|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
—
بۇ يەردىكى ھەممەيلەن بۇ ئىككى دوستىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئىنتۇناتسىيىسىنى شۇنچىلىك ماختاپتۇ، بۇلارنىڭ ماختىغىنى سىلەر ئۈچۈن زور بىر ئىلھام بولغۇسى، ئەمدى مەنمۇ سىلەرنى داۋاملىق ماختاۋەرسەم بەلكىم سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىپ قۇيىشىم مۇمكىن، چۈنكى ماختاشلار بىزە يىتەرلىك بوپتۇ دەپ ئويلىدىم.
—
ئەمدى سىلەرگە بىرىدىغان تەكلىپىم:
ئوغۇلغا تەكلىپ : سىز بۇ يولغا يېڭى قەدەم بېسىپسىز، سىزنىڭ ئاۋاز بەرگەن ئەسىرىڭىزنى ئاڭلاپ سىزنىڭ جۈرئىتىڭىزگە ھەم ئاۋاز بىرىش سەنئىتىگە بولغان ئىنتىلىشىڭىزغا ۋە بۇ كەسىپكە قىزىقىشىڭىزغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. بىراق ئەسەر ئىشلەشكە سىزدە ئەستايىدىللىق كەمچىلىل ، چۈنكى سىز بۇ ئەسەرنى ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا زۇكام ئىكەنسىز، مۇمكىن بولسا ئاغىرىپ قالغان ۋاقتىمىزدا ساقىيىپ ئاۋاز بەرسىڭىز، ئاۋاز بىرىشتىن بۇرۇن بىر ئىككىنى ئۈنلۈكرەك ۋاقىرۋىتىپ بەرسىڭىز ئاۋازىڭزنىڭ بۇغۇلۇپ قالغان بەزى يەرلىرى ئېچىلىدۇ. يەنە بىرسى سىز رول ئالغاندا شۇ ئەسەرنى تۇلۇق بىر ئوقۇۋىتىپ شۇ پىرسوناژلارنىڭ خارەكتىرىنى چۈشىنىۋالسىڭىز ئاۋاز بەرگەندە شۇ كىشىنىڭ ھېسىياتى بۇيىنچە بىرەلەيسىز مۇنداقچە دىگەندە سۈنئىيلىكتىن ساقلىنالايسىز.، يەنە ئاۋاز بەرگەندە باشقا ھىچقانداق كىشلەرنىڭ ئاۋازىدىن دورىماي ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى ئاۋازىدا ئاۋاز بەرسىڭىز سىزنىڭ خاسلىقىڭىز بولىدۇ. سىزگە ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم يۇقۇرىدا دىگەنلىرىمگە ياخشى شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن سىز بىر سۈپىتى ياخشىراق مىكرافۇن سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
قىزغا تەكلىپ: سىزگە پەقەت ياخشى بىر مىكرافۇن كۇپايە.
ئەسكەرتىش: مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن يىتەرسىزلىكنى تۇللۇقلاپ ئىلگىرلەش ئۈچۈن بىر ئەينەك بولدۇم، ئەگەر تەكلىپىمدىن نارازى بولساڭلار مەن سىلەرگە ناماقۇل بولىمەن. لىكىن يۇقۇرىدا مەن دىگەنلەرگە ئەمەل قىلىپ ئەسەر ئىشلىسەڭلا چوقۇم ياخشى چىقىدۇ. ئەڭ مۇھىمى تۇتقان شۇ ئىشقا ئەستايىدىل بولىشىمىزنى تەشەببۇس قىلىمەن. |
|
XJTV-67
|
|
|
|
|