نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ! تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
TarimDadxah

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-27
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى !

ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى !
ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى يەرلىك تۇماقلىرىنى كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرى، سەلتەنىتى دەپ بىلىدۇ.

ئۇيغۇر تۇماقلىرى يارىشىملىق، ئىسسىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، گۈل قىسىپ كىيىشكە، ئالدى – ئارقىنى ئايلاندۇرۇپ كىيىشكىمۇ ئەپلىك.

تۇماق رەختى: قولى چېۋەر ئۇيغۇر ئۇستىلار تۇماق رەختى ئۈچۈن كەمچەت، قاما، سۆسەر، تىيىن، تۈلكە، سۈلەيسىن، سۇغۇر، ئەلتىرە، قوي، ئۆچكە، ئات تېرىسى قاتارلىق بىر يۈز سەكسەن ئۈچ خىل ھايۋانات تېرىسىنى، تاش ئۈچۈن، دۇخاۋا، مەخمەل، مويىت قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل رەخت ۋە ئەستەر ئۈچۈن ھەر خىل رەختلەر ئىشلىتىلىدۇ.

تۈرى: ئۇيغۇر تۇماقلىرى ئەر – ئايال دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنۈش بىلەن بىرگە، ياشلار، ئوتتۇرا ياش، قېرىلار، دىنىي زاتلار سەللە تۇمىقى ۋە خىلمۇ خىل يەرلىك تۇماقلار، مەسىلەن، ئاتۇش تۇمىقى، پەيزىۋات تۇمىقى، قەشقەر، خوتەن، كېرىيە تۇمىقى، قاغىلىق تۇمىقى، مەكىت تۇمىقى، يېڭىسار ساغان تۇمىقى، كۇچا تۇمىقى، قومۇل تۇمىقى دېگەنگە ئوخشاش يەرلىك تۈر، نۇسخىلارغا بۆلۈنىدۇ.

تۇماقچىلىق سايمانلىرى: تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەستەر، تاشلىق رەخت كېسىدىغان قايچا، يىپ، يىڭنە، پاختا، قېلىپ، ناۋات، چىۋىق، قارا گۈل، رەڭ ۋە باشقا پەرداز بۇيۇملىرى.

تىكىلىشى: ھەرقانداق تېرە ئالدى بىلەن ئۇندا ئاشلىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ، ئۇۋۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ. كېسىشتە تېرىنىڭ يۈىزىدىن ئەندىزە قويۇپ تۆت تالالىق، ئالتە تالالىق قىلىپ ئۆلچەملىك كەسكەندىن كېيىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە چېتىپ، تۇماقنىڭ تۆپىسىنى پۈتتۈرىدۇ. ئەگەر تۇماق ياكى قۇلاقچىلارغا ئەستەر ئالماق بولسا، رەختكە پاختا سېلىپ سېرىپ، تۆپە تالاسىدەك كېسىپ چىقىپ، تۆپىنى ئەستەرگە كىيدۈرىدۇ. ئەتراپىنى يۆمەپ تىكىپ بولۇپ، قېلىپقا سېلىپ قايچا بىلەن مويلىرىنى قىرقىپ تەڭشەيدۇ ۋە سۇ پۈركۈپ موينى چىۋىقلاپ، سۈنئىي بۈدۈر قىلىدۇ، بۈدۈرىنىڭ ئاسان بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ناۋات شىرنىسىنى ئاغزىغا ئېلىپ مويغا پۈركۈيدۇ. ئاندىن قېلىپتىن چىقىرىپ بازارغا سالىدۇ.

ئەگەر ئىشلەتكەن تېىنىڭ مويى ئالىپاساق بولۇپ قالسا ئۆز رەڭگىگە ئوخشىتىپ بويايدۇ.

تۇماق، قۇلاقچا قاتارلىقلارنىڭ تۆپىسى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۆز رەڭگىدە قارا گۈل ياكى ئۆتۈك مېيى بىلەن پەردازلايدۇ.

ئاق تېرە تۇماقلارغا ئاق سىزىقچىلىق گۈل چىقىرىدۇ ۋە گەج بىلەن ئاق پەرداز بېرىدۇ.

ئۇيغۇر تۇماقچىلىرى يالغۇزلا ئۇيغۇر تۇمىقى تىكىپ قالماستىن، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەر – ئايال تۇمىقىنى تىكىپ جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
menbe :http://uyghurmedeniyiti.blogspot.com/
yol
| ۋاقتى : 2008-10-08 17:30 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
yilan1

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 110
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-15
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يۇكسەك بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن يۇقۇرى ئىجتىمائى قىممەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خاسلىقىنىڭ رۇشەن بەلگىسى . ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىلغار ئامىللار مۇجەسسەملەنگەن. جۇملىدىن يۇڭ تېۋىتتىن پىشششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەر خىل تۇماقلارنى ، قالپاقلارنى كىيىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە....... ، بۇگۇنكى كۇندىمۇ ئۇيغۇر تۇماقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بۇ خىل رەڭگە-رەڭ ھالەتلىرىنى (ساقلانمىلىرىنى) دىيارىمىزنىڭ ھەممە يىرىدىن دېگۇدەك تىپىشقا بولىدۇ.

كەم نەرسە"ئۇيغۇر  تۇماق(باش كىيىم)  مۇزىيى" ئىچىش..........................
| ۋاقتى : 2008-10-08 18:16 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
شۆھرىتى: 39 نومۇر
پۇلى: 380 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 







| ۋاقتى : 2008-10-11 15:22 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
Bidar-Qutlan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرىتى: 26 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-18
ئاخىرقى : 2008-10-21

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىزنىڭ قىشلىق باش كىيىملىرىمىز ھەقىقەتەن كۆزنى چاقنىتىدۇ، بىراق بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلاقچىدىن باشقا بىرمۇ باش كىيىمى يوق.
ئۇلار ھەرقانداق بىر قىشلىق باش كىيىم كەيسە چوڭاملاردىن تارتىپ ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغىچە ياتسىنىشقا دۇچار، بۇ ھال كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلارنىڭ باش كىيىملىرىمىزنى ئۇنتۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرقى باش كىيىم تىككۈچىلەرنىڭمۇ قەغەزچىلىك ۋە زەيتاپلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستىكارلاردەك ئۈنتۈنسىز غايىپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدىكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن.

سەرپۇچ تۇماق كىچىك چاغلىرىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر كىيىدىغان تۇماق ئىدى، ھازىر ئۇنى كەيگەن ئادەم دىنى تۈس ئالغان كىيىمنى كەيگەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ.
yol
| ۋاقتى : 2008-10-11 15:45 3 -قەۋەت

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.096378(s) query 4, Time now is:10-26 08:08, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation