|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 17:30
شۇ تاپ قولۇمدا ئۆزۈم ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇغان كىتاب-داڭلىق ئايال يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ "قۇملۇقنىڭ چۈشى"ناملىق پوۋىست توپلىمى.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان "قۇملۇقنىڭ چۈشى "دىن باشلاپ تەسىراتىمنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.بەلكىم بۇ مەن يېقىندىن بۇيان قىلغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپ قالار.
قۇملۇقنىڭ چۈشى
پايانسىز سۈررەڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقچىيىپ تۇرغان ئاق باش تاغلار گويا ئانا زېمىننىڭ قاتار ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدۇ.چوققىلاردىن خۇددى ئانا سۈتىدەك تارام-تارام جىرغىغان قار سۇلىرى يىغلىپ ،بىر ئۇلۇغ ئېقىن ھاسىل قىلىپ تاغ-جىرالاردىن توسۇن ئاتتەك چاپچىپ ئويناقلاپ چۈشۈپ ،ئاشۇ پايانسىز قۇملۇق قوينىدا ئاجايىپ ئاۋات يۇرت -مەھەللىلەر ،ياپيېشىل بوستانلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ.ئارىباغ-مۇشۇ قۇملۇقتىكى يۇرتلارنىڭ بىرى.
يۇقارقى مەنزىرە تەسۋىرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمنى ئاشۇ مەنزىرىدە تەسۋىرلەنگەن قۇملۇق ئارىسىدىكى كۆجۈم مەھھەللىگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.ھەم "كەچمىش"رومانىنى ئوقۇغاندىكىگە ئوخشاشلا ئۇستاز يازغۇچىمىزنىڭ مەنزىرە تەسۋىرىدىكى تىل ئىشلىتىشىگە يەنە بىر قېتىم بارىكاللا ئېيتتىپ ،ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم.
1-قىسىم
گۈزەل سەھرا قىزى ھەۋزىخان يېزا مۆتىۋىرىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى،قەلبىدە گۈزەل تۇيغۇلارنى ياشناتقان بۇ ياۋا گۈل بىر توي قىلىپ چىققىنىدىن كېيىنلا نەچچە باھارنى ئۇزىتىپ ،تالاي سۇلارئېقىپ قۇرۇپ كەتسىمۇ كۆڭلىدىكى مۇزنى ئېرىتمەي ھەممىنى تەرك قىلىپ ياشاشنى تاللىدى.بۇ يەردە قانداق سىر باردۇ؟
قىزلىق غۇنچىسى ھايۋانىي تەبىئەتلىك كىشى تەرپىدىن نابۇت بۇلۇپ توي قىلغاندىن كىيىن،ھەۋزىخان بارلىق ئارزۇلىرىنى،قىزلىق تۇيغۇلىرىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈپ ياشىغان.ھايۋان يەنىلا ھايۋانلىقىنى قىلىپ ،ھەۋزىخان ئاجىرشىپ كەتكەن.
نىھايەت.....باھار كەلگەندە يەرنىڭ توڭلىرىنىڭ ئېرىشىنى،قۇرت-قۇڭغۇزلارنىڭ جانلىنىشنى،گۈل-چېچەكلەرنىڭ بەرق ئۇرۇشنى توسقىلى بولسۇنمۇ؟
سېھرلىك يېزا قوينىدا ئابدۇللا بىلەن ھەۋزىخاننىڭ كۆڭلۈ يىپللىرى چىگىلىدۇ.
-ئېتىمنىغۇ پىشانەمگە يېزىۋالمىغان.خەقلەر ئەجەپ بىلىۋاپتۇيا؟
-بەزىلەر ئۇز بولغاچ ئەل ئاغزىدا بىر ئىكەن،بىزدەك بىچارىلەرنىڭ ئانىمىز بىلەن دادىمىزدىن بۆلەك ئادەم ئۇقمايدىكەن.ئىست ،بىزمۇ ئادەم بۇلۇپ قاپتىمىز....
ئۇلار قوغۇن پىلەكلىرىنىڭ ئارىدىكى قىردا يانمۇ -يان ئولتۇردى .ھەر ئىككىس بىر-بىرىگە تەلمۈرەتتى.بىر-بىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيتتى.ھېچقايسىسىنىڭ ئاۋال قوزغالغۇسى كەلمەيتتى.ئابدۇللا ھەۋزىخانغا ئېڭىشتى،ئېڭىشتىيۇ قاتتىق بىر تەستەكتىن چايان چاققاندەك ئەندىكىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ كەتكەن ھەۋزىخان ئوڭايسىز ھالەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ ،ئەخلاق ھەممە ئادەم ئاغزىدا كۈچىنىڭ بارىچەتوۋلاپ جار سالىدىغان ،لىكىن يەنىلا سەۋەبنى ئۆزگىدىن ئىزلەپ يۈرۈيدىغانلار كۆپىيىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ھەۋزىخاندەك قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا "دورا"بۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئارىدا يۈز بەرگەن ھەۋزىخاننىڭ ئاكىسى بىلەن ئابدۇللا ئوتتۇرىسىدىكى بايانلاردىن ئۇيغۇر ئائىللىرىدىكى قىز-ئاياللارنى ئۇلۇغلاش،ئۇلارنى ھۆرمەتلەش،ئاسراشنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسىنى كۆردۈم.قەدەمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان باي-كەمبىغەللەر كۆڭۈل بېرىشسە ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرايدىغان ئىش بۇ ئەسەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.ئاخىردا ھەۋزىخان بىلەن ئابدۇللانىڭ بىللە قېچىپ كىتىش يولى ئارقىلىق ۋىسال تاپماقچى بۇلۇشى كۆڭلۈمگە يەنە بىر خىرەلىك تاشلاپ ئۆتتى.
2-قىسىم
كېچە-كۈندۈز تىنماي يىغلاپ،
قوينۇم تولدى كۆز ياشقا.
يەنە يىغلاپ نېمە قىلاي،
قاراكۆزنىڭ كۆڭلى باشقا.
خەلىق قوشاقلىرى بىلەن باشلانغان بۇ قىسمى ئوقۇغان كىشىنىڭ كۆزىنى ياشلىماي قالمايدۇ.
-بۈگۈن ھەمراخانغا نىمە بولغاندۇ؟
ئۇ ئابدۇللانىڭ ۋىللىدە قىزارغىنىنى سەزدى.
-ئۆيى بار ئادەم ...ئشى چىقىپ قالغاندۇ ،ھەقىچان....
ھەمراخان كەچكە يېقىن كەلدى،يۈزىنى رومىلى بىلەن قىيا توسقىنىچە دەرۋازا تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپلا كېتىپ قالدى.ھەۋزىخان ھەمراخاننى ئۇزىتىپ كەينىگە ئۆرۈلگەن چاغدا يۈزى قىپقىزىل بۇلۇپ ئۆپكىدەك ئېسىلغان ئابدۇللا بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچىرىشىپ قالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاجايىپ بىر
ئۇچقۇن چاقنايتتى.ئۇ ھەۋزىخانغا خۇددى يوچۇن ئادەمگە قارىغاندەك قارىدى.ھەۋزىخان ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقىنى،ئاشۇ كۆزلىرىنى زادىلا ئېسىدىن
چىقىرالمىدى.
ئائىلە ئايال كىشىنىڭ بارلىقى،ئەر كىشى دىگەن ئۆينىڭ تۈۋرىكى.ھەۋزىخان يۈرىكىدىن ئىشنىپ كىيىنكى ھاياتىنى تاپشۇرغان،بالىقىم دەپ بىلىپ سۆيگەن ئابدۇللانىڭ ھەۋزىخاننىڭ دوستى ھەمراخانغا قانات سۆرەپ يۈرىشى كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماي قالمايدۇ.(ئەلۋەتتە،شەخسەن مەن بەك بىئارام بولدۇم)تىلى بىلەن دىلى بىرئەمەس،يېنىدا بىرسى تۇرۇپ يەنە ھەممىگە كۆز تىكىپ يۈرۈيدىغان،ھەمرىينىڭ دوستىغا يامان نىيەتتە بولغان ئابدۇللاغا نەپرىتىم قانچلىك بولسا ،دوستىنىڭ ھەمرىيىغا مەيلىنى بەرگەن ھەمراخان ئوبرازى1-قىسىمدىكى دوستىغا سادىق ،دوستى ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان ھالەتتىن كۆز ئالدىمدا خۇنۇكلەشتى.
(رىئال تۇرمۇشتىمۇ مۇشۇنداق ۋەقەلەر بىزگە ئۇچراپ تۇرىدۇ،خۇددى جاھاندا ئادەم يوقتەك...دوستىغا كىم يېقىن بولسا شۇنىڭ كەينىدىن يۈگىرەپ باقىدىغان ....ئاللاھ ئۆزى كەچۈرسۇن)
-------------------------
داۋامىنى كەچتە يازىمەن.
|
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|