|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-27 11:29
سىنىپمنى تاپقانمۇ بولدۇم.سىنىپقا كىرىپ ئۆزۈمگە تۇنۇش چىرايلار بارمۇ يوق ...ئىزدىدىم.كىمنى كۆردۇڭ دىمەيسىز....ئەتىگەنكى مىنى كارىدۇردا مەسخىرە قىلغان ھېلىقى "قارىۋاي"(مەن ئۇنىڭغا شۇنداق ئىسىم قۇيۇۋالغان .ئىدىم)ئۇنى كۆرۈپلا قاپىقىم تۈرۈلدى،دەل ئەكسىچە ئۇ ماڭا قاراپ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايماسمۇ؟ ئۇنىڭغا سەت بىر ئالىيىشنى سوۋغا قىلىۋېتىپ ،بوش ئۇرۇن تېپىپ ئولتۇرماقچى بۇلۇپ ئەتىراپىمغا قارىدىم.
بۈگۈن مىنىڭ تەلىيم كاجمۇ ياكى شۇنداق ئۇدۇل كەپ قېلىۋاتامدۇ پەقەت شۇ "قارىۋاي"نىڭ يېنىدىكى ئورۇنلا بوش ئىدى.نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا سىنىپقا ئوقۇتقۇچى كىرىپ قالدى ۋە مىنى بوش ئۇرۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ بىزگە بىر قىسىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بۇ "قارىۋاي"بىلەن پارتىداشلىق ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى....
......................................................................................................................................................................................
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە،تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىز باشلانغىلىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى.بۇ بىر ئاي جەرياندا "قارىۋاي"نىڭ مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە يامان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يىتىپ ئۇنى "قارىۋاي"دىمەس بولدۇم.ئۇ ماڭا دەسلەپتە بەرگەن تەسىرىنىڭ ئەكسىچە ناھايىتى ئۆتكۈر،ئەستايىدىل بۇلۇپ،ئۆگىنىش نەتىجىسىنى دىمەيلا تۇرايلى يۇمۇرىستىك،خۇشچاقچاق مىجەزى بىلەن سىنىپتىكى بالىلارمۇ ئۇنىڭغا تەبىئيلا ئامىراق بۇلۇپ تەنەپۇس ئارىلىقلىرىدا ھەممىسى ئۇنى چۆرگىلەپ كىتەلمەيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى. |
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|