تەھرىرلەش سۆزلۈك قۇرۇش
ئۇيغۇر قامۇسى

تاھىربەگئىنكاس يوللاش(0)بۇ يەرنى چىكىپ ئۆزگەرتىپ قويۇڭ

تاھىربەگ


  1912-يىلى دۆلىتىمىزدە تارىخنى ئۆزگەرتىدىغان مەشھۇر ئىنقىلاب - <<شىنخەي ئىنقىلابى>> پارتلاپ ، نەچچە مىڭ يىللىق چىرىك فېئوداللىق خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ ، جۇڭگو تۇپرىقىدا تۇنجى جۇمھۇرىيەت دۇنياغا كۆز ئاچتى ، جۇمھۇرىيەتكە سۇن جوڭشەن ئەپەندى بۈيۈك رەئىس جۇمھۇرلىققا سايلاندى . تۇنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ زوڭتوڭ سايلىمىدىن ئىبارەت دەل مۇشۇ دەۋر بۆلگۈچ مۇراسىمغا گۇۋاھ بولغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى ۋەكىلى بولۇپ سايلامغا قاتناشقان بىر كىشى بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ، ھاياتىنى ۋەتەننى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇش ، خەلقنى يورۇق تاڭغا ئېرىشتۈرۈش يولىدا قۇربان قىلغان مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي ، جامائەت ئەربابى ، ئىنقىلابچى تاھىربەگ ئەپەندىدۇر . بىز بۇ ماقالىمىزدا 20-ئەسىرنىڭ 20-،30-يىللىرى شىنجاڭ زېمىنىدا خۇددى يورۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ ئۆتكەن تاھىربەگ ئەپەندىنىڭ جۇشقۇن ئىنقىلابى ھاياتى ، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ، شۇنداقلا بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك روھى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز .

 

مۇندەرىجە

[ھەممىنى كۆرسۈتۈش]

چېچەن ئوغۇلبۇ بۆلەكنى تەھرىرلەشمۇندەرىجىگە قايتىش

  تاھىربەگ ئەپەندى 1878-يىلى نەچچە يۈز يىل دەۋران سۈرگەن شەرقىي چاغاتاي خاندانلىقى ۋە تۇرپان ئىنانچىخانلىقى(تۇرپان ۋاڭلىقى)نىڭ ئاستانىسى بولغان ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۇرت -لۈكچۈن شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئاتىسى ھېيتبەگ تۇرپان ئىنانچىخانلىقى تەۋەسىدىكى تونۇلغان جامائەت ئەربابى ، مەرىپەتپەرۋەر ، پۇلدار كىشى ئىدى . چېچەن ئۆسكەن تاھىربەگ باي ھەم مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىدەك ئەۋزەللىكى بىلەن ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن سىستېمىلىق تەربىيە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن . دەسلەپكى قۇرئان ساۋاتى ۋە ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، ئەينى دەۋردە شەرقىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان ، سۇلتان سەئىدىخان ، ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى قىسسۇرى ، موللا زەيدىن ، نەمەت خەلپەت قاتارلىق ئەلەمدار ، شائىر ، سۆز ئۇستىلىرىنى يېتىشتۈرگەن مەرىپەت ئوچىقى - لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە ئەتراپلىق تەربىيە ئېلىشقا باشلىغان . تاھىربەگ ئاتىسى ھېيتبەگ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تاغىلىرىدىن تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ ئوردا بېگى ئامىربەگ ، ھېزىبۇللا بەگ ۋە ئانىسى سارە خېنىملارنىڭ ھىمايىسىدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ، چىڭ سۇلالىسى شۇ چاغلاردا ئەمەلدار ۋە تىلماچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە لۈكچۈندە ئاچقان <<شۆتاڭ>> دا خەنزۇچە ئۆگەنگەن . ئۇ ئۆزىنىڭ چېچەنلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغىچە شۇ دەۋردىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىپ ، ئەرەب ، پارس ، خەنزۇ ، رۇس تىللىرىنى ئۈگۈنۈپ ، ئۆز زامانىسىنىڭ زىيالىسىغا ئايلانغان .

مەرىپەتلىك سودىگەربۇ بۆلەكنى تەھرىرلەشمۇندەرىجىگە قايتىش

  1900-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ياشلىق جاسارىتى تازا ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ، تاھىربەگ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن سودا ئىشلىرىغا كىرىشكەن . كېيىنچە تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ئۈرۈمچى ، چۆچەك قاتارلىق تاشقى سودا نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيىنىڭ شەمەي ، قازان ، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدە پاختا ، يۇڭ-تېرە ، ھەر خىل يەرلىك مەھسۇلاتلارنى يۆتكەشتىن ئىبارەت چوڭ سودىلارنى قىلغان . بۇ جەرياندا ئۇ رۇسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالىيلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان . بىر تەرەپتىن سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، يېڭىچە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن . ماركسىزم ، لېنىنىزم ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ، ئىدىيە جەھەتتە ئالغا باسقان . رۇسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى ، ئىلىم-پەنگە يۈزلىنىش ئومۇمىي ئېقىمى ، كىشىلەرنىڭ مول ۋە قايناق سىياسىي ، ئىجتىمائىي ھاياتى ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق قاتارلىقلار ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ، تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىلغار كۆز قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ، ئۆز يۇرتىنىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا ئاساس بولغان .

  شۇ چاغلاردا تاھىربەگ ئەپەندى رۇسىيىدىن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۈرۈمچى ، تۇرپاندا ساتقان ھەمدە خېلى ياخشى پايدىغا ئېرىشكەن . ئۇ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سودا تالان-تاراجىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىلغار پەن-تېخنىكىغا ، سانائەتلىشىشكە تايانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىلا ، ئاۋام-خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، رۇسىيىگە قىلغان كېيىنكى قېتىملىق سودا يۈرۈشلىرىدە ، ئۈسكۈنىلىرى خېلى ئىلغار بولغان پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى كىرگۈزگەن . ئۇ زاۋۇتنى لۈكچۈندە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، زور مىقداردىكى پايدىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ چۆنتىكىگە ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان . بۇ زاۋۇت تۇرپان ئاستانىدىكى مۇھىتلار جەمەتى قۇرغان پاختا زاۋۇتىدىن كېيىنلا تۇرپاندا قۇرۇلغان زامانىۋى سودا ئابىدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

  تاھىربەگ ئەپەندى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، ئىلىم تەھسىل قىلىش ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا ، خەلقنىڭ غېمىنى يەپ ، تولغاق ئازابى چېكىۋاتقان ، جاھالەتلىك تۈزۈمگە قارشى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار ، جامائەت ئەربابلىرى بىلەن دوستلاشقان ، ئىدىيە ، پىكىر ئالماشتۇرغان . شۇ چاغلاردا موسۇل مۇھىتى ، مەخسۇت مۇھىتى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ھەيدەر سايرانى ، نەمەت خەلپەت قاتارلىق ھەر ساھە ، ھەر قاتلام ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرى ئۇنىڭ دائىملىق مەسلەكداشلىرى بولغان . ھالبۇكى ، تاھىربەگ ئەپەندىنىڭ كىشىلەرنى تەشكىللەش ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى رولى بارغانچە مۇھىم بولۇپ قالغان . ئۇ شۇ چاغلاردا كۆپ تىل بىلىدىغان زىيالىي بولۇش سۈپىتى ۋە توشقان بىلىمى ، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئىجتىمائىي تالانتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان . ئۇ بۇنداق كۆپ تەرەپلىمە تالانتى ، خەلقپەرۋەر روھى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى بىلەن ، ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان

سۇن جوڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشبۇ بۆلەكنى تەھرىرلەشمۇندەرىجىگە قايتىش

  تاھىربەگنىڭ تازا روناق تاپقان ، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان بۇ نەۋقىران چاغلىرى دەل شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىنى دېموكراتىك ئىنقىلاب ھىدى قاپلىغان ئاچقۇچلۇق دەۋرگە توغرا كەلگەنىدى . جۇڭگودا نەنجىڭ پايتەخت قىلىنغان دېموكراتىك جۇڭگو قۇرۇش ۋە تۇنجى قېتىملىق بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى . مەركىزىي ھۆكۈمەت 1912-يىلى 1-يانۋاردىكى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن ،شىنجاڭدىن 13 نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرغان ئىدى . ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخىرى ھەر جەھەتتىن تالانتلىق بولغان تاھىربەگنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ، بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ ، نەنجىڭگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . بۇ چاغدا تاھىربەگنىڭ مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىق مەسلەكداشلىرى بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى قالاق ھالىتىنى يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، مىللەتنى ئاقارتىشقا ئائىت نۇرغۇن تەلەپ ، پىكىرلەرنى تەييارلاپ ، تاھىربەگ ئەپەندىنى نەنجىڭگە يولغا سالدى . تاھىربەگ ئەپەندىنىڭ ئىدىيىسى سۇن جوڭشەن رەھبەرلىكىدىكى بۈيۈك دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ كۈرەش ئىدىيىسى ، نىشانى بىلەن بىردەك بولغاچقا ، ئۇ بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمىغا نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ باردى . بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمى جەريانىدا ، جوڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پىشىۋاسى سۇن جوڭشەن ئەپەندى تاھىربەگ ئەپەندىنى قوبۇل قىلىپ مەخسۇس سۆھبەتلىشىپ ، جۇمھۇرىيەت پروگراممىسىغا پىكىر ئالدى . تاھىربەگ يەنە سۇن جوڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە ، شىنجاڭدا يەرلىك مۇختارىيىنى يولغا قويۇش ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى . شىنجاڭ خەلقىنى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نادانلىق ، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ ، ئاقارتىش ئىشلىرىنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى . ئاخىرىدا سۇن جوڭشەن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تاھىربەگنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قويغان تەلەپلىرىنى تېزلىكتە ھەل قىلىش توغرىلىق ۋەدە بەردى . ئەپسۇسكى يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ جوڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە ، يېرىم فېئوداللىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى ، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمىغانلىقى ، مۇتەئەسسىپ فېئودال كۈچلەر بىلەن چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ بىرلىكتە موداخىلە يۈرگۈزۈپ ، زور بېسىم پەيدا قىلىشى بىلەن ، سۇن جوڭشەن ئەپەندى ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ، تاھىربەگ باشچىلىقىدىكى زىيالىيلارنىڭ تەلىپى شۇ پېتى قېپقالدى . تاھىربەگ ئەپەندى ھۆكۈمەتتىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ  ، <<ياپسام پىشارمۇ ، كۆمسەم پىشارمۇ>> دەپ ساقلاپ ئولتۇرغاندا ، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، مەسلەكداشلىرى بىلەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ، ئاقارتىش ھەرىكىتىنى باشلاش قارارىغا كەلدى . بۇ چاغدا ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ ، يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ، بىرنەچچە ئادەمنىڭلا تىرىشىپ-تىرمىشىشىنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كەڭ خەلقنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى .   

«تاھىرىيە مەكتىپى»بۇ بۆلەكنى تەھرىرلەشمۇندەرىجىگە قايتىش

  17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى .

قوپ ئەي ئاداش ، ئەتراپىڭغا باق ،

باق ، نە كۆرەرسەن ؟ ئويلىغىن ئۇزاق .

دەردۇ-ئىبرەتلەر كېلۇر جاھاندىن ، ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق .

.....    ..... ......

دىگەندەك خىتابلار شىنجاڭدىمۇ يامراپ ، يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ بىخلىرى بوي تارتىشقا باشلىدى . بۇ يېڭىچە مەكتەپ مائارىپ <<ئۇسۇلى جەدىت>> دەپ ئاتالدى . ئۇسۇلى جەدىتنىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئافغانى (1897-1838) بولۇپ ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى . بۇ ئىسلاھات يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .  <<ئۇسۇلى جەدىت>>نىڭ شىنجاڭدىكى مۇھىم تەشەببۇسچىلىرى ۋە باشلامچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۈسەيىن مۇساباي ، باھاۋۇدۇن مۇساباي ، ئابدۇقادىر داموللا ، تاش ئاخۇنۇم ئەزىزى ، تۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت مۇھىتى ، كۇچاردا ھامىد ھاجى قاتارلىقلار ئىدى .

    1913-يىلى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئالاھىدە زور رول ئوينىغان ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىتلار جەمەتىدىن مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات مەخسۇت مۇھىتى تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدا <<مەخسۇدىيە مەكتىپى>> نامىدا پەننىي مەكتەپ قۇرۇپ ، تاتارىستاندىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشنى باشلىۋەتكەنىدى . تاھىربەگكە بۇ ئىش زور ئىلھام بېغىشلىغان . ئۇ مۇشۇنداق رېئاللىق ئالدىدا ، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلاردىنمۇ بەكرەك ئىلىم-مەرىپەتكە موھتاجلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى . كەسكىن قارارغا كەلگەن راھىربەگ ئەپەندى بىر تەرەپتىن سودا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاقارتىش ، مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلدى . ئۇ 1915-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۇت مۇھىتى رۇسىيىدىن ئېلىپ كەلگەن خەسەن فەھىمى ، مۇھىددىن ئەپەندى ، مۇرات ئەپەندى قاتارلىق تاتار ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، لۈكچۈندە يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن ئېلىپ باردى . تاھىربەگ يېقىن سەبدىشى ۋە ئىشەنچىلىك ئاغىنىسى ھامۇت رېقىپ مەخسۇمنى ئىشقا سېلىپ ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن لۈكچۈن خانلىق مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى رېقىپ قازى ئاخۇنۇمنى قايىل قىلىپ ، مەدرىس تالىپلىرىدىن 100 بالىنى يېڭىچە ئوقۇتۇشقا ئاجرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . ئوقۇغۇچىلار 3 سىنىپ قىلىپ تەشكىللەندى ۋە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە رەسمىي ئوقۇش باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن قەدىمىي دىيار لۈكچۈن تۇپرىقىدا تۇنجى پەننىي مەكتەپنىڭ مەشئىلى يېقىلىپ ، مائارىپ تارىخىدا يېپيېڭى سەھىپە ئېچىلدى . تاھىربەگ ئەپەندى كەم ئۇچرايدىغان جاسارەتلىك ئادەملەر تىپىدىن بولۇپ ، ئەكسىيەتچى ، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلالايدىغان ، ئەلنىڭ غېمى ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشتىن يانمايدىغان قەيسەر كىشى ئىدى . شۇڭا ئۇ مەكتەپنى دەسلەپتە خانلىق مەدرىستىن ھازىم ھاجى ئىسىملىك تەرەققىيپەرۋەر مۆتىۋەر زاتنىڭ قورۇسىغا يۆتكىدى ، ئاندىن ئۆز قورۇسىغا مەكتەپ سېلىپ ، بۇ مەكتەپكە <<تاھىرىيە مەكتىپى>> دەپ نام قويدى . بۇ ھال ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن جەدىتلەرچە قىلىنغان پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىق ئىدى . چۈنكى ، ئەينى دەۋردە ھەممە ياقنى جاھالەت تۇمانلىرى قاپلىغان ، خۇراپاتلىق ، تەقدىرچىلىك ۋەسۋەسىسى كىشىلەرنىڭ روھىنى كىشەنلەپ ، ئۇ دۇنيانىڭ دوزىخىي كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە سېلىپ تۇرغاچقا ، كىشىلەر يېڭىلىققا ئىنتىلىش تۇرماق ، خىيال قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان دەۋر ئىدى .

  تاھىربەگ ئەپەندى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەردى . ھەپتىلىك دەرس سېتكىسى بويىچە 4 سائەتلىك دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى .ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لېكسىيىسى بېرىپ تۇرۇش ، مۇنتىزىم تۈزۈمگە ئايلاندى . شۇ چاغدىكى تۈزۈم بويىچە ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن كۈندىلىك دەرس مەشغۇلات ۋاقتى 6 سائەت ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 5 سائەت قىلىپ بەلگىلەندى . بۇنىڭدىن باشقا ، ھەر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچى دىجورنى بولۇش ، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۈزۈمىمۇ يولغا قويۇلغانىدى . دىجورنى مۇئەللىم خاتىرە تۇتۇپ ، ھەر كۈننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ، ياخشى-يامان ئەھۋاللار ئۈستىدە ئۇچۇر بېرىپ تۇرغان ، شۇنداقلا قەرەللىك ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى . بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش ۋاقتى ئۈچ يىل بولۇپ ، مەكتەپتە ئانا تىل ، ھېساب ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئىلمىي تەجۋىد ، شېئىر ، تەنتەربىيە ، خۇشخەت دەرسلىرى ئۆتۈلگەن . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ، يېڭىلىققا ئوتتەك ئىنتىلىپ تۇرىدىغان دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدە زور ئىلگىرلەش كۆرۈلگەن .  <<تاھىرىيە مەكتىپى>> دە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈشى ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلارغا خەت يازدۇرۇپ ، كىتاب ئوقۇتۇپ كۆرۈشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق سۆزلەپ ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىشى مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن . بۇنىڭ بىلەن <<تاھىرىيە مەكتىپى>> نىڭ داڭقى يىراق-يېقىنغا تارقالغان . بۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ كۆپەيگەن . تاھىربەگ يەنە تۇرپان ئاستانىدىن ھەيدەر سايرانى ، شاھى شەرىف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ ، ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيگەن .

    1920-يىلىغا كەلگەندە ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار  <<تاھىرىيە مەكتىپى>> دە ئوقۇش ئۈچۈن كېتىپ قالغاچقا ، بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ موللاملار ئوردا قازىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، بەزى ئىماملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،  <<تاھىرىيە مەكتىپى بالىلىرىمىزنى جەدىت قىلىۋەتتى ، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار ئۇ دۇنياغا ئىمانسىز كېتىدۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ يەردىن قوغلاش كېرەك >> دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ ، پەننىي بىلىمنىڭ تارقىلىشىغا قۇلايسىز شارائىت پەيدا قىلغان . ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇلار بىر مەسچىتتىكى نادان كىشىلەرنى تەشكىللەپ ، قوللىرىغا تاياق-توقماقلارنى تۇتقۇزۇپ ،مەكتەپكە باستۇرۇپ كەلگەن . بۇ چاغدا تاھىربەگ ئەپەندى زۇلمەتلىك قەلبلەرنى يورۇتقۇچى بۇ گۈلخاننىڭ ئۆچۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ھەيدەر سايرانىنى يوشۇرۇنچە يولغا سېلىۋېتىپ ، قىلچە ئىككىلەنمەي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ، مەكتەپكە باستۇرۇپ كەلگەنلەرنى توسقان ۋە غەزەپ بىلەن <<بۇ مەكتەپنى ئاچقان مەن ، قېنى ، ئۇرۇپ پۇخادىن چىقىدىغان ئىش بولسا ، مېنى ئۇرۇڭلار  !>> دېگەن . تاھىربەگنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرۇشى ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلەرگە ئالدىنىپ كېلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ، قارا نىيەتلەر ئامالسىز قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . شۇنداقتىمۇ بۇ جاھىللار قارا قولىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۇنۇپ ، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى مەدرىسكە قايتۇرۇپ كەتكەن . مەدرىسكە قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار رېقىپ قازى ئاخۇنۇمنىڭ تەكلىپى بويىچە ، ئۆز سىنىپلىرىنى ئاساس قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يىغىلىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار قايسى ئۆيگە يىغىلغان بولسا ، شۇ ئۆيگە بېرىپ دەرس ئۆتىدىغان بولغان . ئوقۇتقۇچىلار شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىغا ماسلىشىپ ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بولغان مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، تارقاق ھالەتكە كۆچكەن ۋە ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي دەرسلەرنى داۋاملىق ئۆتكەن . كىشىلەر ئەمەلىيەتنى كۆرۈش ئارقىلىق ، بارا-بارا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولغان ، بەلكى قارشى تۇرغان . بۇ مەكتەپ كېيىنچە قىز ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلغان .  <<تاھىرىيە مەكتىپى>>نىڭ تۈرتكىسىدە ، پەننىي مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان . 1923-يىلى گۈلبەگ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ ئېچىلغان . 1928-يىلى يەنە ھازىم ھاجىنىڭ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ ئېچىلغان . <<تاھىرىيە مەكتىپى>> ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى تۈپەيلىدىن 1930-يىلى تاقىلىپ قالغان . 15 يىلدا مەكتەپ خەلقىمىز ئۈچۈن 400گە يېقىن ئىدىيىسى يېڭى مائارىپ بىلەن قوراللانغان بىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن . دېمەك ، تاھىربەگ ئەپەندى پىچان تارىخىدا تۇنجى مەرىپەت مەشئىلىنى ياققان جەسۇر ، قەھرىمان ئوغلان بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالدى .

ھارارەتلىك مەشئەلبۇ بۆلەكنى تەھرىرلەشمۇندەرىجىگە قايتىش

  خوجىنىياز ھاجى 1934-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ، پىچان ناھىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يېقىن سەبدىشى ۋە قابىل ياردەمچىسى تاھىربەگ ئەپەندىنى 1935-يىلى پىچان ناھىيىسىگە ھاكىملىققا تەيىنلىدى . تاھىربەگ ئەپەندى پىچانغا ھاكىم بولغان قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ ، ئاقارتىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى . ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە پىچان ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ، لۈكچۈندە بىۋاسىتە تارماق ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى . ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ، مائارىپ ، ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ، مەكتەپ ئېچىش ۋە باشقۇرۇش ، مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى . بۇنىڭ بىلەن پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدە پەننىي مەكتەپلەر ۋە بۇ مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى . پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدىسىگە ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 5 سانتىمېتىر كېلىدىغان سېرىق رەختكە «ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن خەت يېزىلغان بەلگە چاپلانغانىدى . بۇنداق بولمىغاندا ، مەيدىسىگە بەلگە چاپلانغان بالىلار باشقا بالىلارغا  قارىغاندا ئەركىنرەك يۈرەتتى . بىرەر مەھەللىگە بېرىپ قالغۇدەك بولسا ، باشقىلار ئۇلاردىن ئەيمىنەتتى . ئۇندىن باشقا بۇ بالىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلار يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھاشارغا ھەيدىشىدن ئەندىشە قىلاتتى .   

ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى يەنە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ كىيىمىنىڭ بىر خىل بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرگەنىدى . شۇ چاغدا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم -كىچىكى كۆك ، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوپتىسى قىزىل ، يوپكىسى كۆك ئىدى . پىچان ناھىيىسى بويىچە ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئانا تىل ، ھېساب ، تارىخ ، جۇغراپىيە ،ھۆسنخەت ، تەنتەربىيە ، شېئىر دەرسلىرىنى ئوقۇتۇش بىرلىككە كەلگەن . ئەينى دەۋردە ئوقۇتۇش تۈزۈمىمۇ رەتكە سېلىنىپ ، خېلىلا مۇكەممەللەشكەن .

ئاتۇش ئېكساقتا باشلانغان ، كېيىنكى دەۋرلەردە تۇرپاندىكى «مەخسۇدىيە» ۋە «تاھىرىيە» مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بويىچە ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىپ تۆت دەرىجە بويىچە ئايرىلاتتى . مەسىلەن : 1-دەرىجىلىكلەر «ئەلىيۇلئەلا» ، 2-دەرىجىلىكلەر «ئەلا» ، ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر «ئەۋسات» ، ئۆتەلمەي قالغانلار «ئەدنال» دەپ ئاتىلاتتى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىلىرى پۈتۈن ئاھالىلەر قاتناشقان ھالدا قىزغىن ھەم داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلەتتى . ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 4 دەرىجە مۇكاپات بىلەن قەدىرلىنەتتى . مەسىلەن : 1-دەرىجىلىكلەرگە تەخسىمنامە ، 2-دەرىجىلىكلەرگە ئاپىرىننامە ، 3-دەرىجىلىكلەرگە تەقدىرنامە ، 4-دەرىجىلىكلەرگە شاھادەتنامە تارقىتىلىپ بېرىلەتتى . ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 12- ، 13-، 14 -كۈنلىرىنى پائالىيەت كۈنى قىلىپ بېكىتىپ ، پۈتۈن ناھىيىدىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە بازىرىغا يىغىپ ، ئەدەبىيات -سەنئەت ، نۇتۇق سۆزلەش ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرغان . يىغىلىشتا ياخشى مەكتەپ ، ياخشى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلەنگەن .

  شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى «سانايى نەپىسە » تەشكىللەپ ،ھەرقايسى يېزا-كەنت ، مەھەللىلەردە تالاي قېتىم «شاڭخەي كېچىسى» ، «قانلىق لۇگۇچياۋ» ، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» ، «گۈل ئاچىل» ، «زەينەپكە تۆھمەت» ، «ئۆگەي ئانا»  ، «ئۆلۈك ساتتى» ، «ئۆرگىلەي پەلەك»قاتارلىق دىرامما ، كومېدىيە ، ناخشا-ئۇسۇللارنى ئويناپ خەلقنى ئويغاتتى . بەزى ئويۇن مەيدانلىرىدا ئويۇن كۆرگۈچىلەر ھەتتا نەچچە مىڭ كىشىگە يەتتى . ئويۇن ئاخىرلاشقاندا ، تەسىرلەنگەن ئامما ئۇيۇشمىلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن پۇل ، ئاشلىق ، پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى مەردلەرچە ئىئانە قىلدى . بۇ ئىئانىلەرنىڭ بىر قىسمى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيۇشمىلار ، سانايى نەپىسە ۋە مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتى قىلىندى . يەنە بىر قىسمى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ياردەم قىلىندى . دېمەك ، مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش كەڭ خەلقنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەھمىيەتلىك ھەرىكەتكە ئايلاندى . پىچان ناھىيىسىدە مانا مۇشۇنداق قويۇق ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىي ھاياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ، ھاكىم بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان تاھىربەگ كېچە-كۈندۈز دېمەي جاپالىق ئىشلەپ ، ھېسابسىز قان تەر ئاققۇزدى . ئۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ، ھەق-ناھەق مەسىلىسىگە سەزگۈر بولۇپ ، ھەرۋاقىت ئامما تەرەپتە تۇرۇپ ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەدلى-ئادالەتلىك ھاكىم ئىكەنلىكىنى ئاممىغا تونۇتتى .

  ئىككى يۈزلىمىچى جاللات شېڭ شىسەي بىر مەزگىل گۈللەنگەن مىللىي مائارىپ ئىشلىرى ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى ، سانايى نەپىسە ، ئەدەبىيات -سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە بارغانچە تەھدىت شەكىللەندۈرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ، بۇنىڭغا قارشى يوشۇرۇن ئېقىم پەيدا قىلدى . كىم باش كۆتۈرگەن بولسا ، شۇنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشتى . شۇلارنىڭ قاتارىدا تاھىربەگنىمۇ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتتى.

  1936-يىلى تاھىربەگ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار نازىرى بولدى . 1937-يىلى كۈزدە تاھىربەگ ئىنقىلاب پېشۋاسى خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى . 1938-يىلى 2-ئايدا خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە پاجىئەلىك ھالدا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى . 

→ئەگەر بۇ سۆزلۈكنى تېخى مۇكەممەل ئەمەسكەن دەپ قارىسىڭىز بۇ يەرنى چىكىپ ئۆزگەرتىپ قويۇڭ

خەتكۈچ: مەشھۇر شەخسلەر

ساقلاش ئورنى: Favorites  

مەنىداش سۆز: مەنىداش سۆز يوق

مەزكۇر سۆزلۈككە ئائىت ئىنكاسلار (جەمئىي0پارچە)ئىنكاس يوللاش>>