ئورخۇن كۈندىلىك خەۋەرلەر مەركىزى
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇنبەرگە قايتىش
8-چىسلادىكى ئەنگلىيە<< يەكشەنبىلىك گېزىتى>>دە دوكلات قىلىنىشىچە:ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىراقتا ئاز دېگەندىمۇ يەنە بەش يىل تۇرىدىكەن،يەنى پىلاندا2012-يىلى چېكىنىپ چىقىدىكەن.ھازىر ئىراقتا ئەنگلىيىنىڭ7100 نەپەر جەڭچىسى بار.نۆۋەتتە ئىراقتا ئۆلگەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ سانى126گە يەتتى.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
جۇڭگو ئىلمىي باھا بېرىش تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە،جۇڭگودا بىرمۇ ئالىي مەكتەپ دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرەلمىگەن.بېيجىڭ ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا192-ۋە196-ئورۇندا تۇرغان.
ئەنگلىيە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 9-چىسلا ئاشكارىلىشىچە ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى چارلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.23-مارت 15نەپەر ئەنگلىيە جەڭچىسى ئىران تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن،ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىران-ئىراق دېڭىز چېگرىسىدىكى چارلاشنى توختاتقان ئىدى.بۇ ئەنگىليىنىڭ يەنىلا ئىرانغا نىسبەتەن قاتتىق قول سىياسىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ10 - كۈنى
باش ئىش ئورنى لوندوندىكى ئەرەب يېزىقىدىكى<< تۇرمۇش گېزىتى>>نىڭ دوكلاتىچە:ئىران ئارمىيىسى نۆۋەتتە ئامرېكا،ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ھۇجۇمىغا نىسبەتەن ئەڭ زور تەييارلىق كۆرگەن؛ئىران دىپلوماتىيە باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلى مۇنداق دېدى:<<ئەگەر يادرو ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا،ئىران ئۆزىنى قانداق قوغداشنى ئوبدان بىلىدۇ.>>
ئىران يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن روسىيە ئىراننىڭ يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ11 - كۈنى
ئامرېكا ئاخبارات ۋاستىچىلىرىنىڭ دوكلاتىچە،چاۋشيەن تەرەپ 11-چىسلا ئامرېكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە شۇنى ئاشكارىلىدىكى:<<چاۋشيەن30كۈن ئىچىدە يادرو رېئاكسىيە قازىنىنى ئىشتىن توختىتىدۇ.>>
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ13 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەر:ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە:يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان<<شىددەتلىك ئوت-3>>ناملىق ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.پۈتۈن مۇساپىسى5000كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭ،شاڭخەي رايونىنى قاپلايدىكەن.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ16 - كۈنى
شىنخۇا تورى موسكۋا15-ئاپرېل تېلېگراممىسى،روسىيە تۆتىنچى ئەۋلاد سىتىراتىگېيىلىك يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى ياساپ چىقتى؛ھەمدە 15-ئاپرېل كۈنى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.نامى YuriDolgorukyدەپ ئاتىلىدىغان بۇ يادرو سۇ ئاستى كېمىسنى لايىھىلەش ۋە ياساشقا900مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت قىلىنغان بولۇپ،ئۇزۇنلىقى 170مېتىر،كەڭلىكى13.5مېتىر،بەلگىلەنگەن ئادەم سانى107نەپەر،چۆكۈش چوڭقۇرلىقى450مېتىر،Bulava-Mتىپلىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلدىغان بومبىدىن12نى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
16-ئاپرېل ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ بلاكسبۇرگ دېگەن يېرىگە جايلاشقان ۋىرگىنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا بىر كورىيىلىك ئوقۇغۇچى32 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان،،بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى زور ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىدىن ئۆلگەنلەر يوق.
ئۇ كورىيىلىك ئىشلەتكەن قورال
ئادەم ئۆلتۈرگەن كورىيىلىك ئوقۇغۇچى
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ23 - كۈنى
فرانسىيە پېرزدېنت سايلىمى22-ئاپرېل رەسمىي باشلاندى،تەخمىنەن44مىليون500مىڭ كىشى12نەپەر ئەرباب ئىچىدىن فرانسىيە پېرزدېنتىنى بېكىتىپ چىقىدۇ؛ چەتئەلدىكى فرانسىيىلىكلەر21ئاپرېل مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلىدى.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ25 - كۈنى
رۇسىيىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى Boris Nikolayevich Yeltsin ئەپەندى 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 18:45دە مەركىزى كلىنىكا دوختۇرخانىسىدا يۈرەك قان-تۇمۇر زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن 76ياشتا ۋاپات بولدى؛1931-يىلى تۇغۇلغان،مىللىتى رۇسىيىلىك.Yeltsinئىلگىرى چوڭ سايلامدا يۈرەك كېسىلىنى يوشۇرغان ئىكەن،رۇسىيە ھۆكۈمىتى25-ئاپرېل ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ27 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەرلەر:شەرق تورى 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى25-ئاپرېل بېرلىندا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىچىگە رۇسىيىنىڭمۇ كىرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ ئالياسكىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ28 - كۈنى
جيۇجاڭ شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،جيۇجاڭ قىزىل قارچۇغا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى بىلەن پولشا سىۋدېنىك شىركىتى جيۇجاڭ ئايروپىلان ياساش قۇرۇلۇش تۈرىگە ئورتاق مەبلەغ سېلىپ يىلىغا 39تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساپ ئۇنى خەلقئارا بازارغا سالماقچى ئىكەن؛بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىلغار تىك ئۇچار ئايروپىلانى كەم بولۇش بوشلۇقى تولدۇرىدىكەن.بۇ قۇرۇلۇش1-ئاپرېل ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ يىل ئاخىرى ئايروپىلان ياساشنى باشلايدىكەن.ئاۋۋال PZLSW-4W-3A SOKOLKANIAقاتارلىق ئۈچ خىل تىپتىكى تىك ئۇچار ۋە M18M28I-23 ئۈچ خىل تىپتىكى مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلان ياسايدىكەن.يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى140مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.بىرلەشمە شىركەت1-قېتىملىق مەبلەغ سېلىشقا 60مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدىكەن.
2007 - يىل 4 - ئاينىڭ29 - كۈنى
شىنخۇا تورى كولومپو29ئاپرېل تېلېگراممىسى؛سىرلانكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، پايتەخت كولومپو 29-ئاپرېل ئەتتىگەن تايمېر يولۋاس تەشكىلاتنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچۇردى،ئەمما ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.1976-يىلى قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەقىقىي ئىسىمى Liberation Tigers of Tamil Eelam -LTTE بولۇپ،2001-يىلى ئەنگلىيە مەزكۇر تەشكىلاتنى تىرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى.دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇش سىرلانكا نوپۇسىنىڭ%18نى ئىگىلەيدىغان تايمېر مىللىتى بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت سىياسىي سەھنىسىدە باش ئورۇندا تۇرىدىغانSinhaleseمىللىتى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.
2007 - يىل5 - ئاينىڭ2 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەرلەر:ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كانزاس( Kansas) شتاتى قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇردى،سائەتلىك سۈرئىتى 330كىلومېتىرغا يەتكەن بۇ بوران10ئادەمنىڭ جېنىنى ئالدى،60دىن كۆپ كىشىنى يارىلاندۇردى.پېرىزدېنت بۇش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش بۇيرۇقىنى چىقاردى.
2007 - يىل6 - ئاينىڭ20 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەرلەر:8يىل ۋاقىت،3مىليارد500مىليون ئامىرېكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان33.8كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان <<لوئېتسچبرېگ قاتناش تونىلى>> 16-ئىيۇن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تونىل ھېسابلىنىدۇ.
2007 - يىل6 - ئاينىڭ24 - كۈنى
لوندون 24-ئىيۇن
تېلېگراممىسى،ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى بروۋن 27-ئىيۇن بلائىردىن باش ۋەزىرلىك
ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ؛ئۇ ئەنگلىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل
قىلغاندا مۇنداق دېدى:<<مەن باش بولغان ئىشلەر ۋە مېنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرەمدىكى
ئىشلار چوقۇم دۆلىتىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلىشىش شەرت،ھالبۇكى ئامرېكا بىلەن
بولغان مۇناسىۋەتنى ئوبدان ساقلاش،دۆلىتىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن>>.قارىغاندا بۇ
ۋەزىرمۇ ئوخشاشلا بلائىر ماڭغان يولدا ماڭىدىغان ئوخشايدۇ.
2007 - يىل6 - ئاينىڭ24 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەر:شىنخۇا ئاگېنتلىقى توكيو 1-ئىيۇل تېلېگراممىسى خەۋىرى ، ئەنگلىيە جېننىس دۇنيا رېكورتى چەكلىك شىركىتى 30-ئىيۇن ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى كيۇشۇ ئارىلىنىڭ فۇگاڭ ناھىيىسى فۇجىدىڭ ھۆكۈمىتىگە ھۆججەت يوللاپ ،شۇ جايدىكى يېشى 114 ياشلىق موماي جېچۇەنمىزىغا <<دۇنيا ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن چولپان>> دېگەن نامنى بەردى.
2007 - يىل7 - ئاينىڭ13 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەر:جۇڭشىن تورى خەۋىرى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بروۋن دۆلەت مەجلىسىنىڭ 150يىللىق ئەنئەنىسى بۇزۇپ تاشلاپ ئۆزىنىڭ يېڭى قارارىنى ئوتتۇرغا قويدى،يەنى ئۇ 2020-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت مىيقىياسىدا 3مىليون يۈرۈش ئۆي سېلىپ خەلقنىڭ ئولتۇراق ئۆيگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرىدىكەن،يەنە داۋالاش سەھىيە خىزمىتىگە زور مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن.ئەنگلىيىدە ئۆينىڭ باھاسى 10 يىل مابەينىدە ئىككى ھەسسە ئۆرلىگەن .
