ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
تورپاق
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! بۇ مېنىڭ تۇنجى تېما يوللىشىم، بۇ ماقالىنى شەبنەم مۇنبىرىدە كۆرۈپ ئورخۇن مۇنبىرىگە خاس ئىكەن دەپ ئويلاپ كۆچۈرۈپ ئەچىقتىم، قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم مەنبەسىنى ئەسكەرتكەنلىكىم ئۈچۈن كۆچۈرمىكەشلىك بولماس دەپ قارايمەن. ناۋادا بۇ ماقالە ئورخۇن مۇنبىرىدە بېرىلىپ بولغان بولسا، ئۆچۈرۈۋەتسىمۇ بولىدۇ... چىڭگىزخان XII - ئەسىرنىڭ ئاخىرى XIII - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدىكى قۇرۇلۇن، ئۇنۇن دەريالىرىنىڭ بويىدا ئوز ئارا بىرلەشمىگەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ياشايتتى. بايقال بويلىرىدا بولسا، تاتار قەبىلىلىرى، توغلار دەرياسى بويىدا ۋە شەرقىي ئالتايدا كىرەيلەر، نايمانلار، مەركىتلەر(بۇلار تۇركىي قەبىلىلەر ئىدى)ياشايتتى. مانا مۇشۇ قەبىلىلەر ئوز ئارا ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. موڭغۇللار شۇ چاغدا ئوزلىرىنى سان جەھەتتىن كوپ، ئابرويلۇق بولغان تۇركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى- تاتار قەبىلىسى نامى بىلەن <<تاتارلار >>دەپ ئاتىغان ئىدى. موڭغۇللار شۇ چاغدا ئۇتۇق- قەبىلىلەر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلىغان فېئوداللىق جەمئىيەتتە ياشايتتى. مىلادى 1156- يىلى ئۇنۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ چىييان بورى تېگىن ئاتلىق ئۇرۇقنىڭ خانى سيۇكەي باتۇرنىڭ ئايالى ئوغۇل تۇغدى، ئوغۇلغا تومۇرچى(موڭغۇللار تېمۇچىن دىيىشىدۇ) دەپ ئات قويدى، تومۇرچى ئاجايىپ قاۋۇل، چاققان، بەكمۇ ھوشيار ئوغۇل ئىدى. 1167- يىلى سيۇكەي باتۇرنى تاتارخانى تۇغرۇلخان زەھەرلەپ ئولتۇردى. دادىسىدىن يېتىم قالغان تومۇرچى ئورخۇن دەرياسىنىڭ يېنىدىكى بىر كاندا پۇتىغا چېتىق سېلىنغان پېتى بىر نەچچە يىل تاتارلارنىڭ قول ئاستىدا قۇل ئورنىدا ئىشلىدى. تومۇرچى قۇللۇقتىن قاچقاندىن كېيىن، ئوز قەبىلىسىگە خان بولدى. ئۇ دەسلەپتە موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۇردى. ئاندىن مىلادى 1202- يىلى تاتار قەبىلىلىرىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارنىمۇ ھوكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. 1204- يىلى نايمان خانى تايانخاننى ئولتۇردى. بىر قىسىم نايمانلار كۇچلۇكخان(تايانخاننىڭ ئوغلى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە يەتتىسۇغا قېچىپ بېرىپ، قاراقىتان خانى چوروقتىن پاناھ تىلىدى. تايانخاننىڭ تامغىچىسى تاتاتۇڭا دىگەن ئۇيغۇر تومۇرچىگە باش ۋەزىر بولدى. موڭغۇللار مىلادى 1206- يىلى ئۇنۇن دەرياسىنىڭ بويىدا 5000كىشىلىك بىر چوڭ چېدىر تىكىپ قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتاي تومۇرچىننى <<چىڭگىزخان>>دەپ ئاتاپ، ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ خان قىلىپ تىكلىدى. چىڭگىزخان يېڭى قۇرۇلغان موڭغۇل دولىتىگە خان بولغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئوزىگە خوشنا بولغان جايلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇلارنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق تالانتلىقلىرىنى ئوردىسىغا يىغىپ ئۇلارنى كەڭ چوڭ ھەربىي ۋە مەمۇرى ئىشلارغا تەيىنلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى قوراللانغان، جەڭگىۋار، بەكمۇ ئىنتىزاملىق ئاتلىق قوشۇن تەشكىللىدى. چىڭگىزخان بۇ ئىككى ئىشنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقا قارىتا بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ باردى. 1207- يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخان يىنسەي دەرياسىنىڭ بويىدىكى قىرغىزلارنى، بۇرياتلارنى، بايقال ئەتراپى ۋە ئالتايدكى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇردى. ئاسىيانىڭ شەرقىدە باش كوتۇرگەن موڭغۇللارنىڭ خانى چىڭگىزخاننىڭ شوھرىتى توغرىسىدىكى گەپلەر خۇددى قاناتلىق قۇشتەك ئۇچۇن دۇنياغا تارالدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى(850- 1335)نىڭ غەربىي قىتان خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغىنىغا خېلى ئۇزاق يىللار بولغان ئىدى.ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى بائۇرچۇق ئارت تېگىن (1209- 1235)ئەتراپىدا يۇز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ، غەربىي قىتانلارغا بولغان بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىدى. 1209- يىلى باش ۋەزىر تارقان بىلگە بۇقا بىلەن مەسلەھەتلىشىپ غەربىي قىتانلارنىڭ ئەلچىسىنى ئولتۇردى. بائۇرچۇق ئارت تېگىن 1211- يىلى قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى چىڭگىزخان ئوردىسىغا بېرىپ ، ئۇنى زىيارەت قىلدى. چىڭگىزخان بائۇرچۇق ئارت تېگىننى ئىززەتلەپ <<5- ئوغلۇم>>دېدى. بورتا ئاتلىق قەدىناس ئايالىدىن جۇجىخان، ئوكتايخان، چاغاتايخان، تولىخان ئاتلىق توت ئوغلى بار ئىدى. بائۇرچۇق ئارت تېگىن قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدىن قايتىدىغان چاغدا چىڭگخزخان ئوزىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئقال ئالتۇن (ئالتۇن بىكە)نى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. لېكىن ئال ئالتۇن رەسمىيەت بويىچە بائۇرچۇق ئار تېگىنگە ياتلىق بولغۇچە ئالەمدىن ئوتتى. چىڭگىزخان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى تىنچ يول بىلەن قولغا چۇشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شەرققە- جۇڭگۇغا يۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندى. شۇ چاغدا شىمالى جۇڭگۇغا جۇرجىتلار(1115- يىلىدىن 1134- يىلىغىچە ھوكۇم سۇرگەن)، جەنۇبى جۇڭگۇغا جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى (1127- يىلدىن 1279- يىلىغىچە)ھوكۇمران ئىدى. چىڭگىزخان جۇرجىت خانلىقىنى تارمار قىلىش ئۇچۇن، ئاۋال ئۇنىڭ ئىتىپاقدىشى تاڭغۇت خانلىقىنى بويسۇندۇردى. چىڭگىزخان ئوزىنىڭ ئەشەددى دۇشمىنى جۇرجىت خانلىقىنى يوق قىلىش ئۇچۇن 1211- يىلى پۇختا تەييارلىق قىلىپ، 200مىڭ ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ يولغا چىقتى. چىڭگىزخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى ھازىرقى خېبىي ئولكىسىنىڭ ۋەنچۇەن ناھىيىسى ئەتراپىدا جۇرجىت سەركەردىسى غىيىشلا، غوشاۋۇر قوماندانلىقىدىكى 300مىڭ لەشكەردىن تەركىپ تاپقان جۇرجىت قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۇردى. بۇ ئۇرۇشتا جۇرجىت قوشۇنلىرىنىڭ سەرخىللىرى، مەشھۇر سەركەردىلىرى دىگۇدەك ھەممىسى يوقىتىلدى. چىڭگىزخان خېبىي، خېنەن ئولكىلىرىنىڭ شىمال قىسمىنى، سەنشى، سەندۇڭ ئولكىلىرىنىڭ كوپ قىسمىنى بېسىۋالدى. چىڭگىزخان 1215- يىلى جۇرجىت خانلىقىغا يەنە ھۇجۇم قىلدى. موڭغۇللار بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى بېيجىڭ بىلەن كەيفېڭنى بېسىۋالدى. چىڭگىزخان جۇرجىت خانلىقىغا قارايدىغان ترىتورىيلەرنىڭ ھەممىسىنى دىگۇدەك موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ تورىتوررىيىسىگە قوشۇۋالدى. چىڭگىزخان بېسىۋېلىنغان جۇڭگۇ ترىتوررىيىسىگە جالايىر قەبلىسىدىن بولغان موغالى ئاتلىق سەركەردىنى خان قىلىپ تەيىنلىدى. چىڭگىزخان 1218- يىلى جرجىتلار ئۇستىدىن ناھايىتى چوڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، شىمالى جۇڭگودىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كوپ ئولجا- ئالتۇن ۋە كۇمۇش تاۋاقلار، شايى- ئەتلەس ماللار، قۇللار، دېدەكلەر ، شۇنداقلا خەانزۇلارنىڭ ناھايىتى كوپ قورال - ياراغلىرىنى، بولۇپمۇ شەھەرلەرنى قامال قىلىدىغان قوراللارنى ئەمەس، بەلكى بۇنداق قورالارنى ياسىيالايدىغان ۋە ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىەن قئۇ تېز ئارىدا موڭغۇل قوشۇنلىرىنى ئوز زامانىسىنىڭ ئەڭ ياخشى قوراللىرى بىەن قوراللاندۇردى. چىڭگىزخان 1215- يىلى جۇرجختلارغا ئەجەللىك زەربە بەرگەندىن كېيىن، غەربكە يۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى 1209- يىلىدىن باشلاپ چىڭىگىزخانغا بېقىندى بولغاندىن كېيىن، موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۇرۇشى ئۇچۇن داغدام يول ئېچىلغان بولسىمۇ، قەشقەرنى پايتەخت قىلغان نايمان خانلىقى 1211- يىلىدىن 1218= يىلغىچە ھوكۇم سۇرگەن) غەربكە بارىدىغان يولدا چىڭگىزخانغا بىردىنبىر توسقۇب بولىدىغان دۇشمەن ئىدى. باشتا ئېيتىپ ئوتكىنىمىزدەك 1204- يىلى چىڭگخزخان ئالتايدىكى نايمان خانلىقىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، نايمان خانزادىسى كۇچلۇكخان غەربكە- بالاساغۇنغا كېچىپ كەتكەنىدى. 1211- يىلى غەربىي قاراقىتان خانلىقى (1125- 1211)نىڭ خانى چورۇق (1178- يىلدىن 1211- يىلىغىچە خان بولغان) خارەزىم شاھلار دولىتى( 1231- 1157) نىڭ شاھى مۇھەممەد بىلەن غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئوسمان بۇغراخان قوماندانلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندا، كۇچلۇكخان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، قاراقىتان خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، نايمان خانلىقىنى قۇرغانىدى. بۇ خانلىقنىڭ تېررىتورىيىسىگە ھازىرقى تارىم ۋادىسى ۋە ماۋرائۇننەھرىنىڭ شەرقى قىسمى كىرەتتى. كۇچلۇكخان ناھايىتى جاھىل بولۇپ، خرستىئان دىنىنىڭ نىستۇرىيان مەزھىپىدە ئىدى. ئۇ يەتتە يىل خانلىق قىلغان مەزگىلدە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئوز ئېتىقادىدىن ياندۇرۇپ، ئوز ئېتىقادىغا ماسلاشتۇرۇش ئۇچۇن قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان. ھەتتا خوتەندىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرىنى دارغا ئېسىپ ئولتۇرگەنىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن، كۇچلۇكخان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. چىڭگىزخان نايمان خانلىقىنى يوق قىلىش ئۇچۇن 1218- يىلى جابا نۇيان قوماندانلىقىدا 20مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى يولغا سالدى. جابانۇياننىڭ ئالتاي ئاتقىلىق يەتتىسۇغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ىەۋەر تاپقان كۇچلۇكخان ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى ئىسسىقكولنىڭ بويىغا نايمان قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇرۇپ موڭغۇللار بىەن بولىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇردى. كۇچلۇكخان جابا نۇيان تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، قەشقەرگە قاراپ قاچتى. جابا نۇيان دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى توغرىسىدا بارغانلا يېرىدە تەشۋىقات يۇرگۇزگەن ئىدى. موڭغۇللارنىڭ بۇ تەدبىرى ياخشى ئۇنۇم بەردى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنى قوللاپ، كۇچلۇكخاننىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇچرىغانلا يەردە ئولتۇردى. كۇچلۇكخان سېرىققۇلغا قاچقاندا موڭغۇللار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ ئولتۇرۇلدى. نايمان خانلىقىنى يوقاتقان چىڭگىزخان ئۇنىڭ زىمىنىنى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى زىمىنىغا قوشۇۋالدى. ئۇيغۇر ئىلىنى ئىدارە قىلىشقا ماڭلاي سويەر دوغىلاتنى تەيىنلىدى. چىڭگىزخان نايمان ىانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، 1219- يىلى غەربكە- ئۇلۇغ خارەزىم شاھلار دولىتىگە يۇرۇش قىلدى. خارەزىم شاھلار دولىتىنىڭ ترىتوررىيىسىگە ماۋرائۇننەھر، خوراسان، ئافغانىستان كىرەتتى. خارەزىم شاھلار دولىتى (1157- 1227)باي، كۇچلۇك دولەت ئىدى. 400-مىڭ لەشكەردىن تەركىپ تاپقان، ياخشى قوراللانغان قوشۇنى بار ئىدى.چىڭگىزخان 1219- يىلى(يىلان يىلى) كۇزدە 210مىڭ موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنىغا ئوزى باش قوماندان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ بۇ يۇرۇشىگە مەشھۇر ئۇيغۇر ھەربىي ئىستىراتېگلىرى تورا قاپا، بۇلا قاپا ۋە ئوز ئوغۇللىرى جۇجى، چاغاتاي، ئوكتاي، تولى قاتارلىقلار ۋە مەشھۇر موڭغۇل سەركەردىلىرىدىن سۇبۇتاي باتۇر، جاپا نۇيان قاتارلىقلار ھەمرا بولدى. خارەزىم شاھى مۇھەممەد موڭغۇللار بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشتا قانداق تاكتىكا قوللىنىش توغرىسىدىكى ناھايىتى جىددىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇن ھەربىي كېڭەش چاقىردى. كېڭەشتە، شاھابىدىن خۋاكى: <<مۇۋاپىق بىر جايغا ناھايىتى چوڭ قوشۇن توپلاش كېرەك. بۇ قوشۇن ئوزىگە ئەپلىك بولغان بىر جاينى ئىگىلەپ ۋە ئەپلىك پۇرسەتنى پايلاپ تۇرۇپ، چىڭگىزخاننىڭ ئاساسىي كۇچلىرىگە قارشى جەڭگە كىرسۇن، شۇنداق قىلغاندا بۇ قوشۇن چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۇرەلەيدۇ ۋە مەملىكەت چىگرىسىدىن ھەيدەپ چىقىرالايدۇ>> دېگەن. مۇھەممەد بۇ تەكلىپكە قۇلاق سالماي، خارەزىم شاھلىقىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان خاتا تاكتىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خارەزىم قوشۇنلىرىنى بىر نەچچە بولەككە بولۇپ، شەھەرلەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. چىڭگىزخان شاھى مۇھەممەدنىڭ ئىنتايىن خاتا، خەتەرلىك تاكتىكا قوللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلاپ، خارەزىم شەھەرلىرىنى بىر- بىرلەپ ئىگىلەپ، 1221-يىلى خارەزىم شاھلار دولىتىنىڭ تېرىتوررىيىسىنى پۇتۇنلەي بېسىۋالدى. خارەزىم شاھى مۇھەممەد پاناھ بولغۇدەك يەر تاپالماي، كاسپى دېڭىزىدىكى ماخاۋ كېسەللىرىنى پالايدىغان يېرىم ئارالغا قېىچىپ بېرىپ، خار- زارلىقتا ئولدى. ئۇنىڭ ۋارىسى بولغان چوڭ ئوغلى جالالىددىن بىر نەچچە يىل موڭغۇللارغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالماي، 1231- يىلى كاۋكازدا ئولدى. چىڭگىزخان خارەزىم شاھلار دولىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، سۇبۇتاي باتۇر بىلەن جابا نۇيان قوماندانلىقىدىكى 200مىڭ ئاتلىق قوشۇننى غەربكە ماڭدۇردى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىنى بويلاپ(ئىران ئارقىلىق) كاۋكازغا ئوتۇپ، ئەرمەنلەر ۋە گروزىنلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئاندىن جەنۇبىي روسىيەگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا بىرلەشكەن كۇچلۇك رۇس دولىتى يوق بولۇپ، رۇسلار ئايرىم- ئايرىم، كۇچسىز كېنەزلىكلەر(بەگلىكلەر) نىڭ ھوكۇمرانلىقىدا ئىدى. سۇبۇتاي باتۇر 1223- يىلى ئازۇۋ دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان قالقا دەرياسىنىڭ بويىدا ئاۋۋال قىپچاقلارنى، ئاندىن كېيىن رۇس كېنەزلىرىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلدى. سۇبۇتاي باتۇر قالقا دەرياسىنىڭ بويىدا ئەسرگە چۇشكەن ئون نەچچە رۇس كېنەزلىرى (بەگلىرى)نىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، نۇرغۇن ئالتۇن- كۇمۇشنى غەنىيمەت ئېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا- چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا( شۇ چاغدا چىڭگىزخان تالاس دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى) قايتىپ كەلدى. چىڭگىزخان مىلادى 1227- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرققە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، شەرقتە ھازىرقى كورىيەدىن تارتىپ غەربىي دىنپىر دەرياسىنىڭ بويلىرىغىچە تۇتاشقان ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىنى قەدىناس ئايالى بورتادىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرىغا بولۇپ بەردى. ئاندىن ئۇلارغا ۋەسىيەت قىلىپ: <<سىلەر ئوقيانىڭ باشىقىغا ئوخشايسىلەر، توت تال باشاقنى جۇپلىگەندە ئۇنى ھىچكىشى سۇندۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر باشاقتىن بىرى ئېلىپ تاشلانسا، ئۇچ تال باشاقنى ھەر قانداق كىشى ئىككى بېشىدىن قايرىپ سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ. شۇڭا مەندىن كېيىن قالغاندا توت بىرتۇققان بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرلىكتە ئوتۇڭلار. ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەڭلار>> دېگەن. چىڭگىزخان ئوز ۋەسىيىتىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇچىنچى ئوغلى ئوكتاينى ئوزىنىڭ ۋارىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە ئوغۇللىرىنىڭ ئوكتايغا بويسۇنۇشىنى تاپىلىغان. خېلىدىن بېرى <<دادامنىڭ ئورنىغا ۋارس بولۇش ماڭا مۇناسىپ >>دەپ يۇرگەن جۇجىخان چىڭگىزخاننىڭ ئوكتاينى ۋارس قىلغانلىقىغا نارازى بولغان. چىڭگىزخان 1225- يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى چۇ دەرياسىنىڭ بويىدا ھەربىي كېڭەش چاقىرغاندا جۇجىخان: سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، دىگەن باھانىنى كورسىتىپ كەلمىگەن. جۇجىخاننىڭ يېنىدىكى چىڭگىزخاننىڭ جاسۇسلىرى سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى، ھەمىشە ئوۋدىن قالمايدىغانلىقىنى ئۇلۇغ خانغا مەخپىي مەلۇم قىلغان. چىڭگىزخان جۇجىخاننىڭ قىيداپ قالغانلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن، مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ ئولتۇرگۇزگەن. ئىشەنچىلىك تارىخى ئاساسلارغا قارىغاندا، 1176- يىلى چىڭگىزخان بورتاغا ئويلەنگەن كېچىسى مەركىتلەر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بورتانى بۇلاپ كەتكەن. بۇ ۋەقە يۇز بېرىپ ئون ئاي ئوتكەندىن كېيىن، چىڭگىزخانغا سادىق بولغان بىر مەركىت بېگى بورتانى ئۇشتۇمتۇتلا چىڭگىزخانغا سالامەت ئېلىپ كەلگەن. بورتا شۇ كۇنى كەچتە بىر ئوغۇل تۇققان. موڭغۇللار بۇ ئوغۇلغا جۇجىخان (مىھمان كەلدى دىگەن مەنىدە) دەپ ئات قويغان. لېكىن بالىنىڭ چىڭگىزخاندىن تورەلگەنلىكىگە گۇمان چۇشكەن. چىڭگىزخان گۇمانخور موڭغۇللاردىن ئاتمىش- يەتمىشنى ئولتۇرۇپ تاشلىغان. لېكىن چىڭگىزخانمۇ گۇماندىن خالى بولالمىغاچقا، جۇجىخاننى ئوزىگە ۋارس قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغان. چىڭگىزخان: ئەگەر جۇجىخاننى ۋارس قىلسام، مەن ئالەمدىن ئوتكەندىن كېيىن، گۇماننى ئىچىدە ساقلاپ يۇرگەنلەر غوۋغا قىلسا قانلىق ۋەقە تۇغۇلىدۇ، دەپ ئويلاپ، خېلىدىن بېرى ئوكتاينى ۋارس قىلىش قارارىغا كەلگەن. چىڭگىزخان يۇقىرىقى ئىشلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، 1227- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتقان ۋە ھازىرقى نىڭشىيانىڭ يىڭچۇەن شەھرى يېنىدا 70 يېشىدا (1156- 1227) ئالەمدىن ئوتكەن. بىر قىسىم رەسىملەر: ئوغۇزخاننىڭ ئىنكاسى: چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەۋرىگاھى ھەققىدە چىڭگىزخان مىلادىيەنىڭ 1164-يىلىدىن 1227-يىلغىچە ياشاپ ئۆتكەن دۇنياۋى مەشھۇر شەخس بولۇپ ، ئۇ كۆپ مىللەتلىك يۇەن سۇلالىسى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ "بوز قىر"مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تارىتىپ، دۇنياۋى مەدەنىيەت ئالمىشىش ۋە يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ قايتا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى، ئەينى دەۋر يۇەن سۇلالىسى تارىخى كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق تەتقىقاتلار ئارقىسىدا خىلىلا مۇكەممەل يورۇتۇپ بىرىلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇ مەشھۇر شەخسنىڭ دەپنىگاھى تا ھازىرغىچە دۇنياغا سىر بولۇپ تۇرماقتا.جۇڭگو،ياپونىيە ، تاشقى موڭغۇلىيە ئالىملىرى 1992-يىلىدىن بۇيان بۇ ساھەدە ئىزلىنىشلەر ئىلىپ بارغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بىرەر ئىلمىي بايقاشنى قولغا كەلتۇرگەنلىگى نامەلۇم.مەن 1987 يىلىدىن باشلاپ بۇ سىرلىق ئادەمنىڭ قەبرىگاھى توغرىسىدا قىزىقىشلىق ئىزلىنىشلىرىمنى باشلىغان ئىدىم.تۆۋەندە ئۆز بايقاشلىرىم ئاساسىدا كۆز قاراشلىرىمنى يۈزەكى بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.ئۇمۇدۇم شۇكى دۇنيا ئېلىم ساھەسىنىڭ مۇشۇ ئاددىي كۆزنەكتە تارقاتقان ئۇچۇرۇمغا دىققەت قىىلىپ،بۇ ساھەدىكى ئىزلىنىشلىرىنى توغرا نىشان ئاساسىدا قايتا باشلىغۇسى..... مەلۇمكى چىڭگىزخاننىڭ 1227-يىلى تاڭغۇتلارغا قارشى جازا يۇرىشىدە ئولگەنلىكى، ئۇرۇشنىڭ ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۇمىگە ئالاقىدار بارلىق تەپسىلاتلارنىڭ سىرتقى دۇنيادىن سىر تۇتۇلغانلىقى،كىيىنچە ئۇنىڭ جەسىدىنى "قارا قۇرۇم"دىكى "ئونۇن دەرياسى" بىلەن "قۇرۇلۇن دەرياسى"نىڭ قوشۇلغان جايىدىكى "بۇرھان خالدۇن" دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، بۇ يەردە "بىر تۇپ ياڭاق دەرىخى"نىڭ بارلىغى،بۇ جاينى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تاللىغانلىقىنى بىلىمىز، ئۇنداقتا بۇ جاي ھازىر نەدە؟موڭغۇل تارىخىنى ئۇگەنگەن ھەرقانداق ئادەم شەكسىزكى بۇ جاينى تاشقى موڭغۇلىيەدە دەپلا جاۋاپ بىرىدۇ ،لېكىن مىنىڭ ئىزلىنىشلىرىمگە كۆرە بۇ نامدا ئاتالغان جايدىن ئىككىسى بار!خەرىتىگە قارايدىغان بولساق "قارا قۇرۇم " تىغىدىن تاشقىي موڭغۇلىيەدە بىرسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا بىرسى بارلىغى ئايان بولىدۇ ،يەنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ، كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى دەل مۇشۇ "قارا قۇرۇم " دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت،ئەسلى نامى "قارا قۇرۇلۇن" بولۇشى كېرەك،(بۇ ھەقتە تەپسىلى ماتېرىيال كورمەكچى بولسىڭىز "شىنجاڭ گىزىتى"نىڭ 1998-يىلى 08-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى شىرىن قۇربان يازغان " قارا قۇرۇم ۋە كوئىنلۇن" ئىلمىي ماقالىسىگە دىققەت قىلىڭ) قارا قۇرۇم تاغ سىستېمىسى بىلەن كوئىنلۇن تېغىنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن كوئىنلۇن تېغى سىستېمىسى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ھىمالايا تاغ سىستېمىسى ، ھىندىقۇش تاغ سىستېمىسى ، ۋە تەڭرى تاغ سىستېمىسىدىن تۇزۇلگەن غايەت زور تاغلار سىستېمىسى پامىر ئىگىزلىگىدە ئوز-ئارا قوشۇلۇپ غايەت زور تاغلار ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىپ "دۇنيانىڭ ئوگزىسى" "تاغلار ئومۇرتقىسى" دەپ تەرىپلەنمەكتە ،كوئىنلۇن تىغىنىڭ غەربىي ئۇچى "ۋاخان كارىدورى"دىن باشلىنىپ "ھىندىقۇش تاغ تىزمىسى"بىلەن تۇتىشىدۇ ، كوئىنلۇن تىغى غەرىپتە پامىر ئىگىزلىگىدىن باشلىنىپ شىنجاڭ-شىزاڭ چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ شەرققە سوزۇلۇپ تاكى چىڭخەي ، سىچۇەن ئولكىلىرىگە قەدەر بارىدۇ ،كوئىنلۇن تىغىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىغى 2500 كىلومىتىر كەڭلىكى 150-350 كىلومىتىر كېلىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇرتىمىز شىنجاڭ ئىچىدىكى ئومۇمى ئۇزۇنلىغى 1700 كىلومىتىر كېلىدۇ ، كوئىنلۇن تىغى غەرپتىن شەرىققە قاراپ تەدرىجى پەسىيىپ بارىدۇ ،شىنجاڭ تەۋەسىدىكى قىسمى ئوز ئىچىدىن "غەربىي كوئىنلۇن" تېغى "ئوتتۇرا كوئىنلۇن"تېغى ۋە "شەرقىي كوئىنلۇن"تېغى دەپ 3 قىسىمغا بولىنىدۇ ،ئادەتتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى ى تەۋەسىدىكى قىسمى "غەربىي كوئىنلۇن" دەپ ئاتىلىدۇ ،"غەربىي كوئىنلۇن" نامىدىكى قارا قۇرۇم تەغىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 800 كىلومىتىر ، كەڭلىكى 240 كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ دېڭىز يۇزىدىن 5000 مېتىر ئوتتۇرىچە ئىگىزلىككە جايلاشقان ، يۇرتىمىز تەۋەسىدىكى قارا قۇرۇم تىغى شەرقتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلىدۇ ، بۇ تەۋەلىكتىكى تاغلارنىڭ جىلغىلىرى چوڭقۇر ۋە خەتەرلىك ، دەريا-ئېىقىنلىرىنىڭ ئېىقىشى تىز ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ئۈزۇلمەس سۇ مەنبەسىدۇر، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا تىمپۇراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن ،بىز دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرماقچى بولغان "قارا قۇرۇم تېىغى" دەل مۇشۇ ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىغىنىڭ ئاساسىي ئومۇرتقىسىنىڭ بىرقىسمى بولغان يۇرتىمىزنىڭ قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە كەشمىر ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ زىمىننى كۆرسىتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى چىڭگىزخان خارازىم شاھى سۇلتان مۇھەممەدكە(بۇ ۋەقە موللا مىرسالاھ كاشغەرىنىڭ قوليازمىسى ئاساسىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان "چىڭگىزنامە" ئەسىرىنىڭ26-32 بەتلىرىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان) قارشى جازا يۇرىشىنى باھانە قىلىپ ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىگە قىلغان ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا سۇلتان مۇھەممەت ئۇرۇشتا يىڭىلىپ قاچىدۇ.سۇلتان مۇھەممەدنىڭ جەسۇر ۋە باھادىر ئوغلانى بولمىش "سۇلتان جالالىددىن" ئۇرۇشتا تەسلىمچىلىكنى خالىماي چىڭگىزخان بىلەن قانلىق ئۇرۇش قىلغاچ ھىندىستانغا چىكىنىدۇ، چىڭگىزخان جالالىدىننى قوغلاپ تۇتۇش ئۇچۇن شەخسەن ئوزى ئاتلانغان بولۇپ ئۇ تاكى "ھىندى دەرياسى"غىچە ئۇنى قوغلاپ بارغان ئىدى ،ئەينى دەۋردىن بىزگە يەتكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا چىڭگىزخان جالالىددىنى تۇتۇش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ زور تەۋەككۇلچىلىككە يول قويغىچە ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىق بولغان ئوتتۇرا يولدىن ھۇجۇم قىلىشنى تاللىغان بولىشى كېرەك؟(بۇ تەپسىلات "چىڭگىزنامە"نىڭ 33-34-بەتلىرى بايان قىلنغان)شۇڭا ئۇ زور قوشۇننى باشلاپ پامىر ئىگىزلىكىدىن تاشقورغاننىڭ "بۇرامسال" تاغلىق يىزىسى ئارقىلىق قاغىلىقنىڭ "چوخشى"(چوخسى دېمەك چوخسۇ دىمەكلىك بولسا چوقۇمكى بۇ سوزنىڭ مەناسى زور قوشۇن،كوپ ئارمىيە دىگەنلىك بولىدۇ) تاغلىق يىزىسنى ئايلىنىپ "كەشمىر"گە ئوتۇپ ھىندىستانغا قارشى جازا يۇرىشى قىلغان بولۇشى ئىھتىمالغا بەكمۇ يىقىن (موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى "شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 256- 260-بەتلەر) ،شۇ قىتىملىق ھەربىي يۇرۇشتە ئېگىز تاغ ۋە شالاڭ ھاۋاغا ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن موڭغۇل قوشۇنى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋە چىڭگىزخانمۇ ئوزىنىڭ ئامراق خوتۇنى "قۇلان قاتۇن"دىن ئايرىلغان ۋە ئۇنى " شىۋرىغان ئۇزۇلمەي چىقىپ تۇرىدىغان ،ھاۋاسى شالاڭ،يىل بويى قار-مۇز كەتمەيدىغان بىر زىمىندىكى مۇز قاپلىغان شىددەتلىك ئېقىنلىق دەرياغا دەپنە قىلغان "ئىدى.بۇ تەپسىلاتقا تولىمۇ ئۇيغۇن كىلىدىغان جاي پەقەتلا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوخشى يىزىسى بىلەن كەشمىر ئارىسىدىكى قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋادىسىدىن ئىبارەت خالاس .چىڭگىزخان ئەينى دەۋر ھەربى ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيىتىگە( موڭغۇل قوشۇنى ئەينى دەۋردە 3 يولغا بولۇنۇپ ھەركەتلىنىپ بىر قىسمى ياۋروپادا،بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادا،بىر قىسمى "جىن سۇلالىسى"گە قارشى ھەربىي يۇرۇشتە ئىدى 265-257-بەتلەر)كورە ھىندىستانغا قارشى يۇرەكلىك ھالدا جازا يۇرۇشى قىلىشقا پىتىنالمىغان ۋە ئوزىمۇ "ئوۋ ئوۋلاۋىتىپ ئاتتىن يىقىلىپ كەتكەنلىگى ئۇچۇن ئاغرىپ قالغان " ئىدى...شۇ سەۋەپلەرگە كورە چىڭگىزخان مىلادىيەنىڭ 1222-يىلى ھازىرقى ئوزبىكىستاننىڭ "سەمەرقەند" بىلەن ئافغانىستاننىڭ "غەزنە" شەھەرلىرى ئارىلىغىدا تۇرۇپ قالغان ۋە "شەندوڭ"لۇق كاتتا تىۋىپ شىڭ شىن جىن رىن دېگەن زاتنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلغان،تارىخىي يازمىلاردا خاتىرىلىنىشىچە بۇ ۋەقە "ئولمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزلەش" دەپ ئاتالغان ئىدى.مەزكۇر تىۋىپ چىڭگىزخانغا ئولمەسلىكنىڭ دورىسىنى تاپالمىغاندىن كىيىن يەنى چىڭگىزخاننىڭ ئىغىرلىشىپ سەكراتقا چۇشۇپ قالغان ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقى ئايان بولغاندىن كىيىن تىۋىپنى يولغا سىلىپ قويغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە دەل شۇ ۋەقە يۇز بەرگەن ۋاقىتتا چىڭگىزخان ئەجەللىك كىسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى ۋەياكى ئولگەن بولۇشى مۇقەررەرلىكتۇر.( چىڭگىزنامە 34-بەتلەر)چۈنكى چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۇرۇشلىرىنىڭ ئەڭ جىددىي پەيتىدە ئوغلى "جۇجىخان" چىڭگىزخاننىڭ يارلىغىغا پىسەنت قىلماي "قىپچاق دالاسىدىن" چاقىرتىلغاندىمۇ كەلگىلى ئۇنىمىغان ئىدى.(چىڭگىزخان دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئولگەن ۋە بۇ "سىر" ئۇنىڭ ئوغلى "جۇجى"غا ئايان بولغان ئىدى.شۇڭا ئۇ ئۆزى پەرمانغا بويسۇنۇپ قايتىپ كەلسە شەكسىزكى "ساپ موڭگۇل نەسلى"دىن بولمىغان چوڭ ئوغۇل جۇجىنىڭ تەقدىرى تەخت تالىشىش كۇرەشلىرىدە ئىنتايىن پاجىئەلىك بولغان بولاتتى.( موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى 244-245-بەتلەر) ئۇنداقتا چىڭگىزخان ئولگەندىن كىيىن نىمىشكە تاشقىي موڭغۇلىيەگە ئەمەس بەلكى قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە دەپنە قىلىنغان؟مىنىڭ بۇ بايانىمنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىشىم ئۇچۇن توۋەندىكىلەرگە دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى: 1)قۇرۇلۇن دېگەن نام توغرىسىدا . كۆپ خىل يازما ماتىرياللاردا بۇ نام كىلۇرەن ،كىلۇرۇن ، كىرۇرۇن ، قۇرۇلۇن ،قۇرۇلەن دېگەن ناملاردا ئۇچرايدۇ(چىڭگىزنامە ،موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى ۋە "شىنجاڭ گىزىتى"نىڭ 1998-يىلى 08-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى شىرىن قۇربان يازغان " قارا قۇرۇم ۋە كوئىنلۇن" ئەلمىي ماقالىسىگە دىققەت قىلىڭ )، ھالبۇكى بۇ نام دەل ھازىرقى قارا-قۇرۇمنى كورسىتىدۇ ، ئۇنداقتا چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسى جايلاشقان موڭگۇل دالاسىدىكى "قارا قۇرۇم" نېمە سەۋەپتىن يۇرتىمىزغا "كوچۇپ" كەلگەن؟ مېنىڭچە بولغاندا بۇنى پەقەتلا ھونلارنىڭ كوچمەن تۇرمىشى ۋە قەدىمقى زاماندىكى ھون-ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى موڭگۇل دالاسى بولمىش "ئوردۇس يايلىغى بىلەن يىلتىزداشلىققا ئىگە تارىخلىرى ئارقىلىق چۇشىنىش مۇمكىن ،شۇنداقلا "ھىندى دەرياسى" نامىدا ئاتالغان قەدىمقى دەريانىڭ ئاتىلىرىمىزنىڭ يازمىلىرىدا (تۇركى تىللار دىۋانى 1-توم 40-بەتدەسلەپكى دۇنيا خەرىتىسى ھىند ۋە سىند بولىگىدە)سەيھون دەرياسى دېمەك دەل ھونلارنىڭ سۇيى دىمەكلىكتۇر.بۇ دەريا ئەرتىش ياكى ئامۇر دەريالىرىنى كورسەتسە كېرەك."جەيھون..ياكى جەيھۇن..ھونلارنىڭ جايى نامىدا ئاتالغانلىقى ۋە مۇشۇ دەريا ۋادىلىرىنىمۇ ئوزلىرىنىڭ سىياسى مەركىزى بولغان "ئوتتۇكەند" ئەتراپلىرىغا باغلاپ قارا قۇرۇم دەپ ئاتىغان بولىشى ئىھتىمالغا بەكلا يىقىن. 2)قۇرۇلۇن دەرياسى دېگەن نام توغرىسىدا . چىڭگىزخان ئونۇن دەرياسى بىلەن قۇرۇلۇن دەرياسى قوشۇلغان جايدا دەپنە قىلىنغان ( ھالبۇكى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخشۇ(چوخشى) تاغلىق يىزىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە "كوكارت" ، "كىچىك ئارت" ، " قۇلان باغلار" داۋانلىرى باشلانغان جايدا بىر دەريا بولۇپ كونكىرتنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ دەريانى تەبىئىي توساق بولۇپ توسۇۋالغان تاغنىڭ يول ئىغىزى "قۇلان باغلار داۋان" دەپ ئاتىلىدۇ..ھەمدە مۇشۇ ئەتراپتىكى "رەسكەم"ئارقىلىق كەشمىرگە ئوتۇشتىكى تاغ جىلغىسىنىڭ نامىمۇ "قۇلۇن ئاغۇ ،قۇنناغۇ " دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇيغۇر تىلىدا "قۇلۇن ئاغۇ" دىمەكلىك دەل قۇلۇن جىلغىسى دىمەكلىكتۇر!...مەيلى قۇلان باغلار داۋىنى بولسۇن مەيلى قۇلۇن ئارغۇ جىلغىسى بولسۇن ھەممىسى دەل "قۇلان دەرياسى"دېگەن نامدىكى دەريانىڭ ۋاستىلىق ئىسپاتى خالاس!...بۇ دەرياغا "قۇلان دەرياسى"دېگەن نامنىڭ قويۇلماسلىغىدىكى سىر بەلكىم ناھايىتىمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىندۇر ، چۈنكى چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغاندا بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار..ئادەم ۋە جانلىق ھايۋانلارغىچە ھەممىسى ئولتۇرۇۋەتىلگەندۇر. 3)بۇرھان خالدۇن ئاتالغۇسى توغرىسىدا. تارىخىي يازمىلاردا بۇ جاي "بۇرھان خالدۇن" "بۇرقان قالدۇن ، بۇرقان ئالدۇن " شەكلىدە ئۇچرايدۇ ،بۇ بولسا چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان جاينىڭ كونكىرتنى نامى بولۇپ (چىڭگىزنامىنىڭ 36-بەتىدە مۇنداق دىيىلگەن "چىڭگىزخان بىر كۇن سەير ئۇچۇن ئاتلانىپ ئىدى...بىر سەھنە يەردە بىر تۇپ دەرخت كوردى..خوش كەلدى..تۇۋىدە ئولتاردى..قاشىدىكى ئومەرالارغە ئەيتتىكى : ئەگەردە مەن ئولسەم مىنى شۇبۇ دەرەخ تۇۋىدە دەپنە قىلىڭلار،بۇ يەردە مەن فەرھ تاپتىم دەپ ،ئۇل يەرنىڭ ئاتىنى "بەرقان قالدۇن" دەر ئەردىلەر، چىڭگىزنامە دېگەن قوليازمىدىمۇ بۇ نام توغرىسىدا ئوخشىمىغان جايدا ئوخشىمىغان خاتىرىلەر ئۇچرايدۇ.مەسىلەن : 45-بەتتە تولىخاننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن باياندا مۇنداق دىيىلگەن : رەنجۇر بولۇپ بىر تەرەپ بولدى..ئانى بۇرقان ئالدۇندا دەفن قىلدىلار...، 43-بەتتە ئوكتاينىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن : قەدىمۇلئەييام پايتەختى موغۇلىستان -قارا قۇرۇم ئىدى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇپ 15يىلدىن كىيىن ئوكتايخان ئالەمدىن ئوتتى ، چىڭگىزخاننىڭ قاشىدا بۇرقان ئالدۇندا دەفن قىلدىلار ، تولى ھەم ئالدۇن دا ياتتىلار.) قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوخشى يىزىسى چۆپ كەنتىنىڭ ئاياغ چۆپ كەنتىدە بىر "مۇقەددەس مازار"لىق بولۇپ يەرلىك كىشىلەر بۇ مازارنى "دىۋانى بۇرقۇم" ،"ھەزرىتى بۇرقۇم" ، "بۇرقۇم ئەۋلىيا " دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ ،بۇ مازارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يەركەند دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئەقىنى بىلەن "قۇرۇلۇن دەرياسى"نىڭ يەركەن دەرياسىغا قوشۇلۇش ئورنىنىڭ سەل باش تەرىپىگە جايلاشقان!بۇ مازار توغرىلىق خەلق ئارىسىدا ئادەم ئىشەنگۇسىز سىرلىق رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۇرۇيدۇ.مازارلىق جايلاشقان دەريا قىرىنىڭ بويىدىكى قىيا تاشتا قارا رەڭلىك سىزىقچىلار بولۇپ ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىيتىشىچە: كۆزىگە سۇرمە تارقان،دۇبۇلغا-ساۋۇت كەيگەن،ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تۇرغان ھالەتتىكى ئاق ئاتقا مىنگەن بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ خاسىيەتلىك سىماسىنى كورگەنلىكىنى، بۇ ئامەتنىڭ پەقەتلا ئىمانى كۇچلۇك ، بۇرقۇم ئەۋلىياغا يامان نىيەتتە بولمىغان ،ساداقەتمەن بەندىلەرگىلا نېسىپ بولىدىغانلىقىنى،ئەگەردە بۇرقۇم ئەۋلىياغا يامان كوزدە قارىغۇچىلار بولسا مۇبارەك ھەزرىتى بۇرقۇمنىڭ جامالىنى كورەلمەيلا قالماستىن بەلكى بۇ جايغا يىقىنلاشسا دەرھاللا قان قۇسۇپ ئولىدىغانلىقىنى،ھەمدە يىقىندا يۇزبەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق دىنسىز ياكى تاھارەتسىز ئادەملەرنىڭ بۇرقۇم ئەۋلىياغا يىقىنلاشسا ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتتە قالىدىغانلىقى توغرىسىدا زوق-شوق بىلەن سوزلىشىدۇ. ھەتتا چۆپ كەنتىدە يۇز بەرگەن ئومۇمىيۇزلۇك بولغان ئەرسىي كۆز كىسەللىگىنىمۇ (ئەلۋەتتە بۇ كىسەللىك جۇغراپىيەلىك بىكىنمىچىلىك سەۋەبىدىن يىقىن تۇققانلار ئارىسىدا نىكاھلىنىشنىڭ ئۇزۇلمەي داۋاملىشىشىدىن شەكىللەنگەن) بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ مۇبارەك نۇرلۇق جامالىغا تولا قاراۋەرگەچكە بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ جامالىدىن چىققان كۇچلۇك نۇر كوزىمىزنى چىقىپ شۇنداق قىلىۋەتكەن دەپ بىلىدۇ. 4) خاسىيەتلىك ياڭاق دەرىخى توغرىسىدا . چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان جايدا بىر تۇپ ياڭاق دەرىخىنىڭ بولغانلىغى ۋە بۇ دەرەخنىڭ چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغاندىن كىيىنكى زامانلاردا بارغانسېرى كوپىيىپ زور ئورمانلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىگىنى بىلىمىز.بىراق بۇرقۇم ئەۋلىيا جايلاشقان تاغ باغرىدىمۇ خۇددى شۇڭغا ئوخشاش سىرلىق ياڭاق دەرىخى بار.ھالبۇكى بۇ جايدىكى ياڭاق دەرىخى زور ئورمان ھاسىل قىلالمىغان بولۇپ پەقەتلا بىر تۇپلا ئىدى.مىنىڭ ئۇ ياڭاق دەرىخى بار جايغا چىقىشىم بەلكىم ئاي شارىغا چىقىشتىنمۇ قىيىن بولسا كېرەك.چۈنكى شۇ جايدىكى قانۇنلاشقان ئورپە-ئادەتلەر سەۋەبىدىن بۇ ياڭاق دەرىخى بار جايغا پەقەت ۋە پەقەتلا بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ شەيىخى بولغان موتىۋەر زاتلا يىلدا بىر قىتىم پەقەت بىر قىتىملا چىقىپ ئۇ جايدىكى تۇغ-شەددىلەرنى(مازار جايلاشقان تاغ چوققىسىغا قادالغان ئاق،كوك،قىزىل رەڭلىك بايراقچىلەر)ئالماشتۇرۇپ كىرىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالايدىكەن.بۇ ياڭاق دەرىخىنىڭ مىۋىسى سوقاچاق بولۇپ باشقا ياڭاقلارنىڭ مىۋىسىگە ئوخشىمايدىكەن.بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ شەيىخى بولغان كىشىگە بۇ ياڭاقنىڭ مىۋىسىدىن بۇرۇنلاردا بىر دانە ئۇچرىغان بولۇپ.بۇ مېۋە كەلگەنلا ئادەمگە ئۇچراۋەرمەيدىكەن.پەقەتلا بۇرقۇم ئەۋلىيا ياقتۇرغان ئادەملەرگىلا ئومرىدە بىرەر قەتىم ئۇچراپ قالىدىكەن.بۇ مىۋىنىڭ خاسىيىتى شۇنداق كاتتا ئىكەنكى ھەرقانداق ئاغرىپ قالغان ساقايماس كىسەل مۇشۇ مىۋىنى سۇركەپ قويسىلا ساقىيىپ كىتەرمىش.ئاڭلىشىمچە بۇرقۇم ئەۋلىيا ھازىرمۇ تىرىك بولۇپ تا قىيامەتكىچە پۇتكۇل ئىنسانىيەت ئولسىمۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزىرىتى بۇرقۇم ئەۋلىيالا ھايات تۇرارمىش.(نەئۇزۇبىللاھھھھ!!!)بۇرقۇم ئەۋلىيا ھايات ۋاقتىدا "مۇسا" ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇستۇنلۇك-ئۇلۇغلۇق تالىشىپ قىلىپ مۇشۇ تاغقا ئۇچۇپ چىقىشنى بەسلىشىپتۇ.مۇسا ئەلەيھىسسالام 4قىتىم موللاق ئىتىپ ئاراندا بۇ تاغنىڭ ئۇستىگە چىقىپتۇ.بۇرقۇم ئەۋلىيا بولسا بىر موللاق ئىتېشى بىلەنلا تاغنىڭ يەرىمىغا بىرىپتۇ شۇندا ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئەي..بۇرقۇم...سەن پەيغەمبىرىم مۇسادىنمۇ كۇچ-قۇدرەتتە ئىشىپ كەتمەكچىمۇ؟سەن مۇشۇ جايدا تا قىيامەتكىچە تۇر! دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى بۇرقۇم مۇشۇ تاغدا(تۇر تاغى) تۇرۇپ قالغان ئىكەن.ئۇ كىشىلەر نەزىرىدە "ئاللاھنىڭ ئەركىسى" دەپ ئاتالغان ئىكەن.بۇرۇنلاردا ھەر يىلى قۇربان ھىيتتا جاھاننىڭ تۇرلۇك ئىقلىملىرىدىن ئادەملەر كىلىپ "بۇرقۇم ئەۋلىيا سەيلىسى" ئىلىپ باراكەنمىش ھازىرمۇ بۇ مازارغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەي كىلىپ تاۋاپ قىلىپ كىتىشىدىكەن ھەتتاكى يەرلىك ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ھەرەمگە ھەجگە بارغۇچە مۇشۇ مازارنى تاۋاپ قىلسا ساۋابى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولارمىش. 5) ئىراندىكى شەھرى سۇلتانىيەدىكى "دىۋانى بۇرقۇم" مازىرى توغرىسىدا . ئاڭلىشىمچە ئىراننىڭ سۇلتانىيە شەھرىدە "بۇرقۇم ئەۋلىيا"نامىدا بىر كاتتا مازارلىق بار.ھالبۇكى "چىڭگىزنامە" دېگەن كىتاپنىڭ 58-بەتلىرىدە مۇنداق بىر ۋەقە خاتىرلەنگەن:خان بولۇپ بىر يىلدىن كىيىن "شەھرى سۇلتانىيە"نى بىناھ قىلىپ تەختىگاھ ئەتىپ ئوزى ياتقان ئىمارەتى ئالىي ئەتىپ شۇ ئىمارەتتە دەفن قىلىندىلار....غازانخان نەۋۋەرە قەبردىن ئىلگىرى ئىراندا موڭغۇللارنىڭ مەقبەرىسى مەلۇم ئىرمەس ئىدى، ئۇنداقتا ئىراندىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا" بىلەن قاغىلىقنىڭ چۆپ كەنتىدىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا"نىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟بۇنىڭغا بىرەلەيدىغان جاۋابىمىز بىرلا بولۇشى مۇمكىن.ئۇ بولسىمۇ ئىراندىكى"بۇرقۇم ئەۋلىيا"دا چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخان ياتىدۇ.چۈنكى چىڭگىزخان جەمەتىدە پەقەت جۇجىخانلا چىڭگىزخان بىلەن بىر جايدا دەپنە قىلىنمىغاندۇر.ئۇ قىپچاق دالاسىنىڭ خانى ئىدى ،چوپتىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا"دا بولسا دەل چىڭگىزخان ياتىدۇ. 6) ئۇۋەيسىم مازىرى توغرىسىدا . شىخشۇ(چوخشى) يىزىسىنىڭ قارا باققۇ دېگەن يايلىغىدىكى تاغ چوققىسىدا بىر مازارلىق بولۇپ يەرلىك كىشىلەر بۇ جاينى "سۇلتان ئۇۋەيسىم" ياكى "ۋەيسىم" دەپ ئاتايدۇ، بۇ جاينىڭ ئەتراپىغا يەنە "سەرىق ساقال خوجا ئابدۇرەخمانىي".."قوچقار ئاتا" ۋە "يەتتە قىزلىرىم" مازارلىرى جايلاشقاندۇر. رىۋايەتلەرگە كورە "سۇلتان ئۇۋەيسىم" ھەزرىتى بۇرقۇم بىلەن بەسلىشىپ قاپتۇ.ئىككىسى بىر بىرىگە قارىتىپ تاش ئىتىپتۇ.ئۇۋەيسىم قارا باققۇدىن ئاتقان تاش ئۇچۇپ كىلىپ "قۇلان باغلار داۋان"نىڭ ئايىغىدىكى "شالاخشى" دېگەن جايغا چۇشۇپتۇ (چۆپ كەنتىدە شالاقشى ،بالاقشى ،شۇلاقشى، سىپانلاقشى ، سوغانلاقشى،ھونلاقشى،يەكەلاقشى ،لەۋلاقشى ..قاتارلىق 9 لاقشى بولۇپ مىنىڭچە بۇ ناملارنىڭ كېلىش مەنبەسى موڭغۇلچە بولۇش ئېھتىمالى زور)بۇرقۇم ئەۋلىيا ئاياغ چوپتىكى ئوزى تۇرغان جايدىن ئاتقان تاش ئۇچۇپ كىلىپ دەل ئۇۋەيسىم مازىرىغا كىرىدىغان جىلغا ئاغزى ئىككى بەلدۇگە(ئىككى بەلدۇ تاغنىڭ ئىككىگە بولۇنگەن جايى) چۇشۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئۇۋەيسىم ھەزرىتى بۇرقۇم ئەۋلىياغا باش قويۇپ ئۇنىڭ ئوزىدىنممۇ كاتتا ۋە ئۇلۇغلىغىنى تەن ئالغان ئىكەن"شالاقشى"دېگەن جايغا چۇشكەن تاش ھازىرمۇ بار بولۇپ"ئىككى بەلدۇ"گە چۇشكەن تاش ئازاتلىقتىن كىيىنكى يىللاردا نامەلۇم سەۋەپلەرگە كورە يوقاپ كەتكەن.ئاڭلىشىمچە بۇ يىزىدا بۇرۇنلاردا بىر ئادەت بولۇپ ، يۇرتتىكى پالۋانلارنى مۇشۇ تاشنى كوتۇرگۇزۇپ كىم ئۇزاق كوتۇرەلىسە شۇنى باتۇر پەلۋان دەپ نام بىلەن ئاتايدىكەنمىش.شۇ سەۋەپتىن بۇ تاشنىڭ نامىنى ھازىرمۇ "پەلۋان تاش" دەپ ئاتايدىكەن ،بۇ رىۋايەتتە بۇرقۇم ئەۋلىيا-چىڭگىزخان بىلەن سۇلتان ئۇۋەيسخان-ئۇنىڭ نەۋرىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلۇغلۇقنىڭ كۇچ سىنىشىشى ئوز ئىپادىسىنى تاپقان ئەلۋەتتە.لېكىن سۇلتان ئۇۋەيسىمنىڭ مەقبەرىسىنىڭ غۇلجىدىن بۇ جايغا قانداقلارچە "كوچۇپ" كەلگەنلىكى مىنى ئەجەپلەندۇرىدۇ.بەلكىم غۇلجىدىكى "ساختا" قەۋرىگاھمىدۇر يە؟..ۋە بەلكىم چىڭگىزخان قەۋرىگاھىنىڭ سىرلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇنداق ساختا دەپنە مۇراسىملىرىنى ئىزچىل ئوتكۇزۇپ كەلگەنمىدۇر يە؟... 7) سۇلتان سادىق پاشايىم مازىرى . چوخشى يىزىسىنىڭ باش چۆپ كەنتى سوتكەش مەھەللىسىنىڭ ئاخىرىدا سۇلتان سادىق پاشايىم نامىدا بىر مازار بار.مازاردا ئالاھىدە ئالامەتلەر يوق،بىر مەسچىت ۋە دەريانىڭ قارشىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى تۇپ ئارچا دەرىخى بار.لېكىن بۇ مازارنىڭ سەل توۋەن تەرىپىدە تاغ جىلغىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تىك كەتكەن قورام تاشلىق قىيالىقتا تەخمىنەن 200مېتىر ئىگىزلىكتە بىر ئوڭكۇر بار، ئالاھىدە ئۈسكىنىلەر بولمىسا بۇ ئوڭكۇرگە كىرىش مۇمكىن ئەمەس.ئەجەپلىنەرلىگى شۇكى ئوڭكۇرنىڭ كىرىش ئىغىزنىڭ توۋەن تەرىپىگە ياغاچ قوزۇقلار قىقىلغان بولۇپ قاتتىق تاش قاتلىمىدىن 1-2مىتىرچە سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ.بىر قاراپلا بۇنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن مەلۇم ئىھتىياجلار سەۋەبىدىن قىقىلغان ياغاچ قوزۇقلار ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ ئوڭكۇر سۇنئىي ئۇسۇلدا قىزىلغانمۇ؟شۇنداق بولۇپ قالسا نېمە ئىھتىياجدىن شۇنداق خەتەرلىك ئورۇنغا بۇ ئوڭكۇر قىزىلغان؟بۇ مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئارخىلوگىيەلىك تەكشۇرۇشلەر ئاساسىدىلا ئاندىن ئىنىقلىغىلى بولۇشى مۇمكىن. 8)مىرزا ئابابەكرى قورغىنى. قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كوكيار تاغلىق يىزىسىنىڭ مومۇق كەنتىدە بىر ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تارىخىي ئورۇن بولۇپ بۇ جاينىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە تارىخىي يازمىلاردا شۇنداق دىيىلگەن: مىرزا ئابابەكرى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بولۇپ ئەينى دەۋردە خوتەندە مىرزىلىق قىلغان ئىكەن.كىيىنكى دەۋرلەردە يەركەند سەئىدىيلەر خانلىقى بىلەن بولغان ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشلىرىدا سۇلتان سەئىدخاندىن يىڭىلىپ تىبەتكە قاچقان ئىكەن.ئۇ ئاشۇ قاچقۇنلۇق سەپىرىدە بىر قورغان سالدۇرغان بولۇپ پەقەت 7كۇن ئىچىدىلا بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشنى پۇتتۇرگەن ئىكەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىيتىشىچە ئەينى دەۋردە مىرزا ئابابەكرى ھەتتاكى قورسىقىدا بالىسى بار ئاياللارغىمۇ ئەمگەك ئالۋىڭى سالغان بولۇپ،ھەتتاكى ئۇلارغا 2 ئادەملىك ئەمگەك ۋەزىپىسى بولگەن ئىكەن سەۋەبى،قورسىقىدىكى بوۋاققىمۇ ئەمگەك ۋەزىپىسى قويغان ئىكەن.بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەھمىيىتىدىن كورە مېنىڭچە مەخپىي پۇتتۇرۇلگەن قەۋرىگاھ بولۇشى ياكى قەۋرىگاھ قۇرۇش ئىھتىياجلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى ئېھتىمالى ئىنتايىن زور! (بۇ ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئالماقچى بولسىڭىز شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2001-يىلى 05-سان 20-بەتلەرنى كورگەيسىز) چۈنكى سۇلتان سەئىدخان ۋە مىرزا ئابابەكىرلەر چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بولۇپ،مىنىڭ گۇمانىمچە چىڭگىزخاننىڭ تەخ ۋارىسلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوز بوۋىلىرىنىڭ قەۋرىگاھىنىڭ نەدىلىگى توغرىسىدا ئىزچىل سىرلار ساقلانغان ۋە بۇ مەخپىيەتلىكنى ۋارىسلىرىغا مىراس قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.قارا شەھەر موڭغۇللىرىنىڭ 1944-يىلى قەشقەردىن بىر سىرلىق قاچىنى ئىزلەپ كىلىشىمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا مۇشۇ "سىر"لىق مەخپىيەتلىككە چىتىلىشى مۇمكىن. 9) باشقا ئۇچۇرلار . ئافغانىستاندىكى بامىيان بۇدداھ ھەيكەللەرى جايلاشقان ئورۇنلار ئەتراپىدا ھازىرمۇ "ھەززارىلىقلار" نامىدىكى موڭگۇل ئەرقىدىكى قەبىلىلەر توپى ياشايدۇ...دەل مۇشۇ ئەتراپتا چىڭگىزخان ئوماق نەۋرىسى "مامۇكەي"نىڭ ئولىمنى ئۇزاتقان ئىدى. ئەنگىلىيەنىڭ 1944-يىللاردىكى قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ خانىمى بولمىش دىئاننا سىپتوننىڭ "قەدىمىي ماكان" ناملىق كىتاۋىنىڭ 310-326-بەتلەردە مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: مەن ئاجايىپ قىزىق بىر نەرسىنى بايقىدىم،دەپ جاكارلىدى ماڭا فرانسىيە مۇخبىرى سالىۋارى ئەپەندى ھاياجان بىلەن. سالىۋارى ئەپەندى قەشقەر ۋالىيسىنىڭ ئىشخانىسىدا (ۋالىي قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ، بۇ ۋەزىپىنى ئۇيغۇر ئوتەيتتى . ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بىر خەنزۇ ئىدى ) تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپتۇ : قارا شەھەر ( قارا شەھەر شۇ چاغلاردا بىر قانچە ناھىيىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ۋىلايەت بولۇپ ، خىجىڭ ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇت ، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ خوشۇت موڭغۇل قەبىلىسى مۇشۇ رايۇنغا تەۋە ئىدى . مۇئەللىپتىن) رايۇنىدىكى موڭغۇللار خىلى زامانلار ئىلگىرىلا قەشقەرگە يىقىن جايدا موڭغۇللارنىڭ بىر قەبرىستانلىغى بار.دەپ ئاڭلىغان ئىكەن ئىيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ قولىدا بۇ قەبرىستانلىقنىڭ خەرىتىسىمۇ بارمىش.ئۇلار يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ سالا قىلىشى بىلەن قەشقەرنىڭ يەرلىك دائىرىلىرىگە بۇ قەبرىستانلىقنى قىزىپ بىقىش.ئەڭ مۇھىمى قەبرىستانلىقتىن ناھايىتىمۇ ئەتىۋارلىق بولغان بىر قاچىنى ئىزلەيدىغانلىقى تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ،ئۇلار بۇ قاچىنىڭ شۇ قەبرىستانلىققا كومۇلگەنلىگىگە ئىشىنىدىكەن ، بۇ قەبرىستانلىقتا قىممەت باھالىق بايلىقلار كوپ بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ ئوزلىرىنىڭ پەقەتلا شۇ قاچىنى ئالسىلا قانائەت قىلىدىغانلىقىنى دىيىشىپتۇ... ۋاھالەنكى قەشقەر ۋالىيسى بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ نەدىلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدۇمۇ يەنىلا ئۇنى ئىكسپىدىتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى،سالۋارى ئەپەندى بۇ ھەركەتكە تەكلىپ قىلىندى.ئارايىك مەن ۋە باش كونسۇلخانا دوختۇرى بۇ پالائىيەتكە ئوزىمىز خالاپ قاتنىشىش نىيىتىگە كەلدۇق ، ۋە ياڭ ئەپەندىمنىمۇ بىرگە بىرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدۇق ، مەنى قاتتىق تەئەججۇپلەندۇرگەن بىر ئىش.ياڭ ئەپەندىمنىڭ خانىمىمۇ بىز بىلەن بىرگە بارماقچى بولدى.... بۇ ۋەقەدىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى مەيلى ئۇ قەبرىگاھتىن نېمە چىققان بولمىسۇن.موڭغۇللارنىڭ مەلۇم ساندىكى ئادەملىرى قەشقەر ئەتراپىدا ئوزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ كاتتا قەبرىستانلىقى بارلىغىنى بىلىدۇ.ھەتتاكى بۇ قەبرىستانلىقتا ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بىر قاچىنىڭ بارلىغىنىمۇ بىلىدۇ.بۇ قاچا بولسا چىڭگىزخان بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان ئالتۇن تۇۋۇت ئىچىدىكى ئالتۇن ئوقيا،ئالتۇن قىلىچ،ئالتۇن نەيزە،ئالتۇن بۇيۇملار ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بۇيۇم بولغان چىڭگىزخاننىڭ ئۇ ئالەمدىكى تاماق يەيدىغان قاچىسى.گۆھەرلەر بىلەن بىزەلگەن يىگانە قاچا ئىدى.موڭغۇللار دەل شۇ سەۋەپتىن پەقەت مۇشۇ قاچىغىلا قىزىققان ئىدى.مۇشۇ قاچا بولمايدىكەن چوقۇمكى ئۇ چىڭگىزخاننىڭ قەبرىگاھى بولمىغان بولاتتى.بۇ ۋەقە بىزگە ناھايىتىمۇ نازۇك بىر "سىر"دىن يەنى چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان جاينىڭ ئەمىلى ئورنىدىن بىشارەت بىرەلمەسمۇ؟ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ نامىنى تەھلىل قىلساقمۇ ئوخشاشلا چىڭگىزخان بىلەن مەلۇم باغلىنىشلىققا ئىگە يەنى قاغانلىق دېمەك دەل پادىشالىق جاي دىمەكلىكتۇر. قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان خالاستان دەرياسىنىڭ نامىنى ئىنچىكە كۇزەتسەك ئۇنىڭمۇ چىڭگىزخانغا باغلىنىدىغانلىقىنى كۆرۇمىز.خالاستان دىمەكلىك دەل خالدۇن ئاستان ياكى قالدۇن ئاستاندۇر.يەنى چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان "بۇرقان قالدۇن" ياكى "بۇرخان خالدۇن" دېگەن ئىسىمدىكى خالدۇندۇر.يەنە باشقىچە تەھلىل قىلساقمۇ نەتىجە ئوخشاش.خالاستان دېمەك ئاستانىنىڭ خالى دىمەكتۇر،ئاستانە دېمەك ئوردا دىمەكتۇر.خالاستان دەرياسى ۋادىسىدا ئاقاز داۋاننىڭ ئىچىدە جىلغا بويىدا "يولۋاس تاش" نامىدا بىر جاي بار بولۇپ بۇ يەردە ئۆڭكۇرسىمان كامار ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئورنىتىلغانلىقى ئىنىق بولغان بىر ھەيكەل بار.(توغراق.خىلۇببس.چوم ...مۇقەددەس بۆرە سىماسى..دېگەن رەسىمنى كورۇڭ..)بۇ ھەيكەلنىڭ ياسىلىش شەكلى(يول ياسىغۇچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىغى سەۋەبىدىن قىزىل بوياقلار بىلەن بويىۋىتىلگەن ۋە بەزى جايلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان لېكىن ھازىرمۇ ئۇنىڭدىكى كۆك سىزىقچىلارنى ۋە ئوڭ تەرپتىكى كوزىنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلىرىنى ئېنىق كورگىلى بولىدۇ) بۆرىگىلا ئوخشايدۇ قەدىمقى ئۇيغۇر-تۇرك تىللىرىدا بۆرىنى يولبارس دەپمۇ ئاتىغان.بۇ تاش ھەيكەلنىڭ ئالدى تەرىپى چوخشى يىزىسىنىڭ "كۇرتلۇغۇن"داۋىنىغا قاراپ تۇرىدۇ.ھالبۇكى كورتلىغۇن داۋان دەل "بۇرقۇم ئەۋلىياغا بىرىشتىكى مۇھىم ئوتكەلدۇر. "كۇرت" دىمەكلىك موڭغۇل ۋە تۇركي تىللاردا "بۆرە" دىمەكلىكتۇر.بۆرە دەل ئۇيغۇر ۋە موڭگۇل ئىرقىدىكى مىللەتلەرنىڭ توتۇم قىلغان ئىلاھىي ھايۋىنىدۇر.چىڭگىزخانمۇ ئومۇر بويى ئوزىنىڭ كوكبۆرە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن كۇرەشكەندۇر. بۇ تاش ھەيكەلگە ئىشلىتىلگەن تاشنىڭ ماتىريالىمۇ دەل "شالاقشى" دىكى "پەلۋان تاش" بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگەدۇر.مۇشۇ تاش كورسەتكەن يولۇنىڭنىڭ قارشىسى-شىزاڭ يولىنى بويلاپ ماڭغاندا چوقۇمكى "كۇدە" دېگەن جاي ئارقىلىق "جوداق"تىن ئوتۇپ "سەرق داۋان"دىن ئوتۇپ،ئاندىن "مازار"غا بارىمىز بۇ ئاتالغۇلارنىڭمۇ چىڭگىزخان بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار ئەلۋەتتە. "كۇدە" دىمەكلىك موڭگۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دىمەكلىكتۇر"جوداق" دىمەكلىك بولسا تاۋاپگاھ..مۇقەددەس جاي دىمەكلىكتۇر....ئۇنداقتا چوقۇمكى "مازار" دىكى مازاردا ياتقان جەسەت ياكى سۇلتان سەئىدخانغا ياكى چىڭگىزخاننىڭ ئامراق ئايالى بولمىش "قۇلان خاتۇن"غا ئالاقىدار بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن زور بولىدۇ.مازار ھازىرمۇ بۇ جايدىن كەشمىرگە ئوتۇشتىكى بىردىن بىر يولدۇر.... چىڭگىزخاننىڭ دەپنەگاھىنى بۇ ئەتراپتا تاللىشىنىڭ نۇرغۇن ئىھتىماللىقى بار ئىدى.. تارىخىي ئۇچۇرلارغا كورە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخاننىڭ تومۇرىدىكى قان تۈركىي مىللەتنىڭ ئىنىقىنى قىلىپ ئەيتقاندا مەكرىيەت تورىسى توقابەگ(ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ تۇركي مىللەت ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ..) ۋە ئۇنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرىنىڭ قەنى ئىدى.چىڭگىزخان كەسكىن ھاكىمىيەت كۇرەشلىرىدە بۇ نۇقتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلغان بىلەن لېكىن ئوزىنىڭ ئاتىسىغا بولغان ئىچكى تەلپۇنىشىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان.ئۇنىڭ قۇلان خاتۇن(مەكرىيەت تورىسىنىڭ قىزى)غا ئامراقلىقى بۇ سەۋەپتىن بولۇشى مۇمكىن...ۋە يەنە ئۇنىڭ ئوزىنىڭ ئاخىرەتلىك ياتىدىغان جايىنى يەركەند دەرياسى بىلەن قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئىغىزىدا بىنا قىلىشىمۇ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ھازىرقى مەكرىيەت-مەكىت ناھىيەسى بىلەن مەلۇم جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىندۇر.. (كەرىيەت، مەكرىيەت دېگەن ناملار ھازىرقى مەكىت نەھىيەسى ۋە كىرە ناھىيەسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر...چىڭگىزخاننىڭ 18-بەتتە " شۇل ۋەقتىدە كەرەيەتنىڭ تورەسى ئوڭخاندىن ئۇلۇغ پادىشا يوق ئىدى "19-بەتلىرىدە مۇنداق بايانلار بار :خوتەن بىلەن تۇبۇتنىڭ ئاراسىندا . شول شەۋكەت ۋە ئەزەمەت بىلە كەرەيەتنىڭ دەۋلەتى ئاخىر بولدى ....،چىڭگىزنامە 20-بەتلەرجوراس ئايماقىنىڭ تورەسى جامۇقە جىجاڭ ،مەكرەيەت ئايماقىنىڭ ئۇلۇغى توقابەگ ، كەرەيەت ئايماقىنىڭ ئۇلۇغى ئەلىن تايشى يەنە ھەم بەسى ئايماق تاياڭخانگە ئىتائەت قىلىپ ئىدىلەر....) چۈنكى ياركەند دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئەقىنى مەكىت ناھىيەسىنى كىسىپ ئوتىدۇ...مەكىت ناھىيىسى بولسا ئەينى دەۋردىكى چىڭگىزخاننىڭ قىساسكارلىق قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان توقابەگنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىڭ ياشىغان جايى بولۇشى ھەم مۇكىندۇر ("ئادىل تۇران"نىڭ بۇ توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ماقالىسىمۇ بار..)ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق سەۋەپلەردىنمۇ بۇ ئىشنى چۇشەندۇرۇش مۇنكىندۇر: 1-چىڭگىزخان كىسەل بولۇپ قالغاندا ئاساسلىق قوشۇنى يىراق جايلاردا ھەربىي يۇرۇشتە ئىدى...جىن سۇلالىسىدىن تىۋىپ چاقىرىشنىڭ ئوزىدىنمۇ شۇنداق يەكۇنگە كېلىش مۇمكىنكى چىڭگىزخان ئوزىنىڭ ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئەلىپ كىسىلىنى ناھايىتىمۇ مەخپىي تۇتقان...ۋەياكى ئۇنىڭ بالىلىرى ھاكىمىيەتكە كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت كەسكىن تاللاش ئالدىدا ۋە بىسىۋىلىنغان..بىسىۋىلىنىش ئالدىدا تۇرغان جايلاردىكى تۇراقسىز ۋەزىيەتلەرنىڭ بىسىمىنى كوزدە تۇتۇپ...چىڭگىزخاننىڭ ئولگەنلىگىنى ئەينى ۋاقىتتا سىرتقا ئاشكارىلىمىغان...ھەمدە چىڭگىزخان ئولۇپ كەتكەن قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئامالسىزلىقتىن دەپنە قىلىۋەتكەن ...پەقەتلا ئوزىنىڭ ھەربىي مەقسىدى تولۇق ئىشقا ئاشقاندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئولۇمنى ئاندىن جاھانغا ئاشكارىلغان.... 2-ئامراق ئايالى قۇلان خاتۇن ۋە ئارزۇلۇق نەۋرىسى مامۇكەي باتۇرنىڭ ئولۇپ كەتكەن جايىنى ئوزىنىڭ دەپنەگاھى قىلىپ تاللىشى ھەم مۇمكىندۇر...ئەينى دەۋردە بۇ ئەتراپتا بۇدداھ دىنىنىڭ تەسىرىدىن مىڭ ئويلەرنى قىزىپ-ياساش...تاغ مىمارچىلىقى كامالەتكە يەتكەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە بۇ ھۇنەر كىرىزىسقا پاتقان دەۋرلەر ئىدى.دېمەك ئەينى دەۋر جەمىيىتىدە بۇ ھۇنەرگە ۋارسلىق قىلغان ئۇستىلار بار ئىدى تاغ ئىچىدە بىناكارلىق قىلالىغۇدەك ئۇستىكارلار ۋە شۇنىڭغا لايىق تەجرىبىلەر بار ئىدى.موڭغۇللارنىڭ شامان ئەتىقادى بويىچە بولغاندا تاغ، سۇ ئورمان،ئىلاھىي نەرسىلەر ئىدى.