يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
قېنى ... مەرھەمەت
يوللىغۇچى barhan   كۆرۈش 7752   يوللانغان ۋاقتى 2008/7/18 02:01  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
                                                بەس-بەستە تىزىمغا ئالدۇرايلى

                                            ( تەشكىللىگۈچى ئۇرخۇن تور ئەھلى)

      مەخسەت: ئۈچ توملۇق << تۈركىي تىللار دىۋانى>>نىڭ ھازىرقى تەننەرقى ئىنتايىن يۇقۇرى، بەلكىم قايتا نەشىردىن چىققان تەقدىردىمۇ باھاسى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىختىدارىدىن يەنىلا يۇقۇرى بولۇش ئىھتىمالى بىلەن پۈتكۈل زىيالىلار قوشۇنى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ئومۇمىيۈزلىك تارقىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتاپنىڭ كەڭ دارئىرلىك پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەنرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى << ئۇرخۇن تارىخ مۇنبىرى>>گە خاس << تۈركىي تىللار دىۋانى>>نى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ     << دىۋان ئىلكىتاب >> تەرىقىسىدە تۈزىش ناھايىتىمۇ زۆرۈر.
     ئۇرخۇن تور ئەھلى تۈزمەكچى بولغان << دىۋان ئىلكىتاب >> تۆۋەندىكى ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:
     بىرىنچى، << دىۋان ئىلكىتاب>> توققۇزخىل مۇندەرجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ –
              (1)    ئېلىپبە تەرتىۋى مۇندەرجىسى
              (2)    تارىخى ئاتالغۇلار مۇندەرجىسى
              (3)    تارىخى ۋەقەلەر مۇندەرجىسى
              (4)    تارىخى شەخسلەر مۇندەرجىسى
              (5)    ماقال-تەمسىللەر مۇندەرجىسى
              (6)    ھېكمەتنامىلەر مۇندەرجىسى
              (7)    تارىخى شېئىرلار مۇندەرجىسى
              (8)    جۇغراپىيىلىك مۇندەرجە
              (9)    قەۋم، قەبىلە ۋە مىللەت مۇندەرجىسى
      ئىككىنچى، توققۇزخىل مۇندەرجىدىكى قايسىخىل ئاتالغۇنى چەكسىڭىز << دىۋان ئىلكىتاب>>تىكى شۇ ئاتالغۇنىڭ ئىزاھلىق بېتى كۆزئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
       ئۈچىنچى، ئۇنى كۆچۈرۈپ نەقىل ۋە دەلىل ئورنىدا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قۇلاي.

      <<مەخمۇد كاشغەرى يىلى>>مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ خاسىيەتلىك يىلدا ھەر بىرىمىزنىڭ مۇبارەك نامى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلىك ئورۇن ئالسۇن، كىچىككىنە مېھنىتىمىزدىن ئىز قالسۇن دىسىڭىز، سەمىمىيىتىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى چوقۇم ئورۇنداڭ !!!

      بىرىنچى شەرت: بۇ سەھىپىگە << دىۋان ئىلكىتاب>>نى يېزىشقا قاتناشقۇچىلار ئىنكاس يېزىشقا ھوقۇقلۇق. ئىنكاس پەقەت ئۆزىنىڭ << ئۇرخۇن>>دىكى نامى يېزىلسىلا كۈپايە. بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت، تەخمىنەن 300ئادەم ئىنكاس يازسا، ئۇلار<< دىۋان ئىلكىتاب>>نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا  قاتناشقانلىق ۋەدىنامىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. <<دىۋان>> ئۈچ قىسىم كىتاپ 1800بەت دىگىنىمىزدە، ھەر بىرىمىزگە ئالتە بەتتىن توغرا كېلىدۇ.  مەسىلەن: 1-قەۋەتتىكى ئىنكاس ئېگىسىyawuz دەپ يېزىلغان بولسا، مەزكۇر ئەپەندى << تۈركىي تىللار دىۋانى>> بىرىنچى قىسىم كىتاپنىڭ 1-بېتىدىن 6-بېتىگىچە مەزمۇننى كۆچۈرىپ، كۆچۈرگەن مەزمۇن ئىچىدىكى ئاتالغۇلارنى توققۇزخىل مۇندەرجىگە ئايرىپ، ئەسلىدىكى  ئىنكاسنىڭ قايتا تەھرىر ھالىتىنى ئېچىپ بىراقلا ( كۆچۈرگەن ئومۇمى مەزمۇن بىلەن توققۇز مۇندەرجە ھالىتى بويىچە) يوللايدۇ.
      ئىككىنچى شەرت: ئۆزى كۆچۈرگەن شۇ مەزمۇن ۋە ئاتالغۇنى كەم دېگەندە بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇپ چىقىپ ئۆزى تەھرىرلەيدۇ.
      ئۈچىنچى شەرت: ئەسلى<<دىۋان>>دىكى ئەرەپچە ۋە ئېنگىلىزچە ھەرىپ بىلەن يېزىلغان خەتلەر پۇتۇنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەجىم كىچىكلىتىلگەندىن سىرىت، ھازىرقى يېزىقىمىز بىلەن يېزىلىدۇ.
      تۆتىنچى شەرت: ئۇرخۇن باشلىقلىرى يوللانغان مەزمۇن ۋە ئاتالغۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇرقى تەلەپ بويىچە << دىۋان ئىلكىتاب>> تۈزۈشكە كىرىشىپ كېتىشى كېرەك.
      بەشىنچى شەرت: <<دىۋان>> ئۇرخۇن ئەزالىرى تەرىپىدىن پۈتىنلەي يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرخۇن ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسىم فامىلىسىنى ئۆزى ئىشەنچى قىلغان ئۇرخۇن باشلىقىغا يوللاپ بەرسە << دىۋان ئىلكىتاپ>>نى تۈزگىچىلەر قاتارىدا مۇبارەك نامى باش بەتتىن ئورۇن ئالىدۇ.
      تۆۋەندىكى ئىنكاس يېزىش ئورنىغا باشقا ھېچقانداق سۆز يازماي، توختام شەكلىدە سەمىمىيىتىڭىز بىلەن پەقەت ئۇرخۇن تورىدىكى نامىڭىزنىلا يازسىڭىز كۇپايە.
     
      دىققەت:...!!!    300يېقىن ئەزا ئىنكاس بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قىسمەن ئىزاھات ئارقىلىق yawuzئەپەندىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باشلاندى دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ باشلاپ كەرتسەك بولىدۇ. خالىغانچە ئىشلەشكە بولمايدۇ.
     
      قېنى مەرھەمەت ...  ئىمزا قويۇش ئاۋال سىزدىن كەلسۇن !

ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى بىز ئويلىغان سانغا يەتكەندە " دىۋان "نىڭ 3 توم PDF نۇسخىسى مۇنبىرىمىز تەرىپىدىن چۈشۈرۈش شەكلى بىلەن ئەزالارغا تەمىنلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئىشلىسەك بولىدۇ.

barhan......................................................................

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 55   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 kariz kariz ....................................................................................................................................................... 2008/7/18 10:09
2 TuranTekin TuranTekin ................................................................................................................ 2008/7/18 10:33
3 kariz   نېمىشقا ئىنكاسلار كۆرۈنمەيدۇ؟ مېنىڭ ئىنكاسىم مۇنداق ئىدى:

    بۇ تولىمۇ قىممەتلىك ئىش بوپتۇ!

    مەن بۇرۇن ئۈچ قىسىم كىتابتىن سۆزلەرنى ئىزدەش جەريانىدا ئۈزۈم ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ئويلاپ، باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش ئاۋارىچىلىك ئىچىدە قىينىلىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، "تۈركى تىللار دىۋانى" نىڭ ئۈچ تومىنىڭ سۆزلۈكلىرىنى ھەممىسىنى كىرگۈزۈپ بولدۇم، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈزۈم يالغۇز 4 ئايدا 11 تۈرگە بۆلۈپ Excel غا كىرگۈزۈپ بولدۇم، ھازىر بىر پىروگراممىچىك دوستىمىز ئۇنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئىزدەش پروگراممىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ، پروگراممىسى %80 پۈتۈپ بولدى، پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى( Icon),  مەھمۇت قەشقىرىنىڭ سۈرىتى تەييارلاندى، ئەسلى كىتابتىكى مەھمۇت قەشقىرى سىزغان خەرىتە كەسپىي ئۆلچەم بىلەن يۇقىرى ئېنىقلىقتا سكاننېرلاپ تەييارلاپ بولۇندى(تورلاردىكى خەرىتە قاتلانغان كونا خەرىتىدىن كىرگۈزۈلگەچكە، ئوتتۇرىسى كەمتۈككەن)، پروگرامما ئاچقۇچ نامى بىلەن ئالدىمىزدىكى ئۈچ كۈن ئىچىدە پۈتۈپ، سىناپ بولۇنغاندىن كېيىن دۇنيا مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن توردا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. دەسلەپكى ئېھتىياج ئۈچۈن ۋە نەشر ھوقۇقى مەسىلىسىگە تۇنجى قەدەمدە ئۈسۈپ سالماسلىق ئۈچۈن پەقەت ئىزدەش پروگراممىسى شەكلىدە تەمىنلىنىدۇ، ئاچقۇچنىڭ كېيىنكى نەشرىدە تولۇق تېكىستى ئېلكىتاپ شەكلىدىكى پروگرامما قىلىنىپ تەمىنلىنىدۇ.
    ب د ت تەرىپىدىن 2008- يىلى دۇنيا مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىپ، ھازىر تۈركى تىللىق مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزىمىزدىنمۇ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە تەكلىپ بېرىشىنى قارىشى ئالىمىز.
2008/7/18 10:54
4 kariz ئەسلىدە مېنىڭ ئىنكاسىمنى توران تېگىن ئەپەندى ئۈچۈرۈپتىكەندە! قارىغاندا ئىنكاسىمنىڭ خەت شەكلى ماس كەلمىگەن ئوخشايدۇ. باشقىدىن يوللاپ قويدۇم. 2008/7/18 10:57
5 TarimDadxah Tarim Dadxah  ( تارىم دادخاھ )!
تارىم دادخاھمۇ ئىمزا قويۇشتىن چەتتە قاراپ تۇرسا بولمايدۇ ! مېنىڭ مۇشۇ ئىمزايىم كۈچكە ئىگە !
2008/7/18 16:40
6 Yawuz Yawuz............................
بۇ ئىشتا ئەلۋەتتە مەنمۇ بار.
2008/7/18 16:59
7 Qutghur قۇتغۇر
Qutghur !

ياخشى ئىش كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتمىسۇن .ۋەزىپە تاپشۇرۇلسا ئىشقا چۈشۈپ كېتەيلى !
2008/7/18 17:42
8 samad سەمەد
samad
قاچان باشلايمىز؟
2008/7/18 18:25
9 sahran بۇنداق ياخشى خەيرلىك ئىشقا مەنمۇ قاتنىشاي!
Sahran 
2008/7/18 18:56
10 barhan مەن يەنە بىر ئىمزا قويىۋەتتىم . باشقىلار بىر كىشىلىك قىلسا مەن ئىككى كىشىلىك قىلاي...
barhan..........................................................................................................
2008/7/18 19:40
 جەمئىي باھا 55  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/6  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009