|
ماقالە مەزمۇنى |
ئوغۇزخاننىڭ تۇغۇلىشى |
يوللىغۇچى barhan كۆرۈش 4054 يوللانغان ۋاقتى 2008/7/1 20:28 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ھەيكەل تېپىلغان جاي بۇ ھەيكەل 1997-يىلى 4-ئايدا ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئازاق يېزا بويامەت كەنتى سەككىزىنچى مەھەللە جەنۇبىدىكى ئاتۇش بىلەن كاشغار ئارلىقىدىكى قۇمال تاغنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تەسكەي تەرەپ، <<ئىت يولىغا>>تۇتاش يارلىقتىكى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن ئۈچ مېتىر تۆۋەن توپا قاتلىمىدىن تېپىلغان. تېپىۋالغۇچى، ئازاق يېزىدىن پىنسىيىگە چىققان دىھقانچىلىق كادىرى روزى مۇھەممەد. ھەيكەل ئىككى ئاي بازارغا سېلىنىپ، قەشقەر مەدىنى يادىكارلىقلار سودا بازىرىدا چەتئەللىككە جۇڭگۇ پۇلى 70000(يەتمىش مىڭ يۈەن)گە سېتىلمىغان. مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەيكەل توغرىسىدىكى ئەسىرى قىزىلسۇ گېزىتىگە بېسىلغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ،1997-يىلى6-ئايدا ئازراقلا ھەق بىرىلىپ ئوبلاستلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىشخانىسىغا يۆتكەپ كېتىلگەن. ھەيكەلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ھەيكەلنىڭ باش كىيىمىدىن باشقا ئەزالىرى يالىڭاچ ، ئاجايىپ تاتلىق كۈلكە مەغرۇرلىقى بىلەن يىپيېڭى بىر ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلىۋاتقان قىياپەتتە ۋە بۇ قىياپەتكە ماسلاشقان، باش قىسمى، مەيدە قىسمى ۋە قوساقنىڭ يېرىلغان قىسمى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىلگەن... يېرىلغان قوساقتىن چۈشىۋاتقىنى مۈڭگۈزلىك كالىغا ئوخشايدىغان بوۋاق... ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن 18سانتىمېتىر . بەل دىيامېتىرى تەخمىنەن 8سانتىمېتىر، بېلى تەرەپ ئىنچىكە، يەلكىسى كەڭرەك بولۇپ ئايال ئىلاھ ھەيۋىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەيكەلنىڭ <<ئوغۇزنامە>>داستانى بىلەن قىسمەن ماس كېلىش ئەھۋالى << ئوغۇزنامە>>دىن پارچە: .... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق:( بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ) شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز-چىرايى كۆك ئىدى، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر-پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى... ئانا ھەيكەلنىڭ قۇرسىقىنى يېرىپ چۈشىۋاتقىنى بۇقا(كالا) قىياپىتىدىكى بوۋاق بولۇپ، << ئوغۇزنامە>>دىكى: ... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق:( بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ) بىلەن تامامەن ئوخشاش. مىنىڭچە ئانىمىزىم (ئانىلىق ئۇرۇق)ئاساسى ئورۇندا تۇرغان تۇتۇم ئىتىقادىدا كالىنى ئۇلۇقلاش، جەمىيەت ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا شەكسىز بوي سۇنۇش رايىشلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكۈن. ...بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى... ئەمما،بۇ ئىلاھى بۇۋاق تۇغۇلىشى بىلەنلا ئوغۇزنىلا ئىمىپ، قايتا ئىمىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئانىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىسيانكارلىق مەيدانىنى تۇتقان. ئۇرخۇن ئەزالىرى، << ئوغۇزنامە>>داستانىنى ئوغۇزخاننىڭ تۇغۇلىشى بىلەن ئانىلىق ئۇرۇق ھوكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا ئاتىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تىكلىنىش پەيتىگە توغرا كىلىدىغانلىقى، ھەمدە << ئوغۇزنامە>>نى ئالىپ ئەرتۇڭا(ئەفراسىياپ)بىلەن بىرلەشتۈرىشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇپ باقسا...ئالاھىدە ئىلمى قىممەتكە ئىگە خۇلاسىگە ئىرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكۈن... |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 36 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | Altay | بۇ بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەيكەلدەك قىلىدىغۇ. بۇنىڭ ئۇغۇزخان بىلەن ھىچ بىر مۇناسىۋىتى باردەك قىلمايدۇ. | 2008/7/1 23:06 | |||
2 | koktash | ئىسىت، مەن بولسام 70مىڭ كويغا كۆزنى يۇمۇپلا چەتئەللىككە سېتىۋېتىپ، ئۇ پۇلنى يېتىم- يىسىرلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتىم! ھېچ بولمىسا ياخشى ساقلايتتى ئەمەسمۇ چەتئەللىىكلەر ........ |
2008/7/1 23:18 | |||
3 | barhan | < 1 > <<ئوغۇزنامە>>دىكى باشقەھرىمان ئوغۇزخان ھەققىدە ھېلىغىچە تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان ئىككى مەسىلە بار. ئۇنىڭ بىرى، بەزى تارىخچىلار ئوغۇزخاننى تۈرۈك خەلىقلىرى تارىخىدائۆتكەن ئەڭ مەشھۇر تارىخى شەخىسلەردىن بىرى – ھون تەڭرىقۇتى، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۆزىمىكىن دېسە، بەزى تارىخچىلار، ئوغۇزخاننى چىڭگىزخانغا ئوخشىتىدۇ. بەزلەر ھىچبىر ئاساسسىزلا خىيالى قىياس بىلەن ئوغۇزخاننى ئىسكەندەرگىمۇ ئوخشىتىپ باقىدۇ. يەنە بەزى تارىخچىلار ئوغۇزخاننى تارىختا ئوتكەن مەشھۇر بىر شەخىسنىڭ ئوبرازى ئەمەس، ئۇ، ئومۇملاشتۇرۇلغان بەدىئى ئوبراز دىيىشىدۇ. مۇشۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىشتىن ئىلگىرى << ئوغۇز>>دىگەن مۇشۇ سۆز ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىشىنى لايىق تاپىمەن. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك << ئوغۇز>>سۆزى كالا ،قوي تۇققان دەسلەپكى كۈنلىرىدىكى قويۇقراق كەلگەن سۇتنى بىلدىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۇنى << ئوغۇز سۈتى>> دەپمۇ ئاتايدۇ. مانا مۇشۇ مەنانى بىرىدىغان ئوغۇزنامىدا ئاتالغان شەخس ياكى قەبىلىلەرنىڭ تارىخى يىلنامىللىرىدا، قايسى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىش خېلى موھىم بولسا كېرەك. ئەبۇلغازى باھادىرخان ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس شانلىق ئەسىرى <<شەجەرەئىي تۈركىي>> دە، ئوغۇزخان ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن تۈرك خەلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىغا " ئۇيغۇر" دىگەن نامنى بەرگەن دەپ سۆزلەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ، ئوغۇزخاننىڭ مىلادىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلىكى مەلۇم. لىكىن ئەبۇلغازى تىلغا ئالغان ئوغۇزخان ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ ئەمىلى پاكىتقا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن. چۈنكى رىۋايەت رىياللىقنى ئاساس قىلىپ توقۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا خىيالى توقۇلمىلارنىڭ بولىشى تەبىئى. مەخمۇد قەشقىرى <<دىۋان>>دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىرتارمىقى بولغان ئوغۇزلار ئۈستىدە توختالغاندا، ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ قىنىق، قايىغ، بايىندۇر، ئىۋا، سالغۇر، ئابشار، بەگ ئىلى، بۆگدۈز، بايات، قارا بۇلۇق،..دىن ئىبارەت يىگىرمە ئىككى ئۇرۇققا بۆلۇنگەنلىكىنى ئېيتىپ كىلىپ. "بۇ ناملار ئۇ قەبىلىنىڭ ئەڭ قەدىمكى بابالىرىنىڭ ئىسمىدۇر" دەيدۇ. جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى يىلنامىللىرىدىن"تارىخنامە" ۋە "تۇنجى خەن خاندانلىقى يىلنامىسى"دىكى "ھونلار ھەققدە قىسسە "باپلىرىدا "ئوغۇزلار" تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇ يىلنامىلەرگە قارىغاندا تۈرك خەلىقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوغۇزلار مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا چوڭئار دالاسىدا ياشاپ تۇرغانلىقى مەلۇم. سۇي خاندانلىقى(مىلادىنىڭ 581-618 )نىڭ يىلنامىسى بولغان "سۈيخاندانلىقى يىلنامسى"نىڭ "تۇرالارھەققىدە قىسسە" بابىدا 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرىقتە قېدىرقان تاغلىرى(ھازىرقى ھىنگان تاغلىرى)، بايقال كۆلى، سېلىنغا، ئۇرخۇن، تۇغلا دەريالىرى بويلىرىدىن تارتىپ غەرىپتە دىنپىر دەرياسى، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغىچە بولغان چەكسىز زىمىندا ياشاپ تۇرغان قىرىق ئىككى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نامى جايلاشقان ئورۇنلىرى ھەققىدە ئېنىق، ئىشەنچىلىك مەلۇمات بىرىلگەن. يۇقۇردىكى باپتا، "..........قۇمۇلنىڭ غەربىدىن تارتىپ قارا شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئاق تاغ(تەڭرى تېغى) ئەتراپلىرىدا...... ئوغۇزلار ياشايدۇ دىيىلگەن. 8 -ئەسىردە ئۇيغۇر ئۇرخۇن خاقانى- قۇتلۇق بىلگى خاقان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بايانچۇر خاتىرىسىگە قويۇلغان خاتىرە تاشتا، " مەن توققۇز ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خاقانىدۇرمەن" دىگەن سۆز بار. جۇڭگۇنىڭ تاڭ خاندانلىقى(618-907)نىڭ يىلنامىسى بولغان"يېڭى تاڭ يىلنامىسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە" ، " كونا تاڭ يىلنامىسى ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە"، " تاڭ يارلىقلىرى" دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدىكى " توققۇز ئۇيغۇر"، "توققۇز ئوغۇز" نامى بىلەن ئاتالغان قەبىلىلىرىنىڭ نامى مۇنداق: توققۇز ئۇيغۇرلار: 1- ياغلىقار 2- تۇرلام ۋىييۇر 3- ئاۋچاغ 4- بايارسىق 5- ھازار 6- خۇغۇرسۇر 7- ياغما 8- ئاياۋير توققۇز ئوغۇزلار: 1- ئۇيغۇر 2- خۇن 3- توڭرا 4- بۆكۈ 5- بايرغۇ 6- ئىسكە 7- قالپاق 8- قارلۇق 9- باسمىل يۇقۇردا كەلتۈرىلگەن ھەممە مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانداقلا بولمىسۇن ئوغۇزخان دېگەن شەخىسنىڭ مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا تارىختا ئۆتكەنلىكى، تۈرك خەلىقلىرىنىڭ ئۆز ئادىتى بويىچە( "دىۋان"دا كۆرسىتىلگىنىدەك ) قەبىلىلەرگە ئەڭ قەدىمقى بابالىرىنىڭ نامىنى قويىدىغانلىقىغا گۇمان قىلمىسىمۇ بولىدۇ. مىنىڭچە قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلىقى(بۇنىڭدىن 3500يىل بۇرۇن قۇرۇلۇپ، مىلادىنىڭ90-يىلىغىچە ھۆكۈمسۈرگەن)نىڭ تەڭرىقۇتلىرىدىن باتۇر تەڭرىقۇتنى ئوغۇزخانغا قىياس قىلىشقا بولىدۇ. بەزى تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ چىرايى ئاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئوغۇزخان دەپ ئاتىغان دىيىشىدۇ. ئەپسۇسكى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ قەدىمقى يىلنامىللىرىدا ھونلارنىڭ چىراي تۈسى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات بىرىلمىگەن. لىكىن شۇنداق بولىشىغا قارىماي<<كونا تاڭ يىلنامىسى>>نىڭ قىرغىزلار ھەققىدىكى باپلىرىدا ، يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىملىرىدا ياشىغان قىرغىزلارنى" يېزىق، تىل جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش، ئۇلارنىڭ چاچلىرى قىزىل ، كۆزلىرى كۆك، چىرايى ئاق" دەپ بايان قىلىنغان . تاڭ دەۋرىدىكى شائىرلاردىن : لى رۈي: لىياڭجۇنىڭ ئۇيغۇرلىرى قايناپ ئۇسۇل ئوينايدۇ، ئىلمەك بۇرۇن، ئىتى ئاق قاش تېشىغا ئوخشايدۇ . چىن سىن: بۇ جاھان رەققاسلىرى بىلدى ئۇسۇل ئويناشنىلا، قامىتى،خۇلقى جەھەتتە ئاڭا يەتمەس ھىچبىرى. بەي جۇيى: مەللە ساقال چۇڭقۇر كۆز ئىككى ئۇيغۇر سەھنىدە، داپ قولىدا سۆزلىرى رىۋايەتلەر قەھرىدە. كۈن پېتىشقا قاراشقانچە شىرلار قايرىپ بېشىنى، نالە-نەرە قىلغىنىدا ھەممە تۆتى يېشىنى. قاتارلىق شېئىرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەللىرىنىڭ ئوينىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنىڭ چىراي ئۆڭلىرىنى تەسۋىرلىگەن. يۇقۇردا كەلتۈرىلگەن مىسالدىن ھون بىلەن قېرىداش بولغان قىرغىز، ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنىڭ ئاقلىقى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قەدىمكى ھونلارنىڭمۇ چىرايى ئاق ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئوغۇزخان دەپ ئاتالغان ھون تەڭرىقۇتى- باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ چىراي-ئۆڭىنىڭ ئاق بولىشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ( داۋامى بار) |
2008/7/2 13:22 | |||
4 | barhan | < 2 > تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بەزى ئىشەنچىلىك تارىخى پاكىتلارنى كەلتۈرىش ئورۇنسىز بولماس. مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردە ھازىرقى شەرقى شىمال(قارا مۇدەن ھەم لىياۋخې دەريالىرىنىڭ ۋادىللىرىدا )رايۇنلىرىدا مانجۇ خەلىقلىرىنىڭ ئاتا بوۋىسى بولغان شەرقى خۇلار( دۇڭخۇلار)نىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى بارئىدى. شۇ مەزگىلدە بايقال كۆلىنىڭ غەربى ھەم سېلىنغا دەريا ۋادىسىدا شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بوۋىسى تۇرالار(دىڭلىڭ)نىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى بار ئىدى. چۇغاي تاغلىرىنىڭ(يىڭشەن تاغلىرى)شىمالى ۋە جەنۇبىدا(ھازىرقى ئوردۇس يايلىقىدا) شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قېرىندىشى بولغان-ھون قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى بار ئىدى. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە " ھون " سۆزى " كۇن" سۆزىدىن كىلىپ چىققانلىقى مەلۇم. قەدىمقى زاماندىكى شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ھونلارمۇ ئۇيغۇر- تۈرك خەلىقلىرىگە ئوخشاشلا شامان دىنىغا ئىتىقات قىلاتتى. شامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ " كۈن تەڭرىسى" گە ئىتىقات قىلىش ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان، شۇنىڭغا بىنائەن قەدىمقى ئۇيغۇر-تۈركخەلىقلىرىنىڭ بىرقىسمى بولغان ھونلار، ئۆزلىرىنى " كۈنلەر" دەپ ئاتاشقان، دىمەك "كۈن" سۆزى "ھون" سۆزىگە ئۆزگۈرۈپ كەتكەن. مانا شۇ ھونلار ناھايىتى قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلىقىنى قۇرغان. ھون تەڭرىقۇتلىقىنىڭ قۇدرەتلىك بىرھالىتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن دەۋىردە ئۆتكەن تەڭرىقۇتلىرى ( "تەڭرىقۇت" – خۇدا بەرگەن بەخىت مەنىسىدە) ئىچىدە باتۇر تەڭرىقۇت(مىلادىدىن بۇرۇنقى209-يىلىدىن 174-يىلىغىچە تەڭرىقۇت بولغان) ئوتتۇز بەش يىل تەڭرىقۇت بولغان مەزگىلدە ھونلار ناھايىتى قۇدرەتلىك بولۇپ، ئاسىيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە شىردەك ھۆكىرەپ تۇرغان ئىدى. جۇڭگۇنىڭ تارىخى يىلنامىللىرىدە ( " تارىخنامە" ۋە " تۇنجى خەن يىلنامىسى" دە) مۇدۇن دەپ ئاتالغان ( "باتۇر" سۆزى مۇدۇن دەپ يېزىلغان) باتۇر تەڭرىقۇت، تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى. تۈمەن تەڭرىقۇت دەسلەپتە باتۇرنى ئۆز ئورنىغا ۋارىس قىلغان بولسىمۇ، كېيىن كىچىك ئايالىدىن بولغان كىچىك ئوغلىنى ۋارىس قىلىش تىنىيىتىگە كەلگەن، شۇڭا قەدىمكى زامان دىپلۇماتىيىسىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، تۈمەن تەڭرىقۇت باتۇرنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 220-يىللىرى كەڭسۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ " ئۇلۇق ياۋچىلار"دەپ ئاتىلىدىغان خانلىقىغا كۆرەگە ئەۋەتكەن. باتۇر ھونلار بىلەن ياۋچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بايقاپ قېلىپ ، ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ كەڭسۇدىكى پايتەختى( ھازىرقى جاڭيى ئەتراپىدا) سەندېبىلدىن قېچىپ، سۇسىز چۆل، خەتەرلىك دالىدىن ئۆتۈپ، ساق-سالامەت ھونلار پايتەختىگە ( ھازىرقى كۆكخوتنىڭ شەرقى جەنۇبىغا ) يىتىپ كىلىدۇ. تۈمەن تەڭرىقۇت ئوغلىنىڭ ئاجايىپ زېرەك ، باتۇر، قەتئىلىكىگە ھەيران قېلىپ ، ھون ئاتلىقلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، يىتىشتۈرىشكە بۇيرىيدۇ. باتۇر ئۆزى تەربىيىلىگەن بىرقىسىم ئاتلىق قوشۇنغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئەپلىك بىر پەيىتتە( ئىھتىمال ئوۋغا چىققان پەيت بولسا كېرەك) ئاتىسىنى، ئۆگەي ئانىسىنى، ئۆگەي ئۇكىللىرىنى، ئۆزىگە ياقمايدىغان ھون بەگلىرىنى ئۆلتىرىدۇ. باتۇر مىلادىدىن بۇرۇنقى 210-يىلى ھون تەڭرىقۇتى بولىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاۋال 400مىڭ ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەيدۇ. ئۆز زامانىسىگە يارىشا ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەنگەن ۋە قۇراللانغان قوشۇنغا يۈزلەنگەن باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى شەرىققە يۈرۈش قىلىپ ، شەرقى خۇلارنى بوي سۇندىرىدۇ. ئۇندىن كېيىن دەرھال ھاشىرقى كەڭسۇدا ( " گەنسۇ" سۆزى " كەڭسۇ"سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى) ياشايدىغان ئۇلۇق ياۋچىلار ئۈستىگە باستۇرۇپ بارىدۇ ۋە ئۇلارنى بوي سۇندىرىدۇ . بۇ ۋەقەدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىمالغا يۈرىش قىلىپ، بايقال كۆلىنىڭ غەربى، سېلىنغا دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ، يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرقى ئېقىنىدا ياشايدىغان قىرغىزلارنى ۋە باشقا تۈركىي خەلىقلىرىنى بوي سۇندىرىۋالىدۇ. ئاندىن كېيىن ھازىرقى شىنجاڭنى ۋە ئۇنىڭ غەربىدكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بوي سۇندۇرىۋالىدۇ. ( داۋامى بار ) |
2008/7/2 20:41 | |||
5 | udun |
ئوغۇزخان نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك ئىدى؟ ئوغۇزنامىنى قەلەمگە ئالغان قوچۇ دەۋرىدە ئۇنىڭغا شامانىزىم تۈسى بېرىلگەن، كېيىن ئىسلام تۈسلۈك ئوغۇزنامىلەر بارلىققا كەلگەن، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇنىڭدىكى ئىپتىدائى تەبىئەت دىنلىرىغا ئائىت ئىزلار داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرغان. بۇ ھەيكەل بەلكى بۇددا دەۋرىدىكى يادىكارلىق بولغاچقا شۇنداق ياسالغان بولۇشى مۈمكىن، بىراق ھەيكەل بولسىلا بۇددىنىڭ بولۇشى ناتايىن. تەتقىقاتچىلار نېمە دەپتۇ؟ |
2008/7/3 02:02 | |||
6 | barhan | ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام udun خانىم ھەيكەل، مۇتىخەسسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتمىگەن. ئەمما چەتئەللىكلەر يەتمىش مىڭ يۈەن(خەلىق پۇلى)باھا قويغان. 18سانتىلىق كىچىككىنە بىر ھەيكەلگە بۇنچىلىك باھا قويىلىشى مىنىڭ دىققىتىمنى قوزغاپ. رەسىمنى بىر ئايچە (ۋاقتىم چىقسىلا ) ئىنچىكە گۈزەتتىم. ھەيكەلنى تېپىۋاغۇچى بىلەنمۇ كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇنىڭچە، قوساقنى يېرىپ چۈشىۋاتقان بوۋاق پۈتۈنلەي مۈڭگۈزلىك كالا سىياقىدا ئىكەن. بوۋاق تۇغۇلىۋاتقان ئورۇن ئەسلى جاي ئەمەس، بەلكى قوساق ھەقىقى يېرىلىۋاتقان قىياپەتتە... مۇتىخەسستىنمۇ يامان قەشقەرلىك ئاسارە ئەتىقە سودىگەرلىرى، سېتىۋالماقچى بولغان چەتئەللىك<< 3000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ھەيكەل>>دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغان. شۇ كۈندىن باشلاپ ھەيكەل تېپىۋالغۇچىنىڭ ئۆيىدىن ۋاستىچىلار ئۈزۈلمىگەن... مۇسادىر قىلغۇچى رەھبەر، ئازراق ھەق ۋە پىنسىيىگە چىقىرىش توختامى بىلەن 40ياشلىق ھەيكەل ئىگىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسىيىگە چىقارغان. دەسلەپتە، مەنمۇ خۇددى سىزغا ئوخشاش بۇددا ھەيكىلى دىگەن ئىدىم. ئەمما بۇددا ھەيكەللىرى ئىچىدە قىپ يالىڭاچ ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنى ئەسلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بۇ ئەسەرنى <<ئوغۇزخاننىڭ تۇغۇلىشى >>دىيىشىمدە يەنە مەلۇم ئاساسلارمۇ بار. ئاۋال تۇرغۇن ئالماسنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ. كېيىنچە ئساسلىرىمنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ئوتتۇرغا قوياي دىگەن ئىدىم. سىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغىنىمدىن ئىتايىن خۇشالمەن. |
2008/7/3 02:58 | |||
7 | barhan | < 3 > باتۇر تەڭرىقۇت يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان غەلىبىلىك يۈرۈشلەردىن كېيىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاسى خەن گاۋزۇ (لىيۇ باڭ)نى بىرنەچچە يۈزمىڭ قوشۇن بىلەن ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ داتۇڭ شەھرىنىىڭ شەرقىدىن ئون يەتتە يول يىراقلىقتىكى جايدا قورشاۋغا ئالىدۇ، قورشاۋدا قالغان خەن گاۋزۇ ۋەزىرى چىڭ فىڭنىڭ مەسلەھەتى بويىچە، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ بىكەسى(مەلىكىسى)گە مەخپى ھالدا نۇرغۇن ئالتۇننى پارا بىرىپ، بىكەنىڭ ياردىمى بىلەن مۇھاسىرىدىن ئوغۇرلۇقچە قۇتۇلۇپ قېچىپ كېتىدۇ. خەن پادىشاسى دەرھال باتۇر تەڭرىقۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ ھونلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئېغىر شەرتلەرگە ماقۇل بولۇپ بېتىمگە كېلىدۇ. بىتىمگە بىنائەن خەن خاندانلىقى ماۋ چۈن ئىسىملىك بىكەنى باتۇر تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى بەلگىلەنگەن مىقداردا ھونلارغا ئالتۇن، توۋار-دۇردۇن، ئاشلىق، ئېچىتقۇ(ھاراق ئېچىتقۇسى)قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق ياساق تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. باتۇر تەڭرىقۇت زامانىسىدا قۇدرەتلىك ھونلار دۆلەتنىڭ چىگرىسى شەرىقتە قېدىرقان تاغلىرى، شىمالدا لىنا دەرياسى بايقال كۆلىنىڭ شىمالى، يەسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنلىرى، جەنۇپتا سەددىچىن سېپىلى، غەرىپتە كاسپى دېڭىزىغىچە سوزۇلغان. ئوغۇزخان، تۇقۇلما ئوبراز دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا شۇنى ئېيتىش مۈمكىنكى، تارىخى پاكىتلارغا قارىغاندا ئوخۇزخان دىگەن شەخىس ئۆتكەن، شۇڭا ئۇ ھەرگىز توقۇلما ئوبراز ئەمەس. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى. بەزى تارىخچىلارنىڭ چىڭگىزخاننى، ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرنى ئوغۇزخانغا ئوخشىتىشى ناتوغرا. چۈنكى نۇرغۇن تۈرك قەبىلىلىرىگە ئات قويغان ئوغۇزخان ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇڭا ئوغۇزخان تەرىپىدىن " قارلۇق"، "قىپچاق"، " ئۇيغۇر"، دەپ قويۇلغان ناملارنىڭ بەزىسى مىلادىدىن بۇرۇن، بەزىسى مىلادى 7-8- ئەسىرلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەپسۇسكى چىڭگىزخان 13- ئەسىردە ئۆتكەن شەخىسقۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە << ئوغۇزنامە>>دە تۈرك خەلقىنىڭ تۇتۇم ئىتىقاتلىرى، ئۆرپە- ئادەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان. چىڭگىزخان زامانىسىدىكى مۇڭغۇللار شامان دىنىغا ئىتىقات قىلسىمۇ، ئۇلار تۈرك خەلقلىرىگە ئوخشاش بۆرىنى تۇتۇم قىلغان ئەمەس. ماكادونىيىلىك ئىسكەندەرنى ئوخۇزخانغا قىياس قىلىش، قىلچە ئىلمى ئاساسقا ئىگە بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى كۈلكىلىك بىر ئىش. (داۋامى بار) كومپىيوتىر يېڭى ئۆگەنچىسى، خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم ئىنتايىن ئاستا بولۇش سەۋەنلىكىم تۈپەيلى تورداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن... ![]() |
2008/7/3 11:28 | |||
8 | Altay | بۇ ھەيكەل گىرىك ئۇسلۇبىدىكى ياكى ھىندى مەدىنىيىتى تەسرىگە ئۇچرىغان ھەيكەلدەك قىلىپ تۇرمامدۇ. ئۇنىڭ كوشان ئىمپىرىيسىى دەۋرى ياكى ئۇنىڭدىن كىيىن ياسالغان ھەيكەل بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يوقۇرى. بۇنى ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ساھەنىڭ كەسپ ئەھلىلىرى بىر نىمە دىسۇن. | 2008/7/3 14:22 | |||
9 | Qutghur | ھە ،سۈرەت ئەمدى كۆرۈندى ، بارخان ئەپەندىنىڭ يەتكۈزگەن قىممەتلىك ئۇچۇرىغا كۆپ رەھمەت !كاتتا خەۋەركەن ،يەنە تەھلىللىرىگە تەشەككۈر! مىنىڭچە بارخان ئەپەندىنىڭ بۇ ھەيكەل بىلەن ئوغۇخان رىۋايىتىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزىشى تولىمۇ ئورۇنلۇق . مەيلى قايسى دەۋرگە تەئەللۇق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،بۇ ھەيكەل بىر مىللەتنىڭ دۇنياغا كېلىش رىۋايىتىنى جانلىق سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ .تېپىلغان ئورنىمۇ مەيلى قەدىم ياكى يېقىن بولسۇن ئوغۇزلارنىڭ مەرگەزلىك پائالىيەت ماكانى .بۇنۇختىدىن ئالغاندىمۇ بۇ ھەيكەلنى پەقەت ئوغۇزخان رىۋايىتىگىلا %100 تەققاسلىغىلى بولىدىكەن . ئەمدى ئوغۇزخان ئوبرازىغا كەلسەك ، بارخان ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك توقۇلما ئوبراز ئەمەس .<<ئوغۇزنامە>>داستانىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان نۇسخسى بىلەن ئاز-تولا پەرقلىنىدىغان ئىسلامى ۋاريانتى مەشھۇر تارىخچى راشىددىننىڭ<<جامىئۇتتاۋارىخ>>غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا ئوغۇزخاننىڭ پەرزەنت ،نەۋرىلىرىنىڭ ئىسىملىرى تەپسىلى خاتىرلەنگەن بولۇپ بۇ <<دىۋان لۇغاتىت تۈرك>>تىكى ئوغۇزلارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ھازىرقى تۈركمەن ئوغۇزلىرىدىكى قەبىلە ناملىرى بىلەن تامامەن ماس كەلگەن .دىمەك ئىككى خىل ۋارىيانتتىكى <<ئوغۇزنامە>>داستانلىرى بىر بىرىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس .بۇ داستان كەڭ ئوغۇز خەلىقلىرى زىمىنىدا خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە كەڭ تارالغان بولۇپ ،تۇرپاندىن تېپىلغىنى شەرقتىكى توققۇز ئوغۇزلار(ئۇيغۇرلار)نىڭ ئىپتىدائى ئىتقادى بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالەتتىكى نۇسخىسى ،راشىددىننىڭ ئىسلامى نۇسخىسى بولسا غەربى ئوغۇزلار ئىسلامغا مۇشەررەب بولغاندىن كېيىن قەلەمگە ئېلىنغان نۇسخىسى .ئاساسى مەزمۇنى بىردەك ئىككى خىل ۋاريانتتىكى <<ئوغۇزنامە>> نىڭ شۇنچە بىپايان زىمىندىكى توققۇز ئوغۇز ۋە ئوغۇزلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى قەبىلە ،ئەللەرگە نام قويۇپ مېڭىشلىرىدىن ئوغۇزخاننىڭ رىئال تارىخى شەخس ئىكەنلىگىنى بىلىش مۈمكىن . ئەمدىلىكتە <<ئوغۇزخان>>داستانىنىڭ توققۇز ئوغۇز ۋاريانتى بىلەن بۇ ھەيكەل بىرلەشتۇرۇلسە ،ئوغۇزخاننىڭ ئىلاھى قۇدرىتىنى تۇنۇشتا ماددى يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن باشقا ئوغۇزىان ياشىغان دەۋرنى ئېنىقلاشتىكى ئەھمىيىتىگە ئۈزە قاراشقا بولمايدۇ . |
2008/7/3 17:50 | |||
10 | sumayya | بارخان ئەپەندى . بۇ ھەيكەلنى نىمىگە ئاساسەن ئوغۇزخان رىۋايىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ پىكىر يۇرگۇزىۋاتىسىز ،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ،لىكىن سىز نىمىگە ئاساسەن بۇنى مۇتخەسسىسلەر باھالىمىغان دەيسىز؟ بۇ ھەيكەل ئالىقاچان دۆلەت دەرجىلىك مەدەنىي - يادىكارلىق . ئۇ ھەقىقەتەن 1997-يىلى ئاتۇش شەھرىنىڭ ئازاق يېزا بويامەت كەنتىدىن تېپىلغان .ئىگىزلىكى 19.5سانتىمېتىر . ئۇنداق ھەيكەل خوتەن رايۇنىدىنمۇ تېپىلغان .بىراق ئاتۇشتىن تېپىلغان بۇ ھەيكەل ھەقىقەتەن ئالاھىدىرەك . ئۇ ئەر يۇزلۇك ئايال تەنلىك كالا باشلىق قىزىل ساپال رايتۇن. | 2008/7/3 21:27 | |||
جەمئىي باھا 36 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|