شۇڭا ئۇلار ئوز قەۋرىگاھلىرىنى دەل مۇشۇنداق سىرلىق جايلارغا كۇن چىقىش يولۇنىشىدىكى ئاستىدىن سۇ ئىقىپ تۇرغان خەتەرلىك تاغ باغرىغا ياسىغان ئىدى.مەن بايقىغان نۇرغۇن ئىزلاردىن شۇنى بايقىدىمكى تاغ ئىچىدىكى قەبرىگاھلارنىڭ كۆپىنچىسى خەتەرلىك قىيالار شاۋقۇنلۇق دەريالار ئېگىز ۋە مەنزىرىلىك تاغلارنىڭ كۇن چۇشۇپ تۇرىدىغان شەرقي يانباغلىرىدۇر.شۇنداقلا ئادەمنىڭ بىرىپ-كىلىشى ئۇچۇنمۇ ئىنتايىن كوپ تەبىئىي توساقلار شەكىللەنگەن پىنھان تاغ جىلغىلىرىدۇر!...چىڭگىزخان بەلكىم بۇ ئەتراپتىكى بۇدداھ ئىبادەتخانىلىرىدىن ئىلھام ئەلىپ ئوزىگە ئاخىرەتلىك مىھمان-ساراي سالدۇرغان بولۇشى ھەم مۇمكىندۇر...چۈنكى ئۇ پەقەت مۇشۇ جاينىڭلا ئوزىگە مەڭگۇلۇك ئاراملىق بىرەلەيدىغان...دۇنيادىن تولىمۇ يىراقتىكى ھەقىقىي پىنھان جايلىغىنى بايقىغاندۇ؟..ياكى كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ خۇددى "مۇتىئانزى تەزكىرىسى"دە بايان قىلىنغىنىدەك "ئىلاھ"لارنىڭ ماكانى ئىكەنلىگىگە ئىشىنىدىغاندۇ؟...شۇڭلاشقا ئوزى ياتقان مۇشۇ مۇقەدددەس زىمىننى قوغداش ۋەزىپىسىنى چاغاتايخانغا مىراس قالدۇرۇپ..ئۇنى بۇ زەمىننىڭ پاسىبانلىقىغا تەيىنلىگەندۇ؟...(چۈنكى چىڭگىزخان تەخت ۋارىسىنى چوڭ ئوغلى جۇجىغىمۇ بەرمىگەن..چاغاتايغىمۇ بەرمىگەن..بۇ بولسا نورمالسىز ۋارىسلىق مۇناسىۋىتى ئىدى...) ئاخىرقى يەكۈن شۇكى : چىڭگىزخان ، ئوكتايخان ،تولىخان ،قۇلان خاتۇن ، ئۇۋەيسخان ،مىرزا ئابابەكرى ، سۇلتان سەئىدخان ، بۇراقشاھ...لارنىڭ قەبرىسى دەل قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوخشى (شىخشۇ) كوكيار ، ئۇششارباش ، يېزىلىرىدا..ۋە تاشقورغان تاجىك ناھىيىسىنىڭ تاغلىرى ئارىسىدىكى سىرلىق مازارلاردا كومۇلۇپ ياتماقتا!....چىغاتاينىڭ قەۋرىسىمۇ مۇشۇ بۇرقۇم ئەۋلىيالاردا..ياكى ناھايىتىمۇ ئاز ئىھتىماللىق چىڭگىل ناھىيەسىدە بولۇشى مۇمكىن!...جۇجىخاننىڭ قەبرىسى بولسا ئىراننىڭ سۇلتانىيە شەھرىدىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا" نامىدىكى مازارلىقلاردا ئوز ئەۋلاتلىرى بىلەن بىرگە مەڭگۇلۇك ئۇيقۇدا ياتماقتا!....ئالاھىيە تەكىتلەيدىغىنىم قەشقەر ، خوتەن ، تاشقورغان تەۋەسىدكى بارلىق مازارلىقلارنى چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەتراپلىق..سىستىمىلىق ھالدا تەكشۇرۇپ چىقىش كېرەك...ئىشىنىمەنكى بۇ جايلارنىڭ تەكشۇرۇسلىشىدىن چىققان نەتىجە چوقۇمكى چىڭگىزخان جەمەتىنىڭ ئىچىلمىغان سىرلىق چۇمپەردىسىنى جاھانغا نامايان قىلغۇسى!..... (بەلكىم باشقا تىللاردىكى يازما مەنبەلەردە بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىيرەك..ئۇچۇرلار باردۇر..لېكىن مېنىڭ سەۋىيەم چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن باشقا تىللاردىكى ماتىرياللارنى كورۇش ئىمكانىم بولمىدى..ئەپسۇسسسس...) 1987-يىلى...2001-يىللار...قاغىلىق...تۇرھون توختى توغراق (خاتىمە ئورنىدا شۇنى قوشۇمچە قىلاي..مەن ئەسلىدە بۇ تېما ئۇستىدە يەنىمۇ ئەتراپلىقراق...تىخىمۇ تەپسىلىيرەك..توختالغۇم..تىخىمۇ ئىنچىكە تەكشۇرۇپ..ماتېرىيال توپلىغۇم بار ئىدى...ئەپسۇسكى ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم گۇمانخور ئەبلەخلەرنىڭ ئىزىمغا چۇشۇۋەلىشى...مەنىڭ تاغقا بولغان تەكشۇرۇشلىرىمنى بۇرمىلاپ چەتئەلگە قاچماقچى..دېگەن گۇمانلار بىلەن مەنى نازارەت قىلىشى ئارقىسىدا بۇ مۇمكىنچىلىك ئىشقا ئاشمىدى!... 1999-يىلدىن بىرى ئاپتونوم رايونلۇق موزىيى ۋە ئالاقىدار ئارخىئولوگىيە تارماقلىرىغا خەت يازغان...ۋە بايقاشلىرىمنى ئۇلارغا ئەۋەرتكەن..ھەتتاكى ئوزۇم بىرىپ ئۇلار بىلەن كورۇشۇپ بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولساممۇ ئۇلارنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىسگە ئەرىشەلمىدىم!... كىيىنچە تور ئارقىلىق بۇ ساھادىكى ئەلىم ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ...ئورتاق ئىزلىنىش ئۇمۇدىدە بولغان بولساممۇ ئەپسۇسكى يەنىلا شۇ ئاتالمىش گۇمانخور ئەبلەخلەر تورغىمۇ ئۇسسۇپ كىردى...بۇ مۇمكىنچىلىككىمۇ سايە ئەگەشتى!...مەنى نازارەت قىلىشنى...بوغۇشنى كۇچەيتتى!...ھەتتاكى دولەتنىڭ مەخپىيەتلىگىنى چەتئەلگە ساتقان بولىشى مۇمكىن..دېگەن گۇمانلاردىمۇ بولۇشتى..توۋائائا....ئۇلار نېمە دېگەن گۇمانخور ۋە قارا نىيەتتۇر ھە؟...بىلمەمدىغاندۇ؟...مەنىڭ ئىزچىل ھالدا بۇ مەسىلە ئۇستىدە سىرتقى دۇنيا بىلەن يىپىق ھالدا ئالاقىدە بولۇۋاتقىنىمنى؟..ئەكسىچە ھەر دەرجىلىك ھوكىمەت تارماقلىرى بىلەن بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىغىمنى؟....مانا بۈگۈن ئاخىرىدا تېخى تولۇق ئىشلەنمىگەن...يۇزەكى بايقاشلىرىمنى تاشقى دۇنياغا ئوچۇق ئاشكارىلىدىم!...بەلكىم ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىلوگىيە ئورۇنلىرى مەن تاپشۇرۇپ بەرگەن يازمىلىرىمنى ئەخلەتخانىغا چورۇۋەتكەن بولىشى...ۋەياكى..ئەينى دەۋردە بىر باشلىق تەكەببۇرلۇق بىلەن ئەيتقاندەك "بۇ ساھەگە ھەۋەس قىلىپ قاپسىز...ھەۋىسىڭىز تولىمۇ قىزىقارلىق ئىكەن..."دىيىشى ھەم مۇمكىندۇر!!!...مەن دۇنياۋى مەشھۇر بۇ ۋەقەنىڭ سىرلىق چۇمپەردىسىنى ئىچىش ئۇچۇن ئىزلىنىۋاتقان سانسىزلىغان ئىنسانلار ئىچىدكى پەقەتلا بىرسى خالاس!...بەلكىم ئىزلىنىشلىرىم تولىمۇ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا...تولىمۇ نادانلارچە...تولىمۇ...ناچار شارائىتلاردا ئەلىپ بىرىلغاندۇ؟.....شۇنداقتىمۇ مەن ئوزۇم بايقىغان بۇ تەپسىلاتلارنى ھېچبىر ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر دەپ قارىمايمەن!.... 1987-يىلى...2001-يىللىرى،قاغىلىق دوستۇم خاتىرىسىدىن تۇغ 2007-7-9 كۈنى چىڭگىزخان قەبرىسى ھەققىدە رىۋايەت راستلا تارىختا ئۆچمەس نام قالدۇرۇپ كەتكەن، ھايات ياشاپ ئۆلگەن بۇ زاتىنىڭ قەبرىسى زادى نەدىدۇ؟ تارىخچىلارنىڭ مۇشۇنداق ئاختۇرۇپ، جىم ياتقىلى قويماي قېزىپ چىقىرىپ قايتا سۇئال-سوراق قىلىشىنى ئالدىدىن پەملىگەن چىڭگىزخان (مېنىڭ ئاڭلىشىمچە) تاڭغۇتلارغا قارشى جازا يۈرىشىدە ئۆلگەنلىكى، ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار بارلىق تەپسىلاتلارنىڭ سىرتقى دۇنيادىن سىر تۇتۇلغانلىقى، چىڭگىزخان خان جەمەتىدىكىلەرگە ۋە ۋەزىر، سەرۋاز-سەركەردىلىرىگە ۋەسيەت قىلىپ "مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەڭلار! ئەلدە قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. چوڭ ئوغلۇم مىنىڭ ئورنۇمغا ئولتۇرۇپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئەلنى ئىدارە قىلسۇن. قوغدىغۇچى قىسىمنىڭ مۇھاپىزىتىدە، تىنچقىنا مەن تەييارلىتىپ قويغان جايغا مېنى دەپنە قىلساڭلار مەن مەڭگۈ خاتىرجەم ياتىمەن“دېگەن.ئارىدىن ھىچ كىم ئۇ جاينى سوراشقا پېتىنالماپتۇ.چىڭگىزخان قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىنى ئېلىپ قېلىپ باشقىلارنى ئوردىدىن قايتۇرۇۋەتكەن، ھەتتا مەھرەم بىگىنىمۇ چىقىرىۋېتىپ، بىر مەخپى بۇيرۇقنى قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىگە بەرگەن.بۇنى ئۆزىدىن باشقا ھىچ كىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىغان. سەركەردە بۇيرۇقنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە، مەھرەم بىگىنى چاقىرىپ دەرھال قوغدىغۇچى سەركەردە تونۇمايدىغان ياراملىق ئىككى ئەزىمەتنى قوغدىغۇچى سەركەردىنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىشكە بۇيرىغان. شۇنداقلا مەھرەم بىگىگىمۇ بىر مەخپى پۈتۈك بېرىپ، «دەپنە ئىشلىرى» تۈگىگەندە ئىچىشنى ئۇقتۇرغان. ئوردا مۇلازىمەتچىسىنى چاقىرىپ « دەپنە ئىشلىرى تۈگىگەندە مەھرەم بېگىگە، قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىگە مېنىڭ ئېسىل شارابىمدا قانغىچە مېھمان قىلىپ، رازى بولغۇدەك خەج-خىراجەت بېرىپ يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇق بەرگەن. بىرقانچە كۈندىن كىيىن چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەن، ئوردىدىكىلەر جىددى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە مەرھۇم خاننىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە مىڭ كىشىلىك قوغدىغۇچى قىسىمنى قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىگە تاپشۇرۇپ خاننى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە دەپنە قىلىۋېتىپ كېلىشكە بۇيرىغان. قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى خاننىڭ بۇيرۇقىنى مەخپى ئاچسا ئىچىدىن ئىككى پۈكلەپ قويغان يارلىق چىققان، سىرتىدىكى بىرىنچى يارلىق دېگەننى ئېچىپ قارىسا خان ئۆزى يېتىش ئۈچۈن تەييارلىغان قەبرىگاھىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەنمىش، ئاخىرىغا «ئىككىنچى يارلىق دەپنىدىن كىيىن ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانمىش.. قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى يارلىقتىكى كۆرسەتمە بويىچە ئۇزۇن ئەگرى - بۈگرى تاغ يوللىرىنى بېسىپ بېرىپ ئاللا بۇرۇن تەييارلاپ قويغان يەر ئاستى قەبرىگاھقا جەسەتنى دەپنە قىلىپ، ئېغىزىنى ھىم ئەتكەندىن كېيىن ئۈستىنى تۈزلەپ ھەرخىل دەرەخلەرنى تېكىپ، ئات-ئۇلاغلارغا دەسسىتىپ چىڭدىغاندىن كىيىن، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ ئوت-چۆپ تېرىغان ھەم 15، 20كۈن تىنىچ ھازا ئاچقانمىش، ئوت-چۆپلەر ئۈنگەندىن كېيىن قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى ئىككىنچى يارلىقنى ئېچىپ قارىسا «قەبرىگاھتىن يەتتە چاقىرىم نېرىدىكى جىلغىغا بېرىپ ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يەتتە كۈن تىنىچ ھازا ئېچىپ بۇلۇپ، ئۈزۈڭ يالغۇز تاغ ئۈستىدىكى توسمىنىڭ تىزگىنىنى كېسىۋېتىپ، قەبرەمنى بىر يوقلىۋېتىپ، ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ ئوردىغا قايتىپ يارلىقنى مەھرەم بېگىگە بەر» دېيىلگەنمىش. قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى يارلىق بۇيىچە جىلغىغا چۈشسە چوڭ- كىچىك 3- 4 يۈز قەبرە ۋە بىرمۇنچە تەييار گەمە قونالغۇ باركەن. ئەسەرلەرنى گەمىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ يەتتە كۈن ھازا ئېچىپ بۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى تاغ قاپتىلىدىكى توسما بويىغا بېرىپ قارىسا، قەبرىگاھقا سۇ باشلىنىدىغان چوڭ ئىر ئېقىننى توسۇپ تۇرغان بىر قورام تاشنىڭ بىر توشۇڭ بىلەن تارتىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ-دە، ئىچىدە «بۇ خان قەبرىستانلىقىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىغان ئېقىن ئوخشايدۇ»دەپ ئويلاپ، تىزگىنىنى كېسىپ تاشلاپتۇ.خۇددى چوڭ تاغ ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك قورام تاشنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن توسۇۋالغىلى بولمىغۇدەك چوڭ بىر دەريا ئېقىن بويلاپ ئېقىپ چۈشۈپتۇ. خان قەبرىسىنى بىر قېتىم تەپسىلى ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن ۋىدالىشىش تازىمىنى بىجا كەلتۈرۈپ بۇلۇپ،ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە، بۇ جاي ئاللا بۇرۇن چوڭ بىر كۆلگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.بىرمۇ تىرىك ئادەم قالماپتۇ.شۇندىلا قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى مەرھۇم خاننىڭ «ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ ئوردىغا قايتىپ يارلىقنى مەھرەم بېگىگە بەر، » دېگەن يارلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ، بۇ خارابە بىلەن ۋىدالىشىپ ئوردىغا قايتىپ خان يارلىقنى مەھرەم بېگىگە تاپشۇرۇپتۇ، مەھرەم بىگى ئۇنى نازارەتچىلىككە بۇيرىغان ئادەملىرى بىلەن نەزەربەنت قىلىپتۇ، خاننىڭ بالىلىرى قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى بىلەن كۆرۈشكىلى، قەبرىنىڭ نەدىلىكىنى سورىغىلى كېلىپ كۆرۈشەلمەپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا بەرگەن يارلىقتا ئۇرۇش تۈگىگەندە بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش، سەركەردە ئېلىپ كەلگەن يارلىقلارنى كۆرمەيلا كۆيدۈرۈۋېتىش يېزىلغانىكەن. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئوردا مۇلازىمەتچىسى بۇلارغا مەرھۇم خان ھەدىيە قىلغان ئېسىل شارابنى بېرىپتۇ ۋە ھەر بىرىنىڭ دېگىنى بۇيىچە رازى قىلىپ مەرھۇم خاننى خاتىرجەم قىلىپتۇ، بۇلار بۇ ئېسىل مەينى كۆزى قىيمىغان ھالدا قانغۇدەك ئىچىشىپ مەرھۇم خانغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشۈپ خان قەبرىسى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئېلىشى مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىشىپتۇ، قالغان ئۇلۇق - ئۇششاق پۇخرالار تا بۈگۈنگىچە بۇ سىرنى ئېچىش غېمىدە پەرۋانە بولۇشۇپ يۈرەرمىش. ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى تۇرغۇن ئالماس چىڭگىزخان (مىلادىنىڭ 1206– يىلىدىن 1227– يىلىغىچەقاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتاي خان (1228–1241)، گويۇك خان ()1246–1248) مۇنىكى خان (1251–1259)نىڭۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 1206–1259– يىلىغىچە) شەرقتەتىنچ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە دۇناي دەرياسىنىڭدېڭىزىغا قويۇلىدىغان جايغىچە ۋە شىمالدا سىبىرىيە دالالىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا كىچىك ئاسىياغىچە بولغاننۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىمپېرىيىنىقۇرغان موڭغۇللار خېلىلا قالاق ئىدى. ئۇلار دەسلەپ شەرقىي ئاسىيانىڭ دالالىرىدا، ئورمانلىقلىرىدا، چۆللىرىدەياشايىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يايلاق ۋە ئورمانلىقرايونلارنى ئۆز ﻫۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىي ۋە تايانچجايى قىلىشقان ئىدى. مۇنداق ئەﻫۋال مۇنىكى خان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگەقاغان بولغىچە (1251– يىلىغىچە) داۋام قىلدى. موڭغۇللار ناﻫايىتى قالاق بولۇشىغا قارىماي جەڭگىۋار، باتۇر خىسلەتكە ۋەبەكمۇ چىڭ ﻫەربىي ئىنتىزامغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى. دالىدا، چۆل – باياۋاندا، قاتتىق تەبىئىيشارائىتتا ﻫايات كەچۈرۈش، چارۋا – ماللارنى قىرغىنغا ئۇچرىتىدىغان، دائىم بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر (قارنىڭقېلىن يېغىشى، قۇرغاقچىلىق يىللىرى، ئوت – چۆپ ئۈنمەسلىكى)، دۈشمەنلەرنىڭ ﻫۇجۇملىرى موڭغۇللارنى قىيىنچىلىققا چىدايدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئادەتكەئۆگەتكەن ئىدى. موڭغۇللاردا قەبىلىۋى مۇناسىۋەت ناﻫايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگەموڭغۇللار چىڭگىزخاندەكساۋاتسىز بولسىمۇ، ناﻫايىتى ئەقىللىق، ﻫۇشيار، بەكمۇ ﻫىلىگەر، ئادەتتىنتاشقىرى تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە، كارامەت قەﻫرىماننىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە ئىدى. چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بەلباغلىغاندىن تارتىپ، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەن ئىدى. دەل شۇ چاغدا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخان ئالتايلىق، بەشبالىقلىق، تۇرپانلىق، قارا شەﻫەرلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك ئۇيغۇرلاردىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان قابىل كىشىلەرنىموڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭئىچكى، تاشقى چوڭ، مۇﻫىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلغانئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىكباش ۋەزىرى قىتان شاﻫزادىسى يىلوچۇساي كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىڭگىزخانغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئوقتا ياسايدىغان ئۇستا كېرەك بولغاندەك جاﻫاننى سوراشنى بىلىدىغان ئۇستا كېرەك» (چىيوشۇسىڭ «جۇڭگو تارىخى ﻫېكايىلىرى» خەنزۇچە 11– بەت). ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان كىشىلەرتەجرىبىلىك سىياسيونلار، ﻫۇشيار، ئۇستا دىپلوماتلار، ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئەڭ نازۇك سىرلىرىنى بىلىدىغان ﻫەربىيستراتېگىيىلەر، تاكتىكىلەر، ﻫەربىي تېخنىكلار، چىداملىق، قەيسەر سەيياﻫلەر، دېڭىزچىلار، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى، ئىلىم – پەنگە توشۇق ئالىملار، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان تىلماچلار، شائېرلار، تارىخچىلار، خەتتاتلار، رەسساملار، مۇزىكانتلاردىن ئىبارەت ئىدى. چىڭگىزخان بىرىنچى قەدەمدە موڭغۇل قەبىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ توپلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىمال (شەرقىي سىبېرىيە) ۋە غەرب (شەرقىي ئالتاي)دىكى تۈركى قەبىلىلەرنىبۇيسۇندۇرغان ئىدى. چىڭگىزخان مىلادى 1204– يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ﻫۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلىتايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىنئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنموڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشىزۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقىبىلەن موڭغۇل تىلىدا يېزىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭبىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئىلخانىلار (مىلادىنىڭ 1258– يىلىدىن 1335– يىلىغىچە ﻫۆكۈم سۈرگەن)نىڭ ئالاقىلىرىئۇيغۇر، پارىسچە يېزىقتا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى (1231– 1370) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1227–1502)دابولسا رەسمىي دۆلەت تىلى، يېزىقىئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنىپ، تۈركلىشىپ، ئېتىقادجەﻫەتتىن ئىسلام دىغا كىرگەن ئىدى. موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، موڭغۇل بەگلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل، رەسمىي سىياسىيئالاقىلەردە قوللىنىلىدىغان تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭخانى بائورچوق ئارتىكىن مىلادىنىڭ 1210– يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغابېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بەشبالىقلىق (ﻫازىرقى جىمسار ئەتراپىدا) ئۇيغۇرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەرموڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭدۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىندى. چىڭگىزخان مىلادى 1206– يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنىباشلىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ﻫەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭمىلادى 1215– يىلى جورجىت خانلىقى (1115– 1234)غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ﻫەربىي مەسلىﻬەتچىسۈپىتىدە قاتناشقاندىنتاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1219– يىلىدىن 1225– يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققا قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇمەسلىﻬەتچى بولۇپ بارغان ئىدى. چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغانلىرىغانئۇيغۇرلار جەلپ قىلىندى. چىڭگىزخاننىڭ غەبكەقىلغان ﻫەرقىي يۈرۈشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ مەشﻬۇرلىرى بولغان توراقايا، بۇلادقايا قاتارلىقلار توغرىسىدابىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىش يېتەرلىك. توراقايا بەشبالىقلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ﻫەربىي ستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئۇرۇش ﻫەرىكەتلىرىدە قوللىنىشقاناﻫايىتى ئۇستا ئىدى. توراقايا چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ خارزىم شاﻫ دۆلىتىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان ﻫەربىي مەسلىﻬەتچىلەرئىچىدە ناﻫايىتىقابىلىيەتلىك ﻫەربىي ئالىملاردىن ئىدى. بۇلادقايا بولسا چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىنچىڭگىزخاننىڭ ئوغلى يولىخاننىڭ ئۇرۇنباسارى بولغان. بەشبالىقلىق بۇلادقايا، چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215– يىل بېسىپئالغان جۇڭدو (جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى)غا ئالاﻫىدەﻫوقۇقلۇق ئەلچى ۋە نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن (مىلادىنىڭ 1215– يىلىدىن 1223– يىلىغىچە) جۇڭدودىكى باش ۋالىي موڭغۇل سەركەردىسى موغالى ئىدى. موغالى مىلادىنىڭ 1223– يىل ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭدوغا بۇلادقايا ئەۋەتىلگەن. بۇلادقايا جۇڭدودا تۇرغان مەزگىلىدە شىمالىيجۇڭگوغا مۈڭغۇللارنامىدىن ﻫۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇ چاغدا جەنۇبىي جۇڭگو جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (1227– 1279)نىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. موڭغۇللار مىلادى 1279– يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، تولىيخاننىڭ ئوغلى قوبلايخان 87 يىل ﻫۆكۈم سۈرگەنيەن سۇلالىسى (1279–1368)نى قۇرغان، ئۇيغۇرلار مانا شۇ يەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مۇﻫىم ﻫوقۇقلىرىنى ئىگىلەپ ئالغان. قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىگە (1279–1368) ئۇيغۇرلاردىنلەنششەن (مىلادىنىڭ 1231– يىل تۇغۇلۇپ، 1280 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا (؟–1291)، ئەﻫمەت (مىلادىنىڭ 1282– يىلىئەلەمدىن ئۆتكەن)، ئەل يىغمىش (مىلادىنىڭ 1320– يىلىئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭگوتىكىن (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شىيبان (مىلادىنىڭ 1197– يىلى تۇغۇلۇپ، 1276– يىلىئالەمدىن ئۆتكەن)، موڭسۇر (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىددىن (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىق ئۇيغۇرلارخان بالىقتا (ﻫازىرقى بېيجىڭدا) ناﻫايىتى مۇﻫىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاددىيلىقى، كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، قابىللىقى بىلەن شۆﻫرەت قازانغانلەنششەن، موڭسۇر، مەڭگوتىكىن، شىيبان، ئەل يىغمىش، ئەختەرىددىن قاتارلىقلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك. لەنششەن مىلادىنىڭ 1231– يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بەشبالىقتا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر قوبلايخاننىڭ باش مەسلىﻬەتچىسىبولغان، مىلادىنىڭ 1259– يىلى مۇنكى قاغان ئەلەمدىن ئۆتكەن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇمنى ساقلاشقا تەيىن قىلىنغان ئارىغ بوقا (قوبلايخاننىڭئۇكىسى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا قۇرۇمدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى تارتىپئالماقچى بولىدۇ. ئەﻫۋال مۇشۇنداق جەددىيلەشكەندە، قوبلاخان مىلادىنىڭ 1260– يىلىلەنششەننىڭ كۆرسەتمىسىگەبىنائەن قاغان سايلاشتىكى ئەنئەنىسىگە خىلاپ ﻫالدا كەيفىندە ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپجاكارلايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ قوبلايخان بىلەن ئارىغ بوقا ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. قوبلايخان ئارىغ بوقانىتار – مار كەلتۈرۈپ، قارا قۇرۇمنى ئىگىلەپ ئالىدۇ، مىلادىنىڭ 1264– يىلى ئارىغ بوقا قوبلايخانغا تەسلىم بولىدۇ. موڭغۇللار مىلادى 1279– يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، قوبلايخان يەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، بېيجىڭنىپايتەخت قىلىدۇ. لەنششەن شۇنىڭدىن باشلاپئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولىدۇ. مەڭسۇر قوبلايخاننىڭ ئەڭ يېقىنمەسلىﻬەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قوبلايخان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە يەتىنلىگەندە، باش ۋەزىرلىكنى قوبۇل قىلمىغان. مەڭسۇرناﻫايىتى ئەقىللىق، بەكمۇ بىلىملىك ئادەم ئىدى. مەڭگۇتىكىن بولسا قوبلايخاننىڭ ئۇستازى ئىدى، قوبلايخان ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىمئەﻫلىنى ﻫۆرمەت قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشكەن. شىيبان بولسا مەشﻬۇر، ئۇستادىپلومات ئىدى. ئۇيغۇر قوبلايخاننى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش جەﻫەتتە ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپبارغان، شىيبان ئوكتايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناﻫايىتى مۇﻫىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادى 1276– يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىنئۆتكەن. ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئەﻫمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان. ئۇيغۇر ناﻫايىتى قابىلبولۇپ، باش ۋەزىرگە تەڭ ئابرويغا ئىگە ئىدى. يەن سۇلالىسىنىڭ مەشﻬۇر خانلىرى قوبلايخان، تۆمۈرخان، ئىسەنخانلارنىڭۋاقتىدا (مىلادى 1270– يىلىدىن 1320– يىلىغىچە) مەشﻬۇر دېڭىز ساياﻫەتچىسى، دىپلومات ئەل يىغمىش ئاتلىق ئۇيغۇر بىر نەچچە قېتىم ﻫىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىگەبارغان. ئەل يىغمىشمىلادى 1272– يىلىدىن باشلاپ ﻫىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغان. ئەل يىغمىش دېڭىزئوكيان ئارقىلىق ﻫازىرقى سېرىلانكا، ماۋرىييە (ﻫىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ﻫىندى چىنى، ﻫىندونوزىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇيغۇر قايتىشىدا چەل ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغاندورا – دەرمەكلەرنىئېلىپ كەلگەن. قوبلايخانىڭ ئەل يىغمىشنى شەقىي جەنۇبىي ئاسىياغا (ﻫىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە ۋەﻫىندىستانغا)، ﻫىندىنوزىيەگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى شۇ دۆلەتلەر توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىدى. چۈنكىقوبلايخان شەرقىي جەنۇبىيئاسىيا ۋە ﻫىندونوزىيىنى بېسىپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تەييارلانماقتا ئىدى. دېگەندەك قوبلايخان مىلادى 1279– يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، شەرققە — ياپونىيىگە، شەرقىيجەنۇبىي ئاسىياغا، ﻫىندونوزىيىگە كەڭ كۆلەملىك ﻫۇجۇم باشلىدى. قوبلايخاننىڭ مىلادى 1280– يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كېمىلەر بىلەن تەمىنلىگەن 165 مىڭ جەڭچىدىن تەركىبتاپقان قۇدرەتلىك چوڭ قوشۇنىنى (بۇنىڭ 120 مىڭى خەنزۇ ۋە كورىيىلىك جەڭچى) دېڭىز ئارقىلىق ياپونىيىگە ماڭدۈردى. لېكىنبۇ چوڭ تاجاۋۇزچىقوشۇندىن ناﻫايىتى نۇرغۇنى تىنچ ئوكياندا بورانغا ئۇچراپ غەرق بولغان، نەتىجىدە موڭغۇرلارنىڭ ياپونىيىگە قىلغانيۈرۈشى مەغلۇپ بولغان. قوبلايخان ياپونىيىگەقىلغان يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1283– يىلى ﻫىندىچىنى يېرىم ئارىلىرىدىكى ۋيېتنام، مالاييا، بېرما، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ﻫۇجۇم قىلغان، ئەل يىغىمىش موڭغۇللارنىڭ ﻫىندىچىندىكى دۆلەتلەرگە قىلغان يۈرۈشىگەقاتناشقان، ئۇ يەنەموڭغۇللارنىڭ 1293– يىلى ﻫىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشىگىمۇ قاتناشقان. ئەل يىغمىش قوبلاينىڭ ﻫىندونوزىيىگە قىلغانيۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (موڭغۇللار ئوكيانىيىنىڭ ئىسسىق ﻫاۋا كېلىماتىغا ماسلىشالماي ئىچ ئۆتكۈ كېسىلىگەموپتىلا بولغان ئىكەن) خان بالىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئورۇنباسارى بولغان. مىلادى 1320– يىلى ئالەمدىنئۆتكەن. قوبلايخاننىڭ ۋاقتىدا، ئەختەرىدىن ئاتلىق ئۇيغۇر ئېنژېنىر ئۆتكەن ئىكەن. ئەختەرىدىن ئوردا ۋە شەﻫەرقۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغانچادىر مەﻫكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئەختەرىدىننىڭ شەرق تارىخىدىكىتۆﻫپىسى ﻫازىرقى بېيجىڭ شەﻫىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى لايىﻬىلەپ بىنا قىلىشىدا. بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ سىياسىي، ﻫەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىبولغان. بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى — «يىلنامە دەۋرى» (مىلادىدىن 770– يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 475– يىلبۇرۇنقى چاغقىچە)، «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى» (مىلادىدىن 475– يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 221– يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)دىكىيەن بەگلىكىگە پايتەخت بولغان، ئۇ چاغدا جىچىڭ دەپ ئاتىلاتتى. چېن شىخۇاڭ مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن جىچىڭ شەﻫىرىچېگرا مۇداپىئەسىدىكى مۇﻫىم شەﻫەرگە ئايلانغان. جىچىڭ شەﻫىرى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن 207 – يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپمىلادى 220– يىلىغىچە ﻫۆكۈم سۈرگەن)، سۈي سۇلالىسى (581–618)، تاڭ سۇلالىسى (618–907) دەۋرلىرىدىمۇ مۇﻫىم ﻫەربىي شەﻫەربولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (960–1279) جىچىڭ شەﻫىرىنى مىلادى 960– يىللىرى قىتانلار بېسىپ ئالغان. جۇڭگو تارىخىدائۆتكەن جورجىتخانلىقى (1115–1234)، يەن سۇلالىسى (1368–1279)، مىڭ سۇلالىسى (1368–1644)، چىڭ سۇلالىسى (1644–1911) قاتارلىق تۆت سۇلالە جىچىڭ شەﻫىرىنى پايتەخت قىلغان. شەرقىي قىتان خانلىقى (916–1125) مىلادى 1053– يىلى جىچىڭ شەﻫىرىنى پايتەخت قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپﻫېسابلىغاندىمۇ بېيجىڭ 800 يىلدىن كۆپرەك تارىختا ئىگە. تارىخى ئۇزۇن بولغان بېيجىڭ نامى تۈرلۈك تارىخىي شارائىتتا ﻫەر خىل ئارتىلىپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (168–907) يۇجۇ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە (916–1125) پىدۇ، يەنجىڭ، جورجىت خانلىقى دەۋرىدە (1115–1234) جۇڭدو دەپ ئاتالغان. يەن سۇلالىسى دەۋرىدە (1279–1368) خان بالىق دەپ ئاتالغان. پەقەت چىڭسۇلالىسى دەۋرىدىلا (1644–1911) بېيجىڭ دەپ ئاتالغان. ﻫازىرقى بېيجىڭ شەﻫىرىنىڭ ئاساسىي يەن بەگلىكى (مىلادىدىن 7 ئەسىر بۇرۇن)نىڭ پايتەختى جىچىڭ شەﻫىرىمۇئەمەس، شۇنىڭدەك شەرقىيقىتان خانلىقى، جورجىت خانلىقى دەۋرىدىكى يەنچىڭ، جۇڭدو شەﻫىرىنىڭ ئاساسىمۇ ئەمەس. بېيجىڭ پەقەت موڭغۇللار بىنا قىلغانخان بالىق شەﻫىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ﻫازىرقى ﻫالغا كەلگەن. چىڭگىزخان مىلادى 1251– يىلى چۇڭگۇغا 2– قېتىم ناﻫايىتى چوڭ كۆلەمدە ﻫۇجۇم قىلىپ، جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختىجۇڭدونى بېسىپ ئالغاندا، شەﻫەرگە ئوت قويۇپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭدو شەﻫىرى بىر ئايدىن ئارتۇق كۆيۈپ، قۇرقۇنچلىق بىر خارابىزارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن. مانا شۇ ۋەقەدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىنىڭ 1268–يىلى) قوبلايخانجۇڭدو شەﻫىرىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە، يېڭى بىر شەﻫەر بىنا قىلىپ، پايتەخت قىلىش قاراىغا كەلگەن. ئەختەرىدىن قوبلايخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پايتەختنىڭ غايەت چوڭ، مۇرەككەپ لايىﻬىسىنىئىشلەپ چىققانۋە شۇ لايىﻬە بويىچە «خان بالىق» دەپ ئاتالغان پايتەختنى بىنا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان. موڭغۇل قۇرغان يەن سۇلالىسى (1279–1368)نىڭ تۇنجى خانى قوبلايخاننىڭ زامانىسىدا خان بالىقنىڭبىنا قىلىنىشى تارىختا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك يادىكارلىقى ﻫېسابلىنىدۇ. «ئەختەرىدىننىڭ لايىﻬىسى بويىچە، بىرىنچى قەدەمدە يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسىياسىلىپ سۇئاقىدىغان ساپال نوكەشلەر ئورنىتىلغان، ئىككىندە قەدەمدە، خانلار تۇرىدىغان ئوردىلار تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىقجايلارغا سېلىنغان. ئەختەرىدىننىڭ لايىﻬىسىگە ئاساسەن، ﻫازىرقى جۇڭنەنخەي، ۋە بېيخەي كۆللىرى بىنا قىلىنىپ، خانئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭئىككى قىرغىقىغا سېلىنغان. ﻫازىرقى جىڭشەن باغچىسىنىڭ ئەتراپىغا خان ئائىلىسىنىڭ ﻫايۋاناتلار باغچىسى بىناقىلىنغان» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ﻫەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1– كىتاب، 122– بەت). خان بالىقنىڭ «كۈچىلىرى چوڭ كوچا، كىچىك كوچا ۋە خۇتۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ خىل كوچىدىن ئىبارەت بولغان ...... چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 24 قەدەم، كىچىككوچىلارنىڭ كەڭلىكى 12 قەدەم ئىدى. شەﻫەرگە 364 چوڭ ۋە كىچىك كوچا، 2009 خۇتۇڭ ياسالدى ...... بۇنداق كوچىلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى قاتناشنىڭﻫەر خىل ئېﻬتىياجىغا ئاساسلىنىپ، تار قىلىپ ياسالغان. كوچىلارنىڭ كەڭلىكىنى ﻫازىرقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىر، كىچىك كوچىلارنىڭكەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ﻫەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 7– كىتاب، 124– بەت). خان بالىقتىكى ئوردىلار، كۆللەر، باغچىلار، كۆۋرۈكلەر، كوچىلار، شەﻫەر دەرۋازىلىرى، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىئادەتلىرى، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شەرت – شائىتلىرى ۋە يەرلىك ئەﻫۋالىنىڭ بەزىبىرى جۇغراپىيىلىكئالاﻫىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ياسالغان» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ﻫەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1– كىتاب، 122– بەت). ئەجدادلىرىمىز ﻫۇنلار دەۋرىدىنتارتىپ (بۇنىڭدىن 5000 يىللار بۇرۇن) ﻫازىرقى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىگە ناﻫايىتى قىممەتلىك تۆﻫپىلەرنىقوشقان. ئەختەرىدىننىڭ خان بالىقنى (بېيجىڭنى) بىنا قىلىشتا ياراتقان ئۇلۇغ، شانلىق تۆﻫپىسى تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز مۆلاجىزە. مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1988– يىل 4– سانى |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
sadik_0117
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
erdewil
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |