كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى خۇشاللىق ئىچىدە كۈتىۋېلىۋاتقان ئۇشبۇ ئاسايىشلىق كۈنلەردە سىلەرگە يەنە بىر خۇشاللىقنى يەتكۈزەي ، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن مۇنبىرىمىزنىڭ پىشقەدەم قېرى ئەزاسى "@دىلزات " نىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەر ئاتلىق ئۇشبۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ مىھرىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاز بولسىمۇ دىلزاتقا ھەمدە بارلىق مۇنبەرداشلىرىمغا يەتكۈزمەكچىمەن .
ئەڭ ئالدى بىلەن دىلزات ئاكامنىڭ قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ، ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ئاكا ، سىزگە ھەمدە ئانىڭىزغا توغراق يېشىدا ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن ، ئائىلىڭىزگە تىنچ-ئامان ئاسايىشلىق كۈنلەر يار بولسۇن ، تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۈك ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !
سوۋغاتلىرىمىز ئاددىي بولسىمۇ ئاز كۆرمەي قۇبۇل قىلارسىز:"
سوۋغاتلار تولىمۇ ئاددىي ئەمما كۆڭلىمىزدىن ئەڭ ئالىي تىلەكلەر سىزگە يار بولغۇسى...
نەچچە يىل ئاۋال دوستۇمدىن سېرىق ئەتتىرگۈل دوسلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ بىر دەستە سېرىق ئەتتىرگۈل تاپشۇرۋالغان ئىدىم ،شۇڭا سىزگىمۇ بىر دەستە سېرىق ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلاي ، ئۆمرىڭىزنىڭ مۇشۇ گۈلدەك ئېچىلىپ رەڭدارلىققا ،خۇشپۇراققا تۇلىشىغا
تىلەكداشمەن.
سىزنى تورتقا بەك ئامراق دەپ بىردىن تۈگۈل ئىككىنى ئېلىپ كەلدىمغۇ ھى ھى
ئەڭ ئاخىردا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن ، ھە راس بۇ قىز نىمىشقا ئىككى يىل ئاۋالقى بۇ تېمىنى تەكرارلىغاندۇ دەپ ئويلىنىپ قالماڭ ، مەۋھۇم دۇنيادا نىڭ مىھرىنى يەنە بىر رەت ئەسلەپ ئۆتسۇن دىدىم خالاس.
خەير ئامان بولۇڭ!
|