2007 - يىل7 - ئاينىڭ22 - كۈنى
جۇڭگو گېزىتى يەرشارى قىزىق لىنىيە خەۋىرى:كورىيە ھۆكۈمىتى 22-ئىيۇل ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈدىغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلىدى.كورىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىم سۇڭگون مۇنداق دېدى:<< دۆلەت مەجلىسىدە ئەزالار بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، يەنى كەلگۈسى 5-6 ئاي ئىچىدە ئەسكەرلەرنى تولۇق كورىيىگە ياندۇرۇپ كېلىمىز . بىراق بۇ بىزنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا باش ئەگكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ .>>
2007 - يىل7 - ئاينىڭ30 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەۋەر: ئەنگلىيە 29-ئىيۇل خەۋىرى : ئامېرىكا يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي قورال-ياراق توختىمى تۈزەشنى قارار قىلىدىكەن. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى ، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ ئەتراپتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى ئىكەن . ئامېرىكا يەنە قاتار ، كۇۋەيت ، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇشۇ سودىنى قىلىشماقچى ئىكەن ، قورال سېتىۋالماقچى بولغان بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىردىنبىر ئورتاق پسىخىك ئالاھىدىلىكى شۇكى ھەممىسى ئىراننىڭ ھامان بىر كۈنى باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن قورقىدىكەن . بەزى مۇتەخخەسىسىلەر شۇنى ئەسكەرتتىكى: <<بۇنداق كەڭ كۆلەملىك سودا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى قاتتىق قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.>>
2007 - يىل8 - ئاينىڭ11 - كۈنى
ئەڭ يېڭى خەۋەر:8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا كەڭ دائىرىدە كالا ئاقسىل كېسىلى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ياۋروپا ئىتتىپاقى8-كۈنى يىغىن ئېچىپ يۇقۇم ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلىدى ، يىغىندىن كېيىن باھالاش كومىتېتى ئەنگلىيىنىڭ كالىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملىق چەكلىدى ، ھەمدە ئەنگلىيە پۈتۈن دۆلەت چېگرىسىنى كالا ئاقسىل كېسىلى يۇقۇم رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزدى.2001-يىلى ئەنگلىيىدە بۇ كېسەل تۇنجى بايقالغان ئىدى.2002-يىلى دۇنيا ھايۋانات سەھىيە تەشكىلاتى ئەنگلىيىدە كالا ئاقسىل كېسىلى يوق دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
2007 - يىل9 - ئاينىڭ9 - كۈنى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا نەزەر، 9-سېنتەبىر خەۋىرى: جۇڭگو تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەيۋەنگە بېسىم ئىشلەتمەكچى بولسا ۋيېتنام جۇڭگوغا شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى:تەيۋەن ۋە بىر قىسىم جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر تەيۋەننىڭ يېقىن سودا شىرىكى ، بولۇپمۇ ۋيېتنام تېخىمۇ شۇنداق ، بىزتەيۋەن بىلەن بولغان قۇيۇق سودا ئالاقىمىزنى يەنى مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە بولغان ھەرىكىتىگە ھەرۋاقىت ھۇشيار تۇرىمىز.ۋيېتنام سابىق رەئىسى چېن دېلىياڭ:<< بىز جۇڭگو-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايمىز دېدى.>>؛قارىغاندا تەيۋەن مەسىلىسى نوقۇل ئىككى رايون(جۇڭگو ۋە تەيۋەن) ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەستەك قىلىدۇ.
2007 - يىل9 - ئاينىڭ24 - كۈنى
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 24-سېنتەبىر ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئەزالىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر ئىلگىرىكى بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى بىلەن ئىككى نەپەر مۇئاۋىن زۇڭلى ئىسىملىكى ئۆزگەرمەيدۇ.ھەمدە بىر نەپەر مۇئاۋىن زۇڭلى كۆپەيتىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈچ نەپەر مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ،قالغان مىنىستىرلار ئۆز خىزمىتىنى قىلىۋېرىدۇ.پۇتىننىڭ دېيىشىچە،بۇنداق قىلىشتىكى تۈپ مەقسەت:ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ دۆلەت دۇماسى سايلىمى ۋە پرېزىدېنت سايلىمىدىكى رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئىكەن .
2007 - يىل10- ئايلىق كېيىنكى خەۋەر تېخى قوشۇلمىدى....
Orkhun Uyghur Version, Host:Yawuz© 2006-2007