1
ھەر يېلى ئوقۇش باشلىنىش ھارپىسىدا بىكەت مەكتەپكە ماڭىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوزۇتۇشقا چىققان ئاتا- ئانىلار بىلەن لىق تولىدۇ. بالىلىرى بىلەن ئايرىلىشقا كۆزى قېيمىغان ئاتا-ئانىلار ئاپتۇبۇس قوزغۇلۇپ بولغىچە بالىلىرىغا ھەمرا بولۇپ بەزىلىرى بالىلىرىغا ياخشى ئوقۇش توغرىسىدا تەربىيە قىلسا بەزى ئانىلار كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كۆزلىرىنى ياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ بالىلىرىغا قىيالمىغاندەك قارىشىدۇ.
-يىغىلمىڭە ئاپا، مەن پات ئارىدا كىلىمەنغۇ،-دېدى ئايتۇنە يىغلاۋاتقان ئاپىسىغا تەسەللى بىرىپ ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۆزىمۇ يىغلاپ سالدى.ۋە يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ ئاپىسىنىڭ ياش كۆزىنى سۈرتۈپ قويدى
ھايال ئۆتمەي شاپ بورۇت شوپۇر پەيدا بولۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى:.
-تىزدىن يۈكتاقلارنى جايلاشتۇرۇڭلار يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن ماڭىمىز،-دەپ ئاپتۇبۇسنىڭ يۈك-تاق جايلاشتۇرىدىغان قاپقاقنى ئېچىپ قويۇپ بىكەت زالىغا كېرىپ كەتتى.
-ئاپا ماڭىدىكەنمىز چامىداننى جايلاشتۇرۋىتەيلى،-ئايتۇنە شۇنداق دەپ چامىدانىنى سۆرەپ ئاپتۇبۇسقا جايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ماڭدى. بىردەمدە يۈك-تاق قاچىلايدىغان يەرگە چامىدان،ھەرخىل يەشىك دۈۋىلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئايتۇنە بىلەن ئاپىسى بىرچەتتە كۈتۈپ تۇردى.
-ھە، ماۋۇنى ئىچىگە ئېلىۋېتىڭە...
-چامىدان ئېچىدە ئاسان ئېزىلىپ كىتىدىغان نەرسە بارئىدى، مېنىڭكىنى ئالدىغىراق ئۈسىتىگە بىرنەرسە ئارتماي قويغان بولساق.
-چامىدان ئىچىگە تۇخۇم قاچىلاپ ماڭمىغانسىز؟-دېدى ھەييار بىر ئوغۇل، ئەتىراپتىكىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۆلۈشۈپ كەتتى.ئۆزى پاكارراق، زىلۋا كەلگەن چىرايلىق قىز بويۇنلىرىغىچە قىزاردى.
ئوغۇللار ئۆزلىرىنىڭ چامىدانلىرىنى ئالدى بىلەن جايلاشتۇرۇپ قويغاچقا بىر يەرگە يېغىلىپ پاراڭ سېلىشىپ تۇرغانئىدى، پەقەت كېيىنىشلىرى ناھايىتى رەتلىك، بوي -بەستى ئىگىز ، قاشلىرى قۇش پېيىدەك قارا، يېڭىدا خەت تارتقان بورۇتلىرى يۇمىلاق يۈزىگە خۇپمۇ ياراشقان بىر يېگىت قىزلارنىڭ دۆۋىلىشىپ قالغان چامىدانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۋاتاتتى.يۈك -تاقلار بەك كۆپ ھەم ئېغىر بولغاچقا ئۇنى جايلاشتۇرۇش جەريانىدا يېگىتنىڭ كەڭ پىشانىسىدىن تەر چىقىپ كەتكەنئىدى.يېغىلىپ قالغان يۈك-تاقلار تۈگەپ قالغاندا ئۇ بىر چەتتە نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان ئايتۇنە بىلەن ئاپىسىغا قارىدى:
-سىلەر باسمامسىلەر؟-دەپ سورىدى.
-باساتتۇق شۇ، نۆۋەت كەلمىدى،- دېدى ئايتۇنە.
-ئەكىلىڭ مەن بېسىۋىتەي،-يېگىت شۇنداق دەپ چامىداننى ئايتۇنەنىڭ قولىدىن ئالدى-دە بىر ھازا ھەپىلىشىپ قىستاپ دېگۈدەك چامىدان ئاران پاتتى ۋە ئىشىكنى كۈچەپ يېپىۋەتتى، يېگىت تالغان بەللىرىنى رۇسلاپ يۈزىدىكى تەرلەرنى ئېيىتقىلى بىر نەرسە تاپالماي ئىچ كۆڭلىكىنىڭ پىشىغا ئېيىتماقچى بولىۋىدى ئايتۇنەمنىڭ ئاپىسى يېنىدىن قەغەز چىقىرىپ:
-بالام بونىڭغا ئېيتىڭ باياتتىن يۈك-تاق باسىمەن دەپ بەك ھېرىپ كەتتىڭىز.
-ھېچقىسى يوق ئاچا،رەھمەت- يېگىت شۇنداق دەپ تۇرغاندا شاپ بورۇت شوپۇر پەيدا بولۇپ:
-يۈك -تاقلار بېسىلىپ بولدىمۇ؟ ئەمىسە ھەممىڭلار ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بەلگىلەنگەن ئورنىڭلارغا چىقىپ جايلىشىڭلار! ھازىر ماڭىمىز، -دەپ ئودۇل ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئوت ئالدۇردى. ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوش دېيىشىپ ماشىنىغا چىقىشقا باشلىدى. ئايتۇنە دېرىزە تۈۋىگە جايلىشىپ ياتتى-دە تېخىچە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاپىسىغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قايتىپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى. ئاپتۇبۇس قوزغۇلۇپ بىكەتتىن چىققۇچە ئايتۇنە ئاپىسىغا قاراپ قول پولۇڭشىتىپ ئاپىسىنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ كۆزىنى ئۈزمىدى.ئۇنىڭ ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش كەلگەن بولسىمۇ بىراق قېشىدا ياتقانلار باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ دېرىزىدىن سېرىتقا قاراپ تورۇپ كۆزىدىن ئەگىگەن ئىسسىق ياشنى ئالقانلىرى بىلەن سۈرتىۋەتتى. ئاپتۇبۇس دەسلەپتە ئاستا-ئاستا ماڭغان بولسا ئەمدىلىكتە سۈرىتى تىزلەپ كەتتى. بىردەمدە كىچىككىنە ناھىيە بازىرى ئارقىدا قېلىپ بىپايان جاڭگاللىق، شىۋاقلىق نامايەن بولدى.ئايتۇنە شۇ تاپتا دېرىزە سېرتىغا قاراپ يېنىسىغا ياتقان ھالدا ئاپىسىنى ئويلاۋاتاتتى.ئۇنى ئىككى ياش ۋاقتىدا قىمارۋاز دادىسى تاشلاپ كېتىپتىكەن.ئۇ دادىسىنىڭ زادى قانداق سىياقتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ يالغۇز قىز.ئۇنىڭ نە ئىنىسى ياكى ئاكىسى ھەدىسى يا سىڭلىسى يوق. ئاپىسى قىمارۋاز دادىسى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ھېچكىمگە ئۆيلەنمەي يالغۇز قىزى ئايتۇنەنى بېقىپ-چوڭ قىلدى. ئوقۇتتى. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ مۇقۇم ئىش ئورنى يوق بولۇپ مۇشۇ ناھىيىدىكى يوللارنى تازلايدىغان تازلىقچى. ئاپىسى قىمارۋاز دادىسى بىلەن توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بەخىتلىك ئۆتۈپتىكەن، ئۇنىڭ ئاپىسى دادىسىنى تولۇمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ھەم ئىشىنىدىكەن. كىم بىلسۇن توي قىلىپ ئۇزۇنغا بارماي ئۇنىڭ ناھىيە ئىچىدىكى داڭقى بار بىر قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قىمار ئوينىماسلىققا، دورۇس تىرىكچىلىك قىلىشقا شۇنچە نەسىھەت قىلىپتۇ. بىراق ئىرى ئاغىزىدا ماقۇل دەپ قويۇپ يەنە توخۇ پوق يەيدىغان ئادىتىنى تاشلىيالمىغاندەك قىلغۇلىقىنى قىلىپ يۈرىۋېرىپتۇ. دەسلەپتە قىمارۋازلىق قىلىپ خېلى كۆپ پۇل ئۇتقانمۇ بوپتۇ، بىراق ھايال ئۆتمەي ئۇتقاننىمۇ ئۇتتۇرپ ئۆيگە كېلىپ ئايالىنىڭ تويلۇق زىبۇ-زىنەتلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ ئۇنىمۇ ئۇتتۇرۇپتۇ.بىر كۈنى ئايتۇنەنىڭ ئاپىسى نامىزىنى ئۈتەپ بولۇپ يوتقىنى چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ياشلىق قىزى ئايتۇنەنىڭ يوتقىنىنى يېپىپ قويغاچ ئۇماق قىزىنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ تۇرغاندا ئىشىك ئەنسىز چىكىلدى، كېچىچە كەلمىگەن يولدىشىنى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئىشىكنى ئالدىراپ ئاچقان ئايتۇنەنىڭ ئاپىسى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بىرى تاقىر باش قارا كۆزئەينەك تاقىۋالغان يەنە بىرى شىلەپە كېيىۋالغان يات ئادەملەنى كۆرۈپ يۈرىكى قارت قىلىپ ئاغىزىنى توتۇپ قالدى:
-بۇ تۇرغۇننىڭ ئۆيىما؟
-ھە... ئە...-دېدى ئايتۇنەنىڭ ئاپىسى ئارانلا ئاۋازىنى چىقىرىپ.
-جۈرسىلە، ئۆيگە كېرىپ پاراڭلىشايلى،- شىلەپىلىك ئادەم بىلەن تاقىرباش شۇنداق دەپلا ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇلىقىنى ئالمايلا چوڭ ئىشىكتىن ھۆيلىغا كىردى-دە ئىككى قەۋەتلىك داچا سىياقتا سېلىنغان كۆركەم ئۆيگە بىر- قۇر تەپسىلى قاراپ قويۇپ ئۆي ئىچىگە ماڭدى:
-مېھمانلار! نىمە ئىشتى؟ ئۆيدە قىزىم ئۇخلاۋاتىدۇ، تۇرغۇنجان ئۆيدە يوق...
-بىزمۇ ھازىر تۇرغۇنجان قېشىدىن كېلىشىمىز،-دەپ كۈلدى شىلەپلىك مېيىقىدا كۆلۈپ قويۇپ،- شۇڭا ھازىر تۇرغۇنجان بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
شىلەپىلىك بىلەن تاقىر باش شۇنداق دەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئايتۇنەنىڭ ئاپىسى بىر شۇملۇقنى سىزىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كەينىدىن كىردى.شىلەپىلىك قۇلى بىلەن قاس چىقىرىپ ئىشارەت قىلىۋىدى تاقىر باش يانچۇقىدىن قاتلاقلىق بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئايتۇنەنىڭ ئاپىسىغا بەردى، ئايتۇنە خەتكە قاراپ پۈتۈن جاھان پىرقىرغاندەك بولۇپ ئىزىدا ئولتۇرۇپ قالدى.خەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغانئىدى:
‹‹ ھۆججەت
مەنكى تۇرغۇن خۇپىدىن، ئابلىز زاھىردىن 1990-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 200 مىڭ يۈئەن قەرز ئالدىم، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈسىمى بىلەن قوشقاندا200 ئەللىك مىڭ يۈئەن قىلىپ قايتۇرىمەن.قەرزنى بەلگىلەنگەن ۋاقتتا قايتۇرالمىسام ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى 400 كىۋادىرات مىتىرلىق ئىككى قەۋەتلىك ئۆيۈم قەرز ھېسابىغا ئۆتكۈزىۋېلىنسا بولىدۇ.
قەرز ئالغۇچى: تۇرغۇن خۇپىدىن
قەرز بەرگۈچى: ئابلىز زاھىر
1990-يىلى 7- ئاينىڭ 5-كۈنى››
بۇ تۇرغۇن ئۆز قولى بىلەن يازغان قەرز ھۆجىتتى ئىدى.توي قىلىپ ئۈچ يىل جەريانىدا جاپا تارتىپ سالغان ئۆي كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ بولغانئىدى.ئەسلىدە ئۆي قايتۇرۋالغىلى كەلگەنلەر بولسا قىمارۋازلارغا يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرز بىرىپ پايدا تاپىدىغان جەزىخور خۇجايىنلار بولۇپ،چوڭ قىمارۋازلارنى يوقۇرى ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەيىتتى، ئۇلار قەرزگە ھېسابلىغان بۇ ئىمارەت ناھىيە ئىچىدىكى ئاۋات جايغا جايلاشقان بولۇپ كەم دېگەندىمۇ 500 مىڭ يۈئەنگە يارايىتتى. تۇرغۇن يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ قىمار ئويناپ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن ئاللا قاچان ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت توشۇپ بەش كۈن ئېشىپ كەتكەنئىدى. تۇرغۇن ھېلىقى جەزىخورلارغا ئۆيىنى سېتىپ پۇلىنى قايتۇرۇش توغرىسىدا يالۋۇرغان بولسىمۇ جەزىخورلار ئۆينى ھېسابلايمىز دەپ چىڭ تۇرۋالدى. ئەگەر بەك قارشىلاشسا تۇرغۇن ئىنىقلا زىيان تارتاتتى. بۇ ئابلىز دېگەن جەزىخونىڭ ناھىيە ئىچىدە ۋە ۋىلايەتتىمۇ داڭقى بار بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقان ئادەم يوشۇرۇن تاياق يەپ يارلىناتتى، ياكى ئېغىر مېيىپ بولۇپ ناكاھ بۇلاتتى. شۇ ئىشتىن كېيىن تۇرغۇن ئىز دىرەكسىز يۇقالدى. ئايتۇنەنىڭ ئانىسى قىزىنى باغرىغا بېسىپ زار-زار يىغلايىتتى، ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قېزىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى. تۇرغۇننى بۈگۈن كىلە، ئەتە كىلە دەپ ساق تۆت يىل ساقلىدى. بىراق كۈتكىنى نۆلگە تەڭ بولۇپ ھېچقانداق ئىز دىرىكىنى قىلالماي ئاخىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن گېزىتكە ئېلان بىرىۋېتىپ تۇرغۇندىن ئاجىراشتى. ئاتا-ئانىسى توي قىلىش توغرىسىدا شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇ :‹‹ مىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىم ئاز ئەمەس، مەن ئەمدى مۇشۇ يالغۇز قىزىمنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇشنىلا ئارزۇ قىلىمەن. مىنى مەيلىمگە قويۇڭلار ...›› دەپ گەپنى ئۈزىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ بىچارە ئانا جاپا تارتسىمۇ ئايتۇنەگە قاتتىق تەلەپچان بولۇپ ياخشى ئوقۇتتى.ئۇنىڭغا دادىسى بولمىسىمۇ پۈتۈن مېھرىنى بېغىشلىدى. ئايتۇنە تىلى چىقىپ ئازراق بىر ئىشلارنى ھىس قىلغۇدەك بولغاندا دائىم ئاپىسىدىن ‹‹ ئاپا، دادام نەگە كەتتى، دادام نىمىشقا ھەر كۈنى يېنىمىزدا يوق›› دەپ سورۇغىلى تۇراتتى ئاپىسى ‹‹ قىزىم داداڭ سەن توغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتكەن ...››دەپ يالغان ئېيتاتتى، بىراق ئۇنىڭ قوشنىلىرىدىن غەيۋەتچى خوتۇنلاردىن بىرسى ئايتۇنە تولۇقسىز ئوتتۇرغا چىققاندا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايتۇنەگە ئېيتىپ قويغاچقا ئاپىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى قىزىغا دېيىشكە مەجبۇر بولغانئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئانا-بالا بىر بىرسىنى باغرىغا چىڭ بېسىشىپ بىر ھازا كۆز يېشى قىلىشقانئىدى.ۋاقت نىمانچە تىز ئۆتكەن ھە؟ ئايتۇنەمۇ ھازىر ئۈجمە نوتىسىدەك زىلۋا، مەڭزى سۈت ئالمىسىدەك نۇرلۇق،لەۋلىرى گىلاستەك ئۇماق ،قاپقار يوغان بۇلاقتەك كۆزلىرىگە سۇ بېتىگە سايە تاشلاپ تۇرغان مەجنۇنتاللاردەك ئۇزۇن كېرپىكلىك بۇ قىز كۆزگە تولىمۇ لاتاپەت يېقىملىق كۆرىنەتتى.بۇ قىز چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن ئوقۇشىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ بۇيىل يوقۇرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنغانئىدى.
-ئاشخانىغا كەلدۇق، پەسكە چۈشۈپ تاماق يەيدىغانلار يەپ، ئىچىڭلارنى بۇشىتىۋالىدىغىنىڭلار تىز ئالدىراڭلار، بۇ يەردە بىر سائەت تورىمىز. ئەمدى توختىمايمىز جۇمۇ، تىز ئالدىراڭلار...
شاپ بورۇت شوپۇرنىڭ ئۈنلۈك ۋارقىرغان ئاۋازىدىن باياتتىن بېرى خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قالاي دېگەن ئايتۇنە كۆزىنى ئاچتى، ئوقۇغۇچىلار ھەمىمىسى ئورنىلىرىدىن تورۇشۇپ ئىگىزدە ياتقانلار پەسكە سېيرىلىپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئايتۇنەنىڭ تولۇق ئوتتۇردا بىللە ئوقىغان پەرىزات ئىسىملىك دوستى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ باياتتىن بېرى ئالدى تەرەپتە ياتقان بولۇپ ئايتۇنەگە بىرگە پەسكە چۈشۈشنى ئېيىتتى .
-ئاداش، بۇلە پەسكە چۈشۈپ تاماق يەۋالايلى.
-ئاداش، مېنىڭ پەقەت ھېچنىمە يېگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،- دېدى ئايتۇنە، ئۇنىڭ ئاپتۇبۇسقا چىقسا كۆڭلى ئېلىشاتتى شۇ تاپتا ماشىنا توختىغان ھامان كۆڭلى ئېلىشىپ چىرايى سارغىيىپ قالغانئىدى،- خاپا بولماي ئۆزۈڭ يەپ كىرە.
-ۋاي ئوزۇن كىرپىكلىك ئاداش، ماشىنا توختىمايدىكەن، ھېچ بولمىسا تاماق يىمىسەڭمۇ پەسكە چۈشۈپ ھاۋا يەپ كىرمەمسەن؟بۇلە تىز ھېلى كىرپىكىڭنى يۇلىۋەتمەي...
