يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
[تەرجىمە]ئوغۇز ۋە تۈرك ،ئۇيغۇر ،ت...
يوللىغۇچى Qutghur   كۆرۈش 3069   يوللانغان ۋاقتى 2008/5/10 14:17  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

ئوغۇز ۋە تۈرك ،ئۇيغۇر ،تۈركمەنلەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە(بىرىنچى قىسىم)



----ئوغۇز بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇر(خۇي خۇ)تەتقىقاتى (ئالتىنچى بۆلىمى)
لى شۇ خۇي
(شىنجاڭ ئىژتىمائى پەنلەر تەتقىقات ئورنى)


 
ئۈزۈندە :بۆرە توتىم مەدەنىيتى بولسا ئوغۇز قەبىلە ئىتپاقىنىڭ بەلگۈسى."ئاشىنا" جەمەتى ،"تۈرك " سۆزىنىڭ ئوقۇلىشى ،مەنىسى "ئوغۇزنىڭ "دىگەنلىكتۇر .(阿史那之姓氏,为突厥译音,意为乌古孜的).تار مەنىدە تۈركلەر ،تۈرك تىللىرىنىڭ "ج"دىئالىكتىدا سۆزلىشىدىغان، يەتتەسۇ ۋادىسى ۋە ئەتراپلىرىدا ياشىغان قىپچاق ،چىگىل ،يەمەك ،توخسى ،بۇلاق؟،ياغما ،چارۇق قاتارلىق قەبىلەلەرنى ۋە بىر بۆلۈك ئوغۇزلارنى كۆرسىتىدۇ (بۇ بايانغا دىققەت قىلىڭلار) .تۈركمەن بولسا ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان  بارلىق ئوغۇز ،قارلۇق،قىپچاق قاتارلىق تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلىقلەرنى كۆرسىتىدۇ .
   نۇختىلىق سۆزلەر :بۆرە توتىم مەدەنىيتى ؛ئوغۇز قەبىلەلىرى ؛كېيىنكى تۈرك خانلىغى ؛ تۈركمەن

  نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە ھون ،تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار مىللەت دەپ قارىلىپ "ھون مىللىتى"،"تۈرك مىللىتى "،"ئۇيغۇر مىللىتى"دىيىلىدۇ .ئەمما تارىخ تەتقىقاتىدا بۇ ئاتالمىش "مىللەتلەر" ئارىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنىڭ بارلىغىنى بايقىيالايمىز .مىسال ئالساق ،ھونلار كۈچەيگەندە بۇلار ھەممىسىلا ھون ،ياكى ھونلارنىڭ بىر قىسمى ئاتالغان .تۈرك خانلىغى دەۋرىدە بۇلار يەنە تۈرك دەپ ئاتالغان .ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدا ئۇيغۇر ئاتالغان .شۇنداق قىلىپ، قەبىلە ناملىرى تۇراقسىز ،قوشۇلۇپ -بۆلىنىشى ئۆزگۈرۈشچان بولۇپ تۇرغان .تىلىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،ئۇلار ئارىسىدا ھىندى-ياۋرۇپا تىلى ،ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى موڭغۇل تىللىق قەبىلىلەر بولغانلىغىنى نەزەرگە ئالمىغاندىمۇ ،تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلەلەردىمۇ ھەرخىل پەرقلىق دىئالىكتلار بولۇپ ،بۇلاردا تىل پەرقى ناھايىتى زور بولغان .بۇنداق پەرقلەر ئۇلارنىڭ تىلىدىكى سۆزلەر ،سۆزلەملەر ،گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەت ۋە ئادەتلەنگەن سۆزلەر (修辞  )قاتارلىق كۆپ خىل ساھەگە چېتىلغان .بۇلارنىڭ  مەدەنىيەتىدن ئالغاندا ، ھەرقايسى قەبىلەلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ،مەدەنىيە پىسخىكىسى(文化心理)دا ھەم پەرق بولغان .كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،ھون ،تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاتالمىش "مىللەتلەر" ئەملىيەتتە ئوخشىمىغان تارىخى شارائىتتىكى سىياسى گۇرۇھلار(خانلىق ياكى قەبىلەلەر ئىتتىپاقى)نىڭ نامىدۇ .
   ئۇندىن باشقا تارىخلاردا يەنە داۋاملىق ئوغۇز نامىنى ئۇچرىتىمىز ،ئالدىنقى تۈرك خانلىغىنىڭ قاغانلىرى ئاشىنا جەمەتىدىن بولغان ،<<توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۇ تېشى>>دا "باسمىل قاغانىنىڭ ئىسيانىدىن بىر -نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۆلىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈردۇم "دىيىلگەن.ئوغۇز بىلەن تۈرك ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ،ئالدىنقى تۈرك خانلىغى بىلەن كېيىنكى تۈرك خانلىغى ئارىسىدا ،تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ھەمدە تۈركمەنلەر بىلەن سەلجۇقلار ئارىسىدىكى زادى قانداق مۇناسىۋەت ،تۈرك بىلەن تۈركمەن نىمىنى كۆرسىتىدۇ ،"ئاشىنا"سۆزىنىڭ مەنبىئى قايسى،مەنىسى ھەم نىمە ؟بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر تارىخچىلارنى ئۇزۇندىن بۇيان قايمۇقتۇرۇپ كەلدى .گەرچە بۇ توغرىدا خىلمۇ-خىل بايانلار بولسىمۇ  ،لىكىن تا ھازىرغىچە قاراش بىرلىگى بولمىدى .20-ئەسىردە پانتۈركىزىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە قىسمەن كىشلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۇيغۇر تارىخى يېزىپ چىقىشى، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا "ھون مىللىتى"،"تۈرك مىللىتى"،"ئۇيغۇر مىللىتى"("ئاتالمىش" چۈشۈپ قالغاندەك تۇرىدۇ) بىلەن ئازدۇ-كۆپتۇر مۇناسىۋەتلىك .بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،يۇقارقى مەسىللەر تۈرك ،ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسى مەسىلىلەردۇر .
  

بىرىنچى ،بۆرە توتىم مەدەنىيتى بولسا ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بەلگۈسى


شەرقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ شىمالى قەدىمقى چىن ،خەن دەۋرىدىلا ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ماكانى بولغان .بۇ رايۇنلار شەرق-جەنۇپ قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى بولغاچقا ،ئىنتايىن مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ئورۇن تۇتقان .شۇڭا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇررا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيەتلىرى ،ھونلار ،رورانلار ،ئىپتالىتلار قاتارلىق سىياسى كۈچلەرنىڭ تالىشىش ئوبىكتى ۋە كۈچ سىنىشىش مەيدانى بولغان .ئوغۇز قەبىلىلىرىمۇ يۇقارقى سەۋەپلەرگە كۆرە ئەتراپتىكى رايۇنلارغا كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىپ ،شەرقتە سىبىريەنىڭ شەرقىدىكى رىنا دەرياسىدىن (勒纳河)غەرپتە بالغان يېرىم ئاراللىرىغىچە ،جەنۇپتا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالدا يېڭى سىبىريە تاقىم ئاراللىرىغىچە بولغان بىپايان رايۇنلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان .گەرچە ،ئوغۇزلار يۇقاردا ئېيتىلغان بىپايان زىمىنلاردا ياشىغان بولسىمۇ ،لىكىن شەرقى تەڭرىتاغ رايۇنى ئىزچىل ھالدا ئۇلارنىڭ پائالىيەت مەرگىزى بولۇپ كەلگەن .
    ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۆرە توتىم مەدەنىيتى ئۇيسۇن بەگلىگىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ ،يوقىلىشىغا ئەگىشىپ يوقاپ كەتمەي ،ئەكسىچە بۇ بىپايان زىمىندا ياشىغان ئوغۇز خەلقلىرى تەرپىندىن ساقلاپ قېلىندى .نەچچە يۈز يىللىق ئىجتىمائى ئەن-ئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ ،ئاخىرىدا <<جو پۈتۈگى>>دە خاتىرىلەنگەن (يارىلىش)رىۋايەت(ئەپسانە)نى شەكىللەندۈردى .ئوخشاش (يارىلىش)ئەپسانە ھونلار رىۋايەتلىرىدىمۇ ساقلاپ قېلىندى(ۋارىسلىق قىلىندى).خاتىرىلىنىشىچە ،ھونلار تەڭرىقۇتى ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ ،تەڭرىقۇت ئۇلارنى "ئاسمان ئىلاھىغا ياتلىق قىلىش "ئىستىگىدە ئىگىز مۇنار ياساپ ئىككى قىزىنى چىقىرىدۇ ،

-1-


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 18   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 ONGUR ياخشى،يارايسىز،قارىنداشلارغا چوقۇم  يارايدۇ دەپ ئويلايمەن. 2008/5/10 17:29
2 ogdulmish ناھايىتى يېقىۋاتىدۇ بۇرادەر، ئاخىرىغا تەشنامىز. 2008/5/10 18:10
3 Qutghur مەن قىلىشىپ بېرەي دەيدىغان ئەركەكلەر يوقما؟ 2008/5/10 18:58
4 ONGUR مەن شەخسەن تەرجىمە سەۋىيەمنىڭ يەتمەسلىگىمدىن ئەنسىرەيمەن. 2008/5/10 20:02
5 Yawuz قارىغاندا قۇتغۇر ئەپەندى 1- قىسىمىنى تەرجىمە قىلىشنى باشلىغان ئوخشايدۇ، مەن ئىككىنچى قىسىمىنى يوللاپ قوياي، ئاران 6 بەت كېلىدىكەن، تەرجىمە قىلىدىغانلار بولسا تەرجىمە قىلىپ باقساڭلار، قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار بىزمۇ ھە- ھۇ دىيىشىپ بېرىمىز. 2008/5/10 21:16
6 Qutghur   شۇنداق ياۋۇز ئەپەندى ،
2-قىسمى راس قىسقىكەن .بىرىنچى قىسمى 27 بەتكەن  ،3-قىسمىمۇ 5 بەتلا كېلىدىكەن .مەن ھەممە قىسمىنى  30-40بەتلىك ئوخشيدۇ دەپتىمەن .
تەرجىمە تولۇق پۇتكەندە ئاندىن رەتلەپ بىر يەرگە يىغىپ قويارمىز .مەن بىرەر ئايدا ئاران تۈەىتىدىغان ئوىشايمەن .
راس مەن خەنزۇچىسىنى قوشۇپ قالدۇرغان ياكى خەنزۇچىسىنىلا قالدۇرغان يەرلەرگە دوسلارنىڭ ھەمدەم بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .ئىملادىكى مەسىلىلەرگىمۇ قارپ قويساڭلار تەھرىرلەپ تۈزەيمەن .ئۆز تىل-يېزىغىمىز ئەمەسمۇ ،توغرا ،چىرايلىق چىقسا ئۆزىمىزگە ياخشى .
2008/5/10 22:05
7 Yawuz 自拨悉密可汗阿史那革命,数岁之间,复得我旧国
باسمىل قاغانىنىڭ ئىسيانىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۆلىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم
مەن مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم، توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشىنىڭ تەرجىمىسى بارمىكىن قاراپ باقاي، ئەگەر بولسا شۇ بويىچە تۈزەپ قويىمەن.
سىزگە ھەمدەملىشىدىغان ئادەم چىقسا ئوبدان بولاتتى.
2008/5/10 22:24
8 uyghurqizi     ئەمىسە مەن ئىملاسى ھەققىدە ئازراق سۆزلەي:
