ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 463|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن قىسقىچە تۇنۇشىۋىلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

485

يازما

3027

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

پىشقەدەم ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 148
يازما سانى:
485
تىللا:
2233
تۆھپە:
101
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
152 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

مۇنبەر قىزىقچىسىسادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزاقىزغىن ئەزا

              خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن قىسقىچە تۇنۇشىۋىلىڭ

                                   

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard university) بولسا شەخىس تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر ئۇنىۋېرىسال خارەكتىرىدىكى ئالىي مەكتەپ.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامرىكىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى.
ھازىرىغا قەدەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاللىقاچان 8 ئامرىكا زوڭتۇڭى، 40دىن ئارتۇق نوبىل ساھىبى ھەمدە نۇرغۇن دۇنيادا تەسىر قوزغىغان ئىلىم باشلامچىلىرى، ئەدەبىياتشۇناس، مۇتەپپەككۇر ۋە ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى.
1636-يىلى قىشتا ، ئەنگىلىيە كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا ، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان ، بالىسىمۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى . ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى ، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى ) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى ، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چىركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى . 1638-يىلى 9 – ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ)ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە)نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى . بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتوتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى .خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوند سىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى . دىمەك ، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھىساپلىناتتى ، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا ، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتىرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتىرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى .
ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتتى ، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ ، قايتۇرمىغان بولغاچقا ، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى –قازادىن ساقلىنىپ قالدى.بېراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى ، 2- كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە ، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقوغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ » دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى .
خارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى . ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى . 1625-يىلى ۋابا كېسىلى ۋابا كىسىلى تارقالغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ دادىسى ، ئاكا – ئۇكا ئاچا – سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى . خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى ، پۈتكۈل ئامىرىكا قورۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ ، ئەنگىلىيە زىمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز.
ئېھتىمال ، ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنوتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى ، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن .
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى ، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىزغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ .شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، جون.خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ .
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، پروفېسسورلىرى بار.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق باھالاش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قىتىم ئالىي مەكتەپ دەرىجىسىى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ باھالانغان،دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

مەنبە--سىتودىنىت كۇلۇبى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-16 14:14:14 | ئايرىم كۆرۈش
ھە ئەسلى مۇنداخكەندە ...
ئۆزى ئۈلۈپ كەتكىنى بىلەن نامى تىللاردا داستان .
ئۇ يالغۇز ئامرىكا مائارىپى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا مائارىپى ئۈچۈن زور تۆھپە قۇشۇپ ئۈلۈپ كىتىپتۇ . مۇنداق روھ ئۆگنىشكە ئەرزىيدۇ .
بەزىلەر ئۈلۈمى ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ... يەنە بەزىلەرنىڭ ئۈلۈمى سۇمرۇغدىنمۇ قەدىرلىك دىگىنى مۇشۇنىڭغا قارتىلغا بولسا كىرەك بەلكىم ....
شۇنچىلىك خۇش بولدۇم بۇ تىمىنى كۈرۈپ ...............

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-17 22:11:25 | ئايرىم كۆرۈش
مەن يولۇقتا ياخشى ئوقۇيالمىغان .تۇغما ئويۇنچى بولغاچقا .،  شۇڭا داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ نامىنى ئاڭلىسام كۆڭلۇم بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ ، .ئەمما ئۆزۇم ئوقۇيالمىغان بىلەن باشقا قىرىنداشلىرىمىنىڭ ئوقۇشىنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلمەن !
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:39 , Processed in 0.131062 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش