپى تاغ ئىتىگى، يەنە بىر تەرىپى دەريا لېۋى ئىكەن. ھاشار ۋە مەدىكارلار ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ نىجىس تەنلىرىنى ھەر تەرەپكە تارتىپ، يوللارنى ئېچىپ ئاتتى. بۇ دەشت- باياۋاندىكى ئۆلۈكلەر خۇددى دىخان ئەشرەپلەرنىڭ ئېتىزىدىن ئۇرۇپ ئالغان بۇغداي ئەنجۇسىدەك، ھەتتا قاراساي تاشلىرىدەك قۇرۇپ، چىرىپ كەتكەن ئىكەن. خىتايلار ئىككىنچى قېتىم كەلگىچە بۇ ئۆلۈكلەرنىڭ سۆڭەكلىرى يول ئۈستىدە قۇرۇپ ياتقان ئىكەن. ھاۋانىڭ ئىسسىق تەپتىدىن بۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بەزىسى باش ئۇرۇپ چوقۇنغاندەك، بىر قانچىسى« چەنكەن» بولۇپ ئالدىغا ئېڭىشكەندەك ۋە بەزىلىرى سوراقچىلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندەك بولۇپ قالغان ئىكەن. كېيىنچە ھەر قانداق مۆمىن مۇسۇلمان ۋە سودىگەر ئەشرەپلەر بۇ يولدىن ئۆتكەن ھامان تەھسىن ۋە ئاپرىن ئوقۇپ، خوجاملارغا ۋە غازات قىلغان ئەرلەرنىڭ ھىممەت ۋە شىجائەتلىرىگە دۇئا پاتىھە قىلىپ ئۆتىدىكەن.
     كېينكى كۈنلەردە خاقان لەشكەرلىرىنىڭ قەدىمى بۇ يەرگە يەتكەندە، چوڭ گۈمبەزلەرنى ياسىتىپ، ئۇستىخانلارنى جۇغلاپ گۈمبەزنىڭ ئىچىگە سولاپ، ئاغىزىنى مەھكەم ئەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازى ئىسھاق خوجامنى كۇچاردىن ئېلىپ كېلىپ ياركەنتكە ئەۋەتىپ، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا تاپشۇرۇپ، كۈنلۈك تەمىناتىغا بىر قىزىل تىللا، ھەر جۈمەدە بىر قېتىم مۇناسىپ تون، ھەر يىلدا ئىككى مىڭ چارەك غەللە ئاشلىق قاتارلىق تەمىنات- ۋەزىپە بەلگىلەپ، قولىغا ئالى مۇبارەكنامە بېرىپ، مىھربانلىق قىلغان ئىكەن. مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازى كېينچە ئۈرۈمچى، تۇربان تۇڭگانلىرىغا دەشنەم بېرىشنى مەقسەت قىلىپ تۇرپانغا بارغاندا، ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ئەمەلدار، سەركارلىرى بۇ نۇسرەت نەمۇنىلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش لازىملىغى بولۇپ، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل ئاتالىق غازىغا ئىلتىماس قىلىپ، « ئۆزلىرىنىڭ مەرھەمەتلىرى بويىچە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىسھاق تۆرەرگە تەينلەنگەن تەمىنات- ۋەزىپىسىنى بېرىپ تۇردۇم. ئەمدى ھازىرقى خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن تەمىناتنىڭ يېرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇنى زەپەر نەمۇنە قوشۇنلارنىڭ تەمىناتىغا بەرسەم. چۈنكى، ياركەنت ئىچى ئەرزانچىلىق، تەمىناتنىڭ يېرىمى ئۆزىگە يېتىدۇ » دەپتۇ. جانابى ئاتالىق غازى شاغاۋۇلنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىپ، رەنجىپ ئاچچىغلاپ قايتا خىتاپ قىلىپ، خۇش پۇراقلىق ئالى ئىنايەتنامە ۋەئەنبەرنامە بېرىپ، مېھربانلىق كۆرسىتىپ،« مەن ئۆزەمنىڭ ناھايىت بېجىل ۋە پەسكەشلىگىمدىن ئىسھاق تۆرەگە ئاز تەمىنات تەينلىگەن ئىكەنمەن. شۇڭلاشقا، بۇ ئالى نىشان- بۇيرۇقنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى تەينلەنگەن تەمىناتنى ئىككى ھەسسە قىلىپ بېرىپ، ئالى دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالغايسىز. ئەگەر ئىسھاق تۆرەنىڭ ئۇششاقتالدا قىلغان جەڭ- غازاتلىرىنى ۋە كاپىرلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن ئۇچۇق كۆرسىڭىز ھەم مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولۇپ ئىش باشقۇرغان بولسىڭىز ئىدى، ئىسھاق تۆرەنىڭ داستىخىنىغا پۈتۈن ياركەنتنى ئۆز تەۋەسى بىلەن ئىنئام قىلىپ بەرگەن بۇلار ئىدىڭىز - ئەلۋەتتە » دەپ چوڭ ئىنساپ ۋە دىيانەتلەر بىلەن ئىسھاق تۆرەگە تەھسىن ۋە ئاپرىنلارنى ئوقۇپ، ئالى ئىنايەتنامە بېرىپتۇ. دىيانەتكەر ۋە ئىنساپ شۇئار ئاتالىق غازىنىڭ بۇ قۇۋۋەت ئىلھام سۆزلىرى بولسا، ئىسھاق تۆرەمنىڭ شىجائەتلىك ۋە جەسۇرلۇق شەنىگە نەق گۇۋادۇر.
     ئەلقىسسە، ئىسھاق تۆرەم باشچىلىغىدىكى ھەممە نۇسرەتچى ئەسكەرلەر پىلتىر ۋە قوش ئات قوشۇپ تەييارلاپ، ئوت- بوغۇز، نان- تۇقاز ۋە تالقانلارنى راسلاپ، ئۇششاقتالدىن مەقسەت تەرەپكە راۋان بولدى. شۇ كۈن دۆڭ دىڭزا دىگەن جايدا قوندى. ئاندىن يۈرۈپ قارا قېرىن دىگەن جايدا ياتتى. ئاندىن ئۆتۈپ كۈمۈش ئۆتىڭىدە كېچىلىدى. بۇ جايلار بولسا ئوت- خەشەك ياكى سۇ ھەتتا چىش كولايدىغان ياغاچمۇ تېپىلمايدىان يەرلەر ئىكەن. لېكىن كۈمۈش ئۆتىڭىدە ئازراق سۇ بولۇپ، جېنىدىن قىينالغان يىگىرىمە ياكى ئوتتۇز كىشى بالا- چاقىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدىغان بىر جاي ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردىن ئۈژمەدۆڭ دىگەن جايغا باردى. ئاندىن ئايغىر- بۇلاققا يەتتى. بۇ يەردىمۇ نۆۋەت بىلەن ئات سۇغۇرغىچىلىك ئازراق سۈيى بار ئىكەن. بۇ يەردىن ئۆتۈپ سۇ بېشى، توخسۇنغا باردى. توخسۇن خېلى كاتتى يۇرت ئىكەن ۋە بازار ۋەيشاڭلىرى بار ئىكەن. بۇ جايدىن ئۆتسە تۇرپانغا بارىدىكەن. خوجاملار شۇنداق قىلىپ، تۇربان تەۋەسىگە كەلدى. بۇ نۇسرەتلىك ئەسكەر يېتىپ بارغۇچە، بۇ جايدا ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغان سايرام خوجىلىرىدىن مەسۇمخان خوجام دەپ بىر سەيىد ئادەم ، تۇرپانلىق قاسىم چاڭگا، ۋايىت خەلپە، زايىت خەلپە، ھاجى باقى خەلپە دىگەن ئادەملەر بىلەن جامائەت پەيدا قىلىپ، تۇرپان سەھرالىرىدىكى چېرىك، مەنمەنچى، خۇيجا قاتارلىق خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇرپان شەھىرىدىكى خىتايلار بىلەن تۇتۇشۇپ غەلبە قىلغان ۋە خىتايلار شەھەرگە كىرىپ دەرۋازلىرىنى مەھكەم قىلىپ سولاقتا تۇرغان ئىكەن. تۇرپانغا قاراشلىق ئون توققۇز يەردىكى بازار ۋەيشاڭلاردا مەيمەنچى، خۇيجا يەنى دىخان خىتايلار ناھايتى نۇرغۇن ئىكەن. بۇلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نارسىدە بالىلىرىغىچە يوق قىلىپ، ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ ۋەيران قىلىپ تۇرۇپتىكەن. بەزى بازارلاردا يەتتە- سەككىز مىڭ، بەزى بازارلاردا ئىككى-ئۈچ مىڭدىن خىتاي بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نابۇت قىىپ، شەھەر ئىچىدىكى خىتايلارغا قاراپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئىسھاق خوجام غەلبىچى ئەسكەرلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ يېنىغا چېدىر- بارگاھلىرىنى تىكتى. ھەر تەرەپكە قاراۋۇلچى، ئىراۋۇلچىلارنى قويۇپ، جەڭگە ھازىرلىق قىلدى. شەھەر بولسا مۇستەھكەم، خىتايلىرى كۆپ ئىكەن. ئىككى كۈننىڭ بىرىدە زەمبىرەك، قورال- ياراقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشۇپ، باراۋەرلىك قىلالماي، يەنە شەھىرىگە كىرىپ كېتىدىكەن. بۇ ئارىدا نۇرغۇن كاپىرلار يوق بولدى، مۇسۇلمانلاردىنمۇ شاھادەت شەرۋىتىنى ئىچكەنلەر بار ئىدى. شەھەر پەتھى بولمىدى. ئاقىۋەت خوجاملار نەچچە يەرگە شىبەلەرنى تەييارلاپ، باتۇر، پالۋانلار بۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، شەھەر ئىچىدىكى كاپىرلارنىڭ بېشىنى چىقارغىلى قويمىدى. كاپىرلارنىڭ ئوقى تامغا تېگەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئوقى بولسا ھەرگىز زايا كەتمەي كاپىرلارغا تېگەتتى.
      بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى سودالويە [159] ۋە داۋۇت [160] خەلىپىلەردىن ئەلچى كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەيشاڭلىرىنى ئېلىپ، خىتايلارنى شەھەرگە قامال قىلغانلىغىنى خەۋەر قىلدى ۋە« بىزگە يار- مەدەت بېرىپ، خوجاملاردىن بىرىنى باش قىلىپ لەشكەر ئەۋەتسىڭىزلەر» دىگەن ئەرزىنى سۇندى. ئىسھاق خوجام باھاۋۇددىن خوجامنى باش قىلىپ، بىر مىڭ لەشكەر، مەسۇمخان خوجامغا بىر مىڭ لەشكەر، ۋايىت خەلىپە، زايىت خەلىپە ۋە تۇڭگانىلاردىن نۇراخۇن، ئەلى خەلىپە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىگە يەتتە، سەككىز يۈز لەشكەر تاپشۇرۇپ، ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە ماڭدۇردى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن يەنە رەھمەت باھادۇر، ھاجى باقى خەلىپىلەرگە مىڭ ئادەم بېرىپ يولغا سالدى. بۇلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ جەڭ- غازاتلارنى قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شەھەرنى پەتھى قىلدى. ئوتتۇز مىڭدىن زىيادىرەك كاپىر يوق بولدى. ئاندىن جىمسار ئالدى ۋە ئەلتە مىڭچەسىنى نابۇت قىلدى. ئاندىن گۇچۇڭزىغا باردى.لېكىن گۇچۇڭزىنىڭ شەھىرى ناھايتى كاتا ۋە ھەممىسىلا خىتاي بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت مۇسۇلمان يوق ئىكەن. گۇچۇڭزا دىگەن سۆز خىتاي تىلىدا« ئىتنىڭ قۇرتى»يەنى « ھىساۋى يوق»دىگەن سۆز بولىدىكەن. ۋەيشاڭ بازارلىرىمۇ ناھايتى كاتتا ۋە زور بولۇپ، ئۇزۇنلىغى ئۈچ پوتەي، ھەتتا تۆت پوتەي كېلىدىكەن دەپ نەقىل قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا قاراسلىق يەنە بىر قانچە جايدا بازارلىرى بار ئىكەن. ھەممىسى بولۇپ تەخمىنەن ئىككى يۈز ئائىلىدىن ئارتۇق [161] ئادەم ياشايدىكەن.غازاتچىلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ قىرىپ تاشلىدى. لېكىن بەزىلىرى تاغ، جەزىرلەرگە قېچىپ جانلىرىنى قۇتقازدى.
     غازاتچىلار بۇ جايدىن ئۆتۈپ سىنتەنىگە باردى. بۇ يەردىمۇ ئون بەش مىڭنى يوق قىلدى. ئاندىن يۈرۈپ فۇكانغا (فۇكاڭ – ت) باردى. بۇ يەردىمۇ ئون مىڭ ئادەم يوق بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ جىبەركۇغا باردى. سەككىز مىڭچە ئادەم نابۇت بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ قاراباسۇنغا باردى. ئون مىڭدىن تولاراق ئادەم يوق بولدى. ئاندىن ماناسقا باردى. كۆپ ئۇرۇش بولدى. ئەللىك مىڭچە ئادەم يوق بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ جىڭخۇغا باردى. يىگىرىمە مىڭدىن تولاراغى يوق بولدى. بۇ يەردە ناھايتى قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى. خۇداۋەندەكېرىم ئۆز مەرھىمىتى بىلەن ئاسانلىق ئاتا قىلدى. بىر نەچچە خەلىپە، باتۇرلار مال غەنىمەت- ئولجىغا ئىگە بولدى. بۇ چاغدا سوغاق شىددىتى ۋە قار- شىۋىرغان دەھشىتى قاھايتى قاتتىق بولدى. غازاتچىلار نائلاج تۇرپانغا يېنىپ چۈشتى. ئىككى ئاي ئىچىدە مەزكۈر بازار ۋە شەھەرلەرنى سەرەنجام قىلىپ، ھەممە جاينى ۋەيران قىلىپ، قاغا- قۇزغۇنلارغا ئۇۋا، دىۋە- پەرىلەرگە جاي- ماكان قىلدى.
     بۇ كۈنلەردە ئىسھاق خوجام ئايدىن خوجامنى باش قىلىپ، ھەسەن قاسىم باھادۇر، تۇڭگانى خەلىپە، ھىدايەت خەلىپە، مۇسا مىڭ بېگى قەشقەرلىك مۇسا خەلىپە، قۇربان خەلىپە، كۇچارلىق توختى مۇھەممەت خەلىپە، شايارلىق ئوسمان شەيىخ باھادۇر، يولداش مىرزا، ئىدىرىس خەلىپە، ئاقسۇلۇق ھۇشۇر خەلىپەلەرنىڭ ھەر بىرىگە يەتتە- سەككىز يۈز، ئەقەلى تۆت- بەش يۈزدىن لەشكەر تەيىنلەپ، ئوق- دورا ۋە قورال- ياراقلار بىلەن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى مورخۇ تەرەپكە ئەۋەتتى. بۇلار چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ، بەش مەنزىلدە چىقتىم دىگەن بازارلىق ئۆتەڭگە بېرىپ، ئاندىن چوڭ يولنى تاشلاپ سول قولغا قاراپ، تاغنىڭ ئىچى بىلەن داۋاندىن ئۆتۈپ تاز بولاق دىگەن يەرگە باردى. ئاندىن ئۆتۈپ يەسانگە چەنزە دىگەن جايغا باردى. بۇ كاتتا بازارلىق ۋەيشاڭ ئىكەن. خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئون مىڭچە ئادەمنى نابۇت قىلدى. ئاندىن يۈرۈن يەبا چەنزىگە باردى. ئو ئىككى مىڭغا يېقىن ئادەم يوق بولدى. ئاندىن تاللىق بىلەن ئۆتۈپ موخۇرغا باردى. بۇ جايدا كۆپ سوقۇش بلدى. بۇ سېپىلى يوق چوڭ بازارلىق جاي ئىكەن. خىتايلىرى كۆپ ۋە ھەممىسىلا باتۇر- غەيرەتلىك ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى يوق بولدى. ئاز قىسىمى مۇسۇلمداندارچىلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، ئامانلىق دۆلىتىگە ئىگە بولدى. ئاندىن ئۆتۈپ دۇڭچىنغا باردى. بۇ يەرنىڭ سېپىلى مۇستەھكەم، خىتايلىرى كۆپ ئىكەن. ناھايتى قاتتىق جەڭ- مۇھابىرلەر بولۇپ، قىرىق مىڭغا يېقىن دىنسىز مۇشرىك يوق بولدى. لېكىن، كاپىرلارنىڭ كۆپلىگىدىن بۇ يەر زادى پەتھى بولمىدى. ئاقىۋەت كاپىرلار غەلبە قازاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قار- شىۋىرغان چىقىپ قاتتىق جۇدۇن بولۇپ، لەشكەرلەر بۇنىڭغا تاقەت قىلالماي تۇرپانغا يېنىپ چۈشتى.
     بۇرۇنقى زامانلاردا فەغفۇرچىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەررۇف قىلىپ، ھەتتا پۈتۈن موغۇلىستان مەمىلكىتىگە ئىگە بولغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەردىكى قەدىمقى مۇسۇلمان خانلىرى، يەنى چىنگىز قائان ئەۋلاتلىرىدىن بولغان موغۇل خانلىرى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى بۇغرا خانلار زامانىدىن نەمۇنە قالغان ساۋۇت- ئولپاق، دەۋۇلغا- قالپاق، نەيزە، قىلىز، ئوقيا، ساغداق ۋە ئىچىگە پولات سالغان مەشۇت چاپانلار ۋە تۆمۈر زىرەدە نىمچە تونلار، مىلتىق، گۈرزە ئايپالتا، نەيزە قاتارلىق قورال- جابدۇقلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ھەممىسىنى دۇڭجىن شەھىرىدە ساقلىغان ئىكەن. ھەتتا خاقانى چىن بۇ غەزنىدىن جابدۇقلارنىڭ باراۋېرىدە، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ جابدۇقنى ئېلىپ كېلىپ، دۇڭجىن شەھىرىدە غەزنە قۇرۇپ، چېرىكلىرى بىلەن ساقلىغان ئىكەن. كېيىن دۇڭجىن شەھىرى پەتھى بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ساقلانغان ھەر خىل ۋە ھەر رەڭدىكى قورال ۋە جابدۇق بويۇملارنى، پارچە تۆمۈرلەرنى بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھەممە كىراكەشلىرى يەتتە يىلغىچە توشۇپ بولالماپتۇ. ئۇنىڭغىچە خاقانى چىن ئەھلى يېتىپ كېلىپ بۇ بۇيۇملارغا ئىگە بولدى.
     بۇ چاغدا تۇرپان شەھىرى تېخى پەتھى بولمىغان ئىدى. ئارلىقتا بىرمۇنچە ۋەقە بولۇپ ئۆتتى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولسا، بۇرۇن بۈگۈردە قالغان سۇمۇللا دىگەن تۇڭگانى خوجاملارنىڭ كەينىدىن يېتىپ كېلىپ، تۇرپاننىڭ ئېلىنمىغانلىغىنى كۆرۈپ« تۇرپاننى پەتھى قىلمىغۇچە ھىر نەرسە يىمەيمەن» دەپ ئەھدى ئىمان قىلىپ، قەسەم ئىچتى ھەم ئادەملەرنى باشلاپ شەھەرگە چاپتى. بارغانلىرىچە خىتايلارنى قوغلاپ شەھەرگە كىرىپ قالدى. نەچچە كاپىرنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىرلارنىڭ بېشىنى بېشىنى، پۇت- قوللىرىنى، ھەتتا ھەممە ئەزاسىنى سېپىلنىڭ تېشىغا تاشلاپ، ناھايتى چوڭ قەھرمانلىق كۆرسەتتى. بۇ پەيتتە ئۇنىڭ كۆزىگە بىر ئەجەل ئوقى كېلىپ تەگدى. جېنىنى جان ئالغۇچى ئەرۋاھقا تاپشۇردى. كاپىرلار بۇنىڭ كىيىم- كېچەكلىرىنى سالدۇرغاندا، يۈنچۇغىدىن بىر مۆھۈرى چىقتى. بۇنى غازاتچىلارنىڭ چوڭ باشلىغى ئىكەن دەپ، ئۇنى ئوتتا پۇشۇرۇپ كاۋاپ قىلىپ يەپ كەتتى. چۈنكى، شۇ يىلى باھاردا ئۇلار ساڭدىكى ئاشلىغىنى پۇقرالارغا ئۆتنە بەرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاشلىغى تامامەن تۈگەپ كېتىپ، ئىت، ئىشكە، مۈشۈكلەرگىچە، ھەتتا قېرىلىرىدىن- ياشلىرىغىچە ئۆلتۈرۈپ يەپ، تاقىتى تاق بولغان ئىدى. شەھەر پەتھى بولماي سەككىز ئايدىن ئاشتى. بۇ چاغدا خوجاملار بول ئېرىق تەرەپنى توسىغان لەشكەرلىرىنى ياندۇرۇپ كېلىپ،« ئەمدى خىتايلار بېجىن تەرەپكە كەتسۇن، شەھەرنى بىكار قىلسۇن، بىز يول بېرىمىز» دەپ ئېلان قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەممە خىتاي شەھەردىن چىقىپ بول ئېرىققا بارغاندا، چاپ- چاپ قىلىپ ھەممىنى قىردى. تىغ سىياسەتتىن ئاشقانلىرىنى بولسا ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ خىزمىتىگە سالدى. شەھەر ئىچىدىكى قورال- ياراق، توپ- زەمبىرەك قاتارلىق پادىشالىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك جابدۇق ۋە سايمانلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مۇسۇلمانلار شات خانىدان، كاپىر مۇناپىقلار غەم بىلەن ھەيران ۋە سەرگەردان بولدى. شۇنداق قىلىپ، تۇرپان شەھىرىدىكى مەنسەپدار، چېرىك، مەيمەنچى، خويجا ۋە ئون توققۇز ۋەيشاڭدىكى خىتايلار بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك مىڭدىن ئاردۇق كاپىر نابۇت بولدى. مۇسۇلمانلاردىن تۆت يۈزچە كىشى شاھادەتلىككە يەتتى. ئومۇمەن بۇ يەتتە- سەككىز ئاي ئىچىدە تۇرپاندىن باشقا بۇ تەرەپ ئۈرۈمچى، ئۇ تەرەپ مورخو ۋە دۇڭجىندىن بولۇپ جەمئىي بەش يېرىم لەكدىن (بىرلەك 50 مىڭ – ت) ئارتۇق كاپىر مۇشرىك ھالاكەتكە يەتكەندۇر. بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇر. بۇنىڭ ئېنىق ھىساۋىنى ئۇ ئالەمۇل غەيىپ ۋەششەھادەت ئاللادىن باشقا بىرەر ئەھدى ئىنساننىڭ ئەقى ئىدىرىگى ۋە پىكىر تەسەۋۇرى ئېنىق ئويلاپ ھىساپلاپ تەكتىگە يېتەلمەيدۇ – خۇدانىڭ ئۆزى ھەددىدىن بەك بىلىدۇ.
ئەمدى بۇ قەلەمنىڭ خۇش يۈرۈشى ۋە خۇش تېزگىنىنى ۋە چۇلۋۇرىنى سەل- پەل مۇبالىغە تەرەپكە مايىل قىلىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ تەپسىلىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلساق، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالالىق يېتەمدىكىن دەپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ مىڭدىن يۈزنى، يۈزدىن ئوننى ۋە ئوندىن بىرنى ئىلغاپ قىسقارتىپ تاللاپ، بۇ ۋاراق سەھپىىسگە ئورناتتىم. گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا كاپىرلىقنىڭ قارا سىياھى تارقىلىپ، ھەممىنى قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتتە تۇتقان ئىدى. كېينچە يېڭىۋاشتىن روشەنلىك بېغىشلىدى. ئىلاھىم مۇسۇلمانلارغا پەتھى ۋە نۇسرەت ۋە خاتىرجەملىك، كاپىرلارغا خارلىق ۋە رەنجىشلەرنى بېرىپ، بىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!« تاھا»  ۋە « ياسىن» سۈرىلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن.



13


ياخشى ئەخلاقلىق سەيىد غازى خوجام ئىسھاقنىڭ مورخۇغا ئىككىنچى قېتىم لەشكەر ماڭدۇرغىنى ۋە مەقسەتكە يېتەلمەي قايتىپ كەلگىنى، قامۇل ۋاڭ خانلىغىدىن [sup][162][/sup] ئەلچى ۋە مەرغۇپ ھەدىيىلەر كەلگىنى، لۈكچىن شەھىرىنىڭ ئىككىنچى

 قېتىم ئېلىنىشى قاتارلق ۋەقەلەرنىڭ بايانى




[align=justify]    ياخشى تەبىئەتلىك يارەنلەر ۋە ياخشى نىيەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ ساپ دىللىرىغا يېتىپ روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، شۇنداق نەقىل ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايدىن خوجامنى ئىسلام لەشكەرلىرى بىلەن دۇڭجىن تەرىپىگە ئەۋەتكەندە، ئۇ شىددەتلىك سوغاق تۈپەيلىدىن تۇرپانغا يېنىپ كەلگەن ئىدى. يەنە لەشكەر تەييارلاپ باھاۋۇددىن خوجامنى باش قىلىپ، تۇڭگنى خو خەلىپە ، توختى مۇھەممەت خەلىپىلەر باشچىلىغىدىكى ئون بەش مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق پالۋان- باتۇرنى توپ- زەمبىرەك قاتارلىق قورال- ياراقلار بىلەن ئىككىنچى قېتىم موخۇر ۋە دۇڭجىن غازاتىغا يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ مورخوغا يەتتى. بۇ ئەتىراپتىكى يېزا- قىشلاقلاردا بۇرۇن تىغدىن ئېشىپ قالغان كاپىرلار يەنە جەم بولۇپ جەڭگە كىرىشتى. كاپىر ۋە مۇسۇلمان ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم زىيانغا ئۇچىرىدى ۋە جەڭمۇ ناھايتى قاتتىق بولدى. ئاقىۋەت كاپىرلار يەنە غەلبە قىلىپ، ئىسلام لەشكەرلىرى تۇرپانغا يېنىپ كەلدى. بۇ چاغدا قۇمۇل ۋاڭلىغىنىڭ ئاشلىغى تۈگەپ ، گۇچۇڭغا ئاشلىققا ئەۋەتكەن سۈپۈرگە بېك دىگەننى ئەللىك ھارۋا ۋە يۈز تۆگىسى بىلەن يولدىن تۇتۇپ ئېلىپ كەلدى. خوجا ئىسھاق خوجام بۇلارنى سوراق قىلىپ كۇچارغا ماڭدۇردى. راشىدىن خان خوجام سۈپۈرگە بېككە ناھايتى تولا ئىلتىپاتلارنى قىلدى. سۈپۈرگە بېك بولسا قۇمۇلنى مەن ئېلىپ بەرسەم دەپ ۋەدە- ۋەئىيەتلەرنى قىلدى. شۇڭلاشقا، ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇلدى. ئاڭغىچە قامۇلنىڭ بىر ئەلەمى بىر قانچە ئادەمنى ھەمرا قىلىپ، ۋاڭلىقنىڭ ئەۋەتكەن سوغا- سالاملىرىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن سوغا- سالاملارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ۋە ھەر تۈرلۈك قىممەت باھا ۋە ياخشى بۇيۇملار بار ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە جاھانگىر خان تۆرەم خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە ئۆزى كىيگەن بىر زەررە داۋۇدى تون بار ئىدى. (داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تونىغا ئوخشاش – ت) بۇ توننىڭ ئىككى مۈرىشى، ئىككى جەينىگى، كۆكرىگى ۋە ئىككى تىزىغا خۇددى چىنىنىڭ ئاغىزىدەك دۈگلەك ئالتۇن قۇببە تىكىلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە « ئىنناپە- تەھنا» (قۇرئاندىكى« غەلبە»سۈرىسى – ت) سۈرىسى ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلغان ئىدى. بۇ قۇببىلەرنىڭ ھەر بىرى جاھان ئاپتىۋىدەك پالىلداپ تۇراتتى. بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە يەنە جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ ئوقيا، ساغداقلىرى، ھەتتا ئۆزى ئىشلىتىدىغان پادىشالىق ئەينەكلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋە ھەممىسىلا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئىدى. يەنە جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ بىر مەپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە جابدۇقلىرى خۇددى يېڭى تىكىلگەندەك ۋە ئىگەر، كۆيچەكلىرىگىمۇ ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئىكەن. بۇنى تۆرەم« سىز تەۋەررۇك قىلىپ ساخلاڭ» دەپ ۋاڭ خانلىغىغا ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن ئىكەن. ۋاڭمۇ بۇنى تەۋەرۈك قىلىپ غەزنىدە ساقلىغان ئىكەن. ۋاڭ بۇ مەپە بىلەن ياراق- جابدۇغلارنى خوجاملارغا لايىق دەپ، خان خوجامنىڭ دارسەلتەنەتىگە ماڭدۇرغان ئىكەن. ئەلچىلەر بۇ سوغا- سالاملارنى ئېلىپ ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا كەلدى.خوجام ئۇلارنى بۇ يەردە ئۈچ- تۆت كۈن ئارام ئالدۇرۇپ، ھەممە سوغا- سالام تارتۇغى بىلەن يەنە ئادەم قوشۇپ كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ ئەلچىلەر كۇچارغا كېلىپ، ھەممە سوغا- سالام ۋە تەۋەرۈك تارتۇغىنى خان خوجامنىڭ مۇبارەك ئالى مەنزۇر- نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ قۇبۇل شەرەپلىرىگە ئېرىشتى. خان خوجام ئەلچىلەرنى بىر قانچە كۈن دەم ئالدۇرۇپ، ۋاڭ خانلىغىغا ئالتۇن تالالىق سەللە، كىمخاپ تون، شاپ- خەنجەر ۋە ئالى يارلىقلارنى مەرھەمەت قىلىپ، ئەلەم ئاخون باشلىق ھەممە ئەلچىلەرگە ئۆز لايىغىدا تون- كىيىم، سەللە، كۇلا ۋە خەشلەيدىغان تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ قايتىشقا رۇخسەت قىلدى.
     بۇ ئارىلىقتا ئىسھاق خوجام موللا تۆمۈر خەلىپە، توختام باھادۇر باشلىق ئون مۇسۇلمان ۋە ئالتە تۇڭگانىنى ئەلچى قىلىپ قامۇلغا ماڭدۇرۇپ، سۈپۈرگە بېككە ھەم رۇخسەت بەردى. ئەلچىلەر قامۇلغا كېلىپ، ۋاڭلىق خانلىغى بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ، ئەلچىلىك يوللىرىنى بەجا كەلتۈردى. لېكىن، قامۇلدىكى مەنسەپدارلارغا ۋە شەھەر ئىچى- تېشىدىكى خىتايلارغا ھىچكىم دەخلى قىلمىغان ئىدى. موللا تۆمۈر خەلىپە« قامۇلدىكى كاپىرلارى بىز پەتھى قىلساق» دەپ ۋاڭلىق خانلىغىغا مەلۇم قىلدى. ۋاڭ خان بۇنى بىلمىگەن كىشى بولۇپ، بەش يۈزلۈك كىشلىك قورال- ياراق، زىرە تون ، ساۋۇت، ئولپاق، مىلتىق، ئوقيا، ساغداق، ئەلەم، بايراق قاتارلىق جەڭگە لازىملىق نەرسىلەرنى بەردى. بۇلار ئادەم جەملەپ ئۇرۇشۇپ پەتھى قىلدى.
     ئەلقىسسە، دۇڭجىندىن ئەسكەر ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لۈكچىننىڭ خوجا ۋە بېكزادە ئىسىللىرىدىن بولغان ئىبراھىم خان، ھىپزۇللاخان، يولباس خان، شاھ مەھرەم قاتارلىق بىر نەچچە ئاكابىرى ئەشرەپلەر بىرلىشىپ، مورخو تەرەپتىن تۆت- بەش مىڭ خىتاينى مەخپى ئېلىپ كېلىپ بىرەر يەردە مەخپى توختىتىپ، ئىبراھىم خاننى خان كۆتۈرۈپ، دۈشمەنلىك ۋە قارىشلىق ناغرىسىنى ئاشكارە سوقتى. خوجا زايىت خەلىپە، ۋايىت خەلىپەلەرنى ئۆزىگە تارتىپ يۈلەنچى مەھرەم قىلدى. ۋاڭ بېگىمنىڭ بىر نەۋرىسى بار ئىكەن. ئۇنى خوجا زاھىد خەلىپىگە تارتۇق قىلدى. زاھىت خەلىپە بۇنىڭ خوشلۇغىدا« بۇ دولانلارنىڭ [sup][163][/sup] قانچە ئېتىۋارى بولسۇن، مەن ئۇلارنى بوي سۇندۇرۇپ بېرىمەن» دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپ جەڭگە تەييارلاندى. بۇ چاغدا خوجا ئىسھاق خوجام ناسىرىددىن خوجامنى باش قىلىپ، توختى مۇھەممەت، موللا ئوسمان شەيىخ باھادۇر، بەختىمەن خەلىپە، سايراملىق مۇھەممە ئەلى خەلىپە، كاشىغەرلىك مۇسا خەلىپە، قۇربان خەلىپە، ئاقسۇلۇق ھىدايەت خەلىپە، نىياز خەلىپىلەر باشلىق سەككىز مىڭ باتۇر ۋە قەھرمانلارنى ئۇرۇشقا يولغا سالدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇشقا كىرىشىپ، ئارىدا قاتتىق جەڭلەر بولدى ۋە كۆپ ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى. ئاقىۋەت خوجاملار مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا قايتتى .
      لېكىن، لۈكچىنلىك خوجىلار بولسا كۇچارلىق بۇ خوجىلارنى تۇتۇپ ئالساق، يۇرتلارنى ئۆزىمىز سورىساق، ئەگەر ئىچكىرىدىن خىتايلار چىقىپ قالسا، بىز بۇ خوجىلارنى ئۇلارغا تارتۇق قىلىپ مەنسەپ تاپساق دىگەن خام خىياللارنى ئويلاپ، بىھۇدە مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن- قانلىرىغا زامىن بولدى. بۇ چاغدا لۈكچىندە تۆت يۈز ئۆيلۈكتىن ئارتۇق تۇڭگانى بار ئىدى. لۈكچىنلىك خوجاملار بۇلارنىڭ ئۆي- ماكانلىرىغا ئوت قويۇپ، نارسىدە بالىلىرىغىچە يوق قىلدى. بۇنى ئۈرۈمچىدىكى سودالويە ئاڭلاپ، غەيرەت- ھىممەتلىرى ئۆرلەپ، ئۈچ مىڭ تۇڭگانىنى بۇ تۇڭگانىلارغا ياردەمگە ئەۋەتتى. بۇ قوشمۇ- قوش شاتلىق زامانىدا، شەھرىيارى ئافاق سەئىدئەئنى سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ئۆزى باش بولۇپ، بىر نەچچە تەڭداشسىز باتۇر بىلەن بىللە ئىككىنچى قېتىم لەشكەر تارتىپ، ئون بەش مىڭ قان خۇمارى ئەسكەرلەرنى ھەمرا قىلىپ لۈكچىنگە ماڭدى ۋە ئاۋات دىگەن جايغا چۈشۈپ، بۇ جايدا ئاۋاتلىق پەيدا قىلدى. بۇ چاغدا تۇرپانلىقلار ھەر ئىككى تەرەپكە ياردەم بەرمەي ئوتتۇرىدا تىنچ تۇرغان ئىدى. لۈكچىنلەر بولسا نۇرغۇن ئادەم تەييارلاپ كېلىپ ئۇرۇش قىلدى. بىر قانچە قېتىم غەلبە قىلدى ۋە بىر نەچچە قېىم مەغلۇپ بولدى. ئاقىۋەت پەتھى زەپەر شامىلى نۇسرەت ئەسەرلىك لەشكەرلەر تەرىپىدىن نامايەن بولۇپ، بۇ دۆلەت ۋە ئىقبال شاماللىرى دۈشمەنلىكتە ۋەدە تۇتقانلارنى خۇددى خەس- خەشەكتەك ئوتتۇردىن كۆتۈرۈپ ئۇچۇرۇپ، دەش- باياۋان غارىنىڭ ئىچىگە تىقتى. ۋايى خەلىپە ئىشنىڭ ئەكسىگە قاراپ ماڭغانلىغىنى بىلىپ، لۈكچىنلىك خوجاملارنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرقانچىنى باغلاپ تۇتۇپ كېلىپ خوجاملارغا كۆرۈنۈش بەردى. خوجاملار ئۇنىڭغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ گۇنايىدىن ئۆتتى. ئاندىن شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ كىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. شەھەر ۋە سەھرالارنى تالان- تاراج قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىدىن بىر قانچىسىنى سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى ياكى دارغا ئاستى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى قامۇل ياكى بالەكۆل (بارىكۆل – ت) قاتارلىق جايلارغا قېچىپ جېنىنى جايلىدى. قىسقىسى، ئۇلار لۈكچىن ئىشلىرىنى سەرەنجام قىلىپ خاتىرجەم بولۇپ، لۈكچىنلىك ھاشىر تاجى بېكنى لۈكچىنگە ھاكىم قىلدى. تۇرپانغا قاسىم چاڭگانى ھاكىم قىلدى ۋە ئۆزى مازارى ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىپ، خەتمە قۇئارن قىلدۇرۇپ، نەزىر- سەدىقە ۋە خەيرىيەتلەرنى بېرىپ، شۈكرى سانالارنى قىلىپ، دۇئا ۋە ئىلتىجالار بىلەن تۇرغان كۈنلەردە تەكلىپ قىلىپ قامۇلدىن كىشى كەلدى. ئىسھاق خوجام قامۇلغا ئاتلىنىشقا قارار قىلدى.






14


شەھرىيارى ئافاق ئەئنى سەيىد غازى خوجا ئىسھاق قامۇلغا ماڭغىنى ۋە بېجىن تەۋەسىگە ئات سۈرگىنى، چۈن ۋاڭ خان ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، قامالنىڭ بوي سۇنغىنى ھەم ۋاقىتسىز ۋە ئۇرۇنسىز يارلىق پەرمانلىرى ھۆكۈمى بويىچە قايتىپ

كەلگەنلىگى ۋەقەلىرى بايانى




[align=justify]     كونا يارەنلەر، سەمىمى دوستلارنىڭ زېھنى ۋە ئەقىللىقلىرىدىن يۇشۇرۇن ۋە مەخپى قالمىغايكى، بۇنداق بىر نەقىل ۋە ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكەن ئىككىنچى يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 1865- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى – ت) دىكى بىر ئۇلۇغ دەۋران ۋە ياخشى ۋاقىت- زاماندا، ياخشى ئەخلاقلىق سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ئەسكەر، ئەلەم، بايراق ۋە قورال- ياراق، كاناي- سۇناي، داقا- دۇمباقلارنى ئېلىپ، بۇلارغا شادى- خورام ۋە بىغەم ئۆزى باش بولۇپ، نۇسرەتلىك ئون ئالتە مىڭ لەشكەر بىلەن قامۇلنى ئېلىش مەقسىتىگە قەدەم قويدى. بۇ چاغدا قامۇلغا بۇرۇن بارغان موللا تۆمۈر خەلىپە باشلىق ئادەملەر قامۇلدىكى خىتايلارنى تازىلاپ، خوجاملارنىڭ قەدەم- تەشرىپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.
     قامۇل بولسا تۇرپاندىن ئون ئىككى مەنزىل يول ئىكەن. بۇ يوللار ناھايتى قاتتىق بولۇپ، ئوت- بوغۇز، ئاش- تاماق تېپىلمايدىكەن. خوجاملار مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، قامۇلغا بەش مەنزىل قالغاندا، ۋاڭ خانلىغىدىن نەچچە ھارۋا ۋە تۆگىدە كەڭرى چۈشكۈن، قۇنئالغۇ، قوي، قوي، ئوت- بوغۇز، نان- توقاچ ۋە يەل- يىمىشلەر يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ كەينىدىن ۋاڭ خانلىقمۇ كېلىپ خوجاملار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. ھەممە ئەسكەرلەرگە نان- توقاچ، چاي ۋە ئاشلارنى تارتىپ ھال سورىدى. ئاندىن ئۇلارغا ناھايتى مول سوغا- سالاملارنى بەردى. بۇ سوغا- سالاملارنىڭ ئىچىدە تۆت يۈز يامبۇ، سەككىز مىڭ ئاختا ئات بار ئىدى. بەرگەن قويلارنىڭ بولسا ھىساۋى يوق ئىدى. باشقا سوغا- سالاملارنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئىكەنلىگىنى پەقەت مۇشۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگەيسىلەر. سوغا- سالاملار ۋە زىياپەت- مېھماندارچىلىق ئاياقلاشقاندىن كېيىن ۋاڭ خان ئالدى بىلەن ياندى ۋە يول باشلاشقا ئادەم تەييارلىدى. جانابى خوجام يۇلتۇزدەك نۇسرەتلىك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، ۋاڭ يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ شەھەرگە باشلاپ كىرىپ، چوڭ بىر ئالى ئوردىغا چۈشۈردى. باشقا خەلىپە، باتۇرلارغىمۇ ئۆز لايىغىدا ۋە ئۆز دەرىجىسى بويىچە ئورۇن ھازىرلىدى. ھەممىسى ئورۇنلىشىپ سەرەمجان بولغاندىن كېيىن، يەنە ئالاھىدە سوغا- سالاملارنى تارتۇق قىلدى. بۇ سوغا- سالاملارنىڭ ئىچىدە سەككىز مىڭ يامبۇ، سەككىز مىڭ ئاختا ئات، قورال- ياراق سايمانلىرى، تۇرمۇش بويۇملىرى، چىرايلىق كىمخاپ قاتارلىق ناھايتى كەڭرى نەرسە- كېرەكلەر بار ئىدى. خەلىپە ۋە باتۇرلارغىمۇ ئۆز لايىغىدىن ئاشۇرۇپ سوغا- سالام بەردى. ھەر تۆت كۈندە تۆت كىشىگە بىر قوي، ئىككى جىڭ كۆك چاي قاتارلىق تەمىناتلارنى ئاشۇرماي ۋە كېمەيتمەي بېرىپ تۇردى. چوڭلىرىغا بۇنىڭدىن كۆپ بەردى. بۇ يەرگە بارغانلار بىر قامۇلدا ئۈچ ئاي ياكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ تۇردۇق. تەمىناتنى يەنىلا شۇنداق بېرىپ تۇردى. قامۇل ۋاڭلىغىنىڭ مەنسىۋى چوڭ، دۇنياسى كۆپ ۋە ھىساپسىز ئىكەن. خوجاملار مەزكۈر ئاتلارنى ئەسكەرلىككە تەقدىق قىلدى. لېكىن قاراپ باقساق، ھەممە ئاتلىرى قېرى بولۇپ، يىگىرىمە ياشتىن كەم ئات زادى يوق ئىكەن. قويلىرىنىمۇ ئاغىزىدا چىشى يوق ئىكەن. بىز بۇنىڭ سەۋىۋىنى سورىساق، ئۇلار ۋاڭ خانلىغىنىڭ يىلقىلىرى ناھايتى كۆپ، سانىنى بىلمەيمىز. قويلىرى بولسا ئىككى يۈز ئاتمىش قوتان، ھەر بىر قوتان قوي يەتتە يۈزدىن كەم ئەمەس، بىر مىڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئەمەس، باھار پەسلى كىرگەن چاغدا، بىر بېك بىلەن ئۈچ مىرزا ئاتلىرىنى خەتلىگىلى بارىدۇ. بىر بېك بىلەن ئۈچ مىرزا قويلىرىنى خەتلىگىلى بارىدۇ. بۇلار بەش ئاي ياكى ئالتە ئايدا خەتلەپ- ساناپ دېرىگىنى ئېلىپ ۋاڭ خانغا مەلۇم قىلىدۇ. يايلاق- قىشلاقلىرىغا بىر ئايدا ئاران بارغىلى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك كۆپلىگىنى بىز بىلمەيمىز دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.
     نەقىل، ھىكايىلەرگە قارىغاندا، سۇ يەنشەي (يۈەنشۈەي – ت)[sup] [164][/sup] ۋە دايەنشەيلەر [sup][165][/sup] ئوتتۇز مىڭ تۇڭگانى بىلەن قامۇلغا بېرىپ تالان- تاراج قىلماقچى بولغاندا، قامۇل ۋاڭ ئەلچى چىقىرىپ، ئوتتۇز مىڭ تۇڭگانىغا بىردىن ئاختا ئات، بىردىن تاختا يامبۇ بەرسەم، چوڭلىرىغا كۆپ بەرسەم، تالان- تاراج قىلمىسا دەپ تەلەپ قىلدى. تۇڭگانىلار بۇنىڭدا ماقۇل دىمەي، تالان- تاراج قىلىپ، قامۇل ۋاڭنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. كۆزىگە كۆرۈنگەن ۋە قولىغا چىققانلا نەرسىنى بۇلاپ- تالاپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى ئولجا قىلىپ ياكى ئەسىرگە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ھەيدەپ كەلدى.
     بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بولغان مەن ئۆزەمنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا، قامۇل ۋاڭ خوتۇنىنىڭ بىر ھەمبىلى بار ئىدى. بۇ ھەمبەل تامامەن مەرۋايىت، زۇمرەت، لەلى- ياقۇت، يېشىل رەڭلى ئىسىل تاش، ئالماس قاتارلىق قىممەت باھا پاكىز تاشلارنى تىزىپ توقۇپ تەييارلانغان ئىكەن. بۇ كۇچارلىق ئاق موللا باينىڭ قولىغا چۈشكەن ئىكەن. ئۇ بۇنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ زاكاتچىنىڭ ئالدىدا مەرغىلانلىق بىر مەھمۇت بايغا ئون يەتتە يامبۇغا ساتتى. چۈنكى ئولجىغا چۈشكەن مال بولغانلىقتىن، ئەرزان سېتىلدى. قالغان ئەشيالار قانچىلىك ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن بىلگەيسىزلەر.
گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، قامۇلدا ئون بەش مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. بۇلار« ھەممىمىز قامۇل ۋاڭ خانلىغىغا ئىشلەيمىز، مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن، خىتايلارغا بىر نەرسە بەرمەيمىز. ئەگەر خىتايلار قامۇلغا تەئەللۇق زىمىندىن بىر كەتمەن توپا- تۇپراق ئالماقچى بولسا، ۋاڭ خانلىغىنىڭ غەزنىسىگە كۈمۈش بېرىپ ئاندىن ئالالايدۇ. قامۇل ۋاڭ خاقانى چىنىنىڭ ئۇلۇغ خانىدىن باشقا مەنسەپدارلارغا تازىم قىلىپ باش ئەگمەيدۇ. خىتاي مەنسەپدارلىرى بولسا شاڭتاڭ ۋە شاڭ يامۇن ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ يامۇنلىرىدا قىلماي، بەلكى ۋاڭ خانلىغىنىۇڭ ئوردىسىغا كېلىپ بېجىرىدۇ. ئون بەش ئەۋلات بەلكى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقتىن بېرى ئۇلۇغ خان بىزنى قامۇلنىڭ زىمىنى بىلەن قوشۇپ قامۇل ۋاڭغا جۇلدۇ- جاساق قىلىپ بەرگەن ئىكەن. شۇڭلاشقا، بىز قۇل قاتارىدا ئىشلەيمىز. جۇلدۇ- جاساق دىگەننىڭ مەنىسى شۇ» دەپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بايان قىلدى. ۋاڭ خانلىق بولسا ئۇلۇغ خانغا ھەر يىلدا ئۈچ يۈز ئاتمىش قوغۇن، توققۇز بىلەي تاش تارتۇق قىلاتتى. ئۇ بۇنىڭ ھىساۋىدا ئۇلۇغ خاندىن نۇرغۇن ئىنئام ئالاتتى. يەى ۋاڭ خانلىق ھەر يىلى ئۇلۇغ خاننىڭ غەزنىسىدىن يەتمىش تۆت يامبۇ، خان ئاغچا پۇچۇن خانىم ئوتتۇز بەش يامبۇ ۋە بىر نەچچە توپ تاۋار- دۇردۇن ئالاتتى. قامۇل ۋاڭ ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېجىنگە بېرىپ خانغا كۆرۈنۈش بېرەتتى. بېرىپ كەلگەن چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى خاننىڭ غەزنىسىدىن بېرەتتى. قامۇل ۋاڭ ھەر قېتىم بېجىنگە بېرىپ كەلگەندە، ئاز دىگەندىمۇ بەش يۈز يامبۇ پايدا ئېلىپ كېلەتتى دەپ ھىكايە ۋە تەرپلەرنى قىلىشىدۇ. ۋاڭنىڭ پايدىسى بەلكى بۇلارنىڭ دىگىنىدىنمۇ ئارتۇق بولسا كېرەك.
     خاقانى چىنغا قارايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە قامۇل ۋاڭدەك كاتتا ئۇلۇغ يوق ئىدى. ئۇنىڭ قەدىمىدىن بويانقى قائىدە- قانۇنلىرى ۋە ئادەت- رەسمىيەتلىرى ھەتتا كامالى دۆلەتلىرى شۇنداق ۋە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئىدىكى، مەيلى باشقا ۋاڭ، گۇڭ قاتارلىق كاتتا مەنسەپدارلار بولسۇن، ياكى موللا، پازىل، ئۆلىما، ئىشان ھەزىرەت ۋە ئەپەندىلەر بولسۇن، ۋاڭ ئۆزى ئۇلارغا بىۋاستە گەپ- سۆز قىلمايتى. ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنىمۇ بىۋاستە ئاڭلىمايتى. ئاڭلىغان تەغدىردىمۇ بۇ گەپ- سۆزلەر ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىۋاستە كىرەلمەيتى. ئۇنىڭ بىر ياكى ئىككى نەپەر«مەلۇمچى»دىگەن بېكلىرى بار ئىدى. ۋاڭ خانلىغىنىڭ بۇ يارلىق- بۇيرۇقلىرىنى «ۋاڭ خاننىڭ يارلىغى ۋە بۇيرۇغى»دەپ ئېلان قىلىدىكەن. ئەگەر باشقىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى بولسا، مەلۇمچىلار «ئۇ مۇنداق بىر تەرىقىدە ئەرز قىلىدۇ“دەپ مەلۇم قىلىدىكەن. ئەگەر بىرەر ئادەم ۋاڭ خان بىلەن بىر ئۆي ۋە بىر جاي- ماكاندىكى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ سۆزلەشسىمۇ، مەلۇمچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ۋاڭ خان ئۆزىنى زور، يارلىقلىرىنى ناھايتى ئۇلۇغ ۋە بۇ ئۇلۇغ سۆزلەرگە ئۇششاق ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدى چىدىمايدۇ دەپ ھىساپلاپ، ئۇلارنىڭ مەلۇمچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىر دەرىجە پەسەيتىپ ئاندىن ئۇلارغا يەتكۈزۈشنى يارلىق قىلغان ئىكەن. مەلۇمچىلار بولسا باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ناھايتى تۆۋەن دەرىجىدە دەپ بىلىپ، بۇنىڭ ۋاڭ خانغا ئۆز پېتىچە يەتكۈزۈشكە لاياقىتى يوق دەپ ھىساپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەقىدىسى بىلەن ئارىدا دەرىجە پەيدا قىلىپ، ۋاڭ خاننىڭ ئاڭلىشىغا لايىق قىلىپ، ئاندىن يەتكۈزۈدىكەن ياكى ئۇلار مۇنداق قىلىشنى ئالاھىدە بىر مەنسەپ دەپ بىلسە كېرەك. مۇنداق بىر ئاجايىپ رىۋايەت باركى، ئىسھاق خوجام تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەنسەپدارلار، چېرىكلەر ۋە نەچچە تۈمەن، نەچچە مىليۇن كاپىرنى ئۆلتۈرۈپ، بوي سۇندۇرۇپ، ئاندىن قامۇلنى بوي سۇندۇرماقچى بولۇپ، نەچچە مىڭ قان خۇمار ئەسكەر بىلەن ئاتلىنىپ، «ئەگەر ۋاڭ ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭ مال- جېنىنى ۋە يۇرت ئەھلىنى ئۆزىگە ئىنئام قىلىپ، ئامانلىق بېرىمەن. مۇبادا ئىتائەتتىن باش تارتسا، ۋاڭ باشلىق ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىمەن»دەپ ۋاڭلىق بېشىغا تىغ تارتىپ بارغان چاغدا، ۋاڭ خان ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، خان خوجام بىلەن ئىككىسى بىر يا مىقدارى يېقىن بولغان ئىككى سەندەلدە ئولتۇرغان ئىكەن. شۇ چاغدا ۋاڭ خان «خوجاملارنىڭ ئىسلام ئېچىپ قەدەم- تەشرىپ قىلغانلىرىغا مۇبارەك بولغاي“دەپتۇ، مەلۇمچى بۇ سۆزنى ۋاڭ خانلىق بۇ تەرىقىدە يارلىق قىلدۇ دەپ ئىسھاق خوجامغا يەتكۈزۈپتۇ ۋە ئىسھاق خوجامنىڭ سۆزلىرىنى بولسا خوجام بۇ تەرىقىدە ئەرز مەلۇم قىلىدۇ دەپ ۋاڭغا يەتكۈزۈپتۇ. مەلۇمچى يەنە سۆز باشلىغاندا، ئىسھاق خوجام« ئەي مەلۇمچى بېك، ئۆز جايىڭىزغا بېرىڭ. ۋاڭ خاننىڭ تىلىنى مەن بىلىمەن. مېنىڭ سۆزۈمنى ۋاڭ خان پەملىيەلەيدۇ» دەپ ئۆزلىرى بىۋاستە سۆزلىشىپتۇ. دىمەك، قامۇل خاقانى چىننىڭ ئارتۇق ئىلتىپاتى ۋە پۇل دۇنياسىنىڭ كۆپلىگى، ئۆزىنىڭ بىغەم- خاتىرجەملىگى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق مەغرۇر ۋە مەپتۇن بولغان ئىكەن.
     قامۇل ۋاڭلىرى ئۆزىنىڭ نەسەپ ۋە ئەسلىنى« تارىخان بېك»لەرگە باغلايدىكەن. «تارىخىي زەفەرنامە» [sup][166][/sup] دىگەن كىتاپتا يېزىلىشىچە، چىنگىز قانا يېڭىدىن باش كۆتەرگەن زاماندا، نايماننىڭ ئۇلۇغى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ قولىغا چۈشتى ۋە ئەپۇ قىلىپ ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى ھەم قىزىنى بېرىپ كۈيۇغۇل قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ خاتىرجەم بولالماي كەينىگە چۈشۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. خاننىڭ ۋەزىرى « تېمۇچىننى خان ئۆلتۈرمەكچى بولدى»دەپ خوتۇنىغا ئېيتىپ قويدى. ئاق ئۆينىڭ تېشىدا تۇرغان ئىككى مەھرىمى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تېمۇچىنغا خەۋەر قىلدى. تېمۇچىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى بۇ ھالاكەت ئورنىدىن قۇتقۇزۇپ، خالاسلىق سائادىتىگە ئۇلاشتۇردى. چىنگىز قائاننىڭ بۇرۇنقى ئىسىمى تېمۇچىن ئىدى. ئۇ كاتتا پادىشا بولغاندا، يۇقارقى ئىككى مەھرەم ئوغۇلنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقىچە تارخان قىلىپ يارلىق تاپشۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىدىنمۇ ئۈستۈن قويۇپتۇ. چىنگىز قائان ئەھۋلاتلىرى زامانىدا، ھەتتا ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ زامان- ئەسىرلىرىدىمۇ بۇ تارخان بەگلىرىنىڭ ئەۋلادى ناھايتى مۆتىۋەر ۋە ئەزىز نامدار باتۇرلار جۈملىدىن ئىبارەت ئىدى. ئومۇمەن، بارلىق تارخان بەگلىرى ئۆز نەسەپلىرىنى بۇ ئىككى مەھرەم ئوغۇلغا باغلايدۇ دىگەن رىۋايەتلەر بار. بۇلارنىڭ ئەقىدىلىرى پاكىز، ئىخلاسلىرى زىيادە، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە ئۇنى راۋاجىلاندۇرۇشتا ئۆلىما ۋە فۇزۇلالارنى (پەزىلەتلىكلەرنى – ت) يېتىشتۈرۈش، مەدرىسە، مەكتەپ، خانىقالارنى ئېچىپ گۈللەندۈرۈش، ئىلىم ئۆگەنگۈچى تالىپلارنى تەربىيلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەتتا ئىلمىي تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنى تىرىشپ راۋاجىلاندۇرۇشتا ناھايتى سۈپەتتىن تاشقىرى ئۇلۇغ تەرەپلىرى بار ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەممە قامۇل ئەھلى ئاللانىڭ ھەممە پەرزلىرى، شەرىئەت مەسىلىلىرىنى ئادا قىلىشتا ۋە ئۇنى ئۆگىنىشتە، ھەتتا تىبابەتچىلىك بابىدا ناھايتى دانا خەلق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىمسىز- تۈركلەر ناھايتى كەم.
     سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى. خوجا ئىسھاق خوجام قامۇلدا تۇرغان چاغدا، ساجۇ [sup][167][/sup] تۇڭگانىلىرى ئەلچى ئەۋەتىپ،« خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ ۋە قوغلاپ شەھىرىگە كىرىپ قالدۇق ۋە شەھەرنى ئالدۇق. لېكىن خىتايلار يەنە بىر دەرۋرازىدىن چىقىپ بىزنى شەھەرگە قورشاپ ئالدى. بىز شەھەرگە سولىنىپ قالدۇق.شۇڭلاشقا يار- مەدەتتە بولۇپ، لەشكەر ئەۋەتىپ بىزنى قۇتقۇزۇپ ئالسىڭىزلەر »دىگەن ئەرز خەتنى تاپشۇردى. لېكىن، بالەكۆلگە تۇرپان، ئۈرۈمچىدىن قېچىپ بارغان خىتايلار ۋە ئۆز شەھىرىنىڭ خىتايلىرى بولۇپ، جەمئىي بىر لەكتىن ئارتۇق خىتاي توپلانغان ئىكەن. بالەكۆلدىكىلەر قېچىپ بارغان خىتايلارنى شەھەرگە كىرگۈزمەي، شەھەردىن بىرمەنزىل يىراقتا يىڭپەن سوقۇپ، ئاش- ئۇرۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قاراۋۇلچى تەرىقىسىدە توختىتىپ قويغان ئىكەن. بۇ چاغدا، ئىسھاق خوجام خەلىپە باتۇرلارنى باش قىلىپ، ئون مىڭ لەشكەرنى بالەكۆلگە بۇيرۇدى. بۇلار بالەكۆلگە يېتىپ بېرىپ، بىر نەچە قېتىم يېڭىپ ۋە بىر نەچچە قېتىم يېڭىلىپ، يىڭپەندىكى خىتايلارنى بوي سۇندۇرۇپ، شەھەرگە باردى. شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدە قالماقلار بىنا قىلغان بىر شەھەر بار ئىكەن. بالەكۆلنىڭ خىتايلىرى ناھايتى باتۇر ۋە يامان ئىكەن. ئۇرۇشقا چىققان نەچچە مىڭ خىتاينىڭ ئىگەر- جابدۇقلىرى، ھەتتا كۆرپىچە- يۇپۇقلىرىغىچە ھەممىسىلا ئەنجانچە ئىكەن. بۇنىڭ سەۋىۋىنى سورىساق، ئۇلار« بۇ خىتايلار كاشىغەرگە ئۇرۇشقا بارغان ۋە تولا ئۇرۇش كۆرگەن»دەپ جاۋاپ بەردى.
     بالەكۆلدىكى ئۇرۇش بازىرى ناھايتى قىزىپ، جانلارنى بېرىپ، جانلارنى ئېلىپ تۇرۇشقان ھەم شەھەرنى پەتھى قىلىشنىڭ خوشاللىق مەۋسۇمى چىراينى ئېچىپ يېقىنلاشقان، مۇرات- مەقسەت باغچىلىرىدىن گۈللەرنى ئۈزىدىغان كۈنلەر يېتىپ كېلىپ، ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىقبالى مەرتىۋىسى كۈندىن- كۈنىگە يۇقىرىلاپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقبال نۇر شولىسى كۆتىرىلىپ ۋە ئۇلغىيىپ، ھەممە جەھەتتىن ئاسانلىق ۋە سائادەتمەنلىك يەتكۈزۈپ تۇرغان بىر پەيتتە، راشىدىن خان خوجامدىن بىر يارلىق كەلدى. يارلىقتا« قىرغىز، قىپچاقلار كاشىغەرنى ئالدى ۋە ياركەنتنىمۇ بېسىۋاپتۇ. بۇ تەرەپتىكى خوجىلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەلدى. تولا لەشكەر، قورال- ياراق ۋە غەزنە زىيان بولدى.ئۆزلىرى دەرھال لەشكەر باشلاپ كېلىپ، ئەنجانلىق ۋە قىپچاقلاردىن بۇ شەھەرلەرنى ئاجىرىتىپ ئالمىسىلا، بۇ دۈشمەنلەر كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن ئىش ياخشى بولماس. چۈنكى، بۇلار بىزگە يېقىن كېلىپ قالغان ئەڭ يامان دۈشمەندۇر، تامام » دەپ يېزىلغان ئىكەن. بۇ خەۋەر لەشكەر ئارىسىغا تارالدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاتا- ئانا ئۇرۇق- قاياشلىرىنى، بالا- پەرزەنتلىرى، خوتۇن- ئاياللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنى ياد ئىتىپ سېغىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە تۇراتتى. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ جەڭ غازاتتىن پۈتۈنلەي كۆلى سوۋۇپ، ئۆز يۇرتىغا يېنىش ھەۋەس- ئارزۇسىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ چوڭ- كىچىك ھەممىسىلا بىر ئىتتىپاق- بىر نىيەتكە كېلىپ،« ئۆز يۇرتىمىزغا قايتىپ، ئالاھىدە ئايرىم كېلىپ يەنە قالغان شەھەرلەرنى پەتھى قىلساق؛دەپ خوجاملارنىڭ ئاياقلىرىغا يۈزلىرىنى سۈرۈتۈپ يىغلىشىپ پاراكەندە ۋە بىسەرەنجان بولدى. خوجاملار بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىشكە ھەيران بولۇپ، ساراسىمىدە قالدى.
      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ھەر قانداق تىك تۇرغاننىڭ يىقىلىشى ۋە ئۆرلىگەننىڭ تۆۋەنلىشى بولسا، قەدىمقى زاماندىن بۇ بىئىنىتىزام ۋە بىسەرەنجام دەۋرىگىچە داۋاملىشىپ، ۋەقە ۋە جارى بولۇپ كەلگەن بىر ئەھۋالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق دۆلەت ئىنتىزام ۋە سائادەت سۆلەت لەشكەرلەر نۇسرەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، مۇنداق مەھەلسىز ۋە پايدىسىز يارلىقنىڭ كېلىشى ، خۇددى ۋەيران خارابىلىقتا ھۇقۇش سايرىغاندەك ۋە قاتتىق زاۋال ۋاقتىدا خوراز چىللىغاندەك، جەمئىيەتنىڭ پاراكەندە بولۇشى، ئىقبال شام چىرىغىنىڭ بەختىسىزلىك بورانلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈشى، دۆلەت ئاپتىۋىنى زۇلمەت بۇلۇتلىرىنىڭ خىرە قىلىشىغا سەۋەپ بولدى. ئاقىۋەت، ئىسھاق خوجا بالەكۆلنى چالا تاشلاپ، قامۇلنى چۈن ۋاڭ خانلىغىغا بېغىشلاپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق تۇڭگانى شەھەرلىرىنى داۋۇد خەلىپە بىلەن سودالىيەگە مەرھەمەت قىلىپ، تۇرپاننى ئايدىن خوجام بىلەن سۇ يۇەنشۇەيگە ئىنايەت قىلىپ، كورلىنى ئۆزىنىڭ كۆز نۇرى بولغان پەررۇخشاھ خوجامغا تاپشۇرۇپ، بۈگۈرگە تاھىر قازى بېكنى سۇيۇرغال قىلىپ، خۇداۋەندەكېرىمنىڭ ئىلتىپاتى ھەم دۆلەت ئىقبال ئۇلۇغ مەرتىۋىلىرى بىلەن ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ دەبدەبە ساداسى، سۇناي، كاناي، نەغمە- ناۋاسى بىلەن ھاي- ھۇيلارنى قىلىپ، دارۇل سەلتەنەت كۇچار زىمىنىغا يېتىپ باردى. ئالدىغا چىققانلارنىڭ كۆپلۈگى، ئاتا- بالا قېرىنداشلارنىڭ كۆرۈشۈشى، شاھادەت شەرۋىتىنى ئىچكەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىلىرى، خوتۇن- بالىلىرىنىڭ يىغا- زارى ۋە ئاھۇ- پىغانى، تاماشىبلارنىڭ ھاي- ھۇي دىگەن غۇلغۇلا ئاۋازى پەلەكتىن ئۆتۈپ پەلەككە چىقىپ، توققۇز راۋاقتىكى پەرىشتە- مالايىكلەر قۇددۇس گۇرۇھىنىڭ ئىچىگە قوزغىلاڭ سالدى. خوجاملار مۇشۇنداق داغدۇغا ئىچىدە كۇچارغا چۈشۈپ، كەڭ- كۇشادە ۋە كۆڭۈلگە لايىق جاي- ماكانلارغا ئورۇنلىشىپ، دۆلەت ئىقبالى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىش- ئەقرىبالىرى، دوست جامائەتلىرى ۋە ئەھلى ئاياللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، غېرىپ ۋە ئاجىزلارغا نەزىر- چىراقلارنى قىلىپ، خىش- ئەقرىبالىرىغا كىيىم- كېچەك، خىراجەت تىللا قاتارلىقلارنى ھەدىيە ۋە ئېھسان قىلىپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى. ئاللانىڭ بەرگەن مەرھەمەت ۋە ھەممە ھالىغا شۈكۈر.



15


ياخشى ئەخلاقلىق سەيىد خوجا ئىسھاقنىڭ ياركەنت ۋە كاشىغەر غازاتىغا قەتئى نىيەت باغلىشى ۋە ئاتالىق غازى مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگى بىلەن سۈلھى شەرتىنى تۈزۈپ ئۆز ۋەتەن ئەسلىگە قايتقانلىغى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى


[align=justify]     مۇھەببەتلىك خالىس يارەنلەر، ئىخلاسلىق خاس بۇرادەرلەرنىڭ دىللىرىغا ئاشكارە ۋە مۇئەييەن بولغايكى، كۇچار دار سەلتەنەتىدە گويا مۇشتىرى (يوپتىر – ت) بىلەن ناھىد (ۋېنېرا – ت) سەييارىلىرى بىر سىزىقتا ئۇچراشقاندەك، راشىدىن خان خوجام بىلەن ئىسھاق خوجام بىر بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇڭدىشىپ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئېيتىشىپ، سوغا- سالام ۋە زىياپەت- مېھماندارچىلىقلار ئادار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسھاق خوجام غەلبە- نۇسرەتلىك ۋە ياخشى ئاقىۋەتلىك لەشكەرلىرىنى باشلاپ، مۇرات- مەقسەتنىڭ غەلبە ۋە ئۆزەڭگىسىگە ئاياغلىرىنى تاشلىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئككى يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى ماھى باراتنىڭ (ھىجرى 8- ئاي – ت)ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1865- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى – ت) ئىسھاق خوجام كۇچاردىن يولغا چىقىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، ئاقسۇغا باردى ۋە ئالى دەرىجىلىك، كەڭ- كۇشادە خانلىق باققا چۈشتى. لېكىن، قامۇلدىن ئىسھاق خوجامنىڭ تۇغلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ كۆپ قىسىمى كۇچاردا تۇرۇپ قالدى. ئىسھاق خوجام بولسا ئۆزىگە خاس مەھرەم ۋە مۇلازىم، دادخۇا ۋە ياساۋۇل باتۇرلىرى بولۇپ جەمئىي ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى باشلاپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئۈچتۇرپان لەشكەرلىرىنى ھامىددىن خوجام باشلاپ بارىدۇ دىگەن يارلىق چۈشكەن ئىدى. ئىسھاق خوجام ئاقسۇدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، نۇر ماشايىخلارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ، غېرىپ- بىچارلەرگە نەزىر- چىراق ۋە خەير- سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەتە ۋە دۇئالىرىنى ئېلىپ، توختى مۇھەممەت باتۇر، ئىبراھىم باتۇرلارنى باش قىلىپ، ئىككى مىڭ لەشكەرنى بىر كۈن بۇرۇن يولغا سالدى. ئىسھاق خوجام بولسا ئۆزىگە بىۋاستە قاراشلىق مەھرەم، دادخۇا ۋە باتۇرلارنىڭ كەينىدىن يولغا چىقتى. بۇلارنىڭ دەبدەبىلىرى، قورال- ياراقلىرى ھەم سۆلەتلىرىدەك ئەھۋا بۇ موغۇلىستان يۇرتىدىكى ھىچقانداق پادىشادا بولۇپ باقمىغان بولسا كېرەك. بولۇپمۇ سەپنىڭ ئالدىدا ئىككى ئاتلىق لەشكەر لەئلۇجەھۋەر، ئالماس، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھا بۇيۇملاردىن كۆز قويدۇرۇپ ياسالغان قالماقچە كاناينى چېلىپ ماڭغان ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككى ئاتلىق سۇنايچى، ئالتە ئاتلىق ناغرىچى ماڭغان ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە ئىككى ئاتلىق كانايچى ماڭغان ئىدى. بۇ ئون ئىككى ئاتلىق كانايچى ۋە سۇنايچىلارنىڭ كانات- سۇنايلىرى بىر بىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، خۇددى لەلۇ ياقۇت ۋە ئۈنچە- زۇمرەتتەك پارقىراپ تۇراتتى. بۇ ئون ئىككى ئادەم مىنگەن ئاتلارنى ئون ئىككى پىيادە ئادەم مەنزىلمۇ- مەنزىل يېتىلەپ ماڭغان ئىدى. ئالدىدىكى بىر جۈپ كاناينىڭ ئاۋازى پەس، ئۇنىڭ كەينىدىكى بىر جۈپ كاناينىڭ ئاۋاز- ساداسى ۋە باشقا كانايلارنىڭ ئاۋازى بىراز پەسلىشى بىلەن، ئارقىسىدىكى سۇنايلارنىڭ مۇڭلۇق غەزەل- مۇقاملىرى،كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان زىل- بوم جىگەر سۆزلىرى، «ھۇزۇرۇم» نەغمىسىنىڭ دىلىنى ئاچقۇچى بېيىتلىرى بۇ كۆك ئالەم گۈمبىزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يۇلتۇزى پەلەككە چىرماشتى.
     بۇ چاغدا، ئاتىسىنىڭ ئەمىرىگە بوي سۇنماي، ئانىسىنىڭ پەرمانىغا باش ئەگمەي، باغ سەيلىسى ۋە قىزىل گۈل تاماشىسىنى خىيال قىلىپ ياكى ئاتا- ئانىسىدىن خەۋەر ئالماي ياكى خوتۇن، بالىسى بىلەن كارى بولماي، بىھۇش ۋە بىخوتلارچە ئۆزىنى يوقاتقان ئۈچ مىڭ ياكى تۆت مىك ياش يىگىت ئۇلارنى ئەگىشىپ ئىككى ئۈچ مەنزىل يەرگە بارغاندا، بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتىپ كەينىگە ياندى. بەزىلىرى ئۆزىنى توختىتالماي، يۇقارقىدەك شىرىن خىياللار بىلەن ياركەنتكە ماڭدى. بەزىلىرىنى بولسا ئاتا- ئانىلىرى ياندۇرۇپ كەلدى. بەزىلىرى ئاتا- ئانىلىرى مىنىپ بارغان ئاتلارنى مىنىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن يەتتى. ئىسھاق خوجا ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياركەنت تەۋەسىگە باردى ھەم ياراتقۇچى ئاللانىڭ خەيرخاھلىغى ۋە لۇتپى ئىنايىتى بىلەن ياركەنت شەھىرىگە كىرىپ تەينلەنگەن زىننەتلىك، كەڭ بىر ھويلىغا چۈشتى. لېكىن ھامىددىن خوجامدىن ھىچقانداق خەۋەرنىڭ ئەسىرى ياكى لەشكەرلىرىدىن بىرەر نىشان- نەمۇنە بولمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن جامالىددىن خوجام خانئېرىقتىن قاچقان چاغدا، مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگى ياركەنتنى بوي سۇندۇرۇپ، كىچىك خان تۆرەمنى ياركەنتكە ھاكىم قىلغان ئىدى. ئىسھاق خوجام ياركەنتكە بېرىشى بىلەنلا، تۇڭگانىلار كىچىك خان تۆرەمنى يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ زادىلا سىرتقا ھىقارمىدى. نەتىجىدە ياركەنتنىڭ بىر قىسىمىغا خوجاملار، يەنە بىر قىسىمىغا تۇڭگانىلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
     ئىسھاق خوجامنىڭ ياركەنت تەختىدە ئولتۇرغانلىغىنى قۇشبېگى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ شاخماتۋازلىق ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن مارالۋېشىغا كېلىپ، تۇڭگانىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بۇ جاينى بويسۇندۇردى. ئۇنىڭ شاخماتۋازلىغىنى شۇنىڭدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، بىر ئات سەكرەتمەكلىك بىلەنلا مات قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئويۇنىنى ئويناپ، شاھنى بەنت قىلدى. يەنى ئىسھاق خوجام ياركەنتكە سولىنىپ قالدى. بۇ چاغدا، قۇشبېگى ياركەنتكە بېرىپ، ھەفتى مۇھەممەدان مازىرىدا چېدىر بارگاھلىرىنى تىكتى. قۇشبېگى شەھەرنىڭ تېشىدا، خوجاملار كونا شەھەردە، تۇڭگانلار بولسا كىچىك خان تۆرەم بىلەن يېڭى شەھەر ئىچىدە تۇراتتى. بۇ ئۈچ تەرەپ بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇرۇش قىلماي، بىر بىرىنى ماراپ تىنچ تۇردى. ئاقىۋەت تۇڭگانىلار ئىسھاق خوجام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جەڭ جىدەلگە تەييارلاندى. بۇ چاغدا نىياز ئىشكاھى بېك بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، قۇشبېگىگە «پالانى كېچىسى توققۇز مىڭ تۇڭگانى ۋە ئىككى مىڭ يەرلىك كىشى چىقىرىپ، كېچىلىك ھۇجۇم قوزغىماقچى، بۇنىڭغا تەدبىر قىلسىلا، بۇنىڭدىن باشقىغا قولۇم كەلمەيدۇ، تامام» دەپ خەۋەر قىلدى. قۇشبېگى بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولۇپ، شۇ كېچىسى لەشكەرلىرىنى تۆت تەرەپكە چىقىرىپ، چېدىر- بەرگاھلىرىنى بوشىتىپ، دىققەت بىلەن قاراپ تۇرسا، تۇڭگانىلار توپ- زەمبىرەك، قورال- ياراقلىرىنى كۆرسىتىپ چىقىپ، قۇشبېگىنىڭ قوشۇنىغا كېچىلىك ھۇجۇم باشلاپ، بارگاھقا خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئاتتى. لېكىن ئۇلار قاراپ باقسا، بۇ يەردە ھىچ ئادەمنىڭ نىشان ياكى ئەسىرى يوق ئىدى. ھەممە چېدىر- بارگاھلار بولسا ئۆز جايىدا خالى تۇرۇپتۇ. شۇ پەيتتە قۇشبېگىنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى بالايى ئاپەتتەك چۇقان- قىقاس ساداسىنى ياڭرىتىپ، تۆت تەرەپتىن يېتىپ كېلىپ، تۇڭگانىلارنى ئارىغا ئېلىپ، چاپ- چاپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەس- نابۇت قىلدى. ئالتە يۈزچە تۇڭگانى ۋە سەككىز يۈزچە مۇسۇلمان جېنىنى جايلاپ ئامان قالدى. قالغانلىرى بولسا غەزەپ- قەھريەت ۋە تىغ سىياسەت ئاستىدا ھالاك بولۇپ يوقالدى.
      ئىسھاق خوجام بىلەن تۇڭگانىلارنىڭ جەڭ- جىدەلگە مادارى قالمىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار سۈلھى قىلىشتىن باشقا يول تاپالماي، ئامالىسىزلىقتىن سۈلھى تۈزۈشكە قارار قىلدى. چۈنكى، لەشكەرلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ھالاك بولغان ئىدى. تاماشا ئۈچۈن بارغانلارنىمۇ كۆپ قىسىمى نابۇت بولدى. بۇنىڭدىن كۆپ قىسىمى ئولجا ئەسىرگە چۈشتى. قۇشبېگىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئىسھاق خوجام قۇشبېگىنىڭ چېدىرىغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يېتىپ بېرىپ سۈلھى تۈزۈشتى. قۇشبېگى كاتتا زىياپەتلەرنى قىلىپ، كۆپ سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ئۇنى مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىنىڭ چېدىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ كېچە- كۈندۈز لەشكەرلىرىنى ئايرىپ قويدى ھەم ئۇنى يەنە ئالدىغا چاقىرىپ، مېھرىۋانلىق قىلغاندەك بولۇپ، ئىسھاق خوجامنىڭ خاپا بولغانلىغىنى سېزىپ، چاقچاق تەرىقىدە «ئەگەر مۇشۇنداق يول بىلەن بىز ئۆزلىرىنىڭ قولىغا چۈشسەك نىمە قىلار ئىدىلە» دەپ سورىدى. خوجام «مۇبادا سىز مېنىڭ قولۇمغا چۈشكەن بولسىڭىز ئىدى، سىزنىڭ ئاتقا تېڭىپ مەھكەم باغلاپ، كۇچارغا ماڭدۇرار ئىدىم. بۇ كەمگىچە سىز مارالۋېشى ئەتىراپىغا يەتكەن بۇلار ئىدىڭىز» دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ سۆز ئاتالىق غازىغا ناھايتى ماقۇل چۈشتى. ئۇ خوشال بولۇپ، «ئەي تۆرەم، راست سۆزنى ئېيتىللا، ئۆزلىرى بولسا راست سەيىد ئىكەنلا، مەن تەستىق سالدىم» دەپ كۆپ ياقتۇرۇپ ئاپرىن ئوقۇدى. قۇشبېگى يەنە «راشىدىن خان خوجا ئاقسۇنى ئۆزلىرىگە بەرسۇن، ئۆزلىرى ئاقسۇدا تۇرۇپ مارالۋېشىنىڭ ئۆز تەرىپىگىچە بولغان جايلارنى سورىسىلا، بىز بۇ تەرەپنى سورىساق، ئۆزلىرى خىتايلار بىلەن كۆپ غازات قىلىپ، غازىلىق دەرىجىسىگە مۇيەسسەر بولۇپتىلا، ئەمدى بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئارىمىزدا خەت- ئالاقە ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرساق، مۇبادا بىر بىرىمىزنىڭ بىرسىگە بىر تەرەپتىن دۈشمەن كەلسە، بىر بىرىمىزگە يار- مەدەت بەرسەك، ئەگەر خان خوجا ئاقسۇنى ئۆزلىرىگە بەرمىسە، مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ بېرىشىم مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئالەمنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسى بولغان ئاللا پەتھى غەلبىنىڭ ئىشىگىنى قايسىمىزغا قارىتىپ ئاچسا، بىز بۇنى ئۆزىمىزنىڭ بەخت- تەلىيىدىن كۆرسەك» دەپ، ئۆز لايىغىدا ياخشى تون- كېچەك، سەللە، كۇلا ۋە بارلىق جابدۇقلىرى بىلەن ئارغىماق ئات تەييارلاپ، خوجامنىڭ قولتۇغىدىن يۆلەپ ئاتقا مىندۈرۈپ، ئولجا- ئەسىرلەرگىمۇ ئىلتىپاتلارنى قىلىپ، يول خىراجىتى ۋە ئۇزۇق- تۈلۈك، ئات- ئۇلاغلارنى بېرىپ، ئۇلۇغلاپ، كۇچارغا يولغا سالدى.
     بۇ چاغدا ياركەنتتىن ئاقسۇ، كۇچار تەرەپىگە ۋە ئاقسۇ، كۇچاردىن ياركەنت تەرىپىگە بىرەر ئادەم ئۆتەلمەي ۋە نىمە ئىش بولغانلىغىنىمۇ بىلگىلى بولماي تۇرغان بىر ۋاقىت ئىدى. بۇ كۈنلەردە خان خوجام يارلىق قىلىپ، ھامىددىن خوجامنى ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان لەشكەرلىرىگە باش قىلىپ ماراۋېشىغا ماڭدۇرغان ئىدى ھەم بۇلار ئالدى بىلەن مارالۋېشىنى ئېلىپ، ئاندىن يارتكەنتكە بېرىپ، ئىسھاق خوجامغا مەدەت ۋە ياردەم بەرسۇن دەپ ئويلىغان ئىدى. ھامىددىن خوجام جەمئىي بىر مىڭ لەشكەر بىلەن ئاتلىنىپ، چار باغ ئۆتىڭىدە تۇرغان ھېكىم خان تۆرەمنىڭ ئىراۋۇلچىلىرىنى تۇتۇپ باغلاپ، ئولجا- ئەسىرگە ئالدى. بەزىلىرىنى يوق قىلدى. بەزىلىرى قېچىپ بېرىپ ھېكىم خان تۆرەمگە خەۋەر قىلدى. تۆرەم لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ جەڭگە كىرىشتى. ئۈچ كېچە- كۈندۈز قاتتىق جەڭ بولدى. ئاخىرى ھامىددىن خوجامغا شىكەستىلك يېتىپ، ئارقىغا چېكىندى. ئەجەل يەتكەنلىرى كەتتى. تىرىك قالغانلىرى بولسا پىيادە ۋە ئاتلىق بولۇپ، ئاچ- يالىڭاچ ئاۋارىچىلىكلەرنى تارتىپ، ھەر قايسىسى ئۆز ماكانلىرىغا جېنىنى ئېلىپ، ئامان كەلگەنلىكلىرىگە ناماز شۈكۈر ۋە ھەمدۇ- سانالارنى قىلىشتى.
      ئىسھاق خوجام قۇشبېگىنىڭ دەستى- چاڭگىلىدىن تىنچ ئامان قۇتۇلۇپ، مالال ۋە غەمكىن ھالدا مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ ئاقسۇغا كەلدى. لېكىن، ئاقسۇدا خوجاملار يارتكەنتنى بىر ئاتقا سېتىپ كېلىپتۇ دىگەن تەنە گەپلەر تارقالغان ئىدى. بىراق خان خوجام ئىسھاق خوجام بىلەن قامۇل، تۇرپان ئەتىراپلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەرنى كۇچاردا قالدۇرۇپ، ئىسھاق خوجامنى ئاز ئادەم بىلەن ياركەنتكە ماڭدۇرغان ئىدى. ئاقسۇدىنمۇ چېرىك قوشمىغان ئىدى. ھامىددىن خوجامنى بارىدۇ دەپ يارلىق قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇنى ئەۋەتمىدى. خان خوجامنىڭ نىيەتلىرى بولسا باشقىچە بولۇپ، ئۆزگەرگەن ئىدى. چۈنكى، ھەممە چوڭ- كىچىكنىڭ ئاغىزىدا ھەتتا ھەممە شەھەردە ئىسھاق خوجامنىڭ نامى شۆھرەت تېپىپ، ھەممە لەشكەر ۋە پۇقرالار ئىسھاق خوجام تەرىپىگە مايىل بولغان ئىدى. شۇنداقلا ئىسھاق خوجام قانداق شەھەرگە قەدەم قويسا، شۇ جايدا زەپەر ئىشىگە ئېچىلىپ، غەلبىگە ئېرىشىپ تۇرغانلىغى ئۈچۈن، خان خوجام ياركەنت ۋە كاشىغەرنى بانا قىلىپ، ئۇنى لەشكەرلىرى، قورال- ياراقلىرى ۋە سۆلەت شەۋكەتلىرىدىن ئايرىماقچى بولغان ئىدى. خان خوجام ئاقىۋەت بۇ مەقسەتكە يەتتى. شۇنىڭدەك، خان خوجام ئىسھاق خوجامنى ئاز ئادەم بىلەن كۆپ دۈشمەن ئۈستىگە بېرىشنى يارلىق قىلغان ئىدى ھەم دۈشمەنلەر مارالۋېشىنى قولغا كىرگۈزۈپ، يوللار ئېتىلىپ، ئىسھاق خوجامغا ياردەم ۋە مەدەت ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىدى. خان خوجام بۇ ئەيىپنى ۋە بىخەستەلىگىنى ئۆزىدىن كۆرمەي، بەلكى ئىسھاق خوجامغا قويدى. گەرچە ئىسھاق خوجامنىڭ كەينىدىن بىرمىڭ بەش يۈز لەشكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مەھەلسىز ئەۋەتىلگەن بۇ لەشكەرلەر ياركەنتكە بارالماي، ئاقسۇدا تۇرۇپ قالدى. بۇ لەشكەرلەر بولسا قامۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئىسھاق خوجامنىڭ خىزمىتىدە بولغان لەشكەرلەر ئىدى. ئىسھاق خوجام بۇ ئەھۋاللاردىن خاپا بولۇپ كۇچارغا قاراپ يولغا چىققاندا، بۇ لەشكەرلەر بىلەن بۇرۇن ئاقسۇدا تۇرغان لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىسھاق خوجامغا ئەگىشىپ يولغا چىقتى ۋە بۇ جايدىن ئۆزى خالىغانچە ئايرىلماقچى بولدى.
     بۇ چاغدا، ئاقسۇدىكى جامالىددىن خوجام ئىسھاق خوجامنىڭ ئالدىغا ئۆزى كېلىپ، ئۆزرە- خالىق سوراپ، بارلىق گۇنانى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ئالاھىدە سوغا- سالاملارنى بېرىپ، زىياپەت ۋە مېھماندارچىلىقلارنى قىلدى. بىر بۆلۈم ئەسكەرلەرنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنىڭ يېپىنى يېڭىۋاشتىن باغلىدى. خۇش پېئىل ۋە ئالى مۇقاملىق ئىسھاق خوجا جامالىددىن خوجامنىڭ ئىلتىماسىنى ماقۇل كۆرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ مەسلىھىتى بويىچە تاھىرىددىن خوجام، ھوللاش غەزنىچى، ئابدۇلۋايىت بېك، ئەيسا بېكلەرنى باش قىلىپ، بىر مىڭ لەشكەرنى جامالىددىن خوجامغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. جامالىددىن خوجام ناھايتى خوش بولۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۈر لەشكەرلەرگە تون- كېچەك بېرىپ خوشال قىلدى. لېكىن، لەشكەرلەرنىڭ ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىق يېپى بوشاپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەندىزىسى بوشاپ سۇسلۇققا قاراپ يۈزلەندى. سەيىد غازى ئىسھاق خوجام بولسا دۆلەت ئىقبالى بىلەن ئاتلىنىپ، كۇچار شەھىرىگە كېلىپ، قۇدرەتلىك ئاللا دەرگاھىدىن قانداق ئىشلار يۈز بېرەر ئىكىن دىگەن خىياللار بىلەن يالۋۇرۇپ قاخشاپ، ئۇنىڭ مەرھەمەتلىرىگە يۈز كەلتۈردى. بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئۆتەپ، نەزىر- چىراقلارنى ئۆتكۈزۈپ، خىش- ئەقرىبا ۋە دوس- بۇرادەرلىرىگە رەھىم- شەپقەتلەرنى كەلتۈرۈپ، كېيىم- كېچەك، تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ياتتى – تامام.



                                            16


كۇچارلىق خوجاملارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىغى ۋە ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ھالەتلىرى، ئېرىشكەن بۇ ئۇلۇغ دۆلەتكە شۈكرى قىلماي، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتتىن تامام ئايرىلىشى، كۈتۈلمىگەن بەزى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، ئاتالىق مۇھەممەت ياقۇپ بېك غازىنىڭ ئىستىلاسى ۋە ھۆكۈمرانلىغى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى


[align=justify]

[align=justify]    ياخشى ئاقىۋەتلىك ئەزىز يارەنلەر، ئاقىۋىتى خەيرىيەتلىك ۋە لەززەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ ئالى مۇقام زېھىنلىرىگە روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، مۇنداق ھىكايە ۋە ئەپسانىلەرگە ئاساسلانغاندا، بىردىن- بىر قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن، سەيىد غازى خوجا ئىسھاق ياركەنتتە ئاتالىق غازى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، خالايىقنىڭ رىقابەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇرت، پۇقرالارنىڭ راھىتىنى ئىزدەپ، ۋەدە- قەسەملەر، ئانىت- ئىمانلارنى ئەھدى پەيمان شەرتلىرى بىلەن چېڭىتىپ، ئۇ تەرەپنىڭ ئىشلىرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ، كۇچارغا يېنىپ كېلىپ ئىستىقامەت قىلىپ ياتتى. لېكىن، راشىدىن خان خوجام ۋە جامالىددىن خوجام ئاكا- ئۇكىلار بىلەن جامالىددىن خوجامنىڭ پەرزەنتى يەھيا خوجام باشلىق چوڭ- كىچىك خوجاملار ئۆز مەزھەپلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى ھەم تەختى سەلتەنەت تۈزۈملىرىگە قارىشى بولغان بەدخۇي ئەخلاق ۋە قىلىقلارنى قىلىپ، بەزى لايىق ياكى نالايىق ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ھامىددىن خوجام بولسا «نەچچە يىللار مابەينىدە ياركەنت، كاشىغەردىكى دۈشمەنلەرگە زەربە بەردىم ۋە دۈشمەنلەردىن زەربە يەپ قېچىپ، كۆپ مۇشەققەت تارتتىم. ئاقيار دىگەن جاينى دەستۇر خېنىمغا لازىم قىلسام» دەپ جامالىددىن خوجامغا ئەرز قىلدى. جامالىددىن خوجام بۇنى ماقۇل كۆرمىدى. ئاقىۋەت ئۇ ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىگە يۆلىنىپ، نىشان ۋە دەستەك بىلەن ئاقيارنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆزىگە تەۋەپ قىلىپ بېكىتتى. ئاقسۇدىن ئاقيارغا ھىچقانداق دورغا ياكى مۇلازىملار بارالمىدى. بارغانلارنى بولسا قاتتىق جازا بېرىپ ياندۇردى. شۇڭلاشقا، ھىچبىر دورغا ياكى مۇلازىم ئاقيارغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئاقىۋەت نۇرغۇن ھىلە- مىكىرلىك ۋە مۇناپىقلارچە ئۇسۇللارنى ئويلاپ، مەككارلىق توزاقلىرىنى قۇرۇپ، يالغانچىلىق ئۇرۇغىنى چېچىپ، ئۈچتۇرپاندىكى خوجاملارغا خەت يازدى. بۇ خەتتە «ھامىددىن خوجام دەرۋەقە تولا مېھنەت ۋە مۇشەققەت تارتتى. ئۇنىڭ ئاقيارنىڭ مەھسۇلاتىنى مەن سەرپ قىلسان دىگەن سۆزى ماڭا ئانچە ماقۇل كەلمىگەن ئىدى. خىيال قىلسام، بۇ ئوبدان ئىش بولمىغان ئىكەن. ئۇكام بۇ يەرگە بىر كېلىپ كەتسە، مەن ئۇنى بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ زىياپەت قىلىپ، بۇ يەرنى ئۆز قولۇم بىلەن بەرسەم، ئەگەر ئۇ ئۆزىچە بۇ يەرنى تەۋە قىلسا، بىزنىڭ ئىتتىپاقسىزلىغىمىز يىراق ۋە يېقىن دۈشمەنلەرگە ئاشكارە بولۇپ قالىدىغان ئېھتىمال بار. بۇ ئوبدان بولماسمىكىن» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ھامىددىن خوجام بولسا راست ۋە توغرا پەزىلەتلىك بولغانلىغى ئۈچۈن، مۇناپىقلارچە يېزىلغان بۇ خەتنى دوستانە خەت دەپ چاغلاپ، ئالدىنىپ ۋە مەغرۇرلىنىپ، ئاقيارنى تاما قىلىپ، ئىشتىھالىرىنى پاكىزلەپ، چىشلىرىنى بۈلەپ، يېقىن مۇلازىم، مەھرەم ۋە دادخۋالىرىنى باشلاپ، داغدۇغا ۋە ھەشەمەت بىلەن ئاقسۇغا قاراپ ماڭدى. جامالىددىن خوجام بۇنىڭغان ناھايتى خوشال بولۇپ، ئالدىغا ئادەم چىقىرىپ، ناھايتى ئىززەت- ئىكراملار بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەمىرلىك مەھكىمىسىگە چۈشۈردى. ئادەملىرىنىمۇ ئۆز لايىغىدىكى لايىغىدىكى جايلارغا چۈشكۈنگە بەردى. زىياپەتتىن كېيىن جامالىددىن خوجام مەھرەملىرىگە قاراپ، «سىلەر ئارام ئېلىڭلار، بىز ئاكا ۋە ئۇكا ئۇزۇن مۇدەتتىن بۇيان ئەسلا بىر يەردە بولۇپ كۆرۈشەلمىگەن، ھال- ئەھۋاللىرىمىزنى بايان قىلىپ، گەپ- سۆزلىرىمىزنى تۈگىتىپ، ئاندىن ئارام ئالارمىز» دەپ رۇخسەت بەردى. مەھرەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەمدى مۇشتەرى بىلەن زۆھرە يۇلتۇزى بىر سىزىقتا ئۇچراشقاندەك بولدى دەپ خاتىرجەم بولۇپ ئۇيقۇغا كەتتى. جامالىددىن خوجام بىر نەچچە ئادەمنى بىر يەردە مەخپى تەييارلاپ قويغان ئىكەن. دەل ھامىددىن خوجامنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا بېرىشى بىلەن، مەخپى تەييارلانغان مەزكۈر ئادەملەر چىقىپ باغلىۋالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرىنىمۇ ئۆي- ئۆيدە مېھمان بولغان يەرلىرىدە تۇتۇپ باغلىدى. خوجامنى ئۈچ ئادىمى بىلەن قوشۇپ ئاتقا مىندۈرۈپ مەھكەم باغلاپ، بىر كېچە- كۈندۈزدە كۇچارغا يەتكۈزۈپ نەزەربەنت قىلدى. ئاقسۇلۇق مۇسا بېك دىگەن ئادەمنى قۇمغا باستۇرۇپ ھالاك قىلدى. دىمەك، ھامىددىن خوجام گويا ئۆز قولى بىلەن ئۆز پۇتىغا كەكە چاپقاندەك بولدى. بۇ ئۇنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچكەنلىگىنىڭ نىشانىسى ئىدى.
     قىرغىزلار بۇ ئاجايىپ ۋەقەدىن خەۋەر تېىپىپ، كاشىغەرگە بېرىپ، قۇشبېگىگە يەتكۈزدى. قۇشبېگى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايتى خوشال بولۇپ، خەۋەر بەرگەن قىرغىزلارغا تون- كىيىم ۋە ئات بېرىپ، «ئەلھەمدۇلىللا، ئەمدى ئاقسۇ، كۇچار جەڭ- جىدەلسىز قۇلۇمغا كىرىدىكەن» دەپ خۇرسەن بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر ۋەقە بولۇپ، ئۈچتۇرپان ئەھلى يۇرتىمىزنى ئۆزىمىز سورايمىز دەپ بىھۇادە ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ ئادەم جېنىنى ئېلىپ پانا ئىزدەك كاشىغەرگە قېچىپ بارغان ئىدى. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. كاشىغەرگە قېچىپ بارغانلار بولسا ئۆزىنى قۇشبېگىنىڭ ھىمايىسىگە تاشلاپ، ئەرز- ھالىنى مەلۇم قىلىپ، يول باشلاپ بېرىشنى تەقەزالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئاقسۇدىكى كۇچارلىق ئابدۇراخمان دادخۋا، ئاقسۇلۇق ئابدۇللا دىۋان بېگى قاتارلىقلار ئەسلىدە جامالىددىن خوجام پادىشانىڭ خىزمىتىدە ئىدى. پۈتۈن مەمىلكەت ئىشلىرى بۇلارنىڭ راي- ئىپتىخارىغا باغلىق ئىدى. بۇلار خوجاملارنىڭ ئەھۋال ۋە ۋەزىيەتلىرىنى چاغلاپ كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ جان مۇھاپىزىتىنى كۈزلەپ، قۇشبېگىنىڭ دۆلىتى ئۇلغۇيۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، قۇشبېگىنى تەكلىپ قىلىپ بىر پارچە مەخپى خەت ئەۋەتتى. كۇچاردىكى ۋەزىر جۈملە تولىمۈلك توختى ئىشىك ئاغا بېكمۇ «بۇ يۇرتلارنى ئۆزەم ئېلىپ بەرسەم» دەپ ۋەدە قىلىپ ئەرز ئەۋەتتى. ئاتالىق غازى مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگى بۇ خەت- ئەرزلەرنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ، غەيرەت تومۇرى جۇش ئۇرۇپ سوقتى. مەمىلكەت تاماسى تېخىمى شاۋقۇنغا كەلدى.
     ئەمما، ئەسلىدە كۇچاردىكى مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىيۇللارنىڭ نۇرلۇق مازىرىدا شەيىخلىق دەرىجىسى ۋە ئورنىنى ئۆزلىرىگە پەخرى ئىپتىخار بىلىپ، بۇ مازارنىڭ بېغىغا پېتىپ- سىغىپ كەلگەن خوجاملار ئەمدى بۇ يەتتە شەھەرگە، ھەتتا موغۇلىستان ئۆلكىسىگە سىغماي- پاتماي قالدى. ئۇلارنىڭ بىر تۇققان- ئەقرىبالىغى ۋە ئىتتىپاقلىقى بولسا ئۆز- ئارا قارىشلىق ۋە مۇناپىقلىققا ئايلاندى ۋە بۇ ئۆز- ئارا قارىمۇ- قارىشلىق ھەم مۇناپىقلىق بولسا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە ئايلاندى. ئۇلار بۇ ئۇلۇغ دۆلەت قەدرىنى بىلمىدى. ئۇنىڭغا شۈكرى قىلمىدى. بەلكى بۇنى كاپىرلارچە نېئمەت دەپ بىلىپ مەغرۇرلىنىپ، ئىپتىخار قىلدى – دە، ھەممىنى قولىدىن بېرىپ قويدى. بۇنىڭغا ئەپسۇس ۋە مىڭ- مىڭلارچە ئەپسۇس ۋە نادامەت! يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، ئەسلىدە مازارى شېرىپلارنىڭ ۋەخپە ئەشايلىرىغا قانائەت قىلىپ، دىخان ئەشرەپلەرنىڭ ئۆشرە- زاكات ۋە نەزىر- سەدىقىلىرىگە مۇھتاج بولۇپ، مازار شېرىپلىرىدىن ماكان تۇتۇپ، ھۇجرا ئىچىگە بورا سېلىپ تائەت ۋە ئىبادەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن، بىر جۈپ قۇرۇق نان ۋە بىر تاۋارق گۈلە قاققا خۇرسەن بولۇپ كەلگەن بۇ خوجىلار مەرھەمەتلىك ۋە ھەممىگە يول كۆرسەتكۈچى ھەم رىسىق بەرگۈچى ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن بىردىنلا پادىشالىق تەختى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە بولغان ئاتا- بوۋىلىرى ئۆز ھاياتىدا، بەلكى بۇ موغۇلىستان شەھەرلىرى ئىچىدىكى ھىچقانداق بىر ئادەم- ئىنسان بۇنداق دۆلەت ۋە ئىززەتكە مۇيەسسەر بولمىغان بولسا كېرەك. لېكىن بۇنىڭغا دەل مۇشۇ خوجاملار مۇيەسسەر بولالىدى.

[align=justify]
       قىتئە:

      تەكيە قىلما ئەي ئەزىزلەر دۆلىتى يىلدا مىنى،
      باش يانىڭدىن پات ئالۇرلەر دۆلىتى ئىقبالىنى.
      ياتقۇزۇپ جىسمى لەتفىڭنى بۇ تەرەپاك ئۇزە،
      يوق ئېتىپ دۆلەت ھەشەمنى بەس قىلۇرلەر نايىتى.

     خوجاملارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىرىنى ھەر خىل ھالۋا، مەۋىز قەندالات، ھەر خىل مۇراببا، مەجۈنى، شەرۋەت، كەيپلەندۈرگۈچى تائاملار ۋە يۇمشاق پاخلان گۆشىنىڭ كاۋاپلىرى، خوشاڭ، تاڭ بۇفا ھەم لەززەتلىك ۋە شىرىن بىجىنچە تائاملارنى، ھەر تۈرلۈك نازۇ- نىمەتلەرنى يىگەنلىگى، ھۆر- پەرىلەردەك خوتۇن- قىزلار ئالدىدا تەييار تۇرغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلار بۇرۇنقى ھالەتلىرىنى تامامەن ئۇنتۇدى. بولۇپمۇ ئۇلار ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئىسلام ئېچىپ پادىشالىقنى تاپتۇق ۋە كەتمەس دۆلەتكە ئۇلاندۇق دەپ، ئەتىراپىغا پادىشالىق تۇغ- ئەلەملىرىنى كۆتەرگەن پادىشالار بىلەن ياخشى ئۆتمىدى. چىقىشالمىدى، ھەتتا كۆزگە ئىلمىدى. خوجا ھاپىز شىرزاتنىڭ (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى جەنەتتە قىلسۇن!)«لىسانۇلغايىپ» (غالىپلارنىڭ سۆزى – ت) دىگەن كىتاۋىدا نەقىل كەلتۈرگەن مۇنداق ئىبرەتلىك ماقالىلىرىغا رىئايە قىلمىدى.

[align=justify] 

[align=justify]      ھاپىز: 

     ئاسايىش دوگىتى تەفسىرى ئىندۇ ھەر پەسىت،
     بادۇستان مۇرەۋۋەت بادۇشىمنان مادار [167].

    خوجاملار ھەممىدە قائىدە بولۇپ قالغان بۇ سۆزلەرنى نەزەرگىمۇ ئالمىدى. ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرى، ئاكا- ئۇكىلىرى بىلەن بىر نىيەت ۋە بىر ئىتتىپاقلىق يولىنى تۇتمىدى. بىر بىرىگە رەھىم- شەپقەت قىلمىدى. دۇنيادىكى ھەممە ئېھتىياجدىن ھاجەتسىز بولدۇق، دىگەن خىيال ۋە تەسەۋۇرلارنى قىلىپ، ناھايتى تەكبۇرلىشىپ، ھەر بى خوجىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى مەغرۇرلۇقى ئىچ- ئىچىدىن ئۆرلەپ «مەندىن باشقا ھىچنىمە يوق» دىگەن ناغرىسىنى ئالاھىدە ياڭرىتىپ چېلىشقا باشلىدى. خۇددى «قۇرئان كەرىم» دە «ئىنسان پۇل ۋە بايلىق بىلەن يامان يولغا كىرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ئۇلارنىڭ ئەسلى ئىنسانى تەبىئىتىدىكى يۇشۇرۇن تەكەببۇرلىغى ئاشكارە بولۇشقا باشلاندى.

      نەزىم:

      ئۆزىگە سازاۋەردۇر كىبىرىيا ئۇ مېنى،
      كى مۈلكى قەدىمدۇر زاتى غەنى.

     دەل مۇشۇنداق بىر چاغدا، مۇھەممەت ياقۇپ ئاتالىق غازى خۇددى ئاللانىڭ قازاسى ۋە ئاسماننىڭ بالاسى كەلگەندەك، مۇشۈك چاشقان كۆتەرگەندەك، قۇرغۇي قۇشقاچ ئالغاندەك ۋە ئىگىز ئۇچقان بۈركۈتتەك بىر شاھانە قىياپەتتە بۇ جايغا قەدەم- تەشۋىق قىلدى. خوجاملارنىڭ دۆلىتىنى ئۆزلىرى بىلەن قوشۇپ خۇددى چاڭ- توزاندەك تۇزۇتتى. بۇ رەھمىسىز ئالدامچى پەلەك چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، ئۆزىنىڭ قەدىمقى ئادىتىنى يەنە تەكرارلىدى.

[align=justify]
     نەزىم:

[align=justify]
     بىرىنىڭ باشىغا تاجۇ- تەختىنى قويۇپ،
     بىرىنى تاجۇپ تەختىدىن ئالىپ يەرگە ئۇرۇپ.

    شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاقىل ۋە دانلار بۇ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ دۆلەت ئىقبالىغا ۋە ئۇلۇغلۇققا يەتكۈزۈش بىلەن، ئاياق ئاستى قىىپ تۆۋەنلەشتۈرۈش ئويۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ غەم ۋە خوشاللىقىغا باراۋەر ۋە بىردەك قاراشلىرى لازىم.

[align=justify]
     قىتئە:

[align=justify] 
     قەنى ئول كەسرائى گۆر خەۋەر نەق،
     بۇ ئالەمدىن ئۇچۇپ كەتتى ھاۋالىق.
     ئەگەرچە ياخشىلىققا يوق ۋافائى،
     ۋەرەق ئىچرەسۇخەن باردۇر ۋەفالىق.

    ئەلقىسسە، جامالىددىن خوجام چىلان ۋە يايدى قاتارلىق جايلارغا توختى خەلىپە دىگەننى ئىككى يۈز ئەللىك ئەسكەرگە باش قىلىپ قاراۋۇلچى قىلىپ قويغان ئىدى. بىر كېچىسى ئەتىگەندە قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى كېلىپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى. ئات سۇغۇرغىلى چىققان بىر يىگىت بۇ ھادىسىنى كۆرۈپ، كەينىگە قېچىپ جامالىددىن خوجامغا خەۋەر قىلدى. قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى بولسا قالغانلىرىنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ كاشىغەرگە ئېلىپ ماڭدى. ئاندىن ئۇلار سايئېرىقتىن قونالغۇ قىلىپ ئاقسۇغا ئۆتتى. ئاتالىق غازى چىلان دىگەن جايدىن خوجا نەزەر بېك دىگەننى باش قىلىپ مۆمىن يۈز بېشى باشلىق ئوتتۇز توققۇز يىگىت بىلەن ئۈچتۇرپانغا بۇيرۇغان ئىكەن. بۇ قۇرۇق ئۈزۈم يولى بىلەن ئاچا تاققا بارغاندا، يولىچىلار خەۋەر تېپىپ شەھەرگە خەۋەر قىلىپتۇ. خوجاملار بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، خوجا نەزەر بېككە چۈشكۈن قۇنئالغۇ چىقاردى ۋە ئاتالىق غازىنىڭ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، مۇبارەكبادلىق قىلىپ، ياقۇپ خوجا ئىشان، مۇھەممەت ئەلى دادخۋالار ئارقىلىق ئاتالىق غازىغا سوغا- سالاملار بىلەن ئىناۋەتنامە ئەۋەتىپ ئىتائەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ئەتىسى خوجا نەزەر بېك شەھەرنىڭ شىمالىدىكى تۈگمەنبېشى دىگەن جايغا چۈشتى. ئىككى يىگىتنى خېتىپ خوجامنىڭ ئالدىغا كىرگۈزۈپ ساڭ، قورال- ياراق ۋە غەزنىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بەرسۇن، ئۆزلىرى تاۋابىئاتلىرى بىلەن جانابى ئاتالىق غازى بەدۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىگە بېرىپ، دۇئا قىلىپ كۆرۈشۈپ يانسۇن، ئاتالىق غازىنىڭ ئالى پەرمانىمۇ مۇشۇنداق ئىدى دىدى.
     ھەممىمىزلا شەھەردىن چىقىدىغان بولدۇق. ئاقىۋەت پىشىن ۋاقتىدا دەرۋازا ئالدىغا كەلدۇق. ئۇلار ئىككى خوجامنى، موللا توختى مۆتۈسۈپنى ۋە مەنكى بۇ ئەسەرنى يازغۇچىنى بىر مىراخۇر بىلەن دەرۋازىدىن چىقاردى، قالغانلارنى توساپ قالدى. «بۇ زاماندا زامان، زامان ئاتالىق غازىنىڭ زامانى» دەپ جار سېلىپ، توپ-زەمبىرەكلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، شادىيانە ناغرا ساداسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، بىز بەش كىشىنى خوجا نەزەز بېكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىزگە يىگىرىمە بەش ئاتلىق ئادەم قوشۇپ ئاقسۇغا ماڭدۇردى. ياڭخى دىگەن قىشلاقتا قونۇپ، ئەتىسى يولغا چىقىپ توشقان دەرياسىغا كەلدۇق. بۇ يەردە مۇھەممەت بابا يۈز بېشى يولۇقتى. بۇنىڭغىچە ئاتالىق غازى ئاقسۇغا كېلىپ، مەزكۈر يۈز بېشىنى ئۈچتۇرپانغا توقسابە قىلىپ خېتىپ خوجامغا مېھرىۋان يارلىق قىلىپ ماڭدۇرغان ئىكەن، يارلىقنى بەردى. يارلىق مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئاتالىق غازى تەرەپكە قاراپ دۇئار قىلدۇق. توقسابە ئۈچتۇرپانغا كەتتى. بىز ئاقسۇغا قاراپ ماڭدۇق. مەن بۇ يارلىق مەرھەمەتنامىسىنى كەم ۋە زىيادە قىلماي، تەۋەرۈك ئورنىدا ئۆز ئەينى بىلەن كۆچۈرۈپ، بۇ ۋاراق سەھپىسىگە ئورناتتىم.
   سىيادەت①پاناھى بۇرھانىدىن خوجا ئىشان زاد ئىززە:
   دەئۋات مۇتەۋاففىرە ② ۋە تەسلىمات مۇتەكاسىرە ③ ئىبلاغىدىن ④سۇڭرە، خاتىرە- خەتىر ⑤ ۋە زەمبىر مۇنىرلارىغە ⑥ رەۋشەن ۋە مۇبەرھەن ⑦ئۇلغايكىم : بۇ ئاۋان⑧ مەيمەنەت ⑨ نىشاندە ھەزرىتى ھەق سۇبھانەۋە تەئالەنى ئەۋنى ⑩ ئىنايەتى بىرلە ئىسلام شىرىف ئاچماق ۋە شەرىئەتى غەررا ⑾ نەبەۋەىيە ⑿ قىلچىنى «ئەلجەننە تۇ تەھتى زىلالەسسىيۇف» ⒀ مەزمۇنى شىرىفچە چافماق نىييەت خەيرىييەسى ⒁
__________
①سىيادەت- سەيتلىك، ئۇلۇغلۇق.
② دەئۋات مۇتەۋاففىرە - كۆپتىن- كۆپ دەۋەت.
③ تەسلىمات مۇتەكاسىرە - ناھايتى تۆۋەنچىلىك.
④ ئىبلاغ – يەتكۈزۈش.
⑤خاتىرە- خەتىر – كۆڭۈل خاتىرى.
⑥ زەمبىر مۇنىرلارىغە – نۇرلۇق دىللىرىگە.
⑦ مۇبەرھەن – ئېنىق.
⑧ ئاۋان – ۋاقىت، زامان.
⑨ مەيمە نەت – بەخت- سائادەتلىك.
⑩ ئەۋن – ياردەم.
⑾ غەررا – پالىلداق.
⑿ نەبەۋەىيە – پەيغەمبەرلەر.
⒀ «ئەلجەننە تۇ تەھتى زىلالەسسىيۇف» - جەننەت قىلىچنىڭ ⒁ خەيرىييە – ياخشى.
     بىرلە بەلكى ئابدانە ① تەقدىر ئىلاھا بىرلە بول دىيارلارغە نەسەبەمىز تۈشىدى – ھاسىلۇل كالام. مۇھەررەمە ئەلھەرەمە يىگىرىمە بەشىدە ② ئاقسۇ مەسەندىدە ③ نۇزۇل ئىجلال ④ كىرگۈزۈپ تۇرغان ۋەقتىمىزدە، كامالى خولۇس ⑤ يولدىن ۋە ناھايەتى مۇھەببەت خۇسۇس ⑥ يۈزىدىن يەئقۇپ خوجا ئىشان ۋە مۇھەممەت ئەلى دادخۋالار قولىدىن ئىزھار ئىتائەت ۋە ئىنقىياد ⑦ ئەيلەپ « ئەتىئۇ ئۇلۋەلەلىئەمرى »⑧ فەھۋاسى شىرىفىغە ئامىل بولۇپ بىر فارچە رۇقئە ئىرسال ⑨ ئەيلەگەن ئىكەنلەر. ياخشى سائەتدە ۋارىد ⑩ ئولۇپ، مەزمۇنى مەفھۇم ⑾ بولپۇ، خۇرسەندى ھاسىل ئۆلدى. تەھاددۇ ۋە تەھاببۇ ⑿ مەزمۇنىچە تۆت ئات ۋە بىر نەچچە لىباس ۋە بىر كالامى شىرىف ھەدىيە ئىبەرگەن ئىكەنلەر، بى كەم- كاس ⒀ كېلىپ تەگدى. مۇندا جامالىددىن خوجە بەئىزى ئىشلاردىن ۋەھشەت قىلىپ قاچقان ئىكەن.
__________
① ئابدانە – تاپشۇرۇق .
② مۇھەررەمە ئەلھەرەمە يىگىرىمە بەشىدە – ھىجرى بىرىنچى ئاينىڭ 25- كۈنى
③ مەسەند – ئورۇن، جاي
④ نۇزۇل ئىجلال – نۇرلاندۇرۇش، رەۋشەنلىك چۈشۈرۈش
⑤ خولۇس – خالىسلىق، توغرلۇق
⑥ خۇسۇس – مەخسۇس
⑦ ئىنقىياد – بوي سۇنۇش
⑧ « ئەتىئۇ ئۇلۋەلەلىئەمرى » - ئەمىرگە بوي سۇنۇش
⑨ رۇقئە ئىرسال – خەت ئەۋەتىش
⑩ ۋارىد – كېلىش، تېگىش
⑾ مەفھۇم - چۈشۈنۈش
⑿ تەھاددۇ ۋە تەھاببۇ – سوغا ۋە سالام
⒀ بى كەم- كاس - كەم- كۈتسىز، تولۇق
    يىگىتلەر ئالىپ كېلىدۇ. بەئزى ئۆتكەن ئىشلاردىن تەۋبە قىلدى. بىزمۇ «ۋەلىكازىمىنەلغەيزە ۋەلئافىن ئەنناس »① مەزمۇنچە جەرايىم ماتەقەددەلارىغە ② ئەفۋە قەلەمنى سۈرۈپ مەرفۇئ ③ قىلدۇق ۋە سەپايى مۇناسىپ بېرىپ مەرھەمەت قىلدۇق. ئۇزلەرى بولسالەر بۇ تەرەفدەكى سەئئىدلەر زۇبدەسى ④ نىيەتلىرىمۇ سافدۇر. ئۆزلەرى ۋە تەۋابىئات (لارىدا) ھەرزىلىك ⑤ خۇلۇق بولسا گۇناھىنى ئەفۋە قىلدۇق. بۇ بارە ⑥ دىن كۆڭىللەرىفە بىر نىمە كېلمەسۇن. بىز بولساق ھەممەدىن ئىلگىرى تانىغان، مۇتلەقەن ۋەھشەت ۋە ھەراس ⑦ قىلماسۈنلەر ۋەللەھۇ ئەلا مانەققەلۇشەھىد، ۋەسسالام. 1284- سىننەت».
     بۇ خەتنى ئېلىپ شۇ كۈنى ئاقسۇغا كەلدۇق. بىزنى كونا ئۆتەڭگە چۈشۈردى. بىر سائەت ئۆتمەيلا ھەمدەم باتۇر بېشى دىگەن ئادەم نەچچە پەتنۇستا قەن، ناۋات، پىستە، بادام، منىر قەندالات قاتارلىق نەرسىلەر ئېلىپ كېلىپ دەستۇرخان سالدى ۋە ھايال بولماي بىر چوڭ قازان گۈرۈچ ئاشنى قازىنى بىلەن كۆتۈرۈپ كېلىپ، خوجاملارنىڭ ئالدىدا ئاغىزىنى ئېچىپ ئاشنى تارتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ كۈنگىچە كېمىتمەي داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلدى. تۆتىنچى كۈنى سارايلاردىن تون، نىمچە، قەن، ناۋاتلارنى لىگەن- لىگەنلەپ
__________
① «ۋەلىكازىمىنەلغەيزە ۋەلئافىن ئەنناس» - «ئۆز گۇناھىغا تولۇق تۆۋە قىلغانلار كەچۈرىمىگە سازاۋەردۇر»
② جەرايىم ماتەقەددە – بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇنالىرى
③ مەرفۇئ - ئورنىنى كۆتۈرۈش
④ زۇبدە - ياخشى، ئىسىل
⑤ ھەرزى – يامان، پايدىسىز
⑥ بارە - سەۋەپ
⑦ ھەراس - قورقۇنچ
    ئېلىپ چىقىپ ۋە مىنىپ كەلگەن ئاتلىرىمىزنى يېتىلەپ بارگاھ ئالىلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تارتۇق قىلدۇ. ئىككى خوجامنى ئاتالىق غازى ئۆز چېدىرىغا باشلاپ كىرىپ زىياپەت بەردى. بىزنى بارگاھ ئىچىگە ئولتۇرغۇزۇپ داستىخان سالدى. مۇنسىپ تون- كىيىم، سەللە، كۇلا قاتارلىقلارنى مەرھەمەت قىلدى. پەرمان بويىچە ئاقسۇ شەھىرىنى ئايلاندۇق. پەتە قىلىدىغان يەرلەرگە بېرىپ پەتە قىلىپ، ئۆز جايىمىزغا كېلىپ ئارام ئالدۇق.
    بۇ كۈنلەردە كۇچار تېخى پەتھى بولمىغان ئىدى. راشىدىن خان خوجام كۇچاردىن ئىبراھىم باھادۇر، يۈسۈپ باھادۇر، تەلەي باھادۇر، ياقۇپ باھادۇرلارنى تۆت مىڭ لەشكەرگە باش قىلىپ، قۇشبېگىگە قارىشى ئۇرۇشقا چىقارغان ئىكەن. بۇلار ياقا ئېرىق تەۋەسىگە كېلىپ، چوغا دىگەن جايغا چۈشۈپ، يولنى توساپ، سۇ بەرمەي، كۆپ ئۇرۇش قىلىپ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى قىستاپ، قۇشتام، ياقا ئېرىق ۋە چوغا قاتارلىق جايلاردا كۆپ زىيان- زەخمەتكە سېلىپ، ناھايتى باتۇرلۇق قىلىپ غەلبە قازاندى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ مەھەلسىز باتۇرلىغى ھىساپقا كىرمىدى؛ ئاقىۋەت قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى غەلبە قىلىپ، ئۇلارنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى.
     بۇنىڭدىن بۇرۇن لۈكچىنلىكلەرنىڭ كونا ئاداۋىتى قوزغىلىپ، بىر مۇنچە تۇڭگانىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ، تۇرپاندىكى ئايدىن خوجامنى لەشكەر بىلەن قوشۇپ ھەيدەپ چىقىرىپ، تۇرپاننى ئۆزى سوراپ، كۇچار تەرەپكە قەدەم قويۇپ بۈگۈرگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا خان خوجام ئىسھاق خوجامنى كورلىغا ئالاھىدە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. ئىسھاق خوجام يېتىپ بېرىپ غەلبە قىلىپ تۇرغان پەيتتە، خان خوجام ئۇنىڭ كەينىدىن ھامىددىن خوجامنى ھىمايە ئۈچۈن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزرە- خالىق سوراپ، كۆپ ئىلتىپاتلارنى قىلىپ، تۆت مىڭ لەشكەر، توپخانا، قورال- ياراق، ئەلەم، تۇغ، بايراقلار بىلەن تۇڭگانىلارغا قارىشى تۇرۇشقە ئەۋەتكەن ئىدى. ئىسھاق خوجام، ھامىددىن خوجاملار تۇڭگانىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى قوغلاپ قارا شەھەردىن ئۆتكۈزۈپ تۇرغان كۈنلەردە، قۇشبېگىنىڭ ئاقسۇغا كەلگەنلىگى توغرىسىدىكى دەھشەتلىك خەۋەر ئاڭلاندى. خان خوجام ھامىددىن خوجامنى قارا شەھەردىن قايتۇرۇپ كېلىپ، يەنە ئۆزرە- خالىقنى قويۇپ، كىيىم- كېچەك، پۇل- تىللا قاتارلىق ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ قىلىپ، لەشكەرلىرى بىلەن قۇشبېگىگە قارىشى ئۇرۇشقا ماڭدۇردى. بۇ كۇچاردىن چىقىپ بايغا كېلىپ، بەھۇزۇر بىر ئوت- چۆپلۈك يايلاقنى جاي- ماكان قىلىپ، لەشكەرلىرى بىلەن كارى بولماي «ئىختىيار ئۆزەڭلەردە» دەپ جاۋاپ بېرىپ، سۈرەت- ۋەقەنى قۇشبېگىگە مەلۇم قىلىپ، ئەرز ئەۋەتتى. بۇ خەت جانبى ئاتالىق غازى ياقا ئېرىققا كەلگەن چاغدا تەگدى. قۇشبېگى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا «ھامىددىن تۆرە دەرھال يېتىپ كەلسۇن، بىز تاقەتسىز كۈتىمىز» دەپ مەھرەم ماڭدۇردى. ھامىددىن تۆرەم قايتىپ بېرىپ كۆرۈشتى. تەبرىك- مۇبارەكلەشلەر ئۆتكەندىن كېيىن، قۇشبېگى «ئەي تۆرەم! يەنە بىز بىلەن ئۇرۇشىدىغان ئادەم بارمۇ» دەپ سورىغاندا، ھامىددىن تۆرەم «جانابىڭىز بىلەن ئۇرۇشىدىغان مەن ئىدىم. خىزمىتىڭىزگە كەلدىم. ئەمدى ئۇرۇشىدىغان ئادەم يوق. دىمەك، كۇچارمۇ قول ئاستىڭىزغا ئۆتتى دىگەن سۆز. مۇبارەك بولسۇن» دەپ جاۋاپ بەردى. قۇشبېگى ناھايتى خوش بولۇپ، «بىر نان تاپساق تەڭ- باراۋەر ئوتتۇرغا بولسۇن» دەپ نەچچە قەۋەت كىيىم- كېچەكنى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، «بىز كۇچاردىن يېنىپ بارغىچە ئۆزلىرى كاشىغەردە دۇئار قىلىپ تۇرسىلا» دەپ كاشىغەرگە يولغا سالدى. ھامىددىن خوجام ئاتالىق غازى دۆلەت سۈرگەن زاماندا، بىر نەچچە مۇددەت ئۇنىڭ تۆرىلىرى قاتارىدىن ۋە كاتتىلىرىنىڭ سورۇنلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، غەللە- تەمىنات ۋە كىيىم- كېچەكلەر بىلەن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تەمىنلەنگۈچلەر بىلەن ئوخشاش تەمىنلىدى.
     قۇشبېگى ياقا ئېرىقتىن ئاتلىنىپ چىقىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ كۇچارغا كەلدى. بىر قانچە يىگىت كىرىپ راشىدىن خان خوجامنى ئېلىپ چىقتى. لېكىن، خان خوجام بىر تەرەپتىن بىر نەچچە ئېغىز تەنە ۋە ئاچچىق سۆز قىلىپ، يەەن بىر تەرەپتىن تون- كىيىملەرنى بەرگەن بولۇپ، بۇلارنى ئوردىسىغا باشلاپ كىردى. بىراق خان خوجام بىردىنلا قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ بىر مەھرىمىنى چاپتى ۋە قولىغا قورال ئېلىپ سېپىلنىڭ ئۈستىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ، «مېنىڭ باتۇرلىرىم قاياققا كەتكەن، بۇ قىپچاق، ئەنجانلىقلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ شەھەردىن ھەيدەپ چىقارمامسىلەر!» دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ تۇرغان پەيتتە، ئاتالىق غازىدىن ئىككى كىشى كېلىپ، خان خوجامنى تۇتۇپ باغلاپ بارگاھقا ئېلىپ كىردى.
     راشىدىن خان خوجام بولسا ئۆزىنىڭ خاتا خاھىشلىرى بويىچە شەرىئەتكە خىلاپ بىر قانچە يامان ئىشنى ئۆزىگە ۋە لەشكەرلىرىگە لازىم ۋە راۋا دەپ بىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىرى بولسا، خان خوجام تۆرىنى ۋە شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزىگە خاس مەھرەم، يىگىت، سەرۋازلىرىنىڭ كېچىلەردە ئۇخلىماي قىمار ئويناپ سەگەك تۇرۇش ۋە شۇنداق يوللار ئارقىلىق شەھەرگە پاسىبانلىق قىلىش دىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرىئەتكە تامامەن خىلاپ بولغان بۇ خىل يامان ئىشلارغا يول قويدى ۋە رۇخسەت قىلدى. ھەتتا قىمارۋازلارغا غەزنىدىن پۇل ئاجىرىتىپ قىمار ئوينىتىپ، بۇ ئىشلارنى راۋاجىلىنىشىغا كۈش- كۈش قىلدى. شۇڭلاشقا شەرىئەت پانا جانابى ئاتالىق غازى شەرىئەت ئالىملىرىدىن «قۇرئانى كەرىم» ۋە «ھەدىس شېرىپ» تە قاتتىق چەكلەنگەن بۇنداق بىشەرئەت ئىشلارغا مەمىلكەتكە ئۇلۇغ بولغان ئادەملەر ئۆزى خىلاپلىق قىلسا ۋە ئۇنى چەكلىمەي راۋاجىلاندۇرسا، نازۇك شەرىئەت قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ دەپ سوراپ، ئۇلاردىن پەتىۋا ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ، خان خوجامنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ گۇنالىرىنى ئۆز بوينىغا ئارتىپ يوق قىلدى. خان خوجامنىڭ نىمە بولغىنىنى ۋە قايسى جايغا دەپنە قىلىنغانلىغىنى كىشى كۆرمىدى ۋە بىلمىدى. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن تۆتىنچى يىلى ماھى سەپەر مۇزەپپەرنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1867 يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى – ت) يۈز بەردى. خان خوجام بولسا ئاتمىش ياشقا يېقىنلاشقاندا، سېرىق چىراي، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئوتتۇرا بوي، كۆزلىرى چوڭ چىشلىرى كۇشادە، بېشى يوغان ۋە كەينى دوقىسى چوڭ كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى پەخرىدىن خوجا شەرىئەت ئەھكاملىرىغا بويسۇنماي، قازى، مۇپتىلارنى ھەتتا ئۇلۇغ شەرىئەتنى ھاقارەتلەپ، كۆزگە ئىلمايدىغان بىر ئادەم ئىدى. يەنە بىر ئىنىسى جالالىدىن خوجا بولسا، ئۆز ئىرىگە ئىددەت ساقلىغان ۋە تېخى ئۇنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقمىغان بىر خوتۇننى ئۆز ئەمىر ئەقىدىسىگە ئالغان ئىكەن. ئاتالىق غازى «ئۆلىمالارنىڭ توغرا ھۆكۈمى ئاللا ۋە ھەممىنى رازى قىلالايدۇ – ت) دىگەن پەتىۋا ھۆكۈمى ۋە ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسى بويۇىچە بۇ پەتىۋە مەزمۇنىنى مەزكۈر خوجىلارغا ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئاممىغا ئىبرەت قىلىپ ئۆلتۈردى. جامالىددىن خوجىنى ياركەنتتە يوق قىلدى. شەيخ خوجا، باھاۋىدىن خوجا ۋە ئىبراھىم تۆرىلەرنىمۇ تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. خېتىپ خوجام ۋە ئوغلى مەھمۇدىن خوجاملارنى كاشىغەرگە ئېلىپ بېرىپ، مەھمۇت خوجا ھەزرىتىمگە تاپشۇردى. بۇلار ھەزرەتنىڭ ئاشخانىسىدىن ئاش- تاماق يەپ، تون، كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، ئون بىر يىلنى ئۆتكۈزدى. بىجىن ئەھلى بۇ جايلارغا ئىككىنچى قېتىم ئىگە بولغاندا ، بۇلارمۇ ئاتا يۇرتلىرىغا قايتىپ، قەھمى- قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق- قاياشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسھاق خوجام، ھامىددىن خوجام، مەھمۇدىن خوجاملار ئەنە شۇ جايدا خاتىرجەم ھايات كەچۈمەكتە.
     راشىدىن خان خوجام شۇنداق قىلىپ تولۇق ئۈچ يىل ۋە بىر ئاي يەنە ئوتتۇز ئالتە ئاي پادىشالىق قىلىپ، شەرىقىي ھۇدۇدى قامۇل، بالەكۆلگىچە، شىمالىي ھۇدۇدى قالمۇقىستانغىچە [169]، غەربى ھۇدۇدى ياركەنت، ماراۋېشى، جەنبۇبىي ھۇدۇدى لوپ، چەرچەنگىچە بولغان جايلارغا ھۆكۈمرۈنلىق قىلدى. ئۇلار بولۇپمۇ بىجىن كاپىرلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ھالاكەتكە يەتكۈزدى. بۇ شەھەرلەردىكى غەزنە- مۈلۈك، قورال- ياراقلارغا ئىگە بولدى. ناھايتى كۆپ غەزنە توپلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇلار شۈنچىلىك دۆلەت ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن مال- مۈلۈك توپلىغان چاغلاردا، يا ئۆزىىڭ بىرەر ئۇرۇق- قاياشلىرىغا رەھىم ۋە شەپقەت قىلىپ باقمىدى، يا بىرەر دۇئاگۇي ئەھلى پەزىل ۋە ھۈنەرۋەنلەرگە كەڭرى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال- دۇنياغا بولغان ئېھتىياجىدىن چىقمىدى. يا بىرەر دەريا- ئۆستەڭگە كۆۋرۈك سالدۇرۇپ ياخشىلىق قىلمىدى. يا مىچىت، خانىقا بىنا قىلىپ، كۆل، قۇدۇقلارنى كولىتىپ، ۋەخپە ئەشيالارنى توختاتمىدى. ھەتتا ئۆزلىرى ئولتۇردىغان بىر- ئىككى ئېغىزلىق مېخمانخانا تەييارلىمىدى. ياكى ئاتا- ئانا قەۋرىلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئىسلاھ قىلىپ، بىرەر نەمۇنە يادىكار ياكى ياخشى ئىش باقى قالمىدى. بىراق، ئىلگىرى يۇرت سورىغان ھاكىم، ئەمىرا ۋە بېكلەر، ھەتتا باي سودىگەرلەرمۇ ئۆز ئەھلۋاىغا قاراپ، بۇ پانى ئالەمگە بىرەر يادىكار ۋە نەمۇنە قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل، كۈمۈش سەرپ قىلىپ، مىچىت، مەدرىسلەرنى بىنا قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا خىتاي، ئۇرۇس، پەرەڭ قاتارلىق مۇشرىكلەرمۇ مۇسۇلمانلار قىلالمىغان مىچىت، مەدرىسە، كۆۋرۈكلەرنى بىنا قىلدۇرۇپ، مازارلىرىنى تۈزىتىپ، نامىم قالسۇن دىگەن ئۈمىت بىلەن كۈمۈش، ئاقچىلارنى سەرپ قىلىپ كەلگەن ئىكەن.
    لېكىن، شۇنداق ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئېرىشكەن خان خوجامنىڭ بىرەر نەمۇنە يادىكار قويمىغانلىغىنى قانداق يول بىلەن ۋە قانداق ئەيىپكە بۇيرىساقمۇ توغرا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا لەنەت ئوقۇش ياخشى ئەمەس. بۇ لەنەت ئىسھاق خوجابىنىنى سارىمىساق خوجا باشلىق خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ خىش- ئەقرىبالىرى، ئەھلى- ئايماقلىرىنىڭ ئىلمىي ھىكىمەتلىرىنى ۋە ئەمىلىيەتلىرىنى بىلەلمىدى ۋە قىلالمىدى. ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى قەدىمقى پادىشالارنىڭ ئەمەل- دەستۈرلىرى ياكى ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ رىئايىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز خىيالى ئىجادى بويىچە قىلدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار نامسىز ۋە نىشانسىز كەتتى. ياكى ئۆزلىرى راھەت- پاراغەت كۆرەلمىدى. ياكى پۇقرالارغا ئاراملىق بولمىدى. ئۇلار دۆلەت سۈرگەن يىللاردا ھەممە پۇقراغا تەڭلىك ۋە تارلىق يۈز كەلتۈرگەنلىگى ئۈچۈن، ھىچبىر ئادەم ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى سېغىنىپ ياكى ئارزۇ- قاياشلىرى، قەۋمى- قېرىنداشلىرى ۋە يۇرت ئەھلىمۇ نارازى بولمىدى.
     ئەي ئىلاھىم! ئۇلۇغ بولغانلارنى بۇ يول بىلەن نالايىق ئىشلارنى قىلىپ، خالايىق- پۇقرالارنىڭ نارازلىغىنى قوزغاشتىن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ساقلاپ ئامان تۇتقايسەن، ئامىن! سائادەتلىك پەيغەمبەرنىڭ رىغبىتى بىلەن سۆز دېڭىزىدىن چىقىپ، بۇ باپنى تامامىغا كىرگۈزدۇق. ئەمدىكى سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ كاژ پەلەكنىڭ چاقى ۋە پايدىسىز دۇنيا خوجاملارنىڭ پېئىل- ئەتىۋارلىرىغا رەھىم ۋە مۇۋەپپەقىيەت قىلماي، ئۆزىنىڭ قەدىمقى بىۋاپالىق يولىنى كۆرسەتتى. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىغى، ئىززەت- سەلتەنەتىنى جانابى مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنىڭ پەزىلەتلىك ۋۇجۇدىغا ئامانەت تاپشۇردى. بۇ خۇش خۇي قەلەممۇ ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى كۇچارلىق خوجاملارنىڭ قىسسە- ئەپسانلىرىدىن تارتىپ، شەھرىيارى ئاتالىق غازىنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرى تەرەپكە يۆتكەپ، ئۇنىڭ كەڭ مەيدانلىرىدا تىرىشىپ ئىلگىرلەپ ئات چاپتۇرۇپ، بۇلارنى شەرھىلەشكە قەدەم قويدى.
ئاللا مۇۋەپپىقىيەت ۋە ياردەم بەرگۈچىدۇر.



ئىككىنچى داستان


1


ئالەم ۋە شۈكرى مىننەت ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئىرادە ۋە تەقدىرى بىلەن مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنىڭ بۇ يەتتە شەھەر- موغۇلىستان مەمىلكىتىگە ئىستىلا قىلىشى، ئۇنىڭ ۋەقە ۋە سەرگۈزەشتىلىرى، بۈزرۈك كخان تۆرەمنىڭ تەختى سەلتەنەتىگە
ئولتۇرۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

[align=justify]


     ھۆرمەتلىك ئۇلۇغ ئەركانلار، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ئالى مۇقام زېھىنلىرىگە يېتىپ روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، شۇنداق قىسسە ۋە ھىكايىلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگىنىڭ ئەسلى يۇرتى تاشكەنت تەۋەسىدىكى پىسكەنت دىگەن جايدا بولۇپ، ئۇ شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىكەن ۋە كىچىگىدىن باشلاپ سىپاۋەرلىك ۋە باتۇرلۇقنى ئادەت قىلغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا نار مۇھەممەت قۇشبېگى دىگەن بىرسى تاشكەنتكە ھاكىم بولۇپ، بۇ ياقۇپ بېكنىڭ ھەمشىرىسىنى ئەمرى ئەقىدىگە ئالغان ئىكەن. شۇ سەۋەپتىن، ياقۇپ بېك ئۇنىڭ مەھرەملىرى قاتارىدا خىزمەت قىلىپ، ئورنى كۈندىن- كۈنىگىچە ئۆرلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، قانائەت شاھ غازى دىگەن بىرسى تاشكەنتكە ھۆكۈمران بولۇپتۇ. بېك بۇنىڭغىمۇ مەھرەم بولۇپ ئىشلەپ، كېيىنچە مەھرەملەر يۈز بېشى بولۇپتۇ. ئۇندىن كېيىن، دەشتى قىپچاقنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بولغان ئاق مىچىتكە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. بۇ شەھەر تاشكەنتكە ئون ئىككى يول مەنزىل كېلىدىكەن. بۇ ۋەقە تەخمىنەن تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىشىنچى ياكى يەتمىشىنچى يىللىرى (مىلادى 1844- 1854- يىلى – ت) ئارلىغىغا توغرا كېلىدۇ.
      بۇ چاغدا ئۇرۇسنىڭ بىر قانچە ئادىمى ياقۇپ بېكنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تىكلەپ «ئۇشبۇ دېڭىز (دەريا – ت) دىكى بېلىقلارنى سېتىپ بەرسىڭىز، بىز ئۇنى تۇتۇپ قاق قىلىپ ئىچىكى شەھەرلىرىھمىزگە ئېلىپ كەتسەك» دەپ ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. ياقۇپ بېك بۇ دەريانىڭ بېلىقلىرىنى قىرىق مىڭ سومغا سېتىپ، ئۇلارنىڭ تىلىدىن ئىشەنچ- ھۆججەت ئېلىپتۇ. ئوروسىيە بۇ بېلىقنى بانا قىلىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە كېلىپ ئۇ جاينى بېسىۋاپتۇ. شۇنىڭدەك ئاق مىچىت ئەتىراپىدىكى قازاق، قىرغىزلار بۇرۇندىن تۆلەپ كېلىۋاتقان زاكار- سېلىقلاردىن باش تارتىپ، زاكاتقا چىققان ئادەملىرىنى ئۇرۇپ، ئولجا- ئەسىر قىلىپتۇ. بۇنى مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاڭلاپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بېرىپ قىرغىن قىلىپ، نۇرغۇن چارۋا- ماللىرىنى غەنىمەت ئېلىپ ئۆزى تۇرغان يەرگە قايتىپ كېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۆلىتى ۋە ئىقبالى كۈندىن- كۈنىگە يۇقۇرلاپتۇ.
       شۇ كۈنلەردە مۇھەممەت ياقۇپ بېك قوقەند دارسەلتەنەتىگە ئەرز بېرىپ، «كەمىنە كەمتەردىن قۇللىرى خان ھەزرەتكە [170] دۇئا قىلىپ، يۈكسەك ئاستانىلىرىنى سۈرمەگە ئوخشاش تۇتىيا قىلىپ، كۆزلىرىمگە سۈرىتىپ، خىزمەتكارچىلىغىمنى مەلۇم قىلىپ يانسام، دىگەن ئارزۇ- ھەۋىسىمنى مۇبارەك ئالىلىرىغا مەلۇم قىلدىم. ئۈمىتدۇركى، قۇبۇللۇق دەرىجىسىگە مۇيەسسەر بولسا» دەپتۇ. بۇنىڭ بەرگەن ئەرزى خان ھەزرەتكە ماقۇل چۈشۈپ، «كەلسۇن» دەپ يارلىق قىلىپتۇ. مۇھەممەت ياقۇپ بېك شۇ ھامانلا سوغا- سالاملارنى تەييارلاپ توققۇز توققۇز قىرغىز، قازاق قىزلىرىنى ناھايتى كەم ئۇچرايدىان رەڭگا- رەڭ ئىسىل كىيىم- كېچەكلەر بىلەن بىزەپ كىيىدۈرۈپ، توققۇز توققۇز بىساقال كېلىشكەن ياش بالا- يىگىتلەرنى ھەر خىل توقۇلما كىيىملەر بىلەن كىيىندۈرۈپ، شاپ خەنجەرلەر بىلەن مۇكەممەل قىلدى. توققۇق توققۇز قازاق، قالماق ئاتلىرىنى ئىگەر- جاپدۇقلىرى بىلەن تولۇقلاپ تەييارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل مال- ماتا، تەپىس جاپدۇق- ياراقلارنى تەييارلاپ، سائادەتلىك ۋاقىت ۋە ياخشى سائەتتە قوقەندىنىڭ گۈزەل تەختى سەلتەنتىگە كېلپ، سوغا- سالاملىرىنى خان ھەزرەتنىڭ مۇبارەك كۆزلىرىدىن تامامەن ئۆتكۈزدى. خان ھەزرەت ئۇنىڭ بۇنداق خىزمەتكارچىلىقىغا ناھايتى خوش- خۇرسەن بولۇپ، شاھانە ئىلتىپات ۋە پادىشا مەرھەمەتلىرىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ۋەزىر ۋە ئەمىر- سەركەردىلىرىدىن ئۈستۈن قويۇپ، ئۆز ئورنىغا قايتىشقا رۇخسەت بەردى. دەشتى قىپچاق تەرىپىدىن ياكى باشقا سەركەردىلەر تەرىپىدىن تا بۇ كەمگىچە بۇنداق سوغا- سالاملار كەلمىگەن ئىدى.
      مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاق مىچىتكە كەتكەندىن كېيىن، ۋەزىرا ۋە ئەمىرالارنىڭ ئاچچىق ھەسەت تومۇرلىرى ھەركەتكە كېلىپ، ياقۇپ بېكنى سۇندۇرۇپ ئاياق ئاستى قىلىشقا تىرىشتى. ياقۇپ بېكنىڭ بۇ خىل سوغا- سالاملارنى قىلىشتىكى مەقسىسى بولسا تاشكەنتكە ئوخشاش بىرەر چوڭ يۇرتقا ھاكىم بولۇش ۋە تاشكەنت قولغا كەلگەندىن كېيىن، ئىلاھى غايىپ ئۇنىڭغا قوقەند پايتەختىنى مۇيەسسەر قىلسا ھەجەپ ئەمەس دىگەن خىياللار خۇددى تاشقا ئۇيۇلغان نەقىشتەك ئورۇنلاشقان ئىدى. چۈنكى ئاللا ئۇنىڭ ھىممەتلىرىنى يۇقىرى، كۆڭلىنى ئىززەت بىلەن ياراتقان ئىكەن. مەزكۈر ئەمىرالار ئۆزلىرىنىڭ غەيۋەت- شىكايەتلىرىنى خان ھەزرەتنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ، «مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئۆزى توپلىغان دۇنيانىڭ ئوندىن بىرىنى، ھەتتا يۈزدىن بىرىنى تارتۇق قىلدى. ئۇنىڭ ئالغان ئولجا- غەنىمەتلىرىنىڭ ناھايتى كۆپلىكىگە تەرىپ ۋە سۈپەت ئاجىزلىق قىلىدۇ دەيدىكەن. ئۇنىڭ تاشكەنتكە ھاكىم بولۇش تاماسى بار ئىكەن. ئەگەر ئۇنىڭغا تاشكەنت ياكى باشقا بىرەر كاتتا شەھەرنى ئىلتىپات قىلسىلا، ئۇ ناھايىتى تېز پۇرسەتتە بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلىنى خاراپ ھەم ۋەيران قىلىشقا ئەيمەنمەي قەدەم قويالايدۇ. بۇنداق غەرەز ئۇنىڭ قىياپەت ئەسەرلىرىدىن ئاپ- ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ» دەپ كەينى- كەينىدىن بىر- بىرلەپ ئەرز تۇتتى. بۇلارنىڭ غەيۋەت شىكايىتى خان ھەزرەتكە تەسىر قىلىپ، «ياقۇپ بېكنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى يىغىشتۇرۇپ كېلپ، پادىشاھى ئاسمان پەلەك ۋە ئالى مۇبارەك دۆلەتخانىغا (غەزنىگە - ت)يەتكۈزۈلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈرۇپ قىرىق ياساۋۇلنى يولغا سالدى.
      بىراق، ياقۇپ بېك خان ھەزرەتنىڭ ئالدىدىكى خاس مەھرەملىرىدىن «ئىنسان ئېھساننىڭ قۇلى» دىگەندەك ئابدۇللا يۈز بېشى قاتارلىق بىر قانچە مەھرەمگە كۆپ ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەيلىنى تارتىپ، ئىخلاسىنى باغلاپ يېقىن قىلىپ، «ئەگەر خان ھەزرەتنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ياخشى ۋە يامان گەپ- سۆزلەر بولسا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار» دەپ تاپشۇرغان ئىدى. ئۇنىڭغا قاتتىق ئىخلاس باغلىغان ئابدۇللا يۈز بېشى باشلىق بۇ مەھرەم نامەھرەملەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىڭلار دىگەن تەمسىلگە ئاساسەن، ئۆز ۋەدىسى بويىچە بۇ پىتنە خەۋەرنى مۇھەممەت ياقۇپ بېككە يەتكۈزدى. مۇھەممەت ياقۇپ بېك بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، «دارسەلتەنەت قوقەنددىن مېھمان كېلىدۇ. ئالدىغا بېرىپ، ئۇچرىغان يەردە توختىتىپ زىياپەت بېرىپ، ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار، ئۆزەم ئالدىغا چىقىپ باشلاپ كېلىمەن» دەپ ياساۋاۇللىرىنى يولغا سېلىپ، ئۈچ مەنزىلگىچە بولغان يەرگە ئادەم تەيىنلەپ ئەۋەتتى. بارغان مۇلازىملار ياساۋۇللار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇچۇرىنى بەرگەندىن كېيىن، ياقۇپ بېك يەنە قالغان ئەمىرا يىگىتلىرىنى بۇ ياساۋۇللارغا بېرىپ تۇرۇڭلار، مەن يېرىم كېچىدە ئاتلىنىپ ئارقاڭلارىن بارىمەن دەپ شەھەرنى خالى قىلىپ، كونا خىزمەتچىسى ئالاش بىيىنى ھەمرا قىلىپ، پۇل- نەقدىنلەرنى يەكدانلارغا قاچىلاپ، كېچە بىلەن يولغا چىقىپ، بۇخارا شېرىپىگە راۋان بولدى. خان ھەزرەت ئەۋەتكەن ياساۋۇللار ياقۇپ بېك چقخماپتۇ، نىمە ھادىسە بولغاندۇر دەپ شەھەرگە كەلسە، ئۇنىڭدىن ئەسەر- نىشانمۇ يوق. ياساۋۇللار خان ھەزرەتنىڭ غەزىۋىدىن قورقۇپ، ياقۇپ بېكنى قوغلاپ سىر دەرياسىنىڭ بويىدا كەينىدىن يەتتى. ياقۇپ بېك بىر نەچە ئۆشكىنى تۇلۇمدەك قىلىپ سويۇپ تەييارلىغان ئىكەن. ئۇ بۇ تۇلۇملارنى پۈدەك ئىچىگە يەل توشقۇزۇپ، ئاغىزىنى مەھكەم قىلىپ ئېتىپ، ئۈستىگە چىقىپ، ئاتلىرىنى ئۈزدۇرۇپ، خەتەرلىك دەريادىن خەتەرسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ياساۋۇللار بولسا دەريادىن ئۆتەلمەي، نائىلاج كەينىدىن قاراپ يېنىپ كەپتۇ. ياقۇپ بېك تىنچ- ئامان بۇخارا شېرىپىگە بېرىپتۇ.
      بۇ چاغدا مەللە خانمۇ [171] قوقەنددىن بۇخاراغا بارغان بولۇپ، زامان ھادىسلىرى ۋە دەۋران بالا- قازالىرىدىن قۇتۇلۇپ، بۇخارا ئەمىرىنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن ئىدى. بىر نەچچە كۈن تىنچ- ئامان مەھەللە خان بىلەن بۇخارادا تۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مەللە خان بىلەن دار سەلتەنەت قوقەندگە كەلدى. بۇ ئادالەت نىشانلىق زاماندا، خۇدايار خاننىڭ دۆلەت ئاپتىۋى كۈن پېتىش تەرەپكە قەدەم قويۇپ، مەللە خاننىڭ ئاي نۇرى كۈنچىقىش تەرەپتىن كۆرۈنۈپ، جاھان يۈزىنى نۇرلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ كۈنلەردە ياقۇپ بېك خوجەند ھاكىملىقىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ بۇ جايغا ناھايتى خاتىرجەملىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان كۈنلەردە، ئۇنىڭ رەقىپلىرى يەنە مەللە خانغا گەپ يەتكۈزۈپ ماقۇل قىلدى. خان ھەزرەت ياقۇپ بېكنى ئېلىپ كېلىپ سىياسەتتە ئولتۇرغۇزۇشنى نىيەت قىلىپ ئادەم بۇيرۇدى. ئەمما سەگەك، بەختلىك، يولى دۆلەتلىك ياقۇپ بېك بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، مەزكۈر ئادەملەرنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەنلا، ئارقا ئىشىك بىلەن قېچىپ چىقىپ، دەريادىن بىخەتەر ئۆتۈپ، يەنە بۇخارا شېرىپكە كەتتى. چۈنكى ئىشلارغا پىشقان ۋە دەۋر سىناقلىرىدىن ئۆتكەپ ياقۇپ بېك بولسا، زامان تەجىرىبىلىرىدىن ھەممە ۋاقىت خەۋەردار ئىدى. بۇ چا غدا خوجەند شەھىرىنىڭ بىر تەرتىپى دەرياغا تۇتاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئىچكى قەلئەسى دەريا لېۋىدىكى ئىگىز بىر جايغا ئورۇنلاشقان ئىدى. ئۇ يەنە بۇخارا تەرەپتىكى يوللارغا ئات ۋە ئادەم قويۇپ باقتۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ بۇ دەملەپ سوۋۇتقان تەييار ئاتلارغا مىنىپ، مەقسەت قىلىنغان بۇخارا تەرەپكە راۋان بولدى. كەلگەن ئادەملەر مەيۈسلۈك بىلەن ئۈمىت ئۈزۈپ، مەقسىدىگە يېتەلمەي، دارسەلتەنەت قوقەندگە يېنىپ كېلىپ، ئۆتكەن ئەھۋالنى خان ھەزرەتكە بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلدى. خان ھەزرەتنىڭ غەزەپ ئوتلىرى چاقناپ، ناھايتى ئاچچىق بىلەن بۇخارا ئەمىرىگە خەت يېزىپ، «ياقۇپ بېك دىگەن بىر پىسكەنتلىك گۇنا ئۆتكۈزۈپ، بۇخارا شېرىپىگە قېچىپتۇ. بۇنىڭ يامان ۋە بەدنىيەتلىگى ھەممە ۋىلايەتكە مەشھۇر. ئۇنى ھەپسىگە ئېلىشقا پەرمان بەرگەيلا، بۇنداق قىلىش ئۆز دۆلەتلىرىگىمۇ ياخشى» دىدى. بۇخارا ئەمىرى خەتنى كۆرۈپ، ياقۇپ بېكنى زىندانغا تاشلاشقا پەرمان بەردى.
      ياقۇپ بېكنىڭ بۇ قېتىمقى بۇخارا سەپىرىدە ئالاش بىي، مۇھەممەت بابالارمۇ بىللە ئىكەن. ياقۇپ بېك زىندانغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلار بۇنىڭغا ئاش- ئۇزۇق توشۇپ بېرىپ، نەرنەچچە ۋاقىت ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپتۇ ۋە زىندانبانلارغا تىللا- تەڭگە بېرىپ دوستلۇق ئورنىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يەتتە، سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇخارا ئەمىرى شەھىرى سەبىزگە لەشكەر تارتىپ بارىدىغان بولۇپ، زىنداندىكى گۇناھكارلارغا ئەپۇ قەلمىنى سۈرۈپ، ئۇلارنى نۇسرەت ئەسەرلىك قوشۇنلار بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ چاغدا بۇخارا ئەمىرنىڭ ئىلگىرى ياقۇپ بېك بىلەن دوستانە ئۆتكەن بىر قانچە يېقىنى ياقۇپ بېكنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ياخشى سۈپەتلىرى ۋە كارغا يارايدىغانلىغىنى ئەمىرگە مەلۇم قىلىپتۇ. بۇ ئەمىرگە ماقۇل چۈشۈپ، ئۇنى ئوردا- بارگاھىغا ئالدۇرۇپ، تۇرقىدىن قابىلىيەتلىك ئىكەنلىگىنى چاغلاپ، پانسەد دەرىجىسىدە ئات ، ياراق ۋە بايراق بېرىپ، خىزمەتكە تەيىنلەپتۇ. ياقۇپ بېك بولسا، ئۇرۇش- جەڭلەردە مەردانەت باتۇرلاردەك نۇرغۇن خىزمەت كۆرسىتىپتۇ. بۇنىڭغا ھەممە ئادەم خوش بولۇپ ئاپرىن ئوقۇپتۇ. ياقۇپ بېكمۇ قەدىر- قىممىتى ئۆرلەپ، خاتىرجەم بولۇپتۇ. لېكىن بۇ كۈنلەردە، مەللە خان ئورنىدىن چۈشۈپ، خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم قوقەند پايتەختى دار سەلتەنەتىگە چىققان بىر ۋاقتى ئىدى. بىراق، يۇرتنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ئالىم قۇل قىرغىزنىڭ قولىدى ئىدى. ياقۇپ بېك ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، سەمەرقەنتكە بېرىپ، مازار- ماشايىخلارنى زىيارەت قىلسام، خەتمەن قۇرئان قىلدۇرۇپ، ئاجىزلارغا ئۆز لايىغىدا نەزىر- سەدىقە بېرپ، خان ھەزرەتلىرىگە بولغان دۇئاسىنى ئېلىپ كەلسەم دەپ بۇخارا خان ھەزرەتلىرىدىن رۇخسەت سوراپ سەمەتقەنتكە كەلدى. بۇ جاىدا ئىككى- ئۈچ كۈن تۇرۇپ، ئاتلىرىنى دەم ئالدۇرۇپ، بىر كېچىدە قاچتى ۋە فەرغانە ۋىلايىتىگە كېلىپ موللا ئالىم قولىغا چۈشتى.
      ئەلقىسسە، بۇ كۈنلەردە كۇچار شەھرى بۇزلۇپ، راشىدىن خوجامنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغانلىغىنى ھەر قايسى شەھەرنىڭ چوڭ- كىچىكلىرىگە ئاڭلانغان ۋە كاشىغەردە سىدىق بېك دىگەن قىپچاق باش كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ ۋە شەھەرگە قاماپ، كاشىغەرگە ئىگە بولۇپ، قوقەند دار سەلتەنتىگە «تۆرەملەردىن بىرسىنى تىلەيمەن، بۇ يەرگە كېلىپ دۇئا قىلىپ بەرسە، مەنكى كەمىنلىرى كاشىغەرنى قوقەند دار سەلتەنەتىگە ئىتائەت ۋە ئنئام قىلدۇسام» دىگەن مەزمۇندا ئەرز ئەۋەتتى.
     موللا ئالىم قۇل بۇ ئەرزىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، بۈزرۈك خان تۆرەمنى قەشقەرگە بۇيرۇدى. ئۇنىڭغا ھەمدەم باتۇر بېشى، تۇراپ خوجام ياساۋۇل بېشى، ئابۇدللا يۈز بېشى، غازى بۈز بېشى قاتارلىق يۈزدەك ئادەمنى قوشتى. بۇلار ئوش دىگەن جايغا كەلگەندە ئەزىز جالات، ياقۇپ كاناي باشلىق يەنە يۈزدەك ئادەم قوشۇلدى.
     بۇ ئارىدا موللا ئالىم قۇلغا بۇخارا ئەمىردىن يارلىق كەلدى. يارلىقتا «پىسكەنتلىك ياقۇپ بېك بىرسى مەللە خانغا باش ئەگمەي، بۇ جايغا قېچىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنى بىر قانچە ۋاقىت ھەپىسىدە تۇتتۇم ۋە يەنە مۇساپىر ئىكەن دەپ مەرھەمەت شەپقەت قىلىپ، ئۆز يېنىغا يېقىن جايدىن ئورۇن بەردىم. لېكىن، ئۇ ماڭىمۇ ھىيلە ئىشلىتىپ قېچىپ كېتىپتۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ بارغان ھامان دەم قىلىچىنىڭ تىغىدىن ئۆتكۈزگەيلا مۇبادا يارلىقنى كېچىكتۈرسىلە ياكى ئىجرا قىلمىسىلا، بۇخارا ئەمىرىنى ئۆزىنىڭ نۇسرەت قىياپەتلىك ئەسكەرلىرى بىلەن فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئۈستىدە كۆرگەيلا. ئەگەر ئاجىز بىچارىلەر ئاتلارنىڭ ئايىغىدا قالىدىغان بولسا، بۇنىڭ ۋابالى سىلىنىڭ گەدەنلىرىدە بولسۇن، ۋەسسالام» دەپ يېزىلغان ئىكەن. بۇ تەھدىت يارلىغى كەلگەندىن كېيىن موللا ئالىم قول ھەيران بولۇپ، بىر كېچىدە ياقۇپ بېكنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بۇخارا ئەمىرىدىن كەلگەن يارلىقنى كۆرسەتت ۋە «ئەمدى فەرغانە ۋىلايىتىدە تۇرۇشلىرى مۇناسىپ ئەمەس، بۈزرۈك خان تۆرىنى كاشىغەرگە ماڭدۇردۇم. لېكىن ئۇ خوجا يۇرداشلىق رەۋىشى ۋە ئەسكەرلىك ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بىر بىپەرۋا ئادەم. سىلە ناھايتى چاپسان مېڭىپ بۈزرۈك خان تۆرىنىڭ ئارقىسىدىن يەتسىلە، مەن سىلىنى ئۇنىڭغا قۇشبېگى قىلىپ تەيىنلىدىم» دەپ يولغا سالدى. ئۇنىڭ قولىغا مۇبارەكنامە بېرىپ، بۈزرۈك خان تۆرىگىمۇ مەلۇم قىلدى. ياقۇپ بېك بۈزرۈك خان تۆرەمگە داۋان ئۈستىدە يېتىشىپ كەلدى. خان تۆرەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگىنىگە ناھايتى خوشال بولۇپ ئىپتىخار بىلىپ، ھەممە يىگىتلىرىنى مەزكۈر قۇشبېگىگە تاپشۇردى. نەتىجىدە بۈزرۈك خان تۆرەم تۆرىلىك مەنسىۋىدە، قۇشبېگى خىزمەتكارلىق دەرىجىسىدە تۇرۇپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، كاشىغەر تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. بۇ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكەن بىرىنچى يىلى (مىلادى 1864- 1864- يىلى – ت) جەددى (ئوغلاق – ت) پەسى ئىدى.
     بۇ چاغدا، سىدىق بېك ئۆزى قىلغان ئىشىغا خاپا ۋە پۇشايمان بولۇپ، ئىلاجىسىز خان تۆرەمنىڭ ئالدىغا كىشى چىقاردى. كەينىدىن نائىلاج ئۆزىمى چىقتى. چوڭ- كىچىك كاشىغەر ئەھلى توپ- توپ بولۇپ تۆرەمنىڭ ئالدىغا چىقىپ زىيارەت قىلىپ، شادى- خوراملىق بلەن شەھەرگە باشلاپ كىرىپ، سىدىق بېكنىڭ جاي- ماكانىغا چۈشۈردى. دەل مۇشۇ چاغدا، كاشىغەر ئەھلىنىڭ ئىچىدىكى تۆرەمگە ئەقىدە- ئىخلاس قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ناھايتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «خوجاملار كەلدى، قىپچاقلارنى ئۇرۇپ ھەيدەپ چىقىرىش كېرەك» دىگەن ئۈن- ساداسى ئاڭلاندى. كاشىغەر ئالامانچىلىرى قىرغىز- قىپچاقلارنى تاياق، چوماق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. شىددەتلىك تاياق زەربىسىدىن قىرغىز- قىپچاقلار قېچىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا سىدىق بېكمۇ تۇرالماي ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۆز يۇرتى بولغان پاراشقا باردى. بۇ يەردە يەنە ئالتە- يەتتە مىڭ ئادەمنى توپلاپ، ئۇرۇشقا تەييار قىلىپ، شەھەرنى قامال قىلدى. بۈزرۈك خان تۆرەم بىلەن قۇشبېگىمۇئۆزىنىڭ يىگىتلىرىنى ئېلىپ، شەھەردىكى نۇرغۇن باشباشتاق ئادەملەرنى توپلاپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا، سىدىق بېككە ئوق تېگىپ يىقىلدى. لەشكەرلىرى پارانكەندە بولدى. تۆرەملەر ئولجا ۋە غەنىمەتكە ئىگە بولۇپ، غەلبە بىلەن ئۆز تەختى بەرگاغىغا قايتىپ ئارام ئالدى ۋە يەك- دۈشمەنلەردىن خاتىرجەم بولدى.
     بۇ چاغدا قۇشبېگى ھەرقانداق ئىشنى تۆرەمدن بىجاۋاپ قىلمايتى. چوڭ ئوردىنى تۆرەمگە بارىگاھ ۋە ئارامگاھ قىلىپ تەيىنلەپ بەردى. تۆرەم بولسا كېچە- كۈندۈز نەغمە- ناۋا ئويناپ، شادى- خوراملىق، ئويۇن- كۈلكە، ھاي- ھۇيلىرى بىلەن بىغەم- خاتىرجەم بولۇپ، ياكى يۇرتدارلىق ئىشى ياكى دادخۋا- ئەسكەرلەرنىڭ ھال- ئەھۋالىنى سوراش ۋە ياكى بىرەر ئىشقا تەدبىر ياكى مەسلىھەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى زادىلا ئۆزىنىڭ دىل ئەينەكلىرىگە چۈشۈرمىدى. لېكىن قۇش بېگى كۇچارلىق ئۆمەر ھاكىم بېك دىگەننىڭ مەدىرىسىنى ئۆزىگە مىسكىن ماكان قىلىپ، تىنماي ۋە ھارماي يىگىت تەييارلاش تەرەدۇتلىرى، قورال- ياراق راسلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تۈزۈككىنە ئارام ئالالمىدى ياكى يىمەك- ئىچمەك ۋە ياكى ئۇيقۇ بىلەن پەرۋاسى بولمىدى. سىدىق بېكنىڭ غەزنىسى ۋە يۇرتلاردىن ئېلىنغان غەللە- پاراقنى يىگىتلەرگە سەرپ قىلدى. ئۇ بۇ جايلاردا يەرلىك ۋە قۇساپىر بايلاردىن خالىغانچە پۇل، كۈمۈش قەرز ۋە ئىئانە توپلاپ، يىگىت تەييارلاشتىن باشقا مەقسەت ۋە ھەۋەسنى زادىلا ئويلاپ قويمىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ ئىچىدە نىياز ئىشكائى بېك بىرقانچە ياركەنت كاتتىسىنىڭ غايىبانە نامىنى يېزىپ، ياركەنتتىن قۇشبېگىگە خەت ئەۋەتىپ، ياركنەتكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇ خەتتە «خوجالار، تۇڭگانىلار ۋە ھەزرەتلەر ئوتتۇرسىدا جىدەل ۋە تالاش- تارتىشلار پەيدا بولۇپ، ياركەنت شەھىرى بىكار قالدى. تۆت- بەش يۈز ئادەم بىلەن كەلسىلە بۇ يەرنى تەسەررۇف قىلغىلى بولىدۇ» دەپ يازغان ئىدى. قۇشبېگى ناھايتى چوڭ ئۈمىت بىلەن دۈشمەننى سەل چاغلاپ، ياركەنتكە بارغان چاغدا، ھامىدىن خوجام بىلەن تۇڭگانىلار بىر ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇرۇش- جەڭگە كىرىشتى. قۇشبېگى باراۋەرلىك قىلالماي، چېدىر- بارىگاھلىرىنى تاشلاپ، ئۆز جېنىنى جايلاپ، يايداق ئاتقا ئاران ئۇلىشىپ، كاشىغەرگە قاچتى. ھەممە تاۋابىئات ۋە تەئەللۇقاتلىرى ھامىدىن تۆرە قولىغا چۈشتى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا زىكرى قىلىنغان ئىدى. ئىلگىرى ھامىددىن تۆرەم نىياز ئىشكائى بېكنىڭ مەككار ھەم ۋاپاسىزلىغىنى بىلىپ، ئۇ سالامغا كەلگەندە تۇتۇپ باغلاپ، يالىڭاچ قىلىپ، تېرەككە ئېسىپ قويغان چاغدا، دادىسى خېتىپ خوجام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئاجىرىتىپ ئالغان ئىدى. نىياز ئىشكائى بېك دەل مۇشۇ ئاچچىغىدا قۇشبېگىگە خەت ئەۋەتكەن ئىكەن. قۇشبېگى قاچقان چاغدا، خىجالەت بولۇپ، كەينىدىن بېرىپ كۆپ ئۆزرە- خالىقلارنى قويۇپ يەنە ياركەنتكە قېچىپ كەلدى. بۇنىڭدىن خوجاملار خەۋەرسىز قالدى.
      بۇ كۈنلەردە، قۇشبېگى ئەزىز بېك جاللاتنى يېڭى ھىسار مۇھاسىرسىگە تەينلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن «شەھەرنىڭ پەتھى يېقىنلاشتى. تۆرەم باشلىق بىرەر ئۇلۇغ قەدەم تەشرىپ كەلتۈرسە، بىز جاناپلارنىڭ قەدەم- تەشرىپ قىلىشىغا قاراپ قالدۇق» دەپ ئەرز يازدى. بۈزرۈك خان تۆرەملەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ھەشەمەت ئنتىزام بىلەن يېڭى ھىسارغا ئاتلاندى. ئەزىر بېك جاللات لەخمىلەرنى كولىتىپ، دورىلارنى قويۇپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن. تۆرەملەر بارغان ھامان دورىغا ئوت تۇتاشتۇردى. سېپىل پوتەيلىرى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. نۇسرەت نەمۇنە قوشۇنلار تېزلىك بىلەن شەھەرگە يۈگۈرۈپ كىرگىچە، دورىنىڭ كۈچى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن توپا- تۇپراقلار قايتىپ چۈشۈپ، شەھەردىكى مۇسۇلمان، تۇڭگانى ۋە خىتايلاردىن مىڭدەك كىشىنى نابۇت قىلدى. بىر مۇنچىسىنى تۇپراق ئىچىدىن تارتىپ چىقاردى. شۇنداق قىلپ شەھەر پەتھى بولدى. دۈشمەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ھالاك بولدى. بىر قىسىمى مۇسۇلمان بولدى. دوستلار شادى- خورام بولدى. دۈشمەنلەر غەم- ئەندىشىگە چۈشتى. قوشۇنلار نۇرغان ئولجا- غەنىمەتكە ئىگە بولدى. بۈزرۈك خان تۆرەم بۇ ئۇرۇشنىڭ پەلەكەكە يەتكەن بەخت خوشاللىقىنى موللا ئالىم قۇلنىڭ مۇبارەت قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈشنى لازىم دەپ تاپتى ۋە توققۇز توققۇ خىتاي زەمبىرەكلىرى، بىر توققۇتز پاكىز، دىلىغا مۇۋاپىق ماچىن يىگىتلىرى، بىر توققۇق قازاق ۋە قالماق ئېتى، بىر قانچە توققۇز بېجىن يامبۇ، كۈمۈشلىرى، توققۇق توققۇز جانان چىنە، خەسە، تاۋار- دۇردۇن قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان يېڭى ماللار ۋە كۆڭۈلگە ياقىدىغان خۇش پۇراق چاي قاتارلىق نۇرغۇن سوغا- سالاملارنى راسلاپ، قوقەند دار سەلتەنەتىگە ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك خىزمەتچىلىرى بىلەن يولغا سالدى. بۇ خىزمەتچلەر خوپ ۋاقىت ۋە ياخشىى سائەتتە قوقەندگە يېتىپ بېرىپ، موللا ئالىم قۇلغا كۆرۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. موللا ئالىم بولسا بۇ سوغا- سلاملارنى كۆرۈپ ناھايتى خۇرسەن بولۇپ ، بارغان خىزمەتچىلەرگە تون- كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا، قورال- ياراق ئېھسان ۋە ئىنئام قىلىپ، بۈزرۈك خان تۆرەمنى خان كۆتىرىپ، ناھايتى قىممەت باھا تاشلار بىلەن بېزەلگەن ئالتۇن تاج، ھەممە ئىگە جابدۇقلىرى تامامەن ئالتۇندىن يېرىم چەمبىرەك قىلىپ بېزەپ نەقىشلەنگەن ئات، ئىككى نەپەر كۈچلۈك ۋە ئاۋازى ياخشى شاتىر، توققۇز توققۇز نىمچە تون، خەسە، ئىگەر جابدۇقلىرىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن توققۇز ئات ۋە بىر توققۇز مىلتىق قاتارلىق سوغا- سالاملارنى ئەۋەتىپ مۇبارەكلەپ، ھەددىدىن زىيادە مەرھەمەت ئىلتىپاتلارنى قىلىپ، ناھايتى زور مېھرىبانلىق قىلدى. بۇ خىزمەتچىلەر شەرەپلىق ۋاقىت ۋە گۈزەل سائەتتە يېتىپ كېلىپ، بۈزرۈك خان تۆرەم بىلەن كۆرۈشتى، تۆرەم شاھلىق تاجىسىنى مۇبارەك بېشىغا قويدى. ئاتقا مىنىپ، قورال- ياراقلارنى قولغا ئالدى. ھەممە چوڭ- كىچىكلەر مۇبارەكبادلىق ساداسىنى ۋە خۇشلۇق ئاۋازىنى بۇ كۆك رەڭلىك پەلەكتىن ئۆتكۈزدى. سۇلتان، پادىشلارنىڭ قائىدە- ئوسلۇبلىرى بويىچە پادىشالىق تەختىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ئاتۇشلۇق مەھمۇت خاننى شاغاۋۇل قىلىپ تەينلىدى ۋە باشقا ھۈدەيچى، پەرۋانىچى، ئىشىك ئاغىسى قاتارلىق مەنسەپدارلارنى بەلگىلىدى. ئىلاھىم ئۇنىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرى سايىسىنى ئۈستۈن قىلغايسەن – ئامىن!






زەفەر ئاتىسى جانابى سەئىد بۈزرۈك خان تۆرەمنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە كۇچارلىق خوجاملارغا قلغان ئىستلاسى، فەرغانە ۋىلايىتىدىن قېچىپ كەلگەن كاتتىلارنىڭ

ئەھۋالى، مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگىنىڭ ماقالىلىرى، قىپچاق

 بۇزغۇنچىلىرىنىڭ ۋەقەلىرى بايانى

[align=justify]

     باتۇر خىسلەتلىك دوستلار، يېقىن مۇھەممەتلىك سۆھبەتداشلارنىڭ ئۇچۇق كۆڭلىگە مەلۇم ۋە يېقىن بولغايكى، بۇنداق قىسسە ۋە ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، ئۇلۇغ پەيغەمبەر ۋە سەئىد ئەھۋالى بۈزرۈك خان تۆرەم بولسا جاھانگىر خان تۆرەم بولسا سالىھ خان تۆرەمنىڭ ئوغلى، بۇ بولسا بۇرھانىدىن خان خوجام پادىشانىڭ ئوغلى، بۇ ئەخمەت خان تۆرەمنىڭ ئوغلى، بۇ بولسا سەيىد ئاپاق خوجامنىڭ ئوغلى ئىدى. بۈزرۈك خان تۆرەم تەخت سەلتەنەتىدە ئولتۇرۇپ، كەشىغەر، يېڭى ھسار تەۋەسىگە مۇناسىپ ئادەملەرنى تەيىنلەپ، ھەر قايسىسىغا ئۆز لايىغىدا تون- كېچەكلەرنى بېرىپ، شاھانىلىق مەرھەمەت ۋە پادىشالىق ئىنايەتلىرىنى قىلىپ خاتىرجەم بولدى. قالايمىقان ۋە بىسەرەمجان كۈنلەر ئۆتۈپ، ئىنتىزام ئورنىتىلدى.
ياقۇپ بېك قۇشبېگى بولسا لەشكەر تەييارلاشنىڭ ھەرىكەت ۋە تەرەددۇتلىرىگە چۈشتى ۋە جانابى تۆرەمگە ئەرز سۇنۇپ. «يۇرت- پۇقرالىرىدىن نەرسە ئېلىپ يىگىت تەييارلىساق» دىدى. جانابى تۆرەم پۇقرالارغا زۇلۇم بۇلارمىكىن دەپ ئانچە ماقۇل تۇتمىدى. قۇشبېگى خاپا بولۇپ، ھەر كۈندىكى ۋەزىپە سالامغا كەلمەي، بەلكى كېتىمەن دەپ، سەرمەن دىگەن جايغا چىققاندا، تۆرەم كىشى ئەۋەتىپ، ئىلتىجا بىلەن ياندۇرۇپ كەلدى. بۇ چاغدا، كاشىغەر تەۋەسىدىكى مۇغال تېرىملىق مۇنەررەپ شابېك، غازى پانسەت ، ئەززى بېك جاللات، موللا ئىبراھىم قاتارلىقلار ئەرز قىلىپ، «قۇشبېگىنىڭ نىيىتى باشقىچە، دۆلەت ئالىلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈمران بولۇش تەقەززاسىدا ھەرىكەت قىلىپ، دىمىغىنى بۇزۇپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر .جاھانشۇمۇل ھۆكۈم يارلىقلىرى بىز كەمىنىلىرىنىڭ قولىغا چۈشسە، قۇشبېگىنىڭ بېشىنى كېلىپ كېلىپ، ئاستانە پەلەك ئالى بارگاھلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىساق» دىدى. بۈزۈرۈك خان تۆرەم مېھرىۋان بولۇپ، «سەۋرى قىلىڭلار، بىزنىڭ ئوتتۇرمىزدا ئەھدى- ئەيمانلار ۋە ئانت- قەسەملەر بار» دەپ، ماقۇل تۇتمىدى. لېكىن بىر مەھرەم بۇ سىردىن ۋاقىپ بولۇپ، بەختى ئويغاق قۇشبېگىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى غەپلەتتىن ئويغاتتى. قۇشبېگى ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، مەزكۈر پىتنە- پاساتچىلارنى تۇتۇپ سىياسەتتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، كاتتا خان تۆرەم باشلىق كاتتىلار ئارىغا چۈشۈپ، بۇلارنىڭ گۇنا قىلمىشلىرىنى تىلەپ، «ھەرقانداق قىلسىلىمۇ بۇلارنىڭ ئورنىغا بىزنى قىلسىلا» دەپ تۇرغاندا، قۇشبېگى ئۇلارنى ئىلاجىسىسز ئەپۇ قىلىپ، ھەپسىگە بۇيرۇدى. ئۇلار ئۆز گۇنالىرىغا توۋا- پۇشايمان قىلغاندىن كېيىن، يەنە مەرھەمەتكە ئېرىشتى. بەلكى ئوتتۇردا يەنىلا زىددىيەت پەيدا بولدى. مۇقەررەپ بېك بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، بىر مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى. بۈزرۈك خان تۆرەم، قۇشبېگى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ، تالان- تاراج قىلىپ ياندى. مۇقەررە بېك باراۋەرلىك قىلالماي، كۇچار خوجىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. بۇ خوجاملار بولسا مۇقەررەپ بېكنى ئۆزىگە يېقىن ھىساپلىدى. ئۇلارنىڭ قۇشبېگى بىلەن ئۇرۇشۇش مۇددىئاسى يېڭىۋاشتىن ئويغاندى. ئەنە شۇنداق ھالەتتە كۇچار خوجىلىرى نۇرغۇن پاراكەندە لەشكەر بىلەن خان ئېرىققا كەلدى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا يېزىلغان ئىدى. يەنە تەكرارلانسا ئوقۇغۇچىغا مالالىق يېتىپ قالىدۇ.
     لېكىن قۇش بېگى خوجاملارنىڭ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ ۋە لەشكەرلىرىنىڭ كۆپلىگىنى بىلىپ، ئاللا دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىپ، يالۋۇرۇپ مۇناجەت قىلىپ، ھاجەتلىرىدىن چىقىشنى تەلەپ قىلىپ، «ئەي ئالەم سىرىنى ۋە مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلگۈچى ئاللا! بۇ كەمىنەنىڭ دىلىدىكى يۇشۇرۇن سىرلار سېنىڭ دەرگاھىڭدا روشەن ۋە ئاشكارىدۇر. ئەگەر ھەق خوجالار تەرىپىدە بولسا، ئۇلارغا پەتھى نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن ۋە ئەگەر ھەق بەندەڭ تەرىپىدە بولسا زىمىن يۈزىدىكى بارلىق بەختى قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك ئەۋلىيا ئەزەملەر، ئۇلۇغ پەرىشتىلەر ھەتتا ئىنسى جىن ۋە دىۋە پەرىزاتلارنى ماڭا يار- مەدەت ۋە يۆلەكچى قىلغايسەن» دەپ سۇبھان ئاللا تائاللادىن نۇسرەت ۋە زەپەر ئۈمىت قىلىپ، ئەسكەرلىرىنى تەييارلاپ، بۈزرۈك خان تۆرەمنى باش قىلىپ، جەڭگە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسكەلىرى ئىككى مىڭغا يەتمەيتى. بۇ سائادەت ۋە ئىنتىزارلىق زاماندا، گۇلاپ ھاكىمى ھەمراخان دىگە ئىككى يۈز ئەللىك نەپەر تەييار ئادىمى بىلەن ياردەمگە كەلدى. بۇلارنىڭ كېلىشى مۇبارەك بالىنىڭ ئالدى دەپ ھىساپلىدى. خوجاملارنىڭ لەشكەرلىرى بولسا ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى جەڭگە كىرىشتى. بىرقانچە باتۇر ۋە قەيسەر يۈرەكلەر ئوتتۇرغا ئات سېلىپ كېلىپ، ئۇرۇشقا كىرىشتى. نۇرغۇن ئادەم نابۇت بولدى. كۇچار لەشكەرلىرى بىرقانچە قېتىم غەلبە قىلىپ، قۇشبېگىنىڭ لەشكەرلىرىنى ئارقىغا ياندۇردى. ئاخىرى ئابدۇللا پانسەت ۋە غازى پانسەتلەر خوجالار سېپىنىڭ بىر تەرپىنى بۇزدى. بۇ چاغدا قۇشبېگىنىڭ يوتىسىغا ئوق تېگىپ توختاپ قالدى. ئۇ ناھايتى بىھۇزۇر بولۇپ، ئابدۇللا پانسەتكە «ماڭا ئوق تەگدى. ئاتقا ئولتۇرالماتدىغان ھالەتكە يەتتىم» دەپ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشى بىلەن، مەزكۈر پانسەت «ئەي نامەرت! مۇشۇنداق چاغدىمۇ بۇنداق گەپنى قىلامدىكەن. بىزلەر كىم ئۈچۈن جان بېرىپ ۋە جان ئېلىپ تۇرۇپتىمىز؟ قانداق پادىشا ئۇلۇغلار بۇنداق جەڭ مەيدانىغا ھازىر بولغان؟ ھەر نىمە بولساڭمۇ ئات چۈشىمەن دىمىگىن» دەپ بىر تەرەپتىن ئىچى ئاغىرىپ، يەنە بىر تەرەپىن دۆلەتخالىق يولىنى قىلىپ، قاتتىق سۆزلەر بىلەن دەشنام بېرىپ، يەنە جەڭگە كىرىپ كەتتى. ئەنە شۇندانق پەيتتە ئۇرۇشنىڭ غەلبە شامىلى قۇشبېگى قۇشۇنلىرى تەرەپكە يۈزلەندى. كۇچار لەشكەرلىرى ئارقىغا يېنىپ قاچتى. بۇلار ئىككى تاش ياكى ئۈچ تاش مىقدارى كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئولجا- ئەسىرلەرنى ئېلىپ ياندى.

     قىتئە:

     گەر گادا ۋە شاھقا كەلسە قازادىن چارە يوق،
     تارتماي بولماس ئىلاج دەفىغە ئانىڭ چارە يوقل
     سەختىلىغىنى ئەھلى دۇنياغا مۇقەررەر قىلدىلەر،
     باشقا كېلسە بىنا گاھى سەبىر قىلماي چارە يوق.

     نەزىم:

     لەكەرى فەراكەندەدىن ئىش كەلمەي،
     ئىككى يۈز مەدانە جەڭچى ياخشىراق يۈز مىڭدىن.

     لېكىن بۇ چاغدا ئون مىڭ تۇڭگانى تايىپىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى توپ، زەمبىرەكلەرگە ئوت بېرىپ، تا نامازشامغىچە ئورنىدىن زادىلا يۆتكەلمىدى. بۇ چاغدا ئىككى تەرەپ ئەلچىلىشىپ، ئەھدى- فەيمانلارنى قىلىشىپ، سۈلھى شەرتنامىلەر بىلەن ياراشتى. قۇشبېگىنىڭ ئۇلارنى كاشىغەر دار سەلتەنەتىگە ئېلىپ ماڭدى ۋە توپ، زەمبىرەك، قورال- ياراق، ئالتۇن- كۆمۈش، ئوق- دوراق قاتارلق ئولجا- غەنىمەتلەرگە ئىگە بولدى. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى جامادىل ئاخىرىنىڭ يىگىرىمە ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1865- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. 
     قۇشبېگى قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن، زامان سىناقلىرىدىن ئۆتكەن تەجىرىبىلىك جاراھەتلەرنى ھازىرلاپ، ئۇستۇرا بىلەن يوتىسىنى يېرىپ ئوقنى ئالدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، جاراھەتچى بەدۆلاەت ئالىلىرىنىڭ يولتىسىنى تىغ بىلەن يېرىپ ئوقنى ئېلىۋاتقان چاغدا، ئۇ بىر مىرزىنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئىنايەتنامىلەر يېزىشقا سۆز سۆزلەپ تۇرۇپتۇ. مىرزا بولسا ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ياكى رەڭ- چىرىيى ئۆزگەرمەپتۇ ۋە بۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. ياكى بۇيرۇق- پەرمانلىرىدىن ئازماپتۇ. دىمەك، قۇشبېگىنىڭ غەيرەت ۋە جۈرئەتلىرىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگەيسىزلەر.
     بۈزرۈك خان تۆرەم، قۇشبېگىلەر غەلبە بىلەن دارسەلتەنەت كاشىغەرگە بارغاندىن كېيىن، مۇلايىم سۆز ۋە شىرىن تىللار بىلەن تۇڭگانىلارغا نۇرغۇن ئىنئام- ئېھسانلارنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىپ، قولىدىكى قورال- ياراقلىرىنى جەڭ جىدەلسىز قولىغا ئېلىپ، ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇپ، قورقۇنچىن خالاس قىلدى. لېكىن، بۇ چاغدا خىتايلار شەھىرى تېخى ئېلىنمىغان ئىدى. خىتايلارنىڭ بولسا ئاش- ئۇزۇقلىرى تۈگەپ، ئاچلىق دەردىدىن قېرىدىن قېرىلىرىنى ۋە كىچىك نارسىدە بالىلىرىدىن ئىت، مۈشۈكلىرىگىچە ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگىتىپ، گويا ھەر بىرى خۇددى بىر پانۇستەك بولۇپ، ئۆز جېنىغا رازى بولۇپ، دەرۋازىنى ئېچىپ چىقىپ، خۇددى شاھادەت ئېيتقاندەك ئاغىزىدا بىر نىمىلەرنى دەپ تۇردى. دەسلەپكى مۇھاسىردىن بۇ دەمگىچە تولۇق ئون ئۈچ ئاي ئۆتكەن ئىدى. بۇ پادىشاھى بەختىيار ۋە سائادەت ئەسار بۈزرۈك خان تۆرەم بارلىق خىتايلارغا رەھمى- شەپقەتلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئىمان شېرىپىگە دالالەت قىلدى. ھەممىسىلا شاھادەت ئېيتىپ بۇسۇلمان بولدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تېگىشلىك ئىنئام- ئېھسانلارنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى ۋە خۇدالويە دىگەن باشلىغىنى يەنە چوڭ قىلىپ، بۇلارنى خادالويەگە تاپشۇردى. خۇدالويە دىگەننىڭ خۇددى يەككە ئۈنچىدەك، گۆھەر قىياپەتلىك، پەردە نومۇسلۇق گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى. ئۇنى ئۆز ئەقىدىسىگە ئېلىپ، نىكا رىشتىسىگە ئالدى. ناھايتى زور مەرھەمەت ۋە ئىلتىپاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
     ئەقىسسە، كاشىغەر شەھىرى پەتھى بولۇپ تېخى ھەپتە ئۆتمىگەن ئىدى. تاشكەنتنىڭ مىڭ ئۈرۈك دىگەن جايىدا موللا ئالىم قۇل ئوروسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ، شاھادەتلىك شەرۋىتىنى ئىچتى. ئۇنىڭ ھەممە نۇسرەت ئالامەت ئەسكەرلىرى خۇدايارخاننىڭ ئالدىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي، تېزلا پارچىلىنىپ، ھەر تايىپە ھەر تەرەپكە يۈزلەندى. چۈنكى، بۇلار موللا ئالىم قۇلنىڭ ئىنائام- ئېھسانلىرىغا مەغرۇرلىنىپ ۋە ئالدىنىپ، ئارقىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ بىر قانچە كاتتىسى جان ساقلاشنىڭ ھەھىمىسى ۋە قايغۇسىدا كاشىغەرگە قاراپ راۋان بولدى. بۇ ۋەقە بۈزرۈك خان تۆرەم كاشىغەرگە كېلىپ يەتتە ئايدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە كاتتا خان تۆرەم، كىچىك خان تۆرە، ۋەلى خان تۆرەم، ئىسرائىل خان تۆرەم، مۇھەممەت رىھىم خان تۆرەم ، ھېكىم خان تۆرەم، مىرزا مۇھەممەت قۇشبېگى، مۇھەمەت نەزەربېك، قادىر قۇلى بې ك، خۇدايقۇلى بېك، ئۆمەر قۇل باھادۇر بېشى، مىر بابا دادخۋا، تۇردى قۇل دادخۋا، باقى بېك ، بېك مۇھەممەت قۇرچى، تاش دادخۋا، پەيزۇللا دادخۋا، تاشباي دادخۋا، ئاۋغان جامىدار دادخۋا ۋە خەيىر مۇھەممەت توپچى، دار بوخچە بەردار قاتارلىق بىر قانچە زامان ئىشلىرىدىن تەجىرىبىلىك باتۇرلار ۋە بالا- چاقىلىرى بولۇپ، يەتتە مىڭدىن كۆپرەك باتۇر ۋە تەييار ئادەمنىڭ كاشىغەرگە كەلگەنلىگى خەۋىرى ئاڭلاندى. بۈزرۈك خان تۆرەم، قۇشبېگىلەر ئاڭلاپ، ئىككى پانسەتنى يىگىتلىرى بىلەن ئالدىغا چىقاردى ۋە بۇلارغا «ئەگەر ئۇلار ئىتائەت ۋە فەرماندار بولۇپ كەلگەن بولسا، بىزگە ئۇچۇرىنى بېرىپ، يول باشلاپ كېلىڭلار، مۇبادا باشقا غەرەز مۇددىئارلىرى بولسا، قاراۋۇلدىن بۇ تەرەپكە ئۆتكۈزمەي، بىرگە خەۋەر بېرىپ، توساپ ئۇرۇشۇڭلار، ئۈستۈڭلەرگە بېرىپ، يار- مەدەت بېرىمىز» دەپ بۇيرۇق بېرىپ يولغا سالدى. مەزكۈر پانسەتلەر ئۇلار بىلەن قىزىل سۇپىنىڭ لېۋىدە ئۇچراشتى. كاتتا خان تۆرەم، مىرزا ئەخەت قۇشبېگىلەر پانسەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، «يۇرتىمىزنى ئورۇسىيە بېسىۋالدى، بىز جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ھەرقانچە بولسىمۇ ھەمىدىيارلىق رىئايە شەپقىتى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام ئېچىپتۇ. ئەگەر خىزمەتكە سالسا بەقەدەر ئەھۋال خىزمەت قىلارمىز. ئەگەر خىزمەتكە سالمىسا، بىر نىمە قىلىپ كۈن ئالارمىز دەپ باشپاناقاپ كەلدۇق» دەپ قاتتىق قەسەم- شەرتلەرنى تەكىتلەپ قاراپ تۇردى. پانسەتلەر بۇنى ئاڭلاپ، بۈزرۈك خان تۆرەملەرگە ئۇچۇرىنى بېرىپ، باشلاپ كېلىپ ئۇچراشتۇردى. ئوتتۇردا باشقىدىن ئەھدى- پەيمانلار ۋە ئانىت- قەسەملەر ئادا قىلىنغاندىن كېيىن، خان تۆرەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز لايىغىدا تون- كېچەك كىيدۈرۈپ، جاي- ماكان تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇردى.
     لېكىن، ۋەلىخان تۆرەم كاشىغەر شەھىرىگە كىرىشى بىلەنلا، ھىچ تارتىنماستىن «زاماننىڭ زامانى ۋەلىخان تۆرەمنىڭ زامانى» دەپ كوچىلاردا جار سېلىپ، ناغرا، كانايلارنى شادىيانىگە سوقتى. قۇشبېگى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئىككى پانسەتنى دەستەسى ياردەمچىلىرى بىلەن بۇيرۇپ، ۋەلىخان تۆرەمنى باگاھىغا ئېلىپ كېلىپ، غەزەپ بىلەن قاتتىق ئەيىپلەپ، «بىزلەر بۇ يەردە خىتاي شەھىرىنى ئالالاماي بىر مۇنچە جاپا- مۇشەققەتنى چېكىپ، ھەر نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتىمىز. سىز بولسىڭىز بەش، ئوندەك باشباشتاق ئادەمنى تېپىپ، ئۆزىڭىزگە بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق ئىشتىياقىنى قىلىپ يۈرىسىز، ئىلگىرى كېلىپ كاشىغەرنى ئالالماي مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن كالا مۇنارلارنى ياساپ، كۆپ ناھەق قانلارنى تۆكۈپ، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ خۇنىغا زامىن بولۇپ قېچىپ كەتتىڭىز. ئەمدى بىز بۇ خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، جاپا- مۇشەقەتلەرنى تارتىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا، سەن نىمە ئادەم دىيىشكە ئاغىزىڭىز بارماي، شەھەرنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىلى قەست قىلىسىز» دەپ قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ، غەزەپ ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، خەنجىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چاپقىلى تەمشەلگەندە، كاتتا خان تۆرەم باشلىق چوڭلار ئارىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، گۇناسىنى تىلەپ ئالدى. لېكىن، ئىككى ناغىرچىسى ئۈچ ئادىمىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. ۋەلىخان تۆرەمنى يېڭى ھىسارغا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ نىمە بولغانلىغىنى ھىچ كىشى كۆرمىدى ھەم بىلمىدى.
گەپنىڭ ھالسىلى شۇكى، كۇچارلىق خوجاملار خان ئېرىقتىكى جەڭدە شىكەست يەپ قاچتى. ياركەنت قۇشبېگىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشتى. ياركەنتتىكى خوجاملارمۇ ئەندىشە قىلىپ قورقۇپ، بۇ جاينى قۇشبېگىگە قوشۇپ بېرىپ يانغان ئىدى. بۇ سائادەت يار ۋە دۆلەت ئاسارنىڭ دۆلتىدە مۇلاھىزە قىلىپ تاماشا قىلماق لازىمكى، ئۇ بىر تال ئوق بىلەن ئىككى كىيىكنى ئاتتى. بىر ھۇجۇم بىلەن ئىككى شەھەرگە ئىگە بولدى. قۇشبېگى ياركەنتنىڭ بوش قالغانلىغىنى بىلىپ، بۈزرۈك خان تۆرەم باشلىق كاتتىلارنى ھەمرا قىلىپ ياركەنتكە بېرىپ، بۇ جاينى رەسمى ئۆزىنى مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىغى دائىرىسگە ئالدى. لېكىن، ياركەنتتىكى تۇڭگانىلار ئىتائەت قىلماي، شەھىرىنى مەھكەم ساقلاپ دەرۋازىنى ئاچمىدى.
     تۆرەم باشلىق ھەممە قوشۇنلار ياركەنتتىكى تۇڭگانىلار شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ تۇرغان بۇ كۈنلەرنىڭ ئىچىدە بېك مۇھەممەت قۇرچى بىر قانچە بۇزغۇنچى قىپچاق ئەھلى بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ، توغرا ئىتتىپاق يولدىن چىقىپ، شەيتان سۈپەتلىك پىتنە- پاساتلارنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ، بۈزرۈك خان تۆرەمنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، قورال- ياراقسىز ئېلىپ قېچىپ، كاشىغەرگە ئاپىرىپ، يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ قارىشلىق ۋە ئۇرۇش دۇمبىغىنى سوقۇشقا باشلىدى. قۇشبېگى بۇ پىتنە خەۋىرىنى ئاڭلاپ، كاتتا خان تۆرەم بىلەن جامىدار دادخۇانى بىر قانچە يىگىت بىلەن كاشىغەرگە ماڭدۇردى. بۇلار كېلىپ بۈزرۈك خان تۆرەمنىڭ قايسى جايدا ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ ئەلچى كىرگۈزدى. ئەلچىلىك مۇۋەپپەقەيەتلىرىدىن ئەسەرمۇ بولمىدى. شۇڭلاشقا، ئىككى تەرەپ جەڭگە تەييارلاندى. ئارىدا يەنە ئون كۈن ئۆتمەيلا، قۇشبېگى كىچىك خان تۆرەمنى ياركەنتتە قالدۇرۇپ كاشىغەرگە كەلدى. ئارىدا ھەر كۈنى دىگۈدەك جەڭ- جىدەللەر يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم زىيان بولدى. بۇ كۈنلەردە ياراتقۇچى سۈبھان ئاللانىڭ مۇقەددەس درگاھىدىن چۈشكەن دەلۋە پەسلىدىكى قىش- زىمىنىستان ھاۋاسى ۋە دەھشەتلىك قار- شىۋىرغان سوغاقلىرى دوست بىلەن دۈشمەنگە باراۋەر تەسر قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئاتمىش كۈن ئۆتتى. ئاخىرى ئۇزاق تەدبىرلىك، نازۇك تەمكىنلىك ۋە قاتتىق دۆلەتلىك قۇشبېگى غازى ئاتالىق ئۆزىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرىنى چىقىرىپ سۈلھى يولى بلەن بۇ پالاكەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئويلىدى ۋە پىتنە- پاساتچى بېك مۇھەممەت قۇرچنىڭ ئالدىغا ئەلچى كىرگۈزدى. مەزكۈر ئەلچى مەقسەت مەقسەت- مۇددىئاسىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، قۇرچى «ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئىتتىپاقلىق كۆتىرىلدى. ئەمدى ئىككىنچىلەپ مۇرەسسە قىلىپ يالغان دوست بولۇشنىڭ ئېھتىمالى يوق. ياخشى مەسلىھەت شۇكى، قۇشبېگى جاۋاپ بېرىپ بىزگە زىيان- زەخمەت قىلمىسا، بىز بارلىق قىپچاقلار بالا- چاقىلىرىمىزنى ئېلىپ يۇرتىمىزغا چىقىپ كەتسەك» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. ئەلچى قۇرچىنىڭ جاۋابىنى بىر- بىرلەپ قۇشبېگىگە مەلۇم قىلدى. قۇشبېگىمۇ ماقۇل بولۇپ جاۋاپ بەردى. قىپچاق گوروھى ئۆزلىرىنى جابدۇپ، ئىككى يۈزدەك كاتتىلىرى دەرۋازىدىن چىقىشى بىلان، قۇشبېگى دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىپ قالغانلىرىنى چىقارمىدى. چىققانلىرى چىقىپ كەتتى. قالغانلىرى شەھەردە قالدى. قۇچى باشلىق يولغا چىققانلارنىڭ خوتۇن- بالىلىرى قۇشبېگىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. پىتنە- پاساتلار بىر تەرەپ بولۇپ، يۇرتقا تىنچلىق ھاسىل بولدى.
     لېكىن، بۈزرۈك خان تۆرەم خىجالەتچىلىكتىن بېشىنى ئۈستۈن ئالالمىدى. شۇنداق ھالەتتە قۇشبېگى ئۇنىڭ يىگىت، مەھرەملىرىگە ئىنئام ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارغا تون- كېچەكلەرنى ياپتى. تىللا- تەڭگىلەرنى چاچت. ھەممە قوشۇن يىگىتلىرى قۇشبېگىگە ئۇلاشتى. خۇددى «ئىنسان ئېھساننىڭ قۇلىدۇر» دىگەندەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قۇشبېگىنىڭ كەينىگە ئەگەشتى. بۈزرۈك خان تۆرەمنىڭ ئالتە يۈزچە خاس يىگىتلىرى بار ئىدى. بۇلارمۇ ئىنئام- ئېھسانلارنى كۆرۈپ قۇشبېگى تەرەپكە ئۆتتى. تۆرەم پەقەت ئەللىكچە يىگىتى بىلەنلا قالدى. ئاخىرى قۇشبېگى تۆرەمنى بەش نەپەر يىگىتى بىلەن يېڭىسارغا ئەۋەتتى ۋە بۇ بەش نەپەت يىگىتتىنمۇ ئايرىپ تەنھا تۇتۇپ، ئۆز يىگىتلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى تۆرەمنىڭ خىزمىتىگە قويۇپ، ئۇنى نەزەربەنت ئورنىدا مۇھاپىزەت قىلدى.
     بۇ چاغدا بېك مۇھەممەت قۇرچى قوقەندگە بارغاندىن كېيىن، ئالى مۇقاملىق خۇدايارخان ئالىلىرى خەۋەردار بولۇپ «سەن قىپچاقلار بۇ شەھەرلەرنى بىسەرەمخان قىلىپ ئۇرۇسلارغا بەردىڭ، ئاندىن كاشىغەرگە قېچىپ بېرىپ كاشىغەرنىمۇ سەرەمجان قىلدىڭ» دەپ غەزەپ ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، قۇرچى باشلىق قىپچاقلارنى دەم تىغىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرۇنقى پانا يولىغا قەدەم قويۇپ، كەتسە كەلمەس بولۇپ كەتكەن كارۋانلارنىڭ ئارقىسىدىن ناھايتى تېز يولغا سالدى . شۇنىڭدىن كېيىن، قىپچاقلار كاشىغەردىن قېچىپ بارالمىدى. مەزكۇر قۇرچى بولسا قەدىمقى ئابائى ئەجداتلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ كەلگەن ۋە دەشتى قىپچاقلار ئىچىدە ئۇلۇغلۇق بىلەن ئۆتكەن گۆز ئوغلى [172] باتۇرنىڭ نەۋرىلىرىدىن ئىدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بارلىق قىپچاقلار گەدەنلىرىنى تۆۋەن قىلىپ، بوينىنى سۇنۇپ، ئەمىر ئىتائەت ۋە پەرماندارلىقنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە راۋا دەپ بىلدى. بۇمۇ قۇشبېگىنىڭ دۆلەت ئىقباللىرىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولدى.

     نەزىم:

      شاھقا ئەگەر بولسەلەر دۆلەت بەختى يار،
     بولۇر شالارغا پەتھى نۇسرەت دۇچار.



3

ياراتقۇچى سۈبىھان ئاللا ئىگەمنىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن مۇھەمەت ياقۇپ بېك قۇشبېگى غازىنىڭ تەختى سەلتەنەتتە ئولتۇرغانلىغى، مۇخاپىلار سەرەمجانى ۋە قەشقەركەشلىك قانۇن- تەرتىپلىرى، ماراۋېشى، ياركەنتنىڭ ئېلىنىشى، خوجا ئىسھاق تۆرەنى

ئىستىلا تاپقىنى قاتارلىق ۋەقلەرنىڭ بايانى

[align=justify]

      ئەقىدىسى سادىق بۇرادەرلەر ۋە مۇاۋپىق مۇھەببەتلىك دوستلارنىڭ توغرا سەۋىيىلىرىگە يېتىپ ئۇچۇق- ئاشكارە بولغايكى، نەقلى ھىكايە ۋە قىسسە- ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق بارلىق سەرەمجان ۋە باشباشتاقلىقلارنى ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەت ۋە نىشانى بويىچە تىنجىتىپ ۋە ئىنتىزامغا سېلىپ، ئۇ مېھرىبان ھەم قەھرى- غەزەپلىك ئۇلۇغ ئاللانىڭ ھەممىگە تېگىشلىك لۇتپى ئىنايەتلىرىگە پۈتۈنلەي تەۋەككۈل قىلىپ، كاشىغەر، يېڭى ھىسار ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت- زىمىنلارغا ئۆزى مۇستەقىل ۋە ئىختىيارەن ھۆكۈمران بولدى. جاي- جايلارغا ھاكىم، سۇيۇرغاللارنى تەيىنلىدى. دۆلەت ئىقباللىرى بويىچە بارلىق يىگىتلىرىگە لۇتپى ئېھسانلارنى قىلىپ، كۆڭلى كۆتۈرلۈپ، خاتىرجەم بولدى. ئۇ جالالەتلىك خۇدانىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن يۇلتۇزلىرى يۇرۇقلۇق بۇرچىدا ياندى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىگە كېچە- كۈندۈز يىگىت راسلاش، سەرۋاز تەييارلاش، جەڭ قورال-    ياراقلىرىنى سوقتۇرۇشتىن باشقا خىيال ياكى ئىشتىياق چۈشمەيتى.
      دەل مۇشۇ كۈنلەردە شەرق تەرەپتىكى كۇچار خوجىلىرىدىن بولغان ئىسھا تۆرە قىيامەت ئەسرلىك لەشكەرلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ياركەنت شەھىرىگە كىرىپ ئولتۇردى دىگەن يامان خەۋەر قۇشبېگىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا ئاڭلانغىلى تۇردى. بۇ يىگىت ۋە سەرۋازلىرىنىڭ سانىنى خەتلەپ تىزىمغا ئالدى. نەتىجىدە ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق يىگىت ۋە ئۈچ مىڭ پىيادە سەرۋاز دەپتەرگە چۈشتى. جامىدار دادخۇانى ئۈچ مىڭ سەرۋاز ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، توپ- زەمبىرەرك، تۇغ، ئەلەم، بايراق، داقا- دۇمباق قاتارلىقلارنى تەقسىم قىلىپ، قول ئاستىغا سەككىز پانسەتنى تەيىنلەپ، ئۇنى يارلىق جاھاننامە بىلەن ئورنىنى كۆتۈردى؛ يەنە مىرزا ئەھمەت قوشبېگىنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، ئۇنى قۇياش نۇرىدەك يارلىق بىلەن مەمنۇن ۋە ئۈستۈن قىلدى؛ ئۆمەر قۇل باتۇر بېشىنى ئەمرى لەشكەر قىلىپ، سەككىز پانسەت تەينىىلەپ، مىڭ يىگىت، تۇغ، بايراق، ئەلەم بىلەن مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا مۇبارەك يارلىق بويىچە ئالاھىدە ئورۇن بەردى؛ ئابدۇللا پانسەتنى ئەمرى لەشكەر قىلىپ، سەككىز پانسەت بىلەن ئۈچ مىڭ يىگىت ئايرىپ، تۇغ، بايراق، ئەلەملەرنى ئىنايەت قىلىپ، ئۇنى ئالەم ئىتائەت يارلىغى بويىچە ئىززەتلىدى. قۇشبېگى جانابى يىگىتنى خاس قالدۇرۇپ ئۇلارغا كاتتا تۇغ تاپشۇردى. بۇ زامان ئىنتىزامىنىڭ ھۆسنى نىشانى بولغان مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىنى چاپاۋۇل قىلىپ يىگىتلىرى بىلەن مارالۋېشىنى مۇھاسىرە قىلىشقا چوڭ يارلىق چۈشۈردى. قالغان ئەمىرى لەشكەرلەرنى قىل قۇيرۇق قىلىپ، كەينى- كەينىدىن ماڭدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى پادىشالىق دەبدەبىسى ۋە سەلتەنەت داغدۇغۇسىنى نامايىش قىلىپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە بۇرۇندىن بىللە بولغان ھۆكۈمرانلارنى باشلاپ غەلبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويدى ۋە مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ مارالۋېشىغا كېلىپ چېدىر- بارگاھلىرىنى تىكتى.
     مارالۋېشى شەھىرىدە تۇڭگانى ۋە مۇسولمانلار بولۇپ، ئۈچ مىڭ ئادەم بار ئىدى. بۇ جايدكى تۇڭگانىلار كۇچارلىق خوجاملارغا ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلىپ، مۇسۇلمانلار گۇرۇھىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۆز تىرىكچىلىگى بىلەن كۈن ئېلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇلار قۇشبېگى قوشۇنلىرىنىڭ كەلگەنلىگىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرۋازىلارنى مەھكەم ئېتىپ، سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ جەڭگە تەييارلاندى. ئادىن ئىككى تەرەپ بىر ھەپتە جەڭ قىلىشقاندىن كېيىن، قۇشبېگىنىڭ قوشۇنلىرى لەخمە كولاپ، دورا قويۇپ، ئوت قويۇپ بەردى. بۇ سېپىلنىڭ بىر تەرىپىنى بۇزۇپ ئاسمان قەھرىگە كۆتەردى. ئاندىن لەشكەرلەر چاپسان يۈگۈرۈپ شەھەرنى پەتھى قىلدى. ئەجەل بىلەن ۋەدىلەشكەنلەر كەتتى. ئەجەل يەتمىگەنلەر ساق قالدى. قۇشبېگى ساق قالغان تۇڭگانىلار ۋە مۇسۇلمانلارغا مادالويە دىگەنى باش قىلىپ، ھەممە تۇڭگانىلارنى كاشىغەرگە يولغا سالدى. مارالۋېشىنى ھېكىم خان تۆرەمگە تاپشۇردى ھەمدە مىڭبېشى باتۇرنى باتۇر بېشى قىلىپ تەيىنلەپ، مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن قولىغا مۇبارەكنامە تاپشۇردى. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچۈنچى يىلى رەبىئول ئاۋلىنىڭ ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 1866- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى - ت) يۈز بەردى.
     ئەي جان يارەنلەر! بۇ پادىشانىڭ شاخماتۋازلىغىنى شۇنىڭدىن تاماشا قىلىپ بىلىڭلاركى، ئۇ بىر ئات سەكرىتىش بىلەنلا شاھنى مات قىلدى. يەنى ئۇ ئىسھاق خوجامنى ياركەنتكە بەنت قىلىپ قويدى. ئاقسۇ، كۇچاردىن ياركەنتكە ياكى ياركەنتتىن ئاقسۇ، كۇچار تەرىپىگە ھىچقانداق كىشى بارالمىدى، ھەتتا بۇ يولدىن ئادەم ئۆتەلمىدى ۋە ھەر قايسى تەرەپتە كىم قانداق بولغانلىغىنىمۇ بىلەلمىدى. بەختى تەلەيلىك بۇ جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قۇشبېگى غازى نۇسرەت ئەسەرلىك ئەسكەرلىرىنى ھەمرا قىلىپ، ياركەنتتىكى ئىسھاق خوجام بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلاندى. بۈزرۈك خان تۆرەمنى نۇسرەت ئۈلگۈلىك قوشۇنلىرى بىلەن نەزەرنەت ئورنىدا ھەمرا قىلىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ ياركەنتكە بېرىپ، شۆھرەت- تەنتەنە قىلىپ ،كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەرنىڭ ئالدىدىن قورقماي ئۆتۈپ، ھەقىقىي مۇھەممەدان دىگەن بىر ئۇلۇغ مازارنىڭ ئالدىدا تۈپ- تۈر كەتكەن بىر پارچە كەڭ ۋە ئىگىز مەيدانغا چېدىر- بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى.
      بۇ چاغدا، تۇڭگانىلار يېڭى شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئىسھاق خوجام بولسا كونا شەھەرگە ئايرىم پەرمان قىلاتتى. ئاتالىق غازىمۇ بۇ جايدا ھۆكۈمرانلىغنى جارى قىلدى. ئىسھاق خوجام ياركەنتكە بارغان چاغدا، تۇڭگانىلار كىچىك خان تۆرەمنى يېڭى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، دەرۋازىنى مەھكەم سولاپ، ئۇنى تاشقىرىغا چىقارمىدى. راشىدىن خان خوجام بۇ چاغدا ئاتلىق غازىنىڭ مارالۋېشىنى ئالغانلىغىنى ئاڭلاپ، ھامىددىن خوجامغا بىر مىڭ لەشكەر تاپشۇرۇپ، مارالۋېشىغا ماڭدۇرغان ئىدى. ھېكىم خان تۆرەم بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇپ، چارباغ ئالدىغا چىقىپ ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئون نەچچە كۈن ئۆتتى. بەزىدە غەلبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ تۇرغان چاغدا، ئاخىرى قۇدرەتلىك غۇپۇر ئاللانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن ھېكىم خان تۆرەم غەلبە قىلىپ، ئولجا- غەنىمەتلەرگە ئىگە بولدى ۋە بۇ ئىقبال خۇش خەۋىرىنى نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن قوغۇپ، ئاتالىق غازىنىڭ پەلەككە ئوخشايدىغان بارگاھىغا ئەسەتتى. بۇ خەۋەر سائادەتلىك ۋاقىت ۋە شەرەپلىك سائادەتتە يېتىپ بېرىپ، ئاتالىق غازىنىڭ ئۇلۇغ نەزەر ۋە بۈيۈك نىشانلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. ئاتالىق غازى بۇنىڭغا ناھايتى خۇرسەن ۋە مىنەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خەۋەر يەتكۈزگەن خىزمەتچىلەرگە تون- خەجلەيدىغان تىللا، قورال- ياراق قاتارلىقلارنى ئالاھىدە ئىنئام- ئېھسان قىلىپ، ھېكىم خان تۆرەمگىمۇ خەسسە تون، ئات، تۇغ، بايراق، قورال- ياراق قاتارلىق نۇرغۇن سوغا- سالاملارنى مۇكەممەل تەييارلاپ ئەۋەتىپ، شاھانىلىق ئىلتىپات ۋە پادىشالىق مەرھەمەتلەرنى قىلدى.
      بۇ چاغدا، ياركەنت تېخى قولغا كىرمەي، مۇھاسىرىسى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىدى. تۇڭگانىلار بولسا ھەرقانداق چارە بىلەنمۇ شەرت- سۈلھىگە مايىل بولمىدى. چۈنكى، بۇ تايىپىلەرنى سانى يىگىرىمە بەش مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، قورال- ياراقلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئاقىۋەت تۇڭگانىلار بىلەن ئىسھاق خوجام ئىتتىپاقلىشىپ، يەتتە مىڭ تۇڭگانى، ئىككى مىڭ مۇسۇلمان ۋە توپ- زەمبىرەك، جەزايىل، خودەن، قەللاپ قاتارلىق قورال- ياراقلار بىلەن بىر كېچىدە مەخپى چىقىپ كېچىلىك ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. بەختى ئۇچۇق، دۆلىتى بىللە ئاتالىق غازى نىياز بېكنىڭ ئىملاسى بىلەن بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، شۇ كېچىسى قوشۇنلىرىنى تۆت تەرەپكە پارچىلاپ، چېدىر- بارگاھلىرى ۋە تۇرار جايلىرىنى خالى قىلىپ، ئاللا دەرگاھىغا يالۋۇرۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، تۇڭگانى گۇرۇھى خۇددى چىكەتكىدەك ئۇشتۇمتۇت يېتىپ كېلىپ چېدىر- بارگاھلارغا ھەر تەرەپتىن زەمبىرەك ئېتىپ كۈچ كۆرسىتىپ، ئاندىن ئات يۈگۈرتۈپ كېلىپ قارىسا، چېدىر- بارگاھالار خۇددى دىۋە- جىنلارنىڭ ماكانىغا ئوخشاپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھىچقانداق ئىنسان خىلى ياكى ئادەم گۇرۇھىدىن ئەسەر يوق ئىكەن. بۇلار ئەھۋالنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغان ھالەتتە، خۇددى ئاسماندىن كەلگەن بالا- قازادەك ئۇشتۇمتۇت تۆت تەرەپتىن نۇسرەت بىشارەتلىك قوشۇنلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەگبىر ئېيتىپ، قىقاس- سۈرەن ساداسىنى ئاسمان- پەلەككە كۆتىرىپ يېتىپ كېلىپ، شۇنداق چاپ- چاپ قىلدىكى، گۇڭگانىلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئۇلۇغ دىخانلارنىڭ زىرائەتگاھىدىكى ئۆنجىلەردەك يەر يۈزىدە توپ- توپ ۋە دۆۋە- دۆۋە بولۇپ يېتىپ قالدى. بۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن قارا تۇپراقلارنىڭ يۈزى خۇددى دەستى دالادا ئۆسكەن لالىزاردەك قىزىل گۈلىستانغا ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ بىر كېچە- كۈندۈز، بەلكى ئىككىنچى كۈنى چاشكا ۋاقتىغىچە ئۇرۇش قىرغىنچىلىق ئوتلىرى كۈيۈپ تۇردى. نەتىجىدە، ناھايتى ئاز ئادەم بۇ ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بالا- قازادىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى نىجات شەھىرىستانىغا ئالدى. بىر مۇنچىسى ئولجا- ئەسىرگە چۈشۈپ تىغ سىياسەت ۋە غەزەپ- قەھرىيەتتىن ئۆتتى. ئۇرۇش غەلبىسى ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتلىق غازى ئالىلىرى«ئىككى مىڭ نەپەر سەرۋاز پىدائىلار بىرلا ۋاقىتتا يالىڭاچ بولۇپ سېپىلغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، شەھەرنى پەتھى قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلسۇن» يارلىق قىلدى. بۇ چاغدا ئەمرى- لەشكەرلەر ۋە كاتتا ئەمىرائىلار ئارىغا چۈشۈپ، «مەرھەمەتپانا سەرۋازلار يۈگۈرۈپ بېرىپ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن كۆپ ئادەمنىڭ قېنى تۆكۈلەرمىكىن، شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن ئەلچى كىرگۈزۈپ كۆرۈسلە، ئەگار ئۇلار ماقۇل بولمىسا، ئاندىن سېپىلغا يۈگۈرۈپ شەھەرنى ئالغىلى بۇلىۋېرىدۇ» دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئابدۇخالىق نىشاننى ئەلچى قىلىپ، خوجالار ۋە تۇڭگانىلارغا كىرگۈزدى. بۇ كۈنى جۈمە ئىدى. شۇڭلاشقا ئالى پەرماندا «بۈگۈن جۈمە نامىزىغىچە سۈلھى شەرتلىرىنى ئۆزلىرىگە لازىم تۇتۇپ، بىزنىڭ نۇسرەت بىشارەتلىك قوشۇنلارنىڭ مۇبارەت بارگاھلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىڭلار، ئۆزلىرى ۋە مال- جانلىرى، تەئەللۇق تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامانلىقىغا كېپىللىك قىلىمىز، ئەگەر قارىشلىق قىلىپ شەرتكە كۆنمىسىلە، چوڭ- كىچىك ۋە ياش نارسىدىلەر ئات ئاياقلىرىدا ھالاكەتكە ئۇچراپ، تالان- تاراج ۋە بالايى- ئاپەتلەرگە دۇچار بولۇپ، ئولجا- ئەسىر بولغۇسىدۇر- ۋەسسالام» دەپ يېزىلغان ئىدى.
      خوجا ۋە تۇڭگانىلار بۇ شەرتكە كۆنمەسلىككە چارە تاپالماي، بارلىق تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە ئاتالىق غازى گۇمانى پەلەكنىڭ بارگاھىغا كېلىشكە مەجبۇر بولدى ۋە شاھانە مەرھەمەت، پادىشاھنامە ئىلتىپاتلارغا ئېرىشتى. توپ- زەمبىرەك، قورال- ياراق قاتارلىق پادىشالىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالى دۆلەتخانا ۋە غەزنە ئىمارەتكە تاپشۇردى. ئاتالىق غازى ئىسھاق خوجام بىلەن يانمۇ- يان يېقىن ئولتۇرۇپ، نۇرغۇن گەپلەرنى ئارىغا سېلىپ، دوستانىلىق قائىدىلىرىنى تۈزۈپ، ئاشنادارچىلىق يىپىنى باغلاپ، ئۇنى قاتتىق قەسەم- شەرتلەر ۋە ئەھدى كېپىللىك بىلەن مۇستەھكەملەپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇناسىپ كىيىم- تونلارنى ياپتى. ئۆزى مىنىدىغان چوڭ ئارغىماق ئاتنى بارلىق ئىگەر- تۇقۇم ۋە جابدۇقلىرى بىلەن مەرھەمەت قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئاتقا يۆلەپ مىندۈرۈپ، كۇچار تەرەپكە يولغا سالدى. قالغان ئەسكەرلەرگىمۇ ئۆز لايىغىدا تون- كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا، ئۇزۇق- تۈلۈك، ئات- ئۇلاقلارنى بېرىپ يولغا سالدى. تۇڭگانى تايىپلىرىگىمۇ كۆپ شەپقەتلەرنى كۆرسىتىپ، ھەممىسىنى ئۆزىگە ئىتائەتمەن ۋە فەرمانبەردار قىلىپ، بىر قانچىسىنى كاشىغەرگە ئەۋەتىپ مادالويەگە تاپشۇردى. قالغانلىرىنىڭ گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ كەچۈرۈم قىلدى. ياركەنتنىڭ مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەمىلكەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدىغان يۇقىرى ئورۇن بەردى. نىياز ئىشكائى بېكنى شاغاۋۇلغا شاغاۋۇل قىلىپ تەيىنلىدى. كېپەك لاۋۇرنى باتۇر بېشى، قازى زىيائىددىن داموللامنى قازى كالان قىلىپ ئالاھىدە يارلىق ۋە مەنسۇرنامە بەردى. يۇرتقا تىنچلىق ئورناتتى. بۇ يەردە بىر نەچە كۈن تۇرۇپ بەختى دۆلەتتىن خۇرسەن ۋە خوشال بولۇپ، تارخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى رەبىئولسانىنىڭ يىگىرىمە بەشنىن كۈنى (1866- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى - ت) يەنى قوي يىلى دار سەلتەنەت كاشىغەرگە قايتتى





4


جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازىنىڭ خوتەن ئۇرۇشىغا ماڭغىنى ۋە ھىلە- تەدبىرلىرى، ھاجى پادىشانىڭ قۇياش ئاپتىۋى پېتىپ تامامەن يوق بولۇشى، مەقسەتتىكى ئاھۇ كىيىكنىڭ خوتەن زىمىنىدا جىلۋە قىلىشى ۋە مەھبۇبىنىڭ 

مۇراد قۇچىغىدا گىرەلىشىشىقاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

 

[align=justify]
      مۇۋاپىق رەۋىش دوستلار، ساداقەتلىك ئەرباپلارنىڭ ئايدىڭ كۆڭۈللىرىگە يېتىپ روشەن ۋە مۇئەييەن بولغايكى، شۇنداق نەقلى ھىكايە ۋە قىسسە- ئەپسانىلىەرگە قارىغاندا، پادىشادەك بەختلىك زاماندىن تەجىرىبە تاپقان ۋە مادارى پەلەككە يەتكەن مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازى ياركەنت ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، كاشىغەر دار سەلتەنەتىگە قايتىپ، ئادالەتلىك ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، جەۋرى- زۇلۇم بابىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، پۇقراپەرۋەرلىك تۈزۈملىرىنى ئورناتتى. يۇرت ياخشلىرى ۋە چوڭلىرى، بەلكى ئامما- خاسلىرىنىڭ دىل ئۇچار قۇشلىرىنى ئىنئام- ئېھسان دان- يىمەكلىكلىرى بىلەن ئۆزىگە تارتىپ، كىيىك ئوۋلاشقا باشلاپ، ئۆزىنى دۈشمەن رىقابەتلىرىدىن ئامان ساقلىدى. بازارى ماشايىخلاردىكى ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ خەيرى ساخاۋەت تىلەپ، دۇئا ۋە پەتىھەلەرنى ئادا قىلىپ، داشقازانلارغا ئۆز قولى بىلەن ئوت قالاپ ۋە سۇ ئىسىتىپ، ئاجىز- بىچارىلەرگە كەڭرى نەزىر، خەيرى- سەدىقىلەرنى بېرىپ، ھەممە ئادەمنى شاد- خورام ۋە پاراۋان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەتلىرىگە بى ئىختىيار قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، دۇئار قىلىشقا مەشغۇل بولدى.






[align=justify]    بۇ چاغدا ئاتالىق غازىنىڭ يۇرتلارنى كېڭەيتىش ھەۋەسلىرى ۋە مەمىلكەت ئېلىش داغدۇغىسى كۈندىن- كۈنىگە ئۇلغىيىپ، ئۇنىڭ خىيالىغا مەھكەم يېپىشتى. بولۇپمۇ گۈزەل خوتەننى بوي سۇندۇرۇش مۇددىئاسى ئۇنى بىئارام ۋە بىقارار قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، خوتەن پۇقرالىرى ھاجى پادىشاغا ناھايتى قاتتىق ئىخلاس ئەقىدە قىلاتتى. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە چوڭ- كىچىكلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پادىشغا لەشكەر بولۇپ جانپىدا ئىدى. ئاتالىق غازى بۇنى ناھايتى ئوبدان مۆلچەرلەپ، ئەركانلىرىغا «ئەگەر پادىشانىڭ پۇقراغا ئىشەنچىسى ۋە ئۇقرانىڭ پادىشاغا ئىتتىپاقى مۇۋاپىق بولسا، ئاندىن شەھەرگە بىر يىگانەنىڭ قول سېلىپ بوي سۇندۇرۇپ، مۇرات باغچىلىرىدىن مەقسەت غۇنچىلىرىنى ئۈزگەنلىگى ھىچقانداق زاماندا ياكى بىرەر تارىخ كىتاۋىدا كۆرۈلمىگەن ۋە سۆزلەنمىگەن. مۇۋەپپەقىيەتلىك بار جايدا دۆلەتمۇ بار. دۆلەت بار يەردە ئەلۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت تەيياردۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر ئادەم بىر تەرەپكە كېتىپ بارغان ئىكەن. يەنە بىر ئادەم يولدا ئۇچراپ نەگە بارىسى ۋە نەندىن كەلدىڭىز ۋە ئېتىىز كىم دەپ سوراپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئېتىم دۆلەت، قايسى مەمىلكەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، مەن شۇ جفيغا بارىمەن ۋە قايسى مەمىلكەتتىن مۇۋەپپىقىيەت ۋە ئىتتىپاق كۆتۈرۈلسە، مەنمۇ ئۇ يەردىن ئۆزەمنى باشقا تەرەپكە ئالىمەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دىمەكچىمەنكى، خوتەندە مۇۋەپپەقىيەت ۋە بىرلىك بار. ئۇ جاينى زورمۇ- زور زەمبىرەك، تەيپو ۋە قىلىچ، گەرزۇ بىلەن بوي سۇندۇرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ھاجى پادىشانىڭ يېشى يەتمىشكە يەتتى. ئەقىل- پىكرى بولسا ئاجىزلىق تەرەپتىن يول تاپتى. ئۆمۈر ئاپتىۋى غەرپكە قايتىش مەھەلىگە يېقىنلاشتى» دەپ، ئىشنىڭ تېگخگە يېتەلمەي، تەپەككۈر بېشىنى خىيال تىزىغا قويۇپ، چوڭقۇر خىيال بىلەن ۋەزىيەتنى ھىساپقا تىزىپ، ئىمتىھان كۆزى بىلەن قاراپ، بىرەر تەدبىر قىلسام، بۇ ئۈمىت تەدبىرىم ئاللا تەقدىرىگە مۇۋاپىق چۈشۈپ قالسا، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈش ئىمتىھانىدىن يىراق ئەمەس دەپ ئويلىدى. ھىلە- مىكىر تەدبىرىگە قەدەم قويۇپ، مەككارلىق توزاقلىرىنى يېيىپ يالغانچىلىق ئۇرۇق دانلىرىنى چېچىپ نەيرەڭلىق ھۈنەرلىرىنى ئوينىتىپ، دەۋرنىڭ ئۇزۇن ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، پىكىر- خياللىرىنى چەكسىز دەرياغا غەرق بولدى. ۋە دەرياغا چۆمگەن تەپەككۈرى ئىچىدە مۇرات- مەقسەت گۈلىنىڭ تەسەۋۋۇر جىلۋىسىنى كۆردى. شۇ ئاندا ئۇ بېشىنى ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈپ، نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرىغا نەزەر سالدى – دە «راسلىنىپ تەييار بولۇڭلار، مازارى شىرىپ زىيارىتىگە بارىمىز» دەپ ئالى پەرمان قىلدى. چوڭ تۇغلار بىلەن تۆت نەپەر ئەمرى لەشكەر، قىرىق پانسەت، سەرجاڭ، لاۋۇر، توپچى قاتارلىقلار بولۇپ، ئون بەش مىڭ ئەسكەر، سەرۋاز، جانبازلار بىلەن ئاتلىنىپ، بۈزرۈك خان تۆرەمنى ھەمرا قىلىپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى (قوي يىلى) ماھى بارات ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 1866- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ياركەنتكە يېتىپ كەلدى.
    ئاتالىق غازى ياركەنتە بىر كۈن تۇرۇپ، يىگىت، سەرۋازلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارغا تون- كېچەك، خەجلەيدىغان تىللا، ئات ۋە قورال- ياراقلارنى بېرىپ تەييارلاندى. جۈملىدىن، بۈزرۈك خان تۆرەمنىڭ نامىدا ھاجى پادىشاغا خەت يازدى. بۇ خەتتە «كاشىغەر زىمىنىغا كەلگىلى ئۇزۇن بولدى. بۇ مەمىلكەتلەردىكى مازارى ماشايىخلارنىڭ زىياتىرىنى ئىماكىيەتنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلدى. ئەمما ئارزۇ- ھەۋىسىم شۇكى، بابام ئىمام جەپىر سادىق ھەزرەتلىرىنىڭ [173] مازارلىرىنى بىر زىيارەت قىلىپ يانسام دىگەن مۇددىئا ۋە غەرىزىم بار ئىدى. ئەگەر ھاجى پادىشا ئاغام يول بېرىپ، ئەزەن- ئىجازەت قىلسا، بۇ مازارى ماشايىخنى زىيارەت قىلغات، ھاجى پادىشا ئاغام بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ يانسام دىگەن تەلىۋىمنى مۇبارەك قۇلاقلىرىغا ئىزھار قىلىپ، ئەرز ئىخلاسىمنى مەلۇم قىلىپ مەكتۇپ قۇلاقلىرىغا ئىزھار قىلىپ، ئەرز ئىخلاسىمنى مەلۇم قىلىپ مەكتۇپ يازدىم – ۋەسسالام» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئاتالىق غازى ھىلە- مىكىر بىلەن يېزىلغان بۇ خەتنى بۈزرۈك خان تۆرەمنىڭ ئۇلۇغ مۆھرى بىلەن مۆھۈرلەپ، ئىشەنچىلىك خىزمەتچىسىنى ئەۋەتتى. كەينىدىن ئۆزىمۇ يولغا چىقىپ، ياركەنت زىمىنىنىڭ ئاخىرى ۋە خوتەن زىمىنىنىڭ باشلىنىدىغان بىر يېرىگە ئۆز چېدىر- بارگاھلىرىنى تىكتى.
     ھاجى پادىشا بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، ئوغلى نەمىتۇللا خاننى قونئالغۇغا لازىملىق سوغا- سالاملار بىلەن ئالدىغا چىقاردى. ئاتالىق غازىمۇ بۇلاردىن خەۋەر تېپىپ ئالدىغا كىشى ئەۋەتىپ، ئىززەت- ئىكراملار بىلەن باشلاپ كېلىپ، ياخشى زىياپەتلەرنى قىلدى. ئاندىن كېيىن، ئالتۇن سەللە، تەتۇللا تون، ھەممىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنگەن قورال- جابدۇق، ئىگەر- تۇقۇم ۋە باشقا جاپدۇقلىرى تامامەن ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن بېزەلگەن ئارغىماق ئات قاتارلىقلارنى ئىنئام- ئېھسان قىلىپ تارتۇقلىدى. يىگىت، مەھرەملىرىگە تون- كېچە، خەجلەيدىغان تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلپ، «ئەلھەمدۇلىللا بۇ يەرگە كەلدىم. پادىشا زادەمنىڭ جاھان ئارا جامالىنى كۆرۈپ، كۆزۈمنى روشەن ۋە نۇرلۇق قىلىپ مۇرادىمغا يەتتى. ئەمدى ھاجى پادىشا دادامنى بىر كۆرمەسكە مۇيەسسەر بولامدىكىن دىگەن ئارزۇ- ھەۋەسنى قىلىمەن. بۇ كەمىنە كەمبەغەل خىزمەتكارلىرى پادىشا ئاتامنىڭ ئوردا ھۇزۇرىغا بېرىشقا مۇيەسسەر بولسام ۋە پادىشا ئاتامنىڭ ئاياقلىرىنى، تۇغلىرىنى ساقىلىم بىلەن سۈپۈرسەم دەيمەن. ئەگەر بۇ نادان غۇلامنى ئۆزىنىڭ كەمتەردىن غۇلام- چاكارلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، مۇبارەك نەزەرلىرى بىلەن مەرھەمەت قىلىپ، يارلىقنامە ۋە ئالى نىشاننامە بىلەن مېھرىبانلىق كۆرسەتسىلە، بۇ قارا تۇپراق ئۈستىدىكى خار ۋە ئېتىۋاسىز بېشىمنى ئاسمان قۇتۇپتىكى فەرقەدان (شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ يېنىدىكى ئىككى يۇرۇق يۇلتۇزنىڭ ئورتاق نامى – ت) يۇلتۇزىلىرى بىلەن تەڭ قىلغاندەك بولاتتىم. بۇ كەمىنەنىڭ ساددا كۆڭلىدە ئەنە شۇ ھەۋەسلەردىن باشقا يەنە ھىچقانداق مۇددىئا ۋە مەقسەت يوق. ئەگەر پادىشا دادام شەرەپلىك قەدەملىرىنى ئاياپ بۇ يەرگە كېلىشىنى خالىمىسا، مەن ئۆزەم بېرىپ، پادىشا دادامنىڭ ئۇلۇغ ئاستانىلىرىگە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، خىزمەتكارچىلىقمنى جان- دىلىم بىلەن مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرى نۇرىنىڭ بىر قەترە شولىسىدىن بەھرمەن بولۇپ، ئۇنىڭ جاھان ئارا جامالى بىلەن كۆزۈمنى روشەن قىلىشىدىن باشقا تاقەت ئىلاجىم زادى قالمىدى» دىگەندەك خوشامەت گەپلەر، پىتنە سۆزلەر ۋە نەيرەڭ تەدبىرلەر بىلەن پادىشا زادىنىڭ كۆڭلىنى ئىتائەتمەن بۇركۈتتەك ئوۋغا سالدى ۋە ھاجى پادىشانىڭ دىل- قەلبىنى بولسا قارارسىز ئاشىقلاردەك بىئارام قىلدى. شۇنداقلا، پادىشا زادىگە ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر قوشۇپ، سېھىرگەردەك بىر نەچچە ئېغىز پىتنە- ئەپسۇن سۆزنى قۇلاققا ئاسقان مۇنچاقتەك بىر- بىرلەپ تىرزىپ بېكىتىپ، بىر پارچە پۇختا خىشنى «كالامى شېرىف» دەك قىلىپ ياساپ، ئۇنى نەچچە قەۋەت تەتۇللا، تاۋار، ئەتلەسلەر بىلەن ئوراپ، لىپاپىدەك قىلىپ تەييارلاپ، ئىززەت- ئىكرام بىلەن ئەمىرى لەشكەرگە بەردى ۋە ئۇنىڭغا «مېنىڭ ئۈچۈن ھاجى دادامنىڭ خىزمىتىگە بېرىپ، ئەقىدە ۋە ئىخلاسىمنى ئۇنىڭ ئۇلۇغ قۇلاقلىرىغا بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلىڭ. ئەگەر ئىشەنمىسە ئۇشبۇ قۇرئانى كالامنى مېنىڭ ئۈچۈن ئىگىز كۆتۈرۈپ قاتتىق ئەھدى- پەيمان ۋە ئانىت- قەسەملەرنى قىلىپ، سۆز تەكتىنى مۇستەھكەملەپ، كاپالەتلىك قىلىپ، ھاجى دادامنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ باشلاپ چىقىڭ. قالغان ئەرز ئىخلاسىمنى بولسا بۇ پادىشا زادەم بىلەن قۇللىرىغا ۋاكالىتەن ئەرز ئەيلەيدۇ» دەپ يولغا سالدى.
     نەمىتۇللا خان زادە بىلەن ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر ھاجى پادىشانىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كېلىپ كۆرۈشتى. زىياپەتلەر ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مەزكۈر ئەمىرى لەشكەر ئاتالىق غازىنىڭ دىگەنلىرىنى ئەسلى پەرماندەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ھاجى پادىشانىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ قوۋۇشتۇرۇپ، پادىشانىڭ مۇلازىملىرى قاتارىدا ئىتائەتمەن بولۇپ، پەگادا تىك تۇردى. لېكىن، سۈت بىلەن سۇ ئارىلاشسا ئاجىراتقىلى بولمىغاندەك، ھاجى پادىشا بۇ سۆزنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى پەرق قىلىپ ئايرىيالماي، ھاڭ- تاڭ بولۇپ ئوغلىدىن سورىدى.
ئوغلى پادىشا زادە بولسا بۇ پەلەك ئىقلىمنىڭ ھىلىگەرلىكىنى كۆرمىگەن، زامانە تەجىرىبە- ساۋاقلىرىنى تېتىمىغان ۋە توشقان ئۇيقۇسى غەپلىتىدىن تېخىچە ئويغانمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، مەزكۈر ئەمىرى لەشكەر ھاجى پادىشانىڭ ئاتالىق غازى ئالدىغا چىقىرىشنى ئەمىرى لەشكەر ھاجى ئاتالىق غازى ئالدىغا چىقىشنى ئوبدان دەپ بىر مەرتىۋە تەرغىپ قىلسا، مەزكۈر ياش نادان شاھزادە بۇ ئىشنى ھەر خىل تەرىپ ۋە سۈپەتلەر بىلەن مىڭ مەرتىۋە تەرغىپ قلدى. نەتىجىدە ھاجى پادىشانىڭ نۇرلۇق پىكىرى ئاتالىق غازىنىڭ ئالدىغا بېرىشقا قارار تاپتى.
     ئەگەر خۇداۋەندەكېرىم ئالىمىيان بەندىلىرىنىڭ يۈزىگە دۆلەت ئىشىكلىرىنى ئاچماقنى ئىرادە ۋە تەقدىر قىلسا، ئۇ ھەر خىل بانا ۋە سەۋەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا دۆلەت ۋە ئىززەت بېغىشلايدىكەن. دىمەك، قۇشبېگىنىڭ تەدبىرى بۇ تەقدىرى سۈبنھانىگە مۇۋاپىق چۈشتى. ھىلە- ئەپسۇنلىرىنىڭ ئەسىراتى نەتىجە بېغىشلىدى. ھاجى پادىشاغا بولسا دۆلەت ئىشىگى ئېتىلدى. زۇلمەت دەرىزىسى ئېچىلدى ۋە ئەقلى كۈزى يېپىلدى. پادىشازادە بىلەن ئەمىرى لەشكەر ئىككىسى گوياكى تەقدىر جازاسىنىڭ قۇدرەتلىك ئىككى ھايداقچىسىدەك ھاجى پادىشانى جاھالەت- زۇلمەتكە ۋە ھالالەت تەرەپكە ھەيدىدى. شۇنداق قىلىپ، ھاجى پادىشا ئۆز ئايىغى بىلەن ئاچ شىر ۋە ئۇسسىز ئارسىلانغا دۇچار بولدى. بىراق، ھاجى پادىشا چۈشۈم بۇزۇلغان ئىدى. غايىپ ئۆز پەرىدىسىدىن يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرسىتەر دەپ ئېھتىيات قىلىپ، بىر مىڭ مەھرەم، يىگىت، ياساۋۇلىنى ئېلىپ مەقسەت تەرەپكە راۋان بولدى ۋە يېتىپ كېلىپ چېدىر- بارگاھلارغا كۆزى چۈشتى. قۇشبېگىمۇ يىراقتىن كۆرۈپ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھاجى پادىشانىڭ ئۆزەڭگىسىگە يۈز- كۆزىنى سۈرتۈپ، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولغا ئېلىپ، بەزىدە چۇلۋۇرنى بوينىغا سېلىپ، تۆت پانسەت تۆت تەرەپتىن يۈگۈرۈپ، بارگاھ ئالدىغا كەلگەندە ئاندىن كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈپ، قولتۇقلىرىدىن يۆلەپ بارگاھقا ئېلىپ كىرىپ ھەدىس شېرىپتە «كىمكى بىر ھاجىمنى ياكى غازاتچىنى قۇچاغلاپ بوينىغا قول سېلىپ كۆرۈشسە، مىڭ پەيغەمبەرنى قۇچاغلاپ كۆرۈشكەندەك بولدىۇ» دىگەن پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى بويىچە، «ئۆزلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا قول سېلىپ كۆرۈشۈشكە مۇمكىن بۇلارمىكىن» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ تىك قاراپ تۇردى. ھاجى پادىشامۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قۇچاغلىدى. قۇشبېگى ھاجى پادىشانىڭ بوينىغا قول سالغانچە كۆتۈرۈپ يەنە بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. بۇ ئۆيگە ئادەم تەييارلاپ قويغان ئىكەن. ئۇلار ھاجى پادىشانى – دە، يىقىتتى. باغلاپ ئىگىن- ئاياقلىرىنى سالدۇرۇپ ئالدى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ نىمە بولغانلىغىنى ھىچكىم كۆرمىدى ۋە بىلمىدى. ئىسىت! ئىسىت! ئادەم جىنسى ۋە ئىنسان گۇرۇھىنىڭ ھىلە- مىكىرلىك تەدبىرلىرىنى ئەنە شۇنىڭدىن كۆرۈپ تاماشا قىلىش كېرەك – ئەلۋەتتە.

      نەزىم:

      ئىنسان ئەگەر ئاچسە تەلبىسىغە* ئەغىز،
      بىچارە بولۇر ئىبلىس لەئىن*بي تەمىز*.

      بۇ چاغدا ھاجى پادىشاغا قاراشلىق يىگىت، مەھرەملەر ئىتائەت بىلەن      ئاتلىرىدىن  چۈشمەي، ھاجى پادىشانى مۇھاپىزەت قىلىپ
     _________
     *تەلبىس – ھىلە- مىكىر، نەيرەڭ. 
     *لەئن – مەلئۇن، لەنەت.
     *بي تەمىز – ئاق- قارىنى پەرق ئەتەلمەيدۇ.

      ئەمىر كۆرۈپ قاراپ تۇرغان ئىكەن. ئاتالىق غازى قۇشبېگى دەرھال ھاجى پادىشانىڭ نامىدىن «مەن ئۇكام قۇشبېگى بىلەن بىر كېچە مۇڭدىشىپ بىللە قونۇپ، ئەتىلىكە يول باشلاپ شەھەرگە كىرىمەن. سىلەر خاتىرجەم بولۇپ شەھەرگە قايتىپ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىپ تۇرۇڭلار. ئەتلىكە نەمىتۇللا خان ئالدىمىزغا چىقسۇن» دىگەن بىر پارچە خەت چىقاردى. جۈملىدىن، ئىشقا يارايدىغان ۋە بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يىگىرىمە- ئوتتۇز نامدار باتۇرنىڭ نامىنى تىزىپ، «ئەتىلىكە بىللە ئالغاچ چىقىڭ» دەپ بىللە چىقاردى. ئەسكەرلەر بۇ خەتنى كۆرۈپ،ئەمدى شۇملۇق كەتتى، ئۇلۇغ سائادەت يۈزلەندى، مۇشتەرى (مارس – ت)يۇلتۇزى بىلەن ناھىد (ۋىنرا – زۆھرە – ت) يۇلتۇزى بىر بۇرجىدا تەڭداش بولدى     دەپ  خوشال بولۇپ، ئاتلىرىدىن چۈشمەيلا شەھەرگە قاراپ چاپتى.

[align=justify]    ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتالىق غازى شەھەرگە قاراپ ئاتلاندى. ئىككى پوتەي مىقدارى يەرگە بارغاندا پادىشازادە نەمىتۇللا خان ئىشقا يارايدىغان يىگىرىمە- ئوتتۇزچە چوڭ ئەمىرانى ھەمرا قىلىپ ئەبىدى دۆلەت ئىگىسى ئاتالىق غازىغا ئۇچراشتى. ئاتالىق غازى ئۇلار بىلەن ناھايتى ياخشى كۆرۈشۈپ، «ھاجى پادىشا دادام كەينىمىزىدن كېلىۋاتىدۇ، سىلەر بىللە بېرىپ كەلسىلە» دەپ يولغا سالدى. بىراق، ئۇنىڭ ئادەملىرىنى بىر- بىرىگە قوشماي چېدىر- بارگاھلارغا ئېلىپ كىرىپ يوق قىلدى ۋە ھاجى پادىشانىڭ غەزنە بايلىغىنى بىر تەرەپ قلىش ئۈچۈن ئەزىز بېك جاللاتنى يىگىتلىرى بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ ماڭدۇردى. بۇ شەھەرگە كىرىپ ھاجى پادىشانىڭ بالىلىرىنى بىر تەرەپكە ھەيدەپ چىقىرپ، ئوردا ئىچى ۋە غەزنىلىرىگە ئىگە بولدى. جانابى ئالى بەدۆلەت ئىقبالى سەلتەنەت بىلەن كەينىدىن يېتىپ بېرىپ، چېدىر- بارگاھلىرىنى تىكتى. ئاندىن ئەمىر لەشكەر، سەرچەڭ لاۋۇر، ياساۋۇللىرىنى بىر- بىرىنىڭ كەينىدىن قىل قۇيرۇق قىلىپ شەھەرگە كېلىپ، بەزىلىرىنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى ۋە بەزىلىرىنى نەزەربەت قىلدى.
      بۇ چاغدا، ھاجى پادىشانىڭ خوتۇن- بالىلىرى، ئەسكەر ۋە پۇقرالىرى بىر- بىرىگە قاراپ «ھاجى پادىشاھىم كەلدىمۇ؟ نەدە قاپتۇ؟ نىمە ئۈچۈن شەھەرگە كىرمىگەندۇ؟ بۇ قىپچاق ئەنجانلىقلار شەھەر بىسىۋالدى، نىمە ھادىسە ۋە نىمە ۋەقەلەر بولغاندۇر؟» دەپ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەي، ھەيران ۋە سەرگەران بولۇپ، ھاڭ قېتىپ دىڭ تۇرۇپ قالدى. بۇنىڭغىچە ئىككى كېچە- كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن كېيىنلا ئۇلار ۋەقەتنىڭ قانداقلىغىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئون مىڭ ۋە ئون بەش مىڭ ئادەم قورال- ياراق، چوماق- كالتەكلىرىنى كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىدىن كلىپ، «ھاجى پادىشاھىم قېنى؟» ، «پادىشا زادىمىز قېنى؟» دەپ، قۇشبېگىنىڭ كوچا- بازارلاردا ئۇچرىغانلار يىگىت، سەرۋازلىرىنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ، قوغلاپ، ھەر خىل قاتتىق گەپلەرنى قىلدى. ھەتتا قەلەم بىلەن يازغىلى بولمايىغان ھاقارەت ۋە دەشناملارنى قىلدى. ھەرقانچە نەسىھەت، تەرغىباتلارنى قىلسىمۇ ئاڭلىمىدى. قۇشبېگىنىڭ ئادەملىرى بۇئالامانلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىداشقا تاقىتى نائىلاج بولدى. دەل مۇشۇنداق چاغدا، ھاجى پادىشانىڭ بىرمۇنچە ئادىمى كالتەك- چۇماقلىرىنى كۆتۈرۈپ بارگاھقا چاپتى. شۇ ئاندا ئاتلىق غازىدىن «ئۇرۇڭلار، ئۆلتۈرۈڭلار» دىگە ئالى يارلىق كەلدى. لېكىن بىرنى ئۆلتۈرسە ئونى ۋە ئونىنى ئۆلتۈرسە يەنە ئوتتۇزى كېلىپ «غۇلى نىمە دەيدۇ بۇ» (بۇلار نىمە دەيدۇ – ت) دەپ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ، ئۆلۈكلەرنى دەسسەپ ئۆتۈپ بارگاھقا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازىمۇ چىداپ تۇرالماي ئاتقا مىنىپ قىرغىن قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھەممە ئەسكەرلەر قىرغىنغا چىقىپ، چاپ- چاپ قىلىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىت، ئىشەك، مۈشۈكلىرىگىچە بولغان جانلىقلىرىنى ئۆلتۈرۈپ جانسىز قىلدى. ئەتىسى ئون مىڭدىن ئارتۇق چوماقچى ئالامانلار چوماق- تاياقلىرىنى كۆتۈرۈپ، بىردىن تۇلۇمغا ئۇزۇق تالقانلىرىنى سېلىپ، ئاغىزىنى بۇغۇپ مەھكەم قىلىپ، گەدەنلىرىگە ئېسىپ قارا كالتەك بولۇپ قارا قاشتىن كەلدى. ئاتالىق غازى بۇلارنىمۇ قىرغىن قىلىپ، ئىلگىرى ئۆلۈمگە ماڭغانلارغا قوشتى. ئاندىن كېيىن چىرەلىكلەر قىل قۇيرۇق بولۇپ، چوماق، ئۇزۇقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، كۆيۈپ تۇرغان ئوت ئاتەشكە خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئاتتى. بۇلارمۇ ھالاكەت مەنزىلىدىن ئورۇن ئالدى.
     بۇ چاغدا، خوتەن تەۋەسىدە ئالتە شەھەر بار ئىدى. ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئادەملىرى بەش مىڭ ياكى ئون مىڭدىن بولۇپ، بىر- بىرىدىن خەۋەرسىز خوتەنگە ئۇلاشتى. ئاتالىق غازى بۇلارنىمۇ بىر- بىرىگە قوشماي، كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن كەلمەس يولغا سېلىپ ۋىدالاشتى. خوتەن خەلقى «غۇلى نىمە دەيدۇ بۇ» دەپ بىر ئىشنى ئويلاپ ئاسانلىقچە ئورنىدىن قوپمايدىكەن. ئەگەر ئورنىدىن تۇرسا، بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلماي قويمايدىكەن. دىمەك، بۇ قېتىم ئورنىدىن قوپماي تىنچ تۇرغانلىرى سالامەت ۋە ئامان قالدى. بۇ ئىشنى ئويلاپ ئورنىدىن قوپقانلىرى بولسا شەھەرگە كېلىپ، «ھاجى پادىشاھىم، ئاھ پادىشاھىم» دەپ زاز- زار يىغلاپ «پادىشاھىمىزدىن ئايرىلىپ تىرىك قالغانلىغىمىزدىن ئۆلگنىمىز مىڭ مەرتىۋە ياخشىراق» دەپ ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە تاشلىدى. چۈنكى، خوتەن ئەھلى جان ساقلايمەن دەپ ھالاكەتتىن قاچمايدىكەن ۋە قېچىشنىمۇ لازىم كۆرۈپ راۋا تاپمايدىكەن. ئۇلارنىڭ كامانى جاھىللىغىنى ئەنە شۇ مىجەزىدىن ئۇچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.
      قۇشبېگىنىڭ يىگىت، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى. قوللىرى قاپاردى ۋە بۇنى ئاتالىق غازىغا ئەرز قىلدى. ئاتالىق غازى بازارغا كەلگەن خوتەنلىك قاسساپلارنى نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن بىللە مۇساپىر قاسساپلارنى نۇسرەت قىياپەتلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە پەرمان بەردى. بۇلار خەندەكلەرنىڭ لىۋىدە تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكلەرنى خەندەككە ۋە چوڭقۇر يەرلەرگە تاشلىدى. خەندەك ۋە باشقا چوڭقۇرلۇقلار جەسەت بىلەن لىقمۇ- لىق تولدى. دەرۋازىلارغا ئەمرى لەشكەر ۋە پانسەتلەر، سەرۋازلارنى قويۇپ، تۇتۇلغانلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ ، سەرۋازلارغا تاپشۇردى. بۇلار ئۇلارنى بىر- بىرىدىن يېتىلەپ، ئۆلتۈردىغان يەرگە ئېلىپ ماڭدى. بارغىچە «بىر نەرسەڭ بولسا ماڭا بەرگىن، ئۆلتۈرمەي قويۇپ بېرەي» دىسە، بەزىلىرى بۇنى ماقۇل كۆرمەي، ئۆلۈمنى لايىق ۋە سازاۋەر كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتتى. بەزىلىرى يۈز ئەقەللى بىر تەڭگىگىچە پۇل بېرىپ ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ، جېنىنى جايلاپ، يۇرت- ۋەتىنىگە قايتتى. بەزلىرى قولۇمدا ھازىر پۇل يوق ئىدى، تېپىپ بەرسەم ياكى ئەكىلىپ بەرسەم دىسە، نەسىيە قىلىپ قويۇپ بەردى. ئاتالىق غازىنىڭ ئادەملىرى تۆت ياكى بەش تاشقىچە يەرلەرگە ھەتتا تېخىمۇ يىراققا بېرىپ، تالان- تاراج قىلىپ ياندى. شۇنداق قىلىپ، بەش كېچە- كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى. ئۆلۈم بازىرى ناھايتى قىزىپ كەتتى. پۇقرا- خالايىق خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا جانابى ئاتالىق غازى پەرمان بېرىپ قىرغىنچىلىقنى توختاتتى. تارىخ كىتاپلىرىدا «بىر تۈمەن ئادەم ھالاكەتكە يەتكەن بولسا، بىر مۇردا قولىنى ئۈستۈن كۆتۈرىدۇ، ئىككى تۈمەن ئادەم ھالاكەتكە يەتكەن بولسا، ئىككى ئۆلۈك قولىنى كۆتۈرىدۇ، ئەگەر ئون تۈمەن ئادەم ھالەك بولسا، بىرئۆلۈك ئۆرە تۇرىدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇ چاغدا خوتەندە بەش ئۆلۈك قولىنى كۆتەرگە ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا ئەللىك مىڭ ئادەم ھالاك بولغانلىغى مەلۇم. بەختى ئويغاق، دۆلىتىبار ۋە پەلەك ھەيۋەتلىك مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازى ئەنە شۇنداق تەدىبر ۋە ھىلە- مىكىرلەرنى قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇ خوتەننى قولغا كىرگۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمايتى. چۈنكى، پۇقرا- خالايىقنىڭ ھاجى پادىشاغا بولغان ئەقىدە- ئىخلاسلىرى، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى تەسەۋۇر چېكىدىنمۇ ئاشتى.
      سۆزنىك ھاسىلى شۇكى، ئاتالىق غازى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي قىرغىنچىلىقتىن بىكار بولۇپ، ھاجى پادىشانىڭ غەزنە بايلىغىنى تىزىمغا ئېلىپ، ئالى دۆلەتخانىغا تاپشۇردى. ئۇنىڭ قورال- ياراقلىرى ناھايتى مۇكەممەل ۋە تولۇق ئىكەن. كۈمۈش تىلا ۋە پۇلىدىن باشقا يەنە ئون ئالتە قاپتەك چوڭ ۋازىغا ساپ ئالتۇن توپلىغان ئىكەن. بۇنىڭدىن يىگىتلىرىگە تۈزۈك بىر نەرسە بەرمەپتىكەن. ئىسراپ بولىدۇ دەپ ئۆزى ۋە ئەھلى ئاياللىرىغىمۇ بۇ ئالدۇندىن سەرپ قىلمىغان ئىلەن. ئوتتۇز ئاي پادىشالىق قىلغان مەزگىل ئىچىدە، ھەتتا ئۆز ئاشخانىسىغىمۇ ئابائى ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان زىمىنلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەن ئىكەن. كېيىم- كېچەكلىرىگىمۇ شۇنى سەرپ قىلىدىكەن. شەرىئەت بويىچە يۇرتتىن كەلگەن نەرسىلەر ۋە خىتايلار ياكى بەگلەردىن ئولجا چۈشكەن مال- دۇنيانىڭ ھەممىسىنى ئۆز پېتى بويىچە دەپتەرگە ئېلىپ، زايا قىلماي غەزنىدە ساقلىغان ئىكەن. جانبى بەدۆلەت ئالىلىرى بۇنى كۆرۈپ بىلگەندىن كېيىن «مەن بۇرۇن دادام دەپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ راستىنلا مېنىڭ دادام ئىكەن» دەپ تەبەسسۇم قىلىپ ئاپرىن ئوقۇدى. ھاجى پادىشا بولسا بۇرۇن ئۆتكەن سۇلتانلارنىڭ قائىدە- يوللىرىنى، بولۇپمۇ ئۇمەييە خەلىپىلىگىنىڭ [174] خەلىپىسى ئۆمەر بىننى ئابۇلئەزىز خەلىپە ھەزرەتلىرىنىڭ (ئاللا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغاي!) [175] يول ۋە رەۋىشىنى تۇتقان ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ جازا يەلپۈشلىرى چوڭ ماۋۇتتىن، نوقتا ۋە بوينىدىكى پۆپۈكلىرى مەشۇت- يىپەكتىن ئىشلەنگەن، بۇ پۆپۈكلىرىگە قاتار- قاتار جەرس- قوڭغۇراقلارنى ئېسىپ بېزىگەن تۆت چوڭ نار تۆگىسى بار ئىدى. بۇ زاماندا ھىچقانداق جايدا تۆگىلەرنى بۇنچىلىك بېزەپ ياسىمىغان ئىكەن. بۇ نار تۆگىلەر بارلىق تاماشىچىلارنىڭ ئەقلىنى ھەيران، كۆزلىرىنى خىرە قىلىپ قاماشتۇرغان ئىكەن. تۆگىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئاتالىق غازى ھاجى پادىشانىڭ غەزنە بايلىغى، قورال- ياراقلىرى، ئەسۋاپ- سايمانلىرىنى بۇ تۆگىلەرگە يۈكلەپ، كاشىغەر دار سەلتەنەتىگە ئېلىپ ماڭدى.

[align=justify]
     نەزىم:

[align=justify]
     شاھقا ئەگەر بولسالەر دۆلەت بەختى يار، 
     بولۇر پەتھى نۇسرەت شاھلارغا دۇچار.

[align=justify]
     ئاتالىق غازى ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، ئەمىرالىرى باشلىق ھەممە يىگىت، سەرۋازلىرىغا ئىنئام- ئېھسانلارنى يەتكەنچە بېرىپ، مەمۇن قىلىپ ھاجەتتىن چىقاردى. ئاندىن خوتەندىكى شەھىدان ئىماملارنىڭ مازارلرىىغا قوي، كالا، گۈرۈچ، پۇل، تون ئەۋەتىپ، بۇ جايلارغا ئىشەنچىلى مۇلازىملارنى تەيىنلەپ، غېرىپ- بىچارىلەرگە كەڭرى نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ ساۋابىنى ئېلىپ، ماشايىخلارنىڭ روھىغا ئاتاپ بىچارە دۇئاگۇيلارغا تون- كىيىم، پۇل- تىللا سەدىقە قىلىپ، دۇئاسىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ياركەنتلىك نىياز ئىشكائى بېكنى خوتەنگە ھاكىم ۋە مۇستەقىل سۇيۇرغال قىلىپ، مەمىلكەت ئىشلىرىنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىم ئىشلارنى ئۆزى خالىغانچە ھەل قىلىش، ئەمەلدارلارنى ئىختىيارى تىكلەش ۋە ئورۇندىن قالدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ھوقۇقلارنى تۇتقازدى. يەنە خوتەندىكى ئالتە شەھەرنىڭ قىرىق كۈنلۈك تەۋەسىگىچە بولغان جايلارنى يارلىق بويىچە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇپ بېرىپ، ئورنىنى كۆتۈردى.
     ئاتالىق غازىنىڭ نىياز ئىشكائى بېككە مۇنچىلىك ئالاھىدە مەرھەمەت ۋە مېھرىبانلىق قىلىشىدا بىرمۇنچە سەۋەپلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرسى، جانابى ئاتالىق غازى ئىلگىرى نىياز بېكنىڭ ئىلتىماسى بويىچە ياركەنتكە كەلگەن ئىدى ۋە ھامىددىن تۆرە بىلەن ئۇرۇشۇپ، باراۋەرلىك قىلالماي قاچقان چاغدا، نياز بېك كەينىدىن يېتىپ بېرىپ، ئىككى تاش يولغىچە ئۆزەڭگىداش بىللە مېڭىپ، ئۆزرە- خالىق ئېيتىپ تەسەللى بېرىپ، نۇرغۇن سۆز ۋە مەسلىھەتلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇڭدشقان ئىدى. شۇ چاغدا قۇشبېگى بۇنى كاشىغەرگە بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئېتىنى سۇغارغان بولۇپ ئارقىغا يېنىپ، ئېتىغا بىر قامچا ئۇرۇپ، تېزلىك بىلەن ياركەن تەرەپكە قېچىپ، ئۆزىنى بىر دالدىغا ئالدى. بۇ چاغدا قۇشبېگى ئۇنىڭ كەينىدىن ناھايتى زور ئاپرىن ئوقۇپ، «ناھايتى ھۇشيار ئادەم ئىكەن، بىزنىڭ يۈز- خاتىرىمىز ۋە رايىمىزنى قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بۇ يەرگە كەلدى – دە ياركەنتتىكى بالا- چاقىلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ ياندى. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ئىكەن» دەپ كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ياركەنتتىكى ئىسھاق خوجام تۇڭگانىلار بىلەن توققۇز مىڭ چېرىك چىقىرىپ كېچىلىك ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، نىياز بېك مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ «بۇ كېچە نۇرغۇن چېرىك چىقىدۇ. تەدبىر ۋە مەسلىھەتتە بولغايلا، بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. سەگەك توخۇدەك زېرەك قۇشبېگى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، ئامالىنى قىلىپ مەقسەتكە يەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەر ئاۋالقى داستاندا زىكى قىلىندى. يەنە بىر، نىياز بېك بىلەن ئاتالىق غازى ئۇسۇل- تەدبىردە، ئىش- كەسپتە ۋە ھىلىگەرلىكتە ھەمساۋاق ئىدى. ئۇلار بى ھەرپلىك، ئوخشاش قاپىيىلىك، ھەتتا يۇلتۇزلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر بۇرجىدا كۆرۈنگەن، بەخت- تەلەيلىرى باراۋەرلىكتە بىر خانىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئاتالىق غازى ئۇنىڭغا خوتەندەك ئالتە شەھەرنى قىرىق كۈنلۈك تەۋەسى بىلەن قوشۇپ، پۈتۈنلەي مەرھەمەت قىلدى. ئۇ بىرەر قېتىممۇ خوتەننىڭ زىيان- زەخەتلىرى قانداق بولغاندۇر دەپ ئاغىزىغا ئالمىدى، ھەتتا ئويلاپمۇ قويمىدى. نىياز بېك بولسا ھەرقانداق ئىشنى ئۆزى خالىغانچە قىلالايتى. لېكىن، ئۇنىڭ ئاتالىق غازىغا بولغان نىيىتى زادىلا راست ئەمەس ئىدى. ئاخىرى ئاتالىق غازىنىڭ قۇتۇلماس ۋەقەگە دۇچار بولۇشىغا دەل مۇشۇ نىيىتى يامان نىياز بېك سەۋەپ بولدى. شۇ ۋەقە ئىنشائاللا كېيىن چكىر تاپقۇسىدۇر.
       شۇنداق قىلىپ، ئاتالىق غازى نىيىتى بۇزۇق نىياز بېككە خوتەننى ئوڭچە تاپشۇردى. خالمان پانسەتنى ئەمىرى لەشكەر، ھاجى تۇراپنى قازى ئەسكەر قىلىپ، يارلىق- مەنسۇر بىلەن مېھرىبانلىك قىلدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئەمىرى لەشكەرنى بوشاتتى ۋە قازى ئەسكەرنىمۇ بوشىتىپ، ئۇنى جەۋرى- زۇلۇم ۋە زەھەرلىك قىيىن- قىستاقلار بىلەن ئازاپلىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى ماھى شەۋۋال ئېيىنىڭ يىگىرىمنە سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 1867- يىل 3- ئاينىڭ 5- كۈنى – ت) ئاتالىق غازى دۆلەت ئەركانى ھۆكۈمرانلىرى بىلەن دار سەلتەنەتىگە ياندى. تۆت مەنزىل قالغاندا ئەزىز بېك جاللاتنى تۇتۇپ يوق قىلدى. چۈنكى، ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن خوتەن شەھىرىگە كىرىپ، ھاجى پادىشانىڭ غەزنىسىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا قويۇلغان ئىدى. لېكىن، ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەققىدىن ئىككى يۈز يامبۇغا خىيانەت قىلغان ئىكەن. گۇناسىنى بوينىغا ئارتتى. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاتالىق غازىغا نىيىتىنى بۇزۇپ، بۈزرۈك خان تۆرەمگە يېقىنلىق قىلغان ئىكەن. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا بايان قىلىندى. بۇنى «جاللات» دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ شۇكى، ۋەلىخان تۆرەم ئىلگىرى كاشىغەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا جاللات بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئەسلىدە بولسا يېڭى ھىسارلىق ئادەم ئىكەن. بۇ تۇزبەرگەن نىيىتىنى بۇزۇپ خىيانەت قىلدى – دە، جازاسىنى تاپتى. ھەر قانداق ئادەم بۇ ئالەم زىرائەتگاھىغا ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئۇرۇغىنى چاچسا، ئۇ ھامان بۇ بىباقى ئالەمدە ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى كۆرمەي، لەزىتىنى تېتىماي تۇرۇپ، ئۇ ئاخىرەت ئالمىگە كەتمەيدۇ. ئىلھاھىم ئۇ ئۇلۇغلۇغۇڭ بىلەن ھەممە بەندىلىرىڭنى راست يولغا باشلاپ، ئەگرى- توقاي يوللاردىن ساقلاپ، ئادىللىق ۋە راستلىق دەرىجە- مەرتىۋەڭ بىلەن ھەممىنى ئۆز ئادالەت سايەڭدە ساقلىغايسەن – ئامىن!



5

ھاجى پادىشا ئەئنى موللا ھەبىبۇللا خاننىڭ ياخشى ئەزىلەتلىرى، سەلتەنەت- دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى ئەھۋاللىرىنىڭ قىسقىچە بايانى


[align=justify]
     ئۈلەپتداش يارەنلەر، ھەمسۆھبەت بۇرادەرلەرنىڭ قىممەتلىك زېھىنلىرىدىن يۇشۇرۇن ۋە بىخاتىر قالمىغايكى، قىسسە ۋە ھىكايىلەرگە قارىغاندا، ھاجى پادىشا ئەڭ بۇرۇن مۇفتى ئىكەن ۋە ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇلۇغ شەرىئەت خىزمەتلىرىدە ئەمەلدار بولۇپ، شەرىئەتنى راۋاجىلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى جارى ۋە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ ناھايتى پەتىۋاچى، دىندار ۋە پەرز ئىشلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۆز ئۆمىرىدە تاھارەتسىز يەرگە قەدەم قويمىغان، مەيلى بىر يەردە تۇردۇن ياكى سەپەردە بولسۇن، ناماز تەھەججۇدنى (كېچىسى ئوقۇيدىغان ناماز – ت) تەرك قىلمىغان، يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆزى ئۇيقۇغا بارمايدىغان ئادەم ئىدى. ئەجاتلرىىدىن مىراس قالغان زىمىننىڭ بىر پارچسىغا ئۆزى ئىشلەپ كەتمەن چېپىپ، قوشنى ئۆزى ھەيدەپ، ئومىنى ئۆزى ئۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ، پىشانىسىدىن تەر تۆكۈپ، بىر پارچە نان بولسىمۇ ھالال يەيمەن دەپ ھەرىكەت قىلاتتى. يەردىن چىققان ھوسلنى ئۆزى يەپ، ئۆزى ئىچىپ، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقاتتى. ئەمەلدار بېكلەر ۋە ئاخۇىلار، ھەتتا ھەر قايسى مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇلارنىڭ ئاش، چايلىرنى، نان- توقاچلىرىنى يىمەيدىكەن ۋە ئىچمەيدىكەن. بىر ئادىمىگە چايجۇستا چاي كۆتەرتىپ، بارغان جايدا ئۆز چېيىنى ئىچىپ، دۇئا قىلىپ يانىدىكەن.
     بۇ زاماندا مۇفتى ھەبىبۇللاخان بىر ئىش بىلەن ئاقسۇغا كېلىپ، بېك، ئاخۇنلارنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بېرىپتۇ ۋە بۇ جايلاردا ئۆزى چايجۇشتا ئېلىپ بارغان چېيىنى ئىچىپ، دۇئا قىلىپ يېنىپتۇ. بۇ چاغدا ئاقسۇدا ئىشانجان ھەزرىتىمگە خەلىپە بولۇپ، سەججادە نەشىنلىكتە (تەرىقەتچىلەرنىڭ سەجىدىسىگە باشلامچىلىق قىلىدىغان - ت) تۇرغان ھادى خەلىپە دىگەن ئاقسۇلۇق بىر پىشىۋا تەرىقەت ئۇستازى بار ئىكەن. مۇفتى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇنىڭ چېيىنى ئىچمەي، ئۆز چېيىنى ئىچىپ يېنىپتۇ. بەزىلەر «ھادى خەلىپىمۇ دىندار، پەرزگار ئادەم تۇرسا، نىمە سەۋەپتىن ئۇنىڭ چېيىنى ئىچمىدىلە» دەپ سورىسا ئۇ «ھەقىقەتەن دىندار ۋە ئىقتىدارلىق ئادەم ئىكەن. لېكىن، ئۆزى ئۆزى ئەمگەك قىلىپ، پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ ھوسۇل ئېلىپ يىمەيدىكەن، نەزىر ياكى ئۆشرە- زاكات دەپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئاشخانىسىغا سەرپ قىلىدىكەن. كىشىنىڭ نەزىرىگە كۆز تۇتقان ئادەم ئەلۋەتتە تامادىن خالى ئەمەستۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ زاكات بېرىشكە تېگىشلىك ئادەم ئىكەن. زاكات بېرىشكە تېگىشلىك ئادەمنىڭ زاكات يىگەنلىگى شەرىئەتتە ھالال ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ چېيىنى ئىچمەي، ئۆز چېيىمنى ئىچىپ ياندىم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھەممە ئادەم ماختاپ، ئاپرىن ئوقۇپتۇ . لېكىن، بۇ زات ئۆز پىشانە تەرلىرىنى ئاققۇزۇپ، ئۆشرە- زاكاتنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئادا قىلىدىغان دېھقان ئەشرەپلىرىنىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇلانىڭ ئاش- تاماق، نان- توقاچلىرىنى توختماي يەيدىكەن.
     مۇفتى ھەبىبۇللا مۇفتلىق ئەمەلدىن بىكار بولۇپ، ھەرەمەيىن شېرىپكە زىيارەتكە باردى ۋە مەددە مۇكەررىمە بىلەن مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەئىككى ھەرەمدە يەتتە يىل مىقدارى ئىستىقامەت قىلىپ، مۇجاۋۇرلۇق دەرىجىسىگە ئېرىشىپ، مەككە مۇئەزەمە ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرنىڭ دۆلەتلىرىنى ھاسىل قىلدى. مۇرات- مەقسەتلىرىگە يېتىپ ئۆز ۋەتەن ئەسلىگە قايتىپ كەلدى. دەل مۇشۇ كۈنلەردە، كۇچار خوجىلىرى ئىسلام ئېچىپ، جامدا بولغان جەڭدە خاقانى ئەھلىگە باراۋەرلىك قىلالماي جېنىنى جايلاپ قاچقان كۈنلەردە، خوتەن ھاكىمى ئەلشىرە ھاكىم بېك مەرھۇمنىڭ ئوغلى تۆمۈر غەزنىچى بايغا ھاكىم ئىدى. بۇ چاغدا، تۆمۈر غەزنىچى ئاقسۇ تەۋەسىدە ئۈچ- تۆت كۈن مەخپى تۇرۇپ، ۋەقەنى كۈزىتىپ خوتەنگە باردى. خوتەن ئامبانى بۇ جايدىكى ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىنى سوراپ خەۋەردار بولۇپ تۇرغاندا، خوتەن ئەھلىمۇ كۇچار ۋەقەسىدىن خەۋەردار بولۇپ، داغدۇغا بىلەن ئىسلام ئېچىپ، خىتايلارنى يوق قىلماقچى بولۇپتۇ. يۇرت پۇقرالىرى كىمنى باشلىق قىلىمىز دەپ مەسىلھەت قىلىشىپ، ئاخىرى مەسلىھەتلىرى مۇفتى ھەبىبۇللاخان ھاجىغا توختاپتۇ. ھەممىسى بىر ئىتتىپاق ۋە بىر نىيەت بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن پادىشالارنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرى بويىچە ھاجى ھەبىبۇللاخاننى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە پادىشا قىلىپتۇ. ئاندىن كاپىرلارغا قول سېلىپ، مەيلى خىتاي ياكى تۇڭگانى بولسۇن- ھەمىسىنى يەر بىلەن يەكسان ۋە قىرغىن قىلىپتۇ. ھەتتا نارسىدە بالىلىرىغىچە ئۆلتۈرۈپ، تەختى سەلتەنتەتكە چىقىپ ھۆكۈمرانلىغىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراپەرۋەرلىك مەئىشەتلىرىدە مول سەپەرلەرنى قىلغان ئىكەن.
     دەل مۇشۇ كۈنلەردە، كۇچارلىق نەزەرىدىن شەيىخ خوجا ياركەنتتىن ھاجى غەزنىچى بېك دىگەننى باش قىلىپ، مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانىلاردىن ئۈچ مىڭ ئەسكەرنى ھاجىغا پادىشا ئۈستىگە ئەۋەتىپ، نامۇلايىم ئەسكى سۆزلەرنى تىزىپ خەت ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋال ھاجى پادىشانىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كېلىپ، ئوغلى ئاغۇراخمان سۇدۇرنى باش قىلىپ، بىرمۇنچە ئەسكەر بىلەن ئالدىغا ئەۋەتتى. ئارىدا جەڭ- قاتاللار يۈز بېرىپ، كۇچار لەشكەرلىرى شىكەست يەپ كەينىگە قاچتى ۋە كۆپ ئادىمىدىن ئايرىلدى. سۇدۇرخانغا ئوق تېگىپ ئالدەمدىن كەتتى. گەرچە بۇ ئەھۋال يۈز بەرسىمۇ، ھاجى ھەبىبۇللا خان يەنىلا كامالى ئىنساپ بىلەن «بىزنىڭ ئىسلامى شېرىپ ۋە ئەززەمنى دۆلەتكە مۇيەسسەر بولۇشىمىزغ يەنىلا كۇچارلىق خوجاملار سەۋەپ بولدى. مۇبادا بۇلار ئىسلام ئاچمىغان بولسا، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىشلارنى قىلىشقا ھەددىمىز يوق ئىدى. يەنە بىرى شۇكى، ئۇلار خاقانى چىنىنىڭ بىر سۆزلۈك ۋە بىر قۇلۇق ئوبدان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ياما ئادەملرى، يەنى تۇڭگانىلار بىلەن شىرىك ۋە ئىتتپاق بولۇپ يۇرت سوراپتۇ. بۇ ۋەجىدىن ئۇلارغا ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلمىغان كىم دىگەن بىر مۇنچە ماقول سۆزىنى خەتكە يېزىپ، كۆڭلىدە مايىل بولۇپ، ئەھمەت مۇراپ بېكنى باش قىلىپ، لايىق سوغا- سالاملارنى راسلاپ، ئۆزىنىڭ ئىتائەت قىلىپ، پەرمانلىرىغا بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ، راشىدىن خان خوجامغا ئەللىك نەچچە كىشلىك ئەلچى ئەۋەتتى. لېكىن، خان خوجام بۇلارنى قۇبۇل قىلمىدى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىندى.
    بۇ ۋەقەدىن كېيىن، مۇفتى ھەبىبۇللاخان قوقەنت دار سەلتەنەتىدىن مەدەت ۋە ياردەم تىلەپ، بەلكى ئىتائەتلىرىگە كىرمەك بولۇپ، ئوغلى ئابدۇراخمان خاننى ئەۋەتكەن ئىدى. پادىشا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ، زىياپەت بېرىپ مېھمان قىلىپ، ئۇنىڭغا سۇدۇرلۇق مەنسىۋىنى بېرىپ، ئات، ياراق، تون- كېچەكلەرنى بېرىپ ئۇلۇغلىدى. ئادەملەرگىمۇ تون- كېچەك، تەڭگە- تىللا قاتارلىقلارنى ئاتا ئەيلەپ مېھرىۋانچىلىق كۆرسەتتى. ھاجى پادىشادىمۇ ئۆز لايىغىدا تون- كېچەك، كۇلا، قورال- ياراق قاتارلىق سوغات تەۋەررۇكلەرنى ئەۋەتتى. نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى ئەمىرى بېشى قىلىپ، ئەللىك يىگىت مۇكەممەللەر بىلەن سۇدۇرخانغا قوشتى. بۇلار كاشىغەرگە كەلسە، مۇھەممەت ياقۇپ بېك قۇشبېگى ھامىددىن تۆرە بىلەن ياركەنتتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىكەن. بۇلار قۇشبېگى بىلەن ياركەنتتە كۆرۈشتى. قۇشېگى نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى يىگىتلىرى بىلەن ۋە مىرزا بابا بېكنىڭ ئادىمى بىلەن يېنىدا قالدۇرۇپ، مىرزا بابا بېكنى پەقەت ئىككىلا ئادىمى بىلەن سۇدۇرخانغا قوشۇپ، يارلىق ۋە قورال- ياراق قاتارلىق سوغا- سالاملار بىلەن خوتەنگە ماڭدۇردى. ھاجى پادىشا مىرزا بابا بېككە مۇناسىپ جاي- ماكان تەيىنلەپ، ھەر كۈنلۈكىگە تەمىنات توختىتىپ، ئىززەت- ئىكراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئوبدان يەردىن ئۆيلەندۈرۈپ، ئۆزىگە ئۈلپەتداش ۋە سۆھبەتداش قىلدى.
     ھاجى پادىشا قەدىمقى خىتاي شەھىرىنى «ئەسكەر خانا» دەپ ئاتاپپ، كاتتا بىنا سالدۇردى. مىچىت، جامە ۋە خانقا بىنا قىلدۇردى. خوتەن ئەھلىنىڭ شەھەر ۋە سەھرادىكى چوڭ- كىچىك ئەر- خوتۇنلارغا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن تەلىم بېرىپ، شەرىئەت قائىدىلىرىنى جارى قىلدى. ئون ئادەمگە بىر خەلپەت بېكىتىپ، مۇسۇلمانچىلىق بويىچە سۈبھان ئاللانىڭ بىرلىك سۈپىتى ۋە يول- تەرىقەتلىرىنى، توقسان توققۇز پەرز ناماز، توزا، ئۆشرە- زاكات، ھەج، ئىلمى ھەيىز (ئاياللاردىن ئادەت كېلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم – ت) قاتارلىق زۆرۈر مەسىلىلەردىن ھەممە كىشىگە تەلىم بېرىپ، يادى ئالدۇرۇپ ئوقۇتۇپ، ياماندىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە ئەر- خوتۇن خۇددى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش ساۋاق ئېلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئۆگىنىپ تەكرارلايتى. ھەر جۈمە كۈنى چوڭ مىچىتكە ئۆزىنى جوۋدا كۆتەرتىپ باراتتى. نامازغا تۇرغاندا ئۇنىڭ كەينى- يانلىرىدا ئالتىدىن ئون ئىككى ئادەم چوڭ قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، خۇددى ھازىرلا بىر چاپىدىغان قىياپەتتە بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن ئۆرە تۇراتتى. نامازدا رۇكۇ- سۇجۇت قىلماس ئىدى. بەلكى ئىما- ئىشارەت بىلەن ئوقۇسا كېرەك. چۈنكى، نامازغا كەلگەنلەرنىڭ ئچىدە بىرەر دۈشمەننىڭ قەستلەپ، زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلسا كېرەك. مۇشۇنداق ئېھتىيات قىلىدىغان بىر پادىشا قازا ۋە تەقدىر يەتكەندە، ياقۇپ بېك غازىنىڭ بارگاھىغا ئۆز پۇتى بىلەن قەدەم دەسسەپ بېرىپ، نىمە بالايى ئاپەتلەرگە دۇچار بولمىدى؟ بۇ ۋەقە يۇقىرىدا زىكرى قىلىندى. ھاجى پادىشا خوتەننى گويا مىسىر [176] دەپ بىلدى. ئىككى رەكەت جۈمەنى ئوقۇدى – دە، ئېھتىيات ئۈچۈن نامازنىڭ پىشىن ۋە سۈننەتلىرىنى ئوقۇتمىدى.
     ھاجى پادىشا يەنە خوتەندە بىر مىسقاللىق شەرئى ئاق تەنگە سوقتۇردى. ئۇنىڭ بىر يۈزىگە «لائىلاھە ئىللا للا، مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا» (ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەت بولسا ئۇنىڭ ئەلچىسىدۇر – ت) دەپ، يەنە بىر يۈزىگە «زەربى خوتەن لەيىف» (گۈزەل خوتەندە سوقتۇرۇلدى – ت) دىگەن خەتلەرنى ئويدۇردى. ئۆزىنىڭ مۆھۈرىگە «ھۇۋالھەبىبۇللەزى تۇرجا سىغائەتھۇ» (پەيغەمبەر بولسا ئاللانىڭ ھەبىب- دوستى، ئۇنىڭدىن شىپائەت ئۈمىت قىلىنىدۇ – ت) دىگەن سۆزنى نەقىش قىلدۇرۇپ ئويدۇرغان ئىدى. ھاجى پادىشا ھەبىبۇللاخان ئەگەر ئوغرى، قىمارۋازلارنى تاپسا، ھايال قىلماي دەرھال ئۆلتۈرەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر ئادەم سەھرادا ئېتىزلىقتىن بىر كەتمەن ئوغىرلىغان ئىكەن، ئۇ ئىقرار قىلغاندىن كېيىن بىر چوڭ توپىنى يەرگە كۆمۈپ، ئاغىزىنى ئۈستۈن قىلىپ، دورا سېلپ پۇختا بېكىتىپ، مەزكۈر ئوغىرىنى توپىنىڭ ئاغىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ، دورىغا ئوت تۇتۇشتۇرۇپتۇ. دورا ئوغرىنىڭ بەدىنىنى تۆت پارچە قىلى ھاۋاغا كۆتۈرۈپتۇ – دە، خالايىقنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولۇپ، يەنە يەرگە چۈشۈپتۇ. بۇ ئىشنى شۇ كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن قىلغان ئىكەن. توپ- توپ بولۇپ تۇرغان خالايىق بۇنى كۆرۈپ، يۈرەكلىرى ئورنىدىن قوزغىلىپ، لەرزىگە كېلىپ تىترەپتۇ. يەنە بىر ئادەم سەھرادا قوناقلىقتىن ئالتە باش چۈرۈش قوناقنى ئۇرۇپ ئالغان ئىكەن. ئۇنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، سوراق قىلىپ، ئىقرار قىلدۇرۇپ دارغا ئاسقان ئىكەن. ئومۇمەن، سەللا گۇنا ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ خۇنىنى تۆكۈپ ئىبرەت قىلاتتى. ئۇنىڭ قەھرى سىياسىتى ناھايتى چېكىگە يەتكەن ئىدى. ھاجى پادىشا ناھايتى قېرى ئادەم بولۇپ، ئاغىزىدا چىشى قالمىغان ئىدى. ئەگەر ئۇ لىۋىنى چىشلىسە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ۋۇجۇت خامىنىنى كۆككە سورۇلاتتى. سەھرادا دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئادەملەر كەتمەن، ئورغاقلىرى ۋە باشقا ئەسۋاپلىرىنى دېھقانچىلىق قىلىدىغان قىشلاقلاردا تاشلاپ، ئۆزىنى ئۆيگە كېلىپ قونۇپ، ئەتىسى بېرىپ ئىشنى قىلسۇن، ئىشىك- دەرۋازا ۋە دۇكانلىرىنى ئۇچۇق قويۇپ ياتسۇن دەپ يارلىق قىلىپ، قەھرى سىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئەگەر تەپسىلىي بايان قىلىنسا، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالالىق بولغۇسىدۇرۇ.
     خوتەن ئەھلىگە ھادىسىلەر يۈز كەلتۈرۈشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ھاجى پادىشانىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ ئەندىشە قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سالامدىن كېيىن ئۆلىمارلار، مۆتىۋەرلەر، پازىللار ۋە مۇئەببىرلەرنى (چۈش ئۆرىگۈچلەرنى – ت) ھازىلارپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ «مەن ئۇيقۇدا، خوتەن ئەھلىنىڭ تەنلىىر بار، باشلىرى يوق چۈش كۆرۈپتىمەن. بۇ چۈشنىڭ تەدبىرى نىمە؟» دەپ سوراپتۇ. ھەممە كىشى ھەيران بولۇپ، تەپەككۈر قىلىپ، بىر نەرسە ئېيتالماي تۇرغاندا، ھاجى پادىشانىڭ ئۆزى «بۇ چۈشنىڭ تەبىرى بەلكى خوتەن ئەتىراپىدىكى بارلىق مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلەرنى ئادەم بويى مىقدار قىلىپ كېسىپ باش ياسالسۇن دىگەنلىك بولسا كېرەك» دەپ تەدبىر بەردى. ھەممە ئۆلىما ۋە پازىللار تەھسىن ۋە ئاپرىن ئوقۇدى. شۇڭلاشقا، خوتەن ئەتىراپىدىكى ھەممە مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلەرنى ئادەم بويى مىقدارى قويۇپ، باشتەك قىلىپ كېسىلگەن ئىكەن. بۇنداق تەدبىر ۋە تەدبىر تەقدىر سۇبھان ئاللاغا مۇۋاپىق چۈشمىدى. ئاقىۋە ھاجى پادىشانىڭ بېشىغا ۋە پۇقرالارنىڭ كاللىسىغا تەقدىرىن قازا ۋە ھادىسىلەر يۈز بەردى. بۇ ئەھۋال يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
     ھاجى پادىشا گەچە ئاتا- بوۋىلىرىدن تارتىپ، بولۇپمۇ ئۆزى دەرۋىشلىكنى كەسپ قىلىپ، دىندار دىگەن ئاتاق بىلەن ھەممىگە پىشىۋا ۋە يولباشچى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇرتدارلىق ئىشلىرى ۋە سىپاۋەرلىكنىڭ نازۇك ئىلمى ھىكىمەتلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، دەرۋىشلىك بىلەن سىپاۋەرلىك بىر- بىرىگە ماسلاشمايتى. ئەگەر ئۇ بۇرۇندىنلا بىرەر ئالى پادىشانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، سىپاۋەرلىك ئىلىملىرىنى كەسپ قىلىپ، مەرتىۋىلىك ئورۇن پەيدا قىلىپ، تەجىرىبە ھاسىل قىلغان بولسا ئىدى. ئۇ ئەلۋەتتە بۇ ھادىسىلەردىن ساقلىنىشقا بىرەر چارە ياكى تەدبىر قوللانغان بولاتتى. شۇڭلاشقا، تارىخ كىتاپلىرىدا يېزىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇرۇنقىلار ئەزەلدىن بۇيان، ئاتا- بوۋىلىرىدىن بۇيان ئۇلۇغ بولۇپ، ئورۇن- مەرتىۋە بىلەن يۇرتدارلىق ھۆكۈمرانلىغىنى قىلىپ كەلگەن ئادەملەرنى ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنى تېىپىپ تەختى سەلتەنەتتە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا ئىنايەت ۋە بەيئەت قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ قەدەم شېرىپلىرى بەركىتىدىن پۇقرالارغا تىنچلىق ۋە يۇرتقا جامائەت- ئىتتىپاقلىق ھاسىل بولۇپ، دۆلەت ھۆكۈمرانلىغىنىڭ ئۇزۇن ۋە مەڭگۈ بولۇشىغا سەۋەپ بولىدىكەن. ھەتتا زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ھۆكۈمرانلارىىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇزۇن مۇددەت يوقسۇزلۇق كوچىسىغا كىرىپ، يەنە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىگە چىقىپ، يۇرتدارلىق ئىشىنى ئالى دەرىجىگىمۇ كۆتەرمەي، تۆۋە دەرىجىگىمۇ چۈشۈرمەي، پەقەت ئوتتۇرا مۇقام بىلەنلا تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ چارىسىنى تاپلىسىلا، پۇقراپەرۋەرلىكنى نەق ئۆزىنىڭ جاي ۋە مەركىزىدە قىلالىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز ئەجدادىنىڭ ئەسلى يولىنى تېپىپ كېتەلەيدىكەن. ھۆكۈمالارنىڭ «ھەممە مەقام ئۈچۈن بىر ماقال ۋە ھەممە ئەمەل ئۈچۈن بىر ئەر كېرەك» دىگەن سۆزىلىرى بۇ تايىپەلەرنىڭ شەنىگە مۇۋاپىق ۋە ماس كېلىدۇ. يەنە ماشايىخلارنىڭ «ئوۋ ئوۋلىسا، قەدىمقى ئوۋچى بىلەن» دىگەن مەسەللىرى بار. كىچىك بالىلارمۇ ئۆز ئويۇنلىرىدا «ئاتاڭ نىمىچى» دەپ سورىسا «ئاتام تۈمۈرچى» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ۋە شۇ چاغدا يەنە بىرى « بېرىپ تۆمۈرچىلىك قىل» دەيدۇ. ئەگەر «ئاتام دېھقان» دىسە «بېرىپ دېھقانچىلىقىڭنى قىل» دەپ ئوينايدۇ. بۇ گەپلەر زادى بىكار سۆز ئەمەس.

[align=justify]
      نەزىم:

[align=justify]
     ئاتا قىلماقنى قالماق لازىم ئېرمىش،
     خۇدايىم رىزقىنى ئىبەرمىش.

[align=justify]
     دىمەك، بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەر قانداق ئادەم ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ كەسپ، ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە لايىق كۆرۈپ، خۇداۋەندەكېرىم ئاتا قىلىپ بەرگەن نازۇ- نېئمەتلەتگە شۈكۈر قىلىپ، ئۆز مەرتىۋە ۋە مەقاملىرىدىن زىيادە، ئۆلچەملىرىدىن ئارتۇق ئىشلارغا قەدەم قويۇش ياكى كۈچەشكە ئورنۇشتىن تامامەن ئېھتىيات قىلىشى، ئاللانىڭ پەرز سۆزلىرىگە ئەمەل قلىشى لازىم. ئەگەرئۆز دەرىجۋە مەرتىۋىسىدىىن ئۈستۈن قەدەم قويۇپ، بۇرۇنقى ھالەتلىرىنى ئۇنۇتسا، ئۇنداق ئادەمگە ھاجى پادىشانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر كېلىدۇ.

[align=justify]
     نەزىم:

[align=justify]
     ئۆرگەنەي دەپ قارغا كەكلىك ماڭىشىن،
     ئۆرگەنئەلمەي ئۇنۇتتى ئۆز ماڭشن،

[align=justify]
     ھاجى پادىشانىڭ بۇرۇنقى ئاتا- بوۋىلىرىدىن داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان دەرۋىشلىك دەرۋىشلىك سۈپەت رەۋىشلىرىنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كەتمەس دۆلەت ۋە تۈگىمەس راھەت ئىدى. ئۇ ئۆز قەدىر- قىممىتىنى بىلمىدى- دە، ئۆتكە ئۆمرى ۋە ئەۋلاتلىرىغا پۇشايمان قىلدى. ھەتتا ئار- نومۇس قىلدى. لېكىن ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىدى. كېيىنكى پادىشالىق بولسا بىۋاپا ئىدى. بۇنى ئۆز قامەت ۋە ئىستەكلىرىگە اليىق ۋە مۇۋاپىق كۆرۈپ سۈيۈندى ۋە كەتمەس دۆلەتكە ئۇلاندىم دەپ مەغرۇرلىنىپ ئالداندى. ئۇنىڭ ئەھلى ئاياللىرى، چوڭ- كىچىك، ياش- قېرىلار، قەۋمى- قېرىنداشلار، ھەتتا پۇل، جان باشلار، ئومۇمەن خوتەن ئالتە شەھەر، قاراقاشلارغىچە بولغان پادىشالىغى چوڭ بالايى- ئاپەت، ھۆكۈمرانلىغى ئازاپ ۋە ئەلەم ئاقىۋەت بولدى. ھەممىسىنىڭ جان ماللىرى، يامان نىيەتلىك قەھرى غارىغا دۇچار بولۇپ، يوق بولۇپ كەتتى.

[align=justify]
      نەزىم: 

[align=justify]
     دۆلەت يىلدامىغا يوقتۇر باقا،
     ئات، زەن، شەمشەرگە يوقتۇر، ۋاپا.
                                            ۋەسسالام




6

جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازىنىڭ ئاقسۇ، كۇچارنى ئېلىشنى مەقسەت ۋە نىيەت قىلىپ ئات چاپتۇرغىنى ۋە بىر ھۇجۇمدا نەچچە شەھەرنىڭ پەتھى نامايەت ۋە ھۇۋەيدا بولۇپ قولغا كىرىشى، ئۇنىڭ مۇرات باغچىلىرىدىن غۇنچىلارنى ئۈزۈپ، مەقسەت- مۇددىئالىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۆز مۇقەررەر گاھىغا قايتىشى، بۇ ئارلىقتا يۈز بەرگەن

قالايمىقانچلىق ۋەقەلىرى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ بايانى

[align=justify]

     ئەقلى زېرەك دوستلار ۋە سادىق قۇللۇق بۇرادەرلەرنىڭ دىل قايناملىرىغا يېتىپ روشەن ۋە ئۇچۇق بولغايكى، شۇنداق رىۋايەت قىسسە ھىكايىلەرگە قارىغاندا، جانابى بەدۆلەت ئالىلىرى خوتەن، ياركەنت، ماراۋېشى، يېڭى ھىسار قاتارلىق جايلارنى ئۆز تەۋەسى بىلەن بور سۇندۇرۇرپ، خوتەننى نىياز ئىشكائى ئاغا بېككە، ياركەنتنى مۇھەممەت يۇنۇسخان شاغاۋۇلغا، كاشىغەرنى ئالاش بىيىگە، يېڭى ھىسارنى كامىلخان تۆرەمگە، ماۋالۋېشىنى ھېكىم خان تۆرەمگە بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا ھۇقۇقلۇق سۇيۇرغال قىلىپ تەيىنلەپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، يىگىت،سەرۋازلار ھەرىكەت تەرەددۇتى، قورال- ياراق تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن بولدى. بۇ خوشال ئىنتىزارلىق چاغلاردا، ئۈچتۇرپاندىن بىر قانچە ئادەم كۇچارلىق خوجاملارنىڭ ئەمىر- ئىتائەتلىرىدىن چىقىپ، ئاتالىق غازىنىڭ ھىمايەتلىرىگە كىرىپ، ئاقسۇ تەرەپكە ئاتلانماققا تەرغىپ قىلىپ ھەرىكەت باشلىدى. ئاقسۇدىن ئابدۇراخمان دادخۇا، ئابدۇللا دىۋان بېگى قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپ بىلەن يازغان ئەرز خەتلىرى ئاتالىق غازىغا يەتتى. كۇچارلىق توختى ئىشىك ئاغا بېكمۇ بۇ شەھەرلەرنى مەن ئېلىپ بېرىمەن دەپ ھۆددە قىلىپ ئەرز تۇتتى. كۇچارلىق خوجاملار بۇنداق شاتلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك قارىمۇ- قارىشلىققا يۈزلەندى. بۇنداق شاتلىق خەۋەرلىرى ئاتالىق غازىنىڭ سائادەتلىك قۇلاقلىرىغا يەتتى. كۆڭۈل ئەينەكلىرىدە باشقىدىن قوزغىلىشقا باشلىدى.
     ئەنە شۇنداق ھالەتتە جانابى بەدۆلەت ئالىلىرى ئۆزىگە خاس مەھرەم، ياساۋۇل، پانسەتلەر بولۇپ ئۈچ مىڭ نەپەر يىگىت، سەرۋاز، جانباز داقا- دۇمباقچىلار، ئەلەم، بايراق، كاناي- سۇنايچىلار، توپ، جەزائىل زەمبىرەكچىلەر، ئۆمەر قۇل ئەمرى لەشكەرگە تەئەللۇق ئۈچ مىڭ نەپەر مۇكەممەل قوراللانغان يىگىتلەر، ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈچ مىڭ نەپەر يۈرەكلىك باتۇرلار، مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىگە مۇقەررەر قىلىنغان ئۈچ مىڭ يىگىت تەييار جەڭگىۋارلارنى تەييارلاپ، شەرەپلىك زامان ۋە گۈزەل دەۋراندا، ئەمىرى لەشكەرلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، «ماراۋېشىنىڭ قورغىنى بۇزۇلغىنىچە تۇرۇپ قالدى. ھەممە قوشۇن بىلەن بېرىپ، تۈزۈتۈپ يانساق قانداق بولاركىن» دەپ، ئارىغا مەسلىھەت سالدى. ھەممىسىلا بىر نىيەتتە «ناھايتى ياخشى بولىدۇ» دەپ جان- دىلى بىلەن قۇبۇل قىلىپ تەييار بولدى.
تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن تۆتىنچى يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1867- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى – ت) جەۋزا پەسلىنىڭ ئاخىرى، يەنى مايمۇن يلى، ئاتالىق غازى دۆلەت ئىقبال ۋە ئۇلۇغ ھەشەمەت بىلەن ئاتلىنىپ، مارالۋېشىغا كېلىپ چېدىر- بارگاھلىرىنى تىكىپ، تۆت كۈن تۇردى. بۇ جەرياندا ھىچقانداق پەرمان چۈشمىدى. بەشىنچى كۈنى بولغاندا، ئۇ ئەمرى لەشكەرگە «ئاقسۇ، كۇچارغىچە بېرىپ، مازار- ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىپ يانساق، نىمە دەيسىزلار» دىگەندە، ھەممىسىلا بىر نىيەتتە «پارمانبەرداردۇرمىز، خىزمەتكارچىلىقىمىزنى جان- دىلىمىز بىلەن كۆرسىتىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ئاقىۋە ئەمىرى لەشكەر مىرزا ئەخمەت قۇشېگىنى چاپاۋۇل قىلىپ ئىلگىرى ماڭدۇردى ھەمدەم باتۇر بېشىنى، غازى پانسەتلەرنى پىش جەڭ (ئالدى ھۇجۇمچى – ت) قىلدى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرگە سەككىزدىن پانسەت تەينلەپ، تۇغ، بايراق ۋە ئەلەملەرنى ئىنئام قىلپ، ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرگە ئىككدىن ئالدۇن جابدۇقلۇق تۆگە، ئات ۋە ئالتىدىن كۈمۈش جابدۇقلۇق تۆگە، ئات مەرھەمەت قىلدى. ھەر بىر پانسەتكە ئىككىدىن كۈمۈش جابدۇقلۇق ئات سوغا قىلدى. ئەمىرى لەشكەر ۋە پانسەتلەرنىڭ ئالدىدا مەزكۈر ئالتۇن جابدۇق ۋە كۈمۈش جابدۇقلۇق ئاتلارنى سۆلەت ھەم ھەشەمەت ئۈچۈن يېتىلەپ يۈرەتتى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرنىڭ داغدۇغۇسى گويا ئۇلۇغ شاھى پادىشالارغا ئوخشايتى. ھەر بىر پانسەتنىڭ داغدۇغۇسى بولسا، گويا بىر ۋىلايەت ھاكىمىنىڭ ھەشەمەتلىرىگە تەڭ ئىدى. ھەر بىر ئەمىرى لەكشەر ۋە پانسەتكە تەيىن ۋە مۇقەررەر قىلىنغان قارى مۇرەتتىپ، ئىماملار بولسا رەتلىك تىزىلىپ، يولدا قۇرئان تۇتۇپ ئالدىدا ماڭاتتى. 
    ئاتالىق غازى ئەنە شۇنداق زور سۆلەت- داغدۇغا ۋە ھەشەمەت بىلەن مارالۋېشىدىن ئاتلىنىپ چىلانغا كەلدى. دولانلىق بىر كىىشنى تۇتۇپ «يولدا خوجالارنىڭ چېرىگى بارمۇ» دەپ سورىسا، ئۇ «يايدى تەرەپتە ئىككى يۈز چېرىگى بار. سايئېرىقتا ئەللىك چېرىگى بار» دەپ مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنى ئۇقۇپ، يايدىنىڭ ئاياق تەرىپىدىن كېچىلەپ يۈرۈپ، سەھەردە چېرىكلەر ياتقان جايدىن ئاقسۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، بىخەۋەر ياتكان چېرىكلەرنى باغلاپ، ئولجا- ئەسىر قىلىپ، مارالۋېشىغا ماڭدۇردى.ئۇلارنىڭ چوڭى توختى خەلپە دىگەننى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى، لېكىن، بۇ چېرىكلەرنىڭ بىرى ئات سۇغارلغىلى چىققان ئىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئاقسۇدىكى جامالىدىن خوجامغا كېلىپ «سايئېرىقتىكى چېرىكلەرنى تۇتۇپ قۇل ئەسرى قىلدى» دەپ خەۋەر قىلدى. ئاتالىق غازى دەريا لىۋىگە ئىككى تاش مىقدارى يېقىن كەلگەندە، جامالىددىن خوجام ئوغلى يەھيا خوجامنى باش قىلىپ، ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن دەريدا لىۋىگە چىقاردى ۋە «كېمىنى تارتىۋېلىپ، ھازىرلىق قىلىپ ئۇرۇشۇپ، دەريادىن بۇ تەرەپكە ئۆتكۈزمەڭلەر» دەپ تەكىت مۇبالىغە سۆزلەرنى قىلىپ يولغا سالدى. لېكىن ئاتالىق غازىنىڭ يىگىتلىرى زادىلا نەزەر سالماي، قانداق جاي توغرا ۋە ئۇتتۇر كەلسە، شۇ جايدىن ئات بىلەن ئۆتۈپ، كېمىنى زادىلا لازىم قىلمىدى. كۇچار لەشكەرلىرى بىر ھۇجۇم بىلەنلا كەينىگە قاچتى. لەشكەرلىرى پاراكەندە بولۇپ، جېنىنى جايلاپ ھەر تەرەپكە قاچتى. ھەمدە باتۇر بېشى ۋە غازى پانسەتلەر ئۇلارنى قوغلىغانچە ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ، ئوردىغا چىقىپ، «زاماننىڭ زامانى بولسا مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق زامانى» دەپ جار سېلىپ، ناغرا ساداسىنى شادىيانغا كەلتۈردى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جامالىددىن خوجام ئاغچىسى بىلەن ئوردىنىڭ كەينىدىكى ياردىن ئۆزىنى پەسكە تاشلىدى. جامالىددىن خوجام پەخرىددىن مازارىغا بېرىپ يۇشۇرۇندى. ئاغچىسىنىڭ پۇتى چىقىپ كېتىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئۆزىنى ئالدى. توپ- توپ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلانىڭ كاناي- سۇناي، داقا- دۇمباق ساداسى ۋە نۇسرەتلىك قوشۇنلانرىڭ ھاي- ھۇيتلىرى، سەرۋاز- جانبازلارنىڭ مەشق تاماشىسى ئىچىدە، ئاتالىق غازى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەركانلىرى، ئەمەلدارلىرى بىلەن داغدۇغا، سەلتەنەتلەرنى قىلىپ، ئاقسۇ دار سەلتەنەتىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئەنە شۇنداق پەيتتە يىگىتلەر جامالدىدىن خوجامنى تۇتۇپ كەلدى. ئاتالىق غازى ئۇنىڭغا بىر قانچە قەھرى- غەزەپلىك سۆزنى قىلىپ، يەنىلا گۇناسىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، مۇنسىپ تون- كىيىملەرنى بېرىپ ياركەنتكە ئەۋەتىپ، ھاجى پادىشا بىلەن بىر ئۆي، بىر ماكاندا بىللە مەڭگۈ ئۇيقۇغا سالدى. ئاقسۇنىڭ ھەممە شەھەر، قىشلاقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ خاتىرجەم بولدى.
     بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىلاندا تۇرغان چاغا، ئاتالىق غازى بۇ يەردىن خوجا نەزەر بېك ھىسارنى باش قىلىپ، مۆمىن يۈز بېشى بىلەن ئوتتۇز توققۇز يىگىتنى ئۈچتۇرپانغا بۇيرۇپ «ئۈچتۇرپان ئەھلى خوجىلاردىن، خوجىلار بولسا ئۈچتۇرپان ئەھلىدىن بىزار بولۇپ زېرىكىدىكەن. بۇرھانىددىن خوجىنىڭ بىزگە ئىشەنچىسى بار ئىكەن. مەزكۈر خوجىنى ئوغلى بىلەن ئازار بەرمەي ئالى دۆلەتخانا ئوردىمىزغا ئەۋەتىپ، يۇرتتىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭلار» دەپ يولغا سالغان ئىدى. بۇلار ئۈچتۇرپانغا كېلىپ، قورال- ياراق، غەزنە، ساڭلارنىڭ ئاچقۇچ- كىلىتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇرھانىدىن خوجامنى ۋە ئوغلى بىلەن يەنە ئۈچ ئادىمىنى مۆمىن يۈز بېشىغا قوشۇپ، ئاقسۇغا ماڭدۇردى. بۇ ۋەقە ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىنغان ئىدى.
      ئەلقىسسە، ئاتالىق غازى ھېكىم خان تۆرەمنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ، باي، سايرام ئەتىراپىنىمۇ قوشۇپ مەرھەمەت قىلىپ، بۇ جايلارغا سۇيۇرغال ۋە مۇستەقىل ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدى. ھەمدەم باتۇر بېشىنى ئۇنىڭغا ئالاھىدە باتۇر بېشى قىلىپ بەردى. خوتەنلىك موللا ئابدۇللا ئاخۇنۇمنى قازى كالان قىلىپ، ئالاھىدە يارلىق- مەنسۇرلەر بىلەن ئورنىنى كۆتۈرۈپ مەمنۇن قىلدى. ئاندىن كېيىن تاش خوجا پانسەتنى ئىككى يۈز ئەللىك يىگىتى بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ باي شەھىرىگە بىر يېرىم تاش مىقدارى كېلىدىغان سايەنلەر دىگەن مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، كۇچارلىق غوجاملار ئىبراھىم تۆرە، باقى تۆرە، يۈسۈپ باھادۇر، ياقۇپ باھادۇر، تەلەي باھادۇرلارنى باش قىلىپ، تۆت مىڭ لەشكەر بىلەن ئالىدىغا چىقاردى. بۇلار قوشتام دىگەن جايدا خوقا پانسەتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى بىر يۈز يەتمىش يىگىتى بىلەن ئۆلتۈردى. ئىككى ئايدىن كېيىن، تاش خوجا ئىشاننىڭ ئۇستىخىنى بىلەن، بىللە ئۆلتۈرگەن يەنە بىر مۆتىۋەر ئۇستىخانلىرىنى ئېچىۋېلىپ، دەريا سۈيىگە باغلاپ تازىلاپ ۋە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئۇستىخانلىرىنى خالتىغا قاچىلاپ، كاشىغەرگە ئېلىپ بېرىپ، ھەززەت ئاپپاق مازىرىدا دەپنە قىلدى. چۈنكى، بۇلار مۆتىۋە ۋە ئەزىز ئادەملەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن.
      سۆزنىك ھاسىلى شۇكى، كۇچار لەشكەرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بەدۆلەت غازىنىڭ قانخۇمار لەشكەرلىرىنى قوغلاپ ئارقىغا ياندۇرۇپ، جوغا دىگەن جايدىن ئۆتكۈزۈپ، جۇغىنى ئۆزلىرىگە جان- ماكان قىلىپ، سۇنى توسىۋېلىپ يول بەرمەي تۇردى ۋە كۆپ ئادىمىنى ياقئېرىقتا توختىتىپ، تاغ ئىچىدىكى غارپ ئېغىزلارغا بولۇقتۇرما قىلىپ قويۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى نابۇت قىلدى. تىرىك قولغا چۈشكەنلىرىنى قولغا چۈشكەنلىرىنى تىرىك پېتى ئېسىپ، تېگىدىن ئوت قالاپ كۆيدۈرۈپ، كاۋاپ قىلىۋەتتى. ئاتالىق غازى بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ غەزەپ ئوتلىرى چاقناپ، نۇرغۇن سەرۋاز- جانبازلارنى قىل قۇيرۇق قىلىپ، ھۇجۇمغا پەرمان بەردى. ئارقىدىن جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازى زەپەر ئۈزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويدى. ئەمرى لەشكەر، پانسەتلەر جانابى ئالىنىڭ غەزەپ ئوتلىرىدىن قورقۇپ، ھەممىسى بىردەك ئات چاپتۇرۇپ، جوغىنى ئېلىپ، ياقئېرىققا يېتىپ بېرىپ، لەشكەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەرنى ئۇچۇق كۆرۈپ، تاقىتى- تاق بولۇپ، غەزەپلىرى ئۆرلەپ، ساي لىۋىدە شۇنداق جەڭ- قىرغىنچىلىقلارنى قىلدىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈك- مۇردىلىرى خۇددى ساينىڭ قارا تاشلىرىدەك يېتىپ كەتتى. ئاخىرى بۇ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلار غالىپلىق قىلدى. كۇچار لەشكەرلىرىدىن ئىبراھىم تۆرە باشلىق ئاز ئادەم جېنىنى جايلاپ قاچتى. باشقىلىرى تىغ سىياسەت ۋە غەزەپ قەھىرىيەتتىن ئۆتتى. بەزىلىرىنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ ئاقسۇغا ئېلىپ كەلدى. كۇچار لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭغا يېقىن نابۇت بولۇپتۇ. ئاتالىق غازى تەرەپتىن سەككىز يۈزدىن كۆپرەك ئادەم زىيان بولۇپتۇ. بۇ چاغا كۇچاردىن ھامىددىن تۆرە باشلىق يەنە تۆت مىڭ لەشكەر چىقتى. بۇ زامان ۋەزىيىتى ۋە تەققازاسىغا قاراپ ئەل بولۇپ، ئىتائەت قىلىشنى لازىم كۆرۈپ،ئاتالىق غازىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۆزىنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ياقئېرىقتا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىش دۆلەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى. ئاتالىق غازى ھامىددىن تۆرەندىن ناھايتى خوش بولۇپ، تون- كېچەك ۋە جەرجى تىلا ئىنئام- ئېھسان ئاتا قىلىپ، «بىزلەر كۇچاردىن يېنىپ بارغىچە كاشىغەرگە بېرىپ دۇئار قىلىپ تۇرسىلا، بىر نان تاپساق ئوتتۇردىن تەڭ بۆلۈپ بىللە يەيمىز» دەپ ئەھدى- پەيمانلارنى قىلىپ، مۇلازىملارنى قوشۇپ يولغا سالدى ۋە «ھەدىس شېرىپ» نىڭ «ئەھدىگە ۋاپا قىلڭلار» دىگەن مەزمۇنى بويىچە، ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، تۆرىلەر قاتارىدىن كاتتا ئورۇن بەردى. ئالدى ئالدى تەمىنات ئالغۇچىلار قاتارىدا تون- كېچەكلەرنى بەردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن كايىپ ھەززەت ئاپاق مازىرىغا تاشلىدى.
جانابى ئاتالىق غازى ئاندىن كېيىن دەبدەبە سۆلەت ۋە ھەشەم سەلتەنەت بىلەن ياقېرىقتىن كۇچارغا ئاتلاندى. مەنزىلمۇ مەنزىل يۈرۈپ، قىزىل دىگەن جايدا قوندى. خەيىر مۇھەممەت توپچىدار پانسەتنى يىگىتلىرى بىلەن چاپاۋۇل قىلىپ ماڭدۇرى. بۇ چاغدا راشىدىن خوجىمۇ بىرمۇنچە ئەسكەرنى چىقارغان ئىكەن. بۇلارنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا كەينىگە قاچۇردى. ئاندىن كۇچارنى قولغا كىرگۈزۈپ، شامالباغ دىگەن جاينى مەنزىل قىلىپ، جانابى ئالىلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئەرز ماڭدۇردى. جانابى غازى بەدۆلەت مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە ھەشەمەت بىلەن كۇچارغا كېلىپ، شامالۋاغ ئاستىدىكى بۇلاق بېشىدا چېدىر- بارگاھىنى تىكلەپ ئورۇنلاشتى. خان خوجىنى ئېلىپ چىقىپ دۇئا قىلدۇرۇپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، بىر قانچە قاتتىق سۆزلەرنى قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە گۇنالىرىغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، مۇناسىپ تون- كېچەكلەرنى بېرىپ، مەھرەم قوشۇپ، ئۆز ئوردىسىغا قايتۇردى. خان خوجا ئوردىغا كىرپ بىر مەھرەمنى چېپىپ يوق قىلدى. ۋە قولىغا قوراق- ياراق ئېلىپ سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ «مېنىڭ لەشكەرلىرىم نەگە كەتكەن، بۇ قىپچاق- ئەنجانلىقلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، شەھەردىن قوغلاپ چىقارمامسىلەر» دەپ قىقاس- شاۋقۇنلارنى سېلىپ، مەس دىۋانىلەردەك يۈگۈرۈپ يۈردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ لەشكەرلىرىدىن بىرىمۇ يوق بولۇپ، ھەر قايسىسى جېنىنى جايلاپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازىدىن مۇلازىملار كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ نىمە بولغانلىغىنى، نەگە بارغان ۋە تۇرغانلىغىنى ۋە قانداق جايدا دەپنە قىلىنغانلىغىنى ھىچ كىشى كۆرمىدى ۋە بىلمىدى. ئۇ بىر دەرەك، بىخەۋەر، بىئەسەر يوقالدى. باشقا ئەھۋاللارمۇ ئاۋالقى داستاننىڭ ئاخىرىدا زىكرى بولۇپ ئۆتتى. بۇ جايدا قايتا تەكرارلانمايدۇ.
     ئاتالىق غازى ئىشەنچىلىك مۇلازىملارنى تەيىنلەپ، خان خوجامنىڭ غەزنە، قورال- ياراق، توپ، زەمبىرەك قاتارلىق پادىشالىققا لازىملىق ئەشيا- كىنىزەكلەرنى خەتلەپ، ئۆز غەزنىسىگە ئالدى. قامۇلدىن تارتىپ بۇ ئالتە شەھەر خىتايلىرىنىڭ غەزنىلىرى، قورال- ياراقلىرى، تامامەن خان خوجىنىڭ غەزنىسىگە توپلانغان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا جانبى بەدۆلەت ئالىلىرىنىڭ ئالى دۆلەتخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ، كاشىغەر دار سەلتەنەتىگە ماڭدۇردى. ئاندىن ئۇ كۇچارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسھاق خوجامنى كورلىدىن ئالدۇرتۇپ كېلىپ، كۇچار،شاھيار، بۈگۈر، كورلىغىچە بولغان جايلارنى مەرھەمەت قىلىپ، مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ تەينلەپ، ئالى يارلىق بىلەن ئورنىنى كۆتۈردى. توختى ئىشىك ئاغا بېكنى ياساۋۇل بېشى دەرىجىسى بىلەن ئىسھاق خوجامنىڭ خىزمىتىدە قويدى. موللا يۈسۈپ ئاخۇنۇمنى قازى كالان قىلىپ، يارلىق- مەسۈرە بىلەن ئىشقا تەيىلىدى. غازى كۇچاردا ئىككى ئاي مىقدارى تۇرۇپ، نۇرلۇق مازارى ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىپ، غېرىپ ھەقدارلارغا نەزىر- سەدىقە بېرىپ، ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا بېغىشلاپ خەتمە قۇرئان قىلدۇرۇپ ساۋابىى ئالدى ۋە سائادەتلىك زامان، شەراپەتلىك سائەتتە دار سەلتەنەت كاشىغەرگە يولغا چىقىپ، ئاقسۇدا بىر ئاي مىقدارى تۇرۇپ قالدى. ئاقسۇنىڭ چوڭلىرىدىن موللا ئابدۇل باقى مۇفتى ئاخۇنۇم، مۇھەممەت ئابدۇللا ئىشىك ئاغا بېىك ئابدۇللا قازىم، قاسىم قازى بېك باشلىق ئون يەتتە ئۆيلۈك ئادەمنى جازالاپ، ئاق ئۆيلۈك قىلىپ ياركەنتكە ھەيدىدى. ئاقسۇدىكى مازارى مۇتەبىرىكاتلەر ھەققىدە بۇرۇن كەم قالغان خەتمە قۇرئاننى تولدۇرۇپ،غېرىپ- ھاجەتمەنلەرگە كەڭرى سەدىقە بېرىپ، ئاش قاينىتىپ، ھەر خىل ئىنئام- ئېھسانلارنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ، زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ، ئۈچتۇرپانغا باردى. بۇ يەردە يىگىرىمە كۈن مىقدارى تۇرۇپ، ئالاۋىدىن بېكنى مۇھەممەت بابا توقسابىيىگە سەركار قىلىپ بەردى. مازارى ماشايىخلارغا كەڭرى نەزىر- نىيازلارنى ئۆتكۈزۈپ، دۇئالىرىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، قاقشال ئىچى ۋە قىرغىزلارنىڭ ئارىسى بىلەن كاشىغەر دارسەلتەنەتىگە راۋان بولدى. مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، كاشىغەرگە ئىككى مەنزىل كېلىدىغان ساغۇن قاراۋۇلى دىگەن جايدىكى بىر سۇ ئېغىزنى ئوتلاق- يايلاق يەر ئىكەن دەپ، بۇ جايغا نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن چۈشۈپ ئورۇنلاشتى. ئەمما كېچىسى ھاۋا بۇزۇلدى. چېقىلغان ئاۋازىنىڭ ساداسى جىلۋىگە كەلدى.
    كەينىدىنلار ئازراق يامغۇر ياغدى ئۇالر بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي تۇراتتى. لېكىن، يېرىم  كېچىدە تاغنىڭ ئاغىزىدىن بالادەك بىر كەلۈكۈن چىقىپ، غەزنە، قورال- ياراق، تۆگە، ئات، ئارغىماق، سەرۋاز، توپخانا، بازارچى، پىلتىرچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى بۇ پالاكەت ۋە ھالاكەتكە غەرق بولۇپ، نەس- نابۇت بولدى. لېكىن جانابى ئەلىنىڭ بارگاھىنى ئىگىز يەرگە تىككەن ئىكەن. كەلكۈن بالاسى تەسىر قىلالماپتۇ. زايا بولغان غەزمە. قورال- ياراق، يىگىت، سەرۋازلارنىڭ بەزىسىنى بىر كۈنلۈك ياكى ئىككى كۈنلۈك يەرلەردىن ئىزدەپ تېپىپتۇ. كۆك قىسىمىنى تاپالماي يېنىپ كېلىپتۇ. بۇ ۋەقە- ھادىسىنى زادىلا ئىزھار قىلماي ۋە بىلىندۈرمەي، قالانلىرىغا تون- كېچەك، ئات، ياراقلارنى ئىنئام- ئېھسان قىلىپ خوش قىلىپتۇ. مىزان پەسلى ئىدى. كاشىغەر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىشەكتە قوغۇن، تاۋۇز، شاپتۇل، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق يەل- يىمىشلەر يېتىپ كەلدى. جانابى ئالىلىرى قوغۇنلارنى ئۆز قولى بىلەن تىلىپ، ھەر قوغۇندىن ئۆزى بىر تىلىم يەپ. قالغىنىنى چوڭ- كىچىك سەرۋازلارغىچە ئوبدان مۇئامىلە، تەسىرلىك گەپلەر ۋە مۇلايىم سۆزلەر بىلەن تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالاھىدە رام ۋە سايياد قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ ئاتۇشتا قونۇپ، كاشىغەر دار سەلتەنەت تەختىگە كېلپ ئورۇنلاشتى. بۇ كۈنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1867- يىلى – ت) يەنى مايمۇن يىلى ماھى جامدىلئاخىرىنىڭ يىگىرىمە ئىككىنچى كۈنى (مىلادى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى – ت) ئىدى. ئاندىن كاشىغەردىكى مازاردا نەزىر- سەدىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، غېرىپ بىچارىلەر، يىتىم- ئاجىز دۇئاگۇيلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، يەككە يىگىت، سەرۋازلار، ھەممە چوڭ- كىچىك جانبازلارغا ئۆز لايىغىدا مەنسەپ، يارلىق، تون- كېچەك، خەرجى تىللا قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلدى. ئەمىرى لەشكەر مىرزا ئەھمەت قۇشېگىدىن كايىپ، ئۇنى يوق قىلدى. بۈزرۈك خان تۆرەمگە ئون مىڭ قىزىل تىللا بېرىپ، بەدەخشان يولى ئارقىلىق ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە يولغا سالدى. شۇنداق قىلىپ، ئون ئاي ئىچىدە ياركەنت، خوتەن، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار، كورلىغىچە بولغان جايلارنى قول ئاستىغا كىرگۈزدى. يەنە موغۇلىستان مەمىلكىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەممىنى يەك قەلەم بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدۇردى- ۋەسسالام.







7


ياراتقۇچى ئاللانىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن بۇ زىمىننىڭ ئۇلۇغ شاھى جانابى مۇھەممەت ياقۇپ بېك خوش ئەخلاقنىڭ بۇ يەتتە شەھەر- موغۇلىستان يۇرتىغا ئىستىلاسى ۋە ئادالەت گىلەملىرىنى يايغىنى، بىر نەچچە پاراكەندىچىلىك ۋەقەسىنىڭ يۈز

بېرىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ بايانى




[align=justify]        ئەقىدەتكەش ئەھبابلار، خەيرىيە ئەندىشە دوستلارنىڭ دانا كۆڭۈللىرىدىن مەخپى ۋە يېپىق قالمىغايكى، ئۇستا گەپچىلەر ۋە تالانتلىق ۋەزىنچىلەرنىڭ شۇنداق قىسە داستانلىرىغا قارىغاندا، ئاقسۇ، كۇچار شەھەرلىرى قولغا كىرىپ بوي سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، جانابى ئاتالىق غازى دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن دارسەلتەنەتتە تەختى كاشىغەرگە كېلىپ خاتىرجەم ئارام تاپتى.موغۇلىستان تەۋەسىدىكى دۈشمەنلەر بىر تەرەپ قىلىندى. ھۆكۈمدارلارغا بوي سۇنۇڭلار دىگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىچە، بۇ زىمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىتائەت بەلۋېغىنى مەھكەم باغلىدى. ئاتالىق غازى بۇ قىشنى تىنچ- راھەت ۋە ئەيشى- ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزدى. ئاخىرى يىل ئۆرۈلۈپ، باھار كۈنلىرى كەلدى. گۈل- رەيھانلار گۈل يۈزىدىن باش كۆتەردى. ئەنە شۇنداق ھالەتتە ئاتالىق غازى كاشىغەر، ياركەنت، خوتەندە ئىشخانا قۇرۇشقا پەرمان قىلدى. شۇڭلاشقا، زەرگەرلەر ئالتۇن، كۈمۈشتىن كەسسە كەمەر، تىردان، يۈگەن، قۇشقان، پۇشتان قاتارلىق جابدۇقلارنى تەييارلاشقا باشلىدى. تۆمۈرچىلەر شاپ- قىلىچ، ئۆزەڭگە قاتارلىق پادىشاھقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى راسلاشقا مەسئۇل بولدى. قازانچىلار كاتتا توپ ۋە چاچما ئوقلارنى ياساشقا تەيىن قىلىندى. كىيىم تىكىدىغان خەيياتلار كىمخاپ، تەتۇللا، تاۋار، بەقەسەم، شايى- ئەدرەس، بىنارەس، چىت چەكمەن ۋە خەسسە يەكتەكلەرنى تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن قىزىپ كەتتى. پوسىتىندۇزلار (جۇۋىچىلار – ت) قۇندۇز- بۇلغۇن، سۈلەسۈن، تۈلكە تېرىسىدىن تۇيۇق كۆرپە، ئۇرۇشتا كىيىدىغان جىبىيە تون، رۇمچە نىمچە، شىم، تەلپەك، تۇماقلارنى تىكىشكە مەشغۇل بولدى. موزدوز- ساراچىلار ھەر خىل كەسسە كەمەر، تىردان، پۇشتان، ئۆزەڭگە بېغى، يۈگەنلەرنى راسلاشقا كىرىشتى. ياغاچچى، قونداقچى، مىخگەر، قۇيماگەر، ئىلمەدۇز، زەردۇز، چېدىرچى- خىمەگەر قاتارلىق ھەممە ئەھلى كەسپ ۋە ھۈنەرمەنلەرنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ھۈنەرلىرىگە كىرىشىپ، پاتپاراق بولدى. قوقەند دار سەلتەنەتىنىڭ ئىشخانىلىرىدىن چققان ئۇستا ۋە ماھىر ئۇستىلارنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇسىتىلارغا ئۇستا بېشى قىلدى. مەللە خاننىڭ نامىدا تىللا سوقتۇردى. فەرغۇچىننىڭ پۇلىغا ئوخشىتىپ مىل پۇل قويدۇردى. ھەممە ئۇستا بېشىلارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئىش بېشىلارنى تەييارلاپ، ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە ئايلىق تەمىنات بەلگىلىدى. ھىچقانداق ئادەمگە زورلۇق ياكى تەھدىت سالمىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۆزى خالىغانچە كېلپ، ئۆز ھۈنەرلىرىنى قىلىپ، قىلغان خىزمىتىگە لايىق ھەق- ئەجىرىنى ئالدى.
        ئاتالىق غازى ئادالەت ئىشىگىنى ئاچتى. زۇلۇم ۋە دەرت- ئەلەملەر خۇددى سۇمرۇغ قۇشىدەك كۈيقاپ ئىچىدىن ۋەتەن تۇتتى. ھەممە پۇقرا ۋە خالايىق ئاتالىق غازىنىڭ دۇئاي دۆلەتلىرىگە بىئىختىيار قوللىرىنى ئېچىپ، مىچىت- مەسچىتلەردە بەش ۋاقىت نامازنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئاتالىق غازىنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىنىڭ زىيادىلىكىگە دۇئالارنى قىلىشتى. ئادالەت سىياسىتىنى ناھايتى ئېھتىيات بىلەن يۈرگۈزۈپ، پۇقرا ۋە خالايىقنىڭ پۇل ۋە جېنىغا ئەسكەرلەرنىڭ قول ئۇزۇتۇپ دەخلى قىلماسلىغىنى قەتئىي قەيت قىلىپ بېكىتتى. بىر كۈنى نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلار ياركەنتتىن كاشىغەرگە ئەمدىلا كېلىپ، چۆلدىن ئاۋادانلىققا چىقىپ تۇرغان بىر ھالەتتە، بىر كەمپىر مەزلۇم بىر نەچچە تاۋاق قېتىقنى يولغا ئېلىپ چىققان ئىكەن. بىر يۈز بېشى بىر تاۋاق پۇل بەرمەي ئىچىپ كېتىپتۇ. ئاڭغىچە ئاتالىق غازى كېلىپ قاپتۇ. كەمپىر مەزلۇم ئۇنىڭغا «بىر سىپاھى بىر تاۋاق قېتىغىمنى ئىچىپ، پۇل بەرمەي كەتتى» دەپ ئەرز قىلىپتۇ. ئاتالىق غازى ناھايتى مېھرىبانلىق بىلەن «قېتىق ئىچكەن سىپاھنى تۇنۇمسىز» دىگەندە ئۇ «تونۇيمەن» دەپتۇ. قوشۇن ئىچىگە كىرگۈزسە ، ئۇ «مانا مۇشۇ سىپاھ شۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن. ئاتالىق غازى پەرمان بىلەن «ئەي ئانا، بۇ يىگىتنىڭ قورسىغىنى يېرىپ كۆرىمەن، ئەگەر قېتىق ئىچىدىن قېتىق چىقمىسا، سىزنى سويسام ۋابال بولمايدۇ» دىگەندە ئۇ «ۋابال بولمايدۇ» دىگەن ئىكەن. ئاندىن يىگىتنى دەرھال سويۇپ قارنىنى يېرىپ كۆرسە، مەزكۈر قېتىق تېخى ئۆزگەرمىگەن ئىكەن. بۇ يىگىتنىڭ تون- كىيىملىرىنى مەزكۈر كەمپىرگە بېرىپتۇ. شۇنداقلا جانابى ئالى غازى تۇنجى قېتىم ئاقسۇغا كەلگەندە، بىر يىگىت بىر بىدىچىنىڭ ئىككى باغ بىدىسىنى پۇل بەرمەي زورلۇق قىلىپ ئېلىپ ئېتىغا بېرىپتۇ. بىدە ئىگىسى ئەرز قىلىپتۇ. ئاتالىق غازى تەھققلەپ بىدە ئالغان يىگىتنى تېپىپ، زورلۇق قىلغاننىڭ سازايى دەپ، قىلمىشىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىغا ئىبرەت ئۈچۈن سويۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىتلەر بىرەر ئادەمنىڭ بىرەر نەرسىسىگە زورلۇق قىلىشقا ياكى بازار نەرقىدىن كەم سوراپ قاتتىق- يىرىك سۆزلەرنى قىلىشقا ھەددى بولمىدى ۋە بۇنداق ئىشلارمۇ تامامەن يوقالدى. ئالماق- ساتماق ئىشلىرىدا ھەممە ئادەم مۇلايىم ۋە شىرىن سۆز بولۇپ، تىنچ مۇئامىلە قىلدىغان بولدى. يەنە بىر قېتىم جانابى ئاتالىق غازى ئاقسۇغا كەلمەكچى بولۇپ مارالۋېشىدىن ئۆتكەندە، ئۆز پەرزەندى بىر نەرسىگە ئوق ئېتىپتۇ. ئۇ تەرەپتە بىر ئىشەك ئوتلاپ يۈرگەن ئىكەن. ئوق بېرىپ خاتا تېگىپ ئىشەكنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئىشەكنىڭ ئىگىسى «ئۇشبۇ يىگىت ئىشىگىمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويدى»دەپ ئەرز قىلىپ، يىگىتنى كۆرسەتكەن ئىكەن. قارىسا ئۆز پەرزەندى. ئۇنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، رىئايە قىلماي تاياققا تۇتۇپ، «سىز ئاتلىق غازىنىڭ ئوغلى بولىمەن دەپ پۇقرانىڭ ئىشىگىنى ئاتسىڭىز ۋە سەۋەپسىز ئوق چىقارسىڭىز بۇلامدۇ» دەپ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، قاتتىق ئەدەپ بەرگەن ئىكەن. بۇ بالا شۇ سەۋەپ بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، ئەمىرائى، سەرۋازلار كۆڭلىگە قورقۇنچ ۋە زىل- زىلە، ۋەھشەت- لەرزەلەر چۈشۈپ، ھەممىسىلا يېڭىۋاشتىن تۆۋە – ئىستىخپار بىلەن ياقىلىرىنى تۇتۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىتائەت ۋە ئىناۋەتكە بەل باغلىدى.
         ئەلۋەتتە، پادىشالا مۇلازىم- خىزمەتكارلىرىنىڭ زۇلۇم تەئەددۇتلىرىنى سەل چاغلاپ، گۇنالىرىغا غاپىل ۋە سۇسلۇق قىلىپ، سىياسەتتە ئولتۇرغۇزمىسا، باشقا مۇھىم ئىشلارغا مەسئۇل بولغان ياكى مۇھىم ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇردىغان كاتتا ئەمەلدار ۋە ئۇلۇغ ئەمىرلەر، بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ھۆكۈمەت شىرازى- ئىنتىزامى سۇسلۇققا، يۇرتدارلىق ئۆلچەملىرى بۇشاشقا يۈزلىنىپ، خالايىقنىڭ رايى قايتىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىزامى قوزغىلىپ كەتسە، كېيىن بۇنى ئۆز جاي- مەركىزىگە ئېلىپ كېلىشكە تەدبىر ئاجىزلىق قىلىدۇ ياكى يېتىشمەيدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خەيرىيەتلىك كۈنلەر ۋە دۆلەت ئىنتىزامى كۈچەيگەن زامانلارغا، بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە خالىغانچە زورلۇق ۋە تەئەددى قىلىدىغان ئەھۋاللار، مەيلى ئەل ئىچىدىنياكى يىگىتلەر ئارىسىدىن تامامەن كۆتۈرۈلدى. جانابى ئالى غازىنى ھەمىسىلا ھازىر تۇرغاندەك كۆرۈپ، «يىراق يېقىندۇر، غايىپ ھازىردۇر» ، «كېچەپ كۈندۈز دۇر» دىيىشىپ، ھەر قانداق كىشى سەۋەپسىز ۋە ئورۇنسىز بىر ئىشقا قەدەم قويالمىدى. بەلكى بۇنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ مەيلى غايىپ بولسۇن ياكى يېقن- يىراق بولسۇن، ئۇنى خۇددى ھازىر قاراپ تۇرغاندەك كۆردى ۋە ئۇنى شۇنداق بىلىپ ئېتىقات قىلدى. ئەمما ۋەقەنى خەتلەپ تۇرىدىغان ماراقچىلار ھەر زامان، ھەر ماكان ۋە ھەر جايدا ھازىر بولۇپ تەييار تۇراتتى. بۇ تايىپىلەرنى ھىچبىر كىشى زادى بىلمەيتى ۋە تونۇمايتى. 
     ئەلقىسسە، ئاتالىق غاز مۇھەممەت ياقپ بېكنىڭ يىگىتىلىرى سانى ئەللىك مىڭدىن ئاشتى. ئىشخانىلاردا ئايىلىق- تەمىنات ئالىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئەللىك مىڭغا يېقىنلاشتى. غەزنە بايلىغىمۇ خېلى بوشاپ قالدى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەت ھۆكۈمرانلىغى شەرقىي تەرەپتە باغراش ۋە ئۇششاقتال، شىمالى تەرەپتە مۇزتاغ ۋە زەۋقى، غەرىبىي تەرەپتە ئالاي ۋە بەدەخشان، جەنۇبىي تەرەپتە قاراڭغۇ مۇز تاغ، لوپ، چەرچەنگىچە بولغان جايلارغا سۇزۇلغان ئىدى. ئاتالىق غازى مۇلازىملارنى چىقىرىپ بۇ ھۇدۇت ئىچىدىكى تاغ- جەزىر، يايلاق ۋە قىشلاق، جاڭگال ۋە تاشلاق (ئىگىسىز جايلار – ت) بولۇپمۇ، ئولجا ۋە خىنىيە زىمىنلار (خان ياكى دۆلەتكە تەۋە زىمىن – ت)، باغلار، شەھەر، سەھرا ۋە كەنت- قىشلاقلارنى ساتماققا تەرەددۇت قىلدى. جۈملىدىن ئاقسۇغا مۇھەممەت نەزەر قۇشبېگى، مىرزا قاسىم مۇھتەر، مىرزا ئابدۇلئەزىز بۇخارى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، ئاقۇسلۇق ئابدۇللا دىۋان بېكنى مۇباسىركار- مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلەپ، خىتاي، تۇڭگانىلاردىن قالغان باغ، زىمىن، بىنەم- جاڭگال، يايلاق ۋە قىشلاقلارنى ۋە خىنىيەلەرنى ساتماقچى بولدى.
     بۇرۇنقى چاغلاردا خاقانى چىنى ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرگە ئىگە بولۇپ ۋالىلىق قىلغاندا، ئاقسۇدىكى ھاكىم ئىشىك ئاغا باشلىق قىرىق ئالتە بېكنىڭ ھەر بىرىگە قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن خىنيەدىن بېرىدىغان مائاش-كولەن كۈمۈش ئورنىغا زىمىن ۋە ئادەم تەييارلاپ بەرگەن ئىكەن. چوڭلىرىغا كۆپىرەك، كىچىكلىرىگە ئازراق بېرىدىكەن. مەسلەن ئاقسۇغا ھاكىم بولغان كىشىگە بىر يۈز ئۆيلۈك، ئىشىك ئاغا بولغان كىشىگە ئاتمىش ئۆيلۈك، مەرتىۋىسى كىچىكلەرگە تۆت ئۆيلۈكتىن ئادەم ۋە شاڭلاپ زىمىن بەرگەن ئىكەن ۋەن بۇ ئادەملەر تەيىنلەنگەن شۇ بەگلەرنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلسۇن، خىزمىتىنى ئۆتىسۇن دەپ جۇلدۇ-جاساق قىلىپ يارلىق بەرگەن ئىكەن. تا ئىسلام بولغىچە ھەر قانداق ئادەم قايسى مەنسەپكە يەتسە، بۇ يارلىق ھۆكۈمى بويىچە، جۇلدۇ قىلىپ بېرىلگەن مەزكۇر زىمىننى تېرىپ، ئادەملىرىنى ئىشىلتىپ، خىزمىتىگە سېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ قائىدە-ئون يەتتە شەھەرنىڭ ھەمىلا جايىدا بۇرۇندىن بۇيان جارى بۇلۇپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىكى بەگلەر بولسا ئۇلارنى خۇددى سېتۋالغان مۇلىكى ۋە ئالتۇنغا تىگىشكەن قۇللار ياكى ئاتا مىراسى قۇللىردەك كۆرۈپ، مەزكۈر ئادەملەرنى خالىغانچە پۇل، ئوتۇن، ياغاچ قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى ئالغانلىغىنى ۋە يەر تېرىتىپ غەللە ھاسىل تاپقانلىغىنى ئۆزىگە ھالال دەپ قاراپ، بۇ ئىشقا ئەقىدە قىلىدىكەن. بۇ ئادەملەر يۇرت، خالايىققا ئارلاشمايدىكەن ياكى ھەر قانچە پۇل بېرىپ، ئەقەللى ئون بېشى، مۇئەززۇن، جارۇپ قاتارلىق ئەمەللەرنىمۇ ئالالمايدىكەن. بۇلار يۇرت ئىچىدە، «قوڭى تامغىلىق ياچى» دەپ ئېتىۋارغا ئېلىنمايدىكەن.
     يەنە يەتتە شەھەر خىتايلارغا قارىغاندىن كېيىن، خىتايلارمۇ سۇ چىقىرىپ ئاۋات قىلغان زىمىنممۇ، خىنىيە دەپ ئاتايتى. ئاتالىق غازى مەزكۈر خىنىيە زىمىنىدكى يايلاق ۋە قىشلاقلارنى، شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ياكى ئۇنىڭغا يېقىن كەنت، مەھەللىلەردىكى كىشلەرگە سېتىپ بېرىپ، پۇلنى دۆلەتخانىغا ئالدى. ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئاقيار، كەلپىن، تا قوشتام، ئونباشقىچە بولغان زىمىنلارنى بەش لەك ئەللىك ئالتە مىڭ تەڭگە پۇل بەردى. باي، سايرام قاتارلىق جايلار بولسا ئەڭ كەم دىگەندىمۇ تۆت لەك تەڭگە پۇل بولدى. ئالتە شەھەرنىڭ قالغان جايلىرىدىكى ئەھۋالنى مۇشۇنداق بەلكى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق دەپ بىلسە ۋە ئىمتىھان قىلىپ كۆرسە بولىدۇ. شۇنداقلا، ھەر يىلدا بىر كاتتا سىپاھى بىر نەچچە مىرزا بىلەن كېلىپ، پادىشالىق زىمىن سېتىلماي قالغان ئىكەن.بىز تەكشۈرۈشكە كەلدۇق دەپ تەھقىقلەپ، بانىلارنى كۆرسىتىپ، كەمنى تولدۇرىمىز دەپ، نەچچە مىڭ تەڭگە پۇلنى دۆلەتخانىغا ئالاتتى. يەنە «مەزكۈر زىمىنلارنى جانابى بەدۆلەت ئاتالىق غازى سېتىپ، پۇلىنى مەن ئالدىم» دەپ خەت- چەك يېزىپ، ئۆز مۆھرىنى ۋە ئۆلىمائى- ئەززەملەرنىڭ چوڭ مۆھۈرلىرىنى باستۇرۇپ بېرەتتى. كېيىنچە يەنە ساتقان زىمىنلارنىڭ مۆھۈر پۇلىنى بەرمىگەن ئىكەن دەپ، بىر تەڭگىگە بىر داچەن، يۈز تەڭگىگە زىمىن ئالغان ئادەمگە تۆت تەڭگىدىن مۆھۈرانە پۇل قويۇپ، يەتتە شەھەردىن نەچچە لەك تەڭگە پۇل ئالدى.



[align=justify]     بۇ كۈنلەردە كاشىغەردە پۇقرالار جەم بولغان بىر مەجلىستە، بىر ئادەم ئۇستىلىق، بەلكى تەنە بىلەن «ھەجەپ تىنچىلىق ئوبدان زامان بولدى، قوينىڭ ئۇچۇسىدا تورغاي ئۇگا سالدىغان زامان بولدى» دىگەندە ، كاشىغەر تالىپلىرىنىڭ ئەلەملىرىدىن بولغان موللا زەرىپ «جانابى ئالىلىرى يەتتە قەۋەت زىمىننى تۈگەتتى. تورغاي ئۇگا سالىدىغان جايمۇ قالمىدى، ئەمدى قوينىڭ ئۇچىسىغا ئۇگا قىلماي نەگە قىلسۇن» دەپ ئۇستىلىق بىلەن جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.
     رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، كۇچارلىق خوجىلار زاماندا، كەشمىر تەرەپتىن مۇھەممەت ئەلىخاننىڭ ئوغلى مۇزەپپەرخان ياركەنت مەمىلكىتىگە كېلىپ، ئاندىن كۇچارغا بېرىپ، كۇچاردىن كورلىغا كەلگەندە، ئاتالىق غازى ئۆزىنىڭ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرى بىلەن كۇچارغا كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپتۇ. ئۇ بىر نەچچە ۋاقىت غۇربەتچلىك بىلەن ئۆمۈر كەچۈرۈپ تۇرغان كۈنلەردە، ئىلى تەرەپتىن بارغان فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ بەزى سودىگەر بايلىرى مۇزەپپەر خاننى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىززەت- ئىكراملىرىنى قىلىپتۇ. تۇڭگانىلارنىڭ ئۇلۇغى داۋۇد خەلپە بۇنى ئاڭلاپ، ئارتۇق ئىززەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا نەچچە ساندۇق چاي ۋە كۈمۈش بېرىپتۇ. باشقا تۇڭگانىلارمۇ نەزىر- سەدىقىلەرنى قىلىپتۇ. قولىغا پۇل كىرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئەتىراپىغا بىرمۇنچە ئادەم جەم بولۇپتۇ. بۇ كۈنلەردە قوقەنددىن قېچىپ كەلگەن ۋە مۇھەممەت ئەلىخاننىڭ خىزمىتىدە بولغان كونا ۋە چوڭ سىپاھلاردىن مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، نار مۇھەممەت پەرۋانىچى، مىربابا دادخۇا غازى پانسەت قاتارلىقلار مۇزەپپەر خانغا « ئىلاجى بولسا ئاقسۇ تەرەپكە، ئەقەللىسى كۇچار تەۋەسىگە قەدەم- تەشرىپ قىلسىلا، ئۆزلىرىنى خان كۆتۈرۈپ، يەتتە شەھەرگە خان قىلىپ، خىزمەتكارچىلىق قىلساق، سىلى ھەممىمىزنىڭ ئۇلۇغ خانزادىمىز ۋە خوجىمىز» دەپ كەينى- كەينىدىن خەت يېزىپتۇ. ئاتا- بوۋىلىردىن تارتىپ يۇرت سوراشنى كەسپىي ھۈنەر قىلىپ كەلگگن مۇزەپپەر خاننىڭ ئۇلۇغ بولۇپ، سەلتەنەتتە ئولتۇرۇش ئارزۇ- ئىشتىياقى ئۇنىڭ دىل كۆڭلىنى بىقارار ۋە بىئارام قىلىشقا باشلىدى. پاراكەندە تۇڭگانىلاردىن بىرقانچىسى ۋە مۇساپىر نەمەنگانىلار جەم بولۇپ جەمئىيەت پەيدا قىلدى. بىر نەچچە بايلار ھۆكۈمەت تاماسىدا قولىدىكى دەسمايىلىرىنى قەرز بەردى ۋە باشقىلاردىنمۇ قەرز ئېلىپ بەردى. ئات، قورال- ياراق، بايراقلارنى ھازىرلاپ، شاپاشلاپ، ناغرا، كانايلارنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، كورلىنى ئىشغال قىلدى. كورىلىنىڭ ھاكىمى ھاجى بېك كۇچارغا قېچىپ كېلىپ، ۋەقە- سۈرەتلەرنى بىر- بىرلەپ تىزىپ، خۇددى كۆز قاماشتۇردىغان چېقىلغاندەك تېز يۈرۈشلۈك بىر ئەرزىچىنى كاشىغەر دارسەلتەنەتكەر ئىلدام يولغا سالدى.
     جانابى ئاتالىق غازى مۇزەپپەر خاننىڭ كورلىغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ، كونا ۋە كاتتا ساھىپىلىرىدىن ئەندىشە قىلدى. چۈنكى، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلۇغى ۋە خانزادىسى ئىدى. شۇڭلاشقا، دەرھال ئىسھاق خوجام نامىغا پەرمان چۈشۈرۈپ «مۇزەپپەر خاننىڭ ئۈستىگە ئۆز يىگىتلىرىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ، ئىلاجى بولسا مۇزەپپەر خاننى تىرىك قولغا كەلتۈرۈڭ. ئەگەر مۇيەسسەر بولمىسا ھەر قانداق قىلىپ ئوتتۇردىن كۆتۈرۈپ، خىزمەتكارچىلىغىڭىزنى مەلۇم قىلغايسىز» دىدى. بۇ ئىتايەتنامە يېتىپ بېرىشى بىلانلا، ئىسھاق خوجام قول ئاستىدىكى ئىككى مىڭ يىگىتى بىلەن كورلىغا يېتىپ بېرىپ، مۇزەپپەر خان بىلەن ئۇرۇشتى. مۇزەپپەر خان ئاز ئادەم بىلەن قېلىپ، باراۋەرلىك قىلالماي بىر چېدىرغا يۇشۇرۇندى. چۈنكى، ئۇ ئىلگىرى بىرمۇنچە ئەسكى قالماق بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ئىدى. بۇلار ئىسھاق خوجامنىڭ نۇسرەتلىك ئەسكەرلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۆزلىرىنى ياقىغا ئالغان ئىدى. ئىسھاق خوجام چېدىرنى قورشاپ، تەرەپ- تەرەپتىن ئوق ئېتىپ، مۇزەپپەر خاننى ھالاكەتكە يەتكۈزدى. ئۇنىڭ چېدىر ئوق زەربىسىدىن گويا غەلۋىردەك بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ۋەقە تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بەشىنچى يىلى (مىلادى 1868- يىلى ت) يەنى مۇرغ (توخۇ يىلى – ت) مىزان پەسلىدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئاقسۇ ھاكىمى ھېكىم خان تۆرەم ئالى پەرمان بويىچە قىزىل دىگەن يەردە قارا كۆرسىتىپ، ھىمايە قىلىپ تۇرغان ئىدى. لېكىن مۇساپىر نامىدىكى پانسەت، يىگىت قاتارلىقلارنى كۇچارغا كىرگۈزمىدى. چۈنكى، ئۇلاردىن ناھايتى ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا شۇنداق پەرمان بېرىلگەن ئىدى. مۇزەپپەر خان بىر تەرەپ قىلىنمىغۇچە بۇ خەۋەرنى كاشىغەردىكى ئەمىرى لەشكەر، پانسەتلەرگە زادى ئىزھار قىلمىغان ئىدى. ئەمما بايلار قاتارىدا كەلگەن نەمانگانى مۇسا كالال باينى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئادىمىنى كاشىغەرگە ئاپىرىپ يوق قىلدى. مۇزەپپەر خاننىڭ ئۈستىدىن زەپەر قىلىپ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى. يەنە شۇ كۈنلەردە فەرغانە ۋىلايىتىدىن سەيىد ۋە پازىللاردىن بولغان ئەھرارخان تۆرەم ۋە سەيىد ئەردىلەرنى داموللام قاتارلىقلار كاشىغەرگە كەلدى. بۇ كۈنلەردە يەنە بىر ۋەقە بولدى. يەنى ئىراق تەرەپتىن شەيىخ مۇھەممەت ۋە شەيىخ ئەخمەت دىگەن ئىككى ئادەم ساياھەت قىلىپ، بەدەخشانغا كېلىپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنى مۇبارەكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئىزھار قىلىپ خەت- ئەرز بەرگەن ئىكەن. بۇ خەتتە "بىزلەر مەككە- مۇئەززەمە شېرىپلىرىنىڭ ساپ نەسەپلىك ئەھلاتلىرىدىن بولىمىز. پەيغەمبەر ھەزرەتنىڭ قەۋرە- باغىستانلىرىدىن بىشارەت بولۇپ، نېسىپ- رىسقىمىز بۇ دىيارغا چۈشتى. خېلى مۇدەتتىن بويان بەدەخشان ئۇلۇغلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۇ جايدا تۇرۇپ قالدۇق. جاناپلىرىنىڭ ئىسلام ئېچىپ پادىشا بولغانلىرىنى خۇداۋەندەركېرىم مۇبارەك قىلغاي، ئەمما ئۆزلىرىگە دۇنياۋىلىق ۋە ئاخىرەتلىك توغرىسىدىن بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىش لازىم ۋە زۆرۈر كۆرۈلدى. ھازىر بەزىلەر ئالەمۇلغايىپتىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، ئۆزلىرى باشلىق جەمئىي يۇرتلىرىغا ئىلاھى قازاسى بىلەن بىر ئاسماندەك ئاپەت چۈشۈپ تۇرۇپتۇ. بىر ئىلاجى قىلىپ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش لازىم. جاناپلىرى باشلىق ھەممە چوڭ- كىچىك ئۆلىما ۋە پەزىلالار، ئەمىر ۋە ئەمىراىلار، پۇقرا ۋە خالايىق، ئاتا- بوۋا، ئۇلۇغ ئەرۋاھلارغا سېغىنىپ، يېڭىۋاشتىن تۆۋە قىلىپ، يالۋۇرۇپ يىغا- زارە قىلىپ، نەزىر- نىياز، خەير- سەدىقىلەرنى ئادا ئەيلەپ، بۇ بالايى ئەززەمدىن ئامان ۋە نىجات بولۇشقا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلغايلا. بىزمۇ كېچە- كۈندۈز دۇئاغا مەشغۇلدۇرمىز" دىگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىكەن.
     بۇ خەت- ئەرز يېتىپ كەلگەن ھامان، جانابى ئالى غازى چوڭ سەيىدلەر، قازى ئۆلىما ۋە پەزىلالار، ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، ئەمىرالارنى ھازىر قىلىپ، بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئايان ۋە بايان قىلىپ، ئۆزى باشلىق ھەممىسىلا يېڭىدىن ئالاھىدە توۋا قىلىپ، يۇرت، ۋىلايەتلەرنىڭ ھاكىملىرىغا ۋە پۇقرا- خالايىققا ئېلان چىقىرىپ، "ھەر بىرىڭلار مەنئىي قىلىنغان يامان ئىشلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىپ يالۋۇرۇپ، نەزىر- سەدىقىلەرنى بېرىڭلار" دەپ ئالى ئىنايەتنامە چۈشۈردى. شەھەر- شەھەرنىڭ ئادەملىرى ۋاقىپ بولۇپ، ھەممىسىلا چىن قەلبىدىن يالۋۇرۇپ يىغا- زارە قىلىشىپ، توۋا- ئىستىخپار بىلەن شۇغۇللاندى. ئاتالىق غازى مەزكۈر شەيخلەردىنمۇ ئامانلىق سوراپ، تۆھپە- ھەدىيە ئەۋەتىپ، ئىنايەتنامە بەردى. مەزكۈر ئىككى شەيخ بۇنى ئاڭلاپ بىلىپ، بىزنىڭ دىگەنلىرىمىز ياقۇپ بېك باشلىق يەتتە شەھەر ئادەملىرىگە تەسىر قىلىپتۇ. ئەمدى ئۆزىمىز بېرىپ فەزىل-كارامەت قىلىپ كۆرەيلى. قېنى ئىشىمىز نەدىن چىقىدۇ دىيىشىپ، رام ھىلىنى يېيىپ، يالغانچىلىق دانلىرىنى چېچىپ، ھىلە- مىكىر ۋە نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ يالغان دەۋالارنى تەييارلاپ، شەيخ مۇھەممەت ئۆزىنى "مەھىدى ئاخىر زامان [177] دىگەن مەن بولىمەن" دەپ، شەيخ ئەھمەت ئۇنىڭغا ۋەزىر بولۇپ، ياركەنت زىمىنىغا كەلدى ۋە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن "مەن سىزلەرنى بەيئەت ۋە ئىناۋەت قىلدۇرتۇپ، راست يولغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن كەلدىم" دەپ ئىمام مەھىدىلىك دەۋاسىنى قىلدى.
     بۇ چاغدا، ئەينى زمان دىنىي ھوقۇقلار ئىلمنىڭ ئالىمى قازى زىيائىددىن داموللام ياركەنتتە قازى كالان ۋە شەرىئەت باشلامچىسى بولۇپ تۇراتتى. ئۇ بۇ شەيخلەرگە "بۇ مەنىسىز دەۋلارنى قىلىپ، ساراڭ ئەسەبىلەردەك كاللاڭلارنى بۇزماڭلار" دەپ، شەرىئەت يوللىرىنى كۆرسىتىپ، پەند- نەسىھەت قىلدى. لېكىن، بۇ ئۇ خىل يولدىن ئازغان يامان نىيەتلىك شەيخلەرنىڭ قارا كۆڭلىگە تەسىر قىلمىدى. قازى كالان بۇ ئەھۋالنى بەدۆلەت ئالىلىرىغا ئەرز قىلدى. ئاتالىق غازى ئەرز مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدى ھەم ئۇنىڭدىن "شەرىئەت ۋە مىللەتنىڭ توغرا ۋە پاك ھۆكۈم- يوللىرى بويىچە، بۇ دەۋاگەر كاززاپلارنىڭ كاساپىتىدىن ئامان قالغايسىزلەر" دىگەن ئىنايەتنامە كەلدى. قازى كالان بۇ ئىنايەتنامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۇ ئالدامچىلارغا يەتكۈزۈپ، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى چۈشەندۈرسە، ئۇلار يۇقارقى دەۋالىرىدىنمۇ چوڭ ۋە ئاجايىپ دەۋالاردىن ئېغىز ئېچىپ، "خۇداۋەندە ئالمىيان ئۆز ئىرادىسى ۋە تىلىگى بويىچە ئۆزىنى ياقۇپ بېكنىڭ ۋۇجۇت- شەكىلىدە كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، بۇ زىمىن يۈزىنىڭ خۇداسى ياقۇپ بېكتۇر. بۇنى سىزلەر بىلىشىڭىزلەر كېرەك. بىزنى ياقۇپ بېك ئەۋەتكەن، بۇنى ئۆزى بىلىدۇ، مۇبادا بىزنى ئۆلتۈرسەڭلا، بىزنىڭ ھەر بىر قەترە قېنىمىزدىن نەچچە مىڭ قورال- ياراقلىق ئەسكەر تۇغۇلۇپ، يەتتە شەھەرنى، ھەتتا زىمىن يۈزىنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىدۇ. بىزنى سەل چاغلاپ، بىرەر چوڭ بالا- قازاغا مۇپتىلا بولماڭلار" دەپ يەنە بىمەنە دەۋالارنى قىلدى. بۇنى يېزىشقا قەلەم تەۋرىمەيدۇ ھەم ئېغىز بارمايدۇ – خۇدا ئۆزەڭ پانا بولغايسەن!
     ئەھۋال بۇ يەرگە يەتكەندە، ھەممە شەرىئەتشوئار ئۆلىمارلار بىر نىيەتتە بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، دىن مۇجتەھىدلىرىنىڭ قوللىرى بىلەن، بۇ يالغانچى ئازغۇنلارنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە بۇيرۇپ، ھەممە چوڭ- كىچىك مەمىلكەت ئەئيانلىرى، پۇقرا- خالايىق ھازىر بولۇپ، ئۇلارنى بىر كەڭرى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، يەرگە بېلىگىچە كۆمۈپ، ئالدى بىلەن قازى كالان، مەزكۈر ھۆكۈم بويىچە تاش ئاتتى. ئاندىن چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن ئۇلارنى ئۆلگىچە تاش- كېسەك قىلىپ يوقىتىپ، بۇ پاكىز زىمىننى ئۇ كاپىر بۇزۇقلارنىڭ يامانلىغىدىن تازىلىدى.
      بۇ كۈنلەردە يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ چاغدا بىر قانچە سودىگەرلەرگە ھىندىستان تەرەپكە بېرىشقا رۇخسەت بېرىلگەن ئىدى. شۇغنان قاراقچىلىرى يولدا بىر سودىگەرلەرنى بۇلاپ، ئولجا- ئەسىر قىلغانلىغى خەۋىرى ئاتالىق غازىنىڭ سائادەتلىك قۇلاقلىرىغا ئاڭلاندى. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، يەتتە مىڭ لەشكەر تەييارلاپ، ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر بىلەن ھاجى مىرزا بېشىنى باش قىلىپ، يىگىرىمە پانسەت ۋە ئىشقا يارايدىغان بىر قانچە ئەمرائىلەرنى ھەمرا قىلىپ، ئالتە يۈز تۆگىدە ئاز- ئۇزۇق، قورال- ياراق ۋە ئون مىڭ قوي قاتارلىق قورال- جابدۇق، ئۇزۇق- تۈلۈك بىلەن شۇغنان تەرەپتىكى ئەسقەر ئەلى خان ئۈستىگە يارلىق بىلەن يولغا سالدى. يارلىقتا " سىزلەر بېرىپ شۇغنان ئۇلۇغىغا دەپ سودىگەرلەرنىڭ پۇل- ماللىرىنى تامامەن ئېلىپ بېرىڭلار. ئۇ ئەگەر بىزگە ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىللسا، ئەھدى- پەيمانلارنى توختىتىپ كېلىڭلار، مۇبادا باش تارتىپ قۇبۇل كۆرمىسە، ئۇرۇشۇپ تالان- تاراج، قىرغىن ۋە ئولجا- ئەسىر قىلىڭلار" دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇلار دەشت- جەزىرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، شۇغنانغا بېرىپ، ئەسقەر ئەلى خانغا سىياسەت قىلىپ خەت يېزىپ، ئەلچى كىرگۈزدى. ئەسقەر ئەلى خان بۇنى ئاڭلا ھۇش كاللىسىنى يوقاتتى. سودىگەرلەرنىڭ پۇل- ماللىرىنى تامامەن قايتۇرۇپ، ئۇلارنى خوش ۋە رازى قىلدى. ئاندىن دوستانىلىق رەسمىيەتلىرىنى تۈزۈپ، ئىتائەت ۋە پەرمانغا بوي سۇنۇپ، ئەلچى بىلەن ئەرز- خەت چىقاردى. خەتتە "بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرى يوق، ئۇنى باشباشتاق پۇقرالار قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ قاتتىق جازاسىنى بېرىپ، ئۆزەم باشلىق ھەممىمىز بۇ نالايىق ئىشلاردىن توۋا قىلدۇق. ئەگەر قىرغىنىچلىق ۋە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىمەن دىسە، بۇ ياقۇپ بېك خاننىڭ ئۆز ئىختىيارىدا، ئەگەر ئىلتىپات قىلىپ،بىزنى قۇل ۋە خىزمەتكار ئورنىدا كۆرۈپ مەرھەمەت قىلسا، مەنكى قېرى قۇل چاكارلىق قىلىمەن. بۇرۇنلا ئەرز بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇبارەكبادلىق قىلىپ، دوستلىق ئورنىتىش لازىم ۋە زۆرۈر ئىدى. ئەيىپ مەندىن ئۆتۈپتۇ، ھېلىمۇ دوستانىلىق قائىدە- رەسمىيەتلەنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى قەدەم، ئىمانلار بىلەن مۇستەھكەملىسەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە نومۇس پەردىسى ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بىر غۇنچە نەۋ باھارىم بار. بۇنىڭغا ھىچقانداق سەھەر شامىلىنىڭ بۇي- پۇراقلىرىمۇ تەگمىگەن، ئۇنىڭ باغىستان- ئانارىستانىغا ھىچكىم قول ئۇزاتمىغان. ئەگەر جانابى ئالىنىپ پاك تەبىئەتلىرى خالايدىغان بولسا، ئۇنى قۇل- چۆرىلىرى قاتارىدا تارتۇق قىلسام" دىگەن بىر قانچە سۆز يېزىلغان ئىدى. ئۇ يەنە " بۇ ئەرز- خەتنى ياقۇپ خاننىڭ سائادەتلىك قۇلاقلىرىغا ئىزھار قىلىپ قويسىلا" دەپ ئۆتۈنگەن ئىدى.
     ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر قاتارلىقلار بۇ خەت- ئەرزنى يېتىپ كەلگەن ھامان جانابى غازى ئالىلىرىغا ماڭدۇردى. جانابى ئالىلىرى خەتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، خۇرسەنلىك بىلەن ئەسقەر ئەلى خاننىڭ قىزىنى ئۆز ئاياللىرىنىڭ قاتارىغا قوشماقنى ئىختىيار قىلىپ، كەڭرى جابدۇقلار بىلەن پانسەت توختى خان ئايىمىنى باش قىلىپ ئادەم ماڭدۇردى. ئەسقەر ئەلى خان بىلەن دوستلۇق قائىدە- رەسمىيەتلىرىنى ئادا قىلدى. ئۇشبۇ ھەيۋە ۋە سۆلەت بانىسى بىلەن كانجۇت ئۇلۇغى سەفىدەر ئەلى خانمۇ ئىتائەت ۋە ئىناۋەت رىشتىسىنى بوينىغا سالدى. ۋاجاقنىڭ ئۇلۇغىمۇ پەرمانبەردارلىق رىشتىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئەتىراپتىكى كوھىستان- تاغلىق رايۇنلارنىڭ ھەممە ئۇلۇغلىرى جانابى ئالىلىرىنىڭ قەيد- ئىتائەتلىرىگە كىردى. يۇرتلارغا ئاراملىق، يوللارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك پەيدا قىلدى.
    بۇنىڭغىچە جەددى پەسلى يېقىنلىشىپ، "توقسان" [178] كىرىشكە باشلىدى. جانابى ئالىلىرى تەۋەسىدىكى ئەمىرى ھۆكۈمرانلىققا ئىگە بارلىق ۋىلايەت ھاكىملىرى، ئەمەلدارلار، ئىش باشقۇرغۇچىلار، قەدىمقى ئالى دەرىجىلىك خان ۋە قائان، ئېھتىراملىق پادىشالار، ئۇلۇغ سۇلتانلارنىڭ قائىدە- قانۇنلىرى، يول- رەسمىيەتلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئىزىغا چۈشۈرۈپ ۋە شۇ بويىچە توقسان تارتۇق قىلىش ھەرىكىتى ۋە تەرەددۇتىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئۆزىدە بولغان ھەر قانداق نەرسىنى جان- دىلى بىلەن تەييار قىلىپ، يەتمىسە ئۈستىگە قەرز ئېلىپ، سوغا- سالام ۋە تۆھپە- تارتۇقلىرىنى تىرىشچانلىق بىلەن راسلاپ، دارسەلتەنەت كاشىغەرگە ماڭدۇردى. جۈملىدىن، خوتەن ھاكىمى نىياز بېك سەككىز چارەك ساپ ئالتۇن، مىڭ دانە يامبۇ، تۆت يۈز ئات، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈزى ئىگەر- جابدۇقلىرى، ھەتتا قامچىلىرىغىچە مۇكەممەل قىلىپ تەييارلانغان، يەنە ئىككى يۈزى يۈگەن، نوختا، يالپۇش، كۆرپىچىلىرى بىلەن راسلانغان ئىدى. يەنە تۆت يۈز ئاتقا تەييارلىنىپ يۈكلەنگەن سۈلەسۈن، تۈلكە تېرىسى ۋە پاخلان كۆرپىسىدىن تىكىلگەن مىيانەجۇۋا، شىم، تەلپەك، رۇمچە نىمچە چاپان، تەتۇللا، كىمخاپ، تاۋار، بەقسەم، شايىم، بىنارەس،ئەدرەس، قارامتۇل توق يېشىل رەڭلىك چەكمەن تولن، ئالاھىدە رەختتىن ئىشلىنىپ، بوققۇش، يانقۇچلىرىغىچە بىللە راسلانغان ئىشتان، نەق خۇرۇم، كۆندىن تىكىلگەن ۋە پاكىز پايتىمىلىرىغىچە بىللە راسلانغان ئۆتۈك، يەنە ئالاھىدە نەقىشلەن توققۇز توقۇز چاي چۆگۈنى، توققۇز توققۇز مىس قازان، كەپكۈر، چۆمۈچ، توققۇز توققۇز ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچىن قاتارلىق قاپ، غىلاپلىرى بىلەن تەييارلانغان بۇيۇملار، لاھۇردا ئىشلەنگەن توققۇز توققۇز چىرايلىق قىرما، ھەر خىل گۈل نۇسخلىرى بىلەن تەييارلانغان توققۇز توققۇز زىلچە قاتارلىق كۆڭلىگە ئەرزىيدىغان ھەددى- ھېساپسىز تۆھپە- تارتۇقلارنى ئېلىپ كاشىغەرگە كېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك كۆز- نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، بىر نەچچە كۈن تۇردى. ئۇ ھەر كۈنى ناشتا ۋاقتىدا بۇر توققۇز يامبۇ، بىر توققۇز بوخچھ نەپىس بۇيۇملار، ئىگەر- جابدۇقلىرى مۇكەممەل بىر توققۇز ئار ئېلىپ كىرىپ، ئاتالىق غازىغا تازىم- ئېھتىراملارنى بىلدۈرۈپ، دۆلەت مۇددەتلىرىنىڭ مەڭگۇ بولۇشىغا دۇئا قىلىپ، بىللە ئولتۇرۇپ، ناشتا قىلىپ ياناتتى. ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى تەھسىن- ئاپرىن ئوقۇپ، كۆڭلىدە ھەيران بولۇپ بارماقلىرىنى چىشلەيتى. باشقا ۋىلايەت ھاكىلىرىمۇ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، خۇددى شۇنداق تۆھپە- تارتۇقلىرىنى كەينى- كەينىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتكەزدى. ئاتالىق غازى ھەممە سەركەردىلىرىدىن خۇرسەن ۋە مىننەتدار بولۇپ، ھەر بىرىگە نەچچە قەۋەت ۋە نەچچە قاتار تون- كىيىم، سەللە، كۇلا، قورال- ياراق ۋە ئالاھىدە نىشان- ئالامەتەلەرنى مەرھەمەت قىلىپ، شاھانىلىق كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ تون- كىيىم، خەجلەيدىغان تىللا بېرىپ مېھرىبان بولۇپ، ھەر بىرسىنى ئۆز مۇقەررەرگاھلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىپ، تارتۇقلاپ مەمنۇن قىلدى. ئىلاھى ئۇنىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرىنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ ۋە دائىم قىلغايسەن – ئامىن!



8


ئاتالىق غازىنىڭ ھەرمەيىن ئەشرەفىننىڭ خادىمى، مۇسۇلمان مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى، ئىسكەندەر قۇۋۋەت ئابدۇلئەزىزخانغا ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلىپ ئەرز بىلەن ئەلچى ھەدىيە- سوغا ۋە بەيئەتنامە ئەۋەتكىنى، بۇ يەر يۈزى خەلىپىسىنىڭ نۇرلۇق تەبىئەتلىرىگە قۇبۇل چۈشۈپ، يارلىق، دەرىجە- مەنسە- ۋە ئالاھىدە تاج ئەۋەتىپ، ئۆز ھىمايەتلىرىگە ئېلىپ، رۇمغا [179] تەۋە قىلغانلىغى ۋەقەلىرى بايانى

[align=justify]

     تەبئىتى ساغلام ئەھباپلار، توغرا زېھىنلىك ئەرباپلارنىڭ ئالىجاناپ دىللىرىغا روشەن، ۋە ئاشكارە بولغايكى، نەقىل- ھىكايە، قىسسە- ئاپسانىلەرگە قارىغاندا، ئاتالىق غازى يۇرت ھاكىملىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا رۇخسەت بېرىپ ماڭدرۇدى. قىش پەسلىنىڭ سوغاق ھاۋاسى ئۆز ۋەتەن ئەسلىگە ياندى. يېڭى يىل ئۆرۈلدى. باھار كۈنلىرى كەلدى. زىمىن يۈزىدىن گىياھ- ئۈسۈملۈكلەر باش كۆتەردى. پاختەك- قۇمرى قۇشلىرى ساداغا كەلدى. خۇش ناۋالىق بۇلبۇللارنىڭ نالە- پىغانلىرى بولسا ئەمدىلا كۆرۈشكەن ئاشىقلارنىڭ دىل ئەينەكلىرىدىكى پىغانلىرىنى قايناتتى. گۈل- رەيھانلار ئېچىلىپ، رەڭمۇ- رەڭ گۈللەر ئۆزىنىڭ گۈل ئاپتىۋى بىلەن بۇ زىمىن يۈزىنى خۇددى تۆتىنچى پەلەكنىڭ يۇرۇقلىغىدەك نۇرلاندۇردى ۋە ناھايتى زور خوشاللىق بېغىشلدى. مۇشۇنداق ئەيشى- تاماشا ۋە كۆڭۈل شاتلىغى بىلەن، ياراتقان ئاللا دەرگاھى ئەزىز ئۇلۇغقا ھەمدۇ- سانا ۋە چەكسىز شۈكرى- شاتلىقلارنى ئادا قىلىپ، دۇئا پاتىھىلەر بىلەن تەلەپ، ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان ھالدا، تاشكەنتلىك ياقۇپ خان قازى تۆرەم ھەرەمەيىن شېرىپ زىيارىتىدىن يېنىپ كاشىغەرگە كەلدى. ئاتالىق غازى بىلەن ھەر باپ، ھەر مەسلە توغرىسىدا سۆز- سۆھبەتلەرنى قىلىشىپ، ئاخىرى جانابى ئالى بەدۆلەتنى زىمىننىڭ خەلىپىسى، ھەرەمەيىن شىرەفىننىڭ خادىمى،، مۇسۇلمان مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى يەنى ئابدۇلئەزىزخان بىننى ئابدۇلمەجىدخان – خۇدا ئۇنىڭ مۈلكى ۋە دۆلىتىنى ھەمىشە قىلسۇن- ھۇزۇرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، رۇمغا تەۋە بولۇپ، بوي سۇنۇشقا تەرغىپ ۋە دالالەت قىلدى. جانابى ياقۇپ خان قازى تۆرەمگە ناھايتى مۇلايىملىق بىلەن " ئۇ زات مۇسلمان مۆمىنلىرىنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپى تۇرسا، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئادەم؟ قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، سالىمىمنى يەتكۈزەلەيمەن؟" دەپ نەپسى سۇنۇقلۇق بىلەن ئۆزرە ئېيتتى. بۇ ھالدا قازى خان تۆرەم ئەرز قىلىپ، "تاشكەنتنى ئوروسىيەلەر بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆلىما پەزىلالار، سەيىد كىبىرا- رىسالار ئەمدى بىزگە بۇ يۇرتلار ھارام بولدى دەپ، ئوروسىيىگە ئىتائەت ۋە ئىنايەت قىلىشتىن باش تارتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەت- شەرىئەت يولىنى جارى قىلىپ ۋە پەيغەمبەرنى تەقلىت قىلىپ، ھىجرەتنى ئىختىيار قىلىشتى. جۈملىدىن، مەنمۇ ھىجرەتنى ئىختىيار قىلىپ، ئىككى ھەرەم ئالىلىرىنىڭ زىيارىتىنى تۈگىتىپ رۇمغا كېلىپ، بىر نەچچە كۈن ئىستىقامەت قىلدىم. بۇ جايدىكى ئەركان ۋە ئەئيانلار بىلەن ئۈلپەت ۋە سۆھبەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇلار فەرغانە ۋىلايىتىنى ئوروسىيە بېسىۋاپتۇ. لېكىن خاقان ۋىلايەتلىرىدىكى بىر نەچچە مۇسۇلمان ئىتائەتتىن چىقىپ، ئىسلام ئېچىپ غەلبە قىلىپتۇ. جانابى خەلىپە ھەزرەت ئاڭلاپ، مەسچىت- مەسچىتلەردىكى بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىن، شەرق تەرەپتە ئىسلام ئاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ راۋاجى ئۈچۈن دۇئار قىلىنسۇن دەپ يارلىق قىلىپ، ئۆزى باشلاپ شەرق تەرەپكە دۇئا قىلىپتۇ. ئىسلام ئېچىپ باشلىق بولغان ئۇلۇغنىڭ ئىسمى- نامىنى ھاجىلاردىن سوراپتۇ. بەزلەر خوتەنلىك ھاجى پادىشا دەپتۇ. بەزىلەر كۇچارلىق خوجىلارنى خەۋەر قىلىپتۇ. بەزىلىرى ئىلى سۇلتانىنى مەلۇم قىلىپتۇ. خەلىپە ئىسلام ئاچقان كىشىنىڭ نەق ئېتىنى بىلەلمەپتۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ پۇشتى- پاناھى بولغان ئوسمانىيە دۆلىتى – رۇم خەلىپىلىگى قۇرلغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدىكى مۇسۇلمانلار باش كۆتۈرۈپ راۋاج تاپسا، ھەر زاماندىكى رۇم خەلىپىلىرى خوشال بولۇپ، ئۇلارنىڭ راۋاجى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىكەن. ئەگەرئۇلارنىڭ شىكەستە يەپ مەغلۇپ بولغانلىغىنى ئۇقسا، كۆڭلىل يۇمشاپ، غەمكىن بولۇپ، ئوڭۇشلۇق تىلەپ دۇئا قىلىدىكەن. ئەتىراپتىكى باش كۆتۈرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىنى ئاڭلىسا، ئۇنى دەپتەرگە ئېلىپ، ئالەمگە ئاشكارە قىلىپ، شۆھرەتكە ئىگە قىلىش بولسا، ھەر قانداق زاماندىكى خەلىپىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. بۇ موغۇلىستان يۇرتلىرى جانابىڭىزغا قاراپتۇ. ئۆزىڭىزنى خەلىپىگە مەلۇم قىلىشىڭىز ئەلۋەتتە زۆرۈر ۋە لازىمدۇر" دەپ مەلۇم قىلدى.
     بۇ سۆزلەر سائادەت ئەسەر ۋە دۆلەت يار، بەختى ئۇچۇق مۇھەممەت ياقۇپ بېك غازىغا ماقۇل چۈشۈپ، خاقانى چىنىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئارزۇغا لايىق تۈرلۈك چىرايلىق ۋە پاكىز ماللىرى، تاۋار- دۇردۇن، خۇش بويلۇق چايلار، جانان چىنىلەر، ئالتۇن- كۆمۈش، قالماق ۋە قازاق ئاتلىرى، توققۇز توققۇز يېڭى جۇۋان ۋە زىبا بويلۇق بېجىن غۇلاملىرى قاتارلىق سوغا- سالام ۋە تارتۇق ھەدىيىلەرنى راسلاپ، سائادەتلىك زامان، شەرەپلىك سائادەتتە، قازى خان تۆرەمنى باش قىلىپ، خىزمىتىگە ئىشەنچىلىك مۇلازىملارنى تەيىنلەپ يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، خوپ، ۋاقىت، كۆڭۈلدىكدەك سائەتتە رۇم دارىلخىلاپەتكە يېتىپ بېرىپ، مۇسۇلمان مۆمىنلىرىنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاسى ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئېھتىرام بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدى. سوغا- سالام تارتۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئالى نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەلچىلىك قائىدە- يۇسۇنلىرىنى بەجا كەلتۈردى.
      مۇسۇلمان مۆمىنلىرىنىڭ ئەمىرى، ھەرەمەيىن شىرەفىننىڭ خادىمى، ئاللانىڭ مەڭگۈ بەندىسى ئابدۇلئەزىزخان بۇ سوغا- سالام تارتۇقلار، ئەرز ۋە ئەلچىلەرگە ھەددىدىن زىيادە خۇرسەن ۋە مەمنۇن بولۇپ، قازى خان تۆرەم باشلىق ھەممە مۇلازىملارغا تولۇق ئىززەت ۋە ئارتۇق ئابرۇيلارنى قىلدى. ئۇلارغا نۇرغۇن ئىنئام- ئېھسانلارنى بەخش ۋە ئاتا قىلىپ، بىر نەچچە مۇددەت تۇرغۇزۇپ، زىياپەتلەرنى قىلىپ، قايتىشقا يارلىق قىلدى. ئاتالىق غازى بەدۆلاەتكە "مىراخور باشى" لىق ئەمەل بېرىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى رۇمغا تەۋە قىلىپ، ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇنى كاتتا پادىشالارنىڭ دەرىجىسىدە كۆرۈپ، مەرۋايىت، ئالماس، ياقۇت، گۆھەر تىزىپ كۆز قويدۇرۇپ بېزىگەن بىر كاتتا ئالتۇن تاج _ شاھ ئالى تۇماق ۋە جىيەك، ئېتەكلىرىدىن، كۆكرەكلىرىدىن، ئىترەك ئەتىراپدىدىن ياقىلىرىغىچە ئالتۇن بىلەن پار- پۇر ئالماس، لەلى- ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھا تاشلار بىلەن قاتار- قاتار كۆز قويۇپ بېزەلگەن رۇمچە نىمچە، ھەممە قاپ، باغلىرى ئالتۇن بىلەن ئالماس، لەلى- ياقۇت- سۈزۈك گۆھەر، يېشىل زۇمرەت بىلەن راسلانغان بىر شاپ قىلىچ، ھەتتا سۇمبۇللىرىغىچە ئالتۇن- كۈمۈش بىلەن راسلانغان ياكى ئالتۇن- كۈمۈش بىلەن سۇۋاد قىلىنغان بىر دانە مىلتىق قاتارلىق نەزەر سالغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى خىرە، تاماشىبىنلارنىڭ نەزەرلىرىنى قاماشتۇردىغان كۆڭۈلدىكىدەك چىرايلىق چىرايلىق نەرسىلەرنى جاھان ئالى ئالەم يارلىغى ۋە شاھانىلىق ئىنايەتنامە بىلەن ئەلچىلەرنى ياندۇردى.
     ئەلچىلەر شەرەپلىك دەۋران ۋە گۈزەل زاماندا كاشىغەرگە يېتىپ كېلىپ، تۆھپە- ھەدىيىلەرنى جانابى ئاتالىق غازىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. جانابى ئاتالىق غازى گۈل غۇنچە ئىچىگە سىغماي ئېچىلغاندەك خوش بولۇپ، تاجى شاھى- تۇماق ئالىنى دۆلەتلىك بېشىغا كىيدى. قىلىچ ئالىنى مۇبارەك بېلىگە تاقىدى. مىلتىق ناياپنى قوللىرىغا ئېلىپ، رۇم تەرەپكە قاراپ ئەدەپ بىلەن تازىم قىلىپ، دۇئا قىلدى. گويا ياقۇپ بېك غازىنىڭ تەن- ۋۇجۇدىدا پالىلداپ جىلۋە قىلغاندەك بولدى. مۇبارەكبادلىق شاۋقۇن ساداسىنى پەلەك گۈمبىزىدىن ئۆتكۈزدى. ئاتالىق غازى بىر نەچچە كۈن توي- تاماشا ئۆتكۈۈپ، ئۆلىما ئەززەملەر، ئېھتىراملىق پازىللار، ھۆرمەتلىك سەيىدلەر، ئەمىرى لەشكەرلەر،ئالى دەرىجىلىك ئەسىلەر ۋە چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلارغا تون- كېچەك بەخش قىلىپ، ھەممىنى مەمنۇن ۋە بىنياز قىلدى. ئاندىن كېيىن ئابدۇلئەزىز خاننىڭ نامىدا تىللا- تەڭگە ۋە چاقا پۇل قويدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى خەلىپە رۇم- دۆلەت ئوسمانىيەنىڭ تەۋەلىگى دەپ ئاتىدى. بۇ ۋاقىت تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1869- يىلى _ ت) ئىدى.
     ئەلقىسسە، بۇ ئوسمانىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئەسلى نەسەپلىرى ۋە ئۇلۇغ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ نەسەپ ئالى ئېكراملىرىمۇ تۈرك بىننى يافەس بىننى نوھ ئەلەيھىسسالامغا باغلىنىدۇ دەپ زىكرى قىلىنىدۇ. تۈرك تايىپىلىرى بولسا باشقا قەبىلىلەردىن كۆپ ھەم شىجائەت- غەيرەتتە يەكتا، ساخاۋەت ۋە ھىمەتتە تەڭدىشى يوق تايىپىدۇر. بەزىر تارىخ كىتاپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغداندا، ئىسلام شېرىپ يېڭى ئاشكارە بولغان چاغدا، ھەق تائاللا فۇرقانى ئەزىمنى (قۇرئانى _ ت) ھىندىستانغا ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇلار ھۆرمەتلىك قىلىپ، ئۇنى يەرگە تاشلاپتۇ. ئاندىن تۇركىستانغا ئەۋەتىپتۇ. تۈركلەرنىڭ سەردارى ئۇنى بېشىدا كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلاپتۇ. بىر ۋاقتىدا بۇ خەۋەر ئەرەپ ئۇلۇغلىرىغا يېتىپتۇ. شۇ زاماندىكى ئەۋلىيالارنىڭ يېرى "ھىندىلار ھەمىشە خار ۋە بى ئەتىۋار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھىچقانداق شەەر ۋە سەھرالاردا ئىززىتى بولمايدۇ. تۈركلەر ھەمىشە ئۇلۇغ ۋە دەستى ئۈستۈن، ئەزىز ھەم ھۆرمەتلىك بولۇپ، ھەممە ۋاقىت غالىپ بولىدۇ. بۇلارغا كىشلەر كەمدىن- كەم غالىپ بولالايدۇ" دىگەن گەپنى نەسەپلىرىدىن چىقارغان ئىدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى خۇدانىڭ سۆزىدۇر. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى ھەممە ۋاقىت زاھىر ۋە ئاشكارە بولۇپ كەلگەن.
     دۆلەت ئوسمانىيىنىڭ پايتەختى قۇستەنتىيە [180] بولسا ناھايتى ئۇلۇغ، ناھايتى كەڭرى ۋە ئاجايىپ شەھەردۇر. قۇستەنتىيە شەھىرىنى سام بىننى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى قۇستەنتىيە دىگەن بىر ئۇلۇغ ئادەم بىنا قىلغان. پۈتۈن يەر يۈزىدە بۇنداق شەھەر يوق. بۇ شەھەر قەدىمقى زاماندا قەيسەرلەر ۋە نىسارىلەرنىڭ تەختىگاھى ۋە تايانچ نىشانگاھى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ۋاھەلەنكى، ئالى ئوسمانىيە سۇلتانلىغى دەۋرىدە "ئىستانبول" دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. دۆلەت ئوسمانىيىلەر بولسا قاي خان بىننى كۈن خان بىننى ئوغۇز خان نەسلىدىندۇر. بەزى تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇلارنىڭ نەسلىنى قالى ۋە قەۋاي ئەۋلادى دەپمۇ يېزىلغان. ئەمما ئوغۇزخان بولسا قاراخاننىڭ ئوغلى، قاراخان بولسا موغۇلخاننىڭ ئوغلى ۋە تۈرك بىننى يافەسنىڭ نەۋرىسى.
      خۇددى ئىلگىركى مۇقەددىمىدە زىكىر قىلىنغاندەك، قاراخان كاپىر مۇشرىكتىن ئاللانى بىر دەپ تونۇغان ئوغۇزخان مۇسۇلمان ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئۇۋەيىسى (تۇغما ئەۋلىيا ئىدى _ ت ) بىر يۈز يەتمىش يىل قورۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىغا پادىشالىق قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى. ھەر ئوغلىغا خۇداۋەندە كېرىم تۆتتىن ئوغۇل ئاتا قىلدى. ھەر بىر ئوغلىغا بىردىن ئات قويدى. نەتىجىدە بۇلار يىگىرىمە تۆت شۆبە، يەنى يىگىرىمە تۆت شاخا بولدى. ھەر بىر شاخنىڭ بالا- پەرزنەتلىرى بىر قەبىلە، يەنى بىر ئۇرۇق بولۇپ، بىز پالانى ئۇرۇقدىن بولىمىز دەپ، ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ئىسىمىغا نىسبەت قىلدى دەپ ئىما- ئىشارەت قىلغان ئىدۇق.
     تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1225- يىلى) چىنگىزخان غەرپ تەرەپكە سەپەر قىلغان زاماندا، ئۇشبۇقاي قەبىلىسىنىڭ ئۇلۇغى سۇلايمان شاھ قاي [181] دەگەن ئادەم ئىكەن. ئۇ ئۆزىگە تەۋە ئەللىڭ مىڭ ئۆيلۈك ئەل- ئۇلۇسنى كۆچۈرۈپ، فەرات ۋە دەجلە دەريالىرىدىن ئۆتۈپ، رۇم تەرەپكە بېرىپتۇ. سۇلايمان شاھ قاي بۇلارغا بېك ۋە سەردار بولۇپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى تۈركىستاننىڭ ماھان دىگەن يېرىدە ئىدى. ئۇ يۇقارقىدەك بالايى ۋەيرانچىلىق ئاپەتلىرىدىن تىنچ ئامان قۇتۇلۇپ ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ئارتۇغرۇلبېك [182] پەم- پاراسەتلىك ۋە ئەقى پاكىز ئاەم بولۇپ، ئاتىىسنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ بەگلىك قىلىپتۇ. ئۇنىڭ يېشى يۈزگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ ئوسمان بېك دىگەننى ئورنىغا دەسسىتپتۇ. بۇ ئوسمان بېك سۇلتان ئالائىددىن سەلجۇقنىڭ [183] خىزمىتىنى قىلىپ، نىسارىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، تولا غازاتلارنى قىلىپ، نەچچە شەھەرنى پەتھى قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئالائىددىن سەلجۇقى پادىشا خوش بولۇپ، ئۇنىڭغا سۇلتانلىق مەنسەپ بېرىپ، ئاش يەيدىغان، ئاتلىنىدىغان ۋە ئاتتىن چۈشۈدىغان چاغلاردا ناغرا چېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ناغرا ئەۋەتكەن ئىكەن. بىر كۈنى ئوسمان سۇلتانىنىڭ دەرۋازىسىدىن ناغرا ئاۋازى چىقىپتۇ. سۇلتان بۇ نىمە ئاۋاز دەپ سورىغاندا، مۇلازىملىرى پادىشا ئالائىددىن سەلجۇقى نۆۋەت ناغىرىسى ئەۋەتىپتۇ. بۇ شۇنىڭ ئاۋازى دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. سۇلتان پادىشالىق ناغرىنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئورنىدىن قوپۇپ ئۈچ قەدەم مېڭىپ، ھەر قەدەمدە بىر تازىم قىلغان ئىكەن. ھالبۇكى، ھەر قاچان نۆۋەت ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچ قەدەم يۈرۈپ، ئۈچ تازىم قىلىدىغان قائىدە- رەسمىيەت تا بۇ زامانغىچە جارى ۋە باقىدۇر.
     بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىر قەۋمگە بىر كاتتا ئەمىر باشچىلىق قىلىدىكەن. بۇ ئوسمان بېك زامانغا كەلگەنە، سەلجۇقى پادىشالارنىڭ دۆلىتى بىرلىككە كېلىپ، قەۋملەرنىڭ تارقاقلىغى تامامىغا يەتتى. ئۇلار ئىسلامى شېرىپنىڭ زۇۋال ۋە زەئىپ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، جەمھۇر ئەھلى ئىسلام ئەمىرلىگى ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنىنى ئوسمان سۇلتانغا تاپشۇرۇپ، ھەممىسى ئىتتىپاق بىلەن ئۇنىڭغا بەيئەت ۋە ئىناۋەت قىلىپتۇ. ئۇ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى تامامەن قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە "ئوسمانخان" دەپ لەمەم قويۇپتۇ. دىمەك، بۇ ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئەسلى قۇرغۇچىسىدۇر. ئەڭ ئاۋالقى پادىشالىق سۇلتان ئوسمانخاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خانلىق ئەۋلادىمۇ "ئوسمانىيە سۇلتانلىغى" دەپ ئاتالغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى. ئەرەپلەرنىڭ ئەبجەت ھىساۋى بويىچە "ئوسمانىيە" يىلىدىن باشلاپ ھىساپلانغان ئىكەن. ئوسمانجانمۇ شۇ يىلدىن باشلاپ ئۆز نامىدا پۇل چىقىرىپ، خۇتبە ئوقۇتۇپتۇ. ئۇنىڭ دۆلەت سەلتەنەتى كۈندىن- كۈنىگە زىيادە بولۇپ، پەيھى- ئۇرۇشلارنى كېڭەيتىپ، نەچچە ۋىلايەتنى قولغا كىرگۈزۈپتۇ. يۇرتدارلىق نىزاملىرى، مەمىلكەت ئىشلىرى ۋە پۇقراپەرۋەرلىك تۈزۈمى توغرلۇق جەمھۇرى دانالارنىڭ مەسلىھەتلىرىنى ئېلىپ، قائىدە ۋە قانۇنلارنى تۈزىتىپ، ماقۇل يول- ئۇسلۇپقا سېلىپ، دەستۈرى ئەمەل ئورناتتى. بۇ قائىدە ۋە قانۇنلار، ئۇنىڭ بۈيۈك ئەۋلاتلىرى ئىچىدە تا ھازىرغىچە ھەمىشە جارى قىلىنماقتا. ئوسمانخان توختاتقان بۇ قائىدە ۋە قانۇنلار، قىلچىلىكمۇ بۇۇزلماي ۋە ئۆزگەرتىلمەي كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ مەنسەپ-، مەرتىۋىلىرى، بايلىق ھەشەمەتلىرى ۋە ئۆز ئالدىغا ھوقۇق- ئىستىقالىرى كۈندىن – كۈنىگە زىيادە ۋە ئارتۇق بولۇپ كەلمەكتە.
      ئوسمانخان تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك بەشىنچى يىلى (مىلادى 1257- يىلى _ ت) دۇنياغا كەلدى. ئالتە يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى (1299-1300- يىلى _ ت) تەختكە چىقتى. يىگىرىمە يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يەتتە يۈز يىگىرىمە ئالتىنچى يىلى (1325- 1326- يىلى _ يىلى _ ت) ئۇلۇغلۇق ئالىمىگە سەپەر قىلدى. يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئۇزخان تەختتە ئولتۇردى. ئوتتۇز بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مۇرادخان ئاۋال تەختكە چىقتى. بۇ ناھايتى باتۇر، شىجائەتلىك، يۈرەكلىك كىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىگە "خۇداۋەندە كار" (خۇدانىڭ ئىشىنى قىلغۇچى _ ت) دەپ لەقەم قويدى. رۇم سۇقۇشىدا شېھىت بولدى. ئاندىن كېيىن سۇلتان بايزە يىلدەرەم تەختتە ئولتۇردى. بۇ ئەمىر تېمۇر بىلەن زامانداش ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن جەڭلەر بولغان ئىدى. بۇ ئەھال تارىخ كىتاپلىرىغا يېزىلغان. ئاندىن كېيىن، ئوغلى مۇھەممەت خان ئاۋال تەختتە ئولتۇردى. ئالتە يىل ھۆكۈمران قىلدى. ئاندىن كېيىن، مۇرادخان سانى تەختكە چىقتى. ئوتتۇز يىل ھۆكۈم سۈردى. ئىستانبۇلنى پەتھى قىلدى ۋە "مۇھەمەت خان فاتىھ" دەپ ئاتالدى. ناھايتى داڭدار ۋە مەشھۇر كىشى ئىدى. ئىستانبۇل بۇ زامانغىچە نىسارىلەرنىڭ تەختى تەسەررۇفىدا ئىدى. ئىستانبۇلنىڭ بوي سۇندۇرۇلۇشى ئەبجەتچە "بەلدەتەن – تەيييەبەتەن" [185] يىلدىن باشلاپ ھىساپلاندى. بۇ مۇھەمەمت خان فاتىھ بولسا ئۇلۇغ ئوسمانلارنىڭ يەتتىنچى سۇلتانى ئىدى.
      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ ئۇلۇغ دۆلەت- ئوسمانىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئىپتىداسى بولغان ئوسمانخان ئاۋالدىن تا بۇ زاماندىكى ئاللانىڭ باقى بەندىسى، ئىتائەتچىسى ۋە ئېھسانى بولغان سۇلتان ئابدۇلھەمىد خان بىننى ئابدۇلمەجىد خان دەۋرىگىچە جەمئىي ئوتتۇز بىر خەلىپە ئالتە يۈز قىرىق بىر يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ كەلدى. ئىسلام پادىشالىرىدىن بولغان ئومەييە، ئابباسىيە، سەلجۇقىيە، [186] غەزنەۋىيە، سامانىيە، [187] خۋارەزىم شاھىيە، [188] چىغتائىيە، [189] تېممورىيە [190] ئەۋلاتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن پادىشاھى ئىسلاملار ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ھىچبىرىنىڭ دۆلىتى ئالتە يۈز يىلغا يەتمەپتۇ. چۈنكى، بۇ پادىشالار جەبرى- زۇلۇم، ئەيشى- ئىشرەتلەرنى كۆپ قىلىپ، نۇرغۇن غەپلەتكە يۇلۇققان. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ دۆلەت سەلتەنەتلىرى ئىنقىرازغا دۇچار بولۇپ، تېزلا زۇۋالىققا يېتىپتۇ. لېكىن، ئوسمانىيە سۇلتانلىغىنىڭ ھەممىلا ئەۋلاتلىرى ئەھلى سۈننەت (سۈننى _ ت) مەزھىپىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، خەلققە پاراۋانلىق ۋە تىنچىق پەيدا قىلىپ، پۇقرا پەرۋەرلىكتە غەپلەت ۋە سۇسلۇقنى راۋا كۆرمىدى ۋە بۇنىڭغا ئورۇنمۇ بەرمىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىگە ئىگە بولدى. ئىلاھا بۇ دۆلەت سايىسىنى ھەمىشە بارلىق ئەھلى ئىسلامنىڭ بېشىغا تىكلەپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاياقلىرىنى پۈتۈن قوشۇنلىرىغا ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن!
     مەقسەتكە كەلسەك، رۇم ئانداق ئۇلۇغ شەھركى، ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، سۈپەتلەپ بايان قىلىشقا ئەقىل- پىكىر يەتمەيدۇ. خوش، قەلەمنىڭ يۈرۈشى ئاجىزلىق قىلىدۇ. رۇم شەھىرىنى رۇم بىننى ئەيىس بىننى ئىسھاق ئەلەيھىسسلام [191] بىنا قىلغان دەپ قىلىنىدۇ. رۇم بولسا بىر مەمىلكەتكە خاس ئىسم ئەمەس. بەلكى ئۇ نەچچىلىگەن كاتتا ۋە كەڭرى ئۇلۇغ مەمىلكەتتە ۋە ئىقلىمدىن تەركىپ تاپقان. شەھەرنىڭ ئەتراپى ئون ئۈچ تاش مىقدارى قاتارلىق قۇش بازىرى بىر تاش مىقدارى كېلىدۇ. قالغان ئەھۋالنى بۇنىڭدىن قىياس قىلغايسىزلەر.
     دانىشمەن ئەرباپلارغا مەخپى قالمىغايكىم، بۇ تارىخچىدا كاشىغەر ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يۇرتلارنى زىكىر قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە قۇستەنتىيە زىكىرى ۋە ياخشى سۈپەتلىك نەسەپ دانالىرىنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ بايان قىلىشنى توغرا تاپتۇق. بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئا ۋە غەرەز شۇكى، يەر يۈزىنى ۋە ئىقلىملارنى ئۆلچەپ، تەھقىق ۋە تەپتىش قىلغۇچى قەدىمقى ھۆكۈمالار، رۇم ۋە قۇستەنتىيە قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئالتىنچى ئىقلىم [192] جۈملىدىن دەپ ھىساپلاپ، يەتتە شەييارە ئىچىدىكى ئاتارىد (مىر كۇرى _ ت) سەييارىسىگە مىسبەت قىلىپتۇ. ئالتىنچى ئىقلىمدا بولسا قۇتۇپنىڭ ئىگىزلىگى قىرىق بەش دەرىجە ۋە ئۇنىڭ تۆتتىن بىرىدە دەپ ھىساپلاپتۇ. قۇستەنتىيە بىلەن موغۇلىستان شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپى بۇ ئىقلىمغا تەۋە. ئادەملىرىنىڭ رەڭگى- رويى، خۇي- پېئىلى، كېچە- كۈندۈز سائەتلىرىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغى بىردەك- ئوخشاش ئىكەن. شۇنداقلا، بۇ موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن بولغان كاشىغەر ئەتراپى بولسا، رۇم خاقانى ئەززەملىرى ۋە شاھىنشاھى مۇئەززەملىرىنىڭ ئەمىر- ئىتائەت ۋە ھىمايەتلىرىگە كىرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، رۇم ۋە قۇستەنتىيە زىكىرىنى بۇ ۋاراقچىغا كىرگۈزۈش لازىم بولدى.
     بۇ كۈنلەردە يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى. يەنى بۇ كۈنلەردە ئوروسىيە ئىقلىمى ئاق پادىشادىن ئەلچى كەلدى. ئاتالىق غازى ئۇلارنىڭ ئىززەت- ئىكراملىرىنى قىلىپ، ئوبدان ئۇزاتتى. بۇ ئەلچىلەرنىڭ كېلىشىدىكى مەقسىدى شۇكى، ئۇلار ئاتالىق غازى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ھەتتا ئۆزىگە ئىتائەت ۋە پەرمانبەردار قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئاق پادىشادىن نەچچە قېتىم ئەلچى كەلدى. ئوبدان خىزمىتىنى قىلىپ، جاۋاپ بېرىپ قايتۇردى. ئۇلار يەنە خۇددى ئاق مىچىت ھىلىسىنى يەنە تەكرارلاپ، بېلىق بانىسى بىلەن فەرغانە ۋىلايىتىگە ئىگە بولغاندەك، بۇ يەتتە شەھەرگىمۇ بىر بانا ۋە سەۋەپ بىلەن ئىگە بولغىلى بولامدىكىن دىگەن مەقسەتنى ئويلىغان ئىدى. ئاتالىق غازى ئۇلارغا زادى سىر بەرمىدى. بەلكى، ئۇلارنى كىشلەرگىمۇ كۈرۈشتۈرمەي ، ناھايتى ئېھتىيات- مەخپىيەتلىك بىلەن يولغا سالدى.
      يەنە بۇ ئارلىقتا فەرەڭ [194] مەلىكىسى فۇرسەت سائىپ [195] دىگەن بىر ئەلچى ئەۋەتتى ۋە ئاتالىق غازى بىەن دوستلۇق مۇناسىتىنى پەيدا قىلىپ خەت يازدى. خەتتە "باشقا دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق قىلماي، بىزگە دوستلۇق قىلسىلا، ئەگەر قورال- ياراق ۋە ئەسكەر لازىم بولسا كاشىغەردە بىر كونسۇل بىلەن ئون، يىگىرىمە مىڭ قوراللىق ئەسكەر توختاتسام، ئەگەر دۈشمەن غەلبە قىلماقچى بولسا، يەنە كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ھىمايەت ۋە ئىنايەت يەتكۈزسەم، ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتىنى تەڭ تۆلىسەك، شۇنداق قىلىپ ئاتمىش يىل ئۆتسە، ئاتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەتتە شەھەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسلە، ئاندىن بىز سورىساق، شۇ چاغدىمۇ ئەۋلات- نەۋرىلىرىگە تەربىيە ۋە شەپقەتلىرىمىزنى ئايىمايمىز. بۇ ھەقتە ئانىت- ئىمان ۋە ئەھدى- پەيمانلىرىمىزنى قاتتىق شەرتلەر بىلەن مۇستەھكەم قىلساق" دىگەن مەزمۇنلار يېزىلغان ئىدى. ئەلچى يېتىپ كېلىپ، ئەلچىلىك قائىدە- رەسمىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاتالىق غازى ئوبدان خىزمەت ۋە ياخشى زىياپەتلەرنى قىلىپ، بىر نەچچە كۈن مېھمان قىلدى ۋە مەلىكىنىڭ بۇ مۇددىئالىرىنى ماقۇل كۆرمەي، سىلىق سۆزلەر ۋە ئاشكارە گەپلەر بىلەن دوستلۇق قائىدە- قانۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ، خەت ۋە ئەرز بىلەن ئەلچىلەرنى يولغا سالدى.
     بىر تەرەپتىن ئاق پادىشا ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتىدىن تاما تۇتقان، يەنە بىر تەرەپتىن مەلىكە كونسۇل بىلەن ئەسكەر توختىتىپ ئىنايەت قىلسام دەپ خەت يېزىپ، ئەلچى ئەۋەتكەن كۈنلەردە، فەغفۇرچىنى بۇ قەدىمقى مۈلكىنى يوقلاپ تېپىپ ئالماق ئۈچۈن چېرىك ماڭدۇرۇپتۇ دىگە خەۋەر ئاڭلاندى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازى دۆلەت ئەركانلىرى بۇ سەلتەنەت ئەىيالىرىغا "ياخشى مەسلىھەت شۇكى، ئۇ شاھنىشاھ، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى بولغان دۆلەت ئوسمانىيە خىزمەت ئالىلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەرز مەلۇم قىلسام، بىر پادىشا بىلەن يىگىرىمە- ئوتتۇز مىڭ ئەسكەر ئەۋەتسە، يەتتە شەھەرنى ئۇلۇغ ئوسمانىيە دۆلىتىگە تاپشۇرۇپ ، بۇ ئۇلۇغ شاھنىشاھنىڭ تۇزىنى يىگەن كىچىك بىر خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ پەلەك ئاستانە بارگاھىنىڭ بۇسۇغۇسىنى كۆزۈمگە سۈرمە تۇتىيا قىلىپ سۈاۈپ، ھەرەمەيىن شېرىپىنىڭ زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولسام دىگەن نىيەت ۋە ئارزۇدىن باشقىنى دىلغا سىغدۇرالمايمەن. ئەگەر ۋاقىت پۇرسەت تۇغدۇرسا ئۇشبۇ مۇرادىمغا يەتسەم دەيمەن" دىگەندە، ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى ۋە سەلتەنەت ئەئيانلىرى "تولا ئوبدان بولىدۇ" دەپ رازى بولۇپ، ئاپرىن ئوقۇدى. بۇ چاغدا بېجىن تەرەپتىن خۇددى قارا چۈمۈلىدەك نۇرغۇن قارا چىرىكلىرىنىڭ قارىسى قامۇلدا كۆرۈندى دىگەن خەۋەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئاتالىق غازى قادىر ئاللانىڭ ئىرادە ۋە تەقدىرى بىلەن تۇرپانغا ئاتلاندى. ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇراد ۋە تەلەپلىرىگە يېتىشىگە پۇرسەت بولمىدى. بۇنداق ئالىى دەرىجىگە ئىگە بولغان ئاتالىق غازى بولسا ساھىبىنى ئىختىيارلارنىڭ تىزگىن ئىختىيارى، قازا ۋە تەقدىر بارگاھىنىڭ مۇقەددەسلىگى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ يوق بولدى. ھەممىگە ئاللا تائاللا ئۆزى قادىر ۋەسسالام!





9

ئۈرۈمچى تۇڭگانىلىرىنىڭ كورلا، كۇچار ئەھلىنى ئۆز يۇرتىدىن بەجا قىلىشى، جانابى بەدۆلەت غازى ئاتالىقنى زەپەر قىياپەت قوشۇنلار بىلەن شەرىقىي تەرەپكە ۋە تۇڭگانىلار ئۇرۇشىغا بەل باغلاپ ئات چاپتۇرغىنى ۋە مۇرات باغچىلىرىدىن مەقسەت گۈللىرىنى مۇرات ۋە مەقسەتتىكىدەك ئۈزگىنى ۋە باشقا ھادىسىلەرنىڭ بايانى

[align=justify]

       ھەمدەقەم يارەن ۋە زاتلار، ياخشى سۈپەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ خاس دى مەۋجۇدىيەتلىرىگە روشەن ۋە ھىكايە بولغانكى، زامان خەۋەرلىرىنى نەقىل قىلغۇچى ئەخبارلارنىڭ قىسسە ۋە ئەپسانلىرىگە قارىغاندا، جانابى ئاتالىق غازىىنىڭ دۆلەت ئىقباللىرى كۈندىن- كۈنىگە تەرەققىي قىلپ يۈكسەلدى. دۆلەت سەلتەنەتتە گويا ئىككىنچى ئەمىر تېمۇر كوراگانى بولدى. شۇنداق قىلىپ يىل ئۆرۈلۈپ، باھار كۈنلىرى كەلدى. سەۋىر پەسلىنىڭ ئاخىرى ئىدى. ئۇشتۇمتۇت تۇرپان تەرەپتىن ئۆزى يەنشەي دىگەن ئۈرۈمچى تۇڭگانلىرى سەن تۇر، مەن چاپاي دىگەن يىگىرىمە مىڭ تۇڭگانىغا باش بولۇپ كېلىپ، كورلا تەۋەسىدە نامايەن بولدى. بۇ چاغ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1870- يىلى _ ت) ئىدى.
       بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاتالىق غازى مىر بابا دادخۋا، ھاجى مىرزا بېشىنى كورلىغا بۇيرۇپ، ھاجى مىرزىنى كورلىدا بىر زاكاتخانا سېلىشقا، مىربابا دادخۋانى ئۇششاقتالدەك بىر يەرگە چوڭ قاراۋۇلخانا بىنا قىلىشقا تەيىنلەپ، بۇ جايدا قاراۋاۇل بېگى بىلەن يىگىتلەرنى توختىتىپ، تۇڭگانىلار بىلەن پاسىل ئايرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. لېكىن، ئەۋەتكەن يىگىتلەر ئازلىق قىلىپ، تۇڭگانىلار بىلەن باراۋەرلىك قىلالماي، كورلا بېگى ھاجى بەك باشلىق ھەممىسىلا كۇچارغا قېچىپ كېلىپ، بۇ ۋەھشەت خەۋەرنى خۇددى بىرىنچى ئاسماندا تېز يۈرۈپ سەيىر قىلىدىغان ئايدەك بىر ئىلدام يۈرۈشلۈك ئەرزىچى ئارقىلىق گۇمانى ئاسمان- پەلەكتەك بارگاھىغا يولغا سېلىپ، ئاتالىق غازىغا مەلۇم قىلدى. بۇ خەۋەر يېتىپ بارغان ھامان ئاتلىق غازى ھاكىم خان تۆرەمنىڭ ئىككى مىڭ لەشكىرى بىلەن تۇڭگانىلارغا قارىشى جەڭ قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. ئۇ يارلىقنى كۆرۈش بىلەنلا، ئاقسۇنى مىرزا بابابېك زاكاتچى بىلەن مۇھەممەت سەيىد قۇر بېشىغا تاپشۇرۇپ، سەرۋاز، توپ، زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ، كۇچار شەھىرىدىن بىر پوتاي قاراياغاچ دىگەن يەردە تۇڭگانىلار بىلەن ئۇچراشتى. ئارىدا جەڭ باشلىنىپ، ئاتلىق يىگىتلەر قاچتى، سەرۋازلار جانازلار بىر باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ، پاناقاپ ئوق ئېتىپ، تۇڭگانىلارنى يېقىن كەلتۈرمەي تۇران چاغدا، ئۇلارنىڭ دورىلىرى تۈگەپ نائىلاج بولدى. تەرەپ- تەرەپتىن تۇڭگانىلار ھۇجۇم قىلىپ، بۇلارنى ئوتتۇرغا ئېلىپ نابۇد قىلىپ، كۇچار شەھىرىنى بېسىۋالدى. نەتىجىدە ئىككى مىڭغا يېقىن يىگىت، سەرۋاز زىيان بولدى. ھېكىم خان تۆرەم، ئىسھاق تۆرەم باشلىق ئاتلىق يىگىتلەر قېتىپ چىقىپ ئاقسۇغا كېلەلمەي. باي تەۋەسىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا نۇرغۇن كۇچار ئەھلى بالا- چاقىلىرىنى ئېلىپ يۇلتۇز با غ، مۇقار يولى بىلەن ئاقسۇغا كەلدى. ئاقسۇدا يىگىت، سەرۋاز قالمىغان ئىدى. مىرزا بابابېك زاكاتچى ئاقسۇدىكى ياقا- يۇرتلاردىن كەلگەن مۇساپىر بايلار ۋە سودىگەر بەچچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، قورال- ياراق بېرىپ، يىگىتلەر قاتارىدا كېچە- كۈندۈز شەھەرنى ساقلاپ، يۇرتتىن خەۋەرئالدى. كۇچاردىن بولۇپ، نەچچىسىنى نەزەربەنت قىلدى. ئاقسۇ ئىچىمى ساراسىمىگە چۈشتى. شۇ ئارىدا بىرسى "ئاقسۇدىكى تۇڭگانىلاردىن كۆپ خەۋەر ئېلىش كېرەك، بىر ئىش پەيدا قىلىپ قويمىسۇن" دىدى. مىرزا بابابېك زاكاتچى يىگىتلەرنى بۇيرۇپ، "ھەر قانداق جايدىكى تۇڭگانىلارنى تۇتۇپ كېلىڭلار" دەپ چىقاردى. بۇلار بېرىپ تىنچ- ئامان ئۆز ھۈنەر- كەسپلىرىنى قىلىپ تۇرغان ۋە تىرىكچىلىك بىلەن سەرگاردان بولۇپ يۈرگەن ئون توققۇز گۇناسىز تۇڭگانىلارنى تۇتۇپ كېلىپ قاماپ قويدى. تەكشۈرۈپ كۆرسە، بۇلار تىنچ تۇڭگانىلار ئىكەن. ئەمدى سولاپ قويۇپ يەنە قويۇپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلدى. تۇتۇپ كەلمىسەك بولۇپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىيات ئۈچۈن كاشىغەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئىككى ھارۋىغا سېلىپ، ئىككى يىگىت قوشۇپ كاشىغەرگە ماڭدۇردى. بۇ ۋاقىتتا جانابى ئاتالىق غازى كاشىغەردىن ئاتلىنىپ يولغا چىققان كۈنلىرى ئىكەن. ئاتالىق غازىنىڭ غەززەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، قاراقچىن دىگەن جايغا كەلگەندە، بۇلار يېتىپ بېرىپ دۇئا قىلىپتۇ. ئاتالىق غازى"بۇ نىمە تۇڭگانىلار ئىكەن" دەپ سورىغاندا، "ئاقۇسدىكى زاكاتچى قۇلىڭىز ئەۋەتتى" دەپ ئەرزنى تۇتۇپ بەرگىچە، بىر ھارۋىدىكىلەرنى يولنىڭ بۇ تەرىپىگە، يەنە بىر ھارۋىدىكىلەرنى يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارتىپ " بۇلارنى سۇيۇپ تاشلا" دەپ جاللاتقا پەرمان قىلىپتۇ ۋە ئون توققۇز بىگۇناھ تۇڭگانىنى سويۇپ تاشلاپتۇ. ئەرزنى كۆرمەپتۇ. ھەتتا قولىغىمۇ ئالماپتۇ. بۇ ھىكايىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەي يارەن ئەزىزلەر، ئەلھەزەر- ئەلھەزەر ، پادىشانىڭ غەزىۋىدىن باس قىلىپ پانا تىلىمەكلىك بولسا، ئەلۋەتتە مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
      بۇ كۈنەرنىڭ ئىچىدە تۇڭگانىلار كۇچاردا توققۇز كۈن تۇرۇپ، بۇلاڭ- تالاڭچىلىقتىن ئىبارەت مۇسۇلمانچىلىق دائىرسىدىن تاشقىرى بولغان قاناھەت ئىشلارنى ئۆزلىرىگە راۋا دەپ بىلىپ، بىر كېچىدىلا تۇرپانغا قاراپ چىقىپ كېتىپتۇ. كورلىدىىمۇ شۇنداق ئىشلارنى بەلكى ئۇنىڭدىمۇ ئارتۇق ئىشلارنى قىلىپ، بۇ يەردىنمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ دىگەن خەۋەر كەلدى. بۇ چاغدا ئاتالىق غازى مارالۋېشىنىڭ ھاكىمى دەرۋىش مىراخور باشىنى يىگىتلىرى بىلەن ھېكىم خان تۆرەمنىڭ كەينىدىن ياردەمگە ئەۋەتكەن ئىدى. ھېكىم خان تۆرەم بىلەن ئىسھاق تۆرەم ۋە مارالۋېشىنىڭ ھاكىمى باشلىق يىگىتلەر كۇچارغا بېرىپ، ۋاپات بولغان يىگىتلەرنى دەپنە قىلدۇرۇپ كۇچاردا تۇردى. بۇ ئەسنادا جانابى شەھىرى يارى ئاتالىق غازى لەشكىرى قىيامەت ئەسكەرلەر بىلەن كېلىپ، ئاقسۇدىكى سارىيىگە چۈشتى ۋە تۇڭگانىلارنىڭ يېنىپ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ غەزەپ ئوتلىرى خېلى پەسەيدى. لېكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ مال- جانلىرىغا ئىچى ئاغىرىپ ناھايتى خاپا بولدى. ئاقسۇلۇق شەمشىدىن ئەلەم ئاخۇنۇم ئوغلى باۋاھىدىن ئوغلى ۋە ھادى خەلپەم، مۇھەممەت خوجا خېتىپ ئاخۇن، موللا ئەيسا ئاخۇنلارنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ قەشقەرگە ھەيدىدى. ئاقسۇنى موللا جىيەن مىرزا بېشىغا مەرھەمەت قىلىپ، ئاقسۇدا كاتتا ئودا بىنا قىلىشقا پەرمان بەردى. بۇ جايدا ئون كۈندەك تۇرۇپ، ئەمرى لەشكەرلەرنى قىل قۇيرۇق قىلىپ ماڭدۇرۇپ، كەينىدىن غەلبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ كۇچارغا باردى. ھېكىم خان تۆرەمگە كايىپ، تۇرپانغا بىللە ئېلىپ ماڭدى. ھەمدە باتۇر بېشى، مىر بربا دادخوۋالارغا كايىپ مەخپى يۇقاتتى. بۇلارنىڭ نەگە بارغانلىگىنى ۋە نىمە بولغانلىغىنى كىشى كۆرمىدى ۋە بىلەلمىدى.
       ئاندىن جانابى ئالىلىرى سەككىز ئەمىرى لەشكەرگە سەككىزدىن پانسەت ۋە ھەر بىر پانسەتكە بەشتىن يۈز بېشى تەيىن قىلىپ، ئۆزىگە خاس مەھرەم، ياساۋۇللار بولۇپ دەپتەرگە ئېلىغان يىگىرىمە بش مىڭ يىگىت، سەرۋاز قاتارلىق مۇكەممەل قوراللانغان تەييارىلار بىلەن راۋان بولدى. قۇشچى، پىلتىرچى، بازارچىلار بۇ ھىساپ دەپتەردىن تاشقىرى ئىدى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەرنىڭ شەنى گويا پادىشاھى ئەزەملىرىگە ئوخشايتى. پانسەتلەرنىڭ سۆلىتى بولسا گويا ھاكىمى ۋىلايەتلەردىن زىيادە ئىدى. قالغان سۆلەت، ھەشەمەتلىرى بولسا ئۆز ئورنىدا زىكىر قىلىندى. بۇلارنىڭ كەينىدىن بىر پانسەت ئارلىغى مىقدارى قۇر بېشى، جاللاتلار ۋە مۇرشاپ غەزەپخۇۋالار بىلەن نەچچە ھارۋىدا گۇناكارنى ماڭدۇردى. بۇ گۇناكارلارنىڭ بەزىلىرى بوينىغا غول زەنجىر بېكىتىلگەن، بەزىلىرى تۆمۈر ھالقا بىلەن ھارىۋىغا باشلانغان، بەزلىرى ھارۋا ئىچىدە مۇستەھكەم ئىشكال بىلەن بەنت قىلىنغان ئىدى. ھارۋىلار بولسا تۆمۈر سىم بىلەن تورلانغان بولۇپ، ئەتىراپىدا ئايپالتا ۋە كىچىك پالتىلارنى دىۋەيلەپ كۆتەرگەن جاللاتلار ھازىر ئىدى. يەنە بىر پانسەت ئارلىغى مىقدارى بەڭگە، قەلەندەر- دىۋانە، باكارچىلار توپ- توپ بولۇپ، ئەلەم، بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلارنىڭ كەينىدىن پىيادە ياكى ئاتلىق يۈرۈپ، چۈشكەن مەنزىللەردە دائىم چەت- ياقا جايلارغا چۈشۈپ، ھەر ئەتىگەندە قوشۇنلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئارىلاپ "خۇدا ھەققى بىر نەرسە بېرىڭلار" دەپ تىلەمچىلىك قىلى، نەزىر- سەدىقىلىرى بولسا ئېلىپ، ئۆز قارارگاھلىرىغا قايتىپ، ئاقساقال- بوۋىلىرىنىڭ ئەمىرى ئىتائىتىدە تۇراتتى. جانابى ئالىلىرى كىيىم تارقاتقان چاغدا، بۇلارغىمۇ كۇلا، تەڭگە، تىلالارنى بەخش قىلىپ، ئۆز لايىغىدا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى خۇش ۋە مىننەدار قىلار ئىدى. ئەمما بۇلار مەمۇرى تەپتىش ۋە ھىساپ- ھۆكۈمدىن خالى ئىدى. باشقا نۇسرەت قىياپەتلىك ئەسكەرلەرنىڭ سۆلەت ۋە ھەشەمەتلىرىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ مۇلاھىزە قىلغايسىزلەر.
      ئاتالىق غازى چېدىر- بارگاھلىرىنى تىكىدىغان جايغا ئىككى كۈن ئىلگىرىلا رەستە- بازار قىلدۇرۇپ، گۆش- ياش، گۈرۈچ، بۇغۇز، نان- تۇقاچ، ئوت، ئوتۇن ۋە ھەر خىل كۆكتات، مىۋە، ھالۋا، يەل- يىمىش، قەندەلەت، ھەر خىل مەئجۈن، مۇراببا، خوش كەيىپ دورىلار قاتارلىق شەھەردە تېپىلمايدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈپ، قوشۇن بازارلىرىدا تەييار قىلدۇرۇپ تۇراتتى. مەيلى كۆل، يۇرتلار ئىچى ياكى چۆل ۋە تاغلاردىنمۇ بۇ ئەھۋال ھامان مۇشۇنداق بولۇپ تۇراتتى. ھەر زامان ۋە ھەرقانداق سەپەرگە ئاتلانسا، بىللە ماڭىدىغان ئەللىك ھارۋىدا تىللا، ئاق تەڭگە، كۈمۈش ۋە يەنە ئەللىك ھارۋىدا قىزىل پۇل، چاقا پۇل، ئىككى يۈز نار تۆگىدە ھەر خىل خاس توان، جۇۋا، شىم، تەلپەك ۋە ئۆتۈك، ئىككى يۈز تۆگىدە مۇكەممەل ئىگەر، توقۇم قاتارلىق ئات جابدۇقلىرى، بەش يۈزى مۇكەممەل ئىگەر، جابدۇقلار بىلەن تەييارلانغان ۋە بەش يۈزى يەلپۈش، كۆرپىچىلەر بىلەن راسلانغان يايداق ئات، جەمئىي مىڭ ئاتنى بىللە ئېلىپ ماڭاتتى. ھەر بىر ئاتنى بىر قول يىتىلەپ ماڭاتتى. بۇ ئاتنى ئېتى ئۈلۈپ پىيادە يىگىتلەرگە ئىنئام قىلاتتى. ئۆزىگە خاس نەچچە ھارۋىدا بورداق- سېمىز قازاق ۋە ھىسارى قويلىرى، نەچچە ھارۋىدا توخۇ، تۇخۇم، نەچچە ھارۋىدا قوي يېغى، سۇ يېغى ، نەچچە ھارۋىدا كولال تونۇر، نەچچە ھارۋىدا كەتمەن، پالتا، چوتڭ، چىراق، شامدان ۋە نەچچە ھارۋىدا چوڭ- كىچىك سۈپۈرگە ھازىر ئىدى. چوڭ تۇغلۇق ئەمىرى لەشكەر، پانسەتلەرنىڭ بولۇپ جەمئىي بەش يۈزدىن زىيادە سۇچى- مىشكاپچىلار مەشلەرگە سۇ تولدۇرۇپ، ئاتلىق كۆتۈرۈپ يۈرەر ئىدى. مەيلى كۆلدە بولسۇن ياكى چۆلدە بولسۇن ۋە سۇ- دەريالىق مەھەللىلەردە بولسۇن، ياكى بىر جايدا تۇرغاندا ياكى سەپەردە بولسۇن، مەشلىرىدىن زادى سۇ كەم بولمايتى. بارگاھ ئالىلىرىنى قاچان قەيەرگە تىككەن بولسۇن، ئاشقان سۇلاردىن بارگاھا ئالدىغا سىپەر ئىدى. يەنە تۆت مىڭ ياكى بەشمىڭ قوي، سېغىن ئىنەك،موزاي، توپاقلارنى بىللە ئېلىپ ماڭاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوڭلار باشلىق ھەممە يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا يېڭى قايماق بىلەن ناشتىلىق شىرە- چاي، يۇمشاق ۋە ئىسسق نان، گۈلچە، تۇقاچ، قەن، لەززەتلىك ھالۋا، رىشالە، تەمى شىرىن شويلا، شوۋاگۈرۈز قاتارلىق تاماقلار بىلەن پاكىز، خۇش پۇراق چايلارنى ئېلىپ چىقاتتى. ئاش قىلىدىغان بورچىخانىلىرى ئىككى قاتاردىن بولۇپ، ھەر كۈنى بىر قاتارغا نۆۋەت كېلەتتى. ھەر بىر مەنزىلگە يەتكەندە ئاشلارنى تەييارلاپ تۇراتتى. ھازىر بولغان چوڭ- كىچىك ئەمىرى لەشكەرلەر، ئەمىرائىلەر، پانسەت، ياساۋۇل، مەھرەم قاتارلىقلارغا بارغان ھامان تەڭ- باراۋەر ئاش تارتاتتى.
      جانابى ئالىنىڭ دەستۇرخانلىرى شۇ قەدەر كەڭ ئىدىكى، قاغا، پاختەك، قۇشقاش قاتارلىق ياۋايى ئۇچار جانىۋارلارغىمۇ تۇرغاندا ۋە سەپەردە بېرىدىغان بىر توققۇز تاۋاق ئاشلىرى بار ئىدى. بۇنىڭغا نەچچە مەھرەم ۋە ياساۋۇللار مەسئۇل ئىدى. ھەر كۈنلىگى يىگىتلەرگە ئاش تارتقاندا، تاۋاقلارغا ئاش ئۇسۇپ، ئۈستىگە گۆش قويۇپ، پارچە- پارچە توغراپ، جانابى ئالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا، ئوردا ئالى سەھنىلىرىدە ياكى بارگاھ ئالدىدا قويۇپ بېرەتتى. ئاشقا ياكى قولغا كۆنگەن قاغا، پاختەكلەر تاما قىلىپ سايراپ بولۇپ، ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك ياراتقۇچى ۋە رىسقى بەرگۈچى مۇقەددەس ئاللا دەرگاھىغا ئۆز تىللىرى بىلەن تەشەككۈر ۋە مەدھىلەرنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۇچۇپ كېتەر ئىدى. بۇلارغا ھىچقانداق ئادەم دەخلى قىلىپ تېگىشمەيتى. دىمەك، جانابى ئالىنىڭ دەرستۇرخان ۋە تۈرلۈك نىمەتلىرىدىن بۇ خىل مەخلۇق- جاندارلارمۇ پايدا كۆرۈپ، بەھرمەن بولۇپ، نائۈمىت ۋە ناماھرەم قالمايتى. جانابى ئالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاشخانىلىرغا ھەر كۈنلىگى ئاتمىش چارەك گۈرۈز دەرپ قىلاتتى. ھەر بىر ئەمىرى لەشكەر پانسەتلەرنىڭ بۇرچخانىلىرىغىمۇ ئەنە شۇنداق ئالاھىدە خىراجەتلەر سەرپ قىلىناتتى. ھاكىملار يۇرتى ۋە ۋىلايەتلىرىدىن ھەر كۈنلىگى ئىككى، ئۈچ يۈز ئىشەكتە گۈرۈچ، تۆت يۈز ياكى بەش يۈز ئات ھارۋىدا ئۇن، بوغۇز كەم بولماي ۋە ئۆكسۈمەي يېتىپ كېلىپ تۇراتتى.
       شۇنداق قىلىپ، سائادەت ئۇچار، دۆلەتيار ۋە پەكەك قىياپەتلىك مۇھەممەت ياقۇپ بېك غازى ئەنە شۇنداق داغدۇغا ۋە ھەشەمەت بىلەن مەنزىلمۇ مەنزىل يۈرۈپ، مۇبارەك بارگاھىنى كۇچار تەختىگاھى ئۈستىگە تىكلىدى. ئۇ پەزىلەت ۋە ھۆرمەت ئىگىسى بولغان جانابى مۇھەممەت ئەنھەزرەت ئەلەيھۇسسالات زامانىدىن بۇ زامانغىچە بولغان ئارلىقتا، بۇ موغۇلىستان يۇرتىدا ئىسلام ئھچقان پادىشالار، مۇھەممەت ياقۇپ بېك غازىدەك سۆلەت ۋە ھەشەمەت بىلەن جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، بۇ يولدا ماڭغانلىغىنى ھىچ زاماندا بىرەر ئىنساننىڭ قولىغى ئاڭلىمىغان ياكى كۆزى كۆرمىگەن ئىدى. ئاتالىق غازى كۇچاردىن ئىسھاق خوجامنى تەئەلۇقاتلىرى بىلەن كۆچۈرۈپ، ياركەنتكە ئەۋەتىپ، شاغاۋۇل دادخۋاغا تاپشۇرۇپ، ئايلىق ۋە يىلىق مائاش- ۋەزىپە تەيىنلىدى. توختى ئىشىك ئاغا بېكنىمۇ ئورنىدىن ئېلىپ ، يەككە يىگىت قاتارىدا قىلىپ قويدى. كۇچارنى نار مۇھەممەت پەرۋانىچىغا مەرھەمەت قىلدى. ئاندىن كۇچاردىن ئاتلىنىپ، كورلىنى مەقام مەنزىل قىلىپ، نىياز مۇھەممەت توقسا بىينى كورلىغا ھاكىم قىلدى. بۇ شاتلىق ئۈستىگە پاراغەتلىك پەيدا بولغان زاماندا، كورلا، كۇچاردا بۇلاڭ- تالاڭغا يۇلۇقۇپ، پۇل- ماللىرىدىن ئاجراپ، پەقىر يوقسۇزلۇق كوچىلىرىغا كىرىپ قالغان، ھەيران ۋە سەرگەردان مۇجاۋۇر- مۇساپىر سودىگەر بايلار يىغلاپ- يىغلاپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، ئەرز- ھالىنى مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى مەرھەمەت قىلىپ، بەزىلىرىگە تون- كېچەك، بەزىلىرىگە پۇل، تىلا ئاتا قىلىپ،" سىزلەرگە ۋابال بولغانلىغىنى ئاڭلاپ بىلدىم، ئەمدى پۇلۇڭلارنى غەزنىدىن بەرسەم، دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار، مىرزا چىقىرىمەن، دەسمايە پۇلۇڭلارنى راستى بىلەن خەتلەپ بېرىڭلار، شۇنىڭا قاراپ پۇل بېرىمەن" دەپ يارلىق چۈشۈرۈپ، زەينۇلئابىدىن مەخزۇم مىرزا بېشىنى چىقاردى. بەزىلىرى راستنى خەتلەيتى، بەزىلىرى بولسا بىرنى ئون قىلىپ كۆرسىتەتتى. جانبى غازى بەدۆلەت پاراسەت نۇرى بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان ۋە خىيانەت قىلغانلىغىنى پەملەپ "قۇرئان پەتھى بولغاندىن كېيىن بېرىمىز، دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار" دەپ ئىلتىپات قىلدى. گەپنىڭ خۇلاسىسى شكى، تۇرپان ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆلىمائى ئىسلاملاردىن پەتىۋا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى دۆلەتخانا ئالىغا تاپشۇرغان زاكاتلىرىنىڭ سانىغا قاراپ، پەتىۋا بويىچە پۇل بەردى.
     ئەلقىسسە، جانابى ئالى بەدۆلەت ئۇششاقتالدىن يۈرۈپ قاراقچىنغا بارغااندا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەرنى پانسەتلىرى بىلەن پىلانلىق يولى ئارقىلىق توخسۇنغا بۇيرۇدى. ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرلىرىنى پانسەت ۋە يىگىتلىرى بىلەن ئايغىر بۇلاق يولى ئارقىلىق توخسۇنغا يارلىق قىلدى. ھەر ئىككى ئەمىرى لەشكەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ باراۋەر توخسۇندىكى تۇڭگانىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، جەڭ- جىدەللەرنى قىلىپ، غەلبە بىلەن توخسۇننى قولغا كىرگۈزدى. بۇ يەردە ئىككى مىڭچە تۇڭگانى بار ئىكەن. ئىككى يۈزچىسى جېنىنى جايلاپ تۇرپانغا قاچتى. قالغانلىرى تىغ سىياسەتتىن ئۆتتى. شۇ ھالدا جانابى ئالى تۇرپانغا بېرىپ، بارگاھى ئالىلىرىنى داداڭ دىگەن جايغا تىكلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىدىن يەمشى دىگەن جايغا ئالتە مىڭ تۇڭگانى چىقىپ ئۇرۇش قىلدى. قاتتىق جەڭلەر بولدى.ئاخىرى تۇڭگانىلار قاتتىق جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاز بىر قىسىمى ئۆزىنى شەھەرگە ئالدى. قالغانلىرى بولسا تىغ سىياسەت ۋە غەزەپ قەھرىيەت بىلەن يوق بولدى. دادوڭ دىگەن جاي بولسا شامال- بوراننىڭ كان- مەدەنى ئىكەن. بۇ جايدا تۇرغىلى بولماي، چېدىر- بارگاھلىرىنى يار دىگەن مەنزىلگە تىكتى. ئۈرۈمچدىكى داۋۇد خەلىپە يەنى لورىن جا دىگەننىڭ ئون يەتتە مىڭ نامدار تۇڭگانىلىرى تۇرپاندىكى تۇڭگانىلارغا يار- مەدەت بولۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، تۆت كۈندىن كېيىن يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن تۇرپاندىكى تۇڭگانىلارمۇ خەۋەردار ئىكەن. نەتىجىدە سەككىز مىڭ تۇڭگانى شەھەردىن چىقىپ قارىسىنى كۆرسىتىپ ئاتالىق غازىنىڭ نۇسرەت قىياپەتلىك قوشۇنلىرىنى ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرغا ئالماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر بىلەن ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر ئىككى تەرەپكە تەڭ باراۋەر جەڭگە چىقتى. باشقا ئەمىرى لەشكەر ۋە پانسەتلەرنىڭ ھەر بىرىمۇ خۇددى رۇستەمى ساستان [196] ۋە سام [197] نەرىماندىن [198] زىيادە باتۇرلۇق ۋە جاسارەتلىك كۆرسەتتى. ئاقىۋەت ئۇرۇشنىڭ غەلبە ئىشىگى نۇسرەت قىياپەت قوشۇنلار تەرەپكە ئېچىلدى. تۇڭگانىلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى جېنىنى ئۆز يۇرتىغا ئالدى. قالغانلىرى بولسا ئولجا- ئەسىر چۈشۈپ، كەتسە- كەلمەسلەرنىڭ كەينىدىن راۋان بولدى.
      ئاندىن كېيىن، ئاتالىق غازى چېدىر- بارگاھ ۋە ئۆي- ياتاقلىرىنى تۇرپان شەھىرىگە بەش يول مەنزىلى مىقدارى بىر يەرگە تىكىپ، ئەتىراپىغا خەندەك، سېپىل، قوختا، دەرۋازىلار ۋە پوتەيلەرنى سالدۇرۇپ مۇستەھكەملەپ، بىر قوشۇن شەھىرى پەيدا قىلدى. ھەممە چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلار، يىگىت، سەرۋازلارنى سېپىلنىڭ ئىچىگە ئالدى. ھەر كېچىدە بىر پانسەت بەش يۈز يىگىتى بىلەن نۆۋەتلىشىپ بۇ شەھەرنى چۆرىدەپ ساقتالىق (ساقچىلىق - ت) ۋە پاسىبانلىق قىلىدىغان بولدى. بازارچلاردىن بىرمۇنچىسى بۇ شەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قار، يامغۇر، شامال، شىۋىرغان، ئىسسىق ۋە سوغاقتىن پانا بولغۇداەك جاي- ماكان تەييارلىدى. لېكىن تۇرپان شەھىرى ئېلىنماي، مۇھاسىرسى ئۇزۇنغا سۇزۇلدى. ھەر ھەپتە ئون كۈندە نۇرغان تۇڭگانىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىپ، باراۋەرلىك قىلالماي ، يەنە شەھەرگە كىرىپ كېتەتتى. بۇ چاغدا لۈكچىن تۇڭگانىلىرى گېپىنى بىر قىلىپ، ئىتائەتتىن چىقىپ، جەڭ- مۇھارىبىگە تەييارلاندى. ئاتالىق غازى ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر ۋە ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرلەرنى تەۋە يىگىتى بىلەن كۈنچىنگە بۇيرۇدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ، ئۇرۇش- جەڭلەرنى قىلىپ، لۈكچىننى غەلبە بىلەن قولغا كىرگۈزۈپ، تېخى ئەمدىلا غىزا- تاماققا قول ئۇزىتىپ تۇرغاندا، ھايال بولماي دەرھەمەل يېتىپ كېلىڭلار دىگەن ئىنايەتنامە ئالى كەلدى. بۇلار كەلسە ئۈرۈمچىدىن يەنە ئون ئىككى مىڭ تۇڭگانى كەلگەن ئىكەن. ئەمىرى لەشكەر كەلگەن ھامان ئۇرۇشقا كىرىشتى. ئاخىرى بۇ تۇڭگانلارنىمۇ ئوتتۇردىن كۆتۈرۈپ، ئاللا دەرگاھىغا شۈكرى- سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرغان كۈنلەردە، ئەمىرى لەشكەر ئاۋغان خەيىر مۇھەمەت توپچىدار ئالىدىن يۈز ئۆرۈپ، تۇڭگانىلار شەھىرىگە قېچىپ كىرىپ كەتتى. تۇڭگانىلارنى قورقماي ۋە ئەيمەنمەي جەڭ- جىدەلگە تەرغىپ قىلىپ كۈشكۈرتۈپ، تولا ھەرىكەتلەرنى قىلدى. بىر كېچىدە خەيىر مۇھەممەت نۇرغۇن تۇڭگانىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ قوشۇن شەھىرىگە چىقتى. بۇ ئىشتىن جامىدار دادخۋا خەۋەردار بولۇپ، ئالدىراشلىقتا توپ، زەمبىرەكلەرگە ئاق تەڭگە، چاقا پۇلالرنى سېلىپ بىرمۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرمۇنچىسىنى قولغا تىرىك چۈشۈرۈپ يوق قىلدى. خەيىر مۇھەممەت توپچىدار زەخمىدار بولۇپ، ئۆزىنى تۇڭگانىلار ئىچىگە ئالدى. سەرەنجام بولغاندىن كېيىن سەرھىساپ قىلىپ كۆرسە، ئىراۋۇلچى يىگىتلەردىن پەقەت يىگىرىمە- ئوتتۇزىلا ئۇخلاپ قالغان يېرىدە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. باشقىلىرى كېلىپ توپقا قوشۇلۇپتۇ. باشقا زىيان- زەخمەت بولماپتۇ.
      جانابى ئالى مېھرىۋانلىق بىلەن جامىدار داخۋادىن"بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەدىن قانداق يىگىت خەۋەر تېپىپ ئاگاھ قىلدى " دەپ سورىغاندا، ئۇ "ئىككى ئاۋغان يىگىتى ئاگاھ قىلدى" دەپ مەلۇم قىلدى. مەزكۈر ئىككى ئاۋغان يىگىتتىن "قانداق خەۋەر تېپىپ خەۋەر بەردىڭلار " دەپ سورىغاندا، ئۇلار" گۇنايىمىزنى ئەپۇ قىلسىلا، ئاندىن مەلۇم قىلساق" دىدى. ئاتالىق غازى "ئەپۇ قىلدىم" دەپ ئىلتىپات كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۇلار "بىز بەڭ تارتماقچى بولۇپ، ئوت ئىزدەپ چېدىرغا باردۇق. ئوت تاپالماي يېنىپ كېلىۋېتىپ غەيرى مۇخالىق ئادەملەرنى كۆردۇق – دە، جامدار دادخۋانى ئاگاھ قىلدۇق” دەپ مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەڭ- نەشە چەككەن ئادەملەرنى كۆرسە ئازاپ- ئەلەم قىلاتتى. ھەتتا يوق قىلاتتى. بۇ كۈندىن باشلاپ بەڭ- نەشە چىكىشكە ئىجازەت بەردى. چۈنكى، بەڭگىلەر بەڭ خۇمارىدا ئۇخلىمايدىكەن. ئاتالىق غازى مەرھەمەت ئەيلەپ ئىككى ئاۋغاننى توپچىلارغا يۈز بېشى قىلىپ، ئالاھىدە ئات جابدۇغى، زەر باسقان تون، ئالاھىدە يۈز بېشى قىلىپ، ئالاھىدە چېدىر قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ، يارلىق بىلەن ئورنىنى كۆتۈردى.
      شۇ كېچىشى ئاجايىپ بىر كېچە بولغان ئىدىكى، جانابى ئاتالىق غازى باشلىق ھەممە قوشۇنغا ئۇيقۇ لەشكىرى غالىپلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتلىرىنى تالان- تاراج قىلىپ، قوشۇنلارنى ئوتتۇردىن كۆتۈرۈپ پاراكەندە قىلشقا تاسلا قالغان بىر كېچە ئىكەن. لېكىن بۇلارنى خۇداۋەندە كېرىم ئۆز مۇھاپىزىتى ئىچىدە ساقلاپتۇ. شۇڭلاشقا، ھەممىسى قەدىر ئاۋال نەزىر- سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئاللانىڭ ئۇلۇغلۇغىغا شۈكرى- سانالارنى ئادا قىلىشتى. ئاندىن كېيىن تۇرپاننىڭ چوڭلىرىدىن ئابدۇلقاھھار بېك، خوجا ئابدۇللا بېكلەر ئۆز غەللە مەھسۇلاتلىرىدىن كەڭرى ئاق، قارا ئاشلىقلارنى غەلبە قىياپەت قوشۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى ۋە جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتۈپ، بۈيۈك يارلىق ئالىلىرىغا بەھرمەن ۋە مەمنۇن بولۇپ كۆتۈرۈلدى.
      گەپنىڭ ھاسىلى، تۇرپان شەھىرى تولۇق توققۇق ئاي مۇھاسىرىدە ياتتى. ھىچ پەتھى مۇيەسسەر بولمايتى، تۇڭگانىلارمۇ قامالدا قېلىپ كۆپ تەڭلىك تارتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىر نىيەت بىلەن كاتتا خانىقالىرىغا جەم بولۇپ، يېڭىۋاشتىن ئەھدى- پەيمانلارنى مەھكەم قىلىپ، ئاللاغا توۋا قىلىپ يالۋۇرۇپ، جان- دىلى بىلەن ئاتالىق غازىنىڭ نۇسرەت نىياپەتلىك قوشۇنلىرىغا ئۆزلىرىنى پەرۋانىدەك ئۇرماقچى بولۇپ، مەسلىھەتلىرشىپ تۇرغاندا، جامىدار دادخۋا تۇرپاندا قويدۇرغان بىر كاتتا بام توپنى سىناپ كۆرمەك ئۈچۈن، ئوق سېلىپ، بىر ئەتىگەنلىگەى تۇڭگان شەھىرىگە قارىتىپ ئاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ چاچما ئوقىمۇ رەسمىي بىر قازاندەك بار ئىكەن. بۇ چاچما ئوق بېرىپ تۇڭگانىلار مەسلىھەتلىشىپ تۇرغان خانىقا ئىچىگە چۈشۈپ، يېرىلىپ نەچچە پارچە بولۇپ نۇرغۇن تۇڭگانىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىپتۇ. بەزىلىرىنى زەخمىدار قىىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇڭگانىلارنىڭ كۆڭلىگە ئالەمنى غايىپتىن قورقۇنچ ھەم ھەھشەت زىل- زىلىسى چۈشۈپ، بۇ لاۋ پادىشا ئۇلۇغ ئىكەن. بىزنىڭ يامان نىيەت قىلغانلىغىمىزنى بىلىپ، بىزگە ئوق ئاتتى دەپ ئەندىشە قىلىپ، ئەمدى بولمىدى، ئامانلىق تىلەپ كىشى چىقىرىپ ئىتائەت ۋە بەيئەت قىلايلى دەپ مەسلىھەتلىشىپ، مۇددىئا ۋە غەرەزلىرىنى بىر- بىرلەپ بايان ۋە ئىزھار قىلىپ، بوي سۇنۇپ، باش ئەگمەكچى بولۇپ ئەلچى چىقاردى. جانابى ئالى ئۇلارنىڭ ئىلتىجا ۋە ئىلتىماسلىرىنى ماقۇل كۆرۈپ قۇبۇل تۇتۇپ، مەرھەمەت قىلدى. تۇڭگانىلارنىڭ ئۇلۇغى سۇ يەنشەي باشلىق ھەممە تۇڭگانى قورال- ياراقلىرىنى بوينىغا ئېسىپ، گۇمانى پەلەك دەرگاھىغا ئۆزلىرىنى تاشلىدى. مۇلازىم ۋە دۆلەتخۋالارنى ئېلىپ كېلىپ، دۆلەت ئالىلىرىنىڭ كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدى. ئاتالىق غازى سۇ يەنشەينىڭ باشلىق ھەممە تۇڭگانىنى مېھمان قىلىپ، زىياپەت بېرىپ، تون- كېچەكلەرنى ئىنئام قىلىپ، ھەممىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، پەرمانبەردار قىلدى، گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئاتالىق غازى ئەنە شۇنداق يوللار بىلەن مەقسەتكە يېتىپ، تۇرپان شەھىرىنى بوي سۇندۇردى. ھېكىم خان تۆرەمنى مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ مەرھەمەت قىلدى. ھەيدەر قۇلى پانسەتنى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ بەردى. تۇرپانلىق خوجا ئابدۇللا بېكنى سەركار. قازى سۇرخ ئاب بىينى قازى كالان قىلىپ، يارلىق نىشانلار بىلەن بېكىتتى. ئادىن تۇرپان ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئاۋالقى داستاندا بايان قىلىنغان سايراملىق مەسۇم خان خوجام ۋە تۇرپانغا ھاكىم بولغان ۋەييىد خەلىپىلەر تۇڭگانىلار ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇلارغا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىپ، كۆپ يىگىتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇلارغا كايىپ، گۇناھكار قىلىپ، مەسۇمخان تۆەمنى كورلىدا يوق قىلدى. ۋەييىد خەلىپىنى باي ھاكىمى ئەخەت بېككە ئەۋەتىپ، بۇ ئالى ئەمىر بويىچە ئەخمەت بېك ۋەييىدنى ئۆز قولى بىلەن سويدى. لېكىن ئەخمەت بېك كېچىسى ۋەييىد قولىغا پىچاق ئېلىپ قوغلاپ يۈرگەن بىر چۈش كۆركۈپ قورقۇپ كېتىپ، يەتتە كۈن يېتىپ ئۆلدى. ئاغاچەسى نيازخان باي، سايرامنى ئالتە ئاي سورىدى. ئاندىن كېيىن باي، سايرامنى مۇھەممەت ئىمىن توقسابەغە ئىنايەت قىلدى – ۋەسسالام.



10

ئاتالىق غازى بەدۆلەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەرەپكە ئاتلىنىپ پەتھىگە مۇيەسسەر بولۇشى، نەنسەندىكى خىتايلار ئۇلۇغى شى- شى گۇڭنىڭ [199]، ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلىش ھەم تۇڭگانىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ بۈيۈك غەلبىگەى ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ ئىززەت- ئىكرام تامامىدىن كېيىن ئۆز تەختىگاھىغا قايتىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى

[align=justify]
     قۇدرەتلىك ئەزىز يارەنلەر ۋە لەززەت تەمىنى بىلىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ يېقىن ئالى كۆڭۈللىرىگە روشەن ۋە ئىزھار بولغايكى، بۇنداق قىسسە ۋە ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، ئۇ شەھىريار ئاتالىق غازى تۇرپان ۋە لۈكچىن غازاتلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، بۇ جايدا ئون ئاي مىقدارى ئىستىقامەت قىلدى. بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى لورۇن جا يەنى داۋۇد خەلىپە دىگەن ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپدىكى تەۋە تۇڭگانىلار ئىچىدە گويا بىر شانى- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشا بەلكى مۇستەقىل خانلاردەك ئورۇنغا ئىگە بولدى. ئۇ نەچچە قېتىم لەشكەر ئەۋەترىپ جەڭ- مۇھارىبە قىلدى. بەزىدە ئاشناچىلىق يىپىنى باغلاپ خەت- ئالاقە ۋە بېرىش- كېلىشلەرنى قىلىپ تۇردى. بۇ چاغدا جانابى ئاتالىق غازى ئەزىم پانسەتكە يەنە تۆت پانسەتنى قوشۇپ، بىر مىڭ بەش يۈز يىگىت بىلەن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلىپىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن ئىدى. داۋۇد خەلىپە بۇنى ئاڭلاپ، ئالدىغا كىشى چىقىرىپ، ئىززەت- ئىكراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، شەھەرىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ، كەڭرى چۈشكۈن- قۇنئالغۇ چىقىرىپ، ئوبدان خاتىرجەم قىلدى. لېكىن، ناماز شام بولغاندا، نۇرغۇن تۇڭگانىنى ئەۋەتىپ بۇشاڭغۇ ۋە بىپەرۋالىق بىلەن تۇرغان يىگىتلەرگە بىرلا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن يىگىتنى يوق قىلدى. مەزكۈر پانسەتلەر تۆت يۈزچە يىگىتى بىلەن جېنىنى جايلاپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك بارگاھىغا ئۆزىنى ئالدى.
      شۇنداقلا، بۇ چاغدا، ئۈرۈمچى بىلەن يۇلتۇز ئارىسىدىكى نەنسەن دىگەن جايدا ئون مىڭ ئۆيلۈكتىن كۆپرەك خىتاي بار ئىدى. بۇلار ئىسھاق خوجامنىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغىنى شى- شى گۇڭ دەپ ئاتايتى. بۇلار تۇڭگانىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، بەزىدە غالىپ بولۇپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ يۈرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ جانابى ئالى بەدۆلەتنىڭ تۇرپان ئەتىراپىغا كەلگەنلىگىنى ۋە تۇڭگانىلارنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئىنىسى ماشويەنى ھەمرا قىلىپ، تولۇق قوراللانغان ئىككى مىڭ بەش يۈز خىتاي لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، جانابى ئالىنىڭ ھىمايەتلىرىگە ئۆزىنى تاشلاپ، سەككىز مىڭ قوي، سەككىز يۈز ئات، سەككىز يۈز كالا ۋە نەچچە يۈز قوي ھەم تۆگىگە يۈكلەنگەن ئاش- ئۇزۇق، يامبۇ- كۆمۈش، چىنى تاۋار ۋە خۇش بۇي پاكىز چايلارنى تارتۇق قىلىپ، راسلاپ كەلگەن ئىدى. ئاتالىق غازى بۇ خىتايلارغا ھەددىدىن ئارتۇق ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىپ،ئىنئام- ئېھسانلارنى قىلدى. شى- شى گۇڭ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئىنىسى مايشويەنى بىر مىڭ بەش يۈز خىتاي بىلەن خىزمەت قىلسۇن دەپ تاشلاپ، ئۆزى بىر مىڭ ئادىمى بىلەن نەنسەنگە ياندى. بۇ خىتايلار تۇرپاندىكى تۇڭگانىلار بىلەن بولغان جەڭلەردە كۆپ مۇۋاپىق خىزمەت كۆرسەتتى.
     ئاقىۋەت، جانابى ئالى ئۈرۈمچىدە ئاتلىنشىنىڭ تەييارلىغىنى قىلشقا باشلىدى. جانابى ئالى تۇرپاننى پەتھى قىلىپ ،ئۈرۈمچىنىڭ ئېلىنماسلىغى بولسا، زادىلا ھىساپ ۋە ئېتىۋارغا كىرمەيدىغانلىغىنى نۇرلۇق پانسەتلىرى بىلەن سېزىپ، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن يەتتىنچى يىلى ماھى رەجەپنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1870- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى – ت)، يەنى قەۋس پەسلىدە ئۈرۈمچىگە ئاتلاندى. ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەرنى چاپاۋۇل قىلىپ ئىلگىرى ماڭدۇردى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆزى غەلبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ ئۇرۇشقا ماڭدى. داۋانچى تۇڭگانىلىرى تارتۇق ھەدىيە بىلەن ئالدىغا چىقىپ ئىتائەت ۋە ئىناۋەت قىلىپ، ئامانلىق دۆلەت شەراپىتىگە ئىگە بولدى. ئاندىن ئۈرۈمچى تەۋەسىنىڭ چېتىدىكى بىر تاغنىڭ ئاغىزىدىن ئۈرۈمچىگە سۇ كىرىدىغان جايغا ئورۇنلاشقان دەقيانۇس [200] شەھىرى دىگەن جايغا ئورۇنلىشىپ، سېپىل، خەندەكلەرنى بىنا قىلىپ ياتتى. بۇ يەر ئۈرۈمچىگە ئوتتۇز يول مىقدارى بار ئىدى. ئەمما بەھمەن (شەمسىيە 11-ئاي – ت) ئايلىرىدىكى قىشنىڭ سوغاق شىددەتلىرى ۋە قار- شىۋىرغانلارنىڭ قاتتىق سوغاقلىرى يىگىتلەرنىڭ ھالىنى خاراپ ۋە زەئىپلەشتۈرۈشكە باشلىدى. بىر مۇنچە بازارچى ۋە پىلتىرچى ئۆلدى. بۇ چاغدا شى- شى گۇڭ نەچچە يۈز ھارۋىدا تاشكۈمۈر يەتكۈزۈپ بېرىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ يىگىرىمە يەتتە كۈن ئۆتتى. ئۇشتۇمتۇت لورىنجانىڭ يارلىغى بىلەن ئاتمىش مىڭ تۇڭگانى كېچىلىك ھۇجۇم باشلاشقا تەييارلىنىپ، ناماز شام مەھەللىدە غەلبە قىياپەت قوشۇنلارغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ چاغدا ھارۋا بۇزۇلدى، قار ياغدى، شىۋىرغان قوزغالدى، تۈن- كېچىسىمۇ خۇددى تۇڭگانىلارنىڭ كۆڭلىدەك قارا ۋە قاراڭغۇ بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن تۇڭگانى قوشىنلىرىنىڭ ئارلىغىدا بىر تاش مىقدارى كېلىدىغان تاغ- ئېدىر بار ئىدى. بىر مۇنچە تۇڭگانى بۇ تاغ ئېغىزىغا كىرىپ قالدى ۋە يەنە بىرمۇنچىسى ئېدىرغا كىرىپ قېلىپ يول تاپالماي، ھەيران ۋە سەرگەردان بولدى. گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇلار ئۈرۈمچىدىن ئۈچ بۆلەك ۋە تۆت بۆلەك بولۇپ چىققان ئىكەن. ئوتتۇز يول مىقدارى يەرگە كېچىسى ئۇزۇن بولغان بۇنداق بىر كېچىدىمۇ يېتىپ بارالماپتۇ. بەلكى بۇ خالىس خۇداۋەندە كېرىمنىڭ ئۇلۇغ رەھمى- مەرھىمىتى بولسا كېرەك. جانابى ئالى ئاتالىق غازى ناماز بامدات ئاداسىدىن كېيىن قاراپ باقسا، تاغ ئۈستىدە ئەلەم، بايراقلار نامايەن بولۇپتۇ. ھەممىسى بىردەك ئاتلىنىپ، بۇلار بىلەن يۈزمۇ- يۈز ئۇرۇش قىلىپ تۇرغاندا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەلەم، بايراق كۆرۈنۈپتۇ. بۇلار بىلەنمۇ جەڭ قىلىپ ئۇرۇش ئوتىنىڭ شولىسى ئۆرلەپ تۇرغاندا، تۇڭگانىلار يەنە بىر تەرەپتىن ئەلەم- بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپتۇ. ئارىدا ناھايتى قاتتىق ۋە كەڭ دائىرىلىك جەڭلەر بولۇپ، ئۇشتۇمتۇت تۇڭگانىلار ئاتالىق غازىنىڭ سەرۋازلىرىغا غالىپلىق قىلىپ كەينىگە قاچۇردى.
     بۇ چاغدا جانابى ئالى بىلەن ئالتە مىڭ ئەسكەر ھەمرا ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا جەڭگاھتا ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى. ئاتالىق غازىنىڭ يېنىدا مەھرەم، ياساۋۇللار بولۇپ، پەقەت ئۈچ يۈزچە يىگىت قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قېشىدا يەنە بىر مەزگىل جانابى ئالىنىڭ پەرمانى بويىچە، نىسار مەسۇم ھەزرىتىم تۇرپانغا ئاپىرىپ، سۇئا قىلدۇرتۇپ، ئىلتىپاتلار كۆرسىتىپ يەككە يىگىتلەر قاتارىغا كىرىپ، ئەمدىلا نەزەربەنتچىلكتىن نىجات تاپقان مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىمۇ بار ئىدى. جانابى ئالى سەرۋازلىرىنىڭ قېچىپ كەلگەنلىگىنى كۆرۈپ، مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىگە قاراپ،” بۇ قاچقان سەرۋازلارنى ئۇرۇڭ، ئۆلتۈرۈڭ، چېپىڭ “دەپ ئالى پەرمان قىلدى. بۇ يېتىپ بېرىپ بەش- ئالتە سەرۋازنى چاپتى. بۇنى كۆرگەن سەرۋازلار كەينىگە يېنىپ بېىپ تۇڭگانىلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۆزىگە تەۋە مەھرەم، ياساۋۇللارنىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى. ئۆزىمۇ ئۈستىگە بېرىپ قاراپ تۇرى. شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى، بۇنىڭغا تەرىپ ۋە بايان ئاجىزلىق قىلىدۇ. تۇڭگانىلارنىڭ كۆپ قىسىمى پىيادە ئىكەن. سوغاق شىددەتلىرىدىن ئەھۋالى خاراپلىققا يۈزلەندى. نەچچىسى مۇزلاپمۇ قالدى. لېكىن ئىگىز بىر تاغ بار ئىكەن. تۇڭگانىلار مۇز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوق ئاتقىلى تۇردى. يىگىت، سەرۋازلار بولسا پەستە تۇرۇپ ئوق ئاتاتتى. تۇڭگانىلارنىڭ ئۈلۈكلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇمۇلاپ- يۇمۇلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. يىگىت سەرۋازلار تۇڭگانىلارنىڭ ئۈلۈگىنى ئۆزلىرىگە دالدا ۋە قوقتە قىلىپ قارىغا ئېلىپ ئېتىپ، ئاخىرىدا غەلبە قىلىپ يەڭدى. جانابى ئاتالىق غازىنىڭ قەھرىيەتلىك بىلەن دۆلەت سۈرگەن دەۋرىدە، بۇنداق ئۇرۇش- جەڭ زادىلا بولۇپ باقمىغان ئىدى. بەلكى ئۇ قادىر ئاللا ئۆزىنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە تېگىشلىك مەرھەمەتلىرى بىلەن بۇنداق كۈچلۈك دۈشەمننى قەھرى- غەزەپكە دۇچار قىلىپ، مەغلۇپ قىلىپ بەرگەن بولسا كېرەك. ئاتلىق تۇڭگانىلارنىڭ ئازلا قىسىمى بۇ ئۇشتۇمتۇت زەربىدىن جېنىنى قۇتقۇزۇپ، لورىنجاغا ئۇچراشتى. قالغانلىرى ھالاكەت گىردابىغا مۇپتىلا بولۇپ، قارنىڭ ئاستىدا قاتتى – دە ، قالدى. بۇ پەتھى پەلەك بەختى يار مىرزا ئەخمەت قۇشبېگىنىڭ نامىغا تۇغۇلدى. ئاتالىق غازى بۇ غەلبىدىن كېيىن قۇشبېگىگە ھەددىدىن زىيادە مەرھەمەتلەرنى كۆرسەتتى.
     ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىن چىققان تۇڭگانىلار «بارىمىز- دە، ئالىمىز، ئۆلتۈرۈپ ئات- ئۇلاغ، قورال- جابدۇقلىرىنى، ئالتۇن- كۆمۈش ئەسۋاپلىرىنى ئولجا- ئەسىر قىلىمىز» دىگەن خام خىيال بىلەن كەلگەن ئىكەن. ئۇلار ئاتلىنىشتىن بۇرۇن بالا- چاقىلىرىغا «ئەتە ئەتىگەندە ئولجا ئاتلارنى باغلىغىلى ئاغامچا ئېلىپ ئالدىمىزغا چىقىڭلار» دەپ چوڭ گەپلەرنى تاپشۇرۇپ چىققان ئىكەن. ئاتالىق غازىنىڭ يىگىت، سەرۋازلىرى قاچقان تۇڭگانىلارنى قوغلاپ كېتىپ بارسا، ئۇلارغا ئون ياش ياكى ئون ئىككى ياشلاردىكى ئونمىڭ تۇڭگان بالىلىرى ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنڭ قولىدا بىر- ئىككىدىن ئاغامچا بار ئىكەن. ئۇلار دادىسى ئولجا ئېلىپ كەلگەن ئاتلارنى باغلاپ مىگىلى چىققان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاكەتكە يەتكۈزۈپ،دادىلىرىنىڭ كەينىدىن كەتسە- كەلمەس يولغا راۋانە بولدى.
     بۇ چاغدا لورىنجىغا قېچىپ بارغانلاردىن ۋەقەنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە ۋە شەھەرگە بىر ئىلاج بۇلارمىكىن دىگەن خام خىيال بىلەن ئون مىڭچە ئوغۇل- قىز نارسىدە تۇڭگانى بالىلىرىغا كالامى شېرىپنى كۆتەرتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلدۇرۇپ، نۇسرەت نىزاملىق قانخۇمار ئەسكەرلنىڭ ئالدىغا چىقاردى. قوشۇننىڭ ئالدىدا كىرگەن ئابدۇللا ئەمىرى لەشكەر ۋە پەيزى يۈز بېشى باھادۇرلار باشلىق يىگىتلەر بۇ بالىلارغا قارىماي ۋە پەرۋا يۈز- خاتىر قىلماي، بالىلارنى باستۇرۇپ، دەسسىتىپ، دەرۋازا ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئوق چىقىرىپ تۇرغاندا، ئاتالىق غازىدىن « شەھەرگە كىرمەڭلەر» دىگەن پەرمايىش ئالى سادىر بولدى. بۇلار شەھەرگە كىرمەي، ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ تۇرۇشتى. ئاقىۋەت ئەمىر لەشكەر ئابدۇللا پانسەتنىڭ شام- چىرىغى ئۆچۈپ كۆزى كور بولدى. بەلكى مۇشۇ بىئەدەپسىزلىك ۋە ھۆرمەتسىزلىك ئۇنىڭ كور بولۇشىغا سەۋەپ بولغاندۇر. پەيزى يۈز بېشىمۇ تېز سۈرئەتتە يوق بولدى. بۇ ئارىدا بىرمۇنچە يىگىت، سەرۋازلار تۇڭگانىلارنىڭ ئوغۇل- قىز بالىلىرىنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ ئېلىپ چىققان ئىكەن. جانابى ئالى بۇنى كۆرۈپ، «بۇ دۈشمەنلەرنىڭ بالىلىرىنى نىمە ئۈچۈن تىرىك ئېلىپ چىقتىڭلار» دەپ ناھايتى غەزەپلىنىپ، ئولجا ئېلىپ چىققان يىگىت، سەرۋازلارنى ۋە ئولجا بالىلارنىمۇ بىردەك چاپتى. نەتىجىدە بىرمۇنچە گۇنالىق ۋە گۇناسىز نارسىدە ئوغۇل- قىزلار ۋە باشقا تۇڭگانىلار بىردەك يوق قىلىندى.
     بۇ چاغدا داۋۇت خەلىپە لورىنجادىن ئەلچى چىقىپ « دا پادىشا (چوڭ پادىشا – ت) باشلىق قوشۇنلار شەھىرىمىزگە كىرمىسە، بىزنىڭ خوتۇن- بالىلىرىمىز ناھايتى قورقىدۇ. بىز ئىتائەت قىلساق، ئەگەر نىمىگە يارلىق قىلسا، بىز بەجاندىل قۇبۇل تۇتۇپ خىزمەتكرچىلىغىمىزنى مەلۇم قىلساق» دىدى. جانابى شەھىريارى ئاتالىق غازى ماقۇل بولۇپ قۇبۇل تۇتۇپ، ئوبدان بولىدۇ دەپ قىرغىنچىلىقنى توختاتتى. داۋۇت خەلىپە نەچچە توققۇز يامۇ، كۈمۈش، ئالتۇن، جانان چىنە، ئالاھىدە تاۋار، دۇردۇن، خۇش بۇيلۇق پاكىز چاي، ئات،قورال- ياراق قاتارلىق بېجىندىن چىقىدىغان قىممەت باھا ئىسىل ماللار ۋە غەزنىدىكى ھەممە بار ئەشيا نەرسىلەرنى تارتۇق قىلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ گۇمانى پەلەك بارگاھىغا چىقاردى. لېكىن ئۆزى چىقماي، ئارتۇق ئۆزرە- خالىقنى ئادا قىلىپ، ئىتائەت بەلبېغىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ، «ئەگەر تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزىمەن دىسە، جان ۋە تېنىم ئۇلۇغ لاۋ پادىشا ھەققىدە پىدا ۋە يوق بولسۇن، ئەگەر مەنكى قېرى كەمتەردىن دۇئاغا قولىنى كۆتەرگەندە، جانابى ئالى ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، كەچۈرۈم قىلسا، بۇ ئۇنىڭ پادىشادەك ياخشىلىق قىلغانلىغى بولىدۇ» دەپ خەت- ئەرز چىقاردى. شەپقەت ئەسەر ۋە دۆلەتيار ئاتالىق غازى بۇنىڭغا رازى بولۇپ، كۇپايە دەپ ئامانەتنامە بەردى. بۇ چاغدا ئاتلىق غازى تۇرپاندىكى تۇڭگانىلارنىڭ ئۇلۇغى سۇ يەنشەينى خىزمەتچىلىرى قاتارىدا بىللە ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئىلگىرى قىلغان گۇناسى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇنى ئۈرۈمچىگە دايەنشەي قىلىپ، ئالتۇن كەمەر، كىسە- خەتدان، مىلتىق، ئالاھىدە پەينەكلىك قورال- ياراقلار پاكىز تۇغ، بايراق، ئەلەم ۋە ئىسل كىمخاپ تون، ئالاھىدە يارلىق نىشان- ئالى شانلارنى بېرىپ، ئۈرۈمچىگە قاراشلىق قۇتۇبى، گومادى، ماناس قاتارلىق ئالتە شەھەرنى ھەممە تەۋەلىگى بىلەن قوشۇپ ئىنئام- ئېھسان قىلىپ ئۇلۇغلىدى. ئەمدى بۇ دايەنشەيگە ئۆزى خالىغان ۋە لايىق تاپقان تۇڭگانىنى بۇ ئالتە شەھەرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە يەنشەي قىلىپ بەلگىلەش، ئۇلارغا ئات، قورال- ياراق بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە قاراشلىق قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بەردى. لېكىن بۇ چاغدا دايەنشەي ئەرز قىلىپ «ئىسلام پادىشالىرىنىڭ قائىدە- قانۇن ۋە رەسمىيەتلىرىنى بىلمەيمەن. خەت- ئالاقە يوللىرىغا ئاجىزدۇرمەن. دۆلەتخۋالىرىدىن بىر كىشى ماڭا بۇ قائىدە- رەسمىيەتلەرنى ئۆگەتسە دەپ تىلەيمەن» دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. ئاتالىق غازى بۇنى قۇبۇل قىلىپ،زەينۇلئابىدىن مەخدۇم بىرزا بېشىنى سالام ئاغىسى قىلىپ ئۈرۈمچىدە قويدى.
     ئۈرۈمچىنىڭ سوغاقلىقى ھەمە ئىنسان گورۇھىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئاشكارە، ئەگەر شى- شى گۇڭ نەنسەندىن تاشكۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرمىگەندە ئىدى، جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئەلۋەتتە مۇشكۈل بولغان بۇلار ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ماشويەمۇ چېرىكلىرى بىلەن تولا خىزمەت قىلدى. بۇ چاغدا شى- شى گۇڭ يەنە كۆپ تارتۇق- ھەدىيە بىلەن كېلىپ، جانابى ئاتالىق غازى بىلەن كۆرۈشۈش دۆلىتىگە مۇيەسسەر بولدى. ئاتالىق غازى ناھايتى خۇرسەن بولۇپ، شى- شى گۇڭغا قاراپۇشقاق كىمخاپ تاشلىق جۇۋا، ئالتۇن سەللە،كۇلا، پەينەكلىك مىلتىق، ئالتۇن كەمەر ۋە كىسە، جابدۇقلىرى ئالتۇندىن ياسالغان ئارغىماق ۋە ئىگەر تۇقۇم، كاتتا تۇماق قاتارلىقلارنى ئىنئام- ئېھسان قىلدى. ئىنىسى ماشويەگىمۇ خۇددى شۇنداق ناھايتى ئىلتىپاتلارنى قىلدى. قالغان چېرىكلىرىگىمۇ ئۆز دەرىجىسىگە قاراپ سۆلەسۈن، تۈلكە، پاخلان تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا، شىم، تەلپەك- تۇماق، تىللا ۋە تەڭگە قاتارلىقلارنى ئاتا قىلدى. دايەنشەيدىن شى- شى گۇڭغا ئون مىڭ تاغار ئاشلىق بۇيرۇپ بېرىپ، ئۇنى قايتىشقا رۇخسەت قىلدى.
     گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، جانابى ئاتالىق ئالى مەقام ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئاي تۇرۇپ، ئۇنىڭ دائىرە ۋە تەۋەلىگىنى تىنچلاندۇرۇپ، نۇسرەت ئىتنىزام ئەسكەرلىرى بىلەن يولغا چىقىپ تۇرپانغا كەلدى. بۇ جايدا ئىككى ئايدەك تۇرۇپ، بىرمۇنچە تۇڭگانىنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپانغا ھەيدىدى. ئاندىن كېيىن ئۆزى خوشال- خوراملىق بىلەن غەلبە ئۆزەڭگىسىگە پۇتىنى تاشلاپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، ھەمەل پەسلىدە قارا شەھەرگە كەلدى. بۇ جايدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇشنى ئىختىيار قىلىپ، قاراشەھەر دەرياسىنىڭ لېۋىدە بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى ۋە ئۆزى باش بولۇپ فاڭ سوقۇپ، خىش كۆتۈرۈپ خىزمەت قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، ئەمىرائىلەر ئۆلىمائى ئەززەملەر ۋە پەزىلائى ئەكرەملەر، ھەممە ياش- قېرىلارمۇ ئورنىدا تۇرالماي، سېپىل سوقۇش ۋە شەھەر بىنا قىلىشنىڭ ھەرىكەت- تەرەددۇتلىرىغا چۈشۈپ، ناھايتى تېز سۈرئەتتە شەھەر قۇرۇلۇشىنى تۈگەتتى.
    بۇ كۈنلەردە قالماقلارنىڭ خاتۇن خان دىگەن بىر خېنى كورلىغا يېقىن قارا مۇرۇن دىگەن بىر جايغا كەلگەن ئىكەن . ئاتالىق غازى بۇ تايىپىلەرنىمۇ ئەمىر ئىتائىتىگە كىرگۈزۈپ بوي سۇندۇۇرشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كىشى ماڭدۇردى. لېكىن خاتۇن خان ئۆزى قارا شەھەرگە كىرىشنى رەت قىلىپ، لاما ۋە گىچىل قاتارلىق مەنسەپدارلىرىنى ۋەكىل ۋە باش قىلىپ، تارتۇق- ھەدىيىلەر بىلەن جانابى ئالىنىڭ خىزمەتلىرىگە كىرگۈزدى. بۇلار بىلەن بەش يۈزچە قالماق بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنى بىر نەچچە كۈن توختىتىپ مېھمان قىلىپ زىياپەت بەردى. ھەر كۈنلىگى قەندىن بادم، پىستە، مېغىز، قەندالەت، مۇراببا، شىر بەرەنجى، تاتلىق شويلا ۋە خۇش بۇي پاكىز چاي قاتارلىق يىمەك- ئىچمەكلەر بىلەن ناھايتى كەڭرى مېھمان قىلدى. بۇ ئارىدا مۇھەممەت مۇسا توقسابىيىنى بىرمۇنچە يىگىت بىلەن ئەۋەتىپ، خاتۇن خاننى ئۆز ئىختىيارىغا قويماي ۋە بۇ قالماقلارغىمۇ بىلىندۈرمەي، قارا شەھەرگىمۇ كىرگۈزمەي، باشقا يول بىلەن ئېلىپ مېڭىپ كورلىغا ئاپىرىپ، ئاخۇن جىيىغان دىگەننىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن بۇ قالماقلارغا سېرىق لاڭگا ۋە سېرىق دابا قاتارلىق رەختلەردىن تون- كېچەكلەرنى تىكتۈرۈپ تەييارلاپ قويغان ئىكەن. بۇلارغا بۇ خىل نەرسىلەر ۋە تەڭگە تىللا، ئۇزۇق- تۈلۈكلەرنى ئىنئام ۋە ئاتا قىلىپ قايتىشقا جاۋاپ بەردى. بۇ قالماقلار بولسا خاننىڭ كورلىغا كەلگەنلىگىدىن بىخەۋەر ھالدا خوشال- خورام ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ئاتالىق غازى مەزكۈر خاتان خانغا ۋەزىپە مائاش تەييارلاپ كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزا بېشىغا تاپشۇردى.
     بۇ ئارىدا ئۈرۈمچىدىكى نەنسەندىن شى- سى گۇڭ نۇرغۇن چېرىك بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، دايەنشەينى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ- تالاپ چىقىپ كەتتى دىگەن خەۋەر ئاتالىق غازىنىڭ مۇابارەك قۇلاقلىرىغا كېلىپ يەتتى. بۇ خەۋەر كېلىپ ئارقىدىنلا زەينۇلئابىدىن مەخدۇم ئوتتۇز نەچچە تۆگىدە يامبۇ، كۆمۈش، چاي، تاۋار، چىنە قاتارلىق سوغا- سالام بىلەن بىللە ئەللىك نەچچە تۇڭگانىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، دۇئا قىلدى. ئەسلىدە زەينۇلئابىدىن مىرزا بېشى دايەنشەي تەرەپتىن شى- شى گۇغا ئەلچى بولۇپ بارغان ئىكەن. شى- شىڭ گۇڭ ماقۇل تۇتماپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سوغا- سالاملارنى ئېلىپ جانابى ئالىنىڭ خىزمەتلىرىگە بېرىپ دۇئا قىلىپ يانسام، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىمۇ ياقماي تۇرىدۇ دەپ دايەنشەيدىن رۇخسەت ئېلىپ يولغا چىققان ئىكەن. يۇقارقى ۋەقە مىرزا بېشى يولغا چىقىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يۈز بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن مىرزا بېشىنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. جانابى ئالى مېھرىمان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە شى- شى گۇڭ بىلەن بولغان ۋەقەنى مىرزابېشىگە ئۇقتۇرۇپ، «خۇداۋەندە ئالمىيان ئۆزىنىڭ ھىكىمەت ئىشارىتى بىلەن بىر بانا- سەۋەپ قىلىپ، سىز مىرزا بېشىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، بارگاھى ئالىغا ئامان- ئېسەن يەتكۈزۈپتۇ» دەپ شۈكرى- سانالارنى بەجا كەلتۈرۈپ، تەھسىن- ئاپرىن ئوقۇپتۇ. چۈنكى، بۇ مىرزا بېشى بولسا پەزلەتلىك ئالىم، شائىر ۋە ھەممە باپتا يېتىشكەن ئەرباپ، نەچچە خان ھۇزۇرىدا مىرزا بېشى بولۇپ ئۆتكەن، كۆپ ئىززەت ۋە ئابرۇي تاپقان، جانابى ئالىنىڭ خىزمەتلىرىدىمۇ زور تەقدىر- قىسمەتكە ئىگە بولغان، مۇنشىلىكتە يەكتا، خەت قەلەمدە تەڭداشسسىز بىر زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەبئىي ئىدىرىگى، ئۆتكۈر زېھنى قۇۋۋىتى ۋە مۇھاپىزىتى بىلەن «دىۋانى فۇزۇلى» [201] ئۇسلۇبىدا بىر جىلدلىك دىۋان نەزمە- غەزەل يازغان ئىكەن. ئۇنىڭ تەخەللۇسى «مەھجۇرى» («چەتتە قالغان»، «جۇدا بولغان» دىگەن مەنىدە – ت) ئىدى. مەزكۈر دىۋاندا كۆپ پەندى- نەسىھەت،مائارىپ ۋە ھەقىقەتلەرنى ئىما ۋە ئىشارەتلەر بىلەن كۆرسەتكەت ئىدى. بۇنى ھەممە پازىلار ئۆز ئولتۇرۇش- مەرىكىلىرىدە ئوقۇپ بېقىپ، ھەيرانى بارماقلىرىنى تەپەككۈر چىشلىرى بىلەن چىشلەپ قالاتتى. ھەر ئەھدى ئۇنىڭ يازغان كۈي قاپىيىلىرىگە پەقەت يۇقىرى ئىنساپ بىلەنلا قارايدىغان بولسا، ئاندىن ئۇنىڭ ماھارىتىنى بىلەلەيدۇ. بۇ ئىككى قىتئە ئۇنىڭ دىۋان جاملىسىدىندۇر.

       نەزىم:

      گەر نەسىپ ئولسا بۇ مەھجۇرە تاۋافى كەئبە،
      باش ئۇرۇپ ئۆتكەن ئىشەتە ۋبە تەزرئىدە لىم.

      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، جانابى غازى ئاتالىق ئالى مەقامنىڭ ئۈنچە- گۆھەر تىلىدىن شۇنداق شاھانە ئىلتىپاتلىق سۆز چىقتىكى، ئۇ «ئەگەر ئۈرۈمچى ئىتائەتتىن چىقسا، يەنە لەشكەر ئەۋەتىپ، ئىتائەت ۋە پەرمان ئالىغا كىرگۈزگىلى بولار، دايەنشەينى ئۆلتۈرسە، يەنە بىر تۇڭگانىنى يارلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلساق، بەلكى بۇمۇ دا يەنشەي بولۇپ كېتەر، ئەمما- سىزدەك مىرزا بېشىنى ئىككىنچى قېتىم تېپىشقا مۇيەسسەر بولغىلى بولماس ئىدى» دەپ مېھرىبانلىق قىلىپ، ناھايتى كۆپ ئېھسانلارنى قىلدى. جانابى بەدۆلەت غازى كورلا، قارا شەھەردە بولۇپ، ئۈچ مىقدارى ئىستىقامەت قىلدى. ئاندىن باگاھى مۇبارەكلىرىنى يۇلتۇرزلارغا تاقاشقان دۆلەت بىلەن قوزغاپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە دائىمىي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاقسۇ بارگاھىغا كېلىپ، يېڭى بىنا قىلىنغان ئالى ئوردىغا چۈشتى. بۇ يېڭى ئوردا بولسا فەرغانە ۋىلايىتىدىكى خانلارنىڭ ئىچكى شەھەر ۋە ئوردىلىرىنىڭ شەكلى ۋە سىياقىدا بىنا قىلىنغان ئىدى. جانابى ئالى ئوردىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ، ئىش بېشى نىياز باقى ۋە باشقا ئۇستىلارغىمۇ چوڭ ئىنئام- ئېھسانلارنى بېرىپ تارتۇقلىدى. بۇ ۋاقىتتا تارىخ ھىجىر بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1871- يىلى – ت) يەنى مۇچ (چاشقان - ت) يىلى ئىدى.



11

ئۇ شەھرىيارى ئاتالىق غازىنىڭ ئالى پەرمايىشى بىلەن ھېكىم خان تۆرەمنىڭ ئۈرۈمچى تۇڭگانىلىرى ئۈستىگە لەشكەر تارتقىنى ۋە توغرا يوللۇق پەرزەنتى بېك قۇلى بېگىمنى ھىمايەت ئۈچۈن كەينىدىن ماڭدۇرغىنى، بەزى ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى، مۇراق- مەقسەت گۈللىرىنى ئەسلى مۇرات- مەقسەتلىرىدەك مۇراق قولىغا كەلتۈرۈپ، يۈزىنى گۈمانى پەلەك بەرگاھىغا سۈرتۈشى قاتارىق ۋەقەلەرنىڭ بايانى 

[align=justify]

     مۇلاىيم تەبىئەتلىك دوستلار، راست كۆڭۈللۈك قەدىمقى يارەنلەرنىڭ رۇلۇق كۆڭۈللىرىدىن يۇشۇرۇن ياكى مەخپى قالمىغايكى، مۇنداق بىر نەقلى ھىكايە ۋە قىسسە- ئەپسانىلىگەر قارىغداندا، ئۇ غازى ساھىبى دۆلەت ئاتالىق ئۇلۇغ ئىقبال ۋە بەخ بىلەن ئاقسۇدىكى ئۇلۇغ تەختتە مۇقىم بولۇپ ئورۇنلاشتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتالىق غازى ئاقسۇغا ئىككى مەنزىل قالغاندا، كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزادىن ئىككى مىڭچە يامان نىيەتلىك قالماق قورال- ياراق ۋە بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، بىر دىل ۋە بىر نىيەتتە بولۇپ، بىر كېچىدىلا كورلىغا كىرىپ، ئىككى يۈزچە ئادەمنى نابۇت قىلىپ، جېنىنى ئېلىپ، يۇلتۇز ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كەتتى دىگەن بىر ئەرز كەلدى.
     بۇ ۋەقەگە كەلسەك، ھاجى مىرزا قالماقلارنىڭ توپىلىڭىدىن خەۋەر تېپىپ، يىگىتلىرى بىلەن قالماقلار كېلىدىغان خال خامان دىگەن مەنزىلگە چىقىپ يولنى توساپ ياتقان ئىكەن. بۇ قالماقلارن باشقا يول بىلەن كورلىغا كىرىپ خاتۇن خاننى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا يەنە ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا نەنسەندىكى شى – شى گۇڭ چېرىكلىرى بىلەن ئۈرۈمچىگە كىرىپ، دايەنشەينى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ- تالاپ چىقىپ كەتتى دىگەن خەۋەر ئاڭلاندى.
      بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان ئىدى: سۇ يەنشەي بىلەن شى- شى گۇڭنىڭ ئوتتۇرسىد كونا ئاداۋەت بار ئىدى. شۇڭلاشقا شى- شى گۇڭ جانابى ئالىغا يار- مەدەت يەتكۈزۈپ، سوغا- سالام ۋە چېرىكلىرى بىلەن كېلىپ خىزمەت قىلغان بۇلۇپ، سۇ يەنشەينى يوق قىلماقچى ئىكەن. لېكىن بۇ ئۇنىڭ مۇددىئاسىدەك بولماي، سۇ يەنشەينىڭ ئۈرۈمچىگە دايەنشەي قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى ۋە چوڭ مەرتىۋە بېرىلگەنلىكىگە چىدىماي، قاتتىق ھەسەت قىلىدىكەن. شۇنداقلا، ئاتالىق غازى شى- شى گۇڭغا دايەنشەيدىن ئون مىڭ تاغار ئاشلىق بېرىشكە يارلىق قىلغان ئىدى. شى- شى گۇڭ بۇنى ھازىر ئالىمەن دەپتۇ. دايەنشەي بولسا پۇقرانىڭ قولىدا ئاش يوق، خامان ئالغاندا بەرسەم دەپ ئۆزىرە ئېيتىپتۇ. ئۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولماي، بانا قىلىپ ئۇرۇش پەيدا قىلىپتۇ.
      ئاقىۋەت شۇنداق بىر خەيرىيەتلىك چاغلاردا ، جانابى ئالى كۇچاردىن نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى ئەمىرى لەشكەر دەرىجىسىگە كۆتىرىپ، ئون ئىككى مىڭ لەشكىرى بىلەن ھەممە لەشكەرلەرگە باش قىلىپ، ئۈرۈمچى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا پەرمايىش قىلدى. كورلىدىن ھاجى مىرزا بېشىنى بەش يۈز يىگىتى بىلەن بۇيرۇدى. ھاجى مىرزا ئۆز ئورنىدا تاشلان قازىبەگنى تاشلىدى. تۇرپاندىن ھېكىم خان تۆرەمنى يىگىتى بىلەن پەرمايىش قىلدى. نەتىجىدە ھېكىم خان تۆرەم نار مۇھەممەت پەرۋانىچى، ھاجى مىرزا بېشى، ھەيدەر قۇل ئەمىرى لەشكەر، مەھمۇت بېك پانسەت ئۆرگەنچى قاتارلىقلار باشلىق سەككىز مىڭ يىگىت، سەربازلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئۈستىگە باردى. ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلار سۇ دايەنشەي ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغىلى تالىپ ئاخۇننى دادىسى ئورنىدا بىلىپ دايەنشەي قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمىرىگە ئىتائەت قىلدىكەن. جانابى ئالىمۇ بۇ تالىپ ئاخۇنغا تەلەپكار بۇلۇپ، دايەنشەي قىلىپ مۇبارەك يارلىغى بىلەن بېكىتكەن ئىدى. بۇ ئەسنادا ھېكىم خان تۆرەملەر تۇڭگانللارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شى- شى گۇڭدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن نۇسرەت ئەسەرلىك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ نەنسەن ئۈستىگە بېرىپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. كاپىرلار باراۋەرلىك قىلالماي كىچىك نەنسەننى تاشلاپ، چوڭ نەنسەنگە قاچتى. تۆرەم باشلىق ھەممە قۇشۇن كىچىك نەنسەندە تۇرۇپ، سۈرەت- ۋەقەنى جانابى ئالىغا ئەرز- مەلۇم قىلدى. جانابى ئالىدىن خىتايلار قاچقان بولسا ئىشىڭلار بولمىسۇن، ئەمدى بۇ قىشنى ئۈرۈمچىدە چىقىرىڭلار دىگەن ئالى ئىتايەتنامە بىلەن پەرمايىش سادىر بولدى.
     قەۋىس پەسلى ئىدى. تۆرەملەر ئۈرۈمچىگە كەلسە تۇڭگانلار دايەنشەي تالىپ ئاخۇننى ئورنىدىن بىكار قىلىپ، داۋۇت خەلىپىنى ئۆزلىرىگە چوڭ قىلىۋالغان ئىكەن. ئۇلار تۆرەملەرنى ئۈرۈمچىگە كىرگۈزمىدى. بۇ ھالدا ھېكىم خان تۆرەم مۇھارىبىگە قول سالدى. تۇڭگانلار غالىپلىق قىلدى. تۆرەم بۇنىڭ ئۇچۇرىنى جانابى ئالىغا ئەرز تۇتتى. لېكىن ئۇرۇش جەريانىدا پەيزى يۈز بېشى، ئارسىلانقۇل قىپچاق ۋە تاغاي قۇرشاقلار شۇنداق باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك قىلدىكى، خۇددى قىسە ۋە داستانلاردا ئالاھىدە مۇبالىغە قىلىپ بايان قىلىنغان رۇستەمى داستان ۋە سام نەرىمانلار ئاشكارە كېلىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى. تۆرەمنىڭ لەشكەرلىرى ساق قالدى. بۇنىڭغا خۇداۋەندەكېرىم ئۆزىنىڭ لۇتپى ئىنايىتى بىلەن باشتىن- ئاياق مۇھاپىزەت قىلىشى ھەم بۇ باھادۇر- مەرتلەرنىڭ يار- يۆلەنچۈك بۇلۇشى بائىس ۋە سەۋەپ بولدى.
      گەپنىڭ ھاسىلىغا كەلسەك، تۆرەمنىڭ ئۇچۇر ئەرزى جانابى ئالىنىڭ ئالدىغا بارغان ھامان، ئۇ ئاقسۇدىن ئۆمەر قۇل ئەمرى لەشكەر ۋە ئەزىم پانسەتلەرنى باش قىلىپ، بىر مىڭ بەش يۈز ئەسكەر بىلەن تۆرەم ۋە پەرۋانىچىلەرنىڭ ھىمايىتىگە راۋان بولدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ ناھايتى قاتتىق ئۇرۇشلارنى قىلىپ، لورىنجا داۋۇت خەلىپىنىڭ پايتەختى لوچىڭ (كونا شەھەر-ت) دىگەن شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتى. خەنچىڭ (خەنزۇلار شەھىرى-ت) شەھىرىمۇ بۇلارنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى. بۇ ھالدا لورىنجامۇ تۇڭگانى بىلەن ماناسقا قېچىپ كەتتى. تۆت پانسەت يىگىتلىرى بىلەن تۆرەمنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلەندى، ئون ئالتە پانسەت لوچىڭ شەھىرى بىلەن خەنچىڭ شەھىرى ۋە تەۋە بولغان تۇڭگانلارنى ساقلاپ ماناس تەرەپتىن كېلىدىغان يوللاردىن خەۋەر ئېلىپ، ھازىرلىق قىلىپ، قاراۋۇلچىلار قاتارىدا ساقتالىق قىلىشقا مەسئۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئوتتۇز بەش كۈن ئۆتتى. لورىنجا بولسا ماناسقا بارغاندىن كېيىن، نەنسەندىكى شى- شى گۇڭ بىلەن يارۇ-ھەمدەملىك ۋە ئىتتىپاق تۈزدى. شى- شى گۇڭ ئىنىسى ماشويە بىلەن تۆت مىڭ خىتاينى ھەمرا قىلىپ لورىنجاغا قوشۇلدى. تۇڭگانىلار ئون ئالتە مىڭ چېرىك راسلاپ، جەمئىي يىگىىرمە مىڭ كىشى بولۇپ كېلىپ، مەزكۈر يولدىكى پانسەتلەرنى قوغلاپ خەنچىڭ شەھىرىنى قايتۇرۋالدى. تۆرەم باشلىق ھەممە يىگىت لوچىڭ شەھىرىگە قامىلىپ قالدى. ئىسلام لەشكەرلىرى كامىل تۆت ئايغىچە ئەسلا باش چىقىرالمىدى.
      ئۈرۈمچىنىڭ قەدىمقى شەھىرى بولسا خەنچىڭ دەپ ئاتىلىدىكەن. داۋۇت خەلىپە خانلىققا كۆتۈرۈلگەندە تۇڭگانىلار بۇ شەھەرگە يېقىن يەنە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ، ئۇنى داۋۇت خەلىپىگە پايتەخت قىلىپ بېرىپ، لوچىڭ دەپ ئاتاپتىكەن. بۇ ئىككى شەھەردە ئوق- دورا، نەيزە، قىلىچ، قورال- ياراق قاتارلىق جەڭ ئەسۋاپلىرى ناھايەتسىز تولا ئىكەن. جۈملىدىن، سەككىز مىڭ كاتتا توپ ۋە تەيپو زەمبىرەك، ئوقتا، ساغداقلار تەييار ئىكەن. ساڭدا بولسا غەللە ئاشلىق ۋە ياغلىرىمۇ كوپ ئىكەن. بۇلارنى تىنچلىق زامانىدا بېجىن تەرەپتىن مەينەنچىلەر ئېلىپ كېلىپ، ساراي ۋە دەڭلەردە ساقلاپ ياتقان ئىكەن. ھەر خىل ۋە ھەر قىسىم پاكىز خۇش بۇي چاي چىنە، تاۋار، دۇردۇنلار، بېجىننىڭ ھەر خىل پاكىز ۋە چىرايلىق نەپىس مال- ئەشيالىرىمۇ ھەددىدىن زىيادە تولا ئىكەن. تۇڭگانىلار مەزكۈر مال ئىگىلىرى بولغان مەيمەيچىلەرگە ئىسمانى ئىسلام ئۈگىتىپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانچىلىق تايىپىسىگە داخىل قىلىپ، ئۆز ماللىرىغا ئۆزى ئىگە ۋە پاسىبان قىلىپ قويغان ئىكەن ۋە بۇنى لازىم بولغاندا خالىغانچە ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرىدىكەن.
      شەھەر قولغا چۈشكەندە، تۆرەم بىر نەچچە سارايدىكى پۇل، ماللارنى پادىشالىققا خەتلەپ ئالدى. باقماندىسىنى يىگىتلەرگە ئىنئام قىلدى. ھەر بىر ئاددى يىگىتمۇ ئەقەلى ئوتتۇز مىڭ تەڭگە قىممىتىدە مال- مۈلۈككە ئىگە بولدى. لېكىن، بۇ مال- مۈلۈك، بۇنداق قىممەتچىلىك كۈنلىرىدە ھىچ نەرسىگە ئەرزىمىدى- دە، يوق بولۇپ كەتتى. يىگىتلەر بولسا تاۋار، دۇردۇننى كۆينەك، باش پايتىما قىلىپ ئىشلەتتى. چۈنكى، بۇنىڭدىن باشقا خەسە چىڭ ۋە بۆز- خامدەك نەرسە يوق ئىدى. ھەر خىل چاينىڭ كۆپلۈگى شۇ مىقدارغا يەتكەن ئىدىكى، يىگىتلەر ئاتلىرىغا ئوقۇر ياساش ئۈچۈن بۇ خىل چايلارنى ئىشلەتكەن. يەنىلا ئۇلار تاختا چايلارنى خام خىش ئورنىدا ئاتبېشى يېتىدىغان جايغىچە تىزىپ، ياغاچ ئورنىدا ئۇنىڭدىن تۈرۈك ياساپ، ئۈستىگە لاي سۇۋاپ، ئاتلىرىغا ئوقۇر قىلىپ بېرەتتى. ئاتلار ئوت تاپالمىغان كۈنلەردە بولسا، ناھايتى ئاچلىقتىن مەزكۈر چايلارنى پارچە- پارچە قىلىپ ۋە ئاياقلىرىدا دەسسەپ يوق قىلىۋېتەتتى.
      ئەلقىسسە، بۇ چاغدا يەنە بىر ئاجايىپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. يەنى تۇڭگانىلار لورىنجاغا شەھەر بىنا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا يۈز قەدەم مىقدارى كېلىدىغان جايغا بىر كاتتا مەسچىت جامە سالدۇرۇپ، مۇنارە مۇئئەززىنە (ئەزانخانا – ت) لىرىنى ناھايتى ئىگىز قىلىپ كۆتۈرۈپ ياساتقان ئىكەن. تۆرەملەر سولىنىپ قالغان كۈنلەردە، بىر كېچىسى بىر مۇنچە تۇڭگانى مەسچىت جامەنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، دەرۋازا، مۇنارە مۇئەززىنلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، شەھەرگە قارىتىپ ئوق ئېتىپ، ھىچ ئەھدىنى ئىشىگىدىن باش چىقارماي، ناھايتى ئامالسىز ئەھۋالدا قويدى. ئاخىرى مەسلىھەت شۇنىڭغا قارار تاپتىكى، بۇ تۇڭگانىلار بىلەن يۈزمۇ- يۈز ئۇرۇشۇپ مەسچىت جامەنى ئىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئاخىرى مەسلىھەتنىڭ ياخشىراقى شۇكى، بىر مۇنچە يىگىت سەرۋازلارنى يۈگۈرتۈپ ئالمىساق ئەسلا ئىلاج يوق دەپ، ھەممىسى بىر نىيەتكە كېلىپ، ھەر پانسەتتىن ئون ياكى ئون بەش باھادۇر تەلەپكارنى ئىلغاپ ۋە تاللاپ، جەمئىي ئۈچ يۈز ئادەمنى تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك يالىڭاچ تامبالچاق قىلىپ، شاپ خەنجەرلەرنى يالىڭاچ بېلىگە باغلاپ، قىلىچلارنى قولغا ئېلىپ، بىرمۇنچە بورىنى ياققا چىلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ، مەسچىت جامەگە يۈگۈردى.
      دەلۋە پەسلى، ھاۋاس سوغۇق، ئاسمان بىلەن باراۋەر قار ۋە مۇز بىلەن قاپلانغان ئىدى. بۇلار بارغان ھامان دارۋازىغا ئوت ياقتى. ھەر تەرەپتىن تاملىرىنى بۇزۇپ، مەسچىت جامە ئىچىگە كىرپ ئوت قويۇپ، غەلبە قىلىپ، جامەنى قولغا كىرگۈزدى. ئۈچ يۈزچە تۇڭگانىنى تىرىك تۇتۇپ، بىرىنى يەنە بىرىگە چېتىپ ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە ياغاز، كىگىز، بورا قاتارلىقلارنى تاشلاپ، نۇرغۇن ياغلارنى چېچىپ ئوت يېقىپ كۆيدۈرۋەتتى ۋە يەنە بۇ تۇڭگانىلارنىڭ يامانلىرىدىن ئۈچ يۈز قىرىق ئادەمنى سىرناپ ۋە ئىلغاپ گۇنا- جىنايەتلىرىنى بوينىغا ئارتىپ، ھەر بىرىنى بىر تۈۋرۈككە باغلاپ، ھەر بىر پانسەتنىڭ يىگىتلىرىگە بۇ تۇڭگانىلارنىڭ يىگىرىمە ياكى ئوتتۇزىنى تەيىنلەپ بىر سائەت ئوق ئېتىشقا پەرمايىش قىلدى. بۇلار ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە بىر سائەت ئوق ئاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرى زىرە ۋە قىيما- چىيما بولۇپ، گويا خېمىردەك بولۇپ كەتتى. گۆشلىرى بولسا ئوقنىڭ زەربى ۋە ئەسىراتىدىن ئۇچۇپ يوق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر سائەتتىن كېيىن ئېتىشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ خىش ئەقرىبالىرى كېلىپ، ئۈلۈكلىرىنى دەپنە قىلسۇن دەپ پەرمايىش قىلدى. تۇڭگانىلار كېلىپ قارايدىغان بولسا، بۇلارنى ئىگىن، ئاياق ياكى رەڭگى رويىدىن تونۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنى ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلدى. بۇ جەرياندا تۇڭگانىلاردىن بىر مىڭ بەش يۈز كىشى يوق بولۇپتۇ. يىگىت، سەرۋازلارنىڭ ئۈچ يۈزدىن زىيادە رەگى زايا بولۇپتۇ.
     تۆرەملەر قامىلىپ ياتقان كۈنلەردە، بىر ئىلاج قىلىپ بىر ئەرزىچىنى ئەرز بىلەن كاشىغەرگە ماڭدۇرغان ئىدى، بۇ جانابى ئاتالىق غازى ئاقسۇدا توققۇز ئاي تۇرۇپ كاشىغەرگە بارغان كۈنلىرى ئىدى. ئاتالىق غازى ئەرزىچى يېتىپ بارغان ھامان ئەھۋالدىن ۋاقىپ ۋە ئاگاھ بولۇپ، توغرا يوللۇق پەرزەندى بېك قۇلى بېگىمنى باش قىلىپ، مۇھەممەت كېرىم دادخۇا، ئەلى بېك پانسەت، مۇھەمەمت سەئىد پانسەت، نۇرۇز پانسەت، خالمان پانسەت، ئەشمۇھەممەت پانسەت، بوخچە بەردار، بىر كېرىم قۇرچىلارنى قوشۇپ، بەش مىڭ يىگىت ۋە تۆرە قۇل لاۋرۇ، مۇھەممەت رەھىم پەھلىۋان، خەلىل ئەپەندىلەرگە ئىككى مىڭ سەرۋاز، دەھول- دۇمباق، ئەلەم- بايراق ھەم ئۆمەر خوجا ئىشانغا تۆت چوڭ بام توپ ۋە چاچما ئوق- دورىلىرى بىلەن ئادەملىرىنى قوشۇپ، تۆرەملەرنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يولغا سالدى.
     بېك نەچچە (بېك قولى بېك –ت) سۆلەت ۋە سەلتەنەتلىرىنى، لەشكەركەشلىك تەرتىپ، قائىدىلىرىنى خۇددى جانابى بەدۆلەتنىڭ تەرىقە رەۋىشىگە ئوخشاش خوشامەت بىلەن راسلاپ، بارلىق ھەشەمەتچىلىك ئەرباپلىرى بىلەن غەلبە ئۆزەڭگىسىگە ئاياقلىرىنى قويۇپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، ئوتتۇز ئالتە كۈندە توخسۇنغا يېتىپ كەلدى. توخسۇن ھاكىمى جاھان دادخۇا بەقەدەر ئەھۋالىغا قاراپ خىزمەتكارچىلىغىنى بەجا كەلتۈردى. جانابى بېك بەچچە بۇ تەرەپلەرنىڭ بۇرۇنقىدەكلا تۇرغانلىغىنى لورىنجاغا ئالاھىدە ئىناۋەت قىلىپ، يۈز ئۆرۈپ قارشلىق قىلىپ، مۇخالىبەتلىككە ئەدەپسىزلىك بىلەن يۈز قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا، داۋانچىننى قولغا كىرگۈزمەي تۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىشقا مۇيەسسەر بولماس ئىدى. ئامالسىز داۋانچىن شەھىرىنىڭ مۇھاسىرسىگە قەدەم قويۇپ، قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ قولغا كىردى. بۇ جەرياندا مىڭدىن زىيادىرەك تۇڭگانى يوق بولۇپتۇ. ئىككى يۈز ئەللىكچە يىگىت زايا بولۇپتۇ. داۋانچى پەتھىدىن كېيىن تۆرەملەرنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، تېز سۈرئەت بىلەن ئۈرۈمچى ئۈستىگە يېتىپ باردى. تۆرەم شەھەرنىڭ ئىچىدىن، بېك بەچچە شەھەرنىڭ تېشىدىن نۇرغۇن ھەرىكەت ۋە تەرەددۇتلارنى قىلدى. قاتتىق ۋە زور جەڭلەر بولدى، ئاقىۋەت بۇلار غالىپلىق قىلىپ تۇگانىلارنى بوي سۇندۇردى. بۇ ۋاقىت تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1872- يىلى – ت) ئىدى. ئون بەش مىڭغا يېقىن تۇڭگانى ۋە خىتايلار يوق بولدى.شى- شى گۇڭنىڭ ئىنىسى ماشويەمۇ تەينلەنگەن ئورنى جەھەننەمنىڭ تۈۋىگە موللاق ئېتىپ چۈشۈپ كەتتى. يىگىتلەردىن مىڭدىن كۆپرەگى زايا بولۇپتۇ. بېك بەچچە بۇ پەتھى ئىسقىبال بەختىنى پەتھىنامە قىلىپ بارگاھى ئەلاغا ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۆرەملەر شەھەرگە سولىنىپ تۇرغان كۈنلەردە، يىگىتلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايتى خاراپ بولغان ئىدى. قىممەتچىلىكمۇ ناھايتى قاتتىق بولغان ئىدى. بىر سەر كۈمۈشكە بىر جىڭ نان تېپىلمايتى ۋە نۇرغۇن قىممەت باھا ئاتلارمۇ ھالاك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا تاملارنى بۇزۇپ، سۇۋاقلىرىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۇنىڭ سامانلىرىنى پاكىز قىلىپ ئاتقا بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەنمۇ ئىش ھەل بولمايتى.
      ئۈرۈمچى پەتھى بولغاندىن كېيىن، بېك بەچچە تۆرەمگە تەۋە يىگىتلىرى بىلەن بىللە تۇرپانغا قايتىشقا رۇخسەت بەردى ۋە قالغان يىگىتلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ئەمىرى لەشكەر، پانسەت، يىگىت ۋە سەرۋازلىرى بىلەن گۇمادىغا ئاتلاندى. گۇمادىدىمۇ ئون مىڭدىن كۆپرەك كارغا يارايدىغان تىمەن تۇڭگانى بار ئىكەن. گۇمادى تۆت ئاي مىقدارى مۇھاسىردە بولدى. ئارىدا كۆپ قاتتىق جەڭ مۇھرىبىلەر بولۇپ، ئاقىۋەت تۇڭگانىلار باراۋەرلىك قىلالماي، ئەمرى ئىتائەتكە بويۇنلىرىنى سونۇپ، ھەدىيە- تارتۇقلار بلەن ئالدىغا چىقىپ، ئامانلىق دۆلەت شەراپىتىگە ئىگە بولدى. بىېك بەچچە ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ئۆزىگە ئىنئام قىلىپ، بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ ياندى. خالمان پانسەت بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شاھادەتلىك شەرۋىتىنى ئىچتى.
    بۇ كۈنلەردە يەنە جانابى ئالى بەدۆلەت مەرغىنانلىق يەھيا يۈز بېشىنى كاشىغەردىن ماناستىكى لورىنجىغا ئالدىغا خەت، سوغات ۋە بال، ناۋاتتەك شىرىن گەپلەر بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. مەزكۈر يۈز بېشى ماناسقا بېرىپ، ئەلچىلىك قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. مەزكۈر يۈز بېسى ماناسقا بېرىپ ئەلچىلىك قائىدە- رەسمىيەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرغاندا، لورىنجا يەنى داۋۇد خەلىپە «مەن ئەنجانلىقلارنىڭ خەت- سۆزلىرىنى ئاڭلىمايمەن ۋە ئەلچىنىمۇ كۆرمەيمەن» دەپ ناھايتى غەزەپ جاھالەتتىن مەزكۈر يۈز بېشىنى دارغا ئاستى. ئۇنىڭ ئۈچ ئادىمىنىمۇ يوق قىلدى. جانابى ئالى غازى لورىنجانىڭ بۇ خىل نالايىق قىلىش ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئاللا بېك پانسەت، ھىسامىدىن پانسەت، ئاخۇن پانسەتلەر باشلىق ئون پانسەت ۋە ئىككى مىڭ نەپەر خۇن ئىچەر ئەسكەرنى تەيىنلەپ يولغا سالدى. بۇلار يېتىپ بېرىپ جانابى بېك بەچچە بىلەن كۆرۈشۈپ، سائادەتلىك زامان ۋە شەرەپلىك ۋاقىتلاردا ئاتلىنىپ يولغا چىقىپ، مانسا تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، جەڭ- مۇقابىلىگە كىرىشتى. بىر قانچە قېتىم غەلبە قىلىپ، بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ بولدى. ئۇ ياراتقۇچى غەپۇر ئاللانىڭ فەزلى ئىنايىتى بىلەن ماناس شەھىرىنىمۇ ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى. لېكىن شەھەر ئېلىنىۋاتقان كۈنلىرى لورىنجا دورا يەپ جېنىنى جان ئالغۇچى ئەرۋاھقا، مال- دۇنياسىنى بولسا غەلبە نىشانلىق قوشۇنلارغا تاپشۇرۇپ، ئامانلىق ھاسىل بولدى، بۇ جەرياندا ئۈچ يۈزدىن كۆپرەك يىگىت زايە بولدى. مىڭدىن ئۇشۇق تۇڭگانىلار يوق بولدى. شۇنداق قىلىپ تۇڭگانىلارنىڭ شەھىرى ئىككىنچى قېتىم جانابى ئاتالىق غازىنىڭ ئەمرى ئىتاتىگە كىردى.
      بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن، بېك بەچچە ئۈرۈمچىگە قاراشلىق ئالتە شەھەردىكى چوڭ- كىچىك ۋە باي ياكى كەمبەغەل تۇڭگانىلارنى خەتلەپ تىزىمغا ئېلىپ، بايلارغا مىڭ سەردىن، قالغانلارغا ئۆز دەرىجىسى بويىچە سەككىز يۈز سەر، ئالتە يۈز سەردىن تارتىپ، ئەقەلى ئون سەرگىچىلىك كۈمۈش پۇل غەللە قويۇپ، دۆلەتخانىغا ئالدى. بۇ يارغۇ كۈمۈشنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، تۇڭگانىلار ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىككە يۈز قويۇپ، ئۆز ئورنىنى تونۇپ بىلىپ، ئۆز كەسپى- ھۈنەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولدى. بۇ چاغدا كاشىغەردە سالارلىق (سالاتايىپىسىدىن – ت) كەنجى ئاخۇن بىگەن بىر نامدار كاتتا تۇڭگانى بار ئىدى. ئاتالىق غازى ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانىلارغا دايەنەشەي قىلىپ، تۇڭگانى يۈسۈپ بېك ياساۋۇلنى ياساۋۇل بېشى قىلىپ، ئات، قورال- ياراق، ئەلەم، بايراق قاتارلىق ئىنئام- ئېھسان قىلىپ، ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى. بۇلار ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، بېك بەچچىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ تۇڭگانىلىرىنى كەنجە ئاخۇنغا تاپشۇرۇپ، غەلبە نىشانلىق قوشۇنلىرى بىلەن تۇرپانغا يېتىپ چۈشتى. تۇرپاندىكى ئۇلۇغ مازار- ماشايىخلار ھەققىدە ئالەم ئىگىسىنىڭ كالامىنى خەتمە قىلدۇرۇپ، غېرىپ- بچارىلەرگە كەڭرى نەزىرلەرنى قىلىپ، سەدىقە بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولدى.
     لېكىن، كورلا ھاكىمى ھاجى مىرزا بېشىنى بۇرۇن بىپارۋارلىق قىلىپ خاتۇن خاننى قولدن بەرگەن ۋە قالماقلارنىڭ بىرنەچچە ئادەمنى زايا قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. بۇنى گۇنا- جىنايەتلىرىنى بوينىغا قويۇپ، ئورنىدىن بىكار قىلىپ، كاشىغەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ يىل ئىستىقامەت ۋە توۋا- نادامەتكە تاشلىدى. كورلىنى بولسا نىياز مۇھەممەت توقسا بىيىگە مەرھەمەت قىلدى. نار مۇھەممەت پەرۋانىچىنى بولسا پىشقەدەم ۋە كاتتا سىپاھ دەپ، تۆرەم بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بۇيرۇغان ئىدى ھەم ئۇنىڭغا ئەمرى لەشكەرلىك مەنسىۋى بېرىلگەن ئىدى. ھەتتا ئۇرۇش ۋاقتىدا تۆرەمنىمۇ بۇ پەرۋانىچىنىڭ ئەمىرى پەرمانىغا بوي سۇنۇش توغرلۇق مۇبارەك يارلىق بېرىپ، ئورنىنى كۆتەرگەن ئىدى. لېكىن بۇ ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، مەخپى تۈردە مەرھۇم دايەنشەينىڭ ئوغلى تالىپ ئاخۇندىن مەخپى ھالدا بىر مۇنچە نەق پۇل ئېلىپ، جانابى ئالىغا خەت يېزىپ، تالىپ ئاخۇننى دايەنشەي قىلىپ بېرىلسە. چۈنكى ھەممە تۇڭگانىلار تالىپ ئاخۇننىڭ تالىپى ئىكەن دەپ تەلەپ قىلغان ئىدى. جانابى ئالىمۇ تالىپ ئاخۇنغا تەلەپكار بولۇپ دايەنەشەي قىلىپ ئالى يارلىق چۈشۈرگەن ئىدى. لېكىن، تۇڭگانىلارنىڭ چوڭلىرى ھەتتا پۇقرا ئاممىسىمۇ تالىپ ئاخۇنغا ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە ئار- نومۇس بىلىپ، ئىككىنچىلەپ لورىنجاغا ئىناۋەت ۋە ئىتائەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك شى – شى گۇڭ بىلەن تالىپ ئاخۇننىڭ دادىسى سۇ يەنشەي ئوتتۇرسىدا كونا ئاداۋەت بار ئىكەن. شۇنداقلا، تۇڭگانىلارنىڭ خاس پۇقرالىرى ۋە ھەممىسىلا داۋۇد خەلىپىنى كەسپى كارامەتلىرى ئاشكارا، دەۋەت ئىگىسى دەپ جان- دىلى بىلەن ئەقىدە ئىخلاس قىلىدىكەن. ئەگەر نارمۇھەممەت پەرۋانىچى ئىككىنچى قېتىم داۋۇد خەلىپىنى تۇڭگانىلارغا ئۇلۇغ قىلىپ بېرىلسە دەپ ئەرز بەرگەن ئىدى. بەلكى مۇبارەك يارلىق ئارقىلىق داۋۇد خەلىپە تۇڭگانىلارغا ئۇلۇغ قىلىنغان ۋە ئارىدا جىدەل- ماجىرا چىقمىغان، يىگىت، سەرۋازلارنىڭ قانلىرىمۇ تۆكۈلمىگەن بۇلار ئىدى. ئاتالىق غاھى ئەنە شۇ ۋەقەلەرنى بانا- سەۋەپ قىلىپ، نار مۇھەممەت پەرمانىچىنى كۇچاردىكى مەنسىۋىدىن بىكار قىلىپ، كاشىغەرگە ئېلىپ بېرىپ، مۇزلۇق ئۆيگە سۇلاپ قويۇپ، مۇزلىتىپ يوق قىلدى. كۇچارنى بولسا ئامىلخان تۆرەمگە ئىنايەت قىلدى ۋە ئۈرۈمچى ماناس ئۇرۇشلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئارسلان قۇل قىپچاقنى پانسەتلىككە كۆتەردى. تاغاي قۇرشاقنى ياساۋۇللارغا يۈز بېشى قىلىپ تەينلىدى. پەيزى يۈز بېشى ئۆز باشلىقى مەھمۇت بېك پانسەتكە ئەدەپسىزلىك قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كايىپ مۇزداۋاندا قويدى. لېكىن، ئۇ مۇزداۋاندىن قاچقاندا تۇتۇۋېلىپ، كاشىغەرگە ماڭدۇرسا، يولدىن يەنە قاچتى. ئۇنىڭ گۇناسىنى گەدىنىگە يۈكلەپ، سۇيۇپ تاشلىدى. يەنە ئۈرۈمچىنىڭ كونا شەھىرىدە بىر مىڭ يىگىت تۇرۇشقا يارلىق قىلدى. تۇردى قۇلى دادخۇانى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە تۆت پانسەت تەيىنلەپ، ئۈرۈمچىدە توختاتتى ۋە ھەر يىلى تۆت پانسەت نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرىدىغان بولدى.
      تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان (مىلادى 1872- يىل – ت) ئىدى. جانابى بېك بەچچە غەلبە ۋە نۇسرەتتىن كېيىن، دۆلەت- ئىقبال بىلەن كاشىغەر دارۇس سەلتەنەتىگە مۇارجەت قىلىپ، بۈيۈك ئاستانىگە بېرىپ، جانابى ئالىنىڭ شەرەپ ۋە قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. تۇڭگانىلاردىن ئولجا ۋە يارغۇ قىلىپ ئالغان مال غەنىمەت- يامبۇ، كۈمۈش، چاي، چىنە، تاۋار- دۇردۇن، قورال- ياراق قاتارلىق نەرسىلەرنى بىرمۇ بىر خەتلەپ، ئۇلارنى ئۆز تىزىمى بىلەن ئالى بايلىق غەزنىسىگە تاپشۇردى ۋە تۇڭگانىلار شەھىرىدە بولغان ۋەقە- ھادىسىلەرنى جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلدى. جانابى ئالى ماختاپ ۋە تەقدىرلەپ، ئۇنى نۇسرەت ئۈلگىسى بولغان ھەممە قوشۇنلارنىڭ ئەمىرالار ئەمىرى ۋە لەشكەر بېشى دىگەن ئالى مەنسەپ بىلەن مۇكاپاتلاپ ئورنىنى كۆتۈردى. باشقا ئەمىرى لەشكە، پانسەت ۋە يەككە يىگىت ئەمىرالىرى، ھەتتا سەرۋازلارىمۇ ئۆز لايىغىدا مەنسەپ، تون- كىيىم قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالىق ئىلتىپاتلار بىلەن مەمنۇن قىلىپ، كۆڭلىنى كۆتەردى. شۇنداقلا، بۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا توي ئۆتكۈزۈپ، ئۆلىما، فەزىلا ۋە سەيىد پۇقرالار، ھەتتا ھەممە ئادەم، ئاجىز- بىچارىلەر، غېرىپ- غېرىبالارغىچە تون- كىيىم، تەڭگە، تىللا بەخش- ئېھسان ئاتا قىلدى ۋە ئۇلارغا ئۆز لايىغىدا نەزىر- سەدىقىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەتە ۋە دۇئاسىنى ئالدى. نەچچە قارى مۇرەتتىپلەر ۋە قىرائەتچىلەرگە ئۇلۇغ ئاللانىڭ مۇقەددەس كالامىنى تامام قىلدۇرۇپ، ساۋابىنى پاك ۋە مۇقەددەس ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا بېشىغلاپ دۇئا قىلدۇردى.
      دەسلەپتە جانابى ئاتالىق غازى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە بىر قېتىم تەۋە قىلىپ يانغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىم بېك بەچچە بېرىپ ئۇ جاينى ئالاھىدە بويسۇندۇردى. بۇ ئارىدا تولۇق ئۈچ يىل ئۆتتى. غەزنە تولا سەرپ بولۇپ كەتتى. ھەتتا بۇ يەتتە شەھەرنى باج- خىراجەتلىرىمۇ يەتمەي قالدى. خۇسۇسەن كاتتا قىممەت باھا ئارغىماق ئاتالار ھالاكەتكە يەتتى. قىممەتچىلىك كۈنلىرىدە يىگىت سەرۋازلار ئات گۆشىنى يەپ قويغان سەۋەپ بىلەن ئىسسىق كۈنلەردە قورساق ئاغىرىقىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىچىدىن قان كېلىپ ئاللانىڭ قۇدرەتلىك قازا ئوقلىرىغا دۇچار بولدى. شۇنداقلا، تىغ شەھىرى ۋە شاھانە سىياسەت، ھەتتا قۇدرەتلىك ۋە ھەممىگە ئىگە بولغان ئاللانىڭ قەدىرى بىلەن ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن تۇڭگان ھالاكەت سەيلىسىدە غەرق بولۇپ، بالايى- ئاپەتكە ئۇچراپ، يوقلۇق شەھىرىستاننى ئاۋات ۋە باي قىلدى. ھالبۇكى، مۇنچە تۇڭگانىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ سانى ناھايتى كۆپ ئىكەن. ھەتتا ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆلگەن چوڭ- كىچىك نارسىدە ئوغۇللار ۋە بويىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىز بالىلارنىڭ سانىنى بولسا، ئۇ غايىپ ئالەم شاھى بولغان ئاللادىن باشقا بىرەر ئىنسان ياكى بىرەر جاننىڭ ئەقىل ئىدرىگى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭ تېگىگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس. جۈملىدىن، بۇ چاغدا مۇسۇلمانلاردىنمۇ ئۆلگەنلەر بار ئىدى.
     سۆزىمىزنىڭ ھاسىلى شۇكى،ئاۋالقى ئىسلام دەۋرىدىن تا بۇ زامانغىچە خىتاي، قالماق، تۇڭگان ۋە قازاقلارنىڭ بالىلىرىنى ئەسكەر ۋە سودىگەرلەر خالىغىنىچە ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ ئالاتتى. بەزىلىرىنى ئازغىنا ئاش- ئۇزۇق، نان- توقاچقا ساتاتتى. ياكى ئۇلارنىڭ قوسىغىنى بېقىپ خىزمىتىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئازادىلىگى ۋە مىننەتدارلىقىغا ئىگە بولاتتى. ياكى قىزلارنى چوڭ قىلىپ خالىغانچە ئۆز ئەمىرى ئەقىدىگە ئالاتتى. ياكى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئەمرى ئەقىدىسىگە مۇستاپانىڭ سۈننەت يولى بىلەن بېرەتتى. بۇلار ئۆي تەئەللۇق بولۇپ، بالا- پەرزەنتلىك بولۇپ قالاتتى. بۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلار چوڭ بولۇپ ئادەم قاتارىغا كىرىپ، مۇسۇلمانلار قاتارىغا كىرىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئارلىشىپ كېتەتتى. بۇلار مەزكۈر ئولجا بالىلارنى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتۇپ ساۋادىنى چىقىرىپ، خەت ئۆگىتىپ، بەزىلىرىنى بولسا ھۈنەرۋەر قىلىپ، كەسپ بىلەن شۇغۇللاندۇراتتى. بەزىلىرىنى بولسا قارى مۇرەتتىپ قىلىپ، پەزىلەت كامالەتكە ئىگە قىلاتتى. ئۇ زاماندا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئەقەللىسى بىر ئىككى ئولجا مۇسۇلمان بالا بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىگە كىرەتتى. ھەتتا ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن چىقىپ فەرغانە ۋىلايىتى ، بۇخارا مەمىلكىتى، تۈركىستان، بەدەخشان بەلكى رۇم، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ باراتتى. ئۇلار تا ھازىرغىچە مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىدە مەھكەم تۇرۇپ، يەر، سۇ، جاي ۋە مۈلۈك سېتىۋېلىپ ئۆمۈر كەچۈرمەكتە. ئىلاھا ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ ۋە «لائىلاھۇ ئىللالا، مۇھەمەدۇن رەسۇلىللا» دىگەن ئۇلۇغ كەلىمە شېرىپنى تىللىرىدا جارى قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق چوڭ- كىچىك گۇنالىرىنى ئەپۇ قىلىپ، خۇددى مۆجىزىلىك ھەدىس شېرىپىنىڭ بىر مەزمۇنىدا «ئاللانىڭ بىرلىگى ۋە مۇھەممەتنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمىگەن مۇخلىسلار بولسا جەزمەن جەننەتكە كىرەلەيدۇ» دەپ بايان قىلىنغاندەك، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ جالالەتلىك ۋە ئۇلۇغ دىدارىڭنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلىپ، جەننىتى نىمەتىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئۆز ئۇلۇغ سۈپىتىڭ بىلەن بۇ بەندە گۇناھكارلارنىڭ يۈزىگە قارىتىپ ئاچساڭ، بۇ سېنىڭ ئۇلۇغ دەرگاھىڭ ئالدىدا ھىچقانداق بىر ئاجايىپ ئىش ئەمەس. ئۇلۇغلۇغۇڭغا مەرھەمەت – ۋەسسالام.




[align=justify]


 12

ئۇ بەدۆلەت ئالى غازى ئەئنى مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىقنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇرپانغا يۈرش قىلىش نىيىتى، بەزى پاراكەندىچىلىك ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، دۆلەت ئىنتىزامىنىڭ ئەينى قىيامىدىن زاۋالغا مايىل بولۇشى، تەلەيگە قارىشى ۋەقەلەرنىڭ
يۈز بېرىشى تۈپەيلىدىن دۆلەت ئاپىتىنىڭ مەغرىپكە قاراپ پېتىشىنى

[align=justify]

      دىيانەت ئەسەرلىك يارەنلەر ۋە مۇھەممەت شۇئارلىق بۇرادەرلەرنىڭ ئۇچۇق كۆڭۈللىرىگە روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، بۇ تەرىقە قىسسە ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1871- يىلى – ت)، ئىككى چاشقان يىلى جەۋزا پەسلىنىڭ ئاخىرىدا، جانابى شەھرىيارى ئاتالىق غازى ئۈرۈمچى، تۇرپان غازاتلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، دارسەلتەنەت ئاقسۇغا كەلدى. مۇلاجىيەت مىرزا بېشىنى بىكار قىلىپ، كۇچارلىق ئابدۇراخمان دادخۇانى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى ۋە مەھمۇت مۇسا توخسابىيىنى سالام ئاغىسى ھەم ئورۇنباسار قىلىپ تەيىنلەپ، توققۇز ئاي ئاقسۇدا تۇرۇپ، ئاندىن كاشىغەرگە بېرىپ، ئىككىنچى ئوغلى ھەق قۇلى بېگىمنى ئاقسۇدىكى پانسەت، يىگىت، سەرۋازلارغا ئەمىرى لەشكەر ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى ئورۇنباسارى ھەم سالام ئاغىسى قاتارلىق مەنسەپلەرگە تەيىنلىدى.
     تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1872- يىلى – ت) بېك قۇلى بېگىمنى ھېكىم خان تۆرەملەرنى ھىمايە قىلىشقا ۋە ئۈرۈمچىنى ئىككىنچى قېتىم تەسەررۇف قىلىشقا پەرمان بەردى. ئۇلار ئۈرۈمچى تەۋەسىنى ئون تۆت ئايدا سەرەنجان قىلىپ، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسانىنىچى يىلى (مىلادى 1873- يىلى - ) سەرەتان پەسىلىدە يېنىپ كېلىپ، جانابى شەھرىيار غازى بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدى. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىدى. بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان بىرىنچى يىلى (1874- يىلى –ت ) تىنچ- ئامانلىق بىلەن ئۆتتى.
     لېكىن، تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1875- يىلى - ت)، خۇددى بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قامۇل ۋە لەنجۇ سېڭ تەرەپتىن داخۇ، شوخۇ [202] دىگەن ئىكى نامدار تۇڭگانى ئوتتۇز مىڭدىن كۆپرەك باتۇر ۋە جەسسۇر تۇڭگانى بىلەن تۇرپان ئىقلىمىغا بېسىپ كىردى. ئۇلارنىڭ ئىسلام ئاچقان پادىشاھى ئىسلام، يەنى مۇھەممەت ياقۇپ بېك غازى ئالى خىزمەت كىراملىرىغا ئۆزىمىزنى تاشلاپ، ھىمايەتلىرىگە ئۇلىشىپ، ھەممىمىز بىر نىيەتتە تۇرۇپ بېجىن مۇشرىك ۋە دىنسىزلىرىغا قارىشى كۈرەشتە بىللە بولساق دىگەن مۇددىئا ۋە ئەرزىلىرى بار ئىكەن. ئۇلار بېجىن تەرەپتىن چىققان نۇرغۇن خىتاي چېرىكلىرىگە باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ چىققان ئىكەن. ھېكىم خان تۆرەم ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ئاش- ئۇزۇق چىقىرىپ، تۇرپانغا چىقىرىپ، تۇرپانغا كىرگۈزمەي، بىر چەت- ياقا بىلەن ئۈرۈمچى، ماناس تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ، تېرىقچىلىق قىلسا ھوسۇق ئالالىغۇدەك كەڭرى زىمىن، ئوتلاق ۋە يايلاقلارنى كۆرسىتىپ، بەدى. ئۇلار دېھقانچىلىق ھەرىكىتى ۋە تەرەددۇتلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. لېكىن، ئۇ تۇڭگانىلار قامۇل ئەھلىنى بۇلاپ- تالاپ، شەھەر، سەھرايى- كەنت، ئايماقلارنىك چوڭ- كىچىك ئادەملىرىنى، ئۇلارنىڭ خوتۇن- بالىلىرى بىلەن بىللە كۆچۈرۈپ ئالدىغا سېلىپ، بەزىلىرىنى پىيادە، بەزىلىرىنى ئاتلىق ۋە ئاچ-يالىڭاچ ھالدا خېلى ئاۋارە قىلىپ ھەيدەپ، بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ھېكىم خان تۆرەم بۇلارغىمۇ رەھمى- شەپقەت قىلىپ ، بۇ شەھەر، شەھەر، سەھرايى- كەنت، ئايماقلاردىن كەلگەنلەرگىمۇ ئاش- ئۇزۇق چىقارتىپ، كۆپ مەرھەمەتلەرنى قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جانابى ئالى تۇرپانغا قەدەم- تەشرىپ كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، تۇڭگانى دايەنشەي، ۋاڭ- خانلىقىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئاغچىسى بىلەن فۇچىن خاننى ئوغلى ۋە بىرمۇنچە ئادىمى بىلەن ئولجا- ئەسىر قىلىپ ۋە بۇلاپ- تالاپ تۇرپانغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
     يەنە بىر ۋەقە شۇكى، جانابى ئالى بۇنڭدىن بىر يىل بۇرۇن نۇرغۇن ھەدىيە ۋە سوغا- سالام راسلاپ، دوستلۇق ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپ، ئابدۇلسەمەت ئىشىك ئاغىسىنى لەندەندىكى [203] مەلىكە پەرەڭگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن . مەلىكە پەرەڭ بۇنىڭا تولا ئېتىۋار بىلەن قاراپ، يىگىرىمە مىڭ دانە پىستانلىق پاكىز ۋە قىممەت باھا كارخانا مىلتىغى ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ قوراللار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەممەت يىگىت، سەرۋازلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىكەن. ئىككىنچى قېتىم يەنە ئەھدارخان تۆرەم بىلەن مۇھەممەت جانبايلارنى لاياقەتلىك نۇرغۇن سوغا- سالام بلەن ئەلچى ئەۋەتىپ، قورال- ياراق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىللا ۋە تەڭگىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى. بۇلار مەلىكە پەرەڭ بىلەن ياخشى سائەتتە ئۇچرىشىپ، قىرق مىڭ دوملە پاكىز پەرەڭ كالتۇس مىلتىغى ۋە مىلتىق ياسايدىغان ئون ئىككى نەپەر ماھىر پەرەڭ ئۇستىسى بىلەن بىر بىر شىرىسى يۈز جىڭ كېلدىغان ئىككى يۈز شىرە ۋە خۇش پۇراق چاي ئېلىپ كېلپ، جانابى ئالىنىڭ نەزەرلىرىدىن ئۆتكۈزدى. جانابى ئالى بۇ ئىككى يۈز شىرە چاينىڭ شىرىلىرىنى ئېچىپ، ئوردا ئالىنىڭ سەھنىسىنى خامان قىلىپ تۆكتۈردى. سەھنىدە گويا بىر كاتتا دۆۋە كۆمۈك پەيدا بولغاندەك بولدى. ئەمىرى لەكشكەر، ئەمىرائى پانسەتلەر، يىگىت، سەرۋزلار، ھەتتا چوڭ- كىچىك ھەممە مىراخر پاراشلارغىچە ئون لىگەن ياكى بەش لىگەن، ئەقەللىسى بىر لىگەنگە چاي مەرھەمەت- ئىنئام قىلدى. ھىچبىر مۇلازىم خىزمەتچى بۇ ئومۇمىي ئىنئامدىن مەھرۇم ياكى نائۈمىت قالمىدى. بۇ شۇنداق خۇش پۇراق ۋە پاكىز چايلار ئىدىكى، گويا ئوردا ئىچى، ھەتتا پۈتۈن شەھەر ئىچىگە خۇش پۇراق ئەتتىر تۆكۈلگەندەك، ياكى مۈشكى ئەزفەردەك ھەممە ئادەمنىڭ دىمىغىنى خۇش پۇراقلىق ئەتىر قىلىپ ياراتتى.
      بۇ كۈنلەردە جانابى ئالى غازىنىڭ دىل ئەينەكلىرىدە يەنە بىر سەپەر قىلىش ئارزۇ- ئىشتىياقى پەيدا بولدى. دەل شۇ چاغدا فەرغانە ۋىلايىتى تەرەپتىن قىپچاق ئاپتابەچىدىن ئەلچى كەلدى. ئۇ توپ، زەمبىرەك قاتارلىق ياراقلار بىلەن قوراللانغان ئىككى مىڭ تۇڭگانى بەرسىلە، ئورۇس دىنسىزلار بىلەن غازات قىلىپ، فەرغانە ۋىلايىتىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئاجراتسام دەپ تەلەپ قىلغان ئىكەن. مەزكۈر ئاپتابەچى بۇ كۈنلەردە بىر مۇنچە قىپچاقلارنى ئۆزىگە يار ھەمدەم قىلىپ، ئوروسىيىنىڭ ئىناۋات ۋە ئىتائىتىدىن تارتىپ، بىر چەت ياقىدا كۈن كۆرۈپ تۇرغان ئىكەن. جانابى ئاتالىق غازى ئۆزىنىڭ دەرھال جاۋابىدا خۇددى رەببانى ئاللادىن ئىلھام كەلگەن ۋە سۇبھانى خۇددى كۆڭلىگە سالغاندەك «ماڭا ئۈرۈمچى تەرەپتە دۈشمەن پەيدا بولۇپتۇ، مەن بۇنىڭغا ئۆزەم ئاتلانماقچى بولۇپ قوشۇن ماڭدۇرۇپ تۇرۇپتىمەن. پات- يېقىندا تىنجىتىپ قايتىپ كېلىپ ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن چىقىپ يار- مەدەت بەرمىسەم، بۇنداق چوڭ دۈشمەننى ئىككى مىڭ تۇڭگانى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ» دەپ شىرىن گەپ ۋە تاتلىق سۆزلەر بىلەن بىر بانا قىلىپ ئەلچىنى يولغا سالدى.
     لېكىن، بۇ ۋاقىت ئاتالىق غازىنىڭ دۆلەت قۇياشىدىن چېچىلغان نۇرلار ئۆز قىيامىدىن زاۋالغا قاراپ ماڭغان ۋە يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەۋاتقان، دۆلىتى بولسا ئىگىزلىكتىن پەسكە قاراپ قەدەم قويغان بىر ھالەتكە كىرگەن ئىدى. ئامما زامانى ئۇلۇغ ۋە زۇۋالى گۈزەل ئاتالىق غازى تارىخى ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1875- يىل – ت) يەنى نەھەڭ (ئەجدىھا – ت) يىلىنىڭ مىزان پەسلىدە، نەھەپ ئاغزى تەرەپكە يۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قەدەم تاشلاپ، يېڭىسارغا كەلدى. لېكىن، بۇ ئاتلىنىشنىڭ ئالدىدا جامىدار دادخۇا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەرلەر باشلىق بىر نەچچە كاتتا ئەرباپ دۆلەتخالىق ھەققىدە ئىلتىماس مەلۇم قىلىپ، «جانابى ئالى بۈيۈك بارگاھى- سەلتەنەتىدىن قوزغالمىسا، ھەرقانداق خىزمەت بولسا بىزدەك كەمىنە قۇللىرىغا پەرمان ئالى چۈشۈرسىلە، بىز بېرىپ بۇ خىزمەتنى قىلىپ بەرسەك» دىگەن چاغدا جانابى ئالى بېھرىبانلىق بىلەن «سىزلەر قەشقەردە بېك بەچچە ئالدىدا تۇرۇڭلار، ئۆزەم بېرى كېلەي» دەپ، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ماقۇل كۆرمىدى. چۈنكى، جامىدار دادخۇا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر قاتارلىقلارنىڭ بىز بارماي تۇرۇپ ھىچقانداق دۈشمەن ئېلىنغان ئەمەس دىگەن گەپلىرى ئۇنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. شۇڭلاشقا بۇلارنى ئەۋەتمىدى ۋە بىللىمۇ ئېلىپ ماڭماي، ئۆزى ئاتلانغان ئىدى دىگەن گەپلەر بار.
     بۇ كۈنلەردە زامان رىۋايەتلىرىنىڭ خاقانى چىنى تەرەپتىن نۇرغۇن قارا چېرىكلەر چىقىپ قامۇلغا كىرىپتۇ دىگەن يامان خەۋەرلىرى كەلدى. جانابى غازى ئالى مەقام ياركەنتكە كېلىپ چۈشتى. ياركەنتتىكى قازى رەئىس موللا نەمان ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇق دائىرسىدىند چىقىپ، يولدىن چەتنەپ، باشىغا قول ئۇزارتىپ، بىھۇدە ئارتۇق ئىشلارنى قىلغان ئىكەن. خۇسۇسەن خۇددى بىر ئالى ئوردا سىياقىدا بىر كاتتا ھويلا ئىمارەت بىنا قىلدى دىگەن گەپ جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا ئاڭلانغان ئىدى. ئۇ بىر كېچىدە مەخپى بېرىپ، بۇ ھالنى ئۆز كۆزى بىلەن ئەينەن كۆرۈپ، ئەتىسى مۇلازىم بۇيرۇپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، بۇ قازى رەئىسنى ئەيىپلەپ نەزەربەنت قىلىپ، مال- ئەشيالىرىنى ئالى دۆلەتخانىغا تاپشۇرۇپ ئالدى. ئىككى يۈز سەرۋاز بۇيرۇپ ئىمارەتلىرىنى تامامەن بۇزۇپ، ئورنىغا خالا جاي سېلىشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار بۇ ئىمارەتنى ئون بەش كۈندە بۇزۇپ، ئورنىغا تەرەتخانا سالدى. جانابى ئالى ياركەنتتە يىگىرىمە كۈن تۇرۇپ، تەنتەنە ۋە سەۋلەت ھەم ناھايتى قاتتىق زىل- زىلىلەر بىلەن ئاقسۇدىكى دار سەلتەنەت تەختىگاھىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى.
    بۇ كۈنلەردە خوتەن ھاكىمى نىياز بېك توقسان تارتۇق ئېلىپ كۆرۈنۈشكە كەلدى. ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي توختىتىپ قالدى. قىش ھاۋاسى ئۇزاپ، باھار كۈنلىرى كەلدى. بۇ جەرياندا تۇرپان، ئۈرۈمچى تەرەپلىرىگە قىل قۇيرۇق لەشكەرلىرىنى ماڭدۇرۇپ تۇردى. تارىخ ھىجىر بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئۈچىنچى يىلى (مىلادى 1876- يىلى – ت)جانابى ئالى كۈزلىگەن مەقسەتنى نىيەت قىلىپ، نىياز ھاكىم بېكنى ئۈلپەت ۋە ھەمرا قىلىپ، زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويدى ۋە يەنە ئەمىرى لەشكەر تۇڭگانى ماداويە، ھەيدەر قۇل دادخۇا، كىرىمبايى مىرزا شاغاۋۇلنىڭ ئوغلى ئىسھاقجان پانسەت، ئابدۇراخمان دادخۇانىڭ ئوغلى ھاپىز بېك پانسەت، قادىر پانسەت، مەمۇر پانسەت، مۇھەممەت ئەلى پانسەت، سەپەر پانسەتلەر باشلىق ئون مىڭ يىگىت ھەم تۆرە قۇل لاۋۇر، كىپەك لاۋۇر، مۇھەممەت ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى، مۇھەممەت رېھىم پەھلىۋان، ئۆمە خوجا ئىشانلار بىلەن ئۈچ مىڭ سەرۋاز ۋە دوھۇل- دۇمباق، ناغرا- كانات، توپ، جازا يىل، زەمبىرەك، تۇغ، بايراق قاتارلىق سۆلەت ۋە داغ- دۇغا ھەشەمەتلەر بىلەن ئاستا- ئاستا كۇچار- دارۇس- سەلتەنەتىگە كېلىپ چۈشتى. بۇ جايدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاندىن ئۆتۈپ، كورلىنى مەقامى مەنزىل قىلدى. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىدى.
     بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانى كەنجى ئاخۇن دايەنشەي تەرەپتىن يۈسۈپ بېك ياساۋۇل باش دىگەن ئادەم سوغا- سالاملار بىلەن بىر ئەزر ئېلىپ كېلىپ دۇئا قىلدى. ئەرزنىڭ مەزمۇنىدا «بېجىن تەرەپتىن بىرمۇنچە خىتاي چىقىپ، گۇچۇڭزىغا كېلى ئورۇنلىشىپتۇ» دىگەن گەپ بار ئىكەن. جانابى ئالى بۇ ئەرزنى كۆرۈپ، يەنىمۇ تەھقىق ۋە تەپتىش قىلپ ،ئۇنىڭ راس- يالغانلىغىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن، تاغاي يۈز بېشىنى ئۈرۈمچى، گۇچۇڭزا قاتارلىق جايلارغا ماڭدۇردى. مۈزكۈر يۈز بېشى ئۈرۈمچىگە بېرىپ يېنىپ كېلىپ، بىر مۇنچە پاراكەندىلەردىن يىغىلغان خىتاينىڭ گۇچۇڭغا كەلگەنلىگىنى راست ئىكەن دەپ مەلۇم قىلدى. بۇ ئارلىقتا جانابى ئالى كورلىدىن قوزغىلىپ، قەشقەردىنمۇ ئۆتۈپ، ئۇششاقتالنى قارار ۋە ئارامگاھ قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ جايدىنمۇ يولغا چىقىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ توخسۇنغا كەلدى.
     لېكىن، ئۇ كورلىدىكى چاغدا ئاقسۇدىك ئوغلى ھەق قۇلى بېگىمنى دەرھال يېتىپ كەلسۇن دەپ بىر نەچچە ئەمىرائى پانسەتنىڭ نامىنى ئالى ئىنايەتنامىگە كىرگۈزۈپ خەت ئەۋەتكەن ئىقدى. بۇ ئالى پەرمان بويىچە مۇھەمەت كېرەم دادخۇا، بەچچە باتۇر پانسەت، ئالىمباي پانسەت، ئەلى بېك پانسەتلەر قاتارلىق باشلىق يىگىرىمە نەچچە پانسەت ۋە سەرەجەڭلەر ئون مىڭ لەشكەر بىلەن ئاتلىنىپ توخسۇنغا بېرىپ، جانابى ئالىنى دۇئا قىلدى. بۇلار كەلگىچە توخسۇندا بىر شەھەر بىنا قىلغان ئىدى. بېك بەچچىنى يىگىتلىرى بلەن مەزكۈر شەھەرگە چۈشۈردى.
     ئەسەد پەسلى ئىدى. جانابى غازى توخسۇندا تۇرۇپ، ئەمىرى لەشكەر مادالويەنى بىر مىڭ بەش يۈز تۇڭگانى يىگىتى بىلەن ئەزىم قۇل پانسەتكە يەنە تۆت پانسەت قوشۇپ، يىگىتلىرى بىلەن گۇمادىغا ماڭدۇردى. بۇلار ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن ئەزىم قۇل پانسەت ئۈرۈمچىدىن گۇمادىغا ئاتلاندى. مادالويە بىلەن قالغان پانسەتلەر ئۈرۈمچىدە قالدى. بۇ چاغدا گۇچۇڭ تەرەپتىن بىر مۇنچە خىتاي چىقىپ، ئەزىم قۇل پانسەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى بىر نەچچە كۈن شەھەرگە سولاپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈردى. ئاخىرى قارا چېرىكلەر غالىپلىق قىلىپ، گۇمادىنى ئالدى. ئەزىم قۇل پانسەتنى بىر مۇنچە يىگىتى بىلەن شاھادەتلككە يەتكۈزدى. كەينىدىن مادالويە چېرىكلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ھامى بولۇش ئۈچۈن گۇمادىغا ئاتلاندى. بۇ تېخى يېتىپ بارماي تۇرۇپلا چىداۋان دىگەن شەھەردە خىتايلارغا دۇچار بولۇپ، قاتتىق جەڭ قىلدى. غالىپلىق قىلىپ تۇرغان بۇ بىر پەيتتە، خىتايلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، مادالويە چىرىكلىرى بىلەن دەرھال يېنىپ كەلسۇن دىگەن ئنايەتنامە پەرمان كەلدى. مادالويە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈزچە تۇڭگانى بىلەن كاشىغەرگە ماڭدۇرۇپ، كاشىغەرگە بېرىپ ، تۇڭگانىلاردىن بەش مىڭ يىگىت ئېلىپ تەييارلاپ تۇرۇڭ، ۋاقتى كەلگەندە ئىنايەتنامە بېرىمەن، شۇنىڭغا قاراپ كېلەرسىز دەپ پەرمان قىلىپ يولغا سالدى. لېكىن ئەزىز قۇل پانسەت بىلەن گۇمادىغا بارغان يىگىتلەرنىڭ تولىسى زىيانغا ئۇچۇردى. زەخمىدار بولغانلىرى جانابى ئالىنىڭ خىزمىتىگە كەلدى. لېكىن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلمىدى.
    بۇ چاغلاردا كورلا ھاكىمى نىياز مۇھەممەت توقسابى، ھەيدەر قۇل پانسەت، ئەشىمۇ ھەممەت پانسەت قاتارلىق يەتتە پانسەتنى داۋانچىنغا پەرمان قىلىپ، داۋانچىندا بىر شەھەر بىنا قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. شەھەر ناھايتى تېزلا پۈتتى. ھەممە قوشۇن شەھەرگە كىرىپ ئولتۇردى. بۇ كۈنلەردە داخو، شوخۇ دىگە تۇڭگانىلار ماناس، ئۈرۈمچىدىن كېلىپ، جانابى ئالىغا دۇئا قىلدى. ئۇلارنى بىر نەچچە كۈن توختىتىپ زىياپەت قىلىپ، ئىنئام- ئېھسانلارنى بېرىپ، ئۈرۈمچىگە ياندۇرپ، كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، كىيىم، تون، خەجلەيدىغان پۇل، تىللالارنى بېرىپ خاتىرجەم قىلدى. بىراق، بۇ ھەر قايسى ئەمىرى لەشكەر، پانسەتلەرگە تەكىت ۋە مۇبالىغىلەر بىلەن خەت يېزىپ، خىتايلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار دەپ ئالى ئىنايەتنامە ۋە پەرمان ئەۋەتتى. يىگىتلەر ئۇرۇشماي تىنچ تۇردى. لېكىن، خىتايلار كېلىپ ئۇرۇش باشلىدى. يىگىتلەرمۇ جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى ۋە ئۆز جېنىنى ساقلاشقا تىرىشىپ سەۋەپلەرنى قىلدى. بىراق، جانابى ئالى نىمە ئۈچۈن ئۇرۇشتۇڭلار دەپ بۇنىڭدىن خاپا بولدى. چۈنكى، جانابى ئالىنىڭ خاقانى چىنى بىلەن يارىشىپ، ياخشى سۈلھى- شەرتلەر ۋە ئەھدى- پەيمان قائىدىرىلىنى ئانت- ئىمان بىلەن مۇكەممەل ۋە مۇستەھكەم قىلسا دىگەن مۇددىئا ۋە غەرەزلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مۇددىئاسى ئەمەلگە ئاشمىدى. خىتايلارنىڭ بىر نەچچە كاتتا مەنسەپدارى قولغا تىرىك چۈشتى. ئۇلارغا دەخلى- تەرزۇ قىلدۇرماي، ئاقسۇ، كۇچار ۋە باينىڭ ھاكىملىرىغا تاپشۇرۇپ، ئايلىق مائاش- كۈلەنلەرنى تەيىنلەپ، ئۇلارنى بىر نەچچە زامانغىچە ئوبدان ئاسراپ باقتى. لېكىن بۇ ھاكىملار كېيىن ئىنايەتنامە كەلدى دەپ ھەممىنى يوق قىلدى. ئۇ يەنە بۇ كۈنلەردە خىتايلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىنئام خوجا ئىشاننى جاسۇس قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ ئەھۋالنى بىلىپ يېنىپ كېلىپ، خىتايلار گورۇھى ھەددى- ھىساپسىز تولا ئىكەن. ئەلەم، بايراقلىرىنىڭ باش- ئايىغى كۈرۈنمەيدۇ. ئۇلار فەغفۇرچىننىڭ يارلىغى بلەن چىققان چېرىكلەر ئىكەن دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا تۆرەمنى يىگىتلىرىدىن ئاقسۇلۇق باقىش مىراپ، سىدىق بېك، يۈسۈپ بېكلەر باشلىق ئالتە شەھەر يىگىتلىرىدن بىر نەچچىسى خىتايلار ئىچىگە كىرىپ كەتتى. تۇرپان بەگلىرىدىن مۇقبۇل بېك،شاھنىياز بېك يۈز بېشىلار خىتايلارغا خەت بەرگەن ئىكەن. بۇ خەت جانابى ئالىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ بۇ بەگلەرنىڭ خوتۇن- بالىلىرىنى ۋە يەنە خىتاي تەرەپكە مايىل بولغان بىر نەچچە ئادەمنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ، (ئۆي- ماكانسىز قىلىپ – ت) ياركەنتكە ھەيدىدى. ھەتتا سېرىق قولغىمۇ ماڭدۇردى. شۇنداقلا ئۇ ئەگەر خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلبە قىلسام نۇر ئۈستىگە نۇر قۇنار، ئەگەر ئىش ئەكسىچە نەتىجە بەرسە، مۇنداق كۈنلەردە قەيەرگىمۇ يېتىپ بېرىش مۇمكىن، چۈنكى يول ئۇزۇن ۋە چۆلدۈر، ھالبۇكى، بۇنداق ھالەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن ۋە مال- جېنىغا زامىن بۇلۇشۇم مۇمكىن دىگەن ئەندىشىلەرنى قىلىپ، خىتايلار بىلەن ئۇرۇشىمەن دىمەڭلەر دەپ ئىنايەتنامە بېرىپ، تۇرپاندىن كورىغا يانىدىغان بولدى. ئۇ توخسۇندا تۆت ئاي مىقدارى تۇرۇپ، ئەقرەپ پەسلىدە كورلىغا كەلدى. ئۇ دەسلەپتىلا كورلىدىغان قوزغالماي تۇرغىنى ياخشى ئىدى. لېكىن، تەدبىرى تەقدىر سۈبھانىگە مۇۋاپىق چۈشمىدى. ئۆز ئاياقلىرى بىلەن مۇشەققەتلىك قەدەم تاشلاپ ھالاكەت ئاغىزىغا بارغان ئىكەن.
     جانابى ئالىنىڭ ئەقلى ۋە پەھمى زېرەكلىگى شۇ قەدەر ئىدىكى، ھىچقانداق بىر ئالى دەرىجىلىك پادىشانىڭ ۋۇجۇت زېھنىدە بۇنداق ئەھۋال بولمىغان بولسا كېرەك، ئۇ بۇ يەتتە شەھەرنى ئون تۆت يىل سورىدى. ھەممە ئىشنى ئۆز ئەقىل- پاراسىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ بۇ جەرياندا بىرەر دىيانەتلىك ۋەزىر ئىشلەتمىدى. ياكى بىرەر كىشى دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە بىرەر سۆزنى ئۇنىڭ مۇبارەك قۇلاقلىرىغا مەلۇم قىلالمىدى. ياكى بىرەر كىشى گۇناغا لايىق بولغان بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشۈپ گۇناسىنى تىلەپ ئالالمىدى. ئۇنىڭ دۆلەت قەھرىدە بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجت بولۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
     سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، دۆلەت ئىقبال يۈز كەلتۈرگەندە ، مەيلى ئۇ ئەقىللىق دانا بولسۇن ياكى ئەقىلسىز- نادان بولسۇن، ھەمە ئىش ئۆز- ئۆزىچە بىر بانا- سەۋەپ بىلەن راست ۋە تەييار بولىدىكەن. ئەگەر دۆلەت ئىقبال يانغاندا، گەرچە ئۇ بۇزۇر جەمھۇردەك [204] دانا ۋەزىر ياكى كاتىپ بولغان بىلەنمۇ، قازا ۋە قۇدرەتلىك ئۆز مۇددىئاسىنى يەنىلا ئۆز خاھىشىدەك قىلىدىكەن. ناۋايىنىڭ «كىشىدىن يانسا دۆلەت، ئالغان ئالتۇن تۇپراق بولغۇسى، بەخت كېلىپ يار بولسا، ئالغان گۈلدىن كۈمۈش پۈتكۈسى» دىگەن تەمسىلى بۇ خىل ئىش ۋە ئەھۋاللارغا مۇۋاپىق توغرا كېلىدۇ.
     بۇ چاغدا، جانابى ئالى كورلىغا يانىدىغان بولدى. سۈيۈملۈك پەرزەندى ھەق قۇلى بېگىمنى ئون مىڭ يىگىت، سەرۋازنى قورال- ياراق، توپخانىلرى بىلەن توخسۇندا قويۇپ، خىتايلارغا ئۇق چىقارماڭلار دەپ ئالاھىدە تەكتىلدى. يېڭى ھىسارلىق ھۇشۇر مەھرەم بولسا غەزنىچى ئىدى. جانابى ئالى كورلىغا مېڭىپ، بىر كۈن كېيىن غەزىنلەرنى قوزغاپ، بىر مۇنچە نەق پۇلنى ئېلىپ، بىر نەچچە ئادەمنى ھەمرا قىلىپ خىتايلارنىڭ ئىچىگە قاچتى. بىر مۇنچە يىگىت ئارقىدىن قوغلاشتى. لېكىن بۇلار يېقىن يەتكەندە ھۇشۇر غەزنىچى تىللا، تەڭگىلەرنى يولغا چاچتى. قوغلاپ باغانلار تىللا، تەڭگىگە ئولاشتى. ئۇلار بولسا ئۇزاپ خىتايلارغا ئۇچراشتى. جانابى بەدۆلەت باشلىق ھەممە كىشى لەۋلىرىنى چىشلەشتى ۋە ئىلاجى بولماي ئامالسىزلىقتىن پەسلەشتى. ھۇشۇر مەھرەم بۇ خىزمىتى ئۈچۈن كېيىن ياركەنتنىڭ ھاكىملىقىغا ئۇلاشتى.
     بۇ كۈنلەردە خىتايلار داۋانچىنغا كەلگەن ئىدى. نىياز مۇھەممەت توقسانى نەچچە كۈن ئوق چىقارماي سەۋر قىلدى. ئاخىرى ئىلاج بولمىدى. بۇ يەرىدكى ئىككى مىڭچە يىگىت، سەرۋازلارنىڭ ئىچىدىن تۆت يۈزچە كىشى تەرتىپ- نىزام بويىچە مەشق قىلىپ، دەرۋازىدىن چىقىپ كاپىرلارغا ئوق چىقاردى. ئازلا مۇددەت ئىچىدە بىر مىڭغا يېقىن كاپىرنى يوق قىلدى. لېكىن جانابى ئالىدىن ئوق چىقارماڭلار دىگەن پەرمان كەينى- كەيندىن كەلگىلى تۇردى. شۇڭلاشقا ئەمىرى لەشكەر ياكى يىگىتلەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، دىللىرى غازاتتىن تامامەن سوۋۇدى. ئاقىۋەت خىتايلار كۆپلەپ كېلىپ، توپ، زەمبىرەكلەر بىلەن ئېتىپ داۋانچىنىنى بېسىۋالدى. ئالتە شەھەرلىك ئادەملەرنىڭ قورال- ياراقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قويۇپ بەردى. لېكىن نىياز مۇھەممەت توقسابى باشلىق يەتتە پانسەت، بىر نەچچە مۇساپىر يۈز بېشىنى تامامەن نەزەربەنت قىلىپ، بىر نەچچە زاماندىن كېيىن، پانسەتلەرنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. قالغانلىرىنى بولسا بېجىندىن ئۈچ ئايلىق نېرى بىر خىتاي شەھىرىگە ماڭدۇردى. بۇلار خىتايلار ئىچىدە يىگىرىمە يىل تۇرۇپ، بەزىلىرى ۋاپات بولۇپتۇ. بەزىلىرى يېنىپ كېلىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە چىقىپ كەتتى.
     بۇ چاغدا ھەق قۇلى توخسۇندا ئىدى. ساڭدىكى ئاشلىق قاتارلىق ئېغىر نەرسىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ بېرىپ كورلىغا قاچتى. خىتاي چېرىگى يەمشى دىگەن يەتمىش يول يەرگە كېلىپ چۈشتى. ھېكىم خان تۆرەم تۇرالماي توخسۇنغا كەلدى. شۇ كۈنى خىتايلار تۇرپان شەھىرىنى تەسەررۇف قىلدى. يىگىتلەر يارلىق بويىچە خىتايلارغا ئور چىقارمىغان ئىدى. ئەگەر ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشقان بولسا ئىدى. ئوتتۇز مىڭ يىگىتكە ئون يىلدىن ئارتۇق يەتكۈدەك ئاش- ئۇزۇق، بوغۇز- ئوت، ئوتۇن قاتارلىق نەرسىلەر پەقەت تۇرپان، توخسۇنغىلا توپلانغان ئىدى. توخسۇندىكى ئاشلىق كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى. تۇرپاندىكى ئاشلىق خىتايلارغا نېسىپ بولدى. خىتايلار توخسۇننىڭ بوشاپ قالغانلىغىنى ئاڭلاپ، بەش كۈندىن كېيىن بۇ يەرگە كەلدى. بۇ چاغدا ھېكىم خان تۆرەم بېك بەچچە ۋە ئەمىرى لەشكەر، سەرۋاز، يىگىتلەر قارا شەھەرگە كەلدى. جانابى ئالىدىن ئۇلارغا كورلىغا كەلسۇن دىگەن يارلىق كەلدى. ئۇلار قورقۇپ بارالماي، بىزگە پەرمان بولسا غازات قىلساق دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. جانابى ئالى ئىلاجىسىزلىقتىن قارا شەھەردە ئىلگىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە بىنا قىلىڭلار دەپ پەرمان بەردى. بۇ شەھەر ناھايتى ئاز ۋاقىتتىلا پۈتۈپ تامام بولدى. جانابى تۆرەم ۋە ھەق قۇلى بېگىملەرگە ئوتتۇز مىڭ يىگىت ھەمرا بولدى. جانابى ئالىنىڭ ئالدىدا بولسا ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك مەھرەم، ياساۋۇل ۋە يىگىتلەر ھازىر بولدى.
     دەسلەپكى باھار پەسلى ئىدى. تۆرەملەر ئىككى ئاي مىدارى قارا شەھەردە ئىستىقامەت قىلدى. بۇ چاغدا جانابى ئالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ، غەزەپ ئوتلىرى كۈندىن- كۈنىگە ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ تاشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ بىر كۈنى تاسادىپى موللا كامالدىن مىرزادىن قاتتىق كايىپ، ئۇنى تاياققا تۇتتى. ياساۋۇللار كۈچىنىڭ بېرىچە ئۇردى. غەزىۋىگە چىدىماي ئۆزىمۇ ئۇرۇپ كەتتى. چارچاپ ۋە ھالسىراپ «سوغاق چاي» دىدى. بىر مەھرەم سوغاق چاي كەلتۈرۈپ بەردى. قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئىچتى. لېكىن ئۇ سوغاق چاي ئىچمىدى. بەلكى ئەجەل شەربىتى ئىچتى. يىقىلدى- دە، قېتىپ قالدى. رەڭگى كۆكەردى. بەدىنى چاك- چاك يېرىلدى. بىز خۇداغا مۇخسۇسىدۇرمىز ۋە ھەممىمىزلار ئاقىۋەت ئۇنىڭ دەرگاھىغا بارىمىز. بۇ چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە تارىخ ھىجىر بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى سەرەتان پەسلى ماھى رەبىئوساتنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1877- يىلى – ت) يىلى باھار پەسلى 4-ئاينىڭ 28- كۈنى – ت) ئىدى.
     گەپ- سۆزلەرگە قارىغاندا، جانابى ئالى نىياز ھاكىم بېكتىن كۆڭلى ئىمىن ئەمەس ئىدى. نىياز ھاكىم بەك ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەست قىلىپ، ئۇنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، يوقىتىشنىڭ بىر ۋاقتى- ئامالىنى تاپالماي ۋە تەدبىرنىڭ كۆپلىگىدىن جېنىنى ساقلاپ يۈرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇ ۋاقىتنى غەنىمەت كۆردى. ئۇ «ئىنسان ياخشىلىقنىڭ بەندىسى» دىگەن مەزمۇن بويىچە، جانابى ئالىنىڭ بىر نەچچە مەھرىمىگە تىللا، تەڭگىلەرنى بېرىپ ئۆزىگە رام ئەسرار قىلىپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «بادزاد» ئۇرۇغى ۋە ئەسلى يامان بىر مەھرەم بولسا ئۇزۇندىن بۇيان نىياز ھاكىم بېكتىن ۋەزىپە- ئىنئام ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نىياز ھاكىم بېك ئۇنى خاس ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بەدۆلەتنى يۇقىتىش تەدبىرلىرىدىن تەلىم بەردى. نۇرغۇن تىللالارنى بېرىپ، ئۇنىڭغا ۋەدە- ئەھدىلەرنى قىلىپ، «بىر چىنە چايغا ئۆزىڭىز بىلىدىغان ياكى جانابى بەدۆلەت كىشلەرگە يىگۈزۈپ تەجىرىبە ھاسىل ئەتكەن زەھەردىن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇ قاتتىق غەزەپكە كەلگەندە بۇنى قۇشۇپ ئېىلىپ چىقىپ بەرسىڭىز، ئاچچىغىدا بىلمەي پەرق ئېتەلمەي ئىچىۋېتىدۇ. شايىتكى، بۇ تەدبىر بىلەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلغىلى بۇلار» دىدى. مۈزكۈر مەھرەم بۇنداق ئىغۋا ھەم ۋەسۋەسە ھىلە- نەيرەڭلەرنى خۇددى نىياز ھاكىم بېكتەك ئۇستا شەيتان ئادەمدىن ئۆگىنىپ ھەم بۇ ھىلە- نەيرەڭلەرنى كەسپ قىلغانلىغى تۈپەيلىدىن جانابى ئالىنىڭ ئاتەش غەزەپ دۇتلىرى شۇلا ئۇرغان چاغدا، بۇ زەھەرلىك چاينى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ پەرق ئەتمەي ئىچتى. ئۇنىڭ تەدبىرى ئىلاھى تەدىرىگە مۇۋاپىق چۈشۈپ تامام بولدى دىگەن گەپلەر بار. بەزىلەرنىڭ گېپىگە قارىغاندا، جانابى ئالى شۇ چاغدا چاينى قولىغا ئالغان ۋە پارسەت نۇرى بىلەن زەھەرنى بىلىپ، قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، «يا رۇسۇلىللا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچكەن ئىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇ سۈننەت يولى بويىچە چاينى ئايرىم- ئايرىم ئۈچكە بۆلۈپ ئۈچ مەرتىۋە ئىچەر ئىدى دىگەن گەپلەر بار. دىمەك، قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەيلى ئالى مىقدار گەردۇن پادىشا بولسۇن ياكى خارلانغان ئاجىز گاداي بولسۇن، ھەممىسىلا ئەجەل شەربىتىنى ئىچمەي ۋە جان ئاچچىغىنى تېتىماي ئەسلا ئىلاج ۋە چارە يوقتۇر. ئەجەل سائىتى يەتكەندە ھەممە ئىنسان ۋە جان ئىگىلىرى باراۋەر ۋە ئوخشاشلا يەكسان بولىدۇ. قۇئانى كېرىمدە «ئىنسانغا ئەجەل كەلسە بىر سائەتمۇ ئىلگىرى كەلمەيدۇ ۋە بىر سائەتمۇ كېيىن قالمايدۇ» دىگەن ئايەت بار. بۇنىڭغا قارىغاندا، ھەممە ئىنسان ۋە جان ۋاقتى كەلگەندە بىرەر بانا سەۋەپ بىلەن بۇ بىباقى ئالەمدىن ئاخىرەت دۇنياسىغا كېتىدىكەن . «ھەممە شەيئى ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ» دىگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا ئاللانىڭ ئادىتى شۇ تەرىقە بىلەن بولۇپ كەلگەن ۋە بۇنى ھەقىقى ئىجرا قىلغۇچىمۇ دەل ئاللانىڭ ئۆزىدۇر. ئاللا نىمىنى خالىسا، شۇنى قىلالايدۇ ۋە نىمىنى ئىرادە قىلسا شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالايدۇ.


[align=justify]
     قىتئە:

[align=justify]
    پادىشاھ سايەئى لوتفى ئىلاھ.،
    نۇر شەمئىدىن پەلەك تاپىپ زىيا.
    تاتەئى نۇرى تاپىپ ئەپسۇس زۇۋال، 
    كەتتى ب فانى جاھاندىن ئاھ- ئاھ.  

[align=justify]
    ئاللانىڭ «بارلىق ھايات ئۈلۈمىنى تېتىيدۇ» دىگەن ھۆكۈمى بويىچە، ئەنبىيائى مۇرسەلىن ئەلەيھىم ئەسسالاۋات ئەتتھىيە ۋە ئاللانىڭ رازىلىغىغا ئېرىشكەن قەدىمقى ئەۋلىيالار، ھەتتا بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەجەل شەرۋىتىنى ئىچمەي قالمايدۇ. «بارلىق ئىنسان يۇقالغۇچىدۇر» دىگەن ئايەتكە قارىغاندا، بۇ قارارسىز ئالەم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۆلىمالار ۋە فازىللار تايىپىسى بەلكى ئادەم ئەۋالادىنىڭ چۈشەنچىسىگە روشەن ۋە ئاشكارىدۇردىكى، ئۇ ھەمىشە ھايات ئاللا ئۆزىگە تېگىشلك ئۇلۇغ مەرتىۋىسى ۋە ھەممىگە يەتكۈدەك لۇتپى ئارقىلىق ئادەم خىلىدىن بىرنى تاللاپ، «ئۆز مۈلكىنى ئاتا قىلالايدۇ» دىگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە تاج ئەفسەر ۋە زىننەت تۇمىغىنى ئۇنىڭ مۇبارەك بېشىغا لايىق ۋە سازارەر قىلىپ، ئۇنى تەختى سەلتەنت ئۈستىدە مۇقىم قارارلاشتۇرۇپ، «سۇلتان ئاللانىڭ سايىسى» دىگەندەك، ئۇنى ھەممە ئادەم گورۇھىغا پادىچى ياكى سۇلتان قىلىدىكەن. ئاخىرى يەنە ئېھتىياجسىز ھايات ئىگىسى ئۆزىنىڭ كامىل قۇدرىتى ئارقىلىق بار مەمىلكەت دۇنياسىدىن ئۇنىڭ قولىنى قىسقا قىلىپ، خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىدە ئېيتىلغاندەك، ئۇنى يەنە ھىچبىر كۆز كۆرمىگەن ۋە مەخسۇس چېدىرلاردا ئورۇنلاشقان ھۆر قىزلىرى بار ئالى دەرىجىلىك جەننەتكە يۆتكەپ، ئاستىلىرىدىن ئېرىق سۇلار ئېقىپ تۇرغان جەننەتنىڭ رھىتى تەرىپىگە مايىل ۋە ئىختىيار قىلدۇردىكەن. 

   مەسنىۋى: 

  ئۆمۈر كۆرمەك ئۇزۇن ئەمرى ماھالىدۇر①. 
  ئۆمۈر كۆرمەك ئۇزۇن ئەمرى ماھالدۇر①، 

[align=justify]  بۇ دۇنيانىڭ باسى ②پات زۇۋالدۇر. 
  ھەمىسە بولماغايلار پادىشاھلىق،
 ئۈمىت يوقمۇ بەلكى دۇنيادىن ۋاپالىق.
 ۋاپا يوق دۇنيانىڭ نىمەتلىرىگە،
 جاھان فانى دۇرۇر ئەي خاۋاجە زىنھار③.
 كى سەن باقى تەسەۋرۇ ئېتمە ئەي يار،
 كى ھەق دۇرۇر دۇنيا ئەرۇسى④.
 ئېرۇر فانى ۋەلى ⑤ كۆرگۈزسە ئانى،
 ھەسنىۋى: بىۋاپا دۇر پەلەك كبۇ قەلەمۇن⑥.
 ساز ئاھاڭغا يوق بىر قانۇن⑦،
 يوق باقا شەھ ئىلە شەۋكەتكە داغى⑧.
 يوق ۋاپا ئۆمۈر ئىلە دۆلەتكە داغى،
 كۆركى ھەر شەھكى يۈرۈپ ئالدى جاھان.
 بارچە باردۇرمۇ قارا يەرگە نىھان⑨،

[align=justify]

[align=justify]______________
 ① ئەمرى ماھال – مۇمكىن بولمادىغان ئىش ياكى ئارزۇ.
 ②باقا – باقى، ھەمىشە بار بولغان.
 ③زىنھار - ھەرگىز.
 ④ئەرۇسى – كېلىن، يېڭى توي قىلغان قىزى.
 ⑤ۋەلى – ۋەلەيكىن.
 ⑥قەلەمۇن – ھەر خىل قىياپەتلىك دەۋر.
 ⑦قانۇن – قالۇن (چالغۇ ئەۋابى).
 ⑧داغى – يەنە، تېخى.
 ⑨نىھان – يۇشۇرۇن. 


 ھەم كيورمىس ئىلە ھۇشىن قالى①؟
 ئىككىگە تاج ئىلە ئەۋرەڭ قانى ②؟
 قانى جەمشىت، فەرىدۇن ئاخىر③،
 بىرنى گەردۇن④ قويمادى ئاخىر.
 ئەكيانى بار، نەسا سانى ⑤،
 نە ئىسكەندەر داغى نە ئىشكانى⑥.
 قانى رۇستەم ئىلە سام داغى⑦؟
 يەزدىجەرد ئوتى جەھرام داغى⑧؟
 قانى خانلار خانى ئول چىنگىز خان؟
 ئوكتاي خانىكەم ئېرىدى قائان.
 قانى تېمۇر شەھ ئىسلام پاناھ⑨؟ 
 كى جاھان ئالدى چېكىپ خەيلى سىپاھ⑩.
 تاقەلىك يىلدى تەئەددى فەنىنى،
 قايسىدىن ئالمادى ئۆز بەرگىنى.


____________
 ①كيورمىس ئىلە ھۇشىڭ - ئىران پادىشالىرى،
 ②ئەۋرەڭ – تەخت.
 ③جەمشىت، فەرىدۇن- ئىران پادىشالىرى،
 ④گەردۇن – زامان، دەۋر.
 ⑤ئەكيانى ، ساسانى – ئىران سۇلالىرى،
 ⑥ئىشكانى – ئىران سۇلالىسى.
 ⑦رۇستەم ،سام - «شاھانامە» دىكى ئەپسانىۋى قەھرمانلاردۇر،
 ⑧يەزدىجەر، بەھرام – ئىران پادىشاسى نوشىرۋاننىڭ نەۋرىلىرى.
 ⑨تېمۇر شەھ - ئەمىر تېمۇر كوراگانى،
 ⑩ خەيلى، سىپاھ – كۆپ قوشۇن.


 كىمكى قۇياش بەردى ئەۋجىگە شەست ①،
 كىمنى يەنى قىلمادى تۇپراققا پەست.
 كىمگە بىر تۇتاش ئىلە يەتكۈزدى بەھىر②،
 كىم يەنە تۇتمادى ساغىرى زەھىر③.
 چۇن بۇ مەئىنى بۇ سۈپەت بولدى ئادا،
 كىمنى شەھ قالغۇسى باقى نە گادا④.
 لوپتىپ قىلغاي ئاڭا كىم ھەييى دەفۇر ⑤،
 دۇنيەۋى ئاخىرەتنى نى مەئمۇر⑥.


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 45   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 udun غۇنچىگۈل ، ھارمىغايسىز!ئۆزىڭىزنى ھەم كۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ. 2008/1/3 00:46
2 Ghunche



13

ئۇ پادىشاھى ھەفتە شەھەر⑦ ئەئنى مۇھەممەت غازى دىنپەۋەرنىڭ دۆلەت ئىقبالىغا بولغان ياخشى ئەخلاقلىرى ۋە دۆلەت ئىقبالىنىڭ زاۋالغا قاراپ

 مېڭىشىغا سەۋەپ بولغان سۈپەتلىرىنىڭ بايانى

 


جاھان ئاقىللرىنىڭ ئاق نۇرلۇق كۆڭۈللىرىگە ۋە دەۋران
[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]__________
   ①شەست - ئۇق.
   ②بەھىر – پايدا.
   ③زەھىر - زەھەر.
   ④گادا – يوقسۇل، كەمبەغەل، گاداي.
   ⑤ھەييى دەفۇر – گۇنالارنى كېچىرگۈچى دايىمى ئاللا.،
   ⑥مەئمۇر – باي، ئاۋاتچىلىق.
   ⑦ ھەفتە شەھەر- يەتتە شەھەر.

     فازىللىرىنى قۇياشتەك ئۇچۇق نەزەرلىرىگە روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، خۇداۋاندەكېرىم ئۆزىنىڭ كامىل قۇدرىتى بىلەن ئۇ شەرىئەتكە راۋاج بەرگۈچى ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرغۇچى، يامان ئادەملەرنى تۈگەتكۈچى، زۇلۇملارنى يۇقاتقۇچى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاتا، يەنە مۇھەممەت ياقۇپ بېك غازىنىڭ ئەسلى تەبئىتى ئۈستۈن يارىلىشىنى ئىززەتلىك قىلىپ ياراتقان ئىكەن. ئۇ پەم- پاراسەت ۋە ئەقىل- ئىدراكتا تەڭداشسىز، قۇۋۋەت مۇھاپىزەتتە مىسلىسىز، سىياسەت ئىجراسىدا ئوخشىشى يوق ئىدى. بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر ھەرقانداق پادىشانىڭ ۋۇجۇدىدا بولمىغان بولسا كېرەك. كۆپچىلىك ۋە خەلق ئۇنىڭ پاراسەتلىرىنى كارامەت دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ ئورنى ۋە قۇۋۋىتى يەتكەن ۋىلايەتلىرى ھەقىقىي ۋەلىلەرنىڭ دەرىجە ۋە مەرتىۋىسىگە يەتسە يەتتىكى، لېكىن ئۇنىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا قاراشلىق يۇرتلار شەرقتە گۇمادى، غەرپتە سېرىق قولغىچە يۈز كۈنلۈل ئىدى. شىمال مۇزداۋان ۋە زەۋقى، جەنۇبى قاراڭغۇ تاققىچە سەكسەن كۈنلۈك يول ئىدى. ئۇ بۇ ھۇدۇت ئىچىدىكى ئۈرۈمچى تەۋەسى ۋە يەتتە شەھەر دائىرىسىدىكى چوڭ- كىچىك ئوتتۇز تۆت ھاكىملىق شەھەرگە ئون تۆت يىل پادىشا ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سۇلتان بولدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ توغرا مىجەزىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش ياكى غەيرىلىك بولمىدى. نەپسىنىڭ تۆۋەنلىگى ھەم مەنسەپكە بېرىلمەسلىگى تۈپەيلىدىن، ئۇ ھىچقاچان ئۆزىگە پادىشا، ياكى سۇلتان ۋە ياكى خان دەپ لەقەم قويغان بولۇپ، مۆھۈرنىڭ چوڭلۇغى پەقەت تاۋۇزنىڭ ئۇرۇغىچىلىكلا بولۇپ، ئۇنىڭغا «مۇھەممەت ياقۇپ» دىگەن خەت نەقىش قىلىنغان ئىدى. دەسلەپكى مەنسىۋىگە بەدۆلەت غازى دىگەننى قوشتى. مەندىن غەيرىسى يوق دىگەن سازدىن سادا چىقىردىغان ۋە ئۆزىدىن ئۆزگە پادىشالارنى كۆزگە ئىلمايدىغان مەرتىۋىلىك بەش پادىشا ۋە خاننى [205] ئۆزىنىڭ ئىدارە ئاستىغا كىرگۈزۈپ، غەزنە بايلىق، قورال- ياراق،ئەسكەر ۋە پۇقراسىغا ئىگە بولدى.
    ئۇنىڭ قىياپىتىدىن بۇغداي ئۆڭلۈك، چىچەكتەك ئىللىق چىراي، يۇملاق ساقاللىق ،ئوتتۇرا بويلۇق دوغلاق كىشى ئىدى. دەسلەپتە ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن شەرىئەت ئۆلچىمى ئىچىدە ئۆتتى. ئۇ پېئىل ئېتىۋارى ۋە ئىش- ھەرىكەتتە خۇددى بىر تەقۋادار ئىشان ياكى ئەدەپلىك ئۆلىماغا ئوخشايتى. كىيىم- كېچەكلىرى خۇددى بىر سودىگەر ئەشرەپنىڭكىدەك، مىنىدىغان ئات ۋە ئىشلىتىدىغان قورال- جابدۇقلىرى بولسا بىر پىنجابېشى مىقدارى كېلەتتى. ئۇ دائىم ئاق جاينامازغا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بەل تاسمىسىنى بېلىدىن يەشكەنلىگى ياكى بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغانلىغىنى ھىچكىم كۆرمىگەن ئىدى. ئۇ ئىگىز يەردە ياكى كات تەخت ئۈستىدە ئولتۇرمايتى. ئەكسىچە، كۆپ ۋاقىتلاردا چېدىر- بارگاھ ئالدىغا سېلىنغان بورا ئۈستىدە ۋە پەس جايدا ئولتۇراتتى. يەرگە تاھارەتسىز ئاياق قويمايتى.
    «خەلق ئۆز پادىشاسىنىڭ دىنى بىلەن» دىگەن ماقال بويىچە، ئۇ چاغدا ھەممە چوڭ- كىچىك ئادەم ھەمىشە تاھارەتسىز مۇئەززىنى يۈرەتتى. ناماز ۋاقتى كەلگەندە، ئالى بارگاھ مەسچىتىنىڭ مۇئەززىنى ئەزان ئوقۇش بىلانلا، باشقا ھەمە مۇئەززىنلەرمۇ تەڭلا باراۋەر ئەزان ئوقۇيتى. ھەتتا بازارچىلارنىڭ ھەر بىر دۇكىنىدىمۇ بىر بىر ئادەم ئەزان ئوقۇيتى. شەھەر، سەھرالاردىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇئەززىنلىرىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ- باراۋەر ئەزان ئوقۇيتى. ئىلگىرى- كېيىن ئوقۇمايتى بىر مەرتىۋە ئەزاننى دۇئا مۇقەررەرىنى ئوقۇپ تاماملىغىچە، بىر شەھەرنىڭ ھەمە مۇئەززىنلىرى ئەزاننى تاماملاپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ھەممە مۇئەززىنلەر مۇئەززىندە تۇرۇپ جانابى ئالى ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت مۇئەززىنىڭ ئەزان ئوقۇشىغا قاراپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇلارمۇ كېچىلەردە سەھەر قوپۇپ، تاھارەت بىلەن مەسچىتلەرنىڭ ئۆگىزىسىگە چىقىپ، سالاۋەت ئېيتىپ، دۇئا ئىستىخپار بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەسچىت ئالىنىڭ ئەزىنىغا قۇلاق سېلىپ ھازىر تۇراتتى. رەئىس ۋە مۇئتىسىپىلەر كوچا- بازارلاردا يۈرۈپ «ئەي مۇئەززىنلەر، ئەزانغا ھازىر بولۇڭلار، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قالمىسۇن» دەپ تەھقىق ۋە تەپتىشلەرنى قىلاتتى.
     جانابى ئالى ھەر قېتىملىق نامازنى ئەقەللىسى بەش يۈز كىشى بىلەن بىللە ئادا قىلاتتى. نىياز ھاكىم بېك ئېلىپ كەلگەن تارتۇقلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ياساتقان بىر كاتتا مەسچىت بار ئىدى. ئۇنىڭ تېشى مەللە چەكمەن، ئىچى زەيتۇن چەكمەندىن ئىشلەنگەن بولۇپ، سەككىز تۈۋرۈك قويۇلغان ئىدى. ھەر قايسى تۈۋرۈكلەر مەشتۇت تازاپ ئارقان بىلەن بىر- بىرىگە چېتىلغان ئىدى. قىرىق نەپەر مەھرەم بىلەن قىرىق نەپەر پاراش كېچە- كۈندۈز بۇ مەسچىتكە مەسئۇل ئىدى. بۇنى تىكىدىغان ۋە يىغىپ ئالىدىغان چاغدا يەنە يۈز نەپەر ياساۋۇل ياردەمدە بۇلاتتى. سەپەرگە ماڭغاندا بۇ مەسچىتنى يىگىرىمە ئاتقا، جاينىمازلارنى تۆت ئاتقا يۈكلۈپ ئېلىپ ماڭار ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئون سەپ كىشى ناماز ئوقۇيتى. ھەر بىر سەپتە ئەللىكتىن يۈز كىشى تىزىلىپ تۇراتتى. بۇ مەسچىت باشقا ھەممە مەسچىت ۋە چېدىر- بارگاھلاردىن ئەقەللى تۆت- بەش گەز ئىگىز ئىدى. ئۇنىڭ تۆت تۈۋرۈگى ئۈستىگە ئادەم ئولتۇرغۇدەك قىلىپ تۆت ئاق قۇببە ئورنىتىلغان ئىدى. بۇ خۇددى كۈن ۋە ئايغا ئوخشاش نۇر چېچىپ پالىلداپ تۇراتتى. بۇنىڭ نۇرىنى ئىككى ياكى ئۈچ تاش مىقدارى يىراقتىنمۇ كۆرگىلى بولاتتى.
    شۇنداقلا، بۇ چاغدا ھەرقانداق چوڭ- كىچىك ئەسكەر ياكى پۇقرا ۋە ئېھتىساپچىلارنىڭ تەھقىق ۋە تەپتىشى ناھايتى قاتتىق ئىدى. ئەگەر ئۇلار تۇماق ۋە دوپپا بىلەن يۈرگەن كىشىنى كۆرسە، ئۇنىڭ تۇماق ۋە دوپپىلىرىنى قايچىدا كېسىپ ياكى يىرتىپ پارە- پارە قىلىۋېتەتتى. ھاراقمۇ- شاراپ، بەك- بوزا، تاماكا، نەغمە- ناۋا ۋە ئۇسۇل- ساما قاتارلىق مەنئىي قىلىنغان پايدىسىز نەرسىلەرنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارە بولۇشىغا زادىلا يول قويولمايتى. ھەتتا بۇ ئەھۋال خالايىقنىڭ ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى. مۆتىسىپلەر شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قارىشى دائىم تەييار تۇراتتى. يولسىز باشباشتاقلار، پىتنە- پاساتچلار، ئۇرۇس- تالاشچىلار، بىكار تەلەپ بۇزغۇنچىلار، ئوغرى، قىمارۋارزلار، سوكۇ كەپتارۋازلار قاتارلىق بىھۇدە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى جانابى ئاتالىق غازىنىڭ قەھرى سىياسىتى ۋە پالىلداق قىلىچ قەھرىيىتى، دۆلەتۇ- ھەشەمەتلىرىدىن قورقۇپ، يالۋۇرۇپ توۋا ئىستىخپار بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئەگەر ئۇرۇش- تالاش ياكى تۆھمەت ۋە خۇسۇمەت قىلغان ئادەملەر ئالدىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇلارنى دەرھال يۈز بېشى، پانسەت ياكى جاللاتتەك ئادەملەرگە تاپشۇرۇپ سەرباز قىلاتتى. جانابى ئالى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئەرزان دات سورايتى. يىگىت، ياساۋۇللار كوچا، بازارلاردا «ئەرزى داتلىرىڭ بارمۇ» دەپ جار سېلىپ، دەردى بارلارنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا توغرا قىلاتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئەرزى داتلىرىنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ كۆرۈپ، يىگىت قوشۇپ شەرىئەت قازىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتەتتى. ھەرقانداق چىرماش جىدەل ياكى دەۋا، خۇسۇمەتلەرمۇ ئۇلۇغ شەرىئەت ھۆكۈملىرى بويىچە بىر سائەتتىلا بىر تەرەپ بولاتتى. چۈنكى، ھەرقانداق ئادەم جانابى ئالىنىڭ سۆلەت ۋە سىياسەتلىرىدىن قورقۇپ ياكى ئەندىشە قىلىپ، تۆھمەت ۋە خۇسۇمەتلەرنى تىلغا ئالالماس ئىدى. دەۋاگار ۋە جاۋاپكارلار راستىنى بايان قىلىشنى باشقا چارە ياكى ئىلاج تاپالماس ئىدى. ھازىرقى چاغدا بىر يىلدا تۈگىمەيدىغان دەۋالار، ئىسلام زامانلىرىدىكى شەرىئەت ھۇزۇرىدا بىر كۈندىلا تۈگەپ كېتەتتى. بۇرۇنقى تەكەببۇر بەگلەر، ئەيانى ئەشرەپلەر ۋە بەگزادىلەر يانچى، كانچى، پۇقرائى خالايىقنىڭ ئورنىنى باراۋەر قىلىپ، پەرقىنى يەكسان قىلدى. ئۇ زاماندا بۆرە قوي بىلەن بىر كۆلچەتىن سۇ ئىچەتتى. كەپتەر لاچىن بلەن بىر شاختا چۆجە چىقاردى دىيىشكە بولاتتى. ئۆتكەن سۇلتانلار پادىشا موجازىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلغاچ تارىخ كىتاپلىرىدا، ئەمىر تېمۇر كوراگانى ، مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بىننى مىرزا بايقارا قاتارلىق ئولۇغلار تەربىيلەنگەن ئىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە ئەسكەرلىرى ناھايتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ۋە ھەشەمەتتە جانابى ئالى بەدۆلەت ئۇلاردىن ئەسلا كەم ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا بۇ ئۆتكەن سۇلتانلار ھاراقۇ- شاراپ ۋە باشقا مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن خالى ئەمەس ئىدى. لېكىن جانابى ئالىنىڭ كۈچلۈك دۆلىتىدىكى پۇقرائى- خالايىق، ھەتتا ئۇنىڭ ئومۇمىي تەۋەلىگىدە بۇ خىل مەنئىي قىلىنغان ئىشلارنىڭ بولغانلىغى ياكى ئاڭلىغانلىغى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خەلپائى بەرھەق يەنى خەلىپە ئابباسلارمۇ بۇ خىل ئىچىملىك ۋە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن خالى ئەمەس بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئىھتىھات بىلەن تىرىشاتتى. شۇڭلاشقا جانابى ئاتالىق غازىنى بۇ ئۆتكەن سۇلتانلاردىن ئۈستۈن قويسا ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ.
     گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، جانابى ئالى مۇقام شەرىئەت شېرىپنىڭ يوللىرى، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋە يولدىن چىقىش قاتارلىق ئىشلارغا ناھايتى ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭلاشقا، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، ئىمام پىشىۋالار، دىنىي يولباشچىلار، ۋىلايەت ياكى يىگىت ئەمىرائىرى ۋە باشقا ئەمەلدار كاتتا باشلارنىڭ بىرەرسىمۇ زورلۇق شەرىئەتكە تاجاۋۇز قىلالماس ئىدى. ئەگەر ئۆلىمالاردىنمۇ سەللا گۇنا ياكى خاتالىق سادىر بولىدىكەن، ئۇلارمۇ ئازاپ- ئەلەم ۋە ئىسكەنجە- سىقىمغا مۇپتىلا قىلىناتتى. ھەر قايسى شەھەردىكى ھەر قانداق پەقەت موللا ياكى شەرىئەتپەرۋەرلا بولىدىكەن، ئۇ ئاتا- بوۋىسى ۋە ئەجدادى نەسەپلىرىنىڭ ئۇلۇغ ياكى پەس بولۇشىدىن قەتئى نەزەر «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى» دىگەن ھەدىس شېرىپنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ھامان قازى، ئەلەم، مۇفتى، رەئىس، مۆتىسىپ، موللا مۇدەررسى، ئماملىققا تەينلەپ، يارلىق ۋە مەشۇرنامە بىلەن ئۇلۇغلىناتتى. نۇسرەت نىشانلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ قازى ئەسكەر، مۇفتى ئەسكەر، رەئىس، ئېھتىساپچىلار ھازىر ۋە تەييار ئىدى. جىدەل- ماجرا، خۇسۇمەت- دەۋالارمۇ شەرىئەتنىڭ ئادىل ھۆكۈم ئۆلچەملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى. بۇ زاماندا ئاتالىق غازى بۇ يەتتە شەھەرئاھالىسىگە ھۆكۈمران ئىدى. ئۇ «ئىسلام ئۆزىدىن بۇرۇنقىنى يىقىتىپ ۋەيران قىلىدۇ» دىگەن ھەدىس بويىچە، نەچچە زامان ۋە نەچچە دەۋران خىتايلار ئىستىلاسى جەريانىدا ئادەت ۋە جارى بولۇپ كەلگەن بىدئەت يامان ئىشلار، خۇددى ھەدىس شېرىپتا «بىللە بولسا تەسىر قىلىدۇ» دىگەندەك خالايىقنىڭ دىل- كۆڭۈللىرىگە خۇددى سۈننەت قائىدىلىرىدەك ئوبدان كۆرۈنۈپ ياكى ئاڭلىنىپ جارى ۋە رەسىم بولۇپ قالغان يامان ئادەتلەرنى ئاللانىڭ رازىلىغىغا ئېرىشكەن ھەممە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىغا سېلىشتۇرۇپ ۋە تەدبىقلاپ يوق قىلدى.
     ئەسلىدە بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە ھاممام بولمىغان ئىدى. كاشىغەر، ياركەنت، ئاقسۇدا ھامما بىنا قىلدۇردى. زاكىرجان قارىنى مەككە مۇئەززەمگە ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەر نامىدا تەكيە خانا (مېخمانخانا- ت) بىنا قىلىشقا تەيىنلىدى. قۇرۇلۇش ئەمدىلا باشلىنىپ تېخى پۈتكىچە ئۇنىڭ ئۆمرى ۋاپا قىلمىدى. ئۇ يەنە ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئەمەلدارى ۋە كاتتا باشلىرىغا بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدىكى نۇرغا تولغان مازار- ماشايىخلارنىڭ سەنالىرىنى كېڭەيتىش ياكى يېڭىۋاشتىن بىنا قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. ئۇ يەنە ئۇستا بېشىلارنى تەيىنلەپ، خانىقا، مەسچىت پەشاتاقلىرىنى ئىگىزلىتىپ ۋە پۇختا تاش خىش، مەرمەر قاتارلىقلار بىلەن زىننەتلەپ، سىر، گىل، گەچ قاتارلىق بىلەن سىرلاپ پاقىرتىپ، تېخىمۇ ئالاھىدە قىلىپ يېڭىلىدى. يوللاردىكى قونئالغۇ- راباتلارغا قورغانچە بىنا قىلىپ، چىرايلىق ئىمارەتلەرنى تەييار قىلدۇردى. جۈملىدىن كاشىغەردىكى ھەزرتى ئاپاق خوجامنىڭ خانىقا پەشتاقلىرىنى يېڭىدىن بىنا قىلدۇردى. بولۇپمۇ گۈمبىزىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پىششىق خىش بىلەن بىر ئالى گۈمبەز بىنا قىلدىكى، بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىدىنمۇ بۇنچىلىك ئالى ۋە كۆركەملىك گۈمبەز ھىچقاچان بىنا قىلىنغان ئەمەس. بۇنىڭ مەسچىت، خانىقا ۋە ئىگىز پەشتاقلىرى ھېلىمۇ ئۆز ئورنىدا مۇستەھكەم تۇرماقتا. بەلكى بۇ نەچچە ئەسىردىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداقلا تۇرسا كېرەك. جانابى ئالىنىڭ دەبدەبە ۋە سۆلەت يۇلتۇزى، ھەشەمەتلىرى كۆزدىن غايىپ بولدى. لېكىن بىنا قىلىپ ياساتقانلىرى نەمۇنە ۋە نىشانە قالدى.
     شۇنىڭدەك، جانابى ئالى غازى ھەر بىر شەھەرگە قەدەم- تەشرىپ قىلسا، بۇ شەھەرگە بىر مەنزىل قالغاندا، بىر ئىشەنچىلىك مەھرەم ئارقىلىق شۇ جايدىكى مەكتەپدار مولالارغا كىيىم- تون، بىرەردىن قىزىل تىللا ھەدىيە- سوغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئازات قىلدۇرۇپ، مەكتەپخان بالىلاردىن جانابى ئالى ھەققىدە دۇئا ئالاتتى. مەزكۈر مەكتەپدار موللىلار بالىلىرىنى شەھەرنىڭ تېشىغا ئېلىپ چىقىپ دۇئا قىلاتتى. جانابى ئالىمۇ ئېتىدىن چۈشۈپ مۇلايىم چىراي بىلەن بالىلارنى كۆۋرۈك كۆرۈپ ئون تەڭگە، بەش تەڭگە، ئەقەللىسى بىر تەڭگىگىچە ئاق تەڭگە ئىنئام قىلاتتى. كالامى شېرىپ ئوقۇيدىغان بالىلارغا كالامى شېرىپ، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان بالىلارغا ھەپتىيەك شېرىپ ئېھسان قىلىپ، ئاندىن ئاتقا مىنىپ شەھەرگە ياكى ئالى بارگاھلىرىغا بېرىپ چۈشەتتى.
     جانابى ئالى يەنە ھەر ۋاقىت زەپەر ئۆزەڭگىسىگە ئاياق قويغان چاغدا، ئەقەللىسى ئون مىڭ يىگىت، سەرۋاز بىلەن بىللە سەپەر قىلاتتى. بۇنداق چوڭ قوشۇن ئىچىدىمۇ جاراڭ- جۇراڭ يۇقىرى- پەس ئاۋاز چىقمايتى. ئۇلارنىڭ تەرتىپ- ئىنتىزامى شۇ قەدەر ئىدىكى، يىگىت ۋە مەھرەملەر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، سۆز قىلالمايتى. بەلكى ئاتلىرىمۇ كىشنىيەلمەيتى. ئۇ يىگىتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن بىر دەقىقىمۇ خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. راھەت ۋە پاراغەتنى ئۆزىگە ئەسلا راۋا كۆرمەيتى.

[align=justify]
    نەزىم:

[align=justify]
    «ئەگەر خۋايىش ئەتسەڭ ئۆز ئاسايىشىڭ، دىيارىڭدا، ئارام ئالالماس كىشى» دىگەن گەپلەر بۇ ئاتالىق غازىنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يارلىق ۋە نىشانلىرى گويا بىر سەجىدىگە باش قويۇپ ئولتۇرغان ماشايىخلارنىڭ ئىرشادلىرىدەك ياكى بىر ئايەت ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چىقارغۇچى مۇجتەھىدلەرنىڭ ھۆكۈم شىرىپلىرىدەك باشتىن- ئاياق تەربىيە- نەسىھەت ۋە شەرىئەت شېرىپنى راۋاجىلاندۇرۇش ھەم گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ياكى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار يېزىلغان نىشان ۋە ئىنايەتنامىلەر ئىدى. ئۇنىڭ يارلىقلىرى ئىچىدىن ئىككى پارچە فارسى ۋە بىر پارچە تۈركى تىلىدا يېزىلغان يارلىقنى تەۋەررۇك ئۈچۈن كەم ياكى زىيادە قىلماي، ئۆز ئەينى بويىچە كۆچۈرۈپ بۇ سەھپىگە بېكىتتىم. تا كېيىنكى زامانلاردا بۇنى كۆرگەن ۋە مۇتالىيە قىلغان دىيانەتلىك مەنسەپدارلارنىڭ دۇئا قىلىشىغا سەۋەپ بولارمىكىن دەيمەن.

     ئىنايەتنامە ۋە ئەنبەر شەمامە فارىسى
     دۇئاگۇي سەمىمى قازى ئەسكەررا!

    بەئداز تەبلىغ پەيام نەمۇدە ئەنكى، دەرىن ھەنگام ئانچە مۇكالىمان بەردادخۇۋاھ ۋە ئانچە مۇئەخخەزات بەتەخمىن زۇلم ئىقتىناھ ۋە قەلەمئۇچى ۋە غەيرىھا ۋە ئانچە مەئرىفەت ئەز- شەرىئەتى ئىلاھە بەسوۋبى كوۋمە مۇھەممەت ئەزىم بېك رارەۋانە ساختەن ۋە بەساھىپ ئەزىز مەرگەن رەۋانە داشتە يودەئىد، رەسىد ئەزمەزمۇنەش مۇتتەلەئ شۇدە سەۋەپ تەزا يۇد خۇرسەندى گەردىد. دۇنياكى فەنايى ئۇ زاھىر ۋە دۇر ئالاتى زۇلم خۇداۋەند قاھىر ئەست، دايىما دەرھال ئەفئال ۋە ئەھمال ھازىر ۋە نازىر ئەست. ئەزخاتىر دۇرنە ساختەراستى بەمەشھۇن ھەق رۇستى كارنەمەيەندىكى كورھەق ئەست، مارابا دادخۋاھ دەريەك نەماندە شەفائەت زۇلم ھىچ مەھەل ۋەفا نەمىسازەد، ھەق گويى ۋە ھەق جويى ۋە ھەق پويى كارنەمائىدكى رەددى مەزالىم ئەزھەر ئەمۇر ئەتىنابى ئېھتمام تەمام كۈنىد، باقى لىسان سىدق ئەست ۋە مۇئەككەد ئەسى ۋەسسلام. 1289.

    «خۇش پۇراقلىق ئىنايەتنامە فارىسى» نىڭ تەرجىمىسى»
    سەمىمى دۇئاگۇيىمىز قازى ئەسكەرگە! 

    سالامدىن كېيىن يېتىپ مەلۇم بولغايكى، بۇ كۈنلەردە ...* دادخۋادىن ئۆتكەن مەسىلىلەر، يەنى تەخمىنەن نەرسە ئېلىش، زۇلۇم بىلەن جاپا قىلىش، قەلەم ھەققى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالغانلىغى توغرلىق يازغان مەلۇماتىڭىز پەقەت ئاللاىڭ مەرىپىتى ۋە شەريىتى ئۈچۈندۇر. گۇما بازىرىدىن مۇھەممەت ئەزىم بېكە ئەزىز مەرگەننى ھەمرا قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەنسىز. بۇلار يېتىپ كەلدى. مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدۇق. بۇ بىزنىڭ خۇرسەن بولۇشىمىزغا سەۋەپ بولدى. دۇنيانىڭ فانلىغى زاھىردۇر، زۇلۇم بولسا

*بۇ يەردە سۆز چۈشۈپ قالغان (ئەسلى كىتاپتا مۇشۇنداق ـ_ـ يوللىغۇچىدىن)

ئۆتكۈنچىدۇر. خۇدا بولسا قەھرى قىلغۇچىدۇر. ئۇ ھەر دائىم ھەر بىر ئىشتا ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا ھازىر ۋە نازىر (نازارەت –ت ) دۇر. بۇنى خاتىرىڭىزلەردىن چىقارمىغايسىزلەر، راستلىق ۋە ھەقلىق بىلەن ئىش قىلغايسىزلەر، گۆر ھەقىقەتەندۇر. خۇدا بىز بىلەن دادخۇانى بىر جايدا قويمايدۇ. زۇلۇمنى ھىمايە قىلىش بولسا ھىچقاچان ۋاپا بەرمەيدۇ. ھەقىقەتنى سۆزلەش ۋە ھەقىقەتنى ئىستەش لازىم ۋە لايىقتۇر. ئاللانىڭ خوشنوۋىدلىغى، مۇجتەھىتلەرنىڭ خۇرسەندىلىگى بويىچە ئىش قىلغايسىزلەر. زۇلمنى يوقىتىشقا ۋە ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا غەيرەت قىلغايسىزلەر. قالغان ئىشلاردا بولسا راست تىللىق ۋە راست بولۇشىڭىزلارنى تەكىتلەيمىز. ھىجرى 1289- يىلى (مىلادى 1872- يىلى – ت).»

    ئىككىنچى ئىنايەتنامە فارىسى
    فەقاھەت پاناھى قازى ئەسكەررا!



2008/1/3 01:40
3 Ghunche [align=justify]   

[align=justify]     داۋامى:


[align=justify]

[align=justify]

[align=justify] بەئىداز تەبلىغ پەيام مەرھەمەت فەرجام نەمۇدە ئەنكى، دەرىن ھەنكان ۋە بەھجەت ئىنتىزام ئەزدەست مۇھەممەت رەسۇل مەرگەن ئەزۋەجى رەسىدەن مىلاتىغە ئەزمەسھۇب لۇتفۇللا ياساۋۇل قەۋائىد سىياسى دارى ۋە مۇراسىم دۇئابە تەقدىم رىساندە. فۇقرااين گۇماۋەزانگويا ۋە دۇئائى پىيالمەبەكۇللى مۇزافات ئەزمىراھىم ئەئلام ھىمايۇنى ئاگاھ ۋە دادە دۇئاگىرىفتەن ۋە ئەيزەن ئەدەم لىياقەت قازى ئەزەنجابى دەرۋىلايەت گۇما مەئەمۇزافات تەھقىقى نەمۇدە ھوقۇق فۇقرايان بىر زىممەئى دىۋان بىگىيان بۇ دە بئاقساقلان قەمتۇ نەمۇدە دەرگەردەن ئەنھاماندە رەددى ھوقۇق بىنەلىھەق بەرەزائى تەرەفەيىن ئەھەق گەردانىدە قەتئى خۇسۇمەت ۋە رەفئى نىزائى ۋە جخدەل ماھىزا بەينەمھۇم نەمۇدە بىلكۇللىيە ئەتىمام رىسانىدىن مۇھەمەت كىرىمن مىرزا مەئەلۇتفۇللا ياساۋۇل بىبەلدەئى مەھرۇسە ياركەند ئەربابەت تەھققات مىيانە دۇئاب ئەزتاۋابىئات ۋىلايەت مەھرۇدە ياركەند. ئەربابەن مۇھەممەت ئەزىم نام بىئەزىز ئەرزۇرىسانىدىن شۇدەن ئەززۇۋەججە جەبرۇ- زۇلۇم، تەئەددى ئەھمەديارسەر كار بەسۇپ قىرائىنى مەزكۇرە شىرىف تەھقىقى نەمدە بىئەزىز ئەرزى رىسانىدىن شۇدەن ئەزىزە نىيازمەندى ۋە سەھپە ئەبۇدىيەتمەندى راۋانە داشتە بۇدىد دەر ئەھسەن زامان ۋە ئەشرەف ئاۋان ئامىدە شەرف ۋۇسۇل يافتەمىزامىن مۇندەرەجەئى ئۇمۇبمۇ بۇ ۋەززەۇھ پەيۋەستە بائىس تەزائىدى خۇاسەندى ۋە سەبەبى فەرھەمەندى گەردىد رەفئى تەئەددى ۋە دەفئى زۇلۇم ئەزكاففە ئەنام لازىم ۋە مۇھەممات ئەس چىنن خۇۋائىد ساختە سانىيازن ئىنكى دەربابەت ئەمرى شەئىر ۋە راۋاج ئۇجنان كۇشىدكى ئەگەرمەردە دەرىن ئەمرى مۇردەھرى ئائىنە خىسلەت ئۇدەر شاھادەت ئەست مەيدانىد شەرف ھىممىتى نەمايىد، رىئايە ئەئىنى سادىر نەگەردەدكى،ئەزئەۋۋەل ۋە ئاخىردا دەرگى نەمەكرا ئەزىشىمارازى نەمشىۋىم ئىجتىناب رىئايە ئەھرى ئىكتىساب رىئايە شەرئى سازىد، ھالامەرھەمەت نەمۇدە مۇھەممەد رەسۇل مەرگەن لىباس ۋە خەرجى دادە گەردانىدە ئەيىم ۋە سالام. 1289.
     «ئىككىنچى ئىنايەتنامە فارىسى» نىڭ تەرجىمىسى: «دىنى ھوقۇق ئىلمىنىڭ ئالىمى قازى ئەسكەرگە! مەرھەمەتلىك سالامىم يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، ئىنتىزاملىق كۈنلەردە خوشاللىق تەقدىم قىلغان سوغا- سالاملىرىمىزنىڭ يەتكەنلىگى توغرىسىدا مۇھەممەت رۇسۇل مەرگەن نامىدىن لۇتپۇللا ياساۋۇل ئارقىلىق تەشەككۈر بىلدۈرۈپ ئەۋەتكەن مەكتۇبىڭىزلار قولىمىزغا كېلىپ تەگدى. بىزنىڭ مۇبارەك ئېلانىمىز گۇما، زانگۇي، پىيالما تەۋەسىدىكى پۇقرالارغا ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئېلىنغانىغى ھەم ئۇ تەرەپ قازىىسنىڭ لاياقەتسىزلىگدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى گۇما ۋىلايىتى تەۋەلىگىدە تەكشۈرۈلۈپ- تەھقىقلانغانلىغى، پۇقرالارنىڭ دىۋان بەگلەر بوينىدىكى ھەققىنى يۇرت ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە يۈزمۇ- يۈز تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىغى بويىچە ھەق ئىگىلرىگە ئېلىپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن خۇسۇمەت ۋە نىزالارنى تېخىمۇ قەتئى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇھەممەت كېرىم مىرزىنى لۇتپۇللا ياساۋۇل بىلەن ياركەنت ۋىلايىتىدىكى ئىككى سۇ ئارىسىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىگى ، ياركەنت ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەھمەت يارسەركەرنىڭ مۇھەممەت ئىلىم ناملىق كىشىگە زۇلۇم تەئىددى توغرلىق ئەرز- دات قىلىپ، ئۇنى جانابى ئالىنىڭ يارلىغى بويىچە ۋە شەرىئەتكە مۇۋاپىق تەكشۈرۈلگەنلىگى ھەققىدىكى ئەرز مەلۇماتىڭىزلارنى مەنكى كەمتەرىڭىزلەر ياخشى زامان ۋە شەرەپلىىك چاغدا تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن بىرمۇ- بىر ۋاقىپ بولدى. خەلققە قىلىنغان تەئىددى زۇلۇمنى ئەلۋەتتە ئاممىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ تاشلاش كېرەك. بۇ ناھايتى مۇھىم – بىرىنچى ئىشتۇر. ئىككىنچىسى، شەرىئەت ئۈچۈن ئۈلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ شان ۋە خىسلەتلىرى شېھىتتۇر. شۇنى بىلىڭىزلەركى، بۇ ھەقتە غەيرەت ۋە ھىممەت كۆرسىتىڭىزلەر. شەرىئەتكە خىلاپ بىرمۇ ئىشنى باشتىن- ئاخىر قىلىمىڭىزلار، ئەگەردە شەرىئەتكە قارىشى بىرەر ئىش قىلسىڭىزلار، بەرگەن تۇزۇمغا رازى بولمايمەن. خەلقپەرۋەرلىككە رىئايە قىلىڭلار، شەرىئەتكە رىئايە قىلىڭلار، مەرھەمەت قىلىپ مۇھەممەت رۇسۇل بەرگەن خىراجەت، كىيىم- كېچەك بىلەن قايتۇرۇلدى- ۋەسسالام. ھىجىر 1289- يىلى (مىلادى 1872- يىلى – ت).

[align=justify]
                                        ئىنايەتنامە ئالى تۈركى

[align=justify]
   فۇقاھىيەت پانا ① موللا ئابدۇللا قازى كالامغا ! پىيام ② مەرھەمەت فەرجام③ سۇڭىدە مەفھۇم④ ئولكى، بۇ ئەييام⑤ مەيمەنەت ئەنجام⑥دا فەزىل⑦خۇداۋەندە ۋە دۆلەت ئىسلامىدا مەئەتتاۋابىات⑧لەيلەن ناھارەن⑨ھەرزرىتى رەبىۇل ئىززەت⑩ دەرگاھىغە ئىلتىجائى تەمام⑪ ۋە ئىستىد ئايى مەدام⑫ سىباتى دۆلەت ⑬جونۇدى مۇنقادى مىللەتنى⑭ فانۇس ئىسمەت ئىچرە ئەفانى تۇۋەرى ۋە بىللىيات

[align=justify]
____________
   ① فۇقاھىيەت پانا – دىنىي ھوقۇق ئىلمىنىڭ ئالىمى.
   ② پىيام – سالام، خەۋەر.
   ③ مەرھەمەت فەرجام - رەھىم- شەپقەتلىك.
   ④ سۇڭىدە مەفھۇم – مەزمۇن.
   ⑤ ئەييام – كۈنلەر.
   ⑥مەيمەنەت ئەنجام - مۇبارەك چاغ.
   ⑦فەزىل – پەزىلەتلىك.
   ⑧مەئەتتاۋابىات – تەۋەلىرى بلەن.
   ⑨لەيلەن- ناھارەن – كېچە- كۈندۈز.
   ⑩رەبىۇل ئىززەت – تۇنجى ئىززەتلىك.
   ⑪ئىلتىجا تەمام – تولۇق ئىلتىماس.
   ⑫ئىستىد ئايى مەدام – داۋاملىق تەلەپ قىلىش.
  ⑬ سىباتى دۆلەت – دۆلەتنىڭ مۇقىملىغى.
  ⑭مۇنقادى مىللەت – مىللەتكە بوي سۇنغۇچى ئەسكەرلەر.

    مەئنىۋىدىن ①مەھفۇز ② ۋە فەتھى زەفەر ئەتاسى ③ بىرلە مەھزۇز ④بولماقتىن سالاۋەت خەمسە⑤ئاداسىدىن سۇڭرە تىلەپ، شىكەستە- دىل⑥غۇربا⑦ۋە ئاجىز فۇقرالار ھاجىتى شەرئى شىرىف ھۆكۈمىت بىرلە ئىجرا قىلماق بىرلە خۇرسەندى ئەيلەپ ۋە بۇ دۆلەت زىياسى⑧ئەھلى ئىسلام باشىدىن مەھۋى⑨ئولماسلىغى دۇئاسىغە مەشغۇل ئىكەنىڭىزنى قۇبۇلىيەت شەرىفتىن مۇشەررەف⑩ بولماقى ئۈمىدىدە ئەرىزە داشىت⑪مەئەلۇم قىلىپ ئىنىڭىز موللا ئابدۇلكېرىمنى بىر بوخچە، بىر ئات بىرلە ئىبەرتىپ ئىكەنسىز، مۇھەررەم ئەلھەرەم يىگىرىمە بەشى جۈمە نامازى ئاداسىدىن سۇڭرە، سائادىتى مۇۋاسىلەت⑫ ۋە شەرافىتى قۇبۇلىيەت كۆرگۈزدى. مەزامىن ⑬مۇندەرەجەلەرى مۇبەمۇ ئىتتلاھ⑭دەرەجەسىغە مۇشەررەف تافسىپ بائىس.

[align=justify]
___________
   ①بىليات مەنىۋى –مەنىۋى ئاپەت.
   ② مەھفۇز – ساقلاش. 
   ③  فەتھى زەپەر ئەتاسى – ئۇرۇش غەلبىسى.
   ④مەھزۇز – ساقلىنىش.
   ⑤ سالاۋەت خەمسە – بەش ۋاقىت ناماز.
   ⑥ شىكەستە دىل – جارائەت دىل.
   ⑦ غۇربا – غېرىپلار.
   ⑧ زىيا – نۇر.
   ⑨ مەھۋى – يوقىلىش.
   ⑩ مۇششەرىف – شەرەب.
   ⑪ئەرىزە داشىت – توغرا قىلغان.
   ⑫ مۇۋاسىلەت – ئېرىشىش.
   ⑬مەزامىن – مەزمۇنلار.
   ⑭مۇبەمۇ ئىتتىلاھ – بىرمۇ- بىر ۋاقىت بولۇش.

     ئېھتىياج ① ۋە مۇسسەرەت ② ئولدى. ئەلتافى خۇدايى ئالمىيان ③ شامىلۇ ھالدۇركىم، ئافتابى شەرىئەت ھەزرىتى سەيدىلئىنىس ۋە ئەلجان ۋە رەسۇلىر رەھمان پەرتۇ شئائى ④ بۇ يەتتە شەھەر ئاھالى فەرقىدە ⑤مۇشەئئەلداۇر⑥مۇنىسىف بادىيانەت ۋە فۇقەھا ئۇمەت ئۇشبۇ دۆلىتى شەرىئەتغە دۇئا ۋە ئىستىدامەت ⑦ئىلتىزامى ھىممەت⑧مەبزۇل⑨ئەتمىشىدۇر، بۇ خاكىراھى⑩ ھەرزىتى شەرىئەتنىڭ شەرئى شىرىف تەرۇيجى⑪ ۋە فۇقرائى ئەھلى تەرفىھى⑫ دىن ئۆزىگە مۇددىئا ۋە مەقسۇت قاچان بولسۇن. ھەممە ھال بۇ مەقسەد مەرام⑬ دۇركىم، شەرىيىتى خەيرىلبەشەر⑭سالاۋاتۇللا ۋە ئەتتەھىيە لاۋاسى زىياسىدىن⑮ مەقسۇد ئېتىپ ئۆمۈر شەرئىيە نەبۇۋىيە ⑯ئەلا شەرئىھا


[align=justify]____________
   ① بائىس ئېھتىياج – ئېھتىياجىغا سەۋەب.
   ② مۇسسەرەت - خوشال.
   ③ ئەلتافى خۇدايى ئالمىيان-ئالەم خۇداسىنىڭ لۇتپى
   ④ پەرتۇ شئائى –پارلاق نۇرى، روشەن 
   ⑤ فەرقىدە – پىشانىسىدە.
   ⑥ مۇشەئئەل-مەشئەل
   ⑦ ئىستىدامەت- تەلەپ قىلىش.
   ⑧ ئىلتىزامى ھىممەت – ھىممەتلىك مەجبۇرىيەت.
   ⑨ مەبزۇل – مول.
   ⑩ خاكىراھى – كەمتەر.
   ⑪تەرۇيجى – تەرەققىيات.
   ⑫تەرفىھ – ئۇلغايتىش.
   ⑬مەرام – ئارزۇ.
   ⑭خەيرىلبەشەر – ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى- پەيغەمبەر.
   ⑮ زىيا – نۇر.
   ⑯ئۆمۈر شەرئىيە نەبۇۋىيە – شەرىئەت ئەمىرى بولغان ئىشلار.

ئەسسالاۋات ۋە ئەتتەھىيە ۋە ئەھكامى مۇجتەھىددىن ① رىزىۋانۇللار ئەلەيھىم ② ئەجمەئىن ۋە روۋناقلىسقىغە مۇستەدام شۇغۇل③ تامام قىلسىڭىز كېرەك. بۇ زىيا ۋە روۋناق خاسىيەتنى ئىزدەپ، خاسىيەت ۋە نەتىجەسى رىئايە رىفاھىتى ④ سەۋەبى بولۇشىدىن ئەلتازام قىلىڭ ⑤بەش كۈنلۈك ئالەم فانى ئۆتكۈنچىدۇر. رۇزى جازا⑥ بۇ فەجھىدە ⑦جاۋاپ بىسا مۇشەققەت⑧دۇر. ئەمما سىزلەر زىممە ئالدىدا سىزلەرغە مۇفەۋۋەز⑨ ۋە مۇئەممەل⑩ دۇر. ئوقۇبا سەئئىدە⑪بولۇڭ. ئۈمىد رەجا⑫ بۇكى، دۇئايى بى رىيا ⑬ ۋە ئىلتىجاھى ⑭ دەرگاھى بەھەمتا جەھەتى⑮ ئىستىدامەت دۆلەت مۇئەللا زىيادە

[align=justify]
____________

[align=justify]   ①مۇجتە ھىددىنى – ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن شەرىئەت قانۇنلىرىنى

[align=justify]     تۈزگۈچىلەر.
   ② رىزىۋانۇللار ئەلەيھىم
   ③مۇستەدام – داۋاملىق.
   ④رىئايە رىفاھىتى – پۇقرالار مەئىشىتى.
   ⑤ئەلتازام – مەجبۇرىيەت.
   ⑥رۇزى جازا – قىيامەت كۈنى.
   ⑦فەجھى- ھەققىدە.
   ⑧بىسا مۇشەققەت – كۆپ مۇشەققەت. 
   ⑨مۇفەۋۋەز – تاپشۇرۇلغان.
   ⑩مۇئەممەل – بېكىتىلگەن.
   ⑪ئوقۇبا سەئئىدە – ئاقىۋىتىگە تىرىشىش.
   ⑫ رەجا- ئۈمىت.
   ⑬ بى رىيا – راست.
   ⑭ئىلتىجا – سەجىد
   ⑮بەھەمتا – تەڭداشسىز.

     قىلىڭ ۋە ئەلھال ھەمزە موللا ئابدۇلكىرىمغە سەرۇپا ۋە خەرجى ئىلتىھات ئېتىپ ۋە سىزغە لىباس ۋە سەللا كۇلاھ، رويمال مەرھەمەت ئەيلەپ ئىبەردۇك- ۋەسسالام. 1294 (مىلادى 1877- يىلى – ت)».
     جانابى ئالى بەدۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە سەلتەنەتكە ئىگە بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىشەنچىلىك ئادەملەر جۈملىدىن مەلۇم بولغان بىر ئادەم تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى كەلتۈرىدۇ. يەنى ئۇ بىز مەغىناندىن ئىدۇق. دادام سودىگەر ئىدى. ئانام باشلىق ھويلىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، قازاق ئىچىگە سودىگەرچىلىككە كەتتى. بىز ئۇزۇن مۇددەت بۇ قېرى مەزلۇمنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇردۇق. بۇ موماي بولسا قوپسا ياكى ئولتۇرسا، تۇرسا ياكى ماڭسا، ھەتتا كېچە- كۈندۈزمۇ زىكرى تەسبىھ ۋە تەھلىل ئورنىدا «ياقۇپ بېك جېنىنى دۆلەتمەن قىلغايسەن» دىگەندىن باشقىنى زادىلا تىلغا ئالماس ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن سەككىز- ئون ياشلاردىكى كىچىك بالا ئىدىم. تەئەججۇپ قىلىپ ئانامدىن بۇ موماينىڭ نىمە دىگىنى دەپ سورىسام، ئانام بۇ موماينىڭ ياقۇپ بېك دەپ ئوغلى بار. شۇ ئوغلىنى تىلەپ دۇئا قلىدۇ دىدى. لېكىن بۇ كۈنلەردە ياقۇپ بېك بەزى يۇرتلارنى سوراپ، سەركەردە بولۇپ، يىگىتلەرنىڭ ئۈستىدە چوڭ ئەمەلدار ئىكەن. ئۇ ئانىسىنىڭ قىلغان دۇئالىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇزۇنغا ئۆتمەي كاشىغەردە تەختى سەلتەنەتكە چىقتى. ئانىسىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتنىمۇ ئارتۇق قىلاتتى دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن راستتۇر. بىر كۈنى بىرسى يەنە بىرسىدىن سۇئال سوراپ، قوي ھەر يىلدا پەكەت ئىككىنىلا تۇغىدۇ. نىمە ئۈچۈن ئۇ يەنە كۆپ؟ ئىت بولسا ھەر يىلى يەتتە، سەككىزنى كۈچۈكلەيدۇ، نىمە ئۈچۈن ئۇ ئاز؟ دىگەندە، ئۇ «ئتنىڭ كۈچۈگى ئانىسىنى ئىززەت قىلماي بېسىپ تۇرۇپ ئىمىدۇ. قوينىڭ قوزىسى بولسا ئانىسىنى ئىززەتلەپ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىمىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قوي كۆپ، ئىت ئاز، يەنە بىرى شۇكى، قوي بولسا يۇۋاش ۋە مۇلايىم، ئىت بولسا ئازار بەرگۈچى، زالىمدۇر. ھەرقانداق مەخلۇق زالىملىق قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنىڭغا خارلىقمۇ بار. بالا- پەرزەنتلىرىگىمۇ بەركەت يوق. ھەرقانداق مەخلۇق يۇۋاش ۋە مۇلايىم بولسا، دۆلەت ئۇنىڭغا ياردۇر، بەركىتىمۇ ناھايتى كۆپ بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. خوش مۇبارەك ۋە ئاخىرەتتە بەخت- سائادەتكە يېتىشكەن ئادەم جەزمەن ئاتا- ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەمدۇر. ئاتا- ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار، پەقەت بۇ دۇنيادا ئىززەت ئابرۇيغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاخىرەتكە پۈتۈلگەن خوش پۇراقلىق جەنەتتىن ئورۇن ئېلىشى مۇقەررەر. ئىلاھا ئۆز كارامىتىڭ بىلەن ھەر ئەھدىنى ئاتا- ئانىسىنىڭ دۇئاسىغا ئىگە بولۇشنى نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن، پەزىلەت ۋە كارامەت ئۆزەڭگە مەنسۇپ.
     ئەلقىسسە، جانابى ئاتالىق غازىنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى ھەققىدىكى بەزى ۋەقە ۋە سۆزلەر يۇقىرىدا ئاز- تولا بايان قىلىنغان ئىدى. بۇ باپتا تېخىمۇ ئاز قىسىمى كۆرسىتىلدى. چۈنكى، تەپسىلى ۋە بىر- بىرلەپ بايان قىلساق، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالالىيەت يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دىگەن ئەندىشە بىلەن ئېھتىيات قىلىپ، شۇنچىلىكلا يېتەر دىگەن خىيال بىلەن سۆزنى بۇ جايدا توختاتتۇق. لېكىن، ياخشىلىق بار جايدا يامانلىقمۇ تەييار. نەپ بار جايدا زىيانمۇ ئۇنىڭغا ياردۇر. گۈل تىكەنسىز ئەمەس. ھەسەل ھەرىسىز ئەمەستۇر. ھەر قانداق بىر مەخلۇقتا ياخشى خىسلەتلەر بولىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ يامان ۋە قاباھەت پېئىللارغىمۇ دۇچار بولىدۇ. ھۆسنى گۈزەللىك بىلەن قەبىھ سەتلىك بىر- بىرىدىن زادى جۇدا بولمىغان قوشكىزەكتۇر. ئاللانىڭ ئادىتى بۇرۇندىنلا شۇنداق جارى بولۇپ كەلگەندۇر. قەھرى چاقماق نامايەن بولسا، رەھمەت يامغۇرغىمۇ بىللە كېلىدىغان ئادىتى بار. ھالبۇكى، جانابى ئالىنىڭ يامان خىسلەتلىرىنى قىسقىچە ئىندەك بايان قىلساق، سۆزىمى گويا ئىسكەنجىدەك ئۇغۇراپ، ئۇنىڭ ئاچچىق- چۈچۈك تەمى ئوقۇغۇچىلرنىڭ تىللىرىغا تاتلىق تېىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىغا لەززەت بېغىشلاپ، ئۇلارغا ئارزۇلۇق بىر مەرغىبە ۋە مەھبۇبە بولۇپ كۆرۈنسە ئەجەپ ئەمەس.
     لېكىن تارىخ كىتاپلىرىدا ئۆتكەن سۇلتانلارنى زىكىر قىلغاندا، مۇئەللىپلەر ئۇلارنىڭ ياخشى خىسلەت ۋە يامان سۈپەتلىرىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق يېزىشىدىكى مۇددىئاسى بولسا كېيىنكى زاماندىكى پادىشا، ھاكىمى ۋىلايەت ۋە ئەمەلدارى مەمىلكەتلەر بۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى زىيادە، ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن بولۇپ، پەرزەنت، دۆلىتى، نەۋرىلىرىگىچە مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى نام ۋە ئوبدان سۈپەتلىرى جاھان سەھپىسى ۋە ئەھلى ئالەم ئارىسىدا باقى قىلىپ، نامى ئۆچمەي، خالايىقنىڭ دۇئا قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. مۇبادا يامان بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىپ، خەلققە زۇلۇم ۋە جەۋرى قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆمرى قىسقا، دۆلەتلىرى كەم بولۇپ، زىمىن يۈزىدە يامان سۈپەت بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خالايىق ئۇنداق ئۇلۇغلارغا ئەسرىدىن- ئەسىرگىچە لەننەت ئوقۇيدۇ. بالا- پەرزەنتلىرىمۇ ئەسكى كۈنگە دۇچار بولۇپ خارلىققا قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ خىل ئەھۋاللاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزلىرىنى مەجبۇرى ياخشى يول تەرەپكە مايىل قىلىپ، ياخشىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلسۇن دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىكەن. شۇڭلاشقا، بۇ جايدا جانابى ئاتالىق غازىنىڭ يامان سۈپەت ۋە نالايىق ئىشلىرىنىمۇ قىسقىچە ۋە ئىندەك بايان قىلىش لازىم.
     جانابى ئاتالىق غازى ناھايتى ئۇلۇغ بىر پادىشا ئىدى. لېكىن ئۇ بىرەر قابىلىيەتلىك، دىيانەتلىك ۋە ياكى بىرەر ھۇشيار ئادەمنى ۋەزىر قىلمىدى. مەمىلكەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزىلا ئىشلىدى. باشقا كىشىگە ئىشەنمىدى. ئۇ خۇداۋەندەكېرىمنىڭ تىل يەتمەس ۋە كەمچىلىكسىز كالامى مۇلكۇلئەللالمىدا كۆرسىتىلگەندەن « ھەر ئىشنى كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ ئىشلەڭلار» دىگەن شەرت ۋە مەسلىھەتلىرىگە بوي سۇنماي، خىلاپلىق قىلدى. ئۇ ئۇلۇغ سەيىدلەردىن بولغان كاتتا خان تۆرەم ۋە كىچىك خان تۆرەملەرگە خۇددى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە نېسىپ بولغان شەربەتنى ئىلتىپات قىلدى. بۇ شەربەت ئىچىش بىلەنلا تەسىر قىلىپ، ئۇلار بۇ تۇپراق ئالەمدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا ئۇچۇپ كەتتى. ۋەلى خان تۆرەمنى تامغا باستۇرۇپ يوق قىلدى. بۈزرۈك خان تۆرەمنى بولسا ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ، «تۆرەمنىڭ پەرمايىشى بىلەن كەلدىم» دىگەن بولۇپ، ئۇنى نەزەربەنت قىلغان ھالدا بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەررۇف قىلىپ تىنجىتقاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇ ھەج قىلىپ كەلسۇن دە پ يۇرتتىن ھەيدىدى.
      ئۇ دەسلەپتە بىر ئادەمدىن بىر گۇنا سادىر بولسا، ئۇنىڭغا تەربىيە-نەسىھەت قىلىپ ئەپۇ قىلاتتى ۋە ئازلا خىزمەت قىلىپ قويسا تولا ئىلتىپاتلارنى قىلىپ كېتەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە بولسا، كۆپ خىزمەت قىلسا ئاز ئىلتىپات قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى بىر سەۋەپ بىلەن قاتتىق ئازاپلايدىغان بولدى. بۇرۇن بىر باغ بىدە ياكى بىر ئاياق قېتىق ئۈچۈن بىر ئادەمنى سويغان ئىدى. ئاخىرىدا نەچچە ئادەمنىڭ خانلىرى ۋەيران، ساھىپخانلىرى سەرگەردان بولغانلارنىڭمۇ دادى- پەريادىغا يەتمىدى. باشلىق ۋە ھاكىملارنىڭ زۇلۇم- جەۋرلىرىنىڭ ئۇلغۇيىشىغا يول قويدى. خۇسۇسەن كېيىنكى سەپەرلىرىدە، بولۇپمۇ تۇرپانغا ئىككىنچى مەرتىۋە ئاتلانغاندا، بىرەرىمۇ ئادەمنىڭ ئەزر- دادلىرىغا يەتمىدى ۋە بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىدى. كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ مال- مۈلكىنى ئېچىپ كۆرۈپ خەتلەپ، ھەممىسىنى ئالى دۆلەتخانىغا ئالاتتى. مال ئىگىلىرى ئېلىپ چىقىپ ئارقان ۋە مال ئوراپ كەلگەن پارچە كىگىزلەرنىلا ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى. ھەتتا زاكاتچىلار زاكات شەرئىنى بەرسۇن دەپ ئۇلارنىڭ كەينىگە ئادەم قوشۇپ قوياتتى. بۇ بايلار « ماللىرىمىزنى ئالى دۆلەتخانىغا ئالغان» دەيدىغان بولسا، بۇ زاكاتچىلار «ئەمىسە دۆلەتخانىدىن پۇل چىققاندا پۇلۇڭلارنى ئالىسىلەر، ھازىر زاكات شەرئىنى كېچىكتۈرمەي ئادا قىلىڭلار» دەپ زاكاتنى ئېلىۋالاتتى. بۇ بايلار جازانغا پۇل ئېلىپ ياكى قەرز قىلىپ زاكاتنى بېرەتتى ۋە ئۆزىمۇ بۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ جان باقاتتى. ئەگەر دۆلەتخانىدىن پۇل چىقىپ قالسا پۇلنى ئالات تى.ئەگەر چىقماي قالسا سەرگەردانلىق بىلەن پېقىر- يوقسۇللۇق كوچىسىغا كىرىپ قالاتتى. مىراس تەقسىم قىلىدىغان تەركەچلەرنىڭ ھال- ئەھۋاللىرىمۇ خۇددى شۇنداق، بەلكى ئۇنىڭدىن يامان ئىدى. يۇرت ھاكىملىرى، ۋىلايەت باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپسىنى بولسا سەھرايى، كەنت، قىشلاقلارغا غەللە خىراج، ئۆشرە- زاكات، تاناپ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ پۇل يىغىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئون مىڭ ياكى يىگىرىمە مىڭ تەڭگە پۇلنى كېچىدە بارسا كۈندۈزگە ئۇلىماي، كۈندۈزدە بارسە كېچىگە قوندۇرماي ھەم پەقەت كېچىكتۇرمەي تېز ۋە ئالدىراشلىق بىلەن ئالاتتى. بۇ بولسا ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايتى تېز ۋە ئىتتىكلىگىنىڭ نىشانىسى. بولۇپمۇ خوتەننى نياز ھاكىم بېك، ئاقسۇنى ئابدىراخمان دادخۋا، باي ۋە سايرامنى مۇھەممەت ئىمىن توقسابى دىگەنلەر خاراپ ۋە ۋەيران قىلدى. ھەر بىر ياغۈچنىڭ پاناسى ئۆزى بىلەندۇر دىگەن مىسال ناھايتى مەشھۇر. بۇ ھاكىملار پۇلنى پۇقرادىن ئالدى. ئۇنى دۆلەتخانىغىمۇ بەردى، ئۆزلىرىمۇ غەزنە قىلدى. لېكىن ئەيپىنى بەدۆلەت ئالىغا قويدى. جانابى ئالىنىڭ ئەيىۋى بولسا يۇرتنىڭ كىرىم ۋە چىقىمىنى كۆرمىگەنلىگى ھەم سورىمىغانلىغىدىن ئىبارەت. ھەر بىر ھاكىمى ۋىلايەتنىڭ بەش يۈز، ئالتە يۈز، ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ يەتمىش، سەكسەن دىۋانلىرى بار ئىدى. ئۇلار ھەر يىلى ھەر قايسى كەنت ئىچىدىن بىر باينى تۇتۇپ، ئۇنىڭ خالىغان ياكى خالىمىغىنىغا قويماي دىۋان قىلىپ بەلگىلەيتى. ئۇنىڭغا نىشان ۋە پەتتە بەرگەن ھامانلا، ئادەم قوشۇپ پۇل ئالغىلى باراتتى. ئۇلار بىر يىل توشقىچە خالايىقتىن شەرىئەتكە مۇۋاپىق زاكات، ئۆشرە، خىراج، تاناپ پۇل يىغىپ تاپشۇراتتى. بىر يىل توشقاندىن كېيىن ئۇلارغا قوشۇپ قويۇلغان بۇ خىل جاللات سۈپەت مىرزا ۋە زالىم تەبىئەتلىك ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، بۇ پالاكەت باسقان دىۋانلارنى تەكشۈرۈپ تەپتىش قىلاتتى. بۇلار بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىپ خەتلەپ، دىۋانلارنىڭ زىممىسىگە ئون مىڭ، يىگىرىمە مىڭ تەڭگە پۇلنى ئارتىپ قوياتتى. بۇلار ياكى زىمىن- چارپاي ۋە ياكى كىگىز- بىسات، قازان، قۇشلۇقلىرىغىچە سېتىپ پۇل قىلىپ، باشلىقلىرىغا بېرەتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇنى تۆلەشكە مال- ئەشياسى يەتمەي قالسا، «مەن پالانى دىۋانىدۇرمەن، ئالى دۆلەتخانىغا قەرزدارمەن» دەپ ھۆججەت خەت بېرەتتى. بۇرۇن دىۋانلار يۇرت پۇقرالىرىدىن ئالغان پۇلنى شەرىئەت ئۈچۈن دەپ ئاتايتى. كېيىن دىۋانلار تۆلەيدىغان قەرزنى بولسا ھەقىقەت ئۈچۈن دەپ ئاتايدىغان بولدى. مۇبادا بۇلار ئەرز- دات قىلسا، ئۇنى يەنە شۇ ھاكىمى ۋىلايەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇپ بېرەتتى. بۇلار بولسا ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ۋە قولىدىن كەلگىنچە زۇلۇم قىلىپ، گەندىندىكى پۇلنى ئالاتتى. ئەگەر خىتايلار بەرگەن ئوتاغات ۋە قالپاقلىرىنى ساقلاپ، يەنىلا ئۇلاردىن ئۈمىت ۋە ئىشەنچە كۈتۈپ تۇرغان قەدىمقى بەگلەرنىڭ بەگزادىلىرىگە ياكى كۆڭۈللىرى دۈشمەنلىككە تولغان بەگلەرگە پۈتۈلگەن ئەجەل يەتكەن بولسا، بۇنى جانابى ئالى بەدۆلەت نۇرلۇق پاراسىتى بىلەن كۆرۈپ، زالىم، بەدنىيەت تەركە ۋە شۇ تەلئەت مىرزىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ مۈلكىنى تاتىۋالاتتى.  مەسلەن، مىرزا قاسىم مۇھتەر ۋە ئابدۇلئەزىز بۇخارى مىرزىلارنى ئاقسۇلۇق ئابدۇللا دىۋان بېكنىڭ مىراس تەقسىماتىغا ئەۋەتتى. مەزكۈر مىرزىلار كېلىپ، ئۇنىڭ كۆز قويۇلغان پۆپۈكلۈك ئوتاغاتىنى ئون مىڭ تەڭگك، كۆز قويۇلغان خىتايچە قالپىغىنى بەش مىڭ تەڭگە، يەنى بىر كۆز قويۇلغان خىتايچە قالپىغىنى بەش مىڭ تەڭگە دەپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن مىراس تەقدىم قىلىش ھەققىنى ھىساپلاپ تەركە ئالدى. باشقا مال- مۈلكىنىمۇ مۇشۇنداق باھالاپ، قىرىق تەڭگىدىن بىر تەڭگىنى تەركە ۋە ئەسكەر ھەققى دەپ ھىساپلاپ، ئۇنىڭغا قىرىق ئالتە مىڭ تەڭگە تەركە ۋە ئەسكەر ھەققى ئالدى. ئۇ بارلىق مال- مۈلكىنى سېتىپ، ئاران دىگەندە يىگىرىمە سەككىز مىڭ تەڭگە پۇل قىلدى. يەتمىگەنلىرىنى ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىدىن تىلەپ تېپىپ تاپشۇردى. ۋاھالەنكى، ئۆلگۈچىنىڭ قىزى بولسا ئالى ئوردىنىڭ ئىگىسى جانابى ئاتالىق غازىنىڭ مۇبارەك ئەقىدىگە نىكالانغان خوتۇنلار قاتارىدىكى بىر خوتۇن ئىدى.
      بۇ چاغدا جانابى ئالىنىڭ ئەمىرى ئەقىدە ۋە ئىلكى مۈلكىدە بولغان مۇسۇلمان، تۇڭگانى خىتاي، شوغنان، قالماق، قازاقلاردىن ئولجا ئېلىنغان جۇۋان، چوكان، كاتتا ئۇلۇغلارنىڭ ئەۋلادى قاتارلىق ئايىم ئاغىچا- خوتۇنلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن ئالتە يۈزدىن ئارتۇق ئىدى دىگەن قىسسە ھىكايىلەر بار. ئۇنىڭ خۇتۇنلىرى ئىچىدە توختىخان ئايىم دىگەن بىر ئايال پانسەت بار ئىدى. ئۇ ھەممە خوتۇنلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، تەلىم ۋە ئەدەپ ئۆگىتىپ، جانابى بەدۆلەتنىڭ سۆھبەتلىرىگە لايىقلاپ تەييار قىلاتتى. جانابى ئالى ھەر شەھەردە بىر كاتتا ھويلا قىلىپ، ئىچىگە نەچچە ھۇجرىنى تەينلەپ، ھەر بىر ھۇجرىغا نەچچە خوتۇننى سۇلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە كىچىك ۋە ياش مەھرەم ئوغۇللاردىن بىر قانچىسىنى قويۇپ خەۋەر ئېلىشقا بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇ بەزى خۇتۇنلارنى بىر ئىككى قېتىم ئىلكىگە ئېلىپلا قارىماي قوياتتى. مەزكۈر مەزلۇملار ئۆز نەپسى شۆھرىتىنى مۇھاپىزەت قىلالماي، بالاغەتكە يەتكەن ياش بالىلارغا ئېسىلىپ، شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلارغا خىلاپلىق قىلاتتى. شۇڭلاشقا بۇنداق خۇتۇنلارنىڭ كۆپ قىسىمى ۋە نۇرغۇن ياش ئوغۇل بالىلارنىڭ قانلىرى نەچچە قىسىم ئازاپ- ئەلەملەر بىلەن ناھەق تۆكۈلۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئۆيلىرىگە كۆمدۈرگەن ئىدى. جانابى ئالى ئۆزى ئالغان خۇتۇننى باشقىسى ئالالماس ئىدى. ئالغانلار بولسا ئۆز جېنىدىن ئۈمىت كۈتمەس تۇتماس ئىدى. ئەگەر جانابى ئالى ئۆزى خالىسا بەزى خوتۇنلىرىنى ئەمىرائى پانسەت، يىگىتلەرگە ئىنئام قىلاتتى. ئەگەر سەپەرگە چىقسا، ئون، ئون بەش ھارۋىنىڭ ئۈستىگە ئۆي- ھۇجرا قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئايىملىرىنى سۇلاپ، كىشىگە كۆرسەتمەي يۈرەتتى. ئۇلار بىلەن كۆڭلى خالىغان چاغدا سۆھبەت قىلالايتى. مۇنچە نۇرغۇن خۇتۇنلارنىڭ ئەقىد نىكايىنى شەرىئەتنىڭ قانداق يولىغا مۇۋاپىق قىلىدىكىن- تاڭ.
     يەنە بىر ۋەقە شۇكى، فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئادەملىرى مىجەز- خۇلقى جەھەتتىن ئايغىر ئاتنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاختا ئاتنى ناھايىتى كەم مىنىدىكەن. بىر ۋاقىتتا نىايز ھاكىم بېك بىر مۇنچە كاتتا ۋە ياخشى قالماق، قازاق ئاتلىرىنى تارتۇق قىلغان ئىكەن. بۇ ئاتلار ئاتخانىغا بۇيرۇپ بېرىلگەن ئىدى. بىر چاغدا بەدۆلەت ئالى ئاتخانىغا كىرىپ نەچچە ئاتنى ئالدىغا ئالدۇرتۇپ كېلىپ كۆرسە، بۇنىڭ ھەممىسىلا ئاختا قىلىنغان ئاتلار ئىكەن. ئۇنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ، مىراوخور بېشىدىن «بۇ ئاتلارنى قانداق ئادەم ئاختا قىلغان؟» دەپ سورىغاندا ئۇ «كۇچارلىق يۈسۈپ بېك دەپ ئات كېسىدىغان بىر ئادەم بار. خوتەنگە بېرىپ نىياز بېك ھاكىم بېكنىڭ ئاتلىرىنى ئاختا قىلغان ئىمىش. ھازىر بۇ يەرگە كېلىپتۇ» دەپ مەلۇم قىلغاندا، ئۇ يىگىت بۇيرۇتۇپ ئالدۇرتۇپ كېلىپ، «سىزنى ئات كېسىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، سىز ئوبدان ئۇسىتمۇ» دەپ سورىغاندا، ئۇ «ئالتە شەھەردە مەندەك ئات كېسىدىغان ئادەم يوق» دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. «نەچچە ئات ئاختا قىلغانسىز؟» دىگەندە، «ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ، يىگىرىمە مىڭ ئات ئاختا قىلغاندۇرمەن» دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. يەنە «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئاختا قىلىسىز» دەپ سوراپ، ئۇنىڭ ئاختا قىلىش ئۇسۇلىنى ئوبدان كۈرىۋېلىپ، «چىقىپ تۇرۇڭ» دەپ چىقىرۋېتىپ، مىراخور بېشىغا «ئات كېسىشنىڭ يولىنى كۆردۇڭمۇ، سەنمۇ كېسەمسەن» دەپ سورىغاندا ئۇ مىراخور بېشى «پەرمان بولسا كېسىمەن» دىگەن ئىكەن. «ئانداق بولسا يۈسۈپ كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە، ئۆزىنى ئۆزى ئەسۋاپلىرى بىلەن ئاختا قىلىپ قويغىن» دەپ پەرمان بېرىپ، ئاتخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. يۈسۈپنى تۇتۇپ كېلىپ، ئاختا قىلغاننىڭ جازاسىمۇ دەپ، ئۆز ئەسۋاپلىرى بىلەن بىر جۈپ تېشىنى قىسىپ تۇرۇپ، بىرلا تولغاپ تارتىپ تاشلاپتۇ. بۇ ئادەم ئىككى كۈن يېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
     گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، دۆلەت ئىقبالى زاۋالىغا قاراپ يۈزلەنگەندە، ئالدى بىلەن پادىشاھى ئۇلۇغلارنىڭ مىجەز- خۇلقى ئۆزگىرىپ قالىدىكەن. پۇقرالار، بەلكى ئەسكەرلەر، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەھۋالى ۋە تەرتىپ- نىزاملىرىمۇ باشقىچە بولۇپ قالىدىكەن. بۇ چاغدا مەيلى ئەمىلەر، ئەسكەرلەر ياكى يىگىت دۆلەتخۇالار جانابى ئالىنىڭ كىيىم- كېچەك ۋە پوستىلىرىنى كىيىپ، ئاتلىرىغا مىنىپ، تىللا ۋە پۇللىرىنى خىراجەت قىلىپ، خوتۇنلىرىنى ئېلىپ، كۆڭلى خالىغان تاماق- غىزالارنى تەييارلاپ، ئېغىز ۋە چىشلىرىدا چايناپ ۋە چىشلەپ تۇرۇقلۇق، يەنىلا دۆلەت ئىگىسى ئاستىدە شەك- ھىكايىلەردىن تىلىنى زادىلا يىغمىدى. تۇز ھەققىدە رىئايە قىلماي، كاپىرانە نېمەت قىلغانلار ئاقىۋەت جازاسىنى تاپتى. نەتىجە ۋە تەسىر- ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
     نەقىللەرگە قارىغاندا، كاشىغەردىكى پەيزاۋات كەنتىدە بىر ئادەم قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق چېچىپ تۇرغان چاغدا، يەنە بىر ئادەم كېلىپ «ئەي بۇرادەر، بۇ يەرگە نىمە تېرىدىڭىز» دەپ سورىغاندا، ئۇ «نىمە تېرىماقچى ئىدىم، خىتاي تېرىدىم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. سوىغۇچى تەبەسۇم قىلىپ خوش بولۇپ كېتىپتۇ. ئالتە ئايغا قالماي مەزكۈر زىمىننىڭ ئۈستىگە خىتايلار توشۇپ يىڭپەن سوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ھازىر بۇ جايدا خىتايلار بىر شەھەر بىنا قىلدى دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىككى ئادەم بىر يەردە بولسا خىتايلارنىڭ كېلىدىغانلىغى توغرلۇق راست ياكى يالغان سۆزلەپ توقۇپ، ئۆزلىرىنى خوش قىلار ئىدى. كاشىغەردە بىر يىغىلىشتا ئولتۇرغان ئادەملەر ئىچىگە يەنە بىر ئادەم كىرىپ ئولتۇرۇپ «ئۇھ! ئۇھ!» دەپتۇ. باشقىلار «ئۇھ؟» دەپ نىمە بولدىڭىز» دەپ سورىغاندا، ئۇ «ئىسلام دىگەن ئالتە ئاي ۋە يا بىر يىل بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئون تۆت يىلمۇ ئىسلام بۇلامدۇ؟ ئىسلام ئۇزۇنغا سۇزۇلغانلىقتىن، مەن كۆپ ھېرىپ كەتتىم» دىگەن ئىكەن. بۇ سۆزنى تەستىقلايدىغان بىر ۋەقە ئىسىمگە كەلدى: زامانە ئاۋالدا زامانە زاھىد ۋە دەۋران ئابىدىلىرىدىن ئۈچ نەپەر دەۋەتچى ئاغىنە بىر تەرەپكە يولغا چىققان ئىكەن. يول ئۈستىدە ئۇلارنىڭ چىرىگەن، كونىرغان بىرمۇنچە ئۇستىخانلارغا كۆزى چۈشۈپتۇ. بىرسى «بۇ كونا ئۇستىخانلار قانداق مەخلۇقلارنىڭ ئۇستىخانلىرى بولغىيدى، بۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلسەك» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. دەرھال شامال قوزغالدى- دە، ئۇستىخانلار بىر- بىرىگە ئۇلاندى. يەنە بىرى دۇئا قىلسا، ئۇستىخانلارغا گۆش، پەي، تومۇرلار پەيدا بولدى. يەنە بىرسى دۇئا قىلسا، ئۇتىخانلارغا جان كىردى- دە، ئاچ ۋە ئۇسسۇز، ھەيۋەتلىك، زور بىر شىر سەكرەپ قوپتى. چۈنكى ئۇ ئاچلىق دەردىدىن ئۆلگەن ئىدى. ئۇ ئۈچ نەپەرئابىدنى كۆرۈپ پارە- پارە قىلىپ يەپ كەتتى. ھازىر بۇ تىلەپ تاپقان خىتايلارمۇ خۇددى جان كىرگەن بۇ ئاچ شىرغا ئوخشاش بولدى.
     ئەي يارەن ئەزىزلەر، تارىخ كىتاپلىرىدا شۇنداق ئايدىڭ بايان قىلىنغانكى، قەدىمقى پادىشالارنىڭ سۈپەتلىرى لۇتۇپ بىلەن قەھىرىيىەت، جامان بىلەن جالالەت ھەم يۇمشاق سۈپەت بىلەن سىياسەتتە ئىپادىلەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پادىشا ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەردىمۇ دەل ئەنە شۇ سۈپەتلەر جارى بولسا كېرەك. چۈنكى، پادىشا ۋە ھاكىملارغا لۇتپى ئېھسان قىلماقتىن باشقا چارە يوق. غەزەپ- سىياسەت يۈرگۈزمەيمۇ ئىلاج يوق. ئەگەر پادىشالار يۇمشاق سۈپەت بولۇپ، سىياسەت قىلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرسە، پۇقرالارنىڭ مەنپەئەت ۋە پايدىسى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. يۇرتلار قالايمىقانچىلىق ۋە ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئەگەر زۇلۇم ۋە قەھىرىيەتلىك سۈپەت بىلەن بولۇپ، ئادىل سىياسەتنى ئۆزىگە كېرەك قىلمايدىكەن، پۇقرالارغا تىنچلىق ۋە ئاراملىق بولمايدۇ. بىرەر زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە سەھەردە تۇرغان دىلى سۇنۇق بىرسىنىڭ نالە ۋە ئاھۇ- زارلىرى ھىممەتلىك ئاللا دەرگاھىغا يېتىپ قۇبۇللۇق شەرىپىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاھۇ- نادامەتىدىن يىغىلغان كۆز ياشلىرىنى قات دەرياسىنىڭ دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئانداق پادىشانى، ھەتتا ئۇنىڭغا تەۋە خادىملىرى، ھەشەمەتلىك تۇغ، بايراق، ئەلەم، دەھۇل، دۇماق، نەي، سۇناي ۋە تەرتىپ- تۈزۈملىرىنى بۇ خورلۇق تۇپرىغى ئۈستىگە ئۇرۇپ، تۈگىمەس ئېقىنغا تاشلاپ غەرق قىلىپ، ئاجىز ۋە نابۇت قىلىدىكەن. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ پەلەك ھادىسىلىرىدىن پايدىلىق تەجىرىبىلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك. خۇدا قۇرئاندا «ئەي ئەقىل ۋە كۆز ئىگىلىرى ئىبرەتلىك بولۇڭلار» دىگەن ئايەتنى كۆرسەتكەن ئىكەن.

[align=justify]
      قىتئە:

[align=justify]
      تەكيە قىلماي ئەزىزلەر دۆلىتى يىلدامىغە①،
      باش يېنىدىن پات ئالۇرلەر دۆلىتى ئىقبالىنى.
      ياتقۇزۇپ جىسمى لۇتفىڭنى② بۇ تىرە خاك ③ئۇزە،
      يوق ئېتىپ سۆلەت ھەشەمنى④بەس قىلۇرلەر ناينى.

[align=justify] 
     خۇداۋەندە كېرىم ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ھىكمىىتى بىلەن ھەر بىر دۆلەت ئىگىسى ۋە نېمەت ئىگىلىرىنىڭ دۆلەت نېمەتلىرىنى ئېلىشنى ئىرادە تەقدىر قىلماقچى بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبدان خۇلقى مىجەزلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نالايىق قىلمىشلار ۋە يامان ئەخلاقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ، ھالال نېمەتتىن ھارام نېمەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن دۆلەت ئاپتىۋىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، بەخت- ئىقبال نۇرىنى خىرە، بەلكى ئۆچۈرۈپ يوق قىلىپ، يەنە بىر لاياقەتلىك دۆلىتى ئىگىز ۋە بەختى يۇقىرىنىڭ بېشىغا سەلتەنەت تاجىسىنى قويۇپ، نەي نۆۋىتىنى ساداغا كەلتۈرىدىكەن. خائى ئالى دەرىجىلىك پادىشالار بولسۇن، ياكى ئاجىز گاداي ۋە بىئېتىۋارلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بەش كۈنلۈك دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپ، ياخشى نام قالدۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ دۇنيادىن كەتمەكلىگىنى نېسىپ قىلغايسەن

[align=justify]
     قىتئە:
_____________
     ① يىلدام – شامالدەك.
     ② لۇقف – يۇمشاق.
     ③ تىرە خاك – قارا تۇپراق.
     ④ھەشەم – ھەشەمەت.


2008/1/4 03:28
4 Ghunche [align=justify]      

[align=justify]

[align=justify]       بۇ ئالەم ئىچرە ياخشى ئەت ئىمارەت،
       كى قالغاي نىك نام ①ھەم باقالىق ②.
       ۋەرەق ئىچرە قالىپدۇر ياخشى ئاتلار،
      ئەگەر كىسراغا ③ ئوخشە قىلسا شەلق④.



14

ئالى دەرىجىلىك ئەمىرلەر ۋە ئاقىۋەتسىز قوشۇنلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھېكىم خان تۆرەمنىڭ خانلىق تەختى ۋە سەلتەنەت ئورنىغا ئولتۇرغۇزغانلىرى، بۇ كاج چەرخى پەلەك مۇۋەپپەقىەيتلىك قىلماي، ئۇنىڭ «سۈيۈمۈلك ۋەتەن ئىماندۇر» دىگەن ئىستىگى

 بويىچە ئۆز ئەسلى ۋەتىنىگە قايتقانلىغىنىڭ بايانى

[align=justify]

     ئەزىز ئۇلۇغ دوستلار ۋە شىرىن لەتاپەتلىك بۇرادەرلەنىڭ شاراپەتلىك دىللىرىدىن مەخپى ۋە يۇشۇرۇن قالمىغايكى، قىسسە ھىكايىلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋاقىتتا جانابى ئاتالىق غازى بەدۆلەت دۆلەت خانىنى تاشلاپ، ئاخىرەت باقىنى خوش ئېتىپ، جېنىنى قابىزۇل ئەرۋاھ- ئەزرائىلغا، مال- مۈلكى ۋە ئوغلانلىرىنى بىر قىپچاققا ھەتتا خىتاي بىلەن قالماققا تاپشۇردى. نىياز ھاكىم بېك ۋە

[align=justify]

[align=justify]  ____________ 

[align=justify]        ①نىك نام  - ياخشىلىق نام.

[align=justify]        ② باقاللىق - مەڭگۈلۈ

[align=justify]        ③ كىسرا - قەدىمقى ئىران پادىشاسى.

[align=justify]        ④ شەقىق - شاھلىق.


[align=justify]

[align=justify]ئەھرار خان تۆرەملەر ئۇنىڭ ئالى خىزمەتلىرىنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇپ، قارا شەھەردىكى ھېكىم خان تۆرەم بىلەن ھەق قۇلى بېگىملەرگە بۇ دەھشەتلىك سۈرەت- ۋەقەنى بايان قىلىپ، تېزلىك بىلەن خەت ماڭدۇردى. ئۈچىنچى كۈنى بېك بەچچە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغا نىياز ھاكىم بېك ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەرزى- دار بولسا، خۇددى بۇرۇنقىدەك بەدۆلەت ئالدىغا ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، يەنە يېنىپ چىقىپ، «جانابى ئالىنىڭ مىجەز شېرىپلىرى ئىندەك ئۆزگىرىپ قاپتۇ. ھىلىلا چىقماقچى» دەپ پەرمان بېرىپ، كىشلەرنى كىرگۈزمەي ۋە بىلدۈرمەي ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدى. بۇ چاغدا تۆرەم باشلىق ئەمرى لەشكەر، يىگىت سەرۋازلامۇ يېتىپ كەلدى. ئاندىن نىياز بېك ھاكىم، ئەھرارخان تۆرەم، كېرىم باي مىرزا، مۇھەممەت مۇسا توقسابى، تاشباي دادخۇا، ئاتاباي پانسەتلەر باشلىق بارلىق ئەمىرائى ئەسكەرلەر ئىتتىپاق بىلەن بىللە كېڭەش- مەسلىھەت قىلىپ، ھېكىم خان تۆرەمنى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلارنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرى بويىچە كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە خان ۋە ھۆكۈمران قىلدى. غەزنە ئىشىكلىرى ۋە ساندۇقلارنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ، دادخۇلار باشلىق ھەممە چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلارغا تون، كېچەك، پۇل، تىلا، قورال- ياراق، ئىگەر جابدۇقلىرى مۇكەممەل ئاتلارنى بېرىشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ يەتتە كۈن ئۆتتى. بىر كېچىدە بېك بەچچە جانابى ئالىنىڭ جىنازىسىنى ئېلىپ ماڭدى. دادخۇالار باشلىق ھەممە كاتتىلار ئەرز قىلىپ، «بېك بەدۆلەتنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ تېز سۈرئەت بىلەن ئاقسۇغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئاقسۇغا بېرىپ غەزنىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن كاشىغەرگە بېرىپ، كاشىغەردىكى غەزنىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن غەزنىلەرنى قولغا ئېلىپ، بىزگە قارىماي ئەنجانغا چىقىپ كەتسە، غەزنە بولمىغاندىن كېيىن بىز خىتايلار بىلەن قانداق ئۇرۇشىمىز» دەپ تۆرەمنى ماقۇلغا كىرگۈزدى. بۇ چاغدا تۇڭگانى دادخۇالارمۇ كورلىغا چىققان ئىدى. تۆرەم كورلىنى دادخۇاغا تاپشۇردى. ئاقسۇلۇق كوچى ۋاڭنىڭ ئوغلى ئاخۇن نىياز بېكنى ئۇنىڭغا توڭچى- تىلماچ ۋە ياساۋۇل بېشى قىلىپ بەردى. بۇ ئاخۇن نىياز بېك بۇرۇن بەدۆلەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خىتاي، تۇڭگانىلارغا تىلماچلىق قىلاتتى ۋە ياساۋۇلباشى دىگەن دەرىجە بىلەن ناھايتى ئىززەت ۋە ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. باي مۇھەممەت جاچى باشىنى بەش يۈز يىگىتى بىلەن دادخۇانىڭ ئالدىدا قويۇپ كورلىغا ماڭدۇردى. ئاندىن تۆرەم باشلىق ھەممە قوشۇنلار ئاقسۇغا قاراپ راۋان بولدى. ناھايتى تېز ئالدىراپ ئاقسۇغا كەلدى. بېك بەچچە ئاقسۇغا ئالدىدا كېلپ، غەزنىلەرنى سەرەمجان قىلىپ تۇرغان ھالەتتە، بارلىق قىرغىز- قىپچاق ئەسكەرلەرمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغىچە ئىككى كۈن ئۆتتى. بېك بەچچە جانابى ئالىنىڭ جەسدىنى ئېلىپ كاشىغەرگە ماڭدى. ئۇ ئەسلىدە دادامنىڭ جەسىدىنى كاشىغەرگە ئېلىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئاپاققا دەپنە قىلىپ، ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ياكى ئاكام ياكى مەن كېلىپ خىتايلار بىلەن غازات قىلارمىز دىگەن ياخشى نىيەت ۋە مەقسەت بىلەن يولغا چىققان ئىدى.
    بۇ چاغدا نىياز ھاكىم بېك باشلىق بىر نەچچە پىتنە- پاساتچى، ئۇرۇغى بۇزۇق بەدنىيەتلەر پىتنە- پاسات ئوتىنى شۇم نەپسى بىلەن پۈدەپ تۇتاشتۇرۇپ، كاشىغەردىكى چوڭ بېككە خەت يېزىپ، «كىچىك بېگىم كەتتى، خۇي- پەيلى باشقىچە، ئەلۋەتتە ئېھتىيات قىلغايلا- ۋەسسالام» دەپ خەۋەر قىلدى. چوڭ بېك خەتنى كۆرۈپ، مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇرۇنمۇ كىچىك بېكتىن ئەندىشە بار ئىدى. بۇ ئەنىشىسى يېڭىدىن تېخىمۇ كۆپىيىپ، ياساۋۇلنى ئالدىغا چىقاردى. ئۇلارنى «ھەق قۇلى بېكنى ئۇچرىغان يەردە ھالاكەتكە يەتكۈزۈپ، مال- ئەشايلىرىنى ئۆزەڭلەر ئېلىڭلار» دەپ ئانىت- قەسەم ئىچكۈزۈپ ماڭدۇردى. بۇلارمۇ لوڭكۇ دىگەن جايدا ھەق قۇلى بېك بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ، بىر- بىرى بىلەن ئوبدان كۆرۈشۈپ، بىر پىيالىدىن چاي ئىچىشىپ يەنە ئاتقا مىنىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئۆز- ئارا بايان قىلىشىپ، بىخەۋەر كىتىپ بارغان چاغدا، قەمبەر مەھرەم دىگەن ئۇشتۇمتۇت ئوق چىقىرىپتۇ. ئوق ئەگىپ كېتىپتۇ. ھەق قۇلى بېك بۇ نىمە پوق يىگىنىڭ دەپ، قىلىچنى غىلاپىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىشىگە ، يەنە بىر مەھرەم ئوق ئېتىپتۇ. ئۇ ئاتتىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ- دە ، ئۇلارنىڭ مال- ئەشيالىرىنى تاشلاپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن بىر نەچە كاشىغەرلىك خەۋەر تېپىپ، بىر جىلغا ئىچىگە دەپنە قىلىپ، بىر نىشان قاداپ قويۇپتۇ. بۇ جاي ھېلىمۇ « ھەق قۇلى بېك جىلغىسى» دىگەن نام بىلەن مەشھۇر. بۇ ۋەقە تارىخ ھىچجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى جامادىلئەۋۋەلىنىڭ يىگىرىمە ئىككىنچى كۈنى يەنى مىزان پەسلى (مىلادى 1877- يىلى 6- ئاينىڭ 4- كۈنى – ت) بولغا ئىدى.
     سۆزلنىڭ ھاسىلى شۇكى، جانابى ھېكىم خان تۆرەم ئاقسۇ دارسەلتەنەتىدىن ئورۇن ئېلىپ خانلىق تەختىگە چىقتى. بۇ چاغدا قىپچاق- قىرغىزلار غەزنىنى بۇلاپ كەتتى. بۇ تالان- تاراچنى «خان تالانى» دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇنداق پاراكدەندە كۈنلەرنىڭ ئىچىدە نىياز ھاكىم بېك، يىگىت، مەھرەم ۋە مۇلازىملرىنى ئېلىپ خوتەنگە قاراپ قاچتى. ھېكىم خان تۆرەم بۇرۇنقى دەستۇر بويىچە ئابدىراخمان دادخۇانى مۇبارەك يارلىق بىلەن ئاقسۇغا ئالاھىدە ھاكىم قىلدى. كۇچاردىن ئالىمخان تۆرەمنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەت رەھىم باقى پانسەتكە ياردەمچى قىلدى. باي ، سايرامنى بولسا مۇسامىس بېگىگە ئىنئام قىلدى. مۇھەممەت مۇسا توخسابى بىلەن ئاتاباي پانسەتنى ھەدەيچى قىلىپ، ئالتۇن يارلىق بىلەن مېھرىبانلىق قىلدى. بەچچە باتۇر پانسەتنى ھەممە لەشكەر ئۈستىگە ئەمرى لەشكەر قىلدى. كېرىم باي دادخۇا، موللا ئالىم قۇلىنىڭ ئوغلى شىر مۇھەممەت مىرزىلارنىمۇ ئەمرى لەشكەر قىلىپ تەيىنلىدى. پانسەتلەرنى دەپتەرگە ئېلىپ، تىزىمنى ئۇلارغا تاپشۇردى. كېپەك لاۋۇر، مۇھەممەت رېھىم پالۋان، مۇھەممەت ئەپەندىلەرنى سەربازالارغا ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، بارلىق توپ، زەمبىرەك، دۇھۇل، دۇمباق، قورال- ياراق ۋە بايراقلارنى بۇلارغا تاپشۇردى. قوشۇنلارنى جەمئي سەككىز ئەمىرى لەشكەرگە تەقسىم قىلىپ، ئۈچ مىڭ يىگىتنى بىر پانسەتكە قوشۇپ، يەتكۈدەك قورال- ياراق، ئات-ئارغىماقلارنى بېرىپ،ئۇلارنى نۇرانە يارلىق ۋە شاھانە ئىلتىپاتلار بىلەن مەمنۇن ۋە خاتىرجەم قىلدى.
     بۇ كۈنلەردە كاشىغەردىن قۇلى بېك، جامدار دادخۇا، ئۆمەر قۇل ئەمىرى لەشكەر، ئالاش بىي دادخۇالار باشلىق سانسىز قوشۇنلار ئاقسۇ قەستىدە يولغا چىقتى دىگەن دەھشەتلىك خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. ھېكىم خان تۆرەممۇ بەچچە باتۇر لەشكەر بېشىنى باش قىلىپ، قالغان ئەمىرى لەشكەر ۋە ئەمىرائىلارنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قىل قۇيرۇق قىلىپ، يىگىرىمە بەش مىڭ يىگىت، سەرباز بىلەن ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، ئاقسۇدىن تۆت مەنزىل يىراقتىكى يايدى دىگەن جايغا بېرىپ ئورۇنلاشتى. بېك بەچچەنىڭ چاپاۋۇل ئالاس بىي دادخۇا دىگەن بولسا چۆلقۇدۇق دىگەن يەرگە ئورۇنلاشقان ئىكەن. جانابى تۆرەمنىڭ پەرمانى بىلەن مۇھەممەت سەيىد پانسەت، ھاپىز بېك پانسەتلەرمۇ چاپاۋۇل بولۇپ، بۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ جەڭگە كىرشىتى. ئالاش بىي دادخۇانى يىگىتلىرى بىلەن قوشۇپ ئارقىغا ياندۇردى. بىر نەچچە يىگىتنى ئولجا-ئەسىر قىلىپ ئېلپ كېلىپ، جانابى تۆرەمگە دۇئا قىلدى. كاشىغەرلىك ئاخۇن پانسەت ئۆز يىگىتلىرى بىلەن تۆرەم تەرىپىگە قېچىپ ئۆتۈپ دۇئا قىلدى ۋە ھەممىگە مۇبارەكبادلىق ۋە خۇرسەنلىك ئېلىپ كەلدى. ئۇ كۈنى ئارام ئېلىپ، ئەتىسى ئىككى تەرەپنىڭ خۇددى دەريادەك ئاققان ۋە مۇكەممەل قوراللانغان قانخور قوشۇنلىرى بىر- بىرىگە قارىشى سەپ تارتىپ جەڭگە كىرىشتى. ئۆلتۈرۈش قىرىش ئوتلىرىنىڭ شولىسى جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەپ، ھەر ئىككى تەرەپمۇ زىيانغا ئۇچراشقا باشلىدى. تۆرەمنىڭ باتۇرلىرى بېك بەچچەنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، ئىگەلەپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئاتاباي ھۆدەچى سەپنى بۇزۇپ، يىگىتلىرىنى ئېلىپ، تۆرەمدىن يۈز ئۆرۈپ بېك بەچچە تەرەپكە قېچىپ كەتتى. نەتىجىدە بېك بەچچە تەرەپكە قۇۋەت ھاسىل بولدى. تۆرەم تەرەپ زەئىپلەشتى. مۇشۇنداق ھالەتتە تۆرەمنىڭ مۇقەررەپلىرىدىن ھۈسەيىن مەھرەم بېشىغا ئوق تېگىپ جان ئۈزدى. تۆرەم ئارقىغا ياندى. ئەمىرى لەشكەر كېرەم قۇل داخۇا، كېرىم باي مىرزا، ئەلى بېك پانسەتلەرمۇ ئارقىغا ياندى. مۇھەمەمت مۇسا توقسابى، مۇھەممەت رېھىم پەھلىۋان، كىپەك لاۋۇرلار بىرمىڭ بەش يۈز يىگىت، سەرۋازلىرى بىلەن كەلپىننى ئارىلاپ، قاقشال ئىچى بىلەن ئەنجانغا راۋان بولدى.
     ئىككى تەرەپ ئالتە سائەت ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ئىككى تەرەپتىن بىر مىڭ بەش يۈز يىگىت، سەرباز زىيان بولۇپتۇ. ئاتاباي ھۆدەيچى بېك بەچچە تەرەپكە ئۆتۈپ دۇئا قىلىپ تۇرۇپ، «يايدىدا بىر مۇنچە غەزنە بار ئىدى، زايا بۇلارمىكىن» دىگەندە، بېك بەچچە «ئانداق بولسا سىز ئىلگىرى بېرىپ غەزنىلەرنى ئېلىشقا ھازىرلىق قىلىپ تۇرۇڭ» دەپ پەرمان قىلدى. ئۇ تېزلىك بىلەن بېرىپ، غەزنىلەرنى ئېلىۋاتقان چاغدا جانابى تۆرە يېتىپ كەلدى. ئاتاباي قاچقان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتتۇرۇپ كېلپ، يالىڭاچ قىلىپ باغلاپ «سەن مەندىن نىمە يامانلىق كۆردۈڭ؟ مەن سىنى ھۆدەيچى قىلىپ ئىلتىپات قىلدىم. سەن بولساڭ ماڭا تۇزكورلۇق قىلدىڭ» دەپ يامان بىر سەركەش يامان ئات تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ سۆرۈتۈپ قويۇپ بەردى. ئۇ پارچە- پارچە بولۇپ يوقالدى. غەزنىنى تالاشقا بۇيرۇق قىلدى. ھەممىسىلا تالاپ كەتتى.

      نەزىم:

      نالە قىلما غەيرىدىن ئۆزەڭ ئىشىدىن بول مەلۇم
      كى زەرەرنى تارىپ ئېرىدىڭ ھەم زەرەر تاپتىڭ ھوسۇل

      نەزىم:

      شەمسى پەرۋانەنى كۆيدۈردى،
      ھەم كۆيگۈسى ئۆز ئاياغى بىلەن.

     گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، جانابى ھېكىم خان تۆرەم ئايكۆلگە كېلىپ،ئاندىن ئارالغا بېرىپ، بۇ جاينى ئارىلاپ ئۈچتۇرپانا ئۆتتى. ئاندىن بەدەل داۋانىنى ئېشىپ ئىسىسقكۆلگە بېرىپ، ۋە بۇ جايدىمۇ تۇرالماي، فەرغانە ۋىلايىتىدىكى ئەسكە دىگەن جايدىكى ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. تۆرەم ۋە مۇھەممەت مۇسا توقسابىيىلەر بىلەن بىللە ئون مىڭغا يېقىن يىگىت، سەربازلار چىقىپ كەتتى. بەچچە باتۇر باشلىق بىرمۇنچە يىگىت توختاپ قېلىپ، بەڭ بەچچىنى دۇئا قىلىپ ئىلتىپاتقا يەتتى. بېك بەچچىگە ئىشەنچىسى يوق بىر نەچچە ئەمەلدار- مەنسەپدار ۋە يىگىت، سەربازلار خوتەن قاتارلىق تەرەپ- تەرەپتىكى جايلارغا قېچىپ سەرگاردان بولدى. چۈنكى، جانابى ئاتالىق غازى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئىسلام روۋناقى بىلەن راۋاجىمۇ كەتكەن ئىدى. جانابى ئالى ئاتالىقنىڭ ئىسىمى لەقەملىرى «بەدۆلەت» ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن لايىق لەقەم ئىكەن. ئىلاھا مۇسۇلمانلارنىڭ دىل كۆڭۈللىرىدىن ئىسلامى شېرىپ نۇرى ۋە مۇھەببىتىنى يىراق ۋە يوق قىلمىغايسەن ۋە ئۇنى مۇسۇلمانلار جامائىتى بىلەن بىللە قويغايسەن، ئىلاھىم قىيامەتتە بىزنى مۇسۇلمانلار ۋە مىسكىنلەر (يوقسۇللار قاتارىدا) ھەشىر قىلغىن (قىيامەتكە يىققىن - ت) نەبى ۋە مۇرەل پەيغەمبەرلەرنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئامىن !



15

جانابى بېك قۇلى ئىبىنى مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىقنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىغى ۋە ئاقسۇ، خوتەننى ئىلكىگە ئېلىشى ھەم دۆلىتىنىڭ تامامەن يوق بولۇشى ۋە

 بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسە- ئەھۋاللارنىڭ بايانى

[align=justify]

     ئەزىز تەمكىنلىك يارەنلەر، لەۋزى لەززەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ ياخشى- ياماننى ئايرىيدىغان كۆڭۈللىرىگە روشەن ۋە ئۇچۇق بولغايكى، بۇنداق بىر خىل ئەقلى ھىكايە ۋە قىسسەئى ئەپسانىلەرگە قارىغاندا، جانابى ئاتالىق غازىنىڭ جەسسىدىنى بېك قۇل بېكنىڭ بۇرادەر ئىنىسى ھەق قۇلى بېگىم ئېلىپ كاشىغەرگە ماڭغان ئىدى. بىر نەچچە پىتنە- پاساتچى يامان غەرەز ئادەمنىڭ ئۇستىلىق بىلەن پىلانلىشى، بەلكى ئۇ قادىرى مۇختار ئاللانىڭ ئىرادە تەقدىرى بىلەن، ئۇ ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ۋە ئەيىپسىز بۇرادەر ئىنىسى بىلەن ناھەم قان ئارقىلىق ۋىدالىشىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھاقارەت ۋە نەپرەتكە نىشانە بولدى. ئاندىن كېيىن جانابى سەيىد ھېكىم خان تۆرەم بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئۇنى يوق قىلىشىنى قەتئىي نىيەت قىلدى ۋە ئەمىرى لەشكەر ئۆمەر قۇل دادخۇا، جامىدار دادخۇا، ئالاش بىي دادخۇالار باشلىق ئون بەش مىڭدىن ئارتۇق سانلىق قوشۇن بىلەن تارىخ چىجى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى ماھى جامادىلئاخىرنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادى 1877- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى – ت) ناھايتى داغدۇغىلارنى قىلىپ، ئاتلىق يۈرۈپ چۆلقۇدۇق ۋە يايدى قاتارلىق جايلاردا تۆرەم بىلەن ئۇرۇشتى. مۇھەممەت قاۋۇل ياساۋۇلبېشى ۋە پىسەر پانسەتلەر ئوقتا ئۆلتى. جامىدار دادخۇانىڭ بەشماداق قولىنى ئوق ئۇچۇرۇپ زەخمىدار قىلىپ، كاردىن چىقاردى. ئۇ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇت غەلبە چىرايىنى كۆرسىتىپ، ھېكىم خان جانابى بېك بەچچەئەركانى دۆلەتلىرى بىلەن مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ ئاقسۇدا رۇس سەلتەنەتىگە ئورۇنلىشىپ، ئاتا- مىراسى تەختىگاھىغا چىقتى. نەتىجىدە ئاقسۇ،    كۇچار، ئۈچتۇرپانغىچە بولغان جايلارنى بېك بەچچەنىڭ ئىرادىسىگە ئۆتتى.
      ئۇ ئىلگىرى تۆرەمگە قارايدىغان چوڭ- كىچىك ئەمىرلەر، پانسەتلەرگە جازا قويۇپ ئەيىپلەپ، بەزلىرىنى نەزەربەت قىلدى. بەزلىرىنى كاشىغەر، ياركەنتكە ھەيدىدى. ئۇ ئاقسۇدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئابدۇلرەخمان دادخۇائنى ئاقسۇغا ئالاھىدە ھاكىم قىلدى. مۇھەممەت رېھىم خان تۆرەمنى كۇچاردىكى ئورنىدىن ئېلىپ ئامىل خان تۆرەمگە ياردەمچى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۈچتۇرپاندىكى مۇھەممەت بابا توقسابىينى بىكار قىلىپ، كۇچارغا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلغان ئىدى. كېيىن يەنە ئۇنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، ئۆز يۇرتىنى مەرھەمەت قىلدى.
      لېكىن، ئامىل خان تۆرەم كۇچارغا بارغاندىن كېيىن خاتىرجەم يېتىپ بىپارۋالىق قىلدى. ئۇ دەسلەپتە كۇچارلىق قادىر بېك پانسەت، شەھرىيارلىق مەمۇر پانسەت، ئالاش دادخۇانىڭ ئىنىسى يولداش بىي پانسەت باشلىق بەش پانسەتنى يۈگۈرگە قاراۋۇلچى قىلىپ قويغان ئىدى. بۇ پانسەتلەر زامانىنىڭ ئىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ، نىيەتلىرىنى بۇزۇپ، ھەممىسى بىللە ئولتۇرۇپ كېڭەش- مەسلىھەت قىلىپ، يامان نىيەت بىلەن «كۇچارنى ئەڭ دەسلەپتە بىز بۇزۇپ، خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، يۇرتلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ھازىر خىتايلار يەنە چىقىپ تۇرپانغا كىردى. بۈگۈن ياكى ئەتە كۇچارغا كېلىش ئېھتىمالى بار. خاقانى چىنىنىڭ زور ۋە كاتتا دۈشمىنى داخۇ، شوخۇ دىگەنلەر ئىكەن. بىز كۇچارنى ئەنجانلىقتىن ئاجىرتىۋېلىپ، ئۆزىمىز باشقۇرساق ۋە داخۇ، شوخۇلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتايلارغا تارتۇق- سوغا قىلساق، بۇ بانا بلەن خاقانى چىنى بىزنىڭ بۇرۇنقى گۇنالىرىمىزغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، كەچۈرۈم قىلسا ئەجەپ ئەمەس» دىيىشىپ، بىر كېچىدە بۈگۈردىن قوزغىلىپ، كۇچارغا قاراپ يولغا چىقتى. كۇچارغا بىر مەنزىل كېلىدىغان ياقا توقۇناي دىگەن ئۆتەڭگە كېلىپ، تاغ ئېرىغى كەنتلىرىدىن ئىككى مىڭ توپىلاڭچىنى توپلاپ، ئاندىن يۈرۈپ كېچىلەپ كۇچارغا كېلىپ، شەھەرنىڭ تۆت تەرىپىنى قورشىدى. بۇ ۋەقەنى ئامىل خان تۆرەمگە مەلۇم قىلسا، ئۇ «قادىر پانسەتنىڭ ھەددى بارمۇ، بىھۇدە سۆزلەرنى قىلما» دەپ، پەرۋا قىلامي، يەنە ئۇيقۇغا كەتتى. كۇچاردا توپ زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان بىر مىڭ تۇڭگانى ۋ سەرۋازلار بار ئىدى. قادىر پانسەت مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قاراتتى. ئۇنىڭغىچە تاڭ ئاتتى. تۆرەممۇ ئۇيقىدىن كۆزىنى ئېچىپ قاراپ باقسا، ئىش ئەكسىچە بولۇپتۇ. ئۇ ھەيران بولۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى. ئىككى تەرەپمۇ ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشقا كىرىشتى. تۆرەمنىڭ ئادەملىرىدىن ئابدۇللا بېك باشلىق بىر يۈز سەكسەنچە ئادەم نابۇت بولدى. تۆرەم باراۋەرلىك قىلالماي، ئۆزىنى ئاقسۇغا ئالدى. قادىر پانسەت كۇچارنى ئىگەللدى.
     ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا تۇڭگان داخۇ، شوخۇلارنىڭ ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىللە كورلىدىن قوزغىلىپ كېلىۋاتقانلىغى ئاڭلاندى. قادىر پانسەت ئاڭلاش بىلانلا بەش مىڭ ئادەم تەييارلاپ، قاراياغاچ، ئۈچ قارا دىگەن جايغا چىقىپ، ئۇلارغا قارىشى ئۇرۇشتى. ئۈچ يۈزچە ئادەم زىيان بولدى. تۇڭگانىلار غەلبە قىلدى. كۇچار لەشكەرلىرى باراۋەرلىك قىلالماي، قالايمىقان بولۇپ قاچتى. قادىر پانسەتمۇ ئۆز جېنىنى جايلاپ يۇشۇرۇندى. تۇڭگانىلار كۇچارنى بېسىۋالدى. ئۇ قادىر مۇختار ئاللانىڭ قۇدرەت كۈچىنى شۇنىڭدىن كۆرۈش كېرەككى، كۇچار بىر ئاي ئىچىدە ئامىل خان تۆرەمدىن قادىر پانسەتكە ئۆتتى ۋە قادىر پانسەتتىن تۇڭگانىلار ئالدى ھەم تۇڭگانىلارنىڭ قولىدىن خىتايلارغا ئۆتتى.
     گەپنڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ دۇنيا بىر قېرى مومايدۇر. ئەمما ئۇ ئۆزىنى گۈزەل جۇۋاندەك ساھىپ جامال كۆرسىتىپ، ھەر كۈنى كېچىدە دىلىنى بىر ئەرنىڭ مېھرى- مۇھەببىتىگە بېغىشلاپ ئۈلپەت بۇلالايدۇ. شۇنداقلا بۇ دۇنيا ئۆزىنىڭ سائادەت- سەلتەنەت شادىيانلىرىنى ھەر زامان باشقا بىر يەردە ئۇرىدۇ. سەلتەنەت خۇتپىسىنى بولسا ھەر جۈمە كۈنى بىر ئادەمنىڭ ئىسمى- ناملىرىغا ئۇقۇيدۇ. بۇ دەھرى ئالەم ۋە بىنىزام دۇناي ئۆزىنىڭ بەش كۈنلۈك نۆۋىتىنى ھەر بىر ئېھتىرام ئىگىلىرىگە ئەنە شۇنداق كۆرسىتىپ كەلگەن.
     ئەلقىسسە، نىياز ھاكىم بېك ئاقسۇدىن قاشقىنىچە خوتەنگە بېرىپ، قارىشلىق ۋە دۈشمەنلىق نەغمىسىگە كۈچەپ سادا بېرىپ، ئۇنىڭغا «مەندىن باشقا غەيرى يوق» دىگەن سەككە (پېچەت – ت) چاپلىدى. بېك بەچچە بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كاشىغەرنىڭ ئىشلىرىنى سەرەمجان قىلىپ تەييارلاندى. ئەمىرى لەشكەر ئۆمەر قۇلى دادخۇا، مىرزا ئەھمەت قۇش بېگى، جامىدار دادخۇا، ئالاش بىي دادخۇا، ئەمىرى لەشكەر تۇڭگان مادالويە ۋە شىر مۇھەممەت پانسەت، ئاخۇن پانسەت، ئەبۇلقاسىم پانسەتلەر ۋە توپ، زەمبىرەك، دۇھۇل، دۇمباق، ئەلەم، بايراق، قورال- ياراق، ئات- ئارغىماق قاتارلىقلار بىلەن مۇكەممەل قوراللانغان تەڭداشسىز يىگىرىمە تۆت مىڭ ئەسكەر بىلەن ئاتلىنىپ، زىل- زىلە ۋە ھەشەمەت بىلەن مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، جانابى ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ تەرتىپ ۋە سۆلەت، قائىدە- قانۇن ھەم سەلتەنەتلىرىگە ئوخشاش داغ- دۇغا بىلەن ياركەنتكە قەدەم قويدى ھەم ياركەنتتىن شاغاۋۇل دادخۇانى بىر مىڭ يىگىتى بىلەن ھەمرا قىلىپ، خوتەن تەۋەسىدىكى زاۋا دىگەن شەھەرگە چۈشتى. بۇنىڭدىن نىياز ھاكىم بېكمۇ خەۋەردار بولۇپ، ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن لەشكەر بىلەن ئۆز ئوغلىنى باش قىلىپ، ئون مىڭ يىگىت ، سەرۋاز ۋە جېنىدىن كەچكەن يىگىرىمە مىڭ توپىلاڭچى بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ ئادەم بىلەن بېك بەچچەنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ھەر ئىككى تەرەپمۇ سەپ تۈزۈپ جەڭگە كىرىشتى. خوتەن ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن پاراكەندە چۇماقچىلار ئۆلۈپ كەتتى. ئاقىۋەت بېك بەچچەنىڭ يىگىتلىرى غەلبە قىلدى. مۇھەممەت ئىمىن بېك پاراكەندە ئادەملىرى بىلەن پىتراپ قاچتى. نىياز ھاكىم بېكمۇ تەييار تۇرۇپتۇ. ئوردا ئىچىدىكى غەزنىلەرنى بولسا يىگىت سەرۋاز ۋە توپىلاڭچىلارنىڭ تالان- تاراج قىلىشىغا ھۆكۈم قىلدى. بېك بەچچە زەپەرگە ئىگە بولۇپ، نياز ھاكىم بېكنىڭ قاچقانلىغىنى ئاڭلاپ، ئەبۇلقاسىم پانسەت، مىرزا ئەلى پانسەتلەرگە سەككىز يۈز ئىلغار يىگىتنى قوشۇپ، نىياز بېكنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن پەرمان قىلىپ، زاۋا دىگەن جايدىن يولغا سالى. غەلبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇ مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، ئۆمەر قۇل دادخۇا، جامىدار دادخۇا، شاغاۋاۇل دادخۇا باشلىق كاتتىلار بىلەن ئادەتتىكىدەك مەسلىھەت قىلىپ، «خوتەننى ئالدۇق، ئەمدى خىتايلار بىلەن غازات قىلساق، ئۇدۇل كەنت يوللىرى ئارقىلىق ئاقسۇغا چىقىپ ئۇرۇشقا بارىمىزمۇ، ياكى ئالدى بلەن كاشىغەرگە بېرىپ ئاندىن ئۇرۇشقا بارىمىزمۇ، قانداق مەسلىھەت دەيسسىزلەر» دىگەن گەپنى ئوتتۇرغا تاشلىدى. ھەممىسىلا باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ، پىكىر- تەپەككۈر قىلالماي تۇرغان بىر پەيتتە، شاغاۋۇل دادخۇا سۆز ئېچىپ «خاقانى ئىقلىمى بولسا ھەممىدىن چوڭ ۋە كاتتادۇر. دادىلىرىمۇ بۇنى بىلىپ ئۇرۇشمىغان. بىر نەچچە ياخشى باتۇرلار يايدى جېڭىدىن يانغاندىن كېيىن يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. بىر نەچچە باتۇرلار بولسا ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى ياخشى مەسلىھەت شۇكى، خاقانى چىنى بىلەن ئۇرۇشىمىز دىمىسەك، مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىغا زامىن بولمىساق، قەشقەردىن ئايىملارنى ئېلىپ كەلسە، ياركەنت بىلەن چىقىپ، خەلىپەئى رۇمنىڭ خىزمىتىگە بارساق ياكى ھەرەم شېرىپنىڭ زىيارىتىگە كەتسەك» دەپ مەلۇم قىلدى. بېك بەچچە باشقىلارغا قاراپ » سىزلەر نىمە دەيسىزلار» دىگەندە، ئۇلارمۇ « دادخۇا تاغامنىڭ مەسلىھىتى ياخشى، ياخشى مەسلىھەتتۇر. بۇ بىزگىمۇ ماقۇل» دىيىشتى. بېك بەچچىمۇ ماقۇل بولۇپ، «ئانداق بولسا بىزلەر خوتەندىن يانغىچە ئايىملارنى ياركەنتكە ئېلىپ كەلسۇن» دەپ ئۇشۇر مۇھەممەت سەركانى ئايىملارغا ماڭدۇردى ۋە ئۆزى خوتەن شەھىرىگە چۈشۈپ، خوتەننى كۇچارلىق سەئىد بېككە مەرھەمەت قىلىپ، بۇ مەمىلكەتنىڭ بارلىق مەمۇرى ئىشلىرىنى تاپشۇرۇپ، خوتەننىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ماھى شەۋۋالىنىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى (مىلادى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى – ت) ياركەنتكە قايتىپ كەلدى.
      كەشىغەردىن ئايىملارنى ئېلىپ چىققان ھامان، كاشىغەردىكى ئەمىرى لەشكەر خۇدالويە ئەمىرى ئىتائەت رىشتىسىنى ئۈزۈپ، قارىشلىق ۋە دۈشمەنلىك قىلىشقا تەييارلاندى. نىياز ھاكىم بېكنىڭ كەينىدىن ماڭدۇرغان ئەبۇلقاسىم پانسەت نىياز ھاكىم بېكنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئون ئالتە كۈنلۈك يولنى تۆت كېچە- كۈندۈزدە مېڭىپ، نىيە دىگەن شەھەردە قوغلاپ يەتتى. نىياز بېكنىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەمىرى لەشكەر يىگىتلىرى بىلەن توختاپ تۇرۇپ جەڭگە كىرىشتى. ئىككى تەرەپتىن ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم زىيان بولۇپتۇ. مىرزا ئەلى پانسەتكە ئوق تېگىپ شاھادەت شەرۋىتىنى ئىچتى. تۆت كۈنلۈك يولنى بىر كۈندە مېڭىپ بارغاچ، كۆپ يىگىتنىڭ ئاتلىرى قۇملۇقتا ھېرىپ توختاپ قالغان ئىدى. ئاخىرى ئۇ پانسەتلەر كەينىگە ياندى. نىياز بېك خىتايلار تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى. ئەبۇلقاسىم پانسەتلەر خوتەنگە يېنىپ كەلسە، سەئىد ھاكىم بېك نىيىتىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى تۇتۇشنى قەستلىدى. ئاقىۋەت مەزكۈر پانسەتلەر يىگىتلىرىنى جەملەپ توپ بولۇپ، ئامان- ئېسەن ياركەنتكە كېلىپ، بېك بەچچىگە دۇئا قىلدى. بېك بەچچە كىشى ئەۋەتىپ، سەئىد بېكنى ئەيىپلەپ گۇناكار قىلىپ، خوتەندىكى خىزمىتىدىن بىكار قىلدى. باي ھاكىمى مۇھەممەت ئىمىن توقسابىينى قارىقاشقا ھاكىم قىلغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا خوتەننى مەرھەمەت قىلدى.
      ئەلقىسسە، جانابى بېك بەچچە ئاقسۇدىكى بارلىق ئەمىرى لەشكەرلەرگە بەچچە باتۇر ئەمىرى لەشكەرنى چوڭ قىلىپ تاپشۇرغان ئىدى ۋە ھاجى ئارتۇق مىرزا بېشىنى بارلىق سەرۋازلارغا ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، توپ، زەمبىرەك، دۇھۇل، دۇمباق ۋە قورال- ياراقلارنى تاپشۇردى. بەش مىڭ يىگىت، سەرۋاز ئاقسۇدا تۇراتتى. بۇ چاغدا كۇچاردكى قادىر پانسەت ئەمىرى ئىتائەتتىن چىقىپ، كۇچارنى ئىگەللەپ ئولتۇرغان ۋە ئامىل خان تۆرەم ئاقسۇغا قېچىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا تۆرەم بۇ كۈنلەردە ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەت بابا توقسابىينى ئاقسۇغا ئەكلىپ، قادىر پانسەتنى تۇتۇپ، كۇچارنى قايتۇرۋېلىشنىڭ تەرەددۇت ۋە مەسلىھىتىدە بولۇپ، ھىسامىدىن پانسەتنى باش قىلىپ، ئۇنى يەنە تۆت پانسەت بىلەن قارا يۇلغۇنغا ئەۋەتتى. بۇلار تېجەك يولى بىلەن كۇچارغا كىرمەكچى بولدى. يەنە بەش پانسەتنى باش قىلىپ ياقئېرىققا ماڭدۇردى. بۇلار چوڭ يول بىلەن كۇچارغا كىرىپ، قادىر پانسەتنى تۇتۇپ، كۇچارنى قولغا كىرگۈزمەكچى ئىدى. دەل مۇشۇنداق مەسلىھەت بولىۋاتقان مەزگىلدە، خىتايلار كۇچارغا كىرىپتۇ. تۇڭگانىلار سايرامغا قېچىپ كەپتۇ دىگەن خەۋەر كەلدى. كۇچاردىكى مۇساپىر پانسەتلەر تۇڭگانىلاردىن بۇرۇن ياقئېرىققا كېلىپ، ياقئېرىقتىكى پانسەتلەر بىلەن بىرللە تۇرپ خىتايلار بىلەن ئۇرۇشتى. خىتايلار غەلبە قىلىپ چوڭ يولغا كىردى. پانسەتلەر قىزىلبۇلاق يولى بىلەن قېچىپ، ئاقسۇغا كېلىپ مۇھەمەت بابا تۇلسابىي ئەمىرى لەشكەر قاتارلىقلارغا خەۋەر قىلدى. ھەممىسىلا ھەيران بولۇپ،ئاقسۇىكى ئابدۇلراخمان دادخۇادىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى نەزەربەنت قىلدى. ياساۋۇل بېشىغىمۇ گۇنا قويۇپ تۇتۇپ، كاشىغەرگە ماڭدۇردى. ئاقىۋەت ئۇلار ھەر خىل مەسلىەتلەرنى قىلىشىپ، باش- ئاياقلىرىنى تاپالماي، ھەيران ۋە ساراسىمىگە چۈشۈپ، ناماز خۇپتەن بىلەن مۇقىم جان ئىش بېشىنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى. كېچىچە ئابدۇلراخمان دادخۇانىڭ غەزنلىرىنى خەتلىدى. لېكىن تاڭ ئاتقاندا ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى پاراكەندە بولدى. ئەمىرى لەكشەر ۋە پانسەتلەر تۇڭگانىلار بىلەن ئۇرۇشىمىز دەپ يولغا چىقتى. ئەمما تۇڭگانىلار قېچىپ كېلىۋاتىدۇ، كەينىدىن خىتايلار دۇم- دۇم قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ دىگەن خەۋەرلەر كەينى- كەينىدىن كەلگىلى تۇردى. ئەمىرى لەشكەرلەر يولغا چىقىپ قويۇپ، تۇڭگانىلارغا تاقابىل تۇرالماي ۋە شەھەرگىمۇ قايتىپ كىرەلمەي، ئىلاجىسىز كاشىغەرگە راۋان بولدى. بۇنىڭغىچە ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاشتى. تۇڭگانىلار گوياكى چېكەتكىدەك كېلىپ، شەھەرگىمۇ كىرمەى، ئۈچتۇرپان تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئوتتۇرا يول مىقدارى بىر جايغا چۈشتى. شۇ كېچىسى تۇڭگانىلار گورۇھى تامامەن ئۆتۈپ بولدى. كېچە قاراڭغۇسى كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ، شەرىقىي تەرەپتىن خۇددى يالغان تاڭدەك نۇسرەت ئەسەرلىك قارا چېرىكلەر نامايەن بولدى. بۇ تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى، يەنى ئات يىلى ماھى شەۋۋالىنىڭ ئون يەتتىسى چارشەنبە كۈنى ئۇقرەپ پەسلى (مىلادى 1877- يىلى 10-ئاينىڭ 25- كۈنى- ت) ئىدى. فەغفۇرچىننىڭ قارا چېرىكلىرى مىنگەن قارا ئاتلىرىنىڭ قارا تۇياقلىرى ئاقسۇ زىمىنىغا بېسىپ كىردى.
     ئەلقىسە، مەزكۈر ئەمىرى لەشكەر ۋە يىگىتلەرمۇ ئاقسۇ ۋە كۇچاردىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ، ئۇ ئاللا مالىكۈلمۈلۈك ئەلمەنانىنىڭ ئەمىرى- پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپ، بەزىلىرى ئۈچتۇرپان ئارقىلىق ئىسسىقكۆل تەرەپكە كەتتى. بەزىلىرى كاشىغەر ، ياركەنتكە باردى. بېك بەچچەمۇ ھادىسىلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، ياركەنتتىكى يىگىتلەر ئىچىدە مالىمان پەيدا بولۇپ، بەزلىرى كاشىغەرگە، بەزىلىرى يېڭى ھىسارغا قاچتى. بېك بەچچىنىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، يېڭى ھىسارغا كەلدى. قاچقانلارنىڭ ئىچىدىن ئاخۇن پانسەتنى چاپتى. نەچچە مەھرەم، يىگىتىنى دارغا ئاستى. بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. مۇشۇ يول بىلەن قاتتىق تۇتقانلىقتىن، يىگىتلەر يەنە يىغىلدى. ئۇ كاشىغەردىكى يېڭى مۇسۇلمان خۇدالويەنى بىر تەرەپ قىلىپ ئادىن خىتايلار بىلەن غازات قىلسام دىگەن مەسلىھەت بويىچە، تۇركور خۇدالويە ئۈستىگە تاشلاندى. بۇ چاغدا ئۇنى ئالاش دادخۇا مۇھاسىرە قىلىپ تۇرغان ئىدى. بېك بەچچە باشلىق ھەممە ئەمىرى لەشكەر ۋە يىگىت ئەسكەرلەر جەڭگە جان- تېنى بىلەن كىرىشتى. چۈنكى ، بارلىق غەزنە ۋە چوڭ- كىچىك ئەمىرى لەشكەر، ئەمىرائى پانسەتلەرنىڭ خوتۇن- بالىلىرى، ئۆي تەئۇللۇقات ئەسۋاپلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى شەھەردە ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خودالويە بىلەن خىتايلار ئىگە بولغان ئىدى.
      سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئۇلار ياغاچ ۋە شوتىلاردىن پوتەي- ئىستىھكام قۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشى ۋە تاقىتىنىڭ بېرىچە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ باقتى. شۇنداق قىلىپ، يىگىرىمە سەككىز كۈن ئۆتتى. شەھەرنى ئالالمىدى. زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى (مىلادى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى - ت) شەھەر سېپىل پوتەيلىرىنىڭ تېگىگە لەخمە كولاپ، تېگىگە دورا قويۇپ تەييارلاپ، ئەتىسى ئوت تۇتاشتۇرۇپ شەھەرنى ئالىمىز دىگەن چاغدا، شۇ ئەتىسى خىتاي چېرىكلىرى يېتىپ كەلدى. سېپىلغا ۋە باشقا ئىشلارغا قاراشقا ئەسلا پۇرسەت ۋە ئارام بولمىدى. ئۇلار ئىلاجىسىز ئەنجان يولىغا قاراپ راۋان بولدى. مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى بىر مىڭدىن كۆپرەك يىگىت بلەن قۇم دەرۋازىدا تۇرۇپ، يىگىتلەر ۋە مۇساپىر سودىگەر بايلارنى ئامان- ئېسەن شەھەردىن چىقىرىپ، كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى. خىتاي چېرىكلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى يىگىتلىرى بىلەن شەھەردىن چىقىپ، ئۆزىنى فەرغانە ۋىلايىتى تەرەپكە ئالدى. خىتايلار ئاتا- بوۋا ئەجداتلىرىدىن بشلاپ ئىگەللەپ كەلگەن مىراسىغا يەنە ئىككىنچى قېتىم ئىگە بولدى. دىمەك جانابى ئاتالىق غازىدەك ئۇلۇغ ۋە شەۋكەتلىك پادىشاھى ئەزەمنىڭ نەمۇنە ۋە نىشانلىرىدىن، قىسسە ھىكايىدىن باشقا، بىرمۇ نەمۇنە يادىكارى قالمىدى. ئۇ ئاجايىپ ۋەقەلەر بولسا ئەلۋەتتە تەجىربە- ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. «ئەي ئىبرەت كۆزىنىڭ ئىگىلىرى ئىبرەت ئېلىڭلار» دىگەن ئەيەتمۇ بار.

       قىتئە:

     خۇداكىم ئېرۇر مالىكلمۈلك،
     ھەر كىمگەكى بەرسە تۇتتى ئەلمۈلك.
     ئەھەددى بولغايكى كىشىگە مۈلك ئالماق،
      شەھنىشاھكى ئۇل تەنزىئىملمۈلك.

      نەزىم:

[align=justify]
      ھەرچە خالىق خۋائلاغانى ئول بولۇر،
      ئانچە مەخلۇق خۋائلاغانى قايدا بولۇر.

     گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئۇ دايىمى خۇدانىڭ ئېھتىياجىسىسز ۋە شەپقەتسىز شامىلى قوزالدى. بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ پىشانىسىدىن ئىسلام نۇرىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈردى. شەرق تەرەپتىن كەلگەن قارا چېرىكلەرنىڭ زۇلۇم بورانلىرى ئۆرلىدى ۋە بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ باشلىرىغا قارا پالاس ياپتى. دىيانەت نەسپلىك مۇسۇلمانلارغا گويا بىر ئەلەم مۇسىبەت ۋە غەم يۈز كەلتۈرلدى. لېكىن مۇسۇلمان سۈرەتلىك ۋە دىلى مۇناپىقلارغا گويا بىر توي- مەرىكە، شادى- خوراملىق ۋە چىن كۆڭلىدە بىپايانلىق ھاسىل بولدى. ئۇ ئاللا خالىقى مۇختار ئۆزىنىڭ ئىرادە تەقدىرى بىلەن قازا ھۆكۈمىنى مۇنداق يول بىلەن ئىجرا قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئەمىرى ئىتائىتى ۋە پەرمان- بۇيرۇغىغا بوي سۇنماي، ھىچ چارە- ئىلاجىنىڭ يوقلىغى بولسا ھەممە ئىنسان تىپىغا خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئايدىڭدۇر. شۇڭلاشقا، ئۆلىمائى ئەززەملەر، دىدارلار، ئالى دەرىجىلىك ئەئيانى كېرەملەر ئىلاجىسىسز ۋە ئىختىيارسىز بەللىرىنى مەھكەم باغلاپ ، ئۆز خىزمەتلىرىگە تەييار بولدى.

     بىيىت:

      شاھلاركەتتى چىقىپ مۈلكى جاھان بەندەنەنكى،
      نەچچە ۋاقىت بولدى ھۆكۈمەتنىڭ بارى كەندە نەكى①.
      سورادىم بائىسنى ئەھلى خەرد② ئەيدىماڭا،
      بىلسەڭىز ئۇشبۇ جاھان ھەممە شەرمەندە نەكى.
      رىشە③دۇر ئەھلى خەردەرلەرنىڭ دىلى غۇسسە بىلەن،
      ئىشرە تۇ ئەيشى جاھان ئاغزى تۇلا خەندە نەكى④.
      سىغمادى ئەھلى خەردنىڭ باشى ھەر يەرگە تۈزۈك،
     مۈلكى جاي ھەممە ئەسۋاپ پاراكەندە نەكى.
      پۇقرادۇر رەمە قوي⑤باققالى چوپانى خىتاي،
      بۆرىلەرنىڭ يولى بولدى رەمەدە دەرەندە نەكى⑥.
     ياشۇنۇپ ئەھلى خەرە تارتتى ئۆزىنى پەزلى راسا، 
     ئاشكارە بولدى پۇرجۇر⑦ ھەممە سۆز مەيخۇا رەنەكى.
      گەريە⑧ قىل فىر دوس ئەھلى تەرسەندە نەكى.


     ①كەندە نەكى - سېسىقلارنىڭكى.
     ②خەرد – ئەقىللىق.
     ③رىشەدۇر – جاراھەت.
     ④خەندە - ۋالاقتەككۈر.
     ⑤رەمەقوي – قوي پادىسى.
     ⑥دەرەندە - يىرتقۇچلار.
     ⑦پۇجۇر – بۇزۇق.
     ⑧گەريە – يىغا- زارە.

2008/1/4 20:16
5 Ghunche


16

 

ئىككى يۈزلۈك نىياز ھاكىم بېكنىڭ قىسسە ۋە ھىكايىلىرى، يامان- مىجەزلىرى، ئەھۋال ئاقىۋەتلىرى ۋە يوقىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ قىسقىچە بايانى

[align=justify]

      ئىنساپ دىيانەتلىك ۋە مۇھەببەت، ساداقەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ توغرا كۆڭۈللىرىگە روشەن ۋە ھىكايە بولغايكى، بۇنداق نەقلى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، نىياز ئىشىك ئاغا بېك چەت- ياقىدا ياشايدىغان ياركەنتلىك بىر دېھقان ئەۋلادى ئىكەن. ئۇ كىچىگىدىن باشلاپلا خىتاي مەنسەپدارلىرىغا مەھرەم ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ، ھەدىس شېرىپتە «سۆھبەت تەسىر قىلدۇ» دەپ كۆرسەتكەندەك، خىتايلارنىڭ مىجەز- خۇلقى بىلەن تەربىيلىنىپ، قەدەممۇ- قەدەم چوڭ مەنسەپ تېىپىپ، ئىشىك، ئاغا بولغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەردە مالىمانچىلىق پەيدا بولدى. تۇڭگانىلارنىڭ خىزمىتىنىمۇ قىلدى. كۇچارلىق خوجاملار بارغاندا، ئۇلارغىمۇ خىزمەتكار ۋە پەرمانچى بولدى. مۇھەممەت ياقۇپ قۇشبېگى يېڭىدىن باش كۆتەرگەن چاغدا، قۇشبېگىنىڭ خىزمىتىنىمۇ قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپ بىلەن ياخشى چىقىشىپ، ئۇلار بىلەن مەخپى ياكى ئاشكارە ئالاقىلەرنى قىلىپ تۇردى. بۇنىڭدىن كۇچارلىق ياقۇپ دىۋان بېگى خەۋەردار بولۇپ «ئۆزلىرى ھەممىسى بىلەنلا تەڭ- باراۋەر كۆرۈشكەندىلا، بىرلا ئۇلۇغنىڭ خىزىتىدە بولمايدىكەنلا، بۇ ئىشلىرى ئوبدان ئەمەس» دەپ ئېتىزار بىلدۈرگەندە، ئۇ «بۇ يۇرت ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە قارار تېپىشىنى بىلمەيمەن. شۇڭلاشقا، ھەممىسىگىلا باراۋەر خىزمەت قىلىۋاتىمەن. ئەگەر ئۆزلىرى بىلگەن بولسىلا بىرەرسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بەرسىلە،ئۇ چاغدا مەن بىر ئىشىكتىن باشقا ئىشىككە ئەسلا بارمىغان بولاتتىم» دەپ چاخچاق- كىنايە بىلەن جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇ مۇقەددمىدىن مەلۇم بولدىى، ئۇ ئالەمنى ياراتقۇچى ئاللا نىياز بېكنىڭ ئەسلى يارىتىلىشىنى ئۆز قەدىمى ئىلمى ئارقىلىق خۇددى تاغدىن چىقىدىغان تۇزغا ئوخشاش، تۇركور قىلىپ ياراتقان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ تۇزكورلۇقنىڭ مۇكاپاتىنى بۇ باقى ئالەمدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەتتى. بىز بۇنى تۆۋەندە يەنە تېزلا بايان قىلىمىز – ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندىۇر – ئىنشىئاللا!
      ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، جانابى ئاتالىق غازى ياركەنتنى ئىلكىگە ئېلىپ، بۇ جاينى مۇھەممەت يۈسۈچان شاغاۋۇلغا ئىنئام قىلدى. نىياز بېكنى شۇ ئارقىلىق ئىسلام تەلىماتلىرىدىن تەلىم ئالسۇن دىگەننى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئاتالىق غازى خوتەننى بېسىۋالغان چاغدا بولسا، نىياز ئىشىك ئاغا بېكنى خوتەنگە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ تەيىنلەپ ، ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن بېكنى ئەمىرى لەكشكەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارغا يەنە سەككىز پانسەت تەيىن قىلىپ خوتەندە توختاتتى. ئۇ خوتەنگە ئون ئىككى يىل ھاكىم بولدى. ھاكىم بولغان كۈندىن باشلاپ ئون ئىككى يىلغىچە ئۇ ھەر جۈمەدىن يانغاندىن كېيىن، بىر ئەرىزچى بىلەن يىگىرىمە يامبۇلۇق قىممەتكە ئىگە ساپ ئالتۇننى ئەۋەتىپ، ئاتالىق غازىغا دۇئا قىلىپ تۇردى. ئۇ بۇ ئادتىنى زادىلا توختاتمىدى ۋە كەممۇ بەرمىدى. يەنە ھەر يىلى ئىككى قېتىم تارتۇق ئەۋەتتى. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىندى. بۇ جايدا يەنە تەكرارلانمىدى،
      بىر چاغدا جانابى ئالى بەدۆلەت مۇھىم بىر مۇددىئا ئۈچۈن نىياز   ھاكىم بېككە ئىنايەتنامە ئەۋەتىپ، «بۇ ئىنايەتنامە تەككەن ھامان بىر مەھرەم بىلەن ئاتنى قامچىلاپ، كىشلەرگە بىلىدۈرمەي، مەخپى ھالدا كېچىلەپ مېڭىپ، پالانى كۈنى كېچىسى ئالى دۆلەتخانىغا كېلىپ، پالانى ۋاقىتتا دۇئا قىلىپ يانىسلا، بىز ناھايتى تاقەتسىز كۈتمەكتىمىز» دىگەن ئىكەن. ئۇ ئىنايەتنامە بارغان ھامان ئاتنى قامچىلاپ، بىر مەھرەم بىلەن دىگەن ۋاقىتتا كاشىغەر يېڭى شەھەر دەرۋازىسىغا كەلسە، ئىككى مەھرھەم پانۇس تۇتۇپ، نىياز ھاكىم بېك ھىلى كېلىدۇ دەپ تۇرغان ئىكەن. ئاتتىن چۈشۈپ جانابى ئالى بىلەن كۆرۈشۈشكە كىرىپ كېتىپتۇ. ئاتلىرىنى بولسا ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. ئۇ ئاتالىق غازى بىلەن تۆت سائەتچە سۆزلىشىپ يېنىپ چىقىپتۇ. ئۇ ئىككى كىچىك ساندۇقچىغا ئۈچ مىڭ سەردىن ئالتە مىڭ سەر نەق زىقچە ئالتۇن قاچىلاپ كەلگەن ئىكەن. كېچىدە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى ئاتالىق غازىنىڭ ئالى نەزەرلىردىن ئۆتكۈزۈپ، شاھانە مەرھەمەتكە ئىگە بولۇپتۇ. ئۇنى ئىككى كېچە توختىتىپ خوتەنگە قايتىشقا جاۋاپ بېرىپتۇ.
       جانابى ئالىنىڭ بۇ قېتىمقى بۇيرۇغى بويىچە خوتەندە ئىشخانا قۇرۇلماقچى بولدى. چۈنكى ئەقى- پاراسەتلىرى بىلەن ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ئاتۇقچە تەدبىر قوللىناتتى. بولۇپمۇ ئۇ زىلچە ئۇستىلىرى ئارقىلىق يىپەك زىلچىلەرنى تەييارلىدى. ھىچقانداق زاماندا بۇنداق زىلچىلەر ئىشلەنمىگەن ئىدى. ئۇ جانابى ئالىنىڭ تارتۇقلىرىدىن ئاشۇرۇپ، تۆت توققۇز مېھراپلىق يىپەك زىلچە تەييارلاپ، مەككە مۇئەززەمگە ھەدىيە قىلدى. يەنە تۆت توققۇز مېھراپلىق يىپەك زىلچە راسلاپ مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھەدىيە قىلدى. ھەر بىر زىلچىنىڭ ۋەزنى يۈز جىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. يەنە بىر توققۇق يىپەك زىلچە ۋە بىر توققۇقز يىڭ زىلچە تەييارلاپ، ئەسھانبۇل ەھەپكە ھەدىيە قىلدى. خوتەندىكى بارلىق بەركەت نۇرلۇق مازارلارنىڭ مەسچىت، خانىقالىرىنى بۇزۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇلارنى يېڭىدىن بىنا قىلدۇردى. شەھەردىكى مەسچىت ۋە جامە ھېيتكار مەھەللىرىدىكى مەسچىتلەرنى پۇختا خىش ۋە گەج- ھاك بىلەن پۇختا قىلىپ زىننەتلىدى. خوتەنگە تەئەللۇق بارلىق يول قۇنئالۇغىلرىغا كۆل كولىتىپ ۋە قۇدۇق قازدۇرۇپ، ھەر بىر مەنزىلگە بىر توققۇزدىن گۈمبەز، ھۇجرا، مەسچىت، ئاتخانا، ئاشخانا، مېھمانخانا سالدۇرۇپ، قارايدىغان ئادەملەرنى ئولتۇرغۇزۇپ، بۇ جاينى ئاۋات ۋە مەمۇر قىلدى. جانابى ئالىمۇ ئۆز تەۋەسىدىكى بارلىق مەنسەپدارۋە ئەمەلدارلاردىن نىياز بېكنى ناھايتى چوڭ بىلىپ، ئۇنۇڭغا ئىزەت ۋە ھۆرمەت قىلاتتى. ۋاھالەنكى، فەرغانە ۋىلايىتىدىن مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق، موغۇلىستان مەملىكىتىدىن نىياز ھاكىم بېك تۇغۇلغان ئىكەن.تەدبىر ۋە مەسلىھەتتە، كەسىپ ۋە دىنىي سۈلۈكتە بىر-بىرىدىن كەم ۋە ئارتۇق ئەمەس ئىكەن، خۇددى”ھەر قانداق جىنىس ئۆز جىنسىغا مايىللىق قىلىدۇ “ دىگەن مەزمۇن بۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق ۋە ماس كېلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى كۆرگەندە گويا ھەسەل بىلەن سېرىق ماي بىر-بىرىگە ئارلاشسا ئۆز ئەينىنى يوقاتقاندەك، بىر-بىرىگە ئەبجەش بۇلۇپ ئارلىشىپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇلار يەنە بىر-بىرىگە قەست قىلىپ، بىر-بىرىنى يوقىتىشنىڭ تەدبىر ۋە مۆرىتىنى تاپالماس ئىدى.
       جانابى ئالى بەدۆلەتنىڭ بۇ يەتتە شەھەرنى پەتھى قىلىپ، ئىلكىگە ئېلىشتا ۋە بۇ جاينى باشقۇرۇشتا تاتقان مېھنەت-مۇشەققەتلىرىنى يېزىشقا بۇ قەلەم ئاجىز، تىل قىسقا كېلىدۇ. لېكىن، پاراغەت ۋە ئەيشى-ئىشىرەتنى نىياز ھاكىم بېك ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى كۆردى. بۇنى تەرىپلەپ يېزىپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ گوياكى جانابى ئالى بەدۆلەت فەرغانە ۋىلايىتىدىن پەقەت نىياز ھاكىم بېك ئۈچۈن كەلگەندەك ئىدى، ئۇنىڭ ئىككى جايدا پىشىق خىش بىلەن ياسالغان ئالى ئىمارىتى ۋە چوڭ باغچىسى، باغنىڭ ئىچىدە چوڭ كۆللىرى بار ئىدى. كۆلنىڭ ئەتىراپلىرى ۋە باغقا سۇ كىرىدىغان ئېرىق ياقىلىرى تامامەن پۇختا خىش بىلەن ياسالغان ۋە گەج بىلەن سۇۋاپ بېزەلگەن ئىدى. ئۇ بالا-چاقىلىرى بىلەن ھەر كۈندە كۆلدىكى كىمىگە چىقىپ، سەيرۇ-تاماشا ۋە نەغمە-ناۋا بىلەن كۆڭلىنى ئېچىپ كەيپى-ساپا سۈرەتتى. بۇلۇپمۇ ئۇ بىر باغ قىلدۇرۇپ، ئۇنى” چىكىتلىك ئوردا “ دەپ ئاتىدى. ئىككى تاغار ئۇرۇق باردىغان زىمىننى نەيزە بويى كولىتىپ، ئورنىنى پەسەيتىپ، توپلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئەتىراپىغا پۇختا خىش بىلەن ئىگىز ئىھاتە تام سالدۇردى. مەزكۈر باغنىڭ زىمىن دائىرسى مىقدارىدا مەشۇت ۋە يىپتەكتىن تور تۇقۇتۇپ، ئىچىگە كىگىز تۈۋرۈكلەر ئولتۇرغۇزۇپ، تۈۋۈكتىن- تۈۋرۈككە يىپەك تاناپلارنى تارتىپ، ئۈۋتىنى يىەپ تور بىلەن ياپتۇرۇپ، تۆت ئاياقلىق ۋە ئىككى قاناتلىق ۋەھشى ۋە ياكى قولىدا بېقىلغان ھەر خىل ھايۋان- جانىۋارلاردىن بىر جۈپ قىلىپ، يەنە ھەر خىل مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخللەرنى ھەم جاڭگالدا ۋە مەھەللىدە، ئۆسىدىغان ھەر خىل ئوت- گىيا، دەرەخلەر، قىزىل ياكى سىرىن گۈللەر، ھەتتا چىغ ۋە تىكەنگىچە كۆچەت قىلىپ تىكتۈردى. جاڭگال ۋە سەھرالاردا تېپىلمايدىغان دەل- دەرەخ ۋە چۆپ- گىيالارمۇ بۇ باغنىڭ ئىچىدىن تېپىلاتتى. ھەر كۈنلىگى نەچچە تاغار ئاشلىقنى ئۇچار قۇش جانىۋارلارغا چېچىپ بېرەتتى ۋە نەچچە ئىت، ئىشەكنى ئۆلتۈرۈپ، بۆرە، يولۋاس، تۈلكە قاتارلىق يىرتقۇچ جانىۋارلارغا تاشلاپ بېرەتتى. ئۇ كۆڭلى خالىغان چاغدا بۇ باققا چىقىپ سەيرۇ- تاماشا قىلىپ، كۆڭلىنى ئېچىپ قايتاتتى. نىياز ھاكىم بېك نىمىنى خالايدىغان بولسا، دەل شۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىدەك قىلالايتى.
      ئۇ خوتەننى شۇنداق باشقۇردىكى، بىرەر ئادەم نىياز ھاكىم بېك توغرىسىدا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي مادارى يوق ئىدى. خوتەننىڭ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بارلىق ئادەملىرى نىياز ھاكىم بېك ۋە پادىشالىقنىڭ خىزمىتىدىن زادىلا بىكار بولۇپ ئارام ئالالمايتى. زۇلۇم- جەۋرىنى شۇ قەدەر قىلىدىكى، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جەۋرى- زۇلۇم بولمايتى. ئەگەر بۇلارنى بىر- بىرلەپ بايان قىلساق، سۆزىمىز ئۇزاققا سۇزۇلۇپ كېتىپ، كۆڭۈل قارىلىغىدىن باشقا نەرسە پىكىر ۋە تەپەككۈردىنمۇ ئارتۇق ھەم تاشقىرى ئىدى. ھەرقانچە يىراقنى كۆرەلەيدىغان زامان بىلەرمەنلىرى تەپەككۈر بېشىنى خىيال تىزىغا قويۇپ، پىكىر دەرياسىغا چۆمۈپ، سەكرەپ- سەكرەپ چىقىپ جەۋلان قىلسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ مۇرات ساھىلى ۋە مەقسەت قىرغىغىغا يېتەلمەيتى ۋە ئۇنىڭ نەزەرلىرىگە جىلۋە قىلىپ تەڭ كېلەلمەي، ئەگەر ئۇنىڭ تەرىپىنى يازماقچى بولغان خوش قەلەممۇ دۆۋەت دەرياسىغا چۆككىنچە بېشىنى ئۈستۈن تارتىپ ئالالماس ئىدى. دىمەك، مۇشۇنداق ئەقىل- پاراسەتلىك ۋە زېھنى زىرەكلىك خىسلەتلىرىنىڭ ھەممىسىلا نىياز بېكنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، يەنە بۇلارنىڭ ھەممىسىلا جانابى بەدۆلەتنىڭ ئاپتاپ دۆلەتلىرىنىڭ نۇرى شولىسىدىن پەيدا بولغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن بىر نەمۇنە ۋە نىشانە ياكى بىر زەررىچە ئەسەر ئىدى. دىمەك، يەنە بىر تەرەپتىن جانابى ئاتالىق غازىنىڭ كاتتا ۋە زورلۇغىنى يەنە بۇنڭدىمۇ قىياس قىلىپ بىلەرسىزلەر. ھالبۇكى، شۇنداق تۇرۇقلۇق، نىياز ھاكىم بېكنىڭ تەدبىرى جانابى ئالىنىڭ تەدبىرلىرىدىن غالىپ كېلىپ، ئاقىۋەت جانابى بەدۆلەتنى قەھرى ھىلاكەت بىلەن مەغلۇپ قىلدى. لېكىن، ئالى مۇقاملىق جانابى ئاتالىقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىلتىپات ئىشەنچىلىرى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما نىياز ھاكىم بېكنىڭ ئۇنىڭ بولغان ھىلە- مىكىر ۋە خىيانەتلىرى يۈز ھەسسە ئارتۇق ئىدى.
       بىر چاغدا نىياز ھاكىم بېك ئۆزىنىڭ بىر تاغىسىنى لەنجۇ سېڭغا بېرىپ، ئۇ جايدىكى خىتاي مەنسەپدارلىرىن ئامان- ئېسەنلىك سوراپ، بەلكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ يول باشلاپ كېلىش ئۈچۈن، لوپ ئىچىدىكى بىر جەزىرىدكى يول بىلەن ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ نەچچە ئاي ۋە بىرقانچە مۇددەت چۆل- جەزىرىلەردە مۇشەققەت تارتىپ يولسىز بېرىپ، ئۇلاردىن خەت- خەۋەر ئېلىپ كەپتۇ. ئوبدان پەملەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىچىگە قۇدۇق كولىتىپ، ئاغىزىنى ئەخلەت بىلەن ياپتۇرپ، ئۈستىگە كىگىز بىساتلارنى تاشلاپ، بىلدۈرمەستىن مەزكۈر تاغىسىنى شۇ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، قۇدۇق تەرەپكە تەكلىپ قىلىپتۇ. تاغىسى بۇنى ئۇقماي بىر قەدەمدىلا قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ – دە، نىياز ھاكىم بېك زەمبىللەردە توپا- تۇپراق، قۇملارنى ئالدۇرۇپ، قۇدۇققا توشقۇزۇپ كۆمۈدۈرۋېتىپتۇ. بىر مەھرەم بۇنى كۆرۈپ سۈرەت- ۋەقەنى جانابى بەدۆلەتكە مەلۇم قىلىپتۇ. ئۇ مەلۇماتنى ئوبدان كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، نىياز ھاكىم بېككە ئىنايەتنامە چۈشۈرۈپ، «پالانى مەھرەم سىزدىن شىكايەت قىلىپ ئەرز بەرگەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئەسلا ئىشەنمىدىم، مەزكۈر مەھرەمنىڭ جازاسىنى بەرگەيسىز» دەپتۇ. ئىنايەتنامە تەككەن ھامان نىياز ھاكىم بېك مەھرەمنى يوق قىلىپتۇ.
        شۇنىڭدەك، جانابى ئالى ئاتالىق باقى ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، نىياز ھاكىم بېك خوتەنگە بېرىپ، ئۆزىنڭ تەن- ۋۇجۇدىدا مەخپى ساقلاپ كەلگەن ئاداۋىتىنى ئاشكارە قىلىپ، دۈشمەنلىك ۋە قارىشلىق نەغمىسىنى ئالاھىدە چالدى، بېك بەچچە خوتەنگە بارغاندا، ئوتتۇز مىڭ ئادەمگە ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن بېك ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى باش قىلىپ جەڭگە چىقاردى. زاۋا دىگەن شەھەردە قاتتىق جەڭ- جىدەللەر يۈز بېىپ، ناھەق قانلارنىڭ تۆكۈلىشىگە سەۋەپ بولدى. خوتەن لەشكەرلىرى باراۋەرلىك قىلالماي قاچتى. نىياز بېك ھەممە ئەسكەرلىرىنى توپلاپ، توپ، زەمبىرەكلىرىنى تەييارلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىغىنى ئاڭلاپ، توپ، زەمبىرەكلىرىگە ئوت قويۇپ، خوتەن خەلقىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى قىرىشنى قەستلىدى. خىزمەتچى ۋە باشقا مۇھىم دۆلەتخانلىرى بۇ قەبىھ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ يىغلاپ تۇرغاندا، بۇ نالايىق پەيلىدىن توختاپ، «مەيلى ئەسكەر ياكى پۇقرا بولسۇن، ئوردا ئىچى ۋە غەزنىلەرنى بۇلاپ- تالاپ ئالسۇن» دەپ تالان- تاراج قىلىشقا بۇيۇرۇق بېرىپ، خاس ئىشەنچىلىك ئادەملىرى بىلەن نەخدانلارغا نەقدىنەلەرنى قاچىلاپ، كىرىيە يولى بىلەن خىتايغا قاراپ ۋە خىتايدىن ياخشىلىق ئۈمۈت كۈتۈپ، كورلىنى كۆزلەپ راۋان بولدى. ئۇ بۇرۇنلا بۇ جايدكى ھەر بىر مەنزىلدە ئاتلارنى تەييارلاپ باقتۇرۇپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ئەمدى ھەر بىر مەنزىلگە يەتكەندە بۇ دەملەنگەن ئاتلارنى ئالماشتۇرۇپ مىنىپ داۋاملىق يولغا چىقتى. لېكىن، بۇرۇن مىنىپ بارغان ئاتلىرىنىڭ پەيلىنى كىسىپ ئىشتىن چىقاردى. شۇنداق قىلىپ ئون ئالتە كۈنلۈك يولنى تۆت كۈندە بېسىپ تۈگەتتى. ئۇ قاچقان يوللىرىدا ئۇچرىغانلا ئەنجانلىق يىگىت ۋە ياكى سودىگەر قاتارلىق مۇساپىر نامىدا ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنىلا يوق قىلدى. قاراۋۇلدا تۇرغان تاش بەچچە دىگەن ئادەم باشلىق ئوتتۇزچە مۇساپىر يىگىت بارئىدى. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئويدۇردى. ئاندىن كېيىن ھەممىسىنى يوق قىلدى. ئەبۇلقاسىم پانسەتلەر سەككىز يۈز يىگىت بىلەن قوغلاپ بارغان ئىدى لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئاتلىرى چارچاپ قۇملۇقتا توختاپ قالدى. پەقەت تۆت يۈزچە يىگىت نىيە دىگەن شەھەردە ئۇلارغا يەتتى. ئارىدا جەڭ- قاتال باشلاندى. ئىككى تەرەپتىن ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم زىيان بولدى. يىگىتلەر ئازلىق قىلىپ ئۇنى تۇتالمىدى. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا بايان قىلىغان ئىدى.
       نىياز بېك شۇنداق نىيەت بىلەن كورلىغا چىقىپ، خىتايلارغا قوشۇلدى. بۇ چاغدا خوتەندىن قازى كالان موللا ئوسمان قاتارلىق ئىسلامى شەرىئەتپانا دىنىي ئۆلىما ۋە شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ ھۆكۈمى بوييىچە پەتىۋا چىقىرىپ، ئاسى نىياز بېكنى مۇناپىق ۋە كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلدى- ئەئۇزۇبىللا، مۇنداق نىيىتىدىن خۇداغا پانا تىلەيمىز.
      بۇ كۈنلەردە خىتايلارنىڭ ئۈلۈمى لڭشەي دارېن بايدا، زۇڭتۇڭ دارېن [207] ئاقسۇدا ئىدى. نىياز بېك ئېلىپ بارغان ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى خىتايلارغا بەردى. لوشەي دارېن بىلەن زۇڭتۇڭ دارىنغا نىياز بېكنىڭ كەلگەنلىگى خەۋەر قىلىندى. «كەلسۇن» دىگەن يارلىق بويىچە، بۇ مۇناپىق نىياز بېك كېلىپ لوشەي داېرىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن كاشىغەرگە باردى. بۇ چاغدا لوشەي دارېن ئاقسۇدا، زۇڭتۇڭ دارېىن كاشىغەردە، دۇڭ دارېىن [208] ياركەنتتە ئىدى. كۆرۈشۈپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، بۇ مەنساپدارلارغا ئەھۋالنى سۆزلەپ «خوتەنگە ئون ئىككى يىللىق ھاكىم بولدم، خوتەن ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ خانىغا بېرىدىغان ئون ئىككى يىللىق مەھسۇلاتنى ئېلىپ، مەخپى ساخلاپ قويغان ئىدى. ئەگەر يارلىق بولسا، مەخپى ساقلاپ ئۇلۇغ خانغا بەرمەكچى بولغان غەزنە ھەقلەرنى ئچىپ چېرىكلەرگە تاپشۇرسام، بۇرۇنقى پادىشاغا بولسا بۇنىڭ ئارتۇق قىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ئالدام تۇرغان ئىدىم» دىگەندە، زۇڭتۇك دارېىن «مەن ياركەنتتە تۆتىنچى جەرەكلىك ئىشىك ئاغا ئىدىم» دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. ئاندىن زۇڭتۇڭ دارېن «سىنىڭ كۆڭلۈڭ يامان ئىكەن،ئىشنى چوڭ قىلىپ بىر چوڭ شەھەرگە ھاكىم قىلسا، تۈر بەرگەن ئۇلۇغۇغۇڭغا خىيانەت قىلىپسەن، ئانچە ئوبدان ئادەم ئەمەس ئىكەنسەن، دەپ پىسەنت قىلماپتۇ» ئاخىرى مەنسەپدارلارنى خوتەنگە ئاپىرىپ، مەخپى ساقلىغان غەزنىلىرىنى بىر- بىرلەپ ئېچىپ، چېرىكلەر ھەققى دەپ ئالدىغا قويدى.
       ئەسلىدە خوتەن شەھىرىدىكى ئوردا بېشىنىڭ بىر تەرىپى پەس، يەنە بىر تەرىپى ئىگىز زىمىن ئىدى، نىياز بېك بۇ جايدا شېھىتلار بار ئىكەن دەپ ، ئەتىراپىغا ئىگىز تاملارنى سالدۇرۇپ، ئىچىگە قارىخانا، ئەھتىكاپخانا، مېھمانخانا، ئاشخانا، ئاتخانا، مەسچىت، زىيارەتگاھلارنى بىنا قىلدۇرۇپ، يەنە ئىككى قەۋرە ياساتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىگە بىر مىڭ بەش يۈزدىن يامبۇ ۋە نەچچە چارەك زىقچە ساپ ئالتۇن كۆمگەن ئىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتا تۇغ شادا ۋە ئەلەم، بايراقلارنى ئورنىتىپ، بىر كاتتا ئالى مازار زىيارەتگاھلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. يەر- زىمىن، دۇكانلارنى ئېلىپ، مەزكۈر مازارغا ۋەخپى قىلىپ، ھوسۇلنى قارىلارغا ۋە ئەھتىكاپچى دۇئا گۇيلارغا بېرەتتى. ھەر دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى كالا ۋە نەچچە قوينى سويدۇرۇپ، كەڭرى نەزىر قىلىپ، غېرىپ، بىچارىلەرگە بېرىپ، دۇئاسىنى ئالاتتى. ھىندىستان، تۈركىستان ياكى فەرغانە ۋىلايىتى، بەدەخشانلاردىن كەلگەن ھەزرەت، ئەپەندى، ئىشانلارنى مەزكۈر مازاردا بىر ھەپتە، ئەقەللى ئۈچ كۈن دۇئا ئېھتىكاپتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارنى قۇبۇل قىلىپ، «بۇ مازارى شېرىپنىڭ پەيزى سىرلىرى قانداقراق ئىكەن. بىرەر كەشپى كارامەتلەر بولدىمۇ- قانداق؟» دەپ سورايدىكەن. دۇئاگۇي تاماخورلار بولسا، «ناھايتى ئۇلۇغ مازارى شېرىپ ئىكەن. بىزگە ھىچقانداق بىر مازارى شېرىپتە بۇنچىلىك پەيزى بولمىغان ئىدى. پەيزى كارامەتنى بۇ مازارى شېرىپتىن كۆردۇق» دىگەندە، ئۇ تەبەسسۇم قىلىپ، «بۇ مازارى شېرىپ ئىلگىرى مەخپى ئىكەن. پەقەت جانابى ئالىنىڭ دۆلەت كۈچىدىنلار ئاندىن ئاشكارە بولدى. نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاجىتى راۋا بولۇپ، مۇرات- مەقسەتلىرىگە يەتتى» دەيدىكەن. مەزكۈر جايغا كۆمۈلگەن ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بارغان ياكى يەرنى كولاپ كۆمگەن ھاشارچى ۋە ياكى يىگىت مەھرەملەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي، غەزنە ئويغان جايغا بىللە دەپنە قىلىدىكەن ياكى بۇ سىردىن ئازاقلا خەۋىرى بولغان ئادەملەرنىمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن بىللە يوق قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ غەزنىنىڭ بارلىغىنى ھىچكىممۇ بىلمىگەن ئىدى. ئاخىرى ئۇ خىتايلارنى خوتەنگە باشلاپ بېرىپ، مەزكۈر مازارنىڭ تۇغ،ئەلەم ۋە بايراقلىرىنى تامامەن يۇلۇپ تاشلاپ قەۋرىنى ئېچىپ، ئىچىدكى ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، چېرىكلەرنىڭ ھەققى دەپ تاپشۇردى. ئەسلىدە بولسا بۇ ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى مەخپى ساقلاپ، ئۇنى مازارى شېرىپ دەپ، ھەزرەت، ئىشان، دۇئاگۇيلارنى ھاماقەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئالداپ يۈرگەن ئىكە.

[align=justify]
       نەزىم:

[align=justify]
      ئىنسان ئەگەر ئاچسا تەلبىسغە① ئېغىز،
      بىچارە بولۇپ ئىبلىس لەئىن بى تەمىز②.

       دىگەن تەمسىل بۇ بېكنىڭ شەنى ئەھۋالىغا بەمۇ ماس كېلىدۇ.
     ئۇ يەنە بىر باغدا يەنە بىر مىڭ يامبۇنى مەخپى كۆمۈپ، ئۈستىگە ئانار، ئۈزۈم، شاپتۇل قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكىپ باغ قىلغان ئىكەن. ئەمدى بۇ دەرەخلەرنى يۇلاپ تاشلاپ، يامبۇلارنى ئېچىپ خىتايلارغا تاپشۇردى. يەنە باغنىڭ ئىچىدىكى كۆلنىڭ تېگىگە كۆمگەن ۋە بېجىن ئەھلى كۆرسە ناھايتى مەمنۇن بولىدىغان ئىسىل قاش تاشلارنى ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. يەنە يەتتە يۈز يامبۇ ۋە بىرمۇنچە ئالتۇننى ئېلىپ، چېرىكلەر ھەققى دەپ تاپشۇردى. ئۇ ئەنە شۇنداق قىلىپ تولا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە پاكىز قاش تاشلىرىنى

     ① تەلبىس – ھىلە- مىكىر.
     ② لەئىن بىتە مىز – لەنەتلىك.

     مەخپى ساقلىغان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ، مەنسەپدارلارنىڭ ئادىغا قويدى. ھەممە چوڭ- كچىك خىتايلار بۇنى كۆرۈپ، تەھسىن- ئاپرىنلارنى قىلىپ، بۇنداق ئەقىدە- ئىخلاسلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياركەنت ھاكىملىغىنى بەردى.
     لېكىن، نىياز بېك ئۆز كۆڭلىدە مەنساپدارلار ناھايتى چوڭ جۇلدۇ- جاساق يەنى مىراسى مەنسەپ بېرىدۇ دىگەننى كۆزدە تۇتقان ئىكەن. ياركەنت ھاكىملىغىنى بولسا نەزەرگە ئالمىدى ۋە «مەن ئەقىدە قىلىپ، ئارزۇ- تەلەپ قىلغان خىتايلار بۇ خىتايلار ئەمەس ئىكەن» دەپ كۆڭلىنى بۇزۇپ، يەنە بۇرۇنقى ئادىتىنى يېڭىلاپ، بۇ خىتايلارغىمۇ نىيىتىنى بۇزدى. ياركەنت مەخپى ئىشخانا پەيدا قىلىپ، قورال- ياراق تەييارلاشقا باشلىدى. شەھەر، سەھرالاردىكى بۇرۇنقى تۇزكور ئادەملەرنى بىر- بىرلەپ مەخپى چاقىرىپ، ۋەدە ھەم ئايەتلەر بىلەن خوش قىلدى. قاتتىق قەسەم- ئانىت ۋە شەرتلەرنى قىلىپ ئۆزىگە تارتتى. ئۇلارنى ئۈمىتۋار قىلىپ، ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى تەيىنلىدى. لېكىن ھەدىس شېرىپتە «ھەر قانداق ئادەم كىمگە ئورا كولىسا، دەل شۇنىڭغا ئۆزى چۈشىدۇ» دىگەن بويىچە ئىش ئۆزىگە ياندى. چۈنكى، بىر قونداقچى ئۇستىنىڭ نىياز بېكتىن كۆڭلى ئاغىرغان ئىدى. دۇڭ دارىنغا بۇ ۋەقەنى بايان قىلدى. دۇڭ دارېن مەخپى كىشى ئەۋەتىپ،ئەھۋالنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ، بىر خان ئوقى بىلەن يىگىرىمە چېرىك ئەۋەتتى.ئۇلار نىياز بېك ئولتۇرغان ئۆيگە ئوقنى قاداپ قويدى. ئۇنىڭ ئۆز ئۆيى خۇددى زىندانغا ئوخشاش ھەپسىخانا بولدى. ياركەنتنى كۇچارلىق قادىر ئىشىك ئاغاغا بەردى. بۇ ئارىدا يىگىرىمە كۈن ئۆتتى. كاشىغەردىن بىر ئامبان بىر لەڭزە چېىكلىرى بىلەن كېلىپ، نىياز بېكنى قۇرۇق ھارۋىغا سېلىپ، مەھكەم بېكىتپ، كۈندىزى يالاپ بازار ئايلاندۇرۇپ، خار ۋە ئېتىۋارسىز قىلىپ، كاشىغەرگە ئېلىپ ماڭدى. نىياز بېكنىڭ ئەسلى تەبئىتى مۇسۇلمانلارغا، بەلكى ئىسلام شېرىپقا ئاداۋەت بىلەن تولغان ئىكەن. بىر نازىم مەرھۇم خۇددى بۇنى بىلىپ كارامەت قىلغاندەك، ئۇنىڭ زالىم ۋۇجۇدى بۇ دۇنيا نۇرانىغا كېلىشىدىن بۇرۇنلا، ئۇنىڭغا لايىق كېلىدىغان مۇنداق بىر شېئىرنى ئېيتقان ئىكەن.

     نەزىم:

[align=justify]
     گەر قارا تۇقۇلسا ئەزەلدىن كىشىنىڭ گىلەمى،
     ئابى زەمزەم① بىرلە ئاقارماس ھەرنەچە يۇيغان گىلەمى.

     گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، نىياز بېك ئالدى بىلەن كۇچارلىق خوجاملارنىڭ دۆلەت چىراقلىرىنىڭ خىرە بولۇپ ئۆچۈشىگە سەۋەپ بولدى. ئاندىن جانابى ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ ئەمرى پەرمانى بىلەن خوتەندە ئالتە ھاكىملىق كاتتا يۇرتقا ۋە يەتتە يۈز دىۋان، قىرىق كۈنلۈك مۇساپە ئارلىغىدىكى كەڭ زىمىنغا مۇستەقىل ھاكىم بولۇپ، ئۆز ھۆكۈمىنى ئۆزى خالىغانچە ۋە ئۆز مەقسەتلىرىنىڭ بېجىرىشىگە ئىگە بولدى. لېكىن ئۇ شۇنداق دۆلەت ۋە مەنسەپكە قانائەت قىلماي، مۇسۇلمانچىلىقتا ئۆتكەن ئۆمرىنىڭ قەدر- قىممىتىنى بىلمەي، شۇكرانە نېئىمەت ئورنىغا كۇفۇرانە نېمەتنى ئالماشتۇرۇپ، خىتايلار ۋە دىنسىزلاردىن مەنسەپ تاما تۇتۇپ، ۋاپا ئۈمىت قىلىپ، مۇناپىق ۋە كاپىر بولغانلىغى بولسا، ئۇنىڭ كامالى ھاماقەت ۋە بىدۆلەتلىك نىشانىسىنىڭ ئاشكارە بولغانلىغى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

[align=justify]
     نەزىم:

[align=justify]
    نېئمەتنىڭ ئارتار شۈكرانە نېئمەت ئەيلەسەڭ،
     قوللارىڭدىن پات كېتەر كۇفرانە نېئمەت ئەيلەسەڭ.

    (1) ئابى زەمزەم – زەمزەم سۈيى.

     شۇنىسى ئايانكى، ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەتكە ئىگە بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئۇلۇغ نېمەت ئىگىسىگە خىيانەت قىلدى. بەلكى ئۇنىڭ يوق بولۇشىغا كۈچلۈك سەۋەپچى بولدى كېچىك بېكنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، ئۇنى چوڭ بېكنىڭ ناھەق قانلىق ئوقىغا نىشان قىلدى. بۇ ۋەقە يۇقىرىدا سۆزلەندى.
     نىياز بېك جانابى ئالىغا بەرگەن زەھەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزگىنىڭ كۆزىدە ساقىلغان ئىكەن. ئۇ خىتايلارنىڭ غەزىۋىدىن قورقۇپ، زەھەرنى ئۈزۈك كۆزىدىن ئېلىپ ئاغىزىغا سالدى. يۇرۇق جاھان ئۇنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ، بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. بۇنداق قەبىھ ئەتىۋار ۋە مىجەز- خۇلقىنىڭ جازا مۇكاپىتىنى دەل مۇشۇ ئالەمنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇچۇق كۆردى. مەنسەپدارلار ئۇنىڭ جەسىدىنى ئۆلگەن جايدىن يۆتكەتمەي ۋە ناماز، خەيرى- سەدىقىلەرنىمۇ قىلدۇرماي، قىرىق كۈن توختىتىپ، ئاندىن ھاراق- شاراپلار بىلەن يۇيغۇزۇپ، سېستىپ، نىجىس جەسەت قىلىپ، چېرىگەندىن كېيىن دەپنە قىلىشقا جاۋاپ بەردى.

[align=justify]
    نەزىم:

[align=justify]
     يامان قىلماق پەيدا قىلۇر، ياخشى ئىش ياخشى.
     ئارپادىن ئۈنەر ئارپا، كى بۇغدايدىن ئۈنەر بۇغداي.

     ئەلقىسسە، ئاڭلىماق كېرەككى، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل ياركەنتتە ئون ئىككى يىلدىن كۆپرەك مۇستەقىل ھاكىم بولدى. ئۇنىڭ دۆلەت ئابرۇيلىرى نىياز ھاكىم بېكنىڭ دۆلەت ئابرۇيلىرىدىن ئارتۇق ئىدى. يۇرتدارچىلىق، غەللە- پاراق ئېلىش ئىشلىرىدا بولسا شەرىئەت شېرىپىگە قىلچىمۇ مۇخالىپ ئىشلارنى قىلمايتى. ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ شەرىئەتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى قاتتىق ئېھتىيات بىلەن ساقلايتى ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلاتتى. ئۆز ۋاقتىدا ھىچبىر كىشىگە زۇلۇم تەئەدى قىلىشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدى. لېكىن خاقانى ئەھلى قەدەم قويغان چاغدا، قورقۇنچىدىن نۇرغۇن ئەمىرائىلار، يىگىت، سەرۋازلىرى بىلەن بىللە سېرىق قول تەرەپكە قاچتى. لېكىن، داۋانلارغا قار چۇشۇپ، سوغاق قاتتىق بولوپ ئۆتەلمەي، ياركەنتكە يېنىپ كەلدى- د ە، مەنسەپدارلارغا ئۇچراپ قالدى. مەنسەپدارلار بۇلارنىڭ بىرقانچىسىنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلدى. خۇسۇسەن مەنسەپدارلار شاغاۋۇل دادخۇاغا قاراپ، ئىززەت- ئېكرام بىلەن «سىز ناھايتى ئوبدان ئادەم ئىكەنسىز، مەن ئاڭلاپ قالدىم. لېكىن سىزنىڭ ئەيىبىڭىز بولسا، يېرىن يەنى بۆلەك ۋىلايىتنىڭ ئادىمى بولغانلىغىڭىزدا، تۇرىمەن دىسڭىز ئادەم قوشۇپ، يول خىراجىتى بېرىپ يولغا سالىمەن» دەپ ئىلتىپات قىلغاندا، ئۇ «يۇرتۇمغا چىقىپ كەتسەم» دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. زۇڭتۇڭ دارېىن ئاشكارە دۈشمەنلىگى بىلەن، بەش يۈز سەر كۆمۈش ۋە ئات بېرىپ ئادەم قوشۇپ، فەرغانە ۋىلايىتىگە تاپشۇردى. ئۇ خەلققە قىلغان ياخشىلىغىنىڭ نەتىجىسىنى بۇ ئالەمدە ئۆز كۆزى بىلەن ئۇچۇق كۆردى.

[align=justify]
     نەزىم:

[align=justify]
     جاھاندا ياخشىلىق قىلغان كىشىنىڭ ئاتى ئۆچمەيدۇ،
     يامانلىق قىلغان ئادەمنى قايان كەتتى دىمەس ھىچكىم.

    بۇ سۆزلەرنى تەپسىلى ۋە ئۇزۇن بايان قىلىشتىكى تەلەپ ۋە مۇددىئا شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمى ۋىلايەت، مەمىلكەت ئەمەلدارلىرى دىيانەتلىك مەنسەپدارلارنىڭ يۇنۇسجان شاغاۋۇل بىلەن نىياز ھاكىم بېكنىڭ ۋەقەلىرىدىن ئىبرەت ئالسۇن دىگەنلىكتىن ئىبارەت، چۈنكى، مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل بىلەن نىياز ھاكىم بېك ھەر ئىككىسىلا بىر پادىشانىڭ ھۆكۈم ئىلكىدىكى ئادەملەر بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا بىر زاماندا ئىككى كاتتا شەھەرگە ئوخشاشلا مۇستەقىل ھاكىم بولغان ئىدى. سائادەتلىك يارلىق ۋە پەرمانلار بولسا ھەر ئىككىسىگىلا تەڭ ۋە باراۋەر چۈشەتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىش ئەھۋاللىرى ۋە ئاقىۋەت ھاللىرىغا چوڭقۇر نەزەر بىلەن قاراپ، تاماشا ۋە ياخشى سەيىر قىلىش كېرەككى، ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دۈشمىنى سەمىمى دوست بولۇپ، ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئىزەت ۋە ھۆرمەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ خاھىش ۋە مۇرادىنى ئۆز خاھىشى ۋە مەقسەتلىرىدەك ئادا قىلىپ، ھال- جاھانلىرىغا ئامانلىق بېرىپ، ھەتتا نەق پۇللارنىمۇ ئاتا قىلىپ، ئۆز ئۈلۈش ۋە خىش ئەقرىبالىرىغا ئۇلاندۇرۇپ قوشتى. يەنە بىرىسگە بولسا ئۆزىنىڭ جان دوستى، ھەتتا ئىككى ئالەملىك قېرىندىشى ئۇنىڭ جان دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۆز ھىمايىسىگە ئالماي، ئىززەت ۋە ئېتىۋاردىن ئايرىپ، خارلىق ۋە بىچارلىك دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، پۇل ۋە مال- جانلىرىنى ئېلىپ، مەقسەت ۋە ئارزۇلىرىدىن بىبەھرە ۋە نائۈمىت قىلىپ، ئەل- ئۇلۇسى، قەۋمى- قېرىنداشلىرىدىن جۇدا قىلىپ، پۇل ۋە ماللىرى، بەلكى شىرىن جانلىرىغىمۇ ئامانلىق بەرمەي، زىمىن قەھرىگە تاپشۇردى. دىمەك، پۇقرا- خالايىقنىڭ مول ئەئىشىتى ۋە تىنچ- پاراۋانلىغىنى كۆزلەپ، ئادالەت ۋە ئىنساپ يولىنى ئۆزىگە لازىم تۇتقانلار، ئۇنىڭ نەتىجە ۋە ئەسىراتىنى بۇ مۇكاپاتى ئالەمدە ئۇچۇق- ئاشكارە كۆرەلەيدۇ. پۇقرا- خالايىقنىڭ پۇل ۋە ماللىرىنى سەل چاغلاپ، زۇلۇم تەئىدى قىلىپ، خالايىقنىڭ كۆز ياشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ئېھتىيات قىلغانلارمۇ، ئۇنىڭ نەتىجە ۋە ئەسراتىنى بۇ رەھىمسىز ئالەمدىن كۆرەلەيدۇ. لېكىن، ياخشىلىق قىلغانلار بولسا قىيامەت جەننىتى فىر دەۋىسنى جان- ماكان قىلىش ھەقىقەتتۇر. مۇبادا يامان خۇلقى- مىجەزنى ئۆزىگە ازىم تۇتقانلار بولسا، ئۇلارمۇ خۇددى ئايەت كېرىمدە كۆرسىتىلگەندەك جەھىم ئاتلىق دۇزاققا سىقىم ۋە ئازابۇ- ئەلەملەرگە مۇپتىلا بولۇپ، ئەبدىل- ئەبەت بۇ جايدا قېلىشىمۇ ھەقىقەتتۇر.

2008/1/6 01:36
6 kalgunqi تارتقان ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ! 2008/1/7 01:01
7 Ghunche

17

ئۇ زۇلھەلدەك① يۈكسەك دەرىجىلىك جانابى بەدۆلەتنىڭ زامانە- ئەسىرلىرىدىكى مۇشتەرى② تەلئەتلىك ۋە سالاھىيەتلىك ئۆلىمالات، ئەتارىد③ تەربىيىلىك مۇنشى- مىرزىلار، بەھرام④ سەۋلەتلىك قانخۇمار ئەسكەرلەر بايانى



[align=justify]
    زامانى دانالىرى ۋە گۈزەل سۆزلۈك مەۋزۇن ساز تەبىئەتلىك

    ① زۇلھەل – ساتۇرىن.
    ② مۇشتەرى – يۇپتېرى.
    ③ ئەتارىد – مىركۇزى.
    ④ بەھرام – ئىران ئەپسانىلىرىدىكى قەھرمانى.

    دەۋران فازىللىرىنىڭ زىھىنلىرىدىن مەخپى قالمىغايكى، بۇ يەتتە شەھەر تەۋەسىدىكى ئالى دەرىجىلىك مازارى ماشايىخلار روھىنىڭ ئۇلۇغ مەدەتلىرى ۋە پەزىلەتلىك دۇئاي-دەۋەت ئىگىلىرىنىڭ دۇئاي خەيرات ئاسارەتلىرىنىڭ ئىجابىتى شاراپەت بەرىكىتىدىن، جانابى ئالى بەدۆلەت بۇ يەتتە شەھەر ئاھالىسىگە ئون تۆت يىل ھۆكۈمران بولدى. ئەگەر ئەرۋاھى ھەزىرەتلەرنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە ئەھلى قۇتىپ، چىلتەنلەرنىڭ مەدەت-ياردەملىرى بولمىسا، ئۇنىڭ بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەتكە مۇيەسسەر بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
      «نەفھاتلئونىس»(209) دىگەن كىتاپتا زىكىر قىلىنىشچە، ئاسماندىن يامغۇر يېغىشى ۋە زىمىن ئۈستىدىكى گىيا-ناباتاتلارنىڭ كۆكۈرىشى بولسا، ئەۋلىيائى ئەززەملەرنىڭ قەدەم شېرىپلىرىنىڭ بەركىتىدىن بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلار ئۈستىدىن غالىپ بۇلۇشىمۇ، ئۇ ئەۋلىيائى كېرەملەرنىڭ ھىممەت ۋە نۇسىرەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بۇ زاتلارنىڭ سانى تۆت مىڭ، ئالەمنىڭ ئىگىسى ئەنە شۇلاردۇر. بۇلار بىر-بىرىنى تونىمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىغىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار ھەرقانداق چاغدا خالايىقتىن مەخپى يۈرىدۇ. ئەقىدە مەسىلىلىرىنى يەشكۈچى زاتلار ۋە دەرگاھى ھەقنىڭ ئۇلۇغلىرى بولسا ئۈچ يۈزدۇر. بۇلارنى “ ئەخيار” دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قىرىق تەننى “ئەبدال” دەپ ئاتايدۇ ۋە يەتتە تەننى “ئەبرار” دەپ ئاتايدۇ. تۆت تەننى بولسا “ئەۋتاد” دەيدۇ ئۈچ تەننى “نۇقۇبا” دەيدۇ.بىرىنى بولسا “قۇتىپ” ۋە “غەۋس” دەپ ئاتايدۇ.بۇلار بولسا بىر- بىرىنى تۇنۇيدۇ. ھەر بىر ئىشتا ئۇلار بىر-    بىرىنىڭ رۇخسەت-ئىجازەتلىرىگە مۇھتاج بولىدۇدەپ بايان قىلىنغان.
      بۇ مۇقەددىمىنى يېزىشتىكى تەلەپ ۋە مۇددىئا بولسا جانابى ئاتالىق غازى دەۋىردىكى ئۆلمالارنى ۋە ئۇلارنىڭ خىسلەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت.جانابى ئاتالىق غازىنىڭ دەۋىرى ۋە زامانلىرىدا ئۇلارغا ئوخشاش سەيىت كۇبىرائى كېرەملەر، ئۆلمائى ئىزام ۋە پەزىلەتلىك ئالى مۇقاملار كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ نۇسرەت نەمۇنىلىق قۇشۇنلىرى سەكسەن مىڭدىن ئارتۇق ئىدى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ غەلبە ئەسراتلىق قۇشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە پەزىلەتلىك بىرنەچچە دىندار كىشى بار ئىدى. ئۇ زاماننىڭ ماشايىخ ۋە ھەزىرەتلىرى ئۇلارنىڭ ئىبادەت ۋە رىيازەتلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ بەرپا ۋە ئادا قىلالمايتى.ئەمما ئۇلار بىپاك يامان ئادەتلەردىنمۇ خالى ئەمەس ئىدى. دىمەك، سالاھىيەتلىك ئۆلمائى ئەززەملەر دائىرسى ۋە غەلبە ئەسراتلىق ئەسكەرلەر ياكى پۇقرا-خالايىقنىڭ ئىچىدىكى ئەخيارى كېرەملەر ۋە ئەبرارى ئەززەم ئالى مۇقاملار بۇنداق ئىشلاردىن خالى ئەمەس بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇ زاتلار مەخپى ۋە مەستۇرە ئىدى. ئەڭ دەسلەپكى ھايات ئىگىسى بولغان ئاللا تائالا بۇ دەرىجە ۋە مۇقاملارغا ھەر كىمنى خالىسا يەتكۈزىدۇ، بۇ ئۇلۇغ دۆلەتنى كىمنىڭ يۈزىگە ئېچىشنى خالىسا شۇنىڭغا ئاشكارە قىلىدۇ. ئايەت كېرىمدىمۇ “بۇ بولسا خۇدانىڭ فەزلى، خۇدا ئۇنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خۇدا چوڭ پەزىلەتنىڭ ئىگىسىدۇر” دەپ كۆرسىتىلگەن.
      بۇ زاماندا پەيغەمبەر ئەۋلادىغا مەنسۇپ سەيدلەر، پەزىلەتلىك دۇئا ئىگىلىرى، شەرىئەت ئۆلمالىرى، فۇقۇھا ئىلىمىنىڭ ئالىملىرى كۆپ ئىدى. بۇلار بولسا ئاتالىق بەدۆلەتنىڭ دۆلەت سۈرگەن ۋە ئىنتىزاملىق مەملىكەت قۇرغان دەۋىردىكى پەزىلەتلىك ئالىملار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ زاماندا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق ئامانەت كىيىمىنى تاشلاپ، ئۇ دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ھايات كىيىمىنى كىيىشنى خالىدى. بەزىلىرى بولسا بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق دائىرسىدە قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۈزرۈك خان تۆرەم بىننى جاھانگىر خان تۆرەم بار ئىدى. ئۇ بۇ جايدا بىر نەچچە يىل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتەنلىرىگە قايتتى. بۇنىڭ زىكىرى يۇقىردا بايان قىلىندى. يەنە بىرىسى جانابى سەيىد كاتتا خان تۆرەم ئىدى.ئۇ “ئاللا ئۆز دوستىغا جەننەت ئاتا قىلىدۇ ” دىگەن ھۆكۈم ئىشارىتى بويىچە مەڭگۈلۈك باغچىسىغا سەپەر قىلدى ۋە كاشغەردە دەپنە قىلىندى. يەنە بىرى كاتتا خان تۆرەمنىڭ ئىنىسى كىچىك خان تۆرەم ئىدى، ئاقسۇدا دەپنە قىلىندى. يەنە بىرىسى ئىسرائىل خان تۆرەم بۇلۇپ، كونا تۇرپاندا دەپنە قىلىندى. مۇھەممەت رېھىم خان تۆرەم ساق-سالامەت ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ھېكىم خان تۆرەم بىننى كاتتا خان تۆرەمنىڭ زىكىرى يۇقىردا بايان قىلىندى، ئۇ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ، تارىخ ھىجىرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە بىرىنچى يىلى(مىلادى1903-1904-يىلى-ت)
     بۇ ئالەم يۈزىدىن مەڭگۈلۈك باغچىسىغا كەتتى دىگەن خەۋەرلەر بار. ئەھرارخان تۆرەم بولسا سالامەت ئۆز ۋەتىنىگە كەتتى. بۇ پەزىلەتلىك كىشلەرنىڭ ئۇلۇغ پەزىلەتلىرى بولسا خۇددى ئاسماندىكى قۇياشتەك مەلۇمدۇر.
      ئىشان تەبەقەلىرىدىن مەھمۇد خوجا ھەزىرەتلىرى بار ئىدى. ئۇ پەزلى كامالەتتە تەڭداشسىز ئىدى. ئۇ يەنە جانابى ئاتالق بەدۆلەتنىڭ پىر ۋە پىشۋالىرىدىن بىرى ئىدى، بۇ كىشى كاشغەردە ۋاپات بۇلۇپ، شۇ جايدا دەپنە قىلىندى. يەنە ئەخمەت خوجا شەيخۇلئىسلام بار ئىدى. بۇ كىشىنىڭ پەزىلەت ۋە تەبىئەت ئەخلاقىنى تەرىپلەپ يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ كىشى ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە كەتتى. يەنە بىرىسى سەيىد ئەردىلانى بولۇپ، ئۇ موللا، ئۆلما ۋە فۇقۇھا ئىلىمىنىڭ دانا ئالىمى ئىدى. ئۇ ھەزىرىتى ئاپپاقتا دەرسگۇيلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن تالىپلار بۇ كىشىدىن ئىلىم ئوقۇپ مەنپەئەتدار بولغان ئىدى. يەنە شەيىخ خۇداۋەندى تۆمۈرنىڭ نەۋرىلىرىدىن ئىشان تاجى خوجاسۇدۇر بار ئىدى، بۇ مەللە خاننىڭ يېنىدىن مەلىكەئى پەرەڭگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ خىزمەت قىلغان ئەزىز ۋە مۆتىۋەر كىشى ئىدى. كېيىن يەتتە شەھەردىن يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. يەنە ھىندىستانلىق دىۋانە ئاتا ناملىق قەلەندەر مىجەزلىك لېكىن پادىشا سۆلەتلىك بىر قېرى ئاجىز كىشى بار ئىدى. بۇ قادىرىيە[210] تەرىقىتىدە رىيازەت قىلىدىغان، كەشپى كارامەت ئادەتلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان سوپىلاشقان ئادەم ئىدى. ئۇ يەنە ئاتلىق غازىنىڭ پىرى ۋە ئىشەنچىلىك پىشۋالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ھازىر بىر يۈز ئون سەككىز ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تىمەن ۋە قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ھازىر غەۋسىيە داشلىرىنى قاينىتىپ، غېرىپ- بىچارىلەرگە ئاش بېرىپ، ئاجىز- بىچارىلەرگە يار- يۆلەك بولۇپ، ئۈچتۇرپاندا ۋەتەن تۇتتى.
     بۇ چاغدا مەرتىۋىلىكلەر قاتارىدا ھىساپلانغان يەنە بىر مۇنچە قارى بار ئىدى. ھىچقانداق زامان ۋە ئەسىردە بۇنداق بىر جەمئىيەت تەبەقىسى پەيدا بولغان ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە قارى موللا سالىھ دىگەن ئادەم بولسا ئىمام، پازىل، ھاپىزى قۇرئان، خۇش ئاۋاز، مۆمىن دىندار ئادەم بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «سالىھ» (دىنگە ياخشى ئەمەل قىلغۇچى – ت) دىگەن دىنىي ئىسىم بېرىلگەن ئىدى. يەنە پەزىلەتلىك ئۆلىما ئۇستازلاردىن كاشىغەرلىك موللا مۇھەممەت شېرىپ خەلپىتىم بارئىدى. ئۇ ئەللىك يىل، بەلكى ئاتمىش يىل مىقدارى دەرسخۇيلۇق مۇقامدا ئولتۇرۇپ، تالىپلارغا ئىلىم ئۆگىتىپ، ئۇلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئۆمىردە ئەنە شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كەچۈردى. تولا ئىلمى تالىپلار ئەنە شۇنىڭدىن يېتىشىپ چىقتى. ئۇ ئۇزۇندىن بويان ئىلىمنى كەسپ قىلغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ يەنە ئۈچ يۈزگە يېقىن تالىپى خەتمىگەردلىك لاياقىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن دەرس بېرىشكە رۇخسەت ۋە ئىرشات (گۇھاھنامە –ت) ئالدى دەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆمى سەكسەن بەشكە يېتىپ، تارىخ ھىجى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئونىنچى يىلى ماھى شېرىپ رەمەزانىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى (مىلادى 1894- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى – ت) ئالدەمدىن ئۆتتى. يەنە بىرى موللا بىر مۇھەممدى ئاخۇنۇ قازى كالان بولۇپ، ئۇ فۇقۇھا ئىلمىنىڭ ئالىمى، شەرئەتشۇناس، دىندار ۋە ئىنساپلىق كىشى ئىدى. يەنە موللا ئابدۇلرەشىت ئاخۇنۇم ئەلەم بولسا موللا، دىياناتشۇئار، شەرىپەتۋەر كىشى ئىدى. يەنە موللا مۇھەممەت ئاخۇنۇم بولسا ئالىم، خۇش خۇي، گۈزەل سۆزلۈك، دەرسىگۇر، شېئىر مۇئەممادا تەڭداشسىز، مۈشكۈل ئىلىملەردە ئوخىشىشى يوق كىشى ئىدى. يەنە ئابدۇلخالىق ئىشان بوللا موللا بىر مۇھەممىدى ئاخۇنۇم قازى كالاننىڭ بىر تۇققان ئىنىسى ئىدى. ئۇ قادىرىيە ۋە چەشتىيە [211] سۆزلۈك ۋە تەرىقەتچىلەرنىڭ چوڭ پىشۋاسى ئىدى. جانابى ئاتالىق دۆلەتيارنىڭ پىرى ۋە ئىشەنچلىك پىشىۋالىرىدىن بىرى ئىدى. يەنە ياركەنت ۋىلايىتىدىن قازى زىيائىددىن داموللاممۇ ئىلىم ئۇستازى ۋە ئابرۇيلۇق قازى كالان ئىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئىسلام پەتىۋا ئىلمىگە، ئەمىرى شېرىپلىرى بولسا « كىشلەرگە بولغان ھۆكۈم ھەق بولۇش كېرەك» دىگەن ئايەتكە مۇۋاپىق ئىدى. بۇ ساق- سالامەت ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. يەنە موللا قاسىم ئاخۇنۇم ئەلەم ۋە موللا نەئمان قازى رەئىسلەرمۇ دەل ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.
      ئىشانلار تەبەقەسىدىن بولسا كىيىر ساھىپ ھەزرىتىم، مىسكىن ساھىپ ھەزرىتىم ۋە ئابدۇلراخمان ھەزرىتىملار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى گويا زامان پادىشاسى ۋە دەۋران ھاكىمىغا ئوخشايتى. ئۇلارنىڭ تەپسىلى تەرپلەشنىڭ ھاجىتى يوق. خوتەندە موللا ئىبراھىم قازى كالان [212] دىگەن ئادەم بارئىدى. بۇ ئالىم، دىيانەتلىك، ھەق سۆزلۈك، ھەقىقەتچى كىشى بولۇپ، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشتا ھەممە قازىدىن ئۈستۈن ۋە غەيرەتلىك، شەرىئەت رىئايەتلىرىنى بەراپ قىلىشتا ھەممە فۇقۇھھلاردىن يۇقىرى ۋە پەۋقۇلئاددە كىشى ئىدى. ئاقسۇدا خوتەنلىك موللا ئابدۇللا ئاخۇنۇم قازى كالان دىگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى مۆمىن، دىندار، ئىنساپ ۋە دىيانەتتە تەڭداشسىز، فۇقاھىيەت ۋە ئادالەتتە ئوخشىشى يوق، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بولسا ئىماملار ۋە مۇجتەھىدلەرنىڭ يولى بويىچە ئىجرا قىلاتتى. ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق، ئىككى كىشىنىڭ دەۋاسى ئوتتۇرسىدا ئادىل بولۇپ، خۇسۇمەت قىلىشقا قەتئىي يول قويمايتى. قازى كالانلىق مەنسىۋى بولسا بۇ كىشىنىڭ ئۇلۇغ زاتىغا ناھايتى مۇۋاپىق ئىدى. بۇ زات تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يەتتىنچى يلى (مىلادى 1889- 1890- يىلى – ت) ۋاپات بولدى. يەنە موللا مۇھەممەت ھەسەن ئاخۇنۇم دىگەن بىر ئەلەم بار ئىدى. ئۇ ئۆز مەرتىۋىسىگە لايىق ئۆلىمائى ئەلەم، پەزىلەتلىك پازىل ۋە ھەممەئىلىمگە ماھىر ۋە سەۋىيىسى دېڭىزدەك چوڭقۇ، زېھنى ئىدراكلىرى تېز، مۇئەززىن تەبىئەتلىك نازۇك كىشى ئىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئونىنچى يىلى ماھى شېرىپ رەمەزىننىڭ يىگىرىمە يەتتىسى (مىلادى 1893- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى – ت) يەنە پەيشەنبە كۈنى ئالدەمدىن ئۆتتى. يەنە موللا ئىسمايىل ئاخۇنۇم دىگەن ئادەم مۇختى، شەرىئەت قانۇنشۇئاسى، خۇش خۇي، خۇش تىللىق، شىرىن سۆزلۈك، مۇلايىم، ھەرقانداق تەبەقەغە ماقۇل كىشى ئىدى. يەنە بايلىق موللا ئوسمان ئاخۇنۇم دىگەن كىشى بار ئىدى. بۇ كىشىنىڭ زىكرى ئاۋالقى داستاندا بايان قىلىندى. بۇ ئۆز ۋاقتىدا ھەممىدىن پىشقەدەم، دىنىي دىيانەت بابىدا مۇستەھكەم، پەرز تەقۋادارلىقتا ھەممىدىن ئىشەنچىلىك،ئىلمىي فۇقۇھا ۋە ئىلمىي سەرەپتە ھەممىدىن بىلىملىك، لېكىن ئىلمى مۈشكۇلاتتا ئاساسى كەم ئادەم ئىدى. بۇ كىشى بولسا مەزكۈر سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىۋاتقان مەنكى مۇئەللىپنىڭ ئۇستازى ۋە پىشقەدەمى ئىدى، يەنە موللا ئابدۇللەتىپ ھاجى ئاخۇنۇم دىگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ ئادەم بۇخارائى شېرىپتە ئىلمىي تەتقىقات شۇغۇللانغان، ئىلمىي پەن، ئىلمىي ئەلەم، دۇئاگۇي، پېقىر ۋە ھەر ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئويلايدىغان، مۇلايىم، لاتاپەتلىك كىشى ئىدى. بۇرۇندىن بۇيان ئاقسۇدا ئاخۇنزادە ۋە شەرىئەت ئىگىسى بولۇپ كەلگەنلەردىن يەنە شەمسىدىن ئەلەم ئاخۇنۇم دىگەن كىشى بار ئدى. بۇ مۆمىن دىندار، ساددا مىجەز،ئىستىخارە (كېچىلىك) نامىزىنى تاشلىمايدىغان، دۇئا ئىجاۋىتىنى كۈچلۈك مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشى بولۇپ، ناتىقلىقتىمۇ تەڭدىشى يوق ئىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان بەشىنچى يىلى (1878- يىلى – ت ) ۋاپات بولدى. يەنە ھادى خەلىپەم دىگەن ئادم بار ئىدى. بۇ كىشى شەجقە دەنشىن (زىكرى تالاۋات – ت) لىق بىلەن ئۆمۈر كەچۈرگەن ئىشان مىرغىياسىدىن ۋەلىلۇللانىڭ نەۋرىسى ئىشانجان ھەزرىتىمنىڭ خەلىپىسى ئىدى. جانابى ئالى زامانىدا كاشىغەردە ۋاپات بولدى. يەنە موللا ئابدۇلباقى ھاجى مۇفتى دىگەن كىشى بولۇپ، بۇ ئەقىل- پاراسەتتە تەڭداشسىز ، دانا، فۇقۇھا ئىلمىنىڭ ئھالىمى، تەڭداشسىز شائىر ۋە كىتاپ يازغۇچى بولۇپ، ئۆز ۋاقىتىدا گويا بىر ئۇلۇغ پادىشادەك ئىدى. ھەممە ۋاقىت نەغمە- ناۋا ۋە جەزمەدىل ئارالىق بىلەن ياشايتى. بەزىدە بىرەر پىيالە مەي ئىچىپ روھىنى خوشال قىلىپ، شادى- خوراملىق بىلەن بەزمە قىلاتتى. ئۇ ناھايتى خوش تەبىئەتلىك، خوش مۇناسىۋەتلىك، مەرت ۋە مۇساپىر كىشى ئىدى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈزىنچى يىلى (مىلادى 1882- 1883- يىلى – ت) ۋاپات بولدى.
      ئىشان تەبەقىلىرىدىن يەنە ئىمام رەببانى [213] ۋە مۇجەددىد ئەلىف سانى ھەم قۇتبى غەۋىس سەەدانى، (يەنى جانابى ئەھمەت فارۇقى سەھەرندىنىڭ [214] نەۋرىلىرىدىن ناسارمەسۇم ھەزرىتىم دىگەن كىشى بارئىدى. بۇ كىشى ئاقسۇدا ۋەتەن تۇتۇپ، ھاپىزى كالام رەببانى زىيارەتلىرى بلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ئۇنىڭغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئىشىنىپ، نەقى ئىسپات قىلىپ، دائىم سەجىد بىلەن شۇغۇلىناتتى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1875- يىلى – ت) ئاقسۇدا ۋاپات بولۇپ، شۇ جايدا دەپنە قىلىندى. يەنە بۇ خاندانلاردىن ھەزرەت كالاننىڭ پەرزەنتى ۋە ئاللانىڭ پەزىلەتلىك ۋاستىسى بولغان سادىق ھەزرىتىم دىگەن ئادەم ئىدى. بۇ كېچىلىرى ئۇخلىماي كالامى شېرىپ ئوقۇيدىغان، دائىم زىيارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۇچۇق قوللۇق، غېرىپپەرۋەر، قەلەندەر رەۋىش، كەمبەغەل ،مىجەزلىك، پادىشا سۈپەتلىك كىشى ئىدى. بۇ كېيىن ۋىلايەت تەرەپكە چىقىپ كەتتى. يەنە ۋىلايەتلىك موللا ئىبراھىم ئاخۇن قازى ئەسكەر دىگەن ئادەم بولۇپ، ئۇ دىندار، شەرىپەتۋەر، شەرىئەت ئالىمى ۋە پەرزگار كىشى ئىدى. يەنە قىپچاق موللا ناقۇلى ئاخۇن مۇفتى ئەسكەر دىگەن كىشى بولۇپ، بۇ توغرا نىيەتلىك ۋە شىر سۈپەتلىك كىشى ئىدى. يەنە موللا سائادەت ئاخۇن رەئىس دىگەن كىشى ھىساپ ئىلمىگە ناھايتى قىزىقاتتى. يەنە باي سايرادا قازلىق ئەمىلىگە نېسىپ بولغان موللا ئەكرەم شاھ قازى دىگەن ئادەم ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ، تەر ئاققۇزۇپ ئۆزىنىڭ زىمىنىنى تېرىپ ياشايتى. بۇ تەقۋادار ۋە فۇقۇھاشۇناس ئالىم ئىدى. تۇڭگانىلار دەسلەپ كەلگەن چاغدا، تۇڭگانىلارنىڭ زۇلمەتلىك ئوقى بىلەن تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1877- يىلى – ت) گۇناسىز ئۆلتى ۋە شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئۇلاندى. بۇ چاغدا كۇچاردا موللا يۈسۈپ ئاخۇنۇم قازى كالانلىق مەنسىۋىگە نېسىپ بولدى. ئۇ فۇقۇھا ئىلمىنى شەرھىلىگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچى ھەم ئۇستا ناتىقلار قاتارىدكى كىشى ئىدى. ئۇنىڭ مىخەزى نازۇك، سىپايى تەبىئەتلىك كىشى ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن خىزمىتىدىن بوشىتىلدى. كېيىن يەنە مەرھەمەت قىلىپ، ئاقسۇدا قازى مۇتلەقلىق ئەملىنى بەردى. كۇچاردا بولسا موللا ئاللا يار ئاخۇنۇمنى قازى كالان قىلدى. بۇ ئالىم مۆمىن، دىندار، ساددا، فۇقۇھاچى، دىيانەتشۇئار، تەمكىن كىشى ئىدى.ئۇنىڭ قازىلىق ھۆكۈملىرى پەيغەمبەر شەرىئەتلىرىەە، ئەمىرى شېرىپلەر، ئىماملارنىڭ تۇتقان يوللىرىغا مۇۋاپىق بولۇپ، ئۆزى ناھايتى غەيرەتلىك كىشى ئىدى ۋە ئۇ مەنكى بۇ ھەرپلەرنى يازغۇچىنىڭ ئۇستازى ۋە باش قويىدىغان پىشىۋاسى ئىدى. ئۇ تارىخ ھىجرى مىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1886-1887- يىلى - ت) ھەرەم شېرىپ زىيارىتىدىن يانغاندا ئەنبەرسەر دىگەن جايدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى موللا ئەلى ھاجى ئاخۇنۇم بىر مەزگىل ئەلەم بولدى. بۇ موللا، خۇشخۇي ۋە خۇش سۆزلۈك كىشى ئىدى. يەنە مولا ئالدۇلقادىر ئاخۇن مۇختى دىگەن موللا فۇقۇھار شەرىئەتشۇناس، خۇش تەبىئەتلىك، خۇش مۇئامىلىلىك، شائىرلىق ئىلمىگە مايىل، بەزمە ئارلىققا قايىل بىر كىشى بار ئىدى. ھازىر ئۇ كىشى ھايات بولۇپ، قازى كالانلىق مەنسىۋىنى ئۆتىمەكتە. كورلىدا بولسا موللا ئەخمەت ئاخۇن دىگەن كىشى قازى كالان ئىدى. بۇنىڭ ئىلمى ئازراق، ئىنساپ دىيانەتلىرى تولىراق كىشى ئىدى. تۇرپانغا قازى سورخ ئابى دىگەن كىشى قازى كالان قىلىپ تەيىنلەندى. بۇ موللا، دىندار، فۇقۇھ ئالىمى، تەقۋادار كىشى بولۇپ، مىجەز شېرىپلىرى نازۇك، غەيرەتلىك ۋە چۇس ئادەم ئىدى. بىراق، مەنسىۋىدىن تېزلا بىكار قىلىندى. ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپانلىق موللا تۈمۈر ئاخۇننى قازى كالان قىلدى. بۇ موللا، فۇقۇھا ئىلىمىنى شەرھىلىگۈچى، دىندار، پەرزگار كىشى ئىدى. ئۇنىڭ پەرزگارلىغى شۇنچىلىك ئىدىكى، ھېكىم خان تۆرەم تۇرپانغا ھاكىم بولغان بۇ زامان قالايمىقان، ئىنقىلاپچىلار پارتلىغان بىر چاغدا، ئۇ ھېكىم خان تۆرەمدىن بىر مىڭ بەش يۈز قىزىل تىللا ئامانەت ئالغان ئىكەن. بۇنى قايتۇرغىچە مالىمان بولۇپ، ئوتتۇردىن ئون ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ. ئاندى قازى كالان «بۇ ۋاقىتقىچە بۇ ئامانەتنى ئىزدەپ كىشى كەلمىدى، ھايات چېغىمدا بۇ ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بەرگاچ، ھەرەم زىياىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كېلەي» دھپ تۇرپاندىن چىقىپ فەرغانە ۋىلايىتىگە كېلىپ، ھېكىم خان تۆرەمنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، بۇ ئامانەت ئالغان تىللانى ئالدىغا قويغاندا، تۆرەم «بۇ قانداق نىمە؟ قاچان ئامانەت ئالغانسىز» دەپتۇ. چۈنكى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. قازى كالان ۋەقەنى بايان قىلىپ، ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن، تۆرەم ئاندىن قازى كالاننى تونۇپ، تەھسىن-ئاپرىن ئوقۇپ، «ئۇشبۇ زاماندىمۇ بۇنداق ئىنساپ- دىيانەتلىك ئادەم بار ئىكەن،ئېسىمدىن چىقىپتۇ» دەپ خوش بولۇپ، دۇئا قىلىپ، بىر ەچچە كۈن توختىتىپ مېھمان ۋە زىياپەتلەرنى قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن. تۇرپان بىلەن فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئارلىغى ئەقەللى ئاتمىش كۈنلۈك مەنزىل ئىدى. ئۇ سەمەركەنتكە بارغاندا كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بىللە ھەمرا ئىكەن.ئۇ ئوغلىغا «مۇبادا مەن ھەق تائاللانىڭ ھۆكۈمىگە بوي سۇنسام، سەن بۇ جايدىن ھەجىگە بارساڭ راۋا بولمايدۇ. تۇرپانغا بېرىپ، سەنمۇ ئۆز ھەققىڭنى ئايرىۋېلىپ، ئۆز پۇلۇڭ بىلەن ھەج قىلساڭ بولىدۇ» دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئوغلى دادىسىنىڭ ئەمىرى بويىچە تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز ھەققى بىلەن ھەجنى ئادا قىلىپ كەلدى. يەنە موللا سايىت ئاخۇن دەپ بىر ئۆلىما كىشى بار ئىدى. ھەممە ئىلمدە ماھىر، سەۋىيىسى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر ئىدى. نۇرغۇن ئىلىملىك تالىپلار بولسا «بۇ كىشىنىڭ ئىلىمى خۇدا تەرىپىدىن بىۋاستە بېرىلگەن» دەيتى. بۇ كىشى ئۆمۈر بويى دەرسگۇيلۇق بىلەن ئۆتتى. يەنە ئەسھابۇل كەھەب شەيىخلىرىدىن موللا پولات شەيخ دىگەن ئەزى، مۆتىۋەر ۋە باي بىر كىشى بارئىدى. ئۇنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ ئاقسۇدا توختاتت.
     گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بۇ يەتتە شەھەردە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزكار ئۆلىما ۋە سالاھىيەت ئىگىلرىدىن باشقا يەنە ئەتىۋالىق ئالىملار ۋە پازىللار تولا ئىدى. لېكىن سۆزىمىزنى شۇنىڭ بىلەن بەس ۋە كۇپايە قىلدۇق. بۇ زاماندا يۇرت سوراپ، ھاكىمى ۋىلايەت بولغانلىرىدىن يەنە كاشىغەردە ئالاش بىي داخۇا، ياركەنتتە مۇھەممەت يۇنۇسجان شاغاۋۇل دادخۇا، خوتەندە نىياز ھاكىم بېك دىگەنلەر بارئىدى. بۇلارنىڭ زىكىرى ئۆز ھۆرمىتىدە بايان قىلىندى. ئاقسۇغا ئەڭ دەسلەپ ھېكىم خان تۆرەم ھاكىملىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن موللا جىيەن مىرزابېشىنى ھاكىم قىلدى. بۇ ئاقۇسنى ئون ئىككى يىل سورىدى،. ئاندىن كۇچارلىق ئابدۇلراخمان دادخۇانى ھاكىم قىلدى. ئۈچتۇرپانغا مۇھەممەت بابا توقسابىينى ھاكىم قىلدى. باي سايرامغا مۇھەممەت ئىمىن توقسانىينى ھاكىم قىلدى. كۇچارلىق ئىسھاق خوجامنى ھاكىم قىلدى. ئاندىن ئامىل خان تۆرەمگە ئىنايەت قىلدى. تۇرپاننى ھېكىم خان تۆرەمگە ھۆكۈم قىلدى. ئۈرۈمچىنى تۇڭگانىكەنجە ئاخۇنغا يارلىق قىلدى.
       ئەلقىسسە، ئاتالىق غازى (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان ئورنىنى نۇرلۇق قىلسۇن!) يۇرتدارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلاتتى. دانا ۋە پازىل كىشلەردىن ئاشكارە ھالدا بىرەر ۋەزىر تەيىنلىمىدى. لېكىن، ئۇ مەمىلكەتدارلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىنى بىر تەرەپقىلشى، ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە ئورنىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە دىندار، ھۇشيار مىرزىلار ۋە تەجىرىبىلىك كىشلەرنى، خۇددى ۋەزىرلەرنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، شۇلارنىڭ مەسلىھىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەمەلدارلىق، دۆلەتۋازلىق، پۇقراپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئىجرا قىلاتتى. يۇرتلارنىڭ بارلىق كىرىم- چىقىملىرى، ئەمىرائىلار، لەشكەرلەر سانى، ئات، ياراقلارنىڭ ھىساۋى، غەزنە، ئىشخانا، ئاشخانىلارنىڭ خىراجەت سەرپىياتى قاتارلىق ئىشلار مىرزىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن ئىدى. ھۆكۈمدارلىق ئىشلىرىنى ئاساسەن مىرزىلار بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن جانابى ئالىغا مەلۇم قىلاتتى. ئەرزىچىلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرىمۇ مىرزابېشىلار ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى. جانابى ئالىنىڭ ھوقۇقىدىن قالسا، مىرزا بېشىلارنىڭ ھوقۇقى چوڭ ئىدى. مىرزا بېشىلارنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتى ناھايتى چوڭ ئىدى. لېكىن ئۇلار غەزەپ سىياسەتتنمۇ خالى ئەمەس ئىدى.
      بۈزرۈك خان تۆرەم جانابى ئالى دەسلەپ كەلگەن چاغدا، موللا ياقۇپ مىرزا بېشى دىگەن ئادەم ئۇنىڭ بىللە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئەقىل- پاراسەتتە تەڭداشسىز، مۇنشى خەتتاتلىقتا ئوخشىشى يوق ئىدى. ئۇ ئۈچ يىل مىقدارى مىرزىلىق ئەمەلنى ئۆتىدى. ئاندىن كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مىرزا باراتنى مىرزا بېشى قىلدى. لېكىن ئۇ ئىش ئېلىپ بارالمىدى. ئاندىن موللا ئەيسانى مىرزا بېشى قىلدى. ئۇ راۋاج تاپالمىدى. ئاقىۋەت كاشىغەرلىق ھاجى ئەلەم ئاخۇننىڭ ئوغلى مۇھەممىدىن مەخزۇمنى مىرزا بېشى قىلدى. ئۇنىڭ مەشھۇر ئىسىمى مىرزا فەرسەخ ئىدى. چۈنكى، ئۇ كاشىغەردىن تۇرپانغىچە بولغان يوللارنى فەرسەخ قىلىپ، (ئۆلچەپ – ت) تاش توختىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ناھايتى ھۇشيار، تەجىرىبىلىك، قاۋۇل، زىرەك، تېز قەلەم ۋە مۇنشىىققا رىسالىلەر يازغان، ھەممە ئىلىمدە دانا ۋە ھەممىگە ماقۇل كىشى ئىدى. يەتتە خىل تىل بىلەتتى. ئالتە تايىپىنىڭ خېتىنى يازاتتى ۋە ئوقۇيتى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بۇخارالىق موللا كامال مىرزا، تۇسلۇق كامالىدىن مىرزا، موللا بارات مىرزا، ئەۋلىيا مىرزا، كاتتا خوجا مىرزا، شادى مىرزا، كاشىق خان تۆرە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەرغىلانلىق زەينۇلئابىدىن مىرزا دىگەن كاشىغەرگە كەلدى. بۇ زاتنىڭ تەرىپى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
     بېك بەچچە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا، مەزكۈر مىرزا بېشىنى قىرىق ئاتلىق يىگىت بىلەن خاقانى مەنسەپدارلىرىغا ۋە زۇڭتۇڭ دارىنغا ئەلچى قىلىپ ماڭدۇردى. قورال- ياراق بىلەن كېلىپ مارالۋېشىدىن ئۆتكەندە، زۇڭتۇڭ دارىننىڭ چاپاۋۇل چېرىكلىرىگە ئۇچراپ، بىر- بىرىنىڭ مەقسىدىنى ئۇقۇشماي، تىل- زۇۋانلىرىنى بىلىشمىگەنلىكتىن، زۇڭتۇڭ دارىننىڭ چېرىكلىرى قورال- ياراقلىق بۇ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئوق چىقىرىپتۇ. مەزكۈر يىگىتلەرنىڭ ھەممىسنى يوق قىلىپتۇ. مەخزۇمنىڭ ئاغىزىغا ئوق تىگىپ، بوغۇزىدا توختاپ قاپتۇ. بۇ بىھۇش بولۇپ ياتقاندا، زۇڭتۇڭ دارىن يېتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭغا جانابى ئالىنىڭ غەزنىچىسى ھۇشۇر مەھرەم، ئاقسۇلۇق سىدىق بېكلەر تىلماچ بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار بۇنى تونۇپ زۇڭتۇڭ دارىنغا مەلۇم قىلىپتۇ ۋە «بۇ كىشى لاۋ پادىشانىڭ (كونا پادىشانىڭ – ت) كاتتا ئادىمى ئىدى. بەك تىنچ ئادەم ئىدى» دىگەندە، ئۇ «ئانداق بولسا مەن چۈشكەن يەرگە تىنچ ئېلىپ بارسۇن» دەپ بۇيرۇپتۇ. ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، جاراھەتچى بىر خىتاي ھازىر قىلىپ سۆز سورىسا، جاۋاپ بېرەلمەي، ئىما- ئىشارەتلەر بىلەن «ماڭا دۇۋەت، قەغەز، قەلەم كېرەك» دەپتۇ. بۇلارنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، مۇددىئالىرىنى خەتكە يېزىپ بېرىپتۇ. خەت مەزمۇنىغا قاراپ تۇرۇپ «ئۇلۇغ خاننىڭ مەنسەپدار ۋە چېرىكلىرىنىڭ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرۇپ، قورال- ياراق بىلەن ئۇلارغا دۇچار بولغىنىڭ قانداق» دەپ سورىغاندا، ئۇ خەتكە يېزىپ، « مېنىڭ خەۋىرىم يوق، بېك بەچچە ئۆزىدىن قورقۇپ، مېنى ئەلچى قىلىپ بۇيرىغان ئىكەن»دىگەندە، بۇ «سېنى ئۆلسۇن دەپ بۇيرىغان ئىكەن» دىسە، يەنە خەتكە يېزىپ «بېك بەچچە ياش ئىدى، ياشلىق قىلىپ بىمەسلىھەت مېنى بۇيرۇدى، بارمايمەن دىگىلى بولمىدى» دەپتۇ. بۇ «راستىڭنى ئېيت» دەپ قايىل بولۇپ ئادەم قوشۇپ، كاشىغەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، يولدا خەجلەيدىغان كۈمۈش ئىئام قىلدى ۋە كاشىغەرگە بارغاندا، ئۇنىڭغا ئوبدان جاي- ماكان تەيىنلەپ، ۋەزىپە مۇئاش بەلگىلەپ، تۆت- بەش كۈندە سۆز سوراپ ئىلتىپات قىلىپ تۇردى.
      ئاخىرى قىشنىڭ سوغاقلىرى ئۆز ماكانىغا كەتتى. باھار كۈنلىرى كەلدى. پاختەك، قۇش- قۇمرىلەر سايراشقا باشلىدى. مەخزۇم مرزا بېشىمۇ سۆزگە كىرىپ، «ئەمدى يۇرتۇمغا چىقىپ كەتسەم» دەپ ئەرز مەلۇم قىلدى. زۇڭتۇڭ دارىن «چېرىكلەر سىزنى بىلمەي ئېتىپ قويۇپتۇ، كۆڭلىڭىزگە ئالماي، رازى بولۇپ ئەپۇ قىلىڭ» دەپ ئۆزرە- خالىق ئېيتىپ، ئىككى يۈز سەر كۈمۈش ۋە ئات بېرىپ، فەرغانە ۋىلايىتىگە كېتىشكە رۇخسەت بېرىپتۇ. ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئەسراتىنى بۇ ئالەمدە كۆرۈپ، مەرغىنانغا ساق- سالامەت بېرىپ، ئۇرۇق- قۇياشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، مۇرات- مەقسەتلىرى ھاسىل بولۇپ، يەنە يېنىپ كېلىپ مەرغىنانغا ۋاپات بولۇپتۇ.
     يەنە نەجمىدىن مىرزا، ھاجى ئارتۇق مىرزا، موللا ئەيسا مىرزا، موللا قاسىم مىرزا، موللا كېرەم مىرزا قاتارلىق كۆپ مىرزىلار بار ئىدى. يەنە تاشكەنتتە غازى ئاتالىققا مىرزا بېشى بولۇپ، ئاندىن مەرغىنانغا ھاكىم بولغان ۋە كېيىنچە موللا ئالىم قۇل ئەمىرى لەشكەر خوتەندىكى ھاجى پادىشاغا مىرزا بېشى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە قاغىلىققا ھاكىم بولغان قانائەتشاھ دىگەن كىشى بار ئىدى. ھىسار بېك زادىلىرىدىن مىرزا بابابېك ھىسارى بولسا جانابى ئاتالىقنىڭ پەرمانى بىلەن ئاقسۇغا زاكاتچى قىلىپ تەيىنلەندى. ئۈچتۇرپاندىن كورلىغىچە بولغان جايلاردىن زاكات يىغىش ۋە زاكات ئېلىشقا بۇيرۇق بېرىش، قاراۋۇللاردىن ئۆتىدىغان يول خېتى قاتارلىقلارغا دەل بۇ زاكاتچىنىڭ مۆھرى بېسىلاتتى ۋە ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىناتتى. بۇ مۆمىن، دىندار،ئىنساپلىق كىشى ئىدى. ھەر ھەپتىدە قۇرئانى كېرىمنى بىر قېتىم ۋە دالايىلنى بىر قېتىم خەتمە قىلىپ چۈشۈرەتتى. مەزكۈر كىتاپنى يازغۇچى مەنكى كەمىنە موللا مۇسا ئەيسا خوجا سايرامىمۇ مەزكۈر زاكاتچىنىڭ خىزمىتىدە يەتتە يىل ئىشلەپ، ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزدۇم. ئۇنىڭ تاھارەتسىز يەرگە قەدەم قويغانلىغىنى كۆرمىدىم. ئۇ قىش ۋە يازدا سوغاق سۇدا تاھارەت قىلاتتى. نازۇك شەرىئەتكە قىلىچلىكمۇ تاجاۋۇز ياكى خىلاپلىق قىلمايتى. بىر ھۇجىرىنى پەقەت تالاۋەت قىلىشقا تەيىنلىگەن ئىدى. بۇ ھۇجىرىدا ئىككى خام خىش، ئىككى پارچە بورا، بىر پارچە كالامى شېرىپ، بىر پارچە دالايىل، بىر دانە رېھىلدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق ئىدى. بۇ ئۆيگە مەندىن باشقا ئادەمنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلمەيتى. ھاۋا سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر مۇھىم ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇ يېڭىلا تاھارەت ئالغان ئىكەن. تاھارەت سۇيى ئۇنىڭ بۇرت، ساقال ۋە قاش، ماقالىلىرىدا مۇزلاپ قاپتۇ. مەن چىقىپ بىر خۇفۇڭغا جىق كۆمۈر سېلىپ ئوت يېقىپ، ئىس- دۇتلىرىنى چىقىرىپ، كۆتىرىپ كىرىپ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ قول ۋە يۈزلىرىنى بىر قاتار ئېتىۋېتىپ، دۇئا قىلىپ تۇرۇپ «ئەي بوتام، بۇ ئوتنى ئېلىپ چىقىپ ئۆزەڭلەر ئىسىنىڭلار، مېنى بۇنداق راھەتكە ئادەت قىلىپ قويماڭلار» دەپ چىقىرۋەتتى. ئۇ قۇرئان تالاۋەت قىلدىغان ئۆيگە زادى ئوت قالىمايتى ۋە «يېشىم ئاتمىشقا يەتتى، ئاقنى قارا قىلدىم. قارنى ئاق قىلدى. ئۆمرۈمنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزدۈم، دەرگاھى ئىلاغا قايسى يۈزۈم ۋە قايسى كۆزۈپ بىلەن بېرپ، ئۇنىڭ جامالىغا قانداق قارايمەن، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئاق ساقلىمنى قىزىل قانغا بوياپ تۆھپە قىلىپ ئېلىپ بارسام، بىر غازات قىلىپ ئۆتسەم» دەپ يىغلاپ- يىغلاپ، كۆز ياشلىرىنى خۇددى يامغۇردەك تامچە- تامچە قىلىپ تۆكەتتى. مەن كەمىنە ئۆز كۆڭلۈمدە «مۇبادا خىتاي كەلسە جاننى ساقلاش ئۈچۈن قايسى داۋان ياكى قايسى قاراۋۇلدىن ئېشىپ كېتەر ئىكەنسىز» دەيتىم. ئاخىرى ئۇ ياركەنتتە كاپىرلارنىڭ قولىدىن شەربىتىنى شاھادەتنى ئىچتى ۋە مۇرادىغا يەتتى. ئۇ تولا كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز تالاۋەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. تالاۋەتتىن باشقا ئىشلارنى كەم قىلاتتى. نەقىل قىلىشلارغا قارىغاندا، خىتايلار قادىر قۇلى بېك، ئامىل خان تۆرە، مۇھەممەت ئىمىن توقسانىي، قارى مۇھتەر باشلىق ئون يەتتە كاتتا بېكنى بىر كۈندە شاھادەتلىككە يەتكۈزگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەزكۈر زاكاتچىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بولۇپ، نەچچە سەكرەپ، قاتتىق ئاۋاز بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈپتۇ. بۇنى كۆرگلى چىققان خالايىق ئاڭلاپ ۋە ھەيران بارماقلىرىنى تەپەككۈر چىشلىرىغا قويۇپ چىشلەپ، تەھسىن- ئاپرىنلارنى ئوقۇغان ئىكەن. بۇنىڭغا جاللات كاپىرلارمۇ ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرغان ئىكەن. ياركەنتتىن كېلىپ بۇ ۋەقەنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىشەنچىلىك سودىگەرلەر مەندىن «بۇ زاكاتچىدا قانداق ياخشى كارامەت ۋە خىسلەت بار ئىدى. ئۇ قانداقچە مۇنداق بولدى» دەپ ماھىيىتىنى سورىدى. بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم. ئۇلار ئاپرىنلارنى قىلىپ دۇئاغاد قول كۆتۈردى.
     شۇ سائادەت ئەسەر ۋە دۆلەت يار زاماندا، ھۇشيار مىرزىلارنىڭ خۇس ئىنشا ۋە قەلەملىرىنىڭ سۆزلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تىزىش ئۇسۇلى گويا مىرزا ئابدۇلقادىر بىيدىلى ئەررەھەمەنىڭ [215] خەت ۋە سۆز ئۇسلۇبىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىپىدىن گۈل يۈزلۈك بىر مەھبۇب، ھەر بىر چېكىتلىرىدىن بىر سۈزۈك لەئىلە پەيدا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا گويا بىر باقى جاھاندەك سەيىر- تاماشا قىلىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىگە روشەن نۇر، كۆڭۈللىرىگە ھەددىدىن ئارتۇق خوشالىق بەخش ۋە ئاتا قىلاتتى. بۇ تەدبىرچى مىرزا ساھىپ ۋە دەپتەرچىلەرنىڭ خوش قەلەملىرىدىن چىققان گۈزەل ۋە شىرىن سۆزلەرنىڭ ھەر بىر ھەرىپى بولسا پۇقرالارنىڭ مول مەئىشىتى ۋە پاراۋانلىقىغا سەۋەپ بولاتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر چېكىتى بولسا كۆڭۈللەرنىڭ تەشۋىشلىرىنى ئورنىغا چۈشۈرۈپ، خاتىرجەملكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولاتتى.
     بۇ چاغدا يەنە بەزى بەدبەخ مىرزىلار بار ئىدىكى، ئۇلار بولسا زالىم، خىيانەتچى، ئىنساپسىز ئادەملەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىرنى ئون قىلىشتىن قورقمايتى. ئۇلارنىڭ قەلىمى بولسا گويا بىر چاياننىڭ چېقىشى ياكى بىر جاراھەتچىنىڭ زەھەرلىك نەشتىرىگە ئوخشايتى. دىمەك، ئۇ زامان مۇنداقلاردىنمۇ خالى ئەمەس ئىدى.
      ئەلقىسسە، ئۇ ئادالەت ئىنتىزام ۋە ئاقىۋىتى خەيرىلىك زاماندا، جانابى بەدۆلەت غازىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ۋە ئىنتىزام ئاقىۋەتلىك ئەسكەرلەر تەبەقىسى ئىچىدە مۇھەممەت نەزەر بېك، قادىر قۇلى بېك دىگەن ئادەملەر بولۇپ، بۇلار نەسەپ جەھەتتە فەرغىنانە ۋىلايىتىدىكى بابۇرىيە [216]خانلرىنىڭ نەسەپلىرىگە مەنسۇپ ئىدى. خۇداي قۇلى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئاندىن تەختتىن چۈشتى. بۇنىڭ نامى بولباقچى خان دىگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر. يەنە ئىلگىركى خوقەند خانلىرى زامانىسىدا خىزمەت قىلىپ، خانلارنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىدىن ئۆتۈپ يۇرت سوراپ، ئىسىلزادىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى، نار مۇھەمەمت پەرۋانىچى، باقى بېك دادخۇا، مىرزا بابا دادخۇا، پەيزۇللا دادخۇا، قوش دادخۇا ھەمدەم باتۇر بېشى، مىرزا قاسىم مۇھتەر، بۇخارالىق ئابدۇل غاپپار بېك، ھىسارلىق مۇھەممەت ئىمىن بېك، خوجا نەزەر بېك بوخچە، بەردار ھۆدەيچى قاتارلىق ئىسىل كاتتا بېك ۋە بېكزادىلەر تولا ئىدى. بۇلار جانابى ئالىنىڭ مۇبارەك دۆلەتلىرى سايىسىدە خاتىرجەم ۋە ئىززەت، ئابرۇي بىلەن ئۇنىڭ ئوبدان ئەمىرائىلىرى بولۇپ ئۆمۈر كەچۈردى
      بۇلاردىن باشقا يەنە ئەمىلىدىن بىكار قىلىنغان، ئەمما تەجىرىبىلىك ئىسىل ئەمىرائىلەرمۇ تولائىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە جەڭ- ئۇرۇش كۈنلىرىنى تاماشا ۋە بەزمە قاتارىدا كۆرۈپ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىلىپ ئىش قىلىدىغان ئەمىرى لەشكەرلەرمۇ بارئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە جانابى ئاتالىق غازىنىڭ پەرزەت رىشتىسى بولغان بېك قۇلى بېگىم بولسا، ئۇ چاغدا ئەمىرۇل ئەمىرا ۋە لەشكەر بېشى ئىدى. ئىككىنچى ئوغلى ھەق قۇلى بېگىم ئەمىرى لەشكەر ئىدى. مىرزا ئەھمەت قۇشبېگىمۇ ئەمىرى لەشكەر ئىدى. بۇرۇنقى خانلار زامانىدا تاشكەنتنى نەچچە يىل سورىغان ۋە فەرغانە ۋىلايىتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە، بۇ كىشىدەك كاتتا ۋە چوڭ ئەمەلدار يوق ئىدى. جانابى ئالى بۇ كىشىنى ئەمىرى لەشكەر قىلدى. لېكىن ئۆز- ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر مەزگىل نەزەربەتتە تۇتۇپ، يەنە ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ئەمىرى لەشكەرلىككە تەيىنلىدى. بۇنىڭ زىكرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. قىپچاق ئۆمەر قۇل دادخۇا دىگەن كىشى بار ئىدى. بۇنىمۇ ئەمىرى لەشكەر قىلدى. بۇ ئەسلىدە فەرغانە ۋىلايىتىدىكى خانلارنىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ ئەمەلدار ئىدى. بۇ ئون تۆت يىل ئەمىرى لەشكەر بولۇپ، دۆلەت ئىزىتى بىلەن يۇرتىغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇللا پانسەتنى ئەمىرى لەشكەر قىلدى. ئۇ بىر نەچچە يىل خۇددى رۇستىمى داستان ۋە سام نەرىمانلىرىدىنمۇ ئارتۇق ئىشلارنى قىلدى. ئاخىرى كۆزى نۇردىن قالدى. بىر نەچچە مۇدەتتىن كېيىن ئۇنىڭا ئىككى يۈز يامبۇ ئىنئام قىلىپ، ئادەم قوشۇپ، بەلخدىكى مازارى شېرىپكە ماڭدۇردى. ئۇنىڭ ئورنىغا بەچچە باتۇر پانسەتنى ئەمىرى لەشكەر قىلدى. بۇ جانابى بەدۆلەت غازىنىڭ قول ئاستىدا ئۆسكەن ئىدى. يەنە قىپچاق تۇردى قۇلىنى ئەمىرى لەشكەر قىلغان ئىدى. بۇ كېيىن ئورنىدىن بوشاپ كۇچاردا تۇردى. بۇ مۆمىن مۇسۇلمان، دىندار ۋە تالاۋەتتىن باشقا ئىشلار بلەن كەم شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئىدى. بۇ جانابى ئالى تەرپىدىن ئاقسۇدا سالام تاغىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. يەنە ئاۋغان جامىدار دادخۇانى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ، توپ، زەمبىرەك سەرۋازلىرىنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىدى. بۇ ساق- سالامەت ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ھەرەم شېرىپنىڭ زىيارەت ئالىلىرىغا مۇيەسسەر بولپ، مەقسەت- مۇرادىغا يېتىپ، ۋاپات بولۇپتۇ. يەنە كىچەك لاۋۇر، ئابدۇلرەھىم پەھلىۋان، ئۆمەر خوجا ئىشان، تۆرە، قۇل لاۋۇر، مۇھەمەت ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ ئەمىرى لەشكەرلىك دەرىجىسىدە تۇرغان ئىدى.
      ياساۋۇلباشلار جامەسىدىن كاتتا ئەمەلدار ۋە ئەمىرى لەشكەرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلەردىن تۇراپ خوجا ياساۋۇلبېشى دىگەن بار ئىدى. كېيىن ئۇ بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا مۇھەممەت قاۋۇل بېك يۈز بېشىنى ياساۋۇل باشى قىلدى. ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ناھايتى قاۋۇل كىشى ئىدى. يايدى ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ ئۆلدى. يەنە كورلا ھاكىمى نىياز مۇھەممەت توقسابىينى ئەمىرى لەشكەر قىلىپ داۋانچىندا قويدى. ھەيدەر قۇلى پانسەت، ئەشمۇھەممەت پانسەت باشلىق ئالتە پانسەتنى ئۇنىڭغا ھەمرا قىلدى. بۇلار خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، شاھادەتلىككە يەتتى. يەنە باتۇر ۋە ناملىق پانسەتلەردىن ئەزىم قۇل پانسەت دىگەن بار ئىدى. ئۇ گۇمادىدا خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، بىر نەچچە يىگىتى بىلەن شاھادەتلىككە ئۇلاندى. كېرىم باي دادخۇا، كېرىم باي مىرزا، شىر مۇھەممەت پانسەتلەرمۇ ئاخىرىدا ئەمىرى لەشكەر بولدى. مىرزا بېشىمۇ پانسەت، ئەمىرى لەشكەر قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان، موللا پازىل قارى بولسا كېلىشكەن مۇنشى ئىدى.
      يەنە ئۆرگەنچ بېكلىرىدىن مەھمۇت بېك ئۆرگەنچى بولسا چوڭ پانسەت، مۆمىن، دىندار، غەيرەت- شىجائەتتە بىگۇمان كىشى ئىدى. ئورا تۆپە بەگزادىلىرىدىن ئەلى بېك پانسەت، ۋەلىلۇللا پانسەتلەرمۇ كاتتا ۋە ياخشى ئادەملەر ئىدى. يەنە ئۇبۇلقاسىم پانسەت، ئاسامىدىن پانسەت، ئالىم باي پانسەت،ئەيت مۇھەمەت پانسەت، باقى بېك پانسەت، مىر كېرىم قۇرچى، باي مۇھەممەت پاراش بېشى، كاشىغەرلىك ئاخۇن پانسەت، نۇرۇز پانسەت قاتارلىق پانسەت، لاۋۇر، سەرجەڭلەر بولۇپ، ئومۇمەن ئالتۇن كەمەر ۋە ئوقدانلىق پانسەت، ئەمىرائىللار ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئىدى.
      ئالتە شەھەر ئادەملىرىدىن نىياز ھاكىم بېكنىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن بېك ئەمىرى لەشكەر ئىدى. تۇڭگانى مااولايە، يېڭ مۇسۇلمان خۇدالويەلەرمۇ ئەمىرى لەشكەر ئىدى. تۇڭگانى ۋە يېڭى مۇسۇلمانلارم،ۇ يەنە بىر مۇنچە پانسەت، ئەمىرائى، يۈز بېشىلار بار ئىدى. ئاقسۇلۇق ئابدۇلراخمان دادخۇانىڭ ئوغلى ھاپىز بېك دىگەن پانسەت بار ئىدى. ئۇ موللا ئۆلىما بولۇپ، شۇ زاماننىڭ ئۆلىمالىرىدىن كەم ئەمەس ئىدى. ئلىمىي پەزىلەتلەردىن خالى ئەمەس ئىدى. دەسلەپتە ئۇ دادىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، بىللە ھەج ئىسلامىنى ئادا قىلىپ كەلدى. بۇ يىلمۇ ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. لېكىن پەلەك ۋەزىيىتى ھاپىز ھاجىنىڭ تەبئەت-ئىدراكلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەنلىگى، زامانە ئادەملىرىنىڭ پېئىل ئەتىۋارىمۇ ئۇنىڭ نۇرلۇق مىجەزىگە ياقمىغانلىغى تۈپەيلىدىن، ئۇ شەھەرنى تاشلاپ سەھرانى خالىدى. بىر نەچچە مۇددەتتىن كېيىن شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قازى كالانلىق مەرتىۋىسىگە تەينلىدى. ھازىرمۇ قازىلىق ئورنىدا تۇرماقتا. يەنە كۇچارلىق قادىر پانسەت دىگەن بارئىدى. خىتايلار كەلگەندە ئاز ۋاقىت مەنسەپ تۇتتى. ئاندىن ھەرەم شېرىپ زىيارىتىگە سەپەر قىلىپ ۋاپات بولدى. بۇنىڭ زىكرى يۇقىردا بايان قىلىندى. يەنە شەھيارلىق مەمۇر پانسەت دىگەن ئادەم خاقانى چىنى لەشكەرلىرى ۋە مەنسەپدارلىرى كەلگەندىن كېيىن، ئەمىرى ئىتائەتتىن چىقىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، سۈننەت يولى ۋە رازىلىغىنى ساقلاپ، ھىجرەتنى ئىختىيار قىلى، بىر مۇنچە ئادەملىرى بىلەن كۆچۈپ ھەرەم شېرىپ زىيارىتىنى كۆزلەپ، شەھياردىن قوزغىلىپ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئاۋات دىگەن جايغا كەلگەندە، زۇڭتۇڭ دارىن بىر كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بېرىپ، ئادەملىرىنى تۇتىۋالدى. مەزكۈر پانسەت بىر نەچچە ئادىمى بىلەن قېچىپ ياركەنتكە بارغاندا تۇتۇلدى. مەنسەپدارلار ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، «ئەمدى يەنە نىمە مەقسىدىڭىز بار» دىگەندەد ئۇ «ئاتالىق غازى بەرگەن ئېتىمنى ۋە قورال- ياراقلىرىمنى بەرسىڭىز، سىز چېرىكلىرىڭىز بىلەن بىر كاتتا ئۇچۇق مەيدانغا چىقسىڭىز، ئۇ يەردە مەن چېرىكلىرىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلسەم دىگەن ئارزۇ- ھەۋىسىم بار، بۇنىڭدن بۆلەم مەقسىدىم يوق» دەپتۇ. مەنسەپدارلارنىڭ ناھايتى غەزىۋى كېلىپ، ئاممىغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كېسىپ، ئاقسۇ، كۇچارغا ئاپىرىپ شۆھرەت قىلدى. يەنە ئاقسۇلۇق مۇغەننى ئەخمەت ئاخۇن بىننى موللا رۇستەم دىگەن ئادەم بار ئىدى. بۇ جانابى ئالى بەدۆلەتكە يىگىت ۋە مەھرەم بولۇپ، ئۇ جانابى ئالىدىن زادىلا ئايرىلمايدىغان ياردەمچى ئىدى. ئۇ تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى ئۇرۇشلىرىدا جانابى ئالى بىلەن يەتتە يىل مىقدارى بىللە بولدى. ئۇ نەقىلى ھىكايە ۋە خەۋەر قىسسلەرگە ناھايتى ئۇستا ئادەم ئىدى. ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى ۋە باشقىلارنىڭ دىگەنلىرىگە سېلىشتۇرۇپ تەھقىقلاپ، بۇ ۋەرەق سەھپىسىگە بېكىتتىم. چۈنكى، بىر كىشىنىڭ ھەممە جايدا ھازىر بولۇپ كۆز بىلەن كۆرۈشى ھەم ۋەقەلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى مۈمكىن بولمايدىغانلىغىنى ھەممە ئەقىل ئىگىلىرىگە روشەن ۋە ئاشكارىدۇر- ۋەسسالام.

2008/1/7 03:44
8 Ghunche

18

بۇ مەجۇئە مۇئەللىپنىڭ ئىسىمى نەسەپلىرى، سەرگۈزەشتە خەۋەرلىرى قىسسەئى ئەپسانلىرى ھەم ۋەقەلىرى بايانى

[align=justify]

      مۇۋەپپىقىيەتكە يېقىن يارەنلەر ۋە سادىق قىلىقلىق بۇرادەرلەرنىڭ ئۇچۇق كۆڭۈللىرىگە روشەن ۋە يېقىن بولغايكى، بۇ كەمىنە موللا مۇسا ئىبىنى موللا ئەيسا خوجا سايرامى زەررىدىن كەم ۋە بى ئېتىۋار بىر ئەرز قىلىدۇكى، ئەڭ دەسلەپتە يەنى بالاغەتكە يەتكەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئاتام مەرھۇم ئىلىم ئارزۇسى ۋە تەلىۋىدە، مېنى كۇچارغا ئېلىپ بېرىپ، موللا مۇسا ئوسمان ئاخۇنۇم ئەلەھىررھمەنىڭ خىزمىتىگە قويغان ئىدى. مەن بۇ جايدا بىر نەچچە يىل مەدىرسنىڭ تۇپرىغى، ئىلىم تالىپلىرىنىڭ دەپسەندىسى بولۇپ، تېخى ئەمدىلا توغرا بىلەن ناتوغرىنىڭ مەنىلىرىنى ئايرتىپ ئىگەللەشكە كۈچ-قۇۋۋىتىم يېتىشكە باشلىغان چاغدا، كۇچاردىكى تۇڭگانىلار ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمىرى ئىتائىتىدىن چىقىپ ئىسلام ئاچتى. بۇ كۈنلەردە بۇ ھەرپلەرنى يازغۇچى- مەن سايرامدا ئىدىم. ئۇشتۇمتۇت كۇچار تەرەپتىن بۇرھانىدىن خېتىپ خوجام ۋە پەرزەندى مۇھەممۇدىن خوجام ھەم موللا ئوسمان ئاخۇنۇملار ئىسلام شېچىپ ئاچماق ۋە ھەدىسنىڭ «جەننەت قىلىچ سايسىنىڭ ئاستىدا» دىگەن مەزمۇنى بويىچە شەرىئەت قىلىچنى چاپماقنى نىيەت قىلىپ، ئاقسۇ تەرەپكە سەپەر قىلىپ، سايرامغا چۈشتى. كەمىنە مەنمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۆز ئىختىيارىمغا قارىماي، بىللە ھەمرا بولۇپ، قارا يۇلغۇنغا كەلدق. ئاقسۇ ھاكىمى سەئىد بېك باش بولۇپ، نۇرغۇن خىتاي چېرىگىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشتى. باراۋەرلىك قىلالماي قاچتۇق. كەمىنە مەنمۇ بىر نەچچە ئادەم بىلەن موقۇر يولىغا كىرىپ، چۆل- جەزىرىلەر بىلەن كۇچارنىڭ يۇلتۇز باغ دىگەن كەنتىگە چىقتۇق. بۇ جايدىكىلەر كىيىم- كېچەك ۋە ئات- ئۇلاقلىرىمىزدىن ئايرىپ، مېنى خىتايلارغا تۆھپە- سوغا قىلىپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە كۇچارلىق خوجاملار ئادەم راستلاپ، ئاقسۇ تەرەپكە ماڭغانلىغىنىڭ خەۋىرى ئاڭلاندى. ئۇلار بىزنى بوشاتتى. يۇلتۇز باغىدىن پىيادە ۋە يالغۇز كۇچار تەرەپكە باردىم. كۇچار ئادەملىرىنىڭ قىياپىتىدىن گويا قىيامەتنىڭ ئەسىرى ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پانا قىلغۇدەك بىرەر جاي- ماكانمۇ تېپىلمىدى. ئاخىرى مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىلۇللانىڭ مازاراتلرىغا باردىم. بۇ چاغدا بۇ چاغدا موللا ئاللا يار ئاخۇنۇم ۋە موللا ياسۈپ ئاخۇنۇملار مازارنىڭ بېغىدىكى خوجاملار ئەجدادىنىڭ ئاياقلىرىدا ئەھتىكاپ نىيىتى بىلەن دۇئا- تەلەپ قىلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سەرگۈزەشتە ۋە باشقا ۋەقەلەرنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يىگىرىمە كۈنچە تۇردۇم. ئۇشتۇمتۇت مەھمۇددىن خوجام ئاقسۇ ئېلىنغانلىغىنىڭ خوش خەۋىرىنى ئېلىپ كۇچارغا كەلدى. ئۇ خوجاملار بىلەن كۆرۈشۈپ، تۆت بەش كۈن تۇرۇپ ئاقسۇغا يانىدىغان بولدى. مەنمۇ بىللە ياندىم. سايرامغا كېلىپ نەزەر سالسام، يۇرتنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ جايدا تۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، ئاقسۇغا بىللە ياندىم. ئاندىن ئۈچتۇرپانغا باردىم. بۇ يۇرتلار ئاتالىق غازى بەدۆلەتكە تەۋە بولغىچە ئۈچتۇرپاندا ئۆمۈر كەچۈردۈم. بۇ ۋەقەلەر ئاۋالقى داستاندا زىكىر قىلىنغان ئىدى. ئاندىن كېيىن جانابى ئالى بەدۆلەت ئاقسۇدا قويغان زاكاتچىنىڭ قول ئاستىدا مىرزىلىق، ھەمتاۋاق ۋە ھەمپىيالە بولۇپ، خاتىرجەم ۋە تىنچ كۆڭۈللۈك ئۆتتۈم. ئۇ قادىر ئاللانىڭ جالالىنى ۋە ئىرادە تەقدىرى بىلەن ئۆمرىمىز ئۆتتى. ھازىر بۇ قېرى ئاجىز باشتىن- ئاياققىچە گۇناغا چۆمگەن، ھىچنىمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىچارە ئاقسۇ ئىچىنى جاي- ماكان تۇتۇپ، بىر بۇلۇڭدا دۇئا ۋە ئىلتىجا بىلەن پۇقرالىق كوچىسىدا ھەممىدىن خالى بولۇپ، پاك ھاياتلىق دائىرسىدە ئۆمرىمىز ئۆتۈپ تۇرۇپتۇ – ئەڭ ئالى ماختاش ئاللاغا مەنسۇپتۇر !
      ئەلقىسسە، مەن يۇقىرىدا سايرامدىن بولىمەن دىدىم. ئەگەر سايرامنىڭ ۋەقە ئەھۋاللىرىنى ئىندەك بايان قىلمىساق، بۇ غېرىپ- بىچارە دىلسىزنىڭ دىللىرى ۋە جاي مەركىزىگە چۈشەنمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بوۋا- ئەجداتلرىمىز، ياشانغان باشقا قېرى دانا ئادەملەرنىڭ يۈزمۇ- يۈز ۋە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى ئىلىدا جوراس [217] نەسلىدىن چىققان قۇنتەيجى دىگەن بىر مۇناپىق قالماق بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا تەۋە بولۇپ، خان دەرىجىسى بىلەن چوڭ ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ شەرقىي ھۇدۇدى قۇمۇل، بالەكۆل (بارىۆل – ت)، شىمالى ھۇدۇدى كاتتا دېڭىزغا (بالىقاش كۆلى – ت)، غەربى ھۇدۇدىى تاشكەنت، سايرامىغچە، جەنۇبى ھۇدۇدى قاراڭغۇ تاققىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمى مۇشۇ دائىرىدە جارى بولغان ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇ ئۇشتۇمتۇت لەشكەر تارتىپ، تاشكەنتنىڭ سايرام دىگەن جايىنى بېسىۋېلىپ، ئەمىرى ئىتائىتىگە كىرگۈزۈپ، ئۆز ئورنىدا بىر قالماقنى چوڭ قىلىپ، يەنە نەچچە قالماقنى ئۇنىڭغا يارۇ-ھەمرا قىلىپ، ئۆزى چېگرىسىغا يېقىن كەلگەندە، سايرام ئەھلى ئىتائىتىدىن چىقىپ ۋەقە قوزغاپ، مەزكۈر قالماقلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىپ پەرمانىدىن چىقىپتۇ. بىر نەچچەق قالماق جېنىنى جايلاپ قېچىپ كېلىپ، قۇنتەيجىگە يېتىشىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، قۇنتەيجى ئىلىغا كىرمەي، ئۆزىنىڭ ئادەت رەسمىيەتلىرى بويىچە قەن- قەسەمياتلارنى تىلغا ئېلىپ، سايرامغا يېنىپ بېرىپ، بۇ جاينى ئىككىنچى قېتىم بېسىۋېلىپ، بىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، تالان- تاراج قىلىپتۇ.
      بۇ چاغدا سايرام ئەھلى خوجا ئۇرۇغى، شاھ ئۇرۇغى، ئەمىر ئۇرۇغى دەپ ئۈچ قەبىلە ياكى ئۈچ ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىكەن. قۇنتەيجى بۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ ئىسىل ۋە كاتتىلرىنى ئىلغاپ، ھەر ئۇرۇقتىن يىگىرىمە ئۆيلۈكتىن ئاتمىش ئۆيلۈك ئادەمنى ئەھلى ئاياللىرى ۋە بالا- پەرزەنتلىرى بىلەن ئاق ئۆيلۈك قىلىپ كۆچۈرۈپ، ئۆز يۇرتى ئىلىغا ئېلىپ كېلىپتۇ. بۇ جايدا بىر يىل ئەتىراپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارنى تۇرپانغا ئەۋەتىپتۇ. يوقلۇق ماكانىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ ۋە خاقانى لەشكىرى ئىلى بىلەن ئالتە شەھەرگە كەلگەنلىگى خەۋىرى ئاڭلاندى. بۇ ئاتمىش ئۆيلۈك ئادەم ئەمدى ئۆز يۇرتىمىزغا كەتسەك بولىدىكەن دەپ، ھەدىستە « ۋەتەننى دوست بىلگەنلىك ئىماندۇر» دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ئۆز يۇرتىغا كېتىپ، قەۋمى قېرىنداشلىرىغا يېتىش ئارزۇ- ئىشتىياقى بىلەن تۇرپاندىن قوزغىلىپ، مۇزداۋانغا كەلگەندە، خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى ئۇچراپ، «سىزلەر نىمە ئادەم؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرزى ھالىنى بايان قىلىپتۇ. ئاندىن ئۇ خىتاي ئۇلۇغى شەپقەت يۈزىسىدىن «ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرى كەلدى، يوللار قالايمىقان، بۇ يۇرتلار تىنجىپ بولغىچە دېھقانچىلىق قىلىپ كۈن ئېلىپ تۇرساڭلار» دەپ بانا- سەۋەپ كۆرسىتىپ، كېتىشكە جاۋاپ بەرمەي، ياقئېرىق دىگەن جايغا ئېلىپ كېلىپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ئۇلار بۇ يەردىمۇ بىر نەچچە يىل تۇرۇپ، ئاخىرى باي تەۋەسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ يەدىمۇ بىر نەچچە مۇددەت تۇرۇپ، يەنىلا كۆنەلمەي، تاغنىڭ ئاغىزى ۋە كەڭرى جاي ئىكەن دەپ، ئۇشبۇ سايرامغا بېرىپ توختاپ قاپتۇ. ئۇلار ئەسلى تاشكەنتنىڭ سايرام دىگەن جايدىن كەلگەنلىگى ئۈچۈن، باشقىلار بۇلارنى سايرامى دەپ ئاتاپتۇ. ئاخىرى يۇرتلارمۇ خىتايغا قاراپتۇ. ئۇ چاغدا بۇ يەتتە شەھەردە ئادەم ئاز، تېخى ئاۋات بولمىغان ۋاقتى ئىكەن. خىتاي مەنسەپدارلىرى بۇ سايرام خەلقىنى ئۆزىگە پۇقرا ۋە ئىتائەتمەن قىلىشنى نىيەت قىلىدىكەن. بۇ چاغدا سايرامدا ئەمىرلەر ئۇرۇغىدىن بىر ككىشى ئەمەلدارلىققا ئاشىق، مەنسەپكە جانپىدا ئىكەن. خاقانى مەنسەپدارلىرى ئۇ ئادەمدىن بۇ «ئادەملەر قانداق قىلسا، ئۇلار خانغا تەۋە بولۇپ، خىزمىتىنى قىلىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ «بۇ ئادەملەر مېنىڭ سۆز ۋە بۇيرۇغىمدىن چىقمايدۇ.ماڭا چوڭ مەنسەپ بەرسىڭىز، مەن ئۇلارنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بېرەي» دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. خىتاي مەنسەپدارى بۇنى ماقۇل كۆرۈپ خانغا مەلۇم قىلىپتۇ. خىتاي ئاقسۇ، كۇچارنىڭ ھاكىملىرى بىلەن ئوخشاش قىلىپ، ئۈچىنچى جەرەكلىك مەنسەپ بېرىپتۇ. شۇڭلاشقا سايرامنىڭ ھاكىملىرى بۇرۇندىنلا ئاقسۇ، كۇچارنىڭ ھاكىملىرى بىلەن جەرەكە ۋە مەرتىۋىدە باراۋەرئىدى. لېكىن ئۇلارغا قارىغاندا پۇقراسى ئاز ۋە يۇرتى كىچىك ئىدى.
      سايرامدىكى بۇ ئۈچ ئۇرۇق نەچچە ئەسىر ۋە يىللار مابەينىدە، بىر- بىرىگە ئارلىشىپ، سىڭىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇناسىۋەتتە يەنىلا ئۆزلىرىنى ئايرىم دەپ ھىساپلايدۇ. شاھ ئۇرۇغى دىگەنلەرئۆزلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى قەدىمىقى كىيان پادىشالىرى [218] ۋە تاجىك شاھلىرىنىڭ [219] نەسەپلىرىگە ئاپىرىپ باغلايدۇ. ئەمىر ئۇرۇغى بولسا ئىلگىرى يۇرت سوراپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن ۋەزىرا، ئەمىرا ۋە ئەمىرلەر بىلەن نەسەپداش دەيدۇ. ئەمما خوجا ئۇرۇشى دىگەنلەر ئۆزىنى ئەلەۋىلەر [220] يەنى ئەلى كىرە موللا ۋەجھۇ بىلەن نەسەپداش دەپ ھىساپلاپ، بىز ئۇنىڭ ئەھۋلادى بولىمىز دەپ ئىسپات قىلىپ پەخىرلىنىدۇ. كەمىنە مەنمۇ ئۇشبۇ ئۇرۇغدىن بولىمەن. ئاتا- بوۋىمىزدىن قالغان خوش مۇبارەك شەجىرە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مەن ئۇنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلىماقتىمەن.
      بۇ مۇقەددىمىنى يېزىشتىن مەقسەت ۋە تەلەپ شۇكى، تامامى دىن ۋە مىللەتتە، ئۇلۇغ ئەشرەپلەر ئارىسىدا ياكى ئەرەب،ئەجەملەر ئىچىدە تۈرك، تاجىك، موغۇل تايىپىلىرىدە ئۆزىنىڭ نەسەپلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ھەر بىر تايىپە ئۆزىنى قەلبىگە تەسەپداش قىلىپ، بىر نەسلگە باغلاپ كېلىپتۇ ۋە ئەجداتلىرىنىڭ ئۇستىخان- سۆڭەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىپ كېلىپتۇ. ھازىر خىتاي، قالماق، قىرغىز ۋە قىپچاقلار ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى ساقلاش بىلەن تەڭ، پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىنى ئاگاھ قىلىپ، نەسەپلىرىنى تەكىتلەپ ئۈگىتىدۇ. ھەر بىر قەبىلە ئۆز ئۇرۇغىنى ئىسپات قىلىپ، ئۇنى ئابرۇي دەپ بىلىپ، بىزلەر پالانى ئۇرۇغدىن بولىمىز دەپ پەخرى ئىپتىخار قىلىدۇ. مىللەت ۋە دىندىن بىگانىلارمۇ ئۆز ئەجداتلرىنىڭ ئۇستىخان ۋە ئىسمى- نەسەپلىرىنى بايان قىلىشىپ خۇرسەن بولىدۇ – بەس. شۇڭلاشقا كەمىنە مەنمۇ ئەجاتلرىىمنىڭ زىكرى نەسەپلىرىنى ئىزھار قىلىپ بايان قىلىشنى لازىم ۋە زۆرۈر دەپ تاپتىم.
      مېنىڭ نەسەپنامەم بولسا، مەنكى موللا مۇسا بولسا، موللا ئەيسا خوجامنىڭ ئوغلى، ئۇ ئەزىزخان خوجامنىڭ ئوغلى، ئۇ نىيازخان خوجامنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىشان سۇلتان خوجامنىڭ ئوغلى، ئۇئىشان پادىشانىڭ ئوغلى، ئۇ ئىشان شاھى جاھان خوجامنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىشان غېرىپ شاھى خوجامنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىشان سەئىد جالالىدىن بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىشان سەئىد جامالىدىن بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىشان سەئىد كامالىدىن بابىنىڭ ئوغلى،ئۇ سەئىد ئىبراھىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەدى ئابدۇلجاپپار بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلكەرىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلمەجىت بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلۋاھاپ بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئابدۇلئەزىز بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئارسىلان بابىنىڭ ئوغلى،ئۇ سەئىد ئىلياس بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد مەھمۇت بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ سەئىد ئىپتىخات بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئوسمان بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئۆمەر بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىسمايىل بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىسھاق بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلكېرىم بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلجەلىل بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلرەھمان بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ئابدۇلجەپپار بابىنىڭ ئوغلى، ئۇ ، ئۇ ئابدۇلفەتتاھ بابىنىڭ ئوغلى،ئۇ ئىمام مۇھەممەت ھەنپەنىڭ ئوغلى، ئۇ ئەلى كىرەموللا ۋەجھۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاللا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي! بۇ شەجىرەئى مۇبارەك بولسا، سەمەرقەنت ۋىلايىتى ئەبەيدۇللاخان غازى [221] زامانىدا، يەنى تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز قىرىق بەشىنچى يىلى (مىلادى 1538- 1539- يىلى – ت) ئالاھىدە يېڭى تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇ زاماندىكى ئۆلىمائى ئەززەملەرنىڭ مۆھرى كېرەملىرىنى بېسىپ بېكىتىپ، خاننىڭ يارلىق مۆھرى ۋە ئىمزاسى بىلەن توغرلاپ ۋە زىننەتلەپ، سەئىد كامالىدىن بايغا مۆھۈرلۈك ئالتۇن نىشان بىلەن قوشۇپ بەرگەن ئىكەن. بۇ ھازىر مەۋجۇت. تەۋەررۈك ئۈچۈن، بۇ ئالى يارلىق نىشاننى ئۆز ئەينى بويىچە يېزىپ بېكىتتىم.

                                       ئالى يارلىق نىشانى

       ئەبۇلغازى ئەبەيدۇللاخان سۆزىمىز، ئەزىز كامگار① قېرىنداشلار بىرلە جۇۋان ② بەختى بەرخوردار③پەرزەنتلەر ۋە ئالى مۇقدار بېكلەر بىرلە دىيانەت ئاسار سەدىرلەر④ ۋە بائېتىۋار⑤ ۋەزىرلەر بىرلە ئامانەت شۇئار ۋەكىللەر ئەلا ئەفۇسۇس سايرام ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى ۋە سەججادە نەشنىلىرى⑥ ۋە ماشايىخى قۇززات، مەدرىسە دانىشمەنلىرى ۋە يۈز بېگى، ئون بېگى ئەربابى كالانتەر⑦،خوجاشېرىك رەئىيەت ⑧ئايماق، ئايماق ۋە كەنتنىڭ ئۇلۇغ كىچىك تۈرك، تاجىك، كەدخۇدا ساكىن⑨مۇتەۋەتتەنلا⑩رىغە مەلۇم بولسۇنكىم، ھەممەكى ھىممەت شەرىئەت ئايىن ⑾ۋەتەنمامى نېئمەت سائادەت قەرنىمىزدىن⑿ئىسلامى شېرىف راۋاجى ۋە روۋنەقىغە ھەزرىتى سەيدىلئنىس ۋە لەجىن ئەفزەلۇسسا لاۋات ۋە ئەكمەلىسلام⒀مىللەت شەرىئەتنىڭ تەرەۋۋىيەت ⒁

[align=justify]__________
     ① كامگار – بەختلىك.
     ② جۇۋان – يىگىت.
     ③ بەرخوردار – بەھرمەن، لايىق.
     ④ سەدىر – ئالى ئەمەلدارلار.
     ⑤ ۋە بائېتىۋار – ئەتىۋارلىق.
     ⑥سەججادە نەشىن – جاينامازدا ئولتۇرغۇچى.
     ⑦كالانتەر – چوڭراق.
     ⑧رەئىيەت - خالايىق.
     ⑨كە خۇدا ساكىن – ئۆيلۈك- ئۇچاقلىق.
     ⑩مۇتەۋەتتەنلار – ۋەتەن تۇتقۇچىلار.
     ⑾ئايىن – گۈزەل.
     ⑿فەرىن – يېقىن.
     ⒀ ئەكمەلىسلام – مۇھەممەت پەيشەمبەر.
     ⒁تەرەۋۋىيەت – كۈچەيتىش. 

     ۋە تەمەششغە ①مەسىرەف②ۋە مۇتەۋەججە③بولغانى ئۈچۈن، سايرام تۇمانىنىڭ④سەججادە نەشىنلىك مەنسەبىن ئالى جاناپ ۋە مۇتە ئالى نىساب⑤ۋە كامالەت ئىسكاب⑥تەئىبىرى ئەكابىرى ئەززام⑦ نەھمە- تۇل⑧مەشايىخ ئىكرام كامالىرىدىن بانى سەيىدىمنى شەيخۇل ئىسلاملىققا مۇسەللىم⑨تۇتۇپ سۇيۇرغادۇق. ئەمدى بۇ نىشانە ئالىنى كۆرگەچ ئالىجاناپ مۇشارئىللا ⑩نى شەيخۇئىسلام ۋە مۇقتىدا ⑾بىلىپ، بۇ ئالى مەنسەبغە تەئەللۇق ئىش كۆرگەچ،ئالىجاناپقا رۇجۇئ⑿ قىلىپ، ئىززەت ۋە ئىكرامنى لازىم بىلىپ، ھىچكىمەرسەنى بۇ مەنسەپتە ئۇلارغەشېرىق بىلمەسۈنلەر ۋە ھىچ ئافىرىدە⒀ئۇلارنىڭ مۇھەممەتىغە⒁

[align=justify]_________
      ① تەمەششيەت – ئىلگىرى سۈرۈش.
      ② مەسىرەف – سەرپ قىلىش.
      ③ مۇتەۋەججە – يۈزلىنىش.
      ④ تۇمان – پىرقە.
      ⑤ مۇتەئالى نىساب – ئالى نەسەپلىك.
      ⑥ ئىسكاب – ھاسىل قىلىش، تېپىش.
      ⑦ ئەكابىرى ئەززام – ئۇلۇغ ئەكابىرلار.
      ⑧ نەھمە- مەنە ئېيتقۇچى.
      ⑨ مۇسەللىم – ئىشىنىش.
      ⑩ مۇشارئىللا – ئىشارەت بېرىلگەن، مەزكۈر.
      ⑾مۇقتىدا – رەھبەر.
      ⑿رۇجۇئ –قايتىش. 
      ⒀ئافىرىدە – مەخلۇق.
      ⒁مۇھەممات – ئېھتىياج.

     دەخلى قىلمايسۇنلەر ۋە شەرىئەت مائارىپى ①قازى فەرىدۇن بىرلە ئۆزىگە قازىلار ئالىجاناپ مۇشاتئىللانى مۇقەددەم بىسلۇنلار ۋە خۇتۇت② شەرىئىيەنى ئۇلارنىڭ تەۋەققىھ③ۋە مۆھرى كىراملارىغە يەتكۈزسۈنلەر، يارلىغىدىن خىلاپ ئەتمەسۇنلەر ۋە ھەففاز④ئىمام، مۇئەززىن ۋە خەير بۇقئەلەرنىڭ ⑤مۇاۋۇرۇ مۇتەددىلەرى⑥ئالىجاناپنىڭ سۆزۇ مەلەھەتىكەم شەرئى شېرىفاە مۇۋاپىق ۋە مىللىتى زەھراغا ⑦مۇتابىق⑧بولغىسىدۇر، چىقمانسۇنلار. مۇمەددۇ⑨مۇئاۋىن بولۇپ ئەكرەم⑩ ۋە تەئەززىمىنى بەجا كەلتۈرۈپ، تەخالىپ⑾ۋە تەمەررۇد⑿ قىلماسۇنلەر. بەل سالۇنىكى ⒀نىشانە ئالماسۇنلەر ۋە فەاۋانەچى تىلەمەسۇنلەر ۋە ئول جاناپنىڭ شەك- شىكايەتىنى تابىغايەت مۇئەبىسەر ⒁بىلسۇنلەر.⒂ ئوسال ۋە تەقسىر

[align=justify]________
     ① مائابى – يۆلەنچۈك.
     ② خۇتۇت خەتلەر.
     ③ تەۋەققىھ بېكىتىش.
     ④ ھەففاز – ھاپىرزلەر.
     ⑤ خەير بۇقئە- خەيرىيەت ئورنى.
     ⑥ مۇاۋۇرۇ مۇتەسەددى – راھىت ۋە باشلامچى.
     ⑦ زەھرا – گۈزەل.
     ⑧ مۇتابىق تەدبىق، ئاساسەن.
     ⑨ مۇمەددۇ مەدەت، ياردەم.
     ⑩ ئەكرەم ھۆرمەتلەش.
     ⑾تەخالىپ مۇخالىپ.
     ⑿تەمەررۇد قارىشى.
     ⒀بەل سالۇنىكى –
     ⒁مۇئەبىسەر – تەسىرلىك.
     ⒂ ئوسال ۋە تەقسىر – يامان ئەيىپ.

       بولماسۇنلەر دەپ ئىت يىلى شەفەر ئاينىدە تارىخ توققۇز يۈز قىرىق بەشتە (مىلادى 1538- يىلى 6- ئايدا –ت) سەمەرقەنت بەلدەسىدە ① مۆھۈرلۈك نىشانە پۈتۈلدى – ۋەسسالام. 945 (مىلادى 1538- يىلى – ت)»
     بۇ ئىلگىرى ئۆتكەن ئادەم ناملىرىنى ۋە كونا تۈزۈپ كەتكەن يارلىقنى بۇ ۋاراق ئىچىگە مۇندەرىجە قىلىپ تىزىشتىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ ئۆتكەنلەرنىڭ شەراپىتى ۋە خانلارنىڭ تەقدىم قىلغان يارلىق ۋە نىشانە ئىشارىتى بىلەن، بۇ سەھپە پارچىلىرىمۇ شەرەپكە ئىگە بولۇپ، قاتارغا كىرىپ قالارمىكىن دىگەنلىكتىن ئىبارەت. شۇنداقلا بۇنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغانلارنىڭ بۇ يارلىق ئالىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز ۋە مۇبارەك خانلار ھەققىدە دۇئا ۋە پاتىھە قىلىشقا سەۋەپ بولارمىكىن دىگەن تەلەپ ۋە مۇددىئادىن باشقا تەلەپ ياكى غەرەز بۇ كەمىنە مۇئەللىپنىڭ دىلىدىن ھىچقانداق يول تاپقان ئەمەس.
     تارىخ كىتاپلىرىنىڭ ئۇچۇق بايان قىلىنىشىچە، خان، خاقان، پادىشا، سۇلتان ياكى ئەمىر بولۇش ئۈچۈنمۇ بۇ نەسەپ ناھايتى مۇھىم بولۇپ كەلگەن. تارىختىكى ئادەملەر ھەرقانداق زامان ياكى چاغلاردا نەسەپ ئادەتلىرىگە ھەددىدىن زىيادە رىئايە ۋە مۇبالىغە قىلىپ، ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ نەسەپ ئاساسلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئوبدان پادىشا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەمىرى- پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپ ئۆتۈپتۇ ۋە ئۆمۈرلۈك ئىگىسى، ھاكىملارنىڭ ھۆكۈمرۈن سۇلتانى بولغان ئاللانىڭ پەزىل ئىنايىتى بىلەن، ئۇ پادىشالار بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەتكە ۋە ئىززەت ھۆرمەتكە يېتىپتۇ. ئەگەر بۇ ئاتالمىش پادىشالارنىڭ پۇقرا، خالايىق ئىچىدىكى بىرەر كەمتەر پۇقراسى خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ نەزەرلىرىدىن بىر قېتىم ئۆتكەنلىك بىلەنلا، ئۇلارغا شاھانىلىق ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلىپ، ئايلىق ۋە يىللىق مائاش- ۋەزىپە، كۇلەنلەرنى تەيىن قىلىپ بەلگىلەپ، ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە ۋە ئەسىردىن- ئەسىرگىچە جۇلدۇ- جاساقلىق مەنسىۋى، تارخانلىق دۆلىتىگە ئىگە قىلىپ، يارلىق ۋە نىشان بېرىدىكەن. كېيىنكى خانلار، پادىشالارمۇ خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ ئادەملەرنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئىزدەپ سوراپ، ئۇلارغا ئەجاتلىرىنىڭ مەنسەپ ۋە ئايلىق- ۋەزىپىلىرىنى يەنە ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن ئېتىپ، ئورنىنى كۆتۈرۈپ، نەچچە يىلدا بىر قېتىم دەرگاھى بارگاھىغا ئېلىپ بېرىپ، كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىياز ۋە ھاجەتلىرىدىن چىقىدىكەن.
    ئەي پادىشالارنىڭ پادىشاسى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانى، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، ھەقىقىي پادىشالىق پەقەت ساڭىلا تېگىشلىك ۋە خاستۇر. ئۆز قەدىمى ئىلمىڭ بىلەن مەخلۇق ۋە بەندىلىرىڭدىن بەزى ئىنساننى ئىلغاپ، ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۇلۇغ دۆلەت ۋە كاتتا دەرىجە مەرتىۋىسىنى ئاتا قىلىپ، ئورنىنى كۆتۈرۈپ، يۈكسەك دەرگاھى بارگاھىغا يېقىلاشتۇرساڭ ۋە ئۇنداق بەندىلىرىڭگە بىرەر سەۋەپ قىلىپ، ئەۋالاتتىن- ئەۋالاتقىچە ، ھەتتا ئىنقىدازى ئالەمگىچە ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ بىلەن، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا توغرا يولغا سېلىپ، راستلىققا باشلاپ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈندىكى چوڭ- كىچىك گۇنالىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆزەڭنىڭ يىگانە جاھانۇ جامال سۈپەت كامالىتىڭنىڭ دۆلەت شارائىتىگە مۇيەسسەر قىلساڭ ۋە كەمىنە مەن مۇئەللىپنىمۇ ئۇلارنىڭ دائىرسى ۋە دەرىجىسى قاتارىدا ھىساپلاپ، ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى خاتالىرىمغا ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋە كەچىرىم قەلەمتۇراچلىرى بىلەن گۇنالار چېىكىتلىرىنى تاراشلاپ، ئۇنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرۇپ، لايىق دەرگاھىڭغا يېقىنلاشتۇرساڭ، بۇ سېنىڭ ئەزىمەت دەرگاھىڭدىن ھىچبىر يېتىشمەيدىغان ۋە ئاجايىپ نەرسە ئەمەس. «ئاللا بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرغۇچىدۇر» ، «ئەي ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، رەھىمدىللىكلەنىڭ رەھىدىللىگى، سەن بولساڭ دۇئالارنى ئىجابىيەت قىلغۇچىدۇرسەن» - ۋەسسالام.


،

2008/1/7 16:16
9 Ghunche

19


فەغفۇرچىنىنىڭ بۈيۈك ئىتائەت يارلىغى بويىچە كاتتا مەنسەپدارلارنىڭ بۇ يەتتە شەھەر زىمىنى بەلكى موغۇلىستان تەۋەسىگە ئىككىنچى قېتىم ئىستىلا قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۈلكى مىراسىغا يەنە ئىگە بولغانلىغى ۋەقە- ئەھۋاللىرىنىڭ بايانى

[align=justify]

     ئىپتىخارلىق ئەزىزى دوستلار ۋە خۇش لەززەتلىك ئالى مۇقتار بۇرادەرلەرنىڭ قەلبى ئىزھارلىرىغا روشەن ۋە ئېتىۋار بولغايكى، بۇنداق قىسسە، ئەپسانە ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خاقانى چىنى ئىقلىمنىڭ خانى داۋاڭ [222] زاماندا، خاقانى مەملىكىتىنىڭ تەۋەسى ناھايتى تىنىچلىق، مەمۇرچىلىق بىلەن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپلىرىمۇ ئامانچىلىق بىلەن ياشىغان ئىكەن. ئۇ ئوتتۇز ئىككى يىل [223] ھۆكۈمران بولۇپتۇ. ئاندىن كېيىن شەنفۇڭ خان ئون ئىككى يىل [224] خان بولۇپ ئۆتۈپتۇ.بۇ كۈنلەردە جەن موزا دىگەن تايىپلەر خانلىق تالىشىپ جەڭ-جىدەل پەيدا قىلىپتۇ. ئاندىن تۇڭجىرخان [225]تەخىتكە چىقىپتۇ. بۇ خان تەخىتكە چىقىپ يەتتىنچى يىلى [226] يەتتە شەھەردىكى تۇڭگانى تايىپلىرى باش كۆتىرىپ، ئىتائەتتىن چىقتى. بۇ ۋەقەلەر مەزكۇر كىتاپنىڭ مۇقەددىمە ئاخىردا بايان قىلىندى.
     تۇڭجىرخان دەۋىردە خاقانىڭ چىنىنىڭ ئەتىراپىدىكى يۇرتلار ناھايتى پاراكەندە بولدى.خان قۇرئەنداز-پالچى، مۇنەجىم-يۇلتۇزشۇناسلارنى ھازىر قىلدى. خاننىڭ تەلىينى سىناپ، يۇلتۇزلارنىڭ پالغا چۈشكەن ئۇرۇن ۋە دەرىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ، يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە يۆنلىشىنى تەكشۈرۈپ، سىناقلارنى قىلىپ ”بۇ ئۇلۇغ خان خانلىقىنى بېرپ، يەرنىڭ ئاستىغا كىرمىگۈچە، خاننىڭ يۇرتىدىن يامانلىق ۋە شۇملۇق زادىلا كۆتۈرۈلمەيدۇ. پەلەكنىڭ ۋەزىيتى ۋە يۇلتۇزلار كۆرسەتكەن دەلىللەردىن بۇنى كۆرگىلى بۇلىدۇ“ دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. خان پالنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، ئۆز پايتەختىدىن بىر پوتەي يىراقلىقتىكى ئەجدادلىرىنىڭ گۆرۈستانلىغىغا باردىغان بىر لەخمە كولىتىپ، يول پەيدا قىلىپ، خانلىقنى ئوغىلى، يەنى خانزادىلەر بولغان كاڭشۈي [227]دىگەنگە بېرىپ، باشلىرىنى چۈشۈرتۈپ بەرەھمەن[228] شەكىلىگە كىرىپ،”ئەمدى مېنىڭ يەر يۈزىدە يۈرۈشۈم ھارام بولدى دىگەن ئەقىدىسى بىلەن يەر ئاستىغا كىردى ۋە بۇ گۆرۈستانلىقتىن چىققاندىمۇ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بولدى“ دەپ ھېكايە قىلدۇ. پايتەخىتتىن گۆرۈستانلىققا باردىغان بۇ لەخمە ئىلگىركى خانلار زامانىدىن باشلاپلا بار ئىدى. ئەگەر ھەر قانداق چاغدا يۇقىرقىدەك ۋەقە يۈز بەرسىلا خانلار ئەنە شۇنداق قائىدە- يۇسۇنلارنى قىلاتتى دەيدۇ.
       لېكىن، كاڭشۈي خان تېخى كىچىك بولۇپ، ئۈچ ياشتا ئىدى. جۇڭتاڭ زۇندۇلىرى ( ئوردا ئەمەلدارلىرى ياكى باش ۋالىلار-ت) ئۆز قائىدە ۋە نالايىق ئەقىدىلىرى بويىچە ئاسماندىن بىر ياش تىلەۋېلىپ خانغا بېرىپتۇ. خان تۆت ياشلىق بۇلۇپتۇ. زىمىندىن بىر ياشنى تىلەپ ئېلىپ خانغا بېرىپتۇ. خان بەش ياشلىق بولۇپتۇ. ئانىسى بىر ياش بېرىپتۇ، خان ئالتە ياش بولۇپتۇ. جۇڭتاڭ زۇندۇلىرى باشلىق ئەمەلدارلار بىر ياشنى تارتۇق قىلىپتۇ، يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خانىمىز يەتتە يېشىدا تەخىتكە ئولتۇردى دەپ ئەقىدە ئېتىۋار قىلىدىكەن. لېكىن، ئانسى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇپ، خانلىق ھۆكۈمنى جارى قىلدىكەن دەيدۇ.بۇ رىۋايەتنىڭ راستلىقىغا پەقەت رىۋايەتچىنىڭ ئۆزىلا ھۆددە قىلىدۇ.
      ئىنتىزاملىق ۋە ئادالەتلىك بۇ زاماندا، يەنە قۇرئەئەنداز مۇنەججىملەرنى ھازىر قىلىپ، قۇرئە تاشلاپ، خاننىڭ تەلىينى كۆرۈپ، ئانا-ئادىمزات، ئۆسۈملۈك –ناباتاتلارغا شاھىت يۇلتۇزلارغا نەزەر سېلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت ۋە ئورنىنى مۇلاھىزە-سىناق قىلغاندىن كېيىن ”ھازىر ئۇلۇغ خاننىڭ يۇلتۇزى يۇقىرى دەرىجە ۋە مەرتىۋىگە چىقىپتۇ. تەلىيى ئوڭ ۋە ئۈستۈن ئىكەن، دۈشمەنلىرىنىڭ يۇلتۇزى تۆۋەنلەپتۇ. يۇرتى تىنىچ، پەلەك ۋەزىيتىنىڭ دەلىللىشى ۋە يۇلتۇزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، ئەجدادلىرىنىڭ مۈلكى-مىراس يۇرتلىرى يەنە ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ قول ئاستىغا كىرىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق تەرەپكە چېرىك ماڭدۇرسا، جەزمەن غەلبە قىلالايدۇ“ دىگەن مەزمۇندا ئەرىز مەلۇم قىلىپتۇ. بۇ چاغدا جۇڭتاڭنىڭ لى خۇڭجاڭ[229] باشلىق ۋەزىر، باشقا كاتتا ئەمەلدارلىرى ئۇلۇغ خانغا قاراپ ”غەرپ تەرەپتىكى لەنجۇسېڭ قاتارلىق كۆپ شەھەرلەرنى تۇڭگانلار ئىگەللەپ غالىپ بولۇپ، يۇرت، پۇقىرالارنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىپتۇ. ئىلىخونى ئوروسىيەلەر ئىشغال قىلىپتۇ- نەنلۇ باچىڭدىكى ( جەنۇبى ئالتە شەھەر-ت) چەنتۇلارغا ( ئاق داستارلار ياكى مۇسۇلمانلار-ت) غەرپ تەرەپتىن بىر ئادەم كېلىپ پادىشا بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ.ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەتلىرىدە بۇ تەرەپتىكى دۈشمەنلەر يوق بولدى.قەدىمكى زاماندىن بۇيان ئۇلۇغ خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە قول ئاستىدا بولۇپ كەلگەن غەرپ تەرەپتىكى يۇرتلارغا چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇ جايدىكى ئۇششاق پۇقرالارنى يوقلىساق“[230] دەپ مەلۇم قىلدى. ئاندىن ئۇلۇغ خان ”ئانداق بولسا چېرىك بېرىپ، مەزكۇر شەھەرلەرنى تېپىپ ئالسۇن، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقسا ئۇرۇشۇپ ئالسۇن، ئۇرۇشماي ئەل بولغانلارنى يۇرت قىلسۇن،ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بىر پۇڭ زىمىنىمنى بىر مىڭ چېرىك يوق بولغىچە ئۇرۇشۇپ ئېلىپ، دۈشمەندىن خالى قىلسۇن، مەن بولسام ئۇلۇغ خان، ئۇششاق پۇقرالىرىمنىڭ گۇناسىدىن ئۆتۈپ ئەپۇ قىلدىم“ دەپ كەڭچىللىك قىلىپ يارلىق قىلدى. چېڭ جاڭجۈننى[231] قىرىق مىڭ چېرىك بىلەن ئىلىغا بۇيرۇدى، لوشې دارېننى يىگىرىمە بەش مىڭ چېرىك بىلەن نەنلۈ باچىڭغا بۇيرۇدى. نۇسرەت ئەسەرلىك بۇ مەنسەپدارلار غەلبە ئەسەرلىك چېرىكلەر بىلەن لەنجۇ سېڭىغا كەلگەندە، لەنجۇ سېڭىنىڭ زۇڭدۇسى زۇڭتۇڭ دارېننى[232] يىگىرىمە مىڭ چېرىك بىلەن لوشى دارېنغا قوشتى.
     ئەلقىسسە،ئاڭلىماق كېرەككى، تۇڭگانلار فەغفۇرچىنىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئۆز ئىچىدىكى ماخالۇڭ دىگەن ئۆلماسىنى خان كۆتىرىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يارلىق ھۆكۈملىرىنى جارى قىلدى. بۇ ۋەقەلەر يۇقىردا مەزكۇر كىتاپنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىندى. مەزكۇر ماخالۇڭ يوقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن داخۇ، شوخۇ دىگەن داڭلىق ئىككى باتۇر تۇڭگانلارغا باش بۇلۇپ، خىتاي ئەھلى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بەزىدە غالىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، قېچىپ يۈرۈپ، لەنجۇسېڭ ئەتىراپىدىكى شەھەر ۋە سەھرايى كەنتلەردە، ئون يىل، بەلكى ئون ئىككى يىلغىچە خىتايلارنى بۇلاپ-تالاپ ئۆتكەن ئىدى[233] بۇ چاغدا ئۇلار ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغى بىلەن مەزكۇر چېرىكلەرنىڭ لەنجۇسېڭىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىغىنى ئاڭلاپ، بۇ جايلاردىمۇ تۇرالماي، قامۇلغا چىقىپ، ئىككى ئايچە تۇرۇپ، قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ، قامۇل ئەھلىنىمۇ قورقۇتۇپ، زورلۇق بىلەن چوڭ-كىچىك ئون مىڭغا يېقىن ئادەمنى ھەيدەپ، تۇرپانغا چۈشتى. بۇ ۋەقە بايان قىلىنغان ئىدى.
      بۇ كۈنلەردە ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرى قامۇلغا كەلدى. چىڭ جاڭجۈن لەشكەرلىرى بىلەن شىخوغا قاراپ ماڭدى. لوشى دارېن قامۇلغا جايلاشتى. زۇڭتۇڭ دارېن گۇچۇڭغا كەلدى.[234] ئۇ تۇرپان تەرەپكە ئاتلىنىدىغان بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، ئاتالىق غازى بەدۆلەت ئوتتۇز مىڭ لەشكەر ۋە توپخانلىرى بىلەن تۇرپانغا كېلىپ چۈشتى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەندىشە قىلىپ، لەنجۇسېڭ زۇڭدۇسىغا ”لاۋ پادىشا ئوتتۇز مىڭ چېرىكى بىلەن ئۆزى باش بولۇپ تۇرپانغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. كۈچ-قۇۋۋىتى ئارتۇق، قورال-ياراقلىرى تولا، ئادەملىرى باتۇر ۋە ياماندەك مەلۇم بولىدۇ.يەنە بىر مۇنچە چېرىك ياردەم ئىلتىپاتى بولسا“ دىگەن مەزمۇندا ئەرىز ئەۋەتتى. زۇڭدۇ گۇڭزۇڭبۇ ئەرىزنى كۆرۈپ،”مەن ئۆزەم ئاتمىش مىڭ چېرىك بىلەن ئاتلاندىم، ئەندىشە قىلماي ،مەقسەت، مۇددىئا تەرەپكە قەدەم قويغايسىزلەر“ دىگەن مەزمۇندا يارلىق كەلدى. مەنسەپدارلار ۋە چېرىكلەردە قۇۋۋەت ۋە شىجائەت پەيدا بولۇپ يولغا چىقتى. ئۇلار قامۇلدا ئون ئايغىچە تۇرغاندۇر. ئاندىن لوشى دارېن چوڭ يول بىلەن تۇرپانغا كىردى. زۇڭتۇڭ دارېن ئۈرۈمچى ماناس يولى بىلەن تۇرپانغا كىردى. بۇلار تۇرپاندا توققۇز ئايغىچە تۇرغان بولسا كېرەك. ئاندىن ئۇلار ئاتلىنىپ كورلىغا چىقتى. ئۇلار كورلىدىن چىققانچە داخۇ، شوخۇلارنى قوغلاپ تۇڭگانلار مۇسۇلمانلارنىڭ مال-جانلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ۋەيرانىچىلىق قىلمىسۇن ھەم ئۇلار بىر جايدا توختاپ، پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا قول ئۇزارتمىسۇن دىگەن ياخشى نىيەت ۋە ئوبدان كۆڭلى بىلەن، يىگىرىمە كۈنلۈك يولنى ئون ئىككى كۈندە بېسىپ، كورلىدىن ئاقسۇغا كەلدى. داخۇ، شوخۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئالەمى غايىپتىن بىر ۋەھشەت-قورقۇنچ سالدى. ئۇلار ھىچقانداق يەردە ئارام ئېلىپ تۇرالماي، قاچقانلارچە شەھەرلەرگىمۇ كىرەلمەي، كۆزى كۆرگەن ۋە قولىغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ماڭدى. داخۇ ئۈچتۇرپاننى ئارىلاپ، قاقشال ئىچى بىلەن كاشغەرگە كىردى. شوخۇ ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ، چوڭ يول بىلەن كاشغەرگە كىردى. زۇڭتۇڭ دارېن ئاقسۇغا كەلدى. بۇ تارىخ ھىجىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى، يەنى ئات يىلى ماھى شەۋۋالنىڭ ئون يەتتىسى چارشەنبە كۈنى ( مىلادى 1877-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى-ت) قەۋىس پەسلى ئىدى. بۇلار بۇ جايدا قىرىق كۈنچە تۇرۇپ، ئاندىن زۇڭتۇڭ دارېن[235] چوڭ يول بىلەن كاشغەرگە ئاتلاندى. لاۋيىڭ ئاۋچۇ [236] ئۈچتۇرپانغا بېرىپ، قاقشال ئىچى بىلەن كاشغەرگە باردى. زۇڭتۇڭ دارېن بىلەن لاۋيىڭ ئاۋچۇ ئىككىسى كاشغەرگە بىرلا ۋاقىتتا كىردى. دۇڭ دارېن بولسا چېرىكلىرى بىلەن ياركەنتكە ماڭدى. بۇ قارا چېرىكلەر كاشغەرگە كىرىشى بىلەن مىرزا ئەھمەت قۇشبېگى ئۆزىنى فەرغانە تەرەپكە ئالدى. دۇڭ دارېن ياركەنتنى بېسىۋالدى، خوتەنمۇ تەۋە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەتتە شەھەر، بەلكى موغۇلىستان يۇرتىغا فەغفۇرچىنى مەنسەپدارلىرى ئىگە بولدى. ئىسلام نۇرىنىڭ شولىسىنى بۇ زۇلمەتلىك بۇلۇت خىرە ۋە قاراڭغۇ قىلدى. خۇددى ھەدىستە ”ئىسلام غېرىپلىق ھالەتتە باشلانغان، ئۇ يەنە غېرىپلىق ھالىتىگە يانىدۇ“ دىگەندەك ئەھۋال پەيدا بولدى.
      داخۇ، شوخۇلار باشلىق تۇڭگانىلار كاشىغەرگە بېرىپ، بېك بەچچىگە ھامى بولۇپ، خۇدالويە بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان بىر چاغدا، قارا چېرىكلەر يېتىپ كەلدى. داخۇ، شوخۇلار چاقماق قاراۋۇلى ئارقىلىق، ئورسىيە ئىچىگە قاچتى. لېكىن شوخۇنىڭ بىر مۇنچە يىگىتلىرى خاقانى چېرىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ يوق بولدى. داخۇ قىرىق مىڭغا يېقىن تۇڭگانى بىلەن ئوروسىيە ھىمايىسىگە يەتتى. ئاق پادىشا ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قاتارىدا يەر، سۇ ئىنئام قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا باي، ، دۆلەتمەن ھەم ۋەلى نېمەتلىك خاتىرجەم بولۇشتى.
      لېكىن ئۇلۇغ خاننىڭ زەپەر ئەسەرلىك چېرىكلىرى تۇرپاندىن چىقىپ كاشىغەرگىچە بولغان جايلارنى قولىغا كىرگۈزگىچە، بىرەر ئادەم ئۇلارنىڭ يولىنى توساپ ئوق چىقارمىدى. بەلكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئەئيانلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىززەت- ئېكراملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، قولىدىن كېلىدىغانلا خىزمەتكارچىلىغىنى كۆرسەتتى. لېكىن، خاقانى مەنسەپدارلىرى ھەر قايسى شەھەرگە كىرگەندە، «يامان ئادەملەر بولسا بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار، بىز ئۇلارنى ئىبرەت ئۈچۈن تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزىمىز» دەپ يارلىق قىلدى. لېكىن يۇرت ئۇلۇغلىرىنىڭ «ئەسلى ياخشى ئەرباپلار ۋە يامان ئادەملەر ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ قورقۇپ، تۇرالماي قېچىپ كېتىشتى. ئوبدان ئادەملەر ئۆز جاي- ماكانلىرىدىن قوزغالمىدى» دىگەن گەپلىرىنى ماقۇل تۇتتى. مۇبادا «يامان ئادەم ئىدى» دەپ مەلۇم قىلسا، بۇلارنىڭ جازاسىنى بەردى. لېكىن، ئۆزىچە بىرەر ئادەمنى ياخشى ياكى يامان دىمىدى. مۇجاۋۇر ياكى مۇساپىر ۋە ياكى پۇقرا ياكى ئەسكەر بولسۇن، ئۇلارغا ھىچقانداق دەخلى قىلمىدى. بەلكى «تىنچ بولۇپ پۇقراچىلىق قىلىڭلار، ئوبدان بولۇپ، كۆڭلۈڭلەرنى يامان قىلماڭلار، ئۇلۇغ خان سىزلەرنىڭ ئىلگىركى گۇنايىڭلارنى . ئەپۇ قىلىپ يارلىق چۈشۈرگەن» دەپ، ھەر قايسى شەھەر ۋە سەھرايى كەنتلەرگە گۇڭسى خەتلەرنى چاپلىدى. چوڭ- كىچىك ھەممە ئادەم بۇنى ئوقۇپ خاتىرجەم بولدى. ئاندىن كېيىن، كاشىغەرگە مىرزا ئەھىمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ ئوغلى مىرزا ھەمتاجى بېگىمنى ھاكىم قىلدى. كۇچارغا يۈسۈپ شاڭ بېگىنى، ئاقسۇغا قاسىم قازىبەكنى، باي- سايرامغا مۇھەممەت توختى بېكنى، ئۈزتۇرپانغا ئالائىددىن بېكنى، خوتەنگە ئەھمەت مۇراپ بېكنى، ياركەنتكە توختى نىياز يۈز بېشىنى ھاكىم قىلدى. چۈنكى، بدك بەچچە خوتەننى بوي سۇندۇرۇپ يانغاندا، خاقانى لەشكىرى بىلەن ئۇرۇشىمەن دەپ، مارالبېشغا ئوت، بوغۇز، ئۇن، گۈرۈچ ماڭدۇرۇڭ دەپ شاغاۋۇل دادخۇاغا پەرمان بەرگەن ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ مەزكۈر ئوت، بوغۇز قاتارلىق ئاشلىقلارنى مارالۋېشىغا ماڭدرۇپ، توختى نىياز يۈز بېشىنى باش قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ مارالۋېشىغا كېلىپ ساقلاپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇت زۇڭتۇڭ دارىنلار مارالۋېشىغا يېتىپ بېرىپتۇ. توختى نىياز يۈز بېشى مەزكۈر ئاشلىقلارنى ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرىگە تەقدىم قىلىپ، «ئۇلۇغ خاننىڭ نۇرغۇن چېرىكلىرى ئۇزۇن يەردىن بىز قەدىمقى ئۇششاق پۇقرالارنى يوقلاپ تېپىپ ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ، ئۆزەم دېھقانچىلىق قىلىپ ئالغان ئاشلىقلىرىمنى ئۆز ئۇاقلىرىم بىلەن قوشۇپ،ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغان ئىدىم» دەپ مەلۇم قىلپتۇ. زۇڭتۇك دارىن ناھايتى خوش بولۇپ، «كۆڭلۈڭ ئوبدان ئادەم ئىكەنسە» دەم ماختاپ، مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇنى ياركەنتكە ھاكىم قىلىپتۇ.
      ئاندىن ھەر قايسى شەھەردىكى ئاشلىق ساڭلىرىدىكى ئاشلىقنى خەتلەپ، دۆلەت خېنىيەسىگە ئالدى. يۇرت ۋە پۇقرالاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئاشلىق، ئوتۇن، سامان، بېدە، ئوت قاتارلىق ئىنسان گورۇھىغا لازىم بولىدىغانلىكى نەرسىنى خەتلەپ، يۇرتنىڭ ئۇلۇغ ئەئيانلىرى ۋە سودىگەرلەرگە چىقاردى. يەنە ئۇلارغا «بۇ خىل نەرسىلەرنىڭ بازار نەرقىنى توختىتىپ بەرسۇن، بىز بۇ توختاتقان باھاغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇششاق پۇقرالار تۆلىگەن نەرسىلەرگە ئۇلۇغ ھىچ نەرسە ئالمايمىز. يەنە بىزگە يۈز قاراپ، نەرقىنى ئەزان ياكى كەم باھلاپ، پۇقرالارغا ۋابالىق قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلماڭلار» دەپ قاتتىق تەكىتلەپ جاكا چىقاردى. لېكىن بېكلەر، ئۇلۇغ ئەئيانلانلار ئاشلىقنى تارتىپ تىكەن، چىغ، تۇزغىچە نەرق توختىتىپ تىزىمغا ئېلىپ كۆرسەتتى. مەنسەپدارلار بۇنى كۆرۈپ « بۇ نەرقتە پۇل كۈمۈش بەرسەك، پۇقرالارغا ۋابال بولمامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار «ۋابال بولمايدۇ» دەپ جاۋاپ بېرىتپۇ. «ئانداق بولسا ۋابال بولمايدۇ دەپ كاپالەتلىك قىلىپ چى خەت (تىل خەت – ت) بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. بېكلەر «ئۇشبۇ نەرقتە پۇل بېرىلسە ۋابال بولمايدۇ، مۇبادا ۋابالى بولسا بىزلەر ھەر ئىككى دۇنيادا زامىندۇرمىز» دەپ كاپالەت قىلىپ، چى خەت، يەنى ھۆججەت بەرگەندىن كېيىن، پۇقرا- خالايىقتىن نۇرغۇن ئاق، قارا ئاشلىق، ئوت، ئوتۇن، بېدە، سامان، ياغاچ، بادىرا قاتارلىق ئىنسانغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدى. توختىتىپ بەرگەن باھا بويىچە ئۇنىڭ پۇل كۈمۈشلىرىنىمۇ قولىدا توختاتماستىن بېكلەرگە بۇيرۇپ تۇردى. مۇشۇنداق ئەھۋال كەم ياكى ئارتۇقمۇ بولماي، بەش يىلغىچە بىر خىل داۋاملاشتى.
     بۇ چاغدىكى يەنە بىر ۋەقە شۇكى، جانابى بەدۆلەت ئاقسۇ، كۇچارنى ئىگەللىگەندە، كۇچارلىق خېتىپ خوجامنى ئوغۇللىرى بىلەن قوشۇپ كاشىغەرگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى. بۇلار ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرى كەلگەندە بىر تەرەپكە قېچىپ كېتەلمەي، كاشىغەردە تۇرۇپ قېلىپ، ھەر قايسى جاي- ماكانلاردا مەخپى يۇشۇرنۇپ بىر نەچچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى. ئاخىرى زۇڭتۇڭ دارىن ئاڭلاپ چاقىرتىپ كېلىپ، كۆپ سۆزلەرنى سوراپ، «بۇ شەھەرلەرنى نىمە ئۈچۈن بۇزۇپ، ئامبان دالويە چېرىكلىرىنى يوق قىلدىڭلار» دىگەندە، ئۇ «بىز كۇچار شەھىرىنىڭ تېشىدىكى مازار باغ دىگەن يەردە ئىدۇق. بىر كېچىدە تۇڭگانى، چەنتو قىمارۋاز، سوكو- سالتاڭلار شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئامبان، چېرىك، مەيمەنچىلەرنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنى بىزلەرگە چوڭ بولۇپ بەرسىلە دىسە، ئۇ مەن ئۇلۇغ خاننىڭ ئىلتىپاتىغا يەتكەن. ئۇلۇغ بولمايمەن دىسە، تولا ئادەملەر ئۇنى چۇماقلاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. يەنە كۇچارنىڭ ھاكىمى باشلىق سەككىز بېكنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تەلىقاتلىرىنى بۇلاپ كېتىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، بىر مۇنچە تۇڭگانى قىمارۋازلا مازار باققا چىقىپ، بىزنى ئۆز ئىختىيارىمىزغا قويماي، ئۆزلىرىگە ئۇلۇغ قىلغانلىغى راست. بىز ئۇلاردىن قورقۇپ ئۇلۇغ بولدۇق. ئەمما ئىختىيار بىزدە ئەمەس ئىدى. ئاڭغىچە لاۋ پادىشا بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق قىلدى. بىزنى كاشىغەرگە ئېلىپ كېلىپ توختاتتى» دەپ جاۋاپ بەرسە، «ئۇ چاغدا سىز نەچچە ياشتا ئىدىڭىز» دەپتۇ. « ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدىم. ھازىر سەكسەن بىر ياشقا كىردىم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. خېتىپ خوجامنى كاشىغەر ھاكىمى ھەمتاجى ھاكىم بېگىمگە تاپشۇرۇپ، «ئۇلۇغ خانغا ئەرز بېرىمەن، ئەمدى يارلىققا قارايسىز»دەپ چىقاردى. توققۇز ئايدىن كېيىن ئۇلۇغ خاندىن «قېرى ئادەم ئىكەن، گۇنايىنى ئەپۇ قىلدىم. ئۆز يۇرۇمغا كېتىمەن دىسە يول خىراجىتىنى بېرىپ ماڭدۇرۇڭلار» دەپ يارلىق كەلدى. يارلىق ھۆكۈمى بويىچە ئۇنى چاقىرتىپ، «ئۇلۇغ خان ئىلتىپات قىلىپتۇ. ئۆز يۇرتىڭىزغا يېنىپ كېتىڭ» دەپ، يۈز سەر كۈمۈش خىراجەت بېرىپ، كۇچارغا ياندۇرۇپ، قولىغا ئالاھىدە يارلىق ۋە ئىجازەت خەت بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مەھمۇدىن خوجام، ھامىدىن خوجاملارمۇ ئىجازەت خەت ئېلىپ، كۇچارغا بېرىپ، ئۇلۇغ- قاياشلىرىغا قوشۇلدى. ھىچقانداق ئادەم ئۇلارغا ئېغىز ئېچىپ دەخلى قىلالمىدى. ئۆزلىرى نىمە خالىسا شۇنداق يۈرىدىغان بولدى.
      لېكىن، دۇڭ دارىن دىگەن ئادەم ئۆز دىنىي ئېتىقادىغا ناھايتى مۇستەھكەم، مۇسۇلمانلارغا بولغان ئىچكى ئاداۋىتى كۈچلۈك ۋە مەھكەم، غەيرەت ۋە باتۇرلۇقتا ھەممە مەنسەپدارلاردىن پىشقەدەم، بالايى- ئەزەم ئىى. سېرىق قولنىڭ ھاكىمى ئەلپ بېك [237] دىگەننى سەللا بىر گۇنانى بانا قىلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. يەنە چوڭ پادىشانىڭ ئۆلۈگىنى كۆرسىتىپ پەرمان بەرسۇن دەپ، كاشىغەر ئەھلىنى قىستاپ تەڭلىكتە قويدى. ئۇلار ئىلاجىسىز كۆرسىتىپ بەردى. چېرىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاتالىق غازىنىڭ گۆرىنى ئاچتۇرۇپ، نۇرغۇن ئورۇنلارنى دۆۋلەپ، ئۇنىڭ جەسىدىنى كۆيدۈرۋەتتى. ھىچ ئىلاج بولمىدى. بۇنىڭدىن دىنى سۇس، ئەسلى زاتى يامان مۇناپىقلار خوشال- خورام بولدى. لېكىن ، مۇسۇلمان سۈپەتلىك دىيانەتلىك ۋە ئاقىۋەت ئەندىشلىك خەيرىگاھلار غەمكىن بولۇپ، كۆزلىرى ياشقا تولۇپ، بەنىيار ئاللانىڭ دەرگاھى تەقەد دۇسىدىن كەچۈرۈم سوراپ دۇئا ئىلتىجا بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلۇغ ئۆلىمالار بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرگەندە «بۇنداق قىلىش بولسا ئۆلۈك- موردا ئۈچۈن دەرىجە ۋە مەرتىۋە، لېكىن تىرىكلەرنىڭ ھەققى ئۈچۈن زۇلۇم ۋە خارلىققا لايىقتۇر» دەپ ئۆرىدى.
     بۇنداق ئاجايىپ ۋەقە ئاتالىق غازى ئۆلگەندىن كېيىن سادىر بولدى. ئىلگىركى پادىشا ۋە خولۇپا بەرھەقلەردىمۇ سادىر بولغان ئىكەن. «تارىخ رەستۇسسافا» دىگەن كىتاپتا، مۇھەمەت بىننى خاۋەندىشاھ بايان قىلىپ، ئابباسلار خەلىپىسىنىڭ دەسلەپكى سەففاھ [238] ئىدى. يەنى ئابدۇللا بىننى، مۇھەممەت بىننى، ئەلى بىننى، ئابدۇللا بىننى، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇردى. ئۇ بىننى ئومەييە يەنى مۇئاۋىيەلەرنىڭ گۆرىنى ئېچىڭلار، لېكىن ئۆمەر ئابۇلئەزىزنىڭ [239] گۆرىگە دەخلى قىلماڭلار» دەپ ھۆكۈم يارلىق قىلدى. ئۇلار مۇئاۋىيەنىڭ گۆرىنى ئاچتى. قەۋرىسىدىن توپا- تۇپراقتىن باشقا نەرسە تاپالمىدى. يەزىد بىننى ئۇئاۋىيەنىڭ [240] گۆرىنى ئاچتى. كۈلدىن بۆلەك نەرسە يوق ئىكەن. ئابدۇلمۈلۈك مەرۋاننىڭ [241] گۆرىدە بولسا بېشى، ھەشام بىننى ئابدۇلمۈلۈكنىڭ [242] گۆرىدە بولسا ئۇنىڭ جەسىدى ۋە ھەممە ئەزالىرى پارچىلىنىپ، بىر- بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن ئىكەن. بۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كۆپ قامچىلاپ ئۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ئاستى- ئۈستىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سورىدى. سۇلايمان بىننى ئەلى، بىننى ئابدۇللا بىننى، ئابباس تەزىلۇللا ئەنھۇ [243] بەسەرەدە [244] ھاكىم ئىدى. ئۇ يەنى ئۆمەييە ئۇلۇغلىرىنىڭ گەدىنىگە تىغ ئۇرۇڭلار ۋەپ بۇيرۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈلۈكلىرىنى كوچا، يوللارغا تاشلىدى. بۇ شەھەرنىڭ ئىت ۋە باشقا يىرتقۇچىلىرى ئۇلارنىڭ گۆش ۋە تېرىلىرىدىن نەچچە كۈن بەھرمەن بولدى. يەنى ئۆمەييە خەلىپىلىرى ئەۋلاتلىرىدىن مۇھەمەت بىننى ئابدۇلمۈلۈك [245]، ئۆمەر بىننى يەزىد [246]، ئابدۇلۋاھىد بىننى سۇلايمانلار [247] ناھايتى باي ۋە ئەسۋاپ مۈلكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا ھالاك قىلىپ، مال- مۈلكىگە سۇلايمان بىننى ئەلى ئابباس ئىگە بولدى. يەنى ئۆمەييە تايىپىلىرىدىن ئەجەل يەتمەي قالغانلىرى بولسا پېكىر يوقسۇللۇق كوچىلىرىغا كىرىپ، ئۆزلىرىنى ئالەمنىڭ بۇلۇڭلىرىغا ئېلىپ، مەخپى كۈن ئۆتكۈزدى دەپ بايان قىلىدۇ. ئەي ئەزىز يارەنلەر، بىلىڭلار ۋە ئاگاھ بۇلۇڭلاركى، ئۇ ۋاقىت تارىخ چىجرىنىڭ بىر يۈز ئوتۇز ئىككىنچى يىلى (ملادى 749-750- يىلى – ت) ئىدى. شۇنداقلا بۇ دەۋر بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاماندىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمىگەن، بەلكى پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىنى كۆرگەنلەرمۇ تېخىچە ھايات ياشاۋاتقان بىر زامان ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر زاماندا، بىرەر مۇسۇلمان خەلىپە ۋە پادىشانىڭ تەبئىتى يەنە بىر مۇسۇلمان خەلىپىگە مۇنداق ئاجايىپ ۋەقەلەرنى قىلىشنى راۋا ۋە دۇرۇس دەپ كۆرگەن تۇرسا، ھالبۇكى، ئۇ چاغدىن ناھايتى ئۇزۇن زامان ئۆتكەندىن كېيىنكى بۇگۈنكى كۈندە، بىرەر كاپىر دىنسىزنىڭ مۇسۇلمان ۋە دىندار ئىسلام پادىشالىرىنى يەنە قانداق خار ۋە ئېتىۋارسىزلىقلارغا دۇچار قىلماسلىغى مۇمكىن.
     ئۇ چاغدا خىتايلار ئاتالىق غازىنىڭ جەسسەتلىرىنى كۆيدۈردى. چۈكى، خىتايلارنىڭ ئېتقادىچە، ئەگەر بىرەر ياخشىلىغى كۆپ، يامانلىغى ئاز ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ جېنىنى يەنە بىر ئادەمنىڭ قوسىغىدا پەيدا قىلىپ، تېز ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇنى يەنە تۇغدۇرۇپ، بۇ يەر يۈزىگە كەلتۈردىكەن. ئەگەر ياخشلىغى ئاز، يامانلىغى كۆپ ئادەم بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئىت، ئىشەك قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ تۇغۇلۇپ، زىمىن يۈزىگە كېلىپ خىزمەت قىلىپ، زىمىن يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەققىنى ئاداق قىلىپ، ئاندىن يەنە ئۆلۈپ، بىر ئايالنىڭ قوسىغىغا پەيدا بولۇپ، يەنە تۇغۇلۇپ كېلىدىكەن. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئازراقلا ھەققى بولسا، ھەققىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن تۇغۇلۇپ كېلىپ، تۇخۇم تۇغۇپ بېرىپ، ھەققىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ كېلىدىكەن. كىشىنىڭ ھەققىنى بەرمەي ئىلاجى يوق. پۇل ئىگىسىنىڭ ھەققىمۇ ئەسلا بىكارغا كەتمەيدۇ دىگەن يامان ئەقىدىلىرى مۇستەھكەم ئىكەن، شۇڭلاشقا، ئۇلار كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىدىكەن دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالىق غازىنىڭ جەسىدىنى كۆيدۈرۈشىدىكى ئەقىدىسى بولسا، بۇ لاۋ پادىشانىڭ جېنى يەنە بىر ئايالنىڭ قوسىغىدا پەيدا بولۇپ تۇغۇلۇپ كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە بىئاراملىق قىلمىسۇن دىگىنى ئىكەن. ئۇلار بۇ ئەقىدىسىنى روھنىڭ يۆتكىلىشى دەپ قارايدۇ. راست ياكى يالغانىغىنى ئاللا بىلىدۇ.
     ئەلقىسسە، خاقانى مەنسەپدارلىرى خەققە بەش يىلغىچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈزۈم بويىچە مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن كېيىن يۇرتدارلىق ئىشلىرىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ يەر- زىمىنىنىڭ ئاز- كۆپلىكىگە قارىماي چىزىلاپ ۋە پۇڭلاپ ۋە كەملەپ ئۆلچەپ، ئازغا ئازچە، كۆپكە كۆپچە ئاق ياكى قارا ئاشلىق، سامان قويۇپ دەپتەرگە ئالدى. ھەر بىر شەھەرنىڭ چىقىم- كىرىمىنى خەتلەپ توختىتىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلدى. ئۇلۇغ خاندىن «بىلدىم» دىگەن يارلىق چۈشتى. ھەر قايسى شەھەرنىڭ مەنسەپدارلىرى تەيىن قىلىپ توختىتىلغان ئاشلىقنى كەم ياكى ئارتۇق قىلماي، دۆلەت خېنىيىسىگە ئالدى. مەنسەپدارلار ئالۋاڭنى ئون ياكى ئون ئىككى يىلغىچە مۇشۇ تەرىقىدە ئېلىپ تۇردى. بەلكى بۇ ئالۋاڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋەردى. ھازىر خاقانى مەنسەپدارلىرى بۇ جاينى ئىگەللىگەنلىگىگە ئوتتۇز يىلدىن ئاشتى. يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە (مىلادى 1909- يىلىغا – ت) يەتتى. خالايىق شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئەجداتلىرىدىن قالغان مۈلكى مىراس زىمىنلىرىنى تاشلاپ، ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتتى. ھويلا- ئاراملىرى، ھەرەم باغلىرى، مال- مۈلكى ۋەيران بولۇپ، ھۇقۇش، قۇزغۇنلارغا ئاش ، دىۋە- پىرىلەرگە جاي- ماكان بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار يۇرتدارلىق ئالۋاڭلىرىنى تۆلەشكە ئاجىز قېلىپ، يەر- زىمىننى باشقا ئادەمگە بىكارغا بەرسىمۇ ئالمايدىغان بولدى. خاقانى مەنسەپدارلىرىنىڭ ئىچكى كۆڭۈللىرىدىكى مۇددىئا غەرەزلىرى بولسا، چەنتو پۇقرالار ۋە خۇداسىنىڭ رەھمى- شەپقەتلىرىگە سېغىنىپ، خۇداسىدىن باشقا ھىچ مەخلۇقتىن ياخشى ۋاپا ۋە ئۈمىت تۇتمىسۇن، پەقەت بىزنلا ئازرۇ- ھەۋەس قىلىپ، بىھۇدە جەۋرى- مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، ئۆمرىنى زايا قىلمىسۇن، يەنە ئىككىنچى مەرتىۋە باشقا تايىپە ۋە پادىشالارنى تەلەپ قىلىپ، بىزگە ناشۈكۈرچىلىك قىلمىسۇن، ئاسمان ۋە زىمىن خۇداسى كىمنى خالاپ ۋە كىمنى ئۇلۇغ قىلىپ بەرسە، شۇلارنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىدىن چىقماي، سەۋر قىلسۇن دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ يۇرت سورايدىغان مۇددىئاسى بولسا ئىدى، پۇقرا- خالايىققا مۇنچىلىك زۇلۇم قىلىشنى راۋا ۋە لايى كۆرمەس ئىدى. بەلكى ئۇلار مۇسۇلمان زالىملىرى ياكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ، سىياسەت يۈرگۈزگەن بولار ئىدى. خۇداۋەندە ئۆز رەھمى ۋە پەزىلەتلىرى بىلەن بۇ لەنتى زالىملارغا يەنىلا ئىنساپ  ۋە ئادالەت ئادا قىلسا ھەجەپ ئەمەس.
     ئەي نادان ئاسى، بىمىقدار، خارگۇناكار ۋە بىمادار! سېنىڭ بۇنداق ئىقتىدارلىق پادىشالار ۋە ئەتىۋارلىق ساھىبى يولباشچىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، ئۇلار ھەققىدە سۆز ئېچىشقا نىمە ھەققىڭ ۋە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ سەن بۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلالايسەن؟ ئەي مۇغەننى ئالىملار، سىلەرمۇ بىھۇدە ۋە يوغان سۆزلىرىڭلارنى ئاۋايلاپ سۆزلەڭلار. چۈنكى، پادىشا ۋە ھاكىملارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز قۇۋۋەت ۋە شىجائەتلىرىمىز بىلەن شەھەر ئالدۇق دەپ ئۆزلىرىگە ئىشەنچە قىلىدۇ. ھەقىقەتنى ئايرىغۇچى بولسا، پەقەت ھايات ئىگىسى بولغان ھەققى ئاللانىڭ ئۆزىدۇر. ھالبۇكى، ئۇ ئالەمنىڭ خۇداسى ئۆز ئىلمىي قەدەملىرى بىلەن ئىسلام دىنىدىكى ياكى دىنسىز كاپىر پادىشالارنىڭ قايسىبىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنلا بىز مەخلۇقلارنىڭ ئۈستىگە ئىگە قىلىپ ئەۋەتكەن – بەس ! شۇڭلاشقا، ھەر زامان ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا پادىشا ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئىنساپ ۋە ئادالەتلىرى ھەققىدە دۇئا قىلماق لازىمدۇر. ئەگەر ئۇ ئىسلام پادىشا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلماق كېرەك ۋە ئۇنىڭ توغرا يولى، ئىنساپ ئادالەتلىرىنى تىلەش لازىمدۇر. چۈنكى، بۇنداق پادىشالارنىڭ نېئمەت ئىلاھى جۈملىدىندۇر.

[align=justify]
      نەزىم:

[align=justify]
      ھەمە ھالغا شۈكرى قىلماق لازىم ئېرۇر،
      كى مۇبادا ئانىڭدىن ئولغاي يامان.

[align=justify]
     ئەي ئاقىللار، باغۋەنلەرنىڭ قۇرۇق ئۈستىگە قويغان تىكەنلىرى، قويچى پادىچىلارنىڭ ئىتلىرىمۇ نېئىمەت ئىلاھى جۈملىسىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلىشى بولمىسا ئىدى. قويلىرىنى باغچىلارنىڭ قۇرۇق ئۈستىگە قويغان تىكەنلىرى بولمىسا ئىدى. مىۋىلىرىنى ئوغۇرلاردىن ساقلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، خۇداۋەندەكېىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ھەر قانداق ئىنسان خىلى ئىچىدىكى ئۇلۇغلار نەسلىدىن بىرسىنى بىز مەخلۇقلارنىڭ ئۈستىگە ئىگە قىلىپ بەرسە، بارلىق پۇقرالار ۋە خالايىقلارنىڭ ئۇنىڭغا شۈكرى سانا قىلپ، ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىمۇ لازىم تۇتۇپ بېلىشكە تېگىشلىك ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئىاھا ئۇلۇغلارغا ئىنساپ ۋە ئادالەت ، پۇقرالارغا توغرا يول ئاتا قىلغايسەن. ھۆرمەت سەيىدىلمۇرسەلىن ۋە ئەنبىيالارغا مەنسۇپ- ئامىن !

2008/1/8 02:20
10 Ghunche

20

فەغفۇرچىننىڭ پۇقراپەرۋەرلىك تەرەپتىكى ئادالەت- سۈپەتلىرى، زىمىنىنىڭ كەڭرى- چوڭ ۋە ئۇلۇغلۇغى، زىمىن دائىرسى تەرىپى ھەققىدە قىسقىچە ۋە نەمۇنە بايانى

[align=justify]

      راست سۆزلۈك يارەنلەر، ئەقىللىق بۇرادەرلەرنىڭ روشەن ۋە ماقۇل كۆڭۈللىرىدىن مەخپى ۋە نامەلۇم قالمىغايكى، بۇ تارىخچىنىڭ مۇقەددىمە ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك، فەغفۇرچىنى خانى بۇ شەھەرلەردىكى مەنسەپدارلارنىڭ گەدىنىدىن ئايمۇ- ئاي پۇل ئېلىپ تۇردى. بۇنى «چوقا بېشى» دەپ ئاتىدى ھەم تۇزغىچە باج قويدى دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ تەپسىلى بايانى بۇكى، ئاقسۇلۇق موللا نىياز ئاخۇن ناملىق زېرەك ھەم ھۇشيار بىر مىرزا كەمىنە مەنكى بۇ ئېتىۋارسىز قەلەم تەۋرەتكۈچىگە ئۆز ئاغىزى بىلەن شۇنداق بىر قىسىنى ھىكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى. يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىشىنچى يىلى (مىلادى 1844- يىلى – ت) ئەتىراپىدا شەنفىڭ خان دەۋرىدە [248] چاڭ مۇزا دىگەن بىر تايىپە، ئەنگىلىيە نىسارلىرى ۋە بۇزۇلغان تۇڭگانىلار ئۇلۇغ خانغا يۇپۇشقان كۈنلەردە خان مەزكۈر تايىپىلەر ئۈستىگە لەشكەر ماڭدۇرۇپ، بۇ نەنلۈباچىڭ تەرەپكە ئىلگىركىدەك كۆلەن- ۋەزىپە ئەۋەتىشىگە پۇرسەت يەتمىگەن زامانلاردا، بۇ يەتتە شەھەردىكى مەنسەپدارلار «بىزمۇ بۇ شەھەردىن كان تېپىپ ئۇلۇغ خاننىڭ غەزنىسىگە كۈمۈش سالساق، پۇقرالارنىڭ گەدىنىگە پۇل قويۇپ باج يىغىۋېلىپ، بۇنى ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ، مەنسەپ ۋە ئابرۇي تاپساق» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئاقسۇنىڭ چىڭخەي ئامبانى مەن دارىن دىگەن ئادەم ئاقسۇنىڭ ھاكىمى باشلىق مەنسەپدارلارنى ھازىر قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئادەم ۋە ئۆي نۇپۇسىنى خەتلەپ، ھەر ئۆيلۈك ئادەمگە ئىككى تەڭگىدىن مىس پۇل قويدى. بۇنى «چوقا بېشى» دەپ ئاتىدى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ، پۇقرالاردىن ئون تۆت مىڭ تەڭگە چوقا بېشى پۇلنى ئالدى. ئۇلۇغ خانغا بۇنىڭ راستى مەلۇم بولماي ۋە سورىغىمۇ قىلىنماي يوقاپ كەتتى. بىر ئۆيلۈك ئادەمنىڭ ھەر ھەر ئايدا ئىچىدىغان تۇزىغا ئىككى پۇلدىن باج قويۇپ، ئۈچ ئايدا ئۈچ داچەن، يەنەى ئالتە پۇل ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇنى ھىساپلاپ كۆرگەندە، پۈتۈن ئاقسۇ تەۋەلىگىدىن بىر يىلدا ئون بەش مىڭ نەچچە يۈز تەڭگە پۇل يىغىلىدىكەن. نەتىجىدە بۇ پۇلنى ئېلىشقا ھۆكۈم جارى بولۇپ، ئۈچ ئاي توشقاندىن كېيىن، يۇرتنىڭ ئەمەلدارلىرى يۇقىرقى تۈزۈم بويىچە پۇقرالاردىن بۇ پۇللارنى يىغىۋالدى ۋە ئۇنى ھاكىم بېكنىڭ ئورىدىسىغا ئېلىپ كېلىپ، بۇ تۇز بېجىنى ساناش ۋە ساقلاشقا پېقىر موللا ئاخۇن مىرزىنى تەيىنلىدى. بۇ پۇلنى تۇرغان كۈنلەردە قەدىمدىن بۇيان فەرغانە خانلىغىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇپ يەر- زىمىن مۈلكىگە ئىگە بولغان ھەم دېھقانچىلىق قىلىپ ئۇلۇغ چىنى خاقانىنىڭ ساڭلىرىغا ئاشلىق تۆلەيدىغان بىر مىڭ بەش يۈز ئۆيلۈكتىن ئۇشۇقراق پۇقراسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەردە مىرزا باي دىگەن بىر ئاقساقالى بارئىدى. ئاقسۇ ھاكىمى مىرزا بايغا «قول ئاستىڭدىكى پۇقرالىرىڭدىن ھەرئايدا بىر داچەندىن تۇز بېجى ئېلىپ خېنىيەگە تاپشۇرىسەن» دەپ ھۆكۈم خەت بېرىپتۇ. مەزكۈر ئاقساقال «كاشىغەردىكى ئوغلۇمغا مەلۇم قىلىپ، ئاندىن كېيىن تۇز بېجىنى ئېلىپ بېرەي» دەپ، بۇ ھۆكۈم خېتىنى كاشىغەردىكى چوڭ ئاقساقالغا ئەۋەتىپتۇ. چوڭ ئاقاساقال بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، ئەرز قىلىپ، بۇ ھۆكۈم خېتىنى ياركەنتتىكى خان ئامبانغا ئەۋەتىپتۇ. خان ئامبان بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرۈپ، يەنىمۇ راستىنى بىلەي دەپ ئاقسۇغا مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپتۇ. ئۇ ئادەم ياركەنتكە يېنىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ راستلىغىنى خان ئامبانغا مەلۇم قىلىپتۇ.
      بۇ كۈنلەردە باي ھاكىمى قاسىم بېك مەنسەپ توغرىسىدىن ياركەنتكە بارغان ئىكەن. بۇ بېكدىنمۇ راستىنى ئېنىقلاپ چى خەت ئېلىپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۇلۇغ خانغا «ئاقسۇدىكى مەن دارىن دىگەن ئەمەلدار ئۇلۇغ خاننىڭ شانى- شەۋكىتىنى سۇندۇرۇپ، خوتۇنلار ئىچىدىغان تۇزدىن باج ئېلىپتۇ. بۇ ھال يىراق- يېقىن مەمىلكەتلەرگە ئاڭلانسا ياخشى ئىش بولمايدۇ» دىگەن مەزمۇندا ئەرز ئەۋەتىپتۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ راستىنى ئېنىقلاشقا ئادەم ئەۋەتىپنى تىلەيمەن» دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. بۇ ئۇلۇغ خانغا يېتىپ، جۈنلە (تەستىقلىنىپ – ت) كوي دارىن دىگەن ئامباننى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. ئاقسۇنىڭ ئامبانى مەن دارىن دىگەن ئۇنىڭ يارلىق بويىچە ئەھۋالىنى ئېنقلاش ئۈچۈن ئاقسۇغ كېلىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئۆزىندىن ئەندىشە قىلىپ، ئاقسۇ ھاكىمى باشلىق چوڭ- كىچىك خىتاي ۋە يەرلىك ئەمەلدارلاردىن يەتمىش ئىككى ئەمەلدارنىڭ تىلىدىن « تۇزغا باج ئالمىدۇق، بۇ بىر يالغان سۆز» دەپ چى خەت ئالدى. پېقىر موللا ئاخۇن مىرىزىدىنمۇ «پۇل ئالمىدىم» دەپ تاندۇرۇپ چى خەت ئالدى. ئۇنىڭغىچە مەزكۈر تەكشۈرگۈچى ئامبان ئاقسۇغا كەلدى. تۇز بېجى ئالغانلىقنىڭ راستىنى پۇقرالاردىن ئېنىقلاپ بىلدى ۋە كەمىنە مېنىمۇ سۆز ئېلىپ بېرىپ سۆز سورىدى. يالغان سۆزنى راست سۆزنىڭ جايىغا ئەپكىلىش ناھايتى مۈشكۈل بولدى. «راستلىق خاسلىقتۇر» دىگەن ئەقىدىنى مەھكەم تۇتۇپ، « بىر ئۆيلۈك ئادەمدىن بىر ئايدا ئىچىدىغان تۇز بېجىغا ھەر ئايدا بىر داچەندىن پۇل ئېلىپ ماڭا تاپشۇردى. جەمئىي بىر مىڭ ئالتە تەنگە ئالتە پۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ خان بۇ توغرىدىن كايىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭدىن ئارتۇق پۇل ئېلىنمىدى» دەپ مەلۇم قىلدىم. ئۇ «بۇ پۇل قۇلۇڭدا ھازر بارمۇ» دەپ سورىدى. مەن «بەزىسى ھازىر بار» بەزىسى ئۈستۈمدىكى دىۋان بېگى ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتتى. يەنە بۇنىڭ ئورنىغا پۇل سېلىپ قويىمىز دەپ ئالغان ئىدى. «بۇ دەپتىرىگە يېزىقلىق» دەپ مەلۇم قىلدىم. ئۇ بۇ سۆزۈمنىڭ راستىلىغىنى ئۈچۈن چى خەت ئالدى. ئاقسۇنىڭ ئامبانى بۇنى ئاڭلاپ، «مەن ئىقرار قىلما دىسە يەنە نىمە دەپ ئىقرار بولىسەن» دەپ كايىپ، ئىككى جىڭلىق پالاقتا سەكسەن تاياق ئۇردى ۋە دېڭىزدا مەھكەم قىلىپ سولاپ قويدى. ئارلىقتا سەكسەن كۈن ئۆتتى. ئۇلۇغ خاندىن «تۇز پۇلى تۇتقان موللىنى، ئاقسۇ ھاكىمى ھۇشۇر، باي ھاكىمى قاسىم ۋە دىۋان بېگى موللا ھۇشۇرنى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ، جاڭجۈن ۋە خان ئامبانىلار ئۆزى سوراق قىلىپ، ۋەقەتنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى ئېنىقلىسۇن» دىگەن يارلىق كەلدى. يارلىق ھۆكۈمى بويىچە بۇ تۆت كىشىنى ئىلىغا ئېلىپ باردى. بۇ كۈنلەردە ئاقسۇ ھاكىمى ھامىد تاجى ھاكىم بېگىم ھاكىملىغىدىن بىكار بولۇپ، ئورنىغا ھۇشۇر بېك دىگەن كىشى ئارىيەت ھاكىم بولۇپ، تامغا تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. جاڭجۈن ۋە خان باشلىق ئون ئىككى نەپەر كاتتا مەنسەپدار دەقەمتۇر قاتار ئولتۇرۇپ، بىزدىن بىر- بىرلەپ، ناھايتى نازۇك ۋە ئىنچكىلاپ ئالدىرماي سورىدى. بىر ئايدا تۆت- بەش نۆۋەت سۆز سواريتى. بەزى كۈنلەردە ئۈچ- تۆت نۆۋەت سورايتى. شۇنداق قىلىپ سەككىز ئاي سوراق قىلدى. شۇنداق نۇرغۇن سۆزلەرنى سورىدىكى، بۇنى يېزىشقا قەلەم ئاجىز كېلىدۇ. ئاخىرى بۇنىڭ راستىنى ئېنىقلاپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلغاندا، ئۇلۇغ خاندىن چىڭ خان ئامبان دىگەنگە «بۇلارنى ئۆز يېرىگە ئاپىرىپ، ئۇششاق پۇقرالاردىمۇ سوراپ ئېنىقلاپ، بىر قارارغا كېلىپ، ئۇچۇر بېرىلسۇن» دىگەن مەزمۇندا يارلىق كەپتۇ. خىراجىتىگە بەش مىڭ سەر كۈمۈش يارلىق قىلىپ، يەنە ھەر كۈنلۈك خىراجىتى ئۈچۈن ھەر ئۆتەڭدىن ئەللىك بىر كۈمۈش ئېلىشقا يارلىق چۈشۈپتۇ. مەزكۈر خان ئامبان ئۈرۈمچى، تۇرپان يولى بىلەن داغدۇغا ھەشەمەتلەرنى قىلىپ ئاقسۇغا كەلدى. ئاقسۇ ئامابانى مەن دارىن، تاجى ھاكىم بېگىم، ھۇشۇر ھاكىم بېك باشلىق خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلاردىن يەنە ئېنىقلاپ سوراپ، راستىنى ئېيتقۇزۇپ، ھەممىسىدىن چى خەت ئالدى. مەن موللاخۇندىن بىرمىڭ تەڭگە ۋە يەنە ئالتە تەڭگە پۇلنىڭ ھىساۋىنى سورىدى. بۇ پۇلنىڭ ھازىرىغا ھازىرچە ۋە يوق بولغان پۇلنىڭ دېرىگىگە پۇل ئالغان ئادەملەرنى تۇتۇپ جاۋاپ بەردىم. لېكىن بۇ پۇلدىن تۆت پۇل كەم چىقتى. ئۇ «نىمە قىلدىڭ؟» دەپ سورىغاندا، مەن «ئېسىمگە ئېلىپ ئاندىن جاۋاپ بەرسەم» دىدىم. ئۇ ماقۇل بولدى. ئاخىرى بۇ ئىككى داچەن يەنى تۆت پۇل ئۈچۈن يەتتە نۆۋەت كاتتا سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ سوراق قىلدى. ئاخىرى «بۇ تۆت پۇلغا قەغەز ئېلىپ، باج بەرگەن ئادەملەرگە باغاق ھۆججەت قىلىپ بەردىم» دەپ جاۋاپ بەردىم. بۇ سۆزۈمنى ھۆججەت قىلىپ تۇرۇپ، تاجى بېگىمنى ئېلىپ كىرىپ، «باج تۇتقان بۇ موللىغا خېنىيىدىن بەرگەنمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ «قەغەز بەرمىگەن ئىدى» دەپ جاۋاپ بەردى. خان ئامبان « ئۇنداق بولسا قەغەز بەرمىگەن دەپ مۆھرىڭىزنى بېسىپ چى خەت بېرىڭ» دەپ چى خەت ئالدى. ئاندىن كېيىن مەندىن ئالىدىغان ھىساپ سورىغىنى تۈگىتىپ، بۇ سوراقنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلدى. ئۇلۇغ خاندىن «بىلدىم، مېنىڭ ئۇششاق پۇقرالىرىم ئۈستىدىكى مەنسەپدارلار، ئۇلارغا جەۋرى- زۇلۇم سېلىپتۇ. مەن ئۇلۇغ خان ئاقسۇ ھاكىمى، باي ھاكىمى، باي- سايام ھاكىمى باشلىق خىتاي، يەرلىك ئەمەلدارلاردىن يەتمىش ئىككى مەنسەپدارنى مەنسىۋىدىن ئالدىم. بۇلار ھىچقاندادق مەنسەپ ئىشلىرىغا ئارلاشمىسۇن. لى فا قائىدىسىگە سېلىپ، ماددىلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرسەم، بۇ مەنسەپدارلارنى بەش مىڭ يوللۇق يەرگە يالاپ، بۇغۇپ ئۆلتۈردىغان قانۇن بار ئىكەن. لېكىن مەن بولسام ئۇلۇغ خان، خۇددى ئىگىز بىر تاغ، پۇقرالىرىم بولسا كىچىك دەرياغا ئوخشاش. مەن ئۇلارنىڭ گۇناسىنى ئەپۇ قىلدىم. ئۇلار ئۆز يېرىگە بېرىپ پۇقراچىلىغىنى قىلسۇن. يەنە بىرى مەن يېڭى تەختەكە چىقتىم. بۇلارنىڭ گۇناسىنى ئەپۇ قىلدىم» دەپ يارلىق چۈشۈردى. بۇ ۋەقە شەنفېڭ خاننى ئونىنچى يىلى (مىلادى 1860- يىلى – ت) يۈز بېرىپ سوراق قىلىنغان ئىدى. سوراق تۈگىگىچە شەنفېڭ خان ئالەمدىن ئۆتتى. ئورنىغا تۇڭجر خان بولۇپ، ئوتتۇرسىدا تولۇق ئۈچ يىل ئۆتكەن ئىكەن. مەزكۈر خان ماڭا رەھمى- شەپقەت قىلىپ ماختاپ، ئوتتۇز سەر كۈمۈش شاڭلاپ بېرىپ، پۇقراچىلىغىڭنى قىلغىن دەپ جاۋاپ بەردى دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەنكى كەمىنە قەلەم تەۋرەتكۈچى ئۇ چاغدا ئۆيلەنگەن ئىدىم. مەنمۇ ئەل قاتارى ئۈچ ئايدا ئۈچ داچەن بەرگەن ئىدى.
     ئەي زامانە ئادەملىرىنىڭ رەسالىرى ۋە دەۋرانىنىڭ ئەقىللىق دانالىرى، بۇ ئۇلۇغ خاننىڭ ئادالەتلىگى ۋە پۇقراپەرۋەرلىگى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ يەتتە شەھەر ھىساۋىدا بىر مىڭ تەڭگە ئالتە پۇلنى خىتاي ھىساۋىدا ئاتمىش ئىككى يېرىم سەر كۆمۈش، ئوروسىيە ھىساۋىدا بىر يۈز ئاتمىش سوم نەچچە تىيىن ئاقچا ھىساپلايدىكەن. دىمەك، ئاران مۇشۇنچىلىك پۇل ئۈچۈن ، ئۇلۇغ خان ئىلىدىن خان ئامبانى بۇيرۇپ، خىراجىتىگە ئۆز غەزنىسىدىن نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش بەرگەننىڭ تېشىدا، پارچە خىراجەتلىرى ئۈچۈن يەنە نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش تەيىنلەپ، «مەن ئۇلۇغ خاندىن يارلىق بولماي تۇرۇپ، مەنسەپارلىرىم ئۇششاق پۇقرالىرىمدىن ھەر ئايدا بىر داچەندىن پۇل ئېلىپ جەۋرى قىلىپتۇ» دەپ تەكشۈرۈپ، چىڭچەي ئامبان باشلىق ئۈچىنچى، تۆتىنچى جەرەكلىك مەنسەپكە يەتكەن ھاكىم ۋە چوڭ-كىچىك يەتمىش ئىككى مەنسەپدارنى مەنسىۋىدىن ئالدى. بەلكى تۇز بېجى تۇتقان ياكى ئالغان يۈز بېگى، مۇئەززىن، ئاقساقاللارغىچە بىكار قىلدى. يەنە ئىككى داچەن ئۈچۈن نەچچە كۈن سوراق قىلىپ، راستىنى ئېنىقلاپ، بۇ ئىشقا ئەجەپلىنىپ، قىياس ۋە ئىتىھان كۆزى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ بۇنداق ئىنساپ ۋە ئادالەتلىرىگە ئىنساپ قوشۇلسۇن! گەرچە ئۇلۇغ خانغا ئاڭلانغىنى بىر داچەن بولسىمۇ، غەزنىدىن نەچچە مىڭ سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ، ياخشى سوراق قىلاتتى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندىكى مەنسەپدارلار بولسا، خېنىيە ئالۋاڭلىرىنى بازا قىلىپ، بىر پۇقرادىن بىر مىڭ تەڭگە پۇلنى ئورۇن- سەۋەپسىز ئالماقتا. پۇقرالار دادى- پەريادىنى ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزەلمەيدۇ ۋە ئاڭلىتالمايدۇ. ئۇلۇغ خان بولسا چوڭلۇق قىلىپ، مەنسەپدارلىرىنىڭ خۇلقى- مىجەزى ۋە زۇلۇم- جەۋرىدىن خەۋەر ئالمايدۇ. بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتقان چاغدا، خۇددى مۇشۇنداق يەنە بىر گەپ ئىسىمگە كەلدى.
تارىخ كىتاپلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، قەدىمقى زاماندا پادىشا نوشىرۋان ئادىل [249] ئوغا چىقىپ بىر كەنتتە قوندى. بورچلار ئاشخانىغا تۈز تەييارىغان ئىكەن. بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ، مەزكۈر كەنتتىن تۇز ئېلىپ ئىشلىتىپتۇ. بۇ ۋەقە نوشىرۋانغا ئاڭلانغاندىن كېيىن، ئۇ باقاۋۇل بېشى باشلىق بورچىلارغا سىايسەت قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئۈچۈن دارغا ئېسىپتۇ ۋە ئۇ «ئاشخانىنىڭ تۇزى بولسا ئاز ۋە چاغلىق نەرسە، تولا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇنى يارلىق قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىگە ئېلىپتۇ. بىراق بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ ئۆتكۈزۋەتسەم، مەندىن بەخسەلىك يۈز بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە بۇ قائىدە رەسمىي جارى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، جەۋرى- زۇلۇم بىللە پەيدا بولىدۇ. زۇلۇمنىڭ يىلتىزى كىچىك نەرسە،لېكىن ئۇ پاتلا چوڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنى كىچىك چېغىدا يۇلۇپ تاشلاش ئاسان، مۇبادا ئۇ يىلتىزى چوڭ بولۇپ، رەسمى قائىدىگە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، پۇقرالارغا زۇلۇم پەيدا بولۇپ، يۇرتتىن ئىنتىزام قوزغىلىپ كەتسە، ئۇنى جايىغا ئېلىپ كېلىش ئەلۋەتتە تەس بولدۇ. بىرەر تەدبىر قوللانغىلىمۇ بولمايدۇ. ھەر ئىشقا كىچىك ۋاقىتتىلا تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش لازىم دەپ ئاگاھالاندۇردى. شۇڭلاشقا نوشىرۋاننى ئادىل» دەپ ئاتىدى. بۇنداق دەپ ئاتاشقا يەنە باشقا سەۋەپلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ ئۇنىڭ بىر سەۋىۋى.
     ئەلقىسسە، بۇ سۆزلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىشتىن مەقسەت شۇكى، بۇ چەت- ياقا يۇرتلارغا مەنسەپدار بولۇپ كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ جەۋرى- زۇلۇملىرى ئۇلۇغ خانغا راستى بىلەن مەلۇم بولمايدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلۇغ خان ناۋادا راستىنى ئاڭلاپ قالسا، ئۇنى ياخشى تەكشۈرۈپ، تەپتىشلەرنى قىلىپ، پۇقراپەرۋەرلىك سىياسىتىنى ئوبدان يۈرگۈزۈپ، ھەققانى ئادالىتىنى خۇددى ئاپتاپقا ئوخشاش ھەممىگە باراۋەر يەتكۈزۈپ ئىش كۆرىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئادالەت نەتىجىلىرى ۋە خاسىيەت ئەسەراتلىرى بەركىتىدىن ياكى يەتتە مىڭ يىل مابەينىدە چىنى ماچىننىڭ [250] ئەۋلاتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى خان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خانلىق دۆلىتى ۋە بەختىگە قۇسۇر يېتىپ، پادىشا پادىشالارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، باشقا تەختى سەلتەنەت قۇرۇلغانلىغىنى ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدا ئۇچۇق يازغان ئەمەس.
     لېكىن تارىخ كىتاپلىرىدىكى تىزما بايانلارغا قارىغاندا، پىشىدا دىيان پادىشالىرىدىن ئەسكەر رومى [251] دىگەن ئادەم ئالەمنى ئۆزىگە قاراتقان بىر پادىشا بولسىمۇ، لكېىن ئۇ ئاقىۋەت فەغفۇرچىنى بىلەن دواتلۇق ئورنىتىپ، سۈلھى تۈرۈپ ياندى. يەنە كېيىنكى پەيغەمبەر ئاخىر زامان دەۋرىدىكى پادىشالاردىن بولغان چىنگىز قائان بىر مۇنچە يۇرتى ئۆزىگە قاراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ خان سۈلھى تۈزۈشكە مايىل بولۇپ، قىزىنى چىنگىز خانغا بېرىپ، ئۇنى كۇيۇغۇل قىلدى. چىنگىز قائان ئۇنىڭ قىزىنى ئۆز خوتۇنلىرىنىڭ قاتارىغا ئېلىپ، ئۆز يۇرتىغا ياندى ۋە بۇ زىمىنغا مۇستەقىل پادىشالىق ھۆكۈمىنى جارى قىلالمىدى. شۇنىڭدەك ئەمىرتېمۇر كوراگانىمۇ (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جاينى نۇرلۇق قىلسۇن !) خاقانى چىنى بىلەن غازات قىلىمەن دەپ، ئۆز يۇرتىدا ئۈچ يىل ئەسكەر جەملەپ، ئۈچ يۈز ئاتمىش ئالتە مىڭ نەپەر ياراملىق ئەسكەر تەييارلاپ، بېجىننى مەقسەت قىلىپ، تاشكەنتنىڭ يۇقىرسىدىكى ئوترار دىگەن كونا شەھەرگە كەلگەندە، قىش- زىمىنىساتانلىغى تۈپەيلىدىن ھاۋا ناھايتى سوغاق بولۇپ كېتىپ، بۇ يەردە قىشلاپ، باھار كىرگەندە ئاتلىنىمەن دەپ تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ئات- ئۇلاقلىرى شىددەتلىك سوغاقتا مۇزلاپ ھالاك بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەمىرائى دۆلەتخۇالىرى مەسلىھەتلىشىپ، « سوغاق يامان بولۇپ كەتتى. باھاردا يېنىپ چىقساق» دەپ ئەزر مەلۇم قىلدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇنى ئاڭلاپ، غەزەپ ئاتەشلىرى ئۆرلەپ، «مۇنچىلىك سوغاقتىن قورقۇپ ئارقىغا يانغىنىم قانداق؟» دەپ، بارگاھنىڭ ئالدىغا يالاڭ كۆينەك بىلەن چىقىپ، ساتراچ چاقىرتىپ چاچ ئالدۇرغىلى تۇردى. بۇ ھاۋا ناھايتى سوغاق دەلۋە پەسلى ئىدى. ساتراچ بولسا ئۇنىڭ چېچىنى ئېلىشقا باشلىدى؛ ئەزرئىل ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشقا باشلىدى. پادىشا شىددەتلىك سوغاق تۈپەيلىدىن مۇزلاپ قېتىپ قالدى دەپ بايان قىلىنىدۇ. ئۇمۇ شۇ سەۋەپ بىلەن بېجىنگە بېرىش مەقسىدىگە يېتەلمەي، كېينكى ئالەمگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ بولسا خالىس خۇداۋەندەكرىمنىڭ ئۆز پەزلى ئىنايىتى بىلەن خاقانى چىنىنىڭ يۇرت، پۇقرالىرىغا قىلغان ئادالەتلىك سىياسىتىنى ساقلىغانلىغى بولسا كېرەك.
     گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەتىراپ ۋە تەرەپلەردە پادىشالىق ئەلەملىرىنى كۆتىرىپ، ئۆزىدىن ئۆزىگە پادىشالارنى كۆزگە ئىلمىغان ئورۇسىيە، گېرمانىە، ئىتالىيە ياكى فەرەڭگى ۋە باشقا پادىشالار بولسۇن، خاقانى چىننى قەستلەپ، نىيەتلىرىنى بۇزۇپ، قارا ساناشتى. لېكىن ئۇلۇغ خان ئۇلارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىگىز بىر تاققا ئوخشايدىكەن. ئۇ قىمىرلاپ ھەرىكەت قىلغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، يەنىلا ئۆز پايتەختىدە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان ئىكەن. ئۆزىگە پادىشا ياكى ئۇلۇغلار بولسا خۇددى بىر دەرياغا ئوخشايدىكەن. چۈنكى دەريا دىگەن ئۆزىنى ھەرقانچە تاققا ئۇرغان بىلەنمۇ، تاققا باراۋەرلىك قىلالماي، يەنلا ئۆز جايىدا ئاقىدىكەن. خاقانى چىننىڭ دۆلىتى زور ۋە مۇستەھكەم بولۇشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇنىڭ ئادالەتلىگى، لۇتفى سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە خالىسلىغى، كۆڭلىنىڭ كەڭلىگى ۋە خۇي- پېئىلنىڭ كەڭلىگى، ئېغىرلىغى ئەسراتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يۇرت- زىمىنلىرىنىڭ كەڭ ۋە موللىغىنى شۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى، ئۇ يۈز مىڭ ئۆيلۈك، ئەقەللىسى ئەللىك ياكى ئاتمىش مىڭ ئۆيلۈك ئادەم جەم بولغان شەھەرگە بىر چىڭچەي مەنسەپ قويىدىكەن. سەككىز چىڭچەي ئۈستىدە بىر خان ئامبان تۇرىدىكەن. تۆپىسىدە بىر خان ئامبان تۇرىدىكەن. تۆت خان ئامبان ئۈستىدە بىر جاڭجان تۇرىدىكەن. ئىككى جاڭجۈن تۆپىسىدە بىر زۇڭ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ،ئۇلۇغ خان ئۆز ھۆكۈمىنى يىگىرىمە بىر زۇڭدۇڭلۇق زىمىن ئىچىدىكى پۇقرالارغا جارى قىلىدىكەن دىگەن ھىكايىلەر بار. يەنە ھەر بىر زۇڭدۇغا قارايدىغان زىمىننى بىر سېڭ (ئۆلدە – ت) دەپ ئاتايدۇ. ھازىرقى كۈندە بىر خان ئامبانغا قارايدىغان زىمىندىن ئىككى داتەيە خەۋەر ئالىدۇ. بۇ ھىساپ بويىچە بولغاندا، ئۇلۇغ خاننڭ ئىككى يۈز ئوتتۇز ئالتە خان ئامبانلىق پۇقرا زىمىنىرىنىڭ بارلىغى مەلۇم. بىز مەزكۈر تارىخچە لاۋ پادىشا مۇھەمەت ياقۇپ بېك ئاتالىقنىڭ سەلتەنەت ھەشەمەتلىرىنى تەسۋىرلەپ تەرپلىدۇق. قىياس بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت بۇنداق كەڭ زىمىن ئىچىدىكى بىر خان ئامبانلىق پۇقرا زىمىنىغىلا پادىشا ۋە ھۆكۈمران بولغان ئىكەن. دىمەك،ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلىتى كاتتا ۋە پۇقرا زىمىنىنىڭ كەڭرى ۋە تولالىغىنى مانا شۇنىڭدىن پىكرى قىياس ۋە ئىمتىھان قىلىپ بىلگەيسىزلەر.
     ئۇلۇغ خاننىڭ ساپ ۋە خالىسلىغى يەنە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ قەدىمدىن باشلاپ ئۆز ئەجداتلىرىدىن قالغان پۇقرا ۋە زىمىنلىرىنى باشقا پادىشالارغا قويۇپ بەرمىگەن. باشقا پادىشالارنىڭ پۇقرا، زىمىنلىرىغا، ھەتتا ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە، خوتۇن- بالىلىرىغا كۆزىنى ئېچىپ نىيەت بۇزمىغان. چوڭ مەنسەپدارلار ياكى سودىگەر- مەيمەيچىلەردە بولسا يالغان سۆز ياكى يامان خىيانەت ۋە ھىلە- مىكىر يوق بولۇپ، بىر سۆز ۋە بىر قۇللۇقتا مەھكەم ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ كەڭلىگى ۋە ئېغىرلغى يەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، باشقا ئەتىراپىدىكى پادىشالار گەرچە قاتتىق- يىرىك ياكى ئاچچىق- چۈچۈك سۆزلەرنى قىلىپ، ئەلچى كىرگۈزسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇلۇغلۇق ۋە ئېغىرلىق قىلىپ، بۇنى كۆڭلىگە ئالماي، كەڭلىك ۋە مۇلايىم- يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاپ بېرىپ، دوست- ئاشنالىق يولىنى تۇتىدىكەن. ئەگەر ھەرقانداق چوڭ ياكى كىچىك مەنسەپدارلاردىن بىرەر گۇنا سادىر بولۇپ، مەنسىۋىدىن ئايرىلىپ كەتسە، ئۇلاردىن جەرىمانە ياكى «بەرغۇ» دەپ پۇل ئالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر قانداق يول بىلەن توپلىغان پۇللىرىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىدە قالىدىكەن. ئۇ مەنسەپ ئالغاننى گويا جان ئالغاندەك كۆرىدىكەن. ئۇ ئۇششاق پۇقرالىرى لى- قائىدىدىن چىقماي، ھەر خىل يول بىلەن ئۆز ھۈنەر- كەسپىنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولسا،ئۇلۇغ خاننىڭ ئۇلار بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىكەن. ئۇلاردىن «ھىزانە» دەپ پۇلمۇ ئالمايدىكەن. ئەگەر لى- قائىدە بىلمەيمەن دىسىلا، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدىكەن ۋە لى- قائىدە ئۆگەنگىن ياكى بىزنىڭ رەسىم- قائىدىلىرىمىزگە كىرگىن دەپ زورلۇق ياكى تەھدىت سالمايدىكەن. ھەر قانداق تايىپە ئۆز دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، مىللىتىدە مەھكەم تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلارنى ئوبدان كۆرىدىكەن. ئەگەر مەنسەپدارلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلمىسا، ئۇلار ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ كارى بولمايدىكەن. ئەگەر ئەرز قىلىدىغان بولسا، ئۇنى ناھايتى نازۇك ۋە ئىنچكلەپ سوراپ، راست ياكى يالغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى تەپتىش قىلىپ، ھەق بىلەن ناھەقنى بىر- بىرلەپ ئايرىپ، ئاندىن ئۇنى سوراققا تاتىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئومۇمەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇلۇغ خاننىڭ ئادالەت تەرپلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق ئادالەت قەھرى سىياسەتلىرىگە ئۆزى ناھايتى قاتتىق دەرىجىدە ئەمەل قىلغانلىغىنىڭ سەۋەپ ۋە خاسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن، بۇنداق ئۇزۇن زامانلار مابەينىدە ھىچقانداق زور شەۋكەتلىك پادىشامۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمەت سەلتەنەتىگە يامان نىيەت بىلەن لەشكەر تارتىپ كېلىپ، نوقسان ياكى ۋەيران قىلالمىغان. ھەر قانداق خان ياكى پادىشا ئۆزىنىڭ ئادالەت ۋە لۇتفى سىياسەتلىرىنى ھەممە ۋاقىت ئۆز مەرتىۋە دەرىجىسى بويىچە يولغا قويۇپ، پۇقراپەرۋەرلىگىنى ئوبدان قىلىدىغانلا بولسا، ئۇ ھەقىقى پادىشا ۋە شاھلارنىڭ ئۇلۇغ شاھى بولغان ئاللا ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتى بىلەن، ئۇنداق پادىشالارنى ئۆزىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا ئاسراپ، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھەر قانداق چاغدا مەغلۇپ قىلىپ بېرىدىكەن.
      شۇنداقلا، پۇقرالارنىڭ باي ۋە مول مەئىشەتلىك بولۇشى، يۇرتلارنىڭ ئاۋات ۋە مەمۇرلىغى، باغ،ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا پادىشالار سىياسىتىنىڭ ئوبدان نەتىجىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ باي ۋە قۇدرەتلىك بولۇشى، پۇقرالارنىڭمۇ باي ۋە تىمەن بولۇشىمۇ ئەنە شۇ توغرا سىياسەت ئەسراتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇرۇن ئۆتكەن ھۆكۈمالار «يۇرت دىگەن پۇقراسىز بولمايدۇ. پۇقراسىز بولسا يۇرت بولمايدۇ، مالسىز دۇنيا بولمايدۇ. مال- دۇنيانى پۇقرا جەملەيدۇ. ئادىل سىياسەت بولمىسا پۇقرا قانداق مال جەملەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەنبىيانىڭ ھەدىس شېرىپىدىمۇ «بىر سائەتلىك قىلغان ئادالەت بولسا ئىنىس- جىننىڭ ئىبادىتىدىن ئەۋزەل» دەپ كۆرسىتىلگەن. تاڭلا كۈندىكى قىيامەتلىك جازا مەيدانىدا، خان ۋە پادىشالاردىن ئالدى بىلەن ئادالەتلىك توغرسىدا سوراق قىلىنىدىكەن. ئەگەر ئادىل بولغان بولسا، باشقا سۇئاللارنىڭ جاۋابىمۇ ئاسان بولىدىكەن. قۇدرەتلىك ئاللا زاماننىڭ زاھىدلىرى ۋە دەۋراننىڭ ئابىدلىرى يەتىش يىل رەنجى- مېھنەت تارتىپ، ئىبادەتلەرنى قىلىپ مۇيەسسەر بولمىغان خىسلەتەرنى بولسا، ئادىل پادىشاغا بىر سائەتتىلا كاراەت قىلىپ بېرىدىكەن. بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت بولسا، خان، پادىشا، مەمىلكەت ئەمىرلىرى ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر، قازى- قۇززاتلار، شەرىئەت ئىگىلىرىلا نەسىپ بولالايدىغان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
     لېكىن، ئايماقلارنىڭ مېڭ بېشى، يۈز بېشى،ئىمام، مۇئەززىن بەلكى ھەر بىر ئۆيگە ئۇلۇغ بولغانلاردىمۇ، ئەلۋەتتە بىقەدەر تېگىشلىك قانائەت ۋە ئادىل سىياسەت بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇلار ئۆزىگە مەنسۇپ ئەھلى ئاياللىرى ۋە بالا- پەرزەنتلىرى، غۇلام- چاكارلىرى قاتارلىقلارغا ئادالەتلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇلار بۇنىڭدىن ساۋاپ ۋە نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادالەتلىك قىلىدىغان جايغا ئادىللىق قىلماي، سۇسلۇق قىلسا، زۇلۇم پەيدا بولىدۇ. ئەگەر سىياسەت قىلىدىغان جايغا سىياسەت قىلماي، ئەپۇ قىلسا يەنە ئوخشاشلا زۇلۇم پەيدا بولىدۇ. ئادىللىق قانداق ساۋاپ ۋە نەتىجە ھاسىل بولسا، سىياسەتنىمۇ ئۆز ئورنىدا جارى قىلسا، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ساۋاپ ۋە نەتىجىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ. پادىشلارغا ئادىللىق قىلماسلىققا ئىلاجى يوق. شۇنداقلا سىياسەت قىلماسلققىمۇ ئەسلا چارە يوق. خۇدانىڭ رازىلىغىغا ئىگە بولغان بارلىق شەرىئەتشۇناس مۇجتەھىدلەرنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، لېكىن ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق بولغان بەزى ئىشلارغا رۇخسەت قىلىپ پەتىۋا بېرىپتۇ. شۇڭلاشقا پادىشالار بەزى چاغدا شەرىئەت بويىچە ئۆلۈم ۋاجىپ بولمايدىغان جايلاردىمۇ ئاممىنىڭ مەنپەئەت ۋە زىيانلىرىنى كۆزلەپ، ئىبرەت ئۈچۈن قەتلى سىياسىتىنى راۋا كۆرۈپتۇ. پۇقرا ۋە خالايىقنىڭ تىنچلىغى، يۇرتلارنىڭ ئاۋاتلىغى بولسا ھامان پادىشاھى ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ سائادەتلىك قەدەملىرى ۋە لۇتفى سىياسەتلىرىنىڭ ئەسەر ۋە خاسىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەي ئىلاھە كەرىما ! ھەممە جاھان خاقان ۋە دەۋران پادىشالىرى، زامان ھاكىملىرىنىڭ مۇسۇلمان ياكى دىنسىز كاپىر بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ، ئۇلارغا ئۆز كامالى ۋە قۇدرىتىڭ بىلەن ئىنساپ ۋە تەۋپىغى ھىدايەت، ساپ نىيەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا ئەيلەپ، ئۇلارنىڭ ئادالىتىنى كۈندىن- كۈنىگە تازا ۋە پۇقراپەرۋەرلىگىنى چەكسىز قىلغايسەن – ئامىن! ئەگەر پادىشا ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر ئادىللىق ۋە سىياسەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالسا، پۇقرا- خالايىق پادىشالارغا، ھاكىمى ۋىلايەتلەرگە بىرەر ناشۈكرىچىلىك ۋە يامان نىيەت باغلايدۇ – دە، بىر مۇنچە نارسىدە- رىسىدىلەرنى ئاتلارنىڭ ئايىغىدا ھالاكەتكە گىرىپتار بولۇشى ھەممە ئىنسان خىلىغا كۈندىنمۇ روشەن ئىشتۇر. شۇڭلاشقا، ھەممە پادىشا ۋە ھاكىملار ئادىللىق، رەھمى- شەپقەتنى ئۆزىگە ناھايتى كېرەكلىك بىر پەرز دەپ بىلىشى لازىم. ھەممە پۇقرانىڭ ۋە پادىشا، ھاكىملارغا ھەممە ۋاقىت ئىنساپ ئادالەت ۋە تەۋپىقى ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن دەپ دۇئا قىلماقلىرىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز بوينىدىكى ۋاجىپ ۋە قەرز دەپ بىلىش لازىم.

                             ۋەز- نەسھەتلەرنىڭ ئاخىرى

[align=justify]

      ئەي بۇرادەر ئېھتىرام ئىگىلىرى، زېھنى ئالى، ئاقىۋىتى ياخشى بۇرادەرلەرگە خۇلاسە سۆز بولسۇنكى، نىزامىز كاپىرلار ۋە بىسەرەمجانلارنىڭ جەۋرى- زۇلۇم تەئەدۇتلىرىنى ئاجىز پۇقرالار كۆتۈرەلمەي، ئۇ ھايات ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ تەقەددۇسىىدن ئىلتىجا ۋە ئۈمىت ئىزدەپ، كۆز ياشلىرىنى تۆتى. ئۇلارنىڭ دۇئاسى، يىغا- زارى ئاللانىڭ ئىجاۋىتىگە مۇيەسسەر بولدى. ئاللا بۇ زالىملارنىڭ ئۈستىگە كۇچارلىق خوجاملارنى تاشلىدى. ھەمە پۇقرالار گويا ئازابۇ- ئەلەم ۋە دۇزاخ- جەھەننەمدىن قۇتۇلۇپ، بېھىشى- جەننەت ۋە باقى خوشاللىق ئالىمىگە كىرگەندەك شادى- خورام بولۇپ، مۇبارەكبادلىق ساداسىنى پەلەكنىڭ كۆك گۈمبىزىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ خوجاملارمۇ زۇلۇم ئىشىگىنى تېزلا ئاچتى. لېكىن بۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىركى ھالىتىنى ئۇنتىدى. پۇقرا- خالايىق يەنە ئاللا دەرگاھىغا سېغىنىپ، نالە- زازىغا چۈشتى. ئۇ قۇدرەتلىك ئاللا يەنە ئۆزىنىڭ پەزىلەت كەرەمى بىلەن ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى قۇبۇل قىلىپ، ئىجاۋەتكە مۇيەسسەر قىلدى. بۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنى تاشلىدى. خالايىق كۇچارلىق خوجاملارنىڭ دەستى- ئىلكىدىن ۋە ئالۋاڭ چۈشكۈنچىلىردىن قۇتۇلغانلىقىغا ناماز شۇكرانە ۋە دۇئا- تەكىبىرلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، بىر- بىرىنى مۇبارەكلىدى ۋە پۇت- قولىنى بىر قانچە ۋاقىت كەڭ يايغان بولدى. بىراق، ئاخىرى ئاتالىق غازى بەدۆلەتنىڭ مىجەز- خۇلقى ئۆزگىرىپ، نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. پۇقرا- خالايىقنىڭ تاقىتى يەنە تاق بولۇپ، يۇرت ئالۋاڭلىرىدىن جاق تويدى. شۇڭلاشقا ئۇلار يەنە شۇ ئالەمنى ياراتقۇچى ئاللا دەرگاھىغا يۈزىنى سۈرۈتۈپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، خاقانى چىننى ئارزۇ ۋە تەلەپ قىلىپ، نالە- زارىنى پەلەكتىن ئۆتكۈزدى. ئاخىرى ئۇ ھايات ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئىجاۋىتى بىلەن فەغفۇرچىنى مەنسەپدارلىرىنىڭ قەدىمى بۇ يەتتە شەھەرگە يەتتى. ئۇلار بۇ زىمىننى ئىلكىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئاتا- بابا ئەجداتلىرىدىن قالغان مۈلكى مىراسىغا، بەلكى بۇ جايدكى تەختى مىراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئىگە بولدى. ھەممە پۇقرا- خالايىق، ھەتتا بۇرۇنقى ئەمەلدارلارمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ خان –تۇققانلىرى ياكى ئاتا- ئانىلىرى ئىككىنچى قېتىم تىرىلىپ كەلگەندەك خۇرسەن بولۇپ، ئىچ- ئىچىگە سىغماي، خۇددى غۇنچىدەك ئېچىلىپ كەتتى. بۇلار ھەققىدىكى ھىكايە ۋە داستانلار يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىندى.
      بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مۇددىئا ۋە غەرەز بولسا، پۇقرا- خالايىقنىڭ، بەلكى بەرلىق مەخلۇقلارنىڭ ئۇ ئالەمنى ياراتقۇچى قۇدرەتلىك ئاللا دەرگاھىنىڭ تەقەددۇسى ئۈچۈن يىغا- زارە قىلىپ، قول كۆتۈرۈپ قىلغان دۇئالىرى ھەرگىزمۇ بىكار كەتمەيدىكەن. قۇرئانى كېرىمدە «قىلنغان دۇئا ئىجاۋەت بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەندەك، خالايىق ھەرقانداق زامان ۋە دەۋردە، پەقەت چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدىغانلا بولسا، ئۇ ھاجەت ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئىجاۋەت قىلىشى ھەقىقەتتۇر. يەنە خۇددى «ئىزلىگۈچىلەرنىڭ، ھەتتا بۇ ئىزلىگۈچىلەر كاپىر بولسىمۇ ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن قورقۇڭلار ! چۈنكى، بۇنداق دۇئا ئىجاۋەتكە يېقىندۇر» دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ئاجىز رىسىدىلەردىن قورقۇش لازىم. چۈنكى ئۇلار كاپىر بولسىمۇ ئىجاۋەتكە ئىرىشەلەيدۇ. خۇدانۋەندەكېرىمنىڭ ئۆز مەخلۇقلىرى ئىچىدىكى قايسى مەخلۇق، قايسى تايىپە ياكى قانداق بىر ئىنسانغا رەھمى قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ دۇئالىرى دەرگاھى ئىلاھىغا يېتىپ، «ئىجاۋەتلىك دەرىجىسى ۋە شارائىتىغا ئىگە بولۇشى، بۇ بەندىلىرىنىڭ ئەقلى ئىدراكلىرى ياكى كۆزلىرىگە نامەلۇمدۇر- بەس. شۇڭلاشقا پۇقرا- خالايىقنىڭ، بەلكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ نالە ۋە ئاھ – زارىدىن ئەلۋەتتە ئېھتىيات قىلىش لازىم.
     لېكىن، بۈگۈنكى تارىخى كۈنلەردە خاقانى مەنسەپدارلار يەنە ئىنساپتىن ۋاز كېچىپ، ئادالەت سىياسەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىق تەكچىسىگە ئېلىپ قويۇپ، زۇلۇملىرىنى لەھزە- لەھزە كۈچەيتىشكە باشلىدى. ئاجىز بىچارە جاپاكەشلەرنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئىلاھا ئۆز كامالى قۇدرىتىڭ بىلەن پادىشالارغا ئادالەت، پۇقرا- خالايىققا تەۋپىقى ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن. بۇ زاماننىڭ ئاقىللىرى، بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەر قانداق ياخشى ۋە يامانلىق ئاللانىڭ تەقدىرى ۋەئىرادىسىدىن تاشقىرى ئەمەس دەپ بىلىپ ۋە ئەقىدە قىلىپ، راست ۋە دۇرۇس ئەقىدە بىلەن، ئۆز ئىمانلىرىنى توغرلاپ، مەخلۇقاتلارنىڭ لۇتفى ئىنايىتى ۋە شەپقەتلىرىگە پەرۋا ۋە ئىلتىپات قىلماسلىغى لازىم. ئەگەر ھەر قانداق ئادەم ياراتقان ئاللانىڭ ئىلتىپات ۋە شەپقەتلىرىنى ئۇنتۇپ، باشقا مەخلۇقلىرىدىن ۋاپا مەرھەمەت ياكى ئىلتىپات، شەپقەت ئۈمىت قىلسا، ئۇنداق ئادەملەرگە مەزكۈر مەخلۇق دۈشمەن بولۇپ، ھەر قانداق ئىش ۋە ھەرقانداق زاماندا، ئۇ ياراتقۇچى ئاللا تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئۇنىڭ رەھمى- شەپقەتلىرىگە ئۈمىتۋار بولۇپ، بىر قولىغا نۇرلۇق قۇرئان كىتاپۋىنى، يەنە بىر قولىغا رەسۇلىللانىڭ نۇرلۇق ھەدىس كىتاۋىنى مەھكەم تۇتۇپ، بالا ۋە قازانىڭ ئوتۇرسىدىن بىر توغرا يولنى تاللاپ ماڭسا، ئۇ سەلتەنەتى ئۇلۇغ بولغان ھەقىقى پادىشا ۋە سۇلتان ئۇلارنى ئۆز ھىمايە چىرىغىنىڭ ئىچىدە ئاسراپ، يامان پادىشالارنىڭ زۇلۇم ۋە غەزەپ سىياسەتلىرىدىن ھەتتا دىنسىزلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ خاس بەندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن بېرىدۇ ھەم ئۆز كامال قۇدرىتىدىن بەھرمەن قىلىپ، ئەڭ ئالى دەرىجە ۋە مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. ئەي پەزىلەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئاللا ! سەن ھەممىگە تەۋپىق، مېھرىبانلىق ۋە توغرا يول كۆرسەتككۈچىدۇر سەن – ئامىن !

2008/1/8 19:51
 جەمئىي باھا 45  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/5  |<  <<   1 2 3 4 5   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009