بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-3 00:45
ئۇيغۇرلار قازاقلار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ مۇناسىۋېتى توغۇرسىدا قىسقىچە بايان
ئېرشات ئاقسۇ
ئۆزبېكلەر ئەسلى ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە ياشىغان. ئۇلار ئەسلى قازاقلار بىلەن بىر ئۇرۇقتىن. كېيىن ئۆزبېك خانى ئۇبۇلخەيرىخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆزبېكخانلىقىدىن جانبېك، كېرەي دېگەن ئىككى قازاق
سۇلتانى بىر تۈركۈم قەبىلىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ بىزنىڭ موغۇلىستان خانلىغىمىزنىڭ خانى يۇنۇسخاننى پاناھ تارتىپ كېلىدۇ.
يۇنۇسخان ئۇ ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسىنى بالقاش كۆلى، ئىسسىق كۆل، تۈركىستان يايلاقلىرىنى، يەتتە سۇ ئەتىراپىنى ئۇلارغا
ياشاپ تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن بەرگەن. جانبېك، كېرەي باشچىلىقىدىكى قەبىلىلەر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قازاق دېگەن
نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلايدۇ. (قازاق دېگەنلىك كۆچمەن، سەرگەردان، قاچاق دېگەنلىك بولۇپ، ئۇلار ئۆزبېك ئۇلۇسىدىن
بۆلۈنۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.) دەشتى-قىپچاق دالاسىندا قالغان ئۆزبېكلەرگە مەرھۇم ئۇبۇلخەيرىخاننىڭ
قول ئاستىدا ئەمىرلەشكەر بولۇپ ئىشلىگەن بەركە سۇلتان (باھادىرنامە دە بۈرگە سۇلتان دەپ ئېلىنغان) باشچىلىق قىغان.
كېيىن، ئۇبۇلخەيرىخاننىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد شايبانخان ئەتىراپىغان قابىل نەۋكەردىن ئوننەچچىنى توپلاپ بەركە سۇلتان
شىكارغا چىققان كېچىسى ئۇنىڭ چېدىرىغا خۇپپىيانە بېسىپ كىرىپ بەركە سۇلتاننى ئۆلتۈرۈپ بوۋىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ،
قېچىپ كېتىدۇ. ھەمدە تاشكەنتكە-موغۇلىستاننىڭ چوڭ خانى مەھمۇدخاننىڭ ھوزۇرىغا كېلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە
ئېرىشىپ قەدەممۇ-قەدەم ئۆسۈپ ئەمىرلەشكەرلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. ھەمدە خاننىڭ بۇيرۇقى بويىنچە سەمەرقەنتكە جازا يۈرىشى قىلىدۇ. ۋە سەمەرقەنتنى پەتىھ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن مۇھەممەد شايبانىخان.
مەھمۇدخانغا تاشكەنتنى تاشلاپ ئاتا مىراس زېمىنى بولغان موغۇلىستانغا كېتىش، ئۇنداق بولمايدىكەن قورال كۈچى ئىشىلتىشتىن
يانمايدىغانلىقى ھەققىدە مەھمۇدخانغا ئاخىرقى ئۇلتۇماتۇمنى تاپشۇرىدۇ. مۇھەممەد شايبانخاننىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى
سەۋەب:
1. شايبانخاننىڭ دادىسى بۇرج ئوغلاننى مەھمۇدخاننىڭ دادىسى يۇنۇسخان بىر قېتىملىق شىكارغا چىققاندا ئۆلتۈرۋەتكەن. چۈنكى، بۇرج ئوغلان ئۇ چاغدا بەركە سۇلتاننىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن تەخىتتىن قوغلىنىپ مۇساپىرچىلىقتا تاغ-دالىلادا قاراقچىلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرى ئىدى.
2. يۇنۇسخان ئۆزۋاقتىدا ئۆزبېك ئۇلۇسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان جانبېك، كېرەي دېگەن ئاكا-ئۇكا قازاق سۇلتانلىرىنى پاناھى ئاستىغا ئالغان ھەمدە، ئۇلارنىڭ ئۆزبېك ئۇلۇسىنى پارچىلاش ھەركەتلىرىنى ئاشكارە قوللىغان.
3. ئۆزبېك خانى ئۇبۇلخەيرىخان ئۆلۈپ، ئۆزبېك ئۇلۇسى قالايمىقانچىلىق تەخىت تالىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا ماۋەرائۇنەھىردىكى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئەبۇسەئىد مىرزا ئۆزبېك خانلىقىنىڭ نۇرغۇن زېمىنلىرىنى ۋە ئاھالىلىرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.
ئەنە شۇنداق بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئاتا قىساسى، مەيلى موغۇلىستان خانلىرىدا بولسۇن. مەيلى ماۋەرائۇننەھىردىكى تۆمۈرىي نەسەبلىك مىرزىلاردا بولسۇن ھەر ئىككى ھاكىميەتكە ئورتاق ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مۇھەممەد شايبانخاننىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغىنىنى بىلگەن سۇلتان مەھمۇدخان دەرغەزەپكە كەلگەن بولسىمۇ، ينىكلىك بىلەن مۇھەممەد شايبانخانغا
قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. چۈنكى، خانلىقنىڭ ئاساسلىق قوشۇنلىرىنى ئىشىنىپ ئەمىرلەشكەر شايبانخانغا تاپشۇرغاچقا، تاشكەنتىكى بىرنەچچىمىڭ لەشكەر بىلەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇدخان ئاقسۇدىكى ئىنىسى موغۇلىستاننىڭ كىچىك خانى سۇلتان ئەھمەدخانغا مەكتۇپ يېزىپ ھەربىي ياردەم سورايدۇ. ئاكىسىنىڭ
مەكتۇبىنى تاپشۇرۋالغان سۇلتان ئەھمەدخان دەرھال زور قوشۇننى باشلاپ تاشكەنكە كېلىدۇ. ھەمدە ئەندىجاننىڭ ھاكىمى بابۇر پادىشاھمۇ ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ماۋەرائۇنەھىر ھۆكۈمىتىگە ۋاكالەتەن بۇ ھەربىي ئىتتىپاققا قاتنىشىدۇ. مۇھەممەد شايبانىخانمۇ چېچىلىپ كەتكەن ئۆزبېكلىرىنى ئەتىراپىغا توپلاپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى ئۈزلۈكسىز
كۆپەيتىدۇ. بۇ چاغدا دەشتى قىپچاق دالاسى ئاللاقاچان ئۆز ۋاقتىدا سۇلتان يۇنۇسخاندىن پاناھ تىلەپ بارغان قازاقلارنىڭ
قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، جانبېك، كېرەي ئاكا-ئۇكا قازاق سۇلتانلىرى بۇجايلاردا بۇرۇنقى ئۆزبېك خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ
ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھاكىميىتىنى بەرپا قىلغان ۋاقىت ئىدى. (قەدىمدىن تارتىپ قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق دوسلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلماقتا. شۇنداقلا، قازاقلارمۇ ھەم بىز تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولغاچقا مېنىڭ قازاقلارغا بولغان ھۆرمىتىم يۇقىرى.)
شۇنداق كۈچ توپلاش نەتىجىسىدە ئۆزبېكلەر ۋە موغۇلستان خانلىقى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا كۈچ سېلىشتۇرما پەرقى كۆپ بولۇپ، ئۆزبېكلەر خېلىلا ئاز ئەمما جەڭگىۋار ئىدى. بابۇر ۋە ئاكا-ئۇكا موغۇلىستان خانلىرىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي كۈچى زور، لەشكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۆزبېكلەردىن قېلىشمىسىمۇ بۇ ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ قوماندانلىقى مەھمۇدخاندەك پاراسەتسىز، لەشكىرىي ئىلىمدىن خەۋەرسىز بىر كىشىگە تاپشۇرۇلغاچقا، ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئۆزبېلەردىن قاتتىق يېڭىلىپ، بابۇر ئەندىجانغا قېچىپ كېتەلىگەندىن باشقا مەھمۇدخان، ئەھمەدخان ۋە ئوغلى سەئىدخانلار ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۇلتان ئەھمەدخان ئاكىسىغا قارىغاندا پاراسەتلىك جەسۇر بولۇپ، لەشكەر ئىشىلتىشكە ماھىر ئىدى. لېكىن، مەھمۇدخان ئىنىسىنىڭ گېپىگە كىرمەي بۇ ئاقىۋەتكە قالدى.
شۇنداق قىلىپ، مۇھەممەد شايبانىخان سۇلتان مەھمۇدخاننى ۋە ئىنىسى سۇلتان ئەھمەدخاننى ئاتامىراس زېمىنى موغۇلىستان پايتەختى ئاقسۇغا يولغا سېلىپ قويىدۇ. ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەئىدخاننى يېنىدا تۇرغاقلىققا ئېلىپ قالىدۇ. (مۇھەممەد شايبانخاننىڭ 16 ياشلىق سەئىدخاننى يېنىدا گۆرۈدە ئېلىپ قېلىشىدىكى سەۋەپ موغۇلستان تەرەپنىڭ قايتىدىن ئۆزىگە ئۇرۇش قوزغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى.) سۇلتان ئەھمەدخان دۈشمەنگە مەغلۇپ بولۇپ تىرىك قولغا چۈشكەنلىك ئار-نومۇسى ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. سۇلتان مەھمۇدخان يېنىدىكى ۋەزىرلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئاقسۇدىن تاشكەنتكە مۇھەممەد شايبانىخاننىڭ دەرگاھىغا بارىدۇ. بىراق بۇ قېتىم شايبانىخان ئۇنىڭغا: مەن بىر قېتىم سىلىنىڭ تۇز ھەققىلىرىنى ئادا قىلىپ سىلىنى تىرىك قالدۇرغان. ئەمدى يەنە ئىلتىپات كۆرسىتىش كېيىنكى بالا-قازانىڭ ئۇرۇقى بولۇپ قالىدۇ. دەيدۇ ھەمدە بالاجاقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاغارغا سولاپ خوجەنت دەرياسىنىڭ سۈيىگە تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆتۈرۋېتىدۇ. موغۇلىستانغا سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ خان بولىدۇ. موغۇلىستان خانلىرى ۋە تۆمۈرىي نەسەبلىك مىرزىلارنى يوقىتىپ ماۋەرائۇننەھىرگە ئوڭچە ئىگە بولىۋالغان ئۆزبېكخانى مۇھەممەد شايبانىخان ئۆزىنىڭ يېڭىدىن بەپا قىلغان ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداقتىمۇ خوراسانغا ۋە كابۇل بەدەخشان تەرەپلەرگە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلاتلىرىدىن باربۇرشاھ ۋە ھۈسەيىن بايقارا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. خوراسان پادىشاھى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغۇللىرى ئىچكىي نىزا سەۋەبلىك ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلاشماي ئۆزبېكلەر خوراساننىمۇ قولغا ئالىدۇ. بۇ ئارىدا بابۇر كۈچ توپلاپ ئاتا مىراس زېمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزبېكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ ئۈچ قېتىم سەمەرقەند تەختىدە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر
بولغان بولسىمۇ ئاخىرقى قېتىم شىئە مەزھىپىدىكى ئىران سەۋەفىي قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىدە (ئۆزبېكخانى مۇھەممەد شايبانخاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ) سەمەرقەدنى ئىشغال قىلغان بولغاچقا خەلىق قىزىلباش شىئەلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشقان بابۇر پادىشاھنى قوللاشتىن نارازى بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ. ئەمما، مۇھەممەد شايبانخان ئۆلگەن بىلەن ئۇنىڭ
قول ئاستىدىكى قوماندانلىرى يەنە نۇرغۇن ئۆزبېك قوشۇنلىرى بىلەن سەمەرقەندكە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتتا خەلىق سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئۆزبېكلەرگە ماھىل بولۇشقا باشلاپ بابۇر ماۋەرائۇننەھىردىكى ئۇيغۇر (تۈرك) ئاممىسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاتا مىراس زېمىنىنى ئۆزبېكلەرگە تاشلاپ بېرىپ، كابۇلغا ئاندىن ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ ئۇ زېمىنلاردا بابۇرىيلار ئېمپىريىسىنى قۇرىدۇ. بۇ ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن، شايبانخاننىڭ يېنىدا تۇرغاقلىقتا تۇرىۋاتقان سەئىدخان شايباىخاننىڭ خارەزىمگە ئۇرۇشقا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قېچىپ چىقىپ كابۇلدىكى نەۋرە ئاكىسى بابۇر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. بابۇر شاھ بىر قېتىم سەمەرقەندنى ئىشغال قىلغاندا سەئىدخانغا پەرغانە ۋىلايىتىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سەئىدخان پەرغانە ۋىلايىتىدىكى نەمەنگان، ئوش، مەرغىلان، يەتتەكەنت قاتارلىق ئايماقلارنى ئىدارە قىلىپ ئۆزى پەرغانە ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ئەندىجاندا تۇرىدۇ. بىراق بابۇرشاھ سەمەرقەندنى تاشلاپ كابۇلغا كەتكەن ۋاقىتتا، يەنە بىر تارماق ئۆزبېك قوشۇنى ئەندىجان تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەئىدخان ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزنىڭ قوشۇنىنى زىيانغا ئۇچراتقاندىن كۆرە موغۇلىستان تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ لىڭشىپ قالغان مىرزا ئابابەكرى ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئەندىجاندىن تورغات يولى ئارقىلىق ئارتۇش، قەشقەر، ياركەنتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلىپ مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بۈيۈك سەئىدىيە ئېمپىريىسىنى قۇرىدۇ.
سەئىدىيە خانلىغىنى دۆلەت بايرىقى-نۇقۇت رەڭلىك ئۈچ بۇرجەك بايراق بولۇپ بايراقنىڭ ئوڭ يۈزىگە ‹‹لائىلاھە ئىللاللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ›› دېگەن كەلىمە ئالتۇن ھەل بىلەن ئەرەبچە يېزىلغان. بايراقنىڭ سول يۈزىگە ‹‹920›› دېگەن ئەرەبچە رەقەم يېزىلغان ئىدى. (920 دۆلەت قۇرۇلغان يىل بولۇپ، ھىجىريە 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 30-كۈنى دەل مىلادىيە 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى)
شۇنداق قىلىپ بابۇر پادىشاھ ۋە سەئىدخان ۋەزىيەتنىڭ تەققەزاسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا مىراس زېمىنىنى كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا ئۆزبېكلەرگە تاشلاپ بېرىپ ماۋەرائۇننەھىر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ئەمما، ئۇلار پۈتۈن يەرلىك ئاھالىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتەلىسۇنمۇ؟ بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت، ئەندىجانلاردىكى ئاھالە ئاز سانلىق ئۆزبېكلەرنىڭ ھۆكۈنمرانلىقى ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىل ياشاش جەريانىدا ھازىرقى قازاقلاردەك سۆزلىشىدىغان ئۆزبېكلەرنى توللۇق ئاسمىلياتسىيە قىلىپ، ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولسىمۇ، لېنىن باشچىلىغىدىكى سوۋېت رۇسلىرىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنى پارچىلاپ باشقۇرۇش پىلانى بويىچە كەڭ تۈركىستان رايونى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ، بەش ئىتتىپاقداش جۇمھۇريەت بولۇپ ئايرىلدى. بۇرۇندىن ئۆزىنى تۈرك دەپ ئاتاپ كەلگەن،ياكى شەھەر ناملىرى بىلەن ئاتاپ كەلگەن خەلىقتە مىللەتچىلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ زىديەتكە سالدى.
خۇلاسە كەلام، ئۆزبېكلەر، قازاقلار، ئۇيغۇرلانىڭ مۇناسىۋىتى مانا يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك. قازاقلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئەسلى بىر تائىپە خەلىق، ھازىرقى ئۆزبېك دەپ ئاتىلىۋاتقىنى بولسا، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا سىڭىشكەندىن كېيىنكى بىر خەلىق بولۇپ، ھازىرمۇ ئۆزبېكلەر بىلەن قازاقلارنىڭ تىلىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزبېكلەرنى ئۇيغۇرچە بىلەن قازاقچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان خەلىق دېسەك ھەرگىزمۇ خاتا بولمايدۇ. ئۆزبېكستان جۇمھۇريتىدە ياشايدىغان قاراقالپاقلارنىڭ تىلى ئۆزبېكلەرگە قارىغاندا قازاقلارنىڭكىگە بەكرەك يېقىنلىشىدۇ. دېمەك ئۇلار ئۇيغۇرلاغا تېخى توللۇق ئاسمىلياتسىيە بولۇپ بولالمىغان ئەينى چاغدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ قالدۇقى بولسا كېرەك. چۈنكى، ھازىر قارا قارلپاقلار ياشايدىغان يەرلەر سەمەرقەند، بۇخارا، ئەندىجان قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن يىراقتا بولغاچقا ئۇلارنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرشى ئەلۋەتتە ئۇنچە كۈچلۈك بولماستىن ئەسلى قىياپىتى خېلى ساقلىنىپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ.شۇڭا ھازىرقى ئۆزبېكلەر بىلەن قەدىمكى ئۆزبېكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، بۇ ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى ئايرىپ چۈشىنىش كېرەك. تارىختا قانداقلا بولمىسۇن قازاق، ئۆزبېك، ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى بىر ھەممىسى ئوخشاش بىر تۈرك مىللتى!
سەۋيەم چەكلىك بولغاچقا بەزى يىلنامىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويالمىدىم. بەزى جايلاردا قىسمەن نۇقسانلار كۆرۈلگەن بولسا، بارىلىق تورداشلارنىڭ تۈزەتمە بېرىشڭلارنى سورايمەن. يۇقاردا بايان قىلغانلىرىم پەقەت دېڭىزدىن بىر تامچە خالاس. قەدىمدە ئۆزبېكلەر، قازاقلار، ئۇيغۇرلار قاتارلىق بۇ ئۈچ مىللەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلمەكچى بولسىاڭلار ‹‹تارىخىي رەشىدىي›› ناملىق كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم |