|
ماقالە مەزمۇنى |
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلا... |
يوللىغۇچى TuranTekin كۆرۈش 2661 يوللانغان ۋاقتى 2008/7/8 00:26 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرى – مەملىكىتىمىزنىڭ نوپۇسى تىز كۆپەيگەن مۇھىم تارىخىي دەۋرلەرنىڭ بىرى. چيەنلۇڭ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كىيىن شىنجاڭ رايونىنىڭ نوپۇسىمۇ تېز كۆپەيگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا مەن بۇ ماقالەمدە باشقىلار ئۈستىدە ئەمەس، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىپ كۆرمەكچىمەن. Ⅰ مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى فېئودال خانلىقلار غەللە-پاراق، باج-سېلىق ئېلىش، ئالۋان-ياساق چۈشۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىش ئۈچۈن نوپۇس سانىنى ستاتىستىكا قىلىپ تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مۇشۇ مەقسەتتە تەكشۈرۈپ تۇرغان. چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىش جەريانىدا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋزۇڭ خانى (چيەنلۇڭ) ھەرقايسى جياڭجۈنلەرگە «جۇڭغارلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردىن يىغقان باج-سېلىق»[1] ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ نوپۇسى، ئاشلىق. چارۋا سانىنى ئىگىلەپ بېقىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن. شۇ چاغدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە : قەشقەردە 16 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە، 100 مىڭ نوپۇس[2]؛ يەكەندە 30 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە، 100 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس[3]؛ خوتەندە 13 مىڭ 143 ئائىلە، 41 مىڭ 286 نوپۇس[4]؛ ئۈچتۇرپاندا 5 مىڭ ئائىلە، 20 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس[5]؛ ئاقسۇدا 5 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە، 20 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس[6]؛ كۇچادا 2500 ئائىلە، 15 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس[7]؛ كورلىدا مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە، 5300 دىن كۆپرەك نوپۇس[8]. شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى ، يۇقىرىقى سانلار ئەستايىدىل ستاتىستىكا قىلىنمىغان، توغرا بولمىغان. كۇچانىڭ نوپۇسى جەھەتتە چيەنلوڭنىڭ 21- يىلى (1756- يىلى) ئېدۇي چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بېقىنغاندا مەلۇم قىلىنغان سانلار ئاساس قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا جايلارنىڭ نوپۇسى جەھەتتە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شۇ جايلارنى كونتۇرۇل قىلغاندىن كىيىن تەكشۈرۈلگەن سان ئاساس قىلىنغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن، قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ بۇلىشىدا گەپ يوق. چيەنلوڭنىڭ 24- يىلى (1759- يىلى) 1- ئايدا، مۇھاپىزەتچى سەركەردە چىلىڭزاب خوتەندىكى ئالتە شەھەردە 18 مىڭ 590 ئائىلە، 72 مىڭ 543 نوپۇس بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. 9- ئايغا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى خوتەننى يەنە بىر قېتىم قايتۇرۇۋېلىپ، نوپۇسنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندە 13 مىڭ 143 ئائىلە، 41 مىڭ 286 نوپۇس بارلىقى ئېنىقلانغان. دېمەك، 5 مىڭ 457 ئائىلە، 31 مىڭ 257 نوپۇس كەم چىققان. بۇنى گاۋزۇڭ خانمۇ «چىلىڭزاب قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ چىققان سانلىق مەلۇمات ئەسلىدىلا توغرا بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى بىر نەچچە ئايلىق مۇھاسىرە داۋامىدا زىيان-زەخمەتكە ئۇچراپ ئازايغانلار بۇلىشى مۇمكىن ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق قەۋملەرنىڭ باج-سېلىقنى ئاز تاپشۇرۇش غەرىزىدە نوپۇسنى يوشۇرغانلىقى تۇرغانلا گەپ»[9] دەپ قارىغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن قېچىپ يۈرگەنلەرمۇ خېلى كۆپ بولغان. چيەنلوڭنىڭ 29- يىلى (1764- يىلى) خۇجەندتىكى مالىمانچىلىقىدىن قاچقانلار بالا-چاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن[10]. جاۋخۇي قاتارلىقلار ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ مەلۇم قىلغان نوپۇس سانىدىمۇ ئوخشىماسلىق بار. چيەنلوڭنىڭ 24- يىلى (1759- يىلى) 6- ئايدا، جاۋخۇي «قەشقەرگە تەۋە جايلاردا جەمئىي 16 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، 50 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار»[11] دېگەن . ئەمما 7- ئايغا كەلگەندە ئۇ قەشقەردىكى «چوڭ-كىچىك جەمئىي 10 شەھەر، يەتتە كەنتتە 16 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، نەچچە يۈزمىڭ نوپۇس بار»[12] دەپ مەلۇمات بەرگەن. بولۇپمۇ شۇ يىلى 10- ئايدا جاۋخۇي بىر مەلۇماتنامىنىڭ بېشىدا: «قەشقەرگە تەۋە 10 شەھەر، يەتتە كەنتتە ئۇيغۇرلاردىن 16 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە، 50-60 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس بار» دېگەن بولسا، ئاخىرىدا يەنە «نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇر بار»[13] دېگەن . دېمەك جاۋخۇي قاتارلىقلار تەكشۈرگەن ھەرقايسى جايلارنىڭ نوپۇس سانىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باج-سېلىق يىغىشنىڭ ئاساسى قىلغان بۇلىشى ناتايىن. ئۇنى بىز بۈگۈنكى كۈندە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئىشەنچلىك ماتېرىيال قىلىۋالساق تېخىمۇ بولمايدۇ. بەلكىم دەل يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلىدىن، كىيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى قايتىدىن تەكشۈرگەن ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» غا كىرگۈزگەن. ھەرقايسى جايلارنىڭ چيەنلوڭنىڭ 26- يىلى (1761- يىلى) دىكى نوپۇس تۆۋەندىكىچە[14]: نوپۇس (1)رايونلار (2) ئائىلە سانى (3) نوپۇس سانى (4)بىر ئائىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىشى سانى پىچان 1863 8240 تەخمىنەن 4.5 كىشى قارا شەھەر 1130 4520 تەخمىنەن 4 كىشى كۇچا 815 2610 تەخمىنەن 3.2 كىشى شايار 420 1210 تەخمىنەن 2.9 كىشى سايرام 549 1670 تەخمىنەن 3 كىشى ئاقسۇ 5753 18600 تەخمىنەن 3.2 كىشى باي 483 1270 تەخمىنەن 2.6 كىشى ئۈچتۇرپان 2967 12630 تەخمىنەن 4.3 كىشى قەشقەر 15506 50540 تەخمىنەن 3.3 كىشى يەكەن 15025 60450 تەخمىنەن 4 كىشى خوتەن 13838 43510 تەخمىنەن 3.1 كىشى ئىلى 1232 3140 تەخمىنەن 2.6 كىشى جەمئىي 59581 208390 تەخمىنەن 3.5 كىشى «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» غا قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كىرگۈزۈلمىگەن. ئەمما چيەنلوڭنىڭ 24- يىلى (1759- يىلى) 11- ئايدا شەنشى- گەنسۇنىڭ ۋالىيسى ياڭ يىڭجۈي تەكشۈرگەن مەلۇماتتا: «قۇمۇل كونا شەھىرى يۈسۈپنىڭ ئىلكىدە، 1 مىڭ 500 نەچچە ئۆيلۈك ئۇيغۇر بار. غەربتىكى سۇمقاغا، توغۇچى ۋە شىمالدىكى ئاستانە، لاپچۇق قاتارلىق جايلاردا تەخمىنەن مىڭدىن كۆپرەك ئۆيلۈك ئۇيغۇر بار. بۇلاردىن باشقا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ئۇيغۇرلاردىن 12-13 مىڭغىچە ئۆيلۈك كىشى بار»[16] دېيىلگەن. مۇشۇلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 220 مىڭ كىشى بولىدۇ . لېكىن يۇقىرىقى جەدۋەلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە بويىچە ئوتتۇرچە كىشى سانى ئاز بولغاندا 2.6 دىن، كۆپ بولغاندا 4.5 دىن توغرا كەلگەن. بۇ ئېلىمىز تارىخىدا ئەنئەنە بولۇپ كېلىۋاتقان بەش كىشى بىر ئائىلە بولىدۇ دەيدىغان كۆز قاراشتىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ . شۇڭا بەزى ئالىملار چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ستاتىستىكا قىلغاندا 12 ياشتىن تۆۋەنلەرنى ھېسابقا كىرگۈزمەيلا قالماي، بەلكى ياشانغانلار، ئاجىزلارنىمۇ ھېسابتىن چىقىرىۋەتكەن [17] دەپ قارايدۇ. بۇ بىزدىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسىنى ستاتىستىكا قىلىش ئۆلچىمىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى چيەنلوڭنىڭ 6- يىلى (1741- يىلى) دىن باشلاپ، نوپۇس سانى ئىچىگە ئەرلەرنىمۇ، ئاياللارنىمۇ، ياشانغانلارنىمۇ، ئۆسمۈرلەرنىمۇ ئوخشاشلا كىرگۈزۈپ ھېسابلايدىغان بولغان. چيەنلوڭنىڭ 26- يىلى (1761- يىلى) غا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ستاتىستىكا قىلغاندا، قېرىلارنى، ئۆسمۈرلەرنى ھېسابتىن چىقىرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار رايونىدا «بىر ئۇيغۇر ئەر بىر ئائىلە دەپ ئاتالغان[18]. ئەگەر مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلانسا بىر ئائىلىدە 3-4 ئادەم بار دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقى چۈشىنىشلۈك . بىزگە مەلۇمكى، سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭلا نوپۇسى تىزىملىنىپ، باشقىلىرى تىزىملانمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالۋان-سېلىقتىن قېچىپ، نوپۇسنى يوشۇرۇش ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولغان. شۇڭا ئەينى چاغدا بىر ئائىلىدىكى ئوتتۇرچە كىشى سانى كۆپ بولغاندا 2.6 دىن ئاشمىغان. ئەڭ ئاز بولغىنى يۈەن فېڭنىڭ 3- يىلى (1080- يىلى) ئاران 1.42 دىن توغرا كەلگەن[19]. ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ نوپۇسىنى سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نوپۇس بىلەن سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئائىلىدىكى ئوتتۇرچە نوپۇس سانى كۆپ ئارتۇق، بۇ ئۇلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىش ئۆلچىمىنىڭ زادىلا ئوخشاش بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە ئاران 2.6 دىنلا توغرا كەلگەنلىكىگە كەلسەك، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئىلىغا كۆچۈرۈلگەندە «ياش، قاۋۇللىرىنىڭلا بارالىغانلىقى»، قېرى، ئاجىز، كېسەلمەن ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقالغانلىقى سەۋەب بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ [20]، پەقەت باينىڭ ئەھۋالىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، خالاس. بەزى پارچە-پۇرات ماتېرىياللاردىنمۇ بىز چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى نوپۇسنى ستاتىستىكا قىلغاندا، ئەر-ئايال، قېرىلار، ئۆسمۈرلەرنى ھېسابقا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. «يەكەن شەھىرىنىڭ يېزا- كەنىتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج-سېلىق تۈرى توغرىسىدىكى قوللانما» دا يەكەن رايونىدىكى چوڭ-كىچىك شەھەر، كەنىتلەر ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇس سانى خاتىرىلەنگەن[21]، بۇ ئۇلارنىڭ نوپۇسقا چوڭ-كىچىك،ئەر-ئاياللارنىڭ سانى كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 25- يىلى (1760- يىلى) 1- ئايدا ياڭ يىڭجۈي: سايرامنىڭ «شەھەر ئىچىدە 250 ئائىلە، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك بىرمىڭ 240 كىشى بار. شەھەر سىرتىدىكى بۇلۇڭ كەنتى ۋە جىرغىلاڭدا جەمئىي 150 ئائىلە، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك 700 نەچچە كىشى بار»، باينىڭ «شەھەر ئىچىدە 100 ئائىلە، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك 500 كىشى بار. شەھەر سىرتىدا 20 ئائىلە، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك 110 كىشى بار»، ئاقسۇدا «قاتار كەتكەن ئۈچ شەھەر بار.... جەمئىي بىرمىڭ 100 ئائىلە، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك 5 مىڭ 700 نەچچە كىشى بار. ئۇنىڭغا تەۋە 13 كىچىك قەلئەدە 3 مىڭ نەچچە ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار» دەپ مەلۇم قىلىنغان[22]. ياڭ يىڭجۈينىڭ مەلۇماتىمۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەر-ئايال، قېرىلار، ئۆسمۈرلەرنى ھېسابقا كىرگۈزگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. لېكىن ياڭ يىڭجۈينىڭ ئېيتقىنى بويىچە بولغاندا، نوپۇس سانى ھەر-بىر ئائىلىگە تەخمىنەن 5 تىن توغرا كېلىدىكەن. ھالبۇكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ جاينىڭ نوپۇسى «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» خاتىرلەنگىنىدىن خېلى ئاز. شۇڭا مەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى نوپۇسنى ئەڭ دەسلەپ ستاتىستىكا قىلغاندا، گەرچە ئەر-ئايال، قېرىلار، ئۆسمۈرلەرنى ھېسابقا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلە سانىنى ھېسابلىغاندا يەنىلا «بىر ئۇيغۇر ئەر بىر نوپۇس» دەيدىغان بۇرۇنقى قائىدە بويىچە ستاتىستىكا قىلغان بولغاچقا، ستاتىستىكا قىلىنغان ئائىلە سانى بىلەن ئەمىلى ئائىلە سانى بىر بىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان. بۇ ھال بىر ئائىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىشى سانىنىڭ بەك ئاز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان دەپ قارايمەن. 10 نەچچە يىلدىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ستاتىستىكا قىلغاندا نوپۇس كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. ئەمما ئائىلە سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن[23]. بۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋالنىڭ تۈزۈتۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك . ئەمەلىيەتتە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ستاتىستىكا قىلمىغان نوپۇس مەۋجۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بەگلەر ۋە ئۇلارغا بېقىنغان يانچىلار ھەمدە ئۆتەڭ-رايونلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئىدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان جاۋخۇي، شۈخېدې قاتارلىقلار ھەرقايسى جايلاردا تەكشۈرگەن نوپۇس سانى ئانچە ئىشەنچلىك بولمىسىمۇ، لېكىن جاۋخۇي قاتارلىقلارنىڭ تۆت قېتىم بەرگەن مەلۇماتىدىكى قەشقەردە 16 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە بار دېگەن سۆزگە ئەلۋەتتە ئىشىنىش كېرەك . لېكىن «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» دا 15 مىڭ 506 ئائىلە بار دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئىككى مەلۇماتتىكى ئائىلە سانىدا سەل كەم 500 ئائىلە پەرق بار. ۋەھالەنكى «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى» دە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەر تەۋەسىدىكى بەگلەرگە بۇيرۇپ بېرىلگەن يانچىلارنىڭ 481 ئائىلە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن [24]. يۇقىرىقى ئىككى سان بىر-بىرىگە ئاساسەن ماس كېلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى» دە قارا شەھەرگە تەۋە كورلا ۋە بۈگۈردىكى بەگلەرنىڭ سانى ۋە بەگلەرگە بۇيرۇپ بېرىلگەن يانچىلارنىڭ ئائىلە سانى خاتىرىلەنگەن ھەمدە ئۇنىڭدا «يۇقىرىقى يانچى، ئۆتەڭچى، تىلماچ، موللا قاتارلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا»، كورلىدا «ئەمەلىيەتتە 670 ئۆيلۈك ئۇيغۇر»[25] بار دېيىلگەن. بۇ ئىككى جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە سانىنى جەملىسەك 1377 ئائىلە بولىدۇ . بۇ سان دەل «جياچىڭ دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئومۇمىي تەزكىرە» دىكى مەلۇمات بىلەن ئوپ ئوخشاش[26]. شۇڭا مەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ستاتىستىكا قىلغاندا بەگلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا بېقىنغان يانچىلارنىڭ شۇنىڭدەك ئۆتەڭ-راباتلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ نوپۇسىنى ھېسابتىن چىقىرىۋەتكەن دەپ قارايمەن. ئۇنداق بولسا بەگلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا بېقىنغان يانچىلارنىڭ شۇنىڭدەك ئۆتەڭلەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەزكىرىسى» دە: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا 260 بەگ قويۇلغانلىقى ، ئۇلارغا جەمئىي 3288 ئۆيلۈك يانچى بۇيرۇپ بېرىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن[27]. ئۇنىڭدىن باشقا چيەنلوڭنىڭ 25- يىلى (1760- يىلى) 2- ئايدا شۇخېدې: «بۈيۈك قوشۇنىمىز ئۇيغۇرلار رايونىغا بېسىپ كىردى، ئۆتەڭلەر قۇرۇلدى. پوچتا-ئالاقە سۈرئىتى تىزلىشىۋاتىدۇ .... ھەر بىر ئۆتەڭگە ئۇيغۇرلاردىن 10 ئائىلە ئەۋەتىلسە ... ھەر بىر كىشىگە كۆكتات، تۇز ۋە ئىككى سەردىن تەڭگە بېرىلسە » دەپ مەكتۇپ يوللىغان[28]. بۇ تەكلىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. خەيمىڭ قاتارلىقلارنىڭ: «يەكەندىن پىچانغىچە جەمئىي 50 نەچچە ئۆتەڭ بار»[29] دېگىنى بويىچە ھېسابلانسا، ئۆتەڭلەردە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار 500 نەچچە ئۆيلۈككە يىتىدۇ. دېمەك ، بەگ، يانچى ۋە ئۆتەڭلەردە ئىشلەيدىغانلار تەخمىنەن 4 مىڭ نەچچە ئائىلىگە يەتكەن. ئەگەر بىر ئائىلىدە تۆت كىشى بار دەپ ھېسابلانسا تەخمىنەن 16 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بولىدۇ . بۇنىڭغا «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» دىكى سەل كەم 210 مىڭ كىشى ۋە قۇمۇلدىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوشساق، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 240 مىڭ كىشى بولغان بولىدۇ . بۇنىڭغا باج-سېلىقتىن قېچىپ نوپۇسنى يوشۇرغانلارنى قوشقاندىمۇ جەمئىي نوپۇس 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. گۇاڭشۈينىڭ 3- يىلى (1876- يىلى) ئا.ن.كۇروپاتكىن جاۋخۇي قاتارلىقلار يوللىغان مەلۇماتقا ئاساسەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 375 مىڭ كىشى دەپ ھېسابلىغان [30]. قارىغاندا، بۇ مۆلچەر بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ھازىر كۇجژ ئۇنىڭ مۆلچىرىنى 340 مىڭ كىشىگە ئۆزگەرتكەن[31] بولسىمۇ، بۇ سان يەنىلا بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن. (داۋامى بار) |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 15 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | uyhgurbiz | بىز شۇچاغدا سانىمىز شۇنچىلىك ئازمۇ ، بۇ خاتامۇ قانداق ؟ | 2008/7/8 02:04 | |||
2 | TuranTekin |
يوللانمىنىڭ مەزمۇنى بىراز كۆپ بولغاچقا ھەممىنى بىراقلا يېزىپ يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىدى. ھەممە مەزمۇن تۈگۈگەندىن كىيىن بىرلىكتە ئانالىز قىلىپ باقايلى. |
2008/7/8 09:04 | |||
3 | laqin007 | قىززىق،شۇ دەۋىردە ئاران شۇنچىلىك بولساق،كىيىنكى قوزغىلاڭ دەۋرىدە خوجىلار توپىلىڭى،ئەلاخان سۇلتانلىقى،ياقۇپ بەگ دەۋرىدىكى ئۇرۇشلار،ئشقىلىپ مانجۇلار ۋە موڭغۇللار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا نەچچە يۈزمىڭ نۇپۇستىن ئايرىلغان تۇرسا،سىرتقا كۆچكەنلەر(ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغانەچچە مىڭ ئائىلىلەپ كۆچكەن ۋە كۆچۈرۈلگەن)دىگەندەك ئىشلار سەۋەبىدىن ئازلىغان نۇپۇسنى ھىسابلىساق،گومىنداڭ دەۋرىگە كەلگەندەئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3مىليوندىن ئېشىپ كىتىشى مۈمكۈنمۇ؟ | 2008/7/8 10:00 | |||
4 | TuranTekin | Ⅱ 1.رايونلار ، 2. نوپۇس، 3.كىتابلار (1)ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەزكىرىسى (2)غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى (3)جياچىڭ يىللىرى تۈزۈلگەن ئومۇمىي تەزكىرە ئائىلە سانى نوپۇسى ئائىلە سانى نوپۇسى ئائىلە سانى نوپۇسى قۇمۇل 1950 12153 1950 13293 پىچان 2937 10373 759 8709 قارا شەھەر 3283 15263 1130 5390 1377 11912 كۇچا 1274 3987 1123 4260 1976 12148 شايار 673 1898 باي 563 1735 سايرام 500 1627 ئاقسۇ 5590 18190 7506 24607 8424 34607 ئۈچتۇرپان 708 2367 822 3158 856 5083 قەشقەر 8696 50199 14056 66413 14056 66413 يەكەن 15180 54340 15574 65495 15574 65495 خوتەن 13800 43500 13645 44603 13642 44603 ئىلى 6406 20356 6406 20356 جەمئىي 48531 187846 66882 262068 65020 282619 يۇقىرىدىكى جەدۋەلدىكى (1) «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەزكىرىسى» دىكى قارا شەھەرنىڭ نوپۇسى پىچانغا تەۋە لوپنۇر بىلەن بۈگۈر ۋە كورلىنىڭ نوپۇسىنى، كۇچانىڭ نوپۇسى شايارنىڭ نوپۇسىنى، ئاقسۇنىڭ نوپۇسى سايرام بىلەن باينىڭ نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2) «جياچىڭ يىللىرىدا تۈزۈلگەن ئومۇمىي تەزكىرە» دىكى كۇچانىڭ نوپۇسى شايارنىڭ نوپۇسىنى، ئاقسۇنىڭ نوپۇسى سايرام بىلەن باينىڭ نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن چىڭ دەۋرىدە يېزىلغان ئۈچ كىتابتىن باشقا «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى» دىمۇ ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ نوپۇس سانى «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا بۇ يەردە كۆرسىتىلمىدى. «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەزكىرىسى» شەخسىينىڭ ئەسىرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا قۇمۇل، ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خاتىرىلەنمىگەن. كىتابنىڭ يېزىلغان يىل دەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭدىكى باشقا جايلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدا يېزىلغان سانلاردا چيەنلۇڭنىڭ 37- يىلى (1772- يىلى) ئېلىنغان مەلۇمات ئاساس قىلىنغان. ئۈچتۇرپاننىڭ نوپۇسى توغرىسىدىكى ساندا چيەنلۇڭنىڭ 31-، 32- يىللىرىدىكى (1766-، 1767- يىللىرى) مەلۇمات ئاساس قىلىنغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەزكىرىسى» دىكى نوپۇس سانى تولۇق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىل دەۋرىنى بېكىتىش تەس. شۇڭا ئۇنى ئاساس قىلىش قىيىن. «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» چيەنلۇڭنىڭ 27- يىلى (1762- يىلى) يېزىلغان[34]، ئەسلىدە ئۇنىڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ نوپۇسى «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» دىكىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسا بۇلاتتى. ئەمما «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكى ئۈچتۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلارنىڭ نوپۇسىنىڭ چيەنلۇڭنىڭ 27- يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات ئەمەسلىكى ئېنىق. بۇ كىتابقا چيەنلۇڭنىڭ 42- يىلى (1777- يىلى) بەزى يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلغان . ھالبۇكى «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى» دە يەنە: «ئۈچتۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەسلىدە ئەڭ كۆپ ئىدى، چيەنلۇڭنىڭ 30- يىلى ئۇلار توپىلاڭ كۆتۈرگەچكە قىرىپ تاشلاندى. چيەنلوڭنىڭ 31- 32- يىللىرى ئاقسۇ، يەكەن، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئۇ يەرگە 708 ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. چيەنلوڭنىڭ 41- يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆي-ئوچاقلىق بۇلىشى بىلەن 110 ئائىلە كۆپەيگەنلىكى ئېنىقلاندى» [35] دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە سانى 822 گە يەتكەن. بۇ سان دەل «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكى ئۈچتۇرپاننىڭ نوپۇسى بىلەن ئوخشاش، شۇڭا مەن، «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ نوپۇسى ئەمەلىيەتتە چيەنلوڭنىڭ 4- يىلى ئېلىنغان سانلىق مەلۇمات دەپ قارايمەن. دېمەك بىز ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتنى «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» دىكى چيەنلوڭنىڭ 26- يىلى (1761- يىلى) ستاتىستىكا قىلىنغان ھەر قايسى جايلارنىڭ نوپۇسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ . «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» نىڭ ستاتىستىكا قىلىش ئۆلچىمى بىلەن «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» نىڭ ستاتىستىكا قىلىش ئۆلچىمى بىردەك بولغان دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ھالدا ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بويىچە چيەنلوڭنىڭ 26- يىلى (1761- يىلى) دىن چيەنلوڭنىڭ 31- يىلى (1776- يىلى) غىچە بولغان 15 يىلدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %1.16 بولغان[36] بولىدۇ . نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تېز دەپ ھېسابلاشقا بولماس، لېكىن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن بىر جەريان كىتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چيەنلوڭنىڭ 30- يىلى (1765- يىلى) ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ فېئودال ئەمەلدارلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمىغا تاقەت قىلالماي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇلغانلىقى، نەتىجىدە ئۈچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ «قىرىپ تاشلانغانلىقى»، بۇنىڭ بىلەن 20 مىڭچە كىشىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى [37] قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئالساق، بۇ كۆپىيىش نىسبىتىنى خېلىلا يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ . ئەگەر چيەنلوڭنىڭ 26- يىلى (1761- يىلى) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى نوپۇسى 250 مىڭ كىشى دېگەن مۆلچەر توغرا بولىدىغان بولسا، كۆپىيىش نىسبىتىنى %1.16 بويىچە ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ -دە، چيەنلوڭنىڭ 41- يىلى (1776- يىلى) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى نوپۇسى 320 مىڭ كىشى ئۆپچۆرىسىدە بولغان بولىدۇ . 2- جەدۋەلدىن يەنە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى «جياچىڭ يىللىرىدا تۈزۈلگەن ئومۇمىي تەزكىرە» دىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئىلى قاتارلىق جايلارنىڭ نوپۇس سانى «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكى سانلىق مەلۇماتتىن ئەينى بويىچە كۈچۇرۇۋېلىنغان. ئۇلاردىن باشقا جايلارنىڭ نوپۇس سانىنىڭ قايسى يىلى ستاتىستىكا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بىرنېمە دېيىش قىيىن. شۇڭا بىز ئۇنى «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىكى سانلىق مەلۇمات بىلەن سېلىشتۇرساق، چيەنلوڭنىڭ 41- يىلى (1776- يىلى) دىن جياچىڭنىڭ 25- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى ھېسابلاشتا ئۇنى ئاساس قىلساق بولمايدۇ. شۇ ۋەجدىن بىز 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى پارچە-پۇرات ماتېرىياللار ئاساسىدا تەخمىن قىلماقچىمىز. جاھانگىر خوجىنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كىيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان بىر نەچچە رايوننىڭ نوپۇسىنى يەنە بىر قېتىم خېلى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققان. خالاڭئا، ياڭ فاڭلارنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، داۋگۇاڭنىڭ 11- يىلى (1831- يىلى) نىڭ بېشىدا، «قەشقەردىكى ئۇيغۇر شەھىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۆت يېزىنىڭ ھەرقايسى كەنىتلىرىدە 19 مىڭ 202 ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئۆز ئىشىغا قايتىدىن كىرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەر 31 مىڭ 913، ئايال 28 مىڭ 907، ئوغۇل 28 مىڭ 879، قىز 25 مىڭ 503»، جەمئىي 115 مىڭ 202 كىشى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جاھانگىر خوجىنىڭ توپىلىڭىدا 4191 ئۆيلۈك كىشى توپىلاڭچىلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ ئۇلارغا ئەگىشىپ كەتكەن، قېچىپ كەتكەن ۋە باشقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەن [38]، ئەگەر بۇنى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرىچە 5.9 دىن كىشى بار دەپ ھېسابلىساق ، جەمئىي 24 مىڭ 726 كىشى بولغان بولىدۇ . يۇقىرىدىكى ئىككى جەمئىي ساننى قوشساق 139 مىڭ 928 كىشى بولغان بولىدۇ . بۇ «غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە خاتىرىلەنگەن چيەنلوڭنىڭ 41- يىلىدىكى نوپۇس سانىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى %1.36 گە يەتكەن بولىدۇ . داۋگۇاڭنىڭ 8- يىلى (1828- يىلى) 1- ئايدا يەكەننىڭ ئامبىلى خېڭ جىڭ قاتارلىقلار: «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ توپىلاڭچىلار تىنجىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يىلدىكى نوپۇسى بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن كۆپىيىپ 116 مىڭ 800 نەچچىگە يەتتى»[39] دەپ مەلۇمات يوللىغان. بۇ دەل ئۇرۇش مۇئەللىمانچىلىقى ئەمدىلا بېسىققان ۋاقىت بولۇپ ، ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ قەشقەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توپىلاڭچىلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىپ مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلىكىدە گەپ يوق. شۇڭا يەكەننىڭ نوپۇسىنى 140 مىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىمۇ %1.36 گە يەتكەن دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ . شۇ يىلى 11- ئايدا نايەن چىڭ، ۋۇلۇڭئا قاتارلىقلارمۇ: «بۈگۈردىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىلىرى بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەنلىرى قوشۇلۇپ ئاران 970 نەچچە ئۆيلۈك، كورلىدىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىلىرى بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەنلىرى قوشۇلۇپ ئاران 1500 نەچچە ئۆيلۈك» [40] دەپ مەلۇمات يوللىغان. دېمەك بۇ ئىككى جاينىڭ ئائىلە سانى جەمئىي 2470 بولغان. ئۇلار چيەنلوڭنىڭ 47- يىلى (1782- يىلى) دىكى 1330 ئۆيلۈكتىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن [41]، كۆپىيىش نىسبىتىمۇ %1.35 گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى چيەنلوڭنىڭ 47- يىلى 20 مىڭ 358 بولغان بولسا [42]، داۋگۇاڭنىڭ تۇنجى يىلى (1821- يىلى) غا كەلگەندە 34 مىڭ 300 گە [43] كۆپىيىش نىسبىتى %13.5 گە يەتكەن. قەشقەر، يەكەن، قاراشەھەر، ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىغا ئاساسەن شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، چيەنلوڭنىڭ 41- ياكى 47- يىلىدىن داۋگۇاڭنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە بولغان 50 نەچچە يىلدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئىزچىل تۈردە %1.36 - %1.35 سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا داۋگۇاڭنىڭ 11- يىلى (1831- يىلى) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى چيەنلوڭنىڭ 11- يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق كۆپىيىپ، تەخمىنەن 650 مىڭغا يەتكەن. جاھانگىر خوجىنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كىيىن نايەنچىڭ قاتارلىقلار بۇيرۇققا بىنائەن باج-سېلىقنى كۆپەيتىش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ يەر، پۇل، ئاشلىقىنى تەكشۈرگەن. تۆۋەندە نايەنچىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرگەن «شەخسلەر يېڭىدىن ئاچقان يەردىن چىققان ئاشلىقتىن ئېلىنغان غەللە-پاراق» بىلەن «بۇرۇنقى غەللە-پاراق» نى جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقتۇق[44]. 