يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
خۇش خەۋەر ــــ تورداشلارغا سوۋغا
يوللىغۇچى kulke   كۆرۈش 3539   يوللانغان ۋاقتى 2008/5/8 03:42  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئورخۇن مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار ، دوستلار  ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر ؟ ئىشلىرىڭلار ئاسان ، تۇرمۇشىڭلار كۆڭۈللۈك ياخشى ئۆتىۋاتامدۇ ؟
خوش ، ئونداقتا ئىشلىرىڭلار ياخشى بولغان بولسا تۆۋەندىكى بايانىمغا قۇلاق سالغايسىلەر !
مەن مۇنبەرنى كۆزدىن كەچۈرۋېتىپ ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ باش شەكلىنىڭ ھەرخىل رازمىردىدا تۇرغانلىقىنى ھەمدە بەزى تورداشلارنىڭ باش شەكلىنىڭ يوقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئورخۇن ئۈچۈن كۈچ قوشۇۋاتقان بىر قانچە ئەزالارنىڭ باش شەكلىنى ياساپ چىقتىم . شۇڭا  ئورخۇن مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالارغا ئۆزىنىڭ باش شەكلىنى مۇشۇ ئاساستا ئۆلچەملەشتۈرۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن :
باش شەكلى رازمى : 190*240 پىكسىل(كەڭلىكى 190 ، ئېگىزلىكى 240)
رەسىم شەكلى : JPG (ئەمما باشقا شەكىلدە بولسىمۇ بولىدۇ )
1. مۇنبەر باشلىقى : ياۋۇز ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



2.مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى : ئەردەۋىل ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



3.تۇنيۇقۇق ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



4.ئۇلۇغبەك ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



5.نازىمى ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



6 . ئەرتوغرۇل ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



7.ئاق كەپتەر خانقىزنىڭ باش شەكلى



8.ئۇدۇن خانىمنىڭ باش شەكلى



9. بۇ مېنىڭ باش شەكلىم



يۇقىردىكى باش شەكلىگە ئاساسەن باشقا ئەزالار ئۆزۈڭلار ماس كەلتۈرۈپ ياساپ چىقىرۋالساڭلار بولىدۇ . ئەگەر ئۆلچەملىك PSD ھۆججەت لازىم بولسا مەن ئەۋەتىپ بېرەي . ياكى بولمايدۇ قەتئىي ياسىيالمىغانلار بولسا ئۆزۈڭلەرگە يارىغان سۈرەتلەر بولسا مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا يوللاپ قويساڭلار، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ياساپ بەرسەممۇ بولىدۇ .
ھۆرمەت بىلەن : كۈلكە
2008- يىل 5- ئاينىڭ 8-كۈنى

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 31   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 Yawuz
    
   

كۈلكە ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، مەنمۇ ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاۋاز قوشۇپ، باش سۈرىتىمنى ئالماشتۇرىۋالاي. خېلى ياراشقاندەك قىلامدۇ نىمە      قايسىسى بەكراك بولغىدەك باللا
2008/5/8 03:59
2 kulke پالۋان ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



ئاي-چىۋەر خانىمنىڭ باش شەكلى



پالۋان ئەپەندىم سىز دېگەندەك ياساپ باقتىم يارىغان بولسا ئىشلىتەرسز ... يارىمىسا تەكلىپ - پىكىر بېرەرسىز ...
يەنە ئاي-چىۋەر خانىمنىڭكىنىمۇ ئىشلەپ قويدۇم .
ئاق كەپتەر خانقىزنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت ...
2008/5/8 13:22
3 kulke ئۇلۇغبەك ئەپەندىمگە رەھمەت ، يارىغان بولسىلا بولدى ...
يەنە ئىككى تورداشنىڭكىنى ئىشلەپ قويدۇم




2008/5/8 17:40
4 kulke بايا يەنە بىر قانچە تورداشلارنىڭ باش شەكلىنى ياساپ قويغانىدىم كۆرۈپ بېقىپ ياراپ قالسا شۇ ئەزالار چىقىرۋالساڭلار بولىدۇ
نىيازدىخان ئەپەنىمنىڭ باش شەكلى



غۇنچە خانقىزنىڭ باش شەكلى



بىرلىك ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



كۆك بىلگە ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



يولۋاس ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



ئوغۇز ئوغلىنىڭ باش شەكلى



ئۆگدۈلمىشنىڭ باش شەكلى



باتۇر ھوننىڭ باش شەكلى

2008/5/8 21:58
5 kulke

  نەقىل:
10 - قەۋەتتىكى mighman 2008-05-09 00:07 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ماڭا يوقما؟! مەنمۇ مىھمان پىتى ئ.ۆتۆپ كىتىۋەرمەسمەن. يامان يىرى مەزكۇر تور بەتكە كىچىكىپ كىرىپ قالغان يىرىم بار شۇ.

ياۋۇز ئەپەندىم دېگەندەك ئاۋۋال بىرەر باش سۈرەتنى چىقىرىپ قويۇڭ ئاندىن ئىشلەپ بېرەي ... ياكى ماڭا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ...
kulka0997@126.com , kulke@vip.qq.com مۇشۇ ئىككىسىنىڭ قايسىغا بولسا بولىۋېرىدۇ ...
2008/5/9 00:59
6 kulke

  نەقىل:
17 - قەۋەتتىكى Ay~chiwar 2008-05-09 10:43 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
باش سۈرەتلەر ياخشى ئىشلىنىپتۇ ، ماڭا يارىغىنى باش سۈرەت ئاستىدىكى " ئورخۇن مۇنبىرى" دېگەن ئىسىم بولدى . كۈلكە ئەپەندىگە رەھمەت !

يارىدى دەپسىز ئاي-چىۋەر خانىم ئالماشتۇرۋالماپسىزغۇ ؟ھى ھى ...

تۆۋەندە يەنە بىر قانچە ئەزالارنىڭ باش شەكلىنى ئىشلەپ قويدۇم .
كۈل بىلگىنىڭ باش شەكلى



ئاتتىلانىڭ باش شەكلى



كىم سىزنىڭ باش شەكلى



بارىسنىڭ باش شەكلى


ياسىر ئەپەندىنىڭ باش سۈرىتى


ياسىر ئەپەندى باش سۈرەتنى ئۆلچەملىك، بىردەك قىلىش ئۈچۈن ئاستىغا ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىش زۆرۈر شۇڭا ئىلتىمىساڭىزغا تازا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، مۇشۇنداق ئىشلەپ باقتىم يارىسا ئىشلىتەرسىز.
2008/5/9 11:32
7 alkut بولسا ماڭىمۇ كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتى بولسا بولاتتى،ئىمزاغا <<ئەلقۇت>>نى پىنيىنچە قىلىپ ئىشلەپ بەرسىڭىز پەقەتلا رەھمەت دىيەلەيمەن شۇ.ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ھە؟  2008/5/10 01:56
8 kulke

  نەقىل:
15 - قەۋەتتىكى alkut 2008-05-10 01:56 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بولسا ماڭىمۇ كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتى بولسا بولاتتى،ئىمزاغا <<ئەلقۇت>>نى پىنيىنچە قىلىپ ئىشلەپ بەرسىڭىز پەقەتلا رەھمەت دىيەلەيمەن شۇ.ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ھە؟ 

قاراڭ سىز ئاۋۋال سۈرەتنى تېپىڭ ئاندىن مەن ياساپ بېرەي ... ئۇنىمۇ مېنى تېپىپ ياساپ بەردېسىڭىز سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى مەن بىلىپ بولالمايمەن ...
2008/5/10 02:46
9 ONGUR ماڭىمۇ ياساپ بەرگەن بولسىڭىز 2008/5/10 17:41
10 kulke بۈگۈن يەنە بەزى تورداشلارنىڭ تەلىۋى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئويى بويىچە بىر قانچەيلەننىڭ باش سۈرىتىنى ئىشلەپ قويدۇم

بىدار قۇتلان ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



قۇتۇغۇر ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



باغۋەن ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



يارىماس ئەپەندىمنىڭ باش شەكلى



يارىماس ئەپەندىمگە : كەچۈرۈڭ يارىماس ئەپەندىم . سىزنىڭ تاللىغان رەسىمىڭىزنى قۇتغۇر ئەپەندىمگە ئىشلەپ بەردىم . سەۋەبى سىزنىڭ ئۇ رەسىمىڭىز ئىسىمىڭزغا ماس كەلمەيدىكەن . يەنى ئۈستىگە يارىماس دەپ يېزىپ ئىشلەپ بەرسەم ئاستىدىكى ئۇيغۇر دېگەن خەت بىلە قوشۇلۇپ «يارىماس ئۇيغۇر ئورخۇن مۇنبىرى» دېگەن گەپ بولۇپ قېلىپ بىزنى بۇ قەدىرلىك ئورخۇن مۇنبىرىمىزگە كەلتۈرگەن ھاقارەت بولۇپ قالىدىكەن . شۇڭا ئەپۇقىلىڭ . ئەمما ئاۇۋ رەسىمنى سىزگە ئىشلەپ قويدۇم ، يارىسا ئىشلىتىڭ يارىمىسا باشقا رەسىم بەرسىڭىز بولىدۇ ، مەن تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئىشلەپ بېرىشكە تەييار ...
2008/5/10 18:14
 جەمئىي باھا 31  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/4  |<  <<   1 2 3 4   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009