|
ماقالە مەزمۇنى |
<<سارت>> توغرىسىدا |
يوللىغۇچى تاگتاش كۆرۈش 7052 يوللانغان ۋاقتى 2008/9/15 21:34 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
قازاقلار تۇركىستان(قازاقستاندا)ننىڭ شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپىدىكى ئولتۇراقلاشقان تۇرىك نەسىللىرىنى ھەم تۇرىكچە سوزلەپ تۇرىكلىشىپ كەتكەن تاجىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سارت دەپ ئاتىغان. بۇ سارت دىگەن ئوز ئالدىغا بىىر ئەل ەمەس ياكى بىر ئاتىنىڭ ئىسمى ئەمەس. بۇ سارت دىگەن ئۇقۇم 1070 -يىللاردا قەشقەردە يىزىلغان ئەڭ كونا شەئجىرە << قۇتاتقۇ بىلىك>>تە دىيىلگەن. بۇ سارت دىگەن ئۇقۇم <<ياكسارت>>دىگەن سۇزدەن چىققان. .ئۇ سىر دەريانىڭ قەدىمقى دەۋىردىكى ئىسمى. شۇ جايغا بيرىپ ئولتۇراقلاشقان ئەل سارت دەپ ئاتىلىدۇ. <،ئوزبەك سارت>>- ئوزبەك، تاتار، قارا قالپەقلار(قازاق ئاتالغاندىن كىيىن ئايرىلىپ چىققان) سىر دەرياغا بىرىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كىيىن بۇرۇنقى <<سارت>>لار بىلەن بىللە ئۇلارمۇ سارتلار دىيىلگەن. يەنە قۇراما دىگەن قەبىلە بار<< ئاق تاپان شۇبىرىندى>>يىللىرىدا، قازاقلارغا ئەگىشالماي قىپ قالغان كەمبەغەللار يەنە كەرەۋچى، شات، رۋخىيا، بۇقا، مۇرئاتالى، كەرەيت، بايسۇ، قارا قىتاي، قالايبار، پانغار قاتارلىق قەبىلىلەر سارتلارغا قوشۇلۇپ تىرىقشىلىق بىلەن شۇغىللانغان. قۇراما نىڭ ئىچىدە تاما، ئالچىن، جاغالبايلى، قانجىغالى، كىرەي ئۇيسۇن ھەممەسىدە بار . كىيىن ئاستا- ئاستا ئولتۇراقلىشىپ تىرىقچىلىق بىلەن شۇغىللىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سارتلار دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. << قازاق شىجىرە>> سىدىن ئېلىندى. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 60 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | TuranTekin | "سارت" سۆزىنى مەن تۈۋەندىكىدەك چۈشۈنۈپ كەلگەن ئىدىم: بىزگە مەلۇمكى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قېرىنداش مىللەتلەر شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى، ئادەتتە دېھقانچىلق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان، شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلىقلەرنى «سارت» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان مىللى مۇناسىبەتلەر تۈپەيلىدىن، گويا بۇ سۆز ھاقارەت قىلىنغاندەك، كەمسىتىلگەندەك خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقىنىڭ تىرىشچان، مەرىپەتپەرۋەر ئالاھىيدىلىكىگە ماس ياخشى سۆزدۇر. ئۇيغۇرلار قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىقتىكى ماھارىتى بىلەن تۈركى خەلىقلەر ۋە باشقا چارۋىچى خەلىقلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1985- يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان خەلىقئارا نۇپۇزغا ئىگە بىلىملەر قامۇسى - «ئوكيانۇس» نىڭ 2-قىسىم 2362- بېتىدە ئىزاھلىغىنىدەك، مۇڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە كەڭ قوللىنىلغان "سارت" دىگەن بۇ سۆز مۇڭغۇل سۈزى بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى "دانىشمەن"، "ئەقىلدار"، "ئالىيجاناپ"، "مەنسەپدار"، "سودا ئىشلىرىنى بىجىرگۈچى"، "سودىگەر" دىگەندەك مەنىلەردە بۇلۇپ، ئەينى چاغلاردا يۇقىرى تەبىقىنى كۆرسەتكەن. |
2008/9/15 23:20 |
2 | Ghalip | چارۋىچى-كۆچمەن خەلقنىڭ ئېلىم-سېتىم،سودىگەرچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك! | 2008/9/17 12:18 |
3 | Xojaniyaz | <<سارت>> دېگەن بۇنام توغرىسىدا <<سارت>> دېگەن نام قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنە بىرخىل ئاتىشى . مەن كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ ھازىرمۇ ھېلىھەم قىرغىز خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى <<سارت>> دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇ نام ئۇيغۇرلارنىڭ سودا -سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. . |
2008/9/17 16:57 |
4 | Qutghur | "سارت" سۆزى <<موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى>>دىمۇ بار .شۇ ۋاقىتىىمۇ موڭغۇللارنىڭ قويىغا باشقا تۇرمۇش لاىمەتلىك لىرىنى تېگىشىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى(شۇ كىتاپنىڭ ئىزاھاتىدا شۇنداق يېزىلغان ،موڭغۇلچە نەشرى ئىزاھىدىمۇ شۇنداقمىش) كۆرسەتكەن .كۆرىۋلىشىقا بولدۇكى بۇ سۆز ئەزەلدىن موڭغۇللاردا ياكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردا بار سۆز بولۇپ سودىگەرلەرنى كۆرسەتكەن .<<تۈركى تىللار دىۋانى>>دىكى "ياكسارت" بىلەن سارت سۆزى مۇناسىۋەتلىك بولىشى ناتايىن .ئەملىيەتتە <<دىۋان>>دا "ارت" تۈرپ سۆزى بولۇپ مەناسى "داۋان".بۇ ئۈچۈ سۆزدە ئوخشاشلا"ارت"بوغۇمى بار .گەپ تۈرك تىللىرىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدلىگىگە قاراش كېرەك دەپ قارايمەن .بىلىشىمچە تۈرك تىلىرىدا قوشۇمچە سۆز تومۇرىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ سكز ياسىلىدۇ .مەسىلەن :يوقسىز ،سۇسىز دىگەندەك .نائەھلى ،بىنومۇس سۆزلىرىدە ئەل ،نومۇس دىگەن سۆزلەر تۈركچە بولسىمۇ لىكىن قوشۇمچىللىرى ئالدىغا قوشۇلغاچقا % 100 لىك تۈركچە سۆز ئەمەس .ئوخشاشلا ياكسارت ياكى چەتتىن كىرگەن سۆز ياكى تۈپ سۆز .شۇنداق بولغاندا "سارت"نى "ياكسارت"تىن ئۆزگەرگەن دىيىش ئانچە نورمال تۇيۇلمايۋاتىدۇ .لىكىن مەن دىۋاندا بۇنداق سۆزنى ئۇچراتمىغان . | 2008/9/17 18:38 |
5 | Ulughbek | مېنىڭچىمۇ "سارت"سۆزىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى "ياكسارت"بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مۇڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋىرلىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان "سارتاۋۇل"دەپمۇ "رەڭلىك كۆزلىك"قەبىلەلەر بۇلىدىغان، ھازىر تۇڭگانىيلار شۇ سارتاۋۇللارنى ئۆزلىرىنىڭ "پارس قانلىق ئەجدادلىرىدىن "دەپ تەھلىل يۈرگىزمەكتە. ئەمدى "سارتاۋۇل" بىلەن ھازىرقى مەنادىكى "سارت"بىر قوۋمنى كۆرسىتەمدۇ-يوق، بۇ يەنە دەلىللەرگە ئېھتىياجلىق.لېكىن مەيلى نېمىلا بولمىسۇن كۆچمەن چارۋىچى قوۋملەر بوستانلىقتا ياشايدىغان ئولتۇراق قوۋملارنى، شەھەر ئاھالىلىرىنى ،سودىگەرلەرنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ "سارت"دەپ ئاتاشقان. بۇ بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان كۆز قاراش.ئۇلار ئۇيغۇر،ئۆزبېكلەرنىلا ئەمەس، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت قىلىدىغان بارلىق شەھەر مەدەنىيىتىدىكى قوۋملارنى كۆرسەتكەن. سوغدىلارمۇ "رەڭلىك كۆزلىك سارتاۋۇللار"ئىدى.شۇڭا "سارت"دېگەن بۇ نامنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن بولسا كېرەك. | 2008/9/18 10:46 |
6 | نوھ | سارت ئاتالغۇسى موڭغۇلچە ئەمەس بەلكى تۈركچە ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇنى موڭغۇللار قوبۇل قىلىپ سودىگەر ئۇقىمىنى بىلدۈرگەن. يەنى كىشىلەر سوغدى سۆزىدىن سوغداق سۆزىنى ياسىغاندەك، سارت سۆزىنىڭ سارتاق شەكلىمۇ بولغان. موڭغۇللار سارتاق سۆزى ئارقىلىق موڭغۇل دائىرىسىدىكى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپ سانلىق مىللەتنى كۆرسەتكەن. يەنى ئەينى دەۋردە كۆرسەتكىنى پارىس مىللىتى ئىدى. ئۇلار يەنە موڭغۇل تىلىدىكى تەي قوشۇمچە(؟)سى ئارقىلىق سارتاقتەي دەپ ئېلىپ ئۇنى سارت مىللىتى دىگەن ئۇقۇمدىمۇ ئىشلەتكەن. ئىسلام ئىران مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇللار ئارىسىدىكى تەسىرىنى موڭغۇللار ئارىسىغا تارقالغان سارتاقتەي ھەققىدىكى رىۋايەتتىنمۇ كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. سارتاقتەي چىۋەر بىناكار، يەنى ئۇ دەريا ۋە كۆللەردە مۆجىزىدەك چوڭ توسمىلارنى ياسايدۇ. بۇ ئېنىقكى سۈنئى سۇغۇرۇش ئىنشائاتلىرىنى ئىسلام دىنىدىكى خەلقلەر موڭغۇللارغا تونۇشتۇرغان. چىڭگىزخان يەتتەسۇ تەۋەسىدىكى قارلۇقلاردىن ئىسلاملاشقان ئارسلانخان ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغاندا ئۇنى سارتاقتەي دەپ ئاتىغان. ئەلۋەتتە ئارسلانخان پارىس ئەمەس، تۈرك ئىدى. بۇ سۆز ھەرقايسى دەۋرلەردە كۆرسىتىدىغان مەنىلىرى ئۆزگىرەپ تۇردى. مەسىلەن راشىدىننىڭ تارىخنامىسىدە سارتائۇل دەپ تاجىكلارنى كۆرسەتتى. ئبىن مۇھەننا بولسا بۇ سۆز ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسەتتى. ئەمدى ئاخىرقى پىكىر، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا بۇ سۆز بىزنىڭ ماكانىمىزدا قازاق قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇسىغا ئايلاندى. بۇ سۆز ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام سودىگەرلىرىنىڭ سودا ۋاستىسى ئارقىلىق ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىشىدىن پەيدا بولغان ۋە مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن ئاتالغۇغا ئايلانغان. | 2008/9/19 20:37 |
7 | er2rk | Lekin qizziq yeri shuki hazir Mongoliyede Monggollar Kazahlar Bilen Hothun (uighur) larni sartuul dep ataydu, menisi turk digen bolarmish. Ishenmisenglar monggolianing englishche tor betlirige kirip baqsanglar bolidu. | 2008/9/20 16:10 |
8 | تاگتاش | مىنىڭچە، بۇ ئاتالغۇنىڭ كەم دىگەندە 1000 يىللىق تارىخى بولۇشى ېمۇمكىن، بۇ كونا ئاتالغۇ بولغاندىكىن مەن بۇنى ھەرگىز بىر مىللەتنى كەمسىتىدىغان گەپ دەپ ئويلىماۇمەن،سەۋەبى قازاق،قىرغىزلار ئوز دەۋىرىدە ئوزبىكلەرنى، تاجىكلارنىمۇ، ئۇيغۇرلارنى ھەتتا تۇركىمەنلەرنىمۇ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، بۇنداق بولغاندا،بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن دۇشمەن بولۇشى ناتايىن، پەقەت بىر-بىرىسىدىن تۇرمۇش ھالەتلىرىنى پەرق ېىتىش ئۇچۇنلا، ياكى ئولتۇراقلىشىپ،يەر تىرىيدىغانلار بىلەن كۇچمەنلەرنى پەرق قىلىش ئۇچۇن ئوموميۇزلىك قوللىنىىلىدىغان گەپ بولۇشى مۇمكۇن دەپ قارايمەن، | 2008/9/23 16:29 |
9 | TarimDadxah | مەشھۇر قازاق پەيلاسوپى، جەننەت ماكان بۇزرۇگ ئاباي شۇنداق يازغان : بالىلىق چاغلىرىمدا ئاڭلايتتىم __ بىزنىڭ قازاقلار سارت ( ئۇيغۇر ) نى كۆرسە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتى : __ ھۇ، ئاناڭنى ئۇلاي ... كۆڭلى تۈز ، كاتىرلايدىغان تاجىك، ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە سالىمەن ، دەپ قومۇچ يۈدۈۋالىدىغان، بوتىلاقتىن قورقىدىغان، بىر-بىرىنى كۆرگەندە « ئاغا - ئىنى » دېيىشىپ، كۆرۈشمىگەنلىرىدە ئارقىسىدىن بىرى بىرىنىڭ قىزىنى چىشلەپ تارتىدىغان « سارت - پارت »دېگەن مانا مۇشۇ ، __ دەيتتى. نوغاي ( تاتار ) نى كۆرسە ئۇنىمۇ تىللاپ كۈلۈشەتتى : __ تۆگىدىن قورقىدىغان نوغاي ، ئاتقا مىنسە ھاردۇق يېتىپ پىيادە ماڭسا ھاردۇقى چىقىدىغان نوغاي . نوغاي دېگىچە نوقاي دېسەڭچۇ ، ھېچنەرسىگە ئېپى يوق سولدات نوغاي ، قاچقۇن نوغاي ، ئۇششاق سودىگەر نوغاي ، __ دەيتتى . رۇسنىڭ ئۈستىدىنمۇ كۈلەتتى : __ مەھەللىنى كۆرسە يۈگرەيدىغان سېسىقباش يامان ئورۇس ، ئورۇس خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ ... نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ، تىڭتىڭچىلارنى تېپىپ بەر دەيدۇ ، __ دەيتتى. شۇڭا مەن ھەي خۇدا ، بىزدىن باشقا مىللەتنىڭ ھەممىسىنى خۇدا ئۇرغانىكەن ، ئەڭ ياخشى تەڭداشسىز مىللەت بىز ئىكەنمىز ، دەپ ئويلاپ ، ھېلىقى يۇقىرىقىدەك سۆزلەرگە بەكمۇ قىزىقىپ خۇشال بولۇپ كۈلەتتتىم . ئەمدى قاراپ باقسام سارتنىڭ تېرىمايدىغان زىراىتى ، يېتىشتۈرمەيدىغان مېۋىسى ، قولىدىن كەلمەيدىغان ھۈنىرى يوقكەن . سودىگەرلىرىنىڭمۇ بارمايدىغان يېرى يوقكەن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى بىلەن ئۆزى بولۇپلا ، ئۆز ئوقىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ دۈشمەنلەشمەيدىكەن . بىز ئورۇسقا بېقىنمايدىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار قازاقنىڭ ئۆلۈكىنى كېپەنلىكىدىن تارتىپ تىرىكلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگىچە بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى . دادىسى بالىسىغا بېرىشكە كۆزى قىيمايدىغان ماللارنى ئۇلار يىغىشتۇرۇپ ، ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ كېتىپ تۇردى . بىز ئورۇسقا بېقىنغاندىن كېيىنمۇ ئورۇسنىڭ ھۈنەرلىرىنى بىزگە قارىغاندا ئۇلار كۆپرەك ئۆگىنىۋالدى . چوڭ بايلار ، چوڭ موللىلارمۇ ، ئەپچىللىكمۇ ، گۈزەللىكمۇ ، سىپايىلىقمۇ ھەممىسى شۇلاردا . نوغايغا قارىسام ئۇلار ئەسكەرلىككىمۇ چىدايدىكەن ، نامراتلىققىمۇ ، بالا - قازاغىمۇ چىدايدىكەن . موللا - مەدرىسلەرنى ساقلاپ دىنغا ھۈرمەت قىلىشنىمۇ بىلىدىكەن . ئەمگەك قىلىپ مال - دۇنيا تېپىشنىڭ يولىنىمۇ شۇلار بىلىدىكەن . كۆركەملىك ، گۈزەللىكمۇ شۇلاردا ئىكەن . قارىسام ئازغىنە تاماق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بايلىرىغا بىرىمىز مەدىكار ، بىرىمىز غالچى ، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىمىزنىمۇ « بۇ پۇللارنى سېنى پاسكىنا ئايىقىدا بۇلغىسۇن ، دەپ يۇيۇپ - تازىلاپ قويمىغان ، چىق » دەپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىدىكەن . بۇنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىنىڭ پېيىگە چۈشمەي ، يامانلىق قىلىشماي ، ئىشنىڭ ئېپىگە چۈشۈپ ھۈنەر ئۆگىنىپ ، مال - دۇنيا يىغىپ روناق تاپقانلىقىنىڭ نەتىجىسى . ئەمدى ئورۇسقا بولسا سۆز كەتمەيدۇ . بىز ئۇلارنىڭ قۇل - دېدەكلىرىچىلىكمۇ ئەمەس . ئەمدى ھېلىقى ماختانغان ، خۇشال بولغان ، كۈلگەن سۆزلىرىمىز نەدە قالدى ؟ |
2008/9/24 17:13 |
10 | TarimDadxah | موڭغۇللار ھازىرمۇ "دۇڭشياڭ" مىللىتىنى سارت قالماق ياكى سارت موڭغۇل، دەيدىكەن ! | 2008/9/24 17:16 |
جەمئىي باھا 60 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|