ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىزمۇ بۇلارنى بىلىۋېلىڭ قېنى مەرھەممەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتىس119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-9 00:54  

                         قەھۋەنىڭ  تەركىبى ۋە رولى
   
         

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:
قەھۋە تەبئىتى- قۇرۇق ئىسسىققا مايىلراق.
قەھۋە تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ۋىتامىنE، نكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.


توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قويۇق خىلىتلارنى تازىلاش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار.
                                   
ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە قەھۋەنى پۈتۈن بەدەن ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، غەيرى تەبئىي خىلىتلەردىن بولغان قىزتما، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، روھىي ھالىتى نۇرمال بولماسلىق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قەھۋە يەنە ھەرخىل رادىئاتسىيىنىڭ زىينىنى يەڭگىللىتىدۇ، سۇس قەھۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ جىگەر راكىنى تورمۇزلايدۇ.

                              
كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇردىغانلار ئانچە -مۇنچە دەملەپ ئىچىپ بەرسە رادىئاتسىينىڭ زىيىنى يەڭگىللىتىدۇ ھەم چارچاشنى ئالىدۇ.
قەھۋەنىڭ مەركىزى نېرۋىنى غىدىقلاپ، جىگەرگلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىش رولى بار بولۇپ، ۋاقىتلىق ھالدا ئادەمنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتۇپ، تەپەككۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ.
قەھۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ۋە كاناي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى پەسەيتىدۇ،
يورۇقلۇق دولقۇنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىق رادىئاتسىيىلەرنىڭ زىينىنى يەڭگللىتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
قەھۋەنى كۈنىگە1~2 ئىستاكان ئىچىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بەش ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىچمەسلىك لازىم.

ئەرلەر دىققەت !:قەھۋە ئىچكەچ تاماكا چىكىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا كوففېئىن ۋە تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىقلار ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى بەزى توقۇلمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. زىيادە قېنىق قەھۋە يۈرەك سوقۇشىنى تىزلەشتۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئېنىق ھالدا ئۆرلىتىۋېتىدۇ ھەمدە جىددىيلىشىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، تىت-تىت بولۇش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
        
يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەھۋەنى ئاز ئىچىشى لازىم. ياشانغان ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەبچى بولۇپ، سۆڭىكى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دائىم قەھۋە ئىچىدىغانلار كالتىسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
ئاشقازان كېسىلى بارلار ۋە ۋىتامىنB1 يېتشمەسلىك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار ئىمكانقەدەر قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. ھامىلدار ئاياللار قەھۋەنى زىيادە كۆپ ئىچسە، ھامىلىدە غەيرىلىك پەيدا بولىشى ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىشى مومكىن...


مەنبە:ئۇيغۇر دورىگەرلىك رىستىپلىرىدىن
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-9 21:54:26 | ئايرىم كۆرۈش
قەھۋە..........نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن ؟ئىشقىلىپ قەھۋەگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشلار باردەكلا.........قەھۋە شاكىلات دىگەنگە جېنىمنى بىرىمەنچۇ؟شاكىلات ئېلىپ ئۆزى يىسە چىشىم ئاغرىيدۇ دەپ ماڭا ئەكەپ بىرىدىغان بىرى بار ئىدى .....شاكىلات تۈگىدى.........بۇ خېتىمنى كۆرسەڭ شاكىلات سېلىۋەت ھە
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-10 15:55:03 | ئايرىم كۆرۈش
قەھۋەنىڭمۇ مۇنداقمۇ رولى بارئىكەندە ئەسلى مەنمۇ ئەمدى بىلىۋالدىم ،رەھمەت سىزگە نادىر تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسسۇن

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-10 21:36:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئوبدانلا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنكەن ئەمدى قەھۋە ئېچىشنى نۇرمال قىسام بولغۇدەك جۇما
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-12-13 11:12:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 21:54
قەھۋە..........نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن ؟ئىشقىلىپ قەھۋ ...

شاكىلاتنى ئاز يەڭ گۈزەل خاناچا،سەمىرىپ كەتسىڭىز ئۇرۇقلىيالماي جاپا تارتىپ قالماڭ،قىزلار سىمىزلىكتىن ئاجايىپ قورقىسىلەغۇ.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-12-13 17:50:40 | ئايرىم كۆرۈش
پايدىلىق  قىممىتى يۇقىرى تىما يوللاپسىز  ،  مۇشۇ قەھۋەگە  مەن بەكلا  ئامراق  ،  ئىشخانامنى ئىدارىدىكى بەزىلەر  تاللا بازىرى دەپ قويىدۇ ، ئىشقىلىپ  يەيدىغان ، ئىچىدىغاننىڭ مەن ئامراقلىرىنىڭ  ھەممىسى بار .
تىمىڭىزغا  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:28 , Processed in 0.137308 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش