ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1525|ئىنكاس: 34
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىپـىۋالـدىم كـونـا تـىمـامـنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

ئىجادىي تىما يىزىشقا ئىلھام دىگەن كاساپەت پەقەتلا يوق، سەل چارچاپ قالدىممىكىنتاڭ يىقىندىن بىرى، شۇڭا بايا  ئولتۇرۇپ بۇرۇن كىرگەن مۇنبەردىكى بىر تىمامدىكى يانداشما ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بۇ يەرگە ئەكىلەي دەپ ئويلاپ ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنۇشۇم، باشقا بىرى بىلەن ئەمەس دەل مۇشۇ تىلسىم بىلەن يانداشقان يانداشمىلار ئىكەنتۇق، ئەمىسە  باشلاپ كىتەي ھە....

بىـرەلـمـەيـمـەن سـاڭـا مـۇھـەبـبـەت

گۈلۈم


كۆيۈشلەردىن كەتكەنمەن ئۇزاپ،
ۋىسال بەرمەي مۇزلىغان يۈرەك.
تاڭما  ماڭا ئوتلۇق سۆيگۈڭنى،
يۈرىكىمدىن سۆيگۈنۈم بۆلەك.

مىسرالاردىن مارىشار ئازاپ،
تۇيغۇلىرىم كىزەر چۆللەرنى.
ئالالمايمەن ، رەنجىمە ھەرگىز،
ماڭا سۇنغان ئەتىرگۈللەرنى.

ئۆتنە ئالەم ئىكەن بۇ شۇنداق،
سۆيگەنلەرنى سۆيمەسكەن يۈرەك.
سۆيمىگەننى ھىدلاپ كىچە كۈن،
ئىزدەيدىكەن سۆيگۈگە يۆلەك.

رەنجىمىگىن ئەمدى مىنىڭدىن،
بىرەلمەيمەن ساڭا مۇھەببەت.
سەۋدالىقىم ئۆزگىلەر  ئۈچۈن،
ئويلاپ يۈرمە ئارتۇقچە پەقەت.



تىلسىم:

ئاشىق ئەمەس ئەسلى مەن ساڭا  ،
مەپتۇن بولدۇم كۈلۈشلىرىڭگە   .
ھىدلىرىڭنى سۈرەتتىن ئىزدەپ ،
كىرمىدىممۇ ئاھ چۈشلىرىڭگە .


يۈرەكلىرىڭ مۇزلىغان بولسا ،
ئوتلۇق سۆيگۈم ئاڭا نىجاتكار .
بۇ يۈرەگىم قىينالدى ھەجەپ ،
كەتمە يىراق بولغىن ماڭا يار .


خەيىر دىمە ئوماق پەرىشتەم ،
سەن مىنىڭكى بىرلا دۇر دانەم ،
يۈرەكلىرىم بولماقتا چۇل-چۇل ،
كەلگەن كەتمە مىنىڭ دىلخانەم .


ئىيىتقىن نىگار قەلىب سۆزۈڭنى ،
نەدۇر مىنىڭ قىلغان گۇناھىم .
چىكىپ باقاي قەلىب تارىڭنى ،
روھىنى تاپسۇن مىسكىن تىنىم .


گۈلۈم


يۈرەكلىرىم سالىدۇ ئىسيان،
سوراقلارغا جاۋاپ بىرەلمەي.
كۆزلىرىمدىن تامچە سىرغىتىپ
قىينىلارمەن يارنى  كۆرەلمەي.


يۈرەكتە بار بىر ئوتلۇق پىغان،
مەن كۈتەرمەن يەنە ئۆزگىنى.
خۇرسىنىمەن تۈندە تولغۇنۇپ،
باشقا  ئىكەن يۈرەك سۆيگىنى



تاڭالمايمەن تاشنى تاياققا،
كۆڭۈللەرگە قويمىغىن چىكىت.
بىلەلمىدىم ، ئاشىق كۆڭلۈڭگە،
قانداقسىگە قالدىممەن يىقىپ؟


تىلسىم:



شۇنچە جىمجىت پاتماقتا قۇياش
گۇگۇم باستى غىرىپ ھۇجرامنى.
سېغىنىمەن جىمجىت ئولتۇرۇپ،
يۈرىگىمدە دىغى بار سېنى.


سىغىنىش مىنى قىيناپ تۇرىدۇ ،
شىئېرلىرىم يىغلاپ تۇرىدۇ .
ساڭا كۆيگەن ئۇشبۇ يۈرەگىم ،
بىر سىنى دەپ سوقۇپ تۇرىدۇ .


مىھرىڭ بىلەن بەرگىن كۆڭلۈڭنى ،
ساڭا مەندەك جان بىرەر بارمۇ ؟
ئىيىتقىن قىنى دەپ بەر يالغۇزۇم ،
سەندىن ئۆزگە چارىسى بارمۇ ؟


ئاسمىنىڭدا غۇۋا يىلىنجاپ،
قالدى مېنىڭ مىسكىن يۈرىكىم.
شۇ دەقىقە قالدى يىراقتا،
ئازاپ بولدى مېنىڭ كۈتكىنىم.


گۈلۈم:

ئازابىڭنى سۈرتۈپ كۆزۈڭدىن،
سال يىراققا ئەمدى نەزەرنى.
ئۆزگە تۇرار ساڭا تەلمۈرۈپ،
تىڭشاپ باققىن يۈرەك دەردىنى.


تەلمۈرىدۇ ساڭا زارىقىپ،
كۆزلىرىڭدىن تىلەپ مۇھەببەت.
مەن كىتەرمەن يەنە باش ئىلىپ،
سۆيەلمەيمەن سىنى مەن پەقەت.


تىلىمىگىن ئەمدى سۆيگۈمنى،
بىر يۈرەككە سىغماس ئىككىسى.
جىمجىت كۈتۈپ يۈرەرمەن يەنە،
مەشۇق ھامان جاۋاپ بەرگۈسى.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-4 20:48:27 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم:

ئەجەپ ئىش مەن ساڭا كۆيمەيتىم ئەسلى ،
كۆيدۈردۈڭ ئوت يىقىپ ھەم تۇترۇق بولۇپ .
نە قىلاي پىراقىڭ قىينىسا ئەمدى ،
يۈرەيمۇ دەردىڭدە يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ .

بىلمىدىم كۆيدۈڭمۇ سەنمۇ ھەقىقى ،
يا تىرىك ئويۇنچۇق دەپلا بىلدىڭمۇ .
ئىزىلىپ ئازاپتا سىقىلىپ يۈرسەم ،
سەن مىنى ئازاپلاپ كۈلسەڭ مەيلىمۇ .

بولساڭمۇ ئەگەردە شۈنچە رەھىمسىز ،
سالمىغىن سەن ماڭا ئۈنچە كۈلپەتنى .
كۆرمەس ئىدى بەلكىم كۆزلىرىم خاتا ،
سەندىكى سىھىرلىك كۆزنى خىسلەتنى.


گۈلۈم:

رەھىمسىز تامغىسى بىسىپسەن ماڭا،
كۈلكەمنى شۇ پىتى قالىمەن ساقلاپ.
تەۋرىمەس بۇ كۆڭۈل  زىنھار ئۆزگىگە،
مايمۇندەك يۈرمەسكەن شاخلاردا شاخلاپ.


ئەقىدەم بىرىگە ساقلاندى ئۇزۇن،
ھىلىھەم دىلىمدا يانار بىر ئۇچقۇن.
تاش يۈرەك نامىنى  قىلغىن سەن ئىنئام،
بوپ قالاي تۈرمەڭدىن قاچقان بىر تۇتقۇن.


سىھرىمنى سالىمەن ئەمدى كىشەنلەپ،
يوشۇرۇپ ئۆزۈمنى تىكەن ئاستىغا.
قۇلۇپلار سىلىندى كۆڭۈل خانەمگە،
قاچىدۇ مۇھەببەت  يەنە دالدىغا....

تىلسىم:

تاڭدىكى شەبنەمدەك سۈزۈك ياشلىرىڭ،
چۈشمەكتە ئاناردەك مەڭزىڭنى بويلاپ.
تىترەيدۇ تەنلىرىڭ ئازاپ دەستىدىن،
شۇ شىرىن ئەسلىمەڭ ئۆتمۈشنى ئويلاپ.

تۆكۈسەن ئۈنچىدەك سۈزۈك يېشىڭنى،
ھىجرانلىق كۈنلەرگە بىرەلمەي بەرداش.
يىغلىما بىر كۈنى ھامان كۈلەرسەن،
قايتقاندا يېنىڭغا شۇ يايرىڭ دىلداش.

كەچ كىرسە باشلىنار سەندىكى ھىجران ،
جېنىڭدىن  ئۆتەر ھەم ئاچچىق سىغىنىش.
چۈشۈڭدە  ئارزۇيۇڭ پەقەتلا بىرلا ،
چىن سۆيگۈڭ ئۈچۈنلا  مۇرادقا يىتىش.

كۆزلىرىڭ ياشتا ھەم يۈرەكتە ھەسرەت،
ئۇنتالماي شۇ جانان شىرىن سۆزىنى
    ئاھ دەيسەن چىدىماي يىغلايسەن يەنە،
كۆرەلمەي مەشۇقۇڭ ئايدەك يۈزىنى.

غىرىپ دەپ ئويلىما ھەرگىز  ئۆزۈڭنى ،
ياشلاپمۇ يۈرمىگىن قارا كۆزۈڭنى
ئاللاھىم ساڭا ھەم بولسۇن مەدەتكار
ئىخلاستا نۇرلاندۇر مىسكىن يۈزۈڭنى.


گۈلۈم:

ئۇنۇتقىن بۇ بەلكىم ئۆتكۈنچى ھەۋەس،
ئەتىگە كۆز تىككىن ئۈمىد قۇچاقلاپ.
مەن مىڭىپ ئارقامغا قارىماي كەتسەم،
چۈشەنگىن :ئۇ كەتتى ۋىسال باغاشلاپ.


تولۇنئاي ھەر كۈنى كۆرسەتمەس جامال،
نىگاھتا رەھىمسىز كىلەر بۇلۇتمۇ.
يۇلتۇزنىڭ چاقنىشى بەلكىم خۇشاللىق،
ئۆچىدۇ ئۇچقۇنداپ يۈرگەن كۆيۈكمۇ.

ياشلىرىم چۈشىدۇ شادلىقتىن تىنماي،
سۈبھېگە كۆز تىكىپ ئاچقان شۇ تاڭدا.
مەنزىلىڭ تاپارسەن شۇ چاغدا سەنمۇ،
قالمىسۇن يۈرىكىڭ ھىجراندا ، داغدا.


يىراقتىن ئاڭلانسا بىر مۇڭلۇق سادا،
چۈشەنمە ئالدىراپ ماڭا  چالدى دەپ.
بەلكىم شۇ مۇڭلارنىڭ  جۆرىسى باشقا،
كۆزۈڭنى ياشلىما ئارتۇقچە غەم يەپ.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-4 20:54:40 | ئايرىم كۆرۈش
خەخەخە....ياش ۋاقىتلىرىمىزدە  تويماي يىزىشىپ كىتىپتىكەنمىز ھە ، ئادەم قىرىغانسىرى ئىلھامنى تاپالماي قالىدىكەن دىسە... بۇتىمىنى كۆرۈپ ياشلىقىمغا قايىتقۇم كىلىۋاتىدۇ خانىش ئايىم..

باھا سۆز

ئەمدى باشلنىش ئالدىدا تۇرغاندۇ ياشلىقىڭىز ................باشلىق   ۋاقتى: 2014-1-5 18:06

29

تېما

295

يازما

1973

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 234
يازما سانى:
295
تىللا:
1113
تۆھپە:
160
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
66 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسى

يەر
ۋاقتى: 2014-1-4 20:56:53 | ئايرىم كۆرۈش
     ۋاھ-ۋاھ كۆز تەگمىسۇن شائىر، شائىرەلەر، ئەسلى شائىرلار بۇ يەردىكەنتۇق ئەمەسمۇ، ئېست، بىلگەن بولسام قاملاشمىغان مىسرالىرىمنى يوللىماس ئىكەنمەن.  ھى ھى ھى   كۆز تەگمىسۇن ئىشقى مۇشائىرەڭلارغا ... ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان مۇشائىرەلەر ئىكەن. رەھمەت بىزنىمۇ تەڭ ھۇزۇرلاندۇرغىنىڭىزدىن.

باھا سۆز

ئىشمىزنى قىلمىز جۇمۇ . بىزدەك ئەمدى تېخى قەلەمنى قۇلغا ئالغانلار .  ۋاقتى: 2014-1-7 01:03
ۋۇيييييييييييييييييييۇ بۇ نىمە گەپ ئەمدى ،مانداق ئىنكاسنى كۆرسەك مۇنبەرگە تىما يوللايمىز دىگۈچە[/   ۋاقتى: 2014-1-7 01:02
يا ئاللاۋۋۋۋ كۈلسەڭلا بولمىدىما ئۇكام، مەندىن ياش بولغاندىكىن  ۋاقتى: 2014-1-4 21:09
ما گەپكە ئۆلەيمووو ؟  ۋاقتى: 2014-1-4 21:00
قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
                                ___ دىۋانى لوغەتىن تۈركتىن

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-4 21:00:56 | ئايرىم كۆرۈش
2013-يىلى 3- ئايدا يىزىلغانكەنتۇق بۇلار، ئارىمىزغا بىرى كىرىۋىلىپ باشقا باشقا ياندىشىپ كىتىپتىكەنمىز، بۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويايچۇ، ئەسلىمىلىرىمنى ئەسلىۋالاي ياش ۋاقتىمدىكى....


ئاتلان:

ئوخشاتقاندەك مىنى بىرسىگە،
قاراپ كەتتىڭ ھەجەپ تىكىلىپ.
ئىشەنمەيسەن چوقۇم كۆزۈڭگە،
كۆرۈپ باقساڭ يىقىنراق كىلىپ.


گۈلۈم:

بىلەلمىدىم ، قايمۇقۇپ قالدىم،
ئوخشىتىمەن بەلكىم بىراۋغا.
ئوخشيالماس ئەمما ھىچكىممۇ،
كۆڭلۈمدىكى شۇ ئەزىز يارغا....

ئاتلان:

بىر كۆرۈشكە بولساڭ مۇيەسسەر،
دىلىڭ زوقتا يايرايدۇ چەكسىز.
ئىتىقاتتىن تۇغۇلغان سەھەر،
تاڭنى چىللاپ كىلىدۇ شەكسىز.

گۈلۈم:

گۇمانلاردا بەلكىم ئاتماس تاڭ،
بۇلۇت توسۇپ قۇياش يۈزىنى.
بەلكىم تونۇش، بەكمۇ ناتونۇش،
تـونـالمىدىم  ئـاتـلان  ئۆزىنى..

ئاتلان:

بۇ كۈنلىرىم تۇۋلايدۇ سېنى،
ياخشى كۆرۈپ پەقەت سېنىلا.
بىر چىكىتتە تۇرساقمۇ لىكىن،
ئازاپ كۈتۈپ تۇرار مىنىلا.

گۈلۈم:

كۆيۈشلەرگە بەلكىم ئىمكان يوق،
يىرالمايمەن يۈرەكنى ئاتاپ.
سىڭىپ كىتەر تۇپراققا ياشلار،
كۈتۈشلەردە دەرتلەر ھەم تالاپ

ئاتلان:

تۇنۇشۇش ئاسان ،ئايرىلىش قىيىن،
جۇدالىقتا روھىڭ  يۈرۈيدۇ مىسكىن.
تولا تۇتۇپ يالغان مۇھەببەتنى،
گاھى خۇشال گاھىدا يۈرۈيسەن غەمكىن.

گۈلۈم:

يالغان ئەمەس ئەسلى مۇھەببەت،
پەقەت يالغان شۇنداق كۆيگىنى.
ساداقەتتىن ئۈنەر ھامان گۈل،
پەرۋىش ئۆلسە  يوقار سۆيگىنى


ئاتلان:

بىز سىرداشقان شۇ خۇشال كۈنلەر،
ئەمدىلىكتە مۇڭسىراپ زۇلمەت بولارمۇ.
بىز قىلىشقان ۋەدە قەسەملەر،
بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بولۇپ قالارمۇ.


گۈلۈم:

مەڭگۈلۈك ياشاشقا نەدىدۇر ئىمكان،
رىئاللىق باشقىچە ، ۋەدە قۇرۇق گەپ.
ئۈمىدنى ئىزدەيمەن ئەتە قوينىدىن،
كەتمەيمەن ئۆتكەنگە ئانچە غەملەر يەپ!


ئاتلان:

ۋەدە بەرسەڭ چىن ئوخشايدۇ دەپ كەپتىمەن،
دۇنيادا بىر ئەزىز دەپ ئويلاپ ساپتىمەن.
كەچۈرگىن سېنىڭ جۈرەڭ بولالماسمەن،
بولۇپ قالدى ئاخىرى يىزىلمىغان بىر كۇپلىت.

ساڭا شۇنچە كۆپ ئەقىدە قىلدىم،
ھەتتا ساڭا چىدالماي يىغلاپمۇ سالدىم.
مانا بۈگۈن ئەسلىڭنى پۇرۇغان چىغىمدا،
تەسۋىرلىگىم كەلمىدى يىزىلمىغان بىر كۇپلىت.


گۈلۈم:

ۋەدەمنى ئۆزۈمگە قىلغان نەچچە  رەت،
قاچاندىن بىرى مەن  ئايلاندىم ساڭا ؟
يىغلىدىڭ نە سەۋەپ مىنىڭچۈن ئەمدى،
جۆرە دەپ قالدىڭمۇ ياندىشىپ ماڭا..



يىزىلماي قالغان شۇ يىتىم مىسرادا،
بەلكىم سەن ئۆزۈڭنى يوشۇرماڭ بولدۇڭ.
دۇنيادا بىر ئەمەس ھىچكىم ئەزەلدىن،
ئارتۇق گەپ بىھاجەت، چۈشەندىڭ ئۇقتۇڭ؟؟




مىنىڭ ئۇششۇقلۇقۇم بىلەن ئاخىرلىشىپتىكەن بۇ  يانداشمىلار....    ھەي ياش ۋاقىتلىرىم... نىمداق تىز ئۆتكەن ھە شۇ چاغلار....

0

تېما

41

يازما

934

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 273
يازما سانى:
41
تىللا:
802
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-3-8

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-1-4 21:07:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇندا ئادەم بوزەك قىمماڭ ماقىما! راس بەك ئۇششۇقكەنسىز،تازا كەپتۇ جىمۇ

0

تېما

41

يازما

934

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 273
يازما سانى:
41
تىللا:
802
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-3-8

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-1-4 21:08:38 | ئايرىم كۆرۈش
قارىڭە تىلسىمنىڭ يۈرىكى سۇغۇرۇلۇپ كىتىپتۇ،ۋاي بىچارە

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-4 21:11:15 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 20:54
خەخەخە....ياش ۋاقىتلىرىمىزدە  تويماي يىزىشىپ كىتىپتىكە ...

خەخە، قېرىلىقنى مەندىن تالاشماي تۇر ماخىما؟  سەن ئۆزەڭنى قېرى دىسەڭ مەن گۆر كولىغاچ تۇرىمەن جۇما ئۆزەمگە.....
خانىشلىقىمدىن گۈللۈكۈم  بىر خىل پەيزى ھە لىكىن

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-4 21:12:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئىقبال يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 20:56
ۋاھ-ۋاھ كۆز تەگمىسۇن شائىر، شائىرەلەر، ئەسلى شائىرل ...

ۋۇجان، ئىدەمنى بى ئىزا تاتقۇزمىسىلىيا،  سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئارىسىدا بۇ ھىچقانچە گەپ ئەمەسقۇ؟

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-4 21:13:22 | ئايرىم كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 21:08
قارىڭە تىلسىمنىڭ يۈرىكى سۇغۇرۇلۇپ كىتىپتۇ،ۋاي بىچارە: ...

ئۇنى يا مەن بىچارە قىپ قويمىسام

باھا سۆز

ھى ھى ھى،ئۆزىنىڭ يۈرىكىنىمۇ سۇغۇرۇۋالامدۇ دەيمەندە ئەمدى.  ۋاقتى: 2014-1-4 21:15
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:45 , Processed in 0.155412 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش