يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
<ئورخۇن>نىڭ خىزمەت تىلى ھەققىدە ت...
يوللىغۇچى Sayil   كۆرۈش 3380   يوللانغان ۋاقتى 2008/6/30 03:18  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
[align=justify]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم تورداشلار!
مەن بۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى ئەزاسى.ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرى مۇنبەرنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ،نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ماقالىلارنى ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇدۇم .بۇ جەرياندا ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان بىر مەسىلە مەزكور مۇنبەرنىڭ خىزمەت تىلى مەسىلىسى بولدى.بىلىشىمچە بۇ ئۇيغۇرلار ھازارقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئاچقان،ئاساسلىقى ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچى ھەر ساھە كشىلىرىنى ئەتراپىغا يىغقان،ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز تارىخى بىلەن تونۇشتۇرۇش،ئۇيغۇر تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەد قىلغان ،ئاساسلىق زىيارەتچىلىرى ئۇيغۇر جامائىتى بولغان بىر كەسپىي مۇنبەر.شۇنداق بولغان ئىكەن مۇنبەرنىڭ خىزمەت تىلى مۇقەررەركى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلى بۇلۇشى كېرەك.بىراق،بەزى قازاق،قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىن بولغان تورداشلار ئىنكاس يازغاندا ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئىنكاس يېزىشىپتۇ،يەنە كېلىپ بەزى ئۇيغۇر تورداشلار ئۇلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا ئنكاس يازغاندا شۇلارنىڭ تىلىدا ئنكاس قايتۇرۇپتۇ.نەتىجىدە مۇنبەردە تىل قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىققان.
ئەزىز قېرىنداشلار،مېنىڭچە ھار قانداق مۇنازىرىنىڭ تەرەپلەر شەتسىز رىئايە قىلىشى زۆرۈر بولغان ئورتاق پىنسىپىپى بولىدۇ.بۇنداق بولمايدىكەن مۇنازىرىدىن ھىچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.بۇ مۇنبەرمۇ ئەلبەتتە مۇشۇ دائىرىدە.شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتى تەكلىپىم :
مۇنبەرنىڭ خىزمەت تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى دەپ بېكىتىلسە.
ئەگەر يۇقىرىقى تەكلىپ ماقۇل كۆرۈلسە،تېما يوللىغۇچىنىڭ ياكى ئىنكاس يازغۇچىنىڭ قانداق مىللەتكە تەۋە بولىشىدىن قەتىي نەزەر غايرىي خىزمەت تىلىدا يېزىلغان تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك مۇنبەرنىڭ خىزمەت تىلىغا مۇخالىپ بولغان ھەمدە ئۇيغۇر تىلىغا ھۆرمەت قىلىنمىغان دېگەن سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك.بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مۇنداق بىر ئاددىي مەنتىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:سىزدەك كەڭ قۇرساق،كۆڭۈلچەك ئۇيغۇردىن بىرسى قازاقلارنىڭ ياكى قىرغىزلارنىڭ مىللىي تىل يېزىقىدىكى تور بەتلىرىدە
سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا ئوقۇيالايمەنۇ يازالمايمەن دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئىنكاس يېزىپ بېقىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايسىزكىن؟ياكى ئېنگلىس.رۇس،نېمىس،ياپون،خەنزۇ تىللىرىدىكى تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدى ئىنكاس يېزىپ بېقىڭ ،شۇ مىللىەتلەرمۇ كەڭ قۇرساق،كۆڭۈلچەكلىك بىلەن سىزگە ئۇيغۇر تىلىدا ئىنكاس قايتۇرامدىكىن؟


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 31   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 ONGUR ئالامەت ياخشى تەكلىپ بوپتۇ مەن تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن.
[
2008/6/30 14:31
2 A.Qarluq ھەقىقەتەن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ...
يەنە بىر گەپ: خىزمەت تىلىمىز چوقۇم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا ۋە گىرامماتىكا قائىدىسى بويىچە بولسۇن، مەيلى يۈرۈگىمىزدە كونا ئۇيغۇرچىغا (چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىغا) بولغان سېغىنىشىمىز قانچە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر...
2008/6/30 15:03
3 ogdulmish قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئاساسەن چۈشەنگەندىكىن  ئۇز تىلىدا يازسا مەيلى ئەمەسمۇ؟  ئۇلارنىڭ بەزىسى يېزىشتا قىينىلىدۇ بەلكىم.  بىز چىرايلىقچە  ئۇيغۇرچە ئىنكاس قايتۇرساق ئۇلارمۇ  چۈشىنىدۇ.  2008/6/30 15:14
4 tonyuquq ئۆگدۈلمىشنىڭ پىكرى توغرا، قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا زورلاش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، پىكرىنى قانچىلىك يەتكۈزەلىسە شۇنچىلىك يەتكۈزسۇن، مۈمكىن بولسا مەن ئورخۇننى بارچە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئائىلىسىگە ئايلىنىپ كەتسە دەپ ئارزۇ قىلىمەن. بىزنىڭمۇ ئۆزبەك، تۈرك، قازاقلارنىڭ مۇنبەرلىرىگە كىرىپ شۇ تىللاردا راۋان ئىنكاس قايتۇرالىشىمىز ناتايىن. راۋان بىلسەك بۇ بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز، بىلەلمىسەك، ئۇيغۇر تىلىدا پىكىرلەشمەي ئامال يوق، ھەممىلا ئادەمگە ئۇنداق تەلەپ قويغىلى بولماس. 2008/6/30 15:57
5 tilmach بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تەكلىپ ئىكەن،
؟ۆزلۈك ئېڭى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
. مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن. قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بىزنىڭ تورىمىزدا بىزنىڭ تىلىمىزنى ئىشلىتىشىنىى بىزگە بولغان ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن. ھۆرمەت ئفساسىغا قۇرۇلغان دوستلۇق مەڭگۈلۈك بولغۇسى.
2008/6/30 18:45
6 esyan220 بىزمۇ باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھورمەت قىلىشنى ئۇگىنىۋىلىشىمىز زۆرۇر. 2008/6/30 23:14
7 arslanhan

  نەقىل:
4 - قەۋەتتىكى tonyuquq 2008-06-30 15:57 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئۆگدۈلمىشنىڭ پىكرى توغرا، قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا زورلاش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، پىكرىنى قانچىلىك يەتكۈزەلىسە شۇنچىلىك يەتكۈزسۇن، مۈمكىن بولسا مەن ئورخۇننى بارچە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئائىلىسىگە ئايلىنىپ كەتسە دەپ ئارزۇ قىلىمەن. بىزنىڭمۇ ئۆزبەك، تۈرك، قازاقلارنىڭ مۇنبەرلىرىگە كىرىپ شۇ تىللاردا راۋان ئىنكاس قايتۇرالىشىمىز ناتايىن. راۋان بىلسەك بۇ بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز، بىلەلمىسەك، ئۇيغۇر تىلىدا پىكىرلەشمەي ئامال يوق، ھەممىلا ئادەمگە ئۇنداق تەلەپ قويغىلى بولماس.

esyan220:

بىزمۇ باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھورمەت قىلىشنى ئۇگىنىۋىلىشىمىز زۆرۇر.

مەنمۇ مۇشۇ تورداشلىرىمنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن،مەنمۇ خەقنىڭكىنى ئوقۇشنى بىلگەن بىلەن يېزىشنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن.
2008/6/30 23:59
8 ertoghrul مۇشۇ تەكلىپنى سەل ئويلىشىپ يولغا قويىمىزمۇ قانداق، ئورخۇن دىگەن ئىسىمدىنلا بۇ مۇنبەرنىڭ تۈركى مىللەتلەرگە خاس بىر مۇنبەر دىگەن نامى چىقامدۇ قانداق؟ تېما يوللاشتا چوقۇم ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلساق، ئىنكاسلاردا باشقا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ئۆز تىلىدا پىكىر قىلسا، بىزمۇ چۈشەنگەندىكىن بولارمىكىن دەيمەن، لېكىن ئۇلارنى دەپ بىزنىڭمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇلارنىڭ تىلىدا ئىنكاس يېزىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقمىكىن. 2008/7/1 00:32
9 arslanhan لېكىن ئۇلارنى دەپ بىزنىڭمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇلارنىڭ تىلىدا ئىنكاس يېزىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقمىكىن.
..................................................................
جېنى بار گەپ، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە.
2008/7/1 01:11
10 erdewil قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز!
مۇنبەرنىڭ خىزمەت تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى دەپ بېكىتىىگلىك! ھەم شۇنداق بولىدۇ....ئورتاق تىرىشىمىز!!
2008/7/1 09:20
 جەمئىي باھا 31  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009