|
ماقالە مەزمۇنى |
مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىغا ئوچۇق ... |
يوللىغۇچى Qutghur كۆرۈش 3608 يوللانغان ۋاقتى 2008/6/25 21:41 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ھۆرمەتلىك ياۋۇز ئەپەندى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلار : [ بۇنى ئىككىنچى قېتىم يېزىشىم ،ئالدىنقىسى مەشغۇلات داۋامىدا يوقاپ كېتىپتۇ (شۇنداق ئۇچۈر كەلدى).] مۇنبەرنىڭ ساغلام رەۋىشتە تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق دەپ قارىغان بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق باشقۇرغۇچىلارغار تەكلىپ-پىكىر سۇنماقچى . 1-تۈنۈگۈن <قۇمۇللۇقلاقلار قايسى تۈرك؟؟؟>ناملىق يازمىنىڭ 3-بەتىگە ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان barhan ئەپەندىنىڭ بىر-نەچچە پارچە پارچە ئىنكاسى ئۆچۈرۈلۈپتۇ .بۇنىڭ ئىچىدە مۈنبىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر پارچە ئىنكاستا بارخان ئەپەندىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ <ئۇلۇغلىرمىزنىڭ پورتېرىتى نىمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشاش سىزىلىدۇ>دىگەن ئىغۋا يازمىغا بولغان كۆچلۈك ئىنكاسى توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىلگەن .بۇ ئىنكاس گەرچە سەل زەردە بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ لىكىن يازما ساھىبى بولغان koktash ۋە ئىنكاس يازغۇچى barhan ئەپەندى كەبى ئۆزىنى توختاتقان ،ئاق-قارىنى پەرق قىلالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئەنسىرىگىدەك زىدىيەت كۆرۈلمەيتتى ،ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ نامىغا داغ چۈشكىدەك مەسىلە چىقمايتتى .مۇشۇ ئەھۋاللارغا كۆرە باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىۋىمىزنى قالدۇردۇق ،لىكىن باشقۇرغۇچىلاردىن ھىچ ئىنكاس بولمىدى .مىنىڭچە بولغاندا ،مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدى ،ۋەتەننىڭ كېلەچىگى بولغان بالىلارنىڭ <ئۇلۇغلرىمىزنىڭ پورتېرتى...>غا بولغان كۆچلۈك ئىنكاسىنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن شۇ بىر پارچە ئىنكاس بولسىمۇ قالدۇرۇلسا بولاتتى ،ئەملىيەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىنكاس ئەينى ۋاقىتتا <بىلىك> كۇلۇبىدا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق <ئۇلۇغلىرمىزنى ئارامىدا قويايلى ؟> نامىدامۇ ئوتتۇرىغا چىققان ،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللى ئىنكاسى .شۇڭا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ئاڭلىتىدىغان بۇنداق ئىنكاسلارنى ئوجۇقتۇرىۋەتمەي ،ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتۇپ پىتنە-پاسات پەيدا قىلىدىغان يازمىلارنى ۋاختىدا تازىلىشىمىز لازىم . 2- <ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ پورتېرىتى نىمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشاش سىزىلىدۇ >نامىدىكى يازمىنى يوللاپ ھەممىمىزنى پاراكەندە قىلىپ مۇنبەرداشلىرىمىز ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە بۆلۈنۈش پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولغان بىر مەسلەكدىشىمىز مۇشۇ ئىشتىن كېيىنلا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىغىغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ .مىنىڭچە بولغاندا "قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ سېرىق تەنلىك ئېرقى ئالاھىدلىگىنى ئويلىشىش كېرەك" دىيىش ئارقىلىق قەدىمقى ئۇيغۇر ئەژداتلىرىنىڭ سىياقىغا نىسبەتەن كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پەرقلىق قاراشتا بولىۋاتقان ،يەنە بەزى تورداشلارنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق تەنلىك قەدىمقى ئەژداتلىرى ياۋرۇپادىن كەلگەن ..." قاراشلىرىنى قوللاش تەرەبدارى بولىۋاتقان ،ئۇنىڭ ئۇستىگەن مۇنازىرە پۇرسىتىنى ھىچ ۋاقىت قولدىن بەرمەي ئۆز قارىشىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىۋاتقانلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىشى، باشقا قاراشتىكى تورداشلارغا باشقىچە تەسىر پەيدا قىلىشى مۈمكىن .مۇنداقچە ئېيىتقانداق ،كۆز-قاراش ئىختىلاۋى سەۋەپلىك ،بىر خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ھەرقانچە قوپال ،پاكىتسىز يازمىلىرى بولسىمۇ ۋاختىدا ئۆچۈرمەيدىغان ياكى رەدىىيە -ئاگاھ بەرمەيدىغان ،باشقىچە قاراشتىكىلەر سەل قىيق كەتكە ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى يوق ئەمەس .ئادەم دىگەندە ھىسيات بار ،ياسالمىلىق قىلىپ يۇرمەي كۆڭۈلدە بارىنى دىدۇق .تەلىۋىمىز :بارلىق باشقۇرغۇچىلار لىلا مەيداندا تۇرۇپ قانداق قاراشتا بولىشىدىن قەتئى نەزەر باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان يازمىلارنى ۋاىتىدا سۇپۇرۈپ تاشلىسا ،ئەگەر قىممىتى بار دەپ قارىسا ئارىسىدىكى ناتوغرا كەيپىيات بىلەن يېزىلغان سۆز-ئىبارىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلسا دەيمەن .پېقىرمۇ مۇنبەردە "ئېرقى ئايرىمچى ،مىللەتچى"دىگەندەك چوڭ قالپاقلارغا مۇيەسسەر بولدۇم ،لىكىن ھىچ بىر باشقۇرغۇچى مۇنداق ناتوغرا كەيپىياتقا قارىتا چىش يېرىپ بىر نىمە دىمىدى .دىمەكچى ،ماڭا ئوخشاش مۇنازىرە خۇمار ،بەزى زىل مەسىلەلەردە ئۆز قارىشىدا مۇستەھكەم تۇرىۋاتقان بۇرادەرلەر ھازىرلىقچە باشقۇرغۇچىلىقا تەكلىپ قىلىنمىسا ،باشقىلاردا " پالانى مۇنداق قاراشنى تەكىتلەۋاتاتتى ،باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغىنىغا قارىغاندا ،<ئورخۇن>مۇشۇ خىل پوزىتسىيەدە ئوخشايدۇ " دىگەن ھىسسى قاراش پەيدا بولمىسا دىگەن ئۈمىتتەمەن . 3-بىر قىسىم مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ،ئالىملرىمىزنىڭ يېشى 60 قا يېقىنلىشىپ ئارىفلىق مۇقامىغا يەتكەندە چىقارغا ھۆكۈملىرىنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولىىۋاتىدۇ .مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرقىغا قاراپ قەدىمقىلەرنىڭ تۇرقىغا ئۆلچەم بىكىتىش ياكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئۆلچەم بىكىتىش بىزدە بۆلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇغۇن مۇنازىرەلەر بولۇندى .ئەگەر قېرىنداشلىرمىزدا باشقىچە قاراش بولغاندىمۇ شۇ قارىشى %100 ئىسپاتلانغىچە ،ياكى ئالىملىرىمىزنىڭ قاراشلىرى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تولۇق ئىنكار قىلىنغىچە ئۆز قارىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماسلىغى كېرەك دەپ قارايمەن .بۇنداق مەسىلەلەرگىمۇ باشقۇرغۇچىلار بىر نەرسە دەپ باقمىدى .مىنىڭچە بۇ خىل كەيپىيات ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك .ئورخۇن مىللىتىمىزگە تەئەللۇق ،بىر نەچچەيلەنگە يۈز قاراپ ئومۇمى مەنپەئەتىمىز زىيانغا ئۇچرىسا يامان بولىدۇ .شۇڭا باشقۇرغۇچىلار كەسكىن ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇپ ،يېڭى كۆز-قاراش يارىتىشنى ئەمەس ،شەكىللەنگەن قاراشلارنى ئۈگۈنىشكە ئويۇشتۇرۇشقا يېتەكلىسە دىگەن دەيمەن ،يەنە ناباپ گەپ ،سۆز ئويۇنى قىلىپ باشقىلارنى تېرىكتۈرىدىغان يازمىلار كەسىكىن بىر تەرەپ قىلىنسا . 4- مۇنبەردە بىرەر مۇناززىرە ئويۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قىسىم باشقىچە قاراشتىكىلەر ھەدەپ يازما ئېگىسىگە ياكى باشقىلارغا يوق يەردىن قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان ئەھۋالغا يولۇقساق ،بارلىق پالاكەتلەرنى يازما ئېگىسىگە تاشلاپ بەرمەي باشقۇرغۇچىلار ،مۇنبەرداشلار مۇنازىرەنى بىرلىكتە توغرا يۆنۈلۈشكە باشلىساق ،بۇ خىل مەسىلە ھازىرغۇ كۆپ چىقمىدى ،لىكىن ئەزالار ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان <ئورخۇن>دا چوقۇم يولىقىمىز . قايتا يازغىم بىرىنچى قېتىمىغا ئانچە ئوخشىماي قالغان بولىشى مۈكىن ،بەزى تەلەپلەر يۇقىرى بلۇپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن ،قالغىنى يەنە ئورتاقلىشارمىز .ئادەم ھىچ-قاچان ئۆزىدىكى مەسىلەنى باشقىلاردەك كۆرەلمەيدۇ . كۆپ گەپ بىلەن ھەر-قايسىڭىزلارنى مالال قىلىدىغان بولدۇم ،مۇنبىرىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسى بولار دىگەن ئۈمىتتەمەن . |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 56 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | ||||||
1 | Yawuz | Qutghur ئەپەندى مۇنبەردىكى ئەھۋاللارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بىزمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىمىز، بىزنىڭ جاۋابىمىز ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بولغىچە باشقا تورداشلارنىڭ مۇنبەر ھەققىدە ئويلىغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاچ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، لېكىن تېمىنىڭ نىشانى ۋە مەقسىدى ئۆزگىرىپ كەتمىسە دىگەن ئۈمۈتتە تۇرىمىز. | 2008/6/25 23:00 | ||||||
2 | romantik | مىنىڭ تىخى بۇنداق ئ.نكاس يوللاش قابىليىتىم بولمىسىمۇ لىكىن يەنىلا ، ئۆز كۆز قاراشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىقىشنى توغرا تاپتىم.مىنىڭچە مۇنبەردىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دىگۈدەك ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئەمەليەتتە <<چىقىرالماي >> ياكى چىقىرىش ئىمكانىيتى بولماي ، << ئورخۇن >> ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى <<جاراڭلىتىش >>، پېكىرلىرىنى ئەركىن ئازادە ئوتتۇرغا قويۇش مەقسىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ، مۇنبەردىكى ھەرقانداق بىرىمىزنىڭ يوللىغان تىمىسى ياكى ئىنكاسى ھەرگىز ياكى مۇتلەق باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم . ( بۇلار پەقەت مىنىڭ ئويلىغانلىرىم ، كەچۈرۈڭلار ھالىمغا باقماي سۆزلەپ قويدۇم ) |
2008/6/26 00:35 | ||||||
3 | Yawuz | [align=justify]
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خېلى كۆپ مۇنبەرلەردە ئوچۇق خەت يېزىش مودا بولۇپ، بىزنىڭ مۇنبەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالغان ئىدى، قارىغاندا Qutghur ئەپەندى كېچىكىپ بولسىمۇ مودىغا يېتىشىۋېلىشنى ئويلىغان ئوخشايدۇ ![]() ![]() 1- تۈنۈگۈن barhan ئەپەندىنىڭ < قۇمۇللۇقلار قايسى تۈرك ؟؟؟؟ > دىگەن يازمىغا يېزىلغان 3 ئىنكاسىغا قوشۇلۇپ، كۇلۇب باشلىقىمىز niyazdixan ئەپەندىنىڭ 2 ئىنكاسى مەن تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلدى، ئۆچۈرۈلۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بارخان ئەپەندىنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىدا باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان، غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرۇدىغان سۆز ئىبارىلەر ئىشلىتىلىپ، مۇنبىرىمىزنىڭ مۇنازىرە قايدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىنكاسلارنىڭ باشقا نۇقتىلىرىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنماي ئۆچۈرۈلدى، ھىساپتا barhan ئەپەندىنىڭ ئاچچىقچىلىقتا دىيىلگەن بىرنەچچە ئېغىز گېپى "بىر قازان ئاشنى بۇلغىغان بىر تال چىۋىن " دەك شۇ پۈتكۈل ئىنكاسنىڭ ئۆچۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولغان بولسا، كېيىنكى ئىككى ئىنكاسى تېمىغا پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز، ھەم مۇنبىرىمىزنىڭ ھەل قىلىش دائىرىسىدە بولمىغانلىقى ھەم تەپرىقىچىلىك ئۇرۇقلىرىنىڭ تېرىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن مۇنبىرىمىز باشلىقى niyazdixan ئەپەندىنىڭ جاۋاپ ئىنكاسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆچۈرۈلدى. بۇنىڭ خاتاسى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى مۇنبىرىمىز تارىخ مۇنبىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت ياكى شېئىرىيەت مۇنبىرى ئەمەس، ئەمدى بەزى مەسىلىلەرگە شېئىرى ئەدەبىي جاۋاپلارنىڭ بېرىلىشىنى چەتكە قاقمىساقمۇ لېكىن تېمىدا دىيىلىۋاتقان گەپ ئىلمىي قاراش، تارىخى دەلىل مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان بولسا ھېسسىياتقا تايىنىپ يېزىلغان، شەخسكە ۋە شەخسنىڭ پەزىلىتىگە قارىتىلغان ئىنكاسلار تەھرىرلىنىدۇ ياكى مۇشۇنداق ئىنكاسلار بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ ۋە ئۆچۈرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن Qutghur ئەپەندى قاتارلىق بەزى ئەزالارنىڭ بارخان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپى ئورۇنلانمىدى، بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئىنكاسلار بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ. [align=justify] [align=justify] ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ پورتېرىتى ھەققىدىكى تېمىنى قۇتغۇر ئەپەندىنىڭ نىمىگە ئاساسەن پىتنە - ئىغۋا دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى چۈشەنمەي قالدىم، ئەلۋەتتە تارىخى مەسىلىلەردە ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ خىلمۇ خىل قاراشلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال، تارىخى مەسىلىلەرمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، شۇ يازمىنى يوللىغان ۋە مۇنازىرىگە قاتناشقان تورداشلىرىمىزنىڭمۇ ئۇ پورتېرىت رەسىمىگە قارىتا ئۆز پىكرىنى قويۇش ھوقۇقى بار دەپ قارايمەن، ئەگەر ھە مۇشۇنداقكەن دەپلا تۇرساق، نوپۇزغا چوقۇنۇش بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ شۇنداق بولغان ئىكەن بىزنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقا ھەرقانداق بايانغا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىدىن باشقا ھەرقانداق سۆزگە قارىتا گۇمانى نەزەر بىلەن قاراپ بېقىش ھوقۇقىمىز بارغۇ دەيمەن. شۇنداق بولغانىكەن ھەر خىل بەس - مۇنازىرىنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى ئىش، بۇمۇ بىزنىڭ بىلىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن. ئەگەر ئۇششاق ئىختىلاپلار بولسا پاكىتلار ئاساسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلىش، چوڭ ئىختىلاپلار بولسا ئۆز پىكرىمىزدە قالساق، ئالاھىدە مىللى غۇرۇر ۋە مىللى مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ھىچكىم ھىچكىمگە ئۆز قارىشىمىزنى تېڭىش ھوقۇقىمىز يوچ دەپ قارايمەن، لېكىن مۇنازىرە جەريانىدا يەنە دىگەننى يەنە تەكرارلاپ سۆز ئويۇنى ئويناش، ئاخىرى بېرىپ بىر - بىرىمىزنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان ئىنكاسلار بىلەن بىر - بىرىمىزگە ئازار بېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنىڭ تېرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق دىگەن ئۈمىددىمەن. داۋامى بار ....
|
2008/6/26 01:10 | ||||||
4 | udun | ئورخۇن مۇنبىرىدىكى تارىخى تېمىلاردىن پايدىلىنىپ مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىنكاسلار بىردەك ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئورخۇن مۇنبىرىنى پەقەت مۇنازىرە خاراكتىرىدىكى ئىنكاس يازىدىغان ئورۇن دەپ قارايدىغانلارغا تەۋسىيەم: كۆپچىلىككە پايدىلىق، ئورخۇنغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى، تارىخى بىلىملەرنى يوللاپ قويغان بولساڭلار!!! ئىنكاسىڭلارمۇ بىزگە يېڭى ئۇچۇر بېرەلەيدىغان، ئىلمىي، ساغلام بولسا دېگەن ئۈمىدتىمىز. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئالدىراپ بىرەرىنىڭ گېپىنى چەتكە قاقماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ بىر ئۆگىنىش سورۇنى، ئۆگىنىش جەريانىدا خاتانى دەپ سالماي مۈمكىنمۇ؟ خاتانى دېمىسە توغرىسى ئاسانلىقچە چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئورخۇننىڭ مۇنبەر باشقۇرۇشتىكى بىر مىزانى. مەن مۇشۇنچىلىك دەي، قالغىنىنى باشقا باشقۇرغۇچىلار تولۇقلاپ قويار. |
2008/6/26 01:21 | ||||||
5 | atsiz | قېرىنداشلار ھېچكىمنىڭ ئورخۇندەك <ئەركىن> پىكىر سورۇنى، ئۆگىنىش مەيدانىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى كەلمەيدۇ. مۇنداق ئەۋزەل سورۇننى ھازىرلاش ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ ھەممىڭلارغا مەلۇم:تارىخ ئىلمى نازۇك،زىل، ئۆتكۈز ئەمەلىي پەنلەرنىڭ بىرى ، ئۇنىڭغا پەرداز، بوياق كەتمەيدۇ . شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن سىياسىيغا ھەممىدىن يېقىن تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ خاراكتېرى ھەرقانداق توربەت، مۇنبەرلەردىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. لېكىن شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى بۇ توربەت سىياسىيدىن مۇتلەق خالىي ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى. ھەممىمىزنىڭ دەرسخانىمىز، مۇنبىرىمىز، ئۇنى كۆز قارچۇقىمىزدەك ئاسرىشىمىز كېرەككى، بىردەملىك ھېسسىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. لېكىن بەزى قېرنداشلىرىمىز، ھازىرقى رېئاللىقىمىزنى مۇتلەق ئۇنتۇپ،تېمىدىن چەتنەپ ئورخۇننىڭ تەرەققىياتىغا مۇتلەق پايدىسىز شۇئارلارنى توۋلاۋاتىدۇ. مىڭ دوستتىن بىر ياغىنىڭ يامانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. نەچچە يۈزلىگەن غەيرى كۆزلەرنىڭ ئورخۇندا كىملەرنىڭ پاس چىقىرىپ بېرىشىگە قادىلىپ تۇرغانلىقىنى ھېچلا خىيالىغا كەلتۈرمەيۋاتىدۇ. توردىكىلەر ھەرقانچە ئۇزۇن ئارغامچىنىڭ بىر كۈن قىسقىرايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. تەڭرى ساقلىسۇن ئۇ كۈنلەردىن. شۇڭا بىز ئورخۇندىكى باشقۇرغۇچىلارغا ئورخۇننىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ، زامان، جۇغراپىيىلىك مۇھىتىمىز كۆتەرمەيدىغان پىكىرلەرگە چەك قويۇش تەكلىپىنى بەردۇق. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ پىكىرلەرنىڭ خاتا بولغانلىقىدىن ئەمەس. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللانغانلىقى مۇتلەق توغرا. بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم شەخسنى، مەلۇم ئىدىيىنى چەكلەش ئەمەس، يەنىلا مۇنازىرە كەيپىياتىنى ئىلمىي تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەشتۇر. ئورخۇننىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەرەققىيات نىشانى بار. شۇڭا ئۇلارنى چۈشىنىشىڭلارنى، قوللىشىڭلارنى ، ئۇلارنى ئارتۇقچە تار كېچىككە قىستىماسلىقىڭلارنى سورايمەن. بۇنىڭلىق بىلەن يازمىسى ئامالسىز ئۆچۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورخۇنى تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئالدىمىزدا نې-نې چىگىش تۈگۈنلەر، تېپىشماقلار، سىرلار، نې-نې يېڭىلىقلار بار بىز يېشىدىغان، دەتالاش قىلىدىغان، روھىي ئوزۇق ئالىدىغان. |
2008/6/26 02:01 | ||||||
6 | arslanhan | بەزىلەر باشقۇرغۇچى بولۇپ قالسا قالغاندۇ، ئىنكاسلىرىمىز ئۆچۈرۈلسىمۇ ئۆچۈرۈلگەندۇ، ئادەم دېگەنغۇ شۇنداق نەرسە، قىلغان ئىشىنىڭ بىرىنىمۇ خاتا دېگۈسى كەلمەيدۇ. باشقىلار خاتا دېسە تېخىمۇ چىدىمايدۇ، مەنمۇ شۇنداق مىجەزلەردىن خالى ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ دەپ قوياي: كۇلۇپ باشلىقلىرى يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدۇ، شۇنداق ئويلايدىكەنمىز، ھەقىقەت ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ قولىدا ئايدىڭلىشىدۇ. خەقنى نارازى قىلىۋاتقان بەزى باشقۇرغۇچىلار مۇقىم ئىشتاتلىقمۇ ياكى سىناقتىمۇ؟ |
2008/6/26 02:42 | ||||||
7 | Kulbilge | بىر مىىلەت بولغان ئىكەن، تۇرلۇك ئوخشىمايدىغان قاراشلارنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال. بۇنداق ئەھۋال ھەرقانداق خەلقتە مەۋجۇد. ئوخشىمىغان قاراش بولسىلا، ئۇنى پىتنە ئىغۋا دىگىلى بولماس. (ئەمىلىيەتتە مۇشۇنداق قارىغان ئادەمنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار). تارىخ نۇرغۇن سىرلار بىلەن تولغان، ئۇنى پەقەت ئىزدىنىش ۋە بەزىدە مۇنازىرە(ئىلمى ساپاسى بارلار ئوتتورسىدا) ئارقىلىقلا ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. پىتنە-پاسات ۋە ئىلمى قاراشلارنى پەرقلەندۇرەلمىگەن ئادەمنىڭ، ھە دىسىلا جىدەل-ماجرا تىرىيدىغان ھىسسىياتچان ئادەملەرنىڭ بولغىنىدىن، ئاز تولا ئىلمى ساپاسى ۋە بىرلىك قارىشى بولغان ئادەملەرنىڭ بولغىنى مىڭ ئەۋزەل، يىڭى قاراشلارنى ئوتتورغا قويۇشقىمۇ ئەقىل-ئىدرەك كىرەك. مەن"مەھمۇد قەشقرىنىڭ پوترىتى..." دىگەن تىمىنى ھەرگىز ئەخلەت تىما دەپ قارىمەيمەن. بەلكى ئۆزىدىن ئۆزى نۇمۇس قىلىۋاتقان، شەرقتىن پەرقلىنىمىز دەپ ئۇيغۇرلارنى زىيادە غەرپكە سۆرەۋاتقان ئادەملەر ۋە بىر قىسىم ئاق قارىنى پەرقلەندۇرەلمەيۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ ھەقىقى رىياللىققا قايتىپ كىلىشىگە پايدىلىق ياخشى ماقالە دەپ قارايمەن. ئىدىيە مۇستەبىتلىكىنى بۇ يەرگىمۇ سۆرەپ كىرمەيلى. قورۇق ھىىسياتنى تارىخقا ئارلاشتۇرۋالمايلى. مەن ئۇرخۇن تورىنىڭ توغرا قارار چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. | 2008/6/26 09:28 | ||||||
8 | Qutghur | ھىم ،ھەممىڭلارغا رەھمەت !كۆڭلۈڭلاردىكى بىلىش ئويۇم بار ئىدى ،بەزى مەسىللەرگە نىسبەتەن قالغان تورداشلارنىڭمۇ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقايلۇق .Yawuz ئەپەندىنىڭ "ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ پورتېرتى توغرىسىدىكى تېما "مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىتا بىر مەسىلىنى ئىزاھلاشنى لايىق كۆردۈم ، مەن بۇ يازمىغا ئىغۋا دەپ ھۆۈم قىلىشتا مۇنداق بىر-قانچە باسقۇچ ۋە ئاساسقا تاياندىم ، 1- "ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ پورتېرىتى نىمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشاش سىزىلىدۇ؟" دىگەن جۇملىنىڭ ئۆزىلا بىر ئىغۋا .بىزنىڭ ئەژداتلىرىمىز يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىدە ياشاپ كەلگەن ،زور ئېرقى قوشۇلۇش ئارقىلىق ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللەنگەن .بۇنى كۆپ تەكىتلەش ھاجەت ئەمەس .شۇنداق بولغاچقا بىز ئۇيغۇرلاردا ھەرخىل سىياقتىكى ئادەملەر كەم ئەمەس ،7قىتئەنىڭ ئاساسى ئاھالىلىرىگە ئوخشايدىغان ئادەملەرنى قىينالمايلا تاپقىلى بولىدۇ .شۇڭا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ(غازى ئەھمەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) قەلبىدىكى ئۇيغۇر باشقا مىللەتلەرگە ئوىشىتىلماسلىغى كېرەك .ئۇيغۇرلارنى پەقەت ئويغۇرغا ئوخشايدۇ دىسەك توغرا بولىدۇ .بىزدە مۇشۇ پورتېرت سىياقىدىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن بار .شۇڭا بۇنى بىر ئىغۋا يازما دەپ قارىدىم . 2-ئۇلۇغىمىزنىڭ شاپاق دوپپا كېيىپ ئولتۇرغان پورتېرتى 20نەچچە يىلىنىڭ ئالدىدا سىزىلغان ،شۇ چاغدىمۇ قارا ساقاللىق قىلىپ سىزىلغان .قارىشىمچە بۇ ئىككى خىل ھالەتتىكى پورتېرتتا بىردەكلىك بار .شۇڭا رەسسام ئالىمنىڭ قىران ۋاقتىنى سىزىش بىلەن بىرگە ئوبرازنىڭ ئىزچىللىغىنى ساقلىغان ،ئاڭلىشىمچە ئالىمنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇرقى ئاساس قىلىنغان .شۇڭا ئىغۋا دىدۇق . 3- بۇ يازما يوللانغان ۋاقىتتا نۇرغۇن يامان تەسىر پەيدا قىلدى ،بۇ مۇنبەردىكى قارشى سادالارنى نەزەرگە ئالمىغاندىمۇ ،بىلىكتە مەخسۇس يازما ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ نارازىلىغى ئىپادىلەندى ،ئۈلۈشكۈن بارخان ئەپەندىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ "بىز نىمىشكە ساقاللىق بولۇپ قالغاندىمىز؟'' دىگەندەك كۈچلۈك ساداسىنى ئاڭلىدۇق .مۇشۇلارغا ئاساسەن ئىغۋا دىدۇق . 4-گەرچە پورتېرتتىكى بىر قىسىم ئۆزگىچىلىك كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ ئاز-تولا باشقىچە پىكىرىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ،لىكىن پورتېرت سىزىلىپ ئالىم تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىدە پۇتكۈل جاھانغا ئېلان قىلىندى .بىزنىڭ قەلبىمىزگەئالىمىمىز شۇ پورتېرتتىكى ئادەم دەپ ئورناپ بولدى .ئەمدى كېلىپ بىز بۇ پورتېرتتىن قۇسۇر ئىزدەپ "ئالىمىز بۇ رەسىمدىكىگە ئوخشىمايتى" دىسەك ئالىمنىڭ پورتېرتىنى سىزىشقا تەييار تۇرغان قېرىنداش مىللەتلەرگە ئالەمچە پۇرسەت بولۇپ بەرمەسمۇ ؟مۇنبىرىمىز ۋە بىر قىسىم مۇنبەرداشلارغا ئەگەشكەن قېرىنداشلىرىمىز ئالىمنىڭ باشقا سىياقتا دۇنياغا كېلىشى ئۇچۈن جامائەت پىكىرى توپلاپ مىللەتنىڭ زىيىنىغا ھۇررا توۋلىغان بولۇپ قالماسمۇ ؟ بۇ مەسىلىدە ،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەخسى ھىسياتى ئۈچۈن ئەمەس ،مىللەتنىڭ ئومۇمى مەنپەتى ئۈچۈن سۆزلىشىنى ،چىكىسىنى بىر ئۇۋىلىۋېتىپ ،قاپىغىنى بىر تۈرىۋىتىپ ،ئۆز ۋىژدانىغا مۇخالىپ كەلمىگىدەك ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بىر قىسىم پاساتچىلار ئېيىقاندەك مەن بىرەر يۇرت ئادەملىرى ئۈچۈن ياكى بىرەر شەخس ئۈچۈن خىزمەت قىلمايۋاتىمەن .مىنىڭ ئۆزۈمگە يېتەرلىك ئىشىم بار .ئىشقىلىپ 30-40 يىللاردىن كېيىنمۇ "مەن پالانى ۋاقىتتا ،پالانى مەسىلىگە توغرا مەيداندا تۇرۇپ ھۆكۈم قىلغانىكەنمەن" دىيەلىگەدەك سۆزلەۋېرىڭلار !تور دىگەن ئەركىنلىك ئالىمى ،قورۇنماي پىكىرىڭلارنى ئىپادىلەڭلار ، قوشۇمچە : بىر ئىشنى ئەسلىتىپ ئۆتەي ، 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا <<جوڭگو بۈيۈك ئىنسىكپلودىيە>>سىنى تۈزۈش جەريانىدا دۆلەتلىك ئىژتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىژتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مىللەت تەۋەلىگىنى ئېنىقلاپ ماتىرياللىرى بىلەن يوللاشنى ئورۇنلارشتۇرۇپتۇ .بۇ ۋەزىپە ئاخىرى كېلىپ ئۆز مىللىتىنى ئۇيغۇر دەپ ئەنگە ئالدۇرغان <<بۇلاق؟>> نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مۇھەررىرى مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ .بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە داڭلىق مۇتەخەسس بىزنىڭ ھۆرمەتلىك تىلشۇناش ،تەتقىقاتچىمىز ئىمىن تۈرسۇن ئەپەندىنىڭ ماتىريال كەمچىل ،دەلىل ئىسپات يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىقارغان "ئەلىشىر نەۋائى بارلاسلار جەمەتىدىن بولىشى مۈكىن "دىگەن سۆزىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ،يۇقىرىغا"ئەلىشىر نەۋايى ئۇلۇغ ئۆزبىك ئالىمى" دىگەن يەكۈن چىقىرىلغان ماتىريال يوللىغان .شۇنىڭ بىلەن جوڭگو ئىژتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىكى مۇتەخەسىسىلەر ئىلاجىسىز "ئۇيغۇر"لارنىڭ ھۆكۈمىگە ھۆرمەت قىلىپ <<جوڭگو بۈيۈك ئىنسىكلپودىيەسى>>گە "ئەلىشىر نەۋايى بۈيۈك ئۆزبىك ئالىمى ،ئەدىپى..."دەپ كىرگۈزگەن ھەم پۇتۇندۇنياغا تارقىتىلغان .دۇنيانىڭ ھەممە داڭلىق كۈتۈپخانىلىرىدا مۇشۇ ئىنسىكلىدوپىيە(مۇشۇ سۆزنى ئۈگىنەلمىدىم ،كەچۈرۈڭلار!) ساقلاغلىق .بۇ ئىشتىن كېيىن ھۆرمەتلىك ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى كۆپ ئۆكۈنۈپتىكەن .كيىن نۇرغۇن ئەسەر يېزىپ ئۇيغۇر نەۋايىشۇناسلىغى ئۈچۈن ئۆچمەس كۈچ چىقاردى .لىكىن ئۆتكەن سەۋەنلىكنى تۈزىتىش تەسكە چۈشتى .بۇ ئەھۋاللار غەيرەتجان ئوسماننىڭ<ئەلىشىر نەۋائى ھەققىدە تەلقىنلىق سۆھبەت>دىگەن ماقالىسىغا كىرگۈزۈلگەن .ئىلاجى بار ئەينە ئەسلەپ يازدىم . دىمەك ؛ئەژداتلار مەسىلىسىدە ئالدى-ئارقىغا قاراپ دىلىغۇل بولۇش ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمىگەن .بۇرادەر تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالا دەپ يېزىپ قويدۇق .ئازراق نىسىۋە تەگسە ئەجەپ ئەمەس ، |
2008/6/26 13:35 | ||||||
9 | atsiz | ئەڭ ئالدى بىلەن غازى ئەمەتنىڭ ئەينى دەۋردىكى تارىخنى، مىللەتلەرنىڭ ئېرقىي ئالاھىدىلىكى، قىياپەت-تۇرقلىرىىنى تەتقىق قىلماي، ئۆگەنمەي تۇرۇپ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ پورترېتىنى سىزىش ھوقۇقى يوق. سالاھىيىتىمۇ يوق. ئويدە ئولتۇرۇپ تەسسەۋۋۇرغا تايىنىپلا مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئادەملەرنىڭ پورترېتىنى ياراتقىلى بولسا ئىنسانشۇناسلار ئاستا سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالسا بولىدۇ. نەدىكى ئات يۇز، سەللىلىك بىر ئادەمنى سىزىپ مانا بۇ <مەھمۇت قەشقەرى>دەپ تاشلاپ بەرسە شۇنىڭغا ھە دەپ ئولتۇرىدىغان ئاڭسىز ئۇيغۇرلار كەلمەسكە كەتتى. شۇڭا مەن بۇ تېمىنى ھەرگىز ئىغۋا تېما دەپ قارىمايمەن. ئۇلۇغ ئالىم ئىبن سىنانىڭ پورترېتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئالىملار ئۇنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندىن سىرت تېبابەت نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئادەملىكىنىمۇ تەھلىل قىلغان. بىزدە نوپۇزنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنۇش ئەقلىي تەپەككۇرنى بوغۇپ ماڭقۇرتلۇق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. |
2008/6/26 13:57 | ||||||
10 | Altay | قۇتغۇر ئەپەندى، بۇ يەردە ساقال مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى چىراي مەسىلىسى بولىۋاتىدۇ. سىز خىيالىڭىزدا مەندىلا ساقال بار دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ، ساقال دىگەن ھەممە ئۇيغۇردا بار. ھەتتا خەنزو،مۇڭغۇلدىمۇ بار. ئۇيغۇرلاردا تۇرلۇك ئىرقتىكى خەلقلەر بار دەپلا قومۇللۇق بولسا خەنزوغا ياكى مۇڭغۇلغا ، ئەمىلىيەتتە قومۇللۇقلارمۇ ئۇيغۇر چىراي. قەشقەردە تۇغۇلۇپ قالغان بولسا چوقۇم ئەرەپ چىراي، غولجىدا تۇغۇلۇپ قالسا روس چىراي سىزىش كىرەكمۇ، غۇلجىدا سىرىق چاچلىق ئادەملەر خىلى كۆپقۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە مىنىڭچە چاچ رەڭگى ياكى ساقال ئەمەس بەلكى ئومومى چىراي كۆرۇنىشى. بۇ رەسىمنى كىسىپ ئىيتىمەنكى ھەرقانداق بىر چەتئەللىك كۆرسە، ئۇيغۇر ئەمەس ئەرەپكەن دەيدۇ. مۇشۇنداق ئاقىۋەت كىلىيپ چىقسا سىز خوش بۇلامسىز ، ياكى سىزنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتىڭىز مۇشۇمۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزگە خاس چىرايىمىز يوقمۇ. ياق بىزدە ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان چىراي بار. بۇ قەشقەر،خوتەندىن تۇرپان-قۇمۇل، غۇلجا-ئالتايغىچە ئوخشاش. سىز يۇرتىڭىزدىكى ئاشۇ رەسىمگە ئوخشايدىغان ئادەمدىن بىرەرنى تىپىپ باقمامسىز قىنى، بولسا ئۇنى رەسمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بىقىڭە، بىر كۆرۇپ باقىلىي. سىز دىگەن ھىلىقى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەۋلادىلىرىمۇ ھەرگىزمۇ بۇ رەسىمگە ئوخشىمايدىكەن. رەسىمدە ھەقكەتەن ئەرەپ چىراي بەك كۇچلۇك بولۇپ كەتكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئەرەپ چىراي ئادەملەرمۇ بۇنچىىلىك دەرىجىدە ئەمەس. غازى ئەمەت چىرايلىق سىزدىم دەپ سەل چەكتىن ئاشۇرۋەتكىنىنى ئىتىراپ قىلىشى كىرەك. ئۇ رەسىمەدە ھىچقانداق ئۇيغۇر پۇراق يوق. تىپىك بىر ئەرەپنىڭ رەسىمى. ئاتۇش، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلىرى ئاز تولا ئەرەپلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ دىسە، ئۇنچىلىك چەكتىنمۇ ئاشۇرۋەتمەڭلار، سىلەر يەنىلا ئۇيغۇر چىراي. غازى ئەمەت بولسا تىخى سەل مۇڭغۇل چىراي ئادەم. بۇنداق چىرايدىكى ئادەملەر قەشقەردە جىققۇ. | 2008/6/26 14:11 | ||||||
جەمئىي باھا 56 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|