Quote:
14 - قەۋەتتىكى Ulughbek 2008-12-03 10:48 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
توغرا."بابۇرنامە"دە ئېنىق شۇنداق دېيىلگەن.نۇرغۇن نەسەبنامەلەر ھەر خىل سەبەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، بەلكىم ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چىڭگىزخاننىڭ 20نەچچىنچى ياكى 30نەچچىنچى ئەۋلادىغا ئۇلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شانلىق تارىخىنى بىلگىلى بۇلاتتى.چۈنكى "سەئىدىيە خانلىقى"دىن كېيىن، بۇ يەردىكى مۇغۇللار پارغا ئايلىنىپ يۇقاپ كەتمىگەن.ھازىرقى ئۇيغۇرلار دەل شۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاھالەلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى.گەرچە مۇغۇللار سان جەھەتدىن يەرلىك ئاھالەلەردىن ئاز، ياكى مەدەنىيەت جەھەتدە تىز ئاسسىمىلاتسىيە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ چىڭگىزخان قەۋمىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئىسىدىن چىقىرىشمىغان ھەم پەخىرلىنىپ تۇرۇپ نەسەبنامە قالدۇرۇشقان. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن شۇ مۇغۇللار بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى بۇلۇپ كەتكەن.ئۇيغۇرلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن مۇغۇل قەبىلەلىرى ئىچىدە كاشىغەرنى سورىغان "دوغلاتلار" ۋە دوغلاتلار بىلەن ئىزچىل تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ دوستانە ئۈتۈپ كەلگەن"بارلاسلار" ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئىنتايىن ...........................