ئابدۇخالىق ئۇيغۇرئىنكاس يوللاش(0)بۇ يەرنى چىكىپ ئۆزگەرتىپ قويۇڭ
كىلياڭ-گۇماناھىيىسىگە قاراشلىق قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بىر يېزا بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى (ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى )جەنۇبىي چىگرىسى ھازىرقى كەشمىرنىڭ لاداق دېگەن يېرىگە ، غەربىي چىگرىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە تۇتىشاتتى[1].يىپەك يولى بۇ جاي ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، تارىختا غەربىي يۇرت (تېخىمۇ كونكىرتنى قىلىپ ئىيتقاندا پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قارغىلىق ، پوسكام ، يەكەن ...ناھىيىلىرى ) بىلەن ، ھىندىستان ، پاكىستان ، كەشمىر ... قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ مالغا مال ئالماشتۇرۇش ،سودا –تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان [2] . شۇ سەۋەپتىن كىلياڭدا كۆپ خىل مەدەنىيەت ، كۆپ خىل ئەنئەنە –كۆز قاراش شەكىللەنگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بەزىلىرى ئىستىخىيىلىك ھالدا كونىسى يېڭىسىغا ئورۇن بوشاتسا ، بەزى بىر خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى كۆپ يىللىق تارىخىي بوران چاپقۇنلار نى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، ھىلىھەم ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
كىلياڭلىقلارنىڭ چۈش قارىشى ۋە چۈش ئۆرۈش ئادىتى –يۇقۇرىقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چۈشنى چوڭ بىلىش ئادىتى قاچاندىن باشلاپ ، شەكىللەنگەنلىكى ۋە قايسى دەرىيجىدە ئۆزگىرىش ياساپ ، بۇگۇنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىگە دائىر ئىنىق بىر ئىسپات بولمىسىمۇ ، شۇ نەرسە ئىنىقكى كىلياڭلىقلار چۈش ۋە چۈش تەبىرىنى ئۆز تۇرمۇشىدىكى ئوت، سۇ، ئوزۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قالسىلا موھىمئورۇنغا قويىدۇ.
كىلىياڭلىقلاردا مەيلى چوڭلار بولسۇن، ۋە مەيلى ياشلار بولسۇن (زور كۆپ ساندىكى) كۆرگەن چۈشىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ ئەتىسى ھەققىدە قىياسەن پەرەز قىلىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن. مەسلەن: ئىزىق چىشى چىقىپ كېتىپ چۈش كۆرسە ياكى ئۆينىڭ غەرىپ تېمى ئۆرۈلۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە ئائىلىسىنىڭ چوڭى ، ئاساسلقى بوۋىسى ياكى دادىسى قازا قىلىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. لەغمەن يەپ ياكى لەغمەن ئېتىپ چۈش كۆرسە شۇ ئۆيدىكى بىرەيلەننىڭ ئۇزۇن سەپەرگە چىقىدىغانلىقىدىغانلىقىنى تەخمىنى پەرەز قىلىشىدۇ . سۈزۈك سۇغا چۆمۈلۈپ ياكى كېچىپ چۈش كۆرسە ئائېلىدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئىشىنىڭ خەيرلىك بولدىغانلىقىنى، روياپقا چىقمىغان ئىشلىرىنىڭ قۇتلۇق نەتىيجە بېرىدىغانلىقىغا باغلاپ ئۆزلۈكىدىن روھلىنىپ قىلىشىدۇ . ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلىرى خۇش چىراي ھالەتتە چۈشىگە كىرسە ئۇلارنىڭ باقىي ئالەمدە روھىنىڭ ئىنتايىن توق تۇرۋاتقانلىقىنى خاپا چىراي ياكى چاچلىرى ئۆسكىلەڭ، كىيىم- كېچەكلىرى رەتسىز چۈشىگە كىرسە روھىنىڭ ئاچ ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قاراپ ، دەرھال ئۆلۇپ كەتكەن ئاتا- ئانىسىنىڭ ياكى ئەجدادىنىڭ روھىغا ئاتاپ بۇي سېلىش ، ياغ پۇرىتىش ئادىتى ھىلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

→ئەگەر بۇ سۆزلۈكنى تېخى مۇكەممەل ئەمەسكەن دەپ قارىسىڭىز بۇ يەرنى چىكىپ ئۆزگەرتىپ قويۇڭ
خەتكۈچ: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ساقلاش ئورنى:

مەنىداش سۆز: مەنىداش سۆز يوق
مەزكۇر سۆزلۈككە ئائىت ئىنكاسلار (جەمئىي0پارچە)ئىنكاس يوللاش>>