ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 977ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
---|
مەن مەزكۇر ئەسەرنىڭ تورغا چىقىرىلغان چىقرىلمىغانلىقىنى بىلمىدىم لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۆزەم ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن ھۇزۇرىڭىزلارغا سۇندۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ناماقۇللۇق چېيى مۇتەللىپ ئىقبال بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلىرىمىز مەلۇم بىر ئادەتنىڭ ، قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە بىلەن بولىدۇ . ئەنە شۇ ئادەت ۋە مۇراسىم ئەنئەنىلىرى ئىچىدە ناماقۇللۇق چېيى ۋە مەشرىپى ئۆزگىچە ئەقلىيەتچىلىك بىلەن جەلىپكاردۇر . ناماقۇللۇق چېيى ئادەتتە ئۆز - ئارا زىدىيەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشى ، دوست - بۇرادەر ، قۇلۇم - قوشنا ، يۇرت - جامائەت ئارىسىدا ئېلىپ بارىدىغان ئاداۋەتنى يۇيۇپ ، بۇرۇنقى كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، باشقىدىن دوست - بۇرادەر ، قۇلۇم - قوشنا بولۇپ ئۆتىدىغان ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇش مەزمۇنىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان چايدىن ئىبارەت . ئەگەر ئىككى كىشى ئارازلىشىپ قالسا ، شۇ كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئارا تۇرالايدىغان بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ زىدىيەتلىشىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ، ئۇلارغا ئايرىم داستىخان ھازىرلاپ ، ئۈچىيلەن بىر يەرگە كىلىپ ، ئارازلىشىپ قالغان كىشىلەر ئۆتكەن - كەچكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىشىدۇ ياكى ياراشتۇرغۇچى ئۇلارنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ چىقىدۇ . ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن ، ياراشتۇرۇش باشلىنىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى سىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ . قايسى كىشى بەكرەك كەتكۈزۈپ قويغان بولسا ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ ، گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ياراشتۇرغۇچى ياكى گۇناھى ئېغىر تەرەپ ئارازلىشىپ قالغان كىشىگە چاي قۇيۇپ ، قارشى تەرەپتىن ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ . قارشى تەرەپمۇ ئۆزىدىن ئۆتكەن تەرەپلىرىنى سۆزلەپ كەمتەرلىك بىلەن خاتالىقىنى تونۇپ ، سۇنغان چاينى قوبۇل قىلىدۇ . ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولىدۇ . ئىككى كىشى < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دەپ قايتىدىن كۆرۈشىدۇ ۋە يارىشىدۇ . كېيىنچە بىر - بىرىگە ئاداۋەت ساقلاپ يۈرمەيدۇ . ئادەتتە ، ياراشتۇرغۇچىسىز بىرەيلەن بىرەيلەننى ئۆيىگە چاقىرىپ ، چاي قۇيۇپ ناماقۇللۇق بىلدۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار . قۇلۇم - قوشنا ، يۇرت جامائىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇش چايلىرىمۇ يۇقىرقىدەك شەكىلدە ئېلىپ بىرىلىدۇ . بۇنىڭدا پەقەت قۇلۇم - قوشنىلار ئوتتۇرسىدا ئىككى تەرەپكە ئارا تۇرالايدىغان ، ئىككى تەرەپ ھۆرمەتلەيدىغان ، ئىناۋەتكە ئىگە كىشى ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ . يۇرت بىلەن يۇرت كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش بولىدۇ . پەقەت ئىككى يۇرت تەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىر كىشى ياكى شۇ يۇرتنىڭ ئاقساقال ، مۆتىۋەرلىرى بولسا ۋە ياكى ئىككى يۇرت ئىچىدىن ئىككى يۇرت كىشىلىرىگىلا ۋەكىل بولالىغۇدەك كىشىلەر بولسا بولىدۇ . ئەگەر ئاداۋەت ئىككى يۇرت كىشىلىرى ئارىسىدا ساقلانغان بولسا ، ۋەكىل كىشىلەر بىر يەرگە كىلىپ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئىلىشىپ ، ناماقۇللۇق بىلدۈرۈشسە ياكى چاي قۇيۇشسا ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولىدۇ . ھەممە كىشىلەرنىڭ ناماقۇللۇق چېيى قويۇشى ھاجەتسىز . ناماقۇللۇق چېيى قۇيۇلسا ئىككى كىشى ، قۇلۇم - قوشنىلار ، يۇرت ئەھلى قاتارلىقلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت ئاساسەن شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ ، ئىككى تەرەپ ياراشتۇرۇغۇچىنىڭ كېلىشىمىگە بويسۇنمايدىغان ئەھۋال ئاساسەن يوق . ئىككى تەرەپ قايىل بولۇشمىسا ھىلىقى ياراشتۇرغۇچىسىن ئابرويلۇق بىرەيلەن ئارىغا چۈشۈپ ناماقۇللۇق چېيى قۇيسا بولىدۇ . ئەگەر يۇرت كىشىلىرى تەرىپىدىن لەنەتگەردى قىلىنغان ، يۇرت كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدىن قالغان كىشى بولسا يۇقىرقىدەك شەكىلدە جامائەتكە داستىخان سېلىپ ، ئۆز گۇناھىنى تونۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردا ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەر بار . ناماقۇللۇق مەشرىپى ئادەتتە مەشرەپ قائىدىسىنى بۇزغان ، مەشرەپ تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمىغان ، مەشرەپكە كىچىكىپ كەلگەن ، كەلمىگەن ، ئىجتىمائى ئەخلاقنى بۇزغان كىشى ئۆز گۇناھىغا ئاساسەن ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان جازا مەشرىپىدىن ئىبارەت . ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى بولسا ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشىنى قاتناشتۇرۇپ ئىلىپ بىرىلىدىغان ، ئىككەيلەننى ياراشتۇرۇپ ئاداۋەتنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلغان مەشرەپتىن ئىبارەت . ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىلەر مەشرەپ سورۇنىدا بىر - بىرىگە چاي قۇيۇشۇپ ، قايتىدىن كۆرۈشىدۇ ۋە ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ كىتىشىدۇ . مەشرەپ داۋاملىشىدۇ . بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، خەلقىمىز ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ناماقۇللۇق چېيىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئادىتىمىز ھاراق سورۇنىنى مەركەز قىلىپ ئۆتكۈزىلىدىغان بولدى . ئۆز - ئارا ياراشماقچى بولغان ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە ھاراق قۇيۇش ئارقىلىق ئاداۋەتنى يۇيۇشىدىغان بولدى . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام ئىلىپ بىرىلىشىغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىق قارىشىنىڭ ۋە ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوموملىشىشى ئۇيغۇر پسېخىكىسىنىڭ خارەكتىرىدىكى ئوچۇق مىجەزلىك ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە ئەقلىيلىكنى مەنبە قىلىشتەك خاسلىقىنى يورۇتۇپ بىرىدۇ ، شۇنداقلا ساغلام بىر جەمئىيەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۆلچەم ۋە ئادەتلەرنىڭ بۇرۇندىنلا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . بىر مىللەتتە شەرىئەت ، ئادالەت مەھكىمىلىرىنىڭ ، ھەقىقەت دەستۇرلىرىنىڭ بولۇشى جەمئىيەتنىڭ خارەكتىرى ۋە تەرەققىياتىغا باشلىق ئىش . ئەمما ، ھەق - ئادالەت ئىشلىرىنى مەلۇم بىر ئۇيۇشۇشچانلىق ئىچىدە سىلىق - چىرايلىق ھەل قىلىش تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنىڭ بولۇشى شۇ مىللەت خارەكتىر كۈچىنىڭ ساپ ۋە ئۆتكۈرلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرەپلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەت قانۇنى ۋە ھۆكۈم شەكلىدە ئىجرا قىلىنىشى ئەلۋەتتە تىلغا ئالغۇدەك ۋە داۋاملاشتۇرۇدەك قۇتلۇق ئىش . مەنبە : < مىراس > ژورنىلىنىڭ 2007 - يىللىق 4 - سانىدىن |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 977ـ كۆرۈرمىنى
kizilgul607
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 977ـ كۆرۈرمىنى
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 977ـ كۆرۈرمىنى
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 977ـ كۆرۈرمىنى
mavlan
دەرىجىسى :پانسات |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 977ـ كۆرۈرمىنى
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|