ئارمان
قانچە زىمىستان ئۆتۈپ بېشىمدىن،
مۈكچەيدى قەددىم ھېجران دەستىدىن.
تۈندە ئويغاقمەن، سورايمەن ئايدىن،
باھار قۇچاقلاپ كېلەرسەن نەدىن؟!
ئۆتتى تالاي يىل، كەلمىدى خەۋەر،
سېنىڭسىز نىگار يېگىنىم زەھەر.
ئېرىمەيدۇ تەن كۈلسىمۇ سەھەر،
باھار قۇچاقلاپ كېلەرسەن نەدىن؟!
ئۆرتەندى ۋۇجۇد ئەي گۈزەل نىگار،
ئوتلۇق باغرىڭغا قىلدىڭ مېنى زار.
يەكلەنگەن روھىم بولدى شۇنچە خار
باھار قۇچاقلاپ كېلەرسەن نەدىن؟!
سېنى كۆرەلمەي يۇمارمەنمۇ كۆز،
ئۆكسۈپ قالارمۇ قەلبىمدىكى سۆز.
بۇدۇنيا ئەمەسكەن سېنىڭسىز ئۆز،
باھار قوچاقلاپ كېلەرسەن نەدىن؟!
سىقىلىش
قىرولار قاپلىغان ئەتىراپىمنى تامام،
زىمىستان ئايازى كەلمەكتە يېتىپ.
يار بولۇپ ئۈششۈگەن خازانلاردەك،
تۇرىمەن يېگانە خىيالغا پېتىپ.
قايتىشنى ئىستەيمەن،قايتالمايمەن ھېچ،
تۇرىمەن قازالماي ، خازانلاردىن گۆر.
سىقىلىمەن ئاھ جۇدا ، پېشانەمگە سەن،
باسقانمۇ يىگانە ئۆتكىلى مۆھۈر.
زەرداپ
بىر چاغلار قولۇمنى سۇنغانتىم ساڭا ،
تارتىۋال مېنى دەپ ئۆلۈم قوينىدىن.
كېچىگە يۈزلەنگەن مىسكىن شەپەقتەك،
ئۆچمەكتە ئاھ ئەمدى سىيماسى دىلدىن.
تۇغۇلۇپ دۇنياغا ئېلىپ كەلگىنىم ،
ئۇھ تارتىش،ئۆكۈنۈش، خۈرسىنىشلار بەس.
ئازاپلىق ئىرايمەن بىمار بالىدەك ،
تىتىرەيدۇ ۋۇجۇدۇم ، تىتىرەيدۇ نىپەس.
مەنبە : ئارمان
|