|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-12-19 17:03
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، شېئىرىڭىزنى ھەقىقي ۋەقە ئاساسىدا يازدىم دەپسىز ، ئاخىرىدا خوشاللىق كۈنلەرگە ئۇلاشقان ‹ مەن› گە دەيدىغىنىم ئالدىڭىزدىكى شۇ بەخىتنى قەدىرلەپ ئۆتكەيسىز . ھەر كىم ئۆزى سۆيگەن ئادىمىگە ئاسانلا ئېرىشسەم ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچۇرمىسام دەپ ئويلايدۇ ، ئەمما ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن كېتىدۇ . شۇڭا ھايات بىز ئىنسانلارنى ھەر خىل ئۇسۇللاردا سىناپ ، شۇ سىناقتىن ئۆتەلىگەنلەر ئۆمۈرلۈك بەخت تۇيغۇسىدا ياشايدۇ . ئەمما شېئىردىن تاقان قۇسۇرلۇرۇمنى دېسەم قاغاپ كەتمەڭ قېرىندىشىم .
. شېئردا ئىملا خاتالىقى ، چۈشۈپ قالغان ھەرىپلەر جىق ئىكەن ، ئىملاغا كەلسەم ئۆزەممۇ سادىر قىلىمەن بۇ خاتالىقنى ، تەھرىرلەپ قۇياي دېسەم ئۆزى بىر كۆرۈۋالسۇن دېگەن مەقسەتتە تەھرىرلىمىدىم .
شېئىرنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ بەزى مىسرالىرىدا سەل پۇتلۇشۇپ كەتتتىم ، ئەمما يىقىلىپ چۈشكىدەك ئېغىر ئەمەس ، شۇڭا بۇ جەھەتتە سىزگە ئىشەنچىم بار ، چوقۇم تۈزۈتەلەيسىز .
شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىن چىقارغان قۇسۇرۇمغا بەلكىم كۈلۈپ كىتەرسىز ؛
مەكتەپتە ئەڭ ياخشىسى ئوقۇشنى ئاساس قىلىنى ، بىچارە قىز كىچىك تۇرۇپلا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قېلىپ ئۇقۇشتىنمۇ چىكىنىشكە مەجبۇر بۇلۇپتۇ . ناۋادا ئۇقۇغان بولسا پىنسىيەگە چىققاندا تۇرمۇشتىن ئۇنچە غەم يەپ كەتمىگەن بۇلاتتى .
يەنە بىر يەر كاللامدىن سەل ئۆتمىدى ، ئىشنى يامان تەرەپكە بۇراپ ئويلىنىشقا قوقتۇم . سۆز -چۆچەككە قېلىشى شۇ قىزنىڭ . ھازىر ياشلارنى مۇھەببەتلەشمەڭلەر دېسىمۇ ئارانلا تۇرىدۇ زادى ئوتتۇر مەكتەپتىلا مۇھەببەت قاينىمىغا شۇڭغىغىلى ، ئەمما ئانىسى ئۆيگە سۇلاپ سىرتقا چىقارمىغۇدەك سۆز -چۆچەككە قالمىسۇن قىزملىرىمىز دېمەكچىغۇ .
قۇسۇرچىلىقىمدىن زېرىكتىڭىز ھەقىچان ، ئەمما سىزنىڭ تېرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ، شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىسىز ، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . |
|
|
|
|
|
|