|
ماقالە مەزمۇنى |
شىئەندىكى ئۇيغۇر پىرامىدالىرى |
يوللىغۇچى pis-pas كۆرۈش 10770 يوللانغان ۋاقتى 2008/6/6 16:49 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
تۈركىيىدە نەشر قىلىنىۋاتقان ئەرگىنەقون گېزىتىنىڭ، 2008 - يىلى فېۋرال 14 - سانىدا شىئەندىكى ئۇيغۇر پرامىدالىرى` ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالە تۈركىيىدىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ئۇيغۇر رايونىدا تېپىلغان، مىسىر پرامىدالىرىدىن يۈز يىللارچە مۇقەددەم سېلىنغان ۋە مىسىر پرامىدالىرىدىن ھەم ئېگىز ، ھەم بۈيۈك پرامىدالارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. بۇ يەرگە كىرىش تامامەن چەكلىنىدۇ. بۇ پرامىدالارنىڭ ئىچىدە پروتو - تۈرك يازمىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ، ئارخېئولوگلارنىڭ كىرىشىگىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ سىرلىق پىرامىدالار دۇنيا تارىخىنىڭ تەكرار يېزىلىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۈگۈن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە شىئەن شەھىرىگە 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنلىڭشەن تاغلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان، ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك 100 دانە پىرامىدا بىلەن بىرگە 300 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر پىرامىدا بار." بۇ پرامىدالارنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن 1994 - يىلى شەنسى رايونىدا بىر تەتقىقات ساياھىتى ئېلىپ بارغان گېرمانىيىلىك ئالىم ھارتۋىگ ھاۋۇسدوف ئۆزىنىڭ رەسىم ئالبومىدىن بىر قانچە رەسىمىنىڭ خەلققە كۆرسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلغان. ھاۋۇسدوفنىڭ قارىشىچە، پرامىدالارنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىللار ئەتراپىدا ئىكەن. مەنبە: http://www.turkdirlik.com/Bilgim ... ltur/MKilic0023.htm YOUTUBE تىكى مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججەت: http://www.youtube.com/watch?v=UCAyg3-R9Aw http://www.youtube.com/watch?v=_YRBS3VHbiw&feature=related ئاپتۇرى: مۇھەررەم قىلىچ. گۇگۇل قاتارلىق ئىزدەش موتورىدىكى خەتكۈچ: uygur pramitleri |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 50 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | koktugh | كۆپ ئەجىر قىلىپسىز سەمىمى رەخمەت باشقىچە ئىنكاس يازماي ھەقىقەتەن نادىرلىغىدەك تىما بۇلۇپتۇ | 2008/6/6 18:59 |
2 | zirek | بۇ يەرگە باشقىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن دەيدۇ. ئەمىسە بۇ يەردە بىر دېھقاننىڭ يەر تېرىۋاتقان كۆرۈنىشى بارئىكەنغۇ. يەنە كىرگىلى قويمىسا ئاۋۇ رەسىملەرنى قانداق سۈرەتكە تارتقان؟. | 2008/6/6 20:50 |
3 | Yawuz | توۋا شىئەندە شۇنچە جىق تارىخى ئااسارە - ئەتىقە ئورۇنلىرىغا بېرىپ، مۇشۇنداق بىر يەرنىڭ بارلىقىنى ھەجەپ ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمىنا. | 2008/6/6 21:14 |
4 | tohmak | ھەجەپ ھەيۋەتپىرامىدالار ئىكەن ئىلگىرى مەن بۇپىرامىدالارنىڭرەسىمىنى كۇرۇش تۇگۇل ئۇيغۇر لارنىڭپىرامىدا سالغان لىقىغائائىت ھىچقانداق خەۋەر ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بۇنى كۇرۇپ بەكخۇش بۇلدۇم ، بۇپىرامىدا لارنىڭسېلىنغان ۋاقتى بۇندىن 4500يىل بۇرۇن بۇلسا تۇرانلار زامانىسىغا تۇغرا كىلىدىكەن چۇڭلار ،تۇرانلار زامانىسىنى بۇندىن 5000 يىل بۇرۇن دىن 4000يىل بۇرۇنغىچەبۇلغان دىيشىدىكەن | 2008/6/6 21:45 |
5 | barhan | بۇ، ئۇرخۇن مۇنبىرىگە كىرگەندىن بۇيانقى ئاڭلىغان تۇنجى ۋە ئالامەت كاتتا خۇشخەۋەر بولدى. مەن tohmak ئەپەندىنىڭ پىرامىدا ھەققىدىكى تەبرىكنامىسىنى خىتاپنامە ۋەزنىدە ئوقۇپ. مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ << تۇران ئىنسان تۇركۈمى>>ئاخىرقى نىداسىنى پىرامىدا ئىختىراسى بىلەن يۇغۇرغانلىقىغا مىڭ تەشەككۇر ئېيتىمەن. ئالىمغا بولغان ھۆرمەت، ھەقىقەتكە بولغان ھۆرمەتنىڭ مۇقەددىمىسى. tohmak ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت. pis-pas ئەپەندىگىمۇ رەھمەت. |
2008/6/6 22:41 |
6 | urdek | پىرامىداسېلىنىشىغا زادى نىمەسەۋەپ بولغان؟ نىمە ئۇچۇن مۇتلەق كۇپ قىسىم پىرامىدالار تۇزلەڭ ياكى تاغسىمان تۇزلەڭلىكلەرگە سېلىنىدۇ؟ سەۋەپ پەقەت بىرلا- ئۇ بولسىمۇ يەنە بىر قىتىملىق سۇ- تاشقىن يالماپ يۇتۇۋېلىشتىن ساخلىنىش، چۇنكى 11500 يىل ئىلكەركى زەماندا نەچچە يۇز مىتىر ئېگىزلىكتە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن دۇنياۋى زور تاشقىن ئاپىتى ھەممە- ھەممىنى سۇپۇرۇپ شىمالى مۇز ئوكىانغا غەرىق قىلغان.مۇنداق چوڭ زەربىنى ئۇز بىشىدىن ئۇتكۇزگەن ئۇيغۇرلار كىينكى كۇنلەردە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنى پىرامىدالار ئۇستىگە مۇقۇمدىغان. ئەگەر شەنشى ئۇلكىسىدىكى ئۇ يەرگە بىرەر چەت ئادەم تەتقىقات مەخسىدى بىلەن كىرەلىسە نۇرغۇنلىغان بەشمىڭ يىللىق تارىخلار نۇلگە تەڭ بولۇپ چقىدۇ، بەزى ئويدۇرۇپ چىقىلغان سەپسەتەلەر ئاۋامنىڭ مەسخىرە نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. سۇزۇم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇتكەندە بىر تارىخى ماقالە يازسام بەزىلەرنىڭ (( رىۋايەتكەن)) دېۋالغىنىغا كۇلگۇم كىلىدۇ، تېخى ئۇ ئوقۇتقۇچى ئىكەنمىش. |
2008/6/6 23:54 |
7 | Yawuz | [align=justify]بىر چاغلاردا ئۆردەك ئەپەندىنىڭ " ئۇيغۇر تارىخى ئىشەنگۈسىز رىۋايەتلەر " دىگەن ئەسىرىنى كۆرۈپ شۇنىڭ ئىلھامى ۋە تەسىرىدە جامېس چېرچىۋاردنىڭ " قەدىمقى قۇرۇقلۇق مۇ " دىگەن كىتابىنىڭ تۈركچىسىنى تېپىپ ئوقۇپ ھاياجانلانغىنىمدىن شۇ كىتاپنىڭ 13- باپى " بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىراتورلۇقى " دىگەن قىسمىنى تەرجىمە قىلغىچە ياقامنى نەچچە چىشلىگەن ئىدىم، بۇ نىمە كارامەت، بۇمۇ تارىخمۇ دەپ ھەيران قېلىپ، ئۆزۈمنىڭ بارلىق دەرسلىكلىرىمنى ۋە تەئەللۇقاتلىرىمنى ۋاراقلاپ بۇ ھەقتە ھىچنىمە تاپالمىغان ئىدىم. ئەمدى بۈگۈن بۇ گەپ چىقتى، قارىغاندا راستىنلا دۇنيا تارىخىنى قايتىدىن يېزىشقا توغرا كېلەمدۇ نىمە؟ | 2008/6/7 00:21 |
