|
بۇ شېرغا گەپ كەتمەيدۇ ........ لىكىن بىلىسىزغۇ ھە مىنىڭ قۇسۇرچى مىجەزىمنى ئەمدى ئازراق تەككلىپ بىرەي .... قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىكىنى قۇبۇل قىلىپ تاشلىۋىتىشكە تىگىشلىكىنى تاشلىۋىتەرسىز ......
ئاۋازىڭىز بۇ شئېرغا جان كىرگۈزۈپتۇ راس مەن ماختىمىدىم ... ئاۋازىڭىزدىكى بىرخىل بىلىنەر بىلىنمەس ئارتۇقچىلىق بى شئېرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ .
سۆزلەرنى ئېلىشىڭىزمۇ ، تەلەپپۇز قىلىشىڭىزمۇ شۇنداق جايىدا ... ئازراق بىر ئىككى يەردە سۆزنى ئوقۇغاندا چاغدا مەلۇم ھەرىپلەرنى چىڭ چىشلىۋالغاندەك تۇيغۇ بەردى ماڭا ... ئۇندىن باشقا ئوقۇشتا چاتاق يوق . ئاساسىي جەھەتتىن ياخىشى دىيىشكە بولىدۇ . ئوقۇش ماھارىتىڭىزنى ...
ئەمھى شئېر ھىسىياتىنى تۇللۇق ئىپادىلەش ۋە شىئېرنىڭ مەزمۇننى ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى ھىسىياتىڭىزغا بىرلەشتۈرۈشكە كەلسەك ..........يەنە ئازراق يۇچۇق بار ... يۈركنىڭ نەقلام يىرىگە تىگىدىغان يەنە بىر خىل ھىسىيات ئازراقلام كەمچىل ....لىكىن ئاخرىغا بارغانسىرى ئاندىن چۆكتىڭىز شئېر ھىسىياتىغا .... ئەڭ ئاخىرقى كۇبلىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىنى ئوقۇغان چاغدىكى ھىسىيات ئەڭ ياخىشى چىقىپتۇ .
بەلكىم يۇقارقى پىكىرنى ئوقۇپ مۇكەممەل ئادەم بولمايدىغۇ ... ئۇنچىلىك يۇچۇق قالغانغا نىمە بولاتتى ، بىز يا كەسپى دىكتۇر بولمىساق دىيىشىڭىز مۇمكىن ئۇكام ....... لىكىن سىز تۇنجى قېتىم ئەسەر ئىشلىگەندە ، مەن ۋە ھەممىمىز سىزنى ئىلھاملارندۇرۇپ ياخىشى ئوقۇپسىز دىگەن ئىدۇق . بۇ سىزنى ئىلھاملارندۇرۇش ئۈچۈن ئىدى .... شۇ چاغدا بىزنىڭ مەدەتلىرىمىز ۋە ئۆزىڭىزنى تىرىشىشى ئاستىدا قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەپ ھازىرقى مۇشۇ ئەسەر ئوقۇش تەجىربىسى ۋە نەتىجىگە ئىرىشتىڭىز . ئەمدى سىزگە قويغان تەلەپنى يۇقىرلاتمىساق بولمايدۇ . شۇنداق بولغاندا سىز گەرچە ئازراق بېسىم ھە چارچاش ھىس قىلسىڭىزمۇ يەنە چىداپ تىرىشۋسەتسىڭىز بۇنىڭىدنمۇ ياخىشى ئوقۇش ھالىتىگە ئۆتىسىز .... ( مىنىڭ قۇسۇر ئىزدىشىم سىزنىڭ يەنە مۇكەممەلىككە قاراپ بىر دەم ئىلگىرلىشىڭىز ئۈچۈن ئۇكام ) لىكىن مەنمىغۇ سىزدەكمۇ ئوقۇيالمەيمەن ئەسەرنى لىكىن ئەسەرنى تولا ئاڭلاۋارسە ئادەمنىڭ قۇلىقى پىشىپ ئەسەرگە قارىتتا قويدىغان تەلىپىمۇ ھەم باھا بىرىش ئىقتىدارىمۇ ئۈسۈپ قالىدىكەن . |
|
|
|
|
|
|