|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-3 11:00
ئەسالامۇ -ئەلەيكۇم ، مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىزلەر ، تۈنۈگۈن باش باھارنىڭ ئىللىق قۇياشىدەك سالام قىلىپ كىرگەنتىم ، ئەمما بۈگۈن كېچىچە ياققان قېلىن قاردىن ، باش باھاردىن دېرەكمۇ يوق ، بۇ ئۆزگۈرۈشچان ھاۋا رايىغا نېمە دەي ئەمدى ! ئەمما مېنىڭ قەلبىم يەنىلا يازنىڭ بىژغىرىم ئاپتىۋېدەكلا قىزغىن . پۈتۈن مېھرىم بىلەن بۈگۈنكى سالامەت ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكىنىم ئۈچۈن ئاللا ئېگەمگە ھەمدۇ سانا ئوقۇيمەن !
بۈگۈنكى سۆھبەتنى ، مانا مۇشۇنداق قېلىن قاردا ، سەھەر تاتلىق ئويقۇسىدىن ۋاز كېچىپ شەھەر خەلقىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان تازىلىق ئىشچىلىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى ئېيتىشتىن باشلايمەن . ئۇلار بولغاچ بىز پاكىز مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز ، ئۇلار بولغاچ يوللىرىمىز راۋان بولماقتا !
مانا مەن ھازىر ئىسسىق ئىشخانىدا ئولتۇرۇپتىمەن ، ئەمما دېرىزەمدىن قارنى تازىلغاندىن چىقققان گۈرجەكنىڭ ‹ غارت -غۇرت › ئاۋازى توختۇماي ئاڭلانماقتا . . .
ھاۋانىڭ سۇغۇقلىقى ئۇلارغا بىلىنمەستىن ، ئەكسىچە چېھرىدە قورۇ بۇلۇپ قېتىپ كەتكەن تەر تامچىلىرى ئۇلارنى خۇددى ئاپپاق پەرىشتىلەرگىلا ئوخشۇتۇپ قويغان ئېدى !
ئۇلار دېمىسىمۇ پارىشتە ! تەبىئەتنىڭ ، بىزنىڭ پەرىشتىمىز ! |
|
|
|
|
|
|