يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
قومۇللۇقلار قايسى تۈرك؟؟؟
يوللىغۇچى koktash   كۆرۈش 7732   يوللانغان ۋاقتى 2008/6/20 01:41  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
                     قومۇللۇقلار قايسى تۈرك؟؟؟

قايسى بىر كۈنى، تۈركىيەلىكلەر بار كىيۇكىيۇ توپىغا كىرىپ قالدىم. گەپتىن گەپ چىقىپ، دۇنيادەكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قايسى تۈرككە تەۋەلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق. مەن تۈركىيەلىكلەرنى "سالجۇق تۈرك" دېدىم، ئۇلار ئۆزلىرىنى "ئوغۇز تۈرك" دېدى. مەن: "ئەزەربەيجانلار ئوغۇز تۈرك، تۈركىيەگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بارغانلار سالجۇقلار، شۇڭا سىلەر سالجۇق تۈرك" ...... دېگەندەك پاراڭلار بولۇندى .....

"سىز قارلۇق تۈرك" دېدى بىر تۈركىيەلىك.
بۇنداق تۇيۇقسىز بېرىلگەن نامدىن چوچۇپ، گڭگىراپ قالدىم. راست گەپنى قىلسام،  مەن بۇرۇن تارىخى دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆپ كۆرسەممۇ، لېكىن ئۆزەمنىڭ قايسى تۈرككە تەۋە ئىكەنلىكىم توغرىسىدا تۈزۈك ئويلىشىپ باقماپتىكەنمەن. شۇ زامات،  قەدىمكى تارىخى ۋەقەلىكلەر، جۇغراپىيەلىك خەرىتە دېگەندەك نەرسىلەرنى كاللامدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈپ، دەرھاللا "ياق، مەن قارلۇق تۈرك ئەمەس، قەشقەرلىكلەر قارلۇق تۈرك" دېدىم.
بۇ جاۋابىمدىن، سۇئال سورىغان تۈرك ۋە بىر قانچە تورداشلار گڭگىراپ قالدى. مەن دەرھال ئۆزۈمنىڭ قومۇللۇق ئىكەنلىكىمنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

ئەمەلىيەتتىمۇ مەندە قارلۇقنىڭ قېنى يوق ئىدى. ئاپام ۋە ئاتامنىڭ ئاستى يەرلىك قومۇل ۋە تۈرپانلىقلار ئىدى.بوۋا- مومالىرىممۇ (بىز چوڭ دادا، چوڭ ئانا دىمەيمىز، بۇ ئىبارىلەر ئاتا- ئانىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا قارىتىلىدۇ) ئاشۇ يەرلىك ئىدى.
قەدىمكى قارلۇقلار ياشىغان مەزگىلدە، يۇرتۇمىز "ئىدىقۇت خانلىقى" غا قارايتتى، ئېنىقكى ئىدىقۇت تەۋەسىدە، قارلۇقلار توپلىشىپ ياشىغان ئەمەس. پەقەت "ئورخۇن خانلىقى" يىمىرىلەگەندە، غەربكە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلەلىرى توپلىشىپ ياشىغان خانلىق ئىدى. يەنى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئاھالىسى "ئۇيغۇرلار" ئىدى. ئەينى ۋاقتىدىكى جۇغراپىيەلىك ئەھۋالدىن قارىغاندىمۇ، قارلۇقلار قەشقەر، فەرغانە ۋە يەتتە سۇنى مەركەز قىلغان "قارخانىلار خانلىقى" تەۋەسىدە ياشىغان ئىدى، قارلۇقلار بۇ خانلىقنىڭ ئاساسلىق پۇقرالىرى ئىدى . بۇ ھەقتە "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" تەمۇ ئېنىق مەلۇمان بار.

"ئەمىسە سىز قايسى تۈرك" دەپ سورىدى، ھېلىقى تۈركىيەلىك.
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي "ئىدقۇت تۈرك" دەپ قويدۇم......

"ھەرجەپ قولاشمىغانلا گەپ بولدى بۇ" دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئۆزەمچە خىيالىم يەنە قەدىمكى تارىخ ۋە جۇغراپىيەلىك ئىدى .....

ئويلاپ قالدىم "پوقرالىرىنىڭ كۆپۈنچەسى قارلۇق بولغان قاراخانىلار زېمىنىدىكى تۈركلەر "قارلۇق تۈرك" بولىدىكەن، ئەمىسە پۇقرالىرى ئۇيغۇر بولغان ئىدىقۇت تەۋەسىدە ياشىغان تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىكەنمەن، نېمە ئۈچۈن "ئۇيغۇر تۈرك" بولمىغۇدەكمەن؟"
كېيىن "ئىدىقۇت تۈرك" نى ئۆزگەرتىپ "ئۇيغۇر تۈرك"دەپ قويىدىغانغا ۋاقىت پۇرسەت چىقماي قالدى، ئۇ پاراڭ ئاشۇ ۋاقىتتىلا تۈگىگەن بولدى .... كېيىن يەنە بۇ تېما ھەققىدە داۋاملىق ئويلىنىپ قالدىم .... ئاىىرى بولماي، ئورخۇنغا تېما قىلىپ يېزىپ قالدىم.

مەن پەقەت تارىخنى ئوبداراق بىلىدىغان تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنى ئېلىپ باقاي دەپ ئويلىدىم.


تارىختىن ياخشى خەۋىرى بار تورداشلار دەپ باقسا، مېنىڭ مۇشۇ ئويلىغىنىم توغرا بولدىمۇ؟ بىز قومۇل- تۇرپاننىڭ تۈركلەرى زادى قايسى تۈرككە تەۋە بولۇشىمىز كېرەك ياكى قانداقراق بىر سۆزنى "تۈرك" نىڭ ئالدىغا قويسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟؟

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 86   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Ghalip سالجۇقلار دەل شۇ ئوغۇزلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى ئەمەسمۇ؟!!؟!؟!!مەندە قارلۇقلارنىڭ قېنى يوق دېگىنىڭىز بىر قاملاشمىغانلا گەپ،<<مەن قۇمۇل،تۇرپانلىق،شۇڭا مەندە قەشقەر قارلۇقلىرىنىڭ قېنى يوق>>.سىزنىڭ كاللىڭىزنىڭ ئازراق چاتىقى بار ئوخشايدۇ،ئۇنداق قىلماي ماۋۇ ئورخۇندىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن بۇنداق گەپلەرنى قىلمايدىغان تېما يېزىڭ!
شۇ قەشقەر،خوتەندە ساقلىنىپ- قالالمىغان قارلۇق نامى ئەشۇ سىزنىڭ ئىدىقۇتىڭىزدا(قۇمۇلدا) ساقلىنىپ ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ(قالۇق دەپ).
ئۇيغۇر دېگەننىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى(بۇرۇن ھەتتا ھازىرمۇ)بىلىپ كېلىڭ ئاغىنە.ئۇيغۇر دېگەن قانچە قەبىلىدىن(ئۇرۇقتىن)تۈزۈلگەن بىر توپ ئىكەنلىكىنى بىلىڭ(مۇشۇ ئورخۇندا بار)
تۈركىيەلىكنى كۆپ قىسمى ئوغۇز تۈركلىرى دەپ ئاتالسىمۇ ،ئۇلارنىڭ قېنىدا ناھايىتى زور سالماقنى ئىگەللەيدىغان ئۇيغۇر(قارلۇق،ياغما،تۈركەش،چىگىل،....)لارنىڭ قېنى بار،پەقەت ئۇلارنىڭ تىلىدا ئوغۇز بەلگىلىرى كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئوغۇز تۈركى دەپ ئاتايدۇ.بىزنى قارلۇق تۈركى دەپ ئاتىشمۇ شۇسەۋەب،(بىر پۈتۈن ئۇيغۇرنى جۇمۇ،سىزنى،ياكى قەشقەرلىكنىلا ئەمەس)،بىزدە تېخى خۇداغا شۈكرى قازاق ،قىرغىزلاردەك مەن قارلۇق، سەن ئۇيغۇر(توۋا بۇنداق ئايرىشنى تۇنجى كۆرۈشۈم)مەن نايمان،سەن كېرەي دەيدىغان يوقاپ سەن قەشقەرلىك مەن قۇمۇلۇق دەپ باشقىلارغا كۆز -كۆز قىلىدىغان ئادەت شەكىللەندى،شۇنىڭغا كۆڭۈلنى خوش قىلىپ ئولتۇرارمىز.
2008/6/20 10:26
2 Uyghurbeg مەن ئۆزۈمنى ياغما تۈرك دەيمىكىن دەيمەن؟ مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك توقسۇ ناھىيىسىدە. تارىخ توغرۇلۇق بىلىمىم جېق ئەمەس. ياغمىلارغا قىزىقىپ قالدىم دىسە! 2008/6/20 10:36
3 nesimbey مېنىڭ 3- بابامنىڭ جەنۇپ تاماندىن كەلمىشى جەزىم، ئەمما قايسى ۋىلايەتتىن كەلمىشى مەۋھۇم. شۇ بابامنىڭ رەپىقىسىنىڭ 5- باباسى ئۈچتۇرپاندىن كەلگەنمىش.  "جىگدە يېغىلىقى" ئىلە مۇناسىۋەتلىكمىش. زامانىدا لۈكچۈن تەرەپلەردە ئادەم يوق دىيەرلىك ئاز بولۇپ، ئۈچ تۇرپان تاماندىن خۇرجا پالاپ مورىغا كەلتۈرگەنمىش، بۇ يەردە بابالىرىمىز بۇغداينى قاينىتىپ تېرىپ، ھېچ نەرسە چىقمايدىغان يامان يەركەن بۇ دەپ مانجۇلارغا بوي بەرمەپتۇمىش، شۇنىڭ بىلەن لۈكچۈنگە كەلتۈرۈلۈپتۇمىش،،،  بىز تەرپلەردە كۆپىنچە كارىزلادا ياشاۋاتقان خەلق بىر يىلتىزدىن بۇلۇپ چىقىدۇ. بىزنىڭمۇ كارىزدا 7-8 ئائىلىلىك مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدە كەپ قاغانلاردىن باشقا ھەممىسى بىر جەمەت، ئەمما بىزمۇ ''تۇققۇز ئۇغۇللار"، "پۈرۈكلەر''دېگەندەكلەرگە بۆلۈنىمىز.......  بىز ئاق سېرىق، ياكى سېرىق، قوڭۇر بۇدرە چاچ، قارا كۆز، بوز كۆز، كۆك كۆز،بەسىتلىك قەۋىملەر، باشقلار دېگەندەك، تىپىك تۇرپان قۇمۇل ئادەملىرىدىن ئەمەس...  بەزىلەر تۇرپان قۇمۇللۇقلارنى خىتاي چىراي دەپ قارايدىكەن ......... 2008/6/20 11:00
4 TarimDadxah ئاقسۇدىكىلەر  قارلۇقلار بولسا كېرەك ، ئەمما كۇچا ، توقسۇ ، شەھرىيار ، بايدىكىلەرنىڭ ئاساسى توخار ، ياغلاقارلاشقان بولۇشىمۇ مۇمكىن . بۇ ھەقتە ئابلىز مۇھەممەد  سايرامىدىن  كۆپرەك  ئاڭلايتتىم . 2008/6/20 11:41
5 hazebay تۇركى تىللار دىۋانى>>دا: ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى،ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار،ئۇلار،سولمى،ئىدىقۇت،جانبالىق،بېشبالىق،ياڭىبالىق دەپ كۆرسىتىلگەن.                                بۇبەش شەھەردىن سولمى__ ھازىرقى قاراشەھەردە؛  ئىدىقۇت__ ھازىرقى تۇرپان ئاستانىدا؛        جانبالىق__ ھازىرقى سانجىدا؛  بېشبالىق__ ھازىرقى جىمىساردا؛  ياڭىبالىق__ تېخى ئېنىقلانمىغان .
بۇنىڭدا م، قەشقەري پەقەت ۇرىمجى، سانجى، تۇرپان اتىرابىندىكى خەلىقلەرنى ۇيغۇر دەپ كورسەتكەن.
2008/6/20 12:16
6 koktash غالىپ ئۇكا،
تارىخ دېگەنگە مىللىي ئاڭنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىمەيدىغان. سىزدەك كاللىسى يوقلارنىڭ دەستىدىن تارىخلار قالايمىقان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. داڭلىق شەخىسلەرنى ئامال بار ئۆزىنىڭ مىللىتى تەرەپكە تاررتىدىغان، تارىخى شەخىس ۋە ئاتالغۇلارنى ئۆز مىللىي خاھىشىغا تايىنىپلا ئۆزگەرتىدىغان ئىشلار دەل مىللىيەتنىڭ دەستىدىن بولىۋاتىدۇ.  مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە "مەخمۇت قەشقىرى" دەپ كۆرگەن ۋە شۇنداق ئۆگەنگەن، ئەمدى بىلسەم توغرا تەللەپۇزى ۋە يېزىلىشى "مەھمۇد كاشغەرى" ئىكەن. بۇرۇن "تۈركىي تىللار دىۋانى" ئىدى، ئەمدى ئەسلىسىنى بىلسەم "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" ئىكەن. بۇلار نېمىشقا ئادەم ۋە كىتاپ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغاندۇ؟ يەنە قانداق نەرسىلەر نى ئۆزگەرتىۋەتتى .... بۇنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
شۇڭا تارىخنىڭ ئەمەلىيتىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز. سىز دېگەن مەزمۇنلارنى مەن ئوقۇپ بولغان.  قاراپ باقسام، سىزدە تارىخى بىلىم ئەمەس، پەقەت "ياۋا مىللىي ئاڭ" باركەن. بىلىشىڭىز كېرەك، مىللىي ئاڭنىڭ كېلىش مەنبەيى سىتالىندۇر.
تارىخچى دېگەن  "خەقتە ئەمەس، ھەقتە تۇرۇشى" كېرەك.

ھارەباينىڭ دېگىنى بىر قەدەر ئەمەلىيەتكە ياتىدۇ.
2008/6/20 13:28
7 ark-al بۇ ئۇرخۇندا ئاجايىپ قىززىق ئىش ، ئاجايىپ ئادەملەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بىرسى ئۇيغۇر لارنىڭ پوتىرتىنى ياراتسا قوپۇپلا  پارىسلارغا ئوخشاپقاپتۇ دىگەن، يەنەبىر سى سەن قايسى تۇرۇك دىسە مەن ئاتا تۇرۇك ئۇيغۇر دىيەلمەي  قايسى يۇرىتتا تۇغۇلغان بولسا  شۇيەرلىك تۇرۇك دەۋاتقان ، ھەي بۇرادەرلەر  نىمە قىلىسىلەر تىرىقتەك چىچىلىپ كەتكەن  مىللىتىمىز نى يە نە چېچېپ ، ياتارىخى بىلىمىڭلار بەك موللىشىپ كىتىپ تەر كىۋىڭلانى ئۆزگەرتەي دەۋاتامسىلەر، ھازىر  بەزى دۆلەت ئالىملىرى دۇنيادىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقى تىگىنى ئۇيغۇر لارغا باغلاپ  تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ ، بىز بۇيەردى يىغىلىۋىلىپ ئۆزىمىزنى  بۆلىۋاتىمىز . بۇبىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.............. 2008/6/20 13:37
8 Yawuz ئۇيغۇرلاردا نىمىشقا قەبىلە يوق
/bbs/read.php?tid=275
2008/6/20 13:52
9 Erkin [font=ukij diwan[font=Ukij ruqm">i]i]

ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلئش تەدبىرلىرى

[align=justify]ياڭ زېڭشىن 1912 - ييلىدىن 1928 - يىلىغىچە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان فېئودال مىلىتارېىست . ئۇ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان  قىلغان 16 يىلدا يۇرتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولدى . خەلقئمىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولۇۋاتقان سىياسىي ، مەدەنىيەت ، پەن- تـېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى . ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەدەنىيەت - مەرىپەتتىن بىخەۋەر قېلىپ ، نادانلىق ، قاشاقلىق ، خۇراپىي ئىدىيىلەر ئىسكەاجىسىدە ، يۇرتۋازلىق - تەپرىقىچىلىك غوۋغالىرىدا قامغاقتەك دومىلاپ ، ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇپ ، بويۇن قىسىپ ياشاپ كەلدى . مۇشۇخىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ تۇتۇقى ياڭ زېڭشىننىڭ بۇ زېمىننى باشقۇرۇشتا يۈرگۈزگەن سىياسەت - تەدبىرلىرى بىلەن بىۋاسىتا مۇناسىۋەتلىكتۇر . شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ ئەشۇ خىل سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر ئەھلىنى ئەينى دەۋرنىڭ ئەھۋالاتىدىن خەۋەردار قىلىش تامامەن زۆرۈر ھەم بۇ پېقىردەك بىر تارىخىمىز ۋە رېئاللىقىمىز ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىنىڭ بۇرچىدۇر .

[align=justify]ياڭ زېڭشىن ‹‹ئىستىغپار ئھقرىسىدا يېزىلغان مەكتۇپلار ›› ناملىق توپلىمىدا تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت مەسنەۋىنى يېزىپ ئكزىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىىش  سىياسىي تەدبىرىنى ئاشكارىلىغان .


جۇمھۇرىيەت تۇنجى رەت ئىزھار قىلدى مەرىپەت

ئۇيات ئەمدى بەش خاڭان يەتتە بەگدەك دەۋرىمەك
چىگرا دىيار بەەئينى باغى ئېرەم ھأأأذذذذوسنىدەك

مۇسۇلماننى شىمالدىن جەنۇبقئچە قىلساڭ بەند

ئىپتىداىئي پۇقرالار ئاڭقاۋ بولسا ئەۋزەلرەك


[align=justify]يۇقىرىقى مەسنەۋىنىڭ مەزمۇنىدىن ياڭ زېڭشىنننىڭ خەلقىمىزنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ ، أظظظظأ مئلئتارئستلئق ەەەەەەەەەەەەەەەظەەەەە





داؤؤؤؤؤامئ بار [p]ظأظ[/p]كظإ=ظإ

2008/6/20 17:30
10 freeidea hazebay ساۋاقداش قارىغاندا سىز  "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك"نى ئوقۇپ باققان ئوخشايسىز،ياخشى،بىراق مىنىڭچە تازا چۈشەنمىگەندەك قىلىسىز،مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
1،مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر ئىلى دىگەنكى ئۇيغۇر مىىللىتى ياكى ئۇيغۇر قەبىلىسى دىمىىگەن.
2.ئۇيغۇر دىگەن قانداق نام؟ئۇيغۇر نامى ئەسلى تېلى قەبىلىلىرى ئارىسىدكى بىر مەشھۇر قەبىلىنىڭ نامى،كۆك تۈركتىىن كېيىنكى تېلىلارنىڭ ئىككىنچى ئىتپاقىدا بۇ قەبىلىنىڭ نامى ئوغۇز ئىتپاقىنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالغان،يەنى ئۇيغۇر نامى ئۇيغۇر ئىتپاقىنىڭ تاشقى توققۇز قەبلىسىدكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ نامىدۇر،قارلۇق قەبىلىسى ئۇيغۇر قەبىلىسىگە ئوخشاش تاشقى توققۇز ئوغۇزنىڭ بىر ئەزاسى.كۆك تۈركنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئۇيغۇر ئتپاقىغا قاتناشقان ئوغۇزلار ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپ،قاتناشمىغانلىرى داۋاملىق ئوغۇز نامىدا قېلىۋەرگەن،مېنىڭ بۇ قارىشىمنى ئۇيغۇرنىڭ  مەشھۇر داستانى "ئوغۇزنامە" كۈچلۈك دەلىللەيدۇ. داستاننىڭ ئاخىرىدىكى ئوغۇزخاننىڭ خىتاۋىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر نامى "ئوغۇزلارنىڭ يىمىرىلمەس ئىتپاقى " دىگەن مەنىدە ئىستىمال قىلىنغان،مېنىڭچە بۇ قارىشىمغا "ئوغۇزنامە" نى تارىخى بىلىملەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغان كىشى چوقۇم تەستىق قىلىدۇ.
3.سىز بىلىسىز ،تارىختا تۈرك دىگەن قەبىلە نامى بولمىغان،تۈرك نامى تېلى قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق نامى.مەھمۇد كاشغەرى باشتىن ئاخىر مۇرەسسەسىز ئۆزىنى تۈرك دەپ ئاتايدۇ ،ئۇنداقتا ئالىم زادى قايسى قەبىلىدىن؟ سىز كىتاپتىن كۆرگەنسىز ،ئالىم كىتاۋىدا ئەڭ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان نام ئۇيغۇردۇر ھەم ئەڭ نەپرەت بىلەن تىلغا ئالغان ناممۇ يەنە شۇ ئۇيغۇر،بۇ ھەقىقەتەن بىر زىددىيەتلىك ھادىسە.ئاپتۇر ئۇيغۇرنى تۈرك خانىنىڭ ئالىكساندىرغا قارشى ئەۋەتكەن ئەڭ سەرخىل 4000 چەۋەندازنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ،ئاپتۇرنىڭ موشۇ قارىشىدىن ئېيىتقاندا ئۇيغۇر ئوغۇز ،باسمىىل،قىپچاق...لارغا قارىغاندا تېخىمۇ ساپ تۈرك.ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئالىم ئۆزىنى ھەم ساپ تۈرك،تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەھرىمانلىرىدىن ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن دەپ ماختىنىدۇ.ھەم قەشقەر تىلىنى ئەڭ ساپ ،ئەڭ توغرا ،ئەڭ پاساھەتلىك تۈركچە دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەڭ توغرا تۈرك تىلى بىلەن ئوغۇز،قىپچاق شىۋىسىدىكى پەرىقلەرنى كۆرسىتىدۇ،ئەمما كەسكىن قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى ساپ ،توغرا تۈرك تىلى دەپ جاكارلايدۇ،موشۇ بايانلار ئارقىلىق بىز مەھمۇد كاشغەرى دېننى ئۆچمەنلىكنى قايرىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر بىلەن قېرىنداشلىقىنى ئېتىراپ قىلدى دىگەن خۇلاسىگە كەلسەك سىزچە خاتا بولارمۇ؟!
4،" مونوۋ سارت نې دېپ جۆيلېۋ ئوتۇر" دەپ قالغان بولسڭىز سىزگە تەۋسىيەم شۇ-" دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك " بىلەن "ئوغۇزنامە" نى كۆڭۈل قويۇپ راسا بىر ئوقۇپ چىقىڭ.
5. سىز يۇقۇرقىلارنى يەنىلا ئېتىراپ قىلمىسىڭىزمۇ مەيلى،بوپتۇ، ئەينى زاماندكى قەشقەرلىق بىلەن تۇرپانلىقنى ئىككى خەلىق دەپ قارىسىڭىزمۇ بۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىسىزغۇ؟!ھىچقانداق بىر تۈركى مىللەت مەلۇم بىر قەبىلىدىن بىۋاستە شەكىللەنمىگەن،ئۇيغۇر ئۇيغۇر-ئوغۇز قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلىپ نايمان ،قىپچاق دىگەندەك تەركىپلەرنى سىڭدۈرۈپ بۈگۈنگە كەلگەن،قازاقمۇ شۇ،قازاقلار شەرىقتىن كەلگەن كېرەي،نايمان ۋە غەرىپتىن كەلگەن قىپچاقلاردىن شەكىللەنگەن،ئۇنداق ئەمەسمۇ؟!بۈگۈنكى قازاقلار كۈچلۈك قىپچاق خاراكتىرنى ئىپادىلەيدۇ،موشۇنۇڭغا ئاساسەن بىز ئۇيغۇر-ئوغۇزدىن قايتا تەشكىللەنگەن نايمان، كېرەينى قازاق ئەمەس دىسەك كەسكىن خاتالىق بولىدۇ،چۇنكى بۈگۈنكى قازاق ئۇرۇقلىرى ئورتاق تىل،ئورتاق خاراكتىر،ئورتاق كۈلتۈر ئاستىغا ئۇيۇشتى.
مەيلى، بارلىق پاكىتلار جاھىللىق بىلەن ئىنكار قىلىنغاندىمۇ،ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۈيۈك نام ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا قايسى تۈركى مىللەتكە لايىق ؟!

ئاخىرىدا تېما ئىگىسىگە ئىككى ئېغىز گەپ: ئالىم بۇۋىمىز دەۋرىدىكى ئوغۇزلار يەنە ئۆز ئىچىدىن 24 قەبىلە (ئۇرۇق) گە بۆلىنىدۇ،سىز دىيالوگلاشقان تۈرك ئۆزىنى :"مەن قېنىق تۈركلىرىدىن" ياكى "مەن سالار تۈركلىرىدىن " دىمىگەندىكىن(دىگەن تەغدىردىمۇ) ئۆزىڭىزنى مەن قارلۇق،ياغما،باسمىل... دەپ ئولتۇرماي ،مەردانە ھالدا مەن ئۇيغۇر دىسىڭىزلا بولىدۇ!
2008/6/20 17:52
 جەمئىي باھا 86  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/9  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009