    ئىژتىمائى ئەمەس ئىجتىمائىي؛  ماقالەدىكى ئەمەس ماقالىدىكى، چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا بىر قىسىم سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا شۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ئا»، «ئە» تاۋۇشلىرى «ئې»، «ئى» تاۋۇشلىرىغا نلاۋەتلىشىدۇ؛    سوبىكتىپ ئەمەس سۇبيېكتىپ؛    ھىسياتى ئەمەس ھېسسىياتى؛    مۇناسىۋاتلىك ئەمەس مۇناسىۋەتلىك؛    ئىھتىياتچان ئەمەس ئېھتىياتچان؛    نۇرمال ئەمەس نورمال؛    قارلسا ئەمەس قارالسا؛    كەسىپ ئەمەس كەسپ؛    ئوقۇم ئەمەس ئوقۇپ؛  مىنىڭ ئەمەس مېنىڭ؛  ئىتپاقىنىڭ ئەمەس ئىتتىپاقىنىڭ؛  دىگەنلىكتۇر ئەمەس دېگەنلىكتۇر؛    خەلىقلەرنى ئەمەس خەلقلەرنى؛    نۇختىلىق ئەمەس نۇقتىلىق؛  مەدەنىيتى ئەمەس مەدەنىيىتى؛    قەبىلەلىرى ئەمەس قەبىلىلىرى؛    دىيىلىدۇ ئەمەس دېيىلىدۇ؛    ناملانغان ئەمەس نام ئالغان ياكى ئاتالغان؛    دەۋرىدا ئەمەس دەۋرىدە؛  سۆزلەملەر ئەمەس سۆز بېرىكمىلىرى ياكى جۈملىلەر (ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەملەر دەيدىغان سۆز يوق، سىز بەلكى سۆز بېرىكمىلىر ياكى جۈملىلەرنى نەزەردە تۇتقان بولسىڭىز كېرەك، بۇ مېنىڭ قارىشىن)؛      مەدەنىيەتىدن ئەمەس مەدەنىيىتىدىن؛    قەبىلەلەرنىڭ ئەمەس قەبىلىلەرنىڭ؛    مەدەنىيە ئەمەس مەدەنىيەت؛    نامىدۇ ئەمەس نامىدۇر؛  دىيىلگەن ئەمەس دېيىلگەن؛    بىرىلىپتۇ ئەمەس بېرىلىپتۇ؛    نىمىنى ئەمەس نېمىنى؛    نىمە ئەمەس نېمە؛  لىكىن ئەمەس لېكىن؛    قارش ئەمەس قاراش؛  پانتۇركىزىمنىڭ ئەمەس پانتۈركىزمنىڭ؛  كىشلەرنىڭ ئەمەس كىشىلەرنىڭ؛    قۇيغاندەك ئەمەس قويغاندەك؛    ئازدۇ-كۆپتۇر  ئەمەس ئازدۇر-كۆپتۇر؛    كۆرىۋېلىشقا ئەمەس كۆرۈۋېلىشقا؛  مەسىللەر ئەمەس مەسىلىلەر. 
      قىممەتلىك ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلىۋاتقىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت. ئىملا ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرەرسىز.
2008/5/10 22:50
9 Maliktara مەنمۇ ياردەملىشەي مىنىڭ چ چ رىم 870105558 ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ بىللە قىلساق دەيمەن . 2008/5/11 09:55
10 Qutghur

  نەقىل:
9 - قەۋەتتىكى zat_z 2008-05-11 09:55 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مەنمۇ ياردەملىشەي مىنىڭ چ چ رىم 870105558 ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ بىللە قىلساق دەيمەن .

ئېبەرتەي ،3-قىسمىنى تەرجىمە قىلىڭ ئەمىسە .
2008/5/11 10:18
 جەمئىي باھا 18  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009