8 | TuranTekin | pis-pas ئەپەندى قالدۇرغان ئاۋۇ ئۇلىنىشلاردىمۇ كۆپ نەرسىلەر بار ئىكەن. | 2008/6/7 01:47 |
9 | barhan | urdekئەپەندى. سىز مېنى ئوشۇقچە ئەيىپلىدىڭىز. يەنە كېلىپ پەخرى نامىم (ئوقۇتقۇچى)نى ھاقارەت سۆزى بىلەن... سىزگە بولغان ھۆرمىتىم،<< ئۇيغۇر تارىخى ---- ئىشەنگۈسىز رىۋايەتلەر>> دىگەن ئەسىرىڭىز ئارقىلىق ئاللا بۇرۇن تىكلىنىپ بولغان... ئىشەنمىسىڭىز، ئەسىرىڭىزدە خېلى كۆپ ئۇچرىغان ئالىياسكا ئاتالغۇسىنى، << ئالىياسكىغا دىۋان تېلىسكوپىدىن نەزەر>>ئارقىلىق << تۈركى تىللار دىۋانى>>دىكى << ئال>> ۋە << ياس>> يەشمىسى بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغانلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ ئەسىرىڭىزنى كۆچىرىۋالمىغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ يۈرسەم..... << ئوقۇتقۇچىمىش >>دىگەن سۆزىڭىز ۋۇجۇدىمنى لەرزىگە سېلىۋەتتى....يەنە ئىشەنمىسىڭىز، ئۇرخۇندىكى تەقۋىدار سەمىمىيەتچىللەرنى ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا زورلىماي ئامال يوق... مەن ئۇرخۇندا: بەرقى ئەپەندىنىڭ<< لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىم ؟ >>دىگەن ئەڭ ئاخىرقى دىنى تاللاش پەيتىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئالقىشلىغان، مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كامالىتىگە تويۇنغان ئەسىرىگە قارشى يېزىلغان، ئىدىيىۋىلىكى پۈچەك ۋە ئاتالمىش سىتالىننى شىپى كەلتۈرگەن بىر مۇناپىق(ئىلاھىم، سىز بولۇپ قالمىغايسىز) نىڭ ئەخلەت ئەسىرىنى ئېغىر تەنقىت ئاستىغا ئېلىپ: <<جاللات، قانخور سىتالىننىڭ نامىنى مىللىتىمىزنىڭ غەزەپ قەھرىدىن ھۆرمەت نامى بىلەن: يولداش سىتالىن دىيىشىڭىزگە ھەرگىز رۇخسەت يوق...!!! يولداش سىتالىن دېگەندىن كۆرە، يولدىشىم سىتالىن دىگىنىڭىز تۈزۈك. ياكى بولمىسا بىراقلا ئىرىم سىتالىن دىگىنىڭىزلا تۈزۈك>>دېگەندىن باشقا، ھاقارەت خاراكتىرىدىكى سۆز – ئىبارىلەرنى تەرمەچلىرىم ياكى ئىنكاسلىرىمدا ھەرگىز ئىشلەتكىنىم يوق. گۇمان ئىماننى قاچۇرسىمۇ، سىزدىن شۇ سۇئالنى يەنە بىر سوراپ باقماي بولمىدى!!!!!! بەرقى ئەپەندى ئەسىرىگە قارشى ھېلىقى ئەسەرنى سىز يېزىپ سالمىغانسىز ؟؟؟؟؟؟ ئۇ يۇچۇن ئەسەرنى سىز يازمىغان بولسىڭىزلا، << ئۇيغۇر تارىخى ---- ئىشەنگۈسىز رىۋايەتلەر>> دىگەن ئەسىرىڭىز چۇڭقۇر تەسىرى بىلەن قەلبىمدىكى ئوبرازىڭىز يەنىلا ئەۋلىيا دەرجىسىدە..... |
2008/6/7 12:40 |
10 | urdek | barhanئەپەندىم، بىرىنجىدىن- (ئوقۇتقۇچىمىش) دىگەندىكى شەخس ھەرگىز سىز ئەمەس،ئالياسكا توغرىسىدىكى يازمىڭىزدىن مەنمۇ ھوزۇر سۇردۇم، ئىككىنجىدىن- بەرقى ئەپەندىمنىڭ ئۇ ماقالىسىنى چۇشەنمەي قارشى پىكىر قىلغۇچى- مىنىڭچە تازىمۇ بىر نادان ئىكەن،كىم بىلىدۇ بۇ چاققىچە نادانلىقىنى چۇشۇنۇپ بولدىمىكىن، ئاخىرىدا سىزنىڭ تارىخ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىڭىز كامالەتكە يەتكەي، ھەر- بىر ئىشنىڭ كامالىتى سىزدەك تىرىشچانلارنىڭ ئەجرىدىن ۋايىغا يېتىدۇ. يەنە بىر گەپ ھېلىقى (ئوقۇتقۇچى) نى سىزمۇساۋىغاندەك قىلىۋىدىڭىز... |
2008/6/7 14:05 |
جەمئىي باھا 50 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|