|
ماقالە مەزمۇنى |
ئوغۇزخان رەسىملىرى |
يوللىغۇچى koktugh كۆرۈش 6884 يوللانغان ۋاقتى 2008/6/5 18:01 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
http://www.2023bilgitoplumu.com/resimler/turkunatası.bmp &usg=AFQjCNHSLnP1V78sNijHzoUXAToYIoZdEg مەنبە http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=5281 نۇر سوفىت يوللانمىسى |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 67 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | zirek | بۇ قايسى دۆلەت رەسساملىرى تەرىپىدىن سىزىلغان رەسىمكەن. قارىسام ئوغۇزنامە ئېپوسىدىكى ئوغۇزخاننىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن تۈپتىن قارىمۇ-قارشىدەك قىلامدۇ؟-نىمە. ئاستىدىن سانىغاندىكى ئىككىنچى رەسىمدە ئوغۇز خان ساپلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشلىرىگە ئوخشاپ قاپتۇغۇ... نەدىمۇ ئوغۇز قاغانغا ئوخشىسۇن؟. بىزنىڭ رەسساملىرىمىز ئوغۇزخاننىڭ رەسىمىنى سىزالماسمۇ؟ نىمشقا تەۋەككۇل قىلىپ باقمايدىغاندۇ؟ بىز ھەممە ئىشنى كىچىكىپ باشلايمىز... ئاندىن باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەشكە باشلايمىز. | 2008/6/5 19:52 |
2 | abdu412 | تارىخىي ماتىرىياللاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ! | 2008/6/5 21:52 |
3 | Uyghurbeg | تۇرغۇن ئالماسنىڭ ھونلار توغرىسىدا يازغان كىتابىدا باردەك قىلغان ئىدى.خېلى ئوخشىتىپتىكەن! | 2008/6/6 09:59 |
4 | Uyghurbeg | بوينىڭىزنى يانتۇ قىلىپ كۈرەرسىز ھە! ئالدىراشچىلىقتا ئۆزگەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن! |
2008/6/6 10:10 |
5 | Qutghur | بۇرۇننىڭ ئۇزۇنلىغى كەڭلىگىدىن قىسقا ،كۆز قۇيرىغى كۆز جىيىكىدىن ئىگىز ،بۇرۇن كەڭلىگى بۇرۇن ئېگىزلىگىدىن كەڭ .بۇلار موڭغۇلوئىدلارنى پەرقلەندۇرۇشنىڭ ئاددى كۆرسەتكۈچلىرى .كىچىك رەسىم موڭغۇلنىڭ قولىدىن چىققانلىغى ئېنىق .ئاستىدىكىسى تولىمۇ زىديەت ئىچىدە سىزىلىپتۇ .ئوغۇز قاغاننىڭ تەسۋىرى ئانچە نەزەرگە ئېلىنماپتۇ .بىردە چېچى سېرىق ،بىرىدە كۆزى يېشىل . ھەركىم ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق سىزىۋالىدىغان مەشىق مودىلى كەندە !بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ ،بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇرنى ئۇزۇنراق ئۇيغۇرلار ئەرەبلەرگە تەئەللۇق ،بۇرنى قىسقااقلىرى موڭغۇللاغا ،كۆزى كىچىكرەكلىرى يەنە باشقىلارغا ...ئايرىپ بولالماي قېلىۋاتىمىز-ھە ! |
2008/6/6 10:27 |
6 | Ghalip | ئىشقىلىپ مەشھۇرلارنىڭ بىر-بىر يەرلىرى ئازراقلا گەۋدىلىنىپ چىقىپ قالسا،بەزىلەرنىڭ كۆزىگە يا ئەرەب،يا پارس بولۇپ كۆرۈنۈپ كېتىدىكەن،يەنە بىر نېمە-بىر نېمە ......ئىشقىلىپ قانداق بولسا يارايدىكىن بۇلارغا؟!؟!؟!!؟شۇنچىۋالا موڭغۇل چىرايلار 8-9-ئەسىرلەردىن(بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن) بۇيان بېسىپ كېلىۋاتىدۇ تا ھازىرغىچە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!شۇنى ئويلاپ باقماي،بۇرنى ئازراقلا ئېگىز،كۆزى ئازراقلا چوڭ سىزىپ قويسا پارسقا ئوخشاپتۇيەي،ئەرەبكە ئوخشاپ قاپتۇيەي دەپ سىزغۇچىنى ھازىرقى ئۈنۋېرسال بىركمە ئىرقىي تىپلىق ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ سىزىشنى بۇيرۇپ،نېمىلەرگە ئېرىشمەكچىكىن بۇلار؟ | 2008/6/6 20:03 |
7 | tohmak | ئويدىكى مۇللام بارمۇللام تالادىكى مۇللام دامۇللام . دىگەندەك ئۇزىمىزنىڭ رەسسام لىرىمىز ئۇزىمىزگە شۇنداق چىرايلىق ئۇخشۇتۇپ مەھمۇد قەشقەري . يۇسۇپ خاس ھاخىپ نىڭرەسىملىرىنى سىزىپ بەرسە ئەرەپكە ئۇخشايدىكەن پارىسقا ئۇخشايدىكەن دەپ چىڭتۇرۋا لىدىكەنمىز . ھەي باشقىلار كىمگە ئۇخشىغىنىنى ئۇققىلى بۇلمايدىغان رەسىمنى سىزىپ ئۇغۇز خان. دەپقۇيسا ئۇنى ئوزىمىزنىڭرەسسام لىرىمىز نىڭرەسىملىرىدىن ئۇستۇن كۇرىدىكەنمىز . بۇ بىزدىكى بىر خىل ئىرسىيەت بۇنىڭزىيىنىنى كۇپتارتقانمىز مەسەلەن ئىلگىرى ئاپپاق خۇجىنىڭ بۇۋىسى خۇجامۇھەممەد كاساني دىگەن بىلىمسىزنى ئۇزىنىڭ مۇلبىلىملىك ئالىم لىرىدىن ئۇستۇن كۇرگەن .ئەمدى ئۇنداق بۇلماسلىقى كىرەك. | 2008/6/6 20:19 |
8 | پالگان | تۇرۈكمەنلەر بىزنىڭ قەۋمىدىن دەيدىكەن ، بىر سودگەر تۇرۈكمەن شۇنداق دەپ تالشىپ قالدى ،ئونىڭ دىيىشىچە ئۇ تۇرۈكمەنلەردىن چىققان قاغانمىش ،ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ياردەمچى بۇلۇپ بىقىنغانمىش مەنمۇ ئۇنى بىزنىڭ دەپ ئانچە - مۇنچە بىجىرلاپ باقتىم بىلگىنىمچە ،لىكىن بىلىگىنىم چەكلىك بولغاچقا قايىل بولمىدى مەنمۇ بولدىلا ۋا تەرسا دىدىم ئىچىمدە | 2008/6/7 23:15 |
9 | پالگان | بىرىنچى رەسىم خاتا يوللاندىمۇ نىمە؟ مەن ئۇنىڭدا مىلتىق كۆرگەندەك قىلدىمغۇ، سىلەرمۇ بىر سەپسىلىپ بىقىڭلار ،ئاتنىڭ سول پۇتىنىڭ يىنىدا | 2008/6/7 23:20 |
10 | Nazirkom | خۇددى مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى...نى ھەرخىل سىزىپ كەتكەندەك، ھەرمىللەت ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچىلا سىزىدىكەن. بەلىكم ئەڭ توغرىسى يەنىلا Uyghurbeg يوللىغان رەسىم. بىرىنجى رەسىمدە راستىنلا مىلتىق بار ئىكەن. ئوغۇزخان زامانىسىدا مىلتىق يوق تۇرسا؟؟ |
2008/6/9 13:54 |
جەمئىي باھا 67 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|