|
نەخ مەيداندىن بۇنچە زىيارەتنى قوبۇل قىلماق ھەم رىياسەتچىلىك قىلماق ھەقىقەتەن قىيىن، بەزى تور بەتلەر بار، سۇئالنى ئالدىن تەييارلاپ، زىيارەت قىلىنغۇچىغا ئەۋەتىپ، جاۋاپلار تەييار بولغاندىن كىيىن بەلگىلىك ۋاقىت تاشلاپ قويۇپ زىيارەت باشلايدۇ، لىكىن مانا ماۋۇسى ھەقىقەتەن چىن چىقىپتۇ، خۇددى كۆڭۈلدىكى سۆز پروگىراممىسىنى نەخ مەيداندا ئولتۇرۇپ كۆرگەندەكلا ھېس قىلدىم ئۆزۈمنى!
ئەلبۇمنى بۇرۇن باشقا مۇنبەردە يازمىچە زىيارەت قىلىنغاندا ھەم مۇنبەردىكى يازمىلاردىن، مۇڭداشقۇ، تىلفۇنلاردىكى سىردىشىشلاردىن خىلىلا تونۇپ يەتكەن ئىدىم، يىزىقچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن مەن ھەقىقەتەن قول قويىمەن.
ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن ئەلبۇم، بۇندىن كىيىنمۇ يەنە قەلەم بىلەن ئاغىنىدارچىلىقنى تىخىمۇ بەك كۈچەيتىشىڭىزنى ، ئېسىل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
جاپا چەكتىڭىز دىلدوس، كىچىنىڭ ئاچچىقىنى قاچان چىقىرىپ بولارسىلەر ھە؟ |
|
|
|
|
|
|