|
ماقالە مەزمۇنى |
ياۋرو-ئاسىيا ئاھالىلىرى ۋە ئۇيغۇ... |
يوللىغۇچى Kulbilge كۆرۈش 4712 يوللانغان ۋاقتى 2008/7/20 22:56 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ياۋرو-ئاسىيا ئاھالىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تۆۋەندە يەرشارىدىكى ھەرقايسى رايونلارغا خاس بولغان(يەنى شۇ رايونلاردا پەيدا بولغان ۋە ھازىرمۇ شۇ رايوندا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان) تۇرلۇك چىراي شەكىلدىكى ئادەملەرنىڭ سۆرىتى بىرىلدى. قىنى بۇلاردىن قايسسى بەكرەك ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ياكى كەڭرەك ئىيتقاندا ئوتتورا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە ئوخشايدۇ. سىلىشتۇرۇپ باقايلى. 1. كاۋكازوئىدلار: بۇلار ئاساسلىقى كاۋكاز رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئەرەپ يىرىم ئارىلى،ئىران ئىگىزلىكى، شىمالى ھىندىستان،جەنۇبى ياۋروپا رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىمۇ بۇ خىل ئىرقنىڭ تەسىرى بار. بۇ ئىرقنىڭ ئەسلىدىكى ساپ فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى چىچى ۋە كۆزىنىڭ رەڭگى قارا، ساقاللىق(ساقال رەڭگىمۇ قارا)، تىرىسى نىسبەتەن ئاقراق ئەمما شىمالى ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا سەل قىنىق، بۇيى ئىگىزرەك. بۇرنى ئىنتايىن قاڭشارلىق بولغان. بۇ خىل ئىرقى ئالامەت ھازىر ئاساسلىقى ئەرەپ،پارىس،جەنۇبى ياۋروپانىڭ شەرقى قىسمى قاتارلىق رايونلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىمۇ مەلۇم ساندا ئۇچرايدۇ(بۇ خىل ئالامەتنى قازاق،قىرغىز،تاتار،گاگائۇز قاتارلىق شىمالدىكى تۇركى خەلقلەردىن تاپقىلى بولمايدۇ). ھازىرقى ئەرەپلەر مىدىتىراينىيانلار(ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئاھالىسى)، سۇمىرلار(ئوتتورا ئاسىيالىقلار)، كاۋكازوئىدلار( ساملار)، خىتىتلار(شىمالى ياۋروپالىقلار)،گىرىك-رىملىقلار(شىمالى ياۋروپا تىپىنىڭ ئوتتورا دىڭىز ئاھالىلىرى بىلەن ئارلاشقان شالغۇتلىرى)، تۇرك-مۇڭغۇللار(شەرقى ئاسىيا ئىرقى ئالامىتىنىمۇ بىرگە ئىلىپ كەلگەن ئوتتورا ئاسىيالىقلار) قاتارلىق تۇرلۇك خەلقلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. ھازىرقى ئەرەپلەرنىڭ چىراي شەكلى: مۇنداقمۇ ئەرەپلەر بار(بۇلار ئەمىلىيەتتە ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىسى بولغان مىدىتىرەينىيانلار) ئىپتىدائى مىدىتىراينىيانلار(Mediterranean): (ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇ ئىرقى تىپتىكى خەلقلەر غەربى ۋە جەنۇبى ئاسىيا رايونىنىڭ يەنى ھازىرقى ھىندىستان،ئىران،ئەرەپ يىرىم ئارىلى،شىمالى ئافرىقا،جەنۇبى ياۋروپانىڭ ئوتتورا دىڭىز بويلىرى، ئاناتولىيە يىرىم ئارىلى(ھازىرقى تۇركىيە) قاتارلىق رايونلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئاھالىسى ھىساپلىنىدۇ. جەنۇبى ياۋروپانىڭ ئوتتورا دىڭىز رايونى ئالپىس تاغ تىزمىسى ئارقىلىق شىمالى ياۋروپادىن ئايرىلىپ تۇرغان بولۇپ، كىلىمات جەھەتتىن روشەن پەرقلىنىدۇ،ھاۋاسى مۇتىدىل ئسسىق بولۇپ قىش بولمايدۇ. بۇ رايون مۇز دەۋرىدىمۇ شىمالى ياۋروپانىڭ قاتتىق سوغۇق كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغان بولغاچقا بۇ رايوندىكى قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى ئالپىس تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى شىمالى ياۋروپالىقلاردىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. ھاۋاسى ئسىىىق ئوتتورا دىڭىز بويلىرىدا قوڭۇر ئەتلىك، قارا چاچلىق مىدىتىرەينىيانلار ياشاۋاتقان زامانلاردا(مۇز دەۋرى ئاخىرلاشمىغان 10-20مىىڭ يىللار بۇرۇن) ئالپىس تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان شىمالى ياۋروپا رايونىدا سىرىق چاچ، كۆك كۆز، تىرىسى زىيادە ئاق ئادەملەر ياكى مۇشۇنىڭغا يىقىنراق سىياقتىكى ئاق تەنلىك ئادەملەر پەيدا بولۇپ بولغان ۋە ياشاۋاتقان ئىدى. ئىپتىدائى مىدىتىرەينىيانلار تىرىسى قوڭۇر(بىزنىڭ تىلىمىز بۇيىچە بۇغداي ئۆڭ) ، تىخىمۇ جەنۇپتىكى رايونلاردا سەل قارامتۇلراق بولغان، ئۇلارنىڭ چىچى قارا ۋە سەل بۇدرە،كۆز قارچۇغىنىڭ رەڭگى قارا بولۇپ،تىپىك سوپتروپىك بەلباغ ئسىسىق ئىقلىمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.بۇ خىل ئىرقى ئالامەتلەر ھازىرقى ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەرەپ يىرىم ئارىلى،ئىسپانىيە،پورتۇگالىيەلەردىمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ئەمما باشقا ئىرقلار بىلەن ئارلىشىپ كىتىش ئەھۋالى ئىغىر. بۇ خىل ئىرقى تىپتىك ئىپتىدائى ئنسانلار ئوتتورا ئاسىيا رايونى جۇملىدىن تارىم ئويمانلىقىغىمۇ كۇچلۇك تەسىر كۆرسەتكەن. مىدىتىرەينىيانلارنىڭ جەنۇبىدا تونۇردەك ئىسسىق تىروپىك بەلباغ رايونىد تىرىسى تۇم قارا بولغان نىگىرلار ياشايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭمۇ جەنۇبىدا يەنى تىروپىك بەلباغ رايونىدىنمۇ جەنۇپقا ئۇتكەندە (ھازىرقى جەنۇبى ئافرىقا رايونىدا) تىرىسى قارامتۇلراق ئەمما سەل سىرىقراق كەلگەن بۇشتۇلار ياشايدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى بۇشتۇلارنىڭ باش شەكلى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسى جۇملىدىن چىراي-شەكلى ھازىرقى شەرقى ئاسىيالىقلارغا بەك ئوخشايدۇ. ھىندىستان مىدىتىرەينىيان ئىرقىنىڭ ئەڭ كۆپ ساقلىنىپ قالغان رايونى، ئەمما ھازىرقى ھىندىستانلىقلار ئىپتىدائى نىگىرلار،قوڭۇر تەنلىك ئاۋسترالىيانلار،مىدىتىرەينىيانلار، ئوتتورا ئاسىيالىقلار، كاۋكازوئىدلار،شىمالى ياۋروپالىقلار(ئارىيانلار)، شەرقى ئاسىيالىقلار(مۇڭغۇل،تىبەتلەرنڭ ئەۋلادلىرى) قاتارلىقلاردىن يۇغۇرۇلغان مۇرەككەپ گەۋدە. بۇلار ھەممىس قوشۇلۇپ ھىندىلار دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى ھىندىستان-پاكىستانلىقلارنىڭ چىراي -شەكلى: مۇشەررەپنى كەينىدىكى ئەسكەر بىلەن سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ. قايسسى بەكرەك ئۇيغۇرغا ئوخشايدۇ. http://www.terragalleria.com/images/india/indi38701.jpeg ?v=0 شىمالى ياۋروپا ئىرقى(نوردىكىسلار): ئارخىلوگىيە تەتقىقاتى ۋە يىقىنقى گىنشۇناسلىق، فىزولوگىيىلىك ئىنسانشۇناسلىق(Byological anthropology) ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئالىملار چىچى ئالتۇندەك سىرىق(ھەتتا بەزىلىرىنىڭ كۇمۇش رەڭگىمۇ كىرىپ قالغان) ، كۆزى كۆك ئادەملەرنىڭ مۇز دەۋرىدە شىمالى ياۋروپانىڭ ئەڭ شىمالىدىكى رايونلاردا پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداقلا چىچى سىرىق ئەمما كۆز رەڭگى كۆك بولمىسىمۇ لىكىن سۇسراق(مەسىلەن سىرىقراق) كەلگەن ئاق تەنلىك ئادەملەرنىڭ ئالپىس تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى يەنى شىمالى ياۋروپادىكى بىپايان رايونلاردا پەيدا بولغان دەپ قاراشتى، ھەم بۇلارغا ئوتتورا ياۋروپا ئىرقى دەپ ناممۇ بىرىپ بولدى. بۇ خىل ئادەملەر ھەقىقەتەن ھازىرمۇ ياۋروپادا ئەڭ كۆپ. ھونلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان سىرىق چاچ، كۆك كۆزلۇك گىرمان قەبىلىلىرى غەربى ياۋروپاغا كۇچۇشتىن بۇرۇن ئۇ رايونلاردا (ھازىرقى فىرانسىيە قاتارلىق رايونلاردا) قىزىل چاچلىق گاۋلۇلار(Gaul) دەيدىغان بىر خەلق ياشىغانمىش. قىزىل چاچلىق بۇ خەلقلەرنىڭ ئىرقى ئالامىتى ھازىرمۇ فىرانسىيە ۋە ئىرلاندىيە ئەڭ كۆپمىش. ياۋروپا ئىرقىدىكى تۇرلۇك خەلقلەر ئوتتورا ئاسىيا رايونىغىمۇ كۇچلۇك تەسىر كۆرسەتكەن.ھازىرقى تاتار،قازاق،قىرغىز ۋە يىسەي دەريا بويلىرىدىكى ئوستىياكلار(ئورال تىللىق) خەلقلەردە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر،ئۆزبەكلەردىمۇ بۇ خىل تەسىر بار.(ئۇيغۇرلاردىكى سىرىق چاچلىق ئادەملەرگە قارىغاندا قازاقلاردا سىرىق چاچلىق ئادەملەر كۆپرەك). ھازىرقى ياۋروپادىكى مەيلى روس، گىرمان بولسۇن ياكى فىرانسوزلار بولسۇن ھەممىىسگە تۇرلۇك ئىرقلار ئارلىشىپ كەتكەن. مەسىلەن جەنۇبى ياۋروپادىكى قەدىمقى مىدىتىرەينىيانلار،غەربى ئاسىيادىكى كاۋكازوئىدلار،ئوتتورا ئاسىيا ئاھالىلىرى(ئىپتىدائى ئوراللار،ئۇغۇرلار،ساقلار،ھونلار،ئاۋارلار،تۇركلەر،تاتارلار،مۇڭغۇللار قاتارلىقلار). شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ تۇرلۇك چىرايدىكى ئادەملەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئوتتورا ئاسىيالىق ئۇيغۇر چىرايدىكى ئادەملەرنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. (ھەتتا بەزىلەر يىلىتسىننى مۇڭغۇلغا ئوخشىتىدىكەن) شىمالى ياۋروپالىقلار: شەرقى ئاسىيا ئىرقى: (بۇ ئىرققا مۇڭغۇلوئىد دىگەن قالپاقنى كەيدۇرۇش ئارقىلىق. ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىر پۇتۇنلىكى بۇزۇۋىتىلدى،شۇڭا مۇڭغۇلوئىد دىگەن نامنى قوللانمىدىم، ئەگەر ئاق تەنلىكلەرگە ئورال ئىرقى، كاۋكازوئىدلارغا ئەزەربايجان ئىرقى دەپ نام قويغان بولسا تىخىمۇ چاتاق بۇلاركەن) . بۇ ئىرقى ئالامەتتىكى خەلقلەر شەرقى شىمالى ئاسىيا، جوڭگو،شەرقى جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغا تارالغان.يەنە پۇتكۇل ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ قەدىمقى ئاھالىلىرىمۇ مۇشۇ ئىرقتا، ئۇلار مۇز دەۋرىدە يەنى 30مىڭ يىللار بۇرۇن ئامىرىكا قىتئەسىگە كۆچكەنمىش. بۇ ئىرقى ئالامەتتىكى قەدىمقى ئىنسانلار ئوتتورا ئاسيا رايونىغىمۇ كۇچلۇك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئىرق چوڭ جەھەتتىن ئۇچ تارماققا ئايرىلىدۇ، يەنى ئەڭ شىمالدىكى شەرقى شىمالى ئاسىيا تىپى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بايقال-سىبىرىيە تارماق تىپى ئوتتورا ئاسىيا ئاھالىلىرىگە ئەڭ كۇچلۇك تەسىر كۆرسەتكەن(بۇ خىل ئىرقى تىپنىڭ ئالامىتى ھازىرقى مۇڭغۇللاردا ئەڭ گەۋدىلىك،قازاق، قىرغىزلار ۋە شىمالى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىدىمۇ خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ،بۇلارنىڭ تىرىسى نىسبەتەن ئاق،بۇرنى پاناق ئەمەس،لىكىن بەك قاڭشالىقمۇ ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى ئەڭ قەدىمقى بايقال-سىبىرىيە تىپىنىڭ چاچ رەڭگى نامەلۇم،ئەمما ئۇلارنىڭ چىچى چوقۇم ئوتتورا جوڭگو ۋە كاۋكازوئىدلارنىڭكىدەك تۇم قارا بولۇشى ناتايىن) ، ئىككىنچىسى شىمالى جوڭگو تىپى(خەنزولار شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئۇچ خىل ئىرقى ئالامەتنى گەۋدىلەندۇرىدۇ،ئەمما شىمال ۋە ئوتتورا جوڭگو رايونىدىكى كۆپ قىسىم خەنزولار دەل مۇشۇ ئىرق تىپتا) ، ئۇچىنچىسى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تىپى، بۇ تىپتىكى خەلقلەر كۆزى يوغان،تىرىسى قارامتۇلراق،بۇرنى پاناقراق بولۇپ، جوڭگولۇقلارغا ئانچە ئوخشىمايدۇ. ( بۇرنىنى ھساپقا ئالمىغاندا بەزىلىرى سەل ئۇيغۇرغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ.). بۇلارنىڭمۇ جەنۇبىغا قاراپ سۇرۇلسەك، قوڭۇر تەنلىك (Brown race) ئادەملەر ھىساپلانغان ئاۋستارالىيانلار ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ ئادەملەر باشقا ئىرق دائىرىسىگە كىرگۇزۇلگەن. ئۇلارنىڭ تىرىسى قارامتۇلراق،چىچى بۇدرە،كۆزى چوڭ،بۇرنى پاناق بولۇپ، بەزىلەر ئۇلارنى قارا تەنلىك بىلەن قوشۇپ تىروپىك بەلباغ ئىرقى دەپ نام بەرگەن. خەنزو يولداشلارنى كۇندە كۆرۇپ تۇرىمىز، شۇڭا تۆۋەندە مۇڭغۇللارنىڭ چىراي-شەكلى بىرىلدى. ئوتتورا ئاسىيالىقلار-ئۇيغۇرلار. قىلچە ئىككىلەنمەستىن شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئوتتورا ئاسىيادىكى باشقا تۇركى خەلقلەرگە ئوخشاشلا ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەركىزى بولغان ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا ئاپىرىدە بولغان. ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ تاكى سىبىرىيە تۇزلەڭلىكىگىچە ياشاۋاتقان ئەڭ قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىرقى تىپى بىشى يۇمۇلاققا مايىل(غەرپ،شەرق ۋە جەنۇپنىڭ ئوتتورسىدا تۇرىدۇ)، چىچى قارا ياكى سەل توپا رەڭ(سۇس قوڭۇر)،بۇيى ئوتتورھال،كۆزى قارا ياكى سەل قوڭۇر،قويكۇز، تىرىسى ئاقراق ياكى سەل بۇغداي ئۆڭ بولۇپ ئۇنىڭ شەرقتە قەدىمقى بايقال-سىبىرىيە تىپى بىلەن ئارلاشقاندىن كىيىنكى ۋارىيانتى ئالتاي-ساياندىكى تۇرانىد تىپىنى(شەرقى تۇركلەردە مۇتلەق ئۇستۇنلۇكتە)، غەرپتىكى ۋارىيانتى شىمالى ياۋروپا ئىرقى بىلەن ئارلىشىپ ئوراللارنى، جەنۇپتىكى ۋارىيانتى كاۋكازوئىد ۋە مىدىتىراينىيانلار بىلەن ئارلىشىپ ئەزەربايجان ۋە قىسمەن تۇركمەن،ئۆزبىك،ئۇيغۇرلەردە گەۋدىلەنگەن(تۇركىيە تۇركلىرىدە ئوتتورا ئاسىيا تىپى ۋە ئۇنىڭ تۇرانىد ۋارىيانتىدىن باشقا مىدىتىرەينىيان،كاۋكازوئىد ۋە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى خىلى بەك كۇچلۇك). ئوتتورا ئاسيا رايونى تارىختىن ئىلگرىكى دەۋرلەردىن باشلاپلا قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيا ئاھالىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، شەرقتە شەرقى ئاسىيالىقلارنىڭ تەسىرىگە، غەرپتە شىمالى ياۋروپالىقلارنىڭ تەسىرىگە، جەنۇپتا كاۋكازوئىد ۋە مىدىتىرەينىيانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان. مىللەت ۋە دۆلەت چىگىرىسى ئايرىلمىغان ئاشۇ قەدىمقى قاراڭغۇ دەۋرلەردە تۇرلۇك ئىرقىتىكى ئىپتىدائى ئادەملەر ئاللىبۇرۇن ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا يۇغۇرۇلۇپ بولغان. ئالدى بىلەن مىتىدىراينىيانلار( 10مىڭ يىللار بۇرۇنلا باشلانغان)، ئاندىن شىمالى ياۋروپالىقلار(4000يىلى بۇرۇن) ۋە كاۋكازوئىدلار(3000يىل بۇرۇنقى دەۋرلەردىن كىيىن باشلانغان بولىشى مۇمكىن، تارىمدىن تىپىلغان 3000يىل بۇرۇنقى جەسەتلەر مەسىلەن كروران گۇزىلى ۋە باشقا قەدىمقى جەسەتلەرنىڭ قوڭۇر چاچ بولۇشتەك ئىرقى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ) ئەڭ ئاخىرىدا شەرقى ئاسىيالىقلار(3000مىڭ يىل بۇرۇن باشلانغان) ئوتتورا ئاسىيا جۇملىدىن تارىم رايونىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق كۇچۇپ كىلىپ يەرلىك قەدىمقى ئاھالىلەر بىلەن ئارلاشقان. ئىنسانلار ئوتتورسىدىكى بۇ خىل ئارلىشىش دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە مەۋجۇد. بۇ خىل يۇغۇرۇلۇشنى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ھەتتا نەچچە يۇزمىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگىچە سۇرۇشتۇرۇش مۇمكىن. شۇڭا تارىختىن كىينكى دەۋرلەردە شەكىللەنگەن قەبىلىلەر ۋە يىقىنقى زامانلاردىكى مىللەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادىنى مەلۇم بىر ساپ ئىرق بىلەن ئىسپاتلايمەن دىيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە گىنشۇناسلىقتىن قىلچە خەۋىرى يوق ئادەمنىڭ ھەتتا قىلچە ئىلمى ساپاسى بولمىغان ھىسسىياتچان ئادەملەرنىڭ قۇرۇق سەپسەتىسى(مەن مۇشۇنداق نەرسىلەرنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئادەملەنىڭ چىرايىغا قاراپ باقسام، ئۇلار يا سىرق چاچلىق ئارىيان ئەمەس، يا زىيادە قاڭشارلىق كاۋكازوئىد ئەمەس، ياكى مۇڭغۇل ئەمەس بەلكى ھەممىسىلا ئوتتورا ئاسىيالىق تىپىك ئۇيغۇر ئىكەن،پەقەت بەزىلىرىنىڭ چىچى سەل ساغىرىپ قاپتۇ،بەزىلىرى ئازراق بۇرۇت قويۋاپتۇ،بەزىلىرى سەل پەل مۇڭغۇل چىرايكەن) . مىللەتنى پارچىلايدىغان، ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرىنى پارچىلايدىغان بۇنداق ساپ ئىرقى كىلىپ چىقىش نەزىرىيىلىرىنى مەيلى ئۇ كاۋكازوئد تەلىماتى،ئارىيان تەلىماتى،شەرقى ئاسىيادىن كىلىپ چىقىش تەلىماتى بولسۇن پەقەت قىسمەن ئادەملەرنىڭلار قوللىشىغا ئىرىشەلەيدۇكى ھەرگىز بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ياكى بارلىق ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ. شەرقپەرەس بىر قسىم ئالىملارنىڭ قارىشىنى غەرپ ۋە جەنۇپتىكى تۇركى خەلقلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، غەرپپەرەس بەزى ئالىملارنىڭ تەلىماتىنى شەرق ۋە جەنۇپتىكى خەلقلەر قۇبۇل قىلالمايدۇ. جەنۇپتىكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىنىمۇ ئوخشاشلا شەرق ۋە غەرپتىكى خەلقلەر قۇبۇل قىلالمايدۇ. ئاخىرقى نەتىجە كاۋكاز چىرايغا تارتىشىپ قالغانلار كىتاپ يىزىپ ئۆزىنى خوش قىلىپ ئولتۇرىدۇ، ئارىيان چىرايغا تارتىشپ قالغانلارمۇ كىتاپ يىزىپ ئۆزىنى ئۆزى خوش قىلىدۇ. مۇڭغۇللارغا تارتىشىپ قالغانلارمۇ ئوخشاشلا كىتاپ يىزىپ ئۆزىنى خوش قىلىدۇ. ھىچقايسسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئىرقى ئەجدادىنى باشقا قىرىنداشلىرىغا تاڭالمايدۇ. بۇلارنى باغلاپ تۇرغان بىردىن بىر ئىرقى مەنبە ياۋروپا ئىرقى،كاۋكازوئىد ئىرقى،مىدىتىرەينىيان ئىرقى،شەرقى ئاسىيا ئىرقى بولماستىن بەلكى قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيا ئىرقىدۇر. مەيلى قەدىمدە قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھازىرقى ئوتتورا ئاسىيالىقلارمۇ ئۆزىگە خاس ئىرقى ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە ئونمىڭ يىللار جەريانىدا مەيلى قانداقلا ئىرقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسىۇن، يەنىلا ئوتتورا ئاسىيا خاسلىقىنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بۇ زىمىن ۋە بۇ خەلق تىخىمۇ كۆپ ئىرقى ئالامەتلەرنى قۇبۇل قىلالايدۇ. چۇنكى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ. ياۋرو-ئاسىيانىڭ ھەرقانداق بىر يىرىدىن، ھەرقانداق بىر مىللەتتىن، ھىندى چىراي،ئەرەپ چىراي،روس چىراي،مۇڭغۇل چىراي ئادەملەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتورا ئاسىيالىق ئۇيغۇر چىراي ئادەملەرمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىنمۇ يۇقارقى تۇرلۇك چىرايغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئادەملەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئادەملەر باشقا مىللەتكە ھەرقانچە ئوخشىغان بىلەنمۇ، ئوتتورا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىراي تامغىسى بۇ ئادەمگە چوڭقۇر ئۇيۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى روسلاردىن، ئەرەپلەر دىن، ھىندىلار دىن ۋە ،خەنزولار ئارىسىدىن بىرلا قاراپ پەرقلەندۇرۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئوتتورا ئاسىيالىق ئۇيغۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى: ?v=0 سىلىشتۇرۇپ باقايلى: قەشقەر ھىيتكاھ مەيدانىدا ساياھەت قىلىۋاتقان ياۋروپالىق. http://static2.photo.sina.com.cn/orignal/474d965ede69dcf3abeb1 بۇلارنىڭ قايسسى ئۇيغۇر ياكى ئوتتورا ئاسىيالىق؟ يوقۇرقى سۆرەتلەر ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى ئۇرۇق-توققانلىرىمىزنىڭ،يۇرتداشلىرىمىزنىڭ،ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كىملەرگە بەكرەك ئوخشايدىغانلىقىنى ئويلىنىپ باقايلى. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 33 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | MARSHALL | مىنىڭچە تاشقى قىياپەتتە كىمگە ئوخشىش بەك مۇھىم بۇلمىسا كېرەك......مۇھىمى ئىچكى قىسىمدا. | 2008/7/21 06:45 |
2 | MARSHALL | كەچۇرۇڭ، بايا كۇنۇپكا تاختىسى خاتا بېسىلىپ گەپلەر تۇلۇق چىقماي قالدى. ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەھمەت، بۇنچىلىك ماتىريالنى توپلاپ، رەتلەپ بۇلۇشقا چۇقۇم كۆپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقاردىڭىز. تىما ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ، قىممەتلىك تىما ئىكەن... ھەيران قالىمەن ،بىز ئۇيغۇردىن ھەممە ئىرقتىكىلەرنى تاپقىلى بۇلىدۇ، قۇڭۇر چاچ ، يېشىل كۆزلەر؛ سېرىق چاچ ، كۆك كۆزلەر؛ قارا چاچ ، قارا كۆزلەر؛ مۇڭغۇللوئىد قىسىق كۆزلەر؛ جەنۇبى ئاسىيا ئىرقىدىكى قۇڭۇر تەنلىكلەر؛ ساقال-بۇرۇتلۇق ئوتتۇرا ئاسىيا تىپىدىكىلەر....ئشقىلىپ خېلە كۆپ. لىكىن ئاساسلىق ئالاھىدلىك يەنىلا ساقال-بۇرۇتلۇق ئوتتۇرا ئاسىيا تىپىدىكىلەر بىلەن مۇڭغۇللوئىد شەرقى ۋە شىمالى ئاسىيا تىپىدىكىلەر بولسا كېرەك. بىراق بىر سۇئالىم بار، خارەكتىر ۋە ئىچكى دۇنيا جەھەتتە بىز ھازىر كىمگە ئوخشاپ قالدۇق؟؟؟ |
2008/7/21 07:09 |
3 | barhan | Kulbilge ئەپەندى، ھازىرقى ياشلارنىڭ ئىرقى تەۋەلىك نامايىشلىرىغا قىسمەن جاۋاپ ئىزدەپ، گىن، ئىرسىيەت ۋە ئىرقى پەرىقتىن ھالقىغان روھى ئورتاقلىق پەللىسىدىكى ياڭراق خىتاۋىڭىز ھوشىمىزنى تېپىۋالىش دەۋىتىنى بېرىدۇ...دىمىسىمۇ ئېرقى دەتالاشلار سەۋەپلىك شەرقى شىنجاڭ شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭ ئىدىيە توقۇنىشىغا سىلجىغان پەيتىدە، خۇددى قۇمۇل توپىنومىيىسىدىكى ئارى تۈرك(شەرقى ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئېرقى پاسىلى)مەيدانىنى تۇتقىنىڭىزغا بارىكاللا . بەزى تورداشلار << مەھمۇد كاشغارى>>ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن غەرىپكە سۈرۈلگەن ئۇرخۇن خان ئەۋلاتلىرىدىن دىگەن ھۆكۈمگە تۇتۇنۇپ تارىختىكى يۇقۇر چىن، ئوتتۇرا چىن، تۆۋەن چىن، ھەتتا، ئەجدادىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىم دەرياسىنىڭ ئون مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تەكتىماكان يېشىل كارىدورىدىن بىخ سۈرۈپ باراقسان شاخچىللىرىمىزنىڭ شەرق، غەرپ ۋە شىمالغا سايە تاشلىغان ھەيۋىتىنى كۆرەلمىدى. << تۈركىي تىللار دىۋانى>>دا تەكتىماكان مەرگەزلىك قارىشى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزخانى ئاجۇستىن تالاپەت تارتىپ غەرىپكە سۈرۈلگەندە نەچچە مىڭ يىللىق ئايرىلىش ھىجران ئازاۋى تۆۋەندىكى ئەسلىنى تېپىش ۋە قايتا قۇچاقلىشىش مەرسىيىسىنى ئوقۇتتىغۇ............ ئايدىم ئاڭار سەۋۈك، بىزنى تابا نە ئەلۈك. كەچتىڭ يازى كەرىك، قىرلار ئەزىز بەزۈك. ئەي سۆيۈملىكىم، شۇنچە كەڭ دالىلارنى كېزىپ، ئىگىز تاغلاردىن ئېشىپ بىز تەرەپكە قانداق كەلدىڭ ؟ قانچا باردىڭ ئەي ئوغۇل، ئەردىڭ مۇندا ئىنچ ئامۇل. ئەي ئوغۇل! نەگە كەتتىڭ، بۇ يەردە تىنىچ خاتىرجەم ئىدىڭ...( << تۈركىي تىللار دىۋانىي>>1-قىسىم 126-102-بەت). مانا بۇ غەرىپكە كۆچكەن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنى دەبدەبىلىك قارشى ئېلىنىشنىڭ <<دۋان>>دىكى پولاتتەك پاكىتى. << دىۋان>>يېزىلىپ 1000يىللار مابەينىدە بىز بۇنداق ماھىيەتلىك قۇچاقلىشىشقا سازاۋەر بولالمىدۇق. سەۋەبى <<قەدىمكى مەرگىزى ئاسىيا>>دىكى: تۇران زىنولىرى، تۇران تىپى دىگەن قاراش، غەرپ ۋە شەرق تارىخ شۇناسلىرىنىڭ <<موڭغۇلئود>> ئاتالمىش ئەخلىتى ئاستىغا كۆمۈلىپ قالدى. بىز قانداقتۇ << يالتا يىغىنى>>نىڭ موڭغۇللارغا ئالاھىدە ئىتىۋارى، ئۇلارنىڭ خەلقارادا ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىنغانلىقى تۈپەيلى، ئىككىنچى بىر مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرمەي. مورگانچە نەزىرىمىزنى تارىم ئاستىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچقا تىكەيلى. شۇندىلا تارىخى خاراكتىرلىك يەنە بىر قۇچاقلىشىشقا سازاۋەر بولۇپ ھېلىقىدەك پوتىرت غەۋغالىرىنى قىلماسلىقىمىز مۇمكىن. |
2008/7/21 12:58 |
4 | Altay | پاھ ، كۇلبىلگە ئەپەندى، ماۋۇ تىمىنى بەك ياخشى ئەۋەتىپسىز جۇمۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ئۇيغۇرنىڭ قاندق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتقانلار ئەمدى بىلىۋالىدىغان بولدى. بۇرۇن مەن مەھمۇد قەشقرىىنىڭ يىڭى رەسىمىنى پۇتۇنلەي ئەرەپ چىراي دەپ ئويلىغان ئىدىم. سىزنىڭ بۇ قىممەتلىك تىمىڭىزغا قاراپ ئۇنىڭ كاۋكازلاردىن سەل پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ھەرھالدا ئاز تولا ئۇيغۇر چىراي باركەن. شۇكرى. ئەمما بۇ رەسىمنى ئۇيغۇر بىلەن ئەرەپنىڭ ئارىسىغا قويسا يەنىلا ئەرەپكە بەكرەك ئوخشاپ قالغان. شۇڭا بۇ رەسىمنى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاق،قىرغىز،ئۆزبەك،تاتارلار قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ. بۇ رەسىم نورمال ئۇيغۇر چىرايدىن چەتنەپ كەتكىنى ئىنىق. |
2008/7/21 18:53 |
5 | Altay | بۇ رەسىمنى سىزغان غازى ئەمەت ئەپەندى. مەن ئەسلى غازى ئەمەت ئەپەندىنى تۇرپانلىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم. تۇرپان،قۇمۇل، كورلا،ئاقسۇدا مۇشۇنداق چىرايدىكى ئادەملەر بەك جىق، ئەمما بۇنداق ئادەملەر ئەسلى ئاتۇش،قەشقەردىمۇ جىقكەن ئەمەسمۇ:![]() تۇركلەرنىڭ ئەجدادى ئارىيان دەپ كىتاپ يازغان ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن. ئەسلى بۇ ئادەمنىڭ چىرايىمۇ ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىغا ئوخشايدىكەن ئەمەسمۇ. بۇنداق چىرايدىكى ئادەملەر شىمالى شىنجاڭدا جىق. ئاتۇش،قەشقەردىمۇ مۇشۇنداق چىرايدىكى ئادەملەر ئەڭ كۆپ. ![]() |
2008/7/21 19:11 |
6 | Altay | مۇڭغۇللار بىلەن تۇركلەرنىڭ تارىخى بىر بىرسىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. تۇركلەرنىڭ تارىخىنى مۇڭغۇللاردىن ئايرىپ بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەس، خۇددى مۇڭغۇللارمۇ ئۆز تارىخىنى تۇركلەردىن ئايرىپ مۇكەممەل بايان قىلالمىغاندەك. تۇركلەر بىلەن مۇڭغۇللار بىر تىل سىستىمىسى، قان جەھەتتىنمۇ قويۇق ئارلىشىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ھەم قازاق، قىرغىز، تاتار،ئۆزبەكلەرنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇل چىراي ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ. قەشقەر،ئاتۇشنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاقسۇنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلاردا مۇڭغۇل تەسىرى ئىنتايىن كۇچلۇك. ئەمىلىيەتتە قەشقەر،ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىدىمۇ بۇ خىل تەسىر بار. ئەمما بىز پەقەت بىر قىسىم پارىس چىراي ئادەملەرنى ئاتۇش،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىپىك چىرايى دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، قەشقەر،ئاتۇشنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرىمۇ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا چىرايدا. ھەتتا مۇڭغۇل چىرايلارمۇ بار. ئۇلارنى بىرلا قاراپ قەشقەرلىك ياكى باشقا يۇرتلۇق دەپ پەرقلەندۇرگىلى بولمايدۇ. ئىشەنمىسەڭلار ئاتۇش،قەشقەرلەرگە بىرىپ قاراپ بىقىڭلار. ئەگەر جوڭگو،ھىندىستان،ئىران،ئەرەپ،ياۋرپا نىڭ تەسىرى بولمىغان بولسا، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ... قاتارلىق دىنلارنىڭ تەسىرى بولمىغان بولسا، ئەمىلىيەتتە قەدىمقى تۇرك،مۇڭغۇللارنىڭ ئوتتورسىدا نۇرغۇن ئورتاقلىقلار بار. شامان دىنى، بۆرە تۇتىمى، چارۋىچىلىق مەدىنىيتى، ئوڭ قولنى كۆكرەككە قۇيۇپ سالاملىشىش، سۇغا سىيمەسلىك،تۇركۇرمەسلىك، ئاسمانغا تۇكۇرمەسلىك .... . يەنە ئىزدەنسە تىخىمۇ جىق. مۇڭغۇل بىلەن تۇركنى ئايرىۋىتىمەن دىيىش ئەخمەقنىڭ ئىشى. ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئارتۇق دۇشمەن تاپقاننىڭ ئىشى. |
2008/7/21 19:30 |
7 | Qutghur | "پىتنە-پاساتقا بازار ئاۋات "ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت ، مۇشۇ مۇنبەردىكى بۇرادەرلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن ئىلمى پوزىتسىيەسى كۆچلۈك چەتئەل ئالىملىرى ئېنىقلاپ چىققان يەكۈندىن بىلدۇقكى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا (تەخمىنەن ,ئوتتۇرا ھىساب بىلەن) موڭغۇل ئەژدات 60% ،يەرلىك ئەژدات 40% ئىكەن ،شۇنداققۇ .دىمەك ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تەتقىق قىلسا ئۇنىڭدىكى 60%قان چىڭگىزخان ياكى باشقا موڭغۇلوئىد خەلىقلەردىن داۋاملاشقان ،40% قان بۇغراخانلاردىن قالغان دىيىشكە بولار .ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر ئەزاسىغا قاراپ باھا قويۇش نەھاجەت ! قەشقەردە بولساڭلار ،ئايدۇرۇم ساقچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى <قەشقەر قاتناش كەسپى تېخنىكا باھالاش مەگىزى>نىڭ مەشق مەيدانىدا يۇقاردىكى سەئۇدى پادىشاسىدىنمۇ قاڭشارلىق ،تېخىمۇ ئات يۈزلۈك بىر دەرۋازىۋەن بارىكەن .شۇ كىشىمۇ ھىچ شۈبھىسىز ئۇيغۇر . بىرەرىڭلار كۆرۈپ بېقىپ بۇ بۇرادەرلەرنىڭ قۇلىغىغا دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن .ئەملىيەتتە بۇنداق ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس .(باشقىلارنىڭ سۈرىتى بۇ يەردە قويۇشقا كۆڭلۈم تارتمىدى ) مانا بۇ تەۋپىق ئەپەندىنىڭ سۈرىتى http://tbn0.google.cn/images?q=tbn:ILWrkw7_1whT0M: بۇ نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سۈرىتى دىسەك خاتا بولماس .قاڭشارغا قاراپ مىللەت ئايرىساق ،نۇرغۇن ياخشىلارنى زايا قىلىپ قويارمىز . ئا مۇھەممەت ئېمىننىڭ <<قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا>>سىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى نىيادىن تېپىلغان توقۇلما سۈرەت ،يەنە "قاناتلىق پەرىشتە" سۈرتىتى...دە قاڭشار راۋۇرۇس بار . ھالا كېيىنكى كۈنلەتدە بىزدىكى چىڭگىزخان ئامىلى 90% گە يېتىپ قاڭشارلىرىمىز ناھايىتى كىچىكلەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ،بىز يەنىلا تارىملىقلارنىڭ ئەۋلادى ،ھەرگىز چىڭگىزخان ئەۋلادى ئەمەس .چۈنكى بىز شۇ قاڭشارلىق ،ئۆڭى ئاق تارىملىقلارنىڭ مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىۋاتىمىز . شۇڭا بۇ ئۇيغۇر"پالانى مىللەتكە ئوخشايدۇ " دىن سەل ئۆزىمىزنى تارتىپ قويىلى ! يۈرتۋازلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قويدى چوڭلار ،ئەمدى بىز ئېرقى ئايرىمچىلىقنى نەگە ئاپىرامىز ؟! |
2008/7/21 20:25 |
8 | Altay | يوقۇرقى قەۋەتتىكى قۇتغۇر دىئگەن ئەپەندى، چىڭگىزخاندىن كىيىنكى ئازغىنە چاغاتاي مۇڭغۇللىرى پۇتۇن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى شۇنچىلى چوڭ ئۆزگەرتىۋەتكەنمىدۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە تۇغلۇق تۆمۇرخان باشچىلىقىدىكى 160مىڭغا يىقىن مۇڭغۇل ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىغا سىڭىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە چاغاتاي مۇڭغۇللىرى يەنە كورلا، تۇرپان،قۇمۇل.غۇلجا رايونىغىمۇ سىڭگەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىنكى زامانلاردا مۇڭغۇلىيەدىن نۇرغۇن مۇڭغۇللار كۇچۇپ كىلىپ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۇلەمدە كىلىپ سىڭىپ كەتكەن دەپ خەۋەر ئاڭلاپ باقمىدىم. ئاتۇش،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا ھىچقاچان مۇڭغۇللار كەڭ كۇلەمدە كىلىپ سىڭىپ باقمىغان، شۇنداق تۇرۇپ قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدا 50 پىرسەنتىدىن ئارتۇق مۇڭغۇل ئامىلى بولۇشنى كىم كەلتۇرۇپ چىقارغان؟ بۇنىڭغا پەقەت ئۇچلا جاۋاپ بار، بىرسى، ھونلار، ئالتاي تۇركلىرى، ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى قاتارلىق مۇڭغۇلىيە رايونىدىن كۇچۇپ كەلگەن قەدىمقى كۆچمەن تۇركى خەلقلەر مۇڭغۇلوئىد ئىرقى ئالامەتلىرىنىمۇ بىرگە ئىلىپ كەلگەن. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يىڭى رەسىمىدەك ئەرەپ-پارىس چىراي ئەمەس. بەلكىم ئاز تولا ياۋروپا ئىرقى ئارلشىىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. خۇددى كۇلبىلگە ئەپەندى ئيىتقاندەك بۇ خىل سىرق چاچ،كۆك كۆزلۇك ئىرقنى ئورال خەلقلىرى ئىلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، ھىلىقى گىن تەكشۇرۇش نەتىجىسى بۇيىچە ئىيتقاندا 3000يىل بۇرۇنلا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى زامانلاردىلا مۇڭغۇللوئىد ئىرقىدىكى ئادەملەر ئاللىبۇرۇن بۇ يەردىكى قەدىمقى خەلقلەر بىلەن ئارلىشىپ بولغان. ئۇچۇنچىسى، ئاتۇش،قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلىرى قەدىمدىن تارتىپلا ئەرەپ-پارىس چىراي ئەمەس بەلكى ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئاتۇش قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدەك نورمال ئۇيغۇر چىراي ئىدى. سىزنىڭچە يوقۇرقى ئۇچ خىل ئەھۋالنىڭ قايسىسى توغرا، چىنگىزخان دەۋرىدىن كىيىنكى ئازغىنە مۇڭغۇللار ھەرگىز نەچچە مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلارغا ئۇنچىلىك چوڭ تەسىر قالدۇرالمايدۇ. ئاتۇش قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا تىخىمۇ تەسىر قىلالمايدۇ. ياكى سىز دە تۇغلۇق تۆمۇرخان دەۋردىن كىيىن مۇڭغۇلىيەدىن ياكى جوڭگودىن يەنە نەچچە يۇزمىڭ مۇڭغۇل كىلىپ ئاتۇش،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا ئارلىشىپ كەتكەن دەيدىغان بىرەر ماتىرىيال بارمۇ، بولسا كۆرۇپ باقىلى. |
2008/7/21 23:43 |
9 | Altay | سىز دىگەن ھىلىقى دەرۋازىۋەن ئادەم ھەرقانچە قاڭشارلىق بولۇپ كەتسىمۇ، ئەرەپ-پارىسلارنىڭ ئالدىدا چىنىپ قالارمىكىن. يەنە بىر مەسىلە سىز ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارغا كىرگەندىن كىيىن، قانچىلىك كۆپ ساندىكى ئەرەپ-پارىس- ئافغانلارنىڭ دىن تارقىتىش، ئەۋلىيا بولۇش، پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى مەن دەپ ئۇيغۇرلارنى ئالدىغىلى، دىۋانىچىلىق، تىلەمچىلىك قىلغىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كۇچۇپ كەلگىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇلار ھەتتا تۇركۇم-تۇركۇملەپ كۇچۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ چىگرانى قويۋىتىدىغان بولسا، ئۇرۇش-جىدەل ، نامراتچىلىقتىن جاق تويغان بۇ ئەرەپ-پارىس-ئافغان كۆچمەنلىرى گۇزەل،باي بۇ دىيارىمىزغا توپ توپ بولۇپ يۇگۇرەپ، ئۆمىلەپ بولسىمۇ كىلىدۇ. مۇڭغۇل چىراي ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان دەۋرىدىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن دەپ ئويلىغان ئەقلىڭىز ئەجەپ تارىختا ئەرەپ-پارىس-ئافغانلارنىڭ جان بىقىش ئۇچۇن تۇركۇملەپ كۇچۇپ كەلگىنىنى ئويلىيالماپتا، توۋا. |
2008/7/21 23:44 |
10 | Altay | نىمە ئۇچۇن ئالتاي، چۆچەك،غۇلجا،ئۇرۇمچى، قۇمۇل، تۇرپان، كورلا ،ئاقسۇ، خوتەننىڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىجەز خاراكتىرى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدۇ. ھەممىس ئاقكۆڭۇل، ساددا، مەرت، باشقىلارغا قارا ساناشنى ئۇقمايدۇ. قۇۋلۇق،شۇملۇق قىلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۇرمەيدۇ. ئەمما ئاتۇش، قەشقەرنىڭ ئاز بىر قىسىم ئادەملىرىدە شۇنداق يامان ئىللەتلەر شەكىللىنىپ قالغان. ھەم بۇ ناھايىتى كۇچلۇك ئىجتىمائى ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. نىمە ئۇچۇن ئاتۇش قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى باشقىلار ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانلار،ئۆز يۇرتىغا پىتىشماي شەھەرمۇ شەھەر كۇچۇپ يۇرۇيدىغانلار دەيدۇ. ئەگەر سىز ئاتۇش ياكى قەشقەردە بولسڭىز بۇنى ئۇبدان ئۇقىسىزغۇ دەيمەن. بۇلارنىڭ ئاشۇ ئەرەپ-پارىس-ئافغان كۆچمەنلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق. ئەمما بۇ گىپىمنى ئۆزىڭىزگە ئىلىپ كەتمەڭ، مەن پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملەر شۇنداق دىدىم، ئاتۇش،قەشقەرنىڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلىرى يەنىلا ئاق كۆڭۇل، ساددا، مەرت، ھەقىقى ئۇيغۇرلارغا خاس ئادەملەر. ئەمما ئاشۇ ئاز ساندىكى ئادەملەر پۇتۇن ئاتۇش،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى بۇلغاۋاتىدۇ. ھەتتا پۇتۇن ئۇيغۇرلارنى تىلەمچى مىللەت، ھىلىگەر، قۇۋ مىللەت دىگەن يامان نامغا قويۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال باشقا يۇرتلاردىمۇ بار دىيىشىڭز مۇمكىن ئەمما ئىنتايىن ئاز. پەقەت ئىلاج بولمىغاندا شۇنداق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمما تىلەمچىلىكنى ئۆمۇرلۇك كەسىپ قىلغانلار يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليوندىن ئارتۇقىراقى قەشقەردە. قەشقەر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق پايتەختى، قەدىمقى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى، ئالتاي تۇركلىرىنىڭ ئىتتىپاق، جەڭگىۋار روھى نىمىشقا قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدا يوق. نىمىشقا بىرەر قىتىممۇ ئىنقىلاپ قىلىپ غەلىبە قىلالمايدۇ. ھەتتا بۇ جەھەتتە كۇچا دىھقانلار ئىنقىلابى، قۇمۇل دىھقانلار ئىنقىلابى، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىچىلىكمۇ تۆھپە قۇشالمىدىغۇ. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھىلىقى تىلەمچىلىك، ئالدامچىلىقنى كەسىپ قىلغان، تۇرلۇك يامان ئىللەتلەرنى ئىلىپ كىلىپ ئاتۇش،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىغا ئىچى تارلىق، بۆلگۇنچىلىك،پىتىشماسىلىق ئۇرۇقلىرىنى تىرىغان ئەرەپ-پارىس-ئافغان كۆچمەنلىرى سەۋەپكارمۇ قانداق. مەن بۇرۇن قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدن بەك چوڭ ئۇمۇد كۇتكەن ئىدىم،چۇنكى ئۇ يەردە نوپۇس ئەڭ كۆپ، ئۇيغۇر مەدىنىيتىنىڭ مىڭ يىللىق مەركىزى. ئەمما ئەمىلىيەت ئۇنداق ئەمەسكەن. نوپۇس كۆپ بولىسلا ھىساپ ئەمەسكەن. يوقۇردا مەن ھەرگىز يۇرتۋازلىق قىلمىدىم. يوقۇرقىلارنىڭ ھەممىس ئەمىلىيەت، نەچچە مىڭلىغان ،يۇزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى، قەشقەر دىكى تىلەمچىلەر گوروھى ۋە ئەرەپ-پارىس-ئافغاندىن كەلگەن ئابداللار توغرىسىدا ھەتتا مەخسۇس ئىلمى ماقالىلەرمۇ چىقتى. شۇڭا بۇنى ئىلمى نوقتىدىن تەھلىل قىلىلى، قەشقەر ، ئاتۇشتىكى ھەقىقى ئۇيغۇر قىرىنداشلار بۇنى ئۆز كۆڭلۇڭلەرگە ئىلىپ كەتمەڭلار. بەزى چاغدا يىغىرنى داۋالاش ئۇچۇن ئاچچىق دورا سۇرۇشكە توغرا كىلىدۇ. |
2008/7/21 23:48 |
جەمئىي باھا 33 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|