ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىزلار تەربىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

                     قىزلار تەربىيەسى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ
                                   تۇرسۇنگۈل قادىر



   جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت، تۇرمۇش، قىممەت قارىشىدا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىز ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بويىچە يېتەكلەش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى.
   قىزلارنى گۈزەل قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئۈستىبېشىدىكى قىممەت باھالىق، داڭلىق ماركىلىق ئېسىل كىيىملەر بولماستىن، بەلكى قەلبىنى نۇرانە قىلغان، ۋۇجۇدىنى گۈلگە ئوخشاتقان گۈزەل ئەخلاق لىباسىدۇر. ئۇلارنىڭ يۈرۈش–تۇرۇش، ئىش–ھەرىكەت، گەپ–سۆز، خۇلق–مىجەزىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئەخلاق شولىسى ئۇنى كىشىلەرگە ئىللىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، قىز ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاتا – ئانىلارنى، ئۇستازلارنى، چوڭلارنى سۆيۈندۈرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ بولۇشى، ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزىگە يېقىن يولاتماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.

   باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى يىللىقى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا قىزلار پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بۇ باسقۇچتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشتە ئۇلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىلمىي، مېغىزلىق، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى ئىستىقبال سەپىرىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك. قىزلارغا ئاتا – ئانىلار، ئەل–جامائەت باغرىنى كەڭ ئاچىدۇ. ئۇنىڭ يۈرۈش–تۇرۇشىدا، ئىش–ھەرىكىتىدە، گەپ–سۆز، خۇلۇق–مىجەزىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئەخلاق شولىسى ئۇلارنى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىللىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، قىز ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاتا–ئانىلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ، چوڭلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئورۇن ئالالايدىغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ يېتىلىشى توغرىسىدىكى تەربىيەنى قاراتمىلىق، سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ۋەدىسىدە تۇرۇش قىزلارنى ئىززەت – ھۆرمەتكە، ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. قىزلارغا ھەرقاچان سەمىمىي، راستچىل بولۇش، ۋەدىسىدە تۇرۇش توغرىسىدىمۇ تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

   ئومۇمەن، بۈگۈنكى قىزلار تەربىيەسى ئەتىكى ئانىلارنىڭ ساپاسىنى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى قىزلار تەربىيەسى ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنىڭ يېتىلىشىدە ھەيدەكچىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، قىزلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.



مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-22 15:27:26 | ئايرىم كۆرۈش
قىزلارنىڭ  تەربىيىسى ھەقىقەتەن ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن .
مۇشۇنداق ياخشى تىما يوللىغىنىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-27 10:35:54 | ئايرىم كۆرۈش
قىزلارنىڭ تەلىم - تەربىيەسى ھەممىدىن مۇھىمدۇر، بەزىلەر باركى ، قىز بالا تالانىڭ ئادىمى ، خەققە ئوقۇتۇپ بېرىپ نىمە كەپتۇ دەپ قارايدىكەن . بۇنداق كۆز قاراش تۈپتىن خاتا بۇلۇپ ، كەلگۈسىدىكى ياراملىق ئەۋلادلىرىنى تەربىيلەشكە ئېغىر توسقۇنلۇق ئېلىپ  كېلىدۇ .
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
يەر
ۋاقتى: 2016-5-7 00:46:51 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس رەھمەت سىزگە ئىسىل تېما ،بۇ قىزلار تەربىيەسىگىمۇ مېنىڭچە قەتتىي سەل قاراشقا بولمىغۇدەك ،يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئىشىنىپ يۈرۈپ مۇھەببەتلىشىپ ئەمدى تويىنى قىلىشقا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا ئاجايىپ ئوسال ئىشتىن بىرىسى بوپتۇ. ئۇ قىز باشقا بىر ئوغۇل بىلەن ئۆيىدىن داداسىنى ئالداپ كارتىسدىكى بارلىق پۇللىرىنى ئىلىپ باشقا ئوغۇل بالا بىلەن قىچىپ كېتىپتۇ، توۋا دىمسە بىككار جۇما بۇ قىزلارغا ھەيرانلا قالدىم مەنمۇ ئۇ دوستۇممۇ ئۆيىدىكىلەرمۇ ھەم بەكلا  خۇددى بىر ئۆيگە ئەمدى مەڭگۈ كەلمەيدىغاندەك

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-7-7 16:49:19 | ئايرىم كۆرۈش
قىزلار تەربىيەسى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ
راست كەلگۈسنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ  بىرىنچى ئۇستازى  دەل مۇشۇ ئاياللاردۇر ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:26 , Processed in 0.131899 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش