يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
بۇ ئوغۇزخاقاننىڭ ھەيكىلىدىمىدۇ ...
يوللىغۇچى koktugh   كۆرۈش 4222   يوللانغان ۋاقتى 2008/6/19 00:54  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
ئۆتكەن يىلى مايدا تۇرپانغا ساياھەتكە بارغان ئىدۇق. تۇيۇقتىكى شەخسلەر ئېچىۋالغان ساياھەت نۇقتىسىدا ئاسارە-ئەتىقە سودىسى قىلىۋاتقان بىرەيلەننىڭ يايمىسىدىن مۇنۇ تۇچ ھەيكەلنى كۆرۈپ قالدىم(بۇ بەرقى تور بېتىدىكى يوللىغۇچىنىڭ  ئىزاھاتى )



مەنبە ؛http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=651

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 38   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 zirek بۇ ھەيكەلنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرلىشى يوقمىكەن؟ ئۇنى سىزگە كىم ئوغۇزخاننىڭ ھەيكىلى دېدى. بېشىدىكى بۆرە سىياقىغا قاراپ ئۇنداق دېگىلى بولماس. 2008/6/19 03:47
2 CUTUK بۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى يوقمىكەن ! مەن قارىسام ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ 2008/6/19 17:42
3 koktugh :بۇ ئوغۇزخاقاننىڭ ھەيكىلىدىمىدۇ ؟


  نەقىل:
1 - قەۋەتتىكى zirek 2008-06-19 03:47 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بۇ ھەيكەلنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرلىشى يوقمىكەن؟ ئۇنى سىزگە كىم ئوغۇزخاننىڭ ھەيكىلى دېدى. بېشىدىكى بۆرە سىياقىغا قاراپ ئۇنداق دېگىلى بولماس.

بىرادەر  مەنمۇ كىسىپ ئوغۇز خاننىڭ ھەيكىلى دىمىدىمغۇ  ؟ماۋزۇغا قاراڭ. مەنبە نىمۇ كۈرۈپ باققايسىز  ھەيكەلنىڭ ئاستىدىكى  خەنچە خەت  ئوغۇزخان دىگەن سۆزمىش    بۇ يوللانمىنى  ئۇچۇر ئەھمىيىتىنى  كۆزدە تۇتۇپ سۇئال تىمىسىدا يوللاپ قويدۇم
2008/6/19 22:46
4 پالگان بۇ ھەيكەلنىڭ قاچان ياسالغانلىقى توغرىسىدا چۇشەندۇرىشى يوقمىكىنە 2008/6/20 02:40
5 barhan           مېنىڭچە    koktughئەپەندىنىڭ << ئوغۇزخان>>نىىڭ ھەيكىلىمىدۇ ؟  سەرلەۋھەنى گۇمانى نوختا بىلەن يوللىشى، كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ...
سەۋەپ:  ھەيكەل گەرچە بۆرە ۋە بۆرە كۈچىكى بىلەن بېزىنىشلىرى ھەم چاچ ئۆرىمىسى ھالىتىدە تارىخى روشەنلىكنى ئاشۇرۇپ قەدىمىلىكنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى زامان تارىخچىلارنىڭ ئاتالمىش مۇڭغۇللىئود تىپى، ساك، تۇران، تۈركىي، ھون ۋە ئوغۇزلارنىڭ تارىخى باغلىنىشچانلىقىدىن ئايرىپ چۈشەندۈرۈش ئۇرۇنىشلىرىغا بوي سۇندۇرۇلغاندەك قىلىدۇ . بۇ جەھەتتە كەيكەل ھەرگىزمۇ قەدىمى ئەمەس.
        بۈگۈنكى ھەيكەلتاراشلارنىڭ ئىجادى كۈچى ھەرقانچە يۇقۇرى بولسىمۇ، بۇنداق قەدىمى تارىخى ھالەتنى ئىپادىلەش قولىدىن كەلمەيدۇ. دىمەك مۇشۇخىلدىكى ئوغۇزخان ھەيكىلىنىڭ بولىشى تەبىئى. ئەمما بۇ  چوقۇم كۆچۈرىلمە ھەيكەل... كۆچۈرۈلگەندىمۇ بۈگۈنكىگە بوي سۇندۇرۇپ كۆچىرىلگەن.
      ساختىسىنى ئەمەس بەلكى ھەقىقىسىنى چوقۇم كۆرەلىشىمىز مۇمكۈن... چۈكى قوياشنى ئېتىكىمىز بىلەن ياپالمىغىنىمىزدەك، ھەيكەلنىڭ ھەقىقىسى چوقۇم كىشىلەر ئالدىدا نۇرانە جىلۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. لىكىن ئۇ ھازىرقى بەدەن قىياپىتىدە ئەمەس، ساقال- بۇرۇتلۇق(كۆك يۈز)، ئېيىق كۆكسىدەك ۋە بۆرە بېلىدەك قىياپەتتە....
       
2008/6/20 13:12
6 toghrak barhanدوستىمىز توغرا ئېيتىدۇ،ھامىنى بىر كۈنى ئۇلارنى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلىمىز. 2008/6/21 02:31
7 nalan ئەسسالامۇئەلھيكۇم! 
مەن بۇ ھەيكەلنىنڭ بېشىدىكى خەتنى ئېنىق كۆرەلمىدىم،ئاخىىردىكى بولسا، " تۇتېم " دېگەن خەت ئىكەن.
بېشىدىكى  خەت ئېنىق بولغان بولسا  ياخشى بولاتتى،مەن يەنە  ئىزدىنىپ كۆرەي !
بەلكىم ، ئوغۇزخان  بولىشىمۇ مۇمكىن.
2008/6/21 21:28
8 UyGHuR مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس
    چۈنكى بۇ ھەيكەل رىۋايەتتىكى ئوغۇزخانغا ئەسلا ئوخشىمايدۇ

            ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىشىغا كىيىۋالغىنى بۆرە ئەمەس توڭگۇزغا ئوخشايدىكەن

               
2008/6/22 01:26
9 koktugh

  نەقىل:
8 - قەۋەتتىكى UyGHuR 2008-06-22 01:26 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس
     چۈنكى بۇ ھەيكەل رىۋايەتتىكى ئوغۇزخانغا ئەسلا ئوخشىمايدۇ

             ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىشىغا كىيىۋالغىنى بۆرە ئەمەس توڭگۇزغا ئوخشايدىكەن

.......

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دىگەن گەپ بار . UyGHuRئەپەندى  رىۋايەتلەردىكى ئوغۇزغان رەسىمىنى  سىز كۆرگەنمىدىڭىز ؟  بۇ تىمىنىڭ  كۈچلۈك  تەتقىت  قىلىنىش تەققەززاسى  ئالىدىدىكى  تىما ئىكەنلىگىنى ئۇنتىماڭ  ئىسپاتسىز  كىسىپلا  سۆزلىمەي ئەڭ مۇھىمى ئىسپات كەلتۇرگەيسىز  .شۇنداق ئەمەسمۇ يە ؟
2008/6/22 11:27
10 UyGHuR مەنغۇ ئويناپ سۆزلىمىدىم كۆكتۇغ ئەپەندى

      ئوغۇزخان تۇغۇلغاندا ئۆڭى كۆك ، ئۆزى غارىپ ، چوڭ ، ئەتلىك ، بەدىنى تۈكلۈك بۆرە سىياقىدا تۇغۇلۇپتىكەن .
ئون بەش ياشقا كىرگەندە بىلى بۆرىدەك ، گەۋدىسى ئىيىقتەك ، يۈزلىرى تىخىمۇ كۆكۈچ رەڭگە كىرىپ كۆرگەن ئادەمنى ئەيمەندۈرەلەيدىغان ھالغا كەپتىكەن.
              بىراق بۇ ھەيكەلنىڭ ياسىلىشى كىتابلاردىكى تەسۋىرلەردىن مۇستەسنا بوپ قاپتۇ .

                  شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى يازدىم .
               
                            خاتا بوپ قالغان بولسا كەچۈرۈڭ .
2008/6/22 12:34
 جەمئىي باھا 38  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009