1.رايونلار، 2.چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى سان (1) «ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەزكىرىسى» 1772- يىلى، (2)«غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 1776- يىلى، 3. شەخسلەر يېڭىدىن ئاچقان يەردىن چىققان ئاشلىقتىن ئېلىنغان غەللە – پاراق (نايەنچىڭ قاتارلىقلار 1828 – يىلى تەكشۈرگەن) پىچان 4229 دەن 3423 دەن كورلا 560 دەن 560 دەن 400 كۈرە بۈگۈر 560 دەن 560 دەن 400 كۈرە كۇچا 960 دەن 1105 دەن 1.900 كۈرە شايار 750 دەن 497 دەن سايرام 750 دەن 782 دەن باي 464 دەن 364 دەن 5.013 كۈرە ئاقسۇ 6835 دەن 3945 دەن ئۈچتۇرپان 2010 دەن 2010 دەن 4650 كۈرە قەشقەر 20473 دەن 21200 دەن 20016 كۈرە يېڭىسار 4100 كۈرە يەكەن 13286 دەن 13286 دەن 18130 كۈرە خوتەن 10600 دەن 10600 دەن 2070 كۈرە جەمئىي 62118 دەن 59638 دەن 56.678 كۈرە جەدۋەلدىكى تولۇق بولمىغان سانلىق مەلۇماتتىن داۋگۇاڭنىڭ 8- يىلى نايەنچىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرگەن شەخسلەر يېڭىدىن ئاچقان يەردىن چىققان ئاشلىقتىن ئېلىنغان غەللە-پاراق بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . ئۇيغۇرلار رايونىدا «ئەرلەرنى ھېسابلاپ باج ئېلىش» [45] يولغا قويۇلغاچقا شەخسلەر ئاچقان يەر ۋە غەللە-پاراقنىڭ كۆپىيىشى نوپۇسنىڭ ئاۋۇغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. بۇ شۇنداق دېگەنلىك بولىدۇكى ، باج نىسبىتى كۆپەيمىگەن ئەھۋالدا غەللە-پاراق بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن، نوپۇسمۇ بىر ھەسسە ئاۋۇغان. بۇ بىزنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان مۆلچەرىمىزنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان رۇسىيىلىك ئوفىتسېر ۋەلىخانوۋ: «ئالتە شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ سانىنى توغرا ھېسابلاپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى تىنجىتقان چاغدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەكشۈرگەن خۇلاسە يەرلىك ئاھالىلەر سانىنى ھېسابلاش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىردىن-بىر ئاساس قىلىنغان. ھېلىمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە باج-سېلىق ئېلىنىۋاتىدۇ» دېگەن . ئۇ قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپاندىن ئىبارەت ئالتە شەھەردە جەمئىي 570 مىڭ كىشى بار[46] دەپ قارىغان. لېكىن ۋەلىخانوۋ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنىڭ چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ياكى جاھانگىر خوجىنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن. ئەمما چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئەمدىلا بىرلىككە كەلتۈرگەن چاغدا، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ قانداقلا بولمىسۇن 570 مىڭغا يەتمەيدىغانلىقى بىزگە ئايان. شۇڭا بىز ۋەلىخانوۋ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جاھانگىر خوجىنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كىيىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنى كۆزدە تۇتقان دەپ قارايمىز. ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالتە شەھەرنىڭ نوپۇسى داۋگۇاڭنىڭ 11- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە 570 مىڭغا يەتكەن دېسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قۇمۇلدىكى، ئىلىدىكى ئۇيغۇر ۋە غەللە-پاراق تاپشۇرمايدىغان ئۇيغۇر يەنى بەگلەر ۋە ئۇلارغا بېقىنغان يانچىلار، شۇنىڭدەك ئۆتەڭلەردە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 650 مىڭ ئۆپچۆرىسىگە يەتكەن بولىدۇ [47]. دېمەك، بۇمۇ بىزنىڭ ھېسابىمىزغا ماس كېلىدۇ . (داۋامى بار) |
2008/7/8 13:38 | |||
5 | TuranTekin | كومپيوتور ساۋادىمنىڭ چولتىلىقىدىن، Word تا ئۇرۇلغان جەدىۋەللەرنى قاملاشتۇرۇپ يوللىيالمىدىم، ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن. | 2008/7/8 13:45 | |||
6 | niyazdixan |
ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاھالىلىرى باجدىن قېچىپ ياكى باشقا سەۋەپلەردىن ئائىلىسىدىكى جان سانىنى كېمەيتىپ مەلۇم قىلىدىغان ئىشلار بەك ئومۇمىيۈزلۈكتىكەن . ئۇ ۋاقىتتىكى نوپۇس تەكشۈرۈش ئىشلىرى ھازىرقىدەك بولمىغاچقا ئەينى ساننى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن . |
2008/7/8 15:12 | |||
7 | uyhgurbiz | نىيازدىخان ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك بولۇشىمۇ مۇمكىن. | 2008/7/8 15:32 | |||
8 | TuranTekin | Ⅲ گۇاڭشۈينىڭ 3- يىلى (1876- يىلى) جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان رۇسىيىلىك ئوفىتسېر ئا.ن.كورۇپاتكىن: «قەشقەرىيەدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەخمىنىي مۆلچەرلەپ چىقىشقىلا بولىدۇ . مۆلچەرلىنىشچە پۈتكۈل قەشقەرىيەدە بىر مىليون 200 مىڭ كىشى بار»[48] دېگەن. ناۋادا ئۇلار ئىچىدىكى خەنزۇ، خۇيزۇلارنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنى چىقىرىۋەتسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بۇنىڭغىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن . ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر مىليون 100 مىڭ دەپ ھېسابلانسا ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئاران %1.17 بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئۇ سەۋىيىگىمۇ يەتمىگەن. مەسىلەن ئىلىنى ئالساق، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى داۋگۇاڭنىڭ تۇنجى يىلى (1821- يىلى) 34 مىڭ 300 [49] بولغان بولسا، گۇاڭشۈينىڭ 2- يىلى (1875- يىلى) غا كەلگەندە 51 مىڭ 891 گە يەتكەن [50]. كۆپىيىش نىسبىتى ئاران %0.76 بولغان. گۇاڭشۈينىڭ 10- يىلى (1884- يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كىيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ نوپۇسىنى قايتا تەكشۈرگەن. « (گۇاڭشۈي) بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» دا ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە جەمئىي بىر مىليون 132 مىڭ 251 ئۇيغۇر بارلىقى ئېيتىلغان [51]. بۇ كىتابتا يەنە: «پۇقرالارنىڭ ئەرلىرى ‹دىڭ› (丁) دېيىلىدۇ ، ئاياللىرى ‹كو› (口) دېيىلىدۇ ، بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇل بالىلارمۇ (16 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ ) ‹كو› دېيىلىپ نوپۇسقا ئېلىنىدۇ» [52] دېيىلگەن. بۇ ‹دىڭ›، ‹كو› دەپ ئاتالغانلارنىڭ بارلىق نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان سانلىق مەلۇمات بويىچە ھېسابلىساق داۋگۇاڭنىڭ 11- يىلىدىن گۇاڭشۈينىڭ 3- يىلىغىچە بولغان 56 يىلدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %0.99 بولغان بولىدۇ . بۇ سان ئالدىنقى 70 يىلدىكى كۆپىيىش نىسبىتىدىن جىق ئاز. دەرۋەقە شۇ چاغدىكى شەرت-شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى نوپۇسنى ستاتىستىكا قىلغاندا چۈشۈپ قالغان نوپۇسلار بولغان بۇلىشى مۇمكىن . بولۇپمۇ بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق چاررۇسىيە شىنجاڭنىڭ 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنىنى بېسىۋالغاندا زېمىن كىمگە تەۋە بولسا ئادىمىمۇ شۇنىڭغا تەۋە بولۇش پرىنسىپى بويىچە زور تۈركۈم ئۇيغۇرلار رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ياكى رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كۆچكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىلىدا ھېچقانچە ئۇيغۇر قالمىغان. «(گۇاڭشۈي) چىڭ سۇلالىسىنىڭ قامۇسى» دا ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ خاتىرلەنمىگەنلىكىدىكى سەۋەبمۇ شۇ بولسا كېرەك. دېمەك، 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن دېگەن نۇقتىئىنەزەرمۇ ئەمىلى ئەھۋالغا مۇۋاپىق كېلىدۇ . 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى جايلارغا تەزكىرە يېزىش، مۇشۇ پۇرسەتتە جايلارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش ئىلگىرىكىدەك بولمىغان. «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە: «بۇرۇنقى نوپۇس تەكشۈرۈشنى باج-سېلىقنى ئېنىقلاش ئۈچۈنلا، ئالۋاننى سۈيلەش، يامان كىشىلەرنى چەكلەش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان دېيىشكە بولىدۇ . كۈچلۈك دۆلەتلەر تىركىشىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا نوپۇسنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى» دېيىلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشتە پۇقرالارغا ھالاۋەت ۋە مۇشەققەتنى تەڭ تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياش-قېرىلىرىنى ئايرىپ، باي-كەمبەغەللىرىنى ئېنىقلاشنىلا كۆزلىمەي»، ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئايرىپ چىقىشنىمۇ كۆزلىگەن. «ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئايرىلسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇستەھكەملىنىدۇ» [53] دەپ قارىغان. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشىنى خېلى ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىلغان، شۇ قېتىم ستاتىستىكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتنىمۇ خېلى ئىشەنچلىك بولغان دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ . تۆۋەندە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋە ئۇلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىمىز. رايونلار ئائىلە سانى ئادەم سانى پايدىلانغان كىتابلار ئۈرۈمچى 9200 «ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» ماناس 1227 «ماناس ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» فۇكاڭ 622 «فۇكاڭ ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» تۇرپان 7598 40153 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەسىراتى» پىچان 3633 18769 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» قۇمۇل 8447 «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» شىخۇ 537 «كۈرخاراسۇنىڭ تەزكىرىسى» چىلپەڭزە 4657 21750 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» جىڭ 443 «جىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ تەزكىرىسى» چۆچەك 492 1427 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» ئاقسۇ 97718 «ئاقسۇ كونىشەھەر مەھكىمىسىگە قاراشلىق جايلارنىڭ تەزكىرىسى» ئاقسۇ كونا شەھەر 100529 «ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» باي 9590 40268 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» كەلپىن 1670 5655 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» ئۈچتۇرپان 6457 47267 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» كۇچا 18432 104205 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» شايار 7576 10360 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» قارا شەھەر 2757 21041 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» شىنپىڭ 517 4920 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» چاقىلىق 496 3384 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» بۈگۈر 2364 10297 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» قەشقەر يېڭىشەھەر 86703 130245 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» قەشقەر كونىشەھەر 27604 108129 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» پەيزىۋات 13152 99173 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» يېڭىسار 19581 100920 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» يەكەن 28260 162229 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» تاشقورغان 7 21 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» مارالبېشى 4844 22332 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» قاغىلىق 15640 92715 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» گۇما 7879 31269 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» خوتەن 54450 136990 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» كېرىيە 36295 85935 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» لوپ 10666 53278 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» جەمئىي 371320 1575095 «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» ئىزاھات: 1. چىلپەڭزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رۇسىيە تەۋەلىكىدىن يېڭى قوبۇل قىلىنغان 1100 ئائىلە، 5300 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. ئاقسۇ كونىشەھەر مەھكىمىسىگە قاراشلىق باش رايوندىكى 95 كەنتنى كۆرسىتىدۇ. ئاقسۇ كونىشەھەر بۇ ناھىيىگە تەۋە تۆت رايوندىكى 107 كەنتنى كۆرسىتىدۇ. «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» بىلەن «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە بۇ ئىككى جاينىڭ نوپۇسى توغرىسىدىكى مەلۇماتتا خاتالىق بار. شۇڭا يەرلىك تەزكىرىدىن پايدىلىنىلدى. يۇقىرىدىكى جەدۋەل ئاساسەن «شىنجاڭنىڭ ئۆلكە بولۇش تەپسىراتى» بويىچە تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئايرىم جايلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ تەزكىرىلىرى ۋە «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتنى، ئائىلە سانىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىر قەدەر تولۇق دېيىشكە بولىدۇ . جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ كۆپ قىسمىدا گۇاڭشۈينىڭ 34- يىلى (1908- يىلى، ئايرىم جايلىرىدا 33- يىلى ‹1907- يىلى› ياكى شۈەنتوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1909- يىلى) ستاتىستىكا قىلىنغان سان ئاساس قىلىندى. ئەگەر يىللارنىڭ ئىلگىرى-كىيىنلىك جەھەتتىكى بەزى پەرقلەرنى ئۆز-ئارا چېقىشتۇرىۋەتسەك، گۇاڭشۈينىڭ 34- يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى بىر مىليون 570 مىڭدىن ئارتۇقراق دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا، گۇاڭشۈينىڭ 13- يىلىدىن گۇاڭشۈينىڭ 34- يىلىغىچە بولغان 21 يىلدا 440 مىڭ ئۇيغۇر كۆپەيگەن. كۆپىيىش نىسبىتى %1.58 گە يەتكەن. دەرۋەقە، ئەمىلى كۆپىيىش نىسبىتى بۇنچىلىك سەۋىيىگە يەتمىگەن بۇلىشى مۇمكىن . چۈنكى گۇاڭشۈينىڭ 13- يىلىدىكى نوپۇس تولۇق ستاتىستىكا قىلىنمىغاچقا، سەۋەنلىك كېلىپ چىققان بۇلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. ۋەھالەنكى بۇ 20 نەچچە يىلدا شىنجاڭدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىيەت خېلى تىنچ بولغاچقا نوپۇس تېز كۆپىيىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ يارىتىلغانلىقىدا گەپ يوق. «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە: «شۈەنتوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1909- يىلى) شىنجاڭدا 412 مىڭ 210 ئائىلە، 2 مىليون 3931 كىشى بار»[54] دېيىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە پۈتكۈل شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ . (داۋامى بار) |
2008/7/9 09:10 | |||
9 | urdek | (جىڭ 443 ) مەن مانا مۇشۇ جىڭدىن،ئۇلۇق بوۋىمىز جىڭدا (دىۋان بىگى) مەنسىۋىدە ئەمەل تۇتۇپتىكەن، 1776 يىلدىكى چوڭ يەر تەۋرەرشتە جىڭ تۇپ-تۇز بولۇپ كەتكەندە شۇ ئۇلۇق بوۋىمىز باشلىق يەرلىك ئەمەلدارلار، كەلگۇندى ئەمەلدارلارنىڭ، خان تەستىقلاپ بەرگەن يەر تەۋرەشكە ياردەم قىلىنغان- خانبالىقدىن ئىۋەتىلگەن كۇمۇش پۇللارغا خىيانەت قىلىپ يەۋالغىنىنى قايتا خانغا پاش قىلىدۇ،(شىنجاڭدىكى ئەڭ چۇڭ،ئەڭ بۇرۇن خاتىرلەنگەن يەر تەۋرەش خاتىرىسى) شۇچاغدىلا جىڭدا ئىككى سېپىل بولغان، مىنىڭچە ئەۋۇ ئىككى سېپىلنى يۇقۇرىدىكى نوپۇس سانىدا دىيىلگەن 443 ئادەم سالمىغاندۇ، يەنە بار: ياقۇپبەگدىن ئىلگىرى راشىدىن خان غۇجام(كۇچاردىن) قوزغىلىڭى باشلىنىدۇ،مۇشۇ قوزغىلاڭ رېۋاج تېپىپ يەركەنگىچە كېڭىيىدۇ،ھەم شۇيەركەندىن سىيىت غۇجام نامىدىكى مەشھۇر بىر سەركەردە ماناستىن 60 مىڭ،جىڭدىن 40 مىڭ خىتتاينى قىرىپ تاشلايدۇ(موللا مۇسا سايرامى)،ئەجىبا شۇنچىلا خىتتاي بولغان يەردە شۇنىڭغامۇناسىپ نىسبەتتە ئۇيغۇرلار بولماپتىكەنمۇ؟( قازاقلار كىين كۇچۇپ كەلگەن)، ئېسىمنى بىلسەم 1947 يىللىرىمۇ شەھەر ئىچىدە بىر، دەريا بويىدا بىر جەمى ئىككى كارۋان سارىيىمىز بار ئىدى،جىڭدىن ئۇتمەي غۇلجىغا قانداق بارىدۇ؟ ئۇتەڭ-ساراي بولمىسا ئوت-چۇپ،يەم -بوغۇزنى كىمدىن ئالىدۇ،پۇخرادىن ئالار؟ شۇڭا ئاۋۇ مىياۋ فۇشىڭ نىڭ(تەتقىقاتى) غا كېلىشتۇرۇپ بىرنى ئوسۇرۇپ قويغۇلۇق! مۇنداق باش- ئاخىرىنى چۇشەنگىلى بولمايدىغان،گالۋاڭ قىلىدىغان ،ئۇزىمۇ جەزىم قىلالمايدىغان ( تەتقىقات) ۋەئۇنىڭغا مەنبە بولغان ئەۋۇ يالغان- نوپۇس سانلىرى بىر تۇتام تۇترۇق قەغەزدىن ئىبارەت. ئاخىرىدا تۇران تېكىن ئەپەندىمنىڭ بىزنى مۇنداقمۇ (تەتقىقات) بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىغا رەخمەت. |
2008/7/9 15:45 | |||
10 | TuranTekin | urdek ئەپەندىنىڭ يوللانمىنى تەپسىلى ئوقۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت. دەرھەقىقەت، بۇ يوللانمىدا ئادەمنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان كاۋاكلار ناھىيىتى كۆپ، urdek ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغىنى پەقەت ئۇنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. ئەينى يىللىرى مەن بۇ تەتقىقات ماقالىسى بېسىلغان (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى) ژورنالنى قۇلۇمغا ئېلىپ كۈرۈپ، ھەيران قالغان ئىدىم ھەم كۆپ ئويلانمىغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگندە، ماتىرياللىرىمنى رەتلەۋېتىپ يەنە شۇ ژورنال قۇلۇمغا چىقىپ قالدى. مۇئەللىپنىڭ بۇ تەتقىقات ماقالىسىنى يېزىشتا پايدىلانغان مەنبەلىرى ئاساسەن ئوردا خاتىرلىرى ئىكەن. قانداقلا بولمىسۇن تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىش،مۇشۇنداق بىر تەتقىقات ماقالىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قېلىش مەقسىدىدە يوللاپ قويدۇم. |
2008/7/9 17:51 | |||
جەمئىي باھا 15 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|