Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇر مائارىپى تارىخى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق غا يۆتكەلدى (2008-01-04)
                        ئۇيغۇر مائارىپى تارىخى

                                 ئۇيغۇر مائارىپىغا كىرىش سۆز

                                          ئابدۇللا تالىپ.

        
          ئىلىم - پەن تارخچىلېرى 20 - ئەسىرنى "ئىلىم پەن پارتلىغان دەۋر" دەپ ﻫۆكۇم قىلىشماقتا.

  مائارىپنىڭ گۇللىنىشى ئارقىسىدا، ﻫازىر دۇنيادا يىلىغا 650 مىڭ خىل كىتابيىزىلىپ، مىنۇتىغا بىر خىل كىتاب نەشر قىلىنماقتا، كۇنىگە 900 خىلكەشپىيات بارلىققا كەلمەكتە، ﻫەر كۇنى 1500خىل ئىلمىي دېسسىرتاتسىيە ئىلانقىلىنۋاتقان ئىلمىي دېسسىرتاتسىيە 5 مىليوندىن، ئىختىرا كەشپىياتلار 350مىڭدىن ئاشماقتا.
پەن - تىخنىكا ساﻫەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۇچ چوڭ ئىنقىلاب (پارقۇۋۋىتى، ئىلىكتىر قۇۋۋىتى، ﻫىسابلاش ماشىنېسى) نىڭ ﻫەممىسى مائارىپتەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا ئالىملار: "ﻫازىرقى زاماندەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىنى - مائارىپ" دەپ مۇئەييەنلەشتۇرمەكتە.
ئىقتىسادشئۇناسلارنىڭ پەرىزىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچئىلارنىڭئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 43%؛ ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 108%؛ ئالىي مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 300% بولىدىكەن. بۇ پاكىتتىن مائارىپنىڭجەمئىيەت تەرەققىياتىدا نەقەدەر مۇﻫىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىنمەلۇم.
ئېلىمىزدە توتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كۇرەش نىشانىسىىئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن، مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىمىز كۇندىن -كۇنگە گۇللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، جۇملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرمائارىپىمۇ ئىنتايىن تىز راۋاجلانماقتا. بۇ تەرەققىياتنى بىز مائارىپتارىخشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما مائارىپشئۇناسلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىداتەتقىق قىلىپ كۆرسەك تىخىمۇ ئوچۇق كورۇۋالالايمىز.
ئۇيغۇر مائارىپ تارخىغا ئائىت ﻫازىرغىچە ﻫىچقانداق سىستىمىلىق ماتىريالغائىگە بولمىغىنىمىز ئۇچۇن، دەسلەپكى ئىزدىنىش مىۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچەتارىخ يىزىلدى. بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارخشۇناسلىقى ۋە مائارىپسېلىشتۇرماشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلېرىمىز ۋەتەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىگە ئاز - تولا ئىلﻬام بەرگۇسى، دەپئىشئىنىمىز.

1 - باب مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى :

"ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۇلۇك كاتەگرىيە" (ۋ.ئى. لەنىن) بولغىنى ئۇچۇن، تەلىم - تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىيجەمئىيەتنىلا باشلانغان . بۇ "ئىپتىدائىي مائارىپ" باسقۇچىدا ئاتا -ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا،پىشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئۈگىتىلىدىغان دەرس تۇرلىرى بولساقۇرال - سايمانلارنى ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئوي قۇشلىرىنى ئۈگىتىشئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن قوغدېنىش ماﻫارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۇرگۇزۇلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرسخانائىدى.
كىيىىنرەك، ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەﻫسۇلات ئىشىنىدىغانبولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۇرلىرى ئايرىلىپ چىقتى.بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۇزۇم، دولەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى.
مۇشۇ ئوبيكتىپ مەۋجۇدىيەت يىزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۇرتكە بولدى.
يىزىق (خەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمقى مىسىرداكەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خىتىدۇر، شۇ چاغدامېسىردا يەنە سامانقەغەز، كالىندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كىيىنئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى.
مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. "مەكتەپ" دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇشۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇ .
دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمقى مىسىرنىڭ تىببىس (تﻬەبەس) دىگەن يىرىدەقۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - "ئوقۇتۇش ئورگىنى" دەپئاتىلاتتى.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى پىتاﻫ ﻫۇتىپتەرىپىدىن يىزىلغان "سەبۇيەت" ۋە "ئەخلاقنامە" ناملىق كىتاب رەسمىيئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بىكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردەبابىلۇندا پادشاﻫ ئاشئۇربانپالنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان.
لىكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كوپلەپ يېزىلىشى ﻫەرپلىك خەت ئىجادقىلىنغاندىن كىيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمقى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000يىللار ئىلگىرى جاﻫان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى "ئېلىپبە" (1)كىتابىنى تۇزۇپ چىقتى ،
قەدىمقى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۇرتكىسىدە، قەدىمقى يۇناندا تۇنجىپىداگوگىكا ئورگىنى ئەپىب (ئەپىب) قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم -تەربىيە ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى.
بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ،"ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇئاتالغۇ كىيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پىداگوك"دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يىتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يىتەكلەش"دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يىتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدادىداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گېرك تىلىدا بۇ سۆز دىداكتىكوس (مەنئوقۇتىمەن) دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۇزۇمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىپىداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچئىلىرى بولسا "مۇئەللىم" دەپ ئىنىق ئايرىلدى.
ئۇزۇن ئوتمەي، قەدىمقى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلاريىتىشىپ چىقىپ، مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرىكوتۇرۇلدى. ئۇلارنى كىشىلەر سوپىست ("ئىلىم گۇرۇﻫى") دەپ ئاتاپ، بەكﻬورمەت بىلەن تىلغا ئىلىشىدىغان بولدى.
ئىلىم گۇرۇﻫىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشﻬۇر ناتىق (ئاراتۇر) لاردىنبولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۇرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىقى يۇناندائارقا ئارقىدىن ئاكادەمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3) قۇرۇلدى. مائارىپتارىخىدا بۇ دەۋر "كلاسسىك مائارىپ دەۋرى" دەپ ئاتىلىدۇ.
كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە خىل دەرس: گېرك - لاتىنتىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى،دىئالىكتىكا، ماتىماتىكا،گىئومىترىيە،ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۇزۇلگەن. بۇ "يەتتە سەنئەت" دەپ ئاتالغان.
يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كىيىنرەك يەنە تەنتەربىيەماﻫارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 - يىلى قەدىمقى يۇناننىڭئولۇمپىيە دىگەن يىرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ﻫەرىكىتىكىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۇرتكە بولدى.
كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشﻬۇر ئالىملار،پەيلاسوپلار ۋە پىداگوگلارنىڭ ئەڭ بۇيۇك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس(6)، دەموكرىت (7) قاتارلىقلار تەلىم - تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىيقىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۇرۇش سىستىمىلىق پىداگوگىكا نەزەرىيىسىنىئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى،دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شئوﻫرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىنبۇرۇنقى 384 - 322 - يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا"روكيان" ناملىق مەشﻬۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپىراتورئىسكەندە زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8)ئالتۇن ﻫەدىيە قىلغان.
ف. ئېگىلىس ئارىستوتىلنى قەدىمقى دۇنيادا "ﻫەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭئالىم ئىدى" دىگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم - پەننىڭ ﻫەممىلا ساﻫەلىرىدەئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان.ئارىستوتىل سىياسىي تۇزۇم ئۇستىدە 158 خىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ئارىستوتىل ئىلم - پەننى تۇنجى قىتىم ئۇچ چوڭ كاتەگورىيە (نەزەرىيىۋىبىلىم كاتەگورىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتەگورىيىسى، ئىجادىيەتپېنى كاتەگورىيىسى) گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتىماتىكا، لوگىكا، دىئالىكتىكاۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتەگورىيىسىگە؛ئخلاقشۇناسلىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىستراتگىيەشئۇناسلىق ئىلىملىرىنىئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتەگورىيىسىگە؛ شېئىر، مۇزىكا ۋە باشقاﻫەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى كاتەگورىيىسىگە ئايرىغان.
ئارىستوتىل - يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى،دىئالىكتىكا ئىلمىنىڭئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مائارىپ قامۇسى -ئەنسىكلوپەدىيىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتىل ئەنسىكلوپەدىيىگە ئومۇمىي(ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دىگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپبەرگەن.
ئارىستوتىل ئۆز قولى بىلەن تەسىس قىلغان "روكيان" ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ(پەداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ توۋەندىكى مەشﻬۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
"...گىراژدانلارنىڭ ﻫەممىسىنى مائارىپتىن ئەركىن بەﻫرىمەن قىلىش زورۇر،مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەﻫەتلەردىن ئەتراپلىقتەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى كىرەك...".
بىراق، ئارىستوتىل ئىدىئولوگىيە ساﻫەسىدە يەنىلا ئەينى زاماندىكىقۇلدارلىق تۇزۇمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىخىي چەكلىمىدىن نىرىغابۆسۈپ ئۆتۈپ كىتەلمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دىگەن:"قۇللار پەقەت سۆز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر...".

* * * * * *

ئېلىمىزنىڭ خۇئاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىيمەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خىلىلا بۇرۇن ئىلىمىزدە مەشﻬۇر"جياگۇ" يىزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشپقىلىغان يېزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ.
"جياگۇ" يېزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سوڭەك ۋە تاشپاقا قېپىغىلايېزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ﻫەم ياخشى - يامانلىق توغرىسىدىكىقىياسلار پۇتۇلەتتى، بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاﻫ قىلىنىشى ئارقىسىدا ﻫازىرقىجۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن.
قۇلدارلىق تۇزۇمىدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىنبۇرۇنقى 551 - 479 - يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىنئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇزاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پېداگوگلېىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
كۇڭفۇزىنىڭ زاماندېشى پەيلاسوپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەنبىللە ئىلىمىزدە "مىن فۇ" ناملىق تۇنجى كۇتۇپخانىنى تەسىس قىلغان ﻫەم ئۆزىكۇتۇپخانا باشلىقى بولغان.
كۇڭفۇزىنىڭ "مۇﻫاكىمە ۋە بايان" ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىخېلى كەڭ شەرﻫىلەنگەن. ئۇ "ﻫەم ئۈگىنىش، ﻫەم ئويلىنىش كېرەك"، "ئۈگىنىپزېرىكمەسلىك، ئۈگىتىپ ﻫارماسلىق" دەپ تەكىتلىگەن.
كۇڭفۇزىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى "ۋاپادارلىق" بولۇپ، ئۇ "ۋاپانىڭشەرتى مېﻬرىبانلىق" دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە "ئۆزۇڭ خالىمىغاننىئۆزگىگە تاڭما" دەپ تەكىتلەيتتى.
كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئىلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن "مەرىپەتنامە"ناملىق پىداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپتارىخىدا چوڭ ئەﻫمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپتۇزۇمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى شەرﻫىلەنگەن.
ئېلىمىزدە كېيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان،مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردە (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە) شوتاڭمەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى "گۆزىشۇ" (خانلىق مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ،مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئىلىپ بېرىلغان ،
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۇللەندى.دولەتلىك كۇتۇپخانىلار قۇرۇلدى. تېرە ۋە لاتا - پۇرۇشلاردىن يىڭىچە قەغەزياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۇكسەلدۇرۇشتە زورتۇرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭراۋاجلىنىشىدىمۇ تۇرتكىلىك رول ئوينىدى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغېنى ئۇچۇن،ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇركۇم - تۇركۇملەپئىلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئىلىپ تۇردى.

ئىزاﻫاتلار:

(1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ "ئالپابەيت" سۆزىدىن كېلىپ چىققان ئالپائۆكۇز، بەئىت ئوي يەنى ئۆكۇز قوتىنى دېگەن سۆز. قەدىمقى فىنىكىلىقلارئۆكۇزنى "مۇقەددەس ﻫايۋان" دەپ ﻫىسابلايتتى. چۇنكى، ئۆكۇز تىرىكچىلىكنىڭتايانچىسى ئىدى.
(2) ئاكادىمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي قەﻫرىماننىڭ نامى.
(3) ئىنىستىتۇت گېرك تىلىدا "يېرىم كۇن ئىشلەپ، يېرىم كۇن بىلىم ئىلىش"دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئىلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشبىرلەشتۇرۇلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ﻫاۋالىق باغچىلاردا قۇرۇلغان بولۇپ،ستودېنتلار يېرىم كۇن ئوقۇپ، يېرىم كۇن ئەمگەك قىلاتتى.
(4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ﻫەرىكىتى - يۇگۇرۇش، دېسكا ئېتىش، ئات بەيگىسى،چېلىشىش، رەسساملىق، شېئىر، دراما، ئوپېرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقەتۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
(5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 - 399 - يىللار) "بىلىم ۋە ئىختىساس - ئىنساننىڭ ئەڭ يۇكسەك گۇزەل پەزىلىتى" دېگەن.
(6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 - 347 - يىللار) ئومۇر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 - يىلى ئافىنادا ئاكادېمىيەتەسىس قىلغان، "غايىۋى دۆلەت"، "بىلىم توغرىسىدا" قاتارلىق كوپ ئەسەرلەرنىيازغان.
(7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 - يىللار) ئاتاقلىق پېداگوگ،بىرىنچى قېتىم پېداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. "تالانت بىلەنئۈگىنىش ئوخشاش مۇﻫىم" دەپ تەكىتلىگەن.
(8) دەموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 - 370 - يىللار) ئەنسىكلوپېدىستئالىم. 52 خىل ئەسەر يازغان، "مائارىپ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ" دېگەن.
(9) تاران - ئەينى زاماندىكى ئالتۇن بىرلىكى.

ئەسكەرتىش:

بىز بۇ چاتما مائارىپ تارىخى ماقالىلىرىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان11-ئەسىرلەردىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تارىخى ئۇستىدەتوختىلالمىدۇق...كەچۇرگەيسىلەر.

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇللا تالىپ.

داۋامى بار ،
[ بۇ يازما Elturk تەرىپىدىن 2008-01-09 20:44 دە قايت ]
Posted: 2008-01-03 20:58 | [ئاپتور]
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

                                    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

                                    ( ئابدۇللا تالىپ)

                                            2-باب

                              ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ

مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق بىلەن دېﻬقانچىلىققا تەڭلا ئەﻫمىيەت بىرەتتى. چۇنكى چارۋىلارغا بوغۇز، يەم - خەشەك تەييارلاش ئۈچۈن ئارپا، بۇغداي، بىدە ئۆستۇرۇش زۆرۇر ئىدى. مۇشۇ زۆرۇرىيەت سەۋەبىدىن ئىش تەقسىماتى ئىنىق ئايرىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسمى دېﻬقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك قىسمى يەنىلا چارۋىچى ئىدى. چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۈگىتىۋالغان ﻫايۋېنى ئىت ئىدى. چۇنكى ئىت ئوۋ ئوۋلاشقا، چىدىر - ئاق ئۆيلەرنى بېقىشقا، پادىلاردىن خەۋەر ئېلىشقا بىردىنبىر كىرەكلىك ۋە قارانچۇق ﻫايۋان ﻫىسابلىناتتى.
چارۋىلارنىڭ كوپىيىشى ئارقىسىدا كۆچمە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلدى. ئاق ئۆيلەرنى كۆچۇرۇش، ئوزۇق - تۇلۇكلەرنى يۆتكەش ئۇچۇن، ئات، ﻫارۋا، قوتاز كىرەك بولدى. ئات كۆندۇرۇش، ﻫارۋا ياساش ئۇچۇن ﻫۇنەر - سەنئەت كەسپى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۈگىتىش بىلەن ئۈگىنىش، ئۇستا بىلەن شاگىرت مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپنىڭ بىخى ئىدى.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى. شامان، پېرخۇن ۋە پالچىلار بۇ دىننىڭ مۇتەپەككۇرى (موللىسى) ئىدى. شامان دىنىنىڭ ئايال ئىلاﻫىنى ئۇيغۇرلار "ئۇماي" دەپ ئاتايتتى. ئۇماي بولسا كىسەلدىن، دىۋە - شاياتۇنلاردىن ساقلىنىشنىڭ روﻫىي مەدەتكارى ئىدى. باخشى بولسا شامان دىنىنىڭ يەنە بىر روﻫىي مەدەتكارى ئىدى. كىسەل بولغان كىشىلەر باخشى - پىرىخۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئازايىم ئوقۇتاتتى. ئۆي ئىچىگە ياكى قورۇ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ موما قاداپ پىرى ئوينىتاتتى، كىسەلنى قىزىتىلغان تومۇردىن ئاتلاتقۇزاتتى، گۇلخان يېقىپ، ئىسرىق سالاتتى، ئوت - سوقتىن ۋە "چەتنەك" تىن ساقلاش ئۇچۇن بوينىغا تۇمار ئېسىپ قوياتتى.
لىكىن، كىيىنرەك پەندى - نەسىﻬەتنى ئاساس قىلىپ ئەخلاقىي تەربىيە يۇرگۇزىدىغان تەبىرچى مۇئەللىملەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۇندەيتتى. يامان ﻫەرىكەتلەرنى توسۇيتتى. تەبىرچى مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پالغا تەبىر بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: چۇشىدە قارا كورسە، ئامىتى كىلىدۇ؛ چۇشىدە ئاغرىق ئات مىنسە پالاكەت باسىدۇ؛ قوي پادىسى كورسە باي بولىدۇ؛ يامغۇر يېغىپ چۇش كورسە، باياشاتلىق بولىدۇ؛ نان دەسسەپ چۇش كورسە، كوزى كور بولىدۇ؛ ئېقىن سۇغا سىيىپ چۇش كورسە، جاراﻫەت باسىدۇ، دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئەخلاقىي پەندى - نەسىﻬەت قورالى قىلىنغان بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى "تەبىرنامە" (ئېرىق پۇتۇك) ناملىق كىتابتا تەخىمۇ روشەن خۇلاسە قىلىنغان.
" ئېرق پۇتۇك " تىن بىر - ئىككى مىسال:
ئېيىق بىلەن تۇڭگۇز داۋان ئۇستىدە سوقۇشۇپتۇ، ئىيىقنىڭ قارنى يېرىلىپتۇ، تۇڭگۇزنىڭ چىشلىرى سۇنۇپتۇ. بىلگىنكى بۇ يامانلىقتۇر.
ئوغلان ئاتا - ئانىسىغا قىيداپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە كىتىپتۇ، چۆلدە غىرىپ بولۇپ قاپتۇ، كىيىن پۇشايمان يەپ قايتىپ كىلىپتۇ. بىلگىنكى بۇ ئەزگۇ (ياخشىلىق) دۇر.
بۇ ئىككى مىسالدا چوڭقۇر پىداگوگىكىلىق مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەلىم - تەربىيە مەقسىتى ئىنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
شامانىزم ئىتىقادىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى قارىماققا ئىنتايىن ساددا ۋە كۇلكىلىك كۆرۇنگەندەك قىلسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭدا يەنىلا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۇرىشىنىڭ ئامىللىرى ئەكس ئىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كوپ ئەسىرلەر، نۇرغۇن دەۋرلەرنىڭ ئۆتۇپ كەتكىنىگە قارىماي، شامانىزم ئىتىقادى ۋە پالچىلىق ئادەتلىرىنىڭ بۇگۇنگىچە داۋام قىلىپ كىلىشى ﻫەرگىز تاساددىپىي ئەمەس. مەسىلەن: ﻫازىرغىچە داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان ئىسرىق سېلىش، نوكچا كۆيدۇرۇش، قەبرى بېشىغا چىراغ يېقىش، كىلىننى گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇش، كۇن تۇتۇلغاندا يىغا - زار قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسى ئەنە شۇ ئىتىقادنىڭ قالدۇقلىرى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىتىقادلىرى باشقا قەبىلە خەلقلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن. بۇ ﻫەقتە رىم تارىخچىسى مناند مۇنداق يازىدۇ: " زىمارك (1) يۇلتۇزدا ئىستەمى (2) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، ئىستەمى قاغان ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىدىكەن، ئالتۇن تەخت چاقىغا قىزىل تاسما بىكىتىكلىك بولۇپ، ئۇنى ئاتقا سۆرىتىپ، باشقا چىدىرلارغىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن. چىدىر - بارگاﻫ ﻫەرخىل يىپەك پەردىلەر بىلەن بىزەلگەن. بۇ پەردىلەرنىڭ ئۇستىگە قوراللىق جەڭچى، بۆرە، يولۋاس، شىرلارنىڭ سۇرەتلىرى كەشتىلەنگەن. قاغاننىڭ ئالتۇن كارۋىتى، ئالتۇن ئورۇندۇقى بولۇپ، تۇرنا ۋە توز قۇشلىرى سۇرىتىدە ياسالغان ئالتۇن ﻫەيكەل ئۇستىگە قۇرۇلغان. زىمارك چىدىر - بارگاﻫ ئالدىغا بارغاندا، بىر تۇركۇم ئادەملەر چىراغ يورۇتۇپ ۋە ئىس پۇرىتىپ ئەلچىلەرنىڭ يۇك - تاقلىرى ئەتراپىدا توختىماي يۇگۇرۇپ يۇرگەن. ئاندىن ئەلچىلەرنى تاغ ئارىسىدىكى چىمەنلىك ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇپ، ئارقىدىن چىدىر - بارگاﻫقا باشلاپ كىرگەن ".
يورۇقلۇق سىمۋول قىلىنغان شامان ئىتىقادى ئاساسىدا مىلادىنىڭ 763 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ئومۇميۇزلۇك مانى ئەتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يىڭى بۇرۇلۇش پەيدا بولدى.
مانى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 274 - 215 - يىللار) ئىرانلىق بولۇپ، ئەينى زاماندا ۋائىز، شائىر ۋە ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 241 - يىلى يەنى 26 يېشىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ دىنىي مەسلىكىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: " پۇتۇن ﻫاياتلىق كۇرىشى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ﻫەق بىلەن ناﻫەق ئوتتۇرىسىدىكى كۇرەش. نەپىسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ، بولمىسا ئۆزىمۇ، ماددىي دۇنيامۇ ﻫالاك بولىدۇ " دىگەن. مانا بۇ - مانى دىنىنىڭ يادروسى.
مانى دىنىنىڭ تەرغىباتچىسى پۇرۇستادان 696 - يىلى جۇڭگوغا كىلىپ مانى دىنىنى تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە مانى دىنى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتە يىلتىز تارتتى.
مىلادىنىڭ 755 - ۋە 762 - يىللېرى، تاڭ پادىشاﻫى شۇئەنزۇڭ (685 - 762) نىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆڭلۇك (ئەنلۇشەن) ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە بارغان ئۇيغۇر گېنىرالى مويۇنچۇر بوكەخان قايتىشىدا لوياڭ شەﻫىرىدىن ئېرانلىق تۆت راﻫىبنى ئېلىپ ئۇرخۇنغا كىلىدۇ. بۇ تۆت مانى راﻫىبى ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ۋە دوختۇرلۇق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇرخۇندىكى شامان باخشىلىرىنى مۇنازىرىدە يىڭىۋالىدۇ. نەتىجىدە مانىزمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا كۆتۇرۇلۇپ كىتىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانى ئېتىقادىنى ئومۇميۇزلۇك قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىن دۆلەت دىنى دەپ ئىلان قىلىنىدۇ. مانى دىنى مەكتەپلىرىمۇ كۆپلەپ ئېچىلىدۇ. مويۇنچۇر ﻫەر ئون ئۆيلۇككە بىر راﻫىب (خەلپەت) بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتىدۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى پۇتۇنلەي مانى ئەقىدىلىرى بولىدۇ.
مانىزم ئەقىدىسى بويىچە شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ يورۇقلۇقنى سىمۋول قىلىپ، ئاق كىيىم كىيىدىغان، تام - تۇرۇسلىرىنى ئاقارتىدىغان، چىدىرلىرىنى ئاق كىگىزدىن ياسايدىغان بولدى. ﻫەتتا پۇتۇن ئەسكەرلەرمۇ ئاق كىيىم كىيەتتى(3).
768 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى راﻫىبلىرى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ۋادىسىغا كۆپلەپ كىلىپ - كىتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قول ﻫۇنەرۋەنلەر، بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇر بىناكارلىق ماﻫىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرخۇن شەﻫەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەشﻬۇر قاغان ئوردىسى، خاتون ئوردىسى قاتارلىق سارايلارنى بىنا قىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە نۇرغۇن مانى ئىبادەتخانىلىرى، ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلۇپ، بۇ يەردە مانى مائارىپى يىلتىز تارتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپى ۋە دۇنيا قارىشىدا مۇشۇ مەزگىللەردە گەرچە مانى مائارىپ ئىدىيىسى ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىدە تۇتىمىزم ئەقىدىسى يەنىلا كۇچلۇك تەسىرگە ئىگە ئىدى.
تۇتىم (تۇتىم) ﻫىندىئانچە " ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن " دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ﻫەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ كۇچلۇك ئىتىقاد سىماسىغا ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار بۆرىنى، خەنزۇلار ئەجدىﻬانى، رۇسلار ئىيىقنى، بابىلۇنلۇقلار ۋە ﻫىندىلار كالىنى " مۇقەددەس " دەپ چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىگە تۇتىم قىلىۋالغان.
تۇتىم ئەقىدىسى ئىپتىدائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئىپتىدائىي تەلىم - تەربىيە ئامىللىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە " ئانا " نى ئەڭ مۇقەددەس دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى " ئاسىنا قۇلى " دەپ ئاتايتتى. بۇ " ئانا ئۇرۇقىدىنمەن " دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ ئەقىدە خەنزۇ خەلقىدىمۇ قويۇق يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: فامىلە (_) دىگەن سۆزمۇ " ئانا ئۇرۇقىدىن " دىگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ كالىنى تۇتىم قىلىشى، كالىنىڭ پايدىلىق ﻫايۋان بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ سۇتى، گۆشى، تېرىسى بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۇچى ﻫاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇ، مۇقەددەس ﻫايۋان دەپ قارىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئاسرىلىپ بېقىلاتتى ۋە كوپەيتىلەتتى. بۆرە باشقا بىر سەۋەب بىلەن تۇتىم بولۇپ قالغانىدى. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە كۇچى ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ئادىشىپ ئۆلۇم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، بىر كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قامالدىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىق تاپقانلىقىدەك تارىخىي رىۋايەت ئۇلارنىڭ بۆرىنى تۇتىم قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان.
دىمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدىيىسىگە - ياخشىلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تۇتىمى بولغان بۆرە رىۋايىتى، جىن - ئالۋاستىلارغا قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان شامان ئېتىقادىنىڭ سىماسى - ئوت ﻫەمدە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان مانىزم سىماسى - يورۇقلۇق قاتارلىق ئېتىقادلار چوڭقۇر سىڭگەن.
ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، ماكان، بوشلۇق ۋە تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمى خىلى دەرىجىدە كىڭەيگەنىدى. ئۇيغۇرلار " سارت " سانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىپەك يولى سودىسىنى ئىلكىگە ئېلىپ، چارۋا، دورا - دەرمەك ۋە ﻫەتتا قاشتېشى سودىسى يۇرگۇزەتتى. ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى چاڭئەن ۋە سوغدى شەﻫەرلىرىدە سودا ۋەكالەتخانىسى ئاچقان. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ، شەرقتە بوخەي دېڭىزىدىن غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدىكى تاغ - دەريالارنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىنى تولۇق بىلەتتى. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىز قوبۇل قىلاتتى. بۇددىزىمنىڭ " قەندىﻬار سەنئىتى " شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يۇغۇرۇپ قوشقىنىغا ئوخشاش، ئۇرخۇندىكى بىناكارلىق سەنئىتىدىمۇ تۇرلۇك خەلقلەرنىڭ (خەنزۇ، سوغدى، ئۇيغۇر) بىلىم - ﻫۇنەر - ماﻫارىتى ئەكس ئەتكەن.
ئۇرخۇن مائارىپى تۇرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلىمىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن. تارىخىي بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالىندار" نى بىرىنچى بولۇپ تۇزگەن ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەرگە كىڭەيتكەن. مەشﻬۇر ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن: "ئۇيغۇرلار كالىندار سىستىمېسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان" دەپ ئىسپاتلايدۇ.
كالىندار توغرىسىدىكى بىر تارىخىي ﻫىكايە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا رىۋايەت بولۇپ كەلمەكتە.
"... خاقانلارنىڭ بىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سادىر بولغان بىر جەڭنىڭ ئۆتمۇشىنى ئەسلىمەك بولۇپ، كالىندار ۋاقتىنى توغرا چىقىرالماي نۇرغۇن قىتىم ئادىشىپ قاپتۇ. كىيىن خەلق ئىچىدىن مەرىپەتلىك كىشىلەرنى توپلاپ مەسلىﻬەت سوراپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن پىكىر بىرىپ: (بۇ ئىشتا بۇنىڭدىن كىيىن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ خاتالىشىپ يۇرمەسلىكى ئۇچۇن 12 ئاي ۋە 12 بۇرجقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ﻫەر بىر يىلغا ئىسىم بەلگىلەيلى، تارىخ شۇ ئىسىملار رېتى بويىچە ﻫىسابلانسۇن. بىزدىن بۇ ﻫىسابلاش ئۇسۇلى مەڭگۇ يادىكار بولۇپ قالسۇن) دەپتۇ، خاقان ماقۇل بوپتۇ - دە، بىر كۇنى ئوۋغا چىقىپ، دالىدىكى نۇرغۇن ﻫايۋانلارنى ئالدىغا سىلىپ دەريا لىۋىگە ﻫەيدەپتۇ. ئۇلاردىن 12 ﻫايۋان دەريادىن ئۇزۇپ ئوتۇپتۇ. ﻫەممىنىڭ ئالدىدا ئۆتۇپ كەتكىنى چاشقان بوپتۇ، (يىلنىڭ بىشىغا چاشقان چىقتى) دىگەن تەمسىلدىكىدەك، دەسلەپكى يىل چاشقاننىڭ نامىدا ئاتىلىپتۇ. چاشقاندىن كىيىن ئۇي (كالا)، يولۋاس، توشقان، لەﻫەڭ، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇز رېتىمى بويىچە يىللارنىڭ كالىندار ئىسملىكى تۇزۇلۇپتۇ...".
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ - تەربىيىسىدە بولۇپمۇ فولكلور ۋاسىتىلىرى (قوشاق، تەمسىل، رىۋايەت) خەلى مۇﻫىم دېداكتىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدا ئەمگەك سۆيۇش، قەﻫرىمانلىق، ياخشىلىققا دالالەت، يامانلىققا نەپرەت بىلدۇرۇش ماﻫىيەتلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ. "بوكەخان ﻫەققىدىكى رىۋايەت" ﻫەم "" ناخشا پىرى - چەڭگى " قاتارلىق رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە قەدىمدىن تارتىپ دېداكتىك (تەلىم - تەربىيە، پەندى - نەسىﻬەت) دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىنقىسى بوكەخان توغرىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقنى رىۋايەت شەكلىدە چۇشەندۇرىدۇ؛ كىيىنكىسى بولسا ئېستىتىكېنىڭ كۇچىنى نامايەت قىلىپ بېرىدۇ...
ئىزاﻫاتلار:

(1) زىمارك - رىم ئىمپەرىيىسىنىڭ ئەلچىسى، مىلادىنىڭ 561 - يىلى يۇلتۇزغا ئەلچىلىككە كەلگەن.
(2) ئىستەمى - (530 - 581 - يىللار) غەربىي تۇركلەر سەركەردىسى.
(3) شائىر دۇفۇ: " چاڭئەن، لوياڭ شەﻫەر - دالالىرىنى ئاق كيىملىك چېرىكلەر قاپلاپ كەتكەن " دەپ يازغانىدى

داۋامى بار ،
[ بۇ يازما Elturk تەرىپىدىن 2008-01-09 20:45 دە قايت ]
Posted: 2008-01-03 20:58 | 1 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

نەقىل:
--------------------------------------------------------------------------------
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

(ئابدۇللا تالىپ)

3-باب

ئۇيغۇرلاردا يېزىق ۋە ئىدىقۇت مائارىپى،

يېزىق - مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى، مائارىپىنىڭ ئاساسىي قورالى.

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىق تارىخى خىلى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر يېزىقى يۇنانلىق ئاكا - ئۇكا كەلىر ۋە مەتۇدىلار (1) ئىجاد قىلغان سلايۋان يېزىقىدىن كوپ ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن.
مىلادىنىڭ 5 - ئەسىرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي يېزىقى يەنسەي (رونىك) ئەلىپبەسى ئىدى،

(1 - جەدۋەلگە قاراڭ)،



ئۇنىڭدىن كىيىن بولسا ئۇرخۇن ئۇيغۇر ئەلىپبەسى ئىشلىتىلگەن

(2 - جەدۋەلگە قاراڭ).


قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تېكىستلىرى، پېداگوگىكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يىتىپ كىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئۆتمۇشىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى.
قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپ ﻫاياتىدا مۇزىكا، ناخشا ۋە تۇرلۇك ئېستىتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم - تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئۆتكەن مەشﻬۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۇيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 - 687 - يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق "تۇرا ناخشىسى" پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۇملىدىن مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تېكىستى ﻫازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلۇپ سۆيۇپ ئوقۇلماقتا. ﻫەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تېكست قىزغىن تەتقىق قىلىنماقتا.
ئەپسۇسكى، بۇ مۇزىكا دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا دەرسلىك توپلاملىرىدىن بىرى بو چۇغاي تېغى باغرىدىن،

ئاقار تۇرا سۇلىرى.
كەڭ دالىنى پۇركەپتۇ،
ئاسمان شەكلى چىدىرى.
چەكسىز ئاسمان، دالا ﻫەم،
كۆپكۇك دىڭىز بىپايان.
ئېگىز ئوتلار يەلپۇنسە،
پەستە مىغ - مىغ كورۇنەر-
سان - ساناقسىز قوي - قۇلان.
"ئوردا مۇزىكا تېكىستلىرى توپلىمى" ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمىسىلا ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
ئەگەر بىز قىتىرقىنىپ تەﻫلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مۇزىكا ۋە ناخشا تېكىستىنىڭ ئوبراز تەسۋىرى، ئوخشىتىشلىرى چوڭقۇر تەلىم - تەربىيىۋى ئەﻫمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۇرالار) نىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي، جۇغراپىيە مەنزىرىسى ئىنتايىن ئىخچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا ئۇ يالغۇز مۇزىكا دەرسلىكىلا بولۇپ قالماي، بەلكى قىسقارتىلغان تارىخ ۋە تەبىئەت دەرسلىكى بولۇش قىممىتىگىمۇ ئىگە.
"تۇرا ناخشىسى" ۋە "ئېرق پۇتۇك" بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۇنجى دىداكتىك ئەسەر "چاستانى ئىلىك بەگ" داستانى ﻫىسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۇرك خاندانلىقى (552 - 744) دەۋرىنىڭ ﻫارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خىلى كۆپ تەربىيىۋى ئەﻫمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار.
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ﻫەقىقىي تارىخىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشﻬۇرلىرى: "كۆل تىكىن مەڭگۇ تېشى" (732 - يىلى تەكلەنگەن)، "بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى" (735 - يىلى)، "تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى" (716 - يىللىرى) ۋە "قۇتلۇق بىلگەقاغان مەڭگۇ تېشى" (759 - يىلى) دۇر.




--------------------------------------------------------------------------------

A small part of the Qara Balghasun Monument,
قارا بالغاسۇندىكى ئابىدىنىڭ پارچىسى،
possibly from the reign of Ay Teñride Ülüg Bolmïsh Küchlüg Bilge Qaghan

ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغاننىڭ ﻫۆكۈمرانلىق دەۋرىدىن قالغان بولۇشى مۈمكىن ،

يۇقىرىدىكى مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ﻫاياتىنى، تۇرمۇش ئەﻫۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ﻫەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ﻫەم بەدىئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماﻫىر خەتتاتلىرى ئىدى.
لىكىن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كىيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سېلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ﻫىسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر - بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۇگۇن ئىدى. ئۇ يەردە تۇرلۇك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئىبادەتخانىلار قۇراتتى، مەكتەپلەر ئاچاتتى، كىتابلار باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كوپ يېزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق.
كىشىلەر ئىدىقۇتنى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ " يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى " دەپ بىكار ئىيتمىغان. تۆۋەندىكى پاكىتلار بۇ باﻫانى ئىسپاتلايدۇ:
بۇ يەردە نىستۇرى (2) دىنىي ئەقىدىسى مەزمۇن قىلىنغان: " ئىۋانگلۇم " (بەخت ساداسى)، "سانت گئوركىنىڭ شەﻫىت بولۇش خاتىرىسى"؛ مانى دىنىغا ئالاقىدار ئەسەرلەردىن: "ئىككى يىلتىز نوم "، " مانى مۇرتلىرىنىڭ توۋەنامىسى "، "ئېرق پۇتۇك"؛ زارا ئوستىر (3) (ئاتەشپەرەسلىك) ئەقىدىسىگە ئائىت ئەسەرلەردىن: "ئەۋلىيا قەسىدىلىرى"؛ بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردىن: "ئالتۇن يارۇق"، "سەككىز يۇكمەك"، "ئائىترى سىمىت" ناملىق يىگىرمە يەتتە پەردىلىك دراما (4)، تارىخىي داستان - "ماﻫاراباتا"؛ 294 توم 25 كىتابنى ئوز ئىچىگە ئالغان "سەلتەنەتكە ياردەم بەرگۇچى ئۆرنەك - تەدبىرلەر"؛ بەش توملۇق چوڭ چۆچەكلەر توپلىمى - "پەنچى تانتىرا"؛ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن: "ئەتەبەتۇل ﻫەقايىق"، "ئىزوپ مەسەللىرى"، "ئوغۇزنامە" ﻫەمدە بەش توملۇق رىۋايەتلەر توپلىمى؛ "چاستانى ئىلىك بەگ"، "قەدىمقى تۇرپان قوشاقلىرى"، "مېدىتسىنا بىلىملىرى"، "ئىككى تىللىق لۇغەت" ۋە ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ مەڭگۇ تاش خاتىرىلىرى، ئىقتىسادىي ﻫۆججەتلەر؛ ئەرەب يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىن: "تۆمۇر تەزكىرىسى"، "تەزكىرى ئەۋلىيالار"، "مەراجنامە"، "كۆڭۇلنامە"، "بەختنامە"، "شائىر خارازىمى تاللانمىلىرى" ۋە "مەۋلانە لۇتفى شېئىرلىرىدىن تاللانما"؛ بۇنىڭدىن باشقا دىداكتىك تەلىم - تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئەدەبىي، شېئىرىي ئەسەرلەردىن " " ئاخاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ شېئىرىي ئەسەرلەردىن: " ئاخاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ دىداكتىك نەسرىي ئەسەرلەردىن: " چوڭ مايمۇن پاتمارال "، " بەختىيار شاﻫزاد "، " رەسسام بىلەن ياغاچچى ﻫىكايىلىرى " قاتارلىق ئىنتايىن كوپ ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان.
يۇقىرىدا تىزىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئىدىقۇتتىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت بىر تۇركۇمىدىنلا ئىبارەت. مۇتلەق كوپ قىسمى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتكەن.
يالغۇز گېرمانىيىنىڭ تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگ ئەترىتىلا بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكەن يازما ﻫوججەتلەر بىرنەچچە تۇمەندىن ئېشىپ كىتىدۇ! باشقا ئەللەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئىدىقۇتتا قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تارىخىي يادىكارلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلىنىپ قالالىغان؟
بىرىنچىدىن، ئىدىقۇتتا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، قايسى ئېتىقادقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىلىم ئىگىسى بولسىلا، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگۇچى بولسىلا ﻫۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. خەلققە مەنپەئەت يەتكۇزگۇچى بۇنداق كىشىلەر "ئىلتەبىر " (ئىلتەبەر) دەپ ئاتىلاتتى.
ئىككىنچىدىن، ئىدىقۇتتا كىتاب يېزىش ۋە كۆچۇرۇش ئەڭ ساۋابلىق كەسىپ دەپ قارىلاتتى. بۇنداق ئېتىقاد "بۇيان " (بۇيان) دىيىلەتتى. مەسىلەن: پۇتۇلگەن كىتابلارنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق سۆزلەر ئالاﻫىدە يېزىلاتتى: " بۇ كىتابنىڭ ساۋابى ئالدى بىلەن خان سارىيىغا، ئاندىن قالسا مەرﻫۇم ئەجدادلارغا ۋە يارۇ - بۇرادەرلەرگە بولغايلەر...".
ئۇچىنچىدىن، ئىدىقۇتتا بىلگە كېڭىشى (مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كېڭىشى) تەسىس قىلىنغان. ئۇلار دەرىجە، ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيتتى ﻫەم ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلاتتى. بىلگە كېڭىشى نۇرغۇن تىللىق ئىزاﻫلىق لۇغەتلەر (سانسكرىت - ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە، تۇخار - ئۇيغۇرچە، سوغدى - ئۇيغۇرچە) نى قوللانما سۇپىتىدە تۇزۇپ چىققان.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇپەتلىك قەغەز كەشىپ قىلغان. خەت پۇتۇلىشتىن بۇرۇن قەغەز ئۇستىگە ئاق شىلىم سۇرتۇلەتتى. بۇ قەغەز " پاتلاپ يېزىش ئۇسۇلى " دەيىلەتتى. قاراغۇجىدا يەنە خىلى چوڭ قەغەز زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان.
ئىدىقۇتلۇقلار ئۆز ئالدىغا ياغاچ مەتبەئە كەشىپ قىلغان. ﻫەرپلەر دانە - دانە كۋادرات ياغاچلارغا ئۇيۇلۇپ، ئاندىن قېلىپقا بىكىتىلىپ ئۇستىدىن رەڭ سۇرتۇلۇپ خىلمۇ خىل رەڭلىك كىتابلار بېسىلاتتى. مۇشۇنداق مەتبەئە ﻫەرپلىرىدىن چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق (4).
ئەينى زاماندىكى ئىدىقۇت مائارىپى توغرىلىق ئاتاقلىق سەيياﻫ ۋاڭ يەندى (939 - 1006 - يىللار) ئۆزىنىڭ " ئاستانە خاتىرىلىرى " ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: " ئىدىقۇتتا كەسپىي مۇئەللىملەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار شېئىر ۋە قوشاققا خۇشتار ئىكەن. ئۇلار ئۆز يېزىقىنى كۇندىلىك ئېﻬتىياج ئۇچۇنلا ئەمەس، بەلكى تۇرلۇك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى يېزىشقىمۇ ئىشلىتىدىكەن، ئۇ يەردە ﻫەر خىل تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلارنى كۆردۇم...".
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالغانىدى. ئۇلار مەنسەپ ناملىرىنى ئاتاشتا ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار " قاغان " سوزىنى ئۇزاققىچە قوللاندى. بۇ سوز ﻫوكۇمران، ئىمپېراتور، خان مەنىلىرىدە بولۇپ، ﻫون، تۇرك ۋە سىيانپىلارمۇ بۇ سوزنى ئورتاق ئىشلەتكەن، ﻫازىرقى زاماندا بۇ ئاتالغۇ - ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان ﻫۆرمەت قوشۇمچىسى سۇپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، قازاقلاردا ئومەرقان، تىلەۋقان، ئۇيغۇرلاردا ئابدۇكەرىمخان، قادىرخان دېگەنلەردەك. " ئىدىقۇت " سوزى - بەختكە يىتەكلىگۇچى دىگەن بولىدۇ. " قۇت " سوزى ﻫازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: "قۇتلۇق بولسۇن "، "ساڭا بۇ مال قۇت ئەتسۇن، قۇتاپ قالسۇن " دىگەندەك.
قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىنىڭ 9 - 13 - ئەسىرلەر) دەۋرىدە ئىدىقۇت مائارىپى نۇرغۇن تىلشۇناسلارنى، كۆپ تىللاردىن خەۋەردار تەرجىمانلارنى، ئابرويلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتلىك ئەدىب - شائىرلارنى، دراماتورگلارنى، بوغالتىر - ﻫىساباتچىلارنى، تېۋىپ - دوختۇرلارنى يىتىشتۇرگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: سىڭقۇ سەلى (بۇ ﻫەقتە كەيىنكى بابىمىزدا مەخسۇس توختىلىمىز)، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان پىرتانراكشت، مائارىپچى، يازغۇچى، داستانچى ئاپىرىنچۇرىتكىن، "ﻫېكمەتلەر پەزىلىتى " نىڭ ئاپتورى، دىداكتىك شائىر كى كى، شائىر چىنۇيا توتۇڭ، شائىر قالىم كەيشى، شائىر ئاتساڭ، كولتارقان، ئاسىﻬ توتۇڭ، قارۇنداز قاتارلىقلار بار.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇكى: قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرىدە پۇتكۇل مائارىپ ئىدېئولوگىيىسى ئۇستىدە ﻫەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر ﻫوكۇمران ئورۇندا تۇراتتى. بىراق، ئۇ ئومۇمىي خەلق ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ ئۇچۇن ئىيتقاندا قىسمەن رامكىدىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭ تەكتىدە خەلقنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى، تارىخى ۋە مەدەنىي - مائارىپى يەنىلا كۇچلۇك ئەكس ئىتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەشﻬۇر " ئوغۇزنامە " قىسسىسى تەخىمۇ تولۇق ئىسپات بولالايدۇ. " ئوغۇزنامە " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى ﻫايات تارىخى، دۇنيا قارىشى، ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەتلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىق خىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىسقا ۋە ئۇنۋېرسال دەرسلىك قوللانمىدۇر.

ئىزاﻫاتلار:

(1) ئاكا - ئۇكا كەلىر (528 -- 968 كەلىر) ۋە مەتۇدى (728 -- 588 مەتۇدى) مىلادىنىڭ 855 - يىل 5 - ئاينىڭ 25 - كۇنى بۇلغارىيىدە تۇنجى رۇس - سلاۋيان يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەن. سلاۋيانلار بۇ كۇننى ﻫەر يىلى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.
(2) نىستۇرى (401 - 451 - يىللار) - خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزﻫىبى بولغان نىستۇرى ئەقىدىسىنى تەسىس قىلغۇچى. راﻫىب ئارابان 635 - يىلى ئىدىقۇتقا كىلىپ بۇ دىننى تەرغىب قىلغان.
(3) زارا ئوستىر - (مىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن ئوتكەن) ئۇستا دوختۇر ۋە شائىر، زەردەشىت دىنىنىڭ ئەۋلىياسى.
(4) پىرتانراكشىت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ دراما 9 -، 10 - ئەسىرلەردە باشبالىق قاتارلىق قوچۇ شەﻫەرلىرىدە سەﻫنىدە ئوينالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەدىمقى كۇسەن (كۇچا) نىڭ "ئەجدىﻬا ئويۇنى"، "سۇمۇچ ئويۇنى" قاتارلىق ئوچۇق سەﻫنە ئويۇنلىرىمۇ دراما ۋە كومېدىيە شەكلىنى ئالغان ئويۇنلار ئىدى.
(5) 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىلىك ئولدىنبۇرگ تۇرپانغا كىلىپ، ياغاچ مەتبەئەگە (كەلاگەروفى) ﻫەرپلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقىنى ئېلىپ كىتىپ، موسكۋا مۇزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبەئە تىخنىكىسى تاكى گېرمانىيە ئالىمى ئىنوگىن كودىنبورگ كەشىپ قىلغان مىتال ﻫەرپلىك ئىلغار مەتبەئە تىخنىكىسى ئىشلىتىگۇچىلىك (15 - ئەسىرگىچە) دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت مائارىپى، نەشىرىياتچىلىقىنىڭ خىلى زور كۆلەمدە راۋاجلانغانلىقىنى كۆرۇۋالالايمىز.

داۋامى بار،
Posted: 2008-01-03 20:59 | 2 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

( ئابدۇللا تالىپ)

4- باب
مەخمۇت قەشقەرى تىلشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ئۇستازى، جاﻫان تۇركۇلوگىيە پېنىگە ئاساس سالغۇچى بۇيۇك ئۇستازدۇر. " تۇركىي تىللار دىۋانى " دىن ئىبارەت بۇ كاتتا قامۇس ئىنتايىن كەڭ ساﻫەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تۇرمۇش، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كىچەك، قورال - سايمان، ﻫايۋانات، تاش - مەدەن، تاغ - دەريا، قاتناش ساۋاتلىرى، ماقال - تەمسىللەر، تارىخىي رىۋايەتلەر، كىشىلەرنىڭ ئورپ - ئادەتلىرى قاتارلىقلارغىچە كەڭ مەلۇمات بىرىلگەن. بىز يەنە " دىۋان " غا كىرگۇزۇلگەن ئەقلىيە سوزلەر، شېئىر - قوشاق، تەمسىللەر ئارقىلىق بۇ بۇيۇك ئالىمنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى، دىداكتىك كۆز قارىشىنىمۇ ئوچۇق كۆرۇۋالالايمىز. بۇ ﻫەقتە بىز " دىۋان " دىن بىرنەچچە نەمۇنە كورسەتسەك كۇپايە:
_ قۇت بەلگىسى بىلىك.
(بەخت - سائادەت بەلگىسى بىلىمدۇر).
_ ئەرمۇگە بولۇت يۇك بولۇر.
(ﻫورۇنغا بولۇتمۇ يۇك بولۇر).
مەرىپەتلىك قوشاقلار ۋە پەندى - نەسىﻬەتلەر:
_ ئوغلۇم ساڭا نەسىﻬەت:
پەزىلەتنى مىراس قىل؛
بىلىملىككە يېقىنلاش،
دائىم ئۇنى ئۇستاز قىل.
_ مەندىن نەسىﻬەت ئوغلۇم پەزىلەت يارات،
ئەلدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ئىلمىڭنى تارات.
_ كۆپلىگەن پەزىلەت ئىگىلىرى ۋە بىلىمى تاغدەك دانالار ئالەمدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ بىباﻫا سۆز - ﻫىكمەتلىرى ﻫىلىمۇ دىلىمنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.
_ بىلىملىك كىشىلەرنى ﻫۆرمەتلە، سۆزىگە ئاشىق بول، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۈگەن، ئەمەلىيىتىڭدىمۇ شۇنداق بول.
_ ئىلىم - ﻫىكمەت ئىزدە؛ لىكىن مەغرۇرلانما، نادانلار ماختىنار، سىناقلاردا مات بولار.
_ مەرىپەت سۆيگۇچى ﻫەرگىز مال - دۇنياغا خىرىسلىق قىلمايدۇ.
" تۇركىي تىللار دىۋانى " دا پەزىلەتلىك بولۇش، ئەمگەك سۆيۇش، ۋاپالىق بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى تەلىم - تەربىيە ئىدىيىلىرىمۇ قەدىمقى ماقال - تەمسىللەر، قەدىمقى قوشاقلار ئارقىلىق نۇرغۇن سىڭدۇرۇلگەن.
مەسىلەن:
_ ئەمگەك ئەكىندە قالماس (ئەمگەك بوشقا كەتمەيدۇ).
_ ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز پالۋان سەپ يارالماس.
_ كىڭەشلىك ئىش ئوڭشىلار، كىڭەشسىز ئىش بۇزۇلار.
_ تۇگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان ﻫاۋانىڭ گۇلدۇرىدىن قورقماس.
_ ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، قولىدىكى تاۋىقىدىن ئايرىلىپتۇ.
_ كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كويمەس.
_ ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چىغىدا بىلىنىدۇ.
_ ﻫاجەتمەن مىﻬمان ئالدىڭغا كەلسە، سەن ئۇنى كۇتكۇزمە، تەييار ئېشىڭنى ئالدىغا كەلتۇر.
_ مىﻬماننى ئىززەتلە، داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن.
_ بىخىل - پەسكەش، يارىماس ئادەم - مال - دۇنيانىڭ ساقچىسى، ئۇ يىمەي - ئىچمەي يىغىدۇ، ئاخىر ئوزگىگە قالىدۇ.

3. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى يۇسۇپ ﻫاس ﻫاجىپ ۋە

ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۇسۇپ ﻫاس ﻫاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشﻬۇر ئەسىرى - " قۇتادغۇبىلىك " داستانى ئىنتايىن مۇﻫىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۇسۇپ ﻫاس ﻫاجىپ قاراخانىلار مائارىپىنڭ تازا گۇللەنگەن ۋە ئوزى ئوردىدا خاس ﻫاجىپلىق (ئوردا ۋەزىرلىك) ۋەزىپىسىگە تىخى قويۇلمىغان مەزگىللەر (1609 - 1070 - يىللار) دا مەشﻬۇر " قۇتادغۇبىلىك " داستانىنى يازغان ۋە ئۇنى بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ﻫەسەن بىننى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. بۇ كاتتا ئەسەرنى يازغان چاغدا يۇسۇپ خاس ﻫاجىپ خىلى ياشىنىپ قالغانىدى. داستانغا قىستۇرۇپ كەتكەن توۋەندىكى ئىزاﻫلاردىن بۇ نۇقتا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ:
"... نۇرلۇق باﻫار پەسلىدەك چىچەكلىك ئىدىم، غازاڭلارمۇ چۇشتى، ﻫەممە قۇرۇدى. قېيىندەك مۇستەﻫكەم، ئوقتەك تۇز ئىدىم، يادەك ئەگرى بولۇپ، مۇكچىيىپ قالدى...".
قۇتادغۇبىلىك 82 باب، 6444 بەيىت، 13 مىڭ 288 مىسرادىن قۇرۇلغان چوڭ ﻫەجىملىك دىداكتىك داستان. بۇ كاتتا ئەسەر پەلسەپە، تارىخشۇناسلىق، دۆلەت - قانۇن، (ﻫوقۇقشۇناسلىق)، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپ، تىبابەت، جۇغراپىيە، تەبىئەت، ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، دىپلوماتىيە، تىل - ئەدەبىيات ۋە ﻫەربىي ئىلىم قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەرنىڭ پۇتۇن مەزمۇنىغا ئىلىم - مەرىپەت مەدﻫىيىسى سىڭدۇرۇلگەن. بۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ نامىدىنلا ئىنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " - بەخت - سائادەتكە ئىرىشتۇرگۇچى بىلىم دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
" قۇتادغۇبىلىك " نىڭ شۆﻫرىتى ئوز زامانىسىدا ﻫەر تەرەپكە داڭ كەتكەن. ﻫەرقايسى ئەل كىشىلىرى ئۇنى ئۇلۇغلاپ ﻫەرخىل ناملارنى بەرگەن. بەزى شەرق ئەللىرى ئۇنىڭغا " زىننەتۇل ئۇمىرا " (ئەمىرلەر زىننىتى) دەپ نام بەرسە، ئىرانلىقلار " شاﻫنامەئى تۇرك " (تۇركلەر شاﻫنامىسى) ياكى بەزىلەر " پەندىنامەئى تۇرك " (تۇركلەر نەسىﻬەتنامىسى) دەپ نام بەرگەن.
" قۇتادغۇبىلىك " نىڭ پۇتۇن مەزمۇنى تۆت مۇﻫىم شەخسنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى كۇنتۇغدى (پادىشاﻫ - ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى)؛ ئىككىنچىسى ئايتولدى (ۋەزىر - بەخت - سائادەت سىمۋولى)، ئۇچنچىسى ئۈگدۇلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى - ئەقىل - ئىدراك سىمۋولى)؛ توتىنچىسى ئودغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى - قانائەتنىڭ سىمۋولى) بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۇتۇن ماﻫىيىتى مۇشۇ توت شەخسنىڭ مۇنازىرە كۇرەشلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلىدۇ. بىلىم، ئادالەت، پەزىلەت ۋە چىدام - غەيرەت خىسلەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۇزەل غايىسى ﻫىسابلىنىدۇ. تەلىم - تەربىيىنىڭ تۇپ مەقسىتى ئادەملەرنى ئاشۇ غايە بىلەن يىتىلدۇرۇپ بەخت - سائادەتكە ئىرىشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كورسىتىپ ئۆتىمىز:
_ بىلىمنى ئۇلۇغ، ئەقىل - ئىدراكنى بۇيۇك بىل، بۇ ئىككىسى ئىنسان مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۇرىدۇ.
_ بىلىمنى نكمىشقا بىلىم دىگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل. چۇنكى، بىلىم ئىگىسىدىن كىسەل يىراقلىشىدۇ؛ بىلىم - مەشئەلدۇر، مەشئەل يورۇسا كىشى كىچىدىمۇ يولدىن ئازمايدۇ.
_ ئىشىڭنى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئىشلە؛ زامانەڭنى بىلىم بىلەن مۇستەﻫكەملە.
_ بىلىم ئال، ئۆزۇڭگە تۆردىن ئورۇن ﻫازىرلا، ﻫەرقانچە بىلسەڭمۇ يەنە ئۈگەن، يەنە ئىزدەن؛ قارىغىنكى، بىلىملىك كىشىلەر سورا، سورا، ئوز تىلەكلىرىگە يىتىشكەن.
_ ئادەم بەرىبىر ئۆلىدۇ؛ بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزى ئۆلمەيدۇ.
_ ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قىرىمايدۇ: بىرى بىلىم، بىرى پەزىلەتلىك سوز.
_ ئەي ئوغۇل، مەندىن ساڭا ئالتۇن، كۇمۇش قالسىمۇ، سەن ئۇنى مەندىن ساڭا قالغان مەرىپەتكە تەڭ كۆرمە.
_ كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆپ، ئەڭ چوڭ پەرق بىلىمدە.
_ ئالەمدىكى ﻫەممە ياخشىلىق بىلىمدىن كىلىدۇ، بىلىم بىلەن كىشىلەر ئاسمانغا يول ئاچالايدۇ.
_ بىلىم ئەﻫلى ئۆز بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە مەرىپەت چاچمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى نۇرسىز قالىدۇ.
_ جاﻫان تۇتقۇچى ئەر پاراسەتلىك بولسا جاﻫان مۇستەﻫكەم بولىدۇ؛ بىلىملىك بولسا، مەملىكىتى كۇچلۇك بولىدۇ. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشكەن كىشى كامالەت تاپىدۇ. كامىل كىشى ﻫەممە نىئمەتكە ئىگە بولىدۇ.
پەزىلەت توغرىسىدا:
_ سەمىمىيەت ئىنساننى يۇكسەلدۇرىدۇ، ئىنسان ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
_ كىشىگە ئادىل بول، ئادىل كىشىنىڭ ﻫەر بىر پەيتى بەختلىك بولالايدۇ.
_ نەپسانىيەت ئۇچۇن ئۆزۇڭنى ئوتقا ئاتما، ﻫاۋايى - ﻫەۋەستىن بۇلغانما.
_ ئاچكۆز كىشىلەرگە ئىش تاپشۇرما، ۋاپاسىز كىشىلەرگە ئاش - تاماق بەرمە.
_ دۇنيا بىر تىرىلغۇ ئېتىزدۇر. ئەمگەك بىلەن دان تىرىساڭ، ﻫايان ئۇرۇغى ئالىسەن.
_ قوپال سوزنى تىلىڭدىن چىقارما، قوپال تىل يالقۇنجىغان ئوت.
_ ﻫارامغا ئارىلاشما، ئۆكتەم بولما، ئۆچ ئالما.
_ ﻫاراق ئىچمە، پىتنە - پاساتتىن نىرى قاچ!
_ مەنسەپ ئىگىسى بىلىملىك، دانا، كۆزى توق، كۆڭلى كۆكسى كەڭ بولۇشى لازىم.
_ ئاچكۆز تويمايدۇ، ئۇنىڭ نەپسىگە دۇنيانىڭ ئاش - تامىقى يىتىشمەيدۇ.
_ يالغانچى ۋاپاسىز كىلىدۇ، ۋاپاسىز كىشى خەلققە بەخت كەلتۇرمەيدۇ.
_ مەنسەپدارنىڭ مىجەزى تەرسا بولسا، ئىش تەتۇرگە ماڭىدۇ، خوشاللىقى قايغۇغا ئايلىنىدۇ.
" قۇتادغۇبىلىك " داستانىدا ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئەشەددىي دۇشمىنىدىن بىرى بولغان ﻫاراق - شاراپنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق توۋەندىكىدەك ئاگاﻫلاندۇرىدۇ:
... ئۇچىنچى، ﻫاراققا بولۇش مۇپتىلا،
بۇ ئەر ئومرى شەكسىز كىتەر بوشقىلا.
ﻫاراق ئىچسە ئالىم ئىلىمسىز بولۇر،
ئىلىملىك مەست بولسا نېمىلەر قىلۇر؟
بىز بۇ يەردە ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىمىزكى، " قۇتادغۇبىلىك " ئىچىدە باشتىن - ئاياغ ئىزچىل سىڭدۇرۇلگەن " بىلىم - كۇچ؛ بىلىم - بەخت قورالى؛ بىلىم - ئىنسان قەدىر - قىممىتىنىڭ ئۇلى..." دىن ئىبارەت خىتابلار مەڭگۇ ئۆلمەس ﻫەقىقەتتۇر. مۇئەللىپ ئوز ئەسىرىدە كىشىلەرگە بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئەقلىي تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، ﻫۇنەر - ماﻫارەت تەربىيىسى، گۇزەللىك تەربىيىسى قاتارلىق ئەتراپلىق تەلىم - تەربىيە بىرىشنىڭ زۆرۇرلۇكىنى تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. مانا بۇلار ئەسەردە باشتىن - ئاخىرغىچە چاقناپ تۇرىدىغان پارلاق ئىدىيىدۇر. ئەسەردە يەنە دولەتنى ئىلىم - پەن بىلەن باشقۇرۇش، دولەت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا قابىل، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى قويۇش، بىلىم ئەﻫلىنى سويۇش، ئىلمىي ئىجادىيەتكە كەڭ مەدەت بىرىشنى تەكرار جىكىلەيدۇ، مەرىپەتشۇناسلىققا ئائىت بۇ ئۇلۇغۋار تەشەببۇسلار ﻫازىرمۇ رەئال قىممەتكە ئىگە. " قۇتادغۇبىلىك " داستانىدا مۇئەللىپ يەنە ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، ئىجتىمائىي ﻫايات، مالىيە - ئىقتىساد، خارجى ئىشلار، ﻫەربىي ئىشلار، سىياسىي خىزمەت، قەﻫرىمانلىق جاسارىتى، " مۇكاپات ۋە جازا " ﻫەمدە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ مەسىلىلەر ئۇستىدىمۇ چوڭقۇر تەﻫلىل ئېلىپ بارىدۇ. ئەسەرنىڭ نەزمە يەشمىسى ئاساسىدا يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم مىساللارنى كۆرۇپ باقايلى:

ﻫاۋايى - ﻫەۋەسكە بېرىلمەسلىك توغرىسىدا:
ﻫەۋەسنى ئەقىل بىرلە باسقىن ئۇتۇپ،
بىلىم بىرلە يانچىغىن نەپسىڭنى تۇتۇپ.
تۇزۇلمەس تىلەسەك، ﻫەۋەس بوينىن كەس،
تۇزۇلۇر ئەگرىلىك گەر ئولسە ﻫەۋەس.

ئۆزۇمچىلىك - مەنمەنچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا:

ئەغىر يۇك كىشىگە ئوزەمچىل قىلىق،
ئوزەمچىل قىلىققا ئوق ئات، قارشى چىق.
ياغى قىلمىغاننى شۇ قىلىق قىلار،
ياغىدىن بۇ ياغى نەچۇك پەرقلىق؟

ئەقىل - ئىدراك، پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا:

بىلىم بايلىق ئول، گادايلاشمايدىغان،
قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان.
ئەقىلدىن بۆلەككە ﻫورمەت بولمىغاي،
ئەقىلسىز ئادەم ئۇ، بىر ئوچۇملا لاي.
ئەقىل كىمدە بولسا بولۇر ئۇ ئېسىل،
بىلىم كىمدە بولسا بولۇر خان ئۇ، بىل.
ئەقىل بىر چىراغدۇر، كوزى يوققا كوز،
ئۆلۇك تەنگە جان ئول، گاچا تىلغا سوز.

كىچىك پېئىللىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا:

كىچىك پېئىل ئۇلۇغلۇق - سۇرەر كۆپ زامان،
تەكەببۇرغا تەگمەس ئۇلۇغلۇق ﻫامان.
سۆيۇك ئەل ئىچرە كىچىك دىل كىشى،
سۆيۇلمەس تەكەببۇر، يىرىك دىل كىشى.
مەنسەپدارلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا
كۆزى توق، ﻫايالىق، نازۇكلۇق كەرەك،
تۇمەن ﻫىل بىلىم ۋە زەرەكلىك كىرەك.
دىلى بولسۇن ﻫەممە كىشىگە كىچىك،
تىلى بولسۇن يۇمشاق، شەكەردەك چۇچىك.
ئەگەر بولسا بەگلەر زالىم ﻫەم يامان،
چىقار ئىشلار تۇز يولدىن ﻫامان.

بىلىمنى ۋە بىلىم ئەﻫلىنى قەدىرلەش توغرىسىدا:

يوق بولسا جاﻫاندا ﻫەكىم - ئىلىملىك،
تىرىپ، ئۇنمەس ئەردى يەردە يىگۇلۇك.
ئۇلار ئىلمى بولسا جاﻫاندا چىراغ،
يول ئازماس كىچىدە يورۇسا چىراغ.
قاتتىق سۆي ئۇلارنى قەدىرلە سوزىن،
تولا ياكى ئازدۇر ئۆگەن ئۇلار بىلگىنىن.
ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركىدۇر،
ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۇز يولغا يۇرۇر.

پەرزەنتلەرگە تەلىم - تەربىيە بىرىشتە ئاتا ئانىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا:

تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز - ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيىچى سەن ئوزۇڭلا بول.
ئوغۇل - قىز خۇي - پەيلى بولسا يامان،
يامان قىلغان ئاتا - ئانا ئۇلارنى ﻫامان.

ئۇياتلىق ۋە نومۇس پەزىلەتلىرى توغرىسىدا

كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى،
ئۇياتلىق كىشىدۇر كىشىلەر بەشى.
ئۇياتلىق كىشىگە پۇتۇن ئىشنى بەر،
ئۇياتلىق جاﻫالەت ئىشىگىن ئەتەر.

ئۇياتسىز - نومۇسسىز كىشىلەرنىڭ ماﻫىيىتى توغرىسىدا:

ئۇياتسىز كىشىدۇر كىشى رەزلى،
دۇرۇست سۆز سۆزلىمەس ئۇياتسىز تىلى.
بىر گۆشسىز سۆڭەكتۇر ئۇياتسىز يۇزى،
ئەتىلمەس توشۇكتۇر ئۇياتىسىز كۆزى.

تىل - سۆزنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا

ئۆزۇڭنى كۈزەت بەك، ياخشى سۆزلىگىل،
سورالغاندا سۆزلە، يەنە قىسقا قىل.
كۆپ ئاڭلا بۇ سۆزنى تولا سۆزلىمە،
بىلىم بىرلە سۆز تۇز، ئىشلەتكىن ئەقىل.
كۆيەر ئوتقا ئوخشار كىرەكسىز سۆزۇڭ.
ئېغىزدىن چىقارما كۆيەرسەن ئوزۇڭ.

ئاچكوز - ﻫىيانەتچىلەر توغرىسىدا

خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ،
قاچار پايدىلىق ئىش ﻫەممىسى يىراق.
خىيانەتچى نەگە قول سۇنسا ئەگەر،
دېڭىزمۇ سۇسىزلار، قۇرۇپ كەتەر يەر.

شەخسىيەتچى، چېقىمچى ۋە پىتنە - پاساتچىلارنىڭ ماﻫىيىتى توغرىسىدا:

قېتىلما ئىككى خىل ئەرگە، يىراق تۇر،
قېتىلساڭ كۆرەرسەن چاتاق چىقىرۇر.
بىرىدۇ چىقىمچى، پىتنە - پاساتچى،
بىرى ئىككى يۇزلۇك شەخسىيەتچى.

ئادىل قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئادالەتلىكى توغرىسىدا

ئادىل قانۇن كۆكتە - بىر تۇۋرۇك ئىرۇر،
ئۇ قانۇن بۇزۇلسا، ئاسمان يىقىلۇر.
يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا،
يەتتە قات ئاسماننى بۇزاتتى خۇدا.
قىلىپ ئادالەت بىلەن ﻫەر ئىشتىن،
ئايرىماي بەگ يا قۇل دەپ ﻫىچكىشىن.
ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا،
بۆلەكچە بولماسمەن ﻫوكۇم ۋاقتىدا.
زالىم بەگ سۇرەلمەس بەگلىك دەۋرىنى،
كۆتۇرمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلمىنى.
ئەل ئارتار، قانۇن بىرلە تۇزۇلۇر جاﻫان،
زۇلۇم بىرلە خوراپ ئەل، بۇزۇلۇر زامان.

4. ئەدىب ئەﻫمەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى

ئەدىب ئەﻫمەت قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە زامانىسىنىڭ مەشﻬۇر مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇنىڭ " ئەتەبەتۇل ﻫەقايىق " (ﻫەقىقەتلەر بوسۇغۇسى) ناملىق دېداكتىك ئەسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مۇﻫىم ئورۇن تۇتىدۇ.
" ئەتەبەتۇل ﻫەقايىق " - جەمئىي 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان، باي پېداگوگىكىلىق مەزمۇنغا ئىگە داستان، ئەسەرنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى تۆۋەندىكى قىسقا مىساللار بىلەن كورسىتىپ ئوتىمىز:
بىلىم - مەرىپەت توغرىسدا:
_ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار (ئالتۇن - تىللا)؛ بىلىمسىز نادان - قىممىتى يوق ياماق، پاخال.
_ ئىنساننىڭ زىننىتى - ئەقىل.
_ بىر بىلىملىك مىڭ نادانغا تەڭ.
_ تۇرلۇك - تۇمەن ئىشلاردا ناداننىڭ كۆرگۇلۇكى پۇشايمان؛ ئۇنىڭغا پۇشايماندىن ئۆزگە قىسمەت يوق.
پەزىلەت توغرىسىدا:
_ ئەدەب - ئەخلاقنىڭ بېشى - تىل.
_ كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، بىلگىنكى، تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ.
_ كىشىگە ﻫەر ئىش كەلسە تىلدىن كىلىدۇ، ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ تىلدىن ئايان بولىدۇ.
قاراخانىلار دەۋرىدە يەنە رەشىد بىننى قەشقەرى (1083 - يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئىمامدىن قەشقەرى (11 - ئەسىر) قاتارلىق مەشﻬۇر تىببىي ئۇستازلار ئالاﻫىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئىمامىدىن قەشقەرى يازغان " شەرﻫى ئەلقانۇن " ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نوپۇزلۇق دەستۇرى ئىدى.
1216 - يىلللىرى چىڭگىزخاننىڭ بېسىمىدىن غەربكە قاچقان قىتانلارنىڭ سەركەردىسى كۇچلۇك نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن قاراخانىلار زىمىنىغا بېسىپ كىرىپ ۋەﻫشىيلەرچە قىرغىنچىلىق يۇرگۇزدى. نۇرغۇن ئالىملار دارغا ئېسىلدى. مەكتەپ، مەدرسلەر كويدۇرۇۋىتىلدى. كىتاب ۋە قوليازمىلارنى يىغىپ گۇلخان ياقتى. داڭلىق ئالىم ۋە مەرىپەتچى ئەللامە ئالائىدىن مۇﻫەممەت خوتەنى 3000 ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە ﻫازىرقى يۇرتخان كەنتى (6) دە تىرىك كۆمۇۋەتىلگەنىدى، خوتەننى " شەﻫىدانى خوتەن " دەپ ئاتاش ئەنە شۇ قانلىق تارىخنىڭ بىۋاستە يادنامىسى.
ئىزاﻫاتلار:
(1) " خەلق گەزىتى " 1983 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۇنىدىكى سانى 7 - بەت.
(2) ئەينى زاماندا ئەرەب ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى ﻫىسابلىناتتى.
(3) ئوپال قەشقەر شەﻫىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومەتر كىلىدىغان يەرگە جايلاشقان ۋە پامىر ئىتىكىدىن ئورۇن ئالغان، ﻫاۋاسى ساپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۇزەل بىر جاي.
(4) ئالىمنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئۆز زامانىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەﻫمۇت قەشقەرىنىڭ يىتىلىشىگە چوڭ تەسىر كورسەتكەن. مەخمۇت قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ﻫۇسەيىن بىننى مۇﻫەممەت ۋە بوۋىسى مۇﻫەممەت بىننى يۇسۇپمۇ زامانىسىدا ئاتاقلىق كىشىلەر ئىدى. ئانا تەرەپ بوۋىسى سەيپىدىن تىخىمۇ بىلىملىك كىشى ئىدى.
(5) مەخمۇت قەشقەرى مىلادىنىڭ 1118 - يىلى ئوپالدا " مەدرىسەئى مەﻫمۇدىيە " ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ تەشكىل قىلىپ، ئۆزى سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاكى ۋاپات بولغۇچە داۋاملاشتۇرغان. مەﻫمۇت قەشقەرى 1126 - يىلى 97 يېشىدا ئانا يۇرتى ئوپالدا ۋاپات بولغان.
(6) بۇ جايدا ﻫازىرمۇ " ئەللامە شەﻫىتلىكى " دىگەن مازار بار. ئۇ قەدىمقى شەﻫەر خارابىسى " يۇرتخان " بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

داۋامى بار ،
Posted: 2008-01-03 21:00 | 3 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

(ئابدۇللا تالىپ)

5- باب

ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى

يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى (552 - 844 - يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 - 1250 - يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 - 992 - يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۇپ، كىيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 - 1211 - يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆﻫرەت قازانغانىدى.
يىڭىدىن باش كۆتۇرۇپ چىققان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ كۇچلۇك تەسىرى بىلەن باشقا دىنىي ئېتىقادلار تارىم ۋادىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئىسلامىيەت مائارىپى ئۇستۇنلۇككە ئىگە بولدى ۋە ئىنتايىن تىز راۋاجلاندى.
ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ بىلىم - مەرىپەت ئىشلىرى تازا گۇللەنگەن مەزگىللىرىدە بىرلا باغدات شەﻫىرىدە 30 ئالىي بىلىم يۇرتى، 36 ﻫوكۇمەت كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. مىلادىنىڭ 830 - يىلى بۇ يەردە چوڭ كولەمدىكى ئىلمىي ﻫېكمەت مۇزېيى (بەيت ئال ﻫىكمە) تەسىس قىلىندى. ئۇ ئەينى زاماندىكى ئەڭ ئاتاقلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىدى. بۇ ئاكادىمىيىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ﻫۇنەيبى ئىشاق (809 - 837 - يىللىرى باغدات ئاكادىمىيىسىگە رەئىسلىك قىلغان) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىرلىكتە يۇناننىڭ قەدىمقى كلاسسىك پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ﻫەققىگە 500 دىناردىن ئالتۇن بىرىلگەن؛ كىيىن ئۇلارغا يەنە تەرجىمە ئورىگىنالى قېلىنلىقىدا ساپ ئالتۇن مۇكاپات قىلىنغان. بۇ دەۋر ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئالەمشۇمۇل شوﻫرەت قازانغان ئالتۇن دەۋرى ﻫىسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇتەپەككۇر ۋە داڭلىق ئالىملاردىن مەدر ئىمىن مۇسا خارەزمى (750 - 847)، ئەبۇنەسىر فارابى (870 - 950)، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا (980 - 1037) ۋە ئەبۇرەيﻬان بىرونى (972 - 1049) قاتارلىق ئالىملار ئەنە شۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەﻫسۇلى ئىدى.
مىلادىنىڭ 950 - يىلى ئۇبۇلﻬەسەن سەيىد ﻫاتەم، سەيىد جالالىدىن باغدادى ئىسىملىك ئىككى چوڭ ئالىم ئوردۇكەنت (قەشقەر) كە كىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىغا ئاساس سالدى. مەزكۇر ئىككى ئولىمانىڭ دالالىتى بىلەن مىلادىنىڭ 953 - يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىرىنچى بولۇپ ئېسىلام ئىتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن قەشقەر ئاﻫالىسىمۇ كەينى - كەينىدىن ئىسلام ئىديىسىنى قوبۇل قىلدى. 24 يىللىق سوقۇش (997 - 1021 - يىللار) نەتىجىسىدە بۇددىزمنىڭ جاﻫىل قورغىنى بولغان خوتەن خانى ياغلىقار يەڭىلىپ، پۇتۇن خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە ئەرەب ئەلىپبەسى ئاساس قىلىنغان يىڭى يېزىق يۇرگۇزۇلدى.
"دىن - ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدىكى مۇﻫىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى..."(1)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىني ئەتىقادى ۋە مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يۇز بەرگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارمۇ دەل دۇنيانى تونۇش ۋە ﻫەقىقەت ئۇستىدە ئىزدىنىش پائالىيەت جەريانى بولدى.
ماۋزېدۇڭ: "... بىز تارىخنى ئۇزۇۋىتەلمەيمىز، بىز كۇڭفۇزىدىن تا سۇن جۇڭشەنگىچە بولغان پۇتۇن ئۆتمۇشنى يەكۇنلەپ، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كىرەك..." دىگەنىدى.
جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپ مىراسلىرىغىمۇ ئەنە شۇ كاتەگورىيىگە كىرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئەنە شۇ پارلاق مىراسلىرىمىزنىڭ مۇﻫىم نامەيەندىلىرىدىن ﻫىسابلىنىدۇ.
قاراخانىلار دەۋرىدە ﻫەممە ۋىلايەت، ناﻫىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشﻬۇر ئالىي بىلىم يۇرتى - "مەدرىسەئى ساجىئە" تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق ئالىملاردىن ﻫۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ﻫۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەشىدە ئىبىن ئەلى قەشقەرى، ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى. "ساجىئە" بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر - يازغۇچىلار توپلېنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر ئېلىپ باراتتى.
"ساجىئە" بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روﻫ ساﻫەلىرىگىچە كىڭەيدى. تۇرلۇك كاتەگورىيىلەر بويىچە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئەرەب ئەلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىڭى يېزىقى بىلەن يېزىلاتتى (3 - جەدۋەلگە قاراڭ).
بىز توۋەندە قاراخانىلار مائارىپىنىڭ ئەڭ بۇيۇك نامايەندىلىرىدىن بولغان بىر قانچە ئالىملارنىڭ پىداگوگىكىلىق ئىدىيىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

1. ئېنسىكلوپىدىست ئالىم - ئەبۇنەسىر فارابى

ئىلىم - پەن دۇنياسىدا ئارىستوتەلدىن كىيىن ئىككىنچى ئۇستاز دەپ شوﻫرەت قازانغان ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئەبۇنەسىر فارابى ﻫىجرىيىنىڭ 295 - يىلى (مىلادى 870 - يىلى) قاراخانىلارنىڭ يازلىق پەيتەختى بالاساغۇن رايونىنىڭ گۇزەل شەﻫىرى فاراب (ئوترار) دا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەدر شۇ جايدا ئەڭ ئابرويلۇق ۋە مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. ئالىمنىڭ ئوسمۇرلۇك ۋە ياشلىق دەۋرى فاراب شەﻫىرىدە ئوتتى ۋە بۇ يەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇگەتتى. كىچىكىدىنلا بىلىم خۇمار، تالانتلىق فارابى ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشقا ئىنتىلەتتى. لىكىن ئۇ چاغدا فاراب شەﻫىرىدە ﻫەتتا بالاساغۇن رايونىدا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار يىتەرلىك ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى "مەدرىسەئى ساجىئە" ئالىي مەكتىپى يىڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاشۇ دەۋردىكى ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئاتاقلىق مەركىزى - باغدات شەﻫىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇردى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشتى. باغداتتىكى ئالىي مەرىپەت مۇﻫىتى بۇ تالانتلىق ياش ئالىمنىڭ بىلىم چوققىسىغا چىقىش ئارزۇسىغا كەڭ ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئەبۇنەسىر فارابى ئالدى بىلەن تىرىشىپ - تىرمىشىپ پارس تىلى، ئەرەب تىلى، گېرك ۋە لاتىن تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان، گېرك تىلىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ئىلمىي ئەسەرلەرنى بىمالال چۇشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتى. فارابى باغداتتا 40 يىلچە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ئۇ بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆﻫرەت قازانغان يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتېنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا ئىجادىي تەپسىر (ئىزاﻫ) يازدى.
فارابى باغدات، ﻫىرات، ﻫەرران، مىسىر ۋە شام شەﻫەرلىرىدىكى ﻫىسابسىز مۇنبەرلەردە ئىلمىي لىكسىيە ئوقۇدى ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ ئۇستۇنلۇككە ئىرىشتى. ئەرەب ئالىمى ئەبۇبەكرى بەيﻬاق (994 - 1065 - يىللار) فارابى 20 خىلدىن ئارتۇق تىل بىلەتتى، دەپ يازغانىدى. فارابى ئىلىم - پەننىڭ تۇرلۇك كاتەگورىيىلىرى بويىچە 200 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازدى. بۇ ئەسەرلەر پەلسەپە، لوگىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، مۇزىكا، سىياسىي تۇزۇم، پەزىلەت ۋە بەدىئىي ئەسەر نەزەرىيىلىرى قاتارلىق كەڭ ساﻫەنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ﻫازىر مەلۇم بولغان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ 119 خىل بېبلوگرافىيىسى (ئىسىملىكى) ئۇنىڭ ﻫەقىقەتەن ئېنسىكلوپېدىست ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.
كىيىنكى زامانلاردا ياۋروپالىقلار فارابى ئەسەرلىرىنى "ئەل فارابۇس" تەخەللۇسىدا گېرك ۋە لاتىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى ۋە فارابىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ﻫەللىكان فارابىنى "ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدىغان ﻫىچكىم يوق" دەپ باﻫالىغانىدى. سامانىلار شاﻫى ناسىر سامانى فارابىنى "ئىككىنچى ئۇستاز" (ئارىستوتېلدىن كىيىن) دىگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىدى ۋە فارابى ئەسەرلىرىنى ئاشۇ تەخەللۇس بىلەن نەشر قىلدۇردى.
مەشﻬۇر قانۇنشۇناس ۋە مەنتىقشۇناس ئەل ئامادى (1156 - 1233) فارابىغا باﻫا بىرىپ مۇنداق يازغان: "فارابى ئەڭ كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل زات ئىدى. مەنسەپ ۋە مال - دۇنيانى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيتتى. ئۇ دەمەشىقتە بىر چوڭ باغقا قاراۋۇلچى بولۇپمۇ ئىشلىگەن. كىچىلىرى قاراۋۇل پانۇسلىرىنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنىپ كىتاب كورەتتى ۋە يازاتتى. ئەنە شۇنداق ئىجتىﻬات قىلىپ ئوگىنىپ ئاخىرى ئوز زامانىسىنىڭ كاتتا ئەللامەسى مۇقامىغا يەتكەن. فارابى پەلسەپە ئىلمى توغرىسىدا ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئۇ شۇنچە تولغان ئىلمىي ﻫېكمەت ئىگىسى بولسىمۇ يەنىلا مەغرۇرلۇقتىن خالى ئىدى.

داۋامى بار
Posted: 2008-01-03 21:01 | 4 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

( ئابدۇللا تالىپ)

6- باب

چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى

كىيىنرەك چىڭگىزخان ئېستىلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زىمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ﻫۆكۇمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ ئاتىدى.
چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ﻫازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشﻬۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پېداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىﻬەتچىسى ئىدى. مەشﻬۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە يىزا ئىگىلىك ئىنژېنىرى ، مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.
ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىﻬات كورسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى.
مەسئۇتبەگ نايمان - كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەشقەردىكى مەشﻬۇر ئالىي بىلىم يۇرتى "مەدرىسەئى ساجىئە" نىڭ خارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى "مەسئۇدىيە" ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا "سائادەت" ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە "سانى بۇخارا" (ئىككىنچى بۇخارا) دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.
مەسئۇتبەگ 1254 - يىلىدىن 1289 - يىللارغىچە ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يېقىن دوستى - مەشﻬۇر ئالىم جامال قەرشى (1230 - يىلى تۇغۇلغان، "سۇرراﻫ" ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفېسسورى) ئىدى. ئۇ، "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ:
"... بۇ مەكتەپكە ﻫەممە ئىقلىمدىن ﻫەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاﻫىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇﻫىمى ئارىستوتېل، سوقرات، خارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى... تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەرب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەت ئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ" ("ساياﻫەت خاتىرىسى" - جامال قەرشى، 1273 - 1274 - يىللار).
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىﻬان تۇزۇمى يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادەمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفېسسور)، ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بىرىلەتتى.
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ﻫەتتا خانبالىقتا ﻫوكۇمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 - 1294 - يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاﻫىدە قەيت قىلىپ ئۆتۇش زۆرۇركى، بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشﻬۇر پىداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ﻫەممە ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئېلىنىڭ تايانخان (كۇنخان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىﻬەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كىيىن چىڭگىزخان ئېمپىرىيىسى قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئوز ﻫۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئەلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يېزىق كىيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن ئەلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن.
تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى خىلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىﻬەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپەرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ﻫوكۇمەت تىلى ۋە ئالاقەت تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى.
مەشﻬۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 - 1450 - يىللار) مۇنداق يازىدۇ: " ... بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق - پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن، ﻫۆرمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن" (كىرىپورت، "ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى" 56 - بەت).
كىيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتىدى.
"قۇتادغۇبىلىك" - قاراخانىلار "خاقانىيە تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، خوجا ئەﻫمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 - يىلى يېزىلغان "دىۋان ﻫىكمەت" ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرﻫانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1310 - يىلى يېزىلغان "ئەۋلىيالار قىسسەسى" ناملىق رومان "چاغاتاي تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۇنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئۆيمۇ ئۆي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى كۇندىن - كۇنگە مۇستەﻫكەملەندى.
چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كىيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئوز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ كىلىۋاتقان سالاﻫىيىتىنى ئوچۇق كورسەتتى.
پروفېسسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: "موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ﻫاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى."
بۇ ئەﻫۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زىمىنىدىلا ئەمەس، ﻫەتتا قۇبلايخان تەسىس قىلغان يۇئەن سۇلالىسى ﻫاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ، قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ﻫەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى ساقى، كوپ تىل، جۇملىدىن گېرك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە خېرستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئۆمەر، باش ئادۋوكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ﻫەربىي سەركەردە چاغان تۆمۇر بىلەن كۆك تۆمۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ﻫەييام، ئاتاقلىق دوختۇر يەﻫيا، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۇر تۇۋرۇك، "جۇرجىت تارىخى" ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، "سۇڭ سۇلالىسى تارىخى" نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشﻬۇر كومپوزىتور مۇﻫەممەت چولپان، كۆپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كورسىتىپ ئۆتۇش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تۆمۇر تۇۋرۇك يازغان "زىرائەت ئوسۇملۇكلىرىنى يىتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يېقىنقى چاغلارغىچە ئىلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇﻫىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى.
چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى يەﻫيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كەسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى ۋە مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يىتىشتۇرگەن. بۇ دوختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى خۇئاڭخې ۋادىسىغىچە ئات ئۇستىدە يۇرۇپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تېڭىقچىلىق قىلاتتى. بۇ ﻫەقتە ئىلىمىزنىڭ مېدىتسىنا كىتابى - مەشﻬۇر "نەيجىڭ" ناملىق كلاسسىك قامۇستا يېزىلغان تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۇشكە بولىدۇ:
"غەربىي رايون - ئالتۇن ۋە قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى، گۆش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، كىسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تىنىنى زەﻫەرلىيەلمەيدۇ."
"ئۇيغۇرلار ئۇزۇم، بەدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق، زاراڭزا چىچىكى قاتارلىق ئۆسۇملۇك ۋە گىياﻫلاردىن ياخشى دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روﻫىنى زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۇزۇم پەي بىلەن سوڭەككە قۇۋۋەت بىرىدىكەن."
يەنە "جۇگىڭلۇ" ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى يەﻫيانىڭ ئىچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇئەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا كىسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 - تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان:
رىن زىجاۋ دىگەن كىشى ئىيتىدۇ: "ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بەشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە - پەرياد ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تېۋىپ كىلىپ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ، بىر كىچىك قۇرتنى ئېلىۋەتتى. ﻫىلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ﻫەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئوتمەي ئۆلۇپ قالدى. بالىمۇ دەرﻫال ساقايدى."
يەنە شياشۇسۇ دىگەن كىشى ئىيتىدۇ: "پىڭچياڭ ئەگمىسى يېنىدا بىر كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆپۇپ يېتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوختۇر كەلدى - دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نىمىنى كىسىۋەتتى، ﻫايال بولماي ئات ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..."
يۇئەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي پاكىتلار نەقىل كەلتۇرۇلگەن:
... ئىچكىرىگە كىلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىخانىلاردا سېرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ﻫەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۇنلىرى دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سېتىلاتتى ، قىمىز بولسا قىرىلىقنى كەتكۇزۇپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئۆپكە بىلەن يۇرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدا ئىختىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يىتىشتۇرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەردىكى "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلار ئۇچۇن يەتكۇزگەن مىراس مېۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۈگىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تىخىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ.
بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۇرلۇك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىغا كىلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاﻫۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى خۇراساندىن ﻫەم تارىم بويلىرىدىكى تۇرلۇك شەﻫەر - يېزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كىلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۇرلۇك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۇتۇن ئۆمرىنى مائارىپ ئۇچۇن بېغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سەئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سەئىد قەشقەرى خۇراساندا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، كۆپ ئالىملارنى يىتىشتۇرگەن. مەشﻬۇر پارس شائىرى ئابدۇراﻫمان جامى (1414 - 1492) مۇ سەئىد قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.
چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۇچۇن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كورسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 - 1465 - يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 - 1501 - يىللار) مائارىپ تارىخىمىزدا مۇﻫىم ئورۇن تۇتىدۇ.
لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق مائارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى "پاساﻫەتلىك ئەدىپ" ﻫەم "ئەزىز، تەۋەرۇك زات" دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ﻫۆرمەتلەيتتى. ئەلىشىر ناۋايى ئۇنى "مەلىكۇل كالام" (سۆز پادىشاﻫى) ۋە "تەۋەرۇك ئۇستاز" دەپ مەدﻫىيلىگەن.
لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كىلىدىغان "گۇل ۋە نورۇز" ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شوﻫرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشﻬۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق تومۇر) ﻫەققىدە يېزىلغان "زەپەرنامە" ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
ئاتاقلىق شائىر ئەلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقام كۇيلىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىر تېكستلىرىگە سېلىنغان.
ناۋايىنىڭ تاللانغان شېئىرلار توپلىمى - "ناۋايى" ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ "خەمىسە ناۋايى" ﻫەم "چاﻫار دىۋان" قاتارلىق يىرىك داستان ﻫەم شېئىىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم - مەرىپەتنى، ﻫەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۇيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى مەدﻫىيىلىگەنىدى.
ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ "مەﻫبۇبۇل قۇلۇپ" ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر - مىﻬنىتىنى يۇقىرى باﻫالاپ مۇنداق يازىدۇ:
"ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۇرۇشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئېرىگەن قوغۇشۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۇزەشتە، ئەدەب ئوگىتىشتە نۇرغۇن جاپا، ئەجىر چىكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ﻫەققى ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر ئوقۇغۇچى كىيىن پادىشاﻫ، شەيخۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ، ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۇنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا تەڭرى رازى بولىدۇ..."

ﻫەق يولىدا كىم ساڭا بىر ﻫەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە،
ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ﻫەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە.
(ساڭا بىر ﻫەرپ ئۆگەتكەن ئۇستازنىڭ ﻫەققىنى يۇز تىللا بەرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى "مەﻫبۇبۇل قۇلۇپ" 113 - بەت)
ناۋايى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دىگەنىدى:
ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ﻫۇدكامەسى،
ئورگۇنۇرگە جىد - جەﻫىد ئۆتكەن جاﻫان ئەللامىسى.
ناۋايى خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:
يۇز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم،
ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۇز قەتلە پەرياد ئەيلەرەم.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دېداكتىك مەزمۇنىدىكى ﻫېكمەتلىك شېئىرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن:

توقلۇق ﻫىرسىن كوڭۇلدىن يوق قىل،
ئۆزۇڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.
لىباس ﻫەر نەچچىكىم زىبادۇر.
كىيگىنىڭدىن كەيدۇرگىنىڭ ئەلادۇر.
چىراغىنى ﻫەق ياندۇردى، كۆيدى،
ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كۆيدى.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان "خازانىئۇل مەئانى" (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق شېىئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ دىۋان ("چاﻫار دىۋان") دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ﻫەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقان "خەمسە ناۋايى" ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئەلىشىر ناۋايى مول ﻫوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە تەلىم - تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.

داۋامى بار ،
Posted: 2008-01-03 21:01 | 5 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى


(ئابدۇللا تالىپ)

7-باب

سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى

14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاغاتاي ئۇرۇقى ئىچىدە جىددىي پارچىلىنىش يۇز بەردى. بىر قىسمى تۇغلۇق تۆمۇرخان يىتەكچىلىكىدە (300 مىڭ كىشى) ئىسلام دىنىغا كىردى (1). بۇلارنى ئىقرابانچۇق ياكى "يانغانلار"، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلەرنى "قالغانلار" دەپ ئاتاشتى. "قالماق" سوزى ئەنە شۇ كىيىنكى سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى.
ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۇچلۇك تەسىر كورسىتىشى ئارقىسىدا چاغاتاي ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. ئارىدىكى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان ۋەيرانچىلىقتا خاراپ بولغان مائارىپ ۋە سەنئەت يەكەن مەركەز قىلىنغان سەئىدىيە ﻫانلىقى (1514 - 1678 - يىللار) دەۋرىدە قايتا گۇللەندى. چۇنكى بۇ دەۋردە مەدەنىي - مائارىپ ۋە سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى ئۇچۇن بىرقەدەر تىنچ مۇﻫىت يارىتىلدى. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى خوجا باتۇر سۇلتان سەئىد ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ۋە ئەدىبلەردىن ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ دەرىجىلىك مەكتەپلەر، مۇزىكا مەكتەپلىرى (بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر جەمئىي 2263 كە يەتكەن. 1522 - يىلى قۇرۇلغان "مىرزا ﻫەيدەر" مەدرىسى، 1630 - يىلى قۇرۇلغان مەشﻬۇر "ساقىيە" ناملىق مەدرىسە شۇ چاغدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ﻫىسابلىناتتى) قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار، مۇزىكاشۇناسلار، تارىخشۇناسلار، ئەدىب - يازغۇچىلار، بىناكارلىق ماﻫىرلىرى تىز يىتىشىپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋردە "سىپاﻫىيە" (ﻫەربىي مەكتەپ)، "شىپاﻫىيە" (تىببىي مەكتەپ)، "ﻫودۇدىيە" (چېگرا ساۋاتى) ۋە "ئايىنەئى ساپارات" (ئەلچىلەر ئەينىكى) قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەرمۇ تەسىس قىلىندى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ ئاساسى مۇشۇ چاغدا مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەشﻬۇر ۋەكىلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (1510 - 1570 - يىللار) شۇ چاغدىكى قەشقەر ۋە يەكەن خانلىق مەدرىسلىرىدە ياخشى تەلىم ئالغان ئىقتىدارلىق ئالىم ۋە سىياسەتچى ئىدى. ئاتاقلىق تارىخچى موللا موسا سايرامى ئۇنى "ئالىم، پازىل شائىر، ئەرەب، پارسچە بىلىدىغان تىلشۇناس ۋە ماﻫىر مۇزىكاشۇناس..." دەپ تەرىپلىگەن. "تارىخىي رەشىدى" ناملىق ئەسەردە: "ئۇ ئالىملارنىڭ ﻫىمايىچىسى، مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىفى. ئۇ، چارتار، دۇتار، ساتا، قالۇن، تەمبۇر، راۋاب، ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئۇ ماﻫىر خەتتات ۋە پارسچە، تۇركچە شېئىر يازالايدىغان كامىل شائىر ئىدى" دەپ تەرىپلەنگەن. شۇڭا بۇ دەۋردە ئاماننىساخان، مىرزا ﻫەيدەر قەشقەرى، قەدىرخان يەركەندى، مەۋلانا خۇلقى، مىرزا مىرەك چالىش، ئايازى قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر يىتىلىپ چىققانىدى.
سەئىدىيە دەۋرى مائارىپىنىڭ يەنە بىر ئالاﻫىدىلىكى ﻫۆسنخەتشۇناسلىقنىڭ كۆپ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بولدى. دەرسلىك كىتاب، نادىر ئەسەرلەرنى ﻫوسنخەت بىلەن يېزىش تەلەپ قىلىناتتى. ئۇلار "خەتتات" دەپ ئاتىلاتتى. مۇﻫۇر، تامغا، قەبرە تاشلىرى، مەدرىسە، گۇمبەز، مۇنار تاملىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ﻫۆسنخەتلەر بىلەن بىزىلەتتى ۋە نەقىشلىنەتتى. گۇل چىقىرىپ، ئىچىگە نەقىش شەكلى بىلەن قوندۇرۇلغان ﻫۆسنخەتلەر ئىمارەتكە سىن كىرگۇزۇپ، كوركەملىكىنى ئاشۇراتتى.
ئەينى زاماندا خەتتاتلىق سەنئىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر تولۇق بىلىملىك ﻫىسابلانمايتتى. شۇنىڭ ئۇچۇن ﻫوسنخەت ئىلمى خانلىق مەدرىسلەرنىڭ ئاساسىي دەرسلىرى قاتارىدا ئۈگىتىلەتتى.
سەئىدىيە دەۋرىدە يەنە "نورۇز" پائالىيەتلىرى ئەڭ گۇللەنگەن بولۇپ، مۇشۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە كەڭ يۇرگۇزۇلەتتى. نورۇز پائالىيەتلىرى رەڭگارەڭ تۇرلەرنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى: "نورۇز چېيى"، "ﻫەپتە سالام"، "مۇشائىرە كەچىلىكى"، "نورۇز ناخشا - قوشاقلىرى"، "نورۇز مەشرىپى"، "نورۇزلۇق مۇنبىرى"، "چەۋاندازلارنىڭ ئات بەيگىسى"، "ئوغلاق تارتىشىش"، "چېلىشىش"، "ئەلنەغمە مۇنبىرى"، "چاقپەلەك ئويناش" ۋە باشقىلار.
سەئىدىيە مائارىپى "نورۇز بايرىمى" دىن كىيىن، يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ دەرسىنى باشلايتتى. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يىتلەپ مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئەدەب - ئەردەم بىلەن تۆۋەندىكى سۆزنى بەجا كەلتۇرەتتى:
"پەرزەنتىمىزنىڭ جېنى تەڭرىمىزدىن، ئۇستىخىنى ئاتا - ئانا (بىز) دىن؛ بەختى - ئىقبالى ئۇستازىدىن..."
ئاتا - ئانىلار مۇشۇ تەرىزدە ئۆزىنىڭ پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپكە تاپشۇراتتى. مۇئەللىم جاۋابەن تۆۋەندىكى مۇشائىرەنى بايان قىلىپ بالىنى قوبۇل قىلىپ ئالاتتى:
"مەرىپەت چىرىغى دىلىنى ئاچقاي،
مەرىپەت ئاچقۇچى تىلىنى ئاچقاي..."
مۇشۇنداق رەسمىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەئىدىيە مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ نىزام - قائىدىسى ئىدى.
"نورۇزلۇق مۇنبىرى" دە مەلۇماتلىق ۋائىز (ناتىق) لار ۋە نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرى سۆزگە چىقىپ پەندى - نەسىﻬەتلەر ئارقىلىق تەلىم - تەربىيە ئېلىپ باراتتى. بۇنداق ئۇسۇل مەكتەپلەردىمۇ پات - پات بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇﻫىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئوزىدە سەخىيلىق، ئىلىم ۋە ساداقەت سۇپەتلىرى يىتىشكەن كىشى مەرت بولالايدۇ.
ﻫەققانىيەت ئۇچۇن كەلگەن بالا - قازانى راﻫەت بىل.
خەلق پايدىسى ئۇچۇن ئۆزۇڭنىڭ زىيىنىغا رازى بول.
زىيادە مۇبالىغە ۋە مەدﻫىيىچىلىك شائىرنى يالغانچىلىققا باشلايدۇ.
مەدﻫىيە - مۇبالىغە ئۆرلىگەنسىرى ئۆزۇڭ شۇنچە قۇللۇق ئورنىغا چۇشۇپ خورلىنىسەن.
ئادەمنىڭ سىنالغىنى، ئالمىنىڭ قىزارغىنى ياخشى.
قازى خاپا بولغان كۇنى ئىشىكى ئالدىغا بارما.
خالىمىغان ئىشىڭنى كىشىگە تاڭما.
ئاچچىقىڭنى ئاشكارىلىماسلىققا ئادەت قىل.
نادان ۋە جاﻫىل بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما.
مۇناپىققا ياخشىلىق قىلىش ياخشىلىقنى زايە قىلىشتۇر.
كىشىگە دۇشمەن بولما، كىشى دۇشمەن بولىمەن دىسە، قورقما.
سەۋەبسىز تەتۇر قارىغان دوستۇڭغا ئۆزرە ئىيتما، چۇنكى ئۇنىڭ قەلبىدە ساختا دوستلۇق ئورۇن ئالغان.
مەنىسىز سوﻫبەتداشلىقتىن تەنﻬا خىيال ياخشى.
يېرىم دوستۇڭغا سىر بەرمە.
بۇگۇنكى مىﻬنەت ئەتىنىڭ راﻫىتى.
ﻫورۇنلۇق - بەختسىزلىكنىڭ ئالامىتى.
كىشى ئۆزى ئۇچۇن گۇۋاﻫچىلىقتىن ئۆتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزنى - مىقدارىنى خەلق ئۆلچەيدۇ.
ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى قىلما، كۇچۇڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما.
ئىلىم - ﻫۇنەر ئوگەنمىگەن كىشى بىچارىلىككە رازى بولغانلىقتۇر.
تەلۋىگە بېرىلىدىغان ياخشى جاۋاب - سۇكۇت.
ئۆز پەرزەنتىدىن ﻫۆرمەت تەلەپ قىلغۇچى كىشى ئاۋۋال ئۆزىمۇ ئاتا - ئانىسىغا قانداق قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرسۇن.
ئاتا - ئانىنىڭ قەرزى پەرزەنتلىرىنى مال - دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس، بىلىم - ﻫۇنەرگە ماﻫىر قىلىپ قويۇشتا.
ئىزاﻫاتلار:
(1) تۇغلۇق تۆمۇرخان ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ كۇچادا تەسىس قىلغان "ۋەلىيە" مەدرىسىگە نۇرغۇن ئىقتىساد ئاجرىتىپ بەرگەن. بۇ مەدرىسە ئۆز زامانىسىدا كاتتا مەكتەپ بولۇپ شۆﻫرەت تاپقانىدى.

داۋامى بار ،
Posted: 2008-01-03 21:01 | 6 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

( ئابدۇللا تالىپ)

8 -باب

"چىراغسىز جاﻫالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋىتىلگەن مائارىپ

...بىراق، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان مۇتەئەسسىپ ئىشان ﻫىدايىتۇللا خوجا (1626 - 1694) قاتارلىقلار تەركىدۇنيالىقنى، جاﻫالەتنى تەرغىب قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەرەققيپەرۋەر سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى چىقتى. ئاخىر 1677 - يىلى كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئۆتۇپ، دالاي لامانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەرز - شىكايەت ئوقۇدى. دالاي لاما جۇڭغار گېنىرالى غالدانغا خەت يېزىپ، ﻫىدايىتۇللا خوجىغا ياردەم بىرىش ئۇچۇن 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى تاپشۇردى. تۇمەن بويىدىكى جەڭدە سەئىدىيە قوشۇنلىرى يىڭىلىپ قالدى. نەتىجىدە ﻫىدايىتۇللا خوجا "ﻫەزرىتى ئاپئاق" دىگەن ئۇنۋان بىلەن قورچاق ۋاڭ بولۇۋالدى ۋە سوپىزمنى كۇچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى "چىراغسىز جاﻫالەت ئەسىرى" ئىچىدە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇۋىتىلدى. پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتەماتىكا، جۇغراپىيە پەنلىرىنى ئوگىنىشنى ئۇ، "پەرەڭلەرنىڭ سېﻬرىسى"، "جەدىتلىق" دەپ جار سېلىپ مەنئى قىلدى، "پانىلىق ناساراغا مەنسۇپ، بىزگە قىيامەتلىك" دەپ چۇقان كۆتۇردى. ﻫالبۇكى، دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ يىڭى مائارىپى تىز راۋاجلانماقتا ئىدى. "ناسارا پەرەڭلىرى" (1) بەس - بەس بىلەن ئالىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قۇرۇشماقتا ئىدى. ﻫىدايىتۇللا خوجىنىڭ سوپى دەرۋىشلىرى بولسا، ئەكسىچە جەندى - كۇلالىرىنى كىيىشىۋېلىپ، ﻫەممىلا جايدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىشاتتى. خوتۇن - قىزلار ﻫەرەم ئىچىدە تۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكتىن مەﻫرۇم قىلىناتتى. بۇ خىل روﻫىي كىشەنلەرگە قارشى خەلق ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىق بىلدۇرەتتى. خەلق ئىچىدە جاﻫىل سوپىلار گۇرۇﻫىنى مەسخىرە قىلىدىغان قوشاق - شېئىرلار پەيدا بولغانىدى. مەسىلەن:

قولۇڭدا دالۋىيىڭ بولسا، "قۇ" نىڭ نەمىشى،
دىلىڭدا ئىمانىڭ بولسا، "ﻫۇ" نىڭ نەمىشى.

سوپى - ئىشانلارنىڭ جاﻫالەتتە قالدۇرۇش ۋە نادانلاشتۇرۇش ئاقىۋەتلىرىدىن پايدىلانغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى كىيىنرەك شوتاڭ مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىرى ئۇچۇن پەقەت تىلماچ (تۇڭچى) لارنى تەييارلاشنى مەقسەت قىلدى. شوتاڭ مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىنغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئىغىر جىسمانىي ئازاپ چىكەتتى، ئۇلارنىڭ ئىززەت - ﻫۆرمىتى، غورۇرى دەپسەندە قىلىناتتى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىم كىيىشىگە يول قويۇلمىغانىدى. ئۇلارغا بېشىغا سەككىز قىرلىق تەقى، تەقى ئۇستىدە قۇببۇ شەكىللىك قىزىل مارجان پۆپۇك بىكىتىلگەن ﻫەمدە ئۇچىسىغا سېرىق زەي تۇتۇلغان ۋە قارا ئىزمە تۇگۇلگەن قۇيازى كىيگۇزۇلەتتى، قارا لەمبۇقتىن ئۇچىغا جۇلا ئۆرۇپ ئۇلانغان بىر ئۇزۇن يالغان ئۆرۇمە چاچ قۇيرۇقىغىچە تىگىپ تۇراتتى. مانا بۇ شوتاڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مانجۇچە ئوبرازى ئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا زۇلمەتلىك دەۋر ﻫىسابلىنىدۇ.
دىمەك، مۇشۇ زۇلمەتلىك ۋە "چىراغسىز جاﻫالەت ئەسىرى" دە ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق شاملىرى ئۆچۇرۇپ تاشلانغىنى ئۇچۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىسلى كۆرۇلمىگەن نادانلىق ۋە قۇللۇق ﻫۆكۇم سۇردى. سوپىزم نادانلاشتۇرۇشنىڭ قورالى بولسا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ﻫۆكۇمرانلىرى قۇللاشتۇرۇشنىڭ ئامىلى بولدى.

ئىزاﻫاتلار:
(1) "ناسارا پەرەڭلىرى" - ياۋروپا مەملىكەتلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

داۋامى بار
Posted: 2008-01-03 21:02 | 7 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

( ئابدۇللا تالىپ)

9 - باب

يېڭى مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىش تارىخى


"ئۆتمۇشنى ئۇنتۇش جىنايەت" (ۋ. ئى. لېنىن)، يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرما ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولىدۇكى، تاكى 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللېرىدىمۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا يەنىلا ئېغىر جاﻫالەت ﻫۆكۇم سۇرمەكتە ئىدى، پۇتۇن تەكلىماكان ۋادىسىدا پارلاق مەرىپەت شامى بولۇپ يانغان قەشقەردەك مەرىپەت مەركەزلىرىدە ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەﻫمۇت قەشقەرى ۋە يۇسۇپ خاس ﻫاجىپتەك مۇتەپەككۇر زاتلارنى يىتىشتۇرگەن مەشﻬۇر "ساجىئە" بىلىم يۇرتى ۋە كىيىنرەك نۇرغۇن ئالىملىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ ئىلىم - مائارىپ شاملىرى ئاللىقاچان ئۆچۇپ پۇتۇن تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ ئىككىنچى بىر چىتى - ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا، يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى مائارىپ جۇش ئۇرۇپ جاﻫاننى زىلزىلىگە كەلتۇرۇشكە باشلىغانىدى. 1770 - يىللىرى جىمىس ۋات تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى، 1804 - يىلى فولتۇن تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان ئوكيان پاراخوتى، 1805 - يىلى سەتىۋىنىس كەشىپ قىلغان پويىز ۋە تۆمۇر يول، فارادى ئاساس سالغان توك (ئېلىكتىر) ئېنىرگىيىسى، 1902 - يىلى ئاكا - ئۇكا رەيت تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ئايروپىلان ۋە باشقىلار شەرقتىكى غاپىللار دۇنياسىنى ﻫەيران قالدۇردى. ئەينى زاماندىكى يىڭى تىخنىكا كەشپىياتلىرىغا ئەگىشىپ تۇرلۇك - تۇمەن زاۋۇت - فابرىكىلار ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتۇرۇشكە باشلىدى.
غەربتىكى مۇشۇ تەرەققىياتنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە تەرەققىياتپەرۋەر كىشلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلاردىن بىرى ئويغىنىش توغرىسىدا خىتاب قىلىپ مۇنداق يازغانىدى:

قوپ! ئى ئاداش بىر... ئەتراپىڭغا باق،
باق... نە كورەرسەن ئويلىغىن ئۇزاق!
يەردە، ﻫاۋادا، سۇدا كەلۇرلەر،
ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق!...

ئوتتۇرا ئاسىيادا يىڭى مەكتەپ مائارىپى مۇشۇنداق خىتاب ۋە ئىﻬتىياج ئاستىدا باشلاندى. بۇ يىڭى مەكتەپ مائارىپى "ئۇسۇلى جەدىت" دەپ ئاتالدى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئاپغانى (1838 - 1897) بولۇپ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، جاﻫانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاﻫات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ ئىسلاﻫات يىڭى مەكتەپ مائارىپىنى ("ئۇسۇلى جەدىت" نى) يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇﻫىم تەشەببۇسكارلىرى ۋە تەسىس قىلغۇچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ﻫۇسەيىن مۇساباي، باﻫاۋىدىن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللا قەشقەرى، تاش ئاخۇنۇم؛ تۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت مۇﻫىتى، كۇچادا ﻫامىت ﻫاجى قاتارلىقلار ئىدى.
بۇلارنىڭ بەزىلىرى يىڭىدىن بىخ ئۇرۇپ چىققان مىللىي سانائەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى، شۇنداقلا بەزىلىرى يىڭى مائارىپنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسى بولۇپ، جاﻫالەتكە قارشى كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقتى. بەزىلىرى ﻫەتتا پېتىربۇرگ، فىنلاندىيىگىچە، بەزىلىرى گېرمانىيە ۋە پارژغىچە، يەنە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسىغىچە ئارىلاپ يۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەينى زاماندىكى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۈزەتتى. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن سانائەتنى تۇتسا، بىر تەرەپتىن يىڭى مائارىپقا ئاساس سېلىش يولىدا جىددىي كۇرەش قىلدى.
1907 - يىلى ﻫۇسەيىن، باۋۇدۇن ئاكا - ئۇكا گېرمانىيىنىڭ "دولاق" ماركىلىق سانائەت شىركىتى بىلەن دېگىۋارلىشىپ، ئىلىدا خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. تاش ئاخۇن يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە شاتۇۋا توقۇمچىلىق كارخانىسىنى قۇردى. تۇرپان ئاستانىدا مۇسۇل ﻫاجى، ۋاجىت ﻫاجىلارنىڭ پاختا زاۋۇتى قۇرۇلدى. مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ ئېﻬتىياجىغا ماسلىشىپ، 1916 - يىلى ئاتۇش، يەكەن ۋە ئىلىدا سانائەت ۋە بوغالتىرلىق كەسپىي تىخنىكوملىرىمۇ قۇرۇلدى.
مانا بۇ يۇقىرىقى پاكىتلار ئۇيغۇر يىڭى مەكتىپىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە ماددىي ئاساسلىرى ئىدى.
ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى قىتىم ئاتۇشتا يىلتىز تارتىشىدا بۇ ناﻫىيىدىن چىققان بىر تۇركۇم مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روﻫى تۇرتكە بولغاننىڭ سىرتىدا، يەنە جۇغراپىيىۋى ئوزگىچە مۇﻫىت - شارائىتنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بار. ئاتۇش ئىقلىمى قۇرغاق، ﻫاۋاسى ساپ جاي، قۇرغاق ئىقلىم ئاتۇش خەلقىنى چىداملىق ۋە غەيرەتلىك قىلىپ يىتىشتۇرگەن. شۇنداقلا بۇ جايدا ئېقىن سۇنىڭ قىسلىقى، ئېكىنزارلىقنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئاتۇش خەلقىغە شىجائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روﻫىنى سىڭدۇرگەن. بۇنداق روﻫ ئۇلاردا تىجارەت قىلىش، ساياﻫەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش خۇسۇسىيەتلىرىنى يىتىلدۇرگەن.
بىراق، ئىكساقتا تەسىس قىلىنغان تۇنجى يىڭى مائارىپنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك پەزىلىتىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش زۆرۇر.
مۇساباي (مۇسا ﻫاجى) نىڭ ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل ئۆز زامانىسىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئىلىم تەﻫسىل قىلغان ۋە ئانا مەكتىپىگە ئىزچىل ماددىي ياردەم قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ﻫۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئوغلى مۇسابايمۇ شۇ مەدرىسنى تۇگەتكەن ۋە 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زور مىقداردا ئىنايەت كۆرسىتىپ خانلىق مەدرىسنى بىر قىتىم چوڭ رېمونت قىلدۇرغان. ﻫازىرغىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۇنىڭ مۇﻫىم بىر ۋەسىقىسىدە: "بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئوشرە - زاكاتىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسكە تەسەررۇپ قىلىش زۆرۇر" لۇكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان مەرىپەتپەرۋەر ئوغۇللىرى - ﻫۇسەن باي (1844 - 1926 - يىللار) ۋە باۋۇدۇن باي (1851 - 1928 - يىللار) ئاتىسى موسا ﻫاجىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مەكتەپ مائارىپىغا توﻫپە قوشۇشتا تىخىمۇ زور پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئەينى زاماندا تارىم ۋادىسىنى جاﻫالەتنىڭ قاپقارا پەردىسى قاپلاپ تۇرغان، شۇنداقلا ئەڭ جاﻫىل ۋە مۇتەئەسسىپ كۇچلەر ﻫۆكۇم سۇرۇۋاتقان شارائىتتا ﻫەمدە ئاچكوز، نادان بايلار خەلقنىڭ يىلىكىنى رەﻫىمسىز شوراپ، ئوزىنىلا سەمرىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان شارائىتتا بۇنداق پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز تارىخقا لىللا باﻫا بىرىدىغانلا بولساق، ئەينى زاماندىكى ﻫۇسەيىن باي ۋە باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋىجدان ئوتىنىڭ نەقەدەر يالقۇنجىغانلىقىنى كۆرۇۋالالايمىز.
ئىنسانىيەت تارىخىدا - "مائارىپ مەڭگۇلۇك كاتىگورىيە". شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مائارىپ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بىراق ئۇ، "ئەنئەنىۋى مائارىپ" ۋە "يىڭىچە مائارىپ" تىن ئىبارەت چوڭ ئىككى كاتىگورىيىگە بۆلۇنىدۇ.
يىڭى مائارىپ ("ئۇسۇلى جەدىت") نى تۇنجى قىتىم جارى قىلدۇرغان پىداگوگ - مەشﻬۇر چېخىسلوۋاك ئوقۇتقۇچىسى يان. ئامۇس. كومىنسكىي (1592 - 1670 - يىللار) بولدى. ئۇ قۇرداش ئۆسمۇرلەرنى كلاس (سىنىپ) بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يۇرگۇزۇپ، چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ سىنىپلار ئايرىمىسى بويىچە دەرس پروگراممىسى بار، دەرس سەتكىسى بار، ئىمتىﻬان تۇزۇمى بار، تەربىيە نىشانىسى بار بىر يۇرۇش يىڭىچە ئۇسۇلنى قانات يايدۇرغانىدى. مۇشۇ تەلەپ بويىچە قۇرداش ئوسمۇرلەر ئەتراپى باغۋارانلىق، ئازادە سېلىنغان، كەڭ دەرىزىلىك، ئىچى كەڭ ۋە يورۇق، ئۇستەل، پارتىلىرى تەل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ﻫەر خىل بىلىم - پەنلەردىن ساۋاق ئالاتتى.
چەت ئەللەرنىڭ يىڭى مائارىپىدىن تەسىرلەنگەن باۋۇدۇن باي ئاكىسىنى يىڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ئۇچۇن ﻫەمكارلىشىشقا كۆندۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەخسىي دارامىتىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئىكساقتا يىڭىچە مەكتەپ بىناسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا تۇنجى يىڭى مەكتەپكە ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپ 1885 - يىلى كۇزدە رەسمىي ئوقۇش باشلىدى. ئىكساقتا يولغا قويۇلغان بۇ تۇنجى يىڭى مەكتەپ كىيىنرەك "ﻫۇسەينىيە مەكتىپى(1)" دىگەن نام بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سەﻫىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇ مەكتەپ دەسلەپ ئۇچ سىنىپتىن تەشكىل قىلىندى. سىنىپلىرى كەڭ دەرىزىلىك، دوسكا، پارتا قاتارلىق سىنىپ جاﻫازىلىرى مۇكەممەل، سىنىپلارنىڭ ئىچى - تېشى ئاقارتىلغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن ئىشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ياتاق، ﻫاممام (تاش مۇنچا) بىنا قىلىنغان، مەكتەپ ئەتراپى ئورمانلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق يىڭى مەكتەپلىك قىياپىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. كىيىنچە يىراق يىزىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار قونۇپ ئوقۇيدىغان بولدى. قونۇپ ئوقۇيدىغان بالىلار "لەيلى"، كىلىپ - كىتىپ ئوقۇيدىغانلار بولسا "ناﻫارى" دەپ ئاتىلاتتى.
دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ يىڭى مەكتەپ دۇچ كەلگەن جىددىي قىيىنچىلىق - مۇئەللىم مەسىلىسى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ﻫەل قىلىش ئۇچۇن يىڭى مەكتەپنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايلار چەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تەربىيلەشنى مەردانىلىق بىلەن قارار قىلدى. مۇشۇ قارار بويىچە تۇنجى قىتىم قازان دارىلمۇئەللىمىنىدە ئىككى يىل تەلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى كەرىماخۇن بولدى. كىيىن ئۇ بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى ۋە ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە "بەش كىشىلىك مۇدىرىيەت ﻫەيئىتى" قۇرۇلدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە باۋۇدۇن باينىڭ ئۆزى ﻫەم كەرىماخۇن، ﻫىسامىدىن ﻫاجىم قاتارلىق مۆتىۋەرلەر كىرگۇزۇلگەنىدى. بۇنىڭ سىرتىدا توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان "ئاتا - ئانىلار ﻫەيئىتى" مۇ قۇرۇلغانىدى. بۇ ئىككى ﻫەيئەت ئايدا ئىككى قىتىم كىڭەش ئېچىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ﻫەم ئىقتىسادىي خىراجىتى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ﻫەل قىلاتتى.
كەرىماخۇن مۇدىر بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، رەسمىي دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەش نەپەر بولۇپ، ئۇلار: كەرىماخۇن (مۇدىر)، چوڭ غوجىكام، سۇلتان مەﻫمۇت، ئىدىرىس ﻫاجى، رائىلە بۇۋى موللاچام قاتارلىقلار ئىدى. بۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە 105 نەپەر ئۆسمۇر بولۇپ، ئۇنىڭدىن 25 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ئىدى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۇرى: ﻫېساب، تىل، ئىملا، ئوقۇش دەرسى (ئەدەبىيات)، ئەرەب، پارس تىلى، جۇغراپىيە - تارىخ، ئىلمىي ﻫال، ئىلمىي تەجۋىد، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەردىن ئىبارەت ئىدى. ﻫەپتىلىك دەرس جەدىۋىلى بويىچە بىر كۇندە تۆت سائەتلىك دەرس ئۆتۇش تۇزۇمى يولغا قويۇلدى. ﻫەپتىدە بىر قىتىم مەكتەپ مۇدىرى پۇتۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لىكسىيىسى بىرىپ تۇرۇش مۇنتىزىم تۇزۇمگە ئايلاندى. شۇنىڭدەك شۇ چاغدىكى تۇزۇم بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن كۇندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەت، ئوقۇغۇچىلارغا بەش سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ﻫەر كۇنى بىر ئوقۇتقۇچى نۆۋەت بىلەن دىجورنى بولۇش، ﻫەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۇزۇمىمۇ يولغا قويۇلغان. دىجورنى مۇئەللىملەر خاتىرە تۇتۇپ، ﻫەر كۇننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ياخشى - يامان ئەﻫۋاللار ئۇستىدە ئۇچۇر بىرەتتى.
بۇ يىڭى مەكتەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىن باشلاپلا ئىمتىﻬان تۇزۇمى يولغا قويۇلدى، ئىمتىﻬان نەتىجىلىرى تۆت دەرىجىگە ئايرىلاتتى. مەسىلەن: ئەلىيۇلئەلا (1 - دەرىجىلىكلەر)، ئەلا (ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلا بولغانلار)، ئەۋسات (ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر)، ئەدنا (ئوتەلمەي قالغانلار).
ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىملىرى پۇتۇن كەنت ئاﻫالىلىرى قاتناشقان ﻫالدا قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق ﻫالدا ئوتكۇزۇلەتتى. ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مارشلىرىنى جاراڭلىتىپ كۆرەك قىلاتتى. ئوقۇش تۇگەتكەن ئوقۇغۇچىلار توت دەرىجە مۇكاپات بىلەن تەغدىرلىنەتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەﻫسىننامە"، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە "ئاپىرىننامە"، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەقدىرنامە"، 4 - دەرىجىلىكلىرىگە "شاﻫادەتنامە" تارقىتىلىپ بىرىلەتتى.
ئوقۇتقۇچىلار جامائەت ئىچىدە بەك ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلار "ئەپەندىم"، ئايال ئوقۇتقۇچىلار "موللاچام" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ئاشۇ ﻫۆرمەتنى كۇچەيتىپ باراتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلەرگە 400 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 300 چارەك، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە 200 چارەك ئاشلىق مائاش (يىللىق) بىرىلەتتى. بۇ مائاش تەمىناتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاكا - ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئىقتىسادىدىن، قالغان قىسمى ئوشرە - زاكات كىرىمىدىن چىقىرىلاتتى.
بۇنىڭ سىرتىدا، كەمبەغەل ۋە يىتىم ئوسمۇرلەر ئۇچۇن "خانەندىلىك" (ئوقۇش ياردەم پۇلى) تۇزۇمى يولغا قويۇلغانىدى. ئۇلارنى كىيىم - كىچەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، تاماق راسخوتى ئۇچۇن 1 - دەرىجىلىكلىرىگە 15 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 12 چارەك، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە سەككىز چارەك ئاشلىق تەمىنات بىرىلەتتى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كىلىپ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن جامائەتنىڭ چارۋىلىرىنى توپلاپ باقىدىغان مەخسۇس "پادىچى" ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
1888 - يىلى يىڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرى كەرىماخۇن ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كىتىدۇ. بۇ ئەمدىلا بىخ ئۇرۇپ مۇستەﻫكەملىنىشكە قەدەم تاشلىغان ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئۇچۇن بىر يوقىتىش بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنى تىز تولدۇرمىغاندا، يىڭى مەكتەپ بۆشۇكىدىلا تۇنجۇقۇپ كىتىش خەۋىپىنى جىددىي ﻫىس قىلغان باۋۇدۇن باي چەت ئەلگە يەنە ئوقۇتقۇچى چىقىرىشقا ئالدىرىدى. بىر - ئىككى يىل پۇختا تاللاش ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1902 - يىلى بىر تۇركۇمدىلا سەككىز نەپەر ئىقتىدارلىق ياشنى تۇركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۇرسۇن ئەپەندى، ﻫەسەن ئەپەندى، مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس ﻫاجىم (بۇ ئىككىيلەن ئىلىدىن تاللانغان) ۋە قادىر ئەپەندى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل تەرەپلەرگىمۇ بىر قىسىم ياشلارنى ئەۋەتىش تەييارلىقى كۆرۇلدى.
چەت ئەلگە چىقىرىلغان ياشلار ئوقۇش تۇگىتىپ كەلگۇچە بولغان ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۇچۇن، باۋۇدۇن باي 1 - تۇركۇمدە تۇركىيىدىن ئابابەكرى قاتارلىق زىيالىلارنى مۇئەللىملىككە تەكلىپ قىلىپ ئالدۇردى. ئابابەكرى ئەپەندى ئىكساقتىكى يىڭى مەكتەپنى 1890 - يىلىدىن 1896 - يىلىغىچە باشقۇردى.
ۋەتەنپەرۋەر مەرىپەتچى ﻫۇسەيىن ﻫاجى، باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلار مۇشۇ چاغدا يىڭى مەكتەپنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق سىنىپ سانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كوپەيتىش پىلانلىرىنى كۆڭۈللىرىگە پۇكۇپ قويۇشقانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى چىقىرىشتىكى مۇددىئاسىدىنمۇ ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. 1895 - يىلى مۇساباي ﻫاجى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوغۇللىرىغا: "ﻫەزرىتى ﻫەبىب ئەجەم" مازىرىنى ياساپ چىقىشنى ۋە يىنىغا كىڭەيتىپ ئازادە مەكتەپ بىنا قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە "ﻫەزرىتى ﻫەبىب ئەجەم" مازىرى بىلەن ئۇنىڭ يىنىغا كىڭەيتىپ سېلىنىدىغان "ﻫۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى 1896 - يىلى رەسمىي باشلاندى.
1898 - يىلى ئىككى يىلغا يەتەر - يەتمەي گۇمبەز مۇنارى ئاسمانغا بوي تارتقان كۆركەم مازار بىلەن ئازادە سېلىنغان يىڭى مەكتەپ بىناسى ئىكساقتا قەد كۆتۇردى.
زامانىسىدا ئاتاقلىق بىناكارلىق ماﻫىرى دەپ تونۇلغان قەشقەرلىك مەشۇق ﻫاجى لايىﻬلەپ ياساپ چىققان بۇ كاتتا ۋە كۆركەم بىنانىڭ گۇمبىزى ﻫازىرمۇ قەد كۆتۇرۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يانداش سېلىنغان كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كارىدورلۇق سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى بارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىپتىخارىنى قوزغايدۇ.
بۇ مەكتەپتە سىنىپتىن باشقا يەنە 12 ئېغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (ﻫۇجرا)، ﻫۇجرىلارنىڭ شىمالىدا قويۇق بوستانلىق، نەقىشلەنگەن پىشايۋانلىق مەسچىت، بىنا ئوتتۇرىسىدا رىشاتكىلىق زال، ئىككى ئېغىزلىق ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن مەخسۇس مۇلازىمەت دۇكان ئۆيى، شەرقىي شىمال تەرىپىدە بەش مو دائىرىدە مېۋىلىك چوڭ باغ، باغنىڭ شەرقىدە يەنە شۇ چوڭلۇقتا تەنتەربىيە مەيدانى، بەش - ئالتە مو كەڭلىكتە تىرەكلىك، پەشتاق، تاش پارلىق مۇنچا (ﻫاممام)، مەكتەپنىڭ ئىچىگە سوزۇلغان 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېرىق، ئېرىق بويلاپ ئۆستۇرۇلگەن تۆت قاتار تىرەك بوستان، ئىسكىلات، مۆتىۋەللى ئامبىرى، مەكتەپنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدا تىياتىر زالى، غەربىي جەنۇپتا ئەتراپى تال، ئالما، ئۇجمە بىلەن قاپلانغان چوڭ كۆل، بىر چەتتە كاﻫىش پىشىرىدىغان چوڭ خۇمدان، خۇمدان ئامبىرى، ئىككى جايدا تەرەتخانا... قاتارلىقلار پىلانلىق جايلاشتۇرۇلغان .

داۋامى بار
Posted: 2008-01-03 21:02 | 8 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

( ئابدۇللا تالىپ)

10- باب

4. خەمىت ۋەكىلى

خەمىت ۋەكىلى ئىلى ۋە چۆچەك ۋىلايەتلىرىدە 50 يىل مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ 1930 - يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تۇمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدى. تالانتلىق ۋە ئىجتىﻬاتلىق بۇ مەرىپەتچى ئۇيغۇرچە، تاتارچە، قازاقچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۇركچە ۋە رۇسچە تىللارنى پىششىق بىلەتتى ۋە شۇ تىللاردىكى دەرسلىك ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلىناتتى. خەمىت ۋەكىلى 1934 - يىلدىن باشلاپ غۇلجىدىكى مەشﻬۇر "نەمۇنە مەكتىپى" گە رەﻫبەرلىك قىلىپ، پۇتۇن ئىلى مائارىپىغا نەمۇنە ياراتقانىدى. ئۇنىڭ ئۇلگىسى بويىچە شۇ چاغدىكى "تائالىيە"، "كەشپىيە"، "سايرامىيە"، "ﻫۇسەينىيە"، "روشەن"، "گۇلشەن" قاتارلىق مەكتەپلەر قايتا رەتكە سېلىنىپ، تىز راۋاجلاندى.
خەمىت ۋەكىلى تىل - ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى فىزىكا، ﻫىمىيە، ئاناتومىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ چاغدا دەرسلىك ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، ئالگېبرا ۋە گىئومېترىيە قاتارلىق پەنلەردىن ئۆزى كونسپىك تۇزۇپ چىققان.
خەمىت ۋەكىلى 1947 - يىلدىن باشلاپ "غۇلجا بىلىم يۇرتى" دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە فىزىكا، خىمىيە، تىرگىنومېترىيە... پەنلىرى ئۇچۇن 1000 بەتتىن ئارتۇق دەرسلىك تەييارلىدى. ئۇ ئازادلىقتىن كىيىن ئالگېبرا ۋە ئانالىتىك گىئومېترىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۇچۇن 800 بەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ئىشلەپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم نەمۇنىلىك مائارىپچى دىگەن شەرەپكە ئىگە بولدى.
مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدە مىللىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسىي رولچىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ (1916 - 1943) ئىدى.
لىن جىلۇ 1938 - يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ دائىلفۇنۇنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقنى ئۇستىگە ئالغان، "ئۈگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۇرۇش" تىن ئىبارەت تەلىم - تەربىيە فاڭجىنىنى ئوتتۇرىغا قويغان ﻫەمدە "ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، روﻫلۇق بولۇش" دىن ئىبارەت مەكتەپ نىزامنامىسىنى يۇرگۇزگەن. ئۇ كۆتۇرەڭگۇ - روﻫلۇق مەزمۇندىكى "دارىلفۇنۇن مەكتەپ ناخشىسى" نى تۇزۇپ چىققان. ئۇنىڭ رەﻫبەرلىكىدە شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى جۇشقۇن كەيپىياتلىق بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان.
لىن جىلۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە مەسئۇل بولغان ۋە ئۇچتۇرپان، كۇچا ناﻫىيىلىرىگە ﻫاكىم بولغان چاغلىرىدىمۇ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چوڭ ئىشلارنى قىلدى.
"مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دىكى گۇللەنگەن مائارىپ قوينىدا يىتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسۇف (1920 - 1949)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922 - 1945)، ئابدۇللا روزى (1919 - 1945) قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ يىتىلىشىدە لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي مائارىپ تەربىيىسىنىڭ بىۋاسىتە كۇچلۇك تەسىرى بولدى.
ئاتاقلىق مائارىپچى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئابدۇللا روزى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۆزگە كورۇنگەن ناماياندىلىرىدىن بىرى.
ئابدۇللار روزى 1919 - يىلى ئۇچتۇرپاندا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى ئاتۇش مەشﻬەتلىك ئىدى. ئۇ 1935 - يىل باﻫاردا ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن (ئۇ چاغدا بۇ مەكتەپ ئىككى سىنىپلىق قىسقا مۇددەتلىك ئىدى) نى ئەلا تۇگىتىپ، "ئەلىيۇلئەلا" (ﻫەممىدىن بىرىنچى) بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئەينى زاماندا ئۇنى ئوقۇتقان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا "ئۇنىڭدەك زىرەك، پاراسەتلىك ئۆسمۇرنى كۆرۇپ باقمىغان" ئىكەن. ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپان دارىلمۇئەللىمىننى تۇگىتىپ، يېزىلاردا مۇئەللىملىك قىلدى. دەل شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەنىدى. ئۇچتۇرپاندىن ئىمتىﻬاندا ئەلا ئۆتكۇنلەر ئابدۇللا روزى، ئابدۇكىرىم ئابباسوف بولدى. ئاقسۇ كونىشەﻫەردىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەنلەر مەۋلانجان تۇردى، ﻫاشىمجان ئاخۇنجان، ئەﻫمەت ﻫەسەنۇف قاتارلىقلار ئىدى. بىراق كىيىنكىلەر ئۇرۇمچىگە دەل ۋاقتىدا يىتىپ بارغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككىيلەن ۋاقتىدا ئۇلگۇرۇپ بارالماي، ئۇرۇمچىدە قېلىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى.
1936 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ﻫەم تەبىئىي پەندە ﻫەم ئىجتىمائىي پەندە تىزلا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. يەنە كىلىپ ئۇ پەلسەپە (ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراش) ساﻫەسىدە ئەڭ ئۇستا ناتىق ئىدى. ئۇ ﻫەممە جەﻫەتتە ياخشى بولغاچقا، پۇتۇن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ﻫۆرمەتلەپ "داﻫىي ئوقۇغۇچى" (ئوقۇغۇچىلار داﻫىيسى) دەپ ئاتىشاتتى. شۇ چاغدىكى "شىنجاڭ گىزىتى" دە ئۇنىڭ قىسقا ماقالىلىرى بېسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پوچۇركىسى خۇددىي ئۆزىنىڭ كىلىشكەن قامىتىدەك چىرايلىق ئىدى. ئابدۇللا روزى بىر ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم "ئارزۇ" دىگەن تەخەللۇسنى قوللانغىنىدىن كىيىن، ساۋاقداشلىرى ئىچىدە بۇ تەخەللۇس كەڭ تارقىلىپ كەتتى. ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمىمۇ كىيىنچە بېرىپ مۇشۇ تەخەللۇس بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ "تەرتىپ بولۇمى" نىڭ يوشۇرۇن چارلاپ بىكىتىشى ئارقىسىدا بۇ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى "ئەكسىيەتچىل" دەپ قارىلاندى. ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى بولغان ئابدۇللا روزى سىياسىي تۆﻫمەت بىلەن ماناسقا پالىۋېتىلدى.
ئابدۇللا روزى ماناسقا پالىنىپ كىلىپ ئۇزۇن ئوتمەي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باشپاناﻫلىق قىلىشىغا ئىرىشتى. 1938 - يىل كۇز مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ناﻫىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىدى. ئابدۇللا روزى ئۆزىگە يۇكلەنگەن قوش خىزمەت ئىمتىيازىدىن جىددىي پايدىلىنىپ، بۇ ناﻫىيىنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە ئارىلاپ بېرىپ مەكتەپ تۈرلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. چوڭلار مائارىپىغىمۇ كۆڭۇل بۆلۇپ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ﻫەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. غەپلەتكە، نادانلىققا ۋە جاﻫالەتكە قارشى مەزمۇندا "تۆمۇر ئاكا ئويغاندى" ناملىق درامىنى يېزىپ چىقىپ، سەﻫنىلەشتۇرگەندىن كىيىن، بۇ دراما پۇتۇن ناﻫىيىنى زىلزىلىگە كەلتۇرۇۋەتتى. ئارىدىن توپ - توغرا يىرىم ئەسىر ئۆتۇپ كەتكەن مۇشۇ كۇنلەردىمۇ ئۇرۇمچى، ماناس، قۇتۇبى، ئالاۋۇسۇن قاتارلىق جايلاردا كىشىلەر ئابدۇللا روزى ۋە ئۇنىڭ پىداگوگىكىلىق درامىسى - "تۆمۇر ئاكا ئويغاندى" نى ئېغىزىدىن چۇشۇرۇشمەيدۇ.
ئابدۇللا روزى 1940 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئاقسۇغا كىلىپلا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باش مائارىپ ئىنسپەكتورى (مەكتەپ مۇپەتتىشى)، جۇملىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۇتۇن ناﻫىيىلەردىكى مەكتەپلەرنى ئەمەلىي تەكشۇرۇش چىقىپ، 1941 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ گېزىتىدە "تەلىم - تەربىيە ئوچرىكلىرى" سەرلەۋﻫىلىك ئۇزۇن ماقالىسىنى ئىلان قىلدى. بۇ ماقالە ئەتراپلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۇچۇن يىرىم ئايغىچە ئايىغى ئۇزۇلمەي بىسىلغان ۋە پۇتۇن ۋىلايەت ﻫەتتا چەت ۋىلايەتلەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇللا روزى ئىنسپەكتورلۇق ﻫوقۇقىدىن توغرا پايدىلىنىپ يىرىم يىل ئىچىدە مەكتەپ تەشكىلىنى رەتكە سېلىپ چىقتى. ئۇ چاغلاردا ئىنسپەكتورلاردا شۇنداق ئىمتىياز بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى تەشكىللىدى ۋە بۇ كۇرسلاردا ماتېماتىكا ﻫەم تىل - ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆتتى. ئۇ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا پۇتۇن ۋىلايەت بويىچە تىز شۆﻫرەت قازاندى.
ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىش ئۇچۇن، 1943 - يىل 9 - ئايدا رەسمىي ئۇچ سىنىپ، بىر بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىن تەشكىل تاپقان ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى دولان دەرياسى بويىدىكى يېڭى بىنادا تەنتەنە بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي مۇدىرى ئابدۇللا روزى ئىدى.
شۇ يىلنىڭ كەچ كۇزىدە ئوت يۇرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا كىلىشى بىلەن بۇ يەردە كۇچلۇك دولقۇن پەيدا قىلدى. ئابدۇللا روزى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش جەڭگىۋار زىيالىيلارنىڭ جاﻫالەتكە قارشى كۇرەشلىرى ۋە ئىجادىيەتتىكى ﻫەمكارلىقى ئارقىسىدا پۇتۇن ئۆلكە خاراكتىرلىك چوڭ ئىشلار مۇشۇ ئاقسۇدا مەيدانغا كەلدى. قىسقىغىنا ئىككى - ئۇچ يىل ئىچىدە ئاقسۇدا چوڭ ﻫەجىملىك ئوپېرا - درامىلاردىن 10 نەچچىسى سەﻫنىلەشتۇرۇلۇپ، ئاقسۇ شىنجاڭ بويىچە "دراما - ئوپېرا شەﻫىرى" گە ئايلاندى. بۇ جەﻫەتتىن ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۇنىڭغا نە قەشقەر، نە ئۇرۇمچى يىتىشەلمەيتتى. مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ﻫاسىل بولۇشىدا مەرﻫۇم ئابدۇللا روزى يىتەكچىلىكىدىكى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن چوڭ ﻫەسسە قوشقان. بۇ مەكتەپ چوڭ تىپتىكى "غېرىپ - سەنەم ئوپېراسى" نى تەييارلىغاننىڭ سىرتىدا، ئابدۇللا روزى يازغان مەشﻬۇر "ئۆگەي ئانا" درامىسىنى سەﻫنىلەشتۇرۇپ پۇتۇن ۋىلايەتنى زىلزىلىگە كەلتۇرگەن.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كىرەككى، ل. مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇللا روزىنىڭ غايىسى دراما - سەنئەت دولقۇنى ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش ئىدى. لىكىن، ئۇلار ئىلىم - مەرىپەتنى ﻫەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمايتتى. بۇ جەﻫەتتە مۇنداق بىر جانلىق مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتۇش كۇپايە، بىر كۇنى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنى دارىلمۇئەللىمىننىڭ يېڭى بىنا مەيدانىدا ئارىغا ئېلىۋېلىپ، شائىرنىڭ رەسساملىق ماﻫارىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇشىدۇ. لۇتپۇللا دەرﻫال ماقۇل بولىدۇ -دە، ﻫىلىقى ئوقۇغۇچىلارنى ئەگەشتۇرۇپ سىنىپقا كىرىدۇ ۋە قولىغا بور ئېلىپ، قارا دوسكىغا رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ: ئوڭ تەرەپكە كىتاب كۆرۇۋاتقان ئىلاﻫىي قىزنى، سول تەرەپكە مېۋىلىرى قىزىرىپ پىشقان ئالما دەرىخىنى بەش مىنۇت روزىگادا سىزىپ چىقىدۇ. ئىلاﻫىي قىزنىڭ ئۇستى تەرىپىگە "مۇزەيۇس" دىگەن سۆزنى يېزىپ قويىدۇ - دە، سىنىپتىن ئالدىراش چىقىپ كىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ﻫاڭ - تاڭ بولۇشۇپ، رەسىمدىن مەنە تاپالماي، ئابدۇللا روزىنىڭ شەرﻫىلەپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇللا روزى بۇ تېپىشماقنى يىشىپ بىرىدۇ: ﻫىلىقى سۇرەتتىكى ئىلىم - پەننىڭ پىرى "مۇزەيۇس" ناملىق ئىلاﻫىي قىز ئىكەن. ﻫازىرقى مۇزەي دىگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانىكەن. رەسىمدىكى مەنە: پەقەت كىتاب ئوقۇغاندا ۋە بىلىم ئالغاندىلا ئاندىن مېۋىگە ئىرىشەلەيدۇ، دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىكەن. بۇ جاۋابتىن بەﻫرىمەن بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمىگە ﻫەيران قېلىشقان.
ئابدۇللا روزى يەنە "ئارزۇ" تەخەللۇسى بىلەن ئاقسۇ گېزىتىدە نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى ئېلان قىلدى. "ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كىيىنكى ئۇيغۇر شېئرىيىتى"، "كەلپىن ۋە دولان شىۋىلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يازدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ﻫەمكارلىشىپ يازغان "ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ناملىق ئەسىرى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەينى يىللاردىكى بىردىنبىر مۇﻫىم دەرسلىكى ئىدى. ئۇ، بۇ دەرسنى ئۆزى بىرەتتى. دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزۇلگەن شېئىرىي ژانىرلار ئۇچۇن كوپىنچە ل. مۇتەللىپ ۋە بىلال ئەزىزنىڭ ئىنقىلابىي مەزمۇن بىلەن يوغۇرۇلغان شېئرلىرى مىسال قىلىپ كىرگۇزۇلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ "شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەﻫ" ناملىق شېئىرىمۇ بار ئىدى. بۇ شېئىرنىڭ ﻫەر بىر كۇپلىتىنىڭ باش مىسراسىدىكى بىرىنچى ﻫەرپنى تىرىۋەلىپ قوشقاندا "ياشاش ئۇچۇن كۇرەش" دىگەن ئىنقىلابىي شوئار چىقتى. ئۇنىڭ ئۆزى يازغان بىر مۇۋەششەﻫ شېئىرىدىن "كۇچ ئۇلاش" دىگەن ياڭراق يەكۇن چىقاتتى. "ياشاش ئۇچۇن كۇرەش"، "كۇچ ئۇلاش" - ماركسىزم پرىنسىپىغىمۇ، دارۋىنىزم پرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كىلەتتى. ئابدۇللا روزى مۇشۇ ئۇلۇغۋار غايىنى باش ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ جەڭگىۋار غايىنىڭ تۇرتكىسىدە يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە "ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى" ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. ئۇلار ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۇرۇش يولىدا مەخپىي ﻫەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغدا، ئەكسىيەتچى ﻫوكۇمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1945 - يىلى تېررورلۇق بىلەن ئۆلتۇرۇپ تاشلاندى. ئابدۇللا روزى شۇ چاغدا 26 ياشتا ئىدى...
1942 - يىلدىن كىيىن سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىن ئۆزگىرىپ، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە تۇرمىلەرگە تاشلىنىپ ئۆلتۇرۇۋىتىلدى.
شۇنداق قىلىپ، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە بىر مەﻫەل گۇللەنگەن مائارىپ خاراب بولۇپ كەتتى، مەكتەپلەر تاقالدى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قالدى، نادانلىق ۋە جاﻫالەت قايتىدىن باش كوتۇردى.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رايونىدا مىللىي مائارىپ گۇللەپ ياشنىدى. مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى كۇنسايىن ئۆستى. ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت دەپ تونۇلدى ۋە ﻫۆرمەت قىلىندى. مەرﻫۇم ئەخمەتجان قاسىمى مۇنداق دىگەنىدى:
"سىنىپتا قالاق ئوقۇغۇچى قالمىسۇن دەپ يۇرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى مىﻬنىتىنىڭ قانچىلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. كىشىلىك جەمئىيىتىدە مۇئەللىمنىڭ مىﻬنىتىدىن پەخىرلىكرەك مىﻬنەت يوقتۇر، چۇنكى، ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمئىيەت، دۆلەت ئەربابى ۋە باشقىلارنىڭ ﻫەممىسى ئوقۇتقۇچى مىﻬنىتىنىڭ مەﻫسۇلاتىدۇر."
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 295 كە، سىنىپ سانى 980 گە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 1051 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 28 مىڭ 345 كە يەتكەن بولسا، 1949 - يىل 9 - ئايدا مەكتەپلەرنىڭ سانى 342 گە، سىنىپ سانى 1321 گە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 1413 كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 39 مىڭ 269 غا يىتىپ بارغانىدى. 1950 - يىلى جەدۋەللەشتۇرۇلگەن سانلىق مەلۇماتتا ئىلى ۋىلايىتى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1134 سىنىپ، 39 مىڭ 734 ئوقۇغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 180 سىنىپ، 4938 ئوقۇغۇچى؛ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى، تىببىي مەكتەپ، ﻫۇنەر - كەسىپ مەكتىپى ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان 2096 ئوقۇغۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 768 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بولغانىدى. ئۇ چاغدا غۇلجا شەﻫەر ئىچىدىكى ئاتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان "مۇراد مەكتىپى" 27 سىنىپقا كۆپەيگەنىدى.
ئۇچ ۋىلايەت مائارىپىدا قىسقىلا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا مەلۇماتلىق تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، دوختۇر، ۋراچلار، رادىست، پوچتاليونلار يىتىشىپ چىقتى، ئۇلار تاكى كىىيىنكى كۇنلەرگىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادرو كۇچلىرىدىن بولۇپ مۇﻫىم رول ئوينىدى.
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىزغىن قاتناشچىسى - مەرىپەتپەرۋەر شائىر نىمشېﻬىتنىڭ "بىلىم ئىشقىدا" سەرلەۋﻫىلىك تۆۋەندىكى شېئىرى ئەينى زاماندا

ئىنتايىن كۇچلۇك تەسىر قوزغىغان مەرىپەت خىتابى ئىدى:

جاﻫان رەنالىرى ئىچىرە بىلىمدەك بىر گۇزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان بار، بولۇر ئۇ گاﻫىدا يار - يوق.
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۇن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سىنى تاشلايدۇ ﻫىچ ئار يۇق.
كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۇشسە بىر كۇنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.
بىلىمگە ئاشنا بولسا، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
ئۈگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ئەسلى گۇلزار يوق.
ئۆزەڭنى نىمشېﻬىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
بىلىمدىن يۇز ئۆرىگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناﻫكار يوق...

ئىزاﻫاتلار:
(1) مىللىي بىرلىك سەپ - ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك سەپنى كۆرسىتىدۇ.
(2) (3) "شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى" 1982 - يىل، 5 - سان 176 - بەت، 180 - بەت.

داۋامى بار ،
Posted: 2008-01-03 21:03 | 9 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

ئابدۇللا تالىپ)

11-باب

سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق

بىز يۇقىرىدا 1949 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە توختالدۇق. ئازادلىقتىن كەيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا باشقا بىر كىتابىمىزدا تونۇشتۇرماقچىمىز.
مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە مائارىپ تارىخشۇنى سلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ئۇسۇل سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مەتتوختىى ھەسابلىنىدۇ. ھەربىر مائارىپچى بۇ ھەقتە زۆرۇر ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كەرەك. چۇنكى، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بىزگە مائارىپ تەرەققىياتىدىكى سان بىلەن سۇپەت ئوتتۇرىسىدىكى، جايلار بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدىكى، دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئەلىمىز مائارىپى بىلەن باشقا ئەللەر مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى يورۇتۇپ بىرىدۇ
مەشھۇر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس بەرىداي: "باشقىلارنى چۇشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بەكمۇ قىممەتلىك" دىگەنىدى. يەنە بىر سىلىشتۇرما مائارىپشۇناس كاندەل: "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مائارىپ تارىخىنى ئۈزۈلدۇرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدۇ..." دەيدۇ.
سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى قەدىمقى يۇناندىن باشلانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سەنوپون (سەنوپون) ئۆزىنىڭ "پادىشاھ سەروسنىڭ تەرجىمھالى" ناملىق ئەسىرىدە: پېرسىيە ياشلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالى، ئۇ يەردىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، پېرسىيە بىلەن يۇنان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەقسىتى، تەشكىلىي تۇزۇملىرى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما مېتودى بويىچە تەپسىلىي بايان قىلغان.
قەدىمقى رىمنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى سىستىرۇن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 - 43 - يىللار) ئۆزىنىڭ "جۇمھۇرىيەت تۇزۇلمىسى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قەدىمكى يۇنان مائارىپى بىلەن رىم مائارىپىنى سىلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە تۇنىسلىق ئالىم كاردۇن شەرق مۇسۇلمان مائارىپى بىلەن غەرب مائارىپىنى سېلىشتۇرغان.
لىكىن، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنى بىرىنچى قىتىم سىستىمىلىق پەن قاتارىغا كوتۇرگەن فرانسىيىلىك مەشھۇر پەداگوگ ئانتۇنى جۇللىيان (8481 -- 5771 ئانتونى جۇللىئەن) بولدى. ئۇ 1817 - يىلى "سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ئەللەر مائارىپچىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆز ئەلىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە سىلىشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.
1831 - يىلى يەنە بىر فرانسۇز پېداگوگى ۋىكتۇر (1792 - 1867 - يىللار) "پروسسىيە مائارىپى" ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ كىتاب نۇرغۇن ئەللەرنىڭ مائارىپچىلىرى ئىچىدە تىخىمۇ زور تەسىر قوزغىدى.
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق 2 - باسقۇچقا كۆتۇرۇلدى. مەشھۇر ئىنگلىز پەداگوگى سادىرلىر (3491 -- 1681 مىچائەل سەدلەر) "مائارىپ مەسىلىلىرى" ناملىق 28 توملۇق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەردە ئۇ ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سىلىشتۇرۇپ بايان قىلدى.
1898 - يىلدىن باشلاپ سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى ئەللەردە مەخسۇس سەلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات ئورگانلىرى تەستىق قىلىنىشقا باشلىدى. مەھسۇس مەجمۇئەلەر چىقىرىلىدىغان بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنيانىڭ مائارىپ ئەھۋالى" دىگەن نامدا كۆپ توملۇق كىتاب نەشر قىلىندى.
سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى تۆۋەندىكى ئۈچ كاتەگورىيىگە بۆلۇنىدۇ:
1. ۋەرتىكال (مەردىئان) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ دەۋرىي باسقۇچلىرى بويىچە سىلىشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى يۈرگۇزۇلىدۇ.
2. گورىزۇنتال (پاراللەل) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە رايونلار بىلەن رايونلار، دولەت بىلەن دولەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر سىلىشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 1982 - يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر 10 مىڭ كىشىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 40، قەشقەردە 54، ئالتايدا 170، قۇمۇلدا 203، ئاقسۇدا 73، قىزىلسۇدا 75، تۇرپاندا 99 ۋە ئۇرۇمچىدە 224 دىن توغرا كەلىدۇ.
يەنە 1980 - يىلى شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 10، قازاقىستاندا 157، ئوزبەكىستاندا 174، ئاۋسترالىيىدە 230 دىن توغرا كىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئاق ش دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر 10 مىڭ كىشىگە 269، سوۋەت ئىتتىپاقىدا 196، دېموكراتىك چاۋشيەندە 155، جۇڭگودا 10.5، تۇركىيىدە 68 دىن توغرا كەلىدۇ.
3. تەھلىل يۇرگۇزۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە ئاخبارات - ماتىرىياللار توپلىنىدۇ. تەتقىقاتچى بىۋاسىتە كۈزىتىش ئىلىپ بارىدۇ. ئارىدا توپلانغان پاكىت - ماتىرىياللار سىلىشتۇرۇلۇپ سىستىمىغا سىلىنىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۇنكى ھازىر ئىلىم - پەن ۋە تىخنىكا كەشپىياتلىرى ھەمدە بىلىمنىڭ كونىراش ۋە يىڭىلىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە تىزلەشمەكتە. ئالىملارنىڭ ھىسابلاپ كۆرۇشىچە، 16 - ئەسىردىكى تەبىئىي پەنلەر كەشپىياتى ئاران 26 خىل بولغان بولسا، 17 - ئەسىردە 106 خىلغا، 18 - ئەسىردە 156 خىلغا، 19 - ئەسىردە 546 خىلغا، 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا 961 خىلغا يەتكەن. 60 - يىللاردىن كىيىن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى يىڭىلىنىش ۋە كەشپىياتلار ئاجايىپ تىز كۆپىيىپ بارماقتا. پەننىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتى ھازىر ھەر 10 يىلدا بىر قاتلىنىۋاتىدۇ. تۈنۇگۇن بىلگەن نەرسە بۇگۇن كونىراپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئەللەردە "ئۆمۇرۋايەتلىك مائارىپ" يۇرگۇزۇلمەكتە.
بىراق سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئاددىي سانلارنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەلىم - تەربىيە نىشانىسى، ئوقۇتۇش تۇزۇمى، مائارىپ ئىقتىسادى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ ۋېرتىكال تەتقىقات مىتودى كوپ ھاللاردا مائارىپ تارىخشۇناسلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تارىخىي دەۋرلەر بويىچە قاراپ چىقىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىروگىلىپ خېتى بىلەن يېزىلغان دۇنيانىڭ 1 - توم قەھرىمانلىق داستانى "كەلكىمىش" (1) دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مائارىپىدا بىرقانچە بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ ئۆتتى: 1- مەكتەپ ۋە مۇئەللىمنىڭ كىلىپ چىقىشى؛ 2- كلاسسىك مائارىپ دەۋرى؛ 3- ئەدەبىي ئويغىنىش (ئىلىم - مەرىپەت يۇكسىلىش) دەۋرى؛ 4- سانائەت ئىنقىلابى تۇرتكىسىدە پەيدا بولغان يېقىنقى زامان مائارىپى دەۋرى؛ 5- ھازىرقى زامان ئېلىكترلەشكەن مائارىپ دەۋرى.
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئالدىدىكى بابلاردا بايان قىلىپ ئۆتۇلگەندەك، خاراكتەرلىك تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۇنىدۇ. مەسىلەن: 1- ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچى؛ 2- مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 3- كلاسسىك مائارىپ باسقۇچى؛ 4- يېڭى مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 5- ھازىرقى زامان مائارىپى باسقۇچىدا.
ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكى ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، ئۇ قويۇق دىنىي تۇس ئالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپچىلىرى ۋە ئەدىبلىرى تۇرلۇك تىللارنى ماھارەت بىلەن ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يازما يادىكارلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ دىنىي ئەسەرلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن. نېمىس ئالىمى ف. كاردىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بارلىق تىل، ئېدىئولوگىيە، پەلسەپە، سەنئەت پائالىيەتلىرى كەينىدە دىنىي مەقسەتلەر بار ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىلاردا قەدىمقى زامان ھوججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى..." ("جۇڭگودا مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى.")
مەسىلەن: بۇددىزم دەۋرىدە قالغان نۇرغۇن يادىكارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، پەلسەپە ۋە بىلىم - سەنئەت كۆز قاراشلىرى ساقلىنىپ زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتىمىز ئۇچۇن ئەلۋەتتە زور پايدىلىق.
ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ 2 - مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كلاسسىك مائارىپ نامايەندىلىرى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تالانتلىق تىل ماھىرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تالانتى غەربنى ھەيران قالدۇرسا، بەزىلىرى شەرقنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئەنە شۇ مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن پەخىرلىنەلەيدۇ ۋە مۇشۇ پەخىرلىنىش روھى بىلەن ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى چوقۇم كەلگۇسىدە نۇرغۇن ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا يىتەكلىشىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىلەن بىللە مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنىمۇ قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىمىز لازىم.
مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىق (فۇتۇروئىئوگىيە) نى 1943 - يىلى تۇنجى قېتىم نېمىس پېداگوگى پولئىستەمىر ئوتتۇرىغا قويغان. 1960 - يىلى ئامېرىكىدا "خەلقئارا كىلەچەكشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 80 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنى رەسمىي پەن سۇپىتىدە دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزگەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئاشتى.
لېنىن مۇنداق دىگەنىدى: "يېڭى جەمىيەت قۇرغۇچىلار يالغۇز ئۆتمۇشنى بىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يۇرەكلىك ھالدا كىلەچەكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى كىرەك." ("لېنىن ئەسەرلىرى" 21 - توم، خەنزۇچە نەشرى، 52 - بەت.)
ھازىرقى ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىمۇ كىلەچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئېغىر مەجبۇرىيەتلەر يۇكلەنمەكتە. كەڭ كائىنات ۋە چەكسىز شەيئىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغانسىرى پەننىڭ تۇرلىرى، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلىم - پەن تەرەققىياتى مائارىپنى ۋە ھەربىر كىشىنى ئۇچكە (زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلەچەككە) يۇزلىنىشكە تەقەززا قىلماقتا. ھەربىر ياش ئەۋلاد ئۇچۇن ئىلىم - پەن تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش بولۇش زۆرۇرىيىتى تۇغۇلماقتا. شۇڭا چەكلىك ئۆمۇر ئىچىدە ھەر بىر كىشى ئۇچۇن يالغۇز بۇگۇننى كۆزلەپ ئۈگىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەتىنى كۆزلەپ ئۈگىنىش لازىم.
ئەمەلىيەتتە تەلىم - تەربىيە نىشانىسى ئەزەلدىنلا ئەتە ئۇچۇن ئادەم تەييارلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن ھەربىر ئائىلە پەرزەنت ئۇچۇن تەبىئىي مەكتەپ، ئاتا - ئانىلار بولسا تەبىئىي "بىرىنچى" ئۇستاز بولۇشى كىرەك. مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ. مۇشۇ مەجبۇرىيەتنى ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەڭ ئۇستىگە ئالغاندىلا، پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۇچىيىدۇ. ئۇنىڭ كىلەچەك ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.

ئىزاھاتلار:
(1) 1872 - يىلى بابىلۇننىڭ قەدىمكى "نەۋى ئوردىسى" دىن تەپىلغان 3000 مىسرالىق رېئالىزم بىلەن رومانتىزم بىرلەشتۇرۇلگەن مەشھۇر داستان
[ بۇ يازما Elturk تەرىپىدىن 2008-01-03 21:32 دە قايت ]
Posted: 2008-01-03 21:03 | 10 -قەۋەت
abdullah
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 13
شۆھرىتى: 14 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

،بۇ ھەممىمىز ئۇقۇشقا تېگىشلىك  ئاجايىپ ياخشى ماتىريالكەن ،ساقلىۋالدىم ،بۇ يەردە  ئابدۇللا تالىپ  ئەپەندىگە ئالاھىدە رەمىتىمنىڭ بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ، بۇنى يوللىغۇچى ئەل تۇرۇك ئەپەدىگىمۇ كوپ رەھمەت !
Posted: 2008-01-04 16:05 | 11 -قەۋەت
vadarih
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-05

 

رەھمەت ھارمىغايسىز ! بۇنى بېسىپ بولغىچىمۇ ھېرىپ بىر بولۇپ كەتكەنسىز ؟ يوقلار ساقلىۋېلىڭلار . ساقلىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەسەر .
Posted: 2008-01-05 12:37 | 12 -قەۋەت
vadarih
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-05

 

ئەگەر قولىدىن كىلىدىغانلار بولسا بۇنى PDF شەكلىدە ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن .
Posted: 2008-01-05 12:41 | 13 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

Total 0.139608(s) query 4, Time now is:01-11 01:43, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation