|
چاقچاق قىلىپ بۇلبۇلخان،
ئوت قويۇپتۇ مۇنبەرگە.
يازا يازماي قاپقارا
چۆمۈپتۇ كۆرۈڭلار تەرگە.
ئوت قويغاچقا مۇنبەرگە،
بۇ بېشىمغا ئوت كەتتى.
مىس باش بولدۇم، تاز بولدۇم،
بۇ ھالىمغا كىم يەتتى.
سۇ ئەكەلدۇق ئىككىمىز،
كىمكى دېمەڭ بىرىنى.
مۇنبىرىمنىڭ گۈلى ئۇ،
گۈلۈم دېدۇق ئېتىنى.
كاۋا سالغان پولۇنى،
نەدە كۆرگەن بۇلبۇلۇم.
چاقچاق قىلسام غورا يەپ،
قاپاق تۈرگەن بۇلبۇلۇم.
كۈلكە كەلدى ياندىشىپ،
چاقچاقلارغا ئارلىشىپ.
ئۇ يازغاندا بۇقۇلداپ،
كەتتىڭىزمۇ قارغىشىپ؟
كۈلكە بىلەن ئىككىمىز،
بۇرۇندىنلا دوست بولغان.
چېچەن قىزنى ياساۋۇل
قىلىپ بىزمۇ ئوت قويغان.
سۇ چاچقانچە ئوتىڭىز،
ئۆچمەي تۇردى، ھەيرانمەن.
يا كۆيدۈرمەي، يا ئۆچمەي،
بولۇپ قالدىم گالۋاڭمەن.
چاقچاقلارغا ئەگىشىش،
بىز دوستلارنىڭ ئىشىدۇر.
ئەپچىلەمنى باشلىسام،
قاچقان ئەختەر ئۆزىدۇر.
گۈل خانىشنىڭ قولىدا ،
سۇ يوق تۇرغان بىر چىلەك.
بىر قولىدا چىلەك بىر،
بىر قولىدا جۈپ بىزەك
ھەممە كەلدى ئوت بولۇپ،
ئوقۇغۇچى،ساۋاقداش...
يانماقتا ئوت ئىلىم دەپ،
بولمايدۇ ھەي قاپاقۋاش.
چاقچاق يازدىم بۇلبۇلنىڭ،
قاناتلىرى كۆيدىمۇ؟
يانداشمىنى مۇنبەردىن،
بىرەر دوستۇم كۆردىمۇ؟ |
|
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
|
|
|
|
|