|
ماقالە مەزمۇنى |
«جاھاننامە» داستانى قازاق تىلىد... | |||||
يوللىغۇچى Nazimi كۆرۈش 7331 يوللانغان ۋاقتى 2008/6/7 15:17 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| | |||||
«جاھاننامە» داستانى قازاق تىلىدا نەشر قىلىندى ئاپتورى: تۆرېغالى تەشېنوف ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نازىمى [align=justify]قازاقىستاننىڭ «ئايقىن» گېزىتىنىڭ 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى[align=justify] بەش ئەسىردىن كېيىن ئاران ئارىمىزغا قايتىپ كەلگەن ئۇلۇغ بۇۋىمىز مىرزا مۇھەممەد دۇغلاتىنىڭ 1529 - 1533-يىللىرى چاغاتاي تىلىدا يازغان «جاھاننامە» داستانى تۈنجى قېتىم قازاق تىلىدا سۆزلىدى. تۈنۈگۈن ئالمۇتىدىكى دوستلۇق سارىيىدا مەزكۈر داستاننىڭ كىتاپ بولۇپ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. داستاننى كونا تۈركىي تىلدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئىلمىي ترانسكرىپتسىيىسىنى ئىشلىگەن ھەمدە كىرىش سۆزىنى يازغان، سۆزلۈكىنى تۈزگەن كىشى پەن دوكتورى، قازاقىستان دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باش مۈفتىسى ئەبساتتار ھاجى دېربىسالى. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دۇغلاتى 16-ئەسىردە ياشىغان كۆرۈنەرلىك دۆلەت ئەربانى، ھەربىي قوماندان، تارىخچى، ئەدەبىياتشۇناس، شائىر. ئۇنىڭ ھاياتى ئوتتۇرا ئاسىيا، ش~~ تۈركىستان، تىبەت، ھىندىستان ئەللىرىدە ئۆتتى. 1540--1551-يىللىرى كەشمىرنىڭ بىۋاستە ئەمىرى بولغان. دۇنياۋىي ئەدەبىي مىراس «تارىخى - راشىدى» ناملىق كىلاسسىك تارىخىي ئەسەر بىلەن «جاھاننامە» داستانىنىڭ ئاۋتورى. يۇقۇرقى بايانلار ئارىمىزغا بەش ئەسىردىن كېيىن قايتىپ كەلگەن، ياۋروپادىن يۈز يىل كېيىن ئاران تونۇۋالغان بوۋىمىز، دۇغلات جەمەتىدىن چىققان قازاقنىڭ تۈنجى تارىخچىسىنىڭ قىسقىچە ئۆمۈربايانى (تەرجىمھالى). ئەندى بۇۋىمىزنىڭ نامى ئارىمىزغا قانداق قايتىپ كەلدى، ئەسەرلىرى بىزگە قانداق ساق-الامەت يېتىپ كەلدى، قەۋرىسى قانداق تېپىلدى، قازاقچىغا قانداق تەرجىمە قىلىندى، بۇ ھەقتە ئېلىمىزدىكى تۈنجى دۇغلاتشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئەبساتتار ھاجى دېربېسالى مۇنداق دەيدۇ: -- 1965- يىلى ئوتتۇرا مەكتەبنى يېڭى پۈتتۈرگەن چېغىمدا «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى» ناملىق رۇس تىلىدىكى كىتاب قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. قارىسام، ئىچىدە ئەل-فارابى، بابۇرلار بىلەن بىر قاتاردا مۇھەممەد ھەيدار دۇغلاتى ھەققىدىكى ماقالىمى ئورۇن ئاپتۇ. شۇ ماقالىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇغۇلغانلىقىنى، كەشمىردە پادشاھ بڭولغانلىقىنى، ھىندىستاننى بوي سۇندۇرغان بابۇرنىڭ بىر تۇغغانلارنىڭ (ھەدە-سىڭىللارنىڭ) باللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يىللار ئۆتۈپ كېيىن «قازاق دالاسىنىڭ يۇلتۇزلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابىمنى يازغان ۋاقتىمدا، بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ ئۆمۈربايانى (ھاياتى) نى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتىم. بۇ كىشى 1499-يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلۇپ، 1551-يىلى كەشمىردە قىازا قىلغان، ئۆلتۈرۈلگەن. 1540-يىلى كەشمىرنى تىنىچلىق يولى بىلەن ئېلىپ، 11 يىل شۇ يەردە پادشاھ بولغان.دۇغلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭتيارىخي، ئېتنوگرافىيىسى ۋە جۇغراپىيىسى، تىلى ۋە ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ھەققىدە يېزىلغان مەشھۇر «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئىجادى ئەمگىكىنى ئەڭ دەسلەپ 18- ئەسىردە ھىندىستاننى بېسىۋالغان ئەنگلىزلار تېپىپ، لوندوندا ئىككى قېتىم: 1895-، 1533- ( يىلنامە خاتا بولۇپ قالغاندەك ؟؟؟ - نازىمى) يىللىرى ئىنگلىز تىلىدا بېسىپ چىقاردى. بۇ ئەسەرگە ئۆز يۇرتىمىزدىن تۈنجى قول سوزغان ئادەم چوقان ۋالىخانوف. چوقان ۋالىخانوف قەشقىرىيىگە قىلغان سەپىرىدە «تارىخى رەشىدى» نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنى قولىغا چۈشۈرۈپ، خېلى كۆپ بەتلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ... داۋامى بار ... [align=justify]ئالىم ئالكېي مارغۇلان 1944-يىلى ھازىرقى «جۇلتىز» (يۇلتۇز) ژۇرنىلىدا «قازاقنىڭ تۈنجى تارىخچىسى» ناملىقماقالىسىنى ئېلان قىلغران. مانا شۇنىڭدىن 1996-يىلغىچە بوۋىمىزنىڭ ھىچقانداق ئەمگىكى يا رۇس تىلى يا قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىدى. 1996- يىلى ئۆزبېك ئالىملىرى ئەمىر تېمۇرنىڭ 660-يىللىق خاتىرىسىگە سوۋغا سۈپىتىدە «تارىخى-راشىدى» نى تۈنجى قېتىم پارىس تىلىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. 1999-يىلىغا كەلگەندە ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىق خاتىرىرىسى UNESCO (ب د ت نىڭ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلى ئاپاراتى) دائىرىسىدە ھەم قازاقىستاندىمۇ خاتىرلەندى. «تارىخ-راشىدى» ناملىق كىتاب ئېلىمىزدە 2003-يىلى مېنىڭ كىرىش سۆزۈم بىلەن، مېنىڭ تەھرىرلىكىمدە بېسىلىپ چىقكتى. شاگىرتىم، پارىس تىلى مۇتەخەسىسى، شەرقشۇناس ئالىم ئىسلام جېمېنېي بىلەن دۇغلاتى ئۇيۇشمىسى (فوندى) بىرلىشىپ، پارىس تىلىدىن قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. بىز بوۋىمىزنى بۇرۇن پەقەت تارىقچىلا دەپ بىلگەن بولساق، مانا ئەمدى ئۇنى شائىر سۈپىتىدە تونۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى «جاھاننامە» داستانى ئاز ساندىكى ئالىملار بولمىغان بولسا، ھازىرغىچە كۆپچىلىككە بەلگىسىز ئىدى. بۇ داستاننى بېرلىن كۈتۈپخانىسىدا تەساددىپى ئۇچرىتىپ، 1937-يىلى نېمىس تىلىدا قىسقىچە ماقالە يازغۇچى باشقۇرت ئالىمى ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان. بىراق ئۇ ئەسەرنىڭ ھىچ يېرىدە ئاپتورنىڭ ئىسمى ئاتالمىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان بۇ ئېسىل ئىجادىيەت ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئاپتورى نامەلۇم ئەسەر ھېساپلىنىپ كەلدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەخمەت زەكى بۇ داستاننى بوۋىمىزنىڭ «ئاياز» دېگەن ئەدەبىي لەقەم (تەخەللۇس) بىلەن يېزىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەن بوۋىمىزنىڭ كەشمىردىكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىنىق بولمىغان قەبرىسى، قەبرە تېشىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. «جاھاننامە» قوليازمىسىنىڭ بىر نۇسخىسى بېرلىندا، بىر نۇسخىسى قەشقىرىيىدە. قەشقەرنى ئارىلاپ، ئىزدەپ قوليازمىسىنى تاپتىم. بېرلىندىكى قوليازمىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئىككى نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ، تەتقىقات ئېلىپ باردىم. مەنمەزكۈر كىتابنى تەرجىمە قىلىپ ئەلگە يەتكۈزۈشكە 13 يىلىمنى ئاتىدىم. تۈنجى قېتىم قازاق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا تېگىپ تۇرغان «جاھاننامە» داستانىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىي (ئددىيىسى) چىن مۇھەببەتكە ۋاپادارلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىنسانىي سۆيگۈ، قەدر-قىممەت، ئادالەتنى ياقلاش. كىتابنى نەشر قىلىشقا (ئىقتىسادىي جەھەتتىن - تەرجىماندىن ئززاھ) ھامىلىق كۆرسەتكۈچىلەر: دۇغلاتى نامىدىكى جەمىيەتلىك فوند (دىرېكتورى مۇسىلىم دايىربېكوف) ھىلال ئاي جەمئىيىتى بىلەشمىسى ھەمدە مۇخامېتجان ۋە قالىجان جانقويېفلار (ئاكا-ئۇكا - تەرجىماندىن ئىززاھ)، تۈركىيىنىڭ Ratev شىركىتى. شۇلار بولغاچقىلا كىتاب بەكمۇ سۈپەتلىك،ئىلمىي ئاكادىمىيىگە لايىق باسما بۇيۇم بولۇپ چىقتى. تىراجى 3000 پارچە. داڭلىق رەسسام ئا.دۇزېلخانوف كىتاب ئىچىنى كۆركەم قىستۇرما سۈرەت ۋە نەقىشلەر بىلەن بېزەپ چىقتى.دۇنيا ئالىملىرىغا چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاخىرىغا ئىنگلىز، رۇس تىللىرىدىمۇ چۈشەندۈرۈش بەردىم. نۆۋەتتىكى بىر مەسىلە بوۋىمىزدىن (مىرزا مۇھەممەد دۇغلاتنى دېمەكچى - ت) قالغان تېخى تەتقىق قىلىنمىغانيەنە بىر ئېچىلمىغان مىراسى بار دەپ ئاڭلىدىم. ئۇ بولسىمۇ بىر نەۋرە تۇغقىنى ھىندىستان پادشاھى بابۇر بىلەن يېزىشقان خەتلىرى. ھىندىستان ئالىملىرى ئىنگىلىز تىلىدا مۇشۇنداق خەتلەرنىڭ بولغانلىقىنى يازىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «جاھاننامە» قولىمىزغا تولۇق كىتاپ بولۇپ تەگدى.كىېاب بولغاندىمۇ سالماقلىق كىتاپ، ئاسان تاشلىۋېتەلمەيمىز. بولۇپتۇ تىل بايلىقى بەكمۇ چوڭقۇر، بەكمۇ باي. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب تىلى ئىلىم تىلى، پارىس تىلى پوئىزىيە تىلى، تۈركىي تىلى پەن-تۇرمۇش (ھۈنەر-كەسىپ - ت.) تىلى بولغان. بوۋىمىز مۇشۇ ئۈچىلا تىلنى ياخشى بىلەتتى. بىر ئەسىرىنى پارىسچە، بىر ئەسىرىنى تۈركچە (چاغاتايچە) يازغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى. نۆۋەتتە قازاق قەمىيىتىدە بۇ ئەسەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى جىددى زۆرۈردۇر. يەنى تىلشۇناسلار، يازغۇچى-شائىرلار تەرىپىدىن بۇ ئىجادىي ئەمگەكنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىش كېرەك. داستاننىڭ ۋەقەلىكى بەكمۇ قىزىقارلىق. بۇ داستاننى مەخسۇس مۇھەببەت داستانى دېسىمۇ بولىدۇ. يازغۇچى سېرىك ئابدۇرايىمنىڭ ئېيتىشىچە، «داستاننىڭ ھەر بىر بېيىتى بىر باللادا. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاق شائىرلىرى تەرجىمە قىلىشقا ئالدىراپ كەتمىگەن». يىغىلغانلارمۇ شۇنداق دەپ قاراشتى. ئالاھىدە ئاتاپ كەلسەك، كىتاپنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئاكادىمىكلار: سېيىت قاسقاباسوف، مۇرات جۇرىنوف،غارىفوللا ئېسىم، سۇلتان سارتايېف، ҚазҰУ (قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ مۇدىرى تۆلېگېن قوجامقۇلوف، يازغۇچى سېرىك ئابدىرايىم، دۇغلاتى فوندىنىڭ دىرېكتورى مۇختار قازىبېك. ... داۋامى بار ... [align=justify]پروفېسسور ئۆتېگېن كۈمىسبايېف پىكىر قىلىپ، قولىمىزغا تەگكەن بۇ ئىجادىيەت ھەققىدە تەسىرلىك سۆزلەرنى سۆزلىدى. «دىنغا ھۆرمەت، دىنىي ئىشلار باشلىقىغا ھۆرمەت» دېگەندەك، دىن بىلەن پەننى ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغان باش مۇفتى ئابساتتار بېربىسالىنىڭ ئالىملىق، ئىجادىي ئەمگەكىگە باھا بەردى. يەنە بىر تەكىتلەيدىغان ئىش، بۇ قېتىمقى باشقوشۇشقا (يىغىلىشقا) ئاق تون، ئاق سەللىلىك دىنىي زاتلارنىڭ كۆپلەپ قاتناشقانلىقىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئىسلام دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان ئىلىم-پەن ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن.ئىسلام دىنىدىن پەننى، ياكى پەندىن ئىسلام دىنىنى ئايرىپ تاشلاش زور خاتالىق. ئىككىسى بىر يەرگە كەلگەندە مۇكەممەل بولىدۇ.شۇڭا ئىسلامنى بىر ئىلىم دىسەكمۇ، ياكى ئىلىمنى دىن دېسەكمۇ بولىدۇ. ياخشىلار بىلەن تەقۋەدارلارنىڭ يىغىلىپ، باشقوشۇشى ئىنتايىن جايىدا بولغاندەك تۇرىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلاددە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى تۇردىقۇل بۇۋتاياروف مۇنداق دېدى:[align=justify] «باش مۇفتىنىڭ پۇتۇن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى، خەلقئارالىق تۆھپىسىمۇ يۇقۇرى. باشقا مەملىكەتلەردە، قازاقىستاننىڭ دىنىي ئىشلار باشلىغىدەك ئابروي قازىنىپ، كىتاب يېزىپ، تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزەلىگىدەك يەنە قايسى مۇفتى باركەن؟ تۇغقان، قېرىنداش ئەل بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز دىن ئىشلار باشقارمىسىدا مۇشۇنداق بىلىمى چوڭقۇر،پاراسەتلىك، روھى دۇنياسى پاكىز بىر ئادەمنىڭ باشلىق بولۇپ تۇرۇشىدىن بەكمۇ خۇشھالمىز.» [blockquote][align=justify]ئەسكەرتىش:[align=justify][align=justify]بۇ تەرجىمە ئەمگىكىم بۇرۇن كونا «بەرقى» مۇنبىرىگە يوللانغان، كونا بەرقى مۇنبىرى تاقىلىدىغان بولغاچقا، يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېڭى بەرقى مۇنبىرى ۋە ئورخۇن تارىخ تور مۇنبىرىگە قايتا يوللىدىم... مېنىڭ قازاق ئېغىز تىلىدىكى تەرجىمە سەۋىيەم يۇقۇرى بولغان بىلەن، يازما تەرجىمىدە خېلىلا خاممەن، شۇڭا مەزكۈر تېكىسنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشىدىكى سەۋەنلىىكلەرگە قارىتا، قازاقچىدىن خەۋىرى بار دوستلارنىڭ ۋاقتىدا تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمەن.[/blockquote] ( بۇ تەرجىمە ئەسەرنى باشقا مۇنبەرگە رۇخسەتسىز يۆتكىمەسلىكىڭىزنى ئەسكەرتىمەن! ) [blockquote]قازاقىستاننىڭ «ئايقىن» گېزىتىنىڭ تور مەنزىلى: مەزكۇر ئاخبارات خەۋىرىنىڭ تور مەنزىلىنى تارىم دادخاھ ئاكىمىز تەمىنلىگەن: http://www.aikyn.kz/site.php?id=129&lan=kaz&pub=10629 [/blockquote][blockquote] سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن، ئەسلىي قازاقچە تېكستى: ئەسلىي ماۋزۇسى: «ئۇستازنىڭ قايتىپ كېلىشى» [/blockquote]
|
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 98 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | hajim525 | قاچان ئۇيغۇرچىغاتەرجىمە قىلار!!!!!!!1 | 2008/6/7 23:11 | |||
2 | Yawuz | بۇ داستان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئاياز شىكەستە ئاپتورلىقىدا " جاھاننامە " دىگەن نام بىلەن ئۇيغۇرچىسى چىققانغۇ دەيمەن. Nazimi ئەپەندىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى ۋە مەشھۇر شەخسلىرى ھەققىدە مول چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىمىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت. |
2008/6/7 23:12 | |||
3 | Kolbilge | «تارىخى - راشىدى» ۋە بۇ ئەسەردە دىيىلگەن «جاھاننامە» ، شۇنداقلا ئۇلۇغ بوۋىمىز يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ياراملىق سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان « مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دۇغلاتى» قاچاندىن بېرى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى ۋە مەشھۇر شەخسلىرى بولۇپ قالدى ! | 2008/6/8 11:16 | |||
4 | freeidea | مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانىنى قازاق دىيىش تولىمۇ قىززىق خۇلاسە.مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى قازاق بولسا،بېشىغا شۇنچە كۈلپەتلەر كەلگەندە نىمە ئۈچۈن ئوخشاش دەۋىردە تىكلەنگەن قازاق خانلىقىدا پاناھلانمايدۇ؟ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى <<تارىخى رەشىدى>> دەپ يازغىچە <<تارىخى قاسىمى>> دەپ يازسا بولماسمىدى؟! ھەتتا سەئىدىيە قازاق خانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قازاق خانلىقىنى زور تالاپەتكە ئۇچراتقان،بۇ ۋەقە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى تەرىپىدىن ھىسداشلىق ئەمەس بەلكى پەخىر بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.قىسقىسى ئالىمنىڭ موشۇ پوزىتسىيىلرىدىن ئالىم بىلەن قازاق ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشلىق خۇلاسە چىقىرىش مۈمكىن؟ | 2008/6/10 13:44 | |||
5 | zirek | مەنمۇ بۇ تېمىنى ئۇقۇپ گاڭگىراپ قالغان ئىدىم، ئىچىمدە مىڭ توۋۋا دېدىم. ئەمدى بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزدىن تالاشمىغان مۇشۇ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر قاپتىكەن، بىرە ئەسىرىنى قازاقچىگە تەرجىمە قىلىپ قويسا، قازاق بولىدىغان ئىش يوق. | 2008/6/10 15:07 | |||
6 | untulux | مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانىنىڭ تەخەللۇسى ئاياز مىدى؟ئۇنداقتا ئاياز قوشچى كىم؟ئىككىسى بىر ئادەممۇ؟ | 2008/6/10 15:20 | |||
7 | uyghurturk | مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ (تارىخى رەشىدى) دىگەن كىتابىدا قەشقەر مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانا يۇرتى، مىرزا ھەيدەر سەئىدخان بىلەن ئانا يۇرتى قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى، دەپ يېزىلىپتىغۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەجىبا قەشقەردە تۇغۇلغان قازاقمىكىنە؟ سەئىدخان مۇھەممەد قازاقنى تۇتۇپ كەلگەندە قەشقەرگە بىللە كەلگەن قازاقمۇ يا؟ | 2008/6/11 13:13 | |||
8 | Qutghur | ئەينى زاماندا ماڭلاي سۆيە دەپ ناملانغان كاشغەر رايۇنى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانلار جەمەتىنىڭ ئاتا مىراس سۈيۈرغال زىمىنى . لىكىن بۇلار موڭغۇللارنىڭ دوغلات ئۇرۇغىدىن .بۇ ئۇرۇق كېيىچە زورىيىپ(تۈركى مىللەتلەر بىلەن تولۇقلىنىپ) دوغلات قەبىلىسىگە ئايلانغان دەيدىكەن . دوغلات قەبىلىسى كېيىن قازاق مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە(ئالتۇن ئوردا خانلىغىدىن ئايرىلىپ چىققان) ئىشتىراك قىلغان .بىلىشىمىزچە قازاق مىللىتىدە ھازىرمۇ دوغلات قەبىلىسى بارمىش .مۇشۇنداق سەۋەپلەرگە كۆرە قازاقلار دوغلات قەبىلىسىگە ئىگە چىققان گەپ .شەخسى قارىشىمچە قازاقلارنىڭ دوغلاتلارغا ئىگە چىقىشى نۇمال ئەھۋال .مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر ئەسلىدە ئۇيغۇرغا ئايلىنىشى مۇقەررەر ئېدى ،لىكىن سۇلتان ئابدۇرەشىتخان ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەمەتى ئۇيغۇرلار رايۇنىدىن چىقىپ كەشمىرگە كەتكەن .ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بەلكىم ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەندۇ . ئىش قىلىپ مىرزا ھەيدەرگە قازاقلار ئىگە چىقسا خېلى يارىشىدىكەن .بۇ كىشى ھەقىقەتەن كاتتا ئالىم ،موللا مۇسا سايرامى ھەزرەتمۇ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئاپتىكەن . ئوبۇلغازى باھادۇرخانغا قايسى مىللەت ئىگە چىققاندۇ ؟بۇ توغرىدا ھىچ ئۇچۇر ئاڭلىماپتۇق |
2008/6/11 17:27 | |||
9 | hazebay |
ونداق دەپ كەتمەڭلا! دۇغلات قابىلىسى 5-6 اسىرلاردا ىلە، يەتىسۋ زىمىنىندا ياشىغان قەدىمكى قابىلە. شەجىرەدە قازاقنىڭ ۇلۇغ يۇز ۇيسىن - اباق - قاراشا- بايدىبەك- جارىقشاق. ال جارىقشاقتان: البان. سۋان، دۇغلات تارايدى. |
2008/6/11 21:36 | |||
10 | Qutghur |
دوغلاتلارنىڭ 6-7-ئەسىرلەردىمۇ يەتتەسۇ ،ئىلى ۋادىسىدا ياشىغانلىغىنى راستلا ئاڭلىماپتىمەن ھەم بۇ توغرىدا بىرەر ئۇچۇر كۆرمەپتىمەن .بەلكىم كىچىكرەك ئۇرۇق بولسا <<دىۋان لۇغاتىت تۈرك>>كە كىرمەي قالغانمىدۇ ؟ مىنىڭچە <<شەجەرەئى تۈرك>> دە دوغلاتلارغا ئائىت ئۇچۇر بارمىكى ،ھازىر يرنىمدا يوقىدى .شۇڭا كەسكىن بىر نىمە دىيەلمىدىم . |
2008/6/12 12:13 | |||
جەمئىي باھا 98 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|