مەكتەپتە ھەممە ئايتۇنەنى ئوزۇن كىرپىك دەپ چاقىراتتى، مەكتەپتىكى قىزلار ئايتۇنەنىڭ چىرايىغا ۋە ئوزۇن كىرپىكىگە بەك ھەۋەس قىلىشاتتى. بەزىلى قىزلار: ‹‹ئايتۇنەنىڭكىدەك ئوزۇن كىرپىكىمىز بولغان بولسا-ھە؟›› دەپ ئۇھسىنىشاتتى، تېخى ئايتۇنەنىڭ يېقىن ئاداشلىرى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ:‹‹ ئاداش قىزلار توي قىلغاندا يالغان كىرپىك سالىدىكەن، سەن توي قىلغاندا يالغان كېرپىك سېلىپ ئاۋارە بولمىساڭمۇ بولغىدەك.سېنى قايسى ئاق ئاتلىق شاھزادە ئەمىرىگە ئالا –ھە؟...›› دەپ كۈلىشىپ كىتەتتى. دېمىسىمۇ ئايتۇنەنىڭ كېرپىكى بەك چىرايلىق قويۇق ھەم ئوزۇن بولۇپ ساۋاقداشلىرىنىڭ كىرپىكىگە ھەۋەس قىلىشى ئايتۇنەنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئەينەككە قارىسىمۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ئۆزىنىڭ زوقى كىلىپ ئۇزاققىچە قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى...
ئايتۇنە ئۈستىدىن ئاستا سېيرىلىپ پەسكە چۈشتى.سىرىتقا چىققان ھامان ساپ ھاۋا دېمىقىغا ئورۇلۇپ بايىقى كۆڭلى ئېلىشىقى بىر ئاز بېسىقىپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدى.شۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلارغا، بەزىلىرى يېقىن ئەتىراپقا تارقاپ كەتكەن بولۇپ ئۆزى تاماق يېمىسىمۇ پەرىزاتقا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرشۇپ بىرىش ئۈچۈن ئاشخانىغا ماڭدى.
2
بۇ يوللار ئوزۇن يوللار،
غېرىپ يولىنى باغلار.
غېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،
غېرىپقا غېرىپ يىغلار...
-ۋاي پاششىدەك غىڭشىماي ئۈنلۈكرەك ئېيتىڭە ناخشىڭىزنى،-ئايتۇنەنىڭ يان تەرپىدىكى كارىۋاتتا ياتقان يېگىت پەس ئاۋازدا يېقىملىق ناخشا ئېيتىۋاتاتتى،ئۇ بىكەتتىكى ۋاقىتتا ‹‹ چامىدانىڭىزنىڭ ئىچىگە تۇخۇم قاچىلىغانمۇ؟›› دەپ قىززىقچىلىق قىلغان ھېلىقى ھەييار بالا ئىدى .ئۇنىڭ ئالدى تەرپىدە ياتقان قىز ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسىنى تېخىمۇ ئنىقراق ئاڭلاش ئۈچۈن كەينىگە قاراپ شۇنداق دېدى.
-پاشىدەك غېڭشىغىنىم يوق، ئاپتۇبۇس ئىچىدە ھەممىڭلار ئېغىر ئىسسىق ئارام ئېلىۋاتساڭلار، ئىشەكتەك ھاڭراپ ئاپتۇبۇسنى بېشىمغا كەيسەم بۇلامتى ئەمىسە؟
-بۇ شوپۇرمۇ يا بىر ناخشا قويۇپ قويمىدى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ، يا بولمىسا سىز ناخشا ئېيتىڭە باشقىلارمۇ ئاڭلاشنى خالايدۇ ھەقىچان.
-بولسا شۇنداق قىلىڭە؟ ئاۋازىڭىز خۇددى ئابدۇللا ئاكامنىڭكىدەك چىقىدىكەن،-دېدى يېگىتنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى قىزمۇ ئاۋاق قىزمۇ ئاۋاز قوشۇپ.
-بولىدۇ. مەن سىلەرگە لىرىك ناخشىدىن بىرنى ئېيتىپ بىرەي، ياخشى ئېيتالمىسام زاڭلى قىلمايسىلەر ئەمىسە.
-ھە، باشلىڭە...
بۇلبۇللار سايرىشامدۇ گۈلشەن بولمىسا،
قىز- يېگىتلەر ئىزدىشەمدۇ مەيلى بولمىسا.
ھېچبىر كىشى ناخشا ئېيىتماس دەردى بولمىسا،
مۇھەببەت ئوتى يۈرەكنى پارە قىلمىسا...
ناخشا ئېيتىلىۋاتقاندا ھەممەيلەن تىمتاس بولۇپ قالدى، ئاخىرلاشقان ھامان ھەممە يېگىتنىڭ ناخشا ئېيتىش تالانتىغا قايىل بولۇشۇپ چاۋاك چېلىشىتى.
بۇ قىزغىنلىقمۇ ئۇزاققا بارماي بېسىقىپ قالدى. بەزىلەر قەرت ئوينىماقچى بولۇپ ئاپتۇبۇس ئارقىسىغا يېغىلىشتى، بەزىلەر ئۇخلىسا، يەنە بەزىلەر يېتىپ تورۇپ تېلىفۇن ئويناۋاتاتتى.
-قوشنام سىز بەك خىيالچانغۇ؟-دېدى ھېلىقى ناخشا ئېيىتقان يېگىت ئۈستىگە قاراپ تىنىچ ياتقان ئايتۇنەگە قاراپ:
-شۇ، ئاپتۇبۇسقا چىقساملا كۆڭلۈم ئىلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا شۈكلەپ قالدىم،-دېدى ئايتۇنە يېگىتكە لاپپىدە قاراپ قويۇپ.
-ۋاھ، كىرپىكىڭىز نىمانچە ئوزۇن سىزنىڭ، خۇددى باربىي قونچاقتەكلا، مەن ھازىرغىچە بۇنداق چىرايلىق ھەم ئوزۇن كىرپىكنى تۇنجى كۆرۈشۈم.
-رەھمەت، بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز،-دېدى ئايتۇنە تەبەسسۇم قىلىپ،- شۇ مېنى تۇنۇيدىغانلا ئادەم كىرپىكىڭىز ئوزۇنكەن دەيدۇ.
-سىز قايسى مەكتەپكە بارىسىز؟-دېدى يېگىت ئايتۇنەگە بىر قۇتا قىزىل كالا ئىچىملىكىنى تەڭلەپ.
-بولدى، رەھمەت .ھازىر كۆڭلۈم ھېچنىمە تارتمايدۇكۆڭلۈم ئېلىشىپلا تورىدۇ. مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىغا بارىمەن.
-ھە، مۇنداق دەڭ، مەنمۇ شۇ مەكتەپكە بارىمەن. مۇزىكا فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپتىمەن .سىزچۇ؟
-ھە، ناخشىنى نىمانچە يېقىملىق ئېيتىدىكىن دېسەم ئەسلى مۇزىكىغا قىزىقىسىزكەن-دە؟ مەن ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپتىمەن.
-ۋاھ، نىمانچە ياخشى. سىز ئەدەبىياتتا ئوقۇسىڭىز ماڭا ياخشى ناخشا تىكىستى يېزىپ بەرسىڭىز مەن ناخشا قىلىپ ئېيىتسام كېيىنچە ھە راست ئىسمىڭىز كىم بولىدۇ؟
-ئايتۇنە...
-ھە، تېكىستى ئايتۇنەنىڭ مۇزىكىسى فىرقەتنىڭ دەپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىمىزمۇ تېخى. تونۇشۇپ قالايلى مىنىڭ ئىسمىم فىرقەت .
-بولىدۇ. بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاندىكىن...
ئايتۇنەمنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئېلىشىپ كەتتى، ياندۇراي دېسە بۇ دېرىزىسى يىم يېپىلغان چوڭ ئاپتۇبۇس ئىدى. ئۇ يېنىغا سۇلياۋ خالتا ئېلىۋالمىغان ئىدى.بىر نەچچە قېتىم قاتتىق ياندۇرغىسى كېلىپ بوغۇزىغا قاپلىشىپ ئاغىزىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرىۋالدى. ئاخىرى بولماي پەسكە قاراپ ياندۇرۋەتتى.
-ۋوي نىمە بولدىڭىز؟-فىرقەت بېشى پەسكە ساڭگىلىغان ئايتۇنەنىڭ بېشىدىن يۈلىدى.قەي پەستە بېشىنى يانغا ساڭگىلىتىپ كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ بېشىغا كېيىم-كىچەكلىرىگە ساقىغانئىدى.
-ۋوي ئاداش نىمە بولدۇڭ؟- ئالدى تەرەپتتىن پەرىزات ئالدىراپ كەلدى، فىرقەت قىزغا ئاغىزىنى سۈرتۈشكە قەغەز تەڭلەپ تۇراتتى.
-ھۇ... ئاداش سەن نەگە قەي قىلىپ قويدۇڭ؟ مۇنۇ بالىنىڭ ئۈستى-بېشىنى بۇلغىۋىتىپسەنغۇ...
ئايتۇننىڭ پىشانىسىدىن بۇژژىدە سۇغۇق تەر چىقتى. ئۇ ھاياتىدا ئۆزىنى ئىنتايىن ئۇسال ئەھۋالدا سەزدى.شۇ تاپتا خىجىللىقتىن يەرگە كېرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەنئىدى.
-بولدى، بولدى ھېچقىسى يوق. پەسكە چۈشكەندە كېيىم ئالماشتۇرۋالىمەن...
-خاپا بولماڭ جۇمۇ، دوستۇمنىڭ ئورنىدا سىزدىن كەچۈرۈم سۇرايمەن...
شۇ تاپتا ئايتۇنەنىڭ ئېغىزىغا كەچۈرۈڭ دېيىش تۈگۈل يېگىتكە قاراشقىمۇ قاتتىق ئويۇلۇپ قالغانئىدى.
-ھېچقىسى يوق. مەن شوپۇرغا دەي ئازراق توختىسۇن بۇ سىڭلىم پەسكە چۈشۈپ ئوڭشىلىۋالسۇن- يېگىت كىچىك سومكىسىغا سېلىۋالغان لۈڭگىنى ئېلىپ ئۈستى-بېشىنى سۈرىتكەچ شوپۇرغا دېگىلى ماڭدى، ئايتۇنە ھوشۇنى يۇقاتقان ھالدا بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ يېگىتنىڭ ئارقىسىدىن قارىدى. ئۇ بىكەتتە ئايتۇنەنىڭ چامىدانىنى جايلاشتۇرۇپ بەرگەن ھېلىقى قاملاشقان يېگىت ئىدى.
-ماشىنا توختىدى ئاداش، جۈرە پەسكە چۈشۈپ يۈز-كۆزۈڭنى يۇيىۋالغىن.
- جېنىم ئاداش، يۈزۈم سەت تۈكۈلدى جۇمۇ مېنىڭ،- دېدى ئايتۇنە پەسكە چۈشىۋېتىپ پەس ئاۋازدا.
3
بىر نەچچە كۈنلۈك مۇشاقەتلىك سەپەرمۇ ئاخىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ساق-سالامەت كېلىۋالدى.ئايتۇنە مەكتەپكە كېلىپلا ئاپىسىغا ساق-سالامەت كېلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ تېلىفۇن قىلىۋەتتى. ئاپتۇبۇس مەكتەپ ئىچىگىچە ئەكىرىپ قويدى، ئېگىز بىنالار بىلەن قۇرشالغان مەكتەپ ئىچى كىچىلىك چىراقلار بىلەن كۈندۈزدەك يورۇپ تۇراتتى. يۈك- تاقلار چۈشۈرلۈپ ئوقۇغۇچىلار ياتاق باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۆزلىرىگە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئازادە پاكىز ياتاقلىرىغا كېرىپ جايلاشتى.ئايتۇنە بىلەن پەرىزات بىر ياتاققا كىرگەنئىدى ئۇلار بىردەمدە تونۇشمايدىغان باشقا يورۇتتتىن كەلگەن تۆت قىز بىلەن ئۆز- ئارا تونۇشۇپ ياتاقداشلىق تۇرمۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمىگە چىكىت ئۇردى.قىزلار يۈك تاقلىرىنى ئىشكاپلارغا ۋە تىگىشلىك ئورۇنلارغا جايلاشتورۇپ قويۇپ ھارغىنلىقتا بىردەمدە يېتىپ ئۇخلاپ قېلىشتى...
ئۇلار ئوننەچچە كۈنلۈك جاپالىق ھەربىي مەشىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى.ئايتۇنەنىڭ زىرەكلىكى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ ئۇنى ئۆگىنىش باشلىقى قىلىپ سايلاپ قويدى. ئايتۇنە مەكتەپكە كېلىشتىن ئىلگىرى قاتتىق ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىشنى قارار قىلىپ كەلگەنئىدى. ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى سىنىپ ۋە كۈتۈپخانا ئارلىقىدا ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۈتەتتى.ئادەتتە مەكتەپتە ھەر ھەپتە دېگۈدەك تانسا،مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇراتتى. بىراق ئۇ پەزىلەتنىڭ قاتنىشايلى دەپ زورلىشىغا ئۇنىماي كىتاپلىرىنى قولتۇقلاپ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا قاراپ ماڭاتتى.
ئۈرۈمچى ھەقىيقەتەن چوڭ شەھەر، بۇلار مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە بۇ سىرلىق شەھەرنى ئوبدانراق ئايلىنىپ باقمىغانئىدى.
-پەزىلەت، مەن بىلەن سىرىتقا چىقىشىپ بەرسەڭ قانداق؟
-چاتاق يوق، ھېلىمۇ ئۆرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى مەن بىر نەچچە قېتىم چىقىپ ئايلىنىپ كىردىم، سىنى چىقايلى دېسەم كېيىنچە دەپ تۇرىۋالغانتىڭ ئەجەپ بۆگۈن چىققىڭ كىپكىتىپتا؟
-كېيىم ئالاي دېگەن...
-پاھ، قالتىسقۇ چىرايلىق كىيىملەرنى كېيىپ مەكتەپتىكى ئوغۇللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتەي دەپسەندە؟
ئايتۇنە كۈلۈپ قويدى، ئۇلار دا بازارغا بېرىپ خېلى ئايلانغاندىن كېيىن بىر كېيىم دۇكىنىغا كىردى.
-ئاداش ماۋۇنى ئالە، قارىسام بۇ خىل كۆڭلەك ھازىر مودا بوپتۇ، سەن كەيسەڭ ئاسماندىن چۈشكەن ھۆر پەرىگىلا ئوخشاپ قالىسەن، ئۇ چاغدا مەكتەپتىكى ئوغۇللار...
-ۋاي پەسراق،-دېدى ئايتۇنە ۋە چەت تەرەپكە ئېسىپ قويۇلغان ئەرەنچە جىگەررەڭ كاستومنىڭ قېشىغا كەلدى.
-قىزىتماڭ ئۆرلەپ قالمىغاندۇ؟ سەن ئەرلەر كىيمىنى توتۇپ يۈرىسەنغۇ؟
-خۇجايىن بۇ قانچە پۇل؟
دوپپا كېيىۋالغان ئۇيغۇر خۇجايىن كېيىمنىڭ قىشىغا كىلىپ قولىغا ئالدىدە.
-400 كوي بىرىڭ،-دېدى.
-مۇقۇم باھامۇ؟
-شۇنداق،ماللىرىمىزنىڭ ھەمىسى مۇقۇم باھادا سېتىلىدۇ.
-ئەمىسە مۇشۇنى ئالاي...
-ئاداش، سەن بۇ ئەرچە كېيىمنى ئېلىپ كىمگە بەرمەكچى بولىۋاتىسەن؟-دېدى پەرىزات تەئەجۇپ بىلەن ئايتۇنەگە قاراپ
-ساڭا بۇنى كېين دەپ بىرەي...
-ھە، ئەسلى كىلە-كەلمەيلا مۇھەببەت تۇتىۋاپسەنكەندە.
-جۆيلىمە...
-تۆۋە، ئۈرۈمچىنى چوڭ شەھەر دەپ بىلەتتىم ماڭا بۈگۈن ئۇنداق ئەمەستەك بىلىنىپ كەتتا؟ سىلەرنى بۇ يەردە ئۇچۇرتۇپ قالامەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۇلارنىڭ قېشىدا ھېلىقى ناخشىچى فىرقەت پەيدا بولدى.
-ۋوي، بۇ بىزنىڭ ناخشىچىمىزكەنغۇ؟-دېدى پەزىلەت شوخلۇق بىلەن.
-مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى سىلەرنى ھېچ ئۇچىراتمىدىم، ھەممە يەرگە سەپ سېلىپ باقتىم بولمىسا. تەلىيىمگە بۈگۈن ئۇچۇرتۇشقا نېسىپ بوپتۇ. خالىساڭلار سىلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلسام بۇلامدۇ؟
پەزىلەت ئايتۇنەگە قارىدى، ئايتۇنە ئىپادىسىز گەپ قىلماي تۇردى.
-نىمە؟ خالىمامسىلەر؟
-قانداق بۇلا؟ ھەي ئاداش بولمىسا بۇ ناخشىچىنىڭ مىھمان قىلغۇسى بولسا كۆڭلىنى قايتۇرمايلى،-دېدى پەرىزات.
-ۋاي، بىرەر ۋاخ تاماق يىگەنگە نىمە بولىدۇ؟-فىرقەت شۇنداق دېگەچ ئايتۇنە كۆتۈرۋالغان سۇلياۋ خالتا ئىچىدىكى كىيىمگە سەپ سالدى.
-ۋوي، ئايتۇنە قىز! بۇ كېيىمنى قايسى تەلەيلىك يىگىت كىيىدۇ؟مەن ئەمەستۇرمە؟
-ھە بۇ كېيىمنى ئاكامغا ئالغان، پوچتىدىن سېلىپ بىرەي دەپ...
پەرىزات ھەيرانلىقتا دەرھال ئايتۇنەگە قارىدى، ئايتۇنە يالغان دەۋاتاتتى. ئۇ جىم تۇر دېگەندەك ئاستا ئايتۇنەمنىڭ پۇتىغا يىنىك دەسسەپ قويدى.
-ھەي، قېرىنداشلىق مىھرى نىمە دىگەن كۈچلۈك -ھە؟- فىرقەت شۇنداق دەپ يول باشلىدى. ئىككى قىز فىرقەتكە ئەگىشىپ كەينىدىن ماڭدى.