Ay~chiwar
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى

   



تەڭرىدەك تەڭرى يارالغان تۈرك بىلگە خاقان ، مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام بىلگە خاقان ....نى سىر توققۇز ئوغۇز ئىككى ئەدىر مۇﻫىم بەگلىرى ۋە خەلقىنى ... تۈرك تەڭرىسى ....

2 . ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم . مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا ﻫەسرەت چېكىپ ئۆلۈمنى تىلەپ يۈرگەن تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن خوشاللىنىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىز كۆزلىرىگە جان كىردى . ئۆزەم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇﻫىم قانۇنى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم .

3 . ( 3 - 23 - كول تېكىن ئابىدىسى شەرق تەرەپ (1) - (30) غا ئوخشاش )

24 . ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، (ئۇلارنى) قۇدرەتلىك دۆلىتى بار كۈچلۈك خانلىغى بارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ﻫەممىسىنى بويسۇندۇردۇم . (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم . ئۇلارنىڭ ﻫەممىسى ماڭا قارىدى . ئون يەتتە يېشىمدا تاڭسۇتتا ئەسكەر چىقاردىم ، تاڭغۇت خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . ئاشۇنداق قىلىپ ( ئۇلارنىڭ ) ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىلىرى ۋە مال - مۈلكىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداتقا

25 . ئەسكەر چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ( ساغراق ) خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . تابغاچنىڭ تۇتۇقى ۋاڭ بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى . بىر مۇقەددەس بۇلاقتا ( ئۇلار بىلەن ) ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە يېشىمدا ، باسمىل ئىدۇقۇت ئۆز ئۇرۇقىمىزدىن ئىدى . ئۇلار تارتۇقچىلاردىن ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . ق ...(ب) ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . نۇرغۇنلىغان ( ئولجىلارنى ) ئۆيگە يۆتكەتتىم . يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا

26 . يۈرۈش قىلدىم . چاچا جاڭجۈننىڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا ، جىق خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرگە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ، كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . ئورپەندە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئاز خەلقنى قولغا چۈشۈردۈم .... ﻫەمدە ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم . نەيزە

27 . قارنى بېسىپ كۆكمەن تېغىدىن ﻫالقىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . خاقانى بىلەن سوڭدا تېغىدا ئۇرۇش قىلدىم . خاقاننى ئۆلتۈردۈم ، شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم . شۇ يىلى تۈركەش خەلقىغە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . تۈركەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . تۈركەش خاقان قوشۇنى شىددەت بىلەن كەلدى .

28 . بولجۇدا ئۇرۇشتۇق ، خاقاننى ، بۇيرۇقنى ، شادىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردۈم ..... ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا يۈرۈش قىلدىم ، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇق ... قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ئۇ يەردىكى كىشىلەر يوقىتىلاتتى ... ئۇلار بىزنى تەكلىپ قىلغىلى كەلدى . بۇنىڭ بىلەن بەشبالىق ئاپەتتىن قۇتۇلدى . ئوتتۇز

29 . بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم - ئەندىشىسىز ﻫالدا ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولغاندا بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . مەن تاماغ دىگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم ( ئوتتۇز ئىككى ) يېشىمدا قارلۇقلار يىغىلىپ ( بىزگە قارشى تۇردى ) ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم . توققۇز ئوغۇز ئۆز خەلقىم ئىدى . جاﻫان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ، ئىچىدە

30 . غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . دەسلەپتە توغۇ شەﻫرىدە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇنۇم توغلا دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى . ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇدا ئۇرۇش قىلدىم ... قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئۈچىنچى قېتىم چۇش دىگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . تۈرك خەلقى ئىككىلىنىپ قالدى .

31 . ......................................

32 . ئەﻫۋال يامانلاشقان ئىدى . بىر قوشۇنى ئۇرۇشقا چىققان ئىدى . يەنە بىر قوشۇنى خان ئوردىسىدا قالدۇرۇلغان ئىدى . ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى . ئۇلار (بىزنى) ﻫۇجۇم بىلەن ئالغىلى كەلدى . سىڭار قوشۇنى ئۇرۇشقىلى كەلدى ... بىز ئاز ئىدۇق . قىيىن ئەﻫۋالدا ئىدۇق . ئوغۇز .... تەڭرى كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( ئۇلارنى ) ئاشۇ يەردە تارمار قىلدىم .

33 . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبە قازاندى . مەن ۋە ئىنىم باشلامچىلىق بىلەن تىرىشمىغان بولساق تۈرك خەلقى ئۆلگەن بولاتتى . تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر ئاشۇنداق ئويلاڭلار ۋە ئاشۇنداق بىلىڭلار !ئوغۇزلار تارتۇقچىلارنى (؟) ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا ئەسكەر چىقاردىم .

34 . ئوردا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم . ئوغۇزلار توقۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ ﻫۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئاغۇ دىگەن جايدا ئىككى چوڭ ئۇرۇش قىلدىم .قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم ، ئېلىنى ئالدىم . مەن ئاشۇنداق تىرىشىپ ، تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا .... ئۇلار ئۈستىگە ئوتولوگ.....

35 . بېقىۋاتقان باتۇر خاقان ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى مۇقەددەس يەر ، سۇ (ئىلاﻫى) ۋە ئەجدادىم خاقاننىڭ روﻫى خوشال بولمىغان بولسا كېرەك . توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى . ئۇلار تابغاچ ، يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئۇلارنى باقاي دەپ ئويلاپ ..... خەلق ...

36 . جىنايەت ئۆتكۈز .... جەنۇب تابغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتاق - ئابرويى قالمىدى . بۇ يەردە ماڭا قۇل بولدى . مەن ئۆزەم خاقانلىققا ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن ، تۈرك خەلقىنى قىلمىدىم . مەن دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈمنى ياخشى (باشقۇرۇشقا) تىرىشتىم ... بىرلىشىپ

37 . ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى (مېنىڭ) خەلقىم بولدى . ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ، قاراغىن دىگەن قىساڭدا ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم ...ئۇلار تاغقا چىقتى. ئۇيغۇر ئىلتەبەر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى ....

38 . ... تۈرك خەلقى ئاچ قالغان ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى باقتىم . ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇزلار قېچىپ كېتىپ .... تابغاچقا قوشۇلدى . مەن ئۇلۇنۇپ ئەسكەر چىقاردىم .... ئوغۇللىرىنى ، قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئىككى ئىلتەبىرنىڭ خەلقى

39 . ..... تاتاس خەلقى خاقانىغا بېقىندى . ئەلچى ئەۋەتمىگەنلىكى ۋە ﻫال - ئەﻫۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن مەن يازدا ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . خەلقنى ئۇيەردىن مەغلۇب قىلدىم . يىلقىسىنى ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى . شىڭ ئەنلىڭ تېغىدا ...

40 . بۇرۇنقى يۇرتىدا ئولتۇراقلاشتى . جەنۇبتىكى قارلۇق خەلقلەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ، يامتاردوننى ئەۋەتتىم . ئۇ باردى .... (قارلۇق) ئىلتەبەر يوقىتىلىپتىمىش ، ئىنىسى بىر قورغانغا ( قېچىپ كەتكەنمىش )

41 . تارتۇقچىلار كەلمىدى . ئۇلارنى جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم . مۇﻫاپىزەتچىلەر باشلىغى ئىككى ، ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى . ئاددى خەلق خاقانىمىز كەلدى دەپ مەدﻫىيە ئوقۇدى . ( ؟ ) ... غا ئۇنۋان بەردىم . ئەمىلى كىچىكلەرنى


جەنۇب تەرەپ

1 .  تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى بىرىنچى كۈنى يوقاتتىم . ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلەرنى يوقاتتىم . بىز ... ئېشىپ باردى

2 . ..... قېتىم ئەسكەر چىقاردىم . ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا ئەتىيازدا قىتانغا يۈرۈش قىلدىم ....

3 . ..... مەن ... يوقاتتىم . ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىسى ۋە مال - مۈلكىنى

4 . بۇ .... ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بەردىم ....

5 . بار ....

6 . ئۇرۇش قىلدىم ......

7 . .... بەردىم (؟) باتۇرلى ئولتۇرۇپ  بالبال قىلىپ بەردىم . يېشىمدا تاتابى خەلقى قىتاندىن ئايرىلىپ چىقتى ..... تۇڭكەر ....

8 . قۇغ جياڭجۈن ئون تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى . تۇڭكەر تېغىدا ئۇلارغا ﻫۇجۇم قىلدىم . ئۈچ تۈمەن ئەسكەرنى ئۆلتۈردۈم . بىر تۈمەن ئەسكىرى ... تاتابى

9 . يوقىتىلدى . چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە قۇغ جياڭجۈننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم . مەن ئون توققۇز يىل شار بولدۇم ، ئون توققۇز يىل خاقان بولدۇم . دۆلەتنى باشقۇردۇم ئوتتۇز بىر ....

10 . تۈركلىرىمگە ، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم . مۇشۇنداق تىرىشىۋېرىپ  ئاتام خاقان شۇ يىلى ئونىنچى ئاينىڭ 26 - كۈنى قازا تاپتى . توڭگۇز يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى قىلدۇردۇم . بۇقاق تۇتۇق

11 . دادىسى لىسۇن دىگەن چوڭ جياڭجۈن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى . مەززىلىك ... ئالتۇن كۈمۈشلەردىن ناﻫايىتى كۆپ كەلتۈردى . ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۈچۈن ( ئىشلىتىشكە) ئىرىق ۋە شاملارنى كەلتۈرۈپ تىكىپ بەردۇق . سەندەل ياغىچىدىن كەلتۈرۈپ ئۆز ....

12 . مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى . قۇلىغى ۋە يۈزىنى قىيما - قىيما قىلىۋەتتى . ئۇلار مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان نەسىللىك ئات ، قارا بولغۇت ، كۆك تىيىنلەردىن ﻫىسابسىز كەلتۈرۈپ ، ﻫەممىسىنى ئۆلۈم رەسمىيىتىگە تەقدىم قىلدى .

13 . تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە (خاقان) نى مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام تۈرك بىلگە خاقان تەختتە ئولتۇرغىنىدا ، تۈرك ﻫازىرقى بەگلىرى ، شىمال تەرەپتىكى كولچوڭ باشچىلىغىدىكى تولىس بەگلەر

14 . ۋە شاداپىق بەگلەر ، ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تەرەپتىكى تامان تارخان تۇنيۇقۇق بويلا پاغاتارقان ۋە بويورۇق ... ئىچ بۇيرۇق سەپەگ كۆل تېكىن  باشچىلىقىدىكى ﻫەرقايسى بۇيرۇقلار ، مۇشۇنداق كۆپ ﻫازىرقى بەگلەر ئاتام خاقانغا ئىنتايىن ....

15 . ئىنتايىن ماختىدى . (؟) .... تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بىلەن بىرگە ئىنتايىن ماختىدى . ئاتام خاقان ( قازا تاپقاندا ) تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقلىرى ئېغىر تاش ۋە يوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى ، ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق .....


شىمال تەرەپ ( ب )

( 1-8- قۇرلىرى كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 1 - 11 - قۇرلىرى بىلەن ئوخشاش )

8 . ( ئاتام )

9 . خاقان ، تاغام خاقان تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى شۇنچىلا كۆپ خەلقلەرنى تەشكىللىگەنمىش .... تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى خەلقلەرنى تەشكىللىدىم . تەرتىپكە سالدىم .... قىلدىم ..... ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ، قىزىمنى تۈركەش خاقانغا ياتلىق قىلدىم .

10 . يەنە ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ  تۈركەش خاقاننىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم .... بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇم ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىغى ئۈچۈن .

11 . كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلەر شەرقتە كۈن چىقىشقىچە ، جەنۇبتا تابغاچقىچە ، غەربتە كۈن پېتىشقىچە ، شىمالدا ، ئوتتۇرىسىغىچە بولغان شۇنداق كەڭ زېمىندا ئولتۇراقلاشتى . تۈركلىرىم ئۈچۈن ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەشۈتلۈك يىپەك ، ئاشلىقتىن چىقىرىلغان ئىچىملىك ، مىنىشكىلا  ئىشلىتىدىغان ئات ۋە ئايغىر قارا بولغۇن .

12 . كۆك تىيىنلەرنى تېپىپ بەردىم .... ئۇلارنى غەم - ئەندىشىسىز قىلدىم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك ....

13 . ئۇلارنى بېقىڭلار ..... قالدۇرماڭلار ! ..... تۈرك بەگلىرى ، تۈرك خەلقىم .... سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ خاقانىدىن ، بېگىڭلاردىن .

14 . يەر - سۈيۈڭلاردىن ئايرىلماڭلار ، بەخت كۆرىسىلەر ، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىسىلەر ! جاپا چەكمەيسىلەر .... ( شۇندىن ) كېيىن تابغاچ خاقانىدىن كۆپ مۇسۇنكارلارنى كەلتۈردۈم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى . ئوردا مۇسۇنكالىرىنى ئەۋەتتى . ئۇلارغا ﻫەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇردۇم . ئىچى - تېشىنى نەقىشلەتتىم . تاش ياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .

15 . ئون ئوق ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلارغىچە بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر ! مەڭگۈ تاش ياساتتۇردۇم .... سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .... ئۇ تاش قۇرۇلۇشىنى .....


غەربىي جەنۇب تەرەپ ( ن . ش )


بىلگە خاقان (ئابىدى) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن : يازدىم . بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش ، نەققاش ۋە سەنئەت بويۇملىرىنى (؟) بىلگە خاقاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم . زىننەتلىدىم ....


شەرقىي جەنۇب تەرەپ

كۆك ئوڭىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ ، كېچە - كۈندۈزلەپ يەتتە كېچە - كۈندۈزدە مەن سۇسىز (چۆللەرنى) كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم . (بۇلاڭچىلارغا) كەچكە تېگىپ ....


غەرب تەرەپ (ش)

1 . تۈرك ئۈستىدە ( ئولتۇرغان ئانام )

2 . بىلگە خاقان ( قازا تاپتى )      (؟)

3 . ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى ( تەڭرى )

4 . دۇمبىغى ( ياكى تۈۋرىكى ) نىڭ داراڭلىشى (ياكى قارسىلدىشى)

5 . تاغدىكى بۇغىنىڭ چىقىرىشىدەك

6 . ﻫەسرەتلىنىمەن . ئاتام خاقان

7 . قېشىنى ئۆزەم ئورناتتىم .

( تۈگىدى )

مەنبە : << ئۇيغۇر كىلاسسىك  ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار >> ناملىق كىتاب ۋە << تۈركلەر تارىخى >> ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىلدى ، سېلىشتۇرۇلدى .

رەتلەپ يوللىغۇچى : ئايچىۋەر
Posted: 2007-12-15 21:58 | [ئاپتور]
Ay~chiwar
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

[align=center]بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى


Posted: 2007-12-15 22:00 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.077331(s) query 4, Time now is:01-12 